كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 8

دىلئاچار: نەۋايىنىڭ بىر غەزىلىدە ماھارەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]




نەۋايىنىڭ بىر غەزىلىدە بەدىئىيات


دىلئاچار




قىسقىچە مەزمۇنى: ئەلىشىر نەۋايى شېئىرلىرى نازۇك ئىچكى مەنا، دەلمۇدەل كەلگەن بەدىئىيلىك، مۇستەھكەم قاپىيەلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرىيىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھالبۇكى، شائىرنىڭ ئىجادىيىتىدىكى بۇنداق ئۈنۈمنى بەزىدە شەكىل گۈزەللىكىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بۇ ماقالىدە شائىرنىڭ قاپىيە ئۆزگىچىلىكى، بەدىئىي سەنئەتلەر ئالاھىدىلىكى قاتارلىق شېئىرىي سەنئەت ماھارەتلىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق تەھلىل قىلىغان.   

ئەلىشىر نەۋايى شەرق ئەدەبىياتىدىكى جەلپكار شەخىس ۋە تۈركىي شېئىرىيەتتىكى قىززىق نوقتا بولغان شائىرلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەركىزىي ئۇرۇندىكى زات. ئۇ ئەدەبىيات تارىخى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىدىلا شۆھرەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەدەبىيات ئىجادىيىتىدىمۇ ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە كىلاسسىكلارنىڭ بىرىدۇر. بولۇپمۇ شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە ئۇنىڭ نوپۇزى تېخىمۇ يۇقۇرى ئۇرۇن تۇتىدۇ.
نەۋايى شېئىرىيەتتە ئەتىرگۈلدەك نازۇك مەنالارنى، زەنجىردەك ماس ۋەزىنلەرنى، تۈۋرۈكتەك يىمىرىلمەس قاپىيەلەرنى يارىتىپلا قالماي، يەنە ئەتلەستەك يارقىن بەدىئىي سەنئەتلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق شېئىرلىرىنىڭ بېزىكىنى ئاشۇرغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىشلىتىلگەن بالاغەت سەنئىتى (بەدىئىي سەنئەت ياكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە) شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكلىكى، تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، كەلتۈرۈشنىڭ دەللىكى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەۋايىنىڭ شېئىرلىرىنى بالاغەت ئىلمى نوقتىسىدىن چىقىپ، ئەتراپلىق تەتقىق قىلغانلار ناھايىتى ئاز، ھەتتا يوق دېيەرلىك. ھەمدە ئۇنىڭ بىرلا غەزىلىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ، غەزەلدىكى قاپىيە ئالاھىدىلىكى، ئارۇز ئۆزگىچىلىكى، بالاغەت ماھارىتى توغرىسىدىكى تەتقىقات باشلانغىنىمۇ يوق، مەن بۇ ماقالىدە گەرچە كەم- كۈتىسىز بولمىسىمۇ، بىر قەدەر تەپسىلىي ھالدا يۇقۇرىقى نوقتىلاردىن قاراپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، شېئىرىيەت بىلدۈرۈشنى، ھۇزۇرلاندۇرۇشنى ئاساس قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئويلىنىش بوشلۇقى ئېچىشنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا شېئىردا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىلىرىدىن قوزغىتىلغان ئېھتىماللىق مەنىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قوللىنىش، ئىستىكىلىق ۋاستىلەرنى ئىشلىتىش، شەكىل قۇرۇلمىسنى يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىنمۇ ئۈنۈم پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلىنىلىدۇ. شۇڭا ئەلىشىر نەۋايى شېئىرىيىتىدە ئۈنۈم پەيدا قىلغۇچى تەركىبلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق ئىزدىنىش مۇھىم تەتقىقات تېمىسى ھېسابلىنىدۇ.





«چاھار دىۋان. بەدايىئۇلۋەسەت. 158- غەزەل»





مەتلەئ:

دوستلار، مەن تەلبە ئەھۋالىغە يىغلاڭ زار زار،
كىم سالادۇر گەھ– گەھ ئوت كۆڭلۈمگە تۈشكەن خار خار.




1. نىدا ( خىتابمۇ دېيىلىدۇ) سەنئىتى: كىلاسسىك شېئىرىيتىمىزدە ئۇزاق ۋاقىت ۋە كۆپ ئىشلىتىلگەن بەدىئىي سەنئەت ھېسابلىنىدۇ. نەۋايى بۇ بېيتتا «دوستلار» دىن ئىبارەت قاراتما سۆز بىلەن «يىغلاڭ» دىن ئىبارەت كەلگۈسى زامان پېئىلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «تەلبەلىك ئەھۋالى» غا يىغلىشىنى ئۈمۈد قىلغان. شۇ ئارقىلىق نىدا سەنئىتىنى ئىشقا ئاشۇرغان ۋە مەتلەئنىڭ قاراتمىلىق پەيدا قىلىش، باشلاپ كىرىش ئۈنۈمىنى پەيدا قىلغان. يەنە كېلىپ بىر خىل تەسىرلىك كەيپىيات ياراتقان.  

2. تەشبىھى مۇئەككەد ( كۈچلەندۈرۈلگەن ئوخشىتىش ياكى ئوخشىتىش ۋاستىسىز ئوخشىتىشمۇ دېيىلىدۇ) سەنئىتى: مەن- مۇشەببىھ (ئوخشىغۇچى)، تەلبە- مۇشەببىھۇن بىھ(ئوخشىتىلغۇچى)، تەلبەلىك ئەھۋالى- ۋەجھى شەبىھ (ئوخشاشلىق تەرىپى)، بۇ سەنئەت ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھالىتىنى، كەيپىياتىنى، قىياپىتىنى تەسۋىرلەشتە ياخشى ئۈنۈم پەيدا قىلغان.


3. غۇلۇۋ سەنئىتى: «كۆڭۈلگە ئوت سېلىش» قا ئەقىل بىلەنمۇ ئىشىنىش مۇمكىن ئەمەس، رېئاللىقتىمۇ بۇنداق ئىشنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، بىراق مۇبالىغە سەنئىتىنىڭ بۇ تۈرى كىشىلەرنىڭ سېزىمىدا بىر ھۇزۇرلۇق كەيپىيات پەيدا قىلىپ، بىزنىڭ ئەھۋالنىڭ زادى قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىزگە يېتىپ ئاشىدۇ. نەۋايىنىڭ بۇ مۇبالىغىسى بىزنى بىر تەبئىيلىكتەك ئىشق دەرۋازىسىدىن ھالقىتىپ ئۆتكۈزىدۇ.  

4. مۇكەررەر سەنئىتى: «گەھ » سۆزىنى ئىككى قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق ئۇرغۇ چۈشۈرۈپ، شۇ سۆزنىڭ ئۇبيېكتىغا نىسبەتەن ھالەت، ۋاقىتچانلىق تەرەپلەردىن ئەسكەرتىش بېرىش ئارقىلىق يۇقۇرى ئېستىتىك ئۈنۈم ياراتقان.





ھۆسنى مەتلەئ:

ئىستەمەس بولسا بىر– بىر، كۆڭۈل جەمئ ئەيلەمەك،
نېگە زۇلفۇڭنى پەرىشانلىغدىن ئەيلەڭ تار تار.



1. مۇكەررەر سەنئىتى: «بىر» سۆزىنى ئىككىم قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق ئىنچىكە ۋە نازۇك ھەرىكەتنى ئىپادىلەپ ياخشى ئېستىتىك ئۈنۈم پەيدا قىلغان.  

2. سوراق سەنئىتى: « نېگە» سۇراق ئالمىشى بىلەن »ئەيلەر» كەلگۈسى زامان پېئىلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق گۇمانلىق ياكى ئىشەنچىسىزلىك مۇھىتىنى پەيدا قىلىپ، ياخشى تەسىر پەيدا قىلغان.


3. ئىلتىفات سەنئىتى: بىرىنچى مىسراسى ئۈچۈنچى شەخىستە، ئىككىنچى مىسراسى ئىككىنچى شەخىستە كەلگەن بولۇپ، بايان شەخىسلىرىنىڭ ئالمىشىشى ئارقىلىق بايان سەكرەتمىلىكنى ئىشقا ئاشۇرغان.

سەن قۇياش بىرلە مۇناسىبسەن ئويۇندا خۇبلەر،
ئىككى- ئىككى چۇنكى كىرگەيلەر ئاتاشىپ يار– يار.


1. ئىستىئارە سەنئىتى: سۆزلەۋاتقان «سەن» نى قۇياشقا تەڭلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۆز ئۇبيېكتىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىك ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت قارىشىنى ئاشكارا قىلغان.

2. مۇكەررەر سەنئىتى: «ئىككى» سۆزىنى ئىككىم قېتىم تەكرارلىغان، شۇنىڭ بىلەن ئاشىق- مەشۇق (بىر جۈبلەر)نى ئىنتايىن يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ئىپادىيەلىگەن.
3. ئىلتىفات سەنئىتى: بىرىنچى مىسراسى ئىككىنچى شەخىستە، ئىككىنچى مىسراسى ئۈچۈنچى شەخىستە كەلگەن. بايانچى ئالمىشىشى ئارقىلىق سەكرەتمىلىك پەيدا قىلىپ ياخشى ئۈنۈم ياراتقان.

4. تەلمىھ سەنئىتى: ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئوردا مۇراسىملىرىدا، «يار- يار» ناخشىسى ئېيىتىش كەڭ ئومۇملاشقان ئادەت بولۇپ، نەۋايى بۇ بېيتتا شۇنىڭغا ئىشارە قىلغان.


قورقارەمكىم بولماغاي ئازۇردەئ نازۇك قاشىڭ،
ئىگنىگە خۇش- خۇشكى سالمىش جەئدى ئەنبەر تار– تار.



1. تەناسۇب سەنئىتى: «قامەت» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «ئىگىن، خۇش، ئەنبەر» سۆزلىرى قوشۇلۇپ كەلگەن، شۇ ئارقىلىق ياخشى بولغان مۇناسىۋەت باغلىنىشىنى پەيدا قىلغان. بىر قاتار مۇناسىۋەتلىك ئۇقۇملارنى كەلتۈرۈش ئارقىلىق باغلىنىشنى ئەكس ئەتتۈرگەن.

2. مۇكەررەر سەنئىتى: «خۇش» سۆزىنى تەكرارلىغان، تەكرارلاشنىڭ ئېستېتىك ئۈنۈم پەيدا بولغان.






شاھ بېيىت:

ھەلقە– ھەلقە بوينۇما سالمىش تەنابى زۇلفىنى،
جۇرمى ئىشقىمغە مەگەر ھۇكم ئەيلەدى دىلدار دار.



1. تەشبىھى بەلىغ سەنئىتى : «زۇلف» (چاچ)نى تاناپقا ئوخشاتقان، شۇ ئارقىلىق دارنىڭ تانىپىدىن بىشارەت بەرگەن.

2. تەجنىسى مۇكەررەر سەنئىتى : «دىلدار» سۆزىنىڭ كېيىنكى بۆلىكىنىڭ يەنە مەنا ئىپادىلىيەلىشىگە ئاساسەن، پارچىلاپ بىر قېتىم تەكرارلاش ئارقىلىق قاپىيەدە ماھارەت كۆرسەتكەن ۋە ئېستىتىك تىراگىدىيىلىك گۈزەللىك پەيدا قىلغان.


3. مۇكەررەر سەنئىتى: «ھەلقە» سۆزىنى تەكرارلىغان-دە، تۇلىمۇ نازۇك ۋە نەپس ھالەتنى تەسۋىرلىگەن. شۇ ئارقىلىق ياخشى بولغان شېئىرىي ئۈنۈم ياراتقان.
4. شاھبېيت سەنئىتى :  پۈتۈن شېئىرنىڭ خۇلاسىسىنى مۇشۇ بېيتتا چىقىرىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئاشكارىلىغان.





ھۆسنى مەقتەئ:

ئىشق ئېرۈر ئانداق مۇرەببىيكىم، قىلۇر يەتكەچ ئەسەر
بۇلبۇل ئولغاي ئاچسە بىر يۈز سەرۋ گۈل رۇخسار سار.



1.  تەمسىل سەنئىتى: «ئىشق تەربىيىچى بولسا، سارنىمۇ بۇلبۇلدەك سايرايدىغان قىلىۋېتىش» تەك رېئالنى ھادىسىنى تەمسىل قىلىپ كۆرسىتىپ، ئىشقنى رېئاللىققا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان ۋە پەلسەپىۋىي ئىشەنچە دەرىجىسىنى ئىپادىلىگەن.

2. تەجنىسى مۇكەررەر سەنئىتى: «روخسار»دىن «سار» نىڭ پارچىلاپ چىقىرىپ، تەمسىل سەنئىتىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.



مەقتەئ:

ئەي نەۋايى، ئولدى ئول بۇت كافىرى ئاتەشپەرەست،
نې ئەجەب ۋەھ  ۋەھكى، گەر ئۇرسە جانىڭا زۇننار نار.



1.    نىدا (خىتاب) سەنئىتى: ئۆزىگە نىدا قىلىش ئارقىلىق مەقتەئنى مۇۋاپىيەتلىك چۈشۈرگەن.

2.    مۇكەررەر سەنئىتى: «ۋەھ» نىڭ تەكرارلىنىشى گۈزەل كەيپىيات ۋە ئاھاڭدارلىق پەيدا قىلغان.


3. تەجنىسى مۇكەررەر سەنئىتى : «زۇننار» دىن «نار» پارچىلىنىشى نازۇك بىر مەنىنى ئىپادىلىگەن.

4. تەخەللۇس: مەقتەئدە تەخەللۇسنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىملىكىدىن بىشارەت بەرگەن، شۇنداقلا نىدا سەنئىتىنى قوللىنىشقا ئاساس بولغان.  

تەلمىئ سەنئىتى: پۈتۈن تېكسىتتە ئەرەبچە، پارسچە، تۈركىيچە (ئۇيغۇرچە) سۆزلەرنى ئارىلاش بىمالال ئىشلەتكەن، شۇ ئارقىلىق ياخشى بولغان شېئىرىي ماھارەت پەيدا قىلغان.   

يەشمىسى:

دوستلار، مېنىڭ ئەھۋالىمغا زار- زار يىغلاڭلار، كىممۇ سالغان ئوتتۇر، كۆڭلۈم گاھ- گاھ تۇلىمۇ خارۇزارلىققا چۈشىدۇ.
سابا كۆڭۈلنى بىر- بىر جەمئى ئەيلەشنى ئىستىمەس بولسا، نېمىشقا پەرىشانلىقتىن چاچلىرىڭنى تال- تال قىلىدۇ؟
سەن قۇياشقىلا مۇناسىبسەن، شۇڭا ئويۇندا جۈبلەر ئىككى- ئىككىدىن بولۇپ، «يار- يار» ناخشىسىنى ئېيتىشىدۇ.
نازۇك قامىتىڭ رەنجىپ قالمىسۇن دەپ قورقىمەن، خۇشپۇراق چاچىدىغان سىكىلەكلىرىڭ كىيىمىڭگە بەكمۇ ياراشقان ئىكەن.
چېچىڭ تانىپىنى بوينۇمغا ھالقا قىلىپ سالدى، ئىشقىم گۇناھى ئۈچۈن دىلدار مېنى دارغا ئېسىشقا ھۆكۈم قىلدى.
ئىشىق شۇنداق تەربىيچىكى، ئۇنىڭ تەسىرىدە بىر سەرۋى بويلۇق گۈلروخسار يۈزىنى ئاچسا، سارمۇ بۇلبۇلغا ئايلىنىدۇ.
ئەي نەۋايى، ئۇ سەنەم ئاتەشپەرەس گۈزەل ئىكەن، ئەگەر جېنىڭغا زۇننار ئوتىنى چاچراتسا ۋاھ- ۋاھ دەپ ئەجەبلەنمىگىن.




ۋەزىنى ھەققىدە :
تۈركىي تىل شېئىرىيىتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋەزىن تۈرىدىن بىرى بولغان رەمەل بەھرىنىڭ «رەمەلى مۇسەممەنى ئارۇز ۋە زەربى مەقسۇر» ئىشلىتىلگەن.

ئىسخېمىسى:

━V━━ | ━V━━ | ━V━━ | ━V ~
فائېلاتۇن فائېلاتۇن فائېلاتۇن فائېلان




قاپىيەسى ھەققىدە :

1. زۇلقافىيەتەيىن (قوش قاپىيەمۇ دېيىلىدۇ) سەنئىتىنىڭ مۇتەككەرىن قاپىيە (تەكرار قاپىيە)  تۈرى قوللىنىلغان، نەۋايى غەزەلدە «زار، خار، تار، يار، بار» سۆزلىرىنى بىر قېتىمدىن تەكرارلاش ئارقىلىق بۇ مۇكەررەر (تەكرارلاش) سەنئىتىنى ئىشلەتكەن، ھەتتا «دىلدار، روخسار، زۇننار» سۆزلىرىنىڭ كېيىنكى بۇغۇمىنىڭ يەنە مەنا بىلدۈرەلەيدىغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ئۇ سۆزلەرنىڭ كېيىنكى قىسمىنى تەكرارلاش ئارقىلىق «تەجنىسى مۇكەررەر» سەنئىتىنى ئىشلىتىپ، بىر تەرەپتىن مۇتەككەرىن قاپىيە سەنئىتىنى داۋاملاشتۇرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاپىيە سۆزى قىسلىق مەسىلىسنى ھەل قىلغان.


2. رىدىفلىق قاپىيە شەكلىنىڭ ئاددى رىدىفىلىق قاپىيە تۈرىدە يېزىلغان بولۇپ، «رەۋى»سى بولغان «ر» ھەرپىنىڭ ئالدىدا «ئاددى رىدىف» ى بولغان «ا» ھەرپى ئىللەسى كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوخشاشلىقى رەۋى ۋە ئاددى رىدىفتىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭ ئالدىدىكى ھەرپلەر ئۆز ئارا ئالمىشىپ كېلىدىغان ئەيىبسىز (مۇكەممەل) قاپىيە بىلەن تۈگەللەنگەن.






پايدىلانغان مەنبەلەر:  

1. ئەلىشىر نەۋايى: «بەدايىئۇل- ۋەسەت» (جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام ئىلمىي جەمئىيىتى نەشرگە ئۇيۇشتۇرغان، مۇھەممەتتۇردى مىرزەخمەت نەشرگە تەييارلىغان)، بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى، 2011- يىل 9- ئاي نەشرى، 165- بەت.
2. مو خۇڭيەن: «پارس كىلاسسىك شېئىرىيىتى تەتقىقاتى» (خەنزۇچە)، قاراقۇرۇم (كۇئېنلۇن) نەشرىياتى، 2011- يىل 1- ئاي نەشرى، 369- بەت.
3. ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 1990- نەشرى.
4. ئىمىن تۇرسۇن: « نەۋائى ھەققىدە»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى 1- ئاي نەشرى، 271- بەت.
5. ئىبراھىم مۇتئى: «ئىبراھىم مۇتئى ماقالىلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2007- يىل نەشرى.
6. زەمىر سەئىدۇللازادە: «ئارۇز ئىلمى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2011- يىل 3- ئاي نەشرى.
7. تۇرسۇن قۇربان تۈركەش: «زەلىلى دىۋانىدا بەدىئىيات»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2014- يىللىق 3- سان، 51- بەت.  



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-11 18:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-11 21:33:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام دىلئاچار ،ئىزدىنىشلىرىڭىزدە يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .بۇ يازمىڭىزدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە قادىر بولمىساممۇ بۇ يازمىغا سىزنى تازا چۆكەلمىگەندەك  ھېس قىلدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 22:04:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام تۇغلان،

بۇ خېلى بۇرۇن يېزىلغان بىر قېتىملىق تاپشۇرۇق ئىدى، بۇ يازما كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى ئۈچ چوڭ ئىلىم سېستىمىسى بولغان «بالاغەت ئىلمى» (باشقا ئىككىسى ‹ئارۇز ئىلمى› ۋە ‹قاپىيە ئىلمى› ) نوقتىسىدىن يېزىلغان، بۇ پەقەت شەكىل مەسىلىسى بولغىنى ئۈچۈن، ھەم مېنىڭ ئۇ ۋاقىتلاردا كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ئۇنچە بەك چۆكمىگەن ۋاقىتلىرىم بولغىنى ئۈچۈن يازما شۇنداق يېزىلغان. بۇنىڭدا چوڭقرلاشمىغىنى پەقەت مەزمۇن، يەنى شېئىرىي مەنادۇر، ئەمما مەنمۇ بۇز يازمىدا مەنا ئۈستىدە توختالمىغانىدىم. شۇڭا شۇنداق چوڭقۇرلىشالمىغانلىقى ئېنىق، ئەمما شەكىل تەتقىقاتى نوقتىسىدىن، يەنىلا بوش تۇرىۋاتقان يۆنىلىشكە ئالغان قەدەمدۇر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-11 22:06:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ۋەزىن بۆلىكىدە تەتۈر تىزىلىپ قاپتۇ، توغرىسى:



ۋەزىنى ھەققىدە :
تۈركىي تىل شېئىرىيىتىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋەزىن تۈرىدىن بىرى بولغان رەمەل بەھرىنىڭ «رەمەلى مۇسەممەنى ئارۇز ۋە زەربى مەقسۇر» ئىشلىتىلگەن.
ئىسخېمىسى:

━V ━  ━  |  ━V━  ━  |  ━V ━  ━  |  ━V ~
فائېلاتۇن فائېلاتۇن فائېلاتۇن فائېلان

ۋاقتى: 2015-3-12 07:57:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز بىلەن تۇغلاننىڭ ئۆزئارا يېزىشقان ئىنكاسىدىن شۇنداق سۆيۈندۈم. يوللانغان تېمىدىنمۇ، يېزىلغان ۋە قايتۇرۇلغان ئىنكاستىنمۇ  بىر خىل ئىلمىيلىك، ئەستايىدىللىق، سەمىمىيلىك چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنلىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-12 08:04  


ۋاقتى: 2015-3-13 17:25:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئىزدىنىش روھىڭلاردىن سۆيۈندۈم...

ۋاقتى: 2016-4-7 18:49:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر تېمىنى يوللاپسىز، ئىزدىنىش قەدەملىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!...

ۋاقتى: 2016-4-8 00:17:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلئاچار،
نەۋايى ‹‹ ھۆنەرست›› تېلىمىزدا شۇنچە ئېسىل نەمۇنىلەرنى قالدۇرغان ئىكەن. بىرىمىزگە بىرىمىز ئەگىشىپ ‹‹ قالتىس، كاتتا›› دەپ، شەكلەن ئالقىش ئۇرغاندىن، مۇشۇنداق ئەمەلىي ئەمگەك ياخشىمۇ، دەپ ئويلاپ قالدىم. ئىلگىرى بەگزاتمۇ بىر نەچچە شەرھ يېزىپ، يارىشى چىقىپلا، غايىپ بولدى، ئەمدى، سىز نەمۇنىلىك غەزەللەرگە مۇشۇنداق دېئاگىنۇز قويۇشنى داۋاملاشتۈرۈپ، بىزدەك ئۈگەنچىلەرگە ئىلھام بەخش ئەتسىڭىزكەن دېگەن ئارزۇدىمەن.

باھا سۆز

تېلىمىزدا-تىلىمىزدا، ئۈگەنچىلەرگە-ئۆگەنگۈچىلەرگە...  ۋاقتى: 2016-4-8 01:26 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش