غەزەل
ئول ئاي بۇ خەستە بىلە يارمۇ ئىكىن ئايا،
زەمىرى ئىچرە غەمىم بارمۇ ئىكىن ئايا؟
بۇكىم فىراقى ئۆزۈمدىن جەبەرسىز ئەتتى مېنى،
ئۆزى بىرەرتە خەبەردارمۇ ئىكىن ئايا؟
كۆزۈم تاپانىغەكىم شامى ۋەسل سۈرتەرمەن،
ئۇيۇپمۇ ئېركىنۇ بىدارمۇ ئىكىن ئايا؟
مەن ئول تەرەف بارا ئالمان، كۆڭۈل كېلە ئالماس،
مېنىڭدەك ئول داغى بىيمارمۇ ئىكىن ئايا؟
كەمەندى زۇلفىكى ئاچىلغاچ ئۇچتى ئىمانىم،
رەسەنمۇ، رىشتەئى زۇننارمۇ ئىكىن ئايا؟
چۇ خىرقە بادەغە رەھن ئولدى، بولمىشام سەر گۇم،
گەرەۋگە نەۋبەتى دەستارمۇ ئىكىن ئايا؟
نەۋايى ئۆزلۈكىدىن كەچتى، داغى قويدۇم قەدەم
بو يولدا، ئەمدى سەبۇكبارمۇ ئىكىن ئايا.
|