يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1201|ئىنكاس: 15

خۇشخەۋەر: «چاھار دىۋان» نەشىردىن چىقتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىز تەشنا بولغان «چاھار دىۋان»-«خەزائىنۇل-مەئانى»نىڭ يېڭى نەشىرى ھەققىدە ئىككى كەلمە سۆز


مەشھۇر ئالىم ۋە مۇتەپپەككۇر شائىر، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبلىرىمىزنىڭ پىشىۋاسى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائى ھىجىريە 844- يىلى رامىزاننىڭ 7- كۈنى(مىلادى 1441- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى) ھېرات شەھىردە دۇنياغا كەلگەن. ھىجىريە 906- يىلى جامادىيەل ئاخىرنىڭ 12- كۈنى(مىلادى 1501- يىلى 1- ئاينىڭ 3- كۈنى) ھېرات شەھىردە سەكتە(مېڭىگە قان چۈشۈش) كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئەينى چاغدا نەۋائىنىڭ ۋاپاتى ھېرات خەلقى ئۈچۈن شۇنچىلىك قايغۇلۇق ۋەقە بولغانكى، پۈتۈن ھېرات خەلقى نەۋائى ۋاپات بۇلۇپ يەتتە كۈنگىچە ھازا تۇتقان.
ئەلشىر ناۋائى 60 يىل ئۆمۈر كۆرگەن، 30 يىلغا يېقىن تۈرلۈك دۆلەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. گەرچە نەۋائى ئەينى چاغدا ئۆزى مۇستەقىل ھۆكۈم يۈرگۈزگۈچى سۇلتان بولمىسىمۇ، لېكىن ھۈسەيىن بايقارا ھاكىميىتىدە ئىناۋەت- ئابرۇيى ۋە نۇپۇزى سۇلتان بىلەن باراۋەر ھەتتا ئۈستۈن ئىدى. ئۇ دۆلەت ئىشلىرىغا بىۋاستە مەسئۇل بولغان، سىرتتىن ھەمكارلاشقان ياكى ھوقۇقتىن پۈتۈنلەي قول ئۈزگەن چاغلىرىدا بولسۇن، پۈتۈن زېھنىنى خەلىقنىڭ خاتىرجەم، بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان. نەۋائىنىڭ دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابى، ئالىم ۋە ئۈستاز سۈپىتىدە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىشلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ ۋە خىلمۇ-خىلدۇر. ئۇنىڭ ھاياتىدا قىلغان پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىنى مۇنداق چوڭ ئىككى تۈرگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. بىرى، شۇ دەۋىردىكى خەلىقنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرىشى ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن چەككەن جاپا-مۇشەققەتلىرى ۋە قىلغان خەير-ساخاۋەتلىرى، يەنە بىرى ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان ئېسىل ئەسەرلىرىدۇر. 500 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ئەسەرلىرى پۈتۈن تۈ*ركى خەلىقلەرنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. شۇڭا ئۇ مەدنىيەت تارىخىمىزدىكى بۈيۈك سىمالار ئىچىدە مەيلى خەلقىمىز قەلبىدىكى ئورنى−شان-شۆھرىتى ۋە مەيلى يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتى جەھەتتىن بولسۇن خۇددى زۆھرە يۇلتۇزىدەك رۇشەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنگە قەدەر نەۋائىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان ئاساسلىق ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.        «غەزەللەر» ___ «چاھار دىۋان»دىن تاللانغان غەزەللەر، تىيىپچان ئىليۇپ نەشىرگە تەييارلىغان، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982-يىل 1-نەشىرى (20000 نۇسخا بېسىلغان).
2.        «مەھبۇبۇلقۇلۇپ».   قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى 1989-يىل 1-نەشىرى (5150 نۇسخا بېسىلغان).
3.        «12 مۇقام تېكىستلىرى»  بۇ كىتابتا ناۋائى شېئىرلىرى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ. شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1986-يىل نەشىرى (20500 نۇسخا بېسىلغان).
4.        «مۇھاكىمەتۇللوغىەتەيىن»(ئىككى تىل مۇنازىرىسى).  مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988-يىل 1-نەشىرى (1600 نۇسخا بېسىلغان).
5.        «مەجالىسۇن-نەفائىس». شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1994-يىل 1-نەشىرى(1400 نۇسخا بېسىلغان).
6.        «ئەلىشىر نەۋايىنىڭ يېڭىدىن بايقالغان غەزەللىرى». مىللەتلەر نەشىرياتى 2010-يىل 1-نەشىرى (3000 نۇسخا بېسىلغان).
7.        «ئەلىشىر نەۋائى ئەسەرلىرى» ( بۇ كىتابقا نەۋائىنىڭ «بەدائىيۇل-بىدايەنىڭ دىباچىسى»، «ھالەتى سەيىد ھەسەن ئەردەشىر»، «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، «ۋەخفىيە»، «ئەربەئىن» ( چېھىل ھەدىس) دىن ئىبارەت بەش پارچە ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن).
8.        «نەۋايى دۇردانىلىرى». قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى1999-يىل 1-نەشىرى (5080 نۇسخا بېسىلغان).
9.        «ھەيراتۇلئەبرار». شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2300 نۇسخا بېسىلغان).
10.        «فەرھاد-شىرىن».  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل1- نەشىرى (2150 نۇسخا بېسىلغان).
11.        «لەيلى-مەجنۇن».  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2250 نۇسخا بېسىلغان).
12.        «سەددىي ئىسكەندەر».  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2250 نۇسخا بېسىلغان).
13.        «سەبىئەئى سەييار».  شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى 1991-يىل 1-نەشىرى (2200 نۇسخا بېسىلغان).
«چاھار دىۋان» نىڭ نەشىر قىلىنىشى كىتابخانلارنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئارزۇسى ئىدى. ئاخىر بۇ ئارزۇ ئەمەلگە ئېشىپتۇ. ئالىم –ئەدىبلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكى ناۋائىنىڭ نەچچە يۈزلىگەن چېچىلىپ كەتكەتكەن قوليازما ئەسەرلىرىنى مەنبە قىلىپ، دۇنيادىكى باشقا ئەللەردە نەشىر قىلىنغان نەۋائى ئەسەرلىرىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، غايەت زور مېھنەت سىڭدۈرشى نەتىجسىدە نەشىرگە تەييارلىغان «چاھار دىۋان»نىڭ سۈپەتلىك، كۆركەم نۇسخىسى ئاخىر نەشىردىن چىقىپ يۇرتىمىزدىكى كىتابخانىغا كەپتۇ. ئوننەچچە كۈندىن بېرى بۇ خوشخەۋەرنى مۇنبەر ئەھلىگە يوللاشقا ئالدىرىدىم. ئەپسۇسكى سۈرەتكە تارتىش ئاپراتىم يوق بولغاچقا ئاخىر تېلفۇندا تارتىشقا توغرا كەلدى. شۇڭا دېگەندەك ياخشى چىقماي قالدى. بۇ تۈپەيلى مۇنبەردىكىلەردىن ئەپۇ سورايمەن.
        «چاھار دىۋان» نىڭ بۇ يېڭى نەشىرى جەمئى ئۈچ يۈرۈش، 12 پارچە كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنىپتۇ. مەن پەقەت كىتاب جازىسىغا تىزىلغان ئۈچ پارچە كىتابنىڭلا فۇتۇ سۈرىتىنى يوللاشقا مۇيەسسەر بولدۇم.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.ئى.پەروزان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-5-22 14:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-5-22 14:26:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈتكەن دەقىقلەر ئاخىرى يېتىپ كەپتۇ. كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن. بىراق، بىزنىڭ ناھىيەگە ھەر قانداق كىتاپ بەك كېچىكىپ كېلىدۇ....

ۋاقتى: 2012-5-22 14:30:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىزراق دىدارى مۇلەققەتتە بولسام دېگەن ئۈمىدتەمەن!

ۋاقتى: 2012-5-22 15:49:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنى ئىككىلەنمەي  تېزلا سېتىۋېلىش كېرەك،  ئۇچۇر  بەرگىنىڭىزگە رەخمەت

ۋاقتى: 2012-5-22 16:12:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىش بوپتۇ. ئۇچۇر بەرگىنىڭىزدىن سۈيۈندۈم.

ۋاقتى: 2012-5-22 17:35:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىتىۋالدىم.

ۋاقتى: 2012-5-22 19:04:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىزلەپ يۈرۈپ سېتىۋالىمەن .

ۋاقتى: 2012-5-23 00:18:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
未命名_副本01233333.gif

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-5-23 15:09:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ 500 يىلدىن بېرى بارلىق ئەدىبلىرىمىز سۆيۈپ ۋە سۆيۈنۈپ ئوقۇپ، ئاجايىپ ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلگەن بۇ كىتابلارنى خۇشخەۋەر دەپ يوللىدىم. ھەتتا شارائىتىم يار بەرمىگەنلىكتىن  سۈرەتكە تارتىش ئاپراتى تاپالماي كىتابخانىدىكى خەنزۇ ئايالنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تېلفۇندا تارتقۇزۇپ (ئۇ تېلفۇندا تارتقان سۈرەتنى مېنىڭ چچ رىمغا يوللاپ بەردى، ئۇنىڭ مېنىڭ ھېسياتىمنى چۈشىنىپ قىلغان غەمخورلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن)، ئاندىن ئۇ سۈرەتلەرنى يوللىيالماي پەرۇزان ئاكىغا ئەۋەتىپ بېرىپ دىگەندەك شۇنچە ھەرەج تارتىپ كۆپچىلىككە مەلۇم قىلدىم. ئەمما بۇ كىتابلار نىڭ خەۋىرى ئۇنچە خۇشخەۋەر بولماپتۇ. ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس...
ئەدناسى «مۇقام خۇمارى» چىلىك ئىنكاس يېزىلىش تۈگۈل كۆرۈش بەختىگىمۇ مۇيەسسەر بولمىدى. مۇشۇ كىتاب خەۋىرىنىڭ ئەھۋالىدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، بىزدە نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىزنىڭ يازمىلىرىنىڭ ئۆمرىدىن بۇرۇن ياكى ئۆمرى بىلەن تەڭلا ئۆلۈپ كېتىشى ھەرگەىز سەۋەپسىز ئەمەسكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناۋايىنىڭ «فەۋائىدۇلكىبەر» ناملىق بىر كىتابىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى نەزمىي نەشىرىنىڭ باھاسىلا 300 يۈەن. بۇ باھانى كۆرگەندە تېخى خېلى كوپ كىشىلەر سېتىۋېلىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن.
2001-يىلى نەشىر قىلىنغان (ئارانلا 3000 نۇسخا بېسىلغان، 18 يۈەن باھا بېكىتىلگەن) «ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى» ناملىق ئېسىل كىتابلار ھازىرمۇ بىر قىسىم كىتابخانىلاردا بۇيۇن قىسىپ تۇرۇپتۇ. 1991-يىللىرى نەشىر قىلىنغان «خەمىسە» مۇ خېلى ئۇزۇنغىچە غېرىپ بولغان، سېتىلىپ بولۇنمىغان ئىدى.
بۈگەۈنكى كۈندە بىر دۆلەت كادىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن بىر ئايلىق ئىش ھەققىگە ئاران سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇ كىتابلارنى خېلى ئادەملەر سېتىۋېلىشتىن يالتىيىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇ خەۋەرنى «خۇشخەۋەر» دەپ يوللىغىنىم ئانچە توغرا بولماپتۇ...

باھا سۆز

بۇ خۇشخەۋەرنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىمەيدۇ .  ۋاقتى: 2015-12-13 02:19 PM
ۋاقتى: 2012-5-24 16:56:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابلارنى مەنمۇ كىتابخانىدا تويماي ۋاراقلاپ چىقتىم. ئەمما باھاسىنى كۆرۈپ يىنىمنى سىيلاپ كەتتىم. ئەمما ئالدىمىزدا سېتىۋالىمەن، ئاللاھ خالىسا.

ۋاقتى: 2015-12-13 11:17:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشھۇر ئۇستازىمىز ،پەخرىمىز ناۋايى ھەزىرەتلىرىنى بىلمەي ،ئۇنى تونىماي،ئۇنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى بىلىمەن دېيىش بىمەنىلىك.،ناۋايىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك ئىشىمىز.بەزى ئىنكاسچىلىرىمىز كىتاپنىڭ قىممەتلىكىنى تىلغا ئاپتۇ.راس شۇنداق.بىراق ئۇنىڭ بىزگە بېرىدىغان بىر قاپىيە ،بىر سۆز ۋە بىر مىسرا ياردىمىنى كۆزدە تۇتقىنىمىزدا قىممەت ئەمەس.كىتاپ ئىشكاۋىمىزغا تىزىپ قويساقمۇ ئۇنىڭ بىزگە بېرىدىغان لەززىتى ،ھوزۇرى پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالدىدا پۇلىمىزنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.يانچۇق بىلەن قولنىڭ ئارىلىقى ئۇزۇن بولسىمۇ، بىراق قىسقارتىمىز دېسەك ئۇنىڭمۇ چارىسى باردۇر.ئىككىلەنمەي سېتىۋالايلى.

ۋاقتى: 2015-12-13 11:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تولىمۇ كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن بۇ خۇش خەۋەرنى... شۇنداقتىمۇ تېما ئىگىسىگە رەھمەت... مەن چوقۇم بۇ كىتابنى سېتىۋېلىشقا تىرىشىمەن...

ۋاقتى: 2015-12-13 12:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەرى يوللىغان ۋاقتى  2012-5-23 15:09
مەنغۇ 500 يىلدىن بېرى بارلىق ئەدىبلىرىمىز سۆيۈپ ۋە سۆيۈ ...

ئەپسۇسلانماڭ ئاكا، خۇشخەۋىرىڭىزنى كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن. بىزنىڭ ناھىيدىكى كىتابخانىنى باشقا جايغا  يۆتكەش جەريانىدا بىر مەزگىلگىچە كىتابخانىغا كىرەلمىگەن ئىدىم، ھازىر ناھىيە بازىرىدىن تېخىمۇ يىراققا ئاپىرىۋېتىپتۇ. ئارلىقتا ۋاقىت چىقىرىپ يېڭى كىتابخانىغا بارىمەن. بۇ ھەقىقەتەن كاتتا خۇشخەۋەر ئىكەن. بىراق ئابدۇرەشىد ئېيتقاندەك كىتاب ھەقىقەتەن شۇنداق قىممەت بولسا مەن ئاز-ئازدىن پۇل يىغىپ بولسىمۇ يىل يېڭى يىلنىڭ ئاخىرىغىچىلىك بۇ قىممەتلىك دىۋاننى سېتىۋالىمەن. پەقەت ئامال بولمىغاندا ھىچ بولمىسا ئىككىسىنى بولسىمۇ سېتىۋالارمەن، بۇ كىتابلار ئايرىم-ئايرىم سېتىلامدىغاندۇ؟  

ۋاقتى: 2015-12-13 12:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئانا يۇرت» نەشىردىن چىققان ئەينى يىللاردا سېتىۋېلىشقا قادىر بولالماي ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇغان ئىدىم، بىراق ساقلاپ قويۇش ئىستىكىدە بولۇپ يۈردۈم، ئاخىرى ئالدىنقى ئايدا ئۈچ قىسىم «ئانا يۇرت»نى 500يۈەنگە ئالدۇق. «مەمەت ئاۋاق» ،« تىنچ دون»نىمۇ قوشۇپ سېتىۋالغۇم بارئىدى، يانچۇق قۇرۇقدىلىپ قېلىپ قايتىپ كەلگەن. ياخشى كىتابلار تۈگەپلا كەتمىسە ھامان بىر كۈنى كىتاب ئىشكابىمىزدا ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئورۇن ئالىدىكەن.

ۋاقتى: 2015-12-13 12:57:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلشىر ھەزىرەتلىرى كېيىنكى ئەۋلادلىرىم ئوقۇپ پايدىلانسۇن، دەپ يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان كىتابلار بولغاندىكىن بۇ ، قەلەم ھەققىنى مەن ئالىتىم،دەيدىغان بالا-چاقىسىمۇ بولمىغاندىكىن  مۇشۇ نەشىرىياتلارمۇ بىكارغىغۇ بەرمىسۇن، سەل ئەرزانراق قىلىپ بەرسە نېمە بولىدۇ، دەيمەن. بۇنىڭلىق بىلەن قىممەتلىك مىراسلىرىمىزنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتمەيىتتى.
ئويلاپ باقسام ئۈچ نەرسىنىڭ نەرقىنى تالاشقىلى بولمايدىكەن، بىرى دوختۇرخانىدا دورا باھاسىنى، ئاشخانىدا ئاشنىڭ باھاسىنى، كىتابخانىدا كىتاب باھاسىنى ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش