«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»دىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نەزەر
جېلىل ئاۋۇت
يېقىندا نوبىل ئەدەبىياتى ساھىپى ئورخان پامۇكنىڭ «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»ناملىق رومانى ئوقۇپ چىقتىم. بۇ رومان بىلەن يىگىرمە يىلچە ئىلىگىرى ئوقۇغان يەنە بىر نوبىل ئەدەبىياتى ساھىپى نەجىپ مەھپۇزنىڭ«ئۈچ كوچا تىرلوگىيەسى»نىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى خېلىلا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. ماڭا بۇ ئىككى روماننى بىر يازغۇچى يازغۇچى يازغاندەكلا تويۇلۇپ كەتتى. بەلكىم بۇ چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى جۇڭگو ئەدەبىياتىغا ئوخشىمايدىغان ئورتاقلىقلاردىن بولسا كېرەك.
جۇڭگو ئەدەبىياتىدا،جۈملىدىىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆپىنچە ئەسەرلەردە پىرسۇناژلار ھەققىدە ئالدىن رامكا ياكى قېلىپ بىكتىۋېلىنىپ،ئىجابىيلىق ياكى سەلبىيلىك خاراكېرى بىرقەدەر مۇقىم ۋە گەۋدىلىك بولغان(بىكتىۋالغان قېلىپتىن چىقىپ كەتمەيدىغان) پىرسۇناژلارنىڭ ئوبرازى يارتىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى گورۇپپىدىكى پىرسۇناژلارنىڭ تەسۋىرلىشىدىنلا يازغۇچىنىڭ ئۇلارغا بولغان پوزۇتسىيەسى،مۇھاببەت—نەپىرىتى ئاشكارلانماي قالمايدۇ. كىتابخانلارمۇ يازغۇچىغا ئەگىشىپ ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنى ئىجابىي پىرسۇناژ ياكى سەلبىي پىرسۇناژ دەپ ئايرىپ تامغىلاپ چىقىمىز.
مەن كىتاب ئوقۇشنى بىلگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە مۇئەللىم،ئىشچى،كەمبەغەل دېھقان،پارتىيە ۋە ئىتتىپاق ئەزاسى،ساقچى…قاتارىقلارنى ياخشى ئادەم، بەگ،باي،سودىگەر،تىجارەتچى،موللا ۋە تالىپلارنى…ئەسكى ئادەم قىلىپ تەسۋىرلەش ئاللىقاچان قېلىپلىشىپ قالغان ئىدى.
راست گەپ قىلغاندا،دۇنيادىكى ئادەملەرنى ياخشى ياكى ئەسكى دەپ ئايرىغىلى بولمايدۇ. پەقەت مەنپەئەتى،ئېتىقادى،ئىدىيەسى،غايىسى،مىجەز—خاراكتېرى ۋە ئادىتى…ئوخشىمايدىغان ئادەملەر بولىدۇ. ھېچكىم ئۆزىنىڭ ئەسكى ئادەملىكىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. مەنپەئەتى،ئېتىقادى، ئىدىيەسى،غايىسى…بىر يەردىن چىقىپ قالغانلار(ھېچ بولمىسا مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر) بىر—بىرىنى ياخشى ئادەم دەپ تەرىپلىشىدۇ. مەنپەئەتى،ئېتىقادى،ئىدىيەسى،غايىسى توقۇنىشىپ قالغانلار بىر—بىرىنى ئەسكى ئادەم ياكى دۈشمەن دەپ ئەيىپلەيدۇ. نادان ئاۋام ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا ھۆكۇمراننىڭ تەرىپلىشىگە ياكى ئەيىپلىشىگە ئەگىشىدۇ.
«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»رومانىدا يازغۇچىنىڭ ئەسەردىكى ئوبرازلارغا،جۈملىدىن پىرسۇناژغا قارىتا ھېچقانداق بىر باھاسى،ھېسىياتى،پوزىتسىيەسى ياكى مەۋقەسى سىڭدۈرۈلمىگەن. ئەسەردىكى ئوبراز ياكى پىرسۇناژنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىش پۈتۈنلەي كىتابخانلارنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغان. بۇ روماندىكى بارلىق پىرسۇناژلار،ھەتتا ئۆلۈم،جەسەت،پۇل،شەيتان،(رەسىمدىكى)ئات ۋە قىزىل رەڭ قاتارلىق ئوبرازلارمۇ ئۆز ھېكايىسىنى ئۆز تىلىدا بايان قىلىدۇ. رومان بۇ جەھەتتە ئادەمگە ئورخان پامۇك يازغاندەك ئەمەس،روماندىكى ئوبرازلار ئۆزلىرى سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. يازغۇچى ئەسەردە ھېچكىمگە،ھېچنېمىگە ۋاكالتەن ئاقلىغۇچى ياكى ئەيىپلىگۈچى ئادۇۋكات بولماپتۇ. مانا بۇلار«مېنىڭ ئىسىم قىزىل»دىن ئالغان بىرىنچى تەسىراتىم.
ئىككىنچى تەسىراتىم بولسا پىرسۇناژلار ياكى ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا باھا بەرمەسلىك،ئەمما روھى دۇنياسىنى چوڭقۇرلاپ قېزىش ۋە يېزىش.
ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېقىندا ئوقۇغان«سەمەندەر»قاتارلىق بىرقانچە ئەسەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا پىرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسى چوڭقۇرلاپ قېزىلغان ئەسەرلەرنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. بىر ئادەم بىر كۈنى ئورنىدىن تۇرۇش موزىكىسى چىققان ھامان ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۆگىنىش قىلسا،بىر كۈنى موزىكا چىقسمۇ پەرۋا قىلماي يېتىۋالسا؛ بۇلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىرادلىك ۋە ئىرادسىزلىك دەپ ھۆكۈم قىلىنسا،نەجىپ مەھپۇز ياكى ئورخان پامۇكلارنىڭ ئەسەرلىرىدە بۇ ئادەمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنچكىلەپ يېزىلىدۇ.
بۇ جەھەتتە ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ ئەسەرلىرىدە خوجىنىياز ھاجىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشنى«ھەممەيلەن چىقىپ كەتتى. ھاجىم يۈرىكىنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ قالدى.»دەپ ئاخىرلاشتۇرغان جۈملىلەرنى ئۇچۇرتىشمىز مۇمكىن (ئەسلى بۇ تەسۋىرلەرمۇ يېتەرلىك ئەمەس). ئەمما باشقا نۇرغۇن ئەسەرلەردە مەسىلەن: ھېكىم نۇرنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنى گومىنداڭ ساقچى دائىرلىرىگە پاش قىلغان چاغدىكى يۈرىكىدىكى سادالار قېنى!ئۇمۇ يۈرىكى بار ئادەم ئىدىغۇ. نوزۇگۇم،ئابدۇقادىر داموللا،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ،لۇتپۇللا مۇتەللىپلەرنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا يۈرىكىدىن چىققان سادالار قېنى. كىتابخانلار ۋە دۇنيا ئەدەبىياتى ئۇلارنىڭ«يوقالسۇن…»،ياشىسۇن…»دېگەن ساختا شۇئارلىرىغا ئەمەس، شۇ دەقىقىلەردىكى يۈرەك ساداسىغا،روھى دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە بەكرەك ئىشىنىدۇ ھەم دىققەت قىلىدۇ.
«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»رومانىدا سۇلتان سەلىم(سۇلتان سۇلايماننىڭ ئوغلى)ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى دەۋىرلىرىدىكى ئوردا سەنئەتكارلىرىنىڭ كەسپىي ھاياتى ۋە تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. قارا،نازاكەت،كېپىنەك،لەيلەك،زەيتۇن،يېزنە تاغا ۋە ئۇنىڭ قىزى شەكۈرە،نەۋىرسى شەۋكەت،ئورخان،ئۇستاز ئوسمان،خەت توشىغۇچى ئايال ئېستىر،ئۆلۈم،جەسەت،پۇل،شەيتان،(رەسىمدىكى)ئات ۋە قىزىل رەڭ…قاتارلىق پىرسۇناژ ۋە ئوبرازلارنىڭ ھەر-بىرى ئايرىم—ئايرىم ھالدا بىرىنچى شەخس تىلىدا ئۆز قىسمەتلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ يۈرىگىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى سادالار ۋە بۇ سادالارنىڭ ئۆزگىرىشىنى ناھايىتى ئىنىچكە تەسۋىرلەيدۇ.
ھېلىمۇ ياخشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوبدانلا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 1980-يىللار ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەرلەردە يازغۇچىلار ئاۋال ئۆزى يېزىۋاتقان پىرسۇناژلارنى راسسا مەدھىيلەپ ياكى ئەيىپلەپ ئۇنىڭ ئىجابىي پىرسۇناژ ياكى سەلبىي پىرسۇناژ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىپ تامغا ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭ تاشقى قىياپەت تەسۋىرى،تىل تەسۋىرى ۋە ھەرىكەت تەسۋىرىگە ئۆتەتتى. ھازىر بۇنداق يازغۇچى ئۆزى يازغان پىرسۇناژلارنى ئۆزى ئاپ-ئاشكارە ھالدا مەدھىيلەيدىغان ياكى ئەيىپلەيدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىپ بولدى.
«مېنىڭ ئىسىمىم قىزىل»رومانى ھەققىدىكى ئۈچۈنچى تەسىراتىم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر ئادەتتىكى ھېكايە بولىدىغان ئىشنىڭ يىپىدىن يىڭنىسىگىچە ئىنىچكە يېزىلىپ بىر ياكى بىرقانچە توم رومان بولۇپ پۈتۈپ چىقىشى. بۇ روماندا ھەتتا زەكەرمۇ بىرنەچچە ئابزاس تەسۋىرلەنگەن.
يوقارقىلار«مېنىڭ ئىسىمى قىزىل»دىن ئىبارەت نوبىل ئەدەبىيات ساھىبىنىڭ بىر توم رومانىدىن ئالغان سېلىشتۇرما تەسىراتىم بولۇپ،ھەرگىزمۇ مېنىڭ چەتئەل ئەدەبىياتىنى،جۈملىدىن«مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»نى مەدھىيلەپ،ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كەمسۇندۇردىغان ياكى ياقتۇرمايدىغانلىقىمدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەن بىر نەرسە يازالمىساممۇ يەنىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ناھايىتى قىزغىن سۆيىمەن. دائىم ئۆز يازغۇچى،شائېرلىرىمىز يازغان كىتابلارنى ئەتۋارلاپ سېتىۋالىمەن ۋە ئوقۇيمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-7 23:47