كۈتۈش
مىرادىل راخمان
لەرزان ئۇسۇل ئوينار يۇپۇرماق،
شوخ شامالدا ئەسلىتىپ سىنى.
ئۆزۈم يىراق بولساممۇ گەرچە،
خىياللىرىم ئىزدەر بىر سىنى.
تامچە بۇلۇپ سىرغىپ چۈشەر ياش،
كۆرىنەر ئۇندىن دېڭىزنىڭ ئەكسى.
چۆلدە تەنھا ئاھۇ كىيىككە،
مېھرىڭنى بەرسەڭ بۇلاتتى ئەسلى.
ئوت چۆپ باسقان غېرىپ كەپىمۇ،
جۇلالىنار قۇياش نۇرىدا.
كىرىپ كىلەر بىر كۈن بېغىڭغا،
كۆزلىرىممۇ يۇلتۇز ئورنىدا.
قايرىلىپ پات پات قاراپ قۇيىمەن،
قالدى ئىزلىرىڭ چىغىر يۇلۇمدا،
كۆزلىرىڭدە نامايەن ئەكسىم،
تۇتقان پېتى بىر گۈل قۇلۇمدا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-11 14:06
|