يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 525|ئىنكاس: 6

ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم:نەس باسقان بىر كۈن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


               نەس باسقان بىر كۈن


ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم


بۇ بالىلارنىڭ كەپسىزلىكى ،ھاي دەپ تۇرساممۇ سوقۇشۇپ تۇرغان ، ئىككىسىنى ئىككى بۇلۇڭغا تارتىپ ئاپىرىپ خۇددى دۇتتاردەك تىزىپ قويساممۇ ، ئاۋاز چىقارماي تۇرۇپ تىلى ، كۆزى، بۇرنى بىلەن ئىشارەت قىلىشىپ سوقۇشۇپ تۇرغان.  ئۇلارنىڭ جىدىلىنى ئايرىپ ، ناشتىلىقىنى بەردىم،  مەكتەپكە ئالدىراتىشقا باشلىدىم .
ماۋۇ كىچىك قىزىمنى قارىمامدىغان ، تۆت ياشتىن ئېشىپمۇ ھەر كۈنى ئايىقىنى تەتۈر كىيگەن ،  بۈگۈن ئۇنى ئاز دەپ ئىككى پۇتىغا ئىككى خىل پايپاق كىيىۋالغىنىچۇ تېخى .
بالامنىڭ ئايىقىنى سالدۇرۇپ ، پايپاق ئالماشتۇرۇپ بولغۇچە ئىشقا چۈشىدىغانغا يېرىم سائەتمۇ قالماپتۇ . ئىككى بالامنى سۆرەپ ، تارتىپ ، ئېشكنى تاقاپ سىرىتقا چىقىپ بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى .  چوڭ بالام قاچاندىن بېرى چىۋىن ئۆلتۈردىغان دورىلىق پىلاستىردا ئولتۇرۋالدىكىن ، ئىشتىنىنىڭ ئارقىسىغا قوش شاپلاقچىلىك كېلىدىغان پىلاستىر چىڭ چاپلىشىپ قاپتۇ ، تەستە تارتىپ ئاجىراتسام ، ئىشتاننىڭ كەينى يېلىم سۈركەم قويغاندەك بولۇپ قالدى .
ئالدىراپ –تېنەپ ئېشىكنى قايتا ئېچىپ ، بالامنىڭ فورمىسىنى سالدۇرۇپ ، يەنە بىر فورمىسىنى ئالماشتۇردۇم ، ۋاقىت توشايلا دەپ قالدى ، بالىلىرىمنىڭ  مەندىنمۇ ئالدىراپ تاقىلداپ كېتىشى مېنىمۇ بەكلا جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى .
بايا سىرىتتىن كىرىپلا ئاچقۇچنى قەيەرگە قويغان بولغۇيتۇم . ئەمدى قويغان تۇتقىنىمنى بىلمەي
ئىككى بالام بىلەن بىللە ئاچقۇچ ئىزدەشكە كىرىشتىم ، بالىلىرىم كېچىكتۇق، دەپ يىغلاشقا باشلىدى .ئاچقۇچنى تاپالماي شۇنداق جېلە بولدۇمكى ، شۇ جېلىچىلىكتە بوسۇغا تۈۋىدە تۇرغان ئاياقنى كۈچەپ بىرنى تەپتىم  ، ئاچقۇچ <<شاراق >> قىلىپ چىقىپ قالدى ياخشى .ئەسلىدە بايا كىرگەندە ئاچقۇچنى ئاياق ئىشكابىنىڭ قىرغىقىغا قويۇپتىمەن ، شۇ يەردىن ئاياقنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كېتىپتىكەن ئەمەسمۇ .
يولدىن تاكسىي توسۇپ ، يەسلىنىڭ ئالدىدا چۈشتۈم .
ۋاي توۋا، قول سومكامنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، نېرۋام كۆكۈرۈپ قالدىمۇ مېنىڭ .
تاكسىي شوپۇرى كىرا پۇلىنى ساقلاپ تۇرىدۇ ، يانچۇقلىرىمىز تەتۈر ئۆرۈلۈپ كەتتى ، بىر موچەنمۇ يوق . تەلىيىمگە بىر خىزمەتدىشىم كېلىپ قالدى . سومكا ، پورتمالنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغىنىمنى ئېيتىپ ئون يۈەن سوراپ ، بەش يۈەننى شوپۇرغا بەردىم .كىچىك بالامنى يەسلىگە ئەكىرىپ ، چوڭىنى ئەگەشتۈرۈپ مەكتەپكە كەلدىم ، ئەتىگەنلىك تەكرار باشلىنىپ كەتكىلى خېلى بولغان ئىدى . بالام يىغلامسىراپ سىنىپىغا كىرىپ كەتتى ، مەن زىيادە جىددىيلىكتىن چىڭقىلىپ كەتكەن بېشىمنى تۆۋەن سېلىپ، ئىشخانامغا كىرىپ ئولتۇردۇم .ھېلىمۇ ياخشى 1-سائەتتە دەرسىم يوق ئىكەن، ئازىراق بولسىمۇ ئارام ئېلىۋالدىم .1-سائەتلىك دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىنىپ ، كارىدۇردا  ۋاراڭ-چۇرۇڭ باشلىنىپ كەتتى ،بىر قىز ئوقۇغۇچى ئالدىراش ئىشخانامغا كىرىپ :<<مۇئەللىم ، سىنىپتىكى ئوغۇللار بىر –بىرىنىڭ ئىشتىنىنى سالدۇرۇپ ئويناۋاتىدۇ >> دەپ دوكىلات قىلدى . ئاچچىقىم نەدىن كەلدى، سىنىپقا كىرىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا :<<ئىشتان سالدۇرۇپ ئوينىغانلار ئالدىغا چىقىڭلار >> دەپ ۋاقىردىم ، ئالدىغا تۆت ئوقۇغۇچى چىقتى ، تۆتىنى ئىشخانامغا ئەكىردىم ، خىيالىمدا بىر پوپۇزا قىلاي ، ئەمدى ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايدىغان بولسۇن دەپ
ئويلاپ :<< بۇنداق قاملاشمىغان قىلىقنى نەدىن ئۈگەندىڭ ؟ باشقا بالىلارنىڭ ئىشتىنىنى ئەجەپ سالدۇرۇپسەن ، ئەمدى ئۆزەڭنىڭكنى سىلىپ باقە قېنى >> دەپ ۋاقىردىم . ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى سەل قىزىقچى ، گېپىمنى بەك ئاڭلايدىغان بىرى كالتە ئىشتان  بىلەن قوشۇپلا فورمىسىنىڭ ئىشتىنىنى بىرلا تارتىپ تىزىغا چۈشۈرۈپ قويماسمۇ ، جان-ئىمانىم چىقىپ ، نىمە قىلىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم .
تەربىيە ئۇسۇلۇمنىڭ توغرا بولماسلىقى مېنى تازا ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ، ئارقىدىن ئۇلارغا مۇۋاپىق تەربىيە قىلىپ  چىقىرۋەتتىم ، بۇلار تېخى بالا ئەمەسمۇ ، ئارانلا 9-10 ياش ئەتىراپىدىكى ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان بالىلار ، خۇددى ئۆزۈمنىڭ بالىسىدەكلا تۇرسا ...
چۈشتىن كىيىنلىك خىزمەت باشلىنىپ 5-سائەتلىك دەرسنى ئۆتۈش ئۈچۈن سىنىپقا كىرىپلا بېشىم پىررىدە قىيىپ كەتتى .
ئەتىرەت پائالىيىتىدە تەكشۈرەيدۇ دەپ ، تۈنۈگۈن مەخسۇس 3-4 سائەت ۋاقىت سەرىپ قىلىپ <<بۈركۈت مىدال سەھنىسى>> گە 50 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ سۈرتىنى چاپلاپ چىققان ئىدىم ،بۈگۈن كىرسەم 50 بالىنىڭ سۈرتىنىڭ ھەممىسىگە تازا يوغان بۇرۇت سىزىقلىق تۇرماسمۇ ، ئاچچىقتىن تىتىرەپ كەتتىم ، قانداق قىلاي ؟ ئامالىم يوق، بالىلار تېخى كىچىك ، يەنە شۇ قاتتىق –يىرىك تەربىيەنى قىلىپ ، ئەتىرەت پائالىيىتىدە ئەڭ ناچار باھالىنىپ ئولتۇردۇم .
ئەتىگەندە بېشىمنى قانداق ساڭگىلىتىپ كەلگەن بولسام ، كەچتە يەنە شۇنداق ساڭگىلىتىپ ئىشتىن چۈشۈپ ، ئۆيگە قايتىپ كەلدىم .
كەچلىك تاماقتىن كىيىن ، تېلىۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇراتتىم، چوڭ بالامنىڭ :<< ۋاي ئاپا، ئۇكام كۆكتات ئورىسىغا چۈشۈپ كەتتى >> دەپ ۋاقىراپ كىرشى بىلەن تەڭ سىرىتقا ئوقتەك يۈگىرەپ چىقتىم . يۇلتۇز ساناشقا ئامراق بالام ،ئىككى مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قاراڭغۇ كۆكتات ئورىسىدا ،ئاۋازى بوغۇلۇپ قالغۇدەك ۋاقىراپ يىغلاۋاتاتتى ، بالامنى تارتىپ چىقىرىپ ئۆيگە ئەكىردىم .
جېنىم بالام ، قورقۇپ كەتكەننى ھېساپقا ئالمىغاندا ساق-سالامەت ئىدى . ئىككى بالام ئۇزاق ئۆتمەيلا شېرىن ئۇيقۇغا كەتتى ، بالىلىرىمنى چىڭ قۇچاقلاپ مېھرىم بىلەن سۆيۈپ ، يوتقىنىنى تارتىپ يېپىپ قويدۇم .
بۈگۈنكى ئىشلارنى ئويلاپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالدىم ، بۇمۇ تۇرمۇشنىڭ قىززىقى بولسا كېرەك .بىردە كۈلۈپ ، بىردە يىغلاپ ، بىردە قاقشاپ ، بىردە ماختاپ كۈتىۋالىدىغان ھاياتنىڭ ھەر بىر كۈنىدە ھېكىمەت ، ھەر بىر كۈنىدە نىممەت بار ئىكەن ئەسلى ...
       



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-16 00:46:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھا...ھا...ھا...نېمىدىگەن قىززىق؟! يېقىندىن بېرى يازمىلىرىڭىزغا ئىزچىل دىققەت قىلىۋاتىمەن. بەرىكەتلىك بولۇڭ!

باھا سۆز

رەھمەت ، تەنقىدى پىكىرىڭىزنى مەندىن ئايىمغايسىز ...  ۋاقتى: 2015-3-16 09:33 PM
ۋاقتى: 2015-3-16 12:24:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكى ئىچىگە چۆكۈپ كېتىپ، جىددىيلىشىپ كېتىپتىمەن ئۆزۈمچە...

ۋاقتى: 2015-3-16 19:43:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئوقۇتقۇچىكەن ‹مەن›.سەۋېرچان
بالىلارمۇ شاشكەن..سالە ئىشتاننى دىسە..كالتا ئىشتان بىلەن سىلىپ قاراپ تۇرىدىغان.بەك كۈلدۈم.
ئون ياش ۋاقىتلىرىمدا،دەرس ئۇقمايدىغان،ئويناپ ئولتۇرىدىغان بالا ئىدىم.مۇئەللىملەر بەك ئۇراتتى،كىتاپ،سىزغۇر..دوسكا سۈرۈتكۈچلەر بىلەن.

باھا سۆز

ئويدۇرمىدەك تۇيۇلۇپ قالمىسۇن، ھەممىسى راس ئىشلار خاتىرىسى ...  ۋاقتى: 2015-3-16 09:30 PM
دۇنيادا بىكاچىنىڭ كۈنى تەس، ئالدىراش بولغان ياخشىغۇ .[چاققانكەنسىز - ھە ]  ۋاقتى: 2015-3-16 08:53 PM
ۋاقتى: 2015-3-16 20:53:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aydanix يوللىغان ۋاقتى  2015-3-16 19:43
ياخشى ئوقۇتقۇچىكەن ‹مەن›.سەۋېرچان
بالىلارمۇ شا ...

شۇنى دەڭا كىچىك بالىلار مۇئەللىم نېمە قىل دىسە شۇنى قىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ سال دىمىسە تاياق يىيىشىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ھەممىنى قوشۇپ سېلىۋېتىپ قاراپ تۇرغان گەپ.

باھا سۆز

مەنمۇ ئۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان ، ئويلىساملا كۈلۈپ كېتىمەن كەپىسزلەرنى..  ۋاقتى: 2015-3-16 09:32 PM
ۋاقتى: 2015-3-17 01:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خە خە خە   ئەجەپمۇ كۈلگۈمنى كەلتۈرۋەتتى بۇ تېمىڭىز....مۇشۇنداق ئەمەلىيەتچان مەزمۇنلا كىشىگە تولىمۇ ھوزۇر بەخىش ئىتىدىكەن...رەھمەت ھەدە مۇشۇنداق كومىدىيىلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز..مىنىڭچە سىزگە ئۇنداق ئالدىراشلىق ئادەت بوپ قالغاندۇ سىزگە ھە

ۋاقتى: 2015-4-12 17:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي بۇ تۇرمۇشتىكى قىزىق ئىشلارنى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش