يازغۇچى ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق 1971-يىلى نويابىردا مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1994-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتىتىنى پۈتتۈرۈپ، مەكىت ناھىيەلىك تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىغا تەقسىم قىلىنغاندىن بويان، ھازىرغىچە مۇخبىر، تەرجىمان، دېكتور، مۇھەررىر قاتارلىق ۋەزىپىلارنى ئۆتەپ كەلمەكتە. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا، ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىنى ئاساسەن جوڭگۇ ۋە چەت ئەلنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشقا سەرىپ قىلغان. ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «قەشقەر» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىجتىمائىي تېمىدىكى بىر تۈركۈم ماقالىلىرى، بىرقىسىم ئەدەبىي ئوبزورلىرى ۋە «ئاينىش»، «قىزلار ئارخىبى»، «چۇۋۇلۇش»، «بىر كۈنلۈك ئايرىلىش»، «بىر يۈز بىرىنجى ھېكايە»، «تارىخنىڭ تاللىشى»، «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى» قاتارلىق ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنغان. يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى نىكاھ» نامىلىق رومانى نەشىر قىلىنىپ، كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولغان. يېقىندا «مەن ھۆرمەتلەيدىغان ئايال» نامىلىق پوۋېستلار توپلىمى ۋە «قەشقەرگە كەتتىڭمۇ جېنىم» نامىلىق ھېكايىلەر توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرغان بولۇپ، نۆۋەتتە «مۇدھىش كېچىلەر» نامىلىق تېرىلوگىيەسى ئۈستىدە جىددىي ئىشلىمەكتە. ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە تەكلىپلىك يازغۇچىسى.