كۈز
مىرادىل راخمان
،چۈشتى بىر تال يۇپۇرماق
.قەلبىمدىكى سايەڭگە
،ئېلىپ كەتتى شوخ شامال
.ئۇنى يىراق يەرلەرگە
،ئالتۇن رەڭلىك ھىلال ئاي
.كۆكتە تىنماي كۆز قىسار
،مەيلى بىر رەت بولسىمۇ
.كۈلۈپ قويغىن ئەي نىگار
،شۇتاپ قەلبىڭ تەكتىدە
.ئويغانماقتا شىۋىرغان
،شۇڭا ئۇماق مەڭزىڭنى
.تامام نىپىز مۇز تۇتقان
،ئۇزاق قالماي كۆزلىرىڭ
.ئاق لىباسقا پۈركىنەر
،شۇندا يارىڭ سۆيگۈسى
.زىمىستاندا ئۆرتىنەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 10:50
|