كۆرۈش: 1800|ئىنكاس: 0

ئامانگۈل نىياز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
阿.jpg

    ئامانگۈل نىياز 1972–يىلى8-ئاينىڭ1-كۈنى ئاقسۇ شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلغىچە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پىداگوگىكا مەكتەپنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. 1990-يىلىدىن2006-يىلغىچە  ئاقسۇ شەھەر بەشتۈگمەن يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 2006-يىلىدىن 2009-يىلغىچە ئىگەچى يېزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە  خىزمەت قىلغان، ،2009-يىلدىن باشلاپ ئىگەچى يېزا مەركىزىي قوش تىل بالىلار يەسلىسىدە  ئىشلەپ كەلمەكتە.
    ئامانگۈل نىياز 2010-يىلى 11-ئايدا «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «يېتىملاردىن تۇغۇلغان ھېسلار»ناملىق  ماقالىسى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن بولۇپ شۇندىن بۇيان «ئاقسۇ گېزىتى»،«شىنجاڭ گېزىتى»،«ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»  ،«شىنجاڭ ئاياللىرى»،«جوڭگو مىللەتلىرى»،«مايبۇلاق»،«تۇرپان»،«يېڭى قاش تېشى»،«ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى»،«دولان » قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 300پارچىگە يېقىن ماقالە،شېئىر ، نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان ،2013-يىلى 10-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەشرەپنىڭ ئاپتورلىقىنى قىلىپ ياخشى باھاغا ئېرىشكەن،2014-يىلى11-ئايدا ئاقسۇ شەھرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىتوت مۇسابىقىسىدە ئۇ ئۆزى يېزىپ باش رول ئالغان ئىككى ئىتوت 1-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلانغان.
    ئامانگۈل نىياز ھازىر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ ئەزاسى،ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئىتىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژورنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئىتى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش