ئەقلىي كۆرۈش نوقتىسى
ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغ
كۈز كۈنلىرىنىڭ بىرى ئېدى. ئايالىم ئۆيگە ھاۋا ئالماشسۇن دېگەن مەقسەتتە ئىشىكنى ئېچىپ قويغان بولغاچقا، ئاپتاپقا قوشۇلۇپ، ئۆي ئىچىگە بىرقانچە تال ھەرە كىرىۋاپتۇ. ئۇنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن قولۇمغا سۈپۈرگىنى ئېلىپ ھەريان شىلتىپ باقتىم، لېكىن ئۇ مەندىن قورقۇپ كەتتىمۇ ئېيتاۋۇر،ئۇلۇغ ئوچۇق تۇرغان ئىشىك تەرەپكە ئەمەس، ھامان دەرىزە تەرەپكە قاچاتتى. ھەم ھە دېگەندە دەرىزە ئەينىكىگە ئۆزىنى ئۇرۇپ، تولىمۇ بىچارىلارچە تىركىشەتتى. دەرىزىنىڭ ئۈستۈنكى تەرەپتىكى بىر پارچە ئەينىكىنىڭ ئورنىغا مەش كانىيى پاتقىدەك چوڭلۇقتا تۆشۈك ئېچىلغان قارا رەڭلىك تۈنىكە ئورنۇتۇلغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ھەرە ئاشۇ يوغان كاماردىن چىقىپ كەتسىمۇ بولىۋېرەتتى. لېكىن ئۇ قارا رەڭلىك جىسىم بار يەرنى مەڭگۈ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئەجەل ئۆڭكۈرى ھېساپلىدىمۇ ئېيتاۋۇر، شۇنچە يوغان كامار تەرەپكە زادىلا يېقىنلاشقىلى ئۇنمايۋاتاتتى. نىمىشقىدۇر ئۇنى ئۆلتۈرىۋەتكۈم كەلمىدى، ئۆلتۈرمەي ئۆيدە قويىۋېرەي دېسەم، كىچىك بالىلارنى چېقىۋالمايدۇ دېگىلى بولمايتى. قانداق قىلىش كېرەك، ئەجەبا ئۇنى سىرىتقا چىقىرىۋېتىشنىڭ بىرەر چارىسى تېپىلماسمۇ ؟ بىردەمدىن كېيىن بىر قولۇمغا قىزىمنىڭ چوڭ يۈزلىك رەسىم سىزىش ۋارىقىنى، يەنە بىر قولۇمغا بىر دانە سۇلىياۋ خالتىنى ئېلىپ، ھەرىنى پەم بىلەن خالتا ئىچىگە كىرگۈزۈشكە ئورۇندۇم. لېكىن ئۇ خالتىغا كىرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھە دەپ ماڭا ئېتىلىپ، ئۆزىنى تاساددىپىي يېتىپ كېلىش ئىھتىماللىقى بولغان زەربىدىن قوغداشقا ئورۇناتتى. شۇ جەرياندا ئۇ بىرقانچە قېتىم قارا تۈنىكىنىڭ يۇمىلاق تۆشۈكىگە شۇنچە يېقىنلىشىپ باردىيۇ، كاماردىن چىقىپ كېتىشنى زادىلا خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمىدى. بۇ ھال بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى. ئەنە كامارغا ئىككى سانتىمېتىر، بىر سانتىمېتىر، يېرىم سانتىمېتىر يېقىنلاشتى . ئەپسۇس ھەرە سىرىتقا چىقىدىغان يولنى ھىچبىر تاپالايدىغاندەك ئەمەس ئېدى. ئاخىرى سەبرە قاچام توشۇپ، قولۇمدىكى رەسىم سىزىش ۋارىقى بىلەن ئۇنى يېنىككىنە بىرنى ئۇرۇش ئارقىلىق، سۇلىياۋ خالتا ئىچىگە كىرگۈزدۈم-دە، كاماردىن سىرىتقا قارىتىپ تاشلىدىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ سۇلىياۋ خالتا ئىچىدىن گىزىڭشىپ ئۇچۇپ چىقىپ، كەڭرى دالىدا غايىپ بولدى. كېيىن چۈشۈنىپ يەتتىمكى، ھەرىنى شۇنچە مالال قىغىنى ئۆينىڭ ئىچى بىلەن سىرتىنى ئايرىپ تۇرغان سۈزۈك دەرىزە ئەينەكى ئىكەن. ناۋادا ئەينەك قارا بولغىنىدا ياكى باشقا قېنىق رەڭدەردە بولغىنىدا ئۇ ئۆزىنى –ئۆزى ئەخمەق قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، ھېلىقى قارا رەڭلىك تۈنىكىنىڭ كامىرى ئارقىلىق سىرىتقا چىقىپ كەتكەنمۇ بولار ئىكەن. لېكىن ئاشۇ سۈزۈك ئەينەك...
شۇنداق، كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىز بىلەن تاشقى دۇنيايىمىزنى نېپىز بىر قەۋەت ئەينەك توسۇپ تۇرغان بولىدىكەن. ئادەتتىكى كۆز بىلەن قارىغان چېغىمىزدا ئۇنى ئاسانلىقچە پەرىق قىلغىلى بولمايدىكەن. دەل شۇ سەۋەپلىك بىز «سىرىتقى دۇنيا چوقۇم مېنىڭ ئىچكى دۇنيايىم بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك، بارچە مەۋجۇدات مېنىڭ ئارزۇيۇمغا بېقىشى كېرەك» دەپ قارايدىكەنمىز. ھەتتا مۈشكۈلاتلاردىن، مەغلۇپلۇق ئۆتكەللىرىدىن ۋە قاراڭغۇ نوقتىلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ يۈرۈيدىكەنمىز. كىشىلىك دۇنيادا بەزى چاغلاردا ھادىسىنىڭ ماھىيەتكە، ماھىيەتنىڭ ھادىسىگە ئالمىشىپ قالىدىغان چاغلىرىنىڭمۇ بولىدىغنالىقىنى، بىز قاراڭغۇ دەپ قارىغان بوشلۇقلاردا يورۇق يوللارنىڭ مەۋجۇت بولىدىغانلىقىنى بولسا تەسەۋۋۇر قىلالمايدىكەنمىز. تازا دىققەت قىلسام، بىز ياشاۋاتقان ئوبىكتىپ دۇنيا، شېرىن ھايات، غالىبىيەت يولى دېگەنلەر ھامان مۇشۇنىڭغا ئوخشۇشۇپ كېتىدىكەن. شۇڭىمىكىن، كۆپ ھاللاردا كىشىلەرگە قاراڭغۇلۇققا قارىغاندا يورۇقلۇق، مەغلۇبىيەتكە قارىغاندا غالىبىيەت يولى داغدام ھەم كەڭرى تويۇلىدىكەن. ھەربىر نەىرسىگە ئەقىل كۆزىمىز بىلەن قارىمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك كۆزىمىزگە ۋاقىتلىق قارا بولۇپ كۆرۈنگەن نەرسىلەر ئىچىدىمۇ يورۇق نوقتىلارنىڭ بولىدىغانلىقىنى بايقاپ يېتەلمەيدىكەنمىز ھەم ئۆز مەغلۇبىيىتىمىزنى ئۆزىمىز چىللايدىكەنمىز. بىراۋ بىزنى توغرا يولغا باشلىسىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىكەنمىز ياكى ئۇلارغا دۈشمەنلىك نەزىرىمىز بىلەن قارايدىكەنمىز. كېيىنكى كۈنلەردە ھەرىنى سۇلىياۋ خالتىغا سولاپ تاشلىغانغا ئوخشاش مەلۇم بىرخىل مەجبۇرىلاش ۋاستىسىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقمىغان يورۇق نوقتىلارغا ئېرىشكەن چېغىمىزدا بولسا ئۇنى قانداقتۇر تەقدىرگە، ئىلاھىي كۈچكە باغلاپ چۈشۈنىدىكەنمىز-دە، تەقدىرىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپچى بولغان خەيرخاھ كۈچلەرنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز. ھەتتا نەشتىرىمىز بار دەپلا، كەلسە-كەلمەس چاغلاردا بىراۋنى چېقىۋېلىشقا ئالدىرايدىكەنمىز. ئاشۇ ئالدىراڭغۇقىمىز، ئاڭقاۋلىقىمىز تۈپەيلىدىن غالىبىيەت، نۇسرەت دېگەنلەر بىزدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپلا تۇرىدكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-13 11:45
|