مەجنۇن
ئايال كىيىمىنى سالغۇچە
خىيال مېنى يالىڭاچ قىلار.
ھايات كىيىمىنى سالغۇچە
ئۆلۈم مېنى يالىڭاچ قىلار.
يالىڭاچلىق جەندەمنى كېيىپ
يار كوچىسىدا يۈرەرمەن.
بىلەرمەن قۇياشنىڭ ئەمالىقىنى
بىلەرمەن مۇھەببەتنىڭ رەسۋالىقىنى
مىڭ يىللىق دەشتى- چۆلدىن كېلىپ
يار ئىشىكىدە ئۆلەرمەن.
خۇدا مېنى ماڭا بەرمەس
ئىشق مېنى ماڭا ھەيدەر،
مۇساپىرمەن جاھانغا، ئاخىر
ئۆز قۇچىقىمدا ئۆلەرمەن.
يۇلتۇزلارغا قارىدىم ئۇزاق
يۇلتۇزلارغا قارىدىم ئۇزاق،
كۆزلىرىمگە يىقىلدى مىڭ كۆز.
ئايغا باقتىم، لەپىلدەپ پىراق
لەۋلىرىمگە دىۋەيلىدى سۆز.
دەرەخ جىمجىت يېنىمدىن ئۆتەر
ياپراق ئۈنسىز يېشىنى سېپەر.
سېغىنىشقا تولغان بۇلۇڭلار
ئاي نۇرىغا چىلىشىپ كېتەر.
مېنىڭ كۆڭلۈم ئاھ، مېنىڭ كۆڭلۈم
ئاسماندىنمۇ يىراققا كېتەر...
ئاھ، ئۆلۈمدىن تولدۇر بىر ئاپقۇر
قارا چاچلىق گۈزىلىم مېنىڭ،
ماكان تۇتسۇن تېنىڭدە سېنىڭ
پايانى يوق ئەجىلىم مېنىڭ...
ئاھ، قوغلىۋەت مېنى ئاھ، مەندە
سەرسان يۈرگەن ۋەتىنىم مېنىڭ،
چۈشۈمدىكى قوينۇڭدا سېنىڭ
ئىرىپ كەتسۇن بەدىنىم مېنىڭ...
قانچە دەھشەت قۇچاقلىشىشلار،
كۆيۈپ كەتسۇن ئورمانلار، چۆللەر.
قانچە دەھشەت سۆيۈشۈشلەر،
قۇرۇپ كەتسۇن دەريالار، كۆللەر.
قانچە ئاپئاق يالىڭاچ تۈنلەر
قاپقاراڭغۇ ئۇندا كۆڭۈللەر.
قانچە جىمجىت ئاھ، قانچە جىمجىت
مۇھەببەتنى چاقىرغان ئۈنلەر...
مۇھەببەتنىڭ جىمجىتلىقىدا
جاراڭلىسۇن غەزىلىم مېنىڭ!
يۇلتۇزلارغا قارىدىم ئۇزاق،
كۆزلىرىمگە يىقىلدى مىڭ كۆز.
مۇھەببەتنى شىۋىرلىما دەپ
لەۋلىرىمگە دىۋەيلىدى سۆز!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 03:55