بۇ شېئىرمنى «ئانىلار بايرىمى»غا سوۋغا قىلدىم. بارلىق ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن. جاپاكەش ئانا __ ئاياللارنىڭ ئىقبالى پارلاق، ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن!
ئاياللار
قۇياش كەبى ئىللىتىدۇ دۇنيانى،
مېھرى ئىسسىق، چېھرى نۇرلۇق ئاياللار.
جۇلالىغان نۇر دېڭىزى مىسالى
سۆيگۈگە باي، قەلبى ئوتلۇق ئاياللار.
مېھنەت قىلار، بالا باقار، ئۆي تۇتار...،
قۇت - بەخىتنىڭ ئاساسىدۇر ئاياللار.
پەرزەنت خۇشال پەرۋاز قىلار شۇڭقاردەك،
شۇلارنىڭ كەڭ ساماسىدۇر ئاياللار.
ئەرلەرــ تۈۋرۈك، ئاياللار ــ شام - چىراغدۇر،
مېھرىدىن نۇر چاچار ئۆيگە ئاياللار.
ئالەم گۈزەل، ھايات گۈزەل، دىللار شاد،
چۇلغار ئۆينى گۈزەل كۈيگە ئاياللار.
نە لەززىتى ھاياتلىقنىڭ ئايالسىز،
كىرگۈزىدۇ تۇرمۇشقا تەم ئاياللار.
ئۇلار بىلەن ئالەم گۈلگە پۈركىنەر،
قۇچاق ئاچار ئىقبالغا ھەم ئاياللار.
قايتۇرما:
چەكسىز سۆيگۈ دۇنياسىدۇر ئاياللار،
گۈزەل تۇرمۇش ئاساسىدۇر ئاياللار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-8 12:10