چىدىماقچىمەن
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
قىينىقىڭغا چىدىماقچىمەن،
دەرتلىرىڭنىڭ دەسسەكلىرىدە.
مەغرۇرانە بىپەرۋالىقنىڭ ،
كاچاتلىنىپ تەستەكلىرىدە.
ئىچ-ئىچلىرىم تىتىلىدۇ ،يىرتىلىدۇ...
ھىجران قويغان دەستەكلىرىدە.
يېزىلىدۇ شۇندىمۇ ئىسمىڭ،
جان جېنىمنىڭ چەسۋەكلىرىدە.
پارتىلايمەن ئۆزۈملا گۇمران،
خۇنۇقتۇرغان ئەسمەكلىرىدە.
شاخلىنىمەن تىنماي بىئارام،
تەنھالىقنىڭ ئەۋمەكلىرىدە،
يۈرۈكۈمگە ئۇرۇلدى پالتا،
قان -قان... يارىڭ كەسمەكلىرىدە.
يىقىلىدۇ كۆكلەيدىغاندەك،
نىشانىنىڭ كەرمەكلىرىدە.
مېۋىلەيدۇ لىققىدە ئالما،
خىيالىنىڭ تەرمەكلىرىدە.
ناز قىلىدۇ بىر جۈپ باياۋان،
دىل رىشتىنىڭ ئەرمەكلىرىدە.
ئۆز گۆشىنى چىشلەيدۇ ئۈزۈپ،
دىشۋارىنىڭ ئەلۋەكلىرىدە.
مىڭ تاسقىلىپ نەشتەردىن يامان،
سېغىنىشنىڭ ئەلگەكلىرىدە.
ۋىسالسىزلىق بىر زالىم چايان،
ئاشىقلىقنىڭ تەلپەكلىرىدە،
ئاچ تۇيغۇلار تاپارمۇ رىزق .
مۇھاببەتتنىڭ چەلپەكلىرىدە.
2015-يىلى 6-مارت (ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-6 01:42
|