كۆرۈش: 432|ئىنكاس: 9

بۇژغۇن : شىپايى«ئۇماچ»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
درامماتورگ ،يازغۇچى،شائىر،ئوبزۇرچىلىرىمىزغا نەۋرۇزلۇق سوغا

[شىپايى«ئۇماچ»]

1.كېتىدىغان ماتىريال:
(1) سامساق(بىنەپشە رەڭ سامساق)تىن ئۈچ باش؛(2)بىر پارچە زەنجىۋىل(ئالقانچىلىك چوڭلۇقتا)؛ (3) لېموندىن ئىككى دانە؛(4) ئالما ئاچچىقسۈيىدىن بىر بوتۇلكا.
2.تەييارلاش باسقۇچى:
* بىرىنجى قەدەم؛(1) سامساقنى ئادالاپ تەييارلايمىز؛(2) زەنجىۋىلنىڭ تاشقى تېرىسىنى
سويىۋىتىمىز؛(3)لېموننىڭ پوستىنى سويىۋىتىمىز ۋە ئۇرىقىنى ئېلىۋىتىمىز.
*ئىككىنجى قەدەم: يۇقارقى ئۈچ خىل يېمەكلىكنى يۇيۇپ،سۈيىنى تولۇق ساقىتىپ بولغاندىن كېيىن،بۇ ئۈچ خىل يېمەكلىكنى ئېزىش ماشىنىسىدا ئۇماچتەك ئېزىپ، ھەممىسىنى كورا(چىنە
كورا بولسا تېخى ياخشى،رو كورا قەتئىي بولمايدۇ.)غا سېلىپ،ئاندىن كېيىن ئالما ئاچچىقسۈيىنى
ئۈستىگە قۇيۇپ،ئوتتۇراھال ئوتنى ئاچىمىز،قاينىغاندىن كېيىن،بوش ئوتتا 25مىنۇت قاينىتىپ ئوتنى
ئۆچۈرىمىز.
*ئۈچىنجى قەدەم: يۇقاردىكى «ئۇماچ» سوۋۇغاندىن كېيىن،ئالدىن تەييارلانغان ئەينەك بوتۇلكىغا
قاچىلاپ،توڭلاتقۇنىڭ توڭلاتمايدىغان جايىغا سېلىپ قويىمىز.
3.يېيىش ئۇسۇلى: كۈندە ئەتىگەنلىك چاي بىلەن،بىر قوشۇق ئېستىمال قىلىمىز.ئەگەر قىرتاق دەپ
ئېچىشكە قولايسىز بولسا،يىرىم قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ،ئىلمان قايناق سۇغا تەڭشەپ ئېستىمال
قىلسا بولىدۇ.
4.پايدىلىق رولى: يۈرەك،مىڭە ۋە بەدەندىكى قان-تومۇرلارنى ئىچىش (توسالغۇلارنى ئىچىش)،
جىگەردىكى ماي ماددىسىنى تازىلاش ھەمدە دىيابىت كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولى ئىنتايىن ياخشى.
بۇ بىر قىسىم تىببىي مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىدىن ئۆتكەن ئىشەنچىلىك مەھسۇلات.
سالامەتلىكنى ئاسراش-مىللەتنىڭ مەنىۋى ھاياتىنى ئاسرىغانلىق بىلەن باراۋەردۇر.


رەتلەپ تەييارلىغۇچى: تۇرسۇن ھۈسەيىن بۇژغۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-6 17:55  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-6 20:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رىسالە بىلەن تەييارلانغان «ئۇماچ» بىلەن خېلى جىق كىشىلەرنىڭ شىپا تاپقانلىقى مەلۇم. شۇڭا سىناپ بېقىشقا بۇلىدۇ. بۇنىڭ يەنە ئادەمنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولى بۇلۇپ، بۇنى  بۇ يىل كۈزدىن باشلاپ ئىچكەنلەرنىڭ زۇكام بولماي قىشتىن چىققانلىقىنى خېلى ئاڭلىدىم.

ۋاقتى: 2015-3-6 23:26:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇماچ ھەقىقىتەن تەبىئي تاماق.

ۋاقتى: 2015-3-7 20:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممتى يۇقىرى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىزغۇ، رەخمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-7 21:10:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تور بىكىتىدىكى قىرىنداشلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادىيەت،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغاچقا،ئۇلاردا چارچاش ئېغىر،ئەقلى ئەمگەك كىشىنى ھالسىزلاندۇرىدۇ.بولۇپمۇ
يۈرەك كىسىلى كۆپرەك.....شۇ سەۋەپلىك بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم...بۇ تەبىئىي دورا بولغاچ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن بەك ياخشى.....رەھمەت...!

ۋاقتى: 2015-3-7 21:18:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدى بىلەن تېما يوللىغۇچىغا رەخمەت ئېيتىمەن. ئاندىن بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى بىلدىم. ئاخىرىدا باشقۇرغۇچىلارنىڭ بۇ تېمىنى كوپ ئىنكاس چۈشكەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن مۇنبەردە بىر مەزگىل كۆرۈنۈپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى سورايمەن.كۆرگەنلەرنىڭ بۇ پايدىلىق مەزمۇننى ساقلىۋىلىشى ئېنىق.لىكىن يەنىمۇ كۆپرەك مۇنبەر ئەھلىنىڭ كۆرۈپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىپ قالدىم.

ۋاقتى: 2015-3-7 21:56:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-6 23:26
ئۇماچ ھەقىقىتەن تەبىئي تاماق.

ئۇماچ ھەقىقەتەن تەبىئىي تاماق ،
ئېتىپ باق بولۇپ قالىسەن ئامراق ،
تېتىپ باق چىقىرىسەن باش بارماق ،
ئەجدادلىرىم يىگەن مۇشناق بولماق .

ۋاقتى: 2015-3-7 22:11:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 21:56
ئۇماچ ھەقىقەتەن تەبىئىي تاماق ،
ئېتىپ باق بولۇپ قالىس ...

ھازىرقى تۇرمۇشىمىز بەكمۇ قۇۋناق ،
ساغلاملىقتىن تولىمۇ ، تولىمۇ يىراق .
ئەجدادلاردىن ئۇدۇم ‹‹ئۇماچ›› يەپ تۇرساق
ياشايمىز سالامەت  يېشىدا توغراق .

ۋاقتى: 2015-3-7 23:09:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامانى يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 21:56
ئۇماچ ھەقىقەتەن تەبىئىي تاماق ،
ئېتىپ باق بولۇپ قالىس ...

ئۇماچنىڭ ماددى ئاساسى ئاققوناق،
تارىخىمۇ ھازىردىن مىڭ يىل يىراق.
ئىنسانلار شۇ چاغدا كەيمىگەن تۇماق،
ساغلاملىق ئاساسىدۇر  بۇ بىر سىناق.

ۋاقتى: 2015-3-8 20:45:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-7 23:09
ئۇماچنىڭ ماددى ئاساسى ئاققوناق،
تارىخىمۇ ھازىردىن مى ...

       بىلگەن بىلگېنىنى دەيدۇ ، بىلمىگەن ھەر نېمە دەيدۇ، دېگەندەك ، بۇژغۇن ئەپەندىنىڭ
‹‹ ئومىچى ›› ھەممىلا ئادەمگە باپ كېلىدىغان شىپائىي تائامدۇر . ئەتتىگېنى -ئاخشىمى چاينىڭ
ئورنىدا [كۆڭۈل تارتقان كۈنى ] ئىچسە ھەم قۇۋۋەت ھەم ھۇزۇردۇر .ئورۇقلاش دورىسىغا ھاجەت يوقتۇر .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش