كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 2

ئابدۇنىياز ئىمىن: يازارمەنلەردىن نېمىنى كۈتىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8178
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 16:56:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            يازارمەنلەردىن نېمىنى كۈتىمىز
                                    ئابدۇنىياز ئىمىن

تورلاردا ياكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان باشقىلارغا نەسىھەت قىلىش ياكى ئىش ئۆگىتىش خاراكتېرىدىكى يازمىلارغا ئەزەلدىن سوغۇق كۈلۈپ قويۇپ كەلدىم، شۇنداق يازمىلارنى يازغانلارنى ھەرگىزمۇ بىكار ئاۋارە بوپتۇ دېيەلمەيمەن، ئۇلار بەلىكم ئاشۇنداق «بىزگە قانداق.....كېرەك؟»، «بىز قانداقىسىگە..... بولۇپ قالدۇق؟» دېگەندەك ھەسىرەت ۋە مىللىتىگە بولغان كۆيىنىش تامچىلاپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرى  بىلەن ساددا خەلىق تەرىپىدىن«مىللەتپەرۋەر»لىكنىڭ ئەڭ يوغان تاجىنى كىيىپ، يۈز ۋە يۈز –ئابىروي ئارقىلىق كېلىدىغان نورغۇن پايدا –مەنپەئەتكە ئېرىشكەن بولىشى مۇمكىن(چۈنكى«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتە ھامان قاشاڭ بولىدۇ‹ئېينىشتىيىن›»)، بىراق، بۇ خىل يازمىلارنىڭ ئىجتىمائىي رولىمۇ ئاشۇ يازغۇچى ئېرىشكەن پايدىدەك كۆپ بولدىمۇ دېگەندە مەنچە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس
مىللىتىمىز تەربىيىگە ئامىراق بىر مىللەت، تەربىيىگە ئائىت «قۇتادغۇبىلىك»، «ھېكىمەتنامە» دەك دېداكتىك ئەسەرلىرىمىز بار، بىراق بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىي قىممىتىدىن باشقا بىزگە قانچىلىك رولى بولدى؟ ئۇ ئەسەرلەر ئادەملىرىمىزنى دېيىلگەندەك ئىلم –ئىرپانغا ئىشتىياق باغلايدىغان، بىلىمنى سۆيىدىغان قىلىۋېتەلىدىمۇ؟ ئۇ ئەسەرلەردە دېيىلگەن گەپلەردىن كۆرە مەنچە يەنىلا شۇنى يازغۇچىنىڭ ئىزدىنىشچان، تىرشچان روھىنىڭ مەدىتى بىزگە زور بولدى. ئەگەر خۇددى ئاشۇ يازمىلاردىكى نەسىھەتكە كىشىلەر پەرۋا قىلسا، تېلىۋۇزۇردىكى نەسىھەتلەرنى قۇلىقىدا تۇتقان بولسا ئىدى جەمئىيتىمىز ئاللىمۇقاچان غايىۋى بىر دۆلەتكە ئايلانغان بولاتتى.
نورغۇن ئاتا-ئانىلارباللىرىغا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق ساۋاقلارنى سۆزلەپ، ئۇلارنى شۇ خاتالىقلاردىن ساقلىنىشقا ئۈندەيدۇ. بىراق، بۇلارنى قۇلىقىدا تۇتىدىغانلار قانچىلىك؟ باللارئاتا-ئانىلانىڭ دېگىنى بويىچە ئەمەس ئۆز خاھىشى بويىچە ياشاپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇرنىغا يىگەندە ئاندىن ئۆز تۇرمۇشىنىڭ پەلسەپىسىنى يەكۈنلەيدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەگەر بىركىمنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ ئەيىبىنى كۆرسىتىپ بېرىش ياكى نەسھەت ئارقىلىق بىرمىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولسا ئىدى لۇشۇندەك كىشىلەرنىڭ مىللەتتىكى ئەيىبلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاچچىق يازمىللىرى، نەسىھەتلىرى بىلەن دۆلىتىمىز بالدۇرلا قۇدىرەت تاپسا، ئۇ ئوقىغان ياپۇنىيەدەك گۈللىنىپ كەتسە بولاتتى، بىراق، ئۇندىن كېيىن ۋە بۇرۇنمۇ مىڭلىغان «مىللىتىم، خەلقىم »دەپ ھۆركىرەپ، تاغدەك نەسىھەتنى قىلىۋەتكەنلەر جىق بۇ دۆلتىمىزدە تېخى ئۇنداق مەنزىرىنىڭ بارلىققا كەلگىنى يوق.
تۆتىنچى ماي ياشلارھەركىتىدىن كېيىن قاراپ باقىدىغان بولساق، لۇشۇندەك كىشىلەرنىڭ  ئاچچىق نالە قىلىپ يازغان ئەسەرلىرىگە قارىغاندا يەنە بىر نەرسىنىڭ رولى بۇ دۆلەت پۇقرالىرنىڭ قۇدىرەت تېپىشى ۋە ئېڭىنىڭ ئويغىنىشدا ناھايىتى زور بولغانلىقىنى بايقايمىز، ئۇ نېمە؟ ئۇ دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئەۋج ئالغان تەرجىمىچلىك ھەركىتىدۇر، يەنى شۇ ۋاقىتتا چەتئەلدە ئوقىغان گومورودەك، لۇشۇندەك، شۈجىمودەك، جۇگۇاڭچىيەندەك ....كىشىلەرنىڭ چەتئەلنىڭ نادىر ئەسەرلىرنى تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرۇشى بۇ مىللەت كىشىلىرنىڭ ئۆزىنى تۇنىشى، دۇنيا بىلەن ئۆزى ئوتتورىسدىكى پەرقنى تۇنۇپ يېتىشكە غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ كېيىنكى تەرەققىياتقا ھەم ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن، بۇنىڭ ئاستا -ئاستا ئۈنۈمىنى كۆرگەن خەنزۇ زىيالىيلىرى تەرجىمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىلەن قارىغان. بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق ئۇلاردا دۇنيادىكى ھەممە ساھەگە ئائىت نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ ئاساسەن تەرجىمە قىلىنىپ چىقىپ بولغان بولۇپ، بۇ تەرجىمىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتىرىش، بىلىم –سەۋىيسىنى ئاشۇرۇشقا بولغان رولى مۆلچەرلىگۈسىز.  ئۇلار تەرجىمە ئارقىلىق نېمىنى كۆزلىگەن؟ ھەممىزگە مەلۇمكى، تەرجىمە بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بېيتىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، تىل تەپەككۇرنىڭ قورالى بولۇپ، تىل بېيىغاندىلا بىرمىللەتنىڭ تەپەككۇرى تەرەققىي قىلىدۇ. تىلى خارابلاشقان ياكى تىلى نامىرات بىرمىللەتتىن ئۆتكۈر بولغان ئابىستىراكىت تەپەككۇرنى كۈتۈش ئۆلۈكتىن جان سورىغان بىلەن باراۋەر. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تەپەككۇرى يەنى بىر مەسلىگە قارىتا باھالاش ئىقتىدارى كۈچەيگەن ھامان  ھەممە ئىشلار ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ. ئەدەبىيات ئەزەلدىن بېرەر سىياسىي ھەرىكەتكە سەۋەبچى بولغىنى ياكى بىرەر قەۋىمنى ئەخلاقلىق قىلۋېتەلىگىنى يوق ، ئۇنىڭدا ئۇنچلىك قۇدىرەت يوق، ئۇ پەقەت ۋە پەقەت بىر مىللەتنىڭ تىلىنى بېيىتىپ بېرەلەيدۇ، تىل بېيىسا باشتا دېگەندەك بىرمىللەتنىڭ تەپەككۇرى بېيىدۇ. «مىللىتىم» دەپ ياندا تۇرۇپ چىرقىرىغان نەچچە ئون مىڭ ئاۋاز، قۇرۇق نەسھەتتىن كىشىلەرگە ئويلىنىش ئاتا قىلالىغۇدەك بىر ئۆزگىچە قاراش ۋەپىكىر مىڭ ئەۋزەل بولۇپ، نەسھەتچىلەر ماھىيەتتە ھەممىنىڭ كاللىسى مەندەك بولسىكەن،مەندىن ئۆتۈپ كەتمىسىكەن دەپ نەچچە مىليۇن كاللىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان، ئۆزىدەك ئويلاشقا سۆرەپ ماڭغان قاتماللىقنىڭ پەرۋىشكارلىرىدۇر.
ھەممە ئېقىملارنىڭ بەس-بەستە سايرىشى بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئوخشىمىغان كۆز-قاراشلار، ئوخشىمىغان ئىدىيەلەر بولغاندىلا كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيدۇ، بىر مەسلىنى ئوخشىمىغان نوقتىدىن چىقىپ تەھلىل قىلالايدىغان، جويلىدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ بولىشى بىر مىللەتنىڭ بەختى. ھېچنىمە دېمىگەن ئادەمدىن مۇتلەق يېڭى پىكىر چىقمايدۇ، بىراق، ئوڭ- تەتۇر بولسىمۇ بىر نەرسە دەپ تۇرغان ئادەمدىن بىركۈنلەردە بىر ئۆزگىچە قاراشنىڭ چىقىپ قېلىشىدا ئۈمد بار.
بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى شائىرلاردىن بۇرۇنقىلاردىن كۈتكەندەك ئالاھىدە ئەخلاقى پەزىلەتنى كۈتۈش، بىز ئۆزىمىزمۇ قىلالمىغاننى ئۇلاردىن تەمە قىلىش ئاقىلانىلىك ئەمەس، ئۇلاردىن دادىللىرىمىزمۇ دەپ ئاڭلىتالمىغان نەسىھەتلەرنى ھەم تېخىمۇ كۈتمەيمىز،  پەقەت ئۇلاردىن بىر نەرسىنى يەنى ئۇلارنىڭ بىزنى بويسۇندۇرۇشىنى ئەمەس قايىل قىلىشنى، ئويلاندۇرۇشىنى، شائىر بولسا يېڭى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تىلىمىزنى بېيىتىشىنى، يازغۇچىلار بولسا مومىللىرىمىزدەك ۋەقەلا سۆزلەپ بىزنى مۈگىدەك باستۇرماي، ئاشۇ ۋەقەنىڭ شەكللىنىشىگە تۈرتكە بولغان ماھىيەتنى، ئۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراۋاتقان نازۇك  قەلىبلەرنى، ئۇنىڭدىكى پەلسەپىنى، ئىنسانىيەت نۆۋەتتە ئورتاق بولغان ئازاپ، خوشاللىق ،قايغۇلارنى بىزگە سۆزلەپ قايسى تەپەككۇر ئالىمىگە ئەمەس، تەپەككۇر ئالىمىگە قانداق شۇڭغۇشنى ئۆگىتىشنى كۈتىمىز.  ئوبزورچىلارنىڭ ئەسەرلەرنى ئۆز خاھىشى بويىچە ياكى مىللەتپەرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ساۋىماي، ئەدەبىياتنىڭ ئۆز قانۇنىيەتلىرىدىن چىقىپ تۇرۇپ باھالىشىنى كۈتىمىز. پىكىردىكى بىردەكلىك ماھىيەتتە تەپەككۇردىكى قاتماللىقتۇر، ھەممىنى ئۆزىدەك بولۇشنى كۈتۈش ياكى ئۆزىدەك بولۇشقا زورلاش ئىدىيدىكى مۇستەبىتلىكتۇر، شۇڭا مۇنبەردە ھەرخىل ھەرياڭزا ئاۋازلارنىڭ، يازارمەنلەردە خىلمۇ-خىل پىكىرلەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇشىنى كۈتىمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 22:49  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3982
يازما سانى: 1020
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6136
تۆھپە : 0
توردا: 912
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 19:03:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورمالنى ھەسەل ، تولىسى  بىمەسەل ...

ئەل پۇقراغا ئۆرنەك ئۈلگە كېرەك ،ئەمەلىيەت كېرەك .
خىزمەت گۇرۇپپىسى يېزا-قىشلاققىمۇ  كەلدى ، 1 يىلغىچە  كەتمىدى ، پۇقرانىڭ تۇرمۇشىنى ،كۈرمىڭ  قىيىنچىلىغىنى بىلدى ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ، مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا بولدى ، قىيىن ئىشلار بىر-بىرلەپ ھەل بولىۋاتىدۇ ، ئەلمۇ مايىل-قايىل بولىۋاتىدۇ .
مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك . بۇرۇنمۇ ماۋزېدوڭ ۋاقتىدا بولغان . سوتسىيالىستىك جەمىيەت مۇشۇنداق بولغاندا ئىسمى ،جىسمىغا لايىقلىشىدۇ  .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8178
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 446
تۆھپە : 0
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-11 00:27:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەنھالىق، ئەدەبىيات ۋە باشقىلار

ئېيىنىشيىتىننىڭ «پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم بىلەن باشقىلارغا تەۋە بولۇپ باققان ئەمەسمەن» دېگەن سۆزى ماڭىمۇ ئىنتايىن ماس كەلسە كېرەك، كىچىكىمدىن باشقىلار بىلەن ئارلىق ساقلاپ كەلدىم، بۇ مېنىڭ قەستەن شۇنداق قىلغىنىمدىن ئەمەس بەلىكى خاراكتېرلىدىكى غېرىبلىقىمدىن بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇلىندىغانلار (شۇ قىياپەتكە كىرىۋالمىغانلا بولسا) تىنىچلىقنى خالاپ كەلگەن. تىنىچلىقتىن بۈيۈك ئىدىيەلەر بارلىققا كېلىدۇ. باشقىلار بىلەن بىردەكلىشش، پىكىردە بىردەكلىكنى ساقلاش ئادەمنى خاسلىقى يوق بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ ئادەمگەرچىلىكى بار غەيرى ئادەملەرگە ئوخشىتىپ قويىدۇ. خاسلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن چوقۇم يالغۇزلۇق، باشقىلارنىڭ باشقىچە قاراشلىرىدىن كەلگەن ئازاپلارغا چىداش كېرەك، ئەدەبىياتچىلار دەل چىدىغۇچىلار ۋە يالغۇز تۇرۇپ ئىنسانىيەتنى ئۈستىدىن كۆزەتكۈچىلەردۇر، ئۇلاردا ئىنسانلاردىن ئايرىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا قارىيالايدىغان كۆز بار.  ھەتتا ئۆزىدىنمۇ چىقىپ تۇرۇپ ئۆزىگە قارىيالايدىغان كۆز بار. مانا بۇ كۆزىتىش ئىقتىدارى. ئۇلار بىلەن باشقىلار ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىق، كۆز بىلەن كۆزنىڭ پەرقى. شۇنداق بولغاچقا بەزى كىشىلەر «سەنئەتچى دېگەننىڭ كاللىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى كەم»دەيدۇ، مەن دەيمەنكى، ئۇلارنىڭ كاللىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى ئارتۇق. ئۇلار كۆرەلىگەننى كۆرەلمىگەنلەرنىڭ كاللىسىنىڭ بىر ۋېنتىسى كەم، دەل شۇنداق بولغاچقا ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن ئەزەلدىن چۈشىنىشكە ئېرىشەلمەي كەلگەن، سۈرگۈن قىلىنغان(سولژىتسىندەك)، ئاختا قىلىنغان(مەشرەپتەك). بىراق، ئۇلار ئۆمۈر بويى زوراۋانلارنىڭ بەشنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بۇنى تۆت دەيسەن دېگەنگە ماھىيەتتىن ئوخشاپ كېتىدىغان قىستاشلىرىغا پەرۋا قىلماي كەلگەن.
كۆپىنچە شائىرلار، يازغۇچىلار باشقىلار تەرىپىدىن ئىنكارچى، گۇمانخور سۈپتىدە يامان كۆرىنىپ قالغان. ئەمىلىيەتتە گۇمان بولغان يەردىلا ئىسلاھات، يېڭىلىق بولغان. ئەگەر ئېدىسون ئالمىنىڭ ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي يەرگە چۈششىدىن گۇمان قىلمىغان بولسا يەرشارىنىڭ تارتىش قانۇنىيتى دېگەن سۆزنى بىز بەلكىم كېچىكىپ ئاڭلىغان ياكى ئاڭلىمىغان بولاتتۇق. تەبئىي پەندە بۇنداق مىساللار تالاي ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئاشۇنداق تەبئىي پەندىكى گۇمانچىلارنى ئەيىبلىمەي، ھە دېسە ئىجتىمائىي پەن بولۇپمۇ ئەدەبىياتقا يېپىشىۋالىدۇ؟  مەنچە بۇنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن، ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتنىڭ رولىنى زىيادە چوڭ چاغلاپ،  ئۇنى كىشىلەرنىڭ ئىدىيسىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ دەپ سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىدىن بولسا، ئىككنىچىدىن ئۇ فورمۇلا، تىئورمىسىز بولغانلىقتىن ئۇنى چۈشىنىپ پۇرسىتى ئۆزلىرىچە زور بولغان ھەم ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ ئۆزىنى كۆرسىتىپ ئاسان نام چىقىرىش خىيالىدا بولغان. بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىيات كىملا كىرسە، قانداقلا دېسە بولىدىغان قوينى -كۆكسى كەڭ بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، ھەقىقىي ئاڭ جەھەتتە ساختا ئەدەبىياتچىلاردىن بىر بالداق ئۈستۈن قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەرلىرى دېھقان تەرىپىدىن بۇياققا سۆرەلسە، موزدوز تەرىپىدىن ئۇياققا سۆرىلىپ، ئاپتور ئاشۇ نادانلارنىڭ ئارىسىدا پەلپەتىش سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئاقىۋەتتە ئاشۇنداق بىر تۈركۈم ساختا ئۇقۇمۇشلۇق يۈز تاپقۇچىلارنىڭ گېپى ھامان ئاۋام تەرىپىدىن ئاسان چۈشىنىشكە ئېرىشىپ، ھەقىقي ئەدىبلەرنىڭ بايانلىرى ھەرقانچە قىلىپمۇ «مىللەتپەرۋەرلەر»نىڭ ئۇلۇغ ھۆكۈملىرى ئالدىدىن ئۆتۈپ خەلىققە يېتىپ بارالمىغان ھەم ئۇلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ھەقىقي يازغۇچى شائىر ئاتىلىشقا تېگىشلىكلەر بىر بولسا ئاچچىق ئىچىدە ئەدەبىياتتىن پېشىنى قېقىپ چىقىپ كەتكەن ياكى ئۇلارمۇ خامىلىيون ئەدەبىياتنىڭ شۇئارچىللىرغا ئايلانغان-دە، بۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىسيانكار ئاۋازلار ئازلاشقا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھاياتى كۈچى ئازلاپ، چۈشەنگەننى ياقلايدىغان، چۈشەنمەي ياكى كۆزىگە غەلىتە كۆرۈنگەنلەرنى قىرقىيدىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قولىدا ۋەيران بولۇشقا، مۇز ئوكيانغا تېرىلغان يېسىۋىلەكتەك يا تامامەن يوقاپ كەتمەيدىغان يا كۆكلىمەيدىغان  ھالەت شەكىللەنگەن.
بۇ خىل ھالەت ھەر قايسى ئەل خەلقىلىىرىدە ئورتاق بولۇپ، ئەپلاتون ئەسەرلىرىگە قارايدىغان بولساقمۇ ئۇنىڭ شېئىر قاتارلىق بىر قىسىم ئەدەبىي ژانىرلارنى ھەقىقەتنى بىلىشكە توسقۇنلۇق قىلىدۇ ياكى ھەقىقەتنى بۇرمىلايدۇ دېگەن قالپاق بىلەن شائىرلارنى غايىۋى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەمىلىيەتتە ئاشۇ ھەقىقەتچىلەردىن «ئۇلار توسىۋالغان ‹ھەقىقەت› زادى نېمە؟»دەپ سورالسا جاۋاب بېرەلمەي بېشى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا چۆكۈپ كېتىشى ئېنىق، ئەگەر ھەقىقەت بىر ئادەمنىڭ دېگىنى بىلەن ئىزاھلىنىپ تۈگەپ كېتىدىغان ياكى تۇسۇلۇپ قالدىغان ئىش بولسا شۇنچە كۆپ ھەقىقەت ئۈچۈن ئىزدەنگەن پەلسەپەۋىي ئەسەرلەر ئەھمىيەتسىز بىر نېمىگە ئايلانغان، ھايات ماماتلىق مەسللىرىدە يەنە جاۋاب ئىزدەشنىڭ قىلچە ئەھمىيتى قالمىغان بولاتتى.
شۇڭا مەن ئويلايمەنكى، ئەدەبىياتتا مېنىڭلا توغرا ياكى مەلۇم ژانىردىلا يېزىش توغرا، بىر مىسىرا قىسقا بولسا ئۇنداق بولۇپ قالىدۇ، بىر بوغۇم ئۇزۇن بوغۇم ئۇزۇن بولۇپ قالسا مۇنداق بولىدۇ دەپ باشقىچە بولۇشنى، مەنىسى قىلدىن قىيسىق كەتسە ساۋاشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئۆزىنىڭكىنىلا توغرىغا چىقىرىدىغانلار ماھىيەتتە ھەقىقەت مەندىلا، مەن ھەقىقەتكە كىسىم چىقىرىمەن دېگۈچىلەر بولۇپ، ئۇلار كىشلەرنىڭ كاللىسى «ئىككى مەنبەچىلىك»(يەنى ياخشى بىلەن يامان)نىڭ نېرىسىغا ئۆتۈپ كەتمەسلىكىنى، ئۆزلىرنىڭ تەپەككۈر دائېرىسىدىن ھالقىپ يىراقلاپ، ئۆزلىرنىڭ داھىيانە ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتمەسلىكىنىڭ كويىدا قالغان تىجىمەللەردۇر، بۇلارنىڭ مېنىڭلا توغرا دېگىنى ماھىيەتتە «مەن ھەق» دېگەننىڭ يۇشۇرۇن بىشارىتى بۇلۇپ «ئەنەلھەق»نى ئىچىدە زىكىر قىلىپ تۇرىدىغان بۇ «فىرئەۋىنلەر» زاماندىن ئۆتكەن نەزەرىيەلىرى ئارقىلىق ئادەمنىڭ روھىنى تەتقىق قىلىدىغان بۇ پەننى مەلۇم قېلىپقا سېلىشقا، شۇ ئارقىلىق ئاددىيلاشتۇرۇپ ئۆزى ئەدەبىياتشۇناس، تەنقىدچى قالپىقىنى كىيىپ باشقىلارنىڭ كاللىسىنىمۇ رامكا ئىچىدە قۇيۇپ، ئەدەبىياتنى، كىشىلەرنىڭ روھىيتىنى جاھالەتكە سۆرەپ ماڭغۇچىلاردۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش