ئابدۇلھەمىد يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 11:16
ماۋۇ جېنى بار گەپ بولۇپتۇ ، تورنىڭ ئىشىكىدە ئولتۇرۇپ ...
توغرا دەيسىز، ھازىر مەن «بەك ياخشى يېزىپسىز ياكى قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي » دېگەندەك ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق يېزىپ قۇيۇلغان ئنكاسلارنى كۆرسەم ئاپتۇرنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ياكى ئىنكاسچىلارنى بىر نەرسە تەمە قىلىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدىغان بولۇپ قالدىم، بۇ خىل .ئىنكاسلار مۇنبەر قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە دېيىلسە يارىشىدۇ ئەمما بۇ خىل ئەھۋال داۋام قىلىۋەرسە بىنورماللىق ھېسابلىنىدۇ،
ئاپتۇر مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ جاپا تارتىپ يازغان تۆت بەش بەت ئەسەرگە ئۈچ تۆت قۇر سەمىمىي باھا بەرمەسلىك ئەسەر ئاپتورىغا قىلىنغان پەرۋا قىلماسلىق ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزەم سۈيمەن دەپ جار سېلىۋاتقان ئەدەبىياتقا بولغان سۇسلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.