يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2633|ئىنكاس: 31

ئابابەكرى توختى: بىر چوكاننىڭ ھېكايىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابابەكرى توختى
بىر چوكاننىڭ ھېكايىسى

چاچلىرى كۆيدۇردى ئايسىز كېچىنى،
بىر شېرىن ئازابتىن قەلبى يارىدار...
گۈللەرنى قەلەندەر قىلدى جامالى،
كېيىن تاشلاپ كەتتى ئالدامچى باھار.

ئالمىسىنى چىشلەپ قاچتى بۇلاڭچى،
تۇيۇلدى ھاياتنىڭ تىنىقى ئۈزۈك.
ئاخىرقى بىر ئۈمىد ئۇخلار بۆشۈكتە،
ئاينىڭ بالىسىدەك بىغۇبار، سۈزۈك...

كوچىلار تىترەيدۇ ئۇ كەلسە ھارغىن،
يۈرىكى پايانداز سالغاچقا دەردتىن.
ئۆگزىسى چالمىغا تولغىچە تاكى،
قۇتۇلالمىدى ئۇ جۇلدۇر قىسمەتتىن.

قوقاستا ساقلانغان رەزىل مۇھەببەت،
گويا كوھىقاپقا كەتتى يول ئېلىپ.
ياشاشقا باھانە يوق... ئۇمۇ كەتتى ھەم،
ئۆلۈمنى قانغۇچە مەسخىرە قىلىپ...

گاھىدا شۇنداق قاباھەتلىك تۇيغۇلارغا غەرق بولىمەن. ياشاش قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. شېئىرمۇ جۇملىدىن بارچە سەنئەت ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان بىر تۇتام پاخالغا ئايلىنىدۇ... مېنىڭ بۇنداق تۇيغۇلارغا كېلىشىمدە رىئاللىق ئالدىدىكى ئامالسىزلىقىم، روھىم بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان زىددىيەتلەر سەۋەپ بولىدۇ. ئۆزبېكىستانلىق ئەدەبىياتشۇناس ئىبراھىم ھەققۇلۇف «بەزىلەر شائىرلىقنى كەسىپ دەپ بىلىشىدۇ، ياق، شائىرلىق قىسمەت، شائىر پەۋقۇلئاددە مۇرەككەپ تەقدىر ئادىمى، شېئىرىيەت ئىنسان قەلبىنى ھەقسىزلىق، زالالەت، زۇلۇم، ئومۇمەن، ئىنسان روھىيىتىنى بوغىدىغان، دۇنيادىكى ھەممە رەزىللىلەردىن ئاسرايدىغان شىجائەتلىك روھ. ئۇ باركى، دىل ئەلەملىك تۇيغۇلاردىن خالى، ئۇنىڭ بىلەن نۇرلۇق ھېسلار، ئازاد پىكىرلەر، ئۆمۈرلۈك ئارزۇ خىياللار قۇچىقىدا ياش مۇمكىن» دەپ يازغىنىدەك، شائىرلىقتىن ئىبارەت بۇ چەكسىز كوچىدا تىمسىقلاپ مېڭىشتىن قەددىمنى تىك تۇتۇپ مېڭىشقىچە بولغان ئارىلىقتا نى-نى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈردۈم. تەقدىرنىڭ رەھىمسىز بورانلىرى قامغاقتەك ئۇچۇرۇپ نى شېرىن ئارزۇ ئارمانلىرىمنى بەربات قىلىۋەتكەن يىللاردىمۇ شېئىرىيەتكە بولغان ئىتىقادىم قىلچە تەۋرىنىپ قالمىدى.  چىن ئادىمىيلىك پەزىلىتىمگە داغ تەككۈزەلمىدى. بىر قىسىم شامالغا قاراپ ئىش قىلىدىغان، ئىجادىيەتنى يوقىرى ئۆرلەشنىڭ، نەپ ئېلىشنىڭ ۋاستىسىغا ئايلاندۇرىۋالغان قىزىل كۆزلەر بىلەن بىر ئېقىندا بۇلغىنشتىن ساقلىنىپ كەلدىم.
ھاياتقا، جۈمىلدىن شېئىرىيەتكە ۋىجدانەن مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن رىئاللىققتا ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىرمۇ ئىش بولمايدۇ. بولۇپمۇ سەنئەتلىك قىممەتكە ئىگە بولغان دىتاللار ئۇنىڭ روھىنى چالغىتىپ ئىختىيارسىز ھالدا قولىغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
بۇ بىر يىلدىن بۇيان مەن ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە كەنتتە خىزمەتتە بولۇپ قالدىم. بىر ھىساپتا بۇ مېنىڭ كۆپرەك كىتاپ ئوقۇۋېلىشىم، ھايات ۋە ئىجادىيەت ھەققىدە جۇملىدىن شېئىرىيەت ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىشىم ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بولدى. دېھقانلار بىلەن قويۇق ئارىلىشىپ يۈرۈش جەريانىدا قەلب دۇنيارىمدا ئاجايىپ چالغىشلار بولۇپ ئۆتتى. ئەلۋەتتە بۇ نۇرغۇن شېئىرلارنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولۇپ قالدى.
بىر كۈنى ئىشخانىدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى يېنىمغا كىرىپ :
-سىزنى بىر ئايال ئىزدەپ كەپتۇ. ئىنكاس قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، -دېدى.
-ھە، كىرسۇن،- دېدىم ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ.
پۇتۇمغا ئالدىراپ –سالدىراپ كېپىشنى كەيدىم -دە ئىشىك ئالدىغا چىقتىم. بىر قاراشتىلا يېشى 50لەرگە بېرىپ قالغان، ئوزايىدىن مەن كۆرگەن باشقا كەنت ئاياللىرىدىن ئانچە پەقلىنىپ كەتمەيدىغان بىر ئايال قوللىرىنى ئىشقىلىغىنىچە بىر چەتتە قاراپ تۇراتتى. سالام سەھەتتىن كىيىن مەن ئۇنى ئىشخانىغا باشلاپ چاي قۇيدۇم. خىزمەت قائىدىمىز بويىچە  ئۇنىڭ قايسى مەھەللىدە ئولتۇرىدىغانلىقىنى، ئىسمى ئاتىسىنى، نەچچە مو يېرى، قانچە چارۋىسى، قوشۇمچە ئېگىلىكى، ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالىنى، قانداق مەسىلىنى ئىنكاس قىلغىلى كەلگەنلىكى...قاتارلىقلارنى بىر بىرلەپ سورىدىم. ئۇ بۇ سوئاللارغا بىر خىل خۇدۇكسىرەش ئىلكىدە ئانچە راۋان جاۋاپ بەرمىدى.
-ئاڭلىسام سىلىنى مەھەللىدىكى ئابدۇراخمانجان يازغۇچى دەيدۇ. مەن سىلى بىلەن بىر مۇڭدىشىپ كىلەي ھەم مەسلىھەت سوراي دەپ كەلگەن، ئىنكاس قىلىدىغان باشقا ئىش يوق، ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنىشىممۇ يوق، -دېدى ئۇ بىر ھازادىن كىيىن سەل جانلىنىپ.
بۇ سۆزدىن كىيىن مەن ئۇنىڭغا قايتىدىن سەپ سالدىم. تولغان بەدىنى، تاتىراڭغۇ ئەمما تېگىدىن ئالمىدەك سۈزۈك چىرايى، ئىلىپتەك بۇرنى، بەتلىنىپ تۇرغان ئوقيادەك تال-تال كىرپىكلىرى، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرى، سارغۇچ بۇجغۇر چاچلىرى... ئۇنىڭ ياش چاغلىرىدا ھەقىقەتەن تىپىك بىر سەھرا گۈزىلى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بىرىپ تۇراتتى.
-ياخشى گەپكەنغۇ، قېنى ئەمىسە تارتىنماي سۆزلەۋەرسىلە، قانداق ئىش ئىدى، -دېدىم مەنمۇ بىردىنلا جانلىنىپ.
چۈنكى كەنتكە كەلگەندىن بۇيان  ھەركۈنى كەنت شۈجىسىنىڭ زورۋانلىقى، ساۋاتسىزلىقى، شاللاقلىقى،  قارا قورساقلىقى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ۋە سانائەت رايۇنىغا كەتكەن يەرلەرگە ھىلە ئىشلىتىپ، خەقنىڭ نۇرغۇن پۇلىنى يەۋالغانلىقى، ئەرز قىلغۇچىلارنى باستۇرغانلىقى ... قاتارلىق ئوخشاش ئىنكاسلارنى تولا ئاڭلاپ يادا بولۇپ كەتكەچكە بۇنداق ئەھۋال ئىنكاس قىلغۇچىنى تۇنجى ئۇچرىتىشىم ئىدى.
بىراق ئۇ بىر ھازاغىچە ئۈندىمەي جىم ئولتۇرۇپ كەتتى.
-مېنى بىر تۇققان قېرىندىشىم دەپ بىلىپ ھەرقانداق گەپ بولسا دەۋەرسىلە،-دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
-بەزى گەپلەرنى دېيىش ھەقىقەتەن ئەپسىز، ئۆزۈممۇ خىجىل بولىدىكەنمەن.
-دېۋىرىڭ، بايا دېدىمغۇ، مېنى ئۆز تۇغقىنىڭىز قاتارىدا كۆرۈڭ.
-سىلە شۇنداق دېگەندىكىن مەنمۇ تارتىنىپ ئولتۇرماي ئەمىسە.
شۇنىڭ بىلەن رەسمى پارىڭىز باشلاندى. ئايال ئېغىر بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ ئۆزىنىڭ ھىكايىسىنى باشلىدى.
-تۇرقۇمدىن چوڭ ياشلىق ئاياللاردەك كۆرىنەمدىكەنمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدىلا 40تىن ئاشتىم. يىللار مېنى مانا مۇشۇنداق مۈكچەيتتى.  كىچىكىمدە بەك چىرايلىق ئىكەنمەن. باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدىلا ئوغۇللار ئارقامدىن پەرۋانە بولۇپ يۈرەتتى.  ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ سالام خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالاتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇ ئىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. ھەتتا مەكتەپكە بېرىپ كەلگۈچە يولدا ئوغۇللارنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغىنىنى، ئارقامدىن قوغلىشىپ مەھەللىگە قەدەر كەلگىنىنى كۆرەتتىم. بىرقانچەيلەن مېنى دەپ مۇشتلىشىپ ئاغزى بۇرنىنى قانمۇ قىلىشقان ئىدى. ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن نەرسىكەن، ھەم ھۆل نەرسىكەن،  ئوتتۇرا مەكتەپتىلا خوشنا مەھەللىلىك بىرسىگە كۆڭۈل بىرىپ مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدۇم. مەكتەپنى چالا-پۇچۇق پۈتتۈرۈپلا توي قىلدىم. ھەممە پاجىئە تويدىن كىيىن باشلاندى. ئىرىم مېنى بەك كۈنلەيتتى. توي قىلغان دەسلەپكى چاغلاردا سىرىتقا ئىشقا چىقىپ كەتسە مېنى ئۆيگە سولاپ قويۇپ كىتەتتى. باشقا ئاياللار بىلەن بېرىش كىلىش قىلدۇرمايتتى. توي- تۆكۈنلەرگە بارسام يۈزۈمنى ئوچۇق قويۇشۇمغا يول قويمايتتى ۋە سىڭلىسىنى قوشۇپ قوياتتى. يىللار ئۆتۈۋەردى.  مۇھەببەت دېگەنمۇ تاتلىق تۇرىۋەرمەيدىكەن. ئۇمۇ قېرىيدىكەن. بولۇپمۇ پەرزەنتلىك بولالمىغانسىرى مۇھەببىتىمىز سۇسلىشىپ كەتتى.
- تۇغماس توخۇ ئىكەنسەنغۇ، تۆت  يىل بولدى، بالا تۇغالمىساڭ كەسلەنچۈك بولسىمۇ تۇغۇپ قويساڭ نېمە بولار،-دېدى بىر كۈنى ئېرىم مەست ھالەتتە ماڭا   دىۋەيلەپ.
بۇ گەپ جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قېينانا-قېيناتام، ئۇرۇق-تۇققانلار، مەلە- كويدىكىلەرمۇ ئاشكارا ۋە مەخپىي يۇسۇندا مېنى «كۇرۇك توخۇ» دەپ ئارقامدىن گەپ تېپىپ يۈرگىنىگە باغرىم لەختە-لەختە قان ئىدى. شۇڭا  مىشىلداپ يىغلاشنىڭ ئورنىغا مەنمۇ توقۇمىمنى قارنىمغا ئالدىم:
- بالا دېگەننى ئەر كىشى تاپالىسا تۇغىدۇ!،-دېدىم مەن غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ.
-ما رەزگىنى قارا، گەپ ياندۇرغىدەك بولدۇڭمۇ تېخى!
ئېرىم مېنى پومداقلاپ ئۇرۇپ كەتتى. «بۇ تاياقنى يېگىنىم بىر ھىساپتا ھالال بولدى» دەپ ئويلىدىم كەچقۇرۇن يالغۇز قالغان ۋاقتىمدا.
شۇندىن كىيىن مەندە ئۆزۈمنى بىر تەكشۈرتۈپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى. ئۆيدىكىلەر بىلەن شەھەرگە تويغا كىرگەن كۈنۈم ئانامغا ئەمەلىي ئەھۋالنى ئېيتىپ سەھەردىلا يولغا چىقتۇق-دە دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇغۇش ئىقتىدارىمنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۈرتتۇق. خۇداغا شۈكرى، من نۇرمال ئىكەنمەن. ھەممە ئىش ئايان بولغان ئىدى. ئىرىمنىڭ بالا تېپىش ئىقتىدارىنىڭ يوقلىقى يۈز پىرسەنت مۇقۇملىشىپ قالغان ئىدى. ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ بىر كۈنى ئۇنىڭ «تاتلىقى»تۇتۇپ قالغاندا گەپنى ياپتىلاپ ئېيتتىم:
-        ماڭا قاراڭ، ئايال كىشى دېگەننىڭ تۇغالمايدىغىنى يوق دىيىشىدىكەن، بولسا سىز ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرتۈپ بېقىڭا!
-        ۋاي ماڭە ساراڭ، بۇقىدەك تۇرۇپ بالا تاپالمايدىغان ئادەممۇ مەن، ئۆزۈڭ قىسىر، ئۆزۈڭ داۋالان!
مەن ئارتق گەپ قىلماي ئۇنىڭ سۆزىگە  ماقۇل دەپ قويدۇم. ئۇنىڭ ھۆرپىيىپ تۇرغان چىرايىغا قاراپ راست گەپنى دىيىشكە پېتىنالمىدىم.
ھەي خۇدا، «ئادەم دېگەن ئازغۇچى» دېگەن گەپنى كىم ئېيتقان بولغىيتى، بىر كۈنى قوناقلىقتا ئوت ئېلىۋاتسام خوشنىمىزنىڭ ئوغلى ئارقامدىن كېلىپلا مېنى بېسىۋالدى.
-مېنى قويىۋەت ئىپلاس، ۋارقىرايمەن بىكا، نومۇس قىلمامسەن! -دەپ جېنىمنىڭ بېرىچە قارشىلىق كۆرسەتتىم ئۇنىڭغا.
-بولدى قىلە، ۋارقىرىساڭ پوققا پايدىسى يوق، ئېرىڭ ھاشاردا، خەق كورسە مېنى سەن ئازدۇرغان بولىسەن،- ئۇ شۇنداق دەپلا ئىشتان بېغىمغا ئېسىلدى. قارشىلىقلىرىم بىكار كەتتى. راستىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭغا كۈچۈم يەتمىدى. ۋارقىراشلىرىممۇ كارغا كەلمىدى. ئاخىرى بولىدىغان ئىش بولدى. ئۇ ئىشنى تۇگۇتۇپلا بەدەر تىكىۋەتتى. ئۆمرۈمدە بۇنداق خورلۇققا ئۇچرىمىغان ئىدىم. نەچچە كۈنگىچە يوتقانغا پۈركۈنۈپ قان يىغلاپ ياتتىم. ئۆيدىكىلەر مىجەزى يوق دەپ پايپىتەك بولۇشتى. تۆتىنچى كۈنى كۈنى ئىرىم كەلدى. ئۇنى كۆرۈپ يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدۇم. ئاخشىمى ئۇنىمىسام ئۇنىماي ئۇ مېنى يوتقانغا سۆرىدى. شۇنىڭدىن كىيىن بەكلا جىمىپ كەتتىم. ئېچىمنى سانسىز ھەرە چېقىۋاتقاندەك زادىلا تېنچلىنالمايتىم. ئاقىۋەت مەن ئويلىغان پاجىئە يۈز بەردى. ئىككى ئايدىن كىيىن بويۇمدا قالغانلىقى ئايان بولدى...
ئايال جىمىپ كەتتى. مەن خۇددى ئۇستا ھىكايىچىنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىۋاتقاندەك ئۇنىڭ بايانلىرىنىڭ ئېچىگە چۆكۈپلا كەتكەن ئىدىم.
-كىيىن قانداق بولدى، -دېدىم تاقەتسىزلىنىپ.
-كىيىن قانداق بولاتتى، ھارامدىن بالا تاپقانلىقىمىز ئاشكارىلىنىپ قالدى.
-قانداق بولۇپ؟
-بالام ئۈچ ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ قاتتىق ئاغرىپ قالدى. دوختۇرلار قان سالىدىغان بولۇپ ئىرىمنىڭ قېنىنى تەكشۈرگەندە ماس كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن...
-شۇنىڭ بىلەن ئاجراشتىڭلارمۇ؟
-ئاجرىشىش كېيىنكى گەپ، ئۇمېنى بەك ئۇرىۋەتتى. بالىنىڭ دادىسى كىم، ئۇنى بوغۇزلايمەن دەپ بەك ئەسكىلىك قىلدى. دېگىلى بولامدۇ، بالا سىزنىڭ دەپ چىڭ تۇردۇم. يېرىم يىل مۇشۇنداق سۆرىشىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئاجراشتۇق. بۇمۇ خوپ بولدى. تاياق- توقماقتىن قۇتۇلدۇم.
-بالا كىمدە قالدى؟
-ئەلۋەتتە مەندە قالىدۇ –دە!  شۇندىن كىيىن ئۇ پىيەنچۈك بولۇپ كەتتى. ھاراق ئىچمەيدىغان كۈنى يوق، كۈندە خەق بىلەن جىدەللىشىپ يۈردى. نەچچە قېتىم پىچاق يەپ دوختۇرخانىدىمۇ ياتتى. بىزنىڭ ئىشلىرىمىزمۇ ئاشكارىلىنىپ كەتتى. يۈزۈمنى قويىدىغان يەر يوق، ئۆلۈپلا قۇتۇلاي دىسەم تېخى. خەق كورسىلا يامان كۆزدە قارىشىدۇ. مەنمۇ يامان ئاتاق ئېلىپ قالدىم. بويتاقلار، خوتۇنپۇرۇچلار دائىم مەھەللەمنى ئەگىپ كىتەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىگەم جاننى ئالسا بولمامدىغاندۇ دەپ نالە قىلىمەن. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا جانمۇ ئەرزىمەس بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى ھازىر.  ئامال يوق، ئادەمنىڭ رىسقى تۈگىمىسە جېنى چىقمايدىكەن. مېنى ئۆز قوينىغا ئالمايۋاتقان ئۆلۈمنىمۇ مەسخىرە قىلغۇم كېلىدۇ!
ئۇنىڭ كىيىنكى گېپى يۈرىكىمگە تەگدى. توۋا، ئاددى بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ گەپنى خېلى-خېلى پەيلاسۇپلارمۇ قىلالمايدۇ جۇمۇ دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە.
-خوش ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كىلەيلى، زادى نېمە ئىش بىلەن مېنى ئىزدەپ كەلگەنتىڭىز؟
-ئىككى ئىش، بىرى سىز يازغۇچىكەنسىز، كەچۈرمىشلىرىمنى ئاڭلاپ باقسۇن دېدىم، مېنىڭ دەرد ھەسرىتىمنى چۈشىنىدىغان ئادەممۇ چىقارمۇ دەپ ئويلايتتتىم. يامان ئاتلىق بولۇپ قالغاندا ئادەم ئۆزىگە تەسەللى بىرەلەيدىغان ئادەمگە مۇھتاج بولىدىكەن. يەنە بىرسى ئاتا-ئانام قېرىپ كەتتى. ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىنى قىلالمايدۇ. بالاممۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ قالدى. مەن بىر ئەمگەك كۈچى بىلەن تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدۇق. تۆۋەن كاپالەتكە كىرگۈزۈپ قويسىكەن دەپ كېلىشىم.
-بۇرۇن يازمىغانما؟-دېدىم ئۇنىڭغا ھىسداشلىقىم قوزغىلىپ.
-ياق، ياق، بۇ يەردىكىلەر ئۆزىنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىلا يازىدۇ. خەق جىق ئەر قىلىپمۇ ئاقتۇرالمىدى. سىلەر كەپسىلەر، مۇشۇ ئىشنى بولسىمۇ ئوڭشاپ خەقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىڭلار دەيمەن ئۇكىلىرىم.
-بولىدۇ، مەن بۇئىشنى كەنت ئىككى بەنزىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ جاۋابىنى بىرەي. ئەھۋال راستنىلا سىز دىگەندەك بولسا بىز تەكشۈرۈپ كۆرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
-مەڭ، بۇ پۇل ئاز بولسىمۇ خەج- خىراجەت قىلىپ تۇرارسىز-، مەن يانچۇقۇمدىن 100يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدىم.
-ياق، ياق، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئالسام بولمايدۇ.
-ئېلىۋېرىڭ، ئاز كورىۋاتامسىز يا؟
-ئاز كۆرگىنىم ئەمەس، سىلەرگىمۇ تۇرمۇش لازىم. قاراپ تۇرۇپ سىزنى چىقىمدار قىلسام بولماس...
ئۇنىڭ مەيۇس كۆزلىرىدە غىللىدە ياش ئەگىدى.
-مەن چىن  كۆڭلۈمدىن چىقىرىپ بەردىم، بولسا كۆپرەك بەرسەم بولاتتى، ئېلىپ قويۇڭ.
-ئەستا، بەك سەت تۇردى...
ئايال ھەشقاللا ئېيتىپ كېتىپ قالدى. نەچچە كۈنگىچە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى خىيالىمغا كىرىۋېلىپ زادىلا ئارام بەرمىدى.
روھمىدەك تەنھا بىر كېچە، نېمىشقىدۇر باغرىم ئۆرتۈلۈپ تۇراتتى. قەلەمنى قولۇمغا ئالدىم. كۆز ئالدىمغا ھېلىقى چوكان كەلدى. مىسرالار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى خاتىرەمگە تىزىلىشقا باشلىدى. ناھايىتى تىزلا «بىر چوكاننىڭ ھېكايىسى» دېگەن بۇ شېئىر يېزىلىپ بولدى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
دىلداش + 10

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-10 14:42:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى تۆت  كۇپلېت شېئىرنى بەك ياقتۇردۇم،ھېكايە مەزمۇنىغا ماس ھالدا  ئېسىل چىقىپتۇ،  ھېكايە ۋەقەلىكىمۇ   كىشىنى ئويغا سالىدىكەن ، ئاجايىپ دۇنيا بۇ ھە؟!.... ئىجادىيىتىڭىز ئۇتۇغلۇق بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-3-10 14:45:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى نۇرغۇن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا يالغانچىلىق كۆپ. سەمىمىيلىك ئاز. رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، غايىۋى نەرسىلەرنى يېزىش مودىغا ئايلاندى. ھەقىقىي شېئىر يېزىش ئۈچۈن ئەقلىي بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ شېئىرنى  ۋە ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئوقۇپ شۇنداق تۇيغۇغا كەلدىم. ئاپتۇرنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.  

ۋاقتى: 2015-3-10 15:04:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنىڭ باش ئاخىرى خۇددى نەسىردەكلا بەكمۇ يىقىشلىق چىقىپتىكەن. ئەمما ئوتتۇرىسىدىكى چوكاننىڭ بايانلىرى بەكلا تومتاق بولۇپ قاپتۇ. مېنىڭچە چوكاننىڭ مۇھتاجلىق ۋو خورلۇقتىن قاغجىرىغان روھىي دۇنياسىنى ئىچىپ بىرىشكە كۈچەپ باقسىڭىز بولغۇدەك. بۇ مىنىڭ پەقەت شەخسى قارىشىم. قانداق يىزش، نىمىنى يىزىشنى يەنىلا ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز. دىگەنلىرىمنى ئارتۇقچە كۆرسىڭىز سىزدىن ئەپۇ سورايمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىراغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 15:12  


ۋاقتى: 2015-3-10 15:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى سۈيۈنۈش بىلەن ئالدىرىماي ئۇقۇپ ھۇزۇر ئالدىم. «مانا بۇ شېئىر» دىدىم ئىچىمدە.

ۋاقتى: 2015-3-10 15:34:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى -چىنلىق'دېگەن سۆزنى يەنە بىر قېتىم ئەسلىدىم.شېئىر ۋە چوكاننىڭ ھېكايىسى ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-3-10 15:55:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       شېئىردىن بىر قەلبنىڭ پىغانىنى ئاڭلىدىم، ئاچچىق بىر  پىيالە كۆز يېشىنى ئىچتىم، شاماللار، پەسىللەر ئېلىپ كەتكەن ھاياتنىڭ ئەسلى رەڭگىنى كۆردۈم. ئاپتورغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2015-3-10 16:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما ھىكايىدە:
-بىر كۈنى ئىشخانىدا كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتىم. خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى يېنىمغا كىرىپ :
-سىزنى بىر ئايال ئىزدەپ كەپتۇ. ئىنكاس قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن، -دېدى.
-ھە، كىرسۇن،- دېدىم ئورنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ.
پۇتۇمغا ئالدىراپ –سالدىراپ كېپىشنى كەيدىم -دە ئىشىك ئالدىغا چىقتىم.
-تۇرقۇمدىن چوڭ ياشلىق ئاياللاردەك كۆرىنەمدىكەنمەن؟ ئەمەلىيەتتە مەن ئەمدىلا 40تىن ئاشتىم. يىللار مېنى مانا مۇشۇنداق مۈكچەيتتى.  كىچىكىمدە بەك چىرايلىق ئىكەنمەن. باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدىلا ئوغۇللار ئارقامدىن پەرۋانە بولۇپ يۈرەتتى.  ھەركۈنى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ سالام خەتلىرىنى تاپشۇرىۋالاتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا بۇ ئىش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى. ھەتتا مەكتەپكە بېرىپ كەلگۈچە يولدا ئوغۇللارنىڭ مېنى ساقلاپ تۇرغىنىنى، ئارقامدىن قوغلىشىپ مەھەللىگە قەدەر كەلگىنىنى كۆرەتتىم. بىرقانچەيلەن مېنى دەپ مۇشتلىشىپ ئاغزى بۇرنىنى قانمۇ قىلىشقان ئىدى. ئادەم دېگەن خام سۈت ئەمگەن نەرسىكەن، ھەم ھۆل نەرسىكەن،  ئوتتۇرا مەكتەپتىلا خوشنا مەھەللىلىك بىرسىگە كۆڭۈل بىرىپ مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدۇم.


قىزىق رەڭدە بويىغان يەرلەر سەل مۇبالىغىلەشتۈرۈلۈپ قالدىمۇ قانداق؟  سىزنىڭ ئىشخانىڭىزغا بىرەرسى سىزنى ئىزدەپ كىرسە، كىرسۇن دەپ ئورنىڭىزدىن چاچىراپ تۇرۇپ كېتەمسىز؟ خۇددى بىرەر ئىشتىن چۆچۈپ كەتكەندەك، راس ئىشخانىڭىزدىمۇ ئاياغ سېلىپ ئولتۇرامسىز؟ كېپىشنى ئالدىراپ كەيدىم دەپسىز، يەنە بىرگە باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى، كۆيۈپ ئاھ، پاھ بوپ كېتىشنىڭ نېمىلىكىنى، سالام خەت دىگەنلەرنى نە بىلسۇن. ئۇلارنىڭ دەرىسى يوقمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى دىگەن ساددا كېلىدۇ.  بەرگەن سالام خەتنى ئۇدۇل ئوقۇتقۇچىسىغا يەتكۈزمەيدۇ دىگىلىمۇ بولمايدۇ.
تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دىسىڭىز بۇ باشقا گەپ ھازىرقى دەۋىردىغۇ مەكتەپ باللىرىغا ئويۇن بوپ بەردى بۇ ئىشلار، شۇ جايلارغا يەنە بىر قاراپ باقسىڭىز بولىتتىكەنتۇق.

مەنچە بولغاندا ھىكايىدىن شېئىر تەبىئىي ئىسىل چىقىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablipiz idiris تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 17:11  


ۋاقتى: 2015-3-10 18:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولغان بەدىنى، تاتىراڭغۇ ئەمما تېگىدىن ئالمىدەك سۈزۈك چىرايى، ئىلىپتەك بۇرنى، بەتلىنىپ تۇرغان ئوقيادەك تال-تال كىرپىكلىرى، مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان شەھلا كۆزلىرى، سارغۇچ بۇجغۇر چاچلىرى... بۇ جايلارنى ئوقۇپ بۇندىن بۇرۇن ئوقۇغان ھېكايىلەرنىڭ بىر يەرلىرىدەك ھىس قىلىپ قالدىم. بولۇپمۇ قىزىلغا بويالغان يەرلىرى بىلەن ئايالنى كۆرگەندىكى دەپسلەپكى 50ياش تەسىرات زىتتەكلا.

ياق، ياق، بۇ يەردىكىلەر ئۆزىنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرىنىلا يازىدۇ. خەق جىق ئەر قىلىپمۇ ئاقتۇرالمىدى

يەنە بۇ يەرلىرىنى ئوقۇغاندا كۈلدۈم. بۇ گەپ ھەممە يەردە بار ئوخشايدۇ. بىزنىڭ مۇشۇ جايدىمۇ دېھقانلار مۇشۇنادق دەپ قاقشايدۇ....

ۋاقتى: 2015-3-10 18:11:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      ياخشى ئەسەر ئىكەن، ئوقۇپ ياقتۇردۇم. ئاپتورغا قۇت يار بولغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-10 18:12  


ۋاقتى: 2015-3-10 20:49:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرى ئۇتۇغلۇق بولسۇن !

ۋاقتى: 2015-3-10 21:24:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىرغا چۆككەن شائىرنىڭ رىئاللىقتىن شىئىرغا، شىئىردىن رىئاللىققا قايتىشتەك ئازابلىق جەريانىدا پارتىلىغان ھىسسياتىدىن ئاپىرىدە بولغان شئىرى ئادەمنىڭ تۇيغۇ تارلىرىنى چەكمەك قويمايدۇ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 23:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراغ يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 15:04
ھېكايىنىڭ باش ئاخىرى خۇددى نەسىردەكلا بەكمۇ يىقىشلىق  ...

بۇ ھىكايە ئەمەس. ھىكايە يېزىش مېنىڭ مەقسىدىممۇ ئەمەس. مەن پەقەت بۇ شېئىرنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەپ بولغان ئىشنى تىركەپ قويدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 23:33:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 16:59
شېئىر ياخشى چىقىپتۇ، ئەمما ھىكايىدە:
-بىر كۈنى ئىشخانى ...

ئايالنىڭ دىگىنى شۇنداق. ئەمەلىيەتتە جەنۇپلاردا بۇنداق ئىش جىق. مەن ئەمەلىي ئەھۋالنىلا خاتىرىلەپ قويدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 23:34:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
xahrizat يوللىغان ۋاقتى  2015-3-10 18:09
تولغان بەدىنى، تاتىراڭغۇ ئەمما تېگىدىن ئالمىدەك سۈزۈك ...

مەن ئۇ ئايالنى سىرتتىن شۇنداقلا كۆرۈپ ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمىگەن. ئىشخانىغا كىرگەندىن كىيىن تەپسىلى قارىدىم. ئەھۋال شۇنداق. بۇ يەردە مۇبالىغە يوق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش