كۆرۈش: 428|ئىنكاس: 11

بوۋاقى: «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار»نىڭ سۈزۈكلىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 986
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2481
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 16:12:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان بوۋاقى
(ئوبزور)
مەلۇمكى، تارىخىي نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا، ھەر بقىر ئىنساننىڭ ئاپىرىدە بولۇشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە ھاياتىنى مەلۈم مۆچەللەردىن كېيىن چەكسىزلىككە سوزۇلغان مەنزىللەر پايانىدا تاماملىشىنى بىر گەۋدە قىلىپ تەپەككۇر قىلغىنىمىزدا، ياشام مۇساپىىسىدە باسقان ھەر بىر مۇبارەك قەدىمىنىڭ ئۆزىلا ئۆڭمەس بىر تارىختۇر. شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر ئىنسانمۇ ئۆزىگە يارىشا بىر مۇكەممەل تارىخ ياراتقۇچىدۇر. بىراق، شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق ئىنساننىڭ نۇرلۇق تارىخىمۇ ئەبەدىيلىكنىڭ بەلگىسى بولغان يېزىل بىلەن تىلنىڭ ھىمايىتىدە يورۇتۇپ بېرىلمىسە، ئۇ كەلگۈسىگە يېتىپ بارالمايلا قالماستىن، بەلكىي گاچا، ئۆلۈك، ئىزسىز تارىخقا ئايلىنىپ قالىدۇ-دە، ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. ئەھمىيىتى بولمىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ھەن قىممىتىمۇ بولمايدۇ. قىممىتى بولمىغان نەرسە ساقلانمايدۇ. پەقەت ئۇ قەلەمگە باغلانغان ئۇلۇغ مۇھەببەت ئارقىلىق روشەنلىككە ئىگە قىلىنغاندىن كېيىنلا، ئەبەدىي ئۆڭمەس ئابدە ۋە سىيماغا ئۆزگىرىدۇ-دە، قەلبلەر تۆرىدىن باقىي ئورۇن ئالىدۇ. ئىنساننىڭ خاس كەچۈرمىشلىرى بىلەن روياپلانغان بۇ تارىخنى بىر بولسا مۇئەييەن تارىخنى ياراتقۇچىنىڭ ئۆزى، يەنە بىر بولسا خالىس نىيەتلىك قەلەم ساھىبلىرى يېزىپ تاماملايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆزى پۈتكەن تارىخنىڭ چىنلىق دەرىجىسى ۋە قايىل قىلىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ئۇ ئىنسانىي سەمىمىيەتنى قانات قىلىپ ۋۇجۇدلاندۇرۇلسىلا، ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە پەيدا قىلىدىغان ئەزگۈ لەرزىسى ناھايتى ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتىدا ھالال مېھنەتلىرى بىلەن دەريادەك قان-تەر ئاققۇزۇپ، 1958-يىلى «گۈرۈچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بۇ ئوتى مەڭگۈ ئۆچمەس ئۇلۇغ سەپكە كىرىپ كەلگەن ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى شۇنچە يىللاردىن بېرى ئىجادىي ئىزچىللىقنى روھىي ئۇدۇمغا ئايلاندۇرۇپ، جاپالىق ئىزدىىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىش ۋە ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ھازىرغىچە « خەير-خۇش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، «قىيانلىق دەريا» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلار توپلاملىرىنى؛ «ئۇنتۇلغان كىشىلەر»، « ھايات شۇنداق»، « ئاي يامغۇرى»، «يىراقتا قالغان مۇھەببەت»، « بەختسىز سەئىدىيە»، « سەرسان روھ»، « كونا كوچا»، « قاباھەت» قاتارلىق رومانلارنى ئارقا-ئارقىدىن ئىجاد قلىپ، بىرمۇنچە ئەقلى سەگەك، بەدئىي دىتى ئۆزگىچە، بايقاش ئىقتىدارى قكۈچلۈك بولغان ئوقۇرمەنلەرنى قايىل ۋە مايىل قىلىپ، ئەلنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.
ئۆز ھاياتىنى ئىجاد قىلىشقا ئاتىغان مولھوسۇللۇق ۋە تالانتلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى شۇبچە زور ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە زىنھار قانائەت قىلماي، ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا باقماي، يەنە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك، ئاز كۆرۈلىدىغان، پاكىت-ئاساسلىرى كۈچلۈك، قايىل قىلىش كۈچى ئۈستۈن، رېئاللىق تۈسى قويۇق، جەلبكار -ئەسلىمە ۋە ئەدەبىي خاتىرەـ «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار» ناملىق بىر كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇپ، شۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپلا قالماستىن، بەلكىي بۇ خىل بەدئىي تۈر ئۈچۈن ئۆلگە تىكلەپ بەردى. يازغۇچىنىڭ بۇ كىتابى ئۈچ قىسىم، 33 كىچىك ماۋزۇدىن تەركىب تاپقان بولۇپ،  457بەت بىلەن تاماملانغان.
سىر ئەمەسكى، ەپتى ئەلنىڭ يۈرىكىگە تەگكۈدەك، روھ گۈلىستانلىرىدىكى سىرىن گۈللەرنىڭ بويىنى ئەگكۈدەك ۋە بەدئىي قۇدرەت-كامالى-تەمى ئېرالاردىن ئۇزاپ  كەتكۈدەك بىرنەچچە دەۋرنىڭ ھەقىقىي شاھىدى بولغان بۇنداق ئەسلىمىنى يېزىپ چىقماق ئانچە ئوڭاي ئىجادىيەت جەريانى ئەمەس. ئۇنداقتا، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ دىللاردىكى ئالقىشى بېسىقمايۋاتقان بۇ ئەسلىمە كىتابىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جەلبكارلىقى زادى نەدە؟ مېنىڭچە، بۇ تەرەپلەرنى تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
بىرىنچى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار» ناملىق بۇ ئەسلىمە-ئەدەبىي خاتىرە كىتابى ئالدى بىلەن بەدئىي چىنلىققا ھەقىقىي يوسۇندا تويۇنغان ۋە ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بايان ئەيلەنگەن ھەر بىر تەپسىلات، شەخس، ھېكايەت ۋە بىشارەتلەر شۇ دەۋرنىڭ شارائىتى، شۇ شەخسنىڭ ياش-قورامى، جىنسى، ئائىلە مۇھىتى، خاراكتىرى ۋە شۇ شەھەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئەمەلىيىتى ئىچىگە قويۇلۇپ، ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەردە غەلىتە تۇيغۇ پەيدا قىلمايلا قالماستىن، بەلكىي ئۇلارنى بىر ئوقۇشتىلا ئۆزىگە رام قىلىۋالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسلىمە ۋە ئەدەبىي خاتىرە كىتابىدىكى  «سىرىن گۈللۈك ھويلىدىكى كىشىلەر» بىر قەدىمىي، ئىجادچان، مېھنەتسۆيەر، ئۇلۇغ، قىسمەتكوي مىللەتنىڭ ھەردەم يىغىسىنى يىغلاپ، كۈلكىسىنى كۈلۈپ، سۈيىدە ئېقىپ، ئوتىدا كۆيۈپ، بارلىقىنى ئەۋلادلىرىنىڭ ئەتىكى ئىستىقبالىنىڭ پارلاق بولۇشى ئۈچۈن سەمىمىيلىك بىلەن بېغىشلاپ، ئاددىي ياشاپ، ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىيجاناپ، پەرىشتە سۈپەت، بىتەكرار مەدەنىي سىيمالار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىزگە نامەلۇم بولغان ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئۇلۇغۋار نىشانغا يۈزلەنگەن ئېسىل ئىجادىي ۋە ھاياتىي ئىش-پائالىيەتلىرى بىر تەرەپتىن بىزنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇلارغا غەرق ئەيلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارنى بىھۇدە ۋە بىمەزگىل ئازابلاپ خوراتقان ئاچچىق قىسمەتلەر ئىزتىرابلىق تۇيغۇلار ئىلكىدە ۋۇجۇدىمىزنى ئۆرتەپ، ھاياتىمىزنى، ۋاقتىمىزنى ۋە زېھنىمىزنى قەدىرلەپ، ئەل ۋە ئەۋلاد ئۈچۈن  ئەبەدىي ئىجاد قىلىشقا  كۈچلۈك ئۈندەيدۇ ۋە دالالەت قىلىدۇ. قاراڭ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى پىرامىداسىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئۇلۇغلىرىمىزدىن زۇنۇن قادىرى، تېيىپجان ئېلىيوپ، رەھمىتۇللا جارى، ئابدۇكېرىم خوجا، زوردۇن سابىر، قاھار جېلىل...لارنىڭ قانداق سەمىمىي، ئاقكۆڭۈل، ئىزدىنىش روھىغا باي، كەڭ قورساق، ئەپۇچان، كەمتەر، ۋاپادار، مەرد، روھىي ئۈستۈن، خاراكتېرى روشەن، ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان، خەلقنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان، ۋەتەننىڭ شان-شۆھرىتىنى بەخت ھېسابلايدىغان، كىچىك پېئىل، خۇشچاقچاق پەزىلەتلىرى ئوقۇرمەنلەرگە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ھايات قەدىمىنى رۇسلىۋېلىشىغا ئىلھام ئاتا قىلىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، «سىرىن گۈللۈك ھويلىدىكى كىشىلەر»نىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكلىرى بولسىمۇ،  ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىغا قانالمىدى. باشقا ئادەملەردەك ھايات داۋانلىرىنىڭ 80-، 90-مەنزىللىرىدىن ئۆتەلمەيلا ئارىمىزدىن كېتىپ قېلىپ، باغرىمىزنى داغلاپ، ئەبەدىي ئۆڭمەس ۋە ئۆلمەس بەدئىي مىراسلىرى بىلەم مەنىۋىي مۇنار تىكلەپ، بىزنى «ئۇلار شۇ كەمگىچە ياشىيالىغان بولسا، قانداق زور ئىشلارنى قىلار ئىدى-ھە؟!...تەڭرىم، ئاۋۇ بىر كىملەرگە ئوشۇقتىن-ئوشۇق بەرگەن  ئۆمۈرنى شۇلارغا ئاتا قىلغان بولساڭچۇ؟...» دېگۈزۈپ، ئەۋلادلارنى پىغان شارابىنى ئىچىشكە مەجبۇر قىلدى. خەيرىيەت، باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، ئاتاقلىق يازغۇچى زوردۇن سابىردەك سەركەردىلەرمۇ ئىككى-ئۈچ مىڭ كوي داۋالىنىش پۇلىنى دەل ۋاقتىدا ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەي ۋە ئۇ كۆتۈرگەن يۈكلەرگە يۈرىكى بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا زىل-زىلە پەيدا قىلغان يىگانە ئەسىرى «ئانا يۇرت» تىرىلوگىيەسىنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئالقىشلىرىنى ئاڭلاش، كۆرۈش ۋە ھېس قىلىش نۇسرىتىگە نائىل بولالماي، ئارىمىزدىن بىمەزگىللا كېتىپ قالدى. ۋۇجۇدى مېھنەتتىن پۈتۈلگەن  ئۇلۇغ ئەدىب زۇنۇن قادىرى ئالمۇتادا يەر ۋە يۈز تاپتى...بىتەكرار تىلشۇناس رەھمىتۇللا جارى ئاكا ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئېسىل پەزىلىتى بىلەن دىللاردىن ئورۇن ئالدى. شېئىرىيەت گۈلىستانىنىڭ خەندانكەش بۇلبۇللىرىدىن تېيىپجان ئېلىيوپ بىلەن ئابدۇكېرىن خوجا ئاخىرقى نەپسىگىچە ئەدەبىيات ئوچىقىنىڭ ئوتىنى پۈۋلەپ، ئۆز ئېلىنىڭ شان-شۆھرىتىنى كۈيلىدى...مانابۇلار ھەقىقىي بەدئىي چىنلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بولغاچقا ھەم « چىنلىق-ئەدەبىياتنىڭ جېنى» دېگەن بەدئىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلنغاچقا، بۇ ئەسلىمە ۋە ئەدەبىي خاتىرە زىنھار ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ ياكى تېرىكتۈرۈپ قويمايدۇ.
ئىككىنچى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ بۇ ئەسلىمە-ئەدەبىي خاتىرىلىرىنىڭ تىلىغا نىسبەتەن خېلىلا كۈچ سەرپ قىلىپ پىششىقلاپ ئىشلىگەن ۋە تاۋلىغان.  شۇنداقلا بۈگۈنكى تىل ئىستېمالىدىن قالغان، قېلىش ئالدىدا تۇرغان ۋە ئۆزى ئىجاد قىلغان يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە(مېنىڭ شېۋە، دىيالىكېت دېگۈم كەلمىدى) بولغان ۋە بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقىنى ئاشۇرۇرشتا كام بولسا بولمايدىغان «...سەندەل، مەيىن ئاۋاز، تەنناز خېنىم، ئەھلىيەسى، ئىنان ئايىم، جەۋزى، بوغۇلداشتى، تۇغ-شەددە، غىلايغان، دۈگجۈپ، دىلرابا مۇزىكا، شىلەڭ-ماشخوردا ئاش، دىلكەشلىك، چوقاي، مەزەڭگە، چايشاپ، ئىرىم(ئادەت)، ئۇچۇق، دەندەپ، داملاپ، تەڭلىمات، تىرتەكلىكى، ئارزۇقۇش، گاۋرۇش، خيالخانا، ھۆپۈلدەپ، قېرىسال ئادەم، كۈندىلەڭ، رىزالەت، ئەھيان، ئۇلاقتۇرۇپ...» قاتارلىق سۆزلەرنى جايى-جايىدا ئىشلىتىپ، بىر ھەقىقىي مىللەتسۆيەر ئەدىبنىڭ ئانا تىلنى قوغداش، بېيىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، لوغەت بايلىقىنى ئاشۇرۇش، جۇغلانمىنى كۆپەيتىش ۋە يۈكسەكلىككە ئىگە قىلىش يولىدىكى جەڭگىۋار پىداكارلىقىنى چىنلىق بىلەن نامايان قىلغان. ئەلبەتتە، بۈگۈنكى تىلىمىزدىمۇ بۇ سۆزلەرنىڭ ئورنىغا ئىشلىتىدىغان سۆزلەر بار ئىدى، ئۇنى مۇئەللىپ ئوبدانلا بىلەتتى، چۈنكى ئۇ بىر تىل ئۇستىسى بولغان مۆھتىرەم يازغۈچى ئىدى. بىراق بۇ سۆزلەر ئىپادىلىگەن مەنا كەڭلىكىنى ئىپادىلەپ، تىل چىنلىقىنى ھەقىقىي گەۋدىلەندۈرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى. ھەرگىزمۇ «ئىنان ئايىم»نىڭ ئورنىغا باشقا بىر سۆ‍زنى  ئىشلىتىپ ئەسلى مەقسەتكە يەتكىلى بولمايتتى. بۇ نۇقتىنى ئۇزاق يىللىق ئەمەلىي يېزىقچىلىق جەريانىدا ھەقىقىي تونۇپ يەتكەن ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئەزىزانە قەشقەردە ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تامغان «جانان كوچىسى»دىكى ساناقسىز كىشىلەرنىڭ روھىي ئۆتەڭلىرىنى كېزىپ، تىل ئەۋرىشكىلىرىنى تاللاپ، ئۇزاق يىل ئىزدىنىپ، شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە خاس بولغان ئاشۇ سۆزلەرنى قېدىرىپ تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى ئېچىپ بېرىشكە تىرىشىپ، ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ئارتقۇزغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە «ئالتۇنمۇ يۈز پىرسەت ساپ بولمىغان»دەك بۇ جەھەتتە تۆۋەندىكى بەزى نۇقتىلارغا تازا ئەھمىيەت بېرىپ كېتەلمىگەن: يەنى «‹مەدداھ ئاڭلاش› دېگەن بۇ سۆز بېرىكمىسى ئەسلىدە ‹مەدداھلاردىن جەڭنامە ئاڭلاش› دېيىلسە توغرا بولغان بولاتتى، لېكىن نېمىشقىدۇر بۇ يەردە مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىنمىغان. يەنە ‹بەزى كۈنلىرى خانئاچام {قارا يورغا}بىلەن شەھەر ئەتراپىدىكى دۆلەتباغ، سۇزاق ۋە تىكەنبېشى قاتارلىق يېزىلارغا بېرىپ تۇغقان يوقلىماقچى بولغاندا، مەن ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ، ئىشەكنى يېتىلەپ ماڭاتتىم› دېگەن بۇ جۈملىدىكى خاتالىق شۇكى، گەرچە دۆلەتباغ ئەزەلدىنلا يېزا دەرىجىلىك ئورۇن بولۇپ قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق تىكەنبېشى بىر كۆجۈم كەنت بولۇپ، ئەزەلدىن يېزا بولۇپ قۇرۇلغان ئەمەس. ئۇ يەر ھازىرمۇ شامالباغ بازارلىق ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بىر كەنتتۇر، خالاس. شۇنداقلا سۇزاقمۇ بەش كەنتتىن تەركىب تاپقان ئەلۋەك بىر ئوچاستېكا  بولۇپ، ئەزەلدىن ئايرىم بىر يېزا بولۇپ قۇرۇلۇپ باقمىغان ھەم ئۇ مەمۇرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلەلمىگەن. بۇ يۇرت ھازىر دۆلەتباغ يېزىسىغا قارايدىغان چىرايلىق يۇرتنىڭ ئىسمى بولۇپ، پېقىر شۇ يۇرتتا تۇغۇلغانمەن. يەنە كۆرۈپ ئۆتەيلى: «ئۇ بىزگە بىر يېنى ماكچىيىپ قالغان قەلەي كورۇشكىنى تۇتقۇزۇپ، تۇلۇمدىكى ئىسسىق سۇدىن قۇيۇپ بەردى. ئىچىمىز ئوتتەك قىزىپ تۇرسىمۇ، ئىلمان سۇنى ئىچىپ، تەشنالىقىمىزنى ئاز-تولا قاندۇردۇق...». بۇ يەردىكى خاتالىق شۇكى، ئەگەر سۇ «ئىسسىق» بولسا، «ئىلمان» بولماسلىقى، «ئىلمان» بولسا، «ئىسسىق» بولماسلىقى كېرەك. گەرچە قارىماققا بۇ ئىككى سۆزنىڭ ئىپادىلىگەن مەناسىدا پەرق يوقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئاشۇ «ئىسسىق»لىقنىڭ دەرىجىسى بويىچە تەسەۋۋۇر قىلغاندا، روشەن پەرقكە ئىگىدۇر. ئېنىقكى، «ئىلمان» سۇ-سوغۇقمۇ ئەمەس ھەم ئىسسىقمۇ ئەمەس بولغان سۇنى كۆرسەتسە، «ئىسسىق سۇ» بولسا، سوغۇق بولمىغان، نىسبەتەن كۆيدۈرۈش شاراىتىنى ھازىرلىغان  سۇنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بىر مىسال كۆرۈپ ئۆتەيلى:«- ئېيتىڭە، نۇردۇن ئاكا، يەنە ئېيتىپ بېرىڭە!...» دېگەن جۈملىنى ئالساق، قەشقەردە كىچىكلەرنى چوڭلارنى «سىز»لەيدىغان ئادەت ئەزەلدىن يوق ئىدى، بۇ ئاپتورغىمۇ ئايان. يەنە بۇ كىتابنىڭ 78-بېتىدە «غېرىبانە يەكەن» دېگەن بىر ئاتالغۇ بار بولۇپ، بۇ ئەسلىدە «پىرىيانە يەكەن» دەپ يېزىلسا توغرا بولاتتى...
بۇندىن باشقا يەنە بۇ كىتابتا «تەنلىرى ساق، يوللىرى ئاق بولسۇن، ھاۋا قۇرۇق، ئاچچىق-سوغۇق ئىدى، سەن دېگەن بالا، سۈتتىن ئاق، ناندىن پاك، ئىشخانىلار ياتاق، ئامبارلار تاماقخانا بولدى، سۆھبىتى جانان قۇرۇپ، چېھرىلەردە خەندان قىلاتتى، ئەي جانابىي ئىززەتلىك، ھۆرمەتكە لايىق، دىلىمغا مۇۋاپىق، جېنىمنىڭ راھىتى، كۆڭلۈمنىڭ پاراغىتى، ھۆسنىگە تولغان، قامىتى قاملاشقان، ھۆسن-جامالى قامىتىگە ياراشقان، ئەتىرگۈلدىن بوي ئالغان، بۇلبۇلدىن خۇي ئالغان...»قاتارلىق شېئىرىي تەركىبلەر ئۇچراش بىلەن بىللە يەنە «مۇھاپىرغا مۈڭگۈزى يوق كالىمۇ ھەيۋە قىلىدۇ، دىلى بىرنىڭ مۇڭى بىر، بەزىدە چىلىق-چىلىق، بەزىدە قۇرۇق پىلىك، قىرىق ئادەمنىڭ بىرى خىزىر، يات يەردە ئالتۇن قازغۇچە، ئۆز يېرىڭدە كۆمۈر كولا، ئات يىقىلماي، يول تاپماس، بىلىملىك كىشى بىلىم بىلەن غەلۋىردە ئالتۇن سۈزەر، يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ...» دېگەندەك نىسبەتەن يېڭى، تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى زور، قاراتمىلىقى كۈچلۈك ماقال-تەمسىللەرمۇ جايىدا  قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە بۇ كىتابنىڭ بەدئىي تىلىنى يەنىمۇ خاسلىققا ئىگە قىلىش رولىنى ئوينىغان.
  ئۈچىنچىدىن، سەمىمىيەت ھەر بىر ئىنسان قەلبىدىكى ئەڭ ئالىي خىسلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ بىر روھىي ئەڭگۈشتەردۇركى، ئۇنىڭسىز ھېچقانداق بىر  ئەزگۈ پەزىلەت بىلەن ئالىيجاناپ خىسلەتتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى بۇ ئەسلىمە ۋە ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمىدا بۇ مۇھىم نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مەسىلىنىڭ يىلتىزىنى ئۆز قەلب چوڭقۇرلىقىدىن ئىزدىگەن ھالدا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ ئۆتەيلى: « تۇنجى ئەسەر ئېلان قىلىنغان كۈننى ئۇنتۇپ بولامدۇ؟ ئۇ خۇددىي تۇنجى مۇھەببەتتەك، تۇنجى مۇھەببەتنىڭ پارتلاپ چىققىنىدەك ھاياجانلىق ئىش. ئۇنىڭ ئىشقىدىن ئادەم سەۋدايى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. راستىنى ئېيتسام، تۇنجى ھېكايەم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆزۈمگە ئۆزۈم ناھايىتى بۈيۈك كۆرۈنۈپ كەتكەنىدىم. گويا
ھەزرىتى نەۋايى ماڭا ئاتالغان مىسرالىرىنى ئادىشىپ پەرھادقا يېزىپ قويغاندەك ئىدى:  
‹دۇنيادا قالمىدى ئۇ بىلمىگەن ئىلىم،
بىلىپ تەھقىقىنى كەسىپ ئەتمىگەن ئىلىم›.
ھېكايەم بېسىلغان ژۇرنالنى كۆرۈپ كۆزلىرىم چاراقلاپ كەتتى، ۋۇجۇدۇمنى بويلاپ ئاللىنېمىلەر جىمىرلاپ چاپقاندەك بولدى. كوچىغا چىقسام خۇددى خەقلەر مېنى تەبرىكلەۋاتقاندەك، كىم قارىسا مېنىڭ كۆز ئالدىمغا دەرھال ژۇرنال كېلەتتى. قەيەردە ئىككى كىشى گەپلىشىپ تۇرغان بولسا، خۇددىي ‹گۈرۈچ› (ئاپتورنىڭ تۇنجى ھېكايىسى) ھەققىدە گەپلىشىپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى. ‹ئە› ھەرىپى بولمىغان سۆزلەرمۇ قۇلىقىمغا ‹ئەخەت› بولۇپ ئاڭلىناتتى. قىسقىسى، شۇ كۈنلەردە ‹دېدەك مونچاق ئاسسا كىرمىگەن ئۆيى قالماپتۇ›دېگەندەك، ھەممە يەردە ئۆزۈمنى كۆرسەتكۈم، ھەممىگە ئۆزۈمنى ماختىغۇم كېلەتتى...» قاراڭ، كىم ياشلىق دەۋرىدىكى ئۆزىدىكى شۆھرەتپەرەسلىك ئىللەتلىرىنى بۇ دەرىجىدە چىن، ھەققانىي، دادىل يېزىپ، ئۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلالايدۇ؟  بۇ قۇرلار زامانىمىزدىكى شۆھرەتلىك بىر يازغۇچىنىڭ قەلبىدىكى سەمىمىيەتتىن باشقا يەنە نېمىگە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلالايدۇ؟ روشەنكى، بۇ قۇرلار ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئەخەت تۇردى توغرا دەيدۇ:« يازغۇچى-ھايات پائالىيىتى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيىتى بىلەن تۇرمۇشقا، ئادەملەرگە پائال ئارىلىشىپ تۇرىدىغان شەخس، زامان شىددىتىنى، ۋاقىت روھىنى ئېنىق ھېس قىلغان يازغۇچىلا خەلقنى ئالدىماي، ھەقىقەتنى بويىماي يازىدۇ. ھەقىقەت بولسا ئاددىي خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئۇلار ياراتقان رېئاللىق»تۇر.
  يازغۇچى يەنە سەمىمىيلىك بىلەن قەلب بەتلىرىگە شۇنداق قۇرلارنى پۈتىدۇ:« بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىياتىمىز يىلتىزى چوڭقۇر، غولى چىڭ، شانۇشەۋكەتلىك ئۇلۇغ ئەدەبىيات. شۇنداق ئىكەن، بىز ئەۋلادلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ساقلىشىمىز، قوغدىشىمىز، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەسلىكىمىز لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئارىمىزدىن كېتىپ قالغان زۇنۇن قادىرىدەك ئاشۇنداق ئۇساتز يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ ئۆلمەس ئىجادىي ھالال مېھنىتى، قىزغىن ئۈمىدى ۋە  كۈچلۈك ئارزۇ-ئارمىنى بىزگە ھەمىشە ئىلھام تۈرتكە ۋە رىغبەت بولۇپ تۇرىدۇ!». ئىزدەپ كەلسەك بۇ كىتابتا بۇنداق مىساللار ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىر ئۆمۈر ئەستايىدىللىق بىلەن تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ.
تۆتىنچى، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردى بۇ كىتيابىدا ئۆزىنىڭ سەنئەتكە (مەدەنىيەت، مەنىۋىيلىك، شېئىرىيەت، پىروزا) بولغان مۇھەببىتىنى ھەر بىر قۇرنىڭ ۋۇجۇد-ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرۈپ، ئەلگە نەپ بېرىدىغان، ئەلنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان ۋە ئەلنى پارلاق ئەتىگە يېتەكلەيدىغان ھەقىقىي سەنئەتنىڭ ئوبرازىنى روشەن نامايان قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ئىجادىيەت ھاياتىي جەريانىدا يەكۈنلىگەن جەۋھەرلىرىنى تۆۋەندىكىدەك بايان ئەيلەيدۇ:« مەنىۋىيلىك-پەقەت يۈكسەك سەنئەتلا ئەمەس، بەلكىي يەنە ئەزگۈ ئېتىقادتۇر. بۇ يولنى تاللىغانلار جاھاندا، ئىنسانلار ئېڭىدا ئەزگۈلۈكنىڭ پارلاق غەلىبىسىنى نامايان قىلىش، بارلىق مەۋجۇداتنى نۇرغا چۆمدۈرۈش ئۈچۈن، زۇلمەتكە، جاھالەتكە قارشى شەپقەتسىز كۈرەش ئېلىپ بارىدۇ...ھەرقانداق ئىجادكار-ئۇ قانچىكى ئىتېداتلىق، ئۇلۇغۋار بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، قانداقتۇر كامچىللقىلارغا يول قويۇشى مۈمكىن. ئەمما ئۇنىڭ پائالىيىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر، مۇۋەپپىقىيەتلەر كۆپمۇ ياكى سەلبىي ئاقىبەتلەر بىلەن مۇۋەپپىقىيەتسىزلىكلەر كۆپمۇ، گەپ مانا مۇشۇنىڭدا!...ھەقىقەتنى يېزىش-يازغۇچى، شائىرنىڭ بۇرچى...ئەدەبىي تەنقىدچى قانداقلا بولمىسۇن، يازغۇچى، شائىرنىڭ ئۇستازى ئەمەس. مېنىڭچە، ئۇ ئەدىبنىڭ دوستى، دەرددىشى، مەسلىھەتگۇيىۈ ۋە ئىلھامچىسى بولۇشى كېرەك...ئىنسانىيەت يارالغاندىن بېرى قۇرۇلۇۋاتقان بىنامۇ، بۇزۇلۇۋاتقان بىنامۇ دەل مۇشۇ زېمىن! ئۇنى يالغۇز ياۋۇزلۇقلا ئەمەس، بەلكىي چىرىكلىك، مۇناپىقلىق، مەنپەئەتپەرەسلىككە ئوخشاش بىر قاراشتا ياۋۇزلۇققا ئوخشاشمايدىغان، ئەمما ماھايىتى ياۋۇزلۇق بولمىش ئىنسانىي ئىللەتلەرنىڭمۇ بۇزۇشى تەبئىي! شۇڭا بۈگۈنكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت تىلى بۇ ھەقتە دادىل سۆزلىشى كېرەك!...ھەقىقەتەنمۇ يازغۇچى، شائىر دېگەن ناھايىتى شۆھرەتلىك، ئۇلۇغ نام، ئۇنى ھەرقانداق دەرىجە بىلەن ئۆلچىگىلى بولمايدۇ. ئۇ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكىي ئەخلاقنىڭ سىمۋولى. ئەجدادلارنىڭ، ئىنسانلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، ئىلىم-پەن دۇردانىلىرى ئاشۇ يازغۇچى، شائىرلارنىڭ قەلىمى ئارقىلىق كىشىلەرگە يېتىپ كېلىدۇ...شېئىر-يۈرەكنىڭ پاكلىنىش ۋاسىستىسى. ئۇ ئىنساننى ئىدراك ئېتىش ۋە ھېس قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئىنساننىڭ زامانىۋىي دۇنياسىنى كېڭەيتىدۇ. ئىنساندىكى ئېستېتىك قاراشلارنى تەربىيەلەيدۇ...شېئىر ئەزەلدىن ھۆرلۈككە، تىنچلىققا، بەختكە، مېھنەتكە تەشنا ئىنساننىڭ ۋىجدان ئازابى بولۇپ كەتكەن...ياخشى شېئىرنى ئىجادكارمۇ ئازابلىنىو يارىتىدۇ. شېئىر-ئىزدىنىش دېمەكتۇر. يازغۇچىنىڭ ئۆمرى يىل بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ، بەلكىي ئىجادىي پائالىيىتىنىڭ شېرىن مېۋىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ...ئەدەبىيات دەرەخ بولسا، ئەنئەنە ئۇنىڭ يىلتىزىدۇر. ھەرقانداق يېڭىلىق ئۇ ياكى بۇ ئەنئەنىدىن ئۆسۈپ چىققان. يېڭىلىق-ئەنئەنە ئۆمرىنىڭ ئۇزۇرىشىدۇر... » دېمەك، يۇقىرىقىلاردا بۇ پىششىق قەلەملىك ئەدىبنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتكە بولغان ئاممىباب، مۇپەسسەل، يەكۈن خاراكتېرلىق قاراشلىرى ناھايىتى ئىخچام، مېغىزلىق، توغرا، ئادىل ۋە دادىل قايىل قىلارلىق ئىپادىلەنگەن بولۇپ، بۇ نۆۋەتتە ئۆزىنى ئەدەبىياتنىڭ سېھىرلىك ۋە مېھىرلىك، ئۆچمەس ، يالقۇنلۇق ئوتىدا غەرەزسىز كۆيۈشكە خالىسلىق بىلەن ئىختىيار ئەيلىگەن بىر پىداكارنىڭ ئەۋلادرنى تەربىيەلەشتە بىر قوللانما-دەرسلىك كىتاب بولۇشقا تامامەن ئەرزىديۇ، ئەلبەتتە!
گەپنى قىسقارتقاندا، ئاتاقلىق يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ بۇ ئەسلىمە-ئەدەبىي خاتىرە كىتابى تىلى ئاممىباب، چۈشىنشىلىك، يۇمۇرېستىك، قىزقارلىق بولۇش بىلەنلا خاراكتېرلىىپ قالماستىن، بەلكىي ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ كەتكەن ئاشۇ دەۋردىكى نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي روھىي قىياپىتىنى سىزىپ بېرىپ، ئەتىگە ياراملىق ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئاينايدۇ!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-9 16:14  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 16:37:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەستايىدىل ئىزدىنىش روھىڭىزغا تەشەككۈر، خېلى ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپسىز.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8899
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1411
تۆھپە : 2
توردا: 321
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 17:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق بولغاندا ئەسەرلەر ئۆزقىممىتىنى تاپالايدۇ. قەلەم ساھىبىلىرى ئالغا ئىلگىرلەيدۇ...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 17:49:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئەتراپلىق يېزىلىپتۇ. بۇ كىتابنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىش كېرەك.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5510
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2486
تۆھپە : 0
توردا: 953
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 23:27:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخەت تۇردى ئاكىمىز قەشقەرنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا،قەشقەر ئوغلانلىرىغا ھاقارەت بولىدىغان بىر ئىشنى ئاڭلاپ قالغان،شۇنقڭ بىلەن،
قىززىق دۇنيادا قىززىق ئىش،
يازدا تۇرۇپ كۆردۇق قىش.
يۇلۇپ تاشلاندى ساق چىشلار،
دەرت كۆرمىدى ئاغرىق چىش.


« خەير-خۇش، توققۇز كۈنلۈك ماكان»، دەپلا كىتىپ قالغان.كىيىن مەمتىمىن ھوشور بۇنى «ئالتۇن چىشلىق ئىت:دىگەن ھىكايىسىدە ئاشكارلىغان.



Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 2047
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5732
تۆھپە : -1
توردا: 694
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 00:51:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «مەن سۇ ئىچكەن دەريالار»نى ئەتراپلىق كۆزىتىپ دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپسىز، ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1875
يازما سانى: 209
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1364
تۆھپە : 0
توردا: 141
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 10:53:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۆھرەتلىك يازغۇچى ئەخەت تۇردى ئاكىمىزنىڭ ‹‹ مەن سۇ ئىچكەن دەريالار ›› ناملىق بۇ كىتابىنى زور قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم . بولۇپمۇ ‹‹ سېرىن گۈللۈك ھويلىدىكى كىشىلەر ›› دېگەن قىسمىدىن ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تۆھپىلەرنى قوشۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن بىر قىسىم ئۇلۇغ ئەدىبلىرىمىز  ھەققىدە قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن . كىتابنىڭ باش قىسمىدىكى ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكان ۋە زامان ھەققىدە يېزىلغان تەپسىلاتلار ئوقۇرمەننى ناھايىتى قىزىقتۇرىدىكەن . بۇ كىتابنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاتاقلىق يازغۇچىمىز ئەخەت تۇردى گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ ، يەنىلا يۈكسەك بەدىئىي تەپەككۇر  ۋە قىزغىن ئىجادىيەت ئىلھاملىرى ئىچىدە ئەھمىيەتلىك ياشاۋېتىپتۇ ، دەپ قارىدىم . ياش ئەدىب ئابلاجان بوۋاقى ئەپەندى ‹‹ مەن سۇ ئىچكەن دەريالار ›› نىڭ سۈزۈكلۈكى ھەققىدە خېلى ئەتراپلىق قەلەم تەۋرىتىپتۇ . بۇ ئىككى ئەدىبنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن !  

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 2817
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 13537
تۆھپە : 6
توردا: 1756
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-10 12:45:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5545
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 735
تۆھپە : 0
توردا: 71
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-14 00:46:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇۋاقى ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا تەشەككۈر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  582
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1049
تۆھپە : 0
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 18:35:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە قايىلمەن....مەن كىتابنى ئالدىم. لېكىن، تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2572
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 140
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 19:16:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاقىنىڭ قەلىمىگە ككز تەگمىسۇن!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6142
تۆھپە : 0
توردا: 228
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 14:02:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىتىم؛
    ماڭا تەسىر قىلغان تەرىپى؛ 1.كىتابتا تىلغا ئېلىنغان پىشقەدەم ئەدىپلەرنىڭ ياشلارنى يىتەكلەش رۇھى، يۇرۇت ئايرىماسلىقى، ئۆز ئارا سەمىمى پىكىر تەكىلىپلەرنى بىرىشلىرى، شۇنداقلا ئەدەبىياتىمىزغا بولغان مەسئۇليەتچانلىقى ...
    2. پىشقەدەم ئەدىپلەرنىڭ نام- شۆھرەت قوغلاشمايدىغان، نەپ، نەمەننادىن يىراق تۇرىشى...
    3. كىتابىنىڭ ئاخىرقى قىسمىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان شېئىرىيەت ھەققىدە بولۇنغان پاراڭلاردىن پىشقەدەملەرنىڭ يەنىلا يىراقنى كۆرەرلىكى...
     قىسقىسى بۇ كىتاب ياخشى يېزىلغان؛ ئىچىدە ئۆگىنىشكە تەرەپلىك روھ ھەم ئويلۇنۇپ كۆرۈشكە تىگىشلىك ئىبرەتلىك كەچمىشلەرمۇ  مەۋجۈت. شۇنداقلا ئوقۇغان ئادەمنى ھاياجانغا سالىدىغان مەزمۇنلارمۇ يوق ئەمەس.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش