يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 815|ئىنكاس: 3

جاسارەت تاش: كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە

جاسارەت تاش

       قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ماقالىدە كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى نۇقتىلىق سۆزلىنىپ، فىلىمنىڭ تەرجىمە تىلىنى جانلىق، ئاممىباب، ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش ۋە مىللىيلىككە ئىگە قىلىش ئارقىلىق، فىلىمنىڭ ئەسلىدىكى جەلپكارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
      ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: كىنو-تېلېۋىزىيەتىياتىرى؛ تەرجىمە؛ تىل؛ ئاممىباب؛ جانلىق؛ ئىخچام؛ خاسلىق.

       كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسى ئەدەبىي تەرجىمىگە مەنسۇپ بولغان قايتا ئىجادىيەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ تەرجىمىسى پروزا تەرجىمىسى، شېئىر تەرجىمىسىگە قارىغاندا روشەن خاسلىققا ئىگە. پروزا ۋە شېئىر تەرجىمىسىدە توغرا، گۈزەل، راۋان بولۇش پىرىنسىپى بويىچە جۈملە-مىسرالارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ، مەزمۇن ئېھتىياجىغا ئاساسەن بەزى جۈملە-مىسرالارنى ئۇزارتىپ ياكى قىسقارتىپ ئەركىن تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىدە بۇنداق «ئەركىن» تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلىنى كۆپ ھاللاردا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسى پۈتۈنلەي دېگۈدەك دىيالوگ تەرجىمىسى بولغاچقا، تەرجىمە تىلى جەزمەن جانلىق، ئاممىباب، ئىخچام بولۇشى، پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتى، پۇت-قول ھەرىكىتى، باش ھەرىكىتى، بەدەن ھەرىكىتى ھەتتا پېرسۇناژلارنىڭ مىجەز- خاراكتېرى، گەپ قىلغان چاغدىكى ھېسسىياتىغاجەزمەن ماسلىشىشى كېرەك. مانا بۇ كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىدىكى ئەڭ مۇھىم خاسلىق ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە مەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئۇلارنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلەش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمغا ئاساسەن، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمەن.

1. جانلىق، ئاممىباب، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك

      كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ تىلى جانلىق، ئاممىباب، ئىخچام، بولۇشى كېرەك. تىلنىڭ جانلىق، ئاممىباب بولۇش- بولماسلىقى كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر. جانلىق، ئاممىباب تەرجىمە قىلىنغان تىل فىلىمدىكى ۋەقەلىك، پېرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرى، ھېسسىياتى، ئېغىز ۋەباشقا ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن زىچ بىردەكلىككە ئىگە بولغاندىلا، تەرجىمە فىلىملەر كۆرۈرمەنلەرگە تەرجىمە قىلىنىپ ئاۋاز بېرىلگەندەك تۇيۇلماي، بەلكى ئارتىسلار ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەپ رول ئالغاندەك تەبىئىي، يېقىملىق تۇيۇلىدۇ. بۇجەھەتتە ئاۋاز ئارتىسلىرىنىڭ ئاۋاز بېرىش سەنئىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
     تىلنىڭ جانلىق، ئاممىباب، ئىخچام بولۇشى دېگىنىمىز تەرجىمە تىلىنىڭ راۋان، چۈشىنىشلىك، تۇرمۇشقا يېقىن، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتىگە  ئۇيغۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي دېگۈدەك دىيالوگ تىلى بولغاچقا، تەرجىمە تىلىداجەزمەن ئاممىباب، جانلىق، تۇرمۇشقا يېقىن، تىل ئادىتىگە ئۇيغۇن سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ھېكايە-رومانلاردىكى ئاپتور تىلىغا خاس دەبدەبىلىك، كىتابىي سۆزلەرنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. تەرجىمە فىلىمنىڭ تىلى قانچە جانلىق، ئاممىباب، تۇرمۇشقا يېقىن، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولسا، كۆرۈرمەنلەر فىلىمنى شۇنچە زوقلىنىپ كۆرىدۇ. پاكىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «مىراسخور»، كورىيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يەنە بىر كۆرسەم»قاتارلىق فىلىملەرنى كۆرۈرمەنلەرنىڭ شۇنچە ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب تەرجىمە تىلىنىڭ جانلىق، ئاممىباب، تۇرمۇشقا يېقىن، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولغانلىقىدا. ھازىر بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە گەۋدىلىك ساقلىنىۋاتقان نۇقسان دەل سۆز-جۈملىلەرنىڭ جانلىق، ئاممىباب، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولماسلىقىدۇر. بەزى تەرجىمانلار جۈملىدىكى مەقسەت، مەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتى، سۆزنىڭ ئاممىباب، جانلىق بولۇشىنى قوغلاشماي، نوقۇل ھالدا خەتنىڭ يەككە مەنىسىنىلا قوغلىشىپ، ئاتالمىش «تەرجىمە تىلى»نى پەيدا قىلىپ قويدى ھەمدە ئۇنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ. مېنىڭچە، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلىغىمۇ، ئۇيغۇر تىلىغىمۇ پىششىق بولماسلىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى، ئىزدەنمەسلىكى بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبتۇر. بىز كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەندە، «ساڭا دېسەم»، «ساڭا دەپ قوياي»، «سىزدىن سوراپ باقاي»، «يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن»، «ئۈمىد قىلىمەن»، «مېنى رەت قىلدى»، «ئامالسىز قالدى»... دېگەندەك تىل ئادىتىمىزگە يات سۆز-جۈملىلەرنى پات-پات ئاڭلاپ قالىمىز. مەن كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندە مۇشۇنداق سۆز-جۈملىلەرگە دائىم ئۇچراپ تۇرىمەن. تۆۋەندە كۆپرەك ئۇچرىغان بەزى سۆزلەرنىڭ ئوخشىمىغان جۈملىلەردىكى تەرجىمىسى ۋە تەھرىرلەنگىنىنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى قانداق جۈملىدە قانداق تەرجىمە قىلسا ئاممىباب،جانلىق ۋە تىلىمىزنىڭ ئادىتىگە ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ ئۆتىمەن.
我告诉你、我跟你说
① 我告诉你,总有一天你一定会后悔的。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ساڭا دەپ قوياي، ھامان بىر كۈنى چوقۇم پۇشايمان قىلىسەن.
تەھرىرلەنگىنى:
قاراپ تۇر، كۈنلەرنىڭ بىرىدە جەزمەن ئېسىت دەپ قالىسەن.
② 我告诉你,我并不是善罢甘休的人。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ساڭا دەپ قوياي، مەن ئاسانلىقچە بولدى قىلىۋېتىدىغان ئادەم ئەمەس.
تەھرىرلەنگىنى:
ئاڭلاپ قوي، مەن ئاسانلا بولدى قىلىۋېتىدىغانلاردىن ئەمەس.
③我告诉你,你根本不是我的对手。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ساڭا دەپ قوياي، سەن ھەرگىزمۇ مېنىڭ رەقىبىم ئەمەس.
تەھرىرلەنگىنى:
بىلىپ قوي، سەن ماڭا ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيسەن.
④ 我跟你说,你不能这么轻易地放弃
تەرجىمە قىلىنغىنى:
سىزگە دېسەم، سىز بۇنداق ئاسانلىقچە ۋاز كەچسىڭىز بولمايدۇ.
تەھرىرلەنگىنى:
ماڭا قاراڭ، بۇنداق ئاسانلا بەل قويۇۋەتسىڭىز بولمايدۇ.
这样
①  这样,她是非常聪明的姑娘,这个问题她自己会处理的。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مۇنداق بولسۇن، ئۇ ئىنتايىن ئەقىللىق قىز بالا، بۇ مەسىلىنى ئۇ ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشنى بىلىدۇ.
تەھرىرلەنگىنى:
قاراڭ، ئۇ بەكلا ئەقىللىق قىز، بۇ ئىشنى ئۆزى ھەل قىلالايدۇ.
② 这个东西不能这样放,应该这样放。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
بۇ نەرسىنى بۇنداق قويسا بولمايدۇ، بۇنداق قويۇش كېرەك.
تەھرىرلەنگىنى:
بۇنى بۇنداق قويمايدۇ، مانا مۇنداق قويىدۇ.
③那这样吧,这个问题今天不要讨论,改天再讨论吧。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئۇنداقتا مۇنداق بولسۇن، بۇ مەسىلىنى بۈگۈن مۇزاكىرە قىلىشمايلى، باشقا كۈنى مۇزاكىرە قىلىشايلى.
تەھرىرلەنگىنى:
ئۇنداق بولسا، بۇ ئىشنى بۈگۈن كېڭەشمەيلى، كېيىنچە كېڭىشەيلى.
④ 那,徐太太,那这样,我们公司啊,向来讲究这个信誉第一,既然已经收了您的钱又没给您干活,这钱得退给您。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئۇنداقتا، شۈ خانىم، ئۇنداقتامۇنداق بولسۇن، شىركىتىمىز ئەزەلدىن ئىناۋەت بىرىنچى دېگەنگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىپ تۇرۇپ، سىزگە ئىش قىلىپ بەرمىسەك، بۇ پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرىمىز.
تەھرىرلەنگىنى:
ھە، شۈ خانىم، قاراڭ، شىركىتىمىز ئىناۋەتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ، سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئىشىڭىزنى قىلىپ بېرەلمىگەندىكىن، پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بېرەي.
无法
① 美国政府无法控制欧洲国家。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپادىكى دۆلەتلەرنى كونترول قىلىشقا ئامالسىز.
تەھرىرلەنگىنى:
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ياۋروپا ئەللىرىنى تىزگىنلىيەلمەيدۇ.
② 你无法理解我的心情。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
سىز مېنىڭ كەيپىياتىمنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالىسىز.
تەھرىرلەنگىنى:
سىز مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنمەيسىز.
③ 我无法想象他在国外干了些什么。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مەن ئۇنىڭ چەت ئەلدە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئامالسىز.
تەھرىرلەنگىنى:
مەن ئۇنىڭ چەت ئەلدە نېمىلەرنى قىلغىنىنى ئويلاپ يېتەلمەيمەن.
④ 如果他不犯罪,我们没办法逮捕他。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئەگەر ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزمىسە، بىز ئۇنى قولغا ئېلىشقا ئامالسىز قالىمىز.
تەھرىرلەنگىنى:
ئۇ جىنايەت ئۆتكۈزمىسە، ئۇنى قولغا ئالساق بولمايدۇ.
⑤ 如果他逃到国外去,我们根本没办法逮捕他。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئەگەر ئۇ چەت ئەلگە قېچىپ كەتسە، بىز ئۇنى قولغا ئېلىشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز قالىمىز.
تەھرىرلەنگىنى:
ئەگەر ئۇ چەت ئەلگە قېچىپ كەتسە، بىز ئۇنى ھەرگىز تۇتالمايمىز.
拒绝
① 我跟她求婚,但她拒绝我了。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مەن ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپى قويغانىدىم، ئەمما ئۇ مېنى رەت قىلدى.
تەھرىرلەنگىنى:
مەن ئۇنىڭغا تەلەپ قويسام، ئۇ ئۇنىمىدى.
②他拒绝承认错误。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
ئۇ خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى.
تەھرىرلەنگىنى:
ئۇ خاتالىقىنى بوينىغا ئالمىدى.
③ 我什么时候拒绝了你的要求?
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مەن سېنىڭ تەلىپىڭنى قاچان رەت قىلدىم؟
تەھرىرلەنگىنى:
مەن قاچان سېنىڭ تەلىپىڭگە ياق دېگەن؟
④ 我是很喜欢她,可她拒绝了我。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن، لېكىن ئۇ مېنى رەت قىلدى.
تەھرىرلەنگىنى:
مەنغۇ ئۇنى بەك ياخشى كۆرەتتىم، لېكىن ئۇ مېنى ياراتمىدى.
觉得
① 今天我觉得很孤独。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مەن بۈگۈن بەك يالغۇزلۇق ھېس قىلىۋاتىمەن.
تەھرىرلەنگىنى:
بۈگۈن بەك غېرىبسىنىپ كەتتىم.
② 你不觉得这是很奇怪吗?
تەرجىمە قىلىنغىنى:
سەن بۇنى بەك غەلىتە دەپ ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
تەھرىرلەنگىنى:
بۇ ساڭا غەلىتە تۇيۇلمىدىمۇ؟
③ 你觉得,这不是很可笑吗?
تەرجىمە قىلىنغىنى:
سەن بۇنى كۈلكىلىك ھېس قىلمىدىڭمۇ؟
تەھرىرلەنگىنى:
سېنىڭچە، بۇ كۈلكىلىك ئەمەسمىكەن؟
④ 我觉得心里很难受。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
كۆڭلۈمنىڭ بەك ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ھېسقىلىۋاتىمەن.
تەھرىرلەنگىنى:
كۆڭۈم بەك ئازابلىنىۋاتىدۇ.
希望
① 父亲,党内有很多人希望父亲立刻复职。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
دادا، پارتىيە ئىچىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر سىزنىڭ دەرھال خىزمىتىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىشىۋاتىدۇ.
تەھرىرلەنگىنى:
دادا، پارتىيىمىزدىكى نۇرغۇن ئادەم سىزنى زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا قايتا چىقسا دەۋاتىدۇ.
② 我有个建议,希望你们能够多住些日子,多去一些地方,到工人、农民中去,也可以到部队中去走一走,看一看嘛。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
مېنىڭ بىر تەكلىپىم بار، ئۇزاقراق تۇرۇپ، كۆپرەك جايلارغا بېرىڭلار، ئىشچىلارنىڭ، دېھقانلارنىڭ ئارىسىغا بېرىڭلار، قىسىمغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ كەلسەڭلەرمۇ بولىدۇ.
تەھرىرلەنگىنى:
مېنىڭچە بولغاندا، سىلەر بۇ يەردە ئۇزاقراق تۇرۇپ، كۆپرەك جايلارغا بېرىڭلار، ئىشچى- دېھقانلار ئارىسىغا بېرىڭلار، قىسىمغا بېرىپ ئايلىنىپ، كۆرۈپ كەلسەڭلارمۇ بولىدۇ.
③ 中国革命经历了数不清的日日夜夜,革命最后胜利,也要经过数个日日夜夜,希望西蒙诺夫同志能够写出中国版的日日夜夜。

تەرجىمە قىلىنغىنى:
جۇڭگو ئىنقىلابى ساناقسىز كېچە-كۈندۈزلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى، ئىنقىلابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ساناقسىز كېچە-كۈندۈزلەرنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك، يولداش سىمونوف جۇڭگوچە كېچە-كۈندۈزلەرنى يېزىپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەھرىرلەنگىنى:
جۇڭگو ئىنقىلابى ھېسابسىز قىيىنچىلىقنى باشتىن ئۆتكۈزدى، ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ھېسابسىز جاپا تارتىشقا توغرا كېلىدۇ، يولداش سىمونوۋ، بىزنىڭ ئاشۇ جاپا- مۇشەققەتلىرىمىزنى يېزىپ چىقسىڭىز.
④ 我们苏联方面得到一个消息,国民党政府已经和法国政府取得联系,希望法国当局同意他们的部队进入越南。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
بىزنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بىر خەۋەرگە ئېرىشىپتۇ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپتۇ ھەم فرانسىيەنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ۋېيتنامغا كىرىشىگە قوشۇلۇشىنى ئۈمىد قىپتۇ.
تەھرىرلەنگىنى:
بىزنىڭ دۆلىتىمىز ئېرىشكەن خەۋەرگە قارىغاندا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، فرانسىيە دائىرىلىرىدىن گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ ۋېيتنامغا كىرىشىگە قوشۇلۇشىنى تەلەپ قىپتۇ.
⑤希望你不要介意。
تەرجىمە قىلىنغىنى:
كۆڭلىڭىزگە ئالماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
تەھرىرلەنگىنى:
كۆڭلىڭىزگە ئالمىسىڭىز.
     مەن يۇقىرىقىجۈملىلەرنى ئۆزگەرتكەندە، سۆز-جۈملىنىڭ ئاممىباب، جانلىق، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشىنى نەزەرگە ئالغاندىن باشقا، يەنە فىلىمدىكى ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى، پېرسۇناژلارنىڭ ھېسسىياتى، چىراي ئىپادىسى، ئېغىز ھەرىكىتى قاتارلىق تەرەپلەرنىمۇ نەزەرگە ئالدىم.

2. پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگەماسلاشقان بولۇشى كېرەك

      دىيالوگلارنى پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىزى ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تەرجىمىسىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى. بولۇپمۇ، ئېغىز ھەركىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ باش قاتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشتا، جۈملىنىڭ توغرا، تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن، سۆزلەرنىڭ ئاممىباب، جانلىق بولۇشىنى شەرت قىلىپ، پېرسۇناژلارنىڭ گەپ قىلغان چاغدىكى چىراي ئىپادىسى، تىنىقى، ئىنتۇناتسىيەسى، ئېغىزىنىڭ ئېچىلىشى ۋە يېپىلىشىغا ئاساسەن، سۆز-جۈملىلەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى، رېتىمىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، كۆرۈرمەنلەرنى فىلىمدا رول ئالغان ئارتىس خۇددى ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر. خەنزۇچە جۈملىلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندا، بەزى جۈملىلەر بەك ئۇزىراپ كەتسە، بەزى جۈملىلەر قىسقىراپ كېتىپ، پېرسۇناژنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە زادىلا ماسلاشمايدۇ. بۇنداق چاغدا، تەرجىمىسى ئۇزىراپ كەتكەن جۈملىلەرنى قىسقارتىش، قىسقىراپ كەتكەنلىرىنى ئۇزارتىش كېرەك. بولمىسا، سۆز-جۈملىلەر پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە ماس كەلمەي، فىلىمنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىستېتىك زوقىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ. تەرجىمىسى ئۇزىراپ كېتىدىغان جۈملىلەر ئاساسلىقى قەدىمكى زاماندىكى ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەر، يەنى تارىخىي فىلىملەردە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق جۈملىلەرنى قىسقارتقاندا، جۈملىدە ئىپادىلەنگەن نېگىزلىك مەنە-مەقسەتنى ئوبدان چۈشىنىپ، مەنىگە ئانچە زور تەسىر يەتكۈزمەيدىغان سۆزلەرنى قىسقارتىۋېتىش، قىسقارتتىم دەپ، جۈملىنى يېرىم-ياتا، مۈجمەل قىلىپ قويماسلىق، مەقسەتنى توغرا، ئىخچام، چۈشىنىشلىك ئىپادىلەش كېرەك. خەنزۇ تىلىدا «抗日战争»، «抗美援朝» دېگەندەك قېلىپلاشقان ئاتالغۇلار بار. بۇ ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىدا «ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش»، «ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشىتۇرۇپ، چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش» دەپ قېلىپلاشتۇرۇلغان. كىتاب، گېزىت- ژۇرناللاردا قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىنى ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ، لېكىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئۇنداق ئېلىنسا ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىگە «باسقۇنچىلىرى»، «جاھانگىرلىكى»دېگەن سۆزلەرنىڭ مەجبۇرىي قوشۇلۇشىغا بەزىلەرنىڭ: «بۇ سۆزلەرنى قاتمىسا بىر مىللەتكە ياكى دۆلەتكە قارشى، دېگەن مەنە چىقىپ قالىدۇ، قارشى تۇرىدىغىنىمىز شۇ مىللەت ياكى دۆلەتتىكى ئەكسىيەتچى كۈچلەر» دەپ پەتىۋا چىقىرىشى سەۋەب بولغان. «抗日战争» دېگەن ئاتالغۇ ئېنگلىزچىدا «The anti Japanese war» دەپ تەرجىمە قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قانداقتۇر «باسقۇنچىلىرى» دېگەندەك سۆز قوشۇلمىغان. مېنىڭچە، سوبيېكتىب خاھىشقا تايىنىپلا،  ئەسلى تېكستتە بولمىغان سۆزلەرنى قوشۇۋېلىپ، ئاتالغۇنى ئۇزارتىۋېتىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. بىز «جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى»، «جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇقى» دېگەندەك سۆزلەرنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇ يەردە ئېيتىلغان مۇناسىۋەت بىلەن دوستلۇق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن دوستلۇقىنى ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ، باشقىچە ئېيتقاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي كۈچلەرنىڭ مۇناسىۋىتى بىلەن دوستلۇقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى، ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسىي كۈچلىرى شۇ دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دېمەك، «抗日战争»، «抗美援朝» دېگەن ئاتالغۇدىكى «ياپون(ياپونىيە)»، «ئامېرىكا» دېگەن خاس ئىسىملار نوقۇل ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ نامىنى ياكى خەلقىنى كۆرمەستىن، بەلكى ھۆكۈمىتىنى كۆرسىتىدىغان سىياسىي نامدۇر. شۇڭا، مەن «抗日战争»نى «پايونغا قارشى ئۇرۇش» دەپ ئىخچام تەرجىمە قىلشنى تەۋسىيە قىلىمەن، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندىن بۇيان، ئىزچىل مۇشۇنداق ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ ئاتالغۇ ئىخچام بولغاچقا، ئاۋاز ئارتىستلىرى  ئۇنى پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە بىمالال چۈشۈرەلەيدۇ. «抗美援朝» دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى ھەددىدىن زىيادە ئۇزۇن بولغاچقا، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ئىشلىتىشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. بىرىنچىدىن، ئاۋاز بەرگەندە، ئۇنى پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ؛  ئىككىنچىدىن، بۇنىڭ خەنزۇچىسىمۇ، ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلىمۇ سىياسىي پۇراققا ئىگە، يەنە كېلىپ، ئۇيغۇرچە قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى ئىخچام، جانلىق، ئاممىباب ئەمەس. كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تىلى دىيالوگ تىلى بولغاچقا، ئۇنى ئىخچام، جانلىق، ئاممىباب تەرجىمە قىلىش بەكرەك تەكىتلىنىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىيالوگ تىلىدا سىياسىي پۇراق بولمايدۇ. مەن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلەۋاتقان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، سىياسىيلىقى كۈچلۈك فىلىملەردىمۇ سىياسىي تۈسكە ئىگە دىيالوگلارنى ئاساسەن ئۇچراتمىدىم. بەزى فىلىملەرنىڭ قىسمەن دىيالوگلىرىدا سىياسىي تۈسى بار سۆز- ئاتالغۇلار ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن پېرسۇناژلارنىڭ سۆزلەش ئادىتى، مىجەز- خاراكتېرى، ئۆزئارا مۇناسىۋىتى، سۆزلىگەن چاغدىكى چىراي ئىپادىسى، ھېسسىياتى، ئىنتۇناتسىيەسى، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتى، تىل مۇھىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن، ئۇنداق سۆز-ئاتالغۇلار سىياسىي تۈسىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ، ئادەتتىكى ئاممىباب، جانلىق سۆز-ئاتالغۇلارغا ئايلىنىپ كەتكەن. ھېچبولمىغاندا، كۆرۈرمەنلەرگە ئاشۇنداق تۇيغۇ بېرىدۇ. لېكىن شۇ سۆز-ئاتالغۇلارنى لۇغەت مەنىسى ياكى قېلىپلاشتۇرۇلغان شەكلى بويىچە تەرجىمە قىلساق، تەرجىمە تىلى ھەم پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە چۈشمەيدۇ، ھەم ئاممىباب، جانلىق چىقمايدۇ، فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆرۈرمەنلەرگە خەنزۇچىسىدەك تەبىئىي، يېقىملىق ئەمەس، بەلكى سۈنئىي، يېقىمسىز تۇيۇلىدۇ. مەسىلەن: مەن تەرجىمە تەھرىرلىكى جەريانىدا، «抗美援朝» دېگەن ئاتالغۇنى بىر نەچچە فىلىمنىڭ دىيالوگلىرىداخېلى كۆپ ئۇچراتتىم. بۇ ئاتالغۇ ئەسلىدىنلا سىياسىي تۈسكە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا ئېيتىلغان تۈرلۈك ئامىللار سەۋەبىدىن سىياسىي تۈسىنى يوقاتقان ھەم پېرسۇناژلار ئۇنى سىياسىي ئاتالغۇ ئورنىدا ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئاممىباب ئاتالغۇ ئورنىدا ئىشلەتكەن. شۇڭا، مەن كىنو-تېلېۋىزىيە تەرجىمە تىلىنىڭ ئاممىباب، جانلىق، ئىخچام، يېقىملىق، سىياسىي تۈستىن خالى بولۇشىنى كۆزلەپ، بۇ ئاتالغۇنى باشتىن ئاخىر«چاۋشيەن ئۇرۇشى» دەپ ئالدىم. دېمىسىمۇ، «抗美援朝»نى ئۇيغۇرلار جانلىق تىلدا «چاۋشيەن ئۇرۇشى» دەپ ئاتايدۇ.
      خەنزۇچىدىكى بەزى سۆز-ئاتالغۇلار ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا، قىسقىراپ كېتىدۇ. بۇنداق چاغدا، پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تەرجىمە تىلىنى مۇۋاپىق«سەمرىتىش»كە توغرا كېلىدۇ. «سەمرىتىلگەن» سۆزلەر تىل ئادىتىمىزدىن چەتنەپ كەتمەسلىكى، چۇۋالچاق بولماسلىقى كېرەك. «گۆر ئاغزىدىن قايتىش —تۈتۈن بېگىنىڭ يېڭى تەرجىمىھالى Ⅱ» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا «现在而今眼目下» دېگەن سۆز بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. تەرجىمان بۇ سۆزنى «ھازىر»دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ تەرجىمە خاتا بولمىسىمۇ، لېكىن بەك قىسقا بولغاچقا، پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشمايدۇ. مەن بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندە، پېرسۇناژلارنىڭ تەلەپپۇزى ۋە كونتېكىستكە ئاساسەن، «ھازىر» دېگەننى«بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە»، «ھازىرقىدەك مۇشۇنداق چاغلاردا» دېگەندەك سۆزلەرگە ئۆزگەرتتىم، شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە ھەم تىل ئادىتىمىزگە ئۇيغۇن، ئاممىباب چىقتى، ھەم پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە ماس كەلدى.
      تەرجىمە تىلىنى پېرسۇناژلارنىڭ باش، قول، پۇت ۋە باشقا ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش — كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىدىكى يەنە بىر خاسلىق. بۇ خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش تەرجىمە تىلىنى ئاممىباب، جانلىق چىقىرىش ۋە ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا ئوخشاش مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. ناۋادا، پېرسۇناژ بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ:«不多» دېگەن بولسا، بۇنى جەزمەن «كۆپ ئەمەس» دەپ تەرجىمە قىلىپ، تەرجىمە تىلىنى پېرسۇناژنىڭ باش ھەرىكىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك. تەرجىمان ئىخچام ئىپادىلەيمەن دەپ، «ئاز» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويسا، تەرجىمە تىلى پېرسۇناژنىڭ باش ھەرىكىتىگە ماسلاشمايدۇ، كۆرۈرمەنلەرگىمۇ تەبىئىي، چىن تۇيغۇ بەرمەيدۇ. تەرجىمىدە دىيالېكىت، شېۋىلەرنى ئىشلەتمەي، ئەدەبىي تىلنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇڭا، خەنزۇچىدىكى ساننى بىلدۈرىدىغان «万» خېتىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ تەلىپى بويىچە، «تۈمەن» دەپ ئەمەس، بەلكى «ئون مىڭ» دەپ تەرجىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر فىلىمدە پېرسۇناژ ئۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ «三万» دېگەن بولسا، بىز ئەدەبىي تىلدا ئىپادىلەشنىلا قوغلىشىپ، بۇنى «ئوتتۇز مىڭ» دەپ تەرجىمە قىلىپ قويساق، بۇ سۆز پېرسۇناژنىڭ ئۈچ بارمىقىنى چىقارغان ھالىتىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇڭا، بۇنى جەزمەن «ئۈچ تۈمەن» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندە، تەرجىمە تىلىنى پېرسۇناژلارنىڭ قول، پۇت، باش قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، توغرا، راۋان تەرجىمە قىلىنغان جۈملىلەرنىمۇ ئۆزگەرتىشكە، ھەتتا بۇزۇشقا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن: مەلۇم بىر فىلىمدىكى «今天这个会议,我们要解决四个问题» دېگەن جۈملىنى تەرجىمان «بۈگۈنكى يىغىندا، بىز تۆت مەسىلىنى ھەل قىلىمىز» دەپ تەرجىمە قىلغان. بۇ جۈملىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ھېچقانداق چاتاق يوق. لېكىن، پېرسۇناژ «四个问题» دېگەن سۆزنى ئېيتقاندا تۆت بارمىقىنى چىقارغان. ئەگەر بۇ جۈملىنىڭ تەرجىمىسى شۇ پېتى ئېلىنسا، ئۇيغۇرچە ئاۋاز پېرسۇناژنىڭ تۆت بارمىقىنى چىقارغان ھالىتىگە قەتئىي ماسلاشمايتتى. شۇڭا، مەن فىلىمنىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندە، بۇ جۈملىنى «بۈگۈنكى يىغىندا، بىزنىڭ ھەل قىلىدىغىنىمىز تۆت مەسىلە» دەپ ئۆزگەرتىپ، پېرسۇناژنىڭ قول ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇردۇم. بۇنداق ئەھۋال كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

3. پېرسۇناژلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى،جىنسىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك

       كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، مىجەز-خاراكتېرى ئۆزگىچە پېرسۇناژلاردىن باشقا، يەنە سۆز ئىشلىتىش ئادىتى ئۆزگىچە بولغان پېرسۇناژلارمۇ ئۇچرايدۇ. ھېكايە-رومانلاردا پېرسۇناژلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ئاساسەن ئاپتورنىڭ بايان، تەسۋىرلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا پېرسۇناژلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، گەپ-سۆزلىرى، سۆزلەش ئادىتى ئارقىلىقلا ئۇلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولىدۇ. بەزى فىلىملەردە تولىمۇ سىپايە، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن پېرسۇناژلار بولسا، بەزى فىلىملەردە ئىنتايىن قوپال، سەت گەپلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن پېرسۇناژلار بولىدۇ. بىر پېرسۇناژنىڭ سۆزلەش جەھەتتىكى بۇنداق ئادىتى ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. تەرجىمە تىلىنىڭ ئاممىباب، جانلىق بولۇشىنى قوغلىشىپلا، تولىمۇ سىپايە، دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىدىغان پېرسۇناژنىڭ سۆزلىرىنى بەك ئاممىبابلاشتۇرۇۋەتسەك ياكى ئىنتايىن قوپال، سەت گەپلەرنى قىلىدىغان پېرسۇناژنىڭ سۆزلىرىنى زىيادە سىلىقلاشتۇرۇپ، پەردازلاپ تەرجىمە قىلساق، ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە مىجەز-خاراكتېرىنى يورۇتۇپ بەرگىلى بولمايدۇ. تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۆرە بوغار» («狼毒花»)دا چاڭ فا ئىسىملىك ناھايىتى باتۇر، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان، دۈشمەنگە چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ، لېكىن قوپال، سەت گەپلەرنى قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئېغىزىدىن «娘的»،«妈的» دېگەن سۆزنى چۈشۈرمەيدىغان ئۆزگىچە خاراكتېرگە ئىگە بىر پېرسۇناژ بار. بىز بۇ فىلىمنى تەرجىمە قىلغاندا، چاڭ فانىڭ خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قوپال، سەت گەپلىرىنى ئانچە پەردازلىماي، ئىمكانقەدەر ئەينەن ئالغان ئىدۇق (مىللىي ئەدەب-ئەخلاقنى كۆزدە تۇتۇپ، زىيادە قوپال، سەت گەپلەرنى سەل سىلىقلاشتۇرغان). لېكىن، بۇ فىلىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە كىرىشتۈرۈلۈشى قاتارلىق ھالقىلىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرگەن خادىم: «فىلىمنىڭ تەرجىمىسىدە قوپال، سەت گەپلەر كۆپ ئىكەن، بولۇپمۇ، ‹ئاناڭنى› دېگەن سۆز بەك كۆپ ئىشلىتىلىپتۇ، بۇ سۆزنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك، بۇنىڭ ئورنىغا ‹ئەبلەخ›،  ‹خۇمپەر› دېگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىش كېرەك» دەپ تۇرۇۋالدى. بىز:«ئۇنداق سۆزلەرنى ئىمكانقەدەر سىلىقلاشتۇردۇق، زىيادە سىلىقلاشتۇرۇۋەتسەك، پېرسۇناژنىڭ مىجەز-خاراكتېرى گەۋدىلەنمەي، تېخىمۇ خۇنۈكلىشىپ كېتىدۇ ھەم تەرجىمە فىلىمنىڭ تەبىئىيلىكى، چىنلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ» دېسەكمۇ، سۈپەت تەكشۈرگۈچى ئۆزىنىڭ «ئەخلاق» قارىشىدا چىڭ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈپ بولغان فىلىمدىكى بەزى سۆزلەر ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە سىلىقلاشتۇرۇپ، چاڭ فانىڭ مىجەز-خاراكتېرى زىيادەخۇنۈكشىپ كەتتى.مېنىڭچە، سوبيېىكتىپ ئەخلاق قارىشىنى بازاغا سېلىپ، بەدىئىي ئەسەرنىڭ چىنلىقى، تەبىئىيلىكىگە نۇقسان يەتكۈزۈش ۋە پېرسۇناژلارنىڭ سۆزلەش جەھەتتىكى خاسلىقىنى يوقىتىپ، مىجەز- خاراكتېرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش كەسپ ئەخلاقىغا خىلاپ قىلمىشتۇر.
        ئۇيغۇر تىلىدىكى «جۇۋاينىمەك»، «بېشىڭنى يەيدىغان»، «ئەجىبا» دېگەندەك سۆزلەر ئاياللار ئىشلىتىدىغان سۆزلەردۇر. لېكىن بۇنداق سۆزلەر بەزى تەرجىمە فىلىملەردە ئەرلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، «ئەجەبا» دېگەن سۆزنى ئەرلەرگە دېگۈزۈش تەرجىمە فىلىملەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى. نوپۇس جەھەتتە ئۇيغۇرلار مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ قەشقەر، قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «جۇۋاينىمەك»، «بېشىڭنى يەيدىغان» دېگەن سۆزلەر تۇرماق، ھەتتا «ئەجەبا» دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدىغان ئەرلەرنىمۇ «مەزلۇم مىجەز» دەيدۇ. بەزى تەرجىمانلار ئاياللارغا خاس سۆزلەرنى ئەر پېرسۇناژلارغا زورلاپ تېڭىپ، ئەر پېرسۇناژلارنى «مەزلۇم مىجەز» قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. ئەر پېرسۇناژلار «جۇۋاينىمەك»، «بېشىڭنى يەيدىغان» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن تەرجىمە فىلىملەر ئىنتايىن ئاز، لېكىن «ئەجەبا»نى ئىشلەتكەن تەرجىمە فىلىملەر ئىنتايىن كۆپ. ھازىر كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان تەرجىمانلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پېرسۇناژلارنىڭ جىنسىغا ماس كېلىش- كەلمەسلىكى، جۈملىنىڭ راۋان، ئىخچام بولۇش-بولماسلىقى بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي، خەنزۇچىدىكى «难道»نى «ئەجەبا» دەپلا تەرجىمە قىلىپ قويۇۋاتىدۇ. مەسىلەن: «你能学好外语,难道我就不能?» دېگەن جۈملە ئۇچرىسا، بۇنى «چەت ئەل تىلىنى سەن ئۆگىنەلەيدىكەنسەن، ئەجەبا مەن ئۆگىنەلمەمدىكەنمەن؟» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. ئەگەر «سەن ئۆگىنەلىگەن چەت ئەل تىلىنى مەن ئۆگىنەلمەمدىم؟» دەپ تەرجىمە قىلسا جۈملە ھەم ئىخچام، ھەم راۋان بولىدۇ. «难道»خەنزۇ تىلىدا سوئال جۈملىلەردە ئىشلىتىلىپ، سوئال جۈملىنىڭ ئورانىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. ئۇيغۇرچىدا بۇنى ئىنتۇناتسىيە ئارقىلىق ئىپادىلىسەك بولىۋېرىدۇ. لېكىن كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا پېرسۇناژلار «难道» دەپ سەل تۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كەينىدىكى سۆزلەرنى ئېيتىدىغان ئەھۋالمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا «难道»نى «ئەجەبا» دەپ تەرجىمە قىلماي، بەلكى تىل مۇھىتى ۋە كونتېكىستكە ئاساسەن «ئەمىسە»، «ئۇنداقتا» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىپ، پېرسۇناژلارنىڭ ئېغىز ھەرىكىتىگە ماسلاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا چاغلاردا ئۇنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاۋاز ئارتىسى سوئال جۈملىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئوقۇۋەتسىلا بولدى. دېمەك، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە پېرسۇناژلارنىڭ جىنسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىش، ئەرلەرنى «مەزلۇم مىجەز»، ئاياللارنى «ئەركەك زەدەك» قىلىپ قويماسلىق تولىمۇ زۆرۈر.

4. مىللىيلاشتۇرۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

       ئەسلى ئەسەرنىڭ تىلىنى مىللىيلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىش تەرجىمە ماھارىتىدىكى مۇھىم ئامىل. ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس تىل ئادىتى، ئىدىيومى، ماقال-تەمسىللىرى، تۇراقلىق ئىبارىلىرى بولىدۇ. كىشىلەر ئانا تىلىدىكى ئاشۇنداق سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، مۇددىئا-مەقسىتىنى ئاممىباب، جانلىق، چۈشىنىشلىك، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. بۇنداق سۆز-ئىبارىلەر شۇ مىللەتكە تەبىئىي، يېقىملىق، چىن تۇيۇلۇپ، ئىستېتىك زوق بەخش ئېتىدۇ. مۇشۇنداق سۆز-ئىبارىلەرنى مىللىيلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلىشنى ئەدەبىي تەرجىمانلار بىردەك قوللىسىمۇ، لېكىن بەزىلەر «ئەمەتنىڭ دوپپىسىنى سەمەتكە كىيدۈرۈپ قويۇش»، «خۇدا ئۇرغاننى خۇدابەردىكام قوشلاپ ئۇرۇپتۇ»، «ئات ئايلىغانغا، يول سارىخانغا»، «ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى»، «ئاللا (خۇدا) جاجاڭنى بېرەر» دېگەندەك ماقال-تەمسىل، سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. مەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «جەمەت ئىبادەتخانىسى»نىڭ تەرجىمە تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەندە، «自以为转世华佗的金郎中»، «我就算转世华佗,也救不了致卿少爷了» دېگەن جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىنى «ئۆزىنى زامانىمىزدىكى لوقمان ھەكىم دەپ يۈرگەن جىن ھەكىم»، «مەن لوقمان ھەكىم بولغان تەقدىردىمۇ، جىچىڭ بايۋەچچىنى قۇتقۇزالمايتتىم» دەپ ئۆزگەرتكەن ئىدىم. بىراق فىلىمنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرگۈچىلەر «لوقمان» دېگەن ئىسىمنى يەنە «خۇا تو» دەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويغان. نەتىجىدە، مىللىي خاسلىق گەۋدىلەنگەن تىل بۇزۇلۇپ كېتىپلا قالماي، يەنە سۈپەت تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆزگەرتكىنى بويىچە قايتا ئاۋاز بېرىلگەندە، «جىچىڭ بايۋەچچىنى قۇتقۇزالمايتتىم»دېگەن جۈملىدىكى «قۇتقۇزالمايتتىم» دېگەن سۆز چۈشۈپ قالغان. مىللىي خاسلىق گەۋدىلەنگەن سۆز- ئىبارىلەرنى بۇزۇۋېتىش يالغۇز مۇشۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. بەزىلەر «ئەمەت»، «سەمەت»، «خۇدابەردى»، «ئايلىخان»، «سارىخان»، «لوقمان»دېگەن ئىسىملار خەنزۇلاردا يوق، «ھارام»، «ئاللا»، «خۇدا» دېگەنلەردە ئىسلام دىنىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك، خەنزۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلمىغاندىكىن، ئۇنداق سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولمايدۇ، دەپ قارىغاچقا، تەرجىمە تىلىدا مىللىي خاسلىقنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈش توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق قاراش پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. ئەدەبىي تەرجىمىنىڭ مەقسىتى، بولۇپمۇ، كىنو- تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىنىڭ مەقسىتى مەلۇم سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، بىر مىللەت ياكى پېرسۇناژنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادىنى ئىپادىلەپ بېرىش بولماستىن، بەلكى سۆز-جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى ئىپادىلەپ بېرىشتۇر. دىيالوگلارنىڭ تەرجىمىسىدە دىنىي تۈسكە ئىگە سۆزلەر ئىشلىتىلسىمۇ، لېكىن ئۇلار تۈرلۈك تىل مۇھىتىدا دىنىي تۈسىنى يوقىتىپ، ئادەتتىكى سۆز-ئاتالغۇغا ئاينىپ كېتىپ، تىلنىڭ مىللىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن: «ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى» دېگەن جۈملىدىكى «ھارام» سۆزىنىڭ دىنىي تۈسى بەك قويۇق بولسىمۇ، لېكىن بۇ جۈملىدە دىنىي تۈسى پۈتۈنلەي يوقىلىپ، تىلنىڭ مىللىي خاسلىقى روشەن گەۋدىلەنگەن.
      بەزى فىلىملەردە «ئۆرە تۇرۇپ گەپ قىلسا، بەل ئاغرىمايدۇ»، «ساۋ ساۋ دەپ تۇرساق، ساۋ ساۋ كەلدى»، «بۇ يەردە ئۈچ يۈز سەر كۈمۈش يوق»، «دەريا ئوتتۇز يىل شەرققە ئاقسا، ئوتتۇز يىل غەربكە ئاقىدۇ» دېگەندەك سۆز-ئىبارىلەر چىقىپ كېتىپ، فىلىمنىڭ تەرجىمە سۈپىتىگە ئېغىر نۇقسان يەتكۈزدى. بۇنداق ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ مەنىسىنى خەنزۇچىنى ئوبدان بىلىدىغانلار چۈشەنسىمۇ، خەنزۇچە بىلمەيدىغانلار، بولۇپمۇ ئاددىي ئاۋام-پۇقرالار چۈشەنمەيدۇ. مەنىسىنى چۈشەنگەنلەرمۇ فىلىمنىڭ خەنزۇچىسىنى كۆرگەن كۆرۈرمەنلەردەك ئىستېتىك زوققا ئىگە بولالمايدۇ. بۇنداق تەرجىمە «ئەسلىگە سادىق بولۇش» دېگەن ئەقەللىي پىرىنسىپقىمۇ چۈشمەيدۇ، ئەسەرنىڭ تەبىئىيلىكى، چىنلىقى، جەلپكارلىقى ۋە قىممىتىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىدۇ. بۇلار خەنزۇچىدىكى «站着说话不腰疼»، «说曹操,曹操就到»، «此地无银三百两»، «三十年河东,三十年河西» دېگەن ماقال-تەمسىللەرنىڭ خەتمۇ- خەت، ئۆلۈك تەرجىمىسى. بۇ ماقال-تەمسىللەر «تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ»، «كىمنىڭ گېپىنى قىلسا شۇ كەپتۇ»، «ئانام قازناقتا يوق»، «ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق، ئون بەشى قاراڭغۇ» دەپ تەرجىمە قىلىنسا، تەرجىمە تىلى چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، ئوبرازلىق، جەلپكار چىقىپ، تىلنىڭ مىللىيلىشىشى تولۇق ئىشقا ئاشىدۇ ھەمدە ئەسلى ئەسەرنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىمۇ ساقلىنىپ قالىدۇ. تەرجىمىدە جۈملىنىڭ لۇغەت مەنىسىنى ئەمەس، ئىستېمال مەنىسىنى ئىپادىلەش ھەممىدىن مۇھىم. ئىستېمال مەنىسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، تەرجىمە تىلىنى مىللىيلاشتۇرۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شۇڭا، باشقا تىلدىكى مەنە-مەقسەتنى ئەينەن، جانلىق ئىپادىلەپ، مىللىي خاسلىققا ئىگە قىلىنغان سۆز-ئىبارىلەرگە دىنىي قالپاق كىيدۈرۈش، پالانى مىللەتتە «ئەمەت»، «سەمەت» دېگەن ئىسىملار بولمايدۇ، دەپ، تەرجىمە تىلىنى مىللىيلاشتۇرۇشنى چەتكە قېقىش ئىلىم ساھەسىدىكى سولچىللىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇنداق قىلىش تەرجىمىنىڭ «ئەينەن، راۋان، گۈزەل بولۇش» دېگەن پىرىنسىپلىرىغىمۇ پۈتۈنلەي زىت كېلىدۇ.
     خەنزۇلاردا، Aئادەم B ئادەمنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ياكى ئۈندىسە، B ئادەم A ئادەمگە «知道» ياكى «知道了» دەپ جاۋاب بېرىدىغان ئادەت بار. بۇنى نۇرغۇن تەرجىمانلار «بىلدىم» ياكى «بىلىمەن» دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ ھەم نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ تەرجىمىسىدە مۇشۇنداق ئېلىندى. بۇنداق چاغلاردا جەزمەن «ماقۇل» ياكى «بولىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. ئۇيغۇرلاردا، A ئادەم B ئادەمنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ياكى ئۈندىسە، B ئادەم Aئادەمگە «بىلدىم» ياكى «بىلىمەن» جاۋاب بېرىدىغان ئادەت يوق. ئەگەر شۇنداق دەپ جاۋاب بەرسە، A ئادەمنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ.چۈنكى بۇنىڭدا «سەن دېمىسەڭمۇ، مەن بىلىمەن» دېگەن قوپال مەنە ۋە مەنسىتمەسلىك ئىپادىلىنىدۇ. «是吗»دېگەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئۇنى ھەممىلا يەردە «شۇنداقمۇ» دەپ تەرجىمە قىلىشقا بولمايدۇ. فىلىمدىكى پېرسۇناژ قارشى تەرەپنى مەنسىتمىگەن تەلەپپۇزدا «是吗» دېسە، بۇنى «شۇنداقمۇ» دەپ تەرجىمە قىلساق، سۆز دەل جايىغا چۈشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەھۋالدا، تىل مۇھىتى، سۆزلىشىۋاتقان ئىككى پېرسۇناژنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، «راستمۇ» ياكى «مۇنداق دەڭ» دەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك. بۇمۇ خەنزۇلارنىڭ تىل ئادىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئادىتىگە بويسۇندۇرۇش ۋە تەرجىمە تىلىنى مىللىيلاشتۇرۇشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى.
        قىسقىسى، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمىسىدە يۇقىرىقى تۆت چوڭ ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلسە، تەرجىمە فىلىملەر ئەسلىدىكى جەلپكارلىقىنى ساقلاپ قالىدۇ، خەنزۇچىسى خەنزۇ كۆرۈرمەنلەرگە قانداق ئىستېتىك زوق بەرگەن بولسا، ئۇيغۇرچىسىمۇ ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرگە شۇنداق ئىستېتىك زوق بېرىدۇ.

(بۇ ماقالە «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق4-سانىدا ئازراق قىسقارتىلىپ ئېلان قىلىنغان)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-7 23:45  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-8 00:07:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،«كىچىك دوست» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ پەيدا بولۇپ قالدى ۋە تېلېۋىزورلاردا بەكمۇ بازار تاپتى.  ئېنىقكى، بۇ  «小朋友» نىڭ  تىلىمىزدىكى ئۆلۈك تەرجىمىسى. ئەجىبا، بىز  بۇنىڭدىن كېيىن، دوستلىرىمىزنى ئۇلارنىڭ بىز بىلەن بولغان ياش جەھەتتىكى پەرقىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، «كىچىك دوست، چوڭ دوست، تەڭتۇش دوست...» دەپ ئاتىشىمىزغا توغرا كېلەرمۇ؟ ئانا تىلمىز ئەڭ نازۇك تۇيغۇلارنىمۇ ئىپادىلەشكە تامامەن قادىر!
  تەرجىمان بۇرادەرلەر! ياخشى «كۆۋرۈك» بولايلى. «كۆۋرۈك» ناباپ بولسا، ئىنسان تۈگۈل ئىشەكمۇ قايتا ئۆتمەيدۇ!

ۋاقتى: 2015-3-8 12:41:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر تەھلىل قىلىنىپتۇ.

ۋاقتى: 2015-3-8 22:39:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەرجىمانلارغا ئەمەلىي بېرىدىغان تېمىكەن، جاسارەت تاشنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش