يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 625|ئىنكاس: 1

ۋاڭ جۇڭمىڭ: خەلققە سادىق قەلب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەلققە سادىق قەلب



−تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىزمەت خاتىرىسى−«ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمىنى ئوقۇغاندىن كېيىن


ۋاڭ جۇڭمىڭ



يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىزمەت خاتىرىسى−«ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمى يېقىندا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى. يولداش تۆمۈر داۋامەت ئىنتايىن تىرىشچان ئادەم بولۇپ، نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ يېزا، ناھىيە ۋە ئاپتونوم رايوندا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەندىن باشقا، يەنە پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتىدى. گەرچە ئۇنىڭ خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ، لېكىن خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىزچىل ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ سەككىز پارچە شېئىرلار توپلىمى، بىر پارچە ساياھەت خاتىرىسى، بىر پارچە نەسىرلەر توپلىمىنى نەشر قىلدۇردى. يېقىندا ئۇنىڭ يەنە «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ، جەمئىيەتتە چوڭقۇر تەسىر قوزغىدى ھەمدە يۇقىرى ئىناۋەتكە مۇيەسسەر بولدى. «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق بۇ نادىر ئەسەرلەر توپلىمىدا، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ ئىنقىلابىي خىزمەتلەرگە قاتناشقاندىن تارتىپ يېزىشقا باشلىغان خىزمەت خاتىرىسىنىڭ مۇھىم قىسملىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ۋە ئىجادىيەت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ ئۆز يېزىقى ۋە ئەمەلىيىتى ئارقىلىق جۇڭگودىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان رەھبىرىي كادىرنىڭ جانلىق ئوبرازىنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، پىشىپ يېتىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىىشى خەلققە ئۆزىنى بېغىشلاشتەك سادىق قەلبىنىڭ بولغانلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، ئۇنىڭ ئۆز ئوبرازىنى ئۆزى تىكلەشتەك ئىنقىلابىي روھى «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» دىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ، ئەسەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىدىيىۋى قىممىتىنى تولۇق نامايان قىلغان بولۇپ، بىزنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىمىزغا ۋە تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
بۇ خىزمەت بىلەن ھاياتلىق مۇساپىسى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىي خاتىرە
ئاپتورنىڭ بۇ خاتىرىگە «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» دەپ ماۋزۇ قويۇشىدىنلا، بىز بۇ ئەسەرنىڭ ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە خىزمەت خاتىرىسى ئىكەنلىكىنى، خىزمەت بىلەن ھاياتلىق مۇساپىسى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بىر پارچە شەخسىي خاتىرە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. يولداش تۆمۈر داۋامەت ئۇنى يېزىشنى كۆڭلىگە پۈككەندىن باشلاپ، قەلبىدە بىر مۇھىم تېمىنى، يەنى خەلق ئۈچۈن ياشاشنى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشنى، خەلق ئۈچۈن تەرەققىي قىلىشنى، خەلق ئۈچۈن ئىلگىرىلەشنى يېزا باشلىقى، ھاكىم، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغانغا قەدەر ئىشلىگەن بارلىق خىزمەتلىرىنىڭ مۇھىم يادروسى، ھاياتلىق يادروسى، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتىنىڭ يادروسى قىلىپ تاللايدۇ. ئۇ ئۆز ھاياتىنىڭ ھەربىر ھالقا، ھەبىر مىنۇتلىرىدا، ئۆز ئوبرازىنى خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلايدۇ. ئۇ 1950-يىلى، يېزا باشلىقى بولغان دەسلەپكى مەزگىللەردە «ياخشى ئۆگىنىپ، خەلق ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىشىمىز، خەلق ئاممىسىنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىمىز لازىم» دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ. ئۇ دېگىنىنى قىلىدۇ ۋە قىلغىنىدىن نەتىجە يارىتىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەت خاتىرىسىگە ئۆزىنىڭ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتا خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، خەلق ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇش، خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشتەك ئۇلۇغ ئىش-ئىزلىرى پۈتۈلگەن. ئۇ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتلىق ۋە تەرەققىياتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئۆز خىزمىتىنىڭ يادروسى قىلىدۇ. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شىنجاڭنىڭ ھەربىر ناھىيە، يېزىلىرىغا دائىم تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشقا چۈشىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يولداش لى رۈيخۇەننىڭ پۇل ئىئانە قىلىش چاقىرىقىغا ئۆزى بىۋاستە ئاۋاز قوشۇپ، سېخيلىق بىلەن ئۆز يېنىدىن 1500 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭغا كۆپ قېتىم بېرىپ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن سىرت، يەنە مەركەزدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئالاقىلشىپ قوللاپ-قۇۋۋەتلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلاش، بۇ يالغۇز ئىقتىسادىي مەسىلىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ بىر سىياسىي مەسىلىدۇر» دەپ كۆرسىتىپ، گوۋۇيۈەندىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئۇ كۆپ قېتىم ھەرقايسى جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلاملاردىكى كادىرلار ۋە خەلق ئاممىسى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، مۇناسىۋەتلىك يىغىنلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ھەتتا ئۇ ماناس ناھىيەسىگە ئۆزى بىۋاستە بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن كېڭىشىپ، ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش نىشانىنىڭ چارە-تەدبىرلىرى، ئۇسۇللىرى ھەقىدە كېڭىشىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىقىش ياكى چەت ئەللىك مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشتەك ئەۋزەل پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، شىنجاڭنىڭ ئقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ. 1994-يىلى 1-ئايدا، ئۇ مالايسىياغا زىيارەتكە چىقىپ، مالايسىيا زۇڭلىسى ماخاتىر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، «جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن مالايسىيانىڭ ناھايىتى چوڭ ھەمكارلىشىش يوشۇرۇن كۈچى بار، ئۆزئارا تولۇقلاش يوشۇرۇن كۈچىمۇ ناھايىتى زور» دەپ ئېيتىپ، مالايسىيا تەرەپتىكىلەرنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىگە كېلىپ مەبلەغ سېلىش ۋە ساياھەت قىلىپ كېتىش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ تەكلىپ ماخاتىر زۇڭلىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. يولداش تۆمۈر داۋامەت خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەنپەئىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدۇ. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويىدۇ، ھەتتا ئۆزىگە ناھايىتى «شەپقەتسىزلەرچە» مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بولغاندا، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ ئولتۇرۇۋاتقىنىغا 30 يىل بولغان 120 كۋادرات مېتىرلىق كونا ئۆيىنىڭ ئورنىغا يېڭى ئۆي سېلىپ بېرىشنى ھەمدە قۇرۇلۇش چىقىمىنى ھەل قىلىپ بېرىشنى كۆپ قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ بۇ تەكلىپنى چىرايلىقچە رەت قىلىدۇ ھەمدە قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان ئاشۇ پۇللارنى باشقا ساھەلەرگە ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. 1994-يىلى، ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى تۇرپان ئۈزۈم بايرىمىغا كېتىۋاتقاندا، ماشىنا ئاۋارىيىسى يۈز بېرىپ، ماشنىدىكى 10 نەپەر كىشى بىلەن بىللە بەختسىزلىككە ئۇچرايدۇ. ئۇ قاتتىق ئازابلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويۇۋالمايدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە خىزمەت خاتىرىسىگە:«ماشىنا ئاۋارىيىسى ئالدىدا ھەممىمىز باراۋەر بولۇشىمىز لازىم» دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق قاتتىق تەلەپ قويۇشىنى بارلىقىنى خەلققە بېغىشلاشتەك، خەلقنىڭ ھەقىقىي چاكىرى بولۇشتەك ئېسىل پەزىلىتىدىن، خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ۋە ساداققەتتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
بۇ يۈكسەك بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن يېزىپ چىقىلغان مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى خاتىرە
يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ خىزمەت خاتىرىسى−«ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمىدا، يەنە ئاپتورنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ياراتقان مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە ھۆرمەت قىلىش، ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈش، قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۆزىنىڭ روھى، ھاياتى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، دەپ بىلىشتەك ئېسىل خىسلىتىمۇ نامايان قىلىنغان. ئۇ سادىق ماركىسىزمچى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلق ئاممىسى ياراتقان مەنىۋى مەدەنىيەت مېۋىلىرىگە ئىلمىي پوزىتسىيىدە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلغاندا، ئاندىن ماركىسىزمنىڭ يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتىنى توغرا تونۇپ يەتكىلى، يېڭى دەۋردىكى مەدەنىيەتنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن. يولداش تۆمۈر داۋامەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ «قۇتادغۇبىلىك»، «جاڭغىر»، «ماناس»، «تۈ*ركىي تىللار دىۋانى»، «12 مۇقام» قاتارلىق مەشھۇر كلاسسىك ئەسەرلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. 1993-يىلى 10-ئايدا، «قۇتادغۇبىلىك» خەلقئارالىق ئىلمىي  مۇھاكىمە يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش ۋە ئېچىش خىزمىتىگە ئۆزى بىۋاستە قاتنىشىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ياپونىيە، موڭغۇلىيە، ئامېرىكا، روسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن توققۇز نەپەر ئالىمنى بۇ كاتتا يىغىنغا تەكلىپ قىلدى ھەمدە بۇ كاتتا يىغىننى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، ئۇ ئۆزىمۇ بۇ يىغىندىن ئىنتايىن رازى بولدى. «12 مۇقام» يولداش تۆمۈر داۋامەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن، ئەڭ كۆپ كۈچ چىقارغان، نەتىجىسىمۇ ئەڭ گەۋدىلىك بولغان قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسى ھېسابلىنىدۇ. 1995-يىلى 3-ئايدا، ئۇ شىنجاڭ كلاسسىك ئەسەرلەر تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى، «12 مۇقام» تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسسىسلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، نەشر قىلدۇرماقچى بولغان 30 يۈرۈش كىتابنى نەشرىياتقا تاپشۇرۇشنى رەسمىي بېكىتتى. 1996-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۇ «يېڭى ئەسىر رېستۇرانى» دا سەككىز نەپەر مۇتەخەسسىس بىلەن بىرلىكتە «12 مۇقام» نى قايتىدىن رەتلەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنى خەلقئارالىق سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى، مۇكەممەل ئەسەر سۈپىتىدە ئىشلەپ چىققاندىن كېيىن ئاندىن خەلقئاراغا جاكارلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە سەككىز نەپەر مۇتەخەسسىسنى «12 مۇقامنى» بىر ئاي ئىچىدە رەتلەپ چىقىش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇردى. 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىدا 70 ئادەم قاتناشقان «12 مۇقام» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى. يولداش تۆمۈر داۋامەت بۇ يىغندا «‹12 مۇقام›تەتقىقات خىزمىتىنى كۈچەيتەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، «12 مۇقام» نىڭ تېكىستلىرى ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، سۆھبەتتە «12 مۇقام» تېكىستلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش قارار قىلىندى. 1996-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، يولداش تۆمۈر داۋامەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ «12 مۇقام» تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەبلەغ مەسىلىسى ۋە خىزمەت بىناسى مەسىلىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. 1997-يىلى، جۇڭگو ئوكيانۇس نەشرىياتى يولداش تۆمۈر داۋامەت باش تۈزگۈچىلىكىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مەشھۇر مۇزىكا قامۇسى «ئۇيغۇر ‹12 مۇقام›ى» قاتارلىق 13 توپلامنى نەشر قىلىپ تارقاتتى. دەل مۇشۇنداق كونكرېت خىزمەتلەر ئىشلەنگەچكە، «12 مۇقام» نى رەتلەش ۋە تەتقىق قىلىش ئىشلىرىدا زور يۈكسىلىش بارلىققا كېلىپ، 2009-يىلى، «12 مۇقام» دۇنيا بويىچە «غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى» قامۇسىغا ئىلتىماس قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. 1996-يىلى 8-ئايدا، شىنجاڭنىڭ بېيجىڭدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىدا ئىككىنچى نۆۋەتلىك «جاڭغىر» ئېپوسى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ يىغىندا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ باش تۈزگۈچىلىكىدە جەمئىي بەش كىتابتىن تەركىب تاپقان «جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت چوڭ لۇغىتى» ناملىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت قوللانمىسى 1999-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمىدا، يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش، قوغداش جەھەتتىكى ئىش-پائالىيەتلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ خىزمەتلەرنى «بىر تۈرلۈك ئۇلۇغ ئىش» دەپ تونۇپ يېتىپ، زىممىسىگە ئېغىر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئارتقانلىقىدەك تەسىرلىك ئىشلار خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ قەلبىدە خەلق ئاممىسى ياراتقان كلاسسىك مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش روھى بولغاچقىلا، ئۆزىدىمۇ كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى باش كۆتۈرۈپ، شېئىر ۋە نەسىر ئىجادىيىتىنى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ كېلەلىگەن. ئۇنىڭ «ھاياتلىق مەشئىلى»، «ۋەتەنگە مۇھەببەت»، «دەۋر چاقىرىقى»، «بوستانلىقتا ئېيتىلغان ناخشا»، «ھاياتلىق ئىزلىرى» قاتارلىق شېئىرلار توپلاملىرىدا، ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋر روھىنى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرگەن، ئۇنىڭدا يەنە بىر ئىنقىلابچى ۋە بىر شائىرنىڭ تارىخىي ئىش-ئىزلىرى ۋە ئۆزىگە خاس يارقىن ئوبرازى نامايان قىلىنىپ، ھاياتلىق مۇجەسسىمى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ھەمدە مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلىدۇرۇش ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن.
بۇ بىر ئازسانلىق مىللەت رەھبىرىي كادىرىنىڭ ھەقىقىي تەبىئىي خاتىرىسى
بىز «ھاياتلىق مۇجەسسىمى» ناملىق نادىر ئەسەرلەر توپلىمى ئارقىلىق يولداش تۆمۈر داۋامەتنىڭ بۈگۈنكى جۇڭگودىكى بىر ماركىسىزمچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت رەھبەرلىرىدە بولۇشقا تېگىشلىك ئاساسىي خاراكتېرنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، يولداش تۆمۈر داۋامەت جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەت دېھقان ئائىلىىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىر ئاددىي ئەمگەكچىدە بولۇشقا تېگىشلىك جاسارەتنى ئىزچىل ساقلاپ، ئاددىي ئەمگەكچىلەر بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇردى. ئۇ يالغۇز ئاددىي ئەمگەكچى خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن تىرىشىپ خىزمەت قىلىپلا قالماي، بەلكى بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن ئاددىي كادىرلار بىلەن ئەمگەكچى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆز ئىنى-سىڭىللىرىمۇ ھازىرغىچە دېھقان. ئۇ ئىنى-سىڭىللىرىغا دائىم ئاددىي دېھقانلارنىڭ پەزىلتىنى مەڭگۈ نامايان قىلىش، ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىزغىن قوللاش، شەھەر بىلەن يېزا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاستا-ئاستا كىچىكلىتىپ، ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ھەققىدە نەسىھەت قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يولداش تۆمۈر داۋامەت زىممىسىگە ئېغىر تارىخىي مەسئۇلىيەتنى يۈكلىگەن دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرى، ئۇ بىر تەرەپتىن ماركىسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن، كۆپ قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئىزچىل قەدىرلەپ ۋە داۋامالشتۇرۇپ، دائىم ئۇلاردىن كۆرسەتمە ئالدى ۋە ئۆگەندى، ئۆز زىممىسىدىكى ۋەزىپىنى تىرىشىپ ئورۇنلىدى. ئۇ شىنجاڭ خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان مەزگىللەردە، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئاساس قىلىپ، يولداشلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى شىنجاڭنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى باي ۋە گۈللەنگەن يېڭى قىياپىتىنى يارىتىش ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. مەركەزدە خىزمەت قىلغان مەزگىللەردە، ئۇ ئوخشاشلا مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭ كۆرسەتمەتلىرىنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئۆز مەسئۇلىيەت دائىرىسىكى خىزمەتلەرنى تىرىشىپ ئىشلەيدۇ، بولۇپمۇ پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا خىزمەت قىلغان ۋاقىتتا، مىللىي ئاپتونومىيەلىك قانۇن تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى ناھايىتى بېرىلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتى جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ. يولداش تۆمۈر داۋامەت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بولغاندا ۋە پۈتۈن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاندا، شۇنداقلا يەنە جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، ئۇ نۇرغۇن خەلقئارالىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 50 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا زىيارەتكە چىقىپ، نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ياكى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئوچۇق كاللىسى ۋە ئېھتىياتچان خىزمەت پوزىتسىيىسى، ئالىيجناپ پەزىلىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ، ئۇنىڭ بۇنداق ياخشى ئىشلىرى مەملىكتىمىزدىمۇ يۇقىرى ئىناۋەتكە مۇەسسەر بولىدۇ. ھەتتا جۇڭگو شىنجاڭدىكى «تۆمۈر تاغا» نى ئەرەپ ئەللىرىدىكى بالىلارمۇ ناھايىتى ياخشى تونۇپ كېتىدۇ. يولداش تۆمۈر داۋامەت مەيلى دۆلەت ئىچىدىكى ياكى خەلقئارالىق پائالىيەتلەردە بولسۇن، ھامان دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقىلىقىنى قەتئىي قوغدىدى. 1997-يىلى، ئۈرۈمچى بىلەن بېيجىڭدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىگە قارىتا، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋغا ئۆزىنىڭ ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلەپ «كۆپ سانلىق كادىرلارغا قەتئىي ئىشنىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ئەسەبىي تېررورچىلارنى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەرنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئۇلارغا قاخشاتقۇچ زەربە بېرىشىمىز كېرەك» دېگەندەك كەسكىن پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ چەت ئەللەرگە زىيارەتكە چىققاندىمۇ ئوخشاشلا مىللىي بۆلگۈنچىللىكە قارىشى تۇرۇپ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل» ۋەقەسىدە، ئۇ ئوچۇق ئاشكارا بايانات ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ رەزىل ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇپ، بىر كومپارتىيە ئەزاسىنىڭ ئېنىق  مەيدانىنى ۋە كەسكىن پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. بۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرىدا بولۇشقا تېگىشلىك مۇقەددەس بۇرچتۇر. 1999-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى، يولداش خۇ جىنتاۋ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلىغاندا، ئۇ يولداش خۇ جىنتاۋغا: «مېنىڭ ھاياتىم پارتىيەگە، دۆلەتكە، خەلققە مەنسۇپ، بىر كۈن ھايات ياشايدىكەنمەن، مەن پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئورۇندايمەن» دەپ ئېيتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي يۈرەك سۆزى ئىدى. شۇڭلاشقا، يولداش ۋاڭ جاۋگۇ ئىلگىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن: «راستىنى ئېيتقاندا، سىز ئاددىي-ساددا، سەمىمىي، دۇرۇس ئادەم، مەن مەركەزدە خىزمەت قىلىۋاتقاندىن بېرى، مەركەزدىكى يولداشلار سىزگە ‹ئۇ ياخشى ئادەم، پارتىيەگە سادىق، خەلققە سادىق ياخشى يولداش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن زور تۆھپە قوشتى› دەپ ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ كەلدى» دەپ ئېيتىدۇ. 2001-يىلى 12-ئايدا، ئۇ جۇڭگو-ئەرەپ دۆلەتلىرى دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بېيجىڭدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد دوكتور تۆمۈر داۋامەتكە مۇنداق دېگەن: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەچكە، دوستلۇق جەمئىيىتىنى قۇردى، شۇنداقلا سىزگە ئوخشاش يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى باشلىق قىلىپ سايلىدى، بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. سىز ئەرەپ خەلقى قەلبىدە زور تەسىر كۈچكە ئىگە ، سىز سىياسىيون، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى ھەمدە بىر مەشھۇر شائىر. سىز جۇڭگو-ئەرەپ دۆلەتلىرى دوستلۇق جەمئىيىتىگە باشلىق بولۇشقا ئەڭ مۇۋاپىق نامزات. بىز سىزدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىمىز، سىزنىڭ جۇڭگو ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسدىكى دوستلۇق ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمىز»




خەنزۇچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2010-يىل 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى سانىدىن ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمە قىلدى
مەنبە: "قەشقەر" نىڭ 2012-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-15 11:24:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹خەنجەر››نىڭ ئىككى بىسى قايرىلمىغاي؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش