يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 408|ئىنكاس: 3

پىنھانى: بالىمىز ئوقوسۇن !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئەنۋەرجان ساۋۇت


بالىمىز ئوقوسۇن !

( ئىپىزوت )


پىرسوناژلار:

قاسىم: (30 ياش ئەتراپىدا )  دىھقان.
ئايگۈل: (28ياش ) قاسىمنىڭ ئايالى، دىھقان.
دىلنۇر: ( 8ياش ) قاسىم بىلەن ئايگۈلنىڭ قىزى.
زۆھرە: (25ياش ) باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى.

سەھنە قىياپىتى: ھويلا ( قاسىمنىڭ ھويلىسى)

مەزمۇنى:

قاسىم: ئايگۈل، ھەي ئايگۇل مايەگە چىقە ! چاققان بولە ئىزلەڭگۈلۈك قىلماي.
( شۇ ئەسنادا بىلەكلىرى تۈرۈلگەن ئايگۈل ئۆي ئىچىدىن چىقىپ كىلىدۇ )
ئايگۈل: ۋاي ئەتتىگەندە ئىت پوق يىمەستە نىمە بولدى سىللىگە؟ قولۇمنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى كۆرمىگەندەك...
قاسىم: ئاڭلىسام ئەتتىگەندە كەنىت كومىتىتدا يىغىن بارمىش، مەن يىغىنغا چىقىپ كىرەي، ئاڭغىچە دىلنۇرغا قويلارنى چىقىرىپ بەر، بىردەم بېقىپ كىرسۇن !
ئايگۈل: ھە ماقۇل، سىللىمۇ يۈتۈپ كەتمەي پاتراق كىرەلا، چۈشتىن كىيىن مەن بالىلارنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە بىرىپ كىلەي دىگەن.
قاسىم: ھەي!... نىمە دەيدىغانسەن، مەن يا بىر يەرگە زىياپەتكە ماڭمىدىم، دادۈيگە (كەنىت كومىتىتى) يىغىنغا ماڭدىم. كەنىتتە نىمە گەپ بار، ئاڭلاپ كەلمەيمەنمۇ !؟
ئايگۈل: ھە شۇنداق بولسۇن، ئەمىسە بىرىپ كەلسىلە.
( قاسىم سىرىتقا ماڭماقچى بولۇپ، بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك دەرھال كەينىگە قايتىدۇ )
قاسىم: ھە راسىت، تاس قاپتىمەن مۇھىم گەپتىن بىرنى ئۇنتۇپ قالغىلى. ماڭا قارا، ئاڭلىسام تۈنۈگۈن مەكتەپتىن زۆھرە خانىم دەمدۇ ئىشقىلىپ بىرسى ئاۋۇ قىزىمىز دىلنۇرنى مەكتەپكە يىغقىلى كېلىپ، بىزنى تاپالماي قوشنىلارغا « قاسىمكامنىڭ ئۆيىدىكىلەرگە دەپ قويسىلا ، ئالدىنقى كۈنى كەلسەممۇ ئۆيدە ئادەم يوقكەن، قايتىپ كەتكەن ئىدىم، خاپا بولماي دىلنۇرقىزنى ئەتە ئەتتىگەن مەكتەپكە ئېلىپ بارسۇن! » دەپ قويۇپ كېتىپ قاپتۇمىش، سېنىڭمۇ كۆزۈڭ دەرۋازىدىراق بولسۇن، ئۇ بىكارچى خانىملار كەپ قالسا ئىككى ئېغىز گەپ تەپ بىرەلمەي يەنە تىلىڭنى چايناپ ئولتۇرمىغىن !..
ئايگۈل: شۇنى دىمەملا دادىسى، ھە راسىت سىللى دىگەندەك ئۇلار بۈگۈنمۇ كەپ قالسا نىمىمۇ دەرمەن ئەمدى؟
قاسىم: ھەي بۇ كالۋا خوتۇننى، ھېلىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭ سېنىڭ، كاللاڭ مەنچىلىكمۇ ئىشلىمەيدىكەن دىسە...
ئايگۈل: ۋاي ...سىللە بەك ئەقىللىق يىشۇ بولغاندىكىن دەپ باقسىلا قېنى، زادى نىمە دەپ يولغا سالىمەن ئۇلارنى ؟..
قاسىم: ھەي ماۋۇ ئالدىرىغان ۋاقتىمدا تولا ئەزمەڭنى ئەزدىڭ، نىمە دەيىتتىڭ « بالىمىز بۇرۇن تۇغۇلۇپ قالغاچقا  نىرۋىسى تولۇق يېتلمىگەن ، كاللىسى تازا ئىشلىمەيدۇ، چوڭ-كىچىك تەرىتىنىمۇ ھازىرغىچە بىز ئادالايمىز، مەكتەپتە ئوقۇيالمايدۇ» دېسەڭلا ئىش پۈتمىدىمۇ ! پەقەت بولمىسا شۇنىمۇ قاملاشتۇرالمىساڭ، مۇئەللىملەرنىڭ كەلگىنىنى كۆرگەن ھامان ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويۇپ، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ كېتىپ ، ئۇلار كەتكەندە يېنىپ چىقىپ ئىشىڭنى قىلمامسەن!
ئايگۈل: ھە ماقۇل، شۇنداق قىلساممۇ قىلاي، بۇمۇ بولىدىغان گەپكەن.
( قاسىم چاپىنىنى تۈزەشتۈرگەچ ئاستا سىرىتقا ماڭىدۇ)
ئايگۈل: دىلنۇر،ھەي دىلنۇر. بولە بالام ماۋۇ كۈن چۈش بولاي دىدى كىيىملىرىڭنى كىيىپ قويلارنى بىردەم شامالدىتىپ كىر !
دىلنۇر: ھە ماقۇل ئانا، مەن ھازىر چىقاي. (ئۆي ئىچىدىن دىلنۇرنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇ ئەسنادا دەرۋازا قېقىلىپ ئىشىكتە زۆھرە مۇئەللىم پەيدا بولىدۇ)
زۆھرە: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! تېچلىق، ئوبدان تۇرۇشۇپلا !
( ئەمدى دەرۋازىدىن چىقاي دەپ تۇرغان قاسىم بىلەن ئايالى داڭ قېتىپ قالىدۇ ۋە سەل ئېسىگە كەلگەن ئايگۈل ئاستا كىلىپ زۆھرە مۇئەللىم بىلەن سۇسقىنا كۆرۈشىدۇ )
ئايگۈل: تېچلىق، ياخشى تۇرۇپلا خانىم !
زۆھرە: مەن دىلنۇرقىزنىڭ ئوقۇش ئىشى بىلەن كەلگەن، ئالدىنقى ھەپتىمۇ 2قىتىم كىلىپ، سىلەر بىلەن كۆرۈشەلمەي قايتپ كەتكەن ئىدىم.
( ئايگۈل ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە قاسىم تەددى بىلەن تەنە ئارىلاش گەپ قىلىدۇ)
قاسىم: بولسىغۇ ھەر قايسىلىرىنى قاچان كىلىدىكىن دەپ يوللىرىغا قاراپ تۇرساق بەك ئوبدان بولاتتى، ئەمما بىز دىگەن دىھقان خەقكەنمىز، ھەر قايسىلىرىدەك ئايلىق مائاشىمىز بولمىغاندىكىن، ئېتىزدىن كىرمەي ئىشلەيدىغان گەپكەن !
ئايگۈل: دادىسى، زۆھرە خانىم ھەر نىمە دىگەن بىلەن ئۆيىمىزگە مىھمان ئەمەسمۇ، ئاۋۋال خانىمنى كۆرپىگە باشلاپ، ئاندىن مۇڭداشمايمىزمۇ...
قاسىم: ھەي مېنىڭ ئالدىراشلىقىمنى بىلمەمسەن، ئەتتىگەندە نەدىن كەلدى ماۋۇ ،...
زۆھرە: سىلەرنىڭ ئالدىراشلىقىڭلارنى مەنمۇ بىلىمەن، قارىسىلا، دىلنۇرقىز ئەسلى ئۆتكەن يىلىلا ئوقۇش يېشىغا توشقان، نەچچە قىتىم يىغقىلى كەلسەم سىلەر ھىلى بالام تېخى كىچىك مەكتەپتە ئوقۇيالمايدۇ دىدىڭلار، ھىلى ئاغرىپ قالدى داۋالىتىپ ساقايغاندا بىرىمەن دىدىڭلار، بىكاردىن-بىكار بالىنىڭ ئوقۇشى بىر يىل كىيىن قالدى.
قاسىم: خانىم ، بالا مېنىڭ. بۇ يىل بىرەمدىم، كىلەر يىلى بىرەمدىم بۇ ئۆزۈمنىڭ ئىشى. سىللە بۇنىڭغا باش قاتۇرمىسىلمۇ بولىدۇ !
زۆھرە: بالا سىلەرنىڭ ئىكەنلىكى راسىت، شۇنداقتىمۇ بالىنى مەكتەپكە قانچە بالدۇر بەرسىلە شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ ؟!
قاسىم: ۋاي خانىم، مەن بالامنى بىر يىل كىيىن بەرگەنگە مېنىڭ بالامنىڭ بىر يىرى كەملەپ قاپتىمۇ، ياكى ئۆتكەن يىلى مەكتپكە بارغان بالىلارنىڭ بىر يىرىگە مۈڭگۈز چىقىپتىمۇ، قارىسىلا يەنە شۇ بالىلار بىلەن ئوخشاش چوڭ بولىۋاتمامدۇ ! ئا...ي ....ۋاي....
زۆھرە: دىلنۇرقىزنىڭ تەڭتۇشلىرىغا مۈڭگۈز ياكى قۇلاق چىقمىغانلىقى راسىت، لىكىن ئۇلارنىڭ خەت ساۋاتى چىقتى، گىزىت –ژورنال ئوقۇيالايدىغان ، ئاددى ھىساپلارنى ئىشلىيەلەيدىغان بولدى.
قاسىم: شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ؟...
زۆھرە: سىلەر ھەر قانچە بولسىمۇ دىلنۇرقىزنى بۇ يىلمۇ مەكتەپ يېشىغا توشمىدى، تېخى كىچىك دىمەيدىغانسىلەر ؟!
قاسىم: خانىم، سىللىگە راسىت گەپنى دەي، بىز يەنە ھەپتە –ئون كۈن ئىچىدە بالىلارنى ئېلىپ ئاقسۇغا يەر باشقۇرغىلى ماڭىمىز، ھازىر سىللە بىز بىلەن ئېتىشىپ بالىنى مەكتەپكە ئېلىپ بارغان بىلەن بەرىبىر ئۇ مەكتەپتە بىرەر ئايمۇ ئوقۇمايدۇ، شۇڭا بەك كايىمىغانلىرى تۈزۈك.
زۆھرە: سىلەر چوڭلار ئىشلىگىلى چىقساڭلارمۇ بالىلارنى مەكتەپكە بەرمىسەڭلەر بولماس، كەينىگە سۆرەۋەرگەن بىلەن بەرىبىر ئوقۇتىدىغان گەپ،قاراپ باقساڭلار بولىدۇ، مۇشۇ مەھەللىدىكى دىلنۇرقىز بىلەن تەڭتۇش بالىلارنىڭ بەزىسى 2-يىللىقنى، بەزىسى 1-يىللىقنى تۈگىتىپ بولدى.
( ئىچكىركى ئۆيدىن زۆھرە مۇئەللىمگە تەلمۈرگەن ھالدا دىلنۇر چىقىدۇ دە ئاستا كىلىپ ئاپىسىغا ئېسىلىدۇ )
دىلنۇر: ئاپا مەنمۇ مەكتەپتە ئوقۇيچۇ ! مەھەللىدىكى ئاداشلىرىمنىڭ ھەممىسى سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە ماڭسا ئۇلارغا بەك ھەۋىسىم كىلدۇ، ئۇلارنىڭ سومكىسىدا چىرايلىق كىتاپلىرى باركەن...
ئاينۇر: قىزىم ماڭا دىگىنىڭنىڭ نىمە پايدىسى، داداڭ قوشۇلسا بولىدىغان گەپ...
( دىلنۇر دادىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،ئ ۇنىڭغا ئېسىلىدۇ)

دىلنۇر: دادا، ئوبدان دادا مەنمۇ مەھەللىدىكى ئاداشلىرىمدەك مەكتەپكە بارايچۇ، مەكتەپتىكى بالىلار نۇرغۇن ئويۇنلارنى ئويناشنى بىلىدىكەن، تېخى قىززىق ھىكايە، چۆچەكلەرنى بىلىدىكەن، دادا ماقۇل دىگىنە مەنمۇ ئوقۇيچۇ !
قاسىم: سەن مەكتەپكە بارساڭ ئاقسۇدا ئۇكاڭغا كىم قارايدۇ ھە؟! ماڭ تولا گەپ قىلماي قويلارنى بېقىپ كىر !
زۆھرە: سىلەر ھازىر پەقەت بۇرنۇڭلارنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈپ، بالىنىڭ ئىستىقبالىغا سەل قاراۋاتىسىلەر، دىلنۇر قىز شۇنداق ئەقىللىقكەن، سىلەر مۇشۇنداق جاھىللىق قىلساڭلار بالىنىڭ كەلگۈسىنى نابۇت قىلىسىلەر، ئويلاپ بېقىڭلار دىلنۇرقىز دىگەن قىز بالا، دۆلەت ھازىر 12يىللىق ھەقسىز مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويدى، مەكتەپكە قانچە كېچىكتۈرۈپ بەرسەڭلار شۇنچە كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ.
ئايگۈل: دادىسى، زۆھرە مۇئەللىمنىڭ دىگەنلىرىمۇ ئورۇنلۇق، بىز ئوقۇمىغان بولساقمۇ بالىمىزنى بولسىمۇ ئوقۇتۇپ قويغىنىمىز تۈزۈك، قىز بالا ئەمەسمۇ، ئەتە ئۆگۈن بويىغا يېتىپ قالغاندا مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرسىمۇ ئوبدان ئەمەس !
قاسىم: ھەي بىردەمنىڭ ئىچىدە سېنىڭمۇ بېشىڭ ئايلىنىپ قالدىمۇ نىمە؟ ماڭ ، ماڭ گەپكە تولا لوقما سالماي، ھىلى بىكار (قاسىم ئايالىغا دىۋەيلەپ كىلىدۇ )
زۆھرە: سىلەر ئىشلىگىلى چىقساڭلار ھېچقىسى يوق، بالىنى قويۇپ كەتسەڭلار ، سىلەر قايتىپ كىلىدىغان چاغقىچە دىلنۇر قىزىمنىڭ ئاللىقاچان خەت ساۋاتى چىقىپ بولىدۇ ئەمەسمۇ !
قاسىم: ئەپەندى دىگەن خەقكىغۇ زادى گەپ توشۇمايدۇ، ماڭا قارىسىلا خانىم بالامنى قويۇپ كەتسەم بى سىللە بېقىپ ئوقۇتۇپ قوياملا، سىللىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرىنى باقالا ھەقىچان ! نىمە كوتۇلداۋىرىدۇ، ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ. ( قاسىم زۆھرە مۇئەللىمگە قاراپ تەنە قىلىدۇ )
زۆھرە: بولىدۇ، دىلنۇرقىزنى مېنىڭ يېنىمندا قويۇپ كەتسەڭلار، سىلەر كەلگىچە مەن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ ئوقۇتۇپ قوياي. سىلەرمۇ بالىدىن ئەنسىرىمەي خاتىرجەم ئىشىڭلارنى قىلىسىلەر !
ئايگۈل: قاسىماخۇن زۆھرە مۇئەللىمنىڭمۇ كىچىك بالىسى بارمىش، ئۇنىڭغىمۇ ئاسان ئەمەس، بالىنى دادام، ئاناملارنىڭ ئۆيىدە قويۇپ كەتسەك، ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ نەۋرىسى بولغاندىكىن ئوبدان قاراپ قويىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ ئۆي مەكتەپكىمۇ يېقىن،..
قاسىم: ( قاسىم ئايالىغا قاراپ چالۋاقايدۇ) ھەي !!! كىم سېنى ساقال غىرىچلىغىن دىدى، ئۆتە ماڭ كىرىپ ئىشىڭنى قىلە، ئىككى ئىغىز گەپكە ئىرىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن، پاختا تەرگەن يەردە ئۇكىسىنى كىم باقىدۇ !؟ گەپ قىلمىسا كوتۇلداۋىرىدىكەنا ماۋۇ خوتۇن !
زۆھرە: ھەي سىلى نىمانداق جاھىللىق قىلىدىغانلا، بەزى دىھقانلىرىمىزنىڭ ھال-كۈنى سىلەردىنمۇ تۆۋەن ، تۇرمۇشى سىلەردىنمۇ قېيىنچىلىقتا ئۆتىۋاتسا ئۇلار بىز بىلەن كۆرۈشسىلا « خانىم بىزنىڭ مۇشۇ بالىلىرىمىزدىن باشقا يېقىن ئادىمىمىز يوق، ئۇلارنى ئوبدان تەربىيلەپ بەرسىلە، بالىلىرىمىز بىزدەك كۈنگە قالمىسۇن ! » دەپ بىزدىن قايتا- قايتا ئۆتۈنىدۇ، لېكىن سىلەر بولساڭلار، ھەي...
قاسىم: ۋاي خانىم، ئەتتىگەندە نىمە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالىلا بىزگە ؟!  سىللە زادى مۇشۇ مىنىڭ دىلنۇر قىزىمنى ئوقۇتمىغانغا ھۆكۈمەت سېللىنىڭ مائاشلىرىنى بەرمەي قالماس، مەن ئالدىرايمەن، ئەڭ ياخشىسى ئاغزىلىرىنى ئۇپراتمىغانلىرى تۈزۈك ! سىللە ئاڭلىمىغانما « قوناق ياغىچى بادرا بولماس، دىھقان بالىسى كادىر بولماس» دىگەن گەپنى؟ .. بەرىبىر بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى ئوقۇتۇپ كادىر قىلىشتىن قىلچە تامايىمىز يوق، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئاستا كىتىۋالغانلىرى تۈزۈك !
زۆھرە: سىلى ئويلاپ باقسىلا، ئاشۇ بالىلىرىنى مەكتەپتە ياخشى ئوقۇتۇشنى ئويلايدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بالىلىرىنى كادىر قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتامدىغاندۇ؟! « قوناق ياغىچى بادرا بولماس، دىھقان بالىسى كادىر بولماس» دىگەن گەپنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتتى، مانا مەنمۇ دىھقاننىڭ پەرزەنتى، مەنمۇ ئوقۇتقۇچى بولدۇمغۇ ! سىللى كاجلىق قىلمىسىلا !
قاسىم: ئىشقىلىپ سىللە نىمە دىگەنلىرى بىكار، مەن بالامنى بۇ يىل مەكتەپكە بىرەلمەيمەن، دىلنۇر ئۇكىسىنى باقمىسا بولمايدۇ.
زۆھرە: سىلەر ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭلار، بۇ قايسى زامان !؟ باشقا مىللەتلەر بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىشكە رازى، ئۇلار بالىلىرىنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن ھەر قانداق جاپا مۇشەققەتكە چىدايدۇ، ھازىر تەرەققىيات سۈرئىتى تىز، مۇشۇنداق ۋەزىيەتتىمۇ سىلەر كۆز ئالدىڭلاردىكى كىچىككىنە مەنپەئەتنى دەپ بالىنى مەكتەپكە بەرمەسلىككە باھانە ئىزلەپ يۈرىسىلەر. سىلەر مۇشۇنداق قىلىپ، بالاڭلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ نابۇت بولىشىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ !؟ ئەتە-ئۆگۈن ئۇ چوڭ بولغاندا سىلەردىن« دادا-ئانا سىلەر نىمنىشقا مېنى مەكتەپتە ئوقۇتمىغان؟  نىمىشقا مېنى نادانلىقتا قويغان؟ سىلەر مېىنىڭ نىمە بولارىمنى ئويلاپمۇ قويمىغانمۇ؟ » دىسە سىلەر نىمنە دەپ جاۋاپ بىرەرسىلە ! سىلەر ئەڭ ياخشىسى كاللاڭلارنى سېىلكىۋەتكىنىڭلا تۈزۈك !
( زۆھرە مۇئەللىمنىڭ گىپىدىن تەسىرلەنگەن ئايگۈل ئاستا ئىرىنىڭ كۆزىگە قارايدۇ )
ئايگۈل: دادىسى، مىنىڭچە بىز .... ( ئايگۈل ئىرىنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئاستا دىمەكچى بولغان گىپىنى يۇتىۋىتىدۇ )
زۆھرە: ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھەممىسىنىڭ كادىر بولۇشى ئەسلا مومكىن ئەمەس، لىكىن ئوقۇغان ئادەم ھەر قانداق يەردە گەپ سۆزدە بولمىسۇن، ئىش ھەركىتىدە بولمىسۇن ئوقۇمىغان ئادەمدىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ، قائىدىلىك بولىدۇ، خەقنىڭ كۈلكىسىگە قالىدىغان ئىشلارنى قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئەدەپ-قائىدىلىك چوڭ بولىدۇ. دىلنۇر قىز ھازىر كىچىك بولغان بىلەن ئەتە ئۆگۈن توي قىلىدۇ، خەقنىڭ ئۆيىگە كىلىن بولۇپ كىرىدۇ، يەنە بالىلىق بولىدۇ، ئويلاپ بېقىڭلار سىلەر مۇشۇنداق تىركىشىپ ساۋاتسىز كېلىن، ناباپ ئانىدىن بىرنى قاتارغا قوشماقچىمۇ؟ ئەڭ ئەقەللىيسى ئۇقۇمۇشلۇق ئانا بولۇپ، ئۆز بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشالايدىغان پەزىلەتلىك ئانا بولسىمۇ ھىساپ ئەمەسمۇ!  سىلەر ۋىجدانىڭلار بىلەن ئويلاپ باقتىڭلارمۇ !؟
( ئەر-ئايال ئىككىسى بېشىنى تۆۋەن سالىدۇ، ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلايدۇ، ئايگۇل ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ سۆزلەيدۇ) ئايگۈل: دادىسى، زۆھرە مۇئەللىم تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلدى، سىللىمۇ ئۆز ۋاقتىدا قېچىپ يۈرۈپ مەكتەپتە ئوقۇيالماي، ساۋاتسىز قاپتىكەنسىلە، بازارغا كىرسەك ئەرلەر خالاسى بىلەن ئاياللار خالاسىنىمۇ ئايرىيالماي، قاراغۇدەك خەقتىن سوراپ يۈرىيدىغان گەپ، ئەڭ ياخشىسى زۆھرە مۇئەللىمنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بالىنى ۋاقتىدا مەكتەپكە بىرەيلى !
( قاسىممۇ بېشىنى قاماللىغىنىچە ئاستا ئورنىدىن تۇرىدۇ )
قاسىم: توغرا دىدىڭ، ئەسلى مەنمۇ تېخى باھانە كۆرسىتىپ بۇ خانىمنى بۇ يىلمۇ يولغا سېلىۋىتىپ، بالىنى مەكتەپكە بەرمەسلىكنى ئويلىغان ئىدىم، ھىلىمۇ مېنىڭ ساۋاتسىزلىقىممۇ يېتەر، بالىمىز بولسىمۇ مەكتەپتە ياخشى ئوقۇسۇن، خانىم دىگەندەك ئۆز كۈنىنى ياخشى ئالسىمۇ، ھىچ بولمىسا بالىلىرىنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشىدىغان ساپالىق ئانا بولسىمۇ كۇپايە ! مەن تىرىقنى دەپ تۆگىدىن قۇرۇق قالغىلى تاس قاپتىمەن. يۈرە بالام خانىم بىلەن مەكتەپكە بارغىن !
( قاسىم بالىسىنىڭ قولىنى يىتىلەپ كىلىپ، زۆھرەنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ)
قاسىم: مۇئەللىم، قىزىم مەكتەپتە ئوقۇسۇن، قىزىمنى سىزگە تاپشۇردۇم، قىزىمنىڭ كەلگۈسىنى سىلەرگە تاپشۇردۇم !
( ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە بىر خىل تەبەسسۇم پارلايدۇ، دىلنۇر خۇشاللىقىدا سەكرەپ، تاقلاپ ناخشا توۋلايدۇ )
دىلنۇر: ۋۇي... مەن مەكتەپكە بارىدىغان بولدۇم، ۋۇي... مەن ئوقۇيدىغان بولدۇم.
( زۆھرە مۇئەللىم دىلنۇرنىڭ قولىدىن يىتىلەپ، مەكتەپكە ماڭىدۇ ۋە قاسىم ئەر-ئايال بىلەن خوشلىشىدۇ)

تۈگىدى

2015-يىلى 1-ئاينىڭ31-كۈنىدىن،2-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە يىزىلدى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-13 20:26  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-14 20:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىنى يورۇتۇشقا خېلى كۇچەپسىز، بالىنىڭ مەكتەپكە بېرىش ئارزۇسى ھەقىقەتەن كۈچلىككەن، بۇ بالىلارغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلسا ھەم يەنىمۇ كومۇدىيەلىك تۈس قوشۇلسا ئەسەرگە قايتىدىن جان كىرەتتى.

ۋاقتى: 2015-3-16 14:50:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز. ئوقۇتقۇچى يەنىمۇ قايىل قىلارلىق سۆزلەرنى قىلغان بولسا يەنىمۇ ياخشى چقاركەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-17 21:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارنىڭ ئىنكاسىغا رەھمەت. ئېتوت، ئىپىزوت يىزىۋاتقان باشقا دوسىتلارمۇ ياردەم پىكىرىڭلارنى ئايىمىغايسىلار !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش