كۆرۈش: 480|ئىنكاس: 8

ئودۇنلۇق: «كەچمىش» رومانىنىڭ سېھرى كۈچى نەدە؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 2047
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5732
تۆھپە : -1
توردا: 694
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 17:33:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<كەچمىش> رومانىنىڭ سىھرى كۈچى نەدە؟

سادىر تۇرسۇننىياز ئودۇنلۇق

خالىدە ئىسرايىل زامانىمىزدا نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى بىلەن ئالقىشلانغان تۆھپىكار يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 1987-يىلى ئىجادىيىتىنى باشلىغاندىن كېيىن ئېلگىرى-كېيىن ‹ئەڭ گۈزەل خاتىرە›، ‹قۇملۇقنىڭ چۈشى›، ‹رەڭدار ھايات›، ‹ماڭگىرت كۈلى›، ‹ئۇربىتا›، ‹تىمتاس شەھەر›، ‹تاش شەھەر›، ‹شەھەردە كالا يوق›،‹باھار تىۋىشى›،‹قەلبىمدىكى ھىكايە› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىپ كىتاپخانلىرى ئەڭ كۆپ يازغۇچىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 2011-يىلى يىل ئاخىرىدا ئۇ ‹كەچىمىش› ناملىق روماننى ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتە توختاۋسىز ئىلگىرلەش روھىنى نامايەن قىلدى. رۇمان ئاپتۇرنىڭ تۇنجى يىرىك ئەسىرى بۇلىشىغا قارىماي كىتاپخانلارنىڭ ئېترابىغا ئىرىشتى. 2012-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ يازغۇچىلار تۇرىدا بۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى ، جۈملىدىن 2011-يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئەسەرلەرگە بىر قۇر نەزەر سېلىش، ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىيات ساھەسى، ئوقۇرمەن ۋە ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا، ئېترابىغا ئىرىشىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىگەللەش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر يىللىق ئەھۋالى، سۈپىتى، نەشىر قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى، ئالقىشلىنىشىنى ئۇقۇرمەن نوقتىسىدىن ئىگەللەش يۈزىسىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ‹2011-يىلدىكى ئەسەبىياتىمىزغا نەزەر سېلىڭ› تىمىسىدىكى ئەل رايىنى سىناش پائالىيىتىدە بۇ رومان تۇرداشلار تەرىپىدىن 2011-يىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەشىر قىلىنغان ياخشى رومانلارنىڭ بىرى، دىگەن ئىنكاسقا ئىرىشتى. بۇ گەرچە كىتاپخانلارنىڭ 2011-يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالىغا قارىتا جۈملىدىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى سۈپىتىگە قارىتا رايىنى ئىگەللەشنى مەخسەت قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان بىر رەسمى پائالىيىتى بۇلسىمۇ لېكىن پائالىيەتتە بۇ روماننىڭ ياخشى ئىنكاسقا ئىرىشىشى ئۇنىڭ مائاپىقىيەتلىك يېزىلغان رومان ئىكەنلىگىنى بىلىۋېلىشىمىزغا مەنبە بۇلدى. مەن بۇ روماننى ئۇقۇپ چىقتىم. رومان يۇرۇتقان مەزمۇننىڭ يېڭىلىقى، تىلنىڭ گۈزەل ۋە ئەۋرىشىملىگى، يېزىلىش ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن مەندە يېڭىچە پىكىر ۋە تويغۇ پەيدا قىلىدى ۋە يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەتتە يۈكسۈلۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ھىس قىلدۇردى. مەن بۇ روماننى ئۇقۇش ۋە ئۇ ھەقتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق بۇ روماننىڭ ئۆزگۈچە تۇرمۇش رىئاللىغىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ تىما دائىرىسى جەھەتتە نىكاھ، ئائىلە، مۇھەببەت، ياشلىق تىمىسى بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىشقا باشلىغان ئۇيغۇر رومانچىلىقنى بۇنداق تار رامكا دائىرىسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، رومانچىلىقنىڭ مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئۇمۇمىيلىقى بىلەن بىرىككەن ئاساستا تەرەققى قىلىشىغا ئاساس سالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مىنىڭچە بۇ نوقتا مەزكۇر روماننىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ. دەرۋەقە، ئۇيغۇر رومانچىلىقى سان جەھەتتىن مۇئاييەن كۈلەم ھاسىل قىلدى. بۇنىڭ ئىپادىسى بىزدە 300گە يىقىن روماننىڭ نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۈرۈشكەنلىگى بولدى. ئەمما رومانلارنىڭ تېما دائىرىسىنى يوقۇرقى بىر نەچچە تېما بىلەن چەكلىنىپ قالغانلىقى، يەنە كىلىپ بۇ تېمالارنىڭ بىر نەچچە روماندا تەكرار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەنلىگى، مىللەتنىڭ ئۇمۇمىي ئەھۋالىغا، تۇرمۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىللەرنىڭ رومان تۈرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش دائىرىسىنىڭ سىرتىدا قىلىشى نەتىجىسىدە رومانلارنىڭ ئۆز كىتاپخانلىرىدىن ئايرىلىپ قىلىپ بازارسىز قېلىشى رومان ئىجادىيىتىنىڭ ھەقىقى تۈردە گۈللىنىشىنى چەكلەپ قۇيۇۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى. مەزكۇر روماندا رومان ئىجادىيىتىدىكى بۇنداق قاتماللىققا، يىتەرسىزلىككە، بىر تەرەپلىمىلىككە خاتىمە بىرىلىپ مىللىتىمىزنىڭ يادرۇلۇق مەنپەئەتى چىنلىق ۋە ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەنگەن بۇلۇپ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىشقا، ئۇرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇنداقتا بۇ روماندا تەسۋىرلەنگەن مىللەتنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى قايسى؟ بىر ئېغىز گەپ بىلەن ئالغاندا تارىم ۋادىسىدىكى خەلقىمىزنىڭ تورغۇن يىللار ئىلگىركى ۋاقىتلاردىن باشلاپ جۇڭگۇنىڭ مەزكىزى خانلىقلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىغان ئاساستا ياشاپ كەلگەنلىگى ۋە تارىم ۋادىسىدىن ئىبارەت بۇ دىيارنى بىنا قىلىپ، گۈللەندۈرۈپ ۋە بۇ يەرنى چەتئەل تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاپ ئۆزىنىڭ ۋەتەننىڭ مەنپەتىنى، بىرلىگىنى ئەلا بىلىدىغان قەلبىنى ئىپادە قىلغانلىقى، ئازاتلىقتىن كىيىن كومپارتىيىگە ئەگىشىپ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىپ مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىشىغا باشلىغانلىقى، بۇگۇنكى كۈندە ئىلغار، زامانىۋىي مىللەتلەر قاتارىدىن ئۇرۇن ئېلىشقا يۈزلەنگەنلىگىنى نامايەت قىلغانلىقتىن ئىبارەت. شۇڭا بۇ روماننى ئالدى بىلەن تارىم ۋادىسى ۋە بۇ ۋادىدا ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ تەخمىنەن 300 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى تارىخى مۇساپىسىنىڭ ئىخچام كۈرۈنىشى دىيىشكە بۇلىدۇ. روماندا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى توغراقلىق دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىككىنە بوستانلىقنىڭ بىنا بۇلىشى، ئۇ يەردە ھاياتلىقنىڭ باشلىنىشى، بۇ يەردە يۈز بەرگەن غايەت زور سىياسى ۋە ئىجتىمائى ۋەقەلەر، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، ياشاش ئۇسۇلى، قىممەت قارشى، ئۇلتۇراق ئادىتى، مىجەز-خۇلقى، پىسخىكىسى، مەدەنىيەت ساپاسى نوقتىلىق تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق تەكلىماكان كىشىلىرىنىڭ يەنى تارىم ۋادىسىدىكى كىشىلەرنىڭ 300 يىلغا يىقىن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەھۋالى ۋە بۇ يەرنىڭ ئۇزگۇرۇش ئەھۋالى كۆرسۈتۈپ بىرىلگەن. كىچىككىنە تۇغراقلىق كەنىتتە پۇتكۇل تارىم ۋادىسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ئىخچام كۈرىنىشى بۇلۇپ ئاپتۇر بۇ يەردە بۇ جاينى رومان ۋەقەلىگىنىڭ مەزكىزىدە قۇيۇپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ ئۇزاق يىللىق ئەھۋالىنى كۆرسۈتۈپ بىرىش مەقسىدىگە، شۇنداقلا بۇ جاينى سىرتقى دۇنيانى كۈزۈتۈشنىڭ كۆزنەك سۇپىسى قىلىپ تەسۋىرلەپ مىللىتىمىزنىڭ سىرتقى دۇنيانى چۈشۈنۈش، بىلىش، يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسۈرۈش مەقسىدىگە يەتكەن. بۇ روماندىكى تۇغراقلىق ۋە توغراقلىقتىكى كىشىلەر تۇرمۇشى تاشقى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان ھالدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ، بۇ جاي قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تۇيۇنغان جاي بۇلۇپ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى دۇنيادىكى يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلغان ۋاقتى بۇ يەرنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بۇلغان، بۇ يەردە بىكىنمىچىلىكنىڭ ھۈكۈم سۈرگەن ۋاقتى بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتتا بىر ئىزدا توختاپ قالغان مەزگىلى بولغان. پەقەت ئەنئەنىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغان ھالدا يىڭىلىقنى قۇبۇل قىلىش يۇلىدا مىڭىش بۇ يەرنىڭ گۈللىنىشىنىڭ بىردىن-بىر يۇلى، دىگەن قاراش ۋە يەنە كۆز ئالدىمىزدىكى كىشىلەر تۇرمۇشىدا مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىۋاتقان ۋە كىشىلەرنىڭ كىشىلىك ئەخلاقى-پەزىلىتىنى بۇلغاۋاتقان پۇل، ھوقۇق-ئىمتىياز، بايلىق قارشى مەسىللىرى، پەززەنتلەرنى زاماننىڭ يىڭىلىقلىرى بىلەن تەربىيلەش بىلەنلا بولدى قىلىپ ئەكسىنچە ئۆرۈپ-ئادەت، ئەنئەنىللىرىمىزنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىلەن تەربىيلەشكە سەل قاراش مەسىللىرىنىڭ ئەجداتلار بىلەن ئەۋلاتلار ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ھاڭ پەيدا قىلغانلىقى، بۇنىڭ بىزنىڭ ئەۋلات تەربىيە ئىشلىرىمىزدىكى بىر خاتالىق ئىكەنلىگى مەسىلىسى، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ۋىژدانەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ مۇھىملىقى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائى تۈسكە ئىگە مەسىلىلەر ئۇتتۇرغا قۇيۇلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۈپ ئېلىشقا بۇلىدىكى رۇماننىڭ تۇرمۇشنى تەسۋىرلەشتىكى چىقىش توقتىسى ھەم تارىخىي تۈسكە ئىگە مەسىللەرنى يۇرۇتۇپ بىرىش ھەم نۆۋەتتىكى رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت قوش مەنا ۋە مەزمۇنغا ئىگە بۇلۇپ بۇلار روماننىڭ يۇرۇتماقچى بولغان ئىدىيىسىنىڭ يىڭى ۋە جەلىپكار بۇلىشىنى بەلگۈلىگەن. روماننىڭ ئاخىرقى بابىدا ۋەقەلىك توغراقلىقتىن ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندۇن شەھىرىگە كۈچىرىلىدۇ. بۇ يەردىكى تەپسىلاتلاردا ئۇ يەردىكى 80 ياشلىق بۇۋاي رۇبىرىت. تايلۇرنىڭ دادىسىنىڭ تەۋەرۇكلىرى ئارىسىدىن ساقلىنىپ قالغان بىر خاتىرىنى تېپىۋالغانلىقى، بۇ خاتىرىنىڭ تايلۇر ئەپەندىنىڭ بۇۋىسىنىڭ خاتىرىسى ئىكەنلىگى، خاتىرىدە دۇنياغا مەشھۇر تەكلىماكان قۇملىقىدىكى مۇجىزە كەبئى يۇرتنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا قىممەتلىك بايانلارنىڭ بارلىقى يېزىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق بىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ يىلتىزى، بىزنىڭ بۇ دىيار بىلەن زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىگىمىز، بۇ يەرنىڭ تەبىئى شارائىتى، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يەنى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ياشاش ھالىتى توغرىسىدا قىممەتلىك مەلۇماتقا ئىگە بۇلالايمىز. بۇ يەردە رۇبىرىت.تايلۇر ئەپەندىنىڭ بۇۋىسىنىڭ بۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىنى چوڭقۇرلاپ ئۈگۈنىش ئارزۇسىنى ئۇرۇنلاش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ توغراقلىققا كەلگەنلىگى، بۇ چاغدا بۇ يەرنىڭ جەننەتتەك گۈزەل يۇرت ئىكەنلىگىنى، بۇ يەرنىڭ تۇپرىقىدا تۈرلۈك-تۈمەن جان-جانىۋارلارنىڭ خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلىگىنى ئەسكەرتىدۇ. رۇماننى ‹رۇبىرىت.تايلۇر ئەپەندى توغراقلىق ئارىسىدا بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ يۈرگەن بىر جۈپ يولۋاسنى سۈرەتكە تارتىۋالدى ۋە ئۇنى يۇرتىغا ئىلىپ كىتىپ ئۇيىنىڭ تۈرىگە ئىسىپ قۇيدى، ئاجايىپ زۇر، رەڭدار، ھەيۋەتلىك ھەم سالاپەتلىك بۇ يۇلۋاسلار توغراقلىقنىڭ ھەقىقى ئىگىسى ئىدى. ئۇلار توغراقلىققا ئەبەدىيلىك قايتىپ كەلگەن ئىدى› دىگەن جۈملە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ توغراقلىقلارنىڭ يەنى تارىم كىشىلىرىنىڭ جاپالىق قۇرقماي بۇ يەردە ياشاپ ھەيۋەتلىك ھايات مىلۇدىيەسى ياڭراتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن بىر جۈپ يۇلۋاس تۇلىمۇ سىمۋۇللۇق مەنىگە ئىگە بۇلۇپ ئۇ خەلقىمىزنىڭ ناچار تەبئى شارائىتتا قىيىنچىلىققا باش ئەگمەي ياشاپ كەلگەن، ياشاۋاتقان رۇھىغا، جاسارىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىزگە مەلۇمكى، يولۋاس ــــ باتۇرلۇق، قەيسەرلىكنىڭ سىمۋۇلى، ئۇ ناچار شارائىتتىمۇ ياشىيالايدۇ. بۇ يەردە يولۋاسنىڭ بۇنداق خىسلىتى ئاپتۇرنىڭ مۇل تەسەۋۋۇرى ياردىمىدە خەلقىمىزنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىگىگە تەققاس قىلىنغان. روماننىڭ ئۇمۇمى قۇرۇلمىسى تارىم ۋادىسى ۋە بۇ دىياردا ياشاپ كەلگەن خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى دەۋىرلەردىن باشلاپ تاكى ھازىرقى ۋاقىتقىچە بولغان ئارلىقتىكى كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلىشقا بېغىشلانغان بۇلۇپ رومان نامىدىكى ‹كەچمىش› بۇ يەرنى ئاچقان تۇختاخۇننىڭ يەتتە ئەۋلات جەمەتىنىڭ كەچۈرمىشى بۇلۇپ بۇ دەل تارىم ۋادىسى ۋە بۇ يەردە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ سىياسى، ئىجدىمائى ئامىللارغا تۇيۇنغان كەچمىش-كۈچۈرمىشلىرىدىن ئىبارەت. بۇ يەردە تۇختاخۇن جەمەتىنىڭ بىر نەچچە ئەۋلادىنىڭ كەچۈرمىشى خەلىقىمىزنىڭ كەچمىش-كەچۈرمىشلىرى مۇكەممەل بىر تارىخ بۇلۇپ بۇ كەچمىش-كەچۈرمىشلەردە ئەجداتلىرىمىز تارىخىدا ۋە ھازىر دۈچ كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان كىرزىسلار، بىشىدىن كەچۈرگەن تۈرلۈك ۋەقەلەر بار، ئەجداتلىرىمىزنىڭ مىھىرى-مۇھەببەت ھىسىياتى، سۇيگۇ-مۇھەببەت ۋە ۋەتەنگە، يۇرتقا بولغان مۇھەببەت قارىشى بار، ئۇنىڭدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ۋۇجۇدىدىكى تەشۋىش، ئازاپ شۇنداقلا تەبىئەت ھادىسلىرى ۋە ئىجدىمائى ھادىسلەر ئالدىدىكى تائىلاجلىقى، بىچارىلىقى بار، ئۇلارنىڭ قاراملىقى، باتۇرلىقى، قەيسەرلىگى بار، ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانى بار، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسى بار.

روماندىكى ۋەقەلىك تۇغراقلىق كەنتىنى بىنا قىلغان توختاخۇن جەمەئىتىنىڭ قۇتلۇق ھاجى، ئابدۇكىرىم، ھېلىم، توختى قارى، رۇستەم ۋە ئۇنىڭ پەرزەندىللىرىدىن ئىبارەت يەتتە ئەۋلات جەمەئىتىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يىپ ئۇچچى قىلىپ قانات يايدۇرۇلغان بۇلۇپ ھەر-بىر جەمەئىتىنىڭ كەچۈرمىشى مۇئەييەن بىر دەۋىرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەر-بىر جەمەتكە  ئۇزى تەۋە دەۋىرنىڭ تامغۇسى بىسىلغان بۇ كىشىلەر بىزنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ يىقىنقى 300 يىللىق تارىخى ئەھۋالىنى بىلىۋىلىشىمىزغا ئاساس بۇلالايدۇ. بۇ يەردە يەنە خەلقىمىزنىڭ قەمەت ۋە توققاندارچىلىق مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن ئىتىمۇلۇگىيەلىك ئالاھىدىلىگى گەۋدىلەندۇرۇلگەن.

روماندا ئىسمى قەيىت قىلىنغان ۋە خاراكتىر ئالاھىدىلىگى يارتىلغان پىرسۇناژلار خېلى كۆپ بۇلۇپ بۇلار ئىچىدە زەينەپخان ئانا ئۇبرازى تۇلىمۇ ياخشى يارتىلغان. زەينەپخان—توغراقلىقنى تۇنجى بۇلۇپ ئاچقان ئادەم يەنى تۇغراقلىقلارنىڭ يىقىنقى زاماندىكى ئەجدادى تۇختاخۇننىڭ چوڭ ئوغلى، تۇغراقلىقنىڭ تۇنجى ئاقساقىلى تۇردى ئاخۇننىڭ نەۋرىسى ۋىلاخۇننىڭ قىزى بۇلۇپ ئۇنىڭ كەچمىشلىرى روماندا تارىم ۋادىسىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كىيىنكى تارىخى ۋە ئىجتىمائى رىئاللىغى تەسۋىرلەنگەن قىسىملىرىدا كۈزىمىزگە چىلىقىشقا باشلايدۇ. زەينەپ—نۇرغۇن ۋەقەلەر مەركىزىدە تەسۋىرلەنگەن ئۇبراز بۇلۇپ بىز ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۇپراتسىيەلىشىش، يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش مەزگىلى شۇنداقلا ‹مەدەنىيەت زۇر ئىنقىلابى› دەك زۇر ۋەقەلەرنىڭ ماھىتىنى، ‹سۇل›چىل ئىدىيىگە خاتىمە بىرىلىپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئىشىكنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋىتىش يۇلغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكى دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇلۇق كۇرۇپ ئالالايمىز. ئانا دىيارىمىز تارىم ۋادىسى—مەدەنىيىتىمىزنىڭ ئالتۇن بۈشۈگى بۇلۇپ بۇنداق قىممەتلىك مەدەنىيەت بايلىقى چىدامچان، پاراسەتلىك، باتۇر كىشىلەرنىڭ مىھنىتى بەدىلىگە ئاپرىدە بولغان، بۇ يەرنىڭ ئاۋاتلىقىمۇ ئەمگەكسۈيەر كىشىلەرنىڭ مىھنىتى بەدىلىگە رۇياپقا چىققان. ئەلبەتتە بۇنداق قىممەتلىك مىراسلارنى، بۇ يەرنىڭ ئاۋاتلىقىنى ئاپرىدە قىلغان كىشىلەرنىڭ قەيسەر، باتۇر ئانىلار تۇغۇپ بېقىپ قاتارغا قۇشقان بۇلۇپ زەينەپ دەل تارىم ۋادىسىدىكى مۇشۇنداق ئاقكۆڭۈل، ئىشچان، باتۇر، قەيسەر ئانىلارنىڭ تىپىك ئوبرازىدۇر. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان خۇسۇسىيەتلەر كۆپ بۇلۇپ ئادەمنى ئەڭ تەسىرلەندۈرۈدىغان يىرى ئۇنىڭ تۇردى قارى، رۇستەم، ئەخمەت، رۇزى قاتارلىق ئۇغۇللىرىنى ۋە قىزى زۇمرەتنى مىڭ بىر جاپادا بېقىپ قاتارغا قۇشقانلىقى بىلەن بىرگە ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا تۇغراقلىقنى ئەڭ دەسلەپ ئاچقان تۇختى قارىنىڭ زامانىمىزدىكى ئەۋلادى، ئۇنىڭ نەۋرىسى بولغان ئىككى بالىنى بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئانىسى بولغان خانقىزدىن ئەجداتلارنىڭ ئۇدۇمى بۇيىچە تەربىيلەشنى تەلەپ قىلغانلىقلىرىدا كۈرىلىدۇ. رۇستەم زەينەپ ئانىنىڭ پەرزەندى بۇلۇپ ئۇ ئانىسىنىڭ تەربىيىسىدە ۋاپادار ئۇغۇل بۇلۇپ چوڭ بۇلىدۇ. لىكىن كىيىن ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىش پۇرسىتىگە نائىل بۇلىدۇ. ئاددى دىھقان پەرزەنتىدىن ھوقۇق-ئىمتىيازى چوڭ بولغان رەھبىرى كادىرغا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇمچىدە ئۆي-ئۇچاقلىق بۇلۇپ شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى ياخشى تۇرمۇش ۋە ئۇقۇش تەربىيلىنىش شارائىتىغا ئىگە بۇلسىمۇ لېكىن ئەجداتلارنىڭ ئەنئەنىسىنى بىلمەيدىغان، ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان چوڭ بۇلىدۇ. شۇ سەۋەپلىك بىر قېتىم رۇستەم بۇ بالىلارنى توغراقلىققا ئىنىقى ئانىسى زەينەپخاننىڭ ئۇيىگە ئېلىپ كەلگەندە بۇ بالىلاردىكى بۇ خىل ئاجىزلىق ئاشكارىلىنىدۇ. يەنى بالىلار توغراقلىقتىكى كىشىلەر بىلەن تىل ئالاقىسى قىلالمايدۇ. زەينەپخان ئانا بىر قېتىم بۇ بالىلارغا ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرسەتمەكچى بۇلۇپ ئۇلارنى تۇپراق بېشىغا ئاپارغاندا ۋە بۇۋىللىرىنىڭ تۇپراق بېشىنى كۆرسىتىۋاتقاندا بۇ ئىككى بالا سېغىز كەمپىت چاينىغىنىچە ھېچنەرسىنى ئاڭقىرالمىغىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالىدۇ، ئۆزى ئايەت ئۇقۇپ دۇۋاغا قۇل كۈتەرگىنىدە ئۇغۇل نەۋرىسى دۇۋا قىلىنۋاتقان قەبرىدىن سەل نېرىغا بېرىپ گۇمبىزى ئۇرۇلۇپ كەتكەن قەبرىلەرنىڭ تۇپىسىگە شارقىرتىپ سىيىدۇ. مانا بۇ ئەھۋاللار بۇ ئىككى بالىدىكى ئاجىزلىق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەمما بىز بۇ ئاجىزلىقنىڭ ماھىتىنى كۈزەتسەك بۇ ئاجىزلىقنىڭ ھازىرقى ئەۋلاتلاردا ئۇمۇميۈزلۈك مەۋجۇت بۇلىۋاتقان ئەڭ ئەشەددى ئاجىزلىق ئىكەنلىگىنى بايقاپ ئالالايمىز. بۇنداق ۋاقتىدا كۆز ئالدىمىزدا يەنىلا زەينەپخان ئانا زاھىر بۇلۇپ تارىم ۋادىسىدىكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۆزىدىن كىيىنكى تەربىيىچىسى بولغان كېلىنى خانقىزغا بۇ بالىلارنى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتقان يۇلى بۇيىچە تەربىيلەشنى تاپىلايدۇ. بۇلۇپمۇ بالىلارغا ئانا تىل تەربىيىسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئىبرەتلىك ۋەسىيەت قىلىدۇ. زەينەپخان ئانا كېلىنى خانقىزغا : ‹تىل دىگەن نەپەس، نەپەسنىڭ جېنى بار دەپ بىكارغا ئېيتىشمايدۇ، ئۇ ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ جېنىنى بالىچاقىلىرىغا باغلاپ تۇرىدۇ، ئاتا-بۇۋىلىرىنىڭ تىلىنى تاشلىۋەتكەن ئادەم يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاپ قالىدۇ.› دەيدۇ. بۇ يەردە زەينەپخان ئانىنىڭ نەۋرىلىرى ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ئەمەس مۇھىمى ئەجداتلارنىڭ ئەۋلاتلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى نامايەن قىلنغان بۇلۇپ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان دەرىجىدە تەسىرلىك يېزىلغان. بۇ يەردە زەينەپ ئانا ۋۇجۇدىدا مۇنداق قىممەتلىك ئالاھىدىلىك نامايەت قىلىنغان. يەنى ئۇ ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئەۋلات تەربىيىسىدە ئەۋلاتلارنى ئەنئەنىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىلەن زەمانىۋىي مەدەنىيەتنىڭ پايدىلىق ۋە ئىلغار تەرەپلىرى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەنئەنىنى تەكىتلەيدۇ ئەمما يىڭىلىققا قارشى تۇرمايدۇ. يېڭىلىق بىلەن ئەنئەنىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش تەرەپدارىدا بۇلىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسى تۇغراقلىقنىڭ گۈللىنىش تارىخىنىڭ يەنى ئەجداتلارنىڭ تەرەققى قىلىش تارىخىنىڭ ئىخچاملىنىشىدۇر. بىز ئەجداتلارنىڭ مەۋجۇت بۇلۇش، تەرەققى قىلىش، مەدەنيەتتە گۇللىنىش تارىخىغا نەزەر سالساق ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ مەدەنىيەت ئىختىرا قىلىغانلىقىنى، بىكىنمىچىلىك قىلماي جاھانغا نەزەر سېلىپ باشقىلارنىڭ مەدەنيىتىدىكى پايدىلىق، ئىلغار تەرەپلەرنى ماھىرلىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىنى بايقايمىز. مەدەنىيەتتە گۈللەنگەن ۋاقىتلاردا بولسا ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزىنى، مەنبەسىنى ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىنى بايقايمىز. زەينەپخان ئانىنىڭ بۇ يەردىكى ئىبرەتلىك نەسىھىتى مۇشۇنداق ئەھۋالنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەنلىگى بىلەن قىممەتلىكتۇر.

زەينەپ ياشىنىپ قالغانلىق سەۋەپلىك ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالىدۇ ۋە ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتى بۇيىچە ۋاپات بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتى تۇغراقلىقتا ئەنئەنىۋىي تۇرمۇش ئۇسۇلى بۇيىچە ھايات كەچۈرۈدىغان ئادەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ. ئۇنىڭ ۋاپاتى تۇغراقلىق ئۈچۈن يۇقۇتۇش بۇلۇپ تۇغراقلىقلاردا چوڭقۇر قايغۇ پەيدا قىلىدۇ. يەنى ئۇنىڭ نامىزىغا تۇغراقلىق تەۋەسىدىكى بارلىق ئەرلەر تۇلۇق كىلىدۇ. ھەتتا توغراقلىق ئاسمىنىمۇ ئۇلارنىڭ ھەسرىتىگە ھەمدەم بۇلىۋاتقاندەك تۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. چۈنكى زەينەپخان ئانا ئاقكۈڭۈللىگى بىلەن ئۇلاردا خۇددى بىر پاك ئېتىقادتەك شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ياكى مىھرىبان ئانىسىدەك تۇيغۇ ھەسىل قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىزنىڭ ئالدىمىزغا بىز بىر ئەۋلات كىشىلىرى بۇندىن كىيىن ئەۋلاتلارنى قايسى يۇل بىلەن تەرىيلىشىمىز كىرەك دىگەن مەسىلىسىنى قۇيدى. بۇ ئۇنىڭ ئۇلىمىنىڭ قىممىتى بۇلۇپ بۇگۈنكى كۈندە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇيلانمىساق بولمايدۇ ھەم بۇنىڭغا جاۋاپ تاپمىساق بۇلمايدۇ. بىلىشىمىز كىرەككى، گۈمبەزلىك قەبرىلەر ئەجداتلارنىڭ جىسمى ۋە رۇھى كۈمۈلگەن جاي. بۇ جايدىن بىز ئەجداتلارنىڭ روھىنى، جاسارىتىنى كۈرۈپ ئالالايمىز، بۇ يەرنى كۆرسەك ھاياتلىقنىڭ قەدرىنى تۇنۇپ يىتەلەيمىز، بۇنداق يەرلەر بىز ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز جاي ئەمەس. بۇ يەردىن بىز ئەجداتلارنىڭ تەرەققىيات ئەنئەنىسىنى كۈرۈپ ئالالايمىز. بۇ يەردىمۇ بۇ قەبرىلەر بىزگە نۆۋەتتە بىز كەسكىن تاللاشقا دۇچ كەلگەن يۇقۇرقى مەسىللەرگە جاۋاپ تېپىشىمىزغا ياردەم بىرەلەيدۇ. يەنى بىز ئەۋلاتلارنى تۇغراقلىقلارنىڭ ئەجدادى قىلىپ تەربىيلەيمىز دەيدىكەنمىز بۇنىڭ ئۈچۈن بىز توغراقلىقلارنىڭ ھاياتلىق ۋە تەرەققىيات يۇلىنى تۇتۇپ بىر تەرەپتىن ئۇزىمىزنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئۆرۈپ-ئادىتىنىڭ ئىلغار تەرەپلىرى بىلەن يەنە بىر ئەتراپقا نەزەر سېلىپ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن ئەۋلاتلارنى تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك. بۇنىڭدىن بىر كام بولسا بولمايدۇ.

ئاپتۇر بۇ روماندا زەيناپخان ئوبرازىنى تۇلىمۇ ئۆزگۈچە توقتىدىن ياراتقان. بۇ ئۆزگۈچە نوقتا دەل زەينەپنىڭ باشتىن-ئاخىرى ئىپپەتلىك، غۇرۇرلۇق قىز-ئايال سۈپىتىدە يارتىلغانلىقىدا. ئاپتۇر بۇ يەردە بۇ مەسىلىدىن ئۆزىنى قەستەن قاچۇرمىغان، بەلكى بۇ يەردە تەكلىماكان قىزلىرىنىڭ ئىپپەت-نومۇسىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان مۇشۇنداق خاراكتىر-ئالاھىدىلىگىنى مەنبە قىلىپ ئاندىن بۇ ئوبرازنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭ ئىپپەتلىك قىز بۇلۇشقا لايىق سىماسىنى نۇرلاندۇرغان. زەينەپ قىز ۋاقتىدا ھەرگىزمۇ كۈڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدۇ. ئۇ جىگەرلىك يىگىت ئابدۇغىنى ئاخۇن بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بۇلسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا ئىنتىلىش تۇيغۇسىدا بولمايدۇ. ئابدۇغىنى ئاخۇنمۇ ئۇنىڭغا قارا سانىمايدۇ. ئەكسىنچە ئابدۇغىنى زەينەپكە ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە بىر تۇغقان قىرىندىشىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئېرى توختى قارى دۇستى ھەسەن بىلەن تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىگە غايىپ خەزىنىنى ئىزدەش ئۈچۈن كىرىپ يۇقاپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ تۇل قالىدۇ. چۈچىرىدەك بەش بالا ئۇنىڭ بىقىشىغا قاراشلىق بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ بۇ جەرياندىكى قىيىنچىلىقتىن ئۇتىۋىلىشىغا ئابدۇغىنى ياردەم بىرىدۇ. ئەمما بۇ ياخشىلىقى ئۈچۈن مىننەت قىلمايدۇ. بىر قېتىم ئابدىغىنى ئاخۇن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئوتۇن يىرىپ بىرىش ئۈچۈن كەلگەندە زەينەپ ئابدىغىنى ئاخۇننىڭ قاۋۇل بەستىگە مەپتۇن بۇلۇپ قالىدۇ. لىكىن ئۇ ئۆزىدىكى بۇ ئۆزگۈرۈشنى ‹شەياتننىڭ كەينىگە كىرگەنلىك› دەپ قاراپ قىلمىشىدىن ئۇياتلىق ھېس قىلىدۇ. كېيىن بۇ خىل ھىسيات يۇقايدۇ، زەينەپ ئابدۇغىنى ئاخۇننىڭ قىزى ھېلىمەگۈلنى ئوغلى تۇرى قارىغا ئېلىپ بىرىش سەۋەپلىك ئۇنىڭ بىلەن قۇدا بۇلۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرىسىدىكى يېقىنلىق مۇناسىۋەت ناھايىتى قۇيۇق بۇلۇپ ئابدۇغىنىنىڭ زەينەپكە بولغان ھېسىياتىنىڭ شەخسىيەتسىز، تاماسىز مۇھەببەت بولغانلىقى بىلەن ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ. زەينەپ ۋاپات بولغاندىن كىيىن تۇپراق بېشىدا ياشانغان ئابدىغنى ئاخۇن يالغۇز قالىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەسۋىرمۇ ناھايىتى تەسىرلىك بۇلۇپ ئادەمنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ ئىككىسى ئۇتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت چاكىنا مۇھەببەت تەسۋىرلىرىدىن خالىي بۇلۇپ بۇمۇ مەزكۇر رۇماننىڭ يىڭىلىقى ۋە زەينەپ ئۇبرازىنىڭ ئۇزگۇچە نوقتىدىن يارتىلغانلىقىغا ئىسپات بۇلالايدۇ. بۇ ھەقتىكى بايانلار بىزگە چاكىنا مۇھەببەت تەسۋىرلىرىنى يازمايمۇ رۇمان يازغىلى بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدۇ. بىزنىڭ بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز باركى، ئۇلار ھە دىسە قىزلارنىڭ ئىپپىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى يازىدۇ، قىزلارنى خروئىن قاتارلىق زەھەرلىك چىكىملىكلەرنى چىكىدىغان، پۇل ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىدىغان قىلىپ يازىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە قىز-ئاياللىرىمىزغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بۇلۇپ قىز-ئاياللىرىمىز ئۈچۈن يېزىلغان سەلبىي بەدئى ھۆججەت بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىز قىز ئاياللار تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەندە ئۇلاردىكى چۈشكۈنلىكنى، شەخسىي ھىسياتنى ئاساس قىلغان مۇھەببەتنى ئەمەس بەلكى ئۇلاردىكى باتۇرلۇقنى، قەيسەرلىكنى، چىدامچانلىقنى، مىللەتنىڭ ئىجىل-ئىناقلىقى، ئار-نومۇسى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھەببەتتىن كىشىچكە رازى بۇلىدىغان پىداكارلىقنى يېزىشىمىز كىرەك. بۇ جەھەتتە زەينەپ ئۇبرازىنىڭ يارىتىلىشى بىزگە ئۈلگە بۇلالايمىز.

روماندا ئادەمنى ئۇيلاندۇرۇدىغان يەنە بىر مەسىلە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ قىسمىتى، قىممىتى، ئەدەبىياتنىڭ رۇلى توغرىسىدا قىممەتلىك قاراشلارنىڭ ئۇتتۇرغا قۇيۇلغانلىقى مەسىلىسىدۇر. بۇ مەسىلە ۋە قاراش روماندا ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدىغان ۋە شئىر ئىجادىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىلھام ئىسىملىك ئادەم بىلەن ئەدەبىي تەنقىتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان دىلمۇراتنىڭ ئەدەبىي تەنقىد ھەققىدىكى قاراشلىرىدا ئىپادىلىنىدۇ.

ئىلھام—مەدەنيەت ئىنقىلابىنىڭ ئىسسىق-سۇغۇقلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بىر ئەۋلات زىيالىلانىڭ تىپى. ئۇ تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن ئادەم بۇلۇپ تاتلىق ۋە تۇرمۇشقا يىقىن شىئىرلارنى يازىدۇ. ئۇ شىئىر توغرىسىدا ۋە شىئىرنىڭ رۇلى توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ ھەقىقى شىئىر— قان تامچىپ تۇرغان يۈرەكتىنلا ئۇرغۇپ چىقىدۇ، دىگەن قاراشقا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ شىئىر توغرىسىدىكى قارىشى شۇنداق مۇكەممەل، چۇڭقۇر بولغاچقا ئۇ ناھايىتى ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ مەنىۋىي ئاچارچىلىق ھۈكۈم سۈرگەن ئەشۇ دەۋىرلەردە كىشىلەرنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئۇ ئۆزى يازغان بىر كۇبلىت شىئىر سەۋەبىدىن ‹خەتەرلىك ئۇنسۇر› ھىساپلىنىپ تۇرمىدا 20 يىل يېتىپ نامى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بۇ خىزمەت ئورنىغا ئورۇنلاشقان بۇلۇپ بۇ يەردە ئاقكۆڭۈللۈك بىلەن ياشايدۇ. ئۇنىڭ كىشىلەرنى ۋە جەمئىيەتنى كۈزۈتىش ئىقتىدارى ۋە كۈزەتكەنلىرىنى ئىپادىلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بۇلۇپ ئۇنىڭ يازغان كۈندىلىك خاتىرسىنىڭ ئۆزىلا نورغۇن رىئال مەسىللەرنى كۆرسۈتۈپ بىرەلەيدىغان ياخشى بىر بەدئى ئۇقۇشلۇق ھىساپلىنىدۇ. بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيەتنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسى ئادەمنى بەكمۇ ئويلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە مىللىتىمىزنىڭ نۇپۇس قۇرۇلمىسىدا ۋە نىسپىتىدە يازغۇچى شائىر كۆپ، يېڭىدىن بۇ ساھەگە قەدەم باسقان ھەۋەسكارلار تېخىمۇ كۆپ. شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بارلىق قىزىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ساھەدە بار. بىزدە ‹يازغۇچى-شائىرلار›نىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش مۇدۇئاسىنى مۇنداق نوقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ. بىر نەرسە يىزىش ئارقىلىق ئەمەلدار بۇلۇشنى ئۇيلىغانلار، تام-ئاتاق ئۈچۈن يازىدىغانلار، قاتاردىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن يازىدىغانلار، قۇلىدىن باشقا ئىش كەلمىگەنلىكتىن ئاز-تۇلا چاي-تۇز پۇلى ئۈچۈن يازىدىغانلار، بۇ مۇھاكىمىلەر بىزگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا سۈپەت مەسىلىسىدە ئېغىر نۇقسان بارلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشۈنۈپ ئېلىشىمىزغا يىتەرلىك پاكىتتۇر.

ئىلھام يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ قىسمىتى توغرىسىدا ۋە ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتكە ئۆزىنى بېغىشلاش رۇھى توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن بۇلۇپ ئۇ بۇ ھەقتە ھەقىقى يازغۇچى-شائىر ئۈچۈن خۇشاللىقتىن خاپىلىقنىڭ، ھۇزۇر-ھالاۋەتتىن جاپانىڭ كۆپ ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ ۋە مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەدەبىياتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرگۈچىلەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىگى توغرىسىدا سۇئال قۇيۇپ بۇ ساھەدىكى كىشىلەرنى ئەدەبىياتقا ھەقىقى جان كۆيدۇرۇشكە چاقىرىق قىلىدۇ. ئەدەبىيات ساھەسىدە بىر ئىككى توپلام چىقىرىپ خۇدىنى يۇقۇتۇشلارنىڭ قۇرۇق چاقاماقتىن ئۇت چىقىرىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىگىنى كۆرسۈتۈش بىلەن بىرگە گۇرۇھ بۈلىۋىلىپ سۇرۇنلاردا مەمەددانلىق قىلىپ يېقىنلىرىنى ماختاپ كۆككە كۈتىرىپ، كىملەرنىدۇر سۈكۈپ بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋىتىدىغان كۇرەڭ تەبىئەتلىك كىشىلەرنى قامچىلايدۇ. كىيىنكى مۇھاكىمىلەردە بۇلسا يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئەدەبىيات قۇشىنىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سېسىقچىلىقلارنى قامچىلايدۇ.

دىلمۇرات-يېڭى زاماندا ئۇقۇپ يىتىشىپ چىققان شۇنداقلا ئەدەبىي تەنقىد ئىلمى ھەققىدىكى بىلىمى مۇل بولغان يېڭى زامان زىيالىلىرىنىڭ تىپى. ئۇنىڭ كىتابىي بىلىمى مۇل بولغان بىلەن تۇرمۇش بىلىمى كامچىل، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى تۇرمۇشتا تۇغرا ئۇرۇنغا قۇيالمايدۇ. ئەمما ئېلىم مەسىلىسىگە تۇلىمۇ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدۇ، ئۆتكۈر ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرى بىلەن جامائەتنىڭ ئىتىرابىغا ئىرىشىدۇ. ئېلىم ساھەسىسىدىكى ساختىپەزلىك قىلمىشلىرى قاتتىق بازار تاپقان بۇ ئۇرۇننىڭ مۇھىتىدىن زىرىككەن بۇ ياش مۇھىت ئالماشتۇرۇش ۋە يىڭى بىلىملەرنى ئىگەللەپ تېخىمۇ ئىلگىرلەش مەخسىتىدە غەربىي يىرىم شاردىكى كاناداغا ئۇقۇشقا كىتىدۇ.

رۇماندا يەنە ئەمەلدارلىق كۈچىسىدىكى چىركىنلىك مەسىلىسىمۇ يان تەرەپتىن تەسۋىرلەنگەن ۋە قاتتىق تەنقىد قىلىنغان.

مەن روماننى ئۇقۇپ بۇلۇپ روماننىڭ مەندە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى سەزدىم. ئارىلىقتا خۇتەن شەھرىدىن تۇغۇلغان يۇرتۇم چىرا ناھىيە چىرا يېزىسى تۇغراقئېغىل كەنتىگە باردىم. مىنىڭ مەھەللەم تەكلىماكان قۇملىقى بىلەن تۇتاش بۇلۇپ بۇ يەرنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى، تۇرمۇش ئادىتى رۇماندا تەسۋىرلەنگەن ئەھۋاللار بىلەن تامامەن ئۇخشايتتى. يۇرتۇمنىڭ نامىمۇ رۇماندا تەسۋىرلەنگەن يەرنىڭ نامغا يېقىن كىلەتتى. يۇرتۇمدا يىشى دەل 70لەرگە ئۇلاشقان ئانىلار بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرى زەينەپنىڭ كەچمىشىگە ئۇخشايتتى. جۈملىدىن مىنىڭ ئاناممۇ 70 ياشتىن ھالقىغان بۇلۇپ ھېلىھەم بىزلەرگە ئازاتلىقنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئىشلارنى بۇلۇپمۇ كۇپراتسىيەلىشىش مەزگىلىدىكى ۋە مەن تۇغۇلغان 1962-يىللاردىكى ئاچارچىلىققا دائىر ئىشلارنى سۆزلەپ بىرەتتى. بۇ ئەھۋاللار روماندا يېزىلغان ئەھۋاللار بىلەن ئۇخشايتتى. 1969-يىللاردىن كىيىنكى ئىشلار مىنىڭ يادىمدا بار ئىدى. مەن بۇ ئەھۋاللارغا ئاساسلىنىپ رۇماننىڭ چىنلىق تۇيغۇسىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ئىچ-ئىچىمدىن قايىل بۇلدۇم. ئاپتۇرنىڭ چىنلىققا سادىق بۇلۇش پۇزۇتسىيەسىدىن قەلبىم ھاياجانغا تۇلدى. ئاخىرى بۇ يەردىكى سەۋەپنىڭ ئاپتۇرنىڭ خۇتەندە تۇرغان مەزگىلىدە بۇ يەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇشى بىلەن پىششىق تۇنۇشۇپ كىيىنكى ئىجادىيىتىگە خام ماتىريال تۇپلىغانلىقى، بۈگۈنكى كۈندە بۇ ماتىرىياللارنى ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيىتى بۇيىچە پىششىقلاپ ئىشلەپ بۇ رۇماننى يىزىپ چىققانلىقىنى تۇنۇپ يەتتىم. ئاپتۇرنىڭ تەرجىمە ھالدا بايان قىلىنىشىچە ئاپتۇر 1963-يىلدىن 1972-يىلغىچە خۇتەندە تۇرغان بۇلۇپ بۇ 10 يىل ۋاقىتتا ئۇ ئۇتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان ۋە قاراقاش ناھىيىسىنىڭ سايباغ يېزىسىدا ئىككى يىل قايتا تەربىيە ئالغان. مۇشۇ جەرياندا مۇشۇ رۇماننى يازغۇدەك تۇرمۇش ماتىرىيالىغا ئىگە بۇلغان. رۇماندا يەنە خۇتەنلىكلەرنىڭ تىل ئادىتى رۇشەن ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، خۇتەندە  ‹يىتىم› سۇزى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلىدا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىنى ئاتاش ئۈچۈن قۇللىنىلىدۇ. يەنى ئاتا-ئانىسى ئۈلۈپ كەتكەن بالا يىتىم دەپ ئاتىلىدۇ، ئەمما خۇتەندە بۇ سۆز بىرەر بالىنى كۆرسۈتۈش، چاقىرىش مەنىسىدە قۇللىنىلىدۇ، مەسىلەن، ئاۋۇ بالا، ماۋۇ بالا دىمەكچى بولساق ئايىتىم، مايىتىم، دىسەك بۇلىۋىرىدۇ. روماندا خۇتەندە كىشىلەرنىڭ ئىستىمال ئادىتىدىن قېلىش ئالدىدىكى بۇ سۆز ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ۋە جانلىق قۇللۇنۇلغان. مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەر رۇماننى مۇئاپىقىيەتكە ئىرىشتۈرگەن.

قىسقىسى، مەزكۇر رۇمان يېقىنقى يىللاردا بۇلۇپمۇ 2012-يىلى نەشىر قىلىنغان رۇمانلار ئىچىدە ئۇقۇشچانلىقنىڭ كۈچلۈكلىگى بىلەن ئالقىشلانغان رۇمان بۇلۇپ رۇمان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئۇرنەك ئېلىشىغا، كىتاپخان دۇستلارنىڭ ئۇقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدۇ.

رۇماننى يۇقۇرقىدەك نەتىجىللىرى بىلەن مۇئاپىقىيەتلىك يېزىلغان رۇمان دەپ قارىساقمۇ لىكىن بىز ئۇنىڭدا بەزى يىتەرسىزلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. بۇ يىتەرسىزلىك رۇماننىڭ باش قىسمىدىكى بايانلاردا ئىپادىلىنىدۇ. يەنى رۇماننىڭ باش قىسمىدا تارىم ۋادىسىدىكى بۇستانلىقلاردا ھاياتلىقنىڭ پەيدا بۇلىشىدىكى تەپسىلاتلار تۇختى ئاخۇن جەمەئىتىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق بايان قىلىنغان بۇلۇپ بۇ ھەقتىكى بايانلار بىر ئاز ئۇزۇن يېزىلىپ قالغان، بۇ ئەھۋال كىتاپخانلارنىڭ رۇماننىڭ ئاساسى ۋەقەلىگى بىلەن تۇنۇشۇش ئارزۇسىغا تەسىر يەتكۈرگەن، بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار 50 بەتكە يېقىن بايان قىلىنغان بۇلۇپ بىز بۇ 50 بەتنى ئۇقۇپ بۇلغىچە بۇلغان ئارىلىقتا ئاپتۇرنىڭ زادى نىمە دىمەكچى، نىمىنى ئەكىس-ئەتتۈرمەكچى بۇلغانلىقىنى، رۇماندىكى ئاساسى پىرسۇناژنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى، ئاساسى ۋەقەلىكنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيمىز. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار يەنە نۇقۇل بايان شەكلىدىلا يېزىلغان بۇلغاچقا رۇماننىڭ بۇ قىسمى ئادەمدە ‹بۇ رۇمان بەدئى تۇسى ئاجىز ئەسەرمۇ نىمە› دىگەن تۇيغۇنى بىرىشتەك گۇمانى قاراشنى پەيدا قىلىشتىن خالى بۇلالمىغان.



ئەسكەرتىش:
مەنبە: « كروران » ژورنىلىنىڭ 2013-يىلى 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالە مۇنبەرگە ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 17:36  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8540
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 22
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 23:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«كەچمىش» رومانى خالىدە ئىسرائىلنىڭ يېڭىچە بىر خىل ئۇسلۇبتا يېزىلغان رومانى ئىدى. ئۇنىڭدا تارخىنىڭ يارقىن سىماسى ۋە شۇنچە گۈزەل لىرىكىلارمۇ چوخچۇپ تۇرىدۇ. قەلىمىززگە بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 735
تۆھپە : 0
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 00:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇنلۇقنىڭ ‹ كەچمىش › ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى چوڭقۇر ، پىكرى يېڭىچە ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 735
تۆھپە : 0
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 00:52:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇنلۇقنىڭ ‹ كەچمىش › ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى چوڭقۇر ، پىكرى يېڭىچە ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپتۇ. تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1527
تۆھپە : 20
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 10:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز بۇ ماقالسىنى ناھايتى ياخشى يازغان، كرورەن تەرپىدىن ژۇرنىلى تەرپىدىن ئالاھىدە مۇكاپاتلانغان.
ئۇستاز داۋاملىق ترىشىڭ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 0
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-15 19:35:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ياخشى ماقالىنى ئوقۇدۇم...«كەچمىش» رومانى ماڭىمۇ قالتىس تەسىر قىلغان ئىدى. ئەينى چاغدا تەپسىلى خاتىرىمۇ يازغان ئىدىم. ئەپسۇس، تېخى ماقالىگە ئايلاندۇرۇپ بولالمىدىم....ئەمما بۇ ئەسەرنى كۆپ تەشۋىق قىلدىم....دوستلىرىمغا سوغا قىلدىم....ئىزدىنىشلىرىڭزگە ئۇتۇق تىلەيمەن....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2199
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 358
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 22:53:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى ئۇستاز ئۇدۇنلۇق خۇددى ئادىل تارازىدەك ئەسەرلەرگە ناھايىتى ئورۇنلۇق باھا بىرىدۇ. مەن «كەچمىش»  رومانىنى ئۇقۇماپتىكەنمە. ماقالىنى ئۇقۇپلا ئوتتەك بىر ئىشتىياق مېنى ئىلكىگە ئالدى. ئەمدى، ئالدى بىلەن بۇ روماننى ئۇكۇپ چىقاي، ئاندىن ئىنكاسنى داۋداملاشتۇراي......................

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2572
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 140
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 23:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇدۇنلۇقنىڭ  «كەچمىش ' رومانى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى چوڭقۇر بولۇپ، پىكىرلىرى كىشىنى قائىل قىلىدۇ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6644
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 25
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-15 16:22:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ماقالىنى مۇكاپاتقا ئىرىشتى دەپتى ،توۋا دەپ قالدىم ....
كەچمىش رومانىغا بۇنداق  باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ماقالە يازىمەن دەپ ئاۋارە بولغىچە ،خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئادەتتىكى بىر پوۋسىتىغا  تەسىرات يىزىپ مەشىق قىلماي !
كەچمىش رومانى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى رومان ،بىز پەخىرلەنگىدەك رومان ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ساماۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-15 16:23  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش