يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 4000|ئىنكاس: 5

پاتىگۈل مۇھەممەد: «ئىچىمدىكى تىكەنلەر» دىن ئېچىلغان گۈللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئىچىمدىكى تىكەنلەر»دىن ئېچىلغان گۈللەر
پاتىگۈل مۇھەممەد

ياشاشنىڭ ئۆزى ئىمتىياز ھەم پۇرسەتتۇر. ھەربىر ئىنساننىڭ قانداق ياشىشى، ئۆز بەخت-سائادىتىنى قانداق يوللار بىلەن، نېمىلەرگە تايىنىپ قولغا كەلتۈرۈشى ئۇنىڭ ئىلىكىدىكى مۇقەددەس ھوقۇقتۇر. بۇ ھوقۇق ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەلتۆكۈس يېڭىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئىنسان يەنە ئەقىل-پاراسەتتە بەردەم يېتىلىپ، ئىنسانى خىسلەتلەر بىلەن ۋۇجۇد ئېتىزىنى سۇغۇرۇپ، مەنىۋىيەت تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئارقىلىقلا ھەقىقىي مەناغا ئىگە بولىدۇ. «ئىنسان-نۇقسان» دېگەن ئۇقۇمدىن قارىغاندا ئىنساننىڭ ياشاشتىكى ئەڭ ئالىي مەقسىتى بولسا ئۆزىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، روھىي زاۋاللىقلاردىن يىراق تۇرۇپ، مەنىۋى تاكامۇللۇققا ئېرىشىش ئۈچۈندۇر.
ھايات سەپىرىمىز دىشۋارچىلىقلاردىن خالى ئەمەس، تۈز يولدا كېتىۋېتىپمۇ تويۇقسىز مۈدۈرۈپ چۈشىدىغان قىسمەتلەردىن ساقلىنالمايمىز. ماددى جەھەتتىكى يوقىتىشلار ئىنساننى يېقىتالمىسىمۇ، مەنىۋى جەھەتتىن قىستاپ كەلگەن ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ قارا كۆلەڭگىسى ۋۇجۇدىمىزنى ئۆرتەپ، كۆز ئالدىمىزنى خىرەلەشتۈرگەندە قەلبىمىزدىكى ئۈمىد نۇرى روھىيەت پەرۋىش قىلىشقا ئۈندەيدۇ. خۇددى قەقىنۇس ئوتتا كۆيۈپ، ئوت ئىچىدىن تاۋلىنىپ چىققاندەك، ئازاب ۋە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ئىچىدە پىشىپ چىققان ھاياتلا ئىنسانغا چىدام-غەيرەت ئاتا قىلىپ، ھاياتنىڭ ھەربىر دەقىقىلىرىنى مەنالار بىلەن بېزەيدۇ.
خاسلىققا ئىگە خاراكتېرىمنىڭ ئىلھامى بىلەن مەنىۋىيەت بېغىمنى پەرۋىش قىلىش يولىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ھىدلاپ يۈرگەن دەقىقىلىرىمدە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ كۈسەن مەدەنىيىتىنىڭ 2014-يىلى بىرىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرى بىلەن ئۇچراشتىم. تارىخى بۇرۇچ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئۇستازنىڭ شېئىرلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىپ، شېئىرلارنىڭ ماڭا بېرىۋاتقان بەدىئىي زوقىغا قايىل بولدۇم. ئۇستاز شېئىرلىرىدا ھەردەم دەۋر روھىنى چىن ماھىيىتىدىن چۈشىنىپ، دەۋر ئاتمېسفۇراسىنى چوڭقۇر قېزىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ يىلتىزى بولغان سەمىمىيلىكنى ئىجادىيەت مىزانى قىلىپ كەلگەن بىر شائىردۇر. ئۆزلۈك ئېڭىنى نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇستازنىڭ پىشقان تەپەككۇرىدىن تامچىغان مىسرالىرى ئىختىيارىمنى قويىۋېتەي دېمەيتتى. شېئىرنىڭ ھەر بىر سۆز ئۈنچىلىرىگە سىڭىپ كەتكەن تېرەن مەنالىرىدىن روھىم سىلكىندى. مىسرالارغا سىڭىپ كەتكنىمچە تۇرمۇش ۋە ھاياتنىڭ قاتمۇ-قات سىناقلىرىدا تولا ئۆڭۈپ، رەڭگىگە تويۇنمىغان قىزغۇچ تۇيغۇم، ئاياللارغا خاس نازۇك تىۋىشلىرىم ئۇستازنىڭ مىسرالاردىن قۇرىلىۋاتقان مەنىۋىيەت قەلئەسىگە ئاستاغىنە كىرىپ كەلدى. شۇنداق قىزغىن بىر ھېسسىيات مېنى قەلەم ئېلىشقا ئۈندىگەن بولسىمۇ، لېكىن بەدئىي دىتىمنىڭ سەل چولتىلىقى سەۋەبلىك خېلى كۈنلەرگىچە ئۆزۈمنى تىڭشاپ يۈردۈم. تەپەككۇرنىڭ ئىنساننى چاقىرغاندىكى ئاۋازى كۈچلۈك بولىدىغىنى راست ئوخشايدۇ. ئاخىرى ھېس قىلغانلىرىمنى ئازدۇر-كۆپتۇر دەپ بېقىش ئۈچۈن قولۇمغا قەلەم ئالدىم.

مۇھاجىر ناخشىسى
ۋەتەن سۆيگۈسى مەڭگۈلۈكتۇر. ساغلام تۇيغۇ، چوڭقۇر تەپەككۇرغا ئىگە كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر ئۆچمەس ئوت بار. بۇ ئوت روھقا مەدەت، تەنگە قۇۋۋەت ئاتا قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ۋەتەن سۆيگۈسىدۇر. ئىنسان ھاياتىنى قۇش دېسەك ۋەتەن ئۇنىڭ بىر جۈپ قانىتى. ھاياتنى بىر بۇلاق دېسەك ۋەتەن ئۇنىڭ مەنبەسى. ھاياتلىق ئالىمىگە كۆز ئېچىپ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەندىن تارتىپ تاكى ئاخىرقى نەپەسلىرىمىزگىچە ۋەتەن ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدا ياشايمىز، يايرايمىز. ئۇ بىزگە ئەجدادلار ياراتقان بۈيۈك تارىخنى، بۈگۈننىڭ خوجايىنلىرى ئۈمىد بىلەن تەلپۈنگەن گۈزەل ئەتىنى ھەدىيە قىلىدۇ. ئۇ مېھىر بۇلىقى، مەجرۇھلارغا ھاسا، ئەمالارغا كۆز، نېمجانلارغا قۇۋۋەت بېرىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ چىن ئىنسانىي تۇيغۇلارغا ئىگە ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەلبىدە ۋەتەن سۆيگۈسى يىلتىز تارتقان بولىدۇ. ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈش جىنايەت ۋە خىيانەت بولۇپ، بۇنداق ئادەملەر ئەلەم كۈلپەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. ئەقىللىق ئاتا-بوۋىلىرىمىز «ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنىنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە»، «ئۆزگە يۇرتتا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇرتىڭدا ئۇلتان بول» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان. كېسىپ ئېيتالايمىزكى، ۋەتەن مۇھەببىتى مەڭگۈلۈك مۇھەببەتتۇر. تارىختىن بۇيان پەقەت ئۆزىنىڭ ۋىجدانى ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى تونۇپ يەتكەن ئاز بىر قىسىم ئەدىبلىرىمىزلا ۋەتەندىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېمىنى قەلىمىگە ئېلىپ، ئوخشىمىغان بەدىئىي دىت بىلەن نامايان قىلىپ، ئەل قەلبىگە ۋەتەننىڭ سۇلماس ئابىدىسىنى تىكلەپ كەلدى. قارايدىغان بولساق ئەنە شۇنداق ئەدىبلىرىمىزنىڭ روھىدىن سۇغىرىلىپ چىقىپ، تېرەن ئەقىدە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن ۋەتەن ھەققىدىكى قىسسە-داستانلار، لىرىكا-قەسىدىلەر ھەردەم قېنى بىلەن، روھى بىلەن ئوقۇرمەن قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ئىنسان روھىغا مەنىۋى ئوزۇق بولۇپ كەلمەكتە. ئۇستاز ئا. جالالىدىن ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتكار ئىپتىخارلىق ئەدىبلىرىمىز قاتارى «ۋەتەن» تېمىسىنى قەلىمىنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەت بۇلىقى قىلىپ، ھەر بىر مىسراسى بىر ھېكمەت بولۇپ سۆزلەپ تۇرىدىغان شېئىرلارنى يېزىپ كەلگەن. ئۇستاز ۋەتەن مۇھەببىتىدىن تويۇنۇپ، ئانا ۋەتەن بىلەن بىر جان بىر تەنگە ئايلىنىپ كەتكەن ھېسسىياتىنى مىسرالاردا جۇلالاندۇرغان. مەسلەن:
بۈگۈنكى زامان شائىرلىرىدىن ت. ئېلىيوف «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل»، ئوسمانجان ساۋۇت «توزان قەسىدىسى»، «ئالمىدەك يۈرەكتە ئالەمچە سۆيگۈ» ناملىق شېئىرلارنى يېزىپ، ئەل قەلبىدە يادلىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇنىڭدىن ۋەتەن ئانىغا ئەقىدە قىلغان، ئۇنىڭ ئولۇغلۇقىدىن سۆيۈنگەن ئوغلانلارنىڭ ئولۇغلۇق مەرتىۋىسىگە ئېرىشىپ، تارىخ بېتىدىن، كۆڭۈللەر تۆرىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز. ئۇستاز ئا. جالالىدىن يازغان «مۇھاجىر ناخشىسى» مۇ دەل ئەدىب ۋۇجۇدىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسىدىن پۈتۈلگەن دۇردانىدۇر. زاۋاللىق ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىغان بىر قىسىم كىشىلىرىمىز ھېلىھەم چەت ئەللەرگە ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، تۇرمۇش ئادىتىگە ھەۋەس قىلىشتىن توختىغىنى يوق. «تاشمۇ چۈشكەن يىرىدە ئەزىز» دېگەن ئىكەن ئاتا-بوۋىلىرىمىز. ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئادەم ۋۇجۇدى ئۆز زېمىنى، ئۆز قەۋمى باغرىدا يايرايدۇ، ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەقىلغا ئىشارەت، نادانغا جۇۋالدۇرۇز» دېگەندەك بىلىم ئىگىلەش مەقسىدى بىلەن ياكى باشقا سەۋەبلەر بىلەن ۋەتەندىن ئايرىلىپ باشقا ئەللەردە ياشاۋاتقان مۇساپىرلار دۇچ كېلىدىغان روھى يوقۇتۇش، ئايرىلىش ئازابىنى تۇيۇنغان تەپەككۇر بىلەن جىلۋىلەندۈرۈپ، چۇڭقۇر شېئىرى پىكىر بىلەن، مۇنداق ئىپادىلىگەن:

ۋەتەن قەدرى يېتەر ماڭا ئايرىلغاندا،
مۇساپىر بولۇپ قاناتلارىڭ قايرىلغاندا.
سېغىنىسەن ئۆز يۇرتىڭنىڭ قاغىسىنى،
ئۆزگە يۇرتنىڭ بۇلبۇللىرى سايرىغاندا.

ئۆزگە يۇرتنىڭ ھەممە يېرى باغ بولسىمۇ،
تاپقان پۇلۇڭ دۆۋە-دۆۋە تاغ بولسىمۇ.
ئۆز يۇرتىڭدا قەدەملىرىڭ تىترىمەيدۇ،
ھەر قەدەمدە يۈرەكلىرىنىڭ داغ بولسىمۇ.
-«مۇھاجىر ناخشىسى» ناملىق شېئىردىن①
دېگەن بۇ ئىككى كۇبلېتتا ئوي پىكىر، ھېسسىيات ياندىن بايان قىلىنغان بولسا، ئاخىرىدىكى ئىككى كۇبلېتتا جانلىق شېئىرى ئوبراز ئوتتۇرغا چىقىپ، ۋەتەن ئىشقىدا پۇچىلانغان مۇساپىرچىلىقنىڭ دەردىنى تارتقان قەلىبلەرنىڭ ھەقىقىي ئىقرارنامىسىنى سىزىپ بەرگەن. مەسىلەن :
يايساممۇ گەر ئۆزگە يۇرتتا شاخلىرىمىنى
ئۇنتالمىدىم ۋەتەندىكى يىلتىزىمنى.
يات شەھەردە كىم ئاڭلايدۇ ئاھلىرىمنى،
يۈتىۋەتتىم تالاي ئاچچىق ھېسلىرىمنى.

ئۆلسەم يۇرتقا قارىتىڭلار يۈزلىرىمنى،
يۇمدۇرماڭلار ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىمنى.
جېنى تاتلىق تەنلىرىمنى كۆمۈپ قويۇپ،
ۋەتىنىمگە ئېپ كېتىڭلار يۈرىكىمنى.
-«مۇھاجىر ناخشىسى» ناملىق شېئىردىن ②
بۇ مىسرالاردا جىلۋىلەنگەن چىن ھېسسىيات، سۈزۈك تۇيغۇ بىزگە مۇساپىرچىلىق ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان دەرتمەنلەرنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىنى ئاڭلاتسا؛ مۇساپىرلارنىڭ كۆڭۈل يارىسىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرىۋاتقاندەك ئىزگۈ تۇيغۇلارغا چۆمۈلىمىز. بۇ تۇيغۇلار بىزگە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئانا ۋەتەن باغرىدا يايرىغان ھەربىر كۈنىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن غەنىمەت، بەخىت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ۋەتەننى قوغداش ئۇنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولغان ئەتىسىنى كۈتىۋېلىش ھەققىدىكى مەسئۇلىيەتلىك بۇرچىمىزنى تونۇتىدۇ.
«ياتلىشش»
شەيئىلەر تەرەققىياتىدىكى دېئالىكتىك بىرلىك نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ھەرقانداق بىر شەيئىنىڭ ئارقىسىغا مۇقەررەر بىر يوقىتىش يوشۇرۇنغانلىقىغا كۆز يۇمالمايمىز. بۈگۈنكى پېشانە تەرىمىز ئەتىكى بەختىمىزگە ئۇل سالسا، بەزىدە بۈگۈنكى مەغرۇرلۇقىمىز، بىپەرۋالىقىمىز، تەنتەكلىكىمىز بىلىندۈرمەيلا بىزنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىدۇ. ئىنسان ھاياتى يەككە يىگانە ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپ توپ ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ، شۇ توپ ئىچىدە ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق خىسلىتىنى جارى قىلدۇرۇپ شان-شۆھرەت تاجىنى كېيىدۇ. ئار نومۇس بېزەكلىرى بىلەن ئەخلاق گۈلىستانىنى ياشارتىدۇ. قىسقىسى «ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم». بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ئاساسى بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ ھاياتى پائالىيىتىنى ئۆزىنى ئوراپ تۇرغان مۇھىت، تەبىئەت قوينىدا داۋاملاشتۇرىدۇ. تەبىئەت ماھىيەتتە ۋەتەن بىلەن يىلتىزداش غەمگۈزاردۇر. ئۇنداقتا ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ھالىتىگە نەزەر ئاغدۇرساق نېمىلەرنى بايقايمىز؟! بىز نېمىلەرگە ئېرىشىپ، نېمىلەردىن مەھرۇم قالدۇق؟! بۇ ھەربىر ئەقىل ئىگىسى، ۋىجدان ئىگىسى ئويلىنىشقا تېگىشلىك سۇئال. ئادەمنى تەبىئەت ياشارتىدۇ، كىشىلىك تۇرمۇش ئۇنى تاۋلايدۇ. ئانا تەبىئەت ئۆزىنىڭ پىداكارلىقى، سېخىيلىقى، مىننەتسىز تەقدىم قىلىشلىرى ئارقىلىق، ئىنسان ۋۇجۇدىدا گۈزەللىكنىڭ، ئادەمىيلىكنىڭ نۇرانە تۇيغۇلىرىنى بالقىتىدۇ. تەبىئەت ئىنسانغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى، نۇرغۇن ئىچكى-تاشقى ئۆزگىرىشلەرنى ھەدىيە قىلدى. شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى دەل بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇ. ئويلاپ باقساق نۇرغۇن نەرسىلەرگە ئېرىشىپتىمىز، كۆز ئالدىمىزدىكى مەنپەئەتنى دەپ كەلگۈسى جەمئىيەتنىڭ يىلتىزىنى قىرىپ تۈگىتىپ، ئانا تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىمىزمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس.
ۋىجدانى بۇرۇچ تۇيغۇسىغا ئىگە، يىراقنى كۆرەر، ئوت يۈرەك ئەدىبلىرىمىز بۈگۈنكى بەختىيارلىقتىن، جىلۋىدار سۈرەتلەردىن زوقلىنىپلا قالماي، يەنە خەلقنىڭ ئەتىسىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. كەلگۈسى تەقدىرىدىن غەم يەپ، نۆۋەتتىكى تەرەققىيات تارتۇقلىغان سوۋغاتلاردىن مەس بولغان كىشىلەرنى دادىل، جەڭگىۋار ياڭراق ئاۋازى بىلەن بىخۇتلىقتىن ئويغىنىشقا چاقىرىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن «ياتلىشش» ناملىق شېئىردا دەل ئەنە شۇنداق سەزگۈرلۈك بىلەن بۈگۈننىڭ كۆزىدىكى تەبىئەت سېماسىنى تېز سىزما قىلغان.
ئورمانلاردىن شۇنچە يىراقلاپ كەتتىم
خاتىرەمدىن قالغىنى پەقەت
يېلىنجىشى كۆلەڭگۈلەرنىڭ
ياپراقلارنىڭ تاشقا ئايلىنىپ
ئاتنىڭ غۇۋا كىشنەشلىرىدىن
پۇلاڭلىشى ئۆزەڭگىلەرنىڭ
شەھەردىكى
ئاسما چىراغلارنىڭ چۈشىگە
كىرەمدىكىن؟
دالىدىكى تۇياق ئىزلىرى.
-«ياتلىشىش» ناملىق شېئىردىن③
بۇ مىسرالاردا شەھەر مۇھىتىدا ھايات كەچۈرىۋاتقانلارنىڭ ئانا تەبىئەتتىن يىراقلاپ كېتىشى بىلەن تەبىئەتتىن يىراقلاشقاندىن كېيىنكى روھى-ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. قەلب كۆزىمىز بىلەن ئىنچىكە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىر قىسىم قىزىققان، ئالدىراڭغۇ، شەخسىيەتچى كىشىلەر كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنى دەپ تەبىئەتنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتماقتا. يەنە بىر قىسىم قەلبى ئويغاق كىشىلەر شەھەرنىڭ قايناق تۇرمۇش مۇھىتىدىن بىزار بولۇپ، يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسىغا، ساددا ئادەملىرىگە، سۈزۈك، پاكىزە ھايات رېتىمىغا ئىنتىلىدۇ. شائىر تولىمۇ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن مىسرالارنىڭ كۆركىدە گۈلدەك ئېچىلدۇرغىنى شەھەر بىلەن يېزىنىڭ ئىنچىكە سېلىشتۇرمىسىدا رۆشەن ئىپادىلەنگەن. شائىر كىشىلەرنىڭ ئەنە شۇنداق روھىي بۇرۇختۇملۇقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ قېزىپ، شەكىلسىز مەۋھۇملىقتىكى ئىچكى ئىنتىلىشى ۋە كۈچلۈك زارىقىشىنى پارتىلاش خاراكتېرلىك قايناق ھېسسىياتى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن، مەسىلەن :
مەن قاڭقىپ چىقىپ يەر يۈزىدىن
قارايمەن دېرىزەمدىن
يەر يۈزىگە
قارايمەن تېلېۋۇزوردىن
ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنىڭ جىلۋىسىگە،
ئالدىمدىكى ئاپلېسىن
ۋە
بىر تەخسە يېرىلغان ئانار
شاھىتتۇر ئۆز ئۆزۈمنىڭ غەلىبىسىگە.
-«ياتلىشىش» ناملىق شېئىردىن ④
بۇ مىسرالاردا كونكېرت ئوبراز سۈپىتىدە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقىنى مەۋھۇم بىر ئىللەت، يەنى بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمىۋالغان ئۆزىدىن ھالقىيالماسلىق ھەمدە ئۆزىدىن ھالقىشنى خالىماسلىق خاھىشى بولۇپ، شائىر شېئىرنىڭ روھىغا سىڭدۈرگىنى دەل شۇ ئىللەتنى تونۇپ يەتكۈچىلەرنىڭ ئىقرارنامىسىنى جاكارلىغان. بۇ ئىقرارنامىدە ئىقرار بار، تەنقىد بار، ئېچىنىش ھەم بار.
تورغا كىرسەم
خوشنام غايىپ بولدى يىراقلاپ،
مانا مۇشۇ شېئىرنى يازدىم،
ئالدىراش يىگانە شائىرنى ئاقلاپ.
-«ياتلىشىش» ناملىق شېئىردىن ⑤
مانا بۇ مىسرالاردا ئۇچۇر دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزغا كۆرسەتكەن تەسىرى، نۇرغۇن ۋاقتىمىز ۋە زېھنىمىزنى ئەنە شۇ تور ئالاقىسىگە سەرپ قىلىۋېتىپ، قەدىرلەشكە تېگىشلىك گۈزەل ئەنئەنىلىرىمىزدىن يىراقلىشىپ قېلىۋاتقىنىمىزنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن. ئىنسان بىلەن ئنسان، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى دېئالېكتىكلىق باغلىنىشقا ھۆرمەت قىلىش زۆرۈرلۈكىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن بىرگە مۇھىمى روھىيەت غاپىللىقىمىزغا قامچا ئۇرغان.

ئوتتۇرا ياشتىكى بايقاش
گېرتسىن :«ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىش زېرەكلىك ۋە دانىشمەنلىكنىڭ بەلگىسى» دەپ توغرا ئېيتقان. بىرلا قېتىم نېسىپ بولىدىغان بۇ ھاياتتا بىر قىسىملىرىمىز ھاياتنىڭ، ياشاشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەي، ياشىغاننى دوراپ بولالمايلا ياشاشقا ئۇرۇنىمىز. ئىرادىسىزلىك، بېلى بوشلۇق، شۇنداقلا ھۇجۇدىمىزدىكى تۈرلۈك ئىللەتلەر بىزنى ھەقىقىي ياشاش ئىمتىيازىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. ئوتتۇرا ياش مەزگىل تەجرىبىلەر توپلىنىدىغان، كېيىنكى ھايات مۇساپىسىگە پىشاڭ بولىدىغان پەسىل. پازىل ئەقىل ئىگىلىرى بۇ پەسىلدىن بەلگىلىك نەپ ئالىدۇ. يەنە بىر قىسىم كېچىكىپ ئويغانغۇچىلار بولسا قاتمال تەپەككۇر ۋە بىمەنە ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، كۆچۈرمە ئىدىيە، پاسسىپ روھىي ھالەت بويۇنتۇرۇقلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ھەقىقىي ھايات ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ. ئەكسىچە بىر قىسىم نادانلار بولسا يەنىلا ئۆز سەۋەنلىكلىرى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقماي مەڭگۈ قېرىمايدىغاندەك، تەنتەكلىك بىلەن ياشاشقا ئۇرۇنىدۇ، لېكىن ھەقىقىي ياشىيالماي پەقەت كۈن كەچۈرگۈچى ۋاقىت خىيانەتچىلىرى بولۇپ كېتىۋېرىدۇ. بۇ پىكىرنى ئۇستاز مۇنداق ئىپادىلىگەن:

گەرچە چېچەكسىز كەلسىمۇ باھار
ئەتىر قۇتىسىنى يېقىن ئەكىلىپ،
ھېدلىۋالدىم ئۇنىڭ ھېدىنى،
سىلىق بولغاچقىمىكىن شامالنىڭ خۇيى،
سىلىسىمۇ جانانلىرىنى
قالدۇرمايدىكەن بارماق ئىزىنى.
-«ئوتتۇرا ياشتىكى بايقاش» ناملىق شېئىردىن ئېلىندى⑥
بۇ مىسرالاردا ئۇستاز يەنە ياشاش ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەن بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ھېچقانداق نام نىشان قالدۇرمىسىمۇ ساختا ياشاشقا كۆنۈپ كەتسە، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇچقۇر يىللار شەپىسىزلا كېلىپ ئۆمۈر باھارىنى ئوغۇرلاپ كەتكىنىدە ۋاقىت چۇلۋۇرىنى مەھكەم تۇتۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى كېچىكىپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى جانلىق ۋە ئوبرازلىق سۆزلەر بىلەن سىمۋۇللۇق ئىشارىگە بىرلەشتۈرۈپ شائىرانە تۇيغۇسىدا يۈكسەك بەدىئىي دىت بىلەن ئىپادىلىگەن. ئۇستاز ئوقۇرمەنلەرنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرلەپ تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىغا باشلاپ كونكېرت شەيئىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىنسان روھىدا ئاينىپ كېتىۋاتقان يامانلىق، خۇنۇكلىك، ئادالەتسىزلىك، قالاقلىقنىڭ ھامان بىر كۈنى ياخشىلىق، گۈزەللىك، ئادالەت، ئىلغارلىققا ئورۇن بوشىتىدىغانلىقىنى مىسرالارغا ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن سىڭدۈرگەن. بىزنىڭ بۇ ھاياتتىن ئېرىشىدىغىنىمىز ھەسرەت، نادامەت، كۆز يېشى، پۇشايمان بولۇپ قالمىسۇن دېسەك چىن تۇيغۇمىزغا، ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنىڭ بىركمىسىدىن پۆرەكلەپ ئېچىلىۋاتقان ئىنسانىي پەزىلىتىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىمىز لازىملىقىدىن بېشارەت بەرگەن ۋە بۇنى تۆۋەندىكى مىسرالاردا ئىپادىلەنگەن:
خىيانەت قىلساق
دىيانەت سۆزلىرىگە
تەكرارلاپ تۇرۇپ
قاچىدىكەن قۇش بولۇپ سۆزلەر
قالدۇرۇپ توزىغان پەيلىرىنى.
دەپ يوشۇرۇن مەنا ئارقىلىق سەزگۈمىزنى غىدىقلىسا ئاخىرىدىكى
ئۆلسىمۇ قانچىلاپ يالتىراق پىكىر،
ئاپپاق بولۇپ چاقنايدىكەن تۇز
ئېرىغدايدىكەن ھايات كىرىنى.
-«ئوتتۇرا ياشتىكى بايقاش» ناملىق شېئىردىن ئېلىندى ⑦
بۇ مىسرالار ئارقىلىق ئۇستاز يەنە نەيرەڭۋازلىق، كۆرەڭلىك، ساختىلىق، سەمىمىيەتسىزلىكىنىڭ ئىنسان روھىنى چىرىتىپ، ئىنساننى ھالاكەت گىردابىغا باشلايدىغان ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى؛ پاكلىق، ھالاللىق، تىرىشچانلىق، سەمىمىيەتنىڭ ئىنسانغا غالىپلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى يەكۈنلىگەن. شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرىقى مىسرالىرىدا ھەرقانداق ئىنسان ئۆز قىلمىشىغا، نىيەت ئىقبالىغا قاراپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى ياكى جازاغا ئۇچرايدىغانلىقى، قىسقىسى بىز ئىنسانلار ھامان بىر كۈن ھەقىقەتكە باش ئېگىدىغانلىقىمىزدەك رېئال پىكىرنى يۇشۇرۇن ئىپادىلەپ، ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ ھەقىقەت گۈزەللىكى ئىكەنلىكىدەك يىمىرىلمەس پىكىرنى پەلسەپىۋىي نۇقتىدىن شەرھىلىگەن.
شېئىر پەلەسەپە ئەمەس، ئەمما ئۇ پەلسەپىدىن يىراقمۇ ئەمەس. «مۇھاجىر ناخشىسى»، «ياتلىشىش»، «ئوتتۇرا ياشتىكى بايقاش» دېگەن ماۋزۇلاردىكى شېئىرلاردا سەكرەتمە تەسەۋۋۇر، سىمۋول، سۈپەتلەش قاتارلىق بەدىئىي ئامىللارنى گىرەلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ سەزگۈمىزگە تەم ئاتا قىلىدىغان ئەڭ يېقىملىق سۆيگۈ- ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئۆزىگە خاس بەدئىي دىت بىلەن ئىزھار قىلغان. شۇنداقلا مىللىي كىملىكنى بەرباد قىلغۇچى، گۈزەل ئەنئەنىمىزنىڭ يىلتىزىنى قىرقىپ تاشلىغۇچى، روھنى خۇنۈكلەشتۈرگۈچى ياتلىششقا قارىتا كۈچلۈك نارازىلىقنى بىلدۈرگەن. ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى ئەڭ قورقۇنۇشلۇق دۈشمەن-سەمىمىيەتسىزلىك، ئاچكۆزلۈك، ھەسەتخورلۇق، ساختا شۆھرەتكە بېرىلىشتەك ئىللەتلەرنى ئۆتكۈر پەلسەپىۋى پىكىر، چوڭقۇر مەنىلەر مۇھىتى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇپ ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەقىقەت مارشىنى ياڭراتقان. بۇ بىر يۈرۈش شېئىرلارنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىكى ئۇنىڭدىكى مەنالار موھىتىنىڭ يوشۇرۇنلۇقتا نامايان بولۇشىدۇر. نامايان قىلىپ، ھازىرقى زامان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئستېتىك تەلىپىدىن قارىغاندا شېئىرىدىكى ئىدىيەنىڭ بەك ئوچۇق ئىپادىلىنىشى شېئىرنىڭ جەلپكارلىقنى تۆۋەنلىتىدىغان ئامىلدۇر.
«ھەقىقىي شېئىرنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى مەۋھۇم بولىدۇ، سەنئەتنىڭ چوقۇم ئۆزىگە خاس رامكىسى بولۇشى، تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىن ئېلىنغان نەرسىلەرنى شۇ ئارقىلىق تاللاپ بايان قىلىپ بېرەلىشى كېرەك»⑧ دەپ بايان قىلىنغىنىدەك، ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ شېئىرلىرىدىكى مەنانى ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتماستىن سىمۋوللۇق ئۇسۇل بىلەن يوشۇرۇن ئىپادىلىگەن. بۇمۇ شائىرنىڭ شېئىرى ئۇسلۇبىدىكى بىر ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكتۇر.
قىسقىسى «قەلبىمدىكى تىكەنلەر» ماۋزۇ ئاستىدىكى شېئىرلادا چاقناپ تۇرغان بىر ئولۇغ روھنىڭ يۇشۇرۇن سىماسىنى يەنى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن يۇغۇرۇلغان كەتكەن نۇرنى، يول كۆرسەتكۈچ ماياكنى كۆرگەندەك بولىمىز. ئۇستازنىڭ قەلبىدىكى تىكەنلەردە يۈرىكىمنى قانىتىپ تۇرۇپ ھېس قىلغان مەنەلەر قاتلىمى چەكسىز بولۇپ، مېنى بارغانچە ئۆزىنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا تارتىپ كېتىۋاتماقتا ئىدى. بەلكىم بىز ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھېس قىلالىغىنىمىز، كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن كۆرەلىگىنىمىز، ئەقىل ئەلگىكىمىزدە بىلگەنلىرىمىز يەنىلا ئۇستاز قەلىمىدىن روھ بولۇپ، ھاياتلىق بولۇپ، جان ۋە تەن بولۇپ سىرغىۋاتقان ماھىيەتلىك بۈيۈكلۈكنىڭ زەررىچە تامچىسىدۇر خالاس! لېكىن شېئىرنىڭ ھەر بىر مىسراسىنىڭ قات-قاتلىرىدا گۈل بەرگىدىكى شەبنەمدەك يالتىراپ تۇرغان ئۆڭمەس ھېكمەت، سۇنماس ھەقىقەت، سۇلماس ئەقىدە بىزنى ھەردەم پىكىرگە ئۈندەپ، ئۆزىمىزنى تونۇشقا چاقىرىپ تۇرىدۇ.

پايدىلىنغان ماتېرىياللار:
①1999-يىلى تۈزۈلگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكى 3-قىسىم، 129-بەت.
②③④⑤⑥⑦⑧ «كۈسەن مەدەنىيىتى» 2014-يىللىق 1-سانىدىن ئېلىندى.
⑨رېنى ۋېلىك بىلەن ئوستېىن ۋارىن تۈزگەن(ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمىسىگە يىتەكچىلىك قىلغان)؛«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى» ناملىق كىتابنىڭ 85-بېتىدە.
مەنبە: كۈسەن مەدەنىيىتى 2014-يىللىق4-ساندىن ئېلىندى.
ئاپتور: يوپۇرغا ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 10:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-12 10:21:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسلى بۇ ماقالىنى مۇنبەرگە مەن يوللاپ قويماقچى ئىدىم، ئەپسۇس بۈگۈننى ئەتىگە نىسى قالدۇرۇپ يوللاپ بولالمىغان رەھمەت ئىنىم، ئەجرىڭىزگە! ئەڭ چوڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن كۆرۈپ چىققان ئەسەر ئىدى بۇ! ئەسەر ئاپتورىغا يەنىمۇ سۈزۈك ئىلھاملار يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-12 10:24:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل مۇھەممەد ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىق ساھەسىگە تىنىمسىز  قان-تەر تۆكىۋاتقان ئىزدىنىش روھىغا باي ياش ئوبزۇرچىللىرىمىزنىڭ بىرسى.  ئۇنىڭ ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقتىكى  ئىزچىللىقى كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2015-3-12 10:53:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



         ياخشى يېزىلغان ماقالە ئىكەن. ئاپتورغا قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-12 13:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل مۇھەممەدنىڭ 90-يىللاردىلا  ئېلان قىلىنىپ تۇرىدىغان لىرىكىلىرى يۈرەك تارىمىزنى چېكەتتى.  ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنبەرلەردىمۇ كۆرۈشكە مۇيەسسەر بوپتۇق.

ۋاقتى: 2015-3-16 19:19:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۈل مۇھەممەتنىڭ ئىجادىيتىنىڭ يەنىمۇ نۇر چېچىشىنى تىلەيمىز!!!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش