ئىككى شېئىر
پاتىگۇل مۇھەممەد
ئايال دېمەك
ئايال دېمەك گويا ئوت شارى،
ۋۇجۇدىدا گۈلخان تەپتى بار.
يالقۇنىدىن ئىللىغاچ دىللار،
ھەر ئىنساننىڭ ۋىجدان قەرزى بار.
بايلىق ئىزدەش نە ھاجەت بىزگە،
ئايال دېمەك گويا ئالتۇن كان.
ئەجرى ئۇنىڭ باھارغا ئۇدۇم،
پاك مېھرىدە جەننەتتۇر ئايان.
ئايال دېمەك سۆيگۈ بۇلىقى،
ئۇندا ياشنار قەلىب ئېتىزىڭ.
ئۇ پەرۋىشكار باغۋەندۇر يەنە،
تۈزىلىدۇ سەبىي قىلىقىڭ.
ئايال دېمەك پىداكار جەڭچى،
ئۆي-ۋەتەنگە ئاتار بارىنى.
ئۈنسىز بەدەل مۇھەببەتلىك كۈي،
چېكەر ئەرنىڭ يۈرەك تارىنى.
ئايال دېمەك مېۋىلىك بىر باغ،
ئەر پەرۋىشى ئۇنى ياشنىتار.
قايىللىقتىن تېپىپ كۈچ-قۇۋۋەت،
چىن مېھرىدىن قوياش چاقنىتار.
ئايال دېمەك سۆيگۈ دېڭىزى،
غەۋۋاس بولۇپ ئۇندا ئۈزەيلى.
دۇنيا كۈلەر ئايال بەختىدىن،
كۈلكىلەردىن ئۈنچە سۈزەيلى.
ئەركەك لەۋزى
گۈل پەسلىدە گۈل سۇندۇڭ ماڭا،
ھىسلىرىمغا رەڭ بىرىپ جانان.
چىكىپ ئۆتتۈڭ قەلىپ تارىمنى،
يۈرەگىڭنى بىرىسەن قاچان.
رەڭسىز تۇيغۇم چوغلاندى بىردىن،
گۈل ئەمەسمۇ كۆڭۈلنىڭ ئۆزى.
چىچەكلىسە ئۈمۈت دەرىخىم،
ئېچىلغۇسى بەختىمنىڭ يۈزى.
ۋاقىت چاپار ،پەسىل ئالمىشار،
توزۇيدۇ.راست قولۇمدىكى گۈل.
ئەركەك لەۋزى –ھالاللىق لەۋزى،
قىرىسىمۇ ئۆڭمەيدۇ كۆڭۈل.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-12 10:10