كۆرۈش: 250|ئىنكاس: 9

مۆلجەرى: «فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى»نى بويلاپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2072
تۆھپە : 7
توردا: 461
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 11:34:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                        ئابدۇۋاھىد مۆلجەرى


                  «فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى»نى بويلاپ

                                                    (ئوبىزور)

دىيارىمىزدىكى فۇتۇگۇرافىيە ساھەسىدە خېلى تۇنۇلغان فوتوگراف تۇنياز ئاۋۇت زەلىلى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىكى «فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى» ناملىق قىسقا ھەجىمدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، مۇئەللىپنىڭ  خېلى يىللار مابەينىدە خەلقىمىزگە بىرمۇنچە ئېسىل فۇتۇ سۈرەتلەرنى تەقدىم قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە فوتوگرافىيە ساھەسىدە خېلى چوڭقۇر مەلۇماتقا ۋە مول تەجىربىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە قايىل بولماي تۇرالمىدىم. ئۆزەممۇ بىر فۇتۇ سۈرەت ھەۋەسكارى بولغاچقا بىزگە ئۇستاز ئورنىدىكى مۇئەللىپنىڭ ماقالىسىگە يانداپ بۇ ھەقتىكى كۆزقارشىمنى كەڭ كىتابخانلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.

فوتوگرافىيە سەنئىتى بىزدە نىسبەتەن كېيىنراق بارلىققا كەلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ ساھەگە ئىشتىياق باغلىغانلارمۇ ئەدەبىيات-سەنئىتىمىزگە نىسبەتەن خېلىلا ئاز.

شۇڭلاشقىمۇ ئېيتاۋۇر تارىخ ۋە مەدەنىيىتىمىزگە دائىر ئەڭ قەدىمىي فۇتۇ سۈرەتلەرنى چەتئەل ساياھەتچى–ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇق. بىز 100 يىللار ئىلگىرى دىيارىمىزغا ساياھەتچى– ئېكىسپىدىتسىيىچى سۈپىتىدە قەدەم باسقان سېۋېن ھېدىن، گىرونۋېدېل، مارك ئاۋرېل سىتەين قاتارلىق بىرمۇنچە چەتئەل ئېكىسپىدىتسىيىچىلىرى، يەنى ئەنگىلىيىلىك پېتېر خوپكېرىكنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا «يىپەك يولىدىكى ئەجنەبىي ئالۋاستىلار»، مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتقاندا ئاشۇ بىر تۈركۈم «مەدەنىيەت قاراقچىلىرى» تارتقان نۇرغۇن فۇتۇ سۈرەتلەردىن تارىخ- مەدەنىيىتىمىزگە دائىر مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان قىممەتلىك مىراسلىرىمىزىنى، فولكىلور بايلىقلىرىمىزنى تۇنۇپ يەتتۇق. شۇ سۈرەتلەر بىزنى ئابا-ئەجدادىتمىزنىڭ قان-ياش بىلەن تولغان سىرلىق تارىخ ئالىمىگە پەرۋاز قىدۇرىدۇ ۋە فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ بىز ئۈچۈن ناھايتى مۇھىم ساھە ئىكەنلىكىنى تەن ئالغۇزىدۇ. دىمىسىمۇ يىللار ئۆتىدۇ، تارىخ ئۆز قانۇنىيىتى بۇيىچە تەرققى قىلىۋېرىدۇ. بۈگۈن كۆرگەن كىشى ئەتە يوق. بۇ يىل بار بولغان نۇرغۇن-نۇرغۇن نەرسىلەر بەزىدە تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يەنە نەچچە يىللار ئۆتۈپ تەلتۆكۈس ۋەيران بولىدۇ. چۈنكى تەرەققىيات كىشىگە كۆپ ئاسانچىلىق، قولايلىق، يېڭىلىق ئەكلىشى بىلەن بىللە، يەنە نۇرغۇن–نۇرغۇن نەرسىلەرنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئاشۇ يوق بولۇپ كېتىۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر فۇتۇ سۈرەت ئارقىلىق زامان-زامانلارغىچە ئىز-نىشانە بولۇپ ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بۈگۈن بىز ئۈچۈن ئۇنچە مۇھىم بىلىنمىگەن سۈرەت يىللار ئۆتۈپ ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىباھا گۆھەرگە ئايلىنىشى  مۇمكىن.

قارىماققا سۈرەتكە تارتىش ئاسان ئىش. ئەمما مىللى ئاڭ، مىللى غۇرۇر، مىللىي تەپەككۇر، ئوتلۇق ھېسيات بىلەن كۈزىتىپ سۈرەتكە تارتىش ئۇنچىلا ئاسان ئىش ئەمەس. داڭلىق بىر فوتوگرافىيە بولۇپ چىقىش ئۈچۈن تەلىم بېرىدىغان تەجىربىلىك ئۇستاز ۋە ئىلفار تىپتىكى سۈرەتكە تارتىش ئاپراتىنى سېتىۋالغۇدەك ئىقتىسادمۇ بولۇشى زۆرۈر-يۇ، ھەممىدىن مۇھىمى مۇشۇ كەسىپكە بولغان قىزغىن ئىشتىياق، ئۆتكۈر تەپەككۇر، بەدىئىي دىت، چەبدەسلىك ۋە كۆپ تەرەپلىمە بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. ئەگەر فوتوگرافلىق ئاسان ئۈگىنىۋالغىلى بولىدىغان ئاددىي كەسىپ بولغان بولسا، دىيارىمىزدىكى سۈرەت تارتىش دۇكىنى ئاچقان ياكى مۈرىسىگە سۈرەت تارتىش ئاپراتى ئېسىۋالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى فوتوگراف ئاتىلىپ، بۇ ساھەنىڭ داڭدارلىرى ئەڭ كۆپ بولار ئىدى. خۇددى ئۇيغۇر خەلقىمىزدە دۇتار چالىدىغانلار شۇ قەدەر كۆپ، ھەم باشقا مىللى چالغۇلارغا نىسبەتەن دۇتار چېلىشنى ئۈگىنىش بىرقەدەر ئاسان بولغىنى بىلەن، «دۇتار شاھى» دىگەن نامغا پەقەتلا تالانىتلىق ناخشىچى ۋە كومپوزتۇر ئابدۇرېھىم ھېيىت ئەپەندى ئېرىشەلىگىنىگە ئوخشاش، خەلق ئېتراپ قىلغۇدەك، بەدىئى ماھارەتتە يېتىلگەن ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر فوتوگراف  بولۇش ناھايتى تەس. ئارىمىزدا 20-30 يىللاپ ئاپراتنى قۇچاقلاپ يۈرۈپمۇ خەلقىمىزگە «ۋاي» دىگۈدەك تۈزۈك بىر پارچە سۈرەت تەقدىم قىلالماي يۈرگەن ھەۋەسكارلار تولا. شۇڭا بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا خەلقىمىز ئېتراپ قىلىدىغان ھەقىقى فوتوگرافلار ساناقلىقلا. ئانا يۇرتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ تەلەپ-ئېھتىياجىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ باشقا ساھەلەرگە نىسبەتەن بۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلار ناھايتى ئاز. ئاددىي مىسال قىلساق، ئاقسۇدەك زېمىنى شۇنچە كەڭ، تەبىئىي مەنزىرىسى، فولكىلور، ئۆرۈپ-ئادەت، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە فوتوگرافىيە سەنئىتى ئۈچۈن چەكسىز زېمىن ھازىرلانغان توققۇز ناھىيە-شەھەردىن تەركىب تاپقان  بىر  چوڭ ۋىلايەتتىن خەلق ئېتراپ قىلغۇدەك تۇنۇلغان فوتوگرافتىن توققۇزى چىقمايدۇ. مۇشۇنىڭدىنلا بىزدە بۇ ساھەدىكى كەسىپ ئەھلىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش قىيىن ئەمەس.

بىز دىيارىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ھەر تۈرلۈك كىتاب-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىدا، ئىچ بەتلىرىدە، شۇنداقلا يەنە ھەرقايسى تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم نادىر فۇتۇ سۈرەتلەرنى كۆرگەندە ئاجايىپ تۇيغۇغا چۆمۈلىمىز. لېكىن ئاشۇنداق بىر پارچە سۈرەتنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن فوتوگرافنىڭ قانچىلىك مېھنەت سىڭدۈرىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلار ئۇنچە كۆپ بولمىسا كېرەك. فوتوگراف ۋايىغا يەتكەن بىر فۇتۇ سۈرەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇياش نۇرىنىڭ ئەڭ ماس كېلىدىغان پەيتى، پەسىل، ئاي-كۈن، ھاۋا كېلىماتى، ئەتراپتىكى مۇھىت، تەبىئىيلىك قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى تاللايدۇ ۋە شۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈشكە، زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ھەرقانداق بىر نادىر سۈرەت فوتوگرافنىڭ ئەنە شۇنداق جاپالىق ئەجرى بەدىلىگە روياپقا چىقىدۇ. مەيلى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تەبىئى مەنزىرە ۋە ئوبراز سۈرەتلەر بولسۇن، ياكى تۇرمۇش، فولكىلور، مەدەنىيەت-سەنئەتكە دائىر سۈرەتلەر بولسۇن، ۋە ياكى باشقا مەزمۇندىكى سۈرەتلەر بولسۇن، ئەڭ ياخشى تارتىلغان سۈرەت ئەڭ كۆپ مۇشەققەت بىلەن روياپقا چىقىدۇ.

ھېلىمۇ ئېسىمدە 2009-يىلى چېچەك پەسلىدە تۇنياز ئاۋۇت ئاكا ئاقسۇدىن  ئۇچتۇرپانغا چىچەك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، ۋاقتىم بولسا بىللە ھەمراھ بولۇپ ياخشى بىر ئۈرۈكلۈك باغقا باشلاپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ تېلفۇن قىلىپتۇ. مەن شۇ چاغدا ئاچاتاغ يېزىلىق سۇ باشقۇرۇش  پونكىتىنىڭ ئىچىدە خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ئەمگەك قىلىۋاتاتتىم. بۇ خۇشخەۋەرنى ئاڭلاپ دەرھال باشلىقتىن رۇخسەت سوراپ ئالدىغا باردىم.

بىز تاماقلىنىۋالغاندىن كېيىن مېنىڭ يول باشلىشىم بىلەن ئاقتوقاي يېزا تەۋەسىدىكى ئىككى ئورۇندىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان كەڭرى ئىككى ئۈرۈكلۈك باغنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتماقچى بولدۇق. تۇنياز ئاكا ئوغلى بىلەن چىققان ئىكەن، ئاشۇ ئىككى ئورۇندىكى ئۈرۈكلۈك باغنىڭ چىچەك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن ئايلىنىپ يۈرۈپ پەستىن تاغقا يامىشىپ چىقىپ تاغنىڭ ئىگىز چوققىسىغا چىقىپ سۈرەتكە تارتتۇق. تۇنياز ئاكا بۇ جەرياندا سۈرەتكە تارتىش تېخنىكىسى ھەققىدە نۇرغۇن قىممەتلىك تەجىربىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئاشۇ كۈنى ئىككى باغنىڭ مەنزىرىسىنى سۈرەتكە تارتىش ئۈچۈن پۈتۈن بىر كۈن كەتتى. كېيىن شۇ كۈنى تارتىلغان چېچەك مەنزىرىسىنىڭ ھەرخىل كۆرۈنۈشى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاقسۇ گېزىتى» (2010-يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانلىرى) شۇنداقلا يەنە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 3-سانىنىڭ ئارقا مۇقاۋىسىدا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى. بۇ سۈرەتلەر ھەقىقەتەن ياخشى تارتىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ ياىشى ئىنكاسىلىرىنى ئاڭلىدىم. ئەگەر ئېلان قىلىنغان ئاشۇ سۈرەتلەرنىڭ قەلەم ھەققىنى ھېساپلىساق، ئاقسۇدىن ئۇچتۇرپانغا چىققۇچە ھەيدەپ كەلگەن ماشىنىنىڭ گاز پۇلى، ئوغلى بىلەن ئىككەيلەننىڭ بىر كۈن زايە بولغان ۋاقتى ۋە ئەمگەك كۈچى قاتارلىقلارغا نىسبەتەن ياماقمۇ بولماس. ئەمما خۇددى شۇ كۈنى تۇنياز ئاۋۇت ئاكا ئېيتقاندەك: «سەنئەتنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ». فوتوگراف ئۈچۈن ئۆزى سۆيۈنگۈدەك بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ خەلقىمىزگە سۇنۇش ئەڭ كاتتا خوشاللىق. ئۇنىڭ ئالدىدا تارتقان جاپا ھىچگەپ ئەمەس. بۇنى پەقەت مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارلا ئەڭ ياخشى چۈشىنىشى مۇمكىن. بۇ يەردە مۇنداق بىر ئىشنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، ئاشۇ يىلى تۇنياز ئاكا بىلەن سۈرەتكە تارتقان باغدىكى ئۈرۈكلەر ھازىر يوق. چۈنكى، ئۇچتۇرپاندا نەچچە يىل مابەينىدە ئۈرۈكنىڭ قۇرۇتلاپ كېتىپ تۈزۈك ھۇسۇل بەرمەسلىكى، ئۈرۈكنىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئەكسىچە ياڭاقنىڭ زور ئىقتىسادى كىرىم يارىتىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ يۇرتتىكى ئۈرۈكلۈك باغدىكى ئۈرۈكلەر ئارقا-ئارقىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، ئورنىغا ياڭاق كۆچىتى سېلىندى. شۇ سەۋەبتىن ھېلىقى ئۈرۈكلەرمۇ يوق بولدى. مانا، ئارىدىن 5 يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا تۇنياز ئاكا تارتقان  ئاشۇ مەنزىرە سۈرەت بەلكى بىر تارىخقا گۇۋا بولىدىغان قىممەتلىك سۈرەتكە ئايلاندى. بۇنداق بولۇشنى ھىچكىم ئويلىمغان ئىدى...

يېقىنقى ئون-يىگىرمە يىل مابەينىدە ئانا تىلىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە كىتاب مۇقاۋىلىرىدە نۇرغۇن ئېسىل فۇتۇ سۈرەتلەر ئېلان قىلىندى. خاس فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تۈزۈلگەن كىتابلارمۇ نەشىر قىلىندى. ئاشۇ خىلدىكى بەزى فۇتۇ سۈرەتلەر كىشىگە چەكسىز ھۇزۇر بېرىدۇ ياكى ئويغا سېلىپ ئۆزلۈك ئېڭىمىزنى ھەسسىلەپ كۈچەيتىدۇ. مەسىلەن، ئادىل ئىسمايىلىنىڭ «بۈگۈن پۇل تاپالمىدىم» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىل 6-ساندىكى ئارقا مۇقاۋىسىغا قاراڭ)، ئابلىكىم ئەمەتنىڭ «ئانا قۇملۇق» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىل 3-ساندىكى ئارقا مۇقاۋىسىغا قاراڭ)، «يۇرتۇمدا باھار» («شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىل 5-ساندىكى ئارقا مۇقاۋىغا قاراڭ)؛ ئابلىز ئابدۇللانىڭ «يىلتىز» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2006-يىل 5-ساندىكى ئارقا ئىچ مۇقاۋىسىغا قاراڭ) قاتارلىق فۇتۇ سۈرەتلەر ئۆزىگە چەكسىز ئىچكى مەنانى يۇشۇرغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى سۈرەتلەرنى كۆرگەن كىشى ئاشۇ سۈرەتلەر ئىچىگە شۇڭغۇپ ئانا زېمىنىمىز ۋە ئۇيغۇر خەلقىمىزنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلىغاندەك بولۇپ تەگسىز خىيال دېڭىزىغا غەرق بولىدۇ-دە، كىشىنى شۇنداق ئويغا سالالىغۇدەك بىر پارچە فۇتۇ سۈرەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن  فوتوگرافنىڭ بەدىئىي دىتىغا ئىختىيارسىز ئاپرىن ئېيتماي تۇرالمايدۇ. شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەزىدە بىر كىتاب بىلەنمۇ بايان قىلىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان چوڭ بىر  تېمىنى بىر پارچە ياخشى فۇتۇ سۈرەت بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ۋە ياكى ئەكسىچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇنداق چوڭقۇر ئىچكى مەنانى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بىر پارچە سۈرەتنىڭ مەنا چوڭقۇرلىغى ھەققىدە ئىزدىنىپ مەخسۇس بىر كىتاب يېزىش ھەم مۇمكىن.

تۇنياز ئاكا بۇ ماقالىسىدە فوتوگرافىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە فوتوگرافلىق تېخنىكىسى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپتۇ. بۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەر مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىۋاتقانلارنى بەلگىلىك تەجىربە-ساۋاققا ئىگە قىلىدۇ. لېكىن يەنە ئېھتىياتسىزلىقتىن بىرقانچە يەردە قىسمەن سەھۋەنلىككە يول قويۇپتۇ. زۆرۈرىيەت يۈزسىدىن بۇ ھەقتىمۇ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.

  بىرىنچى، ماقالىنىڭ بېشىدا « فوتوگرافىيە ئەمەلىي مەۋجۇت شەيئىلەرنى ئاپرات بىلەن نۇر ئارقىلىق ئەينەن خاتىرىگە ئېلىش ھەققىدىكى ئىنتايىن نازۇك بىر پەن بولۇپ، پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ يۈكسەك پەللىگە چىققان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بارلىق پەنلەرنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كېسىشىش نوقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەمىئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ» دەپ يازغان بولۇپ، « ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بارلىق پەنلەرنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كېسىشىش نوقتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن...» دېگەن باياندا بىر تەرەپلىمە ھۆكۈم چىقارغان. مېنىڭچە، فوتوگرافىيە سەنئىتى بارلىق پەنلەرنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان كېسىشىش نوقتىسى ئەمەس. فوتوگرافىيە سەنئىتىمۇ زور چەكلىمىلىككە ئىگە بولۇپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەۋجۇت باشقا پەنلەرگە نىسبەتەن پەۋقۇلاددە مۇھىم رول ئوينىيالمايدۇ. فوتوگرافىيە سەنئىتىسىزمۇ مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋە تەرەققى قىلغان پەنلەر كۆپ. يەنە كېلىپ فوتوگرافىيە سەنئىتى ئەڭ ياش پەن ھېساپلىنىدۇ. تارىخىمۇ ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. شۇنداق ئىكەن بۇ پەننىڭ رولىغا ئۇنچە يۈكسەك باھا بېرىش بىر تەرەپلىمىلىكتۇر.

ئىككىنچىدىن، مۇئەللىپ بۇ ماقالىسىدە دەماللىققا ئەسكە ئالالمىغانلىقتىنمۇ ئېيتاۋۇر ئۇيغۇر فوتوگرافىيە ساھەسىدە ئۈنۈملۈك ئىزدىنىپ 1980-يىللار مابەينىدە خەلقىمىزگە ئېسىل ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلىپ كەلگەن تۇردى ئېلى، ئۆركەش جاپپار، ئۆتكۈر نىجات، غەيرەت مەمىتىمىن، فاتىخ شەرف، ئىسمايىل ئىبراھىم، قەييۇم قادىر، خالمۇرات قەييۇمبەگ، ئالىم خالىدىن،  ئادىلجان ئابدۇقادىر، ئاۋۇت بارات، لىياڭ لى، تۇنياز مەتنىياز، ئەنۋەر ئابدۇھېلىم، ئابلەت جۈمە قاتارلىق تۇنۇلغان فوتوگرافلارنى مىسال كەلتۈرمەپتۇ. بىر ماقالىدە ھەممە مەشھۇر فوتوگرافلارنىڭ نامىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. شۇنداقتىمۇ يۇقۇرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان بىر بۆلۈك فوتوگرافلار فوتوگرافىيە ساھەسىدە جاپالىق ئىزدىنىپ يول ئېچىپ ئىلگىرلىگەن فوتوگرافلار ئىدى.

ئۈچىنچى بىرى، ماقالىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكىدە «بىز رايۇنىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا ئالدى بىلەن يەنىلا فوتوگرافىيە سەنئىتىدىن ئىبارەت بۇ ساھەگە تاينىپ تۇرۇپ، باشقا خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە» دەپ يازغان بولۇپ،  بۇ يەردىمۇ بىر تەرەپلىمىلىككە يول قويغان. مېنىڭچە رايۇنىمىزنى دۇنياغا تۇنۇتۇشتا فوتوگرافىيە سەنئىتىدىنمۇ مۇھىم ۋە تەخىرسىز نۇرغۇن ساھەلەر بار. ماقالىمىزنىڭ ھەجمىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ھەقتە تەپسىلى توختىلىپ ئولتۇرمايمىز.

بۈگۈنگىچە ئۆركەش جاپپار، ئۆتكۈر نىجات، ئادىل ئىسمايىل، ئابلىكىم ئەمەت، ئابلىز غوجامنىياز قەييۇم قادىر قاتارلىق تۇنۇلغان فوتوگرافلارنىڭ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ خەلقىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن بىرقىسىم فۇتۇ سۈرەتلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختىلىپ يىرىك ماقالىلارنى يېزىشقا ئەرزىيدۇ. قارىماققا ھەممىلا ئادەم قاملاشتۇرالايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ساھەدە ھەرتەرەپلىمە يېتىلگەن فوتوگرافلار ئاز بولغىنىغا ئوخشاشلا، فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرى ھەققىدە خاس تەتقىقات ئېلىپ بېرىشمۇ بىزدە يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. نېرىسىنى سۈرۈشتۈرگەندە بىر ئەسىر، ھىچبولمىغاندا بىزدە فوتوگرافىيە سەنئىتى گۈللەپ ياشناۋاتقان 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 2000-يىللار مابەينىدە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان نادىر فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرى ھەققىدە سېستىمىلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش دەۋرىمىزنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسىدۇر. پەقەت شۇنداق بولغاندىلا فوتوگرافلارنىڭ كەسپى سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا، بىر بۆلۈك ئەترافلىق يېتىلگەن قابىل فوتوگرافلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ۋە  تېخىمۇ ياخشى فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگىلى بولىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۇنياز ئاۋۇت ئەپەندىنىڭ بىرمۇنچە فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرىگە ئوخشاشلا، يۇقارقى ماقالىسىمۇ ھەجىمىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي مۇشۇ ساھە بۇيىچە خېلى ياخشى يېزىلغان ماقالە دىيىشكە بولىدۇ. تۇنياز ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ھەممە ئىشلىرىغا بەركەت تىلەش بىلەن بىرگە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ نادىر فۇتۇ سۈرەت ئەسەرلىرىنى ۋە مۇشۇنداق ياخشى ماقالىلەرنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


                      2014-يىل 8-ئىيۇل ئۇچتۇرپان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-16 11:36  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 985
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2480
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 12:47:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالىدىكى مېھنەت ھەققىدىكى ئېيتىلمىلار ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلۈشكە تېگىشلىك قىسمەتلىك، خەيرلىك، ئوتلۇق پىكىرلەردۇر، ئىزدىنىشڭىز يولىدىكى قەدەملىرىڭىزگە مەرھابا!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 13:13:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست، ئۇيغۇر فۇتوگىرافىيە سەنئىتى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدىغان پەيتمۇ كېلىپ قالدى...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2583
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 155
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 13:53:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم. پىكىر ئەتراپلىق، چوڭقۇر بوپتۇ. ، بۇ ھەقتىكى نۇقتىنەزەرلىرىڭىزنى قوللايمەن، يۇرتىمىزدىن مۇنەۋۋەر فوتوگرافلارنىڭ چىقىشىنى تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1533
تۆھپە : 0
توردا: 205
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 15:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارماڭ  ئابدۇۋايىتكا.بەرىكەتلىك، ھەرىكەتلىك بولۇڭ. ھەر ساھەدە قەلەم چاپتۇرۇۋاتىسىز، تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 17:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قايسىبىر دانا-سۈرئەت گاچە شېئىر بولسا، شېئىر سۆزلەيدىغان سۈرئەت...دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقاىدى.
فوتوگىرافلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىگە قۇت تىلەيمەن

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 2047
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5732
تۆھپە : -1
توردا: 694
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 22:37:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماقالىنىڭ باش تېمىسىنى يۇرۇتۇپ بىرىش ئۈچۈن خېلى كۆپ ئىزدىنىپسىز، لېكىن شۇ ئىملا!
   ئوبىزور  دەپ يازىمىزمۇ ياكى ئوبزور دەپ يازساق توغرا بولارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر ئويلىنىپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  906
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2108
تۆھپە : 0
توردا: 605
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 03:25:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزور خىلىلا ئەتىراپلىق مەزمۇنلاردىن رەڭلىنىپتۇ.
ئەمما،‹‹فوتوگرافىيە» دېگەن بۇ ئاتالغۇنى بىزچە تەبىرلەش،ئۇمۇملاشتۇرۇش- بۇ ساھەدە ئىزدىنىشنىڭ بوسۇغىسى بولۇشى كېرەك ئىدى.
Photo نىڭ بىزچە «سۈرەت» دېگەنلىك بولدىغانلىقى كۆپىنچىمىزگە ئايدىڭ.
تۈركلەر تىك ئۇچار ئايرۇپلانغا «ئۇچاق» دەپ ئات قويغانىكەن،مەنچە،«تىك ئۇچار» دېگەن بىزچە ياسالغان ئىسىم (ئات) تولىمۇ جايىغا چۈشكەن. «فوتوگرافىيە»گىمۇ «ئەپچىل» ئات قويغىلى بولىدۇ،ئىزدىنىپ بېقىشتىن ئايانمىساقلا.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8725
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 63
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 16:55:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-20 17:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مېنىڭەچە ‹‹كۆرگۈىلىم››دېسەك بولۇرمۇ...؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش