تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 225 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 181|ئىنكاس: 13

قوشكىزەكلەر ( پوۋىست) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:25:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



__ئوغرى ! ئوغرىنى تۇتۇڭلار ! ئوغرى !
پىيادىلەر كوچىسىدا ئۇيان –بۇيان ئۈتۈشۈپ تۇرىۋاتقان كىشىلەر ئارىسىدىن بىرى تۇيۇقسىز ۋارقىرىدى . بىر خەنزۇ قىزچاق ئەتراپتىكىلەرگە غەلىتە قاراپ :
__ۋاي ، مىنىڭ پورتمىنىم ،-دەپ نالە قىلىپ كەتتى . بۇ چاغدا داڭقېتىپ تۇرۇپ قېلىشقان كىشىلەر جىددىيلىشىپ دەرھال يانچۇقلىرىنى تۇتۇشتى. پورتمىنىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان ھېلىقى قىزمۇ شۇ تاپتا خۇددى بىر توپ ئوغرىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالغاندەك ، ئەتراپىدا تۇرغان ھەربىر ئادەمگە گۇمان بىلەن قارايتتى . نىمە قىلىشىنى بىلمەي گاڭگىراپ ، خۇددى ئوغرىنىڭ ئىچى ئاغرىپ پورتمىنىنى قايتۇرۇپ بىرىدىغاندەك ئەتراپىغا تەلمۈرەتتى .
- پورتمىنىڭىزدا قانچە پۇل بار ئىدى ؟ - دەپ سورىدى ئارىدىن بىر ياش ئۇيغۇر كىشى قىزغا ئىچى ئاغرىتىپ .
- ئىككى يۈز يۈەن ، يەنە بانكا كارتىسى ، سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتىسىدا ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تاپشۇرىدىغان بەش مىڭ يۈەن پۇل بار ئىدى ... ـ ئۇنىڭ ئۈنى بارغانسىرى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى ، ئۇ ھېلىلا يىغلىۋىتىدىغاندەك ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى . ئەتراپتىكى بەزىلەر  قىزغا ئىچى ئاغرىتىپ ئوغرىنى نىمىنىدۇر تىللاپ قىزغا تەسەللىي بىرەتتى .ئۇ بولسا نىمە قىلارىنى بىلمەي قاققان قۇزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالغانىدى .
ئادىلە پىيادىلەر كوچىسىدىن ئۈتۈپ ، مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئارقىسىدىكى ھاجەتخانىغا كىرىۋالدى . بەك تېز يۈگۈرگەنلىكتىن ھاسىراپ ، يۈرىكى سېلىپ ، پۈتۈن ئەزايى –بەدىنى چىلىق –چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەنىدى . ئۇ ھاجەتخانىغا كىرىپلا تامغا يۈلىنىپ بىردەم تۇرىۋالدى ، ئاندىن بايا كوچىدا ھېلىقى خەنزۇ قىزنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلىۋالغان پورتماننى تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتى . ئىچىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى كۈرۈپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ ، ۋۇجۇدى يايراپ كەتتى . ئالمان –تالمان پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇلنى ئېلىۋىلىپ ، ھەممە يەرلىرىنى ئېچىپ تەكشۈرۈپ باققاندىن كىيىن ، ئۆزىگە لازىملىق باشقا نەرسىلەرنىڭ يوقلىقىنى ھىس قىلىپ ، ئىچىدىكى نەرسىلەر بىلەن قۇشۇپلا ھاجەتخانىغا تاشلىۋەتتى .
ئۇ ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئۇدۇل يەنە پىيادىلەر كوچىسىغا يىتىپ كەلدى . بۈگۈن بازار بەكمۇ ئاۋات بۇلۇپ ، كىشىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى .ئادىلە كۆڭلىدە يەنە بىرنەچچە ‹‹سودا ››نىڭ ئۇڭۇشلۇق پۈتۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلاپ ، مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلگىنىچە ، ئەتراپتىكىلەرنى كۆزەتكىلى تۇردى . توساتتىن ئۇنىڭ كۆزى كوچىدا كىتىپ بارغان بىر ئوتتۇراياشلىق كىشىگە چۈشكەندە بولسا ، ئۈمىد نۇرلىرى پارقىراپ كەتتى .ئادىلە قەدەملىرىنى تېز –تېز ئېلىپ ئۇ كىشنىڭ يېنىغا ئەمدىلا كىلىشىگە كوچا ئاپتۇبۇسى كىلىپ قالدى . ئۇ كىشى كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ كەتتى، ئادىلەمۇ قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۇ كىشنىڭ ئارقىسىدىن ئاپتۇبۇسقا چىقتى . ئاپتۇبۇستا ئادەملەر شۇنداق نۇرغۇن ئىدىكى ، ھەتتا پۇت قويغۇدەك يەرمۇ تېپىلمايتتى . بايىقى كىشى ئىككى قۇلىدا سومكا –چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ ، باشقىلارغا سۇقۇلۇپ كىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئولتۇرغۇدەك ئۇرۇن ئىزلەپ ئاۋارە ئىدى . لىكىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇرۇن بوشىتىپ بەرگۈدەك ھېچكىم چىقمىدى. شۇ چاغدا ئادىلەمۇ بۇ قىستا –قىستاڭ كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۇپ ،ئۇ كىشىنىڭ مەيدە يانچۇقىدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى . ئۇ كىشىنىڭ ئىككىلا قۇلىدا نەرسە بارلىقىنى كۆرۈپ ئادىلە قەدىمىنى ئاران –ئاران يۆتكەپ ئۇنىڭ قېشىغا كىلىۋالدى . شۇتاپتا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە دادىسىنىڭ ئەتىگەن دىگەن : ‹‹ ئەگەر بۈگۈنمۇ ۋەزىپەڭنى ئۇرۇندىيالماي قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدىغان بولساڭ ، كۆرگۈلىكىڭنى كۆرسىتىمەن ! ›› دىگەن ۋارقىراشلىرى كەتمەيتتى . ئاپتۇبۇس تويۇقسىز قاتتىق تۇرمۇز قىلىنىپ ، بىر نەچچە كىشى يىقىلىپ چۈشتى . ئادىلە بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ئۇ ئادەمنىڭ يانچۇقىدىن پورتمانىنى سۇقۇۋالدى-دە ، ئۆزى ئادەملەر ئارىسىدىن قىستىلىپ ئۆتۈپ چىقىش ئىشىكىگە يېقىن بىر جايغا كىلىپ تۇرىۋالدى . ھېلىقى ئادەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن قىستىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئالدىدىكى يېڭىلا بوشىغان ئۇرۇندۇققا كىلىپ ئولتۇردى . ئادىلە ئۇنىڭ ئۆزىگە يېقىن كىلىۋالغانلىقىنى كۈرۈپ يۈرىكى دۈپۈلدەپ بېشىنى كۆتۈرەلمەي قالدى .
شۇ ئارىدا ئاپتۇبۇس توختاپ بىر نەچچە ساقچىلار چىقىپ يۇلۇچىلارنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بىر –بىرلەپ تەكشۈرگىلى تۇردى . ھېلىقى ئادەم ساقچىلارنى كۈرۈپ ، قۇلىدىكى نەرسىلەرنى ئاستا يەرگە قويدى –دە ، ئادىلەگە قاراپ قويدى . ئادىلە دەرھال يەرگە قارىۋالدى . ھېلىقى ئادەم ئەتراپىغا قارىۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا ئاستا پىچىرلىدى :
-قىزىم ، سىز ئېلىۋالغان پورتماننىڭ ئىچىدە سالاھىيەت كىنىشكەم بار ئىدى ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى ماڭا بىرىپ ، پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز .
ئادىلە ئاڭلىمىغانغا سېلىپ ئۆزلىرى تەرەپكە يېقىنلاپ كىلىۋاتقان ساقچىلارغا قاراپ قويدى . ھېلىقى ئادەم بايىقى سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم سىلىق ئېيتتى . ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالغانىدى . شۇ چاغدا بىر ساقچى ھېلىقى ئادەمگە گەپ قىلدى :
-سىزنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىڭىز ؟
-ھە ، قىزىمنىڭ يانچۇقىدا ئىدى ، قىزىم سالاھىيەت كىنىشكىنى بەرگىنە ،- ئۇ ئادىلەگە مىھىر بىلەن تىكىلدى . ‹‹قىزىم ››دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلە خىجىل بولغىنىدىن ئۆزىنى قۇيىدىغان يەر تاپالماي قالدى ۋە تىترىگەن قوللىرى بىلەن پورتماننى ئېلىپ ھېلىقى ئادەمگە بەردى . ئۇنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ساقچى ئادىلەگە قارىۋىدى ، ئادىلە سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ تېخىمۇ ھۇدۇقۇپ كەتتى .
- قىزىمنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسى يۈتۈپ كىتىپ ، يېقىندا يېڭىدىن بىجىرگەن ئىدۇق ،تېخى چىقمىغان ئىدى ،- ھېلىقى ئادەم ئالدىراش –تىنەش چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . ساقچىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلماي ئۇلارنىڭ يېنىدىن كىتىپ قالدى .
ئادىلە ھېلىقى ئادەمگە قارىغىنىچە ئولتۇرۇپلا قالغانىدى ، ئۇنىڭ بىر نىمە دىگۈسى كىلەتتى ، لىكىن خىجىلچىلىقتا ئاغزىنى ئاچالمايتتى . نۇمۇستىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى .
-ئىسمىڭىز نىمە ؟-سورىدى ھېلىقى ئادەم .
-ئادىلە ،-ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى .
-قارىسام ئۆزىڭىز شۇنداق چىرايلىق قىز ئىكەنسىز ، نىمە ئۈچۈن مۇنداق ئىشنى قىلىسىز ؟
-...
ئادىلە ئۈندىمىدى .
-يوقسۇزچىلىقتىن مۇشۇنداق قىلىۋاتقان گەپمۇ ؟
-ياق ، مەجبۇرىيى قىلىۋاتقان گەپ .
-كىم ئۇ سىزنى مۇشۇنداق سەت ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ؟
-دادام ،- ئادىلە شۇنداق دىدى –دە ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ھېلىقى ئادەمگە تىكىلدى . ئۇنىڭ كۆزلىرى يۈرىكىدىكى ھەسرەت –نادامىتىنى ئىزھارلاپ تۇراتتى .
ئاپتۇبۇس بىر بىكەتكە كەلگەندە توختىدى ، ئادىلە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا باشقىلارنىڭ كۆزىگە كۈرۈنمەسلىك ئۈچۈن ، سىرتقا قاراپ ئىتتىك ماڭدى .تۇساتتىن بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ بايىقى ئادەمنى كۆردى . قۇلىدا يەنە سومكىلار ، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا قىستىلىپ ئادىلە تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى .
-سىز نەگە بارىسىز ؟
-ھېچنەگە .
- قىزىم ،خاپا بولماي مۇشۇ نەرسە –كىرەكلىرىمنى ئۆيۈمگە ئاپىرىشىپ بەرگەن بولسىڭىز ، ئۆيۈم ئالدىمىزدىكى بىنادا ئىدى . ئادىلە رەت قىلىشقا ئامالسىز ، ئۈندىمەي نەرسە –كىرەكلەرنى ئېلىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى . ھېلىقى ئادەم ئادىلەنىڭ تىخىچىلا خىجىل بۇلۇپ تىترەۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدى .ھەم تېزلا ئۇنى خىجالەتچىلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى :
- ئىسمىم ئابلەت ، ئۆزۈم ساقچى ، ئايالىم تۈگەپ كەتكەن ، بىر نەچچە يىل بولدى پىنسىيەگە چىقىپ يالغۇز ياشاۋاتىمەن .
‹‹ساقچى ›› دىگەن گەپنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈرىكى قارتتىدە سېلىپ كەتتى . ئۇ ئۈندىمەي ئۇ ئادەمنىڭ گېپىنى زەن سېلىپ ئاڭلىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى.
_ بايا دادامنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئاشۇنداق ئىشنى قىلىۋاتىمەن دىدىڭىز ، توۋا ، ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ، بۇ جاھان نىمە بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە...- ئۇ سۆزلەۋىتىپ تۇيۇقسىز توختىۋالدى . ئۇ ئادىلەنىڭ چىرايى باشقىچە بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالغانىدى . ‹‹ ئۆز قىزىنى شۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان دادىمۇ بارمىدۇ ››دىگەن گەپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىگە تەككەن ئىدى ، كۆزلىرىدە ياش ئوينايتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى ، ئۇ ئادەممۇ ئادىلەنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ باشقا گەپ قىلمىدى .
- قىزىم ، خاپا بولسىڭىزمۇ سىزگە بىر نەسىھەت قىلاي ، ياشلىق باھارىڭىزنى مۇنداق خاراپ قىلىۋەتمەڭ . گۈل دىگەن خۇدالىق يۇلىدا گۈزەل ، دادىڭىز سىزنى مۇنداقلا نابۇت قىلىۋەتمىسۇن ، ئۇنىڭغا ياخشى چۈشەندۈرۈڭ ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزۈڭ ...
ئادىلە تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ ، باشقا گەپ قىلىشنى خالىمىدى ، ئىككىسى پاراڭ بىلەن بۇلۇپ ئۇ ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغانلىقىنى سەزمەي قېلىشقانىدى . ئادىلە ئۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ يۈرىكى يىڭنە تىققاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ئىككىلىسى ئاتا ، لىكىن ئارىدىكى پەرق نىمىدىگەن زور- ھە ! بىرى قىزغا تەربىيە قىلىپ ياخشى يولدا مېڭىشقا ئۈندەۋاتىدۇ ، يەنە بىرى ئۆز قىزىنىڭ يۇلىغا ماڭدامدا بىر تىكەن ئۈندۈرۈپ ، قىزىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلىۋاتىدۇ ...مۇشۇلارنى ئويلىغاندا ئۇنىڭ دادىسىغا بولغان نەپرىتى قايناپ تاشتى . ئۇ ئادەم ئادىلەنىڭ قورۇنۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
-قىزىم ، قېنى ئۆيگە كىرىڭ ،-دېدى ئۇنىڭ قوللىرىدىكى نەرسە –كىرەكلەرنى ئالغاچ .
ئادىلە بىر پەس ئىككىلىنىشتىن كىيىن ئۇنىڭ كەينىدىن ئاستا ئەگىشىپ ، قورۇنۇش ، خىجىلچىلىق ئىچىدە ئۆيگە كىردى . ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئازادە ،ئېسىل سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئۆينى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدى . ئۇنىڭ مۇنداق ئېسىل ئۆيگە ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم كىرىشى ئىدى. ئۇنىڭ يۈرىكى تۇيۇقسىز باشقىچە سېلىشقا باشلىدى . ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆيگە سەپ –سېلىپ قارىدى ، ئۆزىنى خۇددى بىردەمنىڭ ئىچىدە قاپقاراڭغۇ بىر دۇنيادىن يۇپيۇرۇق دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشىقا باشلىدى . بۇ ئۇنىڭغا تامامەن ناتۇنۇش ئۆي بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلماقتا ئىدى .
تۇيۇقسىز ئادىلەنىڭ كۆزى تامغا چوڭايتىپ ئېسىپ قۇيۇلغان سۆرەتكە چۈشتى . سۆرەتتە بايىقى كىشى ، يېنىدا چىرايلىق بىر ئايال ، ئايالنىڭ قۇلىدا تۆت –بەش ياشلار چامىسىدىكى ئوماق بىر قىز تۇراتتى .
-سۈرەتتىكى مېنىڭ ئايالىم بىلەن قىزىم .
ئادىلە چۈچۈپ ئارقىسىغا قارىدى ، ئۇ ئادەممۇ سۈرەتكە تىكىلىپ قاراپ قالغانىدى .
_ سىزنىڭ قىزىڭىز ؟ -ئادىلەنىڭ قىزغا بەكمۇ مەستلىكى كەلگەنىدى ، مۇشۇنداق باياشات ئائىلىدە ، مىھرىبان دادىسىنڭ كۈيۈنىشىدە ياشاۋاتقان نىمىدىگەن بەختلىك قىزھە .
_ شۇنداق ، مېنىڭ بىرتاللا قىزىم ئىدى ، ئىسمى مۇنىرە ئىدى . لىكىن ...
ئادىلە ئۇ كىشىنىڭ گىپىنىڭ تىگىگە يىتەلمەي كۆزىگە تىكىلدى ، ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ مەڭدەپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ سۆزىنى داۋام ئەتتى :
- ئون بەش يىل بولدى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالدىم . ئۇنىڭ غېمى تا بۈگۈنگىچە يۈرىكىمنى ئازابلايدۇ ،- سۆزلەۋىتىپ ئۇنىڭ كۆزى لىققىدە ياشقا تولدى . ئادىلە ئۇنىڭ يۈرەك جاراھىتىنى قوزغاپ قويغانلىقىنى سىزىپ ئارتۇقچە سوئال سورىمىدى .
- سىز ،-دېدى ئۇ كىشى كۆزىنى بىر سۈرتىۋىتىپ ،- مەن سىزنى ئاپتۇبۇستا تۇنجى كۆرگەندە قانداق تۇيغۇغا كىلىپ قالغانلىقىمنى بىلەمسىز ؟ مەن خۇددى ئۆز قىزىمنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قالغان .
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئادىلە ئۈنچىقماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى . ئۇ كىشى ئادىلەنىڭ ئۈندىمىگەنلىكىنى كۈرۈپ :
_ ۋۇي قىزىم  ، سىزنى ئولتۇرۇشقىمۇ تەكلىپ قىلماپتىمەن ، قېنى بىر ئاز ئولتۇرۇپ ھاردۇقىڭىزنى چىقىرۋېلىڭ ...
_ بولدى ، رەھمەت تاغا ... مېنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىشلىرىم بار ئىدى .سىزدىن بەك خوش بولدۇم .   
_ مەيلى ئەمىسە قىزىم ، سىزنى تۇتىۋالماي ، - ئۇ كىشى شۇنداق دىگەچ يېنىدىن 100 يۈەنلىك پۇلدىن ئىككىنى چىقىرىپ ئادىلە تەڭلىۋىدى ، ئادىلەنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى .
- بۈگۈن ،-دېدى ئۇ ،- مەن سىزنىڭ قىزىڭىز سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم مىھرىبانلىقىڭىزغا مۇيەسسەر بولغانىدىم . بۇ پۇلنى بەرسىڭىز مەن شۇ مىھىردىن مەھرۇم بۇلۇپ قالماسمەنمۇ؟
ئادىلەنىڭ سۆزلىرى ئۇ كىشىنى تەسىرلەندۈرۋەتتى ، ئۇ پۇلنى ئۆز يانچۇقىغا سېلىپ قويدى . ئادىلە بېشىنى كۆتۈرمەي ، بۇرۇلۇپ ئىشىكتىن چىقىپ ماڭاي دەپ تۇرىشىغا ، ئۇكىشى ئۇنىڭغا :
_ قىزىم ، ئۆينى بىلىۋالغاندىن كىيىن قانداق قىيىنچلىق تارتسىڭىز مىنى ئىزدەپ كىلىڭ ،- دېدى .
ئادىلە بېشىنى يىنىك لىڭىشتتى .
_ ئەمىسە ئامان بۇلۇڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ !
_ رەھمەت ، ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق ،- ئۇ ئەلەم بىلەن شۇنداق دىدى –دە ، كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى ئەتكىنىچە خوشلىشىپ بۇرۇلۇپلا يۈگۈردى . ئۇ كىشى ئۇنىڭ كەينىدىن توۋلىدى ، لىكىن ئۇ كەينىگە قاراپمۇ قويمىدى . ئۇ كىشى شۇنداق بىر پاك قىزنىڭ جىنايەت پاتقىقىغا پېتىپ قالغانلىقىغا قاراپ ئىچىدە قاتتىق ئازابلانماقتا ئىدى .

ئۇيان ئۆرۈلۈپ ،بۇيان ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىغان نەرگىزە ئاخىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . كىيىم -كىچەكلىرىنى چالا -بۇلا كىيىپ سىرتقا چىقتى.
كۈن تەڭ بۇلاي دەپ قالغانىدى ،ئاسماندا سانسىزلىغان يۇلتۇزلار يېقىملىق جىمىرلىشىپ تۇراتتى . مەيىن شامال نەرگىزەنىڭ يۈزىنى يۇمشاققىنە سىيپاپ ئۆتەتتى .
نەرگىزەنىڭ كۆڭلىنى ئاللىقانداقتۇر خۇشاللىق ھېسلىرى چىرمىۋالدى . كەنت ئىچى گويا دېڭىز ئاستىغا چۈكۈپ كەتكەندەك شۇنداق جىمجىت ، شۇنداق سۈرلۈك ئىدى . بۇ سۈرلۈك جىمجىتلىقنى پەقەت كەنتنىڭ ئوتتۇرسىدىن شىرىلداپ ئېقىپ ئۆتكەن ئېقىننىڭ ساداسى ، سەگەك ئىتلارنىڭ ئارلاپ -ئارلاپ ھاۋشىغان ئاۋازلىرى بۇزۇپ تۇراتتى . ھەممە ئۆيلەردە چىراغلار ئۆچكەن ،ھەممە شېرىن ئۇيقۇغا غەرق بولغان .پەقەت نەرگىزەلا بۇ خىل جىمجىتلىقتىن مۇستەسنا ئىدى . شۇ تاپتا ئۇ بۇ خىل قاراڭغۇلىقتىن بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتقان كىشدەك ئەتراپقا توختىماي نەزەر سالاتتى . شاماللارنىڭ دىماققا ئۇرۇلىشىدىن شىرىن ئەللەيلىنەتتى .
نەرگىزەدە شائىرلارنىڭ نەپىس غەزەللىرىدەك شۇنداق بىر شېئىرىي گۈزەللىك بار ئىدىكى ، ئۇ گويا سەھەر ئاسمىنىدىن ئاستا -ئاستا يۈتۈۋاتقان كەچكى شەپەقنى يۇرۇتماقچى بولغان كۈچلۈك نۇر دەستىسىگە ئوخشايتتى .
قار لەيلىسىدەك، ئاپئاق بۇلۇتتەك يۇمشاق ،كەڭ ئېتەكلىك ،نىپىز يىپەك كۆينىكى ئۇنىڭ مەرمەردەك سۈزۈك ، تولغان پۇتلىرىنى شاماللارنىڭ ئۇرىشى بىلەن سۆيۈپ ئەركىلەتمەكتە ئىدى .
قوڭۇر رەڭلىك ،دېڭىز دولقۇنلىرىدەك كۆپكەن بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىنى ياپقان ، قىياقتەك ئىنچكە قاشلىرى ئاستىدىكى قاپقارا ئوتلۇق كۆزلىرىدە ، جىنەستىدەك قىزىل لەۋلىرىدە ، تاڭ شەپىقىدەك مەڭزىدە چەكسىز ئوماقلىق ، مەڭگۈلۈك بەخت ، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە تەبەسسۇملۇق كۈلكە ئەكس ئىتىپ تۇراتتى .
__ شۈكرى خۇدايىم ، كىشىنىڭ ئارزۇ -ئارمىنىغا يەتمىكى دېڭىز ئاستىدىن ئۈنچە -مەرۋايىت سۈزۈۋالماقتىنمۇ تەس دەيدىكەن ،__ دېدى نەرگىزە ئۆز -ئۆزىگە ،__ جاپالىق تىرىشىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىدە ئۆزۈم ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىندىم . ئارزۇ دىگەن خەتەرلىك چوققا بولسىمۇ ،سەۋرى قىلغان ، تىرىشقان ، قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بەرگەن ئادەم چۇقۇم چىقالايدىكەن . ئالىي مەكتەپكە بارغاندىن كىيىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىمەن . ئۆزەمنىڭ كەلگۈسى بەختىم ئۈچۈن بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بوشقا ئۆتكۈزمەيمەن . دادامنىڭ، مەرھۇم ئانامنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى چۇقۇم ئاقلايمەن ...
شۇ دەقىقىدە نەرگىزەنىڭ دادىسى نۇرلان ئاكىمۇ ئويغاق ئىدى . ئۇ ئارزۇلۇق ، يالغۇز قىزىنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىغا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسىمۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن كۆڭلى يېرىم ئىدى . نۇرلان ئاكا مۇشۇ كەنىتتە خېلى داڭقى بار ئۇستا سەيپۇڭ ئىدى . بەزىدە شەھەرلەردىنمۇ خېرىدارلار چىقىپ نۇرلان ئاكىغا كىيىم تىككۈزەتتى . ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن قايتا تۇرمۇشلۇق بولغان . لىكىن نەرگىزە ئون ياشقا كىرگەندە ئىككىنچى ئايالىمۇ كىسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنىدى . شۇندىن كىيىن نۇرلان ئاكىنى شور پىشانە دەپ باشقا ئاياللار ياتلىق بۇلۇشنى رەت قىلغانىدى . نەرگىزەگە ھەم دادا ھەم ئانا بۇلۇپ مۇشۇنچىلىك قىلغىچە ئۆزىنىڭ قانچىلىك جاپالارنى چەككىنى بىر ئۆزى بىلىدۇ ...
نەرگىزە ئەتە يولغا چىقىدۇ ، بۇ كەنتتىن ئايرىلىپ ئۆزىگە تامامەن ناتۇنۇش بولغان شەھەردە ياشايدۇ . نۇرلان ئاكا ئۆزىنىڭ يەنە يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇزاققىچە جىمىپ كەتتى . ئۇنىڭ شالاڭ ساقىلى تىترەپ ، كۆزلىرىدە پەرىشان ئۇچقۇنلار پىلدىرلىدى .
نۇرلان ئاكا كېچىچە كىرپىك قاقماي تاڭنى ئاتقۇزدى . ئۇ قىزى نەرگىزە بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئېغىر كۈنلەرنى ئەسلىگەنسىرى كۆزلىرى نەملىنەتتى . نەرگىزە نەقەدەر ئوماق قىز بولغان ھە ؟ ئۇ گويا قىر -دالىلاردا ئەركىن باھار شامىلى بىلەن يەلپۈنۈپ تۇرغان چىغىرتماق گۈلدەك نەپىس ۋە نازاكەتلىك ئىدى . قاپ -قارا كۆزلىرى بۇلاقتەك ئويناپ ،ئىككى مەڭزىدىن تاڭ شەپىقىدەك قىزىل نۇر يېغىپ تۇراتتى . ئۇششاق ئۆرۈلگەن بوستان چاچلىرى مەجنۇنتالدەك كىچىككىنە يەلكىسىنى ياپاتتى .
نۇرلان ئاكىنىڭ يۈرىكى ئاشۇ قىزى بىلەن شاد - خۇراملىققا تولاتتى . بىر كۈنلۈك ئىشىنى تۈگىتىپ ئېغىر قەدەملىرىنى بېسىپ ئۆيگە كەلگىنىدە ، نەرگىزەنىڭ <<دا دا >> دىگەن بۇلبۇلنىڭكىدەك ئوماق ئاۋازىنى ئاڭلىسا بىر كۈنلۈك ھارغىنلىقى ۋۇجۇدىدىن تۇماندەك تارقىلىپ كىتەتتى . نۇرلان ئاكا ئۆزىنى بۇ دۇنيادا پەقەت نەرگىزە ۋە ئۇنىڭ بەختى ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى .
__ سەن ئانىسىز چوڭ بولدۇڭ ، قىزىم __ دېدى نۇرلان ئاكا ئەتىگەنلىك چايدىن كىيىن نەرگىزەنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ . ئۇنىڭ چىرايىدىن مۇڭ ، مەيۈسلۈك ، قىزىغا چىدالماسلىق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇراتتى .
__ ئەمدى مەندىن ، يۇرتتىن ئايرىلىپ ناتۇنۇش جايغا مېڭىۋاتىسەن . مېنىڭ ئۈمىدىمنى ئاقلاپ ،ئالىي ،مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىنىڭدىن بەك خوش بولدۇم قىزىم ، ،سەندىن ئۆمۈرۋايەت رازىمەن ، مەيلى قەيەردە بولما ، مېنى ئۇنتۇپ قالمىغىن .ھەرۋاقىت ئۆزەڭنى چىڭ تۇت ، دوستلىرىڭغا ئالدىراپ ئىشەنمە . قىيىنچىلىق تارتىپ ،قىسىلىپ قالساڭ ماڭا تېلفۇن قىلغىن ...
___ ماقۇل دادا ...ماقۇل ! چۇقۇم سىزنىڭ دىگىنىڭىزدەك ياخشى ئوقۇيمەن . سۆزلىرىڭىزنى ھەرۋاقىت ئىسىمدە چىڭ تۇتىمەن .
نەرگىزە يىغلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى زورىغا بېسىپ تۇرسىمۇ ،ياشلىرى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ ئۆزىنى دادىسىنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپ ، بۇغۇلۇپ - بۇغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى . يۈرەكلەر ئايرىلىشقا چىداشلىق بىرەلمەيۋاتاتتى ، ئۆي ئىچىنى بارغانسىرى سۈر بېسىپ كىتىپ باراتتى .
نەرگىزە كىتىپ قالدى ، ئۆزىنىڭ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ، كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن قۇتلۇق سەپەرگە ئاتلاندى .
نۇرلان ئاكا نەرگىزەنى ئۇزىتىپ قۇيۇپ ، دۇكانغا چىقمىدى ، ئۆيدىمۇ ئولتۇرمىدى . ئۇدۇل قەبرىستانلىققا باردى . ئۇ ياشلىق كۆزلىرىنى قەبرىلەرگە تىككەندە ،ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى. بىر ھازا ئۆتكەندىن كىيىن ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ ، يېنىغا سۆگەت شېغى سانجىپ قويغان ، شاخقا ئاق رەڭلىك لاتا چىگىلگەن قەبرىنىڭ يېنىغا كەلدى . بۇ نەرگىزەنىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسى ئىدى . ئۇ قەبرىنىڭ يېنىغا چۈكۈپ ، ئىچىدە پىچىرلاپ ئايەت ئوقۇدى . ئۇزاق دۇئا قىلغاندىن كىيىن ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ،ئاسمانغا قارىدى :
__ ئەي خۇدا ، قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن ، مۈشكۈلىنى ئاسان قىلغايسەن ...
ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ياش تامچىسى قېتىپ قالغانىدى . ئۇ بىردىنلا قەبرىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى .
__ جېنىم پاتەمخان ، ياتقان يېرىڭلا جەننەتتە بولسۇن ! شۇ تاپتا ھەممىنى كۈرۈپ تۇرىۋاتامدىغانسىلە ؟ مانا قىزىمىز ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇلۇغ سەپەرگە ئاتلاندى . ئەگەر سىلە ھايات بولغان بولساڭلا قانچىلىك خۇشال بولغان بۇلاتتىڭلار ! مېنى كەچۈرۈڭلار ، مەندەك ئازغۇننى كەچۈرۈڭلار ، مەن گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان چوڭ جىنايەتچىمەن . روھىمنى ئىس -تۈتەك قاپلىغان گۇناھكار بەندەدۇرمەن . يەنە بىر قىزىمىزمۇ بولغان بولسا قانچىلىك بەخىتلىك بۇلار ئىدىم ، شۇ بىچارە قىزىم نىمە كۈنلەرنى كۆرۈپ يۈرگەندۇ ؟ مەندەك گۇناھكار دادىسىدىن نەپرەتلىنەرمۇ ؟ ....ئاھ خۇدا ، قىزلىرىمغا ئاسايىشلىق ، ئۇلارنىڭ دىلىغا ھەرۋاقىت ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن ...
نەرگىزەنىڭ ئارمىنى رىئاللىققا ئايلاندى ، ئۇ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ نىمىس تىلى فاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدى . ئۇ ھەقىقەتەن ھاياجانغا چۆمگەنىدى . بىراق ، ئۇنىڭ خىيالىدىن ھامان يىراقتىكى دولان يۇرتى ، يالغۇز دادىسى كەتمەيتتى . ئۇ ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ماكانىدىن ئايرىلىپ بۇ قاينام -تاشقىنلىق پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى . پويىزدىن چۈشۈشى بىلەن شەھەر قۇرلۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىش ئۇنىڭ كۆزلىرىنى ئالا -چەكمەن قىلىۋەتتى . ئۇ ئۆز ھاياجېنىنى باسالماي قالدى ، چەكسىز خۇشاللىققا تولدى . ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تولا ئاڭلايدىغان ، تېلىۋىزوردىن كۈرۈپ ھەۋەسلىنىپ كېتىدىغان شەھەرگىمۇ يىتىپ كەلدى ...
نەرگىزە يىتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆزى ئوقۇيدىغان بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ قانلىرى قىزىۋاتاتتى ، يۈرىكى ھېلىلا ئاغزىغا تىقىلىپ قالىدىغاندەك گۈپۈلدەك سالماقتا ئىدى .ئاھ ، كىلىشنى كىچە - كۈندۈز ئارزۇ قىلىدىغان سۈيۈملۈك مەكتەپ ، مېنىڭ گۈزەل كەلگۈسىمنىڭ باشلانمىسى بولغان مىھرى ئىللىق ماكان ، مەن كەلدىم .
نەرگىزە ئۆزىنى شۇنچىلىك بېسىۋىلىپ قۇلىدىكى ئوقۇتقۇچىسى بەرگەن كىچىك خەرىتىگە قاراپ ، كۇتۇپخانا ئالدىدىكى تار يول بىلەن قىزلار ياتاق بىناسىغا قاراپ ماڭدى . كۆركەم سېلىنغان بىنالار ، كۆزىنى قاماشتۇرۇپ تۇرىدىغان چىرايلىق لۇزىنكىلار ، ئاسفالىتلانغان يوللار ، يوللارنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياپيېشىلچىلىق ۋە ئاجايىپ چىرايلىق گۈللۈك . تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى يانلىرى ، ئاستى سېمۇنتلانغان كىچىك كۆل ،يۆلەنچۈكلۈك ئۇرۇندۇقلار ...نەرگىزە ھەممە نەرسىگە تويماي قارايتتى . ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك ، ھېلىلا چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدىغاندەك سەزمەكتە ئىدى ...

يېڭىدىن بۇ رايۇنغا يۆتكىلىپ كەلگەن ساقچى باشلىقى ئادىل چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن كىيىن ، ئىشخانىغا ئەمدى كىرىپ تۇرىشغا ، سىرتتىن ۋارقىراشقان ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئادىل سىرتقا چىقىۋىدى ، بىر ئادەم ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى بىلەن ھەدەپ تاكاللىشىۋاتاتتى .ئادىل ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچىغا قاراپ توۋلىدى :
- ياقۇپچان ، نىمە ئىش بولدى ؟
-بۇ ئادەم بىرى پورتمانىمنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ كىرىپتۇ ...
ئۇ ئادەم ئۇدۇل ئادىلنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىككى قوللاپ كۈرۈشتى ھەمدە :
- يېرىم سائەت ئالدىدا كىنو كۈرۈپ كۈرۈپ ،قايتىپ چىقىشىمدا پورتمانىمنى ئوغۇرلىتىپ قويدۇم .
- قايسى كىنوخانىدا ؟
- مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى كىنوخانىدا ...
- نىمە كىنو كۆرگەن ؟
- ‹‹ قاپ يۈرەك ئوغرى ›› دىگەن كىنونى  ...
كىنونىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئادىل ئۇ ئادەمگە سىنچى كۆزلىرى بىلەن تىكىلدى .ياقۇپچان كۈلۈۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
-پورتماننىڭ ئىچىدە نىمىلەر بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئەستايىدىللىق بىلەن سورىدى .
- مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام ...قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى .
- ئېم ... مۇنداق دەڭ ،ـ ئادىل شۇنداق دەپ قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى ھەم ياقۇپجانغا قاراپ :
- ياقۇپجان ، سىز بۇ كىشىنىڭ پۇل يۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرلەپ قۇيۇڭ .
ياقۇپجان دەرھال دەپتەر –قەلەم ئېلىپ خاتىرلەشكە باشلىدى ، ئادىل ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ئەمدى تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكەي دەپ تۇرىشى بىلەن ئىشىك يىنىك چىكىلدى .
- كىرىڭ .
ئىشىك ئېچىلىپ چىرايىدىن ياشلىقنىڭ جۇشقۇنلۇقى ئۇرغۇپ تۇرغان ، ئۆزى چىرايلىق ، گۈزەل بىر قىز كىرىپ كەلدى . بۇ ئادىلە ئىدى . ئادىل ئىختىيارسىز مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى ، ئادىلە ئەتراپىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن ، ئادىلنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى . ئۇ بۇ ساقچى باشلىقىنىڭ يېڭى كەلگەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغانىدى .
- قىزچاق ، نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى ؟ ــ ئادىل ئۇ قىزغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كىيىن سورىدى.
ـ مىنىڭ ئىسمىم ، قىزچاق ئەمەس ، ئادىلە ،- ئۇ شوخلۇق بىلەن شۇنداق دىگىنىچە ئادىلغا قاراپ مۇلايىمغىنە بىرنى جىلمايدى .
-راست، راست ، بۇنى مەن بىلىمەن ، بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
- مەن بىر نەرسىنى تاپشۇرۇپ بەرگىلى كەلگەنىدىم ...
- نىمە نەرسىنى ؟
- يولدا كىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلىپ كەتكىلى تاس قالدىم . ئېڭىشىپ قارىسام پۇتلاشقىنىم باشقا بىر نەرسە ئەمەس ماۋۇ پورتمان ئىكەن ...ـ ئادىلە شۇنداق دەپ يېنىدىن بىر پورتماننى ئېلىپ ئادىلنىڭ ئۈستەل ئۈستىگە قويدى ، ــ ئىچىنى ئېچىپ قارىسام خېلى جىق پۇل بار ئىكەن ، مەن شۇ يەردە كىمنىڭ دەپ ۋارقىرىسام چۇقۇم ئىگىسى جىق چىقىپ كىتىشى مۇمكىن ئىدى ، شۇڭا ئۇدۇللا مۇشۇ يەرگە ئەكەلدىم .
باياتىن بېرى ئامانلىق قوغدىغۇچى ساقچى ياقۇپجاننىڭ يېزىۋاتقان نەرسىسىگە قاراپ تۇرىۋاتقان كىشى پورتماننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ تېزلا ئادىلەنىڭ قېشىغا كىلىپ پورتماننى ئېلىش ئۈچۈن قۇلىنى سۇنىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل چاققانلىق بىلەن پورتماننى قۇلىغا ئېلىۋالدى . ھەمدە ئۇ كىشىدىن سورىدى :
- بۇ پورتماننى مېنىڭ دىيىشىكە نىمە ئاساسىڭىز بار ؟
-باشلىق بۇ پورتمان راستنلا مېنىڭ ، ئىشەنمىسىڭىز ئىچىنى ئېچىپ قاراپ بېقىڭ . ئىچىدە مىڭ يۈەن نەق پۇل ، يەنە سالاھىيەت كىنىشكەم ، بانكا كارتام قاتارلىقلار بار . ئىسمىم ئابدۇل ، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىمغا قارىسىڭىز بۇلىدۇ .
ئادىل ئادىلەگە لەپپىدە بىرنى قاراپ قويغاندىن كىيىن پورتماننى ئېچىپ ئىچىدىكى پۇلنى ساناشقا باشلىدى، دەرۋەقە پورتماننىڭ ئىچىدىكى پۇل ئۇ كىشىنىڭ دىگىنى بىلەن ئوخشاش، سالاھىيەت كىنىشكىسىدىكى ئىسىممۇ ئابدۇل ئىدى . ئادىل پورتماننىڭ ھەقىقەتەن شۇ كىشىنىڭ ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن ،پورتماننى ئۇ كىشىگە بەردى .
- بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىڭ ، بۈگۈن تەلىيىڭىز بار ئىكەن . ئەگەر پورتمان باشقا كىشىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسا قايتۇرۇپ كىلىش تەس ئىدى . تەلىيىڭىزگە بۇ ئۆزىمۇ ، قەلبىمۇ گۈزەل قىزغا ئۇچرىغىنى ياخشى بوپتۇ .
ئۇ كىشى پورتمالىنىڭ تېپىلغىنىدىن خۇشال بۇلۇپ ، ئۆزىنى قۇيىدىغان جاي تاپالماي ئادىلغا ئارقا -ئارقىدىن رەھمەت ئېيتىپ كىتىۋىدى ، ئادىل رەھمەت ئېيتىشقا تىگىشلىك كىشىنىڭ ئادىلە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قويدى .
- رەھمەت سىزگە ، شۇ تاپتا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن ، سىزگە كۆپتىن -كۆپ رەھمەت . خۇدايىم ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئاسان ، خىزمىتىڭىزنى ئۇتۇقلۇق ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي ،_ ئۇ كىشى شۇنداق دەپ ئادىلەگەمىننەتدارلىق بىلدۈرگەچ ، پورتماننىڭ ئىچىدىن يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقاردى -دە ، ئادىلەگە سۇندى .
- بۇ .. بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ،- دېدى ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلمەي ، شۇتاپتا ئۇنىڭ ئۇ كىشى ئۇزاتقان پۇلنى ئالغۇسى كىلىۋاتاتتى . لىكىن ئۆزىنى تۇتىۋالدى ،ھەم ئۇ كىشىگە قاراپ ئىللىق تەبەسسۇم قىلدى .
- رەھمەت سىزگە . جەمئىيەت قانچە تېز تەرەققى قىلغانسىرى ، كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە مۇرەككەپ بۇلىدۇ . لىكىن مەن ئىشىنىمەن ، ئەگەر پورتمانىڭىزنى باشقا كىشى تېپىۋالغان بولسىمۇ سىزگە قايتۇرۇپ بىرەتتى ، جەمئىيتىمىزدە يەنە نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل كىشىلەر بار . _ ئادىلە سۆزلەپ بۇلۇپ بۇنداق گەپلەرنىڭ قانداق ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ھەيران قالدى ، دەرۋەقە ساقچى باشلىقى ئادىلمۇ ئادىلەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ھەم ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى ، ئادىلە ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ گۈزەل كۈرۈنۈپ كەتتى .
-ئەمىسە مەن كەتتىم ،_ دېدى ئادىلە ئادىلغا قاراپ قۇيۇپ .
- رەھمەت سىزگە ، بۈگۈن ناھايىتى ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلدىڭىز ، سىزدەك ئالىيجاناپ قىزلار قانچە جىق بولغان بولسا شۇنچە ياخشى بۇلاتتى . ئەگەر خالىسىڭىز تېلفۇن نۇمۇرىڭىزنى يېزىۋالسام بۇلامدۇ ؟ كىيىن ساقچىخانىدىن سىزنى ئىزدەپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ،_ ئادىل قەستەن سوراۋاتتى ، ئۇ كۆڭلىدە بۇ گۈزەل ، ئالىيجاناپ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىۋاتاتتى .
- رەھمەت ، مەن ئادەتتە تېلفۇن ئىشلەتمەيمەن . نىمىشقا دىسىڭىز تېلفۇنىڭىز بولمىسا سىزنى ئاۋارە قىلىپ تۇرىدىغان ئىشلاردىن بىردەملىك بولسىمۇ قۇتۇلۇپ ،ئەركىن ياشايسىز ئەمەسمۇ ؟!
ئادىلەنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان بۇ گىپى ئادىلغا بەك ئېسىل ئاڭلىنىپ كىتىپ باراتتى ، كۆڭلىدە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇشقا تېخىمۇ قىزىقىپ كىتىپ بېرىۋاتاتتى .
-خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ نۇمۇرىنى ماڭا يېزىپ بەرسىڭىز بۇلىدۇ . مەن سىز ياردەم قىلىدىغان ئىش چىققاندا چۇقۇم سىزنى ئىزدەپ تېلفۇن قىلىمەن .
ئادىل بۇ گەپتىن بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ھەم ئالدىراپ بىر قەغەزگە ئۆزىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يوغان قىلىپ يېزىپ بەردى ھەم ئادىلەنىڭ قۇلىغا ئىككى قوللاپ ئۇزاتتى .
ئادىلە كۈلۈمسىرگىنىچە ھەممەيلەن بىلەن خوشلىشىپ يەڭگىل قەدەم تاشلاپ ساقچىخانىدىن چىقىپ كەتتى . ئادىل كۆزلىرىنى ئادىلەدىن ئۈزەلمەيۋاتاتتى ، ئادىلەنىڭ بۈگۈنكى سەمىمىيلىكى ھەم گۈزەللىكى ئادىلنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى . ئادىلەنى  قىياسەن ھالدا بىرەر داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، بىرەر ئېسىل ئۇرۇندا خىزمەت قىلىۋاتقان قىزمىكىن دەپ ئويلىدى ....
ئادىلە يول بۇيى كۈلۈپ مېڭىۋاتاتتى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى كۆڭلىدە نەپرەتلىنىپ كېلىۋاتقان دادىسىغا بۈگۈن قانداقتۇر ئامراقلىقى كىلىپ قالدى ، دادىسىنىڭ بۇ <<قالتىس >> ھىيلىسىدىن سۈيۈنۈپ كەتتى ، كۆز ئالدىدىن ئادىلنىڭ مۇلايىملىق چىقىپ تۇرىدىغان ، قاملاشقان چىرايى ، قۇلاق تۈۋىدىن بولسا ئادىلەنى ماختاۋاتقان سۆزلىرى كەتمەيتتى ...   
ئەسلىدە بۈگۈن ئادىلە كىنوخانا ئالدىدا كىتىۋىتىپ قىستا -قىستاڭ كىشىلەر توپى ئارىسىدىن ئۇ كىشىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ يانچۇقىدىن چىقىپ قالغان پورتماننى ناھايىتى ئاسانلا ئەپچىللىك بىلەن قولغا چۈشۈرگەن ئىدى .ئىچىنى ئېچىپ قارىغىنىدا بولسا كۆزلىرى بۈگۈنكى ئولجىنىڭ <<موللىقى >>دىن ئويناپ كەتكەنىدى . ئۆيگە قايتىپ دادىسىغا تاپشۇرغىنىدا دادىسى بۇ رايۇنغا يېڭىدىن بىر ساقچى باشلىقىنىڭ يۆتكىلىپ كەلگەنلىكىنى ، ئادىلەنى  پورتماننى تېپىۋالغان كىشىنى دوراپ ساقچى باشلىقىنى تىڭ -تىڭلاپ كىلىشكە ئەۋەتكەنىدى . لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ئادىلە بۇ ساقچى باشلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىدە ئەزەلدىن پەيدا بۇلۇپ باقمىغان بىر تۇيغۇنىڭ قەلبىدە خۇددى شامغا ئوخشاش پىلدىرلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدى ...

مانا ھەش -پەش دىگۈچە نەرگىزەنىڭ بۇ مەركىزى پايتەخت شەھەر بېيجىڭغا كەلگىنىگە بىر ئايدىن ئېشىپ قالدى .   
ئۈچ سائەت مىدىرلىماي ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەش نەرگىزەنى ھەددىدىن ئارتۇق چارچىتىۋەتكەنىدى . ئۇ ئازراق سەگىدەپ كىرىش ئۈچۈن سىنىپنىڭ ئىشىكىنى ئاستا يېپىپ قۇيۇپ سىرتقا چىقتى .
ئاھ ! كەچنىڭ ھاۋاسى نىمە دىگەن پەيزى ، جانغا ئارام ھە ! ئۇ بۇ ساپ ۋە ئىللىق ھاۋادىن ھۇزۇرلانغاچ ،مەكتەپ ئىچىدە يالغۇز ئايلىنىشقا باشلىدى . باشقا سىتۇدىنتلار تېخى كەچلىك مۇزاكىرىدىن قايتمىغان ، مەكتەپ ئىچى جىمجىت ، تىنچ ئىدى . بۇ كەچ مەكتەپ ئىچىمۇ ، يوللارمۇ ، مەكتەپ بېغىدىكى مەجنۇنتال ، قارىغاي ، گۈللەرمۇ ، ئېرىقتىكى سۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىمۇ ،ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ نەرگىزەگە باشقىچە ئىللىق ۋە يېقىملىق ، بۇ ئايدىڭ كىچە بەكمۇ گۈزەل  تۇيۇلدى .
    ئۇ بۇ گۈزەل مەنزىرلەردىن كۆڭلى شادلىنىپ چوڭقۇر خىياللار بىلەن چىراغ نۇرى ئاپئاق يۇرۇتۇپ تۇرغان تار باغچا يۇلىدا كىتىپ باراتتى . قاياقتىندۇر كەلگەن يېقىملىق كۈلكە ئاۋازى ئۇنى خىيالىدىن توختىتىپ ،ئەتراپىغا قاراشقا مەجبۇر قىلدى . ئەتراپتا دەرس تەييارلاپ يۈرگەنلەردىن باشقا كىشى كۈرۈنمەيتتى . ئارقىدىنلا بىر يىگىتنىڭ چەتئەل تىلىدا سۆزلەۋاتقان زىل ئاۋازى ئاڭلاندى . نەرگىزە تەئەججۈپ ئىلكىدە ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋىدى ، رەڭگارەڭ گۈللۈكلەر ۋە مەجنۇنتاللىق باغچىنىڭ ئوتتۇرسىغا قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقتا بىر يىگىت چىراغ يۇرۇقىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . نەرگىزە قىزىقىش ئىلكىدە قۇيۇق ئۆسكەن بىر تۈپ قارىغاينىڭ دالدىسىغا ئۈتۈپ ئۇ يىگىتكە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى . يىگىت كىتابقا قاراپ ئىنگىلىزچە بىر نىمىلەرنى ئوقۇدى ، ئۇ شۇنچىلىك يېقىملىق ۋە راۋان ئوقۇدىكى بىردەمدىلا بىر بەتنى ئوقۇپ بولدى . نەرگىزە بۇ يىگىتنى تۇنۇيتتى ، ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق سەلتەنىتى بىلەن كۆرگەنلا كىشىدە زوق قوزغايدىغان بەستلىك ، خۇش چىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، قارا قاش ، مەردانە قىياپەتلىك بۇ يىگىتنىڭ ئىسمى ئەخمەت بۇلۇپ ، ئىنگىلىزتىلى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيتتى . نەرگىزە ياتاقداشلىرىدىن دائىم ئۇنىڭ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچانلىقى ، ئۆزىنىڭ تۇلىمۇ كىلىشكەنلىكىنى تۇلا ئاڭلىغان ئىدى . مانا بۈگۈن ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى . نەرگىزە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىنىڭ دەرۋەقە راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپ ، ئۇنىڭغا قايىللىق ھىسلىرى بىلەن ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قاراپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى . ئۇ جىددىيلىشىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، شۇ پەيتتە ئەخمەتمۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرۈپ ، قارىغاي دەرىخىنىڭ ئارقىسىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان نەرگىزەنى كۈرۈپ قالدى . ئوتلۇق كۆزلەر بىر -بىرى ئۇچراشتى . نەرگىزە دەرھال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىتتىك قەدەملەر بىلەن مېڭىشقا باشلىدى .
__ نەرگىزە !
ئەخمەتنىڭ ئۆزىنى چاقىرغانلىقىنى ئاڭلاپ نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى . << ئۇ مېنىڭ ئىسمىمنى قانداق بىلدىكىنە ؟ ۋاي ئاللاھ ...قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ توختايمۇ ياكى ئاڭلىمىغانغا سىېلىپ كىتىپ قالايمۇ ؟ ...>> نەرگىزە شۇلارنى ئويلاپ يەنىلا توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى .
ئەخمەت نەرگىزەگە يېقىنلاپ كىلىۋاتاتتى ، نەرگىزەنىڭ يۈرەك سېلىشى بىردىنلا تېزلىشىپ جىددىيلىشىپ كىتىپ باراتتى .
__ نەرگىزە ! ..._ دېدى ئەخمەت ئۇنىڭغا سالام بەرگەچ ،__ سىزنى بۇ مەكتەپتە ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى زادىلا ئويلىماپتىكەنمەن . ئالدىنقى كۈنى مەكتەپ ئاشخانىسدا سىزنى كۈرۈپ ئۆز كۈزۈمگە ئىشەنمەيلا قالغانىدىم . مېنى تۇنۇيالىدىڭىزمۇ ؟
نەرگىزە ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ، ئەخمەتنى  تۇنۇشىغۇ تۇنۇيتتى ، ساۋاقداشلىرىدىن گىپىنى ، تىرىشچانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى مۇلايىم ، ئېسىل بالا ئىكەنلىكىنى تولا ئاڭلىغان  . لىكىن ئۇنىڭ گىپىدىن قارىغاندا ئەخمەت ئۇنى خېلى بۇرۇنلا تۇنۇيدىغاندەك قىلاتتى ، نەرگىزە ئۇيقۇدىن يېڭىلا ئويغانغان ئادەمدەك سەگەكلەشتى . لىكىن ئۇ ئەخمەتنى  نەدە ، قانداق ھالەتتە كۆرگەنلىكىنى پەقەتلا ئېسىگە ئالالمىدى . شۇنىڭ بىلەن خىجىلچىلىق ھىس قىلىپ بېشىنى ئەگدى .
__ بىر يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا قاتناشقانمىدىڭىز ؟ __ دېدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ ئۆزىنى تۇنۇيالمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كىيىن .
نەرگىزەنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تۇلۇق ئوتتۇرىنىڭ 2-يىلىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرى كەلدى ، نەرگىزە مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇپ ، بىر قېتىم ئاپتۇنۇم رايۇن بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىغا مەكتەپتىن ۋەكىل بۇلۇپ ئەۋەتىلگەنىدى . نەچچە كۈنلۈك ئېچىلغان جەرياندا ئەخمەت بىلەن تۇنۇشۇپ قالغانىدى . ئەخمەتمۇ مەكتىپىدىن ۋەكىل بۇلۇپ كەلگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەرگىزە بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۈلۈنگەنىدى . ھەر ئىككىلىسى بىر - بىرىگە ناھايىتى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇرغان ھەم كىتىش ئالدىدا بىر -بىرىنىڭ دوستلۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل سۆزلىرىنىمۇ يېزىشقانىدى .
- تېخىچە تۇنۇيالمىغان ئوخشىمامسىز ؟
نەرگىزە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەسلىگە قايتىپ  ئەخمەتنى تۇنۇيالمىغانلىقىدىن خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى ھەم :
_ ئەمدى ئىسىمگە كەلدى ، قەتئىي خاپا بولماڭ، ئارىدىن ئىككى يىلدەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى ئەمەسمۇ ، راستنلا تۇنۇماي قاپتىمەن ... ئۇنىڭ گەپلىرى قولاشماي قالغانىدى ، بۇ ھالدىن ئەخمەت كۈلۈپ كەتتى .
_ ھا..ھا.. ھېچقىسى يوق، تۇنۇغان بولسىڭىزلا بولدى ، يەنە تۇنىمىغان بولسىڭىز تېخى ئۆزەمنى قايتىدىن تۇنۇشتۇراي دەپ تۇرغان ...
ئىككىسى شۇ ھالدا خېلى ئۇزۇن پاراڭلىشىپ تۇردى ، بىر -بىرىنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىشىۋالغاندىن كىيىن كىيىن پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتى . شۇدەمدە ئەخمەتمۇ ، نەرگىزەمۇ خۇشال ئىدى ، بۇ تۇلۇنئايلىق كىچە ھەر ئىككىسگە تېخىمۇ گۈزەل بىلىنىمەكتە ، قەلبىنى خۇشاللىق ، ھاياجان ھىسلىرى چۇلغىۋالغانىدى ...   
چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاچ ، نەرگىزە سىرتقا  نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقتى . ئۇ يول بۇيىدا ناھايىتى قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپ بارغان قىز -يىگىتنى كۈرۈپ تۇيۇقسىزلا ئەخمەتنى ئويلاپ قالدى .لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۇنى ئويلاپ قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ بىر نەرسە دىيەلمەيتتى .  ھېلىقى كۈنى ئەخمەتنى ئۇچراتقاندىن بۇيان ئۇنى مەكتەپتە كۈرۈپ باقمىغانىدى ، << ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئاللىقانداقتۇر پەلسەپىسىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارىدۇ >> نەرگىزە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ مېڭىۋىتىپ تۇيۇقسىز بىرىگە يىنىك سۇقۇلۇپ كەتتى . ئۇ  كەچۈرۈم سورىماقچى بۇلۇپ  بېشىنى شۇنداق كۆتۈرۈپلا چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئالدىدا ئەخمەت مۇلايىم ھالدا ئىللىق كۈلگىنىچە نەرگىزەگە قاراپ تۇراتتى . بۇ ھالدىن نەرگىزە ھەم ھۇدۇقۇپ ھەم ھەيران قالدى  .
_ توۋا ، زامان ئاخىرى بۇلىۋاتامدۇ نىمە ؟
ئۇ بۇ گەپنىڭ ئېغىزىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ تۇيماي تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
_ راست ..راست ...زامان ئاخىرى بۇلىۋاتقان ئوخشايدۇ . كىمنى خىيال قىلسا شۇ كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلىدىكەن ئەمەسمۇ ؟ __ دېدى ئەخمەت كۈلگەچ نەرگىزەنىڭ گىپىنى تۇلۇقلاپ ،_ تېخى ھازىر سىزگە تېلفۇن قىلاي دەپ تۇرغانىدىم ..
بۇ گەپتىن نەرگىزەمۇ كۈلۈپ كەتتى .
_ بۈگۈن ئۆزىڭىز يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ تېخىچە خىجىل بۇلۇپ تۇرغىنى كۈرۈپ .
_ھەئە ، چۈشتىن كىيىن دەرس يوق ئىدى ، ئۆزۈمچە سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىققان ئىدىم ، ئۆزىڭىزمۇ يالغۇز بازارغا چىقىپسىزغۇ ؟
_ بۈگۈن ئۆيدىكىلەر پۇل سېلىپتىكەن . ئازراق ئالىدىغان نەرسىلىرىم بار ئىدى ، شۇڭا چىققان ئىدىم .
ئىككىسى بىر -بىرىگە ھەمراھ بولغاچ بىللە بازارغا چىقتى ، ئەخمەت نەرگىزەنى قورۇنۇپ قالمىسۇن دەپ يول بۇيى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرۈپ ماڭدى ، نەرگىزەمۇ بۇ ئۆگۈنۈشتە تىرىشچان ، ئۆزى كىلىشكەن ، شوخ يىگىتنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى .
ئۇلار ئۆزىگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندىن كىيىن بىللە مەكتەپكە  يېنىپ كەلدى .
_ نەرگىزە ، ھازىر كىرىپ ئوبدان ئارام ئېلىڭ ، كەچ بۇلىدىغانغا يەنە خېلى بار ئىكەن ،ئەگەر خالىسىڭىز كەچتە بىللە تاماق يەيلى ، بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت نەرگىزەنىڭ قۇشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرگەندك قىلىپ ..
_ بۇ .. مەيلى ئەمىسە . ئۇنداقتا كەچتە بىللە تاماق يەيلى .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ ئۇماق تۇرقىغا قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
- بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا سىزنى سائەت 6 دە 1- ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا ساقلايمەن .
ئۇلار خوشلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى .
نەرگىزە ئەمدى ياتاققا كىرىپ تۇرىشىغا ئۇنىڭ بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان قوشنا ياتاقتىكى ساۋاقدىشى  شەھىدە كىرىپ كەلدى .  ئىككىسى ئادەتتە بەك يېقىن بۇلۇپ قانداق گەپلىرى بولسا بىر-بىرىگە ئېيتىشىپ مەسلىھەت سورىشاتتى . بۇرۇن نەرگىزە ئەخمەتنى تۇنۇمايدىغان ۋاقىتتا شەھىدە ئۇنىڭ گەپلىرىنى بەكراق قىلاتتى . ئىككىسى بىر - بىرى بىلەن مەڭزىلىرىنى يېقىشىپ كۈرۈشتى .
_ سىنى ئىزدەپ ياتىقىڭغا بۇنىڭ بىلەن تۆت قېتىم كىردىم ، سەن كالۋا نەگە كەتتىڭ ، تېلفۇن قىلسام ئىتتىك ئىكەن ، قارسام توك قاچىلاپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىپسەن ..
شەھىدە كىرە -كىرمەيلا ئۇنى سوتلاپ كەتتى .
- شۇ بازارغا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ ھازىر كىرىشىم .. سەن كالۋا ، ئۆزۈڭ چۈشتىن كىيىن ئىشىم بار دىگەن ئەمەسمىدىڭ ؟
- شۇ.. ئەسلى  يېزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرستىتىدىكى بىر دوستۇم   بىزنىڭ مەكتەپكە چىقماقچى ئىدى ، ساقلىسام -ساقلىسام كەلمەي تېخى بايا بارالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئۇچۇر يېزىپتۇ . ئاچچىقىمدا يېرىلغۇدەك بولدۇم ... ھەراس . كەچتە بىزنىڭ سىنىپتىكى نۇربىيە بىلەن ئېرشات يۈرگىنىنىڭ بىر ئايلىقىنى تەبرىكلەپ سىنىپتىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلارنى مېھمان قىلىدىغان بۇلۇپتۇ . تاماقنى شۇ يەردىن يەيدىكەنمىز ، بىللە چىقىمىز جۇمۇ !!
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەرگىزە نىمە قىلارىنى بىلمەي  قىزىرىپ كەتتى  .
- ئاداش ... مەن ..مەن ..._  ئۇ كەچتە ئەخمەت بىلەن تاماق يەيدىغان ئىشنى ئۇنىڭغا قانداق دىيىشنى بىلمەي قالغانىدى .
- ۋاي . سەن نىمۇ ؟ تولا تىلىڭنى چىشلىمەي دىمەمسەن تېز ؟
- مەن كەچتە بىرسى بىلەن تاماق يەيدىغان بۇلۇپ دىيىىشىپ قويغان ئىدىم .
- ئوھوي ... _  ئەزەلدىن ناھايىتى تارتىنچاق نەرگىزەنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان شەھىدە ھەيران قېلىپ ،__ مۇنداق دە ! سەندەك قار مەلىكە بىلەن تاماق يىيىشكە جۈرئەت قىلالىغان قايسى ئاق ئاتلىق شاھزادىكەن ئۇ ؟
بۇ گەپتىن نەرگىزە تېخىمۇ قىزىرىپ كەتتى ،
_ ھېلىقى ئەخمەتنى بىلىسەنغۇ . سەن دائىم گىپىنى قىلىدىغان ، ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشۇپ قالغان ، شۇ مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى .
- ھەئە ؟ _ بۇ گەپتىن شەھىدە ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بىر گەپنى ئاڭلىغاندەك ھەيران بۇلۇپ چىرايى باشقىچە تۈس ئالدى ، نەرگىزە بۇلارغا دىققەت قىلمىغانىدى ، شەھىدە تېزلا يالغاندىن كۈلگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى .
__ ھۇي ، ھېلىقى چىرايلىق ئەخمەت سېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىمۇ ؟ مەن تېخى ئۇنى كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيدىغان تازا كىتاببۇرش بالا ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، سېنى تاماققا قانداق تەكلىپ قىلالىغاندۇ ؟ ئۇمۇ قىزلارغا گەپ قىلالايدىكەن ھە ؟ !!
شەھىدە نەرگىزە بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى ، ئۇنىڭ چىرايىنى قاپقارا  بۇلۇتلار قاپلىغان بۇلۇپ ، ھازىرلا يىغلىۋىتىدىغاندەك قىلاتتى .  نەرگىزە ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ئۇ ئۆزى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغان چىرايلىق ئەتلەس كۆينىكىنى ، چىمەن دوپپىسىنى كىيدى .
  ۋاقىت ناھايىتى تېزلا ئۆتۈپ 6 بۇلۇپ قالغانىدى ، نەرگىزە ناھايىتى جىددىيلەشكەن ھالدا ئەخمەت بىلەن دىيىشكەن جايغا قاراپ يول ئالدى ، ئۇ بارغىنىدا ئەخمەت ئاللىبۇرۇن كىلىپ بولغان ، نىمىنىىدۇر خىيال قىلغان ھالدا نەرگىزەنى ساقلاۋاتاتتى . ئۇلار بىللە مەكتەپنىڭ غەربى ئىشك تەرىپىگە يېڭىدىن ئاچقان خۇيزۇ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىدى ، تاماقتىن كىيىن  مەكتەپنىڭ گۈللۈك باغچىلىرىدا بىللە ئايلاندى ، ئەخمەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسى غايىلىرىنى ، بۇندىن كىيىنكى يەتمەكچى بولغان نىشانىنى سۆزلەپ نەرگىزەنى تېخىمۇ جەلپ قىلىۋالغانىدى ، نەرگىزە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كىتىپ بارغىنىدىن ئالەمچە شادلىققا چۈمۈپ ئۆزىنى شۇنچە ئەركىن ، خۇشال ھىس قىلماقتا ئىدى .

ئادىلە ناھايىتى ھارغىن ھالدا بازاردىن يېنىپ ئۆيگە كىتىپ باراتتى ، يولدا بىر نەچچە ياش بالىلار يىغىلىۋىلىپ قارت ئويناۋاتقان ئىدى ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن كىتىپ بارغىنىدا  تۇيۇقسىز بىرى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئىسىقىرتتى ، ئادىلە بۇنى كۈرۈپ ئاچچىقلانغان ھالدا  ئۇلارغا پىسەنتمۇ قىلماي ئۆز يۇلىغا كىتىۋەردى . لىكىن ئارىدىن بىرىنىڭ ناھايىتى قىلىقسىز گەپ قىلغانلىقى قۇلىقىغا كىرىپ قېلىپ  جايىدا توختاپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى  ، ئۇلار ئادىلەگە قاراپ كۈلۈشمەكتە ئىدى  ، ئادىلە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرىنى تۇنۇيتتى ، بۇ يىگىت ئادىلە بىلەن قوشنا بۇلۇپ ،ئۇمۇ بازار ئوينايدىغانلارنىڭ بىرى ئىدى . ئادىلە غەزەپ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ھومىيىپ قويدى ھەم قول ئىشارىسى بىلەن ئۇنى چاقىرتىپ :
  __ مەمەت ، بايا ماڭا ئىسقىرتقىنىڭ قايسىڭ ؟
_ ھېېچقايسىمىز ئىسقىرتىمىدۇق . كاللاڭ قىزىپ قالدىمۇ سېنىڭ ، بۈگۈن سوداڭ ياخشى ئەمەس ئوخشىمامدۇ ؟ ...__ دېدى مەمەت تېخىمۇ سەت ھىجىيىپ .
ئادىلە ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن غەزەپلىنىپ ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى ، ئۇنىڭغا گەپ قىلىپ ئاغزىنى ئۇپرىتىشنىڭ ئورنىغا كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالدى.  چاڭڭىدە قىلغان ئاۋاز بىلەن مەمەتنىڭ باشقا دوستلىرى تەڭلا پاراقلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى .
__ ساڭا دەپ قۇياي ، بۇندىن كىيىن ماڭا مۇنداق ماز قىلىق قىلىپ بەرمە ، ئاۋۇ ئۆيگە بېرىپ ئاچا -سىڭىللىرىڭغا ئىسقىرتىپ بەر ، بىلدىڭمۇ ؟
ئادىلە شۇلارنى دەپ شۇنداق بېشىنى كۆتۈرۈپ يان تەرىپىگە قارىۋىدى ، ساقچى باشلىقى ئادىل ئۇلار تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى.   ئادىلە بۇنىڭدىن تېخىمۇ خىجىلچىلىققا چۈمۈپ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . مەمەتنڭمۇ شۇ تاپتا ئادىلەنى كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالغۇسى بولسىمۇ ساقچىنى كۈرۈپ جايىدا مىدىر قىلماي جىم تۇرىۋالدى .  ئادىل ئادىلە تاكى يان تەرەپتىكى تار كوچىغا بۇرۇلۇپ كىرىپ كەتكۈچە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇردى . ئۇ كىرىپ كەتكەندىن كىيىن مەمەتكە قاراپ ئېيتتى :
__ بۇ قىزچاق بەك يامان ئوخشىمامدۇ ؟
__ ھەئە ، بىز كونا تۇنۇشلاردىن .
__ ئىسمىڭ نىمە ؟
__ مەمەت .
__ نىمە ئىش قىلىسەن ؟ __ ئادىل ئۇنىڭدىن جىددىي تەلەپپۇزدا خۇددى جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان قىياپەتتە سورىدى .
__ ھازىر ئىشلەيدىغان ئورۇن يوق ، خىزمەت ئىزدەپ يۈرۈيمەن.
__ شۇڭا ساڭا ئىش چىقماي يولدا كىتىپ بارغان قىزلارغا  چاقچاق قىلىپ يۈرۈيدىكەنسەن دە !
بۇ گەپتىن مەمەت قىزىرىپ خىجىل بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭ باشقا دوستلىرىمۇ بىزنى سوراق قىلىپ قالمىغىيدى دەپ تەشۋىشكە چۈشكەنىدى . لىكىن ئادىل ئۇلارغا قاراپمۇ قويماي بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن كوچا تەرەپكە قاراپ كىتىپ قالدى .
ئادىلە يول بۇيى ئادىلنى ئويلاپ ئۆيىگە قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قالدى ، ئۇنىڭ ئەس ئىسىيادى مەمەتنىڭ قالايمىقان گەپ قىلىپ ئادىلغا ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرۈيدىغان قىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قۇيۇشى ئىدى ، ئادىلنىڭ ئۆزىنىڭ ئەپتى -بەشرىسىنى بىلىپ قېلىشىدىن قورقىۋاتاتتى ، ئۇ ئۆيىگە كىرىپ غېرىبانە كۆلبىسگە كىردى -دە ، قانداقتۇر ئۇھ تارتىپ ئاھ ئۇرغىنىچە تامغا ئېسىپ قۇيۇلغان ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى . ئەينەكتە قىرقىم چاچلىق ، يۈزلىرى يۇمىلاق كەلگەن ، قاشلىرى ھىلال ئايغا ئوخشاش ، كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى ئوخچۇپ تۇرىدىغان ، زىلۋا ، ئىگىز بۇيلۇق بىر قىز نامايان بولدى ، بۇ ئادىلە ئىدى . ئۇ ئەينەككە قاراپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى ...ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئالدىدىكى مۇشۇ خۇنۇك ، بەزى يەرلىرى پۇچۇلغان ئەينەككە ئوخشايتتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ئويلاپ ئۆز - ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىپ كەتتى ، ئۇنىڭمۇ باشقا قىزلارغا ئوخشاش ھالال ياشاپ ، ھاياتىنى خۇشال -خۇرام ئۆتكۈزگۈسى كىلەتتى .ئۇ شۇلارنى ئويلاۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش ئىختىيارسىز سىرغىپ چۈشتى . ئادىلە چىراي دىسە چىرايى بار ، قاملاشقان ، لىۋەن ، كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىز ئەمەسمىدى ،لىكىن بۇ جەمئىيەت ، ئۇنىڭ دادىسى بۇ غۇنچىنى ئېچىلدۈرمايلا غازاڭ قىلماقچى بۇلىۋاتىدۇ ، ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ گۈزەللىكىمۇ ئۆزىگە تالىق ئەمەس ...
ئادىلەنىڭ خىيالىدىن ئادىل تېخىچە كەتمەيۋاتاتتى ، ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى خىيالىدىن چىقىرالماي ، ئاخىرى دىقىتىنى بۇراش ئۈچۈن ئۆي يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە توختاپ قالدى . ئۇ دادىسىنى كۈرۈپ قالغانىدى . دادىسى ئۇنىڭغا غەزەپلىك قاراپ تۇراتتى .
_ بۈگۈن بازارغا چىقمىدىڭما ؟ __ دادىسىنىڭ غەزەپلىك ئاۋازى جىمجىتلىقنى بۇزدى .
_ چىقتىم ، تېخى بايىلا يېنىپ كىرگەن . بۈگۈن بازاردا ئادەملەر ئازكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەگىلا قارىسىڭىز ساقچى ...
بۈگۈن ئادىلەگە دادىسى باشقىچە قورقۇنچلۇق كۈرۈنۈپ كەتتى ، ئۇ دادىسىنىڭ ئۆزىنى تىللاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى . تۇيۇقسىز دەرۋازىنى بىرسىنىڭ ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئادىلە تېزلا سىرتقا چىقىپ توۋلىدى .
__ كىمۇ ؟
_ ئادىلەمۇ سەن قىزىم ، مەن ..مەن ...ئەركىن تاغاڭ .
ئادىلە بۇ ئاۋازنى بىر ئاڭلاپلا تۇنىۋالدى ، بۇ ئاۋاز ئۇنىڭغا بەكمۇ تۇنۇش بۇلۇپ ، كىچىكىدىن  مۇشۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ چوڭ بولغانىدى .
ئەركىن دادىسىنىڭ كونا ئاغىينىسى بۇلۇپ ،ئادىلە ئېسىنى بىلگەندىن تارتىپ ئىچكىردە شۇ ئادەمنىڭ باشقۇرىشى بىلەن ئوغۇرلۇق قىلدى ، بەزىدە ۋەزىپىسىنى تولۇق ئۇرۇندىيالمىغانلىرىدا بولسا ئۇنىڭ تاياقلىرى ، تىللاشلىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى . شۇنداق قىلىپ ئىچكىردە ئوغۇرلۇق قىلىپ 16 ياشقا كىرگەندە ئاخىرى دادىسى ئۇنى شىنجاڭغا قايتۇرۇپ ئەكەلگەنىدى . ئادىلە كىيىن دادىسىنىڭ ئۇنى ئەركىن لوبەنگە ھەريىلىقىنى 10 مىڭ يۈەندىن سېتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ، شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ئەمدى خوشال بۇلۇپ تۇرىشىغا دادىسى ئۇنى يەنە كونا كەسىپنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى . ئادىلە ھېچ  چۈشەنمەيتتى ، باشقىلارنىڭ داد ا- ئانىسى ئۆز قىزلىرىنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇش تۈگۈل ،ئۇلارنى قەدىرلەپ ، ياخشى ئوقۇتۇپ جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربييلەش ئۈچۈن تىرىشىدۇ . لىكىن ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇنى مەجبۇرلاپ  جىنايەت پاتقىقىغا سۆرەپ ئەكىرىدۇ ...
  ئەركىن لوبەننى كۆرگەن ئادىلەنىڭ دادىسى پايپىتەك بۇلۇپ، قىلىدىغانغا قىلىق تاپالماي پۇتى كۆيگەن تۇخۇدەك تىپىرلاپ ھېلى ئادىلەنى تاماق ئىتىشكە بۇيرىسا ھېلى ئۇنى سىرتتىن ھاراق ئەكىلىشكە بۇيرۇيتتى .  ئادىلە  ئەركىن لوبەننى پەقەت ياقتۇرمايتتى ، ئۇنى ھەربىر كۆرگىنىدە ئىچكىرىدە كۆرگەن ئېچىنىشلىق كۈنلىرى ئېسىگە كىلىۋىلىپ ، ئۇنى چايناپ -چايناپ پۈركۈۋەتكۈسى كىلىپ كىتەتتى  . دادىسىنى ئوبدان بىلەتتى ، ئۇ پەقەت ئەركىن لوبەننىڭ ھەر قېتىم كەلگىنىدە كۆڭلۈم دەپ ئەكىلىدىغان نەچچە مىڭ يۈەن پۇلىنى كۆزلەپلا ئۇنىڭغا شۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى ...
  ئادىلە ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئەتكەچ ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قۇلاق سېلىپ تۇردى .
_ گىپىمگە كىر ئاداش ، بالىنى ئۇ ئىشقا سېلىۋەرمە ...ئۇنىڭغا قارىغىنە .. قارىساڭ گۈلدەك گۈزەل چىرايلىق قىز بوپتۇ . سەن ئۇنى مەڭگۈ مۇشۇنداق يۈرىۋەرسۇن دەمسەن؟
   _ ياق ،ئاداش ... مېنىڭمۇ ئۇنى مەڭگۈ بۇ ئىشقا سېلىىۋەرگۈم يوق .. بەزىدە ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كىتىدۇ . مەن ئۇنى مۇشۇ كۈنگە قۇيۇپ ،تىللاپ -ئۇرساممۇ دادا دەپ مېنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ ..
ئادىلە دادىسىنىڭ بۇ گەپلىرىدىن تەسىرلىنىپ ئۇنىڭغا بولغان مىھرى نەپرىتىدىن ئېشىپ كىتىۋاتاتتى .
_ ئاداش ، بۇ دىگىنىڭ بەك توغرا بولدى ، ساڭا دەپ قۇياي ، ئۇ ھازىر 18 ياشقا كىرىپ قالدى ، ئۇنىڭ خۇشپۇراق گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان ۋاقتى ، مەن پەقەت سېنىڭ ئاغىينەڭ بولغاندىكىن ساڭا ياخشى بولسۇن دەيمەن .. ئەگەر ئادىلەنى ماڭا ياتلىق قىلساڭ ئۇنى ھەرگىز جاپادا قويمايمەن .  سېنىڭ تۇرمۇشۇڭمۇ بۇنىڭدىن ياخشى بۇلىدۇ . ھازىر كۈرىۋاتىسەنغۇ .. نۇرغۇن قىزلار باشقا ئوغۇللارنىڭ كەينىدىن قېچىپ ئاتا -ئانىسىنى داغدا قۇيىۋاتىدۇ . سەن دىققەت قىلمايدىغانلا بولساڭ ئۇمۇ بىر كۈنلەردە سېنى تاشلاپ قېچىپ كىتىدۇ ...
ئادىلە ئەركىن لوبەننىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئايلىنىپ چۈشەيلا دەۋاتاتتى ، دادىسىدىن چوڭ ئادەمنىڭ تەپتارتماستىن ئۆزىگە قانات سۆرەپ  خىجىل بولماي مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىدىن غەزەپلەنمەكتە ئىدى .
_ بۇ دىگىنىڭلىمۇ توغرا ئاداش ... مەن ئويلىنىپ باقاي .. مەن دىسەم ئادىلە ھەرگىز گىپىمنى يىرمايدۇ .شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ رايىنى ئېلىشىمىز كىرەك ، مەن ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ باقاي ..
دادىسى بولغان ئادەمنىڭ قاراپ تۇرۇپ مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئادىلە ھازىرلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغۇدەك بۇلۇپ كەتتى ، بايىقى ئۇنىڭغا بولغان مىھرى بىردەمدىلا غايىپ بولغان يۈرىكى مۇز بۇلۇپ قاتتى ، ئىچىدە دادىسىنى قارغىماقتا ئىدى ...

ئەتىسى كەچتە ئادىلە ئۆيگە بالدۇر قايتىپ كىلىپ بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتكەنىدى . بىر چاغدا ئۆيدىكى تاراق -تۇرۇق قىلغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى . دادىسى مەست ھالدا قايتىپ كەلگەنىدى . ئۇ دادىسىنىڭ مەست ھالىتىدىن بەك قورقۇيتتى ، شۇڭا ئۇ تېزلا ئويغىنىپ دادىسىنڭ ئالدىدا بېشىنى ئىگىپ تۇردى .
__ قېنى ئەتكەن تامىقىڭ ؟__ ۋارقىرىدى دادىسى .
_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدىم .   
_ نىمىشقا ؟
_ ئۆيدە سەيلەر قالماپتىكەن ...
_ ئۇنداقتا ماڭ يۈگۈر ، بازاردىن ئەكەل .
_ يېنىمدا پۇل يوق ... _ ئادىلە قورققىنىدىن تىترەپ كەتتى .
_ بۈگۈن تاپقان پۇلچۇ ؟
_ بۈگۈن سودا قىلالمىدىم .
_ يالغان ! ماڭا تولا يالغان ئېيتما !
_ راست دادا ، بۈگۈن بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ سودا قىلالمىدىم ..
_ ماڭا تولا يالغان سۆزلىمەي ، تاپقان پۇلنى  تېز چىقار !!! _ دادىسى بارغىنىچە ئادىلەنىڭ چېچىدىن تۇتۇپ سىلكىشلەشكە باشلىدى . .ئادىلە ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىراپ يىغلاپ كەتتى .
دادىسى توختىماي ۋارقىرايتتى .
_ يالغان سۆزلىمەي پۇلنى چىقار دەيمەن ...
__ راست دادا .. بۈگۈن راستىنلا ھېچنىمە جۆندىيەلمىدىم ...
_ۋۇ يارىماس پاسكىنا ! __ ئۇ ئادىلەنىڭ يۈزىگە قاتتىق بىر كاچات سالدى ، ئاندىن  كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۆيدىن  دەلدەڭشىگەن ھالدا چىقىپ كەتتى ، ئادىلە قاتتىق خورلۇق ،ئەلەم ھېس قىلىپ ھۆكىرەپ يىغلىماقتا ئىدى ...

تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن قۇربان ھېيتىمۇ يىتىپ كەلدى . مەكتەپتىكى بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىشىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەنىدى . يىغىلىش ناھايىتى شوخ كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلماقتا ئىدى . تانسا _ ئۇسۇل ئوينايدىغانلار ئۆچىرەتتە ، ناخشىغا ھېرىسمەنلەر ئۆزىنىڭ شوخ ناخشىلىرى ئارقىلىق بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كەيپىياتقا كۆتۈرمەكتە ئىدى . ئارىدىن رىياسەتچى ئەخمەتنى بىر ناخشا ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى . ئەخمەتنىڭ چالغان گىتتارلىرى بىلەن ئوقۇغان ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنىڭغا مەھلىيا بولماي قالمايتتى . ئۇندىن باشقا ئوت چاقناپ تۇرغان تۇرىدىغان يوغان كۆزلىرى .قۇشۇما قاشلىرى كىشىنىڭ دىقىتىنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى . سۇرۇندىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ھەۋەس بىلەن قارىشاتتى ، بىر نەچچە جۈپلەر مۇڭغا چۆككەن ھالدا تانسا ئوينىماقتا ئىدى . شۇتاپتا نەرگىزەمۇ ئەخمەتكە تېخىمۇ قايىل بۇلۇپ  ، ئۇنىڭغا مەپتۇنلارچە قاراپ قالغانىدى .
  __ دەرسكىلا يامانمىكىن دىسەك ، گىتتارنىمۇ پەيزى چېلىپ قۇيىدىكەن ھە ! __دېدى شەھىدە  يېنىدىكى قىزغا قاراپ .
  __ شۇ ئاداش .. ھەممە جەھەتتە تالانتى بار ئىكەن جۇمۇ .. بىلسەم - بىلمىسەم ئۇنىڭغا كۆزۈڭ چۈشتىغۇ دەيمەن  _ دېدى ھېلىقى قىز شەھىدەگە مەنىلىك بېقىپ ،__ بىراق تېز ھەركەتلەنمىسەڭ قۇرۇق قالىسەن .
_ قانداقسىگە ؟
__ بۇنى مەندىن ياخشى بىلىدىغانسەن . بەزىبىرلەر ئۇنى پايلاپ يۈرىۋاتىدىغۇ ، _ دېدى قىز  كۆزىنى قىسىپ نەرگىزەنى شەرەت قىلغان ھالدا .
نەرگىزە بۇلارنى بىلىپ تۇرغان بولسىمۇ ئاڭلىمىغانغا سېلىپ  تۇرىۋالدى .   
__ شۇنى دەيمەن . بەزىلەر  نىمىسىگە يوغانچىلىق قىلىدۇ دەيمەن .. قېنى قۇلىدىن كەلسە ئۇنى مەندىن تالىشىپ باقسۇن ! __ دېدى شەھىدە نەرگىزەنى ئاڭلىسۇن دەپ ئۈنلۈك ئاۋازدا .
شۇ ئارىدا بىرسى شەھىدەنى تانسىغا تەكلىپ قىلپ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئۈزۈپ قويدى . شەھىدە تانسا ئوينىغاچ ئەخمەتكە سەپسېلىپ قارىماقتا ئىدى .
  ئەخمەت ناخشىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى . نەرگىزە تېخىچە ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيۋاتاتتى ، بايا شەھىدەنىڭ دىگەنلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ياڭرىماقتا ، خۇددى ھازىرلا ئەخمەتتىن ئايرىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ كۆڭلى يېرىم بولماقتا ئىدى ... ئۇ بۇنىڭدىن ئەخمەتنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدى . توساتتىن ئەخمەت بىلەن ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى . نەرگىزە تېزلا يەرگە قارىۋالدى .
    تانسا ئاخىرلىشىپ ۋالىسى مۇزىكىسى قۇيۇلدى . ئەخمەت ئۇدۇل كىلىپلا نەرگىزەنى تانسىغا تارتتى ، بۇنى كۆرگەن شەھىدە نەرگىزەگە تېخىمۇ ھەسەت قىلىپ ئۇنىڭغا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويدى .  لىرىك ۋالىسى مۇزىكىسى ، ئۇتلۇق تىنىقلار .... كۆزلەر پات -پات ئۇچرىشىپ قالاتتى . نەرگىزەنى ئىللىق بىر سىزىم چىرماشقا باشلىدى ،  ياڭراتقۇدىن چىقىۋاتقان ناخشا خۇددى ئۆزىگە ،پەقەت  ئەخمەت  بىلەن ئىككىسىگىلا قارىتىلىپ ئېيتىلىۋاتقاندەك ھىس قىلماقتا ئىدى .
             ئولتۇرۇش كەچ سائەت9 لەر بىلەن ئاخىرلاشتى . نەرگىزە  ئۆزى يالغۇز خىيال ئاسمىنىدا لەيلەپ ، مۇڭلانغىنىچە كىتىپ باراتتى . ئۇ تۇيۇقسىز ئالدىدا كىتىۋاتقان ئىككى بالىنى كۈرۈپ ، يۈرىكى قاتتىق سۇقۇپ كەتتى . ئۇلارنىڭ بىرى ئەخمەت ئىدى . ئەخمەتنىڭ دوستى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان نەرگىزەنى كۈرۈپ قالدى .
_ ئاداش ، مەن تورخانىغا كىرمەكچى ئىدىم  ، كەچتە كۆرىشەيلى ،_ دېدى دوستى ئەخمەت  بىلەن خوشلاشقاچ ، كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان نەرگىزەنى شەرەتلەپ ...
ئەخمەت ئارقىسىغا قاراپ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن يالغۇز كىلىۋاتقان نەرگىزەنى كۈرۈپ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى . دوستى ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى ، نەرگىزە كۆڭلىدە مۇشۇنداق بۇلىشىنى كۈتكەن بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر تىترەپ كىتىۋاتاتتى .
_ يالغۇزلا مېڭىپسىزغۇ ؟ __ سورىدى ئەخمەت .
__ دوستلىرىمنىڭ بىر نەچچىسى بالدۇرلا كىتىپ قېلىشقان ، قالغانلىرى ئارقامدىن كىلىپ قالار ،_ نەرگىزە بۇ سۆزلەرنى ئارانلا دىيەلىدى .
_ ھە ، مۇنداق دەڭ . خالىسىڭىز مەن سىزنى ياتىقىڭىزنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قۇياي ...
_ سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ ؟ _ نەرگىزە شۇنداق دەپلا خىجىل بۇلۇپ يەرگە قارىۋالدى .
_ مەن ۋالىسىنى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايتتىم ، بايا نەچچە قېتىم پۇتىڭىزغا دەسىۋەتتىم ، كەچۈرۈڭ .
_ تۈزۈت قىلماڭ ، ئۆزۈممۇ ئانچە ياخشى ئوينىيالمەن .. _ دېدى ئەخمەت كۈلۈپ .
_ بايا ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتتىڭىز ، ھەممە جەھەتتە تالانتىڭىز بار ئىكەن  ، سىزنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم  ،_ نەرگىزە تۇيۇقسىز ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ سۆزدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى.
بۇ گەپتىن ئەخمەت بەكمۇ خۇشال بۇلۇپ كەتتى ، ئۇ نەرگىزەگە قارىۋىدى ، نەرگىزە خىجىل بۇلۇپ بېشىنى يەردىن كۆتۈرەلمەي قالغانىدى .
_ سىزمۇ بەك چىرايلىق ... ھېچبولمىغاندا كۆڭلىڭىزگە پۈككەن بىرەرسى باردۇر ؟ _ دېدى ئەخمەت گەپنى ئەگىتىپ .
بۇ گەپتىن نەرگىزە تېخىمۇ خىجىل بۇلۇپ كەتتى  .
_ نىمىلەرنى دەيدىغانسىز ، بۇنداق ئىشلارنى ئەمدىرەك ئويلاشساممۇ كىچىكمەيمىز .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ گىپىدىن ئالەمچە شادلىققا چۈمۈپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ،دىمەك نەرگىزەنىڭمۇ ئۆزىگە كۆڭلى بار ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى  .
ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە پارڭلىشىپ نەرگىزەنىڭ ياتاق ئالدىغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى .
_ ئەمىسە ياخشى ئارام ئېلىڭ ،_ دېدى ئەخمەت نەرگىزەدىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي .
_ سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ ،_ دېدى نەرگىزە ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ  .   
  ياتاق دېرىزىسىدىن پەسكە قاراپ تۇرغان شەھىدە ئەخمەتنىڭ نەرگىزەنى ئەكىلىپ قويغانلىقىنى كۈرۈپ ، ئىچىدە نەرگىزەنى ئەڭ سېسىق گەپلەر بىلەن تىللىماقتا ، ئەخمەتنى قارغىماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ كۆڭلىگە تۇيۇقسىز بىر خىيال يالت قىلىپ كەلدى -دە ، ئۆزىنىڭ خىيالىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ناھايىتى زەخەرخەنلىك بىلەن كۈلۈپ كەتتى ....

نۇرلان ئاكا كۈن بۇيى نەرگىزەنى خىيال قىلىش بىلەن ھەسرەت - نادامەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى . قىزىنى سېغىنىش ئازابى ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىۋەتكەنىدى . مانا شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نەرگىزەنىڭ كۈلۈپ چۈشكەن سۆرىتى ، ئۇ سۈرەتكە قارايدۇ . ئاھ ئۇرىدۇ ،  بۈگۈن نەرگىزە بىلەن نەفىسەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، ئۇ ئەتىگەن سەھەردىلا نەرگىزەگە تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ھەم ئەڭ پاك بولغان تىلەكلەرنى تىلىدى ، نەفىسەنى خىيال قىلىشى بىلەنلا  ئۆز - ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ  قىلغان -ئەتكەنلىرىگە پۇشايمان قىلىپ كەتتى . نەرگىزە ئۆزىنىڭ بىر قوشكىزەك ھەدىسى بارلىقىنى پەقەتلا بىلمەيتتى ، نۇرلان ئاكا بۇنى ئۇنىڭدىن يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى . نەفىسەدىن ئايرىلغانغا مانا بۈگۈن توپتۇغرا ئون ئالتە يىل بولدى ، لىكىن يۈرەككە چۈشكەن جاراھەت تېخىچە ساقىيىدىغاندەك ئەمەس ، ئازابلىق ئەسلىمىلەر ھېلىھەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى . ھەرقېتىم ئۇ دۇكاندىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئۆيىگە قايتقاندا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قوشكىزەك قىزلىرىنىڭ سىماسى كىلىدۇ . ئۇ ئازابتىن پۇچۇلىنىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالىدۇ . ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدا كىچىككىنە بىر ئۈمۈدمۇ بار ئىدى  ...يەنە بىر قىزىنى قانداقلا بولمىسۇن تېپىۋىلىشنى ، ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇشنى ئويلايتتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۈيۈملۈك قىزى نەفىسە قەيەرلەردە تەمتىرەپ يۈرۈيدىغاندۇ ؟  زادى نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ ؟ ...
  نۇرلان ئاكىنىڭ كۆزلىرى لىققىدە ياشقا تولدى ،

ئەتىگەندىن بېرى يېغىۋاتقان يامغۇر ھېچ توختايدىغاندەك قىلمايتتى . ئادىلە ھېچقانداق سودا قىلالمىدى ، ئۇ ئەپلىگۈدەك بىرەرسىنى ئۇچرىتالماي ،ئاللىقانداق بىر خىياللار بىلەن قىينىلاتتى . ناۋادا بۈگۈن ھېچقانداق سودا قىلالمىسا دادىسىدىن تاياق يەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . ئۇ ئېغىر قەدىمىنى سۆرەپ بازاردىن چىقتى -دە ، يۇلۇچىلار بىكىتىگە كىرىپ كەلدى . بىكەتتە بىر مۇنچە كىشىلەر يامغۇردىن پاناھلىنىۋاتاتتى .  قىستىلىشىپ تۇرغان بۇ ئادەملەرنى كۈرۈپ ئۇنىڭدا ئۈمۈد نۇرلىرى پەيدا بولدى ، ئۇ كىشىلەر توپىنىڭ ئارىسىغا قىستىلىپ كىرىپ سودا ئىزلەشكە باشلىدى . ئۇ ئانچە كۈچىمەيلا بىر ئوتتۇرا ياش كىشىنىڭ پورتمالىنى سۇغۇرۋالدى ھەم بىكەتنىڭ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ پورتماننى ئېچىپ قارىۋىدى، يۈز يۈەنلىك پۇلدىن نەچچىنى كۈرۈپ كۆزلىرى خۇشاللىقتىن ئويناپ كەتتى .
    بىر نەچچە سائەتلەردىن كىيىن يامغۇر سەل پەسەيدى ، لىكىن سوغۇق شامال ھەدەپ ئۈشقۇرتماقتا ئىدى ...  ئادىلە تۇيۇقسىز بىر ياشانغان ئايالنى كۈرۈپ قەدىمىنى توختاتتى . ئۇ ئايال ئېغىر بىر چامداننى تۇتقىنىچە بىكەت  ئالدىدا تۇراتتى . ئادىلە ئۇ ئايالغا ئىچ ئاغرىتىپ ئالدىغا كەلدى ۋە چامداننى قۇلىغا ئېلىپ :
__ ئانا ، ئەكەلسىلە ، مەن كۆتۈرەي ، سىلىنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قۇياي .. _ دېدى ئۇ ئايالغا ئىللىق كۈلۈمسىرەپ .
_ رەھمەت قىزىم ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قۇيارمەنمۇ ؟ _ دېدى ئايال ئادىلەنىڭ بۇ ياخشى كۆڭلىدىن سۈيۈنۈپ .
_ ھېچقىسى يوق ئانا .... _ ئادىلە چامداننى كۆتۈرۈپ ئۇ ئايالنى يۆلەشتۈردى. ئۇ ئايال ئادىلەنىڭ بۇ ياخشىلىقىغا خۇشال بۇلۇپ ئۇنىڭغا دۇئا قىلماقتا ئىدى . ئەمدىلا نەچچە قەدەم  ماڭغان  ئادىلە نىمە قىلارىنى بىلمەي خۇددى قېقىپ قويغان قۇزۇقتەك جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇيۇقسىز ساقچى باشلىقى ئادىل پەيدا بۇلۇپ قالغانىدى . ئادىلمۇ باشتا ئادىلەنى كۈرۈپ ھەيران قالدى ، ئارقىدىن  تېزلا ئادىلەگە سالام قىلىپ ، ئۇ ئايالغا قاراپ ئېيتتى .   
_ ئانا ، ساق -سالامەت كىلىۋالدىڭىزمۇ ؟ بۈگۈن ئىدارىدە جىددىي يىغىن ئېچىلىپ سەل كىچىكىپ قالدىم ...
ئادىلە بۇنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران بۇلۇپ بىر ئۇ ئايالغا ، بىر ئادىلغا قاراپ تۇرۇپ قالدى .
_ ھېچقىسى يوق بالام ، چامداننى كۆتۈرەلمەي تۇرسام بۇ قىزىم كىلىپ كۆتۈرۈشۈپ بەردى ... خۇدايىم ياخشىلىقىغا ياخشىلىق يانسۇن .
ئادىل ئانىسىغا كۈلۈپ قۇيۇپ ئادىلەنىڭ قۇلىدىن چامداننى ئالدى .
_ رەھمەت ئادىلە . سىز بىكەتكە نىمىشقا كەلگەندىڭىز ؟
ئانا ئوغلىنىڭ قىزنىڭ ئىسمىنى ئاتاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا قارىدى .
_ ھەئە ، بىر تۇققىنىمىزنىڭ بالىسى كەلمەكچى ئىدى ، شۇنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدىم ، لىكىن ئەتىگەندىن بېرسى ساقلىسام تېخىچە كەلمىدى . _ ئادىلە تېزلا يالغاندىن بىرنى تۇقۇدى . ئادىل ئۇنىڭغا كۈلۈپ قۇيۇپ ، ئانىسىغا ئادىلەنى كۆرسىتىپ :
_ ئانا ، بۇ  ئادىلە بۇلىدۇ . مەن ئىشلەۋاتقان بازاردا ئولتۇرىدۇ .   
_ ھە!_ ئانا ئادىلەگە مەستلىكى كىلىپ سۆزلىدى ،_ سەن ئىشلەۋاتقان بازاردىمۇ مۇندااق ئەدەپلىك ، چىرايلىق قىزلار بار ئىكەن ھە !
ئادىلە بۇ گەپنى ئاڭلاپ خىجىل بۇلۇپ قىزىرىپ كەتتى .   
_ قىزىم ، ئەگەر باشقا ئىشىڭىز بولمىسا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئولتۇرۇپ كىتىڭ ،_ دېدى ئانىسى ئادىلەگە قاراپ .
ئادىلە بۇنىڭدىن بەكمۇ سۈيۈنۈپ كەتتى ، گەرچە ئۇنىڭ ئادىلنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باققۇسى بولسىمۇ لىكىن :
_ رەھمەت ئانا ... مىنىڭ يەنە ئازراق ئىشىم بار ئىدى . مەن كىيىن چۇقۇم بارىمەن  ،_ دىدى .
_ بۇلىدۇ ئەمىسە قىزىم ..  خۇدايىم كىيىن يەنە كۈرۈشۈشكە نىسىپ قىلسۇن !
ئادىلە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى ، ئانا -بالا ئىككىسى يىراقلىشىپ كەتكەندىن كىيىن ،ئادىلە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ خۇددى ئېسىل بىر نەرسىنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بۇلۇپ كەتتى . ئادىلغا مەستلىكى كىلىپ ئويلا -ئويلا كۆزلىرى ياشقا تولدى .

جانغا ئارامبەخش ئىتىدىغان كۈز ئايلىرى ...بۇ ۋاقىتتا بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى تۇلىمۇ ياخشى بۇلۇپ  ساياھەت قىلىشقا تۇلىمۇ ماس كىلەتتى .
مەكتەپتە ئۈچ كۈنلۈك تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى .مۇسابىقىگە قاتناشمىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئۈچ كۈن ئارام ئېلىۋالاتتى.
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە بۇ كۈندىن پايدىلىنىپ يېقىن ئەتراپتىكى مەنزىرلىك جايغا ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلاشقانىدى .
ئۇلار ئەتىگەن سەھەردىلا يولغا چىقىشتى .  گۈزەل مەنزىرلەر ھەر ئىككەيلەننىڭ بۇ خۇشال كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، قانداقتۇر ھاياجانغا سالماقتا ئىدى .
ئۇلار تاغدىن- باغدىن پاراڭلىشىپ مېڭىپ كۆزلىگەن مەنزىلگە قانداق يىتىپ كەلگەنلىكىنى تۇيماي قېلىشتى .
يېشىل يۇپۇرماقلارغا كۆمۈلگەن دەرەخلەر ، ھۈپپىدە ئېچىلىپ كەتكەن خۇشپۇراق گۈللەر ... ئۇلارنىڭ زوقىنى قوزغاپ ، ھاياجانلىق كۆڭلىنى مەستخۇش قىلماقتا ئىدى . شارقىراتمىدىن  پەسكە ئېقىپ چۈشىۋاتقان سۇنىڭ شارقىرغان ئاۋازى گويا يېقىملىق ناخشىدەك تەسرات بىلەن ئەتراپقا چېچىلاتتى . سۈزۈك سۇ دولقۇنلىرى ، چىملار قاپلاپ كەتكەن قىرغاققا نازۇك ،ئاجىز ھەركىتى بىلەن ئۇرۇلاتتى . ئورمانلارنىڭ قۇيۇق يۇپۇرماقلىرى ئارىسىغا مۈكۈشىۋالغان كاككۇكلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشقى ۋىسالىنى چاقىرىشىپ يېقىملىق مەستخۇش بىلەن << كاككۇك ، كاككۇك ، كاككۇك >> دەپ تىنماي سايرىشاتتى .
    ئۇلار خۇشال ھالدا ئۆزلىرىنى شۇنچە ئەركىن ، بەختىيار سەزمەكتە ئىدى ، ئۇلار يول بۇيى خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ مېڭىشتى .
  - قاراڭ ، نەرگىزە ، ئۇلار نىمىدىگەن رومانتىك ھە ! _ دېدى ئەخمەت قۇلى بىلەن كۆل بۇيىنى  كۆرسىتىپ .
ئاپئاق جىنەستە گۈللىرى بىلەن پۈركەنگەن ، سۈيى  سۈزۈك كىچىك بىر كۆلنىڭ بۇيىدا ياشقىنا بىر جۈپ ئاشۇق -مەشۇق يالىڭاياق پۇتلىرىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇشقان ھالدا بىر -بىرى بىلەن شىرىن سۆھبەت قۇرۇشقانىدى .
نەرگىزە ئۇلارغا بىر قارىدىيۇ ، يەنە تېزلا يەرگە قارىۋالدى . ئۇ ئۇلارغا ھەۋەس قىلغانىدى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ ئەخمەتتىن خىجىل بولغان قىياپەتكە كىرىۋالدى .
- بىزمۇ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ بىردەم ئارام ئالمامدۇق ؟ _ دېدى ئەخمەت  .
نەرگىزە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمەيلا ئەخمەتكە ئەگىشىپ كۆل بۇيىغا كىلىپ ئولتۇردى .  ئەخمەتنىڭ  كاللىسىدا تۈمەنمىڭ خىيال ئەگىيتتى . ئۇ بۈگۈن قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە تەلەپ قۇيۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتماقچى بولغان .. لىكىن ھەربىر قېتىم ئۇنىڭغا قارىغىنىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالغانىدى .
ئەخمەت شۇ تاپتا كۆلگە قاراپ ھەم ئۇيۇلۇپ ھەم چىرايلىق كۈلۈمسىرگىنىچە قۇلىدىكى كاككۇك گۈلىنى ئويناپ ئولتۇرغان نەرگىزەگە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن مەھلىيا بۇلۇپ ،ۋىسالىنى ئۇقۇشقا تەلپۈنۈپ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەيمىنىش تىزگىنى بىلەن تارتىپ تۇرۇلغان جۈرئەت ئېتى مۇددىئا پەللىسىگە قاراپ چايچىيالماي قالغانىدى .
نەرگىزە تۇيۇقسىز بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك سومكىسىنى ئاختۇرۇپ ، ئەخمەتكە قارىدى .
_ ئۇساپمۇ قالغانسىز ، ئازراق ئىچىملىك ئىچىۋىلىڭ .
ئۇ  ئەخمەتكە بىر بۇتۇلكا مىنىرال سۇنى سۇندى . ئەخمەت قۇلىنى ئۇزىتىۋىتىپ نەرگىزەنىڭ سومكىسىدىن كۈرۈنۈپ قالغان
بىر كىتابنى كۈرۈپ قالدى .
- قايسى كىتابنى ئوقۇۋاتىسىز ؟ _ ئۇ قىزىقىش ئىلكىدە نەرگىزەدىن سورىدى .
- ناۋايىنىڭ <<لەيلى -مەجنۇن >> داستانىنى .
_ مەن كۈرۈپ باقسام بۇلامدۇ ؟ _ ئەخمەت كىتابنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى .
نەرگىزە كىتابنى ئېلىپ ئەخمەتكە شۇنداق سۇنىۋىدى ، خەت يېزىلغان بىر ۋاراق قەغەز يەرگە چۈشۈپ كەتتى . نەرگىزە ئەمدى قۇلىنى ئۇزىتىپ ئالاي دەپ تۇرىۋىدى ، ئەخمەت چاققان چىقىپ قەغەزنى ئاۋۋال ئېلىۋالدى . بۇ ئەسلىدە خېلى تۇنۇشلۇق بولغان بىر شائىرنىڭ  چۈش ھەققىدە يېزىلغان بىر لىرىكىسى ئىدى .



ئۇيقۇدا ئېرىشسەم نىگار ۋەسلىگە ،
جەملىنەر لەززىتى شۇئان ئۇيقۇمغا .
چۈشۈمدە نامايان بولغىن چىن سۆيگۈ ،
ئويغانسام قۇشۇلار ئاققان يېشىمغا .

ئال مېنى ئىلكىڭگە ئۇيقۇ ئىلاھى ،
پاتقۇزغىن كۆزۈمنى  گۇگۇم قوينىغا .
رازىمەن بۇ كىچە ئۆتسە شۇ يەڭلىغ ،
سۇ بەرسەڭ سۆيگۈدىن چاڭقاق دىلىمغا .

بەزىلەر ئۆزىچە ئۇيقۇنى دەيدۇ ،
ئۆلۈمگە باراۋەر سەگەك ياتمىسا .
ئۇيقۇدىن سۆيگۈمنى تاپساملا مەيلى _
مەن پاتاي ھازىرلا شېرىن ئۇيقۇغا .




ئەخمەت شېئىرنى ئوقۇپ بۇلۇپلا لەسسىدە بۇلۇپ قا لدى . << ھەي ، بىرەرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپتۇ - دە! كۆڭلۈمنى بالدۇرراق ئىزھار قىلسام بوپتىكەن ئەمەسمۇ ؟ >> دىگەن خىيال كۆڭلىدىن كەچتى . ئۆتكۈر ھەسەت خەنجىرى يۈرىكىگە ئۇرۇلماقتا ئىدى .
- پاھ ، نەرگىزە ، بىرسىگە كۆڭۈل بىرىۋىتىپسىز دە ! _ دېدى ئۇ ئۆزىنى تۇتۇپ ئالالماي .
_ قانداق ؟
_ شۇنداقلىقى مۇنۇ شېئىردىن چىقىپ تۇرۇپتىغۇ !
نەرگىزەنىڭ چىرايى ۋىللىدە قىزاردى .
- قەلب كۆزىڭىز بەك ئۆتكۈر ئىكەن سىزنىڭ .
_ نەرگىزە ،_ دېدى ئەخمەت بىرئاز ھۇدۇققان ھالدا ( ئۇ قانداقلا بولمىسۇن نەرگىزەگە كۆڭلى بار ئىكەنلىكىنى ئېيتماقچى بولغانىدى ) بىر گەپنى ئېيتسام بۇلارمۇ ؟
نەرگىزەنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى ، ئۇ گەرچە ئەخمەتنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاشنى ئۇزۇندىن بېرى زارىقىپ كۈتكەن بولسىمۇ ، لىكىن نىمىشقىدۇر يەنە قورقۇپ تۇراتتى . مانا بۈگۈنمۇ ھالقىلىق پەيتتە ۋۇجۇدىنى ئەنە شۇنداق روھىي تۇيغۇ قاپلىۋىلىشقا باشلىدى . نەرگىزە چىرايلىق كۆزلىرىنى ئەخمەتكە قىيا تىكتى . كۆز ئالدىدا سۆيگۈ ۋاپاسىنىڭ ھەقىقىيلىكىگە مەردانە سىماسى ، جاسارىتى بىلەن گۇۋاھلىق بىرىپ ، ئىشەنچ تىكلەپ تۇرغان ئەخمەت ئۆزىدىن جاۋاب كۈتۈپ تەلمۈرۈپ تۇراتتى .
- قانداق گەپ ئىدى ،_ نەرگىزەنىڭ نۇرلۇق چېھرىىسى ھۇدۇقۇشتىن سەل تاتاردى .
_ راست گەپ قىلسام نەرگىزە ، گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي قالدىم . لىكىن شۇنداقتىمۇ ئاڭلاپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . گەپلىرىم تاقا -تۇقۇ چىقىپ قالسا كەچۈرۈڭ ... مەن ..مەن نىمە دىسەم بۇلار .. مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم . بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن بولغان ، مەن ئەسلى بالدۇرلا سىزگە دىمەكچى ئىدىم ، لىكىن جۈرئەت قىلالمىدىم ، مەن ..مەن بەك دۆت ئىكەنمەن  ،سىز باشقا بىرسى بىلەن ئارلىشىۋاتمىغانسىز ھە ! _ ئەخمەت ھۇدۇقۇپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنجى قېتىم بىر قىزغا كۆڭۈل سۆزىنى ئىزھار قىلىۋاتقان بولغاچقا ، گەپلىرىمۇ قولاشماي قالغانىدى . لىكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۆز كۆڭلىدىكىنى نەرگىزەگە دەۋالغىنىغا ئۆزىنى ئەركىن ھىس قىلىۋاتاتتى .
نەرگىزەنىڭ قەلبىنى ھەرخىل تۇيغۇلار چىرمىۋالغان ئىدى ، ئۇ بىر ھازا ئۈنچىقماي ئولتۇرغاندىن كىيىن ، ئەخمەتكە بىر قاراپ قويدى -دە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئېيتتى .
- راست گەپ قىلسام مەن بىرسىنى ياخشى كۆرىمەن !
ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ ياپراقتەك تىترەپ كەتتى . مەيلى كىملا بولمىسۇن ئۆزى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن نەرگىزەنىڭ زادى كىمنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلىشكە ئالدىراپ كەتتى .
- ئېيتىڭا ، كىمنى ياخشى كۆرىسىز ؟ _ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭ دەردىنى ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم چۈشەنمەيتتى .
_ بىرسىنىڭ ئىشقىدا ، لىكىن ئۇ مېنى ياقتۇرامدۇ -يوق .. بۇنى بىلمەيمەن .
_ مەن ياردەم بىرەلەيمەنمۇ -يوق ؟ _ سورىدى ئەخمەت . ئۇنى دىلى قاتتىق يىغلىماقتا ئىدى .
- سىزلا ياردەم بەرگەن بولسىڭىز ھەممە ئىشلار كۈتكىنىمدەك بولغان بۇلاتتى ،_ نەرگىزە بىر ئاز جۈرئەتكە كىلىپ شۇنداق دىدى-دە شەھلا كۆزلىرىنى ئەخمەتكە تىكتى .
- سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا!
- راستمۇ ؟
- ئەلۋەتتە . سىز ياخشى كۆرىدىغان يىگىتنى ماڭا دەپ بىرەلەمسىز ؟ مەن ...مەن ...مەن ئۇنى چۇقۇم ماقۇل كەلتۈرىمەن .
- ئۇ ...
نەرگىزە گەپ قىلالماي قالدى ، تىلىنىڭ ئۇچىغا كىلىپ قالغان سۆزىنى يۈتىۋەتتى . ئۇ يەنىلا خىجىل بۇلىۋاتاتتى ھەم قاتتىق ئوڭايسىزلىنىۋاتاتتى .
- ئۇ ...ئۇ ..ئۇ ...دەل سىز !
_ نىمە ؟ مەن ؟
ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ قاتتىق ۋارقىرىۋەتتى . ئۆزىنىڭ ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدى ، قۇلاقلىرىغىمۇ ئىشەنمەيۋاتاتتى . يۈرىكى ۋىسال شادلىقىدىن دۈپۈلدەپ ئۇردى .
_ نەرگىزە ...رەھمەت سىزگە . سىزگە كۆپ رەھمەت .
ئۇ نەرگىزەگە قايتا -قايتىلاپ رەھمەت ئېيتىپ كەتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ئۆزىنى ياخشى كۈرىدىغانلىقىدىن چەكسىز سۈيۈنمەكتە ئىدى . ئۇنىڭچە بولغاندا ھازىرلا ئېتىلىپ بېرىپ نەرگىزەنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىگە قانغۇچە سۆيگۈسى كەلگەنىدى ، لىكىن ئۇ خىجىل بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى . ھەمدە نەرگىزەگە بىر قاتار ۋەدىلەرنى بىرىپ ئۇنى مەڭگۈ بەختلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
  ئۇلار بىر كۈنلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى . ئۇلارنىڭ كۆزلىرى پات -پات ئۇچرىشىپ قالاتتى . نەرگىزەنىڭمۇ ، ئەخمەتنىڭمۇ چېھرىدە يېقىملىق بىر تەبەسسۇم جىلۋىلەنمەكتە ، ئۇلارنىڭ قەلبى ئالەمچە شادلىققا چۆكمەكتە ئىدى . كۆل ئۈستىدە بىر جۈپ ئاققۇلار ئۈزۈپ يۈرمەكتە ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئەنە شۇ كۆل  بۇيىدىن باشلانغان ئىدى .

قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا ساداسى ، كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭگارەڭ چىراقلار ...
  بۈگۈن ئادىلەنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا تاسادىپىي بىر يىغىلىشتا تۇنۇشۇپ قالغان دوستى دىسكۇخانىدا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگەنىدى . سۇرۇنغا ئادىلەنىمۇ چاقىرغان ، لىكىن  ئادىلەنىڭ بىر ئوغرى قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى . ئادىلە سۇرۇنغا ئۇزۇن چاچلىرىنى قۇيۇۋىتىپ   ،  ئۆزى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغان بىنەپشە رەڭ كۆينىكىنى كىيىپ كەلدى .  ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق بىر كىشى ئۇنى بىرەر داڭلىق ئۇنۋىرستتا ئۇقۇيدىغان ، بىلىملىك قىزمىكىن دەپ ئويلاپ قالاتتى .
   سۇرۇندا ئولتۇرۇشقان ھەممە ئوغۇللارنىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلگەن ، ھەربىر مۇزىكا باشلانغاندا بەس -بەس بۇلۇشۇپ ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتىپ تۇراتتى . ئادىلە ئۆز بېشىغا كەلگەن بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشىۋاتاتتى . شۇڭا ئۇغۇللار ئۇنى تانسا -ئۇسۇلغا تارتقىنىدا ھېچقانداق نازلىنىپمۇ ئولتۇرمىدى ،ناھايىتى قىزغىن ھالدا ئۇلار بىلەن تانسا ئوينىدى .
  ئارىدىن بىر بەستلىك ، خۇشچىراي ، بۇغداي ئۆڭ ، كىلىشكەن بىر يىگىت ئۇنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلدى .  مۇزىكىنىڭ رىتىمغا ئەگىشىپ ئادىلەنىڭ يۈرىكىمۇ گۈپۈلدەپ  سۇقۇۋاتاتتى . پۇتلىرىمۇ يەردە توختىماي پىقىرايتتى .
_ ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟ __ سورىدى يىگىت .
_ ئادىلە _ ئۇ ناھايىتى ئەركىن جاۋاب بەردى .
يىگىت ئۇنىڭ گۈزەل چىرايىغا مەپتۇنلارچە تىكىلىپ قالغانىدى ، لىكىن ئادىلە بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا دىققەت قىلمايتتى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇلارنىڭ يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان بىر قىزنىڭ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرگە تىكىلىپ قالغانىدى . ئادىلە پۈتۈن ئېسيادى بىلەن ئۇنى قولغا چۈشۈرۋېلىشقا شۇنچىلىك ئىنتىلىپ ، يېنىدا تانسا ئويناۋاتقان يىگىتنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى .
_ نىمە ئىش قىلىسىز ؟ _ سورىدى يىگىت قايتىلاپ . بايا ئۇ بىر قېتىم سورىغانىدى ، لىكىن ئادىلەنىڭ ئىپادە بىلدۈرمىگىنىنى كۆرۈپ ئاڭلىمىغان بولسا كىرەك دەپ قايتا سوراۋاتاتتى .
ئادىلە ئۇنىڭ گىپىدىن ئەسلىگە كەلگەندەك بۇلۇپ، نىمە دەپ جاۋاب بىرىشنى بىلمەي قالدى . ھەم تېزلا يىگىتكە سۇس كۈلۈمسىرەپ :
_ ھازىرچە خىزمىتىم يوق ، ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ تۇرىمەن ،_ دەپ جاۋاب بەردى . يىگىت ئۇنىڭ سۆزىدىن رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ :
_ باياتىن ئىسمىڭىزنى سورىسام ، مېنىڭ ئىسمىمنى سوراپمۇ قويمىدىڭىز . شۇنداقتىمۇ ئۆزەمنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي ، ئىسمىم يارقىن ، ئۆزۈم ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ، يېقىندا قايتىپ كەلدىم .ھازىر پىراكتىكا ساقچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتىمەن ...
_ ساقچى ؟! _ ئادىلە ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن چۆچۈپ كەتتى ، لىكىن شۇنداقتىمۇ كۈلۈمسىرگەن قىياپەتكە كىرىۋالدى ...
يارقىن ئۇنىڭ بىردىنلا چۆچۈپ كەتكەنلىكىنى ، كۈلۈپ تۇرسىمۇ كۆزلىرىدىن بىرخىل قورقۇنچقا ئوخشاش ئۇچقۇنلارنىڭ پىلدىرلاپ تۇرغانلىقىنى سىزىپ ئۇنىڭغا قاراپ ئېيتتى :
_ شۇنداق ، ساقچى . ساقچى دىسەم نىمانچىلا چۆچۈپ كىتىسىز ؟ چۇقۇم بىرەر قانۇنغا خىلاپ ئىشتىن بىرنى سادىر قىلىپ قۇيۇپسىز دە ! _ يارقىن بۇلارنى دەۋىتىپ كۈلۈپ كەتتى .
- نەدە چۆچۈپ كەتتىم . شۇ مۇزىكىنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك بوپ كەتكەچكە ئاڭلىماي قايتا سورىدىم ،_ دېدى ئادىلە تېزلا ئۇنىڭ سۆزىگە رەدىيە بىرىپ .
يارقىن تېخىچە كۈلۈۋاتاتتى .
_ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ئادىلە . سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن ...خالىسىڭىز ئىزدىشىپ ئۆتەيلى ، مەن ھەل قىلىپ بىرىدىغان قانداقلا ئىش بولمىسۇن مېنى ئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ .
يارقىن شۇنداق دەپ ئۇنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى سورىماقچى بۇلۇپ تۇرغىنىدا مۇزىكا  ئاخىرلىشىپ قالدى . ئادىلە تېزلا ئۇنىڭغا يىنىك ئاۋازدا <<رەھمەت >> دىگىنىچە ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
- توۋا ،دەيتتى ئۇ ئۆز -ئۆزىگە.. مەن تۇنۇشقان يىگىتلەرنىڭ ھەممىسى ساقچىمۇ نىمە ؟ ئۇلاردىن قانچە ئۆزەمنى ئېلىپ قېچىۋاتسام ماڭا ئۇچراپ تۇرغىنىنى ...
شوخ ، يۈرەكنى تىترىتىدىغان ئۇسۇل  مۇزىكىسى  ياڭرىماقتا ئىدى . ئادىلە بايا ئۇنى بىر پەدە ئۇسۇلغا  تارتقان يارقىنغا << كەچۈرۈڭ ، بەك ھېرىپ كەتتىم . بىردەم ئارام ئېلىۋالاي >>دىگەننى باھانە قىلىپ ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنى كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ قىز ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن ھالدا مۇزىكىنىڭ رىتىمىغا كەلتۈرۈپ ئەسەبىيلەرچە سەكرەپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى .
  تۇيۇقسىز  زالنىڭ بىر يېرىدە مالىمانچىلىق كۆتۈرۈلدى .. مۇزىكىمۇ توختاپ قالدى . ئەسلىدە بىر يىگىت ئۇسۇل ئويناۋىتىپ ئۇنىڭ قۇلى تاسادىپىيلىقتىن ھېلىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىزنىڭ  يۈزىگە تىگىپ كەتكەن ، ئۇ قىز بىلەن ئۇسۇل ئويناۋاتقان يىگىت بۇنى كۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ئىدى . ھەممەيلەن ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارنىڭ ئۇرۇشىنى تاماشا قىلىپ تۇراتتى . بىر كەمدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمراھلىرى بىر -بىرىگە ئېتىلىپ كىلىشتى . ھەش -پەش دىگۈچە دىسكۇخانا ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كەتتى . ئۈستەللەر ئۆرۈلۈپ ، ئۇرۇندۇقلار ئۇيان -بۇيان ئۇچۇپ ئادەملەر پاتپاراق بۇلۇشۇپ كەتكەنىدى .
يارقىن ساقچى بولغاچ ئۇلارنى ئاجرىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدى ، بىر كەمدە ساقچىلار تېزلا نەق مەيدانغا يىتىپ كىلىشتى . ھەم ئۇلارنى ئاجرىتىپ ئۇرۇشقانلارنى ئېلىپ مېڭىشتى . يارقىن بۇ ئىشلارنى ھەل قىلىپ بۇلۇپ ، ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئۇ ئادىلە ئولتۇرغان ئۇرۇنغا قارىۋىدى ، ئادىلە كۈرۈنمەيتتى . يارقىننىڭ يۈرىكى ئۆزىمۇ ھىس قىلىپ باقمىغان بىر تۇيغۇغا كىلىپ قالدى ، ئۇ بەلكىم ئادىلەنى بايىقى قالايمىقانچىلىقتىن قورقۇپ سىرتقا چىقىۋالغان بولسا كىرەك ،دەپ ئويلاپ سىرتقا قاراپ ماڭدى .
_ ۋاي ، مېنىڭ زەنجىرىم يوق تۇرىدۇ ؟
بىر قىز ئېچىنىشلىق ۋارقىراپ كەتتى . ھەممەيلەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى . بايىقى ئالتۇن زەنجىر ئېسىۋالغان قىز بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئالتۇن زەنجىرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ، ئۇنى تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا نەچچە تۈمەنگە ئالغانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى . بىر نەچچە ساقچىلار ئۇ قىزدىن ئەھۋال سۈرۈشتۈرۈپ خاتىرە قالدۇرىۋاتاتتى .
يارقىن سىرتقا چىقىپ قارىۋىدى ، ئادىلەنىڭ سايىسىمۇ كۈرۈنمىدى . ئۇ بۇنىڭدىن كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ باشقا ھەمراھلىرىغا ئېيتىپمۇ قويماي قايتىش ئۈچۈن ماڭدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە سائەتمۇ كېچە 11 دىن ئېشىپ قالغانىدى .
   ئادىلە چوڭ -كىچىك ماشىنلارنىڭ ئارىسىدىن  ئۈتۈپ يۈگۈرۈپ كىتىۋاتاتتى . خۇددى بايا ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىۋالغاندا باشقىلارنىڭ كۈرۈپ قېلىپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ تېخىمۇ ئىتتىك يۈگۈرۈشكە باشلىدى . ئۇنىڭ يۈرىكى تېخى ئورنىغا چۈشمىگەن ئىدى .
  - ئادىلە !!
ئادىلە ئالدىدىكى بىر گۈللۈكتىن ئاتلاپ ئەمدىلا يولنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەي دەپ تۇرىشىغا بىرى ئۇنى چاقىردى . ئۇ چۆچۈپ كەينىگە قارىدى ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا  بىر قېتىم ئادىلە  پورتمىنىنى ئوغۇرلىۋالغاندا  سىزىپ قالغان ئابلەت ساقچى تۇراتتى . ئۇ ئابلەت ساقچىنى كۈرۈپلا ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىشلار ئىسىگە كىلىپ تېخىمۇ ئالاقزادىلىككە تۇلۇپ كەتتى .
_ قىزىم ، سالاھىيەت كىنىشكەمنى قايتۇرۇپ بىرىپ پورتماننى ئۆزىڭىز ئېلىپ قالسىڭىز ...
ئابلەت ساقچىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ھەربىر ئېىسگە ئالغان ئادىلە ئۆز-ئۆزىدىن ، دادىسدىن نەپرەتلىنىپ كىتەتتى .
- قىزىم ، بۇ كىچە بولغاندا سىرتتا نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز ؟ _ سورىدى ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ .
_ مەن ...مەن ..._ئادىلە تەمتىرەپ كەتتى ، ئارقىدىنلا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتتى .
_ ۋۇي قىزىم ، زادى نىمە ئىش بولدى ؟ _ ئابلەت ساقچى ئۇنىڭغا مىھرىبانلاچە ، ئاتىلىق مىھرى بىلەن تىكىلدى .
_ سىزگە راست گەپ قىلسام تاغا ، بۈگۈن بىرمۇ سودا قىلالمىغانىدىم . دادام مېنى ئۇرۇپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتتى ،_  ئادىلە يالغان سۆزلىدى ، ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا  تېخىمۇ ئىچى ئاغرىپ كەتتى .
_ ھەي ..بوپتۇ قىزىم ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ .. ھېچ ۋەقەسى يوق .ئەگەر   خالىسىڭىز بۈگۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ ... _ ئابلەت ساقچى قىلچە گۇمان قىلغىلى بولمايدىغان ئالاھىدە تەلەپپۇزدا سۆزلىدى ،_ دادىڭىزنى مەن ئەتە ساقچىلارنى ئەۋەتىپ تۇتقۇزۇپ كىلەي !
_ ياق ...ياق ..ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭ تاغا ! _ ئادىلە چۆچۈپ كەتتى ، ئەقىلسىزلىق قىلىپ تاپقان بۇ يالغان سۆزىگە پۇشايمان قىلىپ كەتتى .ئۇنىڭغا يېلىنىش ، بىچارىلىك ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن قارىدى ...
_ بوپتۇ ئەمىسە .. بۇ كىچىدە يالغۇز يۈرسىڭىز ياخشى بولمايدۇ . ئەمىسە مېنىڭ ئۆيۈمدە قۇنۇپ قېلىڭ...
ئادىلە ئۆيگە قايتمىسا دادىسىدىن ئۆلگۈچە تاياق يەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،بۇ ئاقكۈڭۈل ساقچىدىن تەسىرلىنىپ ھەم دادام ئۇرۇپ ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ، دىگەن يالغان سۆزىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىنى خالىماي ئۇنىڭغا ئەگەشتى .
   ئۇلار بىردەمدىلا ئابلەت ساقچىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كىلىپ قالدى ، ئادىلە ئۈندىمەي بېشىنى ئىگىپ تۇراتتى . ئابلەت ساقچى ئۇنىڭ قۇرۇنۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ :
_ قېنى ، ئۆيگە كىرىڭ ،_ دېدى ئۆزى باشتا ئۆيگە كىرىپ .
ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاستا ئەگىشىپ ئۆيگە كىردى .
ئابلەت ساقچى ئادىلەگە بۇرۇلۇپ سەپسالدى ، رۇشەن چىراغ نۇرىدا ئۇنىڭغا بۇ قىزنىڭ ۋۇجۇدىدا پەۋقۇلئادە بىر جەزبىدارلىق باردەك بىلىندى . ئۇ ئۆزىنىڭ ئادىلەگە تىكىلىپ قاراپ  قالغانلىقىغا ئۆزىمۇ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
ئۇ ئادىلەنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ قۇيۇپ ئۆزى ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى . ھايال ئۆتمەيلا ئۇ قۇلىدا مىنىرال سۇ كۆتۈرۈپ كەلدى .
_ مەڭ ، -دېدى ئۇ مىنىرال سۇنى ئادىلەگە تەڭلەپ ،_ئۇساپمۇ قالغانسىز ...
_ رەھمەت تاغا ،_ ئادىلە تېخىچە ئوڭايسىزلىنىپ قورقۇپ تۇراتتى .
_ ھېچقىسى يوق قىزىم، ھەرگىز تارتىنماڭ ، ئەگەر ئۇيقۇڭىز كەلگەن بولسا ئاۋۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىڭ ...
ئادىلە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ، تىترىگەن قوللىرى  بىلەن مىنىرال سۇنى ئېلىپ ئابلەت ساقچى كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى .  ئابلەت ساقچىمۇ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئۆز ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى ...
  ئادىلە ئۆيگە كىرىپ ئىشكنى ياپقاندىن كىيىن ئۆيدىكى ئېسىل سەرەمجانلارنى كۈرۈپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپ قالدى .  ئۇ ئۆزىگە ئۇرۇن سېلىپ بۇلۇپ ، يوتقانغا پۈركۈنۈپ ياتقىنىچە خىيالغا چۈمۈپ كەتتى .
  ئىشكنىڭ تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى . ئۇ ‹‹  بۇ كىچىدە ئۆيگە كەلگەن كىمدۇ ؟ ››  دىگەنلەرنى ئويلاپ ئىشىك يېنىغا كىلىپ تۇردى ..
  _ ۋۇي .. كەل ..كەل ئوغلۇم . بۈگۈن بۇ غېرىبانە خانەمگە قەدىمىڭ يىتىپ قاپتىغۇ ؟ _ ئابلەت ساقچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .
_ بۈگۈن بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتنىشپ سەل كەچ قالغانىدىم ، ئۆيگە قايتىشقا ئېرىنىپ ،سىزنىڭ ئۆيىڭىز يېقىن بولغاچقا مۇشۇ يەرگىلا كەلگەنىدىم .
ئادىلە بۇ تۇنۇش ئاۋازنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدى ، بۇ بايا دىسكۇخانىدا تۇنۇشقان يارقىن ئىدى.
  _ ھەئە ... ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ئوغلۇم ..قېنى ئولتۇر . ئۇسسۇزلۇق ئىچەمسەن ؟
- بولدى رەھمەت تاغا ...بۇ يېرىم كىچىدە كىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم . بەك چارچاپ كىتىپتىمەن . مەن ئارام ئالاي ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە بىجىرىدىغان جىددىي بىر ۋەزىپە بار ئىدى. سىزمۇ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ،_ يارقىن شۇنداق دىگىنىچە بايا ئادىلە كىرىپ كەتكەن ئۆيگە قاراپ ماڭدى .
_ ۋۇي... ئۇ ئۆيدە ئادىلە بار ئىدى .
_ ئادىلە ؟ _ سورىدى يارقىن ئەجەبلىنىپ .
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ئادىلە ئۆيدىن چىقتى . يارقىن ئۇنى بۇ ئۆيدە كۈرۈپ قېتىپلا قالدى. ئادىلەمۇ ھۇلۇقۇپ ئۆزىنى نەگە قۇيۇشنى بىلمەي قالدى . ئابلەت ساقچى ئادىلەنىڭ ئوڭايسىزلىنىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ :
_  بۇياق ئادىلە ،_ دېدى ئۇنى يارقىنغا تۇنۇشتۇرۇپ ،_ بىر دوستۇمنىڭ قىزى بۇلىدۇ . بۈگۈن دادىسى سىرتقا چىقىپ كىتىپ يالغۇز قالغاچ بۇ ئۆيگە كىلىپ تۇرغانىدى ...
_ ھەئە !
يارقىن قېتىپ تۇرۇپ قالدى .  ئادىلەنى  بۇ ئۆيدە ئۇچرىتىپ قالغىنى ئۇنىڭغا مۆجىزە بۇلۇپ بىلىندى .
_ بۇ ياق يارقىن ... مېنىڭ ئۆز ھەدەمنىڭ يالغۇز ئوغلى بۇلىدۇ ...  ئادىلە سىز كىرىپ ئارام ئېلىۋېرىڭ  ، بۈگۈن يارقىن بىلەن ئىككىمىز بۇ ئۆيدە ياتايلى .
ئابلەت ساقچى مىھىر يېغىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادىلەگە قارىدى ، ئادىلە يەرگە قارىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتتى .
       كېچىنىڭ سوغۇقى كۈچەيدى ،پۈتۈن ئەتراپ جىمجىتللىققا چۆمگەنىدى ،ئاسماننى قارا بۇلۇتلا قاپلاپ كەتكەن ، بىر تال يۇلتۇزلارنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى .
   ئادىلە خىيال ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلاتتى ... ئۇنىڭغا يۇلۇقىۋاتقىنى خۇددى ھىندىستان فىلىملىرىگە ئوخشاش ۋەقەلىك ئىدى ، ئۇ ئۆزىنى كىنودا رول ئېلىۋاتقان ئايال باش قەھرىمانغا   ئوخشاتتى . ئۇ شۇنداق ئوخشاتقانسىرى بۇ ئىشلارنىڭ راستىنلا بىر كىنو ۋەقەلىكى بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەتتى . ئۆزىنىڭ باشقىچە بىر ئادەم بۇلۇپ ،يېڭى بىر ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلماقتا ئىدى .. ئۇنىڭ خىيالىغا نە  دادىسى  ،نە   بىر كۈن يوقاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يەيدىغان تاياقلىرى كىرىپ چىقمايتتى ...
    يارقىنمۇ ئۇخلىيالماي ئۇيان -بۇيانغا ئۆرۈلەتتى ، ئادىلەنى خىيال قىلاتتى . ئۇنىڭ گۈزەل چىرايى كۆز ئالدىدا نامايان بولغانسىرى ئۇنىڭ چىقىپلا ئادىلە بىلەن كۈرۈشكۈسى ، قانغۇچە مۇڭداشقۇسى كىلەتتى . ئۇلارنىڭ ئارلىقىنى بىر قەۋەت تام تۇسۇپ تۇرماقتا ئىدى ... ئۇ ئادىلەنى خىيال قىلغانسىرى ئۇنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالغاندەك ھىس قىلىشقا باشلىدى...







قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:27:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەرگىزە بىلەن ئەخمەتنىڭ ئارلىشىۋاتقانلىقىنى ئۇزۇن ئۆتمەي پۈتۈن مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى بىلىپ كىتىشتى . بەزىلەر ئۇلارغا ئەڭ پاك بولغان بەختلەرنى تىلەشتى ، يەنە بەزىلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلىشتى . لىكىن بۇلارنى ئاڭلىغان شەھىدەنىڭ ھەسەت ئوتلىرى تېخىمۇ كۈچىيىپ  ، نەرگىزەگە ئۆچ بۇلۇپ كەتتى . ئۇنىڭدىن قانداق قىلىپ ئەخمەتنى تارتىۋىلىش ئويلىرى ئۇنىڭ پۈتۈن قەلبىدە ئىسيان كۆتۈرمەكتە ئىدى . ئالتۇن كۈز پەسلى ئاخىرلىشىپ قىش ئايلىرى يىتىپ كەلدى . بۈگۈن قىشنىڭ بىزىكى بولغان تۇنجى قار ياققان بۇلۇپ ، نەرگىزە قىز ساۋاقداشلىرى بىلەن كۇتۇپخانا ئالدىدىكى قارغا كۈمۈلگەن ئارچا دەرىخى يېنىدا سۇزۇلۇپ ياتاتتى . قىزلار قوللىرىغا بىر پومزەكتىن قار ئېلىۋالغان بۇلۇپ ، مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بىر گۈزەل خاتىرىنى قالدۇرۇش ئىستىكى ئۇلارنىڭ قەلبىنى چۇلغىۋالغانىدى. نەرگىزە ئۇزۇن قوڭۇر چاچلىرىنى يانتۇ تاشلاپ ، نىپىز لەۋلىرىنى چىڭ يۇمغانچە ئاپپاراتقا تىكىلگەنىدى .‹‹چارس ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قىزلار قاھ –قاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى . بۇ بىر توپ قىزلار خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە ئىدى . ئۇلار يەنە بىر قېتىم باشقا مەنزىرە يېنىدا چۈشۈش ئۈچۈن ئورنىدىن قوزغىلىشتى . نەرگىزە ئالدىغا چۈشىۋالغان ھاۋارەڭ شارپىسىنى كەينىگە تاشلىغاندىن كىيىن سەپكە قېتىلدى . شۇ ئەسنادا كۇتۇپخانا ئىشىكىدىن ئەخمەت چىقىپ كەلدى. ئۇ ساۋاقداش ، دوستلىرىنىڭ رەسىمگە چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردى –دە ، ئورنىدا توختاپ قالدى .
  ـ قانداق سىنىپىمىزنىڭ كويئوغلى ،ـ دېدى نەرگىزەنىڭ يېقىن ساۋاقدىشى شەھرىبان شوخلۇق قىلىپ ،ـ نەرگىزەنى ماراپ تۇرمىسىڭىزمۇ ئۇنى ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن سىزگە تاپشۇرۇپ بىرىمىز ، خالىسىڭىز كىلىڭ . سىزنى ئوتتۇرغا ئېلىپ بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈۋىتەيلى ، بۇنى كىيىن بالىلىرىڭلارغا كۆرسەتسەڭلار قالتىس ھاياجانغا چۈمۈسىلەر !
نەرگىزە ئىززا تارقىنىدىن شەھرىبانغا تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى . بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاق سۈزۈك بۇيۇنلىرى ۋە ئالۇچىدەك كىچىك ئېغىزى ئادەمنى مەست قىلغۇدەك دەرىجىدە گۈزەللىككە تولغانىدى . قىزلار ئەخمەتنى مەجبۇرىي دىگۈدەك سەپكە سۆرەپ كىرىشتى ۋە نەرگىزە ئىككەيلەنگە ئوتتۇرىدىن ئۇرۇن بەردى،  ھەممەيلەن بۇ قەدىردان ساۋاقدىشىغا بەخت تىلەيتتى  .
قىزلار تارقاپ كىتىشتى ، ئەخمەت بىلەن نەرگىزە كۇتۇپخانا ئالدىدىكى چىغىر يول بىلەن ئۇلار دائىم ئۆگۈنۈش قىلىدىغان باغچىغا قاراپ ئاستا مېڭىشتى  . پات يېقىندا مەملىكەت بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىنگىلىزتىلىدىن 4-دەرىجىنى ئېلىش ئىمتىھانى باشلىناتتى . ئىككەيلەن خېلى ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ ئىمتىھانغا  بىللە تەييارلىق قىلىۋاتاتتى .
ئۇلار تىنچ ئولتۇرۇپ خۇشالللىق ،   ئۈمۈد نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى كىتابقا تىكىشتى . شۇ تاپتا ئۇلارغا نە سوغۇق بىلىنمەيتتى ، ھەرئىككىلىسى ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا ئىدى . بىر چاغدا نەرگىزە كۆزلىرىنى ئۇۋىلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى –دە ،بەل-پۇتلىرىنى ئىگىپ ھەركەتلەندۈرۈشكە باشلىدى . ئاندىن سائىتىگە قاراپ بىر ئەسنىدى ۋە :
ـ ئەخمەت ، چارچىمىدىڭىزمۇ ؟بىز تەكرار قىلغىلى ئىككى سائەت بۇلاي دەپ قاپتۇ ،سەل توڭلاپ كەتتىم ،ـ دېدى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاب كۈرىۋاتقان ئەخمەتكە قاراپ . ئەخمەت كىتابقا ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم قارىۋالدى –دە ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ،ئۇمۇ قوللىرىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ كىرىلىشكە باشلىدى .
ـ نەرگىزە ، مۇشۇنداق قادىلىپ ئۆگىنىش قىلىش سىز ئۈچۈن جاپامۇ ؟-دەپ سورىدى ئەخمەت .
ـ بىر ئاز ،ـ دېدى نەرگىزە جاۋابەن ۋە ياندۇرۇپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
ـ سىزگىچۇ ؟
ـ ماڭىمۇ شۇنداق ،ـ دېدى ئەخمەت كۈلۈپ تۇرۇپ ،ـ لىكىن سىز قېشىمدا بولسىڭىز ھېچقانچە جاپا ئەمەس ، ئەكسىچە پۈتمەس –تۈگىمەس راھەت . ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشى بىلەن  يانمۇ –يان ئولتۇرۇپ دەرس تەكرارلاش ، ماڭا ئوخشاش ئەمدىلا ئۆز مۇھەببىتىگە ۋە ئۆز سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن يىگىت ئۈچۈن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خوشاللىق ۋە بەخت ! نەرگىزە سىز قېشىمدىلا بولسىڭىز بۇ جاھاندا غەم –ئەندىشە ، ھېرىپ -چارچاش  دەيدىغان نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىمۇ ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ كىتىدىكەن .
نەرگىزە مەنىلىك كۈلگىنىچە ئەخمەتكە قاراپ باش لىڭىشتتى . ئەخمەتنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىدىن بىرخىل كۈچلۈك غەيرەت –جاسارەت ۋە چەكسىز مىھرى –مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى .
ـ ئەخمەت ، سىزمۇ مېنىڭ قىشىمدىلا بولسىڭىز دەرستىن باشقا ھېچقانداق نەرسە خىيالىمغا كىرمەيدۇ . ئازراق چارچىغاندەك قىلساممۇ يەنە سىزگە قاراپ غەيرەتلىنىمەن ،سىزدىن كۈچ –قۇۋۋەت ئالىمەن . سىز بىلەن ئۈمۈدلىنىمەن . بۇنىڭدىن كىيىن چۇقۇم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈتكەن يېرىڭىزدىن چىقىمەن .
ـ رەھمەت نەرگىزە ، بىز بىلىم ئىگەللەش ئىستىكى بىلەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت ، قەدىرلىك ئاتا –ئانا ۋە دوست –يارەنلەردىن ئايرىلىپ ئۆزىمىزگە تۇلىمۇ ناتۇنۇش بىر مۇھىت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز . بىزنىڭ بۇ جايدا ئۆگىنىشتىن باشقا يەنە نىمە ۋەزىپىمىز بار ؟ ئۆگىنەيلى ، باشقا كىشىلەر بىزنىڭ قانچىلىك ئەقىللىق ،چىداملىق –تىرىشچان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى يەنە بىر قېتىم كۈرۈپ قويسۇن ! ـ ھاياجاندىن ئەخمەتننىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى .
ـ شۇنداق ،ـ دېدى نەرگىزە قەتئىيلىك بىلەن ،- بىز ياشلارنىڭ يۈرىكىدە ھەردائىم بىلىمگە بولغان قىزغىن ئىشتىياق ،  يالقۇن يېنىپ تۇرىشى كىرەك !!
ئۇلار بىللە مەكتەپ ئاشخانىسىغا قاراپ مېڭىشتى . شۇ چاغدا قىشنىڭ لەرزان شاماللىرى بۇ تەشنا يۈرەكلەرگە ھۇزۇر ۋە راھەت بېغىشلىدى . ياشلىق ئوتلىرى يالقۇنجاپ تۇرغان بۇ بىر جۈپلەرنىڭ كۆزلىرىدە سەمىمىي ، ساپ مۇھەببەتنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى . چوغدەك يۈرىكى بولسا تاتلىق سۆيگۈ رىتىمى بىلەن  سۇقۇپ  ئۇرۇپ تۇراتتى .

سەھەر ، ئادىلە بالدۇرلا ئورنىدىن تۇردى . ئابلەت ساقچى بىلەن يارقىن تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بۇلۇپ ئۆي ئىچى جىمجىت ، پەقەت ئابلەت ساقچىنىڭ خورەك ئاۋازى بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى . ئادىلە ئۆز قۇلى بىلەن تاماق ئىتىپ ئۇلارنى خوش قىلىۋىتىشنى ئويلىدى .
ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن تاماق ئىتىشكە باشلىدى .
ئابلەت ساقچى بىلەن يارقىن تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇشقانىدى ،ئۇلار ئۆي ئىچىدىن چىقىۋاتقان مىزىلىك پولونىڭ ھىدىنى پۇرىشىپ ھەيران قېلىشتى .
ـ ۋاھ ، نىمىدىگەن ئوخشىغان پولۇ بۇ ، بۇنداق ئوخشىغان پولونى يىمىگىلى بەكمۇ ئۇزۇن بوپتىكەن ، رەھمەت ئادىلە ،ـ دېدى يارقىن تاماقتىن بىر قۇشۇق ئېلىپ.
ئادىلە جاۋابەن كۈلۈمسىرەپ قويدى ھەم :
ـ رەھمەت ، مەن پولو ئىتىشكە ئانچە بەكمۇ ئۇستا ئەمەس ، يەنە بىر گەپ بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم پولو ئىتىپ بېقىشىم . قارىسام ئۆيدە سەۋزە ، پىيازدىن باشقا سەيلەرمۇ يوق ئىكەن ، شۇڭا پولو ئىتىپ باقاي دەپ...
ـ رەھمەت قىزىم ،-دېدى ئابلەت ساقچى ئادىلەنىڭ گىپىگە ئۇلاپلا ،ـ بۇ ئۆيدە تاماق ئىتىپ باقمىغىلىمۇ بەك ئۇزۇن بولغان ئىدى . تامىقىڭىز بەك ئوخشاپتۇ قىزىم ، خۇدايىم قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ...
ئابلەت ساقچى بەكمۇ خۇشال ئىدى ، ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان بۇ ئۆيدە بىرەر ئايال كىشى تاماق ئىتىپ باقمىغان ،  ئادىلەنىڭ ئەتكەن تامىقى ئۇنىڭغا ئايالىنى ئەسلىتىپ قويغان ئىدى .
ئۇلار تاماقنى ناھايىتى ئىشتىھا بىلەن يىيشتى . تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ئادىلە ئۆيگە قايتماقچى بولدى .
ـ قىزىم، سىزنى ئۆزۈم ئۆيىگىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي ،ـ دېدى ئابلەت ساقچى .
ـ بولدى تاغا ، سىز ئاۋارە بولماڭ ، ـ دېدى يارقىن ئۇنىڭ گىپىنىڭ ئايىغى چۈشۈپ بولغىچە ،ـ مەن ئىشقا كىچىكىپ بارساممۇ بۇلىدۇ ، مەن ئادىلەنى ئاپىرىپ قۇياي .
ـ ئۇنداقتا تېخى ياخشى ،-دېدى ئابلەت ساقچى كۈلۈپ ،ـ ئەمىسە قىزىم ، ۋاقتىڭىز يەتسە ئۆيگە پات –پات كىلىپ تۇرۇڭ ،ـ ئۇ شۇنداق دەپ  مىھىر يېغىىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن ئادىلەگە قارىدى ، ئادىلە يەرگە قارىۋالدى ۋە ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتقاندىن كىيىن يارقىن بىلەن بىللە ئۆيدىن چىقتى .
سەھەرنىڭ ساپ ھاۋاسى ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تۇلىمۇ ئازادىلىككە تولدۇرماقتا ئىدى . ھەر ئىكىلىسى ئۈن –تىنسىز كىتىپ باراتتى . يارقىن خىيال بىلەن ماڭغان ئادىلەنى كۆزىتىشكە باشلىدى . ئۇ ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىدى . شەھلا كۆزلىرى كىشىگە تۇلىمۇ يېقىملىق بىر تۇيغۇ بېشىلايتتى .
ـ سىز جىممىدە نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز ؟ـ يارقىن جىمجىتلىقنى بۇزۇدى .
_ بىرئىشنى ئويلاۋاتىمەن .
ـ نىمە ئىشنى ؟
ـ ئادەمگە  جاھان بەزىدە بەكمۇ تاردەك بەزىدە بەكمۇ كەڭدەك بىلىنىدىكەن . بىز ئاخشام تۇنۇشقان ئىدۇق ، كەچتە سىزنى ئابلەت تاغامنىڭ ئۆيىدە كۈرۈپ ھەيرانلىقتا قېتىپلا قالدىم . شۇڭا دەيمەن ، جاھان بەزىدە بەك تار ئىكەن...
ـ ھا...ھا...ـ يارقىن كۈلۈپ كەتتى ،ـ كىم بىلىدۇ ، تەقدىرىمىز شۇنداق ئۇرۇنلاشتۇرۇلغانمۇ تېخى ...
ئادىلە قىزىرىپ كەتتى . يارقىنغا قارىۋىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى .
ـ ھەراست  ، ئاخشام ئابلەت تاغامنىڭ ماڭا نىمە دىگەنلىكىنى بىلەمسىز ؟ ـ يارقىن ئادىلەدىن سورىدى .
ـ نىمە دېدى ؟
ـ ئۇ ، ئادىلەنى ھەربىر قېتىم كۆرگىنىمدە قىزىمنى كۆرگەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىمەن ،دېدى .
ـ ھە ... ـ ئادىلە خوشال بۇلۇپ كۈلۈمسىردى ، خۇددى كۈتكەن جاۋابقا ئېرىشكەندەك كۆزلىرىدىن رازىمەنلىك ئالامىتى چاقناپ كەتتى .
_ سىز تېخى ئۇنىڭ قىزى توغۇرلۇق ھېچنىمە بىلمەمسىز ؟ ئۇنىڭ قىزى كىچىك ۋاقتىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كىتىپتىكەن .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىلە ھەيرانلىقتا قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
ـ ئۇنى كىيىن تاپالمىدىمۇ ؟
ـ تاغام  قىزىنى كۆپ ئىزدىدى ، لىكىن ھېچيەردىن تاپالمىدى ، ئىچكىرگىمۇ قىزىنى ئىزدەپ كۆپ باردى ، لىكىن ئىزدېرىكى بولمىدى . كىيىن ئايالى كىسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتتى ، كىم بىلىدۇ ، شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولدى ، ئۇ ھازىر نەدە ، تىرىكمۇ ياكى ...
سوغۇق شامال ئۇرۇلدى . ئادىلە يارقىننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ يەنە جىمىپ كەتتى . كۆڭلىدە ئوغۇرلىنىپ كىتىلگەن قىز مەن شۇمۇ يا ..دىگەنلەرنىمۇ ئويلاشقا ئۈلگۈردى . يارقىن تېخىچە ئادىلەگە سەپسالماقتا ئىدى . راست ، ئادىلە تۇلىمۇ مۇلايىم ، چىرايلىق بىر قىز ئىكەن ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن پەۋقۇلئادە بىرخىل جەزبىدارلىق ، ئۇماقلىق چىقىپ تۇرۇپتۇ. چىرايىدىن ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرۇپتۇ . يارقىن ئادىلەگە شۇنداق مەپتۇنلۇق بىلەن تىكىلدىكى ، بۇنى سىزىپ تۇرغان ئادىلە ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن خىجىل بۇلۇپ قالدى .
ئۇلار بىردەمنىڭ ئىچىدىلا ئادىلە ئولتۇرۇشلۇق بازارغا يىتىپ كىلىشتى.
ـ ئۆيۈمگىمۇ كىلەي دەپ قالدۇق ، ئەسلى ئۆيگە كىرىپ بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ ماڭسىڭىز بۇلاتتى . لىكىن ...كىيىن سىزنى چۇقۇم ئۆيۈمگە تەكلىپ قىلىمەن. سىزگە رەھمەت ، ئەمدى سىزمۇ ئىشقا كىچىكىپ قالماڭ .
ئادىلە شۇنداق دەپ يارقىن بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى . يارقىن ئامالسىز ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدى .شۇتاپتا ئادىلە يارقىننىڭ يۈرىكىدىكى ھاياجان ، مۇھەببەتنى چۈشەنمەيتتى . يارقىن ئىختىيارسىزلا ئادىلەگە تۇيدۇرماستىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى ، ئادىلە ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي كىتىپ بارماقتا ، يارقىن ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى بولسىمۇ بىلىۋىلىش ئۈچۈن ئەگەشمەكتە ئىدى .
ئابلەت ساقچى ئۇلار قايتىپ كەتكەندىن كىيىن بىردەم تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇردى . لىكىن تېلىۋىزور كۈرۈشمۇ ئۇنىڭغا خوشياقمىدى ، ئادىلەنىڭ ئەتكەن تامىقىنىڭ تەمى ھېلىھەم ئۇنىڭ ئاغزىدىن كەتمەيتتى . ئۇ قىزغا ئالەمچە بەخىتلەرنى تىلەيتتى ، ئويلاپ –ئويلاپ ئادىلەنىڭ دادىسىغا نەپرەتلىنىپ كەتتى . شۇنچە چىرايلىق ، ئەقىللىق قىزنى ئوغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغان قانداق دادىدۇر ...ئۇ خىيال قىلغانسىرى ئۆز قىزى ئىسىگە كىلىپ قالدى . ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئادىلە ، ھەرقېتىم ئادىلەنى كۆرگىنىدە ئۆز قىزىنى كۆرگەندەك بۇلۇپ قېلىشلىرى ... بۇ ..بۇ .. ئۇنىڭ خىياللىرى بارغانسىرى قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى . ئادىلە مېنىڭ يوقاپ كەتكەن قىزىم بۇلۇپ قالمىسۇن يەنە ...دىگەنلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈردى  . ئۇ تېزلا ئادىلە ياتقان ئۆيگە كىرىپ كەلدى. يوتقان –كۆرپىلەر چىرايلىق يىغىشتۇرۇلغان ، ئۆي ئىچى پاكىز تازلانغان بۇلۇپ ، ئادىلە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆينى تازلاپ قۇيۇشنىمۇ ئۇنۇتمىغان ئىدى . تۇيۇقسىز ئابلەت ساقچىنىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىچە ئورنىدا تۇرۇپ قالدى . ئۇ تىترىگەن قوللىرى بىلەن كۆرپە ئاستىدا كۈرۈنۈپ قالغان ئالتۇن زەنجىرنى ئالدى . بۇ ئاخشام ئادىلە دىسكۇخانىدا ھېلىقى قىزنىڭ بوينىدىن ئېلىۋالغان نەرسە ئىدى . ئابلەت ساقچى قۇلىدىكى ناھايىتى قىممەت ئالتۇن زەنجىرگە قاراپ خىيالغا پېتىپ كەتتى .ئادىلەگە تېخىمۇ ئىچى ئاغرىدى ، بىچارە قىز دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن مۇشۇ ئىشلاردىن تېخىچە قۇلىنى ئۈزەلمەپتۇ دە ... ئۇنىڭ دادىسى زادى قانداق ئادەم  ؟ ئادىلەنىڭ كىلىپ چىقىشى قانداق ؟ ...ئۇ بۇلارنى ئېنىقلاپ چىقىشنى ئويلىدى .

ئادىلە ئۆيىنىڭ ئالدىغا كىلىپ چوڭقۇر بىر تىنىق ئالدى . ئۇ ئۆيگە كىرسە چۇقۇم بىر ئاخشام ئۆيگە قايتمىغانلىقى ئۈچۈن دادىسىدىن ئۆلگىچە تاياق يەيتتى . ئۇ دادىسىغا نىمە دەپ چۈشەندۈرىشىنى ، نىمىدەپ يالغان ئېيتىپ ئۇنىڭ تاياقلىرىدىن قۇتۇلىشنى بىلمەي تۇراتتى . تۇيۇقسز ئىشىك ئېچىلىپ دادىسى چىقىپ كەلدى .ئادىلە بۇنى كۈرۈپ تېخىمۇ قورقۇپ كەتتى ، ئۇ دادىسىنىڭ كۆزىدىن قېچىش ئۈچۈن ئالدىراپلا ئۆي ئىچىگە قاراپ ماڭدى . لىكىن ئۇ دادسىنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ تېنى جۇغغىدە بۇلۇپ كەتتى ۋە ئامالسىز ئورنىدا توختاپ بېشىنى ئىگىپ تۇردى . دادىسىنىڭ پۈرۈشۈپ تۇرغان چىرايىدا غەلىتە بىر ئالامەت پەيدا بولدى .
_ ئاخشام نەگە بارغانلىقىڭنى ھېلى سوراي ، ئاۋۋال تۈنۈگۈن تاپقان پۇلنى چىقار _ دېدى ئۇ قۇلىنى ئۇزىتىپ .
_ بىر قىممەتلىك ئالتۇن زەنجىر .
_ قېنى ؟_ سورىدى ئۇ بىردىنلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈپ .
ئادىلە ئۈستىبىشىنى تېز سىيپاشتۇرۇپ چىقتى ،ئارقىدىن يەنە ئىشتىننىڭ يانچۇقىغا قۇلىنى سالدى . زەنجىر بۇ يەردىنمۇ چىقمىغاندىن كىيىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ قېتىپلا قالدى . ئۇ زەنجىر نەدە قالغاندۇ ، دەپ ئويلاپ تۇرغاندا ، دادىسى ئۇنىڭ ئالدىغا تېخىمۇ يېقىنلاپ كەلدى . ئادىلە دادىسىغا قورقۇمسىراپ قارىدى .
_ قېنى ئالتۇن زەنجىر ؟
_ چۈ...چۈ..چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ ،_ دېدى ئادىلە دۇدۇقلاپ .
دادىسى بۇ گەپتىن دەرغەزەپكە كىلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە چاڭڭىدە بىرنى سالدى ۋە :
_ ۋۇ توزكۇر ، تېخى مېنى ئالدايمەن دەپ ئويلاۋاتامسەن ؟ ئاخشام بىر كىچە ئۆيگە قايتماي نەلەردە پوق يەپ يۈردۈڭ ؟؟  مېنى بۇ يەردە ياشىغىلى قۇيامسەن يوق ؟  قىز بالا تۇرۇپ بىر كىچە ئۆيگە قايتماي كىملەرنىڭ قۇينىدا ياتتىڭ ،_ ئۇ شۇنداق دەپ ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كەتتى .
ئادىلە بۇ گەپكە زادىلا چىداپ تۇرالمىدى ، ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى كۆڭلىدە ساقلىنىپ كەلگەن ئاچچىقنى بىراقلا چىقىرۋىلىشنى ئويلىغاندەك ، ناھايىتى يۇقىرى ئاۋازدا دادىسىغا قاراپ ئېيتتى :
_ سەن مېنىڭ داداممۇ ئەمەس ؟؟ ئۆز قىزىڭغا مۇشۇنداق دىيىشكە قانداق تىلىڭ باردى ؟؟ ئۆز قىزىڭنى ئوغۇرلۇققا سېلىپ ياشاشتىن نۇمۇس قىلماق يوق ، بىر ئاخشام ئۆيگە قايتمىغىنىمغا ياشىيالماي قالامتىڭ ؟ ئەمدى چۈشەندىم ، سەن مېنىڭ دادام ئەمەسكەنسەن !!!
دادىسى ئادىلەنىڭ ئۆزىگە بۇنداق ھۆركىرىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ  ۋەھىمىلىك  تۈسكە كىردى ھەم  ئادىلەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قاتتىق بىر شاپىلاق سالدى ، ئادىلە بۇ شاپىلاق زەربىسىدىن يىقىلىپ يەردە ئولتۇرۇپ قالدى .
_ سەن ...سەن....تۇزكۇر شۇم . ماڭا مۇشۇنداق دىيىشكە قانداق پېتىندىڭ ؟ بۈگۈن سىنى ئۆلتۈرۋەتمەيدىغان بولسام ...
ئۇ شۇنداق دەپ يەردە ئولتۇرۇپ قالغان ئادىلەنىڭ چېچدىن تارتىپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى . ئادىلە بۇ ئاغرىقلارغا ، بۇ ئاھانەتلەرگە چىدىماي ئۈن سېلىپ قاتتىق يىغلىماقتا ئىدى . دەل شۇ چاغ بىر ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىپ ،بىر كىشى ئۆيگە كىرىپ كەلدى . ئادىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قارىدى ، ئىشىك ئالدىدا يارقىن تۇراتتى . ئادىلە ئۇنى كۈرۈپلا چۈچۈپ كەتتى ھەم لەۋلىرى تىترەپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى . دادىسى ئالدىدا ساقچى فورمىسىنى كىيىپ تۇرغان يارقىننى كۈرۈپ قورققىنىدىن تىترەپ ،كۆزلىرى ئالا چەكمەن بۇلۇپ كەتكەنىدى .
_ بەلكىم مۇشۇ ئالتۇن زەنجىر بولسا كىرەك ! _ يارقىن شۇنداق دەپ  يانچۇقىدىن ئالتۇن زەنجىرنى ئېلىپ پۇلاڭلىتىپ قويدى ،_ مۇشۇنى دەپ قىزىڭىزنى شۇنچە رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇردىڭىزمۇ ؟
ئادىلەنىڭ دادىسى تېخىچە قورقۇمسىراپ تىترەپ تۇراتتى . ئۇ بىر تەرەپتىن قىممەت باھالىق ئالتۇن زەنجىرنىڭ قولغا كىلىپ قالغانلىقىغا خۇشال بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ساقچىنىڭ بۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىدىن چۈچۈپ تۇراتتى .
_ تۈنۈگۈن  سىز ئۆيدە بولمىغاچ ئادىلە ئاغىينىڭىز ئابلەت تاغامنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قاپتىكەن ،_ دېدى يارقىن ،_ بۇ ئالتۇن زەنجىرنى شۇ ئۆيدە ئۇنتۇپ قاپتۇ ، بايا ئادىلەنى بۇ يەرگە ئەكىلىپ قۇيۇپ ئىشقا ماڭاي دەپ تۇرسام ، ئابلەت تاغام تېلفۇن قىلىپ ئادىلەنىڭ ئالتۇن زەنجىرنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇڭا مەن ئابلەت تاغام بىلەن كۈرۈشۈپ زەنجىرنى ئالغاندىن كىيىن بۇ يەرگە ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن كەلگەنىدىم .
_ ئابلەت ...ئۇ ..ئۇ .._ ئادىلەنىڭ دادىسى بۇ ئىشلارنى ئاڭقىرىپ بۇلالماي كىكەچلەپ قالدى ھەم شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ،ئۇلاپلا ،_ رەھمەت سىزگە ...قىزىمنىڭ ئالتۇن زەنجىرنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلىپ يۈرىكىم ئېچىشىپ تۇراتتى .
- بۇ زەنجىر بەك قىممەتقۇ دەيمەن -ھە ؟
_ شۇنداق ..شۇنداق ..بۇ زەنجىر قىزىمغا ئانىسىدىن قالغان . رەھمەتلىك ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا ئادىلەگە ئاران مۇشۇ زەنجىرنىلا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى . ئۆزۈم كىسەلچان ،شۇنداق بولسىمۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە  كۈندە مەدىكارلار بازىرىغا بېرىپ شۇ يەردىن ئىش تېپىپ ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايمەن ...
دادىسىنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈزلىرى  قىزىرىپ كەتتى ، ئۇ يارقىننىڭ ئۆزىنى بۇ ھالەتتە كۈرۈپ قېلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى . تېخى تۈنۈگۈن ئۇ يارقىنغا ئۆزىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ، خىزمەت كۈتۈپ تۇرىۋاتىمەن دەپ ئېيتقانىدى ، ئەمدى بولسا دادىسىنىڭ بۇ گىپىدىن يالغان ئېيتقانلىقى چېنىپلا قالغان بۇلۇپ ، ئۇ يارقىننىڭ ئۆزىگە سىرلىق تۈستە قاراپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ،ئىتتىك بېشىنى يەرگە ئىگىپ تۇرىۋالدى .
_ بۇلىدۇ ئەمىسە . مەنمۇ ئىشقا باراي ، ئادىلەنىڭ خىزمەت ئىشىدىن تېخىچە خەۋەر يوقمۇ ؟ _ يارقىن قەستەن شۇنداق سورىدى .
_ ئۇ ..ئۇ ...خىزمەت ...تېخى خىزمەت ئىشىدىن خەۋەر يوق . سىزمۇ بىلىسىز ، ھازىر كىمنىڭ پۇلى ،يۈزى بولسا شۇنىڭ گىپى ئۆتىدىغان گەپكەن . خۇدايىم بىزگىمۇ بىر كۈنلەردە بىرىپ قالار ، قىزىمنىڭ خىزمىتىمۇ ھەل بۇلۇپ قالار ...
_ ئادىلەنىڭ خىزمەت ئىشىگە قۇلۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلىمەن .
_ رەھمەت ..رەھمەت ،_ دېدى دادىسى ھىيلىگەرلىك چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن خۇشامەت نۇرلىرىنى چاچرىتىپ ،_ ھوي ، تېخىچە سىزنى ئۆيگە باشلىماپتىمىزغۇ ..قېنى ئۆيگە كىرىڭ ، بىرەر پىيالە ئىسىق چاي  ئىچىپ ئاندىن مېڭىڭ ...
_ ياق ...ياق...رەھمەت سىزگە . مەن ئەمدى ئىشقا ماڭمىسام باشلىقتىن تىل ئاڭلايمەن . كىيىن يەنە كىلىمەن ، شۇ ۋاقىتتا ئادىلەنىڭ خىزمەت ئىشىنى سۆزلەشكەچ پاراڭلىشايلى ..
يارقىن ئادىلەنىڭ دادىسى بىلەن خوشلىشىپ سىرتقا قاراپ ماڭدى ، ئۇ ئىشكىتىن چىقىۋىتىپ ئادىلەگە قاراپ قويدى، ئادىلەنىڭ كۆزلىرىدىن ۋەھىمە ، قورقۇنۇنچ ، تەشۋىشكە ئوخشاش نۇرلار تامامەن بىلىنىپ تۇراتتى . يارقىننىڭ يۈرىكى ئۆزىمۇ بىلمىگەن تۇيغۇلار ئىلكىدە ئاچچىق تولغانماقتا ئىدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۇلار بىلەن كۈلۈمسىرەپ خوشلاشتى -دە ،سالماق قەدەم تاشلاپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇنى ئىشىك ئالدىغا ئۇزىتىپ چىقىپ ،ئۇنىڭ قارىسى يۈتكۈچە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇردى .
يارقىننىڭ قارىسى كۆزدىن يۈتۈشى بىلەن تەڭلا ،ئۇنىڭ مىيىقىدىكى كۈلۈمسىرەشلەرمۇ يوقالدى ، نۇرلىنىپ تۇرغان كۆزلىرىنى مەيۈسلۈكنىڭ خۇنۇك پەردىلىرى قاپلىدى . ئۇ بايا يارقىن ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا ئادىلەگە قارىغان چاغدىكى قىياپەتلىرىدىن ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  بۇ ئالتۇن زەنجىر ئۇنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويدى ، ئۇ بەلكىم ئادىلەنى ياخشى كۈرۈپ قالغان بۇلۇشى مۇمكىن ،دىگەن ئويلار كاللىسىغا كىچىپ ،يۈرىكى ھەرخىل تەشۋىشلەر بىلەن سىقىلدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا جىنايەت بىلەن قانۇننىڭ سىماسى بىر -بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن ، مېڭىسىدە نۇرغۇن -نۇرغۇن سۇئاللار پەيدا بولغانىدى .
ئۇ دەرھال ھويلىنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقىۋالدى -دە ، ئۆي ئىچىگە كىردى . ئۇ كارۋات ئۈستىدە بېشىنى ئىگىپ جىممىدە ئولتۇرغان ئادىلەنى كۈرۈپ ، ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ بۇ ساقچى يىگىت بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەپتۇ ؟   
ئادىلە بۇنى ئاڭلاپ چۈشنىكسىز ھىسىيات ئىلكىدە دادىسىغا سوغۇق تەلەپپۇزدا قاراپ قويدى .
_ نىمە قىلغىلى كىلەتتى ، شۇ ئالتۇن زەنجىرنى ئەكىلىپ بەرگىلى كەپتىغۇ !
_ سەن ...سەن ...قانداق بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلۇپ قالدىڭ ؟ ئۇ دىگەن ئابلەت دىگەن كىمۇ ئۇ ؟
_ دىسكۇخانىغا بېرىپ تۇنۇشۇپ قالدىم ، كىيىن يولدا كىتىۋاتقىنىمدا ئابلەت تاغام ئۇچراپ قالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئامالسىز ئۇنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ قالدىم .
_ كىم سېنى ئۇنداق دىسكۇخانىغا بېرىشقا بۇيرىغان ؟
_ ھى...._ئادىلە سوغۇق كۈلىۋەتتى ،_ كىم بۇلاتتى ، مەن قىلىۋاتقان تىرىكچىلىك ...._ ئۇ قورۇنمايلا جاۋاب بەردى .
_ بېشىمنى ئىلەشتۈرۈپلاۋەتتىڭغۇ !!! كىم ئۇ ئابلەت تاغام دىگەن ..._ دادىسى ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي ، بۇ تۇيۇقسىز بولغان ئىشلاردىن گاڭگىراپلا قالغانىدى .
_ شۇ تىرىكچىلىك قىلىمەن دەپ ، تۇنۇشۇپ قالغان ، ھازىر پىنسىيەگە چىققان بىر ساقچى .  ئۇ ئادەم بەك مىھرىبان ، ماڭا خۇددى ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلىدۇ ، مەنمۇ ...
ئادىلنىڭ گىپى تۈگىمەيلا دادىسى ئۇنىڭ گىپىنى بۈلىۋەتتى :
_ ساڭا دەپ قۇياي ، بۈگۈندىن  باشلاپ مەيلى كىم بۇلىدىكەن ، بايىقى يىگىت بۇلامدۇ ،ھېلىقى ئابلەت تاغاڭ بۇلامدۇ ، ھېچقايسىسى بىلەن بېرىش -كىلىش قىلمەيسەن . ھەراس ھېلىقى ئادىل دىگەن ساقچى بىلەنمۇ بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز . چۈشەندىڭمۇ ؟
_ دادا ! _ ئادىلەنىڭ كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى .
_ بۇ ماڭىمۇ ، ساڭىمۇ پايدىلىق ، تولا جىق گەپ قىلماي ، تېز تاماق ئەت . بۈگۈن بازارغا چىقمايسەن ...
  ئادىلە دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ناھايىتى نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويدى . دادىسى ئالتۇن زەنجىرنى سىقىمدىغىنىچە قاراڭغۇ بۇلۇڭغا كەتتى ، ئوغۇرلاپ كىلىنگەن پۇل ، ۋە باشقا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردىكى بىر كونا ساندۇققا تىقىپ قۇيۇلاتتى . دادىسىنىڭ سۆزلىرى ئادىلەنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق تەككەن ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئەمدىلا ئويغانغان كىچىككىنە بىر ئۈمۈد يوققا چىققانىدى . ئۇ  چاي ئىچىش ئۈچۈن بىر ئىستاكاننى ئالدى دە ، قۇرۇق چايداننى كۆتۈرۈپ بېقىپ ، بۇ خورلۇقلارغا ، ئازابلارغا بەرداشلىق بىرەلمەي ئىستاكاننى يەرگە ئۇرۇپ جاراڭڭىدە چېقىۋەتتى .
  دېرىزىدىن چۈشۈۋاتقان ئاجىز نۇرلار يۇرۇقىدا ئادىلە  ئىستاكاننىڭ سۇنۇقلىرىغا تىكىلگىنىچە تۇراتتى . گويا ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئەكسىنى كۆرگەندەك بۇلىۋاتاتتى . ئۇ پەرىشان ھالدا تامغا يۆلىنىپ ئولتۇردى . قۇلاق تۈۋىدە دادىسىنىڭ بايا ئېيتقان سۆزلىرى جاراڭلىدى :
_ ھېلىقى ئادىل دىگەن ساقچى بىلەنمۇ ھەرگىز بېرىش -كىلىش قىلمايسەن ، چۈشەندىڭمۇ ؟ ...

دەرستىن چۈشۈش قوڭغىرىقى چېلىندى ، نەرگىزە ساۋاقداشلىرى بىلەن خوشلۇشۇپ ، ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ماڭدى ، ئەخمەت نەرگىزەنى ئىككىسى دائىم بىللە دەرس تەييارلايدىغان  مەكتەپ باغچىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى قۇيۇق ئۆسكەن قارىغايلىقنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغانىدى .
  -نەرگىزە ،_ دەپ سۆز باشلىدى ئەخمەت ،_  ئەتە چۈشتىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىزگە دەرس يوق ئىكەن  .شۇڭا سىرتقا چىقىپ بىر نەرسە سېتىۋالغاچ ئايلىنىپ كەلسەك دەپ ئويلىغانىدىم . ئۇزۇندىن بېرى ئىنگىلىزتىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىمىز دەپ ، سىرتلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلمەپتىمىز . سىزنىڭچە قانداق ؟ باشقا ئىشىڭىز يوقتۇ ؟...
نەرگىزە خۇشاللىق بىلەن ماقۇللۇق بىلدۈردى .
_ بۇلىدۇ ، ئۇنداقتا ئەتە چۈشتىن كىيىن سائەت بىر بىلەن مۇشۇ يەردە كۈرىشەيلى .
ئۇلار بىللە مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ تاماق يىيىشتى ، ئاندىن ئەتە كۈرىشىدىغان بۇلۇپ خوشلاشتى .
نەرگىزە ياتىقىغا ئەمدىلا كىرىپ تۇرىشىغا ،ئارقىدىن شەھىدەمۇ كىرىپ كەلدى. ئۇ نەرگىزەگە سوغۇق بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ،ئۇنىڭغا بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئېيتتى :
_ ئەتە چۈشتىن كىيىن مەكتەپتىكى بىر يۇرتلۇق بالىلار يىغىلىش قىلىدىكەنمىز . قىزلار 50 تىن يىغقان ئىدۇق ، شۇڭا ساڭا دەپ قۇياي دەپ كىرىشىم ...
نەرگىزە بۇنى ئاڭلاپ نىمە دىيشىنى بىلەلمەي قالدى ، ئۇ ئادەتتە مەكتەپتە بۇلىدىغان بۇنداق يىغىلىشلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيتتى .. بارماي دىسە ئاندىن باراي دىسە ئاندىن ...
_ ئاداش ، ئەتە چۈشتىن كىيىن ئازراق ئىشىم بار ئىدى . قانداق قىلسام بۇلار ؟
_ قانداق قىلاتتىڭ ، ھەرقانچە مۇھىم ئىشىڭ بولسىمۇ تاشلاپ قۇيۇپ ،ئەتىكى يىغىلىشقا بارمىساڭ بولمايدۇ .
- لىكىن ...شۇ ...
- ۋاي بولدى قىلە ،ئۇنداق لىكىن -پىكىنلىرىڭنى ماڭا سۆزلەپ بەرمەي ،ئاۋۇ چوڭ سىنىپتىكى ھەدەشلەرگە ئېيت . ماڭا 50 يۈەن بەرسەڭلا بولدى ، مەن پەقەت پۇل يىغىشقىلا مەسئۇل ، باشقىسى بىلەن كارىم يوق ...
نەرگىزە ئۇنىڭ قوپال سۆزلىرىگە ئارتۇقچە سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ، 50 يۈەننى ئېلىپ ئۇنىڭغا بەردى . شەھىدە پۇلنى ئېلىپ ئۇنىڭغا بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كىيىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى .
  شەھىدە چىقىپ كىتىشى نەرگىزەنىڭ تېلفۇنى ئەنسىز سايراپ كەتتى ، ئۇ ناتۇنۇش نۇمۇرنى كۈرۈپ سەل ئىككىلەنگەندىن كىيىن تېلفۇننى ئالدى :
_ ۋەي ، ياخشىمۇسىز ، نەرگىزە قىز بۇلامسىز ؟ __ تېلفۇندىن ناتۇنۇش بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى .
  _ ھە ئە ، مەن شۇ ... ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز ؟   
  _ مەن رىيات ، بەلكىم مېنى تۇنۇمايسىز ؟ لىكىن سىزنى مەن ناھايىتى ياخشى بىلىمەن . سىز نىمىس تىلى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيسىزغۇ ؟
_ ھە ؟!  __ نەرگىزە بۇ ناتۇنۇش يىگىتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزىمۇ بىلمىگەن  بىر تۇيغۇلار ئىلكىدە تەمتىرەپ قالدى ، _ مېنى قانداق تۇنۇيسىز ؟
_ سىز بىلەن بىر يىللىقتا ئوقۇيدىغان شەھىدە مېنىڭ بىر يۇرتدىشىم بۇلىدۇ .  ئۇ ھەرقېتىم سىزنى كۆرگەندە  ياخشى گەپلىرىڭىزنى  قىلىپ بىرەتتى  ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزمۇ بىر يۇرتتىن ئىكەنمىز .  سىزنى مەكتەپ ئاشخانىسىدا جىق كۆرگەن ئىدىم ، ھەراست ئەتىكى يۇرتداشلار يىغىلىشقا سىزمۇ قاتنىشىدىغانسىز ؟
نەرگىزە نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلمەي قالدى ، ئۇنىڭ خىيال ئاسمىنىنى بىر توپ قاپقارا بۇلۇتلار ئورىۋالغانىدى، شەھىدە باشقىلارغا  ئۆزىنىڭ ياخشى گىپىنى قىلىپ بىرىشى مۇمكىنمۇ ؟... ئەخمەت بىلەن ئارلاشقاندىن بۇيان شەھىدە بىرەر قېتىم ئۇنىڭغا ياخشى گەپ قىلىپ باقتىمۇ ؟ تېخى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن گەپ تارقىتىپ يۈرمىدىمۇ ؟  بۇ...
_ نەرگىزە ؟!  گەپ قىلمايسىزغۇ ؟ ئەتە بىرەر مۇھىم ئىشىڭىز يوقتۇ؟ ...
رىياتنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭ خىياللىرىنى ئۈزۈپ قويدى .
_ ياق ..ياق ... مەن ئەتە يىغىلىشقا چۇقۇم بارىمەن .ھازىر ئازراق ئىشىم بار ئىدى ، ئەتە يىغىلىشتا كۈرىشەيلى _ نەرگىزە ئارتۇقچە گەپ قىلىشنى خالىماي شۇنداق جاۋاب بەردى .
_ ناھايىتى ياخشى ، ئەمىسە ئەتىكى يىغىلىشتا كۆرىشەيلى ، خوش ، ياخشى ئارام ئېلىڭ .
نەرگىزە  ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىپ قويدى ، ئالدى بىلەن قانداقلا بولمىسۇن بۇ يىغلىشنىڭ ئىشىنى ئەخمەتكە ئېيتىپ بېقىشنى ئويلاپ ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدى . لىكىن ئەخمەتنىڭ تېلفۇنى ئىتىۋىتىلگەن ئىدى .
ئەخمەتكە بۈگۈن نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ ئۇ ئەزەلدىن تېلفۇنىنى ئىتىپ قويمايتتى ، بۈگۈن ....
      ئەتىسى بالدۇرلا دەرستىن چۈشكەن نەرگىزە ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن ماڭدى . ئۇ ئىكىسى تۈنۈگۈن دىيىشىپ قويغان يەرگە كىلىپ ئەخمەتنىڭ تېخىچە كەلمىگەنلىكىنى كۈرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدى ، ئۇنىڭ تېلفۇنى تېخىچە ئىتىۋىتىلگەن ،تۈنۈگۈندىن بېرى نەرگىزە بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىغانىدى .
  ئۇ ئەخمەتنى كۈتۈپ ئولتۇردى، لىكىن يېرىم سائەتتىن ئارتۇق ساقلىغان بولسىمۇ ئۇنىڭ قارىسىمۇ كۈرۈنمىدى . نەرگىزەنىڭ سەل ئاچچىقى كىلىپ ياتىقىغا قايتىپ كىتىشنى ئويلاپ ئەمدىلا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ تۇرىشىغا ئارقىدىن ئەخمەتنىڭ ئۇنىڭ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
نەرگىزە ئەخمەتكە قاراپ سەل قىيدىغاندەك قىلىپ تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ قويدى .
_ نەرگىزە ، ئازراق ئىشىم چىقىپ قېلىپ كىچىكىپ قالدىم ، يەنە ..._ ئۇنىڭ ئاۋازى تۇلىمۇ مەيۈس ، تۇلىمۇ پەس چىقىۋاتاتتى .
نەرگىزەنىڭ كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك ئۇنىڭدىن سورىدى :
_ خاپىغۇ بولمىدىم ، شۇ  تۈنۈگۈندىن بېرى سىزگە تېلفۇن قىلسام تېلفۇننى ئىتىپ قۇيۇپسىز . سىزگە  بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
_ تۈنۈگۈن ئۆيدىكىلەر تېلفۇن قىلىپتىكەن ، چوڭ ... چوڭ ئانام تۈگەپ كىتىپتۇ . _ ئەخمەتنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى . ئۇنىڭ  چىرايىنى مۇڭ باسقان بۇلۇپ ، كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى .
_ نىمە ؟! _ نەرگىزە ئۇنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىنى كۈرۈپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ تاشلىدى .
_ بولدى يىغلىماڭ نەرگىزە ، بۇنداق قىلسىڭىز تېخىمۇ كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي قالىدىكەنمەن . تۈنۈگۈن بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ بىر كىچە كىرپىك قاقمىدىم . تېلفۇننىڭ تۇكى تۈگەپ كىتىپتىكەن ، توك قاچىلاشمۇ خىيالىمغا كەلمەپتۇ ....
نەرگىزە ئەخمەتكە قانداق تەسەللىي بىرىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدى ، كۆزلىرىدىن بولسا ياشلار تىخىچە تۈكۈلۈپ ئۇنىڭ مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى .
_ئەخمەت ...چۇقۇم بەرداشلىق بىرىڭ . ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار . ئەمدى قانداق قىلغىنىمىز بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ . شۇڭا ئۆزىڭىزنى بەك تاشلىۋەتمەڭ . چۇقۇم غەيرەتلىك بۇلۇڭ ..._ نەرگىزە ئىسەدەپ ئاران مۇشۇلارنىلا دىيەلىدى .
_ رەھمەت نەرگىزە ، مەن چۇقۇم غەيرەتلىك بۇلىمەن . رەھمەت سىزگە ! _ ئەخمەت ئاغزىدا بۇنداق دىگىنى بىلەن ئۇنى ئىچ -ئىچىدىن يىغا  تۇتۇپ كىتىۋاتاتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۆزىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ، گىپىنى داۋاملاشتۇردى ،_ مەن ئەتىگەندىن بېرى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن كۈرۈشۈپ بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سورىدىم ، يۇرتقا قايتىپ چوڭ ئانامنىڭ نەزىرىسىگە قاتنىشىپ ، تۇپراق بېشىغا بېرىپ كىلىشنى ئويلاشتىم . شۇڭا بۇ بىر ھەپتىگە ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ، تامىقىڭىزنى ۋاقتى -ۋاقتىدا يەڭ بۇلامدۇ ؟
_ مەندىن ئەنسىرمەڭ ئەخمەت ، مەن ئۆزۈمگە ياخشى قارايمەن ، سىز قاچان ماڭماقچى بۇلىۋاتىسىز ؟
-كەچتە ماڭىمەن ، چۈشتىن بۇرۇن توردىن شىنجاڭغا ماڭىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتىنى زاكاس قىلىپ قويدۇم .
-ھەئە ، ئۇنداقتا چۈشتىن كىين ياخشى ئارام ئېلىڭ ، ھازىر بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشايلى ، تېخى چۈشلۈك تاماق يىمىگەنسىز ؟...
ئۇلار ئىككىسى بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلىشىپ ئولتۇردى .نەرگىزە ئەخمەت بىلەن بىر ھەپتە كۈرىشەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ كۆڭلىدە ئۇنىڭغا ئاق يول تىلەپ ،چوڭ ئانىسىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكىگە  تەڭ قايغۇرماقتا ئىدى ...
بىر چاغدا نەرگىزەنىڭ تېلفۇنى ئەنسىز سايراپ كەتتى . تېلفۇننى شەھىدە ئۇرغان ئىدى .
_ مەن بۈگۈن چۈشتىن كىيىن   ..._ نەرگىزە ئۆزىنىڭ يىغىلىشقا بارمايدىغانلىقىنى دەپ قۇياي دەپ ئەمدى گەپ باشلىۋىدى  ، شەھىدە ئۇنىڭ گىپىنى بۈلىۋەتتى .
_ ئاداش ، بىز ھەممىمىز بولغان ئىشلارنى بىلدۇق ، چۈشتىن كىيىنكى يىغىلىشقا كەلمىسەڭمۇ بۇلىدۇ . يىغىلىشقا بەرگەن پۇلۇڭنى كەچتە ئەكىرىپ بىرەي . سەن ئەخمەتكە بىزدىن سالام ئېيتقىن ، ئۇ ئۆزىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمىسۇن ، ھەممە ئىشلار ئۈتۈپ كىتىدۇ . ئۇنىڭغا ئوبدان ھەمراھ بولغىن ...-
نەرگىزە شەھىدەنىڭ بۇ تۇيۇقسىز دىگەن سۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتتى ، ئۇ شەھىدەنى تېلفۇننى ئېلىپلا نىمىشقا يىغىلىشقا كەلمەيسەن دەپ ئەيىبلەپ كىتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى ، لىكىن ئۇنداق بولماي قالدى .
_ رەھمەت ئاداش ، مېنى چۈشەنگىنىڭگە رەھمەت ، مەن چۇقۇم ئەخمەتكە ياخشى گەپلەرنى قىلىمەن ... خوش ئەمىسە !
ئەخمەت كىمدىن كەپتۇ دىگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ نەرگىزەگە قارىدى .
_ شەھىدەدىن كەلگەن تېلفۇن ئىكەن ، سىزگە سالام ئېيتتى ، قارىڭە ، ھەممە بالىلار سىزگە شۇنداق ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ . بۇ ئىشلارنى بەك ئويلاۋەرمەڭ ، چۇقۇم غەيرەتلىك بۇلۇڭ .
  كەچ بولغانسىرى ھاۋا ئۆزگىرىپ ئاسماننى قاپقارا بۇلۇتلار قاپلىدى . نەرگىزە ۋە ئەخمەتنىڭ بىر قانچە دوستلىرى ئۇنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن چىققانىدى . ئۇلار ئەمدىلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن چىقىپ تۇرىشى بىلەن شارىلداپ  يامغۇر يېغىپ كەتتى . تاراسلاپ چۈشۈۋاتقان يامغۇر ئەخمەتنىڭ سەپىرىگە ئاق يول تىلىگەندەك تېخىمۇ ئەدەپ چۈشىۋاتاتتى . دەل -دەرەخلەرنىڭ يۇپۇرماقلىرى ، ئاسفالىت يوللار قاتتىق يامغۇرنىڭ شاپائىتى بىلەن پاك -پاكىز يۇيۇلغان ئىدى . نەرگىزەنىڭ  كۆزىدىن تاراملاپ چىقىۋاتقان ياشلار يامغۇر سۈيى بىلەن قۇشۇلۇپ ئاقماقتا .ئەخمەتنىڭ  دوستلىرى ئۇلارنى پاراڭلىشىۋالسۇن دەپ ئۇلاردىن سەل يىراق تۇرۇشقانىدى . ئەخمەتمۇ  نەرگىزەدىن بىر ھەپتىلىك ئايرىلىشقا چىدىماي ئۇنى ئۆزىگە تارتىپ چىڭ قۇچاقلىۋالدى . بۇنىڭ بىلەن بىر تامچە ياش ئۇنىڭ كۆزىدىن دومىلاپ مەڭزىگە چۈشتى . بۇ ھىجرانلىق مىنۇتلار تېزلا ئاخىرلاشتى ، ئەخمەت كەتتى ...



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:28:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقچى باشلىقى ئادىل بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى . بۇ ۋاقىتتا كەچ سائەت 11 دىن ئېشىپ قالغانىدى . ئۇ ئانىسىنىڭ تېخىچە ئۆزىنى ساقلاپ ئۇخلىمىغانلىقىنى كۈرۈپ :
_ ئانا ، تېخىچە ئارام ئالماپسىزغۇ ؟ _ دېدى .
_ سەن قايتىپ كەلمىسەڭ قانداق كۆزۈمگە ئۇيقۇ كىلىدۇ بالام ، قورسىقىڭ ئاچقاندۇ ؟ مەن بايا لەڭمەن ئەتكەن ، سەن ئولتۇرۇپ تۇر ، مەن ئىسىتىپ ئەكىرەي .
ئانىسى  ئوغلىغا مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ ئاشخانا ئۆيىگە چىقىپ كەتتى . ئۇ تېلىۋىزور كۆرمەكچى بۇلۇپ سافاغا كىلىپ  ئولتۇردى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى بىر پارچە سۆرەتكە چۈشۈپ قالدى . بۇ بىر قىزنىڭ رەسىمى ئىدى ، ئۇ رەسىمنى كۆرىۋاتقاندا ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئۇنى چۆچۈتۈۋەتتى :
_ سىنىڭچە قانداقراق بالام ؟
_ بۇ كىم ، ئانا ؟
  _ قارا ، چىراي دىسە چىرايى بار ، بىلىمى دىسە بىلىمى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېگى -تەكتىمۇ ياخشى ، تېخى يېقىندىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھازىر ناھىيلىك دوختۇرخانىدا ئىشلەۋىتىپتۇ .
_ ئېم ... مۇنداق دەڭ . لىكىن بۇ سۆرەتنى بۇ يەرگە قويۇپ قويغىنىڭىز نىمىسى ؟
_ ما بالىنى ... تېخىچە چۈشەنمىدىڭمۇ بالام . بۇ قىزنىڭ ئۆيىمىزگە كىلىپ ماڭا ھەمراھ بولغۇسى بار ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا -ئانىسى بىلەنمۇ  ئوبدان تۇنۇشىمەن .
_ ۋاي توۋا دەڭا ئانا ... توي ئىشى دىگەن ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس . ئاددىيسى مەن قۇشۇلماي  ئاتا -ئانىسى بىلەن دىيىشىپ قويغىنىڭىز نىمىسى . ئىشقىلىپ مەن  قارشى ، قۇشۇلمايمەن ....
_ مۇنداق دە ... ئۇنداقتا كۆڭلۈڭگە پۈكۈپ قويغان بىرسى بارمۇ ؟...
_ ھازىرچە ئېنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن ...بىر قىز بار  ،ئۇنى سىزمۇ كۆرگەن . لىكىن ئۇنىڭ ماڭا كۆڭلى بارمۇ -يوق بۇنى  بىلمەيمەن .
ئادىلنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئانا چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى...
_ بۇ رەسىمدىكى قىزنى  ،_ دېدى ئانا ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ،_ 5 ياش ۋاقتىدا باشقىلار ئالداپ  ئەكىتىپ ،ئىچكىرگە ئاپىرىپ ئوغۇرلۇققا سېلىپتۇ .. كىيىن ئۇنىڭ ھازىرقى ئاتا -ئانىسى بۇ قىزنى ئىچكىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ ، ئۆزىنىڭ بىرمۇ پەرزەتنى بولمىغاچقا بېقىۋاپتۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ قىزنى ياخشى تەربىيلەپ ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ ئۆز قىزىدەك ياخشى كۈيۈنۈپتۇ . قارىغىنە ...بۇ قىز قارىماققا ناھايىتى سەبىي ، ئۇماق كۈرىنىدىكەن  ، مەن ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشۈپلا شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغانىدىم .ئەمما سەن قۇشۇلمىساڭ مىنىڭمۇ باشقا ئامالىم يوق ، ئىشقىلىپ توي ئىشىڭغا ئارلاشمايمەن ، ۋاقتى كەلگەندە ماڭىمۇ ، ساڭىمۇ كۈيۈنىدىغان ۋاپادار قىزدىن بىرنى تاپساڭ مەن شۇنىڭدىن خوش ...  ماڭا ئېيتقىنە ، سەن دىگەن ئۇ  قىز مەن شەھەردىن قايتىپ كىلىپ ، بىكەتتە تۇرغىنىمدا  مېنىڭ يۈك -تاقلىرىمنى كۈتۈرۈشۈپ بەرمەكچى بولغان قىز شۇمۇ ؟...
ئادىل ئانىسىغا مەنىلىك كۈلۈپ قۇيۇپ بېشىنى لىڭىشتتى، ئانىمۇ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان كۆزلىرىنى ئوغلىغا تىكىپ كۈلۈمسىردى .
_ ھە دېگىنە ، سەن ئۇ  بىلەن ئارلىشىۋاتامسەن ؟
_ ياق تېخى .. ئىشقىلىپ ئۇ قىز كۈزۈمگە  باشقىچىلا ئىسىق كۈرۈنىدۇ .
_ ئەمىسە بۇ ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان  چىلاپ يىگىنىڭغۇ .. قىزنىڭ ساڭا مەيلى بارمۇ ؟
_ بۇنىمۇ بىلمەيمەن .  لىكىن مەن قارىسام ئۇنىڭمۇ ماڭا مەيلى باردەك ... قېنى ۋاقتى كەلسۇن ئانا . ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كىين ئۇنى  ئۆيگە باشلاپ كىلىمەن . مەندىن ئەمدى سۇئال سورىماڭ ، تامىقىمنى يەۋىلاي ،  قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى .
ئادىل تامىقىنى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى . ئانا ئوغلىغا بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ، سۈرەتنى ئېلىپ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
ئەتىسى ئادىلە ئەتىگەن ئورنىدىن تۇرۇپ تاماق ئىتىشكە باشلىدى . دادىسى ئويغاندا ئۇ تاماقنى ئىتىپ تەييار قىلىپ قويغانىدى . دادىسى ئەزەلدىن ئۆزى بۇيرىمىغىچە تاماق ئەتمەيدىغان ئادىلەنىڭ بۈگۈن باشقىچە بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ ھەيران قالدى .
_ بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى ، ئۆزۈڭگە ئوخشىمايلا قاپسەنغۇ ؟_ سورىدى دادىسى .
_ ھېچنىمە .. بۈگۈندىن باشلاپ باشقىچە ئادەم بۇلاي دەيمەن .
دادىسى ئادىلەنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئەجەبلەندى ، قۇشۇمىسى تۈرۈلۈپ چىرايىنى ۋەھىمىلىك بىر تۇيغۇلار قاپلىدى . لىكىن ئادىلە بۈگۈن دادىسىنىڭ ئاچچىقىنى يېنىغىمۇ ئېلىپ قويمىدى ، ئۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك دادىسىغا گەپ قىلغاندا ئىپادىلىنىدىغان نە تىترەش ، نە ھۇدۇقۇش ، چۈچۈش ئالامەتلىرى بولسۇن ،ئۇ دادىسىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_ دادا ، بۈگۈندىن باشلاپ مەن قەتىي نىيەتكە كىلىپ بولدۇم .
_ نىمىگە ؟
_ بۈگۈندىن باشلاپ مەن ئۇ ئىشتىن قول ئۈزىمەن !
_ نىمە دەۋاتىسەن ؟_ دادىسىنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىرىدى .
_ بۈگۈندىن ئىتىبارەن ئەمدى ئوغۇرلۇق قىلمەيمەن ، ئۇ ئىشتىن قەتئىي قول ئۈزىمەن .
دادىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ باشتا سەل چۈچىدى ،كىيىن ئادىلەنىڭ ئۆزىگە   يوغانچىلىق قىلىۋاتقىنىغا غەزىپى كەلدى -دە ،جان _جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى :
_ قېنى مەن ھايات بۇلاي ، سىنىڭ شۇ ئىشنى قىلمىغىنىڭنى بىر كۆرەي !
_ سىزگە پۇل كىرەكقۇ ، نەچچە يىللاردىن بېرى ئوغۇرلۇق قىلىپ سىزگە جىق پۇل تېپىپ بەردىم . سىز شۇ پۇللارنى يېتىپ تۇرۇپ خەجلىسىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم ئۇنداق يامان ئىشلارنى قىلماي تۇرۇپمۇ ، ھالال ئىشلەپ پۇل تاپسا كۈنلىرى تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆتمەمدۇ ؟...
ئادىلەنىڭ ئۆزىگە ئىش ئۈگۈتىۋاتقانىقىنى بىلىپ دادىسى زادىلا چىدىيالمىدى ،ئۇنىڭ بېقىنىغا شۇنداق قاتتىق بىر تەپتىكى ، ئادىلە چىرقىرغىنىچە گۈپپىدە يەرگە يىقىلدى . ئۇ بېرىپ تازا بىر دەسسىمەكچى بۇلۇۋىدى ، ئۇ چاققىچە ئادىلە ئورنىدىن ئىتتىك تۇرۇپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ ئىچىدىن ئىتىۋالدى . دادىسى ئىشىكنى جاراڭشىتىپ ئۇرىۋەردى ، ئادىلە بولسا ئىچىدە ئىشىكنى دۈمبىسى بىلەن تىرەپ يەردە ئولتۇرۋالدى . دادىسى ئاغزىنى قانچە بۇزۇپ تىللىسىمۇ ئۇ جاۋاب قايتۇرمىدى ، دادىسى ئاخىرى ھېرىپ ئولتۇردى . بايا ئادىلەنىڭ ‹‹نەچچە يىللاردىن بېرى ئوغۇرلۇق قىلىپ سىزگە جىق پۇل تېپىپ بەردىم . سىز شۇ پۇللارنى يېتىپ تۇرۇپ خەجلىسىڭىزمۇ يېتىپ ئاشىدۇ ›› دىگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە قايتا -قايتا ئەكس سادا بۇلۇپ ئاڭلىنىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ ئېيتقۇسىز بىر ئازابتىن ئىڭراپ تاشلىدى ...

نەرگىزەنىڭ  كۈنلىرى ئەخمەتنى سېغىنىش بىلەنلا ئۈتىۋاتاتتى . گەرچە ئەخمەت كۈندە تېلفۇن ئۇرۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا بالدۇرراق قايتىپ كىلىشىنى ئۈمۈد قىلىۋاتاتتى .
شەنبە ، ئەتىگەن ھاۋا ئىنتايىن ئۇچۇق ئىدى ،نەرگىزە ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ باغچىسىغا باردى . ئۇ ماتىرياللىرىغا قاراپ ئولتۇرغان بىلەن ، خىياللىرى ھەر تەرەپتە ئىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئەخمەتنىڭ  سىماسى گەۋدىلىنەتتى . ئۇ ئەخمەتنى  ھەقىقەتەن  ياخشى كۈرۈپ قالغان ئىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئوبرازىنى قەلبىدە يۇقىرى ئورۇنغا قۇياتتى .
- مەن بۇ يەردە دەڭ ، قاچان چىققان ئىدىڭىز ، مېنى چاقىرۋالسىڭىز بولمامدۇ ؟ ــ شەھىدە نەرگىزەنىڭ يېنىغا كىلىپ شۇنداق دېدى .  نەرگىزە  چۈچۈپ بېشىنى كۈتۈرۈپ شەھىدەنى  كۆردى .
- مەن چىققىلىمۇ ئۇزۇن بولمىدى ، مېنىڭ بۇ يەردە ئىكەنلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟
- ياتىقىڭىزغا كىرسەم يوق ئىكەنسىز ، شەھرىبان ياتاقتا تاپشۇرۇپ ئىشلەپ ئولتۇرۇپتىكەن ،  سىزنى سورىسام مۇشۇ يەردىمىكىن دىگەن ، قانداق ؟ يېنىڭىزغا كىلىشىم بىلەن چىرايىڭىز تۇتۇلۇپ قالدىغۇ ، مەن كىتەي بولمىسا ، ــ شەھىدە  شۇنداق دەپ مېڭىشقا تەمشەلدى .
- كۆڭلۈمنىڭ يېرىملىقىدا نىمانداق گەپ قىلىسىز ؟ مېنىڭ چىرايىم ئەخمەت  كەتكەندىن بېرى ئېچىلىپ باقمىدى . سىزنى كۈرۈپ تۇتۇلۇپ قالغان ئەمەس ..
- ۋاي –ۋۇي ،كۆڭلى نازۇك خېنىم ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ــ شەھىدە  گەپ قىلغاچ نەرگىزەنىڭ يېنىدا ئولتۇردى .
- سىزگە بىر گىپىم بار ، دىسەم بۇلامدۇ ؟
نەرگىزە ئەزەلدىن ئۆزىنى سەن دەيدىغان شەھىدەنىڭ بۈگۈن ئۇنىڭغا باشقىچە يېقىنچىلىق قىلىپ سىز دىيىشلىرىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلىپ ئۇنىڭغا ئېيتتى :
- ئېيتىشنى خالىسىڭىز ئېيتىڭ ، بولمىسا مەيلى  .
- مېنىڭ بىر دوستۇم بار ئىدى ، بىز بىلەن بىر يۇرتلۇق ، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا مەكتەپ تاماقخانىسدا شەھرىبان ئۈچەيلەننى كۈرۈپتىكەن . سىز بىلەن تۇنۇشقىسى بار ئىكەن ، شۇڭا مېنى ...
- ھەئە ، شۇڭا ئالدىنقى كۈنى ناتۇنۇش بىرسى ماڭا تېلفۇن قىلىپ يۈرۈپتىكەندە ، سىز بىرسىنىڭ تۇنۇشتۇرغۇچىسى ئەمەس ، شۇڭا بولدى قىلىڭ . ھەمدە ئۇ دوستىڭىزغا  مېنى تۇنۇشقۇسى يوق ئىكەن دەپ  ئېيتىپ قۇيۇڭ ..
شەھىدە  سۆزىنىڭ ئاخىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا نەرگىزەنىڭ  رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى . ئۇ ئۇنىڭ بۇنداق دىيىشىدىن ئاچچىقى كىلىپ  ئۇنى تازا تىللاپ -تىللاپ دەردىنى چىقىرۋالماقچى بولدى ، لىكىن ئۇ ئۇنداق قىلسا ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ تاپقان پىلانلىرىنىڭ يوققا چىقىدىغانلىقىنى ئويلاپ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى .
نەرگىزە  گەپ –سۆز قىلمىدى ، ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر سائەتكىچە گەپ قىلىشماي جىم –جىت ئولتۇرۇشتى .
- شەھىدە  !!!
نەرگىزە  بىلەن شەھىدە تەڭلا ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى .  پۇتىغا پارقىراپ تۇرىدىغان قارا شىبلىت ، ئۇچىسىغا قارا پادىچىلار شىمى ، ئۈستىگە سۇس سېرىق رەڭلىق قىسقا چاپان ، چاپىنىنىڭ ئىچىگە قىزىل مايكا كىيىۋالغان ، چاچلىرى قاپقارا بۇلۇپ كۆزلىرىگىچە چۈشۈپ تۇرغان ، چىرايى قارىغا مايىل كەلگەن ، ئۇرۇق ، ئوتتۇرا بوي ، كىلىشكەن بىر يىگىت ئۇلاردىن بەش قەدەمچە نېرىدا تۇراتتى .
- مەن بېرىپلا كىلەي ، ــ شەھىدە  شۇنداق دىگىنىچە يىگىتنىڭ يېنىغا ماڭدى . نەرگىزە  گەپ قىلماي ئۈگۈنۈش قىلىش ئۈچۈن ماتىرياللىرىغا قايتا قارىدى . لىكىن بايىقى شەھىدەنى  چاقىرغان يىگىت بىلەن شەھىدەنىڭ  ئارلاپ –ئارلاپ چىقىۋاتقان كۈلكىسى ئۇنىڭ دىققىتىنى چېچىپ تۇراتتى .
- ئولتۇرسام بۇلامدۇ ؟
نەرگىزە بېشىنى كۈتۈرمەي تۇرۇپلا  گەپ قىلغۇچىنىڭ بايىقى يىگىت ئىكەنلىكىنى بىلدى .   
- ئۇمىقىم ، سەل سۈرۈلۈپ ئولتۇرىڭە ، ــ شەھىدە  شوخلۇق بىلەن نەرگىزەنىڭ گەپ قىلىشىغا پۇرسەت بەرمەي شۇنداق دېدى . نەرگىزە سۈرۈلدى ، يېنىدا شەھىدە  ، شەھىدەنىڭ يېنىدا ھېلىقى يىگىت ئولتۇردى .
- سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي ، بۇ نەرگىزە  ، ھەممەيلەن نەرگىز دەپ چاقىرىدۇ ، مەن بىلەن بىر سىنىپتا ھەم مېنىڭ يېقىن دوستۇم . بۇياق رىيات  ، بىزدىن ئىككى يىل بۇرۇن كەلگەن ، تارىخ كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ، سېپى ئۈزىدىن تارىخچى   ، ــ شەھىدە سۈزىنى تۈگىتىپلا يىگىتكە كۆز قىسىپ قويدى .
نەرگىزە  ئۇنى سەزمەي ماتىريالىغا قاراپ بىر پەس ئولتۇردى . كىيىن ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن زىرىكىپ :
- مەن كىرىپ كىتەي ، ــ نەرگىزە  شۇنداق دىگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
- نەرگىزە  ...
شۇنداق مۇلايىملىق بىلەن چىققان يىگىتنىڭ بۇ ئاۋازى نەرگىزەنى  كەينىگە قاراشقا مەجبۇر قىلدى .
- يەنە بىر ئاز ئولتۇرسىڭىز قانداق ؟ ــ يىگىت شۇنداق سىلىق ، سىپايە سۆزلەيتتى .
- كەچۈرۈڭ ، سىرت بەك سوغۇق ،توڭلاپ كەتتىم  ، ياخشىسى ياتاققا كىرىپ ئارام ئالاي  ، كىيىنچىراق پاراڭلىشارمىز ...
- ئۇنداقتا مەيلى ، سىزنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايمەن ، خالىسىڭىز ماڭا تېلفۇن قىلىڭ .. ئالدىنقى كۈنى سىزگە تېلفۇن قىلغان نۇمۇر شۇ مىنىڭ نۇمۇرۇم ، ساقلىۋالارسىز .  پۇرسەت بولسا كۈرىشەرمىز ، خەير –خوش !
نەرگىزە  ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ياتىقىغا ماڭدى .   
   
يارقىن ئىشخانىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا ئادىلە ۋە دادىسى كىرىۋالغانىدى ، ئۇ شۇ كۈنى يۈز  بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ چوڭقۇر خىيالغا چۆمدى . ئادىلەنىڭ ئۈمۈد ۋە ئۈمۈدسىزلىك ئارلاشقان كۆزلىرى ، دادىسىنىڭ ھىيلىگەرلىك ، شۇملۇق چىقىپ تۇرىدىغان سىماسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا گەۋدىلەندى .
_ ئادىلە ماڭا ئۆز قىزىمدەكلا بىلىنىدۇ . ساڭا راست گەپنى قىلسام ئوغلۇم ئۇنىڭ دادىسنى مەن تۇنۇمايمەن ، ئاخشام ئادىلەنى قىيىن ئەھۋالغا قويماي دەپ ساڭا شۇنداق دەپ قويغانىدىم . سەن ماڭا ئادىلەنىڭ دادىسىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىر ئېنىقلاپ بەرگەن بولساڭ ..._ ئابلەت ساقچى يارقىنغا ئالتۇن زەنجىرنى بىرىۋىتىپ شۇنداق دىگەنىدى .
‹‹ ئەجىبا ئادىلە باشقىلارنىڭ يانچۇقىنى كولايدىغان ئوغرى ؟  ›› بۇ ئوي ئۇنىڭ كاللىسىغا كىلىشى بىلەن تەڭ ، بۇ ئويىدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كەتتى . لىكىن نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ مىڭىسىنى چىرمىۋالغانىدى . تۇنجى قېتىم ئادىلەنى دىسكۇخانىدا ئۇچرىتىشى ، يارقىننىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئادىلەنىڭ چۆچۈپ كىتىشى ، ئارقىدىنلا بىر قىزنىڭ ئالتۇن زەنجىرنى يوقىتىپ قۇيىشى ، ئادىلەنىڭ ئىش يۈز بەرگەندىن كىيىنلا غايىب بۇلىشى ، كىيىن دادىسىنىڭ ئالتۇن زەنجىر ئۈچۈن ئادىلەنى قاتتىق ئۇرۇشلىرى ...بۇ بىر قاتار ئىشلار ئۇنىڭ كاللىسىنى قاپاق قىلىۋەتكەنىدى .
  يارقىن يەنە چوڭقۇر خىيالغا پاتتى ، ئادىلە راستىنلا يانچۇقچىمىدۇ؟ ئۇ شۇلارنى ئويلاپ بىردىنلا ئۆزىنىڭ ئاخىرقى قارارىنى مۇئەييەنلەشتۈردى . شۇ ھامان ئابلەت ساقچىغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ ئادىلە سىزنىڭ قىزىڭىز ئىكەن دىگۈسى ، ئۇنى ھىجران ئازابىدىن قۇتۇلدۇرغۇسى كەلدى . لىكىن يەنە ئويلىنىپ بېقىپ ئىككىلىنىپ قالدى . ئۇ ئادىلەنى يانچۇقچى دەپ قىياس قىلىۋاتىدۇ خالاس ، لىكىن ئۇنىڭ راستىنلا ئابلەت ساقچىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىگە ھەم يانچۇقچى ئىكەنلىكىگە يىتەرلىك ئىسپات يوق . ھەرگىزمۇ ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كىرەك ، بۇ ئىشلارنى ئاۋۋال بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باقاي ، يارقىن كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلىغاندىن كىيىن ،ئادىلە بىلەن يۈز تۇرانە كۈرۈشۈپ ئۇنى سىناپ باقماقچى بولدى .
    ئادىلە بۈگۈن سىرتقا ئىش ئىزدەپ چىققانىدى ، لىكىن بىر كۈن بازار چۆرگىلەپمۇ كۆڭلىگە ياققۇدەك بىرەر ئىش تاپالمىدى . ئۇ ئۆيگە قايتىپ ماڭغان چاغدا ئاللىبۇرۇن زاۋال ۋاقتى بولغانىدى . ئۇ تار كوچىنىڭ ئىچىدە جىممىدە ئۆيىگە كىتىۋاتاتتى . ئۇ دادىسى بىلەن بىر تۇتۇشۇش نىيتىگە كەلگەن ، ئەگەر دادىسى ئۇنى يەنە مەجبۇرلىسا ،ساقچىغا بېرىپ ئۆزۈمنى مەلۇم قىلىمەن دىمەكچى بولغانىدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭلىدە قورقۇش ، غەم -قايغۇ دىگەندىن ئەسەرمۇ قالمىغان ، چۈنكى ئۇ ئۆزى تاللىغان تۇرمۇش يۇلىغا مېڭىش قارارىغا كەلگەنىدى .   
  ئادىلە ئىشىك ئالدىغا كىلىپ چۆچۈپ كەتتى ، ئىشىل ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا ساقچى كىيىمى كەيگەن بىرسى ئولتۇراتتى ، ئادىلە يېقىنلاپ ئۇنىڭ يارقىن ئىكەنلىكىنى بىلدى ھەم ئىختىيارسىز << يارقىن >> دەپ سالدى .
  يارقىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئادىلەگە سالام قىلىپ ،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ سورىدى :
_ بۈگۈن سىرتقا چىققانمىدىڭىز ؟
_ ھەئە .
_ دادىڭىزچۇ؟ ئۆيدە يوقمۇ ؟
_ بىلمەيمەن ، مىنىڭ ئەمدىلەتىن قايتىپ كەلگەنلىكىمنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟
_ مەن بۇ يەرگە كەلگىلى بىرەر سائەتتەك بۇلۇپ قالدى .
  _ نىمە ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىڭىز ؟
  _ ھېلىقى ئالتۇن زەنجىرنىڭ ئىشى بىلەن كەلگەن ،_ يارقىن شۇنداق دەپ كوچا چىراقلىرىنىڭ سۇس يۇرۇقىدىن پايدىلىنىپ ئادىلەنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى .
ئادىلە بۇ گەپنى ئاڭلاپ جىددىيلەشتى ،ئۇ ئۆزىنىڭ سۇس تىترەۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى . ئۇ بېشىنى كۆتۈردى ، ئىككىسىنىڭ كۆزى تۇقۇنۇشتى ، يارقىن ئۆزىنى كۈلكىگە زورلىدى .
_ تۇرۇپلا ئۇ ئالتۇن زەنجىر ئىسىڭىزگە كىلىپ قاپتىغۇ ؟_ سورىدى ئادىلە.
_ قايسى كۈنى دادىڭىز سىزنى شۇ ئالتۇن زەنجىر ئۈچۈن ئۇرغانمىدى ؟
ئادىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ يارقىننىڭ كۆزىگە يەنە بىر قېتىم تىكىلىپ قارىدى ، بۇ گەپ ئۇنىڭ كەيپىنى سەل بۇزغانىدى . ئۇ ئىشىك قۇلۇپىغا ئاچقۇچ سېلىۋىتىپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
_ ئۆيگە كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ قايتامسىز ياكى ؟
_ ياق ،_ دېدى يارقىن ،_ يەنە ساقچىغا بارىدىغان ئىشىم بار ، ناھايىتى مۇھىم بىر ئەنزە ماڭا قاراشلىق .
_ قانداق ئەنزە ؟ _ ئادىلە ئىىشكنى ئاچقاچ ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ بىر قىزنىڭ ئەنزىسى !
_ ئۇ قىز نىمە ئىش قىلىپتىكەن ؟
_ دىسكۇخانىدا بىر قىزنىڭ ئالتۇن زەنجىرىنى ئوغۇرلاۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قاپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ كەتتى .
_ نىمە ئويلاۋاتىسىز ؟_ يارقىن ئۇنى كۆزىتىۋاتاتتى .
_ ئۇ قىزنىڭ ئالتۇن زەنجىرىنى ئوغۇرلىشى بىلەن مېنىڭ ئالتۇن زەنجىرىمنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ ؟
__ ئۇ ..._يارقىن بىردىنلا گەپ تاپالماي سۆز تېمىسىنى باشقا ياققا بۇرىۋەتمەكچى بولدى ،_ مۇشۇ يېقىندا قىز يانچۇقچىلار كۆپىيىپ كىتىۋاتىدۇ . بىر قىز بالا ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ پەسكەش ئىش بولمايدۇ .
_ بەلكىم ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمايدىغاندۇ ؟ _ ئادىلە ئۇھسنىپ قويدى .
_ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلمىغاندۇ دەمسىز ؟ سىز بىر يانچۇقچىغا پۇلىنى ئوغۇرلىتىپ قويغان بىر قىزنىڭ نىمە كۈنگە قالغانلىقىنى بىلەمسىز ؟
_ نىمە بوپتۇ ؟
_ ئۇ قىز چەت يېزىدىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ، شەھەرگە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا ،مەكتەپكە تاپشۇردىغان پۇلىنى ئوغۇرغا بىرىپ قۇيۇپتۇ . ئۆيدىكىلىرىگە بۇ ئىشنى ئېيتالماي ، مەكتەپكە  پۇلۇمنى تۆلەيمەن دەپ ، باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن مېھمانخانىدا ئەر مېھمانلارنى كۈتۈپ پۇل تېپىپتۇ . كىيىن ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرىنى ئاتا -ئانىسى بىلىپ قاپتۇ .
_ كىيىنچۇ ؟
_ كىيىن بىچارە قىز بۇ نۇمۇسقا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ ، شۇ يانچۇقچى نىمىشقىمۇ ئويلىمايدىغاندۇ دەيمەن ، بىر كۈنى بولمىسا قانۇننىڭ تورىغا چۈشۈپ قالارمەن دەپ ...
ئادىلە زۇۋان سۈرمىدى ، يارقىن ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئوغۇرلۇقچە كۆزىتىۋىتىپ تۇيۇقسىز سۆزىنى يەنە باشقا ياققا بۇرىۋەتتى .
_ ۋاي ، نىمىلەرنى دىگىلى تۇردۇم  مەن ، شۇ ئالتۇن زەنجىرىنى يوقىتىپ قويغان قىزنىڭ يىغىسىنى كۈرۈپ سىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن كەلگەنىدىم . ماقۇل ئەمىسە ، مەن قايتاي ،_ يارقىن سۆزىنى تۈگىتىپ ئەمدى بىر نەچچە قەدەم مېڭىشىغا ئادىلە ئۇنى توختىتىۋالدى :
_ يارقىن ، توختاپ تۇرىڭە !
يارقىن بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى .
_ سىزگە بىر ئېغىز گىپىم بار ئىدى ، ئېيتسام ئەيىبكە بۇيرىمايدىغانسىز ؟
_ قېنى ئېيتىڭ ، مەن خاپا بۇلۇشتىن كىيىن تۇغۇلغان ،_ ئۇ شۇنداق دەپ ئادىلەگە قاراپ كۈلۈمسىردى .
- بۇنىڭدىن كىيىن مېنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسىڭىز...
- نىمە ؟ بۈگۈن مەندىن خاپا بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟
- ياق ، مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ..._ ئادىلە نىمە دىسە ياخشى بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەي سەل توختىۋالدى ،ئاندىن ئۇنىڭغا يالغاندىن تەبەسسۇم قىلىپ ئېيتتى :
_ ئىشقىلىپ  بۇندىن كىيىن مېنى ئىزدىمىگەن بولسىڭىز ، يەنە كىلىپ مېنىڭ ياخشى كۈرىدىغان يىگىتىم بار ، داداممۇ سىزنىڭ مېنى ئىزدەپ كىلىشىڭىزنى ياقتۇرمايدۇ .
يارقىن بۇنى ئاڭلاپ شۈكلەپ كەتتى ، ئادىلەنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە قاتتىق تەككەنىدى ، ئادىلەنىڭ بۇنداق دىيىشىنى زادىلا ئويلاپ باقمىغانىدى ، ئۇ بىر ھازا سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن يەنە چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈپ :
_ ئادىلە ، بۇ دىگىنىڭىزگە مەن ئىشەنمەيمەن ، مەندىن خاپا بۇلۇپ دەۋاتىسىز شۇنداقمۇ ؟ _ دىدى .
ئادىلە يەرگە قارىۋالدى .
_ ئادىلە مەيلى نىمە ئىش يۈز بەرسۇن ، سىز مېنىڭ نەزىرىمدە بىر ئاقكۈڭۈل ، پاك قىز ، يەنە كىلىپ ..._ يارقىن ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ ئېيتتى ،_ يەنە كىلىپ مەن سىزنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم !!!
ئادىلە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بۇلۇپ جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالدى ، كىيىن يارقىننىڭ دىگەن باشقا گەپلىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى ، يارقىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى .
ئادىلە ئۇنىڭ شۇنچە سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۆڭلىنى ئىزھار قىلغانلىقىدىن بەك سۆيۈنۈپ كەتتى . چۈنكى تۇنجى قېتىم بىر يىگىتنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى . ئۇ يارقىننىڭ سۆزىدىن مەستخۇش بۇلۇپ ،دادىسىنىڭ قايتىپ كىلىشىنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى  ، دەرھال ئۆيگە كىردى -دە ، كارۋاتتا ئوڭدىسىغا يېتىپ شىرىن خىيالغا پاتتى . يارقىننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دىگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن كەتمەيتتى ، ئۇ مەستخۇش ھالدا كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇ يالقۇنلۇق سۆزلەردىن ئاللىقانداق ئىللىق مىھىرنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كاللىسىغا باشقا بىر خىيال كەچتى : مۇشۇ گەپنى يارقىننىڭ ئەمەس ئادىلنىڭ دىيىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . ئەگەر بۈگۈن ئادىل ئۇنىڭغا مۇشۇ گەپلەرنى قىلغان بولسا ئۇ قانداق بۇلۇپ كىتەر ئىدى -ھە !
لىكىن بايا يارقىن ئۇنىڭغا ئېنىق قىلىپ يانچۇقچىلىق قىلىشنىڭ تۇلىمۇ پەسكەش ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى . ئادىلمۇ بىر ساقچى ، يەنە كىلىپ ئۇ دىگەن ساقچى باشلىقى ، قانۇننىڭ قوغدىغۇچىسى ، ئۇمۇ ئوخشاشلا يانچۇقچىلارنى تۇلىمۇ پەس كۆرىدۇ ، ئۆزى بولسا چۈشكۈنلۈككە پاتقان بىر جىنايەتچى ، بۇنى ئويلاپ ئۇ تەشۋىشكە چۈشتى .
<< راست ، بۈگۈن يارقىن باشقىچىلا بۇلۇپ قاپتۇ ، گەپلىرىمۇ تاقا -تۇقا  چىقىۋاتىدۇ ، بىردەم ئالتۇن زەنجىرنىڭ گىپىنى قىلسا بىردەم ئۇنىڭ -بۇنىڭ گەپلىرىنى قىلىۋاتىدۇ . ئەجىبا ئۇ مېنىڭ جىنايەت بىلەن بۇلغانغان ھاياتىمنى بىلىپ قالغانمىدۇ يا ...>> ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تىترەپ كەتتى ، ئەمدى ئۇنىڭ كاللىسىغا ھېچنىمە كىرمەيلا قالغانىدى .

_ نەرگىزە  ...!
شەھرىبان بىلەن چۈشلۈك تاماققا ماڭغان نەرگىزە  يەنە ھېلىقى مۇلايىملىق بىلەن چاقىرىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ  كەينىگە بۇرۇلدى .
- رىياتقۇ  سىز ، تاماققا ماڭدىڭىزمۇ ؟
- رەھمەت ، ئىسمىمنى ئۇنتۇپ قالماپسىز ، سىلەرمۇ تاماققا ماڭدىڭلارمۇ ؟ مەن مىھمان قىلاي ، تاماققا بىرگە چىقايلى .
- بولدى ئاۋارە بولماڭ ، بىز مەكتەپ تاماقخانىسىغا كىرىمىز .
- سىز ئۈچۈن ئاۋارە بۇلۇش مەن ئۈچۈن شەرەپ دەڭە . تۈزۈت قىلماڭ ، دوستىڭىزمۇ بىرگە چىقسۇن .
بىر نەچچە قېتىم تەكلىپ قىلىش ، رەت قىلىش بىلەن ئاخىرى ئۇلار بىرگە تاماققا چىقتى .  تاماقتىن كىيىن ئۇلار ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يان تەرىپىدىكى گۈللۈك باغچىدا پاراڭلىشىپ ئولتۇردى .
- سىزگە بىر نەرسە بەرمەكچى ئىدىم  ، ــ رىيات  شۇنداق دىگىنىچە يانچۇقىدىن بىرتال گۈللۈك كونۋىرتنى چىقىرىپ نەرگىزەگە ئۇزاتتى .
- بۇ نىمە ؟ ــ  نەرگىزە ھەيرانلىق بىلەن سورىدى .
- ھازىر ئاچماڭ ، كەچتە ئۇخلايدىغان ۋاقتىڭىزدا كۆرسىڭىز كېچىچە ياخشى ئۇخلىشىڭىز مۇمكىن .
نەرگىزە  كونۋىرتنى ئېلىپ يانچۇقىغا سالغاندىن كىيىن رىيات بىلەن خوشلىشىپ شەھرىبان بىلەن ياتاققا قايتتى.
  ۋاقىت ئۆتتى ، ناھايىتى تېزلا ئاسماننى بىر قەۋەت تۈن پەردىسى قاپلاپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك تەكراردىن چۈشىدىغان ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى .  نەرگىزە  تەكراردىن يېنىپ يۈز – كۆزلىرىنى يۇيىۋىتىپ ، خېلى ئۇزاققىچە ماتىريال كۈرۈپ ئاندىن كارۋىتىغا چىقتى . ئۇ ھەركۈنى دىگۈدەك ئەخمەتنى  ئويلايتتى ، بۈگۈنمۇ ئۇنى ئويلاپ ياتتى .   
‹‹ بۈگۈن ئەخمەتنىڭ  ئۆيىگە كەتكىنىگە ساق يىگىرمە كۈن بوپتۇ ، ئۇ ئىنگىلىزتىلى 4-درىجە ئىمتىھانى باشلىنىشتىن بۇرۇن  قايتىپ كىلىمەن دىگەن ئىدى . ئىمتىھان باشلىنىشقىمۇ  بىر ھەپتە قالدى ، بىراق ئۇنىڭغا نىمە بولغاندۇ  ؟ ئائىلىسىدە بىرەر ئىش چىقىپ قالمىغاندۇ ... ›› نەرگىزەنىڭ  خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقا –چىقمايلا كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار ياستۇقنى ھۆل قىلىشقا باشلىدى .
ئۇ ئەخمەتنى ئويلاۋىتىپ ، توساتتىن رىياتنىڭ  بۈگۈن بەرگەن كونۋىرتىنى ئىسىگە ئالدى ھەمدە كونۋىرتنى ئېلىپ يىرتتى . كونۋىرت ئىچىدىن بىر ۋاراق خەت چىقتى . نەرگىزە رىياتنىڭ  چۈشتە  كونۋىرت توغۇرلۇق دىگەن سۆزىنى ئەسلەپ ، خەتنىڭ مەزمۇنىغا قىزىقىپ خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدى ، خەت مۇنداق يېزىلغانىدى :
   ‹‹ ئەسسىلام ، تاڭدىكى پورەكلەپ ئېچىلغان خۇشپۇراق گۈلنى ئۆزىنىڭ بەرنا سۈپەت قەددى –قامىتىگە سىموۋول قىلغان ، گۈزەل پەرىشتە سۈپەت ئوماق نەرگىزە ، نەرگىز گۈلى  ! ياخشىمۇسىز ؟ ھازىر سىز يوتقاندىغۇ دەيمەن ؟ ھەقاچان پۈتۈن بەدىنىڭىزدىن چىققان ئىللىق ھارارەت يوتقىنىڭىزمۇ ئىسىتىۋەتكەندۇ ؟ مىنىڭ پەرىزىمچە سىز ئەخمەتنى  ئويلاپ ، ئاشۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭىزدىن ئۈنچىدەك ياشلىرىڭىزنى تۈكۈپ بۇلۇپ ، ئاندىن مېنىڭ خېتىمنى ئوقۇدىڭىز، شۇنداقمۇ ؟ نەرگىزە  ، مەن سىزنى ئوقۇغان كىتابلىرىم ئىچىدىكى تەسۋىرگە ئوخشاش بىر ئىپادىلەپ باقايمۇ ؟ خاپا بولمايسىز ھە ؟! ئەمىسە باشلىدىم ، ئاھ ، سۈيۈملۈكۈم نەرگىزە ، نەدە سەن ؟ سېنى بەك سېغىندىم . ھىلال ئايدەك قاشلىرىڭ ، ئويناقشىپ تۇرغان قارا كۆزلىرىڭ ، يا ئوقىدەك كىرپىكلىرىڭ ...
  ھاقاچان قاپاقلىرىڭىز تۈرۈلۈپ كەتتى ، خاپا بولماڭ ھە ، بولدى ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرماي ، بولمىسا چىقىپلا چاچلىرىمنى بۈدۈر قىلىۋەتمەڭ يەنە ...
  بولدى ، چاقچاقنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇراي ، كۈلدىڭىزمۇ ياكى خاپا بولدىڭىزمۇ ؟ ئەگەر كۈلگەن بولسىڭىز ، جاپا تارتىپ يازغان خېتىمنىڭ ئەجرى بىكارغا كەتمەپتۇ دەيمەن . خاپا بولغان بولسىڭىز سىزدىن  كەچۈرۈم سورايمەن . ھازىر ئۇيقۇڭىزمۇ كىلىپ قالغاندۇ ، ئۇنداقتا بالدۇر ئۇخلاپ ياخشى چۈش كۈرۈڭ ... ئەرزىمەس دوستىڭىز : رىياتتىن   . ››
  نەرگىزە خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپ باشتا سەل ئاچچىقلىغان بولسىمۇ ،كىيىن  كۈلۈپ كەتتى . كىيىن رىياتنىڭ  يازغان خېتىنى ئويلاپ  يېتىپ ، ئۆزىمۇ  سەزمىگەن ھالدا ئۇخلاپ قالدى.   
   
  كۈنلەر ناھايىتى ئاستا ئۈتىۋاتاتتى . قىشنىڭ سوغۇقى تېخىمۇ كۈچەيگەن بۇلۇپ ،سوغۇق كىشىنىڭ سۆڭەك -سۆڭەكلىرىدىن ئۆتەتتى . نەرگىزە رىيات بىلەن تۇنۇشقاندىن  كىيىن بىر نەچچە قېتىم تاماققا بىللە چىقتى . نەرگىزە  قەيەرگە بارسىلا  رىياتنى  ئۇچرىتىپ تۇراتتى ، ئۇ بەئەينى نەرگىزەنىڭ  سايىسىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى .
  رىيات  بىر كۈنى شەھىدەنى يالغۇز تاماققا تەكلىپ قىلدى ، ئۇلار تاماقتىن كىيىن بىر قەھۋەخانىغا  كىرىپ قەھۋە ئىچكەچ  پاراڭلاشتى .
- سىزگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتاي ، بۇنى سىز دەڭ ، مەن پەقەت بىلەلمىدىم ، سىز ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدىڭىز  ، ــ رىيات شۇنداق دىگەچ بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردى .
- ئەمىسە دەۋىرەي ، تارتىنمىدىم ھە .
- ئىككىمىز  ئوتتۇرسىدا تارتىنىش كەتمەيدۇ ، ئۇ  ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىر –بىرىمىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن بولغانغۇ ؟ مەن نەرگىزەنى  ياخشى كۆرىمەن ، سىز ماڭا ياردەم قىلىپ ، نەرگىزە  قەيەرگە بارسا تېلفۇنۇمغا ئۇچۇر يوللاپ ماڭا خەۋەر قىلىپ تۇردىڭىز . شۇڭا سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ .
- ئۇنداق قىلغىنىم پەقەت سىز ئۈچۈنلا ئەمەس ، ئۆزۈم ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلدىم . مېنىڭ ئەخمەتنى ياخشى كۈرىدىغىنىمنى بىلىسىز ، ئەگەر سىز نەرگىزەنى  قولغا كەلتۈرەلىسىڭىز ، ئۇ ھالدا ...
  شەھىدە  شۇنداق دەپ شوخلۇق بىلەن نەرگىزەگە  كۆزلىرىنى ئويناتتى .
- سىز نىمانداق رەزىل ، نەرگىزە سىزنىڭ يېقىن دوستىڭىزغۇ ؟
- نەرگىزەنىڭ يېقىن دوستۇم ئىكەنلىكىنى سىز بىلىپ تۇرۇپ ، مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆزىڭىز پىلانلىدىڭىز . يەنە مېنى ئەيىبلەيسىزغۇ ؟ ــ شەھىدە  دومسايغىنىچە باشقا ياققا قارىۋالدى .
- سىزنى چاقچاق كۆتۈرەلەيدۇ دەپ چاقچاق قىلسام ، سىزمۇزە ، خاپا بولماڭ بولدى ، بۇندىن كىيىن چاقچاق قىلماي  ، ــ رىياتمۇ شۇنداق دىگىنىچە قىيدىغاندەك يەنە بىر تال تاماكىغا ئوت تۇتاشتۇردى .
- ۋاي خۇدايىم ، سىز نىمىگە قىيدايسىز ئەمدى ؟ بولدى بۇ گەپلەرنى ئەمدى قىلىشمايلى ، ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسىنىلا قىلاي ، سىزگە تولا ئۇچۇر يوللاپ تېلفۇنۇمنىڭ پۇلى تۈگەي دەپ قالدى ، پۇل قاچىلىتىپ بىرىڭ .
- چاتاق يوق ، ھازىر بىللە چىقايلى .
ئۇلار ئورنىدىن تۇرىشى پەردە قايرىلىپ شەھرىبان  كىرىپ كەلدى ، ئۇ ئاچچىقتىن تىترەيتتى .
- شەھىدە ، رىيات ئىككىڭلار راستىنلا بەك رەزىل ئىكەنسىلەر ،نەرگىزە  سىلەرگە نىمە قىلغان ؟ ئۇ ئىككىڭلارنى دوست قاتارىدا كۆرگەننىڭ جازاسىمۇ بۇ ، ئىسست ...ئىسست ...نەرگىزەنىڭ  ساددىلىقىغا ، سىلەرنىڭ رەزىلىكىڭلارغا ئېچىنىۋاتىمەن  ، ــ شەھرىبان شۇنداق دىگىنىچە زەرپ بىلەن كەينىگە ئۆرۈلۈپ چىقىپ كەتتى . شەھىدە بىلەن رىيات جايىدا تۇرۇپلا قالدى .
- ئەمدى قانداق قىلاي ، ئۇ چۇقۇم نەرگىزەگە  دەيدۇ ، نەرگىزە بىلسە قانداق بۇلۇپ كىتەر ؟ ــ دېدى شەھىدە چوڭقۇر ئۇھسىنىپ .
- ئەنسىرمەڭ . ئەمدىلىكتە باشقىلارنىڭ ئاغزىدا ‹‹ رەزىل ›› دەپ ئاتالدۇق . ئەمدى ھەرقانچە ياخشى بولغىنىمىز بىلەن ، ئۇلار بىزنى ياخشى دىمەيدۇ . ‹‹ رەزىل ››لىكىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرايلى .
- قانداق دەيسىز ؟ ــ شەھىدە  چۈشەنمەي سورىدى .
- قۇلىقىڭىزغا دەي ، باشقىلار ئاڭلاپ قالمىسۇن ، ــ رىيات شۇنداق دىگىنىچە شەھىدەنىڭ  قۇلىقىغا بىر نىمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى .
- ياق ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ، ــ شەھىدە  ئارقىغا داجىپ شۇنداق دىدى .
- ئويلىنىپ بېقىڭ ، بىر قارارغا كەلگەندە ماڭا تېلفۇن قىلىڭ .
ئۇلار ياندىشىپ قەھۋەخانىدىن  چىقىشتى ھەمدە شەھىدەنىڭ  تېلفۇنىغا پۇل قاچىلىتىپ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىشتى .
  شەھرىبان قەھۋەخانىدىن چىقىپ خىيال بىلەن ئىنىستۇتقا قانداق كىلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى .  ئەسلىدە ئۇ باشقا ئىنىستۇتتا ئوقۇيدىغان بىر دوستى بىلەن كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ، سىرتتا توڭلاپ كىتىپ رىيات  بىلەن شەھىدە كىرگەن قەھۋەخانىغا،  يەنە كىلىپ ئۇلار ئولتۇرخاننىڭ ئايرىمخانىنىڭ يېنىدىكى ئايرىمخانىدا ئولتۇرغان ئىدى . كىيىن رىيات  بىلەن شەھىدەنىڭ قىلىشقان گەپ – سۆزلىرى شەھرىباننىڭ  قۇلىقىغا كىرىپ ، ئاخىرى شەھرىباننى ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى .
   شەھرىبان ئىنىستۇتقا كەلگەندىن كىيىن نەرگىزەنى  ئىزدەپ ياتاققا كىردى  . بىراق ئۇ ياتاقتا يوق ئىدى . شەھرىبان  ئامالسىز كارۋىتىدا سۇزۇلۇپ ياتقىنىچە خىيالغا چۆكتى . ئۇ شەھىدە  بىلەن رىياتنىڭ سۆزلىرىنى ئويلىغانچە بىئارام بۇلاتتى ھەم ئۇ ئىشلاردىن نەرگىزەنى  تېزراق خەۋەرلەندۈرۈشكە ئالدىرايتتى . دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ، نەرگىزە  ھەممىنى ئۇنتىغان ھالدا ئوغۇللار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا ئەخمەتنى  كۈتۈپ ئولتۇراتتى . چۈنكى ئەخمەت بۈگۈن ئەتىگەن  يۇرتىدىن قايتىپ كەلگەن بۇلۇپ ، نەرگىزەگە  تېلفۇن قىلىپ  مۇشۇ يەردە كۈرۈشۈشكە دىيىشكەن ئىدى .
  نەرگىزە ئىنتايىن جىددىيلىشىۋاتاتتى ، يۈرەكلىرى ھاياجاندىن قاتتىق سېلىپ تۇراتتى . ‹‹ ئەخمەت  بىلەن كۈرۈشسەم نىمە بۇلۇپ كىتەرمەن ؟ يىغلاپ تاشلارمەنمۇ ؟ ›› دىگەنلەرنى ئويلايتتى .
  ئەنە ئەخمەت ياتاقتىن چىقتى ، ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئازراق ياداپ قالغانىدى ھەم تۇلىمۇ روھسىز كۈرىنەتتى  .ئەخمەت نەرگىزەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن ھال –ئەھۋال سورىدى ، نەرگىزەنىڭ  كۆزلىرى لىق ياشقا تولغان بۇلۇپ ، ئاغزى سۆزگە كەلمەيۋاتاتتى .   
  ئۇلار خالىيراق جايغا بېرىپ ئولتۇردى ، نىمىشقىكىن ئۇلارنىڭ گەپ –سۆزلىرى ھېچ قولاشمايتتى. ئەمىلىيەتتە ئەخمەتمۇ ،نەرگىزەمۇ ھەر ئىككىلىسى بىر –بىرىنى شۇنداق سېغىنىشقانىدى . قىشنىڭ قاتتىق  سوغۇقى بۇ بىر جۈپلەرگە دەخلى يەتكۈزۈپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ سۆھبىتى كۆڭۈلسىز ئاخىرلىشىپ ئۆز ياتاقلىرىغا قايتىشتى .
ئارىدا نەچچە كۈن كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئۈتۈپ كەتتى .
- نەرگىزە ، ئەخمەت  سىزنى چوڭ مەيدانغا چىقسۇن دەيدۇ ، ــ شەھىدە  شۇنداق دىگىنىچە نەرگىزەنىڭ  يېنىغا كەلدى .
- بىراق دەرسكە كىرىشكە ئاز قالغان تۇرسا ؟ ...
- سىز چىقىۋىرىڭ ، مەن سىنىپ باشلىقىغا سىزنى مىجەزى يوقكەن ، دوختۇرخانىغا چىقىپ كەتتى ، دەپ قۇياي ... ــ دېدى شەھىدە  .
- ئۇنداقتا ، مەن چىقىۋىرەي ، رەھمەت سىزگە ، ــ نەرگىزە  شۇنداق دەپ ماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرۇپ .ئەخمەت بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى .
ئەزەلدىن تاماكا چەكمەيدىغان ئەخمەت  تاماكا چەككىنىچە نەرگىزەنى  كۈتۈپ تۇراتتى ، نەرگىزە ئەخمەتنىڭ  يېنىغا كەلدى .
- بىزگە دەرس بار ئىدى ... ــ نەرگىزەنىڭ سۆزلىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا چاڭ –چۇڭ قىلىپ تەككەن تەستەك نەرگىزەنى  بىر نەچچە قەدەم كەينىگە داجىتىۋەتتى .  نەرگىزە  ھەيرانلىقتىن ئەخمەتنىڭ  كۆزلىرىگە تىكىلدى . ئۇنىڭ ئىككى مەڭزىگە بەش بارماقنىڭ تامغىسى ئۇرۇلغان ئىدى، كۆزلىرى بولسا لىق ياشقا تولغانىدى ...
- ئەخمەت  ، سىز نىمانداق رەھىمىسز ،مەن ئالدىڭىزدا نىمە ئىشنى خاتا قىلدىم ؟ ــ نەرگىزەنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا يەنە چاڭ –چۇڭ قىلىپ تەستەك بىلەن ئاران تۇرغان نەرگىزە  يەرگە يىقىلىپ چۈشتى .  ئەخمەت نەرگىزە  يىقىلىپ چۈشكەن يەرگە يېقىنلىشىپ :
- سەندەك ئىپلاس ، پەسكەش قىزنى تۇنجى قېتىم ئۇچرىتىشىم . سەن بەل رەزىل ئىكەنسەن ، مېنى نىمە كۈرۈپ قالدىڭ ؟ يۇمشاق باشكەن دەپ ئويلاپ قالدىڭمۇ ؟  ــ ئەخمەت نەرگىزەنىڭ  باش تەرىپىدە زوڭزىيىپ ئولتۇردى .
- بىلەمسەن ؟  مېنىڭ تۇنجى قېتىم ياخشى كۆرگەن ئادىمىم سەن ئىدىڭ . بىراق سەن  ماڭا قانائەت قىلماي يەنە باشقا بىرسى بىلەن يەنە كىلىپ بىر يۇرتلۇقۇڭ بىلەن  بىلەن يۈرۈپسەن ؟ سەندە ۋىجدان دىگەن نەرسە بارمۇ ؟
- ياق ئەخمەت  ، سىز خاتا چۈشىنىپ قاپسىز ... ـ نەرگىزە  چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق دىيىشىگە ئەخمەت  يەنە ئۇنىڭ سۆزلىشىگە پۇرسەت بەرمىدى .
- يەنە ياق دەيسەنغۇ ؟ ئەھۋال مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن تۇرسا يەنە نىمىنى چۈشەندۈرەتتىڭ ؟  تېخى ماڭا تېلفۇندا << سىزنى ئۇنداق سېغىندىم ، بۇنداق سېغىندىم ، تېز قايتىپ كىلىڭ >> دەپ مېنى ئالداپ يۈرۈپسەن ....ھەقاچان ‹‹ سىز يوق ۋاقىتتا زىرىكىپ ...›› . بولدى ، مەن دىگەن ئوغۇل بالا ، ئۇنىڭ بىلەن سېنى تالىشىپ ئولتۇرمايمەن ، ئۇنىڭ بىلەن يۈرۈپ ئوبدان قېنىۋالارسەن !
ئەخمەت  سۆزىنى تۈگىتىپ يەرگە قاتتىق دەسسىگىنىچە كىتىپ قالدى .
‹‹ بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ ؟ مېنى ئۇرغان ئەخمەت  ئەمەستۇ ؟ ...›› نەرگىزەگە بايا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى چۈشتەكلا تۇيۇلاتتى . ئۇ توپا يەردە ياتقىنىنى ئەسلا ئىسىگە ئېلىپ قويمايتتى . قاتتىق سوغۇق ئۇنىڭ بەدەن -بەدەنلىرىگە ئۇرۇلۇپ ئۇنى ھالسىزلاندۇردى . تۇيۇقسىز نەرگىزەنىڭ  كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشقاندەك بۇلۇپ ، خۇددىنى بىلمەي قالدى  .
دەرس ۋاقتىدا شەھرىبان  سىنىپ باشلىقىنىڭ ‹‹ نەرگىزەنىڭ  مىجەزى يوق ›› دىگەن گىپىنى  ئاڭلاپ بىر سائەت دەرستىن چۈشۈپلا ، نەرگىزەنى ئىزدەپ ياتاققا ماڭدى ، ئۇ تېزراق بېرىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى ، چىقتىيۇ ، توپا يەردە بىر قىزنىڭ ياتقىنىنى كۈرۈپ ، قىزنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ باردى . ئۇ قىزنىڭ يېنىغا بېرىپ قىزنى كۈرۈپلا چۈچۈپ كەتتى .
- نەرگىزە  ...نەرگىزە  ...نىمە بولدۇڭ ؟ كۈزۈڭنى ئاچقىنە ؟ زادى نىمە بولدۇڭ ؟
شەھرىبان نەرگىزەنى ھۇشىغا كەلتۈرەلمەي ، ئۇنى يۆلەپ ماڭماقچى بولدى . بىراق نەرگىزەنى  يۆلەشكە كۈچى يەتمىدى . ئۇ ئامال يوق سىنىپتىكى بىر ئوغۇل ساۋاقدىشىغا تېلفۇن بەردى . مىنۇت ئۆتمەي ساۋاقدىشى چىقتى . ئۇلار نەرگىزەنى  كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى .
خېلى ئۇزۇندىن كىيىن نەرگىزە ھۇشىغا كەلدى ، ئۇ ھۇشىغا كىلىپلا يىغلاشقا باشلىدى .  شەھرىبان توختىماي ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتەتتى . نەرگىزەنىڭ  يىغىسى بىر ئاز پەسلىگەندە  شەھرىبان  نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى سورىدى .   
نەرگىزە يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى بايان قىلدى . شەھرىبان نەرگىزەنىڭ  سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ توسقىنىغا  قارىماي ئەخمەتنى  ئىزدەپ چىقىپ كەتتى ھەمدە ئەخمەتنى  ۋاسكىتبول مەيدانىدىن تاپتى .
- ئەخمەت  ، بۇ قىلغىنىڭىزنىڭ بەك چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلمىدىڭىزمۇ ؟
- مىنىڭ قىلغىنىم توغرا ، ــ دىدى ئەخمەت پەرۋاسىز قىياپەتتە .
- سىزمۇ بەك رەھىمسىز ئىكەنسىز ، ھەقاچان نەرگىزەنى  باشقا بىرى بىلەن يۈردى دەپ شەھىدە  ئېيتتىغۇ دەيمەن ؟ ــ دېدى شەھرىبان مەسخىرلىك كۈلۈپ .
باياتىن بېرى پەرۋاسىز ھالەتتە تۇرغان ئەخمەت شەھرىباننىڭ  سۆزىنى ئاڭلاپ جىددى سورىدى :
- سىز نەدىن بىلىسىز ؟ ماڭا ئۇ گەپلەرنى شەھىدەنىڭ  دىگىنىنى ؟
- ھا...ھا...ھا...سىزنى ھەممىمىز بەك ئەقىللىق  دەپ ماختايتتۇق ، ئەمىلىيەتتە سىز بەكلا دۆت ئىكەنسىز ؟
ئەخمەت تېخىمۇ ھەيران بولدى .
- شەھىدە  بىلەن رىياتنىڭ نەرگىزەگە  قانداق قىلغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلاشقانلىقىنى مەن ئاڭلاپ قالغان . چۈنكى شەھىدە  سىزنى ياخشى كۆرىدىكەن ، رىيات بولسا نەرگىزەنى  ياخشى كۆرىدىكەن . نەرگىزە  ئىككىڭلار ئايرىلىپ كەتسەڭلار ئۇلارغا پايدا ئەمەسمۇ ؟
شەھىدەنىڭ  بۇ سۆزلىرىدىن كىيىن ئەخمەتنىڭ  مۇشتلىرى چىڭ تۈگۈلدى .
- مەنمۇ ئادەممۇ ؟ ... ــ ئەخمەت  توختىماي سۆزلەيتتى ، ــ ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزنىڭ  چۈشەندۈرۈشلىرىگە پەرۋا قىلماي ئۇنى ئۇردۇمغۇ ؟ نىمىشقا ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىزغا ئىشەنمەي باشقىلارغا ئىشەنگەندىمەن ؟ نەرگىزە  مېنى كەچۈرەرمۇ ؟ ...
- نەرگىزە سىزنى ياخشى كۈرەتتى . بىراق سىز ئۇنىڭغا ئىشەنمەي باشقىلارنىڭ گەپ –سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەردىڭىز ، بىلەمسىز ئۇ ھازىر دوختۇرخانىدا ...
- نىمە ؟ دوختۇرخانىدا دىدىڭىزمۇ ؟ ــ ئەخمەت  شۇنداق دىگىنىچە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى .
- ئىشەنمىسىڭىز مەيلى ، مەن قايتاي ، نەرگىزەگە  قارىمىسام بولمايدۇ ...
شەھرىبان  كەتتى ، ئەخمەت  ئۆزى يالغۇز باشلىرىنى قاماللىغىنىچە ئولتۇراتتى .ھاۋا تېخىمۇ سوۋۇشقا باشلىدى ...
ئەخمەت ھېچنىمىنى سەزمىگەن ھالدا توختىماي ئۆز –ئۆزىگە سۆزلەيتتى .
‹‹ مەن نىمانداق دۆت ، نىمىشقا نەرگىزەگە  قول تەككۈزدۈم ؟ ئۇ ئەمدى مېنى كەچۈرەرمۇ ؟ نەرگىزە بولمىسا مېنىڭ تۇرمۇشۇم قانداقمۇ خۇشال ئۆتىدۇ ؟ ...نەرگىزە ، مېنى كەچۈرۈڭ . مەن خاتا قىلدىم ، ئەسلى ئۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى ، سىزدىن كەچۈرۈم سورىسام مېنى كەچۈرەرسىزمۇ ؟ ...››
ئەخمەت جىددىي بىر قارارغا كەلگەندەك تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ دوختۇرخانا تەرەپكە ماڭدى .
ئەخمەت بىردەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرۈپ  نەرگىزە  ياتقان ياتاققا كىردى ، نەرگىزە ، شەھرىبان  ھەر ئىككەيلەن ئۇخلاپ قالغانىدى . ئەخمەت  تىۋىش چىقارماي ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ شەھرىباننى  ئويغاتتى .
- ماڭا ياردەم قىلىڭ ، سىز ياتاققا چىقىپ ئارام ئېلىڭ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كەچمۇ كىرىپ قالدى ، نەرگىزەگە مەن قاراي ، ــ دېدى ئەخمەت  پەس ئاۋازدا .
- ئۇنداقتا نەرگىزەنى  سىزگە تاپشۇردۇم ، ــ شەھرىبان شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى .
ئەخمەت نەرگىزەگە قاراپ ئولتۇراتتى . ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ياتاققا چۈشكەن يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇق بىلەن ئالماشتى ، بۇنىڭ بىلەن ياتاق ئىچى سۈرلۈك تۈسكە كىردى .
ئەخمەت نەرگىزەنى  ئويغانسا چۈچۈپ كەتمىسۇن دەپ ، توك چىراقنى ياندۇرۇپ قويدى . بىر چاغدا نەرگىزە  ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ، ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان ئەخمەتنى  كۈرۈپ تېزلا بېشىنى باشقا ياققا بۇرىۋالدى .
ئەخمەت  سۆزلىرىنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي بىر ھازاغىچە تېڭىرقاپ تۇرۇپ قالدى .
- چىقىپ كېتىڭ !!!
ئەخمەت  تۇيۇقسىزلا نەرگىزەنىڭ  بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى . نەرگىزەنىڭ  پۈتۈن بەدىنى يىنىك سىلكىنىپ تۇراتتى ، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يىغلاۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى .
ئەخمەت  تەسلىكتە جۈرئەتكە كىلىپ سۆزىنى باشلىدى .
- نەرگىز  ...ياق نەرگىزە  ،كەچۈرۈڭ . مەن خاتا قىلدىم ، مەن باشقىلارنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ كىتىپتىمەن . مېنى كەچۈرۈڭ ،مۇشۇ بىر قېتىم پۇرسەت بىرىڭ ...
ئەخمەتنىڭ  سۆزى ئاخىرلاشماي تۇرۇپ نەرگىزە  چاچراپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن قىزارغان ، يۈزلىرى بولسا ئىشىپ كەتكەنىدى .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ  بۇ ھالىتىنى كۈرۈپ چىداپ تۇرالماي نەرگىزەنى ئۈزىگە تارتىپ چىڭ قۇچاغلىدى .
- كەچۈرۈڭ ، مەن ئادەم ئەمەس ، مېنى تىللاڭ ، ئۇرۇڭ ، نىمە قىلسىڭىز مەن رازى ، سۈيگۈنۈمگە ئىشەنمەي باشقىلارغا ئىشەنگەن ئادەم مەن بولغاندىكىن مىنى نىمە قىلىۋەتسىڭىز ئەرزىيدۇ ...
ئەخمەتنىڭ  ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى .
نەرگىزەمۇ  ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يەنە يىغلاپ تاشلىدى .
- بىلەمسىز ؟ مەن سىزنى...ياخشى كۈرەتتىم ...بىراق ...بىراق ...سىز مېنىڭ سۆيگۈمدىن گۇمان قىلدىڭىز ...باشقىلارنىڭ سۈزىگە ئىشىنىپ ...مېنى ئۇردىڭىز ...مېنى تۇنجى بۇلۇپ سۆيگەن ئادەممۇ سىز ...تۇنجى بۇلۇپ ئۇرغان ئادەممۇ سىز ...ئاشۇ قوللىرىڭىز بىلەن مېنى قۇچاغلىغان ئىدىڭىز ...ئەجەبا ...بۈگۈنگە كەلگەندە ئاشۇ قوللىرىڭىزنى ...مېنى قۇچاغلاش ئۈچۈن ئەمەس...بەلكى ...مېنى ئۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈردىڭىز ...بوپتۇ . ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات دەي ...سىزنى كەچۈرۋىتەي ...بىراق...بۇنىڭدىن كىيىن يەنە ماڭا ئىشەنمەي ...باشقىلارغا ئىشىنىپ يۈرسىڭىز ...سىزگە ئىككىنچى قارىمايمەن ....
-رەھمەت ، سىزگە رەھمەت نەرگىزە ، بۇنىڭدىن كىيىن ھەرگىز ئۇنداق ئىش بولمايدۇ ، ــ دېدى ئەخمەت نەرگىزەنى  تېخىمۇ چىڭ قۇچاغلاپ .
ئارلىقتا ئىككى كۈن ئۆتتى ،  قۇياش پارلاپ چىققان ، ھاۋا باشقا كۈندىكىدىن سەل ئىسىپ قالغان كۈندە نەرگىزە دوختۇرخانىدىن چىقتى . ئۇ ئىككى كۈن ئىچىدىلا خېلىلا جۈدەپ قالغانىدى .
نەرگىزە  ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ شەھرىبان  بىلەن قىزلار ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .   
- نەرگىزە . ساڭا شەھىدە ، رىياتلار  توغۇرلۇق بىر ئىشىنى ئېيتاي دىگەن ،ـ شەھرىبان  چاي قۇيغاچ شۇنداق دىدى .
- بولدى ، مەيلى ياخشى ئىش بولسۇن ياكى يامان ئىش بولسۇن ، ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى. ئەڭ ياخشىسى ئېيتمايلا قوي ...
-لىكىن ...
-لىكىن –پىكىن دىگەنلىرىڭنى قوي ، مەن دىدىمغۇ ھەممىسى ئۈتۈپ كەتتى .
شەھرىبان نەرگىزەنىڭ  كەسكىن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۈك بۇلۇپ قالدى .

قالايمىقان خىياللار  ئىچىدە ئىدارىگە كىتىۋاتقان ئادىلنىڭ كاللىسىغا تۇرۇپلا يەنە ئادىلە كىرىۋالدى . ئۇ ئادىلەنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلغانىدى ، لىكىن ئادىلەنىڭ رەت قىلىۋىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى . ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا قانداق يۇسۇندا ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشمۇ بىر مەسلە بۇلۇپ قالغانىدى . ئادىلەنى ئويلاپ ئۇنىڭ يۈرىكى لەززەتلىك ھىسلارغا چۈمۈلدى .
   ئۇ ئىدارىگە كلىپ ئىشخانىسىغا مېڭىۋىتىپ ،تۇيۇقسىز كارىدۇردا ناھايىتى تۇنۇش بىر سىمانى كۈرۈپ قالدى . ئۇ ئادىلە ئىدى ، قارىماققا ئۇ ناھايىتى خىيالچان كۈرىنەتتى . ئادىلەمۇ بۇرۇلۇپ ئادىلغا قارىدى ، ئىككىيلەن بىر -بىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى .
  _ بىر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭىز ، ئادىلە ؟
ئۇ ئادىلنىڭ سۇئالىغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرماي ، بېشىنى يەرگە ئىگىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تەشۋىش ، قورقۇنچقا ئوخشاش ئۇچقۇنلار چاچراپ تۇراتتى ، ئادىلە ئۇنىڭ سىرتتا گەپ قىلىشنى ئەپسىز كۈرىۋاتقانلىقىنى سىزىپ ، ئۇنى ئىشخانىسىغا كىرىشكە شەرەت قىلدى . ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قۇرۇنۇپ ماڭدى .
ئادىل ئۈستەلگە تىرىنىپ ،ئادىلە تەرەپكە بۇرۇلۇپ :
_خوش ،_ دېدى ،- ئەمدى دەڭ ، نىمە ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىڭىز ؟
_مەن ...مەن ...مەن جىنايىتىمگە جازا بىرىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم .
_ نىمە جىنايەت ؟ نىمە جىنايىتىڭىزگە ؟
_ ئادىل ، ياق ....باش ساقچى ، مەن ...مەن ...مەن بىر ..._ ئۇ دۇدۇقلاپ كەتتى ، ئاۋازىمۇ بەك تىترەپ كەتكەنىدى .
_ ئېيتڭ ، ئېيتىڭ ، نىمە دىمەكچى ئىدىڭىز ؟
_ مەن...مەن بىر ئوغرى ، خەقنىڭ يانچۇقىنى كولايدىغان يانچۇقچى !_ ئۇ ئاخىرى دەۋەتتى ، دېدىيۇ ، ئادىلنىڭ كۆزىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمەي چەتكە قارىۋالدى .
ئادىل  بۇ تۇيۇقسىز بولغان ئىشلاردىن گاڭگىراپ قالدى ، ئۇ ئەلەم -پۇشايمان ئىسكەنجىسىدە قىينىلىپ بارمىقىنى چىشلەپ تۇرغان ئادىلەگە ئۈنسىز قاراپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئىزچىل ئادىلەنى يۈرىكىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئورنىغا قۇيۇپ كەلگەنىدى ، لىكىن ئادىلە ئۆزى ئۆز ئاغزى بىلەن بۇ گەپلەرنى دەۋاتقان چاغدا ، ئادىلنىڭ يۈرىكى خۇددى پىچاق يىگەندەك بۇلۇپ كەتتى. ئار -نۇمۇس يۇشۇرۇپ كىلىۋاتقان سىر -مەخپىيەت ئاخىرى ئادىلە تەرىپىدىن ئېچىۋىتىلگەنىدى . ئۇ يارقىن بىلەن كۈرىشكەن ئاخشامدىن بۇيان كۆپ ئويلانغان ، ئاخىرى  مۇشۇنداق قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنىدى ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزىگە يۈز كىلەلەيدىغانلىقىنى ھىس قىلغانىدى ..ئۇ ئادىلنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى ئۆز قۇلى بىلەن ۋەيران قىلدى ، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان ھېچنىمە قالمىدى . ئادىل ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغانىدى ، ئۇ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى : بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟ ئادىلەگە زاد نىمە بۇلدى ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ كەلدى ؟ زادى نىمە سەۋەپ ئۇنى مۇشۇنداق بۇلۇشقا مەجبۇر قىلدى ؟
ئادىلە تىترىگەن ئاۋاز بىلەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى :
_ ئادىل ، سىز مېنىڭ ئوغرىلىقىمغا ئىشەنمەيۋاتامسىز ؟
_ ئادىلە ، مەن ...
  _ مەن بىر جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان يانچۇقچى ، بۈگۈن ئالدىڭىزغا جىنايىتىمگە جازا كۈرىشىڭىزنى ئىلتىماس قىلىپ كەلدىم ، مېنى ئۆز قۇلىڭىز بىلەن قولغا ئېلىڭ .
ئادىل بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ چاقچاق قىلمايۋاتقانلىقىنى ، ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى چىن يۈرىكىدىن چىقىرىپ دەۋاتقانلىقىنى بىلدى.
_ قولغا ئالسام نىمە ئىش بولماقچى ؟
_ مەن جىنايىتىمنى يۇيىمەن .
_ لىكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن .
_ نىمىشقا ؟
- سىز ئۆزىڭىزنى جىنايەتچى دەپ كەلگىنىڭىز بىلەن بۇ بىزنىڭ سىزنى قولغا ئېلىشىمىزغا دەلىل ئىسپات بۇلالمايدۇ .
ئادىلە جىمىپ كەتتى .
_ ھەرقانداق جىنايى قىلمىشقا نىسبەتەن بىزدە دەلىل ئىسپات بۇلىشى كىرەك ،_ئادىل سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ،_ جىنايى ئىشلار قانۇنى گەرچە رەھمىسز بولسىمۇ ، لىكىن بىر ئادەمنى قولغا ئېلىشتا ئۇ ئەقلىي يەكۈن ۋە ئىقراردىن باشقا ، تېخىمۇ مۇھىمى ئېنىق بىر دەلىل -ئىسپاتنىڭ بۇلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
_ ماقۇل ئەمىسە ، مەن سىزگە دەلىل -ئىسپات تېپىپ بىرەي ،_ ئادىلە شۇنداق دېدى -دە، ئادىلغا ئۆتكۈر نەزەر بىلەن بىر قارۋىتىپ بۇرۇلۇپلا ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى .ئادىل ئۇنى چاقىرۋالماقچى بۇلىۋىدى ، ئۇ كەينىگە قايرىلىپمۇ قويماي كەتتى . ئادىل پەرىشان ھالدا بارماقلىرىنى ئۈستەلگە چەككىنىچە تۇرۇپ قالدى .
ئادىلە ساقچى ئىدارىسىدىن چىقىپلا ئۇدۇل ئۆيىگە يۈگۈردى . ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلگەندىلا ئەتىگەن ئالدىراشچىلىقتا ئاچقۇچنى ئۆي ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلدى ، دادىسى ئىككى كۈندىن بېرى ئۆيگە كەلمىگەنىدى .
ھاۋا تۇلىمۇ سوغۇق ئىدى  ، ئۇ  ئىشىك ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ چوڭقۇر خىيالغا چۈمۈپ ئولتۇراتتى ، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى ئاجىز ، بەختسىز ، خۇددى شېغىدىن ئايرىلىپ يوللاردا ئۇچۇپ يۈرگەن ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا دەسسىلىۋاتقان كۈز يۈپۈرمىقىدەك ھىس قىلاتتى .
  تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاياغ تىۋىشى ئۇنى خىيال قۇچىقىدىن ئويغاتتى . ئۇ بېشىنى كۆتۈردى ، ئۇنىڭ ئالدىدا يارقىن تۇراتتى . ئۇنى كۈرۈپ ئادىلە تېخىمۇ مىسكىنلىشىپ كەتتى  . ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا  سالام قىلىپ يەنە ئورنىدا ئولتۇردى.
ـ بۇ  سوغۇقتا ئۆيدە ئولتۇرماي نىمە ئىشىك ئالدىغا چىقىۋالدىڭىز  ؟ ـ يارقىن ئۇنىڭ ھەسرەت –نادامەت يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىگە تىكىلىپ سورىدى .
ـ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇشتىن زىرىكتىم ، شۇڭا ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يولدا ئۆتكەن –كەچكەنلەرگە قاراپ ئولتۇرىۋاتىمەن .
  ـ بۇنداق سوغۇقتا سىرتتا ئولتۇرسىڭىز ئاغرىپ قالىسىز ،ـ دېدى يارقىن ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ،ـ سىزگە بىر ئېغىز گىپىم بار ئىدى .
ـ قېنى دەڭ ...
  سىز ئۆتكەن ماڭا ئىش ئىزدەۋاتىمەن دىگەن ئىدىڭىز ، نىمىشقا بىرەر ئىش تېپىپ ئىشلىمەيسىز ؟
ـ مەن سىزگە قايتا دەپ ئولتۇرمىساممۇ سىز مىنىڭ بىر يانچۇقچى قىز ئىكەنلىكىمنى بىلىپ بولدىڭىز ، سىزگە دىسەم ، مەن زادى نىمە قىلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن . ئىش تاپاي دىسەم ،ھەممە ئادەم ماڭا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراپ تۇرىۋاتسا ...
ـ ئۇنداقتا ئوبدانراق خەقلەرنىڭ بالىسىنى بېقىپ بەرسىڭىزچۇ ؟
ـ مەن ...مەن ئۇنداقلارنى قانداق تاپىمەن .
ـ  مەن سىزگە بۇ ئىشنى ئۇقىشىپ بەرسەم قىلىشنى خالامسىز ؟
ئادىلە خۇشال بۇلۇپ بېشىنى لىڭىشتتى . يارقىن ئۇنىڭ بۇ خۇشال بولغاندىكى گۈزەل رۇخسارىغا مەپتۇنلارچە قاراپ قالغانىدى . تۇيۇقسىز  يەنە بىر ئاياغ تىۋىشى ئاڭلاندى  ، ئىككىلىسى بېشىنى كۈتۈرۈپ قارىدى . ساقچى باشلىقى ئادىل ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ قالغانىدى ، بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىشتىن ئادىلە ھەيران بۇلۇپ ئاغزىنى ئېچىۋىپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى  .
ـ ۋوي ، يارقىنغۇ سەن ؟ _  ئادىل يارقىن بىلەن كۈرىشگەچ ئۇنىڭدىن سورىدى .
ـ بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىز قىزىق ... سىنىڭ ساقچى باشلىقى بۇلۇپ كەتكەنلىكىڭنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ، لىكىن بىر يەردە تۇرۇپمۇ كۈرىشەلمەي ئەمدى بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىزنى ... -يارقىن ئۇنىڭغا جاۋاب بىرىپ كۈلۈپ قويدى .
شۇ تاپتا ئادىلە ئۈنچىقماي ئولتۇرۇپ يەردە بېشىنى سېلىپ تۇراتتى . ئۇ ئادىلنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىنى قىياس قىلىۋاتاتتى ، ئۇ چۇقۇم مېنى قولغا ئالغىلى كەلگەن بۇلىشى مۇمكىن ...ئۇ شۇلارنى ئويلاپ چۆچۈپ كەتتى . ئۇ تېخى بايىلا  ئۆزى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ جىنايىتىگە جازا بىرىشىنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ بۇنچە تېزلا ئۆزىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كىلىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدى .
ـ بۇ يەرگە نىمە ئىش بىلەن كەلگەن ئىدىڭ ؟ ـ ئادىل يارقىندىن سوردى .
ـ ئادىلە  بىلەن ئىككىمىز تۇلۇق ئوتتۇرىدا بىرگە ئوقۇغان ساۋاقداشلاردىن ،شۇڭا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدىم ،ـ يارقىن كۆڭلىدە ئادىلنى ئادىلەنى تۇنىمايدۇ دەپ يالغاندىن بىرنى تۇقۇدى . ئادىلە بىلەن ئادىل ھەر ئىككىلىسى يارقىننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران بۇلۇپ ،ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى . ئادىل ئۇنىڭ يالغان ئېيتىۋاتقانلىقىدىن  كۈلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران –ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
ـ سەنچۇ ؟ سەن بۇ يەرگە نىمىدەپ كەلدىڭ ؟ ـ ئۇ ياندۇرۇپ ئادىلدىن سورىدى .
ـ بۇ رايۇن بىزنىڭ ساقچىخانىغا قاراشلىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىلە ...ئادىلە ...ئۇ مېنىڭ قىز دوستۇم .
ـ نىمە ؟!!  ـ يارقىن چۆچۈپ كەتتى . ئادىلەمۇ ئۆز قۇلىقىغا ئىشەنمىگەندەك ئادىلنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى .
ـ ئادىلە سىز ئۆزىڭىزنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىڭىزغا مېنىڭ گىپىمنى قىلىپ بەرمەپسىز دەڭا ...ـ ئادىل كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى . ئادىلە خىجىلچىلىقتا زۇۋان سۈرمىسىمۇ ،لىكىن چىرايىدىن يۈرىكىدىكى ئازابنى يۇشۇرالماي قالدى .
ـ ھا...ھا...مەن ئادىلەنىڭ سىنىڭ قىز دوستۇڭ ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي ئاداش، ئۆتكەن ئادىلە ماڭا ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار دىگەنىدى ، ئەسلى سەن ئىكەنسەندە !   بايا مۇنداقلا ...ـ يارقىن توختىماي كۈلىۋاتاتتى ، لىكىن ئۇ بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن شۇنداق ئازابلاندىكى ، يۈرىكى كۆكرەك قەپىسىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك تىپچەكلەپ كەتتى .
ـ بۇلىدۇ ئەمىسە ئادىلە ، مەن سىزگە دىگەن ئىشنى چۇقۇم  ھەل قىلىپ بىرىمەن . ئەمىسە سىلەرگە دەخلى يەتكۈزمەي ، مەن قايتاي ...ـ يارقىن شۇنداق دەپ ئۇلاردىن خوشلىشىپ ماڭدى . ئۇنىڭ چىرايىنى ئەلەملىك تۇيغۇلار قاپلىغان بۇلۇپ ،ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپ تاماكىسىنى قاتتىق –قاتتىق شورىغىنىچە كىتىپ قالدى .
  ـ ئادىل ،ـ دېدى ئادىلە ئۇنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ،ـ سىز نىمىشقا ئۇنىڭ ئالدىدا مېنى قىز دوستۇم دەپ يۈرۈيسىز ؟
ـ  نىمىشقا ئۇنداق دىگەنلىكىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، بەلكىم ئۇنىڭ يالغان ئېيتىپ سىزنى ساۋاقدىشىم دىگەنلىكىنى ئاڭلاپ مېنىڭمۇ يالغان ئېيتقۇم كىلىپ قالغاندۇر....
ـ ئېم ...ئەسلى ئۇنداق دىمەسلىكىڭىز كىرەك ئىدى ساقچى باشلىقى ،ـ ئادىلە ساقچى باشلىقى دىگەن سۆزنى ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن ئېيتتى ،ـ سىز دىگەن بىر ساقچى ، مەن دىگەن بىر جىنايەتچى ، ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەرگىزمۇ مۇھەببەت مەۋجۇت بولمايدۇ ، بۇلىدۇ دىگەندىمۇ ،ئۇ پەقەت كىنولاردىكى ، كىتابتىكى ئىشلار ، ئۇ دىگەن مەۋھۇم دۇنيا ، بىز دىگەن رىئال تۇرمۇشتا ياشاۋاتقان رىئال شەخسىلەرمىز ...
ئادىل ئادىلەنىڭ ئاغزىغا قاراپ  قېتىپ قالدى ، ئادىلە ھەرگىزمۇ بىر ئوغرىغا ئوخشىمايتتى ، ئۇنى كۆرگەن  ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇنى  تەلىم –تەربىيە كۆرگەن ، ئاقكۆڭۈل قىز دەپ قارىشاتتى . ئادىلنىڭ رىئاللىقنى ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەيتتى ، ئۇ شۇنداقتىمۇ ئادىلەنى ياخشى كۆرەتتى ،ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى .
  ئارىدا جىددىي ھالەت ھۈكۈم سۈرەتتى .
_ ئادىلە ،- دېدى ئادىل ،_ سىز ھەق -ناھەقنى تۇنۇغاچقا قىلمىشىڭىزغا توۋا قىلدىڭىز .  سىز بايا مېنى ئىزدەپ بېرىپ شۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا مەن قەتئىي ئىشەنمىگەنىدىم  ، كىيىن باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ سىزنىڭ ئۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىز بىلەن قىلمىغانلىقىڭىزنى بىلدىم . سىز دادىڭىزنى دەپ ياشلىق باھارىڭىزنى خاراپ قىلغىنىڭىز بىلەن ، ئۆز قىزىنى مۇشۇنداق ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتقان ئادەم سىزنى ھەرگىز قەدىرلىمەيدۇ .سىز ھېلىمۇ كىچىكمىدىڭىز ئادىلە ، ئۆزىڭىزنىڭ جىنايىتىنى تۇنۇپ مېنى ئىزدەپ بارغانلىقىڭىزدىن بەك خوش بولدۇم ، سىز ئۇ ئىپلاسچىلىقلارنى ئۇنتۇپ يېڭىباشتىن ئادەم بۇلۇ ڭ ، ئەمدى ھەقىقىي ئىنسانىي ھاياتىڭىزنى باشلاڭ !
_ ئۇنىڭغا راستىنلا ئېرىشكىلى بۇلارمۇ ؟_ سورىدى  ئادىلە ئەلەم بىلەن .
- ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ، مۇھەببەت ۋە ئەقىدىگە تايىنىپ ، تۇرمۇشتىكى بارلىك گۈزەللىكلەرگە كۈلۈپ تۇرۇپ قۇچاق ئاچقىنىڭىزدىلا سىز ئۇ ھاياتقا ئېرىشەلەيسىز .
ئادىلە بېشىنى سېلىپ زۇۋان سۈرمەي تۇردى .
_ ھەراس ئادىلە ، ئەتە بىر يېقىن دوستۇمنىڭ تۇيى بولماقچى ، شۇ تويغا سىزنى  تەكلىپ قىلسام قاتنىشىپ بىرەسىزمۇ ؟
_ مەن ...مەن يا ئۇ دوستىڭىزنى تۇنىمىسام ..
_ ئۇنى تۇنىمىسىڭىز مىنى بولسىمۇ تۇنۇيسىز ئەمەسمۇ ؟ مەن ئەتە كەچتە سىزنى ‹‹ نىلۇپەر رىستۇرانى ›› نىڭ ئالدىدا ساقلايمەن . ئەتە چۇقۇم بېرىڭ .
ئادىل  ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى ، ئادىلە تېخىچە ئىشىك ئالدىدا ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭغا نە سوغۇق بىلىنمەيتتى ، ئۇ ئادىلدىن بەك سۈيۈنگەن ئىدى ، ئۇ ئادىلەنىڭ جىنايى تۇرمۇشىنى بىلگەن تۇرۇپمۇ ،ئۇنى كەمسىتىدىغان گەپ -سۆزمۇ قىلمىدى ،ئۇنىڭغا شۇ تاپتا قاراڭغۇ يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا بىر شەھلا يۇلتۇز پارلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇۋاتاتتى .
ئادىلە بۈگۈن ناھايىتى چىرايلىق ياسانغان ئىدى . ئۇ ئادىلنىڭ تەلىپى بۇيىچە كەچ بۇلىشى بىلەنلا ‹‹ نىلۇپەر رىستۇرانى ›› غا قاراپ ماڭدى . ئۇ رىستۇران ئالدىغا كەلگەندە ئادىل ئۇنى سىرتتا ساقلاپ تۇرغانىدى . ئادىل ئادىلەنىڭ بۈگۈن ناھايىتى چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ، يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى .
_ سىزنىڭ چۇقۇم كىلىدىغانلىقىڭىزنى بىلەتتىم ،_ دېدى ئادىل ئۇنىڭغا سالام قىلىۋىتىپ .ئادىل ئۇنىڭ سۆزىگە يىنىك كۈلكە بىلەن جاۋاب قايتۇردى . ئادىل ئادىلەنى تۇيى بولغان قىزنىڭ  يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇردى . ئادىلە ئۇ قىزغا سالام بىرىۋىتىپ كۆزلىرى قىزنىڭ بوينىدىكى چاقناپ تۇرغان ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرگە چۈشتى . ئۇنىڭ قوللىرى قىچىشىپ كەتكەنىدى . ئۇ ئۆزىنى ئەركىن ،خۇشال ھىس قىلماقتا ئىدى . تۇيى بولغان قىزغا قاراپ بىردىنلا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالدى ، ئۇمۇ  مۇشۇنداق توي كۆڭلەكلىرىنى كىيىپ ، ئالتۇن زىبۇ -زىننەتلەرنى تاقاپ خۇشال ھالدا توي قىلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەتتى .
مېھمانلار  يېڭى توي قىلغان قىز -يىگىتنى يالغۇز كىشىلىك تانسا ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلغانىدى . باشقا مېھمانلار قىز -يىگىتنى ئوتتۇرغا ئېلىپ چۆرىدىشپ تۇراتتى . ئادىلە ئاغزىدىكى سېغىز كەمپۈتنى يۇتۇۋىتىشنىمۇ ئۇنتۇپ ،ھېلىقى قىزنىڭ بوينىدىكى ئېسىل ئالتۇن زەنجىرگە تىكىلىپلا قالغانىدى .
شۇ ئارىدا تانسا ئاخىرلىشىپ ياشلار يىگىتنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا  ئاتقىنىچە تەنتەنە قىلىشتى . ھەممەيلەن خۇشاللىققا چۆمگەنىدى . ئادىلە بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ ،ئاستا -ئاستا قىستىلىپ ئۆتۈپ ھېلىقى تۇيى بولغان قىزنىڭ قېشىغا يېقىن كىلىۋالدى . ئۇ ئادىلغا قارىۋىدى ، ئۇ ھەدەپ يېڭى كەلگەن مېھمانلارنى ئۇرۇنلاشتۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى . ئۇ بۈگۈنكى توينىڭ يىگىت بېشى بۇلۇپ ئالدىراش كۆرىنەتتى . ياشلار تۇشمۇ -تۇشتىن مەيدانغا چىقىپ تەنتەنە قىلىشىۋاتاتتى . ئادەملەر بارغانسرى كۆپىيىپ قىستا -قىستاڭچىلىقتا بىر -بىرىگە چاپلىشىپ كەتتى . شۇ پەيتتە ئادىلەنىڭ قولى قىچىشتى ،ئۇ قىستاڭچىلىقتىن پايدىلىنىپ قۇلىنى ھېلىقى قىزنىڭ مۈرىسىگە قۇيىۋالدى ، كىشىلەر ھەربىر قىستىغاندا قۇلىنى ئاستا -ئاستا ئالتۇن زەنجىرگە قاراپ يېقىنلاتقىلى تۇردى .
رىياسەتچى يىگىت  كۆپچىلىكنى ئۇسۇل ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى .تەنتەنە قىلىۋاتقان ياشلار خۇشال ھالدا چاۋاك چېلىشىپ ئالقىش ياڭراتتى . مۇشۇ قىزىغان پەيتتە ئادىلە ئالتۇن زەنجىرنى سۇقۇش ئۈچۈن قۇلىنى شۇنداق ئۇزىتىشىغا ، بىرى ئۇنىڭ يەنە بىر قۇلىنى تۇتۇۋالغاندەك قىلاتتى . ئادىلە ئىتتىك قۇلىنى تارتىۋىلىپ ، بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىدى . قارىدىيۇ ، ئادىلنىڭ سوراق ئالامەتلىرى يېغىپ تۇرغان كۆزلىرىنى كۈرۈپ ،شۇ زامات ئەقلى -ھۇشىنى يوقىتىپ ،پۇت -قوللىرىدا جان قالمىدى.
ئادىلە بىردىنلا چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتى ، ئادىل ئەجەبلەنگىنىچە ئۇنىڭ قۇلىدىن چىڭ تۇتۇپ تارتىپ رىستۇراننىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقتى . ئادىلە  مۇشۇنداق بۇلىشىنى بۇرۇنلا بىلگەندەك ئۇنىڭ كەينىدىن جىممىدە ئەگىشىپ ماڭدى .
ئادىل ئۇنى ئادەملەردىن يىراق بىر قاراڭغۇ بۇلۇڭغا ئاپىرىپ ، قۇلىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ :
_ بۈگۈن مەن ئىشەندىم ،_ دېدى ،_ سىز مۇشۇنداق قىلىشتىن نۇمۇس قىلمايۋاتامسىز ؟
_ نىمىشقا نۇمۇس قىلىدىكەنمەن ؟ دېدى ئادىلە قۇلىنى ئۇنىڭ قۇلىدىن تارتىپ ،_ سىز كۆرگەن بولسىڭىزلا بولدى .ئەمدىغۇ مېنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىمگە ئىشەنگەنسىز ، نىمىشقا مېنى قولغا ئالمايسىز ؟
_ مەن ئۇنداق قىلالمايمەن ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ تۈرمىدە ياتقىنى كۆرسەم مەن قانداق چىدايمەن .
ئادىلە يەنە كۈلۈپ كەتتى ، لىكىن ئۇ ئىچ -ئىچىدىن ئازابلانماقتا ئىدى ، مانا ئالدىدا ئۆزىمۇ چىن قەلبىدىن سۆيگەن يىگىتى ئۇنىڭغا مۇشۇ گەپلەرنى قىلىپ تۇرۇپتۇ ،لىكىن ئۇ ئادىلنىڭ سۆيىشىگە مۇناسىپ كىلەمدۇ ؟ ئۇنىڭ ياخشى كۆرىشىگە ئەرزىمدۇ ؟...
_ سىز ئۆزىڭىزنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ ئادىلە ،_ دېدى ئادىل ئۇنىڭغا سەمىمىي ھالدا نەسىھەت قىلغان تەلەپپۇزدا ،_ سىز قىلىدىغان ئىشلار نۇرغۇن ...
ئادىلە ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قارىدى :
_ قانداق ئىش ؟
_ مۇھەببەت .
_ مەن مۇھەببەت -پۇھەببەت دىگەن نەرسىلەرنى چۈشەنمەيمەن ، سىز دىگەن ساقچى باشلىقى ، مەن بولسام جىنايەت پاتقىقىغا پاتقان بىر يانچۇقچى تۇرسام ، ئىككىمىز قانداقمۇ بىر يەرگە كىلەلەيمىز . بولدى ، ئەمدى ئىككىمىزنىڭ ئىشى مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن  ، ئەمدى بۇندىن كىيىن كۆرىشمەيلى ..
ئادىل بۇگەپتىن خاپا بۇلۇپ ئۇنىڭ قۇلىنى تارتىپ ئۆزىگە يېقىن ئېلىپ كەلدى ، ئۇ ئادىلەنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش تامچىلىرىنىڭ نۇرلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ئۆزىمۇ ئازابلىنىپ كەتتى . ئۇ ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ياردەم بىرىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى بۇلۇپ ئۇنىڭ قۇلىنى يەنە شۇنداق تارتىۋىدى . بىرى ئۇنى چاقىرىپ قالدى .
_ مۇشۇ يەردە بىر مىنۇت تۇرۇپ تۇرۇڭ . مەن ھازىرلا كىلىمەن ،_ ئۇ شۇنداق دىگەچ ئۆزىنى چاقىرغان كىشى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .  بىراق ئادىلە بايا ئۇنىڭ قۇلىنى تارتىپ ئېلىپ ماڭغان كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك بولغان ۋاقىت ئىچىدە ئادىلنىڭ پورتمىنىنى ئوغۇرلىۋالغانىدى . ئادىلە ئادىل كىتىشى بىلەن كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭدى . ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى ھىسىياتىنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەپ بىرىشكە ھەرقانداق بىر ئادەم ئاجىزلىق قىلاتتى ، ئۇنىڭ قەلبىدە ئازاب ، خۇشاللىق ، نەپرەت ...ھەممە تۇيغۇلار ئەكس ئىتىپ تۇراتتى . ئۇ يولدىن تېز -تېز قەدەملەر بىلەن ئۆتۈپ تاكسىدىن بىرنى توستى .
  ئۇ تاكسىغا چىقىپ ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ ماڭدى . پورتمان خېلى ئېغىر تۇراتتى ، ئادىلە بۇنىڭدىن خۇشال بولسا يەنە تۇرۇپ ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنىڭ پورتمىنىنى ئوغۇرلىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ كەتتى . ئۇ ئىككىنچى ئوغۇرلۇق قىلماسلىققا قەسەم ئىچكەنىدى ، لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يەنە مۇشۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمەيۋاتقانلىقىغا ئۆزىمۇ ھەيران قالدى . ‹‹ جىنايەتچى دىگەن ھامان جىنايەتچى ›› بۇلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئۆز -ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى . ئۇ ئۆيىگە كىلىپ تاكسىدىن چۈشۈپ ،  ئىشىك ئالدىدا تۇرغان دادىسىنى كۈرۈپ قەدىمىنى توختاتتى .دادىسى ئۇنىڭغا قورقۇنچلۇق تۈستە قاراپ تۇراتتى ، ئادىلە شۇئان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتتۈپ ، قولىدىكى پورتماننى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى .
_ ئويلاپ تېپىڭە دادا ، بۈگۈن مەن كىمنىڭ پورتمالىنى ئوغۇرلىۋالغاندىمەن ؟
_ كىمنىڭكىنى ؟
_ مەھەللىمىزدىكى ساقچىخانا باشلىقىنىڭ پورتمالىنى ...._ ئادىلە شۇنداق دەپ قاتتىق ئاۋازدا كۈلگىنىچە پورتمالنى ئۇنىڭغا بىرىۋىتىپ ياتاق ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ تېخىچە ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىۋاتاتتى، ئەمدى مىڭ پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ -دە ! دادىسى مىيىقىدا كۈلۈپ قۇيۇپ پورتماننى تاقەتسىزلىك بىلەن ئاچتى . ئۇ پورتماننىڭ ئىچىنى -تېشىنى ئۆرۈپ قاراپ چىرايىنى مەيۈسلۈك قاپلاپ تۇرۇپ قالدى . پورتمان قۇرۇق ئىدى  .
_ ئادىلە ، بۇياققا چىقە _ ئۇ شۇنداق دەپ  ئادىلەنى چاقىردى .
ئادىلە سىرتقا چىقىپ دادىسىنىڭ چىرايىنىڭ ئەمەسلا بىر بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ مىڭىسى پىررىدە قايدى . ئىتتىك بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىدىكى پورتماننى ئېلىپ ئىچى -تېشىنى قويماي ئۆرۈپ ئاختۇرۇپ چىقتى . تۇيۇقسىز پورتماننىڭ كىچىك بىر تۈشۈكىدىن كۈرۈنۈپ قالغان رەسىمنى كۈرۈپ ئۇنى ئېلىپ قارىدى ، قارىدىيۇ ، ئۆزىمۇ بىلمەي چۆچۈپ كەتتى .بۇ ئۆزىنىڭ سۆرىتى ئىدى ، ئۇ سۆرەتكە قاراپ ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى .
‹‹  ئۇ بۇ رەسىملەرنى قەيەردە تارتىۋالغان بولغىيتتى ›› ئۇ شۇلارنى ئويلاپ رەسىمگە قاراپ خىيالغا چۆكتى :
‹‹ سىز ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ ئادىلە ، مەن سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىمەن... مەيلى قانداقلا ئىش بولمىسۇن مەن سىزگە ياردەم قىلىمەن ، سىزنىڭ جىنايەت پاتقىقىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ يېڭىچە بىرھايات ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭىزنى ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن...›› بۇلارنى ئادىل ئۇنىڭغا بايىقى تويدا تانسا ئوينىغاچ قۇلاق تۈۋىگە پىچىرلىغانىدى ، ئادىلەگە بولسا بۇ گەپ ئەمدىلەتىن تەسىر قىلىۋاتقانىدى ، ئۇ ئادىلنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرەتتى ، لىكىن ئۆزىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ۋاز كىچىش قارارىغا كەلگەنىدى ، لىكىن ئادىلنىڭ ئۆزىنىڭ رەسىمىنى يۇشۇرۇن تارتىۋىلىپ ساقلاپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى ...
بۇ چاغدا دادىسىنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى بۇزىۋەتتى  . ئۇ يەنىلا بۇرۇنقى ئادىتى بۇيىچە شۇ گەپنى سوراۋاتاتتى :
_ پۇل قېنى؟
دادىسىنىڭ قان تولغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئۇ قورقۇپ يىراقلارغا كەتمەكچى بولۇۋىدى ، لىكىن دادىسى ئۇنىڭغا ئالۋاستىلارچە يۇپۇرلۇپ كەلدى . ئادىلە ئىتتىك يېنىدىكى چايداننى قۇلىغا ئېلىۋىلىپ ۋارقىرىدى :
_ مىنى يەنە ئۇرماقچىمۇ تېخى ، ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولما . بۇ زوراۋانلىقلىرىڭغا ئەمدى ھەرگىز چىدىمايمەن . سەن مېنىڭ دادام ئەمەسكەنسەن ،  ئەمدى ھەرگىز سېنىڭ مەيلىڭگە بېقىپ ئوغۇرلۇق قىلمايمەن ..
دادىسى ئادىلەنىڭ كۆزلىرىدىن قارشىلىق ، غەززەپ ئوتىنىڭ چاقناپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ‹‹ سەن مېنىڭ دادام ئەمەسكەنسەن ›› دىگىنىنى ئاڭلاپ ئىسەنكىرەپ تۇرۇپ قالدى . بىر ئازدىن كىيىن ئۇ شارتتىدە يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ ۋارقىرىدى :
_ ۋۇ تۇزكور ، سەن تېخى ماڭا گەپ ياندۇرماقچىمۇ ؟ مەن سىنىڭ داداڭ بولماي كىم سېنىڭ داداڭكەن ؟ سىرتقا چىقىپ داداڭنى تېپىۋىلىپ كەلگەن ئوخشىمامسەن ؟ ئەجەپ كۆزۈڭنى ئالايتىسىنا ماڭا ، ئاۋۋال كۆزۈڭنى ئۇيۇۋىلىپ ئاندىن ساقچىغا ئۆزۈمنى مەلۇم قىلمايدىغان بولسام ...
ئۇ شۇنداق دەپ ئادىلەگە ئېتىلدى ، ئادىلە ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قۇلىدىكى چايداننى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا بىر شىلتىۋىدى ، چايداننىڭ ئاغزى ئېچىلىپ كىتىپ ، ئىسىق چاي ئۇنىڭ يۈزلىرىنى كۆيدۈرۋەتتى . دادىسى ‹‹ ۋايجان ›› دەپ توۋلىغىنىچە يەردە ئولتۇرۇپ قالدى . پىچاقمۇ قۇلىدىن چۈشۈپ كەتتى .قورقۇپ كەتكەن ئادىلە دادىسىنىڭ يۈزىگە قارىغىنىچە قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
دادىسىنىڭ يۈزى  بىردەمدىلا ئادەمنىڭ قورققۇسى كەلگۈدەك كۆيۈپ ئىشىپ كەتكەنىدى ، ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ بەتبەشىرە يۈزىدىكى بىر تال كۆز ئۇنىڭغا شۇنداق قورقۇنچلۇق تىكىلدىكى ، ئادىلەنىڭ پۈتۈن ئەزايىنى سۈر بېسىپ كەتتى . ئۇ كالپۇكلىرىنى تىترىگەن ھالدا :
_ ياق ...ياق...ياق...! _ دەپ ۋارقىرغىنىچە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى . دادىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنى قوغلاشقا باشلىدى . ئادىلە پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ قاچماقتا ئىدى .ئۇ ئۆيدىن قېچىپلا ئۆزىنى قاراڭغۇ كوچىغا ئاتتى ، قېچىپ خېلى ئۇزاق يەرلەرگە بېرىۋىلىپمۇ يەنە كەينىگە قاراشقا جۈرئەت قىلالمىدى .  بۇ سۇغۇق قىش بۇلۇشىغا قارىماي ئۇنىڭ ئەزايى بەدىنى قاتتىق يۈگۈرگەنلىكتىن ئىچ -ئىچىدىن چىلىق -چىلىق   تەرلەپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ كەينىگە قاراپ دادىسىنىڭ ئۆزىگە يىتىشەلمىگەنلىكىنى بىلىپ ئورنىدا تۇرۇپ سەل ئۆزىنى توختىتىۋالدى ، ئۇ جىددىيلەشكەنىدىن ھەتتا تىنىقمۇ ئالالماي قالغانىدى . سىرتتا گۈركىرەۋاتقان سوغۇقنىڭ ئاۋازى كىشىنى قورقۇنچقا سالاتتى ...



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:30:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچە ، تۈن پەردىسى بېيجىڭ ئاسمىنىنى قاپلىدى . نەرگىزە كارۋىتىدا ئاسمانغا قارىغىنىچە خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولغانىدى . ئۇ بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلىرى يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۆتمۈشىنى خىيال قىلىشقا ئامراق ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ناتۇنۇش بىر شەھەردە ئەزەلدىن يۇلتۇز كۈرۈنمەيدىغان  كىچە ئاسمىنىغا قاراپ مۇڭلانغىچە ياتاتتى . ئۇ دادىسىنى سېغىنغانىدى ، بۈگۈن دادىسدىن كەلگەن تېلفۇن ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىپ قويغانىدى ، دادىسى ھازىر يەككە -يىگانە يالغۇز  ياشاۋاتىدۇ ، نەرگىزەنى قىينىلىپ قالمىسۇن دەپ جاپالىق ئىشلەپ ئۇنىڭ تۇرمۇش پۇللىرىنى ۋاقتى -ۋاقتىدا ئەۋەتىپ بېرىۋاتىدۇ . نەرگىزە بۇلارنى ئويلاپ  كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالدى ، بىردىنلا ئۆزىنى دادىسىغا يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھىس قىلىپ كەتتى ، چۈنكى دادىسى ھەردائىم ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىنىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئوقۇشتىن سىرت ھېچقانداق نەرسىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكنى تاپىلاپ تۇراتتى . نەرگىزە دادىسىنىڭ ئەخمەت بىلەن بولغان ئىشلىرىنى بىلىپ قېلىپ خاپا بۇلىشىدىن ئەنسىرەيتتى ...ئۇ شۇلارنى ئويلاپ ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولغىنىنىمۇ   سەزمەي قالدى .
   ئاسماننى قاپقارا بۇلۇتلا قاپلىغان ، سىم -سىم يامغۇر ياغماقتا ئىدى  . نەرگىزە بىلەن ئەخمەت دائىم كۈرىشىدىغان كونا جايدا ئۇچراشتى .نەرگىزەنىڭ چىرايىنى ئەلەملىك تۇيغۇلار قاپلىغان ، ئەخمەت بولسا كۆزلىرىدىن دەھشەتلىك ئۇچقۇنلار چاچرىتىپ تۇراتتى . نەرگىزە ئەخمەتنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي  ئىچ -ئىچىدىن ئازابلانماقتا ئىدى .
_ مەن ئەزەلدىن سەندەك نۇمۇسسىز ، پەسكەش بىر قىزنى كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ...ئەمدى مېنى ئىزدىمە ! _ ئەخمەت شۇنداق دىگىنىچە نەرگىزەگە غەزەپلىك كۆزلىرىنى تىكتى . نەرگىزە بولسا يىغلامسىرغان ھالدا ئۇنىڭغا يالۋۇراتتى :
_ ئەخمەت ،سىزگە زادى نىمە بولدى ؟ مەن نىمىنى خاتا قىلدىم ، سىز مەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن يۈرۈپمۇ مېنى قىلچىلىك چۈشەنمەيدىغان ئادەمدەك سۆزلەيسىزغۇ ؟...قېنى ئېيتىڭە ،زادى نىمە ئىش بولدى ؟
_ بولدى ! مۇشۇنداق يالۋۇرسام مېنى ئېرىپ قالىدۇ دەپ ئويلىما . مەن ھەممە ئىشلىرىڭنى ئاڭلىدىم ، تېخى ئۆز كۆزۈم بىلەنمۇ كۆردۈم  . سەن يەنە قىلغانلىرىڭغا تېنىۋالماقچىمۇ ؟   
_ ئەخمەت ، مەن ..._ نەرگىزە شۇنداق دەپ ئەخمەتنىڭ قۇلىنى تۇتىۋىدى ، ئەخمەت ئۇنىڭ قۇلىنى قاتتىق سىلكىشلەپ چۈشۈرۋەتتى .
نەرگىزە  ئۆزىنىڭ نىمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزگىنىنى ، ئەخمەتنىڭ  نىمە ئۈچۈن ئۆزىگە مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى زادىلا چۈشەنمەي كۆزلىرىدىن يۇم -يۇم ياش تۈكۈپ يىغلاپ كەتتى .
_ تولا كۆزۈڭنىڭ يۇندىسىنى ئېقىتمىغىنە ... بولدى ، سىنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن . ئەمدى مېنى ئىككىنچى ئىزدىگۈچى بولما...
ئەخمەت شۇنداق دەپ ماڭماقچى بۇلۇپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا شەھىدە پەيدا بۇلۇپ قالدى. ئۇ نەرگىزەنىڭ ئەخمەتكە بىچارىلەرچە يېلىنىپ تۇرغان ھالىتىنى كۈرۈپ ، قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
_ بولدى ئەخمەت ، بۇنداق نۇمۇسسىز ئىنسانغا گەپ قىلىپ ئاغزىڭىزنى ئۇپراتماڭ ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇپ ئولتۇرىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق ..._ شەھىدە شۇنداق دەپ ئەخمەتكە چىڭ يېپىشتى ، ئەخمەتمۇ ئۇنىڭ سۈزىنى تەستىق قىلغاندەك بېشىنى لىڭىشتىپ  ئۇنى قولتۇقلىغىنىچە  كىتىپ قالدى . نەرگىزە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ توختىماي يالۋۇراتتى :
_ ئەخمەت ، كەتمەڭ . مېنى تاشلاپ كەتمەڭ . مەن سىز ئويلىغاندەك قىز ئەمەس ...
ئۇلار ئۇنىڭدىن ئۇزاپ كىتىپ قالدى ، نەرگىزە  سوغۇق يەردە  كۆزلىرىدىن يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ياشلارنى تۈكۈپ ئولتۇرۇپ قالدى . سىم -سىم يامغۇر بىردىنلا كۈچىيىپ شارقىراپ يېغىپ كەتتى .
_ ياق ...ياق  ...ئەخمەت، مېنى تاشلاپ  كەتمەڭ !
نەرگىزە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئەزايى -بەدىنى سوغۇق تەرلەپ ، ئىچ -ئىچىدىن تىترەپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ بۇ قورقۇنچلۇق چۈشتىن جىددىيلىشىپ كېتىپ ھەتتا تىنىقمۇ ئالالماي قالغانىدى . ئۇ كارۋاتتىن سەل قىمىرلاپ باقماقچى بولدىيۇ ، لىكىن تېنىنى مىدىرلىتالمىدى . ئۇنىڭ بەدىنى ئۆز سىزىمىنى يوقاتقان ، كاللىسىمۇ پارتلاپ كىتىدىغاندەك ئاغرىۋاتاتتى .  ئۇ كارۋاتتا تۇرۇسقا قاراپ خېلى ئۇزۇن يېتىۋالدى ، بىردەمدىن كىيىن ئۇ ئەسلىگە كېلىپ سائىتىگە قارىۋىدى ، تاڭ يۇرۇشقا ئاز قالغانىدى . ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ پەسكە چۈشۈپ يۈز -كۆزلىرىنى يۇيۇشقا باشلىدى .
‹‹ ئەجەپ ھە ...ئەتىگەن  تاڭ سەھەرلىكتە كۆرگەن چۈش راستقا ئايلىنىدۇ دەپ  ،ئەجەپ قورقۇنچلۇق چۈش كۆرۈپتىمەنغۇ ... ئۇلۇغ ئاللاھ ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن ،بۇ چۈشلىرىم چۈش پېتىلا قالسۇن ...›› ئۇ ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق دەپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۆزىنىڭ كۆرگەن غەلىتە ، قورقۇنچلۇق  چۈشىدىن ھەيران بولماقتا ئىدى .
  بۈگۈن مەملىكەت بۇيىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئىنگىلىزتىلىدىن 4-دەرىجىنى ئېلىش ئىمتىھانى باشلىناتتى .  نەرگىزە بىلەن ئەخمەت ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ، ئىمتىھان باشلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرى مۇھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋىتىش ئۈچۈن مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . نەرگىزە كىتابقا قاراپ تۇرغان بىلەن ئەسيادى ئەتىگەن  كۆرگەن چۈشىدە قالغانىدى ، ئۇ ئەخمەتكە ھېلىدىن -ھېلىغا ئۇزۇنغىچە قاراپ كەتتى ، ئەخمەت پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتابقا قاراپ تۇراتتى .
‹‹ ئەخمەت ، مېنى ھەرگىز تاشلاپ كەتمەڭ . مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن ›› ئۇ كىتابتىن بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرغان ئەخمەتكە قاراپ ئىچىدە ئاستا شىۋىرلىدى . ئەخمەت شۇئان بېشىنى كۆتۈرۈپ خۇددى ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ قالغاندەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدى . نەرگىزە تېغىچە ئەخمەتكە قاراپ ئەتىگەن كۆرگەن چۈشلىرىنى كۆز ئالدىدىن ئۆتكۈزۋاتاتتى . ئۇ كۆرگەن چۈشىنى ئەخمەتكە ئېيتماقچى بولدىيۇ  ، لىكىن ئۇنىڭ ناھايىتى بىرىلىپ كىتاب كۈرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئېيتماسلىق قارارىغا كەلدى  ھەم ئۇ چۈشنى ئېيتىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى پاراكەندە قىلىشنىمۇ خالىمىدى ...
_ نەرگىزە ، بۈگۈن سىزگە نىمە بولدى ؟ بەك خىيالچان بۇلۇپ قاپسىزغۇ ؟ ئەتىگەن ئاشخانىدا ئۇچراشقاندىن بېرى سىزگە دىققەت قىلىۋاتىمەن ، بۈگۈن باشقىچىلا بۇلۇپ قاپسىز _ ئەخمەت ئۇنىڭغا قاراپ ئېيتتى . نەرگىزە ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىدىن تېزلا ئىسىگە كىلىپ كۈلۈپ كەتتى .
_ ياق...ياق ..ھېچ ئىش بولمىدى  ، سىزگە شۇنداق تۇيۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ ، مەن بىر ئوبدان تۇرمامدىمەن مانا ...
ئەخمەتمۇ ئۇنىڭ كۈلكىسىگە يېقىملىق كۈلكە بىلەن جاۋاب قايتۇردى .
_ نەرگىزە ، ئىمتىھان باشلىنىشقىمۇ ئاز قاپتۇ ، ئەمىسە ھەر ئىككىلىمىز ئىمتىھان مەيدانىغا ماڭايلى ، ھېلى ئىمتىھاندىن چىقىپ كۇتۇپخانىنىڭ ئالدىدا كۈرىشەيلى .
_ بۇلىدۇ ، ئەمسىە ئىمتىھاننى ياخشى بىرىڭ ، ھېلى كۆرىشەيلى .
_ سىزمۇ شۇ نەرگىزە . سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن !
ئۇلار خوشلىشىپ ئىمتىھان مەيدانىغا قاراپ مېڭىشتى . نەرگىزە ئەخمەتنىڭ بۈگۈنكى ئىپادىسىنى كۈرۈپ كۆڭلى خېلى تىنچلىنىپ قالدى .  ‹‹ ۋاي نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ، ئۇ بەرىبىر چۈشقۇ خالاس ...ھېچكىم ئەخمەت ئىككىمىزنى ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، ھېچكىم ...›› ئۇ شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۋىتىپ ئىمتىھان بىرىدىغان سىنىپقا ئەمدىلا كىرىپ تۇرىشىغا شەھىدە بىلەن دوقۇرشۇپ قالدى .
_ ۋۇي تاتلىق قىز ، سەنمۇ مۇشۇ مەيداندىمۇ ؟ ئەجەپ ياخشى بولدى ، ھېلى ئىمتىھاندا شەخسىيەتچلىك قىلماي ماڭا ئاز -تولا ياردەم قىلارسەن جۇمۇ  ..._ شەھىدە شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا قاراپ ھىجايدى . نەرگىزە ئۇنىڭغا سوغۇقلا كۈلۈپ قۇيۇپ جاۋاب قايتۇرمىدى.
  ئىمتىھان باشلانغانىدى ، نەرگىزە ئىمتىھان سۇئاللىرىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈۋىتىپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى ، چۈنكى سۇئاللارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭ ئۆگەنگەن يەرلىرىدىن ھەم بىلىدىغان مەزمۇنلاردىن چىققانىدى . ئۇ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كىېيىن سۇئاللارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب يېزىشقا باشلىدى .
شەھىدە سۇئاللارنى كۈرىۋىتىپ ئۆزىنىڭ بىرمۇ سۇئالنى ئىشلىيەلمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدى . ئۇ ئالدىغا قارىۋىدى ، نەرگىزە ناھايىتى بىرىلىپ ئىمتىھان بەرمەكتە ئىدى ، شەھىدە  نەرگىزەنىڭ ئارقىسىدىن مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن قاراپ ئالىيىپ قويدى .
_ ئىمتىھان ئاخىرلىشىدىغانغا يەنە ئون مىنۇت ۋاقىت قالدى ، ئىشلەپ بولغانلار ئىمتىھان قەغىزىنى ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ چىقىپ كەتسەڭلار بۇلىدۇ ، ئىشلەپ بۇلالمىغانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇڭلار ..._ نازارەتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان نەرگىزە ئىمتىھان قەغىزىنى رەتلەپ ئۈستەلگە قويغاندىن كىين چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ماڭدى . ئۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىنى ئىشلەپ بۇلۇپ تېخى ئىككى قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىشقىمۇ ئۈلگۈرگەنىدى .  ئۇ ئىمتىھاندىن بالدۇرراق چىقىپ ئەخمەتنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن  كۇتۇپخانا تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇ كۇتۇپخانا ئالدىغا كىلىپ ھەيران بۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى، چۈنكى ئەخمەت ئۇنىڭدىن بالدۇر ئىمتىھاندىن چىقىپ كۇتۇپخانا ئالدىدا ئۈچ تال ئەتىرگۈلنى تۇتقىنىچە  نەرگىزەنى ساقلاپ تۇرغانىدى .
شەھىدە نەرگىزەنىڭ ئىمتىھان  مەيدانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ئۇنى ئىچىدە مىڭنى تىللاپ قارغىدى .
قوڭغۇراق چېلىندى ، نازارەتچىلەر بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان قەغەزلىرىنى ئۈستەلگە قۇيۇپ چىقىپ كىتىشنى ئېيتتى . شەھىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ، نازارەتچىلەرنىڭ ئالدىنقى رەتتىكى ئىمتىھان قەغەزلىرىنى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىكەنلىكىنى كۆردى . ئۇ شۇئان كۆڭلىدە بىر ئىشنى ئويلىدى _دە ، تېزلا قۇلىغا قەلەمدىن بىرنى ئېلىپ بوينىنى سوزغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان نەرگىزەنىڭ جاۋاب يېزىش كارتىسىغا يوغان قىلىپ خاتا بەلگىسىدىن بىرنى قۇيۇۋىتەتتى ، نازارەتچىلەر بۇنى كۆرمەي قالدى  . شەھىدە  ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ئالدىراپ ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلدى .
_ سەن يامانمۇ مەن يامانمۇ ؟ قېنى كۆرىمىز ...ۋاقىت دىگەن ئۇزۇن !_ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە چىرايىغا ۋەھىمىلىك ، زەخەرخەندىلىك ئارلاشقان كۈلكىسىنى يۈگۈرتتى .

ئادىلە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى . ئۇ بايا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قۇرقۇنچلۇق چۈش بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . ئۇنىڭ كاللىسى تۈمەنمىڭ سۇئاللار بىلەن تولغان بۇلۇپ ، ئۇ ئەمدىكى قەدەمنى قەيەردىن بېسىشنى بىلمەيۋاتاتتى .
_  ئەمدى ئۆيگە قايتسام زادى بولمايدۇ ، دادام مېنى چۇقۇم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىشتىن يانمايدۇ .._ ئۇ ئىچىدە شۇلارنى ئويلايتتى ،_ ئەمدى قانداق قىلىشىم كىرەك  ؟ بۇ يەرنى تاشلاپ يىراقلارغا ، ئۆزۈمگە ناتۇنۇش ، يات بولغان كىشىلەر ئارىسىغا كىتىشىم كىرەكمۇ ؟ مەن ئادىلنى مۇشۇنداقلا ...
ئۇ ئاخىرىنى ئويلاشقا زادىلا چىدىيالمىدى .ئۇ تۇنجى قېتىم ئادىلنىڭ ئۆزىگە بولغان ھەقىقىي پاك سۆيگۈسىنى چۈشەنگەن ئىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنى ئۈمۈدسىز قۇيۇپ ،ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ يىراقلارغا كەتمەكچى بۇلىۋاتىدۇ . بۇ قەدەمنى بېسىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ناھايىتى زور غەيرەت ، باتۇرلۇق كىرەك . ئادىلە روھىي جەھەتتە ئۆز -ئۆزى بىلەن قاتتىق ئېلىشماقتا ئىدى .
‹‹ قېچىش ، مەڭگۈلۈك ئايرىلىش ›› بۇ سۆزلەر ئۇنىڭ مېڭىسىدە جاراڭشىپ كىتىۋاتاتتى .
‹‹ بۇ يەردىن كەت ، ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلا ! ›› دىگەن بۇ غايىبانە خىتابلار ،ئۆزىنى قەپەسكە ئۇرۇپ ھەريان تاشلىنىۋاتقان قۇشقا ئوخشاش ئۇنىڭ يۈرەك قەپىسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرمەكتە ئىدى . قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ زادى قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ ئۇنىڭ كاللىسى گادىرماچ ،زادى قايسى يولنى تاللاشنى بىلمەي بېشى قاتتى . ئاخىرى بۇ يەردىن مەڭگۈلۈك كىتىش قارارىغا كەلدى . دادىسى ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ كۈيۈنۈپ باققان ئەمەس ، ئۇ ئادىلەنىڭ ھايات گۈلىنى ۋاقىتسىز سۇلاشتۇرۇپ تۈگەتسە رازىكى ،ئۇنىڭ يېڭى ھاياتلىققا تەلپۈنىشىنى خالىمايدۇ . مانا ھازىرمۇ ئادىلە شۇ دادىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن بۇ يەردىن كەتمەكچى بۇلىۋاتىدۇ ، لىكىن ئادىل ...     ئادىلە شۇ تاپتا ئادىلغا چىدىمايۋاتاتتى . ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايۋاتاتتى . ئادىل ئۇنىڭ جىنايەت بىلەن تولغان ھاياتىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلغان ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلماقچى بولغان ، ئۆزىنىڭ چىن سۆيگۈسى ئارقىلىق ئادىلەگە يېڭىچە ھاياتلىق ئاتا قىلماقچى بولغان ...ئەمدى ئۇ ئادىلدىن ئەبەدىي ئايرىلماقچى ! ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ شۇ زامان ئادىلنى ئىزدەپ بېرىپ دەرھال ئۇنىڭغا يېپىشقۇسى ، ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ چىرايىنى ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرىۋىلىپ ، مىھرىگە يەنە بىر قېتىم قېنىۋالغۇسى كىلىپ كەتتى . لىكىن ئۇ تۇرۇپلا بۈگۈن بولغان ئىشلارنى ئويلاپ ئىككىلىنىپ قالدى . چۈنكى ئادىل بۇ چاققا ئۆزىنىڭ پورتمالىنىڭ ئادىلە تەرىپىدىن ئوغۇرلانغانلىقىنى بىلگەن ، ئۇنىڭدىن قاتتىق ئۈمۈدسىزلەنگەن بۇلىشى مۇمكىن . ياق ..ياق...ئۇنى ئەمدى قايتا كۆرۈشكە يۈزۈم چىدىمايدۇ !
ئادىلە ئاخىرقى قارارغا كىلىپ بولغانىدى ، شۇ تاپتا ئۇ ئۆزىنى  چۇڭقۇر ئەلەملەرگە سالغان ، ئۇنىڭ  ھاياتىدىكى  ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلىرىنى  تارتىۋالغان ، ئۇنى  نادامەت قوينىغا باشلىغان ، ئازغۇنلۇق ، جىنايەت پاتقىقىغا پاتۇرغان ، چۈشكۈنلۈك قاينىمىغا غەرق قىلغان ھەيۋەتلىك شەھەردىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇراتتى .
_ خەير-خوش ، رەھىمسىز دادا ، خوش قەدىرلىك ئادىل ، خەير-خوش ئابلەت تاغا ، خوش ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان يارقىن ...سىلەرنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىمەن . بىز ئەمدى مەڭگۈلۈك ۋىدالىشايلى !
ئۇنىڭ ئاۋازى كىچە قوينىغا سىڭىپ كەتتى ، كۆز ياشلىرى بولسا مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى . ئۇ بىردىنلا تېز -تېز قەدەملەرنى ئېلىپ پويىز ئىستانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇنى خېلى ئۇزۇنغىچە قوغلاپ يىتەلمىدى . ئۇنىڭ يۈزى بارغانسىرى ئىشىپ ئېچىشىپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ ئادىلەنى قوغلاشتىن توختاپ ئۇدۇل دوختۇرخانىغا باردى . ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندا يېرىم كىچىدىن ئاشقان ئىدى . ئۇ ئاچچىقتىن ، غەززەپتىن تىترەيتتى ، ئادىلەنىڭ ئۇنىڭغا تۇنجى قېتىم قول ياندۇرۇپ ئۇنى مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىدىن چىشلىرى غۇچۇرلاپ ،مۈشتلىرى چىڭ تۈگۈلەتتى . ئۇ ئۆيگە كىرىپلا ئالدىراپ چىراغنى ياقتى ، ئۆيدە ئادىلە كۆرۈنمەيتتى . ئىشىكنى ئىچىدىن ئىتىدىغان تاقاق ئۇچۇق ئىدى . ئۇ كۆڭلى بىر ئىشنى تۇيغاندەك ئىتتىك سىرتقا چىقتى . ھويلىنىڭ ئۇ بېشىدىن -بۇ بېشىغا قاراپ چىقتى . لىكىن ئادىلە ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى . ئۇ ئاخىرى ئۈمۈدسىزلىنىڭ ئۆي ئىچىگە قاراپ ماڭدى .
ئۆي ئىچىگە كىرىۋىتىپ ئۇنى بىر ئەنسىزچىلىك چۇلغىۋالدى . ئادىلە قېچىپ كەتمىگەندۇ ؟
_ ياق ! -دېدى ئۇ شۇھامانلا ئۆز -ئۆزىگە تەسەللىي بىرىپ ،_ مۇمكىن ئەمەس ! ئۇنىڭدا ھەرگىز ئۇنداق جۈرئەت يوق !
ئۇنىڭ يۈزلىرى تېخىچە ئېچىشىپ تۇراتتى ، تۇيۇقسىز  بېشى قېيىپ كەتتى . ئۇ تامنى تۇتۇۋېلىپ ئاقساق كىشىدەك پۇتىنى تەستە سۆرەپ ياتاق ئۆيىگە كىرىۋالدى . ئۇنىڭ ئۈمۈدى ئۈزۈلگەنىدى ، ئۇ ئادىلەدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭ بارلىق ئىقتىسادىي مەنبەلىرى ئۈزۈلۈپ قالاتتى . ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ پۇت -قوللىرى بوشىشىپ كارۋاتقا يىقىلدى .
  پويىز ئۇخلاۋاتقان زىمىننى ياڭراق گۈدۈكى بىلەن زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ ، جاقىلداپ ئۇچقاندەك ئىلگىرلىمەكتە . پويىز ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر بۇ كېچىنىڭ تېزراق ئۈتۈپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلغاندەك، ئۇيان -بۇيانغا ئۆتۈشۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكتە ، يەنە بەزى كىشىلەر دېرىزىگە يۆلىنىپ ھېچنىمىنى سەزمىگەندەك قاتتىق ئۇيقۇ دەرياسىغا غەرق بولماقتا ئىدى .  ئادىلە بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ بۇ چىقارغان قارارىنىڭ خاتا -ياكى توغرا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بېشىنى چاڭگاللىغىنىچە ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ پۇت -قوللىرى بوشاپ كەتكەنىدى ، ئۇ بۈگۈن پويىز ئىستانىسىدا بىر ياشانغان ئايالنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغانىدى ، كىيىن ئۇ پويىز ئىستانىسى ئىچىگە كىرىپ كېتىۋىتىپ ، ئۇ ئايالنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۈرۈپ قالدى . بۇنىڭدىن ۋىجدان ئازابىغا قېلىپ ئۆز -ئۆزىدىن نەپرەتلىنىپ كەتكەنىدى...
  ئادىلە ئاخىرى ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى . ناتۇنۇش شەھەر ، ناتۇنۇش چىرايلار ، توپ -توپ قىستلىشىپ يۈرگەن ئادەملەر ، ئاسمان -پەلەك ئېگىز بىنالار ، قوش -قەۋەتلىك ئاپتۇبۇسلار ، ئۇياقتىن -بۇياققا ئۇچقاندەك ئۆتۈپ تۇرغان ماشىنىلار ....ئادەمنىڭ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىپ باش -ماشنى قايدۇرۋىتەتتى ...
ئادىلە تۇرۇپلا ئۆزىنى ناھايىتى يالغۇز ، بىچارە ھىس قىلىپ قالدى . ئۇ يولدا ناھايىتى ئېسىل كىيىملەرنى كىيىشىپ مېڭىۋاتقان تەڭتۇش قىزلارنى كۈرۈپ ئۆزى بىلەن سېلىشتۇرۇپ بىردىنلا كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالدى .
_ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاتا -ئانىسى بار ،ئالىي مەلۇمات ئالغان قىزلاردۇ -ھە! لىكىن مەنچۇ ؟ ئۆز دادام بولغان ئادەم مېنى يانچۇقچىلىققا زورلاپ ئاخىرى كۆرگەن كۈنۈم مۇشۇ بولدىغۇ ....
ئۇ بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلىغانسىرى كۆزىگە ياش ئولىشىپ قاتتىق -قاتتىق يىغلىۋالماقچى بۇلاتتى . ئۈرۈمچى بىرقەدەر سوغۇق بۇلۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ سوغۇقتا تىترەپ كىتىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇرغان بولسىمۇ  ،يول بۇيىدا توختىتىپ قۇيۇلغان ئۇرۇندۇقنى كۆرۈپ بىردەم ھاردۇق ئالماقچى بۇلۇپ ئولتۇردى . ئۇ ئۇرۇندۇققا يۆلەنگىنىچە ئەمدى ئىشلارنى قەيەردىن باشلاش، كىيىنكى تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈش توغۇرلۇق ئويلانغىلى تۇردى . يولدا ئۇيان -بۇيانغا ئۆتۈشۈپ كىتىۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىشاتتى . ئادىلە بولسا بىر قىيىن تېپىشماقنىڭ  جاۋابىنى تاپماقچى بولغان ئادەمدەك كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ چوڭقۇر خىياللارغا پاتقانىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئۇنىڭغا چىكىنىش ئىمكانىيتى يوق ئىدى ، ئۇ ئۆيىگە قايتالمايتتى ، شۇ تۇرقىدا ئۆيىگە قايتىپ دادىسىنىڭ تىل -ئاھانەتلىرىگە چىداپ ياشاشنى ئەسلا خالىمايتتى ...
_ قانداق قىلىش كىرەك ؟ مەن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كىچىپ بۇ يەرگە كەلدىم ، ئەمدىكى قەدەمنى قەيەردىن بېسىشىم كىرەك ؟ ...
بىردىنلا ئۇنىڭ كاللىسى پاللىدە يۇرۇپ كەتكەندەك بۇلۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئەمدى ئىككىنچى ئوغۇرلۇق قىلماسلىققا ، ئەمدىكى ھاياتىنى بولسىمۇ ھالال ئىشلەپ ئۆزىنىڭ قان تەرى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلگەنىدى . ئۇ بۇ قارارىدىن مەمنۇن بۇلۇپ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرىدىغان جايىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تېز -تېز قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتى .
   ئادىلە ئايلىنىپ يۈرۈپ خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغانىدى . ئۇ ناھايىتى ھەشەمەت بىلەن مىللىيچە ئۇسلۇب بىلەن  سېلىنغان بىنالارغا زوقلانغىنىچە خېلى ئۇزۇن قاراپ كەتتى .ئۇ ھەممە نەرسىلەرگە تويماي قارايتتى ، ئۇنىڭغا ھەممە نەرسىلەر يېڭىلىقتەك تۇيۇلماقتا ئىدى  . ئۇ كىتىۋىتىپ ئالدىدىكى مىللىيچە ئۇسلۇبتا بىزەلگەن ئاشخانىنى كۈرۈپ بىردىنلا قورسىقىنىڭ ئېچىپ كوكىراپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدى . ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى .  ئاشخانا ئىچى لىق ئادەملەر بىلەن تولغان بۇلۇپ ، ناھايىتى ئېسىل كىينگەن كىشىلەر ئىشتىھا بىلەن تاماق يىيىشىپ ئولتۇراتتى . مۇلازىمەتچى قىز ئادىلەنى چىرايلىق بىزەلگەن بىر قۇرۇق ئۈستەلگە باشلاپ كەلدى . ئادىلە تاماق تىزىملىكىدىن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان تاماقنى بۇيرۇتقاندىن كىيىن ،يېنىدىكى پۇلنى چىقىرىپ ساناپ باقتى . ئۇنىڭ يېنىدا يەنە 100 نەچچە يۈەنلا قالغانىدى ، بۇ پۇل ئۇنىڭ بۇ يەردە بىر كۈن تۇرۇشىغا ئارانلا يىتەتتى . ئۇ يەنە مۇڭلانغىچە تۇرۇپ قالدى .
_  ۋۇي ، نەرگىزەغۇ بۇ ...
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن ئادىلە چۆچۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئالدىدا ناھايىتى مودا كىيىنگەن ، چاچلىرىنى سېرىق بوياپ ، بۈدۈرە قىلىۋالغان ، ئۇرۇق ، ئىگىز ، چىرايلىق بىر قىز بىلەن بىر يىگىت ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى . ئادىلە قىزغا قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇ بۇ قىزنى پەقەتلا ئەسلىيەلمەيۋاتاتتى .
‹‹ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قىز نەرگىزە دەپ چاقىرۋاتىدۇ ، چۇقۇم مېنى خاتا تۇنىۋالدى بولغاي ›› ئادىلە شۇلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۋىتىپ قىزنىڭ كۈلكىسىگە جاۋابەن يېقىملىق كۈلۈمسىرەپ قويدى .
_ ۋۇي تاتلىق خان ..مېنى تۇنىمىدىڭما ئاداش ...
ئادىلە تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئۇ قىزغا تېخىمۇ سەپسىلىپ قارىدى ، قىزنى ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان ئىدى . ئۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرگىنىچە :
_ كەچۈرۈڭ ، مېنى خاتا تۇنۇپ قالدىڭىزمۇ نىمە ؟ مەن نەرگىزە ئەمەس ...
_ ۋۇي نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ئاداش ... سەن نەرگىزە بولماي مەن نەرگىزەمۇ ئەمىسە ... يېرىم يىل كۈرۈشمىگەنگە ئادەم تۇنىماي قالدىم دىگىنە .. شۇ بەزەنلەر بېيجىڭغا ئۆتتى ئەمەسمۇ ؟ بىزدەك ئۈرۈمچىدە ئۇقۇغانلارنى ياراتمايدۇ ..._ قىز شۇنداق دەپ ئادىلەگە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ دومسىيىپ قاراپ قويدى .
_ مىنى راستىنلا خاتا تۇنىۋاپسىز ، ،مىنىڭ ئىسمىم ئادىلە ، نەرگىزە ئەمەس  ...
_ ماقۇل ...ماقۇل ...خاتا تۇنىۋالغانمۇ بۇلاي . ئۆزۈڭ بۇ يەردە نىمە قىلىسەن ؟ مەكتەپتىن بۇنچە تېز تەتىلگە قۇيۇپ بەرمىگەندۇ سىلەرنى ...
ئادىلە قىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى . ئۇ بەكمۇ ھەيران قالغانىدى ، قىزنىڭ ئۆزىنى خاتا تۇنىۋالغاننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا بۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن بىرئاز غەلىتىلىك ھىس قىلدى .
_ قايسى مەكتەپنى دەيدىغانسىز ؟ مەن سىزنى پەقەتلا  تۇنىيالمىدىم ،  مەن سىز دىگەن نەرگىزە ئەمەس ... ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن مەكتەپتىمۇ ئۇقۇمايمەن .
_ ھەئە ، ئەمدى چۈشەندىم ، چۇقۇم بىرەر ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ بىزنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ مېنى يالغاندىن تۇنىمىغان بۇلىۋالدىڭ ھە ! ئەگەر ئۈرۈمچىگە كىلىدىغانلىقىڭنى خەۋەر قىلغان بولساڭ ئالدىڭغا چىقاتتۇق ئەمەسمۇ ؟ بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالغانلىقىمىزمۇ بەك ياخشى بولدى ، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئىشىڭ بولمىسا بىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ مەكتىپىمىزنى كۆرۈپ كەتكىن . گەرچە سىلەرنىڭ مەكتەپكە يەتمىسىمۇ خېلى بۇلۇپ قۇيىدۇ ...
قىز شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئولتۇردى .  بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئادىلەگە چۈشتەك بىلىنىپ ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدى.
_ ھەراس ، سىلەرنى تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي  ،_ قىز شۇنداق دىگەچ يېنىدىكى يىگىتكە قاراپ ،_  بۇ نۇرئېلى ، مېنىڭ يىگىتىم بۇلىدۇ ، ئۆزى ئانچە كىلىشكەن بولمىسىمۇ مىجەزى بەك ئېسىل ،_ ئۇ شۇنداق دىگەچ يىگىتكە كۈلۈپ قويدى ،_ بۇياقنىڭ ئىسمى نەرگىزە ، مېنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم ھەم يۇرتدىشىم بۇلىدۇ . ئۆزى بەك جىمغۇر ، كىتابتىن باش كۆتۈرمەيدىغان كىتاب خالتىسى . بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنۋىرسىتىتىدا ياق بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرستىتىدا  ئوقۇيدۇ...
ئادىلە قىزنىڭ ئۆزىنى بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىدا ئوقۇيدۇ دىگىنىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتا قېتىپ تۇرۇپ قالدى .
‹‹ مەن ئەزەلدىن مەكتەپتە ئۇقۇپ باقمىغان تۇرسام ...ئۇ مېنى تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم دەيدىيا ...بەلكىم ئۇلار بىر ئالدامچىدۇر ..ئۇلارغا ھە دەپ قۇيۇپ ئىشىمنى قىلمايمەنمۇ ...››ئادىلە شۇلارنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزۋىتىپ ئۇلارغا كۈلۈپ قاراپ قويدى .
تاماقلار يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن قىز ئادىلەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەتتى . ئۇلار بىرلىكتە ئاشخانىدىن چىقىشتى .
_ سېنىڭ باشقا ئىشىڭ يوقتۇ ئاداش ، ئەگەر باشقا ئىشىڭ بولمىسا بىزنىڭ مەكتەپكە بارامدۇق ؟ كەچتە بىزنىڭ ياتاقتا ياتقىن ...ئەگەر مەكتەپتىكى باشقا ساۋاقداشلار سىنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگەنلىكىڭنى بىلسە چۇقۇم خۇش بۇلۇپ كىتىدۇ . كەچتە ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلغاچ تازا بىر ئويناپ كەلمەمدۇق ..._ قىز شۇنداق دىگەچ قۇلىدىن قاس چىقىرىپ قويدى . ئادىلە قىزنى تېخىچە ئالدامچىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتاتتى ، شۇڭا ئۇ ئۇلارغا ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنى خالىماي ،ئۆزىنىڭ كەچتە مۇھىم بىر ئىشىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى .
_ مۇنداق دىگىن ... ئۇنداقتا تېلفۇن نۇمۇرۇڭنى دەپ بەر ماڭا ... ئەتە ساڭا ئۆزۈم تېلفۇن قىلىمەن .
_ مەندە ھازىر تېلفۇن يوق ئىدى ،_ ئادىلە قىزغا قاراپ ئېيتتى ، ئۇ ناتۇنۇش قىزنىڭ ئۆزىگە بۇنچە يېقىنچىلىق قىلىپ كەتكەنلىكىدىن سەل ئەنسىرەپمۇ قالغانىدى .
_ ئۇنداقتا مەن ساڭا تېلفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىپ بىرەي ، ئەتە ماڭا چۇقۇم تېلفۇن قىلغىن . مەن كەچتە بېرىپ ساۋاقداشلارغا سىنىڭ كەلگەنلىكىڭنى ئېيتىمەن ، ئەتە ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار بىر يىغىلايلى ! _ قىز شۇنداق دەپ سومكىسىدىن بىر قەلەم بىلەن كىچىك بىر ۋاراقچىنى چىقىرىپ تېلفۇن نۇمۇرىنى يېزىپ ئادىلەگە تۇتقۇزدى .
_ ئەتە چۇقۇم تېلفۇن قىل جۇمۇ ..ئەگەر تېلفۇن قىلمىساڭ سەندىن خاپا بۇلۇپ قالىمەن .
ئۇلار ئادىلە بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قېلىشتى . ئادىلە تېخىچە بۇ ئىشلارنى ئاڭقىرالماي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغانىدى ، ئۇ كەچ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يېقىن ئەتراپتىن ياتاق ئىزدەپ ماڭدى .

نەرگىزە بىلەن ئەخمەت ئىمتىھاندىن كىيىنكى ھارغىنلىقلىرىنى چىقىرىش ئۈچۈن بىللە كىنوخانىغا باردى . كىنوخانىدىن چىققاندىن كىيىن ،قورساقلىرى ئېچىپ كەتكەچكە ،تاماق يىيىش ئۈچۈن بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار ئاچقان ‹‹شىنجاڭ مىللىيچە تائاملار ئاشخانىسى ›› غا كىرىشتى . تاماقتىن بۇرۇن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇرۇپ ، نەرگىزە تۇيۇقسىز :
_ ئەخمەت ،_ دەپ چاقىردى .
_ ھەئە ؟
- يىگىتلەر توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ يۈرىۋاتقان قىزلىرىغا نىمە ئۈچۈن بەك كۆيۈنىدۇ ؟
_ سىزنىڭ دىمەكچى بولغىنىڭىز ؟_ ئەخمەت نەرگىزەنىڭ بۇ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالىغا ھەيران بۇلۇپ قالغانىدى .
_ مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم ، ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى مۇراد -مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزۈپ تويىمىزنى قىلىپ قالساق ، تويدىن كىين سىز ماڭا يەنە مۇشۇنداق كۈيۈنەرسىزمۇ ؟_ دېدى كۈلۈپ .
_ مۇمكىن ئەمەس ،_ دېدى ئەخمەت جىددىي رەۋىشتە ،- ئۇ چاغدا سىز ۋاقتى -ۋاقتىدا تاماق ئىتىپ ، كىر -قات يۇيۇپ ،ئۆيلەرنى سۈرتۈپ -تازىلاپ تۇرىشىڭىز كىرەك . بالىغا قارايدىغان ئىشمۇ بار تېخى ...ئۇ چاغدا مۇنداق قىلىپ ئولتۇردىغانغا نەدە چولا ...
_ ئەجىبا ...ئۇ چاغدا سىز ماڭا ياردەملەشمەمسىز ؟
-ئۇنىڭغىمۇ بۇلار ، لىكىن مەن ئىشلەپ بىر ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىمىسام بولمايدۇ -دە . مەن پەقەت  ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى قىلىمەن ، ئاساسلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەنە ئۆزىڭىز قىلىسىز .
_ ۋاي خۇدايىم ، ئۇنچىۋالا جىق ئىشنى مەن قانداق قىلىپ بۇلالايمەن ، تاماق ئىتىش ، كىر -قات يۇيۇش ، ئۆي تازىلاش ، بالا بېقىش ... قىز بالا بولماق نىمىدىگەن تەستۇ .._ دېدى نەرگىزە تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ .
_ ئۇغۇ شۇ ...لىكىن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم . مەنمۇ سىزگە ياردەملىشىمەن ، سىزنى ھەرگىز جاپادا قۇيىدىغان ئىشنى قىلمايمەن ..لىكىن بىر مۇھىم ئىشنى ئۆزىڭىز قىلارسىز ؟_ ئەخمەت شۇنداق دەپ مەنىلىك كۈلۈپ قويدى .
_ قايسى ئىشنى ؟
_ بالىنى ئۆزىڭىز تۇغارسىز ؟_ دېدى ئەخمەت شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭ يەلكىسىگە ئۇرۇپ قۇيۇپ .
نەرگىزە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتى . ئۇنىڭ كۈلكىسى ئاشخانىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . نەرگىزە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ دەرھال كۈلكىسىنى توختاتتى -دە ،خىجىل بولغان ھالدا بېشىنى سېلىپ ئاستا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى .
نەرگىزەنىڭ بۇ قىلىقى ئەخمەتكە بەك قىزىق تۇيۇلدى بولغاي ، ئۇمۇ نەرگىزەگە كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇردى . نەرگىزە ئوڭايسىزلىنىپ تەخسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتكۈدەك بولدى ، ئەخمەت يالغاندىن ئاچچىقلانغان قىياپەتكە كىرىۋىلىپ :
_ بولدى ،_ دېدى ،_ بېشىڭىزنى كۆتۈرۈڭ ، سىزگە ھىچكىم قارىمىدى .
نەرگىزە بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ئەخمەتنىڭ ئۆزىگە ھىجىيىپ قاراۋاتقانلىقىنى كۆردى-دە ،قەستەنگە :
_ نېرى بېرىڭا ، ئەمدى سىزگە گەپ قىلمايمەن ،_ دېدى .
_ نېمىشقا ؟
- دائىم مېنى ئىزاغا قۇيىسىز .
- مەندىن كۆرىۋاتامسىز ؟
_ ھەئە ، سىزدىن كۆرمەيچۇ ، بايىقى گەپنى قىلمىغان بولسىڭىز مەنمۇ قاقاھلاپ كۈلمەيتتىم ، شۇنداققۇ ؟
_ قاقاھلاپ كۈلگەنگە نىمە بوپتۇ ، باشقىلار بىزنى يا تۇنىمىسا ...خەقنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقامدۇق ؟ _ ئەخمەت ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى .
_ سىز دىگەن ئوغۇلبالا ، يۈزۈڭلا قېلىن كىلىدۇ ، سىز قورقمىغىنىڭىز بىلەن مەن  قورقىمەن ..._ سۆزلەۋىتىپ نەرگىزەنىڭ كۆز ياشلىرى مەڭزىگىچە ئېقىپ چۈشتى . ئەخمەت دەرھال ئۈستەلدىكى قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ :
_ ۋۇ ،ئەخمەق . شۇنچىلىك ئىشقىمۇ يىغلىغان بارمۇ ؟_ دېدى .
_ مەن يىغلاۋاتقىنىم يوق ، _ دېدى نەرگىزە كۆز ياشلىرىنى قەغەزدە سۈرتۈۋىتىپ .
_ ئەمىسە بۇ ياش نەدىن چىقتى ؟
_ تامىقىمغا لازىنى جىق سېلىۋىتىپ قاپتىمەن .
_ بەللى ...ھا...ھا...ھا..._ ئەخمەت قاقاھلاپ كۈلۈپ سالدى .
كۈلسىغۇ مەيلىدى ،بۇدا   باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئەخمەتكە قاراشتى ،ئوڭايسىزلىق نۆۋىتى بۇ قېتىم ئەخمەتكە كەلگەنىدى . بىراق ئۇ بايام خەقنىڭ زاڭلىق قىلىشىدىن قورقمايمەن دەپ سالغىنى ئۈچۈن بولسىمۇ خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىمالال ئولتۇرۇپ تامىقىنى يەۋەردى .
ئاشخانىدىن چىققاندىن كىيىن ، ئىككىسى بىللە بازار ئايلاندى . ئۇلار ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان كوچا تەرەپكە ئۈتۈپ قالدى . بۇ كوچا باشقا يەرلەرگە قارىغاندا كۆپ قىزىغان ئىدى ، بىر نەچچە ئۇيغۇر يىگىتلەر كاۋاپ سېتىۋاتاتتى ، نۇرغۇن كىشىلەر كاۋاپدان ئالدىغا توختىتىپ قۇيۇلغان ئۇزۇن ئۇرۇندۇقتا كاۋاپ يىيىشىپ ئولتۇراتتى . ئۇلار شىنجاڭنىڭ كاۋاپلىرىنى سېغىنىپمۇ قېلىشقانىدى ، شۇڭا بىللە كاۋاپ يىيىش ئۈچۈن كاۋاپچى يىگىتنىڭ يېنىغا كەلدى . كاۋاپ يىيىشىپ ئولتۇرغانلار ئىچىدە بىر نەچچە ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى، ئىككىسى ئۇلارغا ئەدەب بىلەن سالام قىلىشتى . ئەخمەت باشقا ساۋاقداشلىرىدىن  بۇ يەردىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قانۇنسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولغاچقا ، بۇيەردىن تېزرەك كىتىۋىلىش نىيتىگە كەلدى-دە ،كاۋاپچى يىگىتنى ئۆزلىرىگە تېزراق ئون زىق كاۋاپ پۇشۇرۇپ بىرىىشكە ئالدىراتتى. نەرگىزە ئۇرۇندۇقتا كاۋاپ يەپ ئولتۇرغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ باياتىن بېرى ئۆزىگە تۇرۇپ -تۇرۇپ قاراپ قۇيىۋاتقانلىقىقىدىن تېنى سەل شۈركىنىپ تۇراتتى . شۇنداقتىمۇ ئۇ چاندۇرماي ئەخمەت بىلەن مەكتەپتىكى ئىشلارنى پاراڭلىشىپ تۇردى . ئۇلارنىڭ كاۋىپى تەييار بولغانىدى ، ئۇلار كاۋاپلارنى قۇلىدا تۇتقىنىچە بۇ يەردىن تېزراق كىتىش ئۈچۈن ماڭدى . ئۇلار ئەمدى بىر قەدەم مېڭىشىغا بىرى ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن توۋلىدى .
  _ ئادىلە !
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە ئۆرۈلۈپ كەينىگە بۇرۇلۇشتى ، باياتىن بېرى نەرگىزەگە توختىماستىن قاراۋاتقان بالا ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى .
_ ئادىلە ، سىز بۇ يەرگە قاچان كىلىۋالدىڭىز ؟
ئۇلار ھەيران بۇلۇپ بىر -بىرىگە قاراشتى . ئەخمەت كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_ خاتا تۇنۇپ قالدىڭلىمۇ نىمە ؟ بۇ قىزنىڭ ئىسمى ئادىلە ئەمەس ، نەرگىزە !
- خاتا تۇنۇپ قالغىنىم يوققۇ ؟ بۇ ئادىلەغۇ ؟!!بىز بۇرۇن بىللە بازار ئوينايتتۇق ...
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەرئىككىلىسى داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، باشقا گەپ بولغان بولسا بىر نۆرى ، قاراپ تۇرۇپ نەرگىزەنى بىللە بازار ئوينايتۇق دىگىنىدىن ئۇلار چۆچۈپ كىتىشتى .
_ سىز خاتا تۇنۇپ قاپسىز ! بىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمىز ! _ ئەخمەت شۇنداق دەپ نەرگىزەنىڭ قۇلىدىن تۇتقىنىچە يىگىتكە ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ يۈرۈشنى خالىماي تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدى .   

بىر  كۈن ئۆتۈپ كەتتى ، ئادىلەنىڭ قارىسى ھېچيەردە كۆرۈنمەيتتى . دادىسى ئۇنى ئەتىگەندىن تارتىپ كەچكىچە  ئىزدەپمۇ ھېچيەردىن تاپالمىدى  . ئۇ ئادىلەنىڭ قېچىپ كىتىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . بۇرۇنمۇ دادىسى ئادىلەنى پۇل تاپالمىدىڭ دەپ ، نەچچە قېتىم قاتتىق ئۇرغان ، لىكىن ئادىلە نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن بۇ ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالاتتى .
‹‹ ئۇ راستنلا قېچىپ كەتكەنمىدۇ ؟›› دادىسى بۇلارنى خىيال قىلىۋىتىپ ،تاماكىسىنى قاتتىق -قاتتىق شورىدى . ئادىلەنىڭ قەدرى ئەمدىلەتىن  ئۇنىڭغا بىلىنىۋاتاتتى ،گەرچە دادىسى ئۇنىڭغا شۇنچە قوپاللىقلارنى قىلسىمۇ ،ئۇنىڭ چىھرىدىن كۈلكە كەتمەيتتى ، كۈندە بىر ۋاق بولسىمۇ تاماق ئىتىپ تۇراتتى .
دادىسى كارۋاتتا سۇزۇلۇپ ياتقىنىچە  ئادىلەنى خىيال قىلىۋاتاتتى .
توساتتىن بىرىنىڭ دەرۋازىنى ئۇرغان ئاۋاز ئاڭلاندى .
_ ئادىلە !
دادىسى چۆچۈپ ئورنىدىن تۇردى، شۇئان چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى -دە،يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئىشىك ئالدىغا چىقتى . ئىشىك ئالدىدا ئادىلە بولماستىن ئۇنىڭ يېقىن ئاغىينىسى ئەركىن تۇراتتى . دادىسىنىڭ چىرايى بىردىنلا تۇتۇلۇپ قالدى  .
_ ۋوي ، نىمە بولدۇڭ ؟ مىنى كۈرۈپلا چىرايىڭ تۇتۇلۇپ قالدىغۇ ؟_ ئەركىن ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىۋىتىپ سورىدى .
_ قېنى ئاۋۋال ئۆيگە كىر ..._ دادىسى ئۇنى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى .
ئەركىن ئۆيگە كىرىپ كارۋاتتا ئولتۇردى . ئۇ ئۆي ئىچىگە بىرقۇر سەپسىلىپ قارىۋىتىپ :
_ ئادىلە قېنى ؟ ئۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟ تېخى بازاردىن كەلمىدىمۇ ؟...
_ ئادىلە ...ئۇ ..._ دادىسى نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى .
_ ئادىلەگە نىمە بولدى ؟ بىرەر ئىش يۈز بەرمىگەندۇ ؟ ساقچىلار تۇتۇپ كەتتىمۇ يا ؟...
_ ئۇنداق ئىش يوق ، ئۇ ...ئۇ قېچىپ كەتتى !
ئەركىن بۇنى ئاڭلاپ ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى . دادىسى ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەردى .
_ ساڭا نەچچە قېتىم دىگەندىمەن ، ئادىلە چوڭ بۇلۇپ قالدى ، ئۇنى ئوغۇرلۇققا سېلىۋەرمە دەپ ... ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن ؟
دادىسى بېشىنى قاتتىق چايقىدى .
_ ماڭا ئۇ قايتىپ كىلىدىغاندەكلا تۇيۇلىۋاتىدۇ . ئۇ ھەرگىز قېچىپ كەتمەيدۇ . ئۇ مېنى ئۆز دادىسى دەپ بىلىدۇ ، ماڭا ئۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كىلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ ..._ دادىسىنىڭ گەپلىرى قولاشمايۋاتاتتى ، ئۇ ئادىلەدىن ئايرىلىپ قېلىشنى زادىلا ئويلىمايتتى . ئەركىن ئۇنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇردى .
_ ساڭا دەي ، ئادىلە قايتىپ كەلسە ئۇنىڭغا ھەرگىز قوپال تەگمە ، ئۇ چوڭ بۇلۇپ قالدى ، ئۇ ئەمدى سېنىڭ ئۇنداق قوپاللىقلىرىڭنى كۆتۈرەلمەيدۇ ، مۇشۇنداق قىلىۋەرسەڭ سېنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ئەمەسلىكىڭنى بىلىپ قالىدۇ . ئۇنى ئوغۇرلۇققا سېلىۋەرمە . ساڭا دېدىمغۇ ، مەن ھازىر ئايالىم بىلەن ئاجراشتىم ، ئۇنى ماڭا ياتلىق قىلساڭ ھەر ئىككىڭلارنىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆزۈم ياخشى خەۋەر ئالىمەن ...بۇنى ياخشى  ئويلىنىپ باقارسەن !
دادىسى ئۇنىڭ سۆزىنى ئىلىك ئالغاندەك بېشىنى ئاستا لىڭىشتتى ...

ئادىل ئۆيىدە خىيال بىلەن ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ كاللىسىغا يەنە ئادىلە كىرىۋالدى ، ئۇ ھېلىقى كۈنى قەستەن ئۆزىنىڭ پورتمالىغا ئادىلەنىڭ سۆرىتىنى سېلىپ قويغانىدى ھەم ئادىلەنىڭ پورتمالنى ئوغۇرلىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلغانىدى ، دىگەندەك ئادىلە  پورتمالنى ئادىل تۇيمىدى دەپ ئاستا ئۇنىڭ يانچۇقىدىن سۇغۇرۋالدى . ئادىل سىزىپ تۇرسىمۇ سەزمەسكە سېلىۋالدى .
‹‹ ئادىلە پورتمالنى ئېچىپ ئىچىدە ئۆزىنىڭ سۈرىتىدىن باشقا نەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلگەندە قانداق ئويلىغاندۇ ؟ مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ھەقىقىي سۆيگۈمنى ئازراق بولسىمۇ چۈشەنگەندىمۇ ؟...››
ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ زىل ئاۋازى ئۇنىڭ خىيالىنى ئۈزىۋەتتى . ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ قارىۋىدى ، يارقىن ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى .ئادىل ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۈرۈشۈپ  ئۆيگە باشلىدى .
_ ئىدارەڭگە ئىككى قېتىم سېنى ئىزدەپ باردىم ، ئۇلار سېنى نەچچە كۈنلۈك ئارام ئالدى دىگەنىدى ، باشقىلاردىن سوراپ ئۇدۇل ئۆيۈڭگە كىلىشىم ..._ يارقىن ئۇنى ئىزدەپ كىلىشتىكى سەۋەبىنى بايان قىلدى . ئادىل كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_ مېنى ئىككى قېتىم ئىدارىگە ئىزدەپ بارغىنىڭدىن قارىغاندا مۇھىم بىر ئىش بار ئوخشىمامدۇ ؟
_ شۇنداق ...بەكمۇ مۇھىم بىر ئىش بار  ،_ يارقىن سۆزىنى ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئېيتتى ،_ بۇ ئىشنى بىلسەڭ بەلكىم ئۆزۈڭمۇ خۇشال بۇلۇشۇڭ مۇمكىن...
_ قېنى ئاۋۋال ئېيتقىن . مۇشۇ كۈنلەردە خۇشاللىق ماڭا پەقەت نىسىپ بولمايۋاتىدۇ دىگىنە ..
_ ئادىلەنىڭ ئىشى !
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىل بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ كۆزىگە قارىدى .
_ سەن ئادىلەنىڭ بىر يانچۇقچى قىز ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانسەن ؟
ئادىل بېشىنى ئاستا لىڭىشتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئاجىز بىر ئۇچقۇنلار چاقناپ كەتتى .
_ ئۇنىڭ بۇ ئىشنى ئۆزىنىڭ ئىختىيارى بىلەن قىلمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىغانسەن ؟
_ ھەئە . ئۇنىڭ دادىسى ئۇنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلايدىكەن .
_ ھەئە ...مەسلىنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى  دەل مۇشۇ يەردە  ، ئويلاپ باققىن ، بىر دادا بولغۇچى قاراپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىزىنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلامدۇ ؟ ياق ..بۇ پەقەت ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ .
_ بۇ دىگىنىڭغۇ توغرا ، لىكىن سەن نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالدىڭ ؟ _ ئادىل سۇئال ئارلاشقان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى .
_ مېنىڭ بىر تاغام بار ،تاغامنىڭ قىزى كىچىك ۋاقتىدا يوقاپ كىتىپ تا ھازىرغىچە ئىز -دېرىكىنى قىلالمايۋاتىدۇ ، ئادىلە تاغام بىلەن خېلى يېقىن ئىكەن، تاغام ھەر قېتىم ئادىلەنى كۆرسە ئۆز قىزى ئىسىگە كىلىپ ئادىلە ئۇنىڭغا ئۆز قىزىدەك تۇيغۇ پەيدا بۇلىدىكەن . مەن بەزى ئىشلارنى ئېنىقلاپ ئادىلە تاغامنىڭ يوقىتىپ قويغان  قىزى بۇلىشى مۇمكىن دىگەن يەكۈنگە كەلدىم .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىل ئىختىيارسىزلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىرخىل شادلىق ئۇچقۇنلىرى ئوينايتتى ، ئەگەر يارقىننىڭ دىگىنىدەك بولسا ئادىلە بىلەن ئىككىسىنىڭ ئىشى ناھايىتى تېز ھەل بۇلاتتى . ئادىلەمۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلىقىدىن نۇمۇس قىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچمايتتى .
_ بۇ ..بۇ ...ئادەمنى نىمانداق خوش قىلىسەن ئاداش ، ئەگەر مۇشۇنداق بۇلىدىغان بولسا ...
_ ئالدىراپ خوش بۇلۇپ كەتمە ئاداش ،_ يارقىن ئۇنىڭ سۆزىنى بۈلىۋەتتى ،_ مەن پەقەت ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ساڭا دەۋاتىمەن ، بۇ پەقەت بىر قىياس خالاس ، سېنى ئىزدەپ كىلىشتىكى مەقستىم ،ئىككىمىز بىرلىكتە بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىقساق دىگەن ئۈمۈدتىمەن .
ئادىل ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ يارقىننىڭ قۇلىنى چىڭ سىقتى . ھەر ئىككىلىسىنىڭ چىھرىدە كۈلكە ، يۈرىكىدە شادلىق ئويناپ تۇراتتى .

تۇرمۇش تەرەققىياتىدىكى ئىچكى -تاشقى ئۆزگىرىشلەر گويا شىددەتلىك كەلكۈنگە ئوخشاش دەۋرەپ ،يامراپ -تېشىپ ،ئادەمنىڭ سەزگۈلىرىنى ، ھېس -تۇيغۇلىرىنى ،ئەقىل -ئىدراكىنى قامال قىلىۋالدىىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئادەمنىڭ خائىشىنى ، ھىسىياتىنى ،تۇرمۇش قارىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن . ئادەم ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا ئەنە شۇ ئۆزگەرگەن مەنىۋى دۇنيانىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىپ  -چۈشەنمەيلا كۆنۈپ قېلىشقا مەجبۇر بۇلىدىكەن . روھىي دۇنيادىكى بۇخىل ئۆزگىرىشلەر باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنىمۇ ، ئىنكار قىلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ . ئۇ ، ئۆز رىتىمى ،ئۆز ئېقىمى بۇيىچە داۋاملىشىدۇ ، تەرەققى قىلىدۇ . ئادەمنىڭ كۆرگىنى ،باشتىن كەچۈرگىنى قانچىلىك بولسا كۆز ئالدىدىكى تۇرمۇش ھادىسلىرىنى قانچىلىك چۈشەنسە ئۇنىڭ بىلىش ، ئانالىز قىلىش ، ئەقلىي ھۈكۈم قىلىش ئىقتىدارىمۇ شۇنچىلىك بۇلىدۇ .
ھازىر ئادىلەنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ مەسلە قانداق قىلىپ بۇندىن كىيىنكى نورمال تۇرمۇشىنى داۋام ئىتىش : يەنە كىلىپ ئادەملەرگە ئارلىشىپ يۈرۈش جەريانىدا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ، ئەمدى ئوغۇرلۇقتىن ئىبارەت جىنايەت يۇلىدا قەتئىي ماڭماسلىق ئىدى . ئۇ ناتۇنۇش كىشىلەر ئارىسىدا ھالال ئەمگىكى ئارقىلىق ئۆزىگە تايىنىپ  ياشىماقچى بولغان ، ئۆزىنىڭ تېخى كىچىكمىگەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى . ئۇنىڭغا ھازىر مۇھىمى تۇرىدىغان جاي ئىدى . شۇڭا ئۇ بۇ ناتۇنۇش شەھەرنى كۆپ قىدىرىپ ،كوچىمۇ -كوچا كىرىپ ، ئاخىر بىر ئارقا كوچىدىن ئەرزانراق بىر مېھمانخانىنى تاپتى . ئادىلە بۇ مېھمانخانىنى يامان ئەمەس كۆردى ،شۇنىڭ بىلەن بىسمىللا دەپ مېھمانخانىغا كىرىپ كەلدى .
  بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئەر ئۈستەل ئالدىدا كومپىيوتىرغا قاراپ ئولتۇراتتى .
_ ياتاق بارمۇ ؟ _ سورىدى ئادىلە ئۆزىنى تەمكىن تۇتۇشقا تىرىشىپ .
_ بۈگۈن يەكشەنبە ،ئارام ئېلىش كۈنى ، بىكار ياتاق بولماسلىقى مۇمكىن ، شۇنداقتىمۇ سىزدەك گۈزەل قىزچاققا ياتاق تېپىپ بەرمىسەم بولماس ، مەن سىزگە بىرئېغىزلىق  ياتاق  بوشىتىپ  بىرەي ..._ ئۇ ئادەم سۆزلەۋاتقان چېغىدا ئادىلەگە تىكىلىپلا تۇرۇۋالدى . ئۇنىڭ بەزدەك قاراشلىرى ئادىلەنىڭ جېنىغا تەككەنىدى . شۇنداقتىمۇ ئادىلە كەچ بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ياتىدىغان بىر يەرگە موھتاج ئىكەنلىكىنى ئويلاپ چىداشقا مەجبۇر بۇلۇپ ئۇنىڭ دىققىتىنى سۆزگە بۇرىدى :
_ رەھمەت سىزگە ، ماڭا كىچىكرەك ،شارائىتى ئانچە ياخشى بولمىسمۇ بىر كىشىلىك ياتاق لازىم ئىدى .
ھېلىقى ئادەم ئادىلەگە ھىجىيىپ قاراپ ، كۆزەينىكىنى تۈزەشتۈرۈپ قۇيۇپ ، ئىسىم -فامىلە ،ئادرىس يازىدىغان تىزىملاش دەپتىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى .
ئادىلە كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ بۇلۇپ دەپتەرنى ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى ھەم ئۇ ئادەمگە ياتاق ھەققىنى بىرىۋىتىپ ئاچقۇچنى ئېلىپ ياتاق تەرەپكە قاراپ ماڭدى .
  ئادىلە 401 نى نۇمۇرلۇق ياتاقنىڭ ئىشىكىنى شۇنداق ئېچىۋىدى ،ئىچىدىن دىماغنى يارغۇدەك بەتبۇي پۇراق بۇرۇنغا ئۇرۇلدى . قارىغاندا بۇ ياتاق  خېلى ئۇزۇندىن بېرى ئېچىلمىغاندەك تۇراتتى . ئادىلە شۇنداقتىمۇ ئىچىگە كرىىپ چىراغنى ياندۇردى ، ياتاق ئىچىدىكى ئاددىي جاھازىلار ، تامغا چاپلاپ قۇيۇلغان چاكىنا رەسىملەر  كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى .
ئادىلە كارۋات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالدى . تەقدىرنىڭ ئۆزىگە كۆرسىتىۋاتقان كارامىتىگە قاراپ تۇرۇپ كۈلگۈسى كىلەتتى ، تۇرۇپ يىغلىغۇسى كىلەتتى . دادىسنىڭ ئاشۇ تەرسا مىجەزى ، ئۆزىنى ئوغۇرلۇققا سېلىپ يۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ،ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە قانداق قىسمەتلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ، قەيەرلەردە سەرسان بۇلۇپ يۈرىدىغانلىقىنى خىيال قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى .
يول ھاردۇقى ئۇنى چارچىتىپ قويغانىدى ، ئۇ بالدۇر ئارام ئېلىش ئۈچۈن كارۋاتقا چىقىپ ياتتى ، لىكىن ئۇياق -بۇياققا ئۆرۈلۈپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا تۈمەنمىڭ سۇئاللار پەيدا بۇلاتتى : بۇندىن كىيىن قانداق قىلارمەن ؟ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ چوڭ بىر خاتالىق سادىر قىلىپ قويمىغاندىمەن -ھە ؟...
   ئەتىسى ئەتىگەن ئادىلە ھۆل چاچلىرىنى سىلكىپ ئەمدىلا مۇنچىدىن چىققانىدى . يەلكسىگە يوغان بىر لۆڭگىنى ئارتىۋىلىپ ئىچ كۆڭلىكى بىلەنلا تۇرغان ئادىلە توساتتىن بىرىنىڭ ئىشىكنى چەككىنى ئاڭلاپ ،ئۆزىچە ھەيران بۇلۇپ تۇرۇپ قالدى .ئىشىك تېخىمۇ قاتتىق چىكىلىشكە باشلىدى. ئادىلە ئىككىلىنىپ ئىىشكنى ئاستا  ئاچتى . ئىشىك ئالدىدا تۈنۈگۈن كەچ ئۇنىڭغا ياتاق ئېچىپ بەرگەن ئادەم تۇراتتى .
_ سىز ؟
ھۇلۇقۇش ئىچىدە ئۇنىڭ يەلكىسىدىكى لۆڭگە يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇ ئالمان -تالمان لۆڭگىنى ئالماقچى بۇلۇپ ئېڭىشۋىدى ، ئۇ ئادەم ئۇنىڭ يېرىم يالىڭاچ بەدىنىنى كۆرۈپ قالدى . ئادىلە لۆڭگىنى ئەمدىلا بەدىنىگە ئورىۋىلىپ تۇرۇشىغا ،ئۇ ئادەم سۆز ئاچتى :
_ تۈنۈگۈن ئالدىراشچىلىقتا سىزنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىڭىزنى كۈرۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، شۇڭا  سالاھىيەت كىنىشكىڭىزنى تىزىملاش ئۈچۈن كىرىشىم ..
سالاھىيەت كىنىشكىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئادىلەنىڭ يۈرىكى جىغغىدە قىلدى ، ئۇنىڭ  تېخىچە سالاھىيەت كىنىشكىسى يوق ئىدى .
_ مېنىڭ ...مېنىڭ سالاھىيەت كىنىشكەم يۈتۈپ كەتكەن .
_ ئېم .... بۇ پەقەت بولماپتۇ . ئەسلىدە مېھمانخانىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە سالاھىيەت كىنىشكىسى يوق كىشىلەرنى قوندۇرۇپ قېلىشقا بولمايتتى . ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟
ئادىلە بېشىنى سېلىپ تۇردى .
_ ئەمىسە مۇنداق قىلايلى ، قاراڭ !
ئۇ ئادەم شۇنداق دەپلا ئادىلەگە يېقىنلاپ ئۇنى قۇچاقلىۋالدى .
_ لۈكچەك ! ۋۇ پەس لۈكچەك ! _ ئادىلە ۋارقىرغىنىچە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى .
_ مەن بۇ يەرگە يالغۇز كىلىدىغان جىق قىزلارنى بىلىمەن ،ھەممىسى مېھمانلارغا ھەمراھ بۇلۇپ پۇل تاپقىلى كىلىدۇ ، سىزمۇ شۇنداققۇ دەيمەن ؟ قېنى قانچىنى ئالىسىز ؟ ماڭا دەڭ ....
ئادىلە ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى .
_ مېنى ئۇنداق ئاچىڭىزنىڭ يولدىن چىققان قىزىغا ئوخشاتماڭ !
_ نىمە دەۋاتىسەن پاسكىنا قانجۇق ! _ ئۇ شۇنداق دەپلا ئېتىلىپ بېرىپ ئادىلەنى تۇتۇۋالدى ،ئادىلە ۋارقىرىماقچى بولۇۋىدى ، ئۇ دەرھال ئادىلەنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋالدى .ئادىلە ئاۋازىنى چىقىرالماي قالدى .
ئۇ ئادىلەنىڭ  ئاغزىنى چىڭ ئىتىۋىلىپ ئۇنى سۆرەشتۈرۈپ كارۋات يېنىغا ئاپاردى ، ئادىلە مىڭ قارشىلاشسىمۇ ئۇنىڭغا زادىلا كۈچى يەتمەي قالغانىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ جىنايى مەقسىتىگە يىتەيلا دەپ قالغانىدى . دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ ساغرىسىغا شۇنداق بىر قاتتىق تېپىك تەگدىكى ،ئۇ كەينىگە پۇلاڭڭىدە ئۇچۇپ كەتتى . ئادىلە ناتۇنۇش ،كىلىشكەن  بىر يىگىتنى كۆردى . ئادىلە يۈگۈرۈپ بېرىپ بۇ ناتۇنۇش نىجاتچىسىنىڭ كەينىگە ئۆتۈۋالدى . بۇ چاغدا ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن تۇرغانىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا يىگىتكە ئېتىلىپ كەلدى . لىكىن يىگىتمۇ بوش كەلمەي چاچراپ بارغىنىچە ،ئۇنى ئۇرۇپ -دەسسەپ ۋايجېنىنى چىقىرۋەتتى .
_ ھەببەللى ،ئەمدىغۇ دۈمبەڭنىڭ قىچىقى بېسىلغاندۇ ؟_ سورىدى يىگىت يەردە ئىڭراپ ياتقان نۇمۇسسىزنى يەنە بىر قېتىم قاتتىق تېپىۋىتىپ .
_ سەن ...سەن ....خەپتوختاپ تۇر لۈكچەك ...مەن ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن ..
_ بۇلىدۇ ، ھازىرلا بېرىپ ساقچىغا مەلۇم قىل _ دېدى يىگىت ئۆزىنى توختىتىۋىلىپ ،_ ساقچى كېلىپ مېنى ئەمەس ، سەندەك پاك بىر قىزنىڭ نۇمۇسىغا تەگمەكچى بولغان ھايۋاننى تۇتىدۇ ..يەنە كەلسە -كەلمەس گەپ قىلىدىغان بولساڭ پۇتۇڭنى چاقىمەن _ يىگىت ئۇنىڭغا غەززەپ بىلەن ۋارقىراپ قۇيۇپ ،ئاندىن ئادىلەگە ،_ بۇ ياخشى ئادەملەر كىلىدىغان جاي ئەمەس ، تېز كىيىملىرىڭىزنى كىيىپ بۇ يەردىن چىقىپ كىتىڭ .
ئادىلە دەرھال كىيىنىپ ، نەرسە -كىرەكلىرىنى يىغىشتۇردى . ئۇ ئادەم  يەردە ئادىلەگە قاراپ شۈك ئولتۇراتتى . تاياق ئۇنىڭ جېنىدىن ئۈتۈپ كەتكەچكە ئۇ قايتا ئادىلەنىڭ سالاھىيەت كىنىشكىسىنى سوراشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى .ئادىلە يىگىتكە ئەگىشىپ ياتاقتىن چىقتى ، يىگىت ياتاقتىن چىقىۋىتىپ ،كەينىگە ئۆرۈلۈپ :
_ جېنىڭغا ھېزى بول ، ئەمدى سېنىڭ يەنە مۇشۇنداق پەسكەشلىكنى قىلىدىغانلىقىڭنى كۈرۈپ قالسام پۇتۇڭنى چېقىۋىتىمەن ! _ دەپ ۋارقىرىدى .
ئادىلە كىتىۋىتىپ  يىگىتكە پات -پات قاراپ قۇياتتى ، ئىچىدە بۇ نىجاتچىسىغا مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتاتتى  :
_ سىز نەگە بارىسىز ؟ _ يىگىت ئادىلەدىن سورىدى .
_ مەن...مەن ..._ ئادىلە نىمە دىيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ تۇرۇپ قالدى ،_ سىزگە راست گەپنى قىلسام مەن ئۆيدىن قېچىپ چىققان.
يىگىت ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران بۇلۇپ ئۇنىڭغا تىكىلدى .
_ دادام مېنى ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك  بىر ئادەمگە ياتلىق قىلماقچى بولغان ،شۇڭا ..._ ئادىلە تېزلا يالغاندىن بىرنى تۇقۇدى .
_ مۇنداق دەڭ ، ھازىرقى زاماننىڭ ئادەملىرىگە نىمە بولىۋاتىدىكىن تاڭ ، ۋىجدان، غورۇر  دىگەن نەرسە قالمىدى . ئۇنداقتا بۇ يەردە نىمە قىلاي دەيسىز ؟
ئادىلە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭىشتتى .
_ بايا ئەسلى بىر دوستۇمنى ئىزدەپ شۇ مېھمانخانىغا بارغان ، قايتىپ چىقىشىمدا ياندىكى ياتاقنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق ئىكەن ، مۇنداقلا قارىۋىدىم ،ئىش باشقىچە ...چۇقۇم سىزگە بىرەر ئىش بۇلۇپتۇ دەپ كىرگەن ئىدىم .
_ رەھمەت سىزگە ...سىزگە راستنلا كۆپ رەھمەت . ئەگەر سىز بولمىغان بولسىڭىز _ ئادىلەنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى .
_ بولدى ،رەھمەت دىمىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ . بۇ بىزدەك يىگىتلەرنىڭ  قىلىشقا تىگىشلىك ئىشىمىز . سىلەردەك كەلگۈسى پەرزەنتلەرنىڭ ئانىلىرىنى بىز قوغدىمىساق، ئاسرىمىساق بولمايدۇ  ، ھەراست  ئىسىمىڭىز نىمە ؟
_ ئادىلە .
_ مىنىڭ ئىسىم دېڭىز .
_ دېڭىز ؟ _ ئادىلە تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقان بۇ ئىسىمدىن ھەيران بولۇپ سورىدى .
_ شۇنداق ، دېڭىز . دادام شۇنداق قۇيۇپتىكەن . لىكىن ئىسىم چىرايلىقتە مېنىڭ ،_ دېڭىز ئادىلەگە كۈلۈمسىرەپ قارىدى . ئادىلە بۇ ئاقكۆڭۈل يىگىتكە ئىچىدە تېخىچە رەھمەتلەرنى ئېيتىۋاتاتتى .
_ ياخشىلىق قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلاي ، مېنىڭ بىر تۇنۇشۇمنىڭ دادىسى ئاشخانا ئاچىدۇ ، ئەگەر خالىسىڭىز سىزنى شۇ يەرگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇياي .
ئادىلە خۇشال بۇلۇپ بېشىنى لىڭىشتتى .
ئادىلە دېڭىزغا ئەگىشىپ كىتىۋاتاتتى ، ئۇ بۇ ناتۇنۇش شەھەرگە كىلىپلا دېڭىزغا ئوخشاش ئاقكۆڭۈل يىگىتكە ئۇچراپ قالغانلىقىدىن ئىچ -ئىچىدىن خۇشال بولماقتا ئىدى .



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:30:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم كېچىدىن ئۆتكەن پەيت ،ھاۋا بەكمۇ سالقىن ئىدى . ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان .يىراقتا تۇرۇپ -تۇرۇپ چاقماق چېقىلاتتى . بۇ چاغدا ھەممە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن ، لىكىن ئادىلە پەقەت ئۇخلىيالمايۋاتاتتى . ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن ئىشتىن چۆچۈپ قالغانىدى . راست ،بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم ئۇ كىچىسى ئۆيىگە قايتىۋاتقىنىدا يولدىكى مەستلەر ئۇنىڭغا قالايمىقان چاقچاق قىلىپ ،ئارقىسىدىن قوغلىغان . لىكىن ئادىلە ئادەملەرنى بۇنچىۋالا دەرىجىگە بارار دەپ ئويلىمىغان ئىدى . دىمەك ،ھازىر جەمئىيەت ئۆزگىرىپ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان قاراشلىرىمۇ ئۆزگەرگەن ، بىر قىز بالا بولماق ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى . ئۇ شۇلارنى خىيال قىلىۋىتىپ ئىختىيارسىز ئەسكى بولسىمۇ دادىسىنى ئويلاپ قالدى. دادىسى ئۇنى ئوغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ ،ئۇنىڭغا ئانىسى يوقلىقىنى قىلچە بىلدۈرمىگەن ،ھەرقانچە ئادىلەنى يامان كۆرسىمۇ ئۇنى قوغداپ ،ئازاق بولسىمۇ مىھرىنى بېغىشلىغان ...مانا ئەمدىلىكتە ئۇ دادىسىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ ئولتۇرۇپتۇ .
‹‹ بىلمىدىم ،ئەسكى بولسىمۇ دادامنى ،ئۆينى تاشلاپ چىقىپ توغرا قىلغاندىمەنمۇ مەن ؟! ›› ئۇ بۇ سۆزنىڭ ئاغزىدىن قانداقلارچە چىقىپ كەتكىنىنى تۇيماي قالدى .
ئادىلە دېڭىزنىڭ تۇنۇشتۇرىشى بىلەن بىر ئاشخانىغا كۈتكۈچىلىككە قۇبۇل قىلىندى . ئۇنىڭ ئەر خوجايىنى 40 نەچچە ياشلاردىن ھالقىغان ، ئايالى بولسا ئەمدىلا 20 ياشقا كىرگەن چىرايلىق بىر قىز ئىدى . ئادىلەنىڭ ئىشچانلىقى ھەممەيلەنگە يارىغان بۇلۇپ ،نەچچە كۈن ئۆتۈپلا ئاشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ كەتتى . ئادىلە  كۈندە قاچا-قۇچا رەتلەپ ،ئۇيان -بۇيانغا چېپىپ ھېرىپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا ئۆزىنىڭ بۇ خىزمىتىدىن كۆپ رازى ئىدى . بۇ باشقىلارنىڭ قارغىشىنى ئېلىپ ئوغۇرلۇق قىلغاندىن مىڭ ھەسسە ياخشى دەپ ئويلايتتى .
    دېڭىز ئارلاپ -ئارلاپ ئاشخانىغا تاماق يىگەچ ئادىلەنى كۆرگىلى كىلەتتى . دېڭىز بىر تور شىركىتىنىڭ تېخنىك خادىمى ئىدى ، ئۇ بارا -بارا ئۆزىنىڭ ئادىلەنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى . لىكىن ئادىلەگە قانداق يۇسۇندا ،قايسى ئۇسۇلدا ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىشنى بىلمەي بېشى قېتىپ تۇراتتى .
ئادىلەمۇ دېڭىزنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى ، ئۇنىڭ ئاقكۆڭۈل ، بالىلارچە مىجەزى ئۇنىڭغا يېقىپ قالغانىدى . لىكىن ئۇ دېڭىزنى ئۆزىنىڭ نىجاتچىسى ،مۇشۇ شەھەردىكى بىردىنبىر يېقىن ئادىمى دەپ ئويلايتتى . ئۇنى   ھەردائىم كۆرگەندە ئادىلنى ئەسلەپ قالاتتى ، ئۇ ھېلىمۇ  ئادىلنى ئۇنتۇيالمايۋاتاتتى .
‹‹ ئادىل مېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندۇ  ، مەن بەرىبىر ئۇنىڭغا ماس كەلمەيمەن .ياخشىسى ئۇنى تولا ئويلاۋەرمەي ...››ئادىلە شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ قالدى .
دېڭىز بۈگۈن ئاشخانىغا يەنە كەلگەنىدى . ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە ئادىلەگە قاراپ ئولتۇردى ، ئادىلە ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ چىرايلىق ، ئۇماق قىز ئىدى . ئۇ ئادىلە بىلەن توي قىلسام چۇقۇم بەختلىك بۇلۇپ كىتىمەن دىگەنلەرنىمۇ ئويلاشقا ئۈلگۈردى .
بىر نەچچە سائەتتىن كىيىن ئاشخانا ئىچى سەل بېسىقىپ قالدى، ئادىلەمۇ چۈشلۈك تامىقىنى يىيىش ئۈچۈن دېڭىزنىڭ يېنىدىكى ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇردى .
_ ئادىلە ، ھېرىپ كەتتىڭىز ھە ؟_ سورىدى دېڭىز ئۇنىڭغا كۈيۈنگەن ھالدا .
_ ياقەي ...بۇ يىنىك ئىشلار ، ئازراق ھارغاننىڭمۇ قىلچە زىينى يوق ، بەزى كىشىلەردەك كۈن بۇيى ‹‹ ئۈجمە پىش ،ئاغزىمغا چۈش ›› دەپ ئولتۇرغاندىن كۆپ ياخشى .
بۇ گەپتىن دېڭىز قاتتىق كۈلۈپ كەتتى .

ئادىل ئىشخانىسدا  تاماكا چەككەچ يارقىننىڭ سۆزلىرىنى خىيال قىلىپ ئولتۇراتتى . ئەگەر يارقىننىڭ پەرەز قىلغانلىرى راست چىقسا ئۇ چاغدا ...ئادىل ئۆز خىيالىدىن مەمنۇن بۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى . لىكىن يارقىن ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا شۇنچە كۈچەپ كىتىۋاتقاندۇ ؟ ئەجىبا ئۇمۇ ئادىلەنى ياخشى كۈرۈپ قالغانمىدۇ ؟؟ ۋوي توۋا ...بۇلارنى ئەجەپ ئويلىماپتىمەن ، يارقىننى تۇنجى ئۇچراتقىنىمدىمۇ ئۇ ئىككىسى پاراڭلىشىپ تۇرۇپتىكەن . تېخى يارقىن مېنى كۈرۈپ  ھۇدۇقۇپ يالغاندىن بىرنى تۇقۇغانىدى . ئادىل بۇلارنى ئويلىغانسىرى ھەسەت ئوتلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى كۆيدۈرۈشكە باشلىدى . توۋا ...كۆڭۈل دىگەن ئاجايىپ بۇلىدۇ ھە . بۇرۇن كىنولاردا ساقچىنىڭ بىر ئوغرى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى كۆرسەم بۇ كىشىلەرگە ئىشلەيدىغان نەرسە چىقماي ئەمدى مۇشۇنداق كىنولارنى ئىشلەپ يۈرۈپتۇ دەپ ئويلايتتىم ، ئەمدى بۇ ئىش ئۆز بېشىمغا كەلگەندە ئەجەپ نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قېلىۋاتىمەن . تېخى بۇ  ئىككى ساقچى يىگىت بىلەن بىر ئوغرى قىزنىڭ مۇھەببەت ھىكايىسى بۇلىۋاتىدۇ  ... بۇنىڭ ئاخىرىنى ئۆزۈم چۇقۇم ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىشىم كىرەك ، چۇقۇم ئادىلەنى بەخىتلىك قىلىشىم ،ئۇنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنى گۈزەل رومانتىكىلارغا تولدۇرىشىم كىرەك .
تۇيۇقسىز سىرتتىن ئاڭلانغان ۋاراڭ -چۇرۇڭدىن ئۇنى خىياللىرى ئۈزۈلۈپ قالدى . سىرتتا بىر 50 ياشلار چامىسىدىكى ئەر ساقچى ياقۇپچان بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى . ئادىل دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلىدى :
_ ياقۇپچان ، نىمە ئىش ؟؟
_ بۇ ئادەم قىزىم يوقاپ كەتتى دەپ مەلۇم قىلىپ كەپتۇ ...
بۇ گەپ ئادىلغا قىزىق تۇيۇلدى ، ئۇ ساقچى بولغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم بىر ئادەم قىزىم يوقاپ كەتتى  ،  دەپ  دىلو مەلۇم قىلىپ كەلگەنىدى . ئادىل ياقۇپچاننى ئۇ ئادەمنى باشلاپ ئىشخانىسىغا كىرىشكە بۇيرۇق قىلدى .
_ قېنى ئولتۇرۇڭ ،_ ئادىل ئۇ كىشىنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى .
_ مەن بۇ ساقچىخانىنىڭ باشلىقى ئادىل بۇلىمەن . نىمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى ماڭا ئېيتسىڭىز بۇلىدۇ .
ئۇ ئادەم ئادىلنىڭ بېشىدىن ئاستىغىچە قارىۋىتىپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئىپادىسىز بىر ئۇچقۇنلار يالتىراپ تۇراتتى.
_ بۇ ئىش يۈز بەرگىنىگە بىر نەچچە كۈن بولدى ، بىر كەچتە قىزىم بىلەن بىر ئىشتا گەپ تالىشىپ قېلىپ ئاچىقىمغا پايلىماي ئۇنى بىر تەستەك ساپتىمەن .مەنغۇ ئەزەلدىن قىزىمنى ئۇرۇپ باقمىغان ئىدىم ، ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن بېرى ئۇنى كۆز قارچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ ئۇقۇتۇپ ياخشى تەربىيلىگەنىدىم ، شۇ بىر قېتىملىق ئىش ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلىپ كەتتىمۇ ،شۇ بىر يوقاپ كەتكەنچە ھازىرغىچە ئۆيگە قايتىپ كەلمىدى ، ئۇنى ئىزدەپ بارمىغان جايلىرىم قالمىدى ، ئاخىرى ئامالسىز سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا ياردەم سوراپ كەلگەنىدىم ، قىزىم تېپىلىدىغانلا ئىش بولسا قانچە پۇل كەتسە مەيلىتى ....
ئادىل ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاڭلاپ بىر ئاز غەلىتىلىك ھېس قىلدى . بۇ ئادەم ئۇنىڭغا بەكمۇ تۇنۇشتەك بىلىندى ، لىكىن پەقەت ئەسلىيەلمىدى .
-مۇنداق دەڭ، ئۇنداقتا بىز ئىزدەپ باقايلى ،ئاۋۋال بۇ كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇپ چىقىڭ .
ئادىل شۇنداق دەپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چىكىشكە باشلىدى . ئۇ ئادەم بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
_ قىزىڭىزنىڭ سۆرىتىنى ئالغاچ كەلدىڭىزمۇ ؟
ئادىل ئۇ ئادەمدىن سورىدى.
_ھەئە ، ئالغاچ كەلدىم ، بۇ ئۇنىڭ تېخى يېقىندا چۈشكەن سۆرىتى ئىدى .
ئۇ ئادەم شۇنداق دىگەچ يانچۇقىدىن سۆرەتنى ئېلىپ ئادىلغا سۇندى . ئادىل سۆرەتنى ئېلىپ قارىدىيۇ چۆچۈپ كەتتى . بۇ ئادىلەنىڭ ، يەنە كىلىپ ئۆزى ئۇ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ تارتىۋالغان ،ئىزچىل پورتىمىنىغا سېلىپ ساقلىغان، كىيىن ئادىلە تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ كىتىلگەن سۈرەت ئىدى . ئادىل ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەندىشە ، قورقۇچ ، ۋەھىمە ...ئىشقىلىپ بىر ئەسكى كىشىدە بۇلۇشقا تىگىشلىك ھەممە نەرسىلەر چىقىپ تۇراتتى .
ئادىل ئادىلەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ يۈرەكلىرى ئېچىشتى ، قەلبى ئۆزىمۇ بىلمىگەن تۇيغۇلار ئىلكىدە ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، ئۇ ئادىلەنىڭ دادىسى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، تېلفۇنىنى ئوينىغان بۇلۇپ ئۇنى سۈرەتكە تارتىۋالدى .
_ بۇلىدۇ ئەمىسە ، سىز قايتىپ تۇرۇڭ ، بىز قىزىڭىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالىساق سىزگە مەلۇم قىلىمىز .
ئادىلەنىڭ دادىسى ئۇلارغا رەھمەت ئېيتقىنىچە چىقىپ كەتتى . ئۇ ئىشىكتىن چىقىۋىتىپ ئادىلغا نەپرەتلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويدى ، ئادىل ئادىلەنىڭ رەسمىگە قاراپ قالغان بۇلۇپ بۇنى كۆرمەي قالدى  . ئادىلەنىڭ دادىسى ئەسلىدە دوستى ئەركىننىڭ مەسلىھەتى بۇيىچە ساقچى باشلىقى ئادىلدىن گۇمانلىنىپ ، ئادىلە چۇقۇم ئۇنىڭ ئۆيىگە يۇشۇرنىۋالدى ، دىگەن پەرەز بۇيىچە قىزىم يوقاپ كەتتى ، دىگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى ئىزدەپ كەلگەنىدى . بايا ئادىلنىڭ ئادىلەنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتكەندىكى قىياپەتلىرىدىن ، كۆزلىرىدىكى ئەندىشە ، ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرىدىن ئادىلەنىڭ ئۇنى ئىزدىمىگەنلىكىنى بىلىۋالدى .
_ باشلىق ،  بۇ قىز ئەجەپ تۇنۇش كۈرۈنىدىغۇ ؟؟..._   ياقۇپچان ئادىلدىن سورىدى .
_ ھەئە . بۇياق ئادىلە . بىر قېتىم بىرسىنىڭ پورتمىنى يوقاپ كىتىپ مەلۇم قىلىپ كەلگىنىدە بۇ قىز تېپىۋىلىپ تاپشۇرۇپ بەرمىدىمۇ ؟!...
_ ھە ..ھە ... دەل شۇ قىز ئىكەن . بايا بىر كۈرۈپلا بۇ قىزنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىۋىدىم .
ئادىل ئۈندىمىدى . ئۇنىڭ كاللىسى تېخىمۇ قالايمىقانلىشىپ كىتىپ باراتتى . ئۇ ئادىلەدىن ئەنسىرەپ قالغانىدى .
‹‹ ھەي ..بۇ ئېغىر كۈنلەر بېشىڭىزغا كەلگىنى ئازدەك يەنە قەيەرلەردە سەرسان بۇلۇپ يۈرۈيدىغانسىز ئادىلە . مېنىڭ سىزنى قانچىلىك ياخشى كۈرىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسىڭىزچۇ ؟! مىنى يەنە ئازابتا ، نادامەتتە قۇيۇپ قەيەرلەردە يۈرۈيدىغانسىز ....››ئادىل ئىچ -ئىچىدىن ئازابلىنىپ كەتتى ، ئۇ خۇددى ئادىلەنى ئەمدى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان ھىس قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلدى .
_ باشلىق ، قانداق قىلىمىز ؟ بۇ قىزنىڭ سۈرىتىنى كۆپەيتىپ باستۇرۇپ ئېلان چىقىرامدۇق ياكى ...
_ ھازىرچە بۇ ئىشلارنى قۇيۇپ تۇرايلى . سەن ھازىرلا ماڭا بۇ كىشىنىڭ سۈرىتىنى يۇيغۇزۇپ ئەكىلىپ بەرگىن . قارىغاندا بۇ ئانچە ئاددىي ئىش ئەمەستەك قىلىدۇ . ئاۋۋال بىز ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىقلاپ چىقايلى . _ ئادىل شۇنداق دىگەچ بايا ئۇ تېلفۇنىدا تارتىۋالغان سۈرەتنى بارماق دىسكىغا قاچىلاپ ياقۇپچانغا بەردى .
ياقۇپچان چىقىپ كىتىشى ئادىل ئادىلەنىڭ سۈرىتىنى تۇتقىنىچە بېشىنى قاماللاپ چوڭقۇر خىياللارغا بەند بۇلۇپ ئولتۇرۇپ قالدى .

بۈگۈن ئەخمەت بەكمۇ خۇشال ئىدى . چۈنكى ئۇ سوممىسى 5 مىڭ يۈەن بولغان ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنىدى . ئۇ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كۈننى كۈتۈپ كەلگەنىدى . بۈگۈن يەنە  نەرگىزەنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنى بۇلۇپ ، ئۇ نەرگىزەنى تازا بىر خۇشال قىلىۋىتىشنى ئويلىدى . ئۇ  ئاۋۋال بانكىغا بېرىپ كارتىدىن مىڭ يۈەننى چىقاردى . ئاندىن نەرگىزەگە تېلفۇن قىلدى . ئىككىسى يەنە بۇرۇنقى كونا جايدا كۆرىشمەكچى بۇلۇشتى .
ئەخمەت كەلگەندە نەرگىزە ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغان بۇلۇپ ئەخمەتنى ساقلاپ ئولتۇرغانىدى . نەرگىزە بۈگۈن ئەخمەتكە تېخىمۇ گۈزەل ، چىرايلىق ، ئۇماق كۈرۈنۈپ كەتتى .
_ نەرگىزە تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ! _ ئەخمەت  كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى .
_ رەھمەت ...رەھمەت . بۈگۈن بۇنىڭ بىلەن ئۈچىنچى قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەپ بولدىڭىز .
_ سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى يۈز قېتىم تەبرىكلىسەممۇ ئەرزىيدۇ ._ ئەخمەت شۇنداق دىگەچ ئاستا كىلىپ ئۇنى قوللىرىنى تۇتىۋالدى ، نەرگىزە خىجىل بۇلۇپ ئىللىق كۈلۈمسىردى .
_ نەرگىزە ، بۈگۈن ماڭا مەكتەپتىن  بىرىدىغان ھېلىقى 5مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتى بەردى . ئەسلى تۇغۇلغان كۈنىڭىزدە سىزگە ئۆز قۇلۇم بىلەن سوۋغات بېرىشنى ئويلىغان ئىدىم . لىكىن كىيىن ئويلاپ سىز بىلەن بىللە بازارغا چىقىپ سىز نىمىنى ياقتۇرسىڭىز شۇنى ئېلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . _ ئەخمەت ھاياجان بىلەن سۆزلەيتتى . چۈنكى بۇ ئىككىسى ئارلاشقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈن ئىدى ، ئۇ نەرگىزەنىڭ خۇشال بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى .
_ ئەخمەت ، سىزنىڭ بىر ئېغىز ‹‹ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك ›› دىگەن سۆزىڭىزنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك سوۋغات . سىزگە كۆپ رەھمەت . مېنىڭچە سوۋغات ئېلىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى يوق . بۈگۈن سىز يېنىمدا بولسىڭىزلا بۇ مەن ئۈچۈن ئەڭ خۇشال ئۆتكۈزگەن تۇغۇلغان كۈنۈم .
ئۇلار ئۇنى -بۇنى دىيىشىپ ئاخىرى نەرگىزگە سوۋغات ئېلىش ئۈچۈن  بازارغا چىقىشتى . ئەخمەت نەرگىزەنى يۈتۈپ كەتمىسۇن دىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتىۋالغانىدى .
ئۇلار كىچىك بالىلاردەك سەكرەپ ئويناقشىپ دۇكانمۇ دۇكان كىرىپ ، ئەخمەت كۆزىگە نىمە چىرايلىق كۈرۈنسە  نەرگىزەنىڭ ئۇنىمىغىنىغىمۇ ئۇنىماي ، ئۇنىڭغا بىر قۇر كىيىم -كىچەك ، ئەرزان باھالىق زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى سېتىۋىلىشتى . نەرگىزەگە سوۋغاتلارنى ئېلىپ بولغاندىن كىيىن بىر تۈركىيەلىكلەر ئاچقان  مۇسۇلمانلار تېز تاماقخانىسغا كىرىپ ئىتالىيە چۆپى يىيىشتى .
ئۇنىڭدىن كىيىن ئىككىسى بازارغا چىقىپ سەي -كۆكتات ، گۆش ...قاتارلىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشتى . ئەسلى ئىككىسى بىللە مەكتەپ يېنىدىن بىر كۈنلۈك ئۆي ئىجارە ئالغان بۇلۇپ ، نەرگىزە بۈگۈن ئۆز قۇلى بىلەن ئەخمەتكە تاماق ئىتىپ بەرمەكچى بولغانىدى . ياتاققا كەلگەندىن كىيىن ئەخمەت بىر ئۇيغۇر ساۋاقدىشىدىن  قازان -قۇمۇچ ، لازىملىق نەرسىلەرنى سوراش ئۈچۈن مەكتەپتە كىرىپ كەتتى . ئادەتتە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار تاماق ئىتىشكە لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغان بۇلۇپ ، ئارلاپ -ئارلاپ سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ بىللە تاماق ئىتىپ يىيىشەتتى .
ئەخمەت مەكتەپكە كىرىپ كەتكەندىن كىيىن نەرگىزە بۈگۈن ئەخمەت ئېلىپ بەرگەن كىيىم -كىچەكلەرنى كەيدى ، زىببۇ -زىننەتلەرنى تاقىدى . ئۇ ئەينەكتىن ئۆز ئەكسىنى كۈرۈپ بۇ بەختلىك تۇرمۇشىدىن خۇشال بۇلۇپ ئۆزىچىلا كۈلۈپ كەتتى .
نەرگىزە تۇيۇقسىز ئېسىگە بىر ئىش كەلگەندەك قىلىپ تېلفۇنىنى ئالغاندىن كىيىن دادىسىغا تېلفۇن ئۇردى . دادىسىمۇ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەپ ، ئۇنىڭغا بەخت ، ئاسايىشلىق تىلىدى .
بىر ئازدىن كىيىن ئەخمەت قازان -قۇمۇچلارنى ئېلىپ كىردى . ئۇ نەرگىزەنىڭ بۈگۈن ئالغان كىيىم -كىچەكلەرنى كىيىپ تېخىمۇ گۈزەل بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتالماي ئۇنىڭ يۈزىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويدى .
ئىككىسى بىللە تاماق ئىتىشكە تۇتۇش قىلدى . ئۇلار ھەرخىل سەيلەرنى قورۇپ ، بىردەمدىلا ئۈستەلنى توشقۇزۇپ قۇيۇشتى . بىر ئازدىن كىيىن ئەخمەت بىر يەشىكنى ئېچىپ تورتنى تەييار قىلدى ، نەرگىزە تورت ئۈستىگە يېزىلغان ‹‹ جېنىم نەرگىز ، تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ›› دىگەن خەتلەرنى كۈرۈپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى . ئىككىسى بىللە ئولتۇرۇپ تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتقاندىن كىيىن نەرگىزە شامنى پۈۋلىدى . ئۇلار ئۆز قۇلى بىلەن ئەتكەن تاماقنىڭ مەززىلىك پۇرىقى ئۇلارنىڭ ئىشتىھالىرىنى شۇنچىلىك ئېچىۋەتكەنىدىكى ، تورتنى يەپ بولغاندىن كىيىن تەڭلا تاماققا يۇپۇرۇلدى .
ئاندىن ئەخمەت تېلفۇنىدىن  نەرگىزە ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئابدۇغېنى ئابلىكىم خالنىڭ ‹‹ئاشىقلار سۆيگۈسى ›› ناملىق  ناخشىسىنى قۇيۇپ قويدى ھەم كۈلگىنچە نەرگىزەنى تانسىغا تەكلىپ قىلدى ، نەرگىزە  كۈلۈمسىرگىنىچە  ئورنىدىن تۇردى . بۇ بىر جۈپلەر خۇشاللىققا تەڭ جۈر بۇلۇپ تانسىغا چۈشتى .
  تېلفۇندىن چىقىۋاتقان يېقىملىق ناخشا خۇددى بۇ بىر جۈپلارگە ئاتاپلا ئېيتىلغاندەك ئۇلارنىڭ قەلبىنى شادلىق ھىسېلىرىغا چۆمدۈرگەنىدى .
بارلىغىمسەن ، .ئايىمسەن بىلسەڭ سۆيگۈمنى ،
كەلگىنە ، سۈيۈملۈك ، قەدىرلىك يارىم .   
نۇرىمسەن ، كۆزىمسەن ، بىلسەڭ قەلبىمنى ،
زار ئەتمە مېنى ، ئەزىزىم ، يايرىم ....
نەرگىزە ئەخمەتنىڭ بۇ ئۇرۇنلاشتۇرغان رومانتىك تۇغۇلغان كۈنىدىن خۇشال بۇلۇپ ، تانسا ئوينىغاچ ئۇنىڭغا مەپتۇنلارچە قاراپ قالغانىدى ، ئەخمەت بولسا ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن قىزنىڭ خۇشال بولغانلىقىنى كۈرۈپ شادلىققا چۆمگەنىدى . ئىككىيلەن بىر -بىرىنىڭ بەدىنىدىكى ھارارەت ھەتتا تىنىق -نەپەسلىرىنىمۇ سىزەلەيدىغان ھالەتتە تانسا ئوينىماقتا ئىدى . نەرگىزە ئۈچۈن بۇ كۈن ئەڭ ئۇنتۇلماس ، ئەڭ قىممەتلىك كۈن ھىسابلىناتتى .

قۇياش كۆتۈرۈلۈپ ،كىشىلەرگە يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتەئىدى، ئاپئاق قار زىمىن يۈزىگە لەپىلدىمەكتە ،كىشىلەرنىڭ ئاياغلىرى ئاستىدىن غىرىس-غىرىس قىلغان ئاۋازلار توختىماي ئاڭلىناتتى. دېڭىز  بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئىچكىرگە خىزمەت ئىشى ئۈچۈن بارماقچى ئىدى . شۇڭا ئۇ كىتىشتىن ئاۋۋال ئاشخانا خوجايىنىدىن ئادىلە ئۈچۈن يېرىم كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى . ئۇ بۈگۈن ئادىلەنى خۇشال قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئۇنتۇلماس بىر كۈننى ئۆتكۈزمەكچى بولغانىدى .
_ بۈگۈن ئەجەپ غەلىتە بۇلۇپلا قاپسىز ، قېنى ماڭا ئېيتىڭە ، بۈگۈن زادى قانداق كۈن ؟؟ ئەجەپ ماڭا دىمەيلا مەن ئۈچۈن رۇخسەت سوراپ قاپسىزغۇ ؟؟ _ ئادىلە ئۆزىنىڭ نىجاتچىسى بىلەن بىرگە مېڭىۋاتقىنىدىن خۇشال بۇلۇپ تۇرسىمۇ يەنىلا ھەيرانلىقتا قالغان ئىدى .
_ باشقىچە كۈنمۇ ئەمەس ، سىز ئۈرۈمچىگە كەلگىلىمۇ خېلى بۇلۇپ قالدى . شۇڭا بۈگۈن سىزنى ئۈرۈمچىنى ئايلاندۇرۇپ كىلەيمىكىن دەپ شۇ ..._ دېڭىز شۇنداق دىگەچ شوخلۇق بىلەن كۆزىنى قىسىپ قويدى . ئادىلە بۇنى ئاڭلاپ كۈلۈمسىرگىنىچە شەھلا كۆزلىرىنى دېڭىزغا تىكتى . دېڭىز بۇ گۈزەل قىزنىڭ شەھلا كۆزلىرىگە قاراپ ئىشىق ئوتىدا يەنە بىر قېتىم كۆيدى .
  سىرتتا لەپىلدەپ قار ياغماقتا ئىدى ، ئىككىسى بىر قەھۋەخانىغا كىرىپ بىر ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچمەكچى بۇلۇشتى . ئادىلە تا ھازىرغىچە قەھۋە ئىچىپ باقمىغان بولغاچقا بىر يۇتۇم ئىچىپلا ياندۇرۋەتكىلى تاسلا قالدى .
_ كىنولاردا ئەجەپ قەھۋە قەھۋە دىسە نىمە نەرسكىن دەپتىمەن . نىمانداق قىرتاق ، غەلىتە نەرسە بۇ . ئۇ خەقلار قانداق ئىچىدىكىنە ...
دېڭىز ئادىلەنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ كۈلۈپ كەتتى .
ئۇلار قەھۋەخانىدىن چىققاندا  تېخىچىلا قار توختىمىغان بۇلۇپ ،پۈتۈن زىمىن ئاق لىباسقا ئورانغانىدى ،ئۇلار تاكسى تۇسۇدى ،تاكسى ئۇلارنى سۇ ئۈستى باغچىسىغا ئاپىرىپ قويدى . ئادىلە بەكمۇ خۇشال ئىدى ، ئۇ دوستلىرىدىن ئۈرۈمچىنىڭ سۇ ئۈستى باغچىسىنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدى ،ئاخىرى بۇ يەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۈرۈشكە ، يەنە كىلىپ ئۆزىنىڭ نىجاتچىسى بىلەن بىللە كۈرۈشكە مۇيەسسەر بولغانىدى . ئىككىسى كەچكىچە بۇ يەردىكى ئۇيۇنلارنىڭ ھەممىسىنى بىر قېتىمدىن ئويناپ چىقىشتى . ئادىلە ھەممىنى ،ھەممە ئازاب -دەرتلىرىنى  ئۇنتىغان ھالدا بۇ كۈننى خۇشال ئۆتكۈزۈشنى ئۈمۈد قىلاتتى ، كىيىنكى كۈنلىرىنىڭ مۇشۇنداق كۈڭۈللۈك ، مەنىلىك ئۈتۈشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلىدى .
ئۇلار باغچىدىن قايتقاندىن كىيىن بىر ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇقخانىغا كىرىپ  ئىلىكتىرۇنلۇق ئۇيۇنچۇق ئويناشتى . پۈتۈن دىققىتى بىلەن خۇشال ھالدا ئۇيۇنچۇق ئويناۋاتقان ئادىلەگە قاراپ دېڭىزنىڭ مەستلىكى كەلدى ، ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۈرۈپ قېلىۋاتاتتى .
_ ئادىلە ، مەن سىزنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق كۈلۈپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ، داۋاملىق كۈلۈپ تۇرۇڭ .
ئادىلە  دېڭىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ، ئۇ دېڭىزنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە تىكىلىپ قارىدى ، بۇ كۆزلەردىن ئاجايىپ مىھرىبانلىق ،ھىسداشلىق نۇرلىرى چىقىپ تۇراتتى . ئادىلەمۇ دېڭىزغا ئىللىق تەبەسسۇم ئىچىدە قارىدى ، دېڭىزئادىلەنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە مىھىر بىلەن  تويماي قارايتتى .تۇيۇقسىز دېڭىزنىڭ تېلفۇنى سايراپ قالدى .
_ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم. ھە ، بىر دوستۇم بىلەن سىرتتا ئىدىم . بۇلىدۇ ، مەن بىردەمدىن كىيىن ساڭا تېلفۇن قايتۇراي ...خوش ئەمىسە .
ئۇ شۇنداق دەپ تېلفۇننى قويدى ، ئادىلە ئۆزىنى دېڭىزنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويغاندەك ھىس قىلىپ قالغانىدى .
_ دېڭىز ، ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ .بۈگۈن مېنى ئېلىپ چىقىپ ئويناتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت . ئەمىسە ،قايتايلىمۇ ؟؟...
دېڭىز ئادىلەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ماقۇللىقىنى بىلدۈردى ، دېڭىز يول بۇيى قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئادىلەنى كۈلدۈرۈپ ماڭدى . ئۇلار ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،دېڭىز سومكىسىدىن بىر چىرايلىق بولانغان قاپنى چىقىرىپ ئادىلەگە ئۇزاتتى .
_ بۇ مېنىڭ سىزگە بولغان ئازراق كۆڭلۈم ، قۇبۇل قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئادىلە ھەيرانلىق ئارلاشقان كۆزلىرىنى دېڭىزغا تىكىپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_  بۇ نىمە ؟ بۈگۈن يا باشقىچە كۈن بولمىسا ماڭا نىمىشقا سوۋغات بىرىپ يۈرۈيدىغانسىز ؟؟
_ ھېلى مەن كەتكەندە ئېچىپ قارىسىڭىز بىلىپ قالىسىز . قۇبۇل قىلمىسىڭىز خاپا بۇلۇپ قالىمەن .
ئادىلە خىجىل بۇلۇپ قالغانىدى ، ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇشنى خالىماي سوۋغاتنى قۇبۇل قىلدى .
_ خوش ئەمىسە ، ياخشى ئارام ئېلىڭ ،_ دېڭىز ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى .
_ خوش ئەمىسە ، سىزمۇ ياخشى ئارام ئېلىڭ . سىزگە كۆپ رەھمەت .   
ئادىلە  ئاشخانا ئىچىگە كىرگەچ سوۋغاتنى ئاچتى ، ئۇنىڭ ئىچىدە بەكمۇ چىرايلىق يان تېلفۇندىن بىرسى تۇراتتى . ئادىلە تېلفۇننى ئەمدى قۇلىغا ئېلىپ تۇرىشى ، تېلفۇن سايراپ كەتتى . ئادىلە تېلفۇننى ئاستا قۇلىغا تۇتتى :
_  قانداق ، سوۋغام سىزگە يارىدىمۇ ؟؟_ تېلفۇندىن دېڭىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى .
_ دېڭىز ؟؟ مەن ......
_ سىزنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئىشلىتىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەمدى سىزدە تېلفۇن بولغاندىن كىيىن بىز دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمىز . سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ھەردائىم ئاڭلاپ تۇرسام دەيمەن ...
ئادىلە ئۈندىمىدى ، دېڭىز ئۇنىڭغا خوش دىگەندىن كىيىنلا ئۇ تېلفۇننى قۇيۇپ ئاستا بىكار ئۇرۇنغا كىلىپ ئولتۇردى .
_  قايتىپ كەلدىڭىزمۇ ؟؟_  تۇيۇقسىز كەينىدىن ئاڭلانغان ئاۋازدىن ئادىلە چۆچۈپ كەتتى . ئۇنىڭ ئارقىسىدا ئاشخانا خوجايىنى تۇراتتى .
_ شۇنداق ، ھازىر قايتىپ كەلدىم .
_  ھەئە ، بۈگۈن كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭىزمۇ ؟؟  بەلكىم ھېرىپمۇ كەتكەنسىز ، بولمىسا كىرىپ بالدۇر ئارام ئېلىڭ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈن خېرىدارلارمۇ جىق ئەمەس ، بىردەم تۇرۇپ ئاشخانىنى تاقايلى دەپ تۇرغانىدۇق ...
_ ئۇنداقتا قاچا -قۇچىلارنى يۇيىۋىتىپ ئارام ئالاي ئەمىسە ..._ ئادىلە شۇنداق دىگەچ ئاشخانا ئىچى تەرەپكە قاراپ ماڭدى .   
_ بايا باشقا بالىلار يۇيۇپ بۇلۇشتى ، يۇيىدىغان قاچا -قۇچىلارمۇ يوق ، بولدى ،سىز بالدۇر ئارام ئېلىڭ .
_ بۇ ...ئەمىسە سىزگە كۆپ رەھمەت ،_ ئادىلە شۇنداق دىگەچ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئاشخانىغا يانداش سېلىنغان قۇرۇ ئىچىگە قاراپ ماڭدى .
ياتاق ئۆيىگە كىرگەندىن كىيىن بايا دېڭىز سوۋغا قىلغان تېلفۇننى ئېلىپ يېنىش -يېنىشلاپ قاراپ كەتتى ، ئۇ يەر -بۇ يېرىنى بېسىپ سىناپمۇ باقتى. ئۇ بۈگۈن بەكمۇ خۇشال ئىدى ، ئىچىدە دېڭىزغا مىڭ رەھمەتلەرنى ئېيتتى ، ئۇنىڭغا بەخت ، ئامەتلەرنى تىلىمەكتە ئىدى ....     

ئادىل ئۆيگە ناھايىتى كەچ قايتىپ كەلدى ، بۈگۈن ئۇنىڭ كۆڭلى تۇلىمۇ يېرىم ئىدى . ئادىلەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئادىل بۈگۈن بىر كۈن ئۆزى بۇلىشى مۇمكىن دىگەن جايلارنىڭ ھەممىسگە بېرىپ ئادىلەنى ئىزدىدى ،لىكىن ھېچيەردىن ئۇنىڭ ئىز -دېرىكىنى قىلالمىدى . ئۇ ئادىلەدىن بۇنداقلا ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايتتى ، قانچىلىغان قېتىم ئۇنى يامان يولدىن قايتۇرۇپ بەختلىك قىلىشقا ئۆز -ئۆزىگە ۋەدە بەرگەنىدى . ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا ئۆزىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ،تۈگىشىپ كىتىدىغانلىقىنى ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كىيىنلا چۈشىنىپ يەتكەنىدى .
ئانا ئوغلىنىڭ چىرايىدىكى ئالامەتلەرنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ، ئوغلىنىڭ چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك ، مەيۈسلۈك ، قايغۇرۇشقا ئوخشاش ئالامەتلەر تامامەن بىلىنىپ تۇراتتى .
_ ئوغلۇم ، بۈگۈن ئەجەپ كەچ قايتىپ كەلدىڭ ، ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟_ئانا ئوغلىدىن ئەنسىرەپ سورىدى . ئادىل ئانىسىغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_ ئازراق ئىشلار بىلەن كەچ قالدىم ئانا ، ئەنسىرمەڭ، ھېچ ئىش يوق ...
_ بەللى ، ھېچ ئىش يوق دېگىنىڭ بىلەن ماۋۇ چىرايىڭ بىر ئىش بولغانلىقىنى ئاشكارلاپلا تۇرمامدۇ ؟؟ مەن دىگەن سېنىڭ ئاناڭ بالام ، نىمە ئىش بولغانلىقىنى ماڭىمۇ دىگۈڭ يوقمۇ ؟؟...قارىغىنە ، بىردەمدە يالغاندىن كۈلگەن بۇلىۋالغىنىڭنى مەن سەزمەي قالارمەنمۇ ؟....
ئادىل ئانىسىغا قاراپ ئېغىر بىر تىنىۋەتتى .
_ ئانا ، ئادىلە ...ئۇ ...ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپتۇ .
_ ئادىلە ؟؟ قايسى ئادىلە ؟ _ ئانا ئاڭقىرالماي قالغانىدى .
_ ھېلىقى بىر قېتىم يۇلۇچىلار بىكىتىدە سېنىڭ نەرسىلىرىڭنى كۆتۈرۈشۈپ بەرگەن قىزچۇ ؟....
_ھەئە ؟! ۋاي ئاللا بالام ، ئۇ بىچارە قىزنىڭ بېشىغا ئەمدى نىمە بالا كەلگەندۇ ؟ زادى نىمە ئىش سەۋەبىدىن ؟ _ ئانىسى  ئوغلىنىڭ ئادىلەنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلەتتى ، ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئانىسىمۇ ئوغلى ئورنىدا قايغۇرۇشقا باشلىدى .
_ مەنمۇ سەۋەبىنى تازا ئېنىق بىلەلمىدىم ئانا ، بۈگۈن دادىسى ئۇنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ كەپتىكەن ._ ئادىل شۇنداق دىگەچ سومكىسىدىن ئادىلە ۋە دادىسىنىڭ سۆرىتىنى ھەم دېلو مەلۇم قىلىپ  توشقۇزغان جەدۋەلنى  ئېلىپ ئۈستەلگە قويدى .
ئانا مەيۈسلۈك ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن ئۈستەلگە بىر قارىدىيۇ چۆچۈپ كەتتى ، ئۇ خاتا كۈرىۋالغان بولماي دەپ سۆرەتنى قۇلىغا ئېلىپ قارىۋىدى ، سۆرەتنى تۇتقان قوللىرىمۇ ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى ، كۆزلىرى بولسا نەپرەتلىك تۈس ئالدى .  ئادىل بېشىنى قاماللىغىنىچە سافاغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ ئانىسىدا يۈز بەرگەن ئالامەتلەرنى كۆرمەي قالدى .
_ ئوغلۇم ،بۇ ..بۇ ..بۇ كىمنىڭ سۆرىتى ؟ _ ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەيتتى ، كۆز چاناقلىرىدا بولسا ياشلار لىغىرلايتتى .
ئادىل كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە خىيال بىلەن ئانىسىغا قارىمايلا ئېيتتى :
_ ئادىلەنىڭ دادىسىنىڭ سۆرىتى ، ئىسمى پولات ئىكەن .
_پولات !!!_ ئانا بۇنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا داجىدى ، كۆزلىرى قاراڭغۇلىشقا باشلاپ ، ئايلىنىپ چۈشۈشكە تاس -تاسلا قالغانىدى .شۇنداقتىمۇ ئايلىنىپ چۈشۈشتىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىدى .
_ سەن ھازىرمۇ شۇ قىزنى ياخشى كۆرەمسەن ؟ _ ئانا بىر پەستىن كىيىن  يۇقىرى ئاۋازدا سورىدى .
_ شۇنداق ئانا ، ساڭا دىگەن ئىدىمغۇ ؟ مەن بۇ قىزنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ، ھېلىھەم ئۇنى چىن قەلبىمدىن ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈ بىللە بولسام دەيمەن . _ ئادىل كۆپ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا جاۋاب بەردى .
_ مەن قارشى ... مەن ھەرگىز قۇشۇلمايمەن . بۇ قىز بىلەن توي قىلىشىڭغا مەن زادىلا قۇشۇلمايمەن _ ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى ، يەلكىسىمۇ بىلىنەر -بىلىنمەس تىترەپ كەتتى .
ئادىل ئانىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئېيتقان بۇ گىپىدىن ھەيران بۇلۇپ ئانىسىغا قارىدى ، ئۇ ئانىسىنىڭ تىترەپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، كۆزلىرى بولسا غەزەپلىك ئۇچقۇنلار چاچرىتىپ ياش تامچىلىرىنىڭ لىغىرلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتى .
_ ئانا ، ساڭا زادى نىمە بولدى ؟ تۇرۇپلا بۇنداق دەپ قاپسەنغۇ ؟
ئانا ئۈندىمىدى  ،ئۇ ئادىلغا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن بىر ئېغىز گەپ قىلماستىن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى . ئادىل ئانىسنىڭ بۇ سۆزلىرىنى سەۋەبىنى بىلەلمەي ، ئانىسىنى رەنجىتىپ قويغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ بېشىنى قاماللىغىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى . بەلكىم ئادىلەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ،مېنىڭ ئۇنىڭ بىللەن بىللە بۇلۇشۇمنى خالىماي شۇنداق دىگەن بولسا كىرەك ، دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۇمۇ ئۆز ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى .
ھەر ئىككىسى ئۆز ھۇجۇرلىرىدا ئۇياق-بۇياققا ئۈرۈلۈپ ئۇخلىيالمايۋاتاتتى،ئانا پولات  بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى ئەسلەيتتى،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلاتتى ....

-مەن تىزلا قايتىپ كىلىمەن،پەقەت نۇرغۇن پۇل تاپساملا ،ئاتا-ئانىڭىز ئاندىن مىنى قۇبۇل قىلىدۇ،-بويلىرى ئىگىزكەلگەن ،قارا چاچلىق،كىلىشكەن بىر يىگىت ئۆستەڭ بۇيىدا ئالدىدا تۇرغان قىزغا شۇنداق دەۋاتاتتى.
    -تىزراق قايتىپ كىلىڭ پولات  ،سىزنى ئۇزۇن كۈتەلمەيمەن،بىزنىڭ يېزىدا مەن بىلەن تەڭتۇش قىزلار نەچچە بالىنىڭ ئانىسى،مەن بۇنداق تۇرىۋەرسەم بولمايدۇ،ئاتا-ئاناممۇ مىنى تىزراق ياتلىق قىلىۋېتىشنىڭ كۇيىدا ....
    قىز گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالماي ،ئىسەدپ يىغلىۋەتتى.
    -يېغلىماڭ ئاينۇر  ،سىز بۇنداق يېغلىسىڭىز ،مەن سەپەرگە چىقالمايمەن ،شەھەردىكى قىزلارغا سېلىشتۇرغاندا ،سىز يەنىلا كىچىك ،يىل ئۈرۈلسە ئاندىن يىگىرمەبەشكە كىرىسىز ،ئەنسىرىمەڭ،مەن بىر يىلغا قالماي قايتىپ كىلىمەن.
    يىگىت سەپەر سومكىسىنى مۈرىسىگە ئارتقىنىچە كىتىپ قالدى،قىز يېغلىغىنىچە جايىدا قالدى،قىشنىڭ كۈچلۈك شامىلى ئۇنىڭ ۋىجىك گەۋدىسىنى ئۇچۇرتۇپ كىتىدىغاندەك ،ئۇنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەيتتى،چىرايلىق ،بۇلاقتەك قارا كۆزلەر يېغىدىن قىزارغان،ئاق يۇمران يۈزلەر تاتارغانىدى.
    -بىر يىل قاچانمۇ تۇشار ،پولات  قاچانمۇ قايتىپ كىلەر ؟ئاتا-ئانام ئۇنى نامرات كۆرمىگەن بولسا بىزمۇ مۇرادىمىزغا يەتكەن بۇلاتتۇق، ئۇمۇ كىتىپ قالمايتتى،-قىز ئۆز-ئۈزىگە پىچىرلاپ قويدى.
    ۋاقىت ئۈتۈپ ،يىل ئۈرۈلدى،ئاينۇرنىڭ بەدىنىدە بەزىبىر غەيرى ئالامەتلەر كۈرۈلۈشكە باشلىدى،ھە دىسىلا قۇرۇك ھۆ بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى،يەتتە پەرزەنت يۈزى كۈرۈپ ،ھەرخىل ئىسىىق-سوقۇقنى باشتىن كەچۈرگەن ئايگۈلخان  ئانا  قىزىدىكى ئۆزگىرىشنى سىزىپ قالدى.
    -ئېيتە پاسكىنا،قورسىقىڭدىكى شۇمنى قەيەردىن ئۈندۈرىۋالدىڭ؟
    -ئاپا ئۇنداق ئىش يوق......
ئاينۇر سۈزىنىڭ ئاخىرىنى ئېيتىشقا ئۈلگۈرمەيلا«چاڭ»قىلىپ تەككەن بىر تەستەك بىلەن كارۋاتنىڭ  قىرىغا ئولتۇرۇپ قالدى.
    -مەن….مەن…...-ئاينۇر قىلىدىغان سۆز تاپالماي تەمتىرەپ  تۇرۇپ قالدى.
    -قورسىقىڭدىكى شۇم ھېلىقى شەھەرلىكنىڭ شۇنداقمۇ ؟
ئاينۇر تەسلىكتە بېشىنى لىڭشىتتى،ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۈكۈلۈشكە باشلىدى.
    -ۋاي ئاللا ،قانداق قىلاي ،ئەمدى بۇ يۈزۈمنى قەيەرگە قۇياي؟ ئۈزۈڭدىن ئالتە ياش كىچىك بىر لۈكچەكنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ يۈردۈڭمۇ ئەمدى.ۋاي ئاللا…..ۋاي توۋا….،-ئايگۈلخان  چاچلىرىنى يۇلۇپ يېغلاشقا باشلىدى.
    ئاينۇرمۇ ئاپىسىنىڭ يېغىسىغا چىدىماي ،ئانىسىنى قۇچاغلاپ تەڭ يېغلىدى،ئۇلار بىر ھازا يېغلاشقاندىن كىىيىن ،ئانا قىزىنى ئۈزىدىن ئاجراتتى.
    -بولدى يېغلىما،ئاتاڭ بىلەن ئاكىلىرىڭنىڭ خۇپتەندىن يانىدىغان ۋاختى بۇلۇپ قالدى،بۈگۈنچە ئۇلارغا بەك كۈرۈنۈپ كەتمە،ئاۋال ئەتە تاڭ ئاتسۇن،بىرەر باھانە بىلەن قوشنا مەھەللىگە بېرىپ ،ئاۋۇ ھارامدىن بولغان شۇمنى كۆزدىن يوق قىلىۋىتىپ كىلەيلى….…
    ئاينۇرنىڭ  كۆزلىرى يۇمۇلغان بولسىمۇ ،كاللىسىنى خىيال چىرمىۋالغانىدى،ئۇ ئۇخلىيالماي ھېلى ئۇياققا ئۈرۈلسە ،ھېلى بۇياققا ئۆرۈلەتتى،ئۇنىڭ خىيالىچە بولغاندا ،بالىنى ئالدۇرۋەتكۈسى يوق ئىدى،پولاتنىڭ  ھامان بىر كۈنى ئۈزى بىلەن توي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى،ئۇ ئاخىرى بىر قارارغا كىلىپ ،ئۆيدىن چىقىپ كىتىش نىيىتى بىلەن ئورنىدىن تۇردى،دە،ئاي يۇرىقىدا نەرسە –كېرەكلىرىنى يۇغۇشتۇردى،ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسى بىر قىز دەپ ئەزىز بىلىپ ئالتۇندىن ياسىتىپ بەرگەن جابدۇقلىرىنىمۇ قولياغلىققا مەھكەم چەگدى،ھەمدە ،ئۈيىدىكىلەرگە بىر پارچە خەت يازدى،خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق  ئىدى:
«ئاتا،ئاپا،مەندەك ۋاپاسىز قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار ،سىلەرنىڭ مىنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇنۇڭلارغا رەھمەت،تۇلۇق ئوتتۇرنى تۈگەتكۈچە ئوقۇتۇپ بىلىملىك ئادەم قىلغىنىڭلارغا رەھمەت،مەن سىلەرگە يۈز كىلەلمەيمەن،مىنىڭ پولات بىلەن توي قىلىشغا قۇشۇلمىدىڭلار ،ئۇنى كىچىك،نامرات كۆردىڭلار ،لىكىن مەن پولاتتىن  باشقا كىشى بىلەن توي قىلمايمەن،شۇڭا ئۆز بەختىمنى ئىزدەش ئۈچۈن بۇ يۇرتتىن چىقىپ كىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم،خەير-خوش ،ئامان بۇلۇڭلار .
                                        ۋاپاسىز قىزىڭلار:ئاينۇر »
-قورسىقىڭىزدا قالغىنى يامان بۇپتۇ،مەندىمۇ تۈزۈك پۇل يوق ،بالىنى تىزراق ئالدۇرۋەتسەك بۇلاتتى.
     پولاتنىڭ بۇ سۆزلىرى بىلەن ئاينۇرنىڭ  كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى.
    -سىزنىڭ مۇشۇ گىپڭىزنى ئاڭلاش ئۈچۈن شۇنچە يىراقتىن ئۈيۈمنى تاشلاپ كەپتىمەن، دە؟ئاپام بالىنى ئالدۇرۋىتىمىز دىگەچكە ئۆيدىن قېچىپ چىقتىم ،شۇنى بىلەمسىز ......
    ......
    -ئىتتىك تۇيىمىزنى قىلايلى،بالا كۈنسىرى چوڭىيىۋاتىدۇ.
    -ئۇنداقتا يەنە بىر ئاي ساقلاڭ بۇلامدۇ؟مەنمۇ ئازراق پۇل تاپاي.
    پولات  شىرىن –شېكەر سۆزلەرنى خېلى قىلدى،ئاينۇرمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە كۆندى.
    پولات تۇرىۋاتقان ئۆي شەھەرنىڭ ئەڭ چەت كوچىسىغا جايلاشقان بۇلۇپ،پەقەت ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئېغىزلىقلا ئىدى،ئۆي ئىچى شۇنداق رەتسىز ھەم مەينەت ئىدى،ئاينۇر كىلىشى بىلەنلا ،ئۆي باشكىچە تۈسكە كىرىپ ھەممە يەر پارقىراپ كەتتى،بۇنىڭ بىلەن پولاتنىڭ  تۇرمۇشىمۇ خېلى رىتىمغا چۈشتى،ئاينۇر  پولات  تۇرىۋاتقان ئۆيگە كىلىپ ئىككى ھەپتە بولغاندا ، پولات  ئۇنىڭغا بىر رىستۇراندىن كۈتكۈچىلىك خىزمىتى تېپىپ بەردى،رىستۇران بىلەن ئۆينىڭ ئارلىقى خېلى يىراق بۇلۇپ ، ئاينۇر  پۇلنى تېجەش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئىشقا پىيادە بېرىپ ،پىيادە كىلەتتى،قاتتىق سوغۇق ھەم ھېرىپ-چارچاش ئۇنى ھالىدىن كەتكۈزىۋىتەي دەپ قالغانىدى،دەل ئاشۇنداق ئېغىر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،ئۇ رىستۇران خوجايىنى بىلەن كۈرۈشۈپ قالدى،رىستۇران خوجايىنى 60ياشلاردىن ھالقىغان ،سالاپەتلىك كىشى بۇلۇپ ھەممەيلەن ئۇ كىشىنى ئەنسەر ئاكا دەپ چاقىرىشاتتى،ئەنسەر ئاكا  ئاينۇرنىڭ  ئېغىر بويلىقىنى كۈرۈپ ،ئۇنى كۈتكۈچىلىكتىن ئازاد قىلىپ ،پۇكەيدە پۇل ئېلىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ قويدى ،ھەمدە،قەيەردىندۇر بىر ئايالچە ۋېلىسپىت تېپىپ ئەكىلىپ بەردى. بۈگۈن ئاينۇر  ھەددىدىن زىيادە خوشال ئىدى،چۈنكى ئۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش ھەققىنى ئالغانىدى.
      -قەدىرلىكىم ،ئۆگۈنلۈككە رۇخسەت سوراڭ،سىزنى ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا ئاپىراي،-پولات ئۇنىڭ مائاش ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ شۇنداق دىدى.
    -بۇ گىپىڭىز راستمۇ؟،-ھەيرانلىقتىن ئاينۇرنىڭ  كۆزلىرى پارقىراپ كەتتى.
    -سىزنى ئالداپ نىمە قىلىمەن؟سىز بۇ شەھەرگە كەلگەندىلا ،بىر ئايدىن كىيىن توي قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ئىدىمغۇ؟
    ئاينۇر خوشاللىقىدىن ئۈزىنى تۇتىۋالالماي ،پولاتنىڭ بوينىدىن قۇچاغلاپ،سۈيۈپ كەتتى.
    -بولدى،بولدى،بالىغا تەسىر يىتىپ قالمىسۇن،ھە راست،ئەتە يەنە ئىشلەيسىز،ئالتۇنلىرىڭىزنى ماڭا بىرىڭ ،يۇدۇرۇپ ئەكىلەي ،ئاندىن بۇ ئايلىق مائاشىڭىزغا كىيىم –كېچەك ئېلىڭ ،ئاتا-ئانامنىڭ ئالدىغا ئىسىلراق كىيىنىپ بېرىڭ.
    شۇ تاپتا ئاينۇر خوشلىقىدىن ئاغزىنى يۇمالمايلا قالغانىدى.
  -كىيىمنى قانداق ۋاقىتتا ئالىمەن؟،-ئۇ پولاتقا ئەركىلەپ قويدى.
    -يا بولمىسا ،پۇلنى ماڭا بىرىڭ ،ئەتە مەن بازارغا چىقىپ سىزگە ھازىر مودا بۇلىۋاتقان كىيىملەرنى ئېلىپ قۇياي.
    ئاينۇر  ئۆزخوشاللىقىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ،پولاتقا ئىشىنىپ ،ئۈزىنىڭ بىردىنبىر بايلىقى بولغان ئالتۇن بۇيۇملىرىنى پۇل بىلەن قۇشۇپ پولاتنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدى،ئۈزىگە بولسا بىر پۇڭمۇ ئېلىپ قالمىدى.
  قىشنىڭ سوغۇقى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىققانىدى،ئاپئاق قار توختىماي ياغاتتى،پۈتۈن كائىنات ئاق لىباسقا پۈرگەنگەنىدى.
    شەھەرنىڭ چىتىدىكى كىچىككە ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا ئاينۇر تىزلىرىنى قۇچاغلىغىنىچە ئولتۇراتتى،ئۇنىڭ مەڭزىدە ياش تامچىلىرى قېتىپ قالغانىدى ،دېرىزىدىن سىرتتا يېغىۋاتقان قارنى كۆرگىلى بۇلاتتى،بىراق ،ئاشۇ ئاپئاق قارلارمۇ ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغانىدى،ئۇ سوغۇقنى ئەسلا سەزمەيتتى،.ئۇنىڭ كاللىسىدا پەقەت«ئۈلىۋېلىش»دىگەن بىرلا ئۇقۇم ئەكىس ئىتەتتى.
    -ئاينۇر قىز .....سىز ئۆيدە بارمۇ؟
    سىرتتىن بىرەيلەننىڭ ئاينۇرنى  چاقىرىپ سۇزۇپ ئېيتقان ئاۋازى ئاڭلاندى،بىراق ،ئاينۇر ئاڭلىمىدىمۇ ياكى ئاڭلىسىمۇ ئاڭلىماسقا سالدىمۇ،قىمىر قىلماي جايىدا ئولتۇراتتى،بىر –ئىككى قېتىملىق چاقىرىشتىن كىيىن ،ئىشىك ئېچىلىپ رىستۇران خوجايىنى ئەنسەر ئاكا  كىرىپ كەلدى،ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا قېتىپ ئولتۇرغان ئاينۇرنى  كۈرۈپ ھەيران قالدى.
    -ۋوي ،سىزگە نىمە بولدى؟سىرتتا قاتتىق سوغۇق بۇلىۋاتسىمۇ ،ئۆيگە ئوت قالىماي ئولتۇرۇپسىزغۇ؟
    ئاينۇر  خۇددى ھىچنىمىنى ئاڭلىمىغاندەك ،بىر نوقتىغا تىكىلگىنىچە ئولتۇراتتى.
  -ئاينۇر  قىز ،مەن سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن،-ئەنسەر ئاكا ئۇنىڭ مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۈزىگە قاراتتى.
    -پولات ....پولات  ...ئاخىرى قايتىپ كەلدىڭىز ،بىلەمسىز سىزنى ئىككى كۈن ساقلىدىم ،مەن تېخى سىزنى ئەمدى قايىتىپ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ بەك قورقۇپ كەتتىم.
   ئاينۇر  ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەك ئەنسەر ئاكىنى چىڭ قۇچاغلىۋالدى.
    -ئاينۇر  ،ماڭا قاراڭ،مەن پولات ئەمەس ،ئەنسەر ئاكىڭىز.....،-ئەنسەر ئاكا مىڭ تەسلىكتە ئۇنى ئۈزىدىن ئاجراتتى.
    ئاينۇر ئەنسەر ئاكىغا بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن تۇيۇقسىزلا ،ھۆركىرەپ يېغلاپ كەتتى.
    -ئۇ مىنى تاشلاپ كەتتى،ئۇ ئادەم ئەمەس ئىكەن،مىنىڭ مىڭ بىر جاپادا ئىشلەپ تاپقان پۇلۇم بىلەن مىنىڭ بىردىنبىر بايلىقىم بولغان ئالتۇن جابدۇقلىرىمنى ئېلىپ يوقىلىپ كەتتى،ئېيتىڭە ،ئەنسەر ئاكا ،ئەمدى مەن قانداق قىلاي ؟قورسىقىمدىكى بالىنى قانداق قىلاي؟شۇ تاپتا ئاتا-ئانامغا يۈزسىزلىك قىلىپ ،ئۇلارنى تاشلاپ چىققىنىمغا مىڭ پۇشايمان قىلىۋاتىمەن،پولات  دىگەن ھايۋان مىنىغۇ ئويلاپ قويمىسۇن،تۇغۇلىشىغا ئاز قالغان ئۆز پۇشتىنىمۇ ئويلاپ قويمىدى......مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟
   ئاينۇر  ھۆركىرەپ يېغلايتتى،كۆز ياشلىرى دەريا بۇلۇپ ئاقاتتى،ئۆز-ئۆزىنى توختىماي كاچاتلايتتى،چاچلىرىنى يۇلاتتى،ئۇنىڭ يۈرەكنى ئەزگۈدەك يېغىسى ئەنسەر ئاكىنىڭمۇ كۆزلىرىگە ياش كەلدى،ئۇ شۇ تاپتا ئاينۇرغا  نىمە دەپ تەسەللى بىرىشنى بىلمەيۋاتاتتى،خېلى ئۇزۇندىن ئاينۇرنىڭ  يېغىسى خېلى پەسەيدى،ئەنسەر ئاكىمۇ خېلى ئۇزۇن ئويلاندى.
    -ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ ،تىز نەرسە-كېرەكلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇڭ.
    -نىمىشقا ؟،-ئاينۇر  تەئەججۈپلىنىپ ئەنسەر ئاكىدىن سورىدى.
    -ئەجەبا مۇشۇ سوغۇق ئۆيدە ئۈلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرماقچىمۇ؟مىنىڭ ئۈيۈمگە بارىمىز.
    ......
    -ھەيران بولماڭ ،ئۈيۈمدە سىز بىلەن تەڭتۇش قىزىم بار ،ئۇمۇ ئېغىر بوي،سىز بىزنىڭ تۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇڭ،قىزىمنىڭ ئانىسى كچىكىدە تۈگەپ كەتكەن،ھازىرقى ۋاقتىدا ئۇنىڭ بەزى ھاجەتلىرىدىن مەن چىقىپ بۇلالمايدىكەنمەن.
    ......
    -ئويلانماي تىز بۇلۇڭ،سىز توڭلىمىغان بىلەن،مەن توڭلاپ قېتىپ قالاي دىدىم.
  ئاينۇر  ئەنسەر ئاكىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپ ئورنىدىن تۇردى،ھەمدە  نەرسە-كېرەكلىرىنى يىغىشتۇردى،نەرسە-كېرەك دىگەندىمۇ بىر نەچچە قۇر كىيىم –كېچەكلا ئىدى،ئۇلار بىللە ئۆيدىن چىقىپ ،ئەنسەر ئاكا ھەيدەپ كەلگەن قارا پىكاپقا ئولتۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.
يەنە نەچچە ئايدىن كىيىن ئاينۇرنىڭ كۆزى يۇرىدى ، ئۇ ئۇماق ، بۇدۇرۇق ئوغۇلدىن بىرنى تۇققانىدى . ئەنسەر ئاكا ئۇغۇلغا ‹‹ئادىل ›› دەپ ئسىىم قۇيۇپ بەردى ، ئاينۇر ھەرقېتىم ئوغلى ئادىلنى كۆرگەندە پولات ئىسىگە كىلىپ يۈرەكلىرى پۇچۇلىناتتى ، ئۇنى چايناپ -چايناپ پۇركۇۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتتى .
ئادىل بارا -بارا چوڭ بۇلۇشقا باشلىدى ، ئەنسەر ئاكا ئاينۇرغا ئۆز قىزىدەك مۇئامىلە قىلاتتى ، ئادىلنى بولسا نەۋرەم دەپ ئەتىۋارلايتتى . كىيىن ئەنسەرئاكا كىسەل سەۋبىدىن تۈگەپ كەتتى ، ئۇ ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا ئوخشاشلا ئاينۇرغىمۇ نۇرغۇن پۇل ھەم تۇرىۋاتقان ئۆيىنى قالدۇرۇپ قۇيۇپ كەتكەنىدى .
ئادىل ئوقۇش  يېشىغا يىتىپ مەكتەپكە كىردى ، دەل شۇ يىلى ئاينۇر باشقىلاردىن پولاتنىڭ ئىچكىردە  ئوغرىلار بىلەن بىللە تۇرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدى .
ئاينۇرخان ئانا خىياللىرىنى توختاتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بولسا ياشلار تېخىچە يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلمەكتە ئىدى . ئارىدىن شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۈتۈپ پولات دىگەن ھايۋاننىڭ سۆرىتىنى كۈرۈپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . ئارزۇلاپ ئوقۇتۇپ  دىمىگەننى قىلىپ بەرگەن ئوغلىنىڭ ئاشۇ پەسكەشنىڭ قىزىنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى زادىلا كۆتۈرەلمەيۋاتاتتى . ئەگەر ئۇ قىز پولاتنىڭ قىزى بولسا ئادىلنىڭ بىر دادىدىن بولغان سىڭلىسى بۇلىدۇ ، ئانا بۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئوغلىغا رازىلىق بەرسۇنمۇ ؟؟ ئۆز سىڭلىسى يەنە كىلىپ ئاشۇ ئىپلاسنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشىغا قۇشۇلسۇنمۇ ؟؟؟...
ئاينۇرخان ئانا كۆڭلىدە بىر قارارغا كىلىپ بولغانىدى .
_  ئەگەر مەن ھاياتلا بۇلىدىكەنمەن ،سېنىڭ ئادىلە بىلەن توي قىلىشىڭغا مەن قۇشۇلمايمەن ،_ ئانا ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلاپ ئۆزىمۇ بىلمەي ئۇيقۇغا كەتتى .

شۇنچە سوغۇق بۇلۇشىغا قارىماي سىرتتا گۈركىرەۋاتقان بوراننىڭ ئاۋازى كىشىنى قورقۇنۇچقا سالاتتى . يەنە كىلىپ بۈگۈن توك توختاپ كەتكەن بۇلۇپ ، ئادىلە  قاراڭغۇلىقتىن زىرىكىپ تېخىچە تېلفۇننى ئويناپ ئۇخلىمىغانىدى . ئۇ تۇيۇقسىز ئۆيگە بىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى سەزدى . ئۇ كۆزىنى ئېچىپ قاراڭغۇدا ئەتراپقا قارىدى . تاشقىرى ئۆيدىن يەنە تىۋىش ئاڭلاندى ، دىمەك ،ئۆيگە بىرى كىرگىنى ئېنىق ئىدى .
ئادىلە بەلكىم ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان زۇلپىيە كىرگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدى . بەزى ۋاقىتلىرى مۇشۇ ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان زۇلپىيە ئىسىملىك بىر قىز ئادىلە بىلەن بىللە قۇنۇپ قالاتتى . ئادىلە ئورنىدىن ئاستا ئۆمىلەپ تۇرۇپ ، تېلفۇننىڭ يۇرۇقىدا ئىشىك تەرەپكە قارىدى .
_ زۇلپىيە ،بۇ سىزمۇ ؟
ئادىلە توۋلىدى ، لىكىن ھېچقانداق جاۋاب ئاڭلانمىدى . ئۇ بۇ جىمجىتلىقتىن قورقتى ، تامدىكى مىختىن يېپىنچىسىنى ئېلىپ يېپىنغاچ سەل ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ يەنە ۋارقىرىدى :
_ زۇلپىيە !
تۇيۇقسىز قاراڭغۇدا بىرىنىڭ چىرايى كۆرۈنىۋىدى ، ئادىلە چۆچۈپ بوش ۋارقىرىۋەتتى . ۋەھىمىدىن ئۇنىڭ نەپسى بۇغۇلۇپ قالغىلى تاس قالدى . ئۇ بۇ چىراينى ئېنىق تۇنۇغانىدى ، بۇ زۇلپىيە ئەمەس ، غەرق مەست ھالدا ئاشخانا خوجايىنى ئىدى . ئۇ سەت ھىجىيىپ ئادىلەگە يېقىن كىلىۋىدى ، ئادىلە چىرقىراپ تامنىڭ تۈۋىگە بېرىۋالدى .
ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئىپلاس غەرىزىنى چۈشەنگەن ئادىلە ئۇنىڭ كىشى قورققۇدەك ياۋۇز ئەپتىگە قاراپ جاقىلداپ تىترەپ كەتتى .
_ سۆيۈملۈكۈم ،_ دېدى ئاشخانا خوجايىنى ،سىزنى قاراڭغۇدا يالغۇز يېتىپ قورقۇپ قالمىسۇن دەپ كىردىم ،_ ئۇ ئاغزىدىن سېسىق بۇس ياندۇرۇپ ئادىلەنىڭ ئالدىغا بىر قەدم سىلجىدى .
_ سىزگە بۇ يەردە نىمە بەر ؟  چىقىپ كىتىڭ ،_ ئادىلەنىڭ كالپۇكلىرى تىترەپ كەتتى ،ئۇ بىردىنلا ئاۋازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىدى :
_ يوقال ، ھۇ ئىپلاس ، كۆزۈمدىن تېز يوقال !
_ۋاي نىمانچىلا توۋلايسىز تۇمۇچۇقۇم ، سىزنى يالغۇز يېتىپ قورقمىسۇن دەپ ...مەن قوينۇڭىزغا كىرىپ ياتاي دەيمىنا ...
_ ماڭا يېقىن كەلگۈچى بولما ، ئۆزۈڭنىڭ شۇنداق چىرايلىق ئايالىڭ ، ئەمدى يېشىغا يەتكەن بالاڭ تۇرۇپ نۇمۇس قىلمامسەن ، ھەي ... مەن ئادەم توۋلايمەن .
_  توۋلا جېنىم ، بۇ كىچىدە ھېچكىم كەلمەيدۇ ،نۇمۇس ؟ ئەركەكمۇ نۇمۇس قىلامدۇ ؟ ئۇزۇندىن بېرى يالغۇز يېتىپ ئەركىشىنىمۇ سېغىنىپ قالغانسەن ؟
ئادىلە ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆزلىرىدىن بۇزۇقچىلىق يېغىپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى . ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى پەملىدى-دە ،ئېتىلىپ بېرىپ ئۇنى يېپىنچىسىدىن تارتىپ بوينىدىن قۇچاقلىۋالدى ،ئادىلە چىرقىراپ كەتتى . ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ يېپىنچىسىدىن تارتىپ يىرتىۋىتىپ ئۇنى مەيدىسىگە مەھكەم باستى ، پاسكىنا ، بەتبۇي ئاغزىنى ئۇنىڭ لېۋىگە ئاپاردى .
ئادىلە ئۇنىڭ قۇچىقىدا قەپەستىكى قۇشتەك تىپىرلايتتى ، تۇيۇقسىز ئۇ شۇنداق كۈچىدىكى،  شىردەك سىلكىنىپ ئاشخانا خوجايىنىنىڭ قۇلىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ كەتتى . ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭغا يەنە بىر قېتىم ئېتىلىۋىدى ، ئۇ ئىتتىك تاشقىرى ئۆيگە چىقىۋالدى .
ئادىلە ئۈركۈگەن كىيىكتەك ئەتراپىغا ئالاقزادىلىك بىلەن قاراپ ، كۆز ئالدىدا بىر ئاچچىقسۇ قاچىلايدىغان چوڭ بۇتۇلكىنىڭ ئالدىدىلا تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ قالدى . ئۇ بۇتۇلكىنى ئېلىۋالماقچى بولۇۋىدى ، ئالدىراشچىلىقتا قۇلىغا چىقماي قالدى . ئۇ يەنە بىر ئېڭىشكەن چاغدا ئاشخانا خوجايىنى كىلىپ ئۇنى تېنىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلە يەرگە بېسىۋالدى . ئادىلە ۋارقىراپ باقتى ، تىپىرلاپ باقتى ،لىكىن ئۇنىڭ ئاستىدىن چىقالمىدى . تۇيۇقسىز ئاشخانا خوجايىنى ئۇنىڭ كۆكسىنى سىلىغىلى تۇردى ، بۇ پەسكەشلىككە چىدىيالمىغان ئادىلە ئۇنىڭ قۇلىنى غەززەپ بىلەن شۇنداق قاتتىق بىر چىشلىۋىدى ، ئاشخانا خوجايىنى ئاغرىققا چىدىماي ۋايجانلاپ چىرقىراپ كەتتى . ئادىلە شۇ پۇرسەتتە ئۇنى بىرلا ئىتتىرىپ ئورنىدىن تۇرۇۋالدى ، لىكىن تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ يەنە يىقىلىپ چۈشتى .
ئاشخانا خوجايىنى يەنە ئېتىلىپ كەلگۈچە بولغان ئارلىقتا ،ئادىلەنىڭ قۇلىغا ھېلىقى بۇتۇلكا تىگىپ قېلىۋىدى ، ئۇ بۇتۇلكىنى ئېلىپ پەسكەش ئاشخانا خوجايىنىنىڭ بېشىغا جان -جەھلى بىلەن بىرنى سالدى . ئاشخانا خوجايىنى شۇ زەربە بىلەن بىرلا سەنتۈرۈلۈپ يىقىلدى . چېقىلغان بۇتۇلكىدىكى ئاچچىقسۇ ئۇنىڭ يارىسىغا تۈكۈلدى . ئاشخانا خوجايىنى تىرىشىپ -تىرمىشىپ يەنە ئورنىدىن تۇرماقچى بولۇۋىدى ، ئادىلە قۇلىدىكى چېقىق بۇتۇلكا بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا يەنە بىرنى ئۇردى . ئاشخانا خوجايىنى تىپىرلاپ يەردە يېتىپ قالدى . ئادىلە تېزلا كارۋات ئۈستىدىن تېلفۇنى بىلەن بىر بوغچىنى ئېلىپ ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى .
ئۇ ئۆيدىن قېچىپلا ئۆزىنى قاراڭغۇلۇق قوينىغا ئاتتى ، بۈگۈن ھەممە يەردە توك توختىغان بۇلۇپ ، پۈتۈن ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا تولغانىدى .
ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە يۈگۈرۈپ قاچقاندىن كىيىن بىر يەرگە كىلىپ توختىدى ، ئۇ توختىماي ھاسىرايتتى ، تېز قاچقانلىقتىن پۇتلىرىمۇ تېلىپ ئاغرىپ كەتكەنىدى ، ئۇ ئارقىسىغا قاراپ ھېچكىم يوقلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ھاردۇق ئالماقچى بولغاندەك قەدىمىنى ئاستىلاتتى ، ئېسىگە بىرىنچى بۇلۇپ دېڭىز كىرىپ كەلدى . ئۇ تېلفۇندىن بۈگۈن دېڭىز تېلفۇن قىلغان نۇمۇرنى قايتىلاپ ئۇردى . خېلى ئۇزۇنغىچە تېلفۇندىن سادا ئاڭلانمىدى ، ئۇ قايتىلاپ يەنە بىر قېتىم قىلدى .
- كەچۈرۈڭ ، سىز تېلفۇن قىلغان نۇمۇر ئىتىۋىتىلگەن .
ئۇ بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدى ، تۇيۇقسىز ئۆزىمۇ بىلمەي ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى . ئۇ بۇ خورلۇقلارغا زادىلا چىدىيالماي قالغانىدى ، تېخى بۈگۈن دېڭىز بىلەن بىللە يۈرۈپ ئۆزىنى شۇنچە بەختلىك ، خۇشال ھىس قىلغان . مانا ئەمدىلىكتە ئۇ يەنە بىر قېتىم ئىپلاسلارنىڭ قۇلىدىن قېچىپ چىقتى . ئەمدى ئۇ قانداق قىلسۇن ؟ ئۇنى يەنە نىمە قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ ؟ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بۇلىدىغاندۇ ؟ قىز بالا بۇلۇش شۇنچىلىك تەسمىدۇ ؟؟....ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى پەقەت توختىمايۋاتاتتى . ئۇ يەنە بىر قېتىم دېڭىزغا تېلفۇن قىلدى ، بۇ قېتىممۇ ئاڭلىغىنى شۇ لەنەت تەككۈر ئاۋازى بولدى ، ئۇ شۇندىلا لەسسىدە بۇلۇپ ھەممىدىن ۋاز كەچتى ،كۆڭلىدە ئەمدى بۇ يەردىمۇ ياشاشقا ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتاتتى . ياشاش نىمانداق تەستۇ ، مېنىڭ تەقدىرىمگە يەنە نىمىلەر پۈتۈلگەندۇ ؟....ئۇنىڭ خىياللىرىنىڭ زادى ئاخىرى چىقمايتتى . ئەمدى ئۇنىڭغا بۇ شەھەردە ياشاش ناھايىتى ئېغىر كەلدى ، مانا بۇ باشقىلار ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىدىغان بۇ  چوڭ شەھەرمۇ ئادىلەنى سىغدۇرالمىغانىدى .

دېڭىز بۈگۈن بەكمۇ خۇشال ئىدى ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسى بىلەن بىر كۈننى ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭغا ئۇنتۇلماس مىنۇتلارنى سوۋغا قىلغان ئىدى . ئۇ ئادىلە بىلەن خوشلىشىپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى ، ئۇ كوچا ئاپتۇسىغا چىقتى . ئاپتۇبۇستا ئادەملەر ناھايىتى كۆپ بۇلۇپ ، قىستا -قىستاڭچىلىقتا ئۆرە تۇرۇشمۇ بەك تەس ئىدى . ئۇبۈگۈن ئادىلە بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈننى ئويلاپ ، ئۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ شىرىن ھسىلارغا چۈمۈلدى . دەل شۇ چاغدا بىر ئون نەچچە ياشلار چامىسىدىكى بىر بالا ئاستا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ يانچۇقىدىن كۈرۈنۈپ قالغان تېلفۇنىنى ئوغۇرلىۋالدى . دېڭىز بۇلارنى سەزمەي قالغانىدى .   تېلفۇننى ئېلىۋالغان بالا ناھايىتى ئاسانلا قولغا چۈشكەن بۇ ئولجىدىن خۇشال بۇلۇپ ، تېلفۇندىن كارتىنى ئېلىپ سۇندۇرۇپ تاشلىۋىتىپ كىتىپ قالدى ...
دېڭىز ئۆيىگە يىتىپ كەلگەندىن كىيىن ئادىلگە يەنە بىر قېتىم تېلفۇن قىلىپ ئۇنىڭغا ياخشى چۈش كۈرۈڭ دەپ قويماقچى بۇلۇپ ،تېلفۇننى ئىزدىگىنىدىلا تېلفۇنىنىڭ يۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدى . ئۇ خېلى ئىزدىگەن بولسىمۇ تېلفۇننى تاپالمىدى ،ئۇ ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپلا قالدى .ئۇ ئەتە ئەتىگەن كارتىنى قايتىدىن تۇلۇقلىماقچى بۇلۇپ ، ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەلدى . ئۇ ئۇخلاش ئالدىدا كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنۇلارنى يازدى :
  بۈگۈن ئۆزۈم چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن بىللە بۇلۇپ ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھىس قىلدىم . مەن ئادىلەنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۈرۈپ قاپتىمەن ، ئۇلۇغ ئاللاھ خالىسا مەن ئۇنى چۇقۇم بەختلىك قىلىمەن ، ئۇنىڭ ھەربىر كۈنىنى خۇشال ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىمەن ...



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:31:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىلەنىڭ كۆزىگە بارغانسىرى قاراڭغۇلۇق تىقىلدى . ئۇ ئەمدى ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويۇۋاتاتتى ، ياشاشتىن ئۈمۈدمۇ ئۈزمەكچىمۇ  بولدى . << ئەمدى ياشاپ نىمە قىلىمەن ،_ دەپ ئويلايتتى ئۇ ،_ بۇ جەمئىيەت ، بۇ دۇنيا ماڭا نەپرەت كۆزى بىلەن قاراۋاتىدۇ ، ھەتتا ھالال ياشاي دەپ شۇنچە تىرىشساممۇ ماڭا قىلچە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرمەيۋاتىدۇ ...>> ئۇنىڭ بەدىنى جۇغۇلدايتتى ،ئۇنىڭ شۇ تاپتا ئۆزىنى دەرياغا ئېتىپلا ئۈلۈۋالغۇسى كىلەتتى ، كۆز ياشلىرى بولسا يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلەتتى .لىكىن ھاشارەتلەر جېنىدىمۇ ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشقاندەك ئادىلەگە  ھاياتلىق يەنە ئوخشاشلا قىممەتلىك ئىدى .
ئۇنىڭ كاللىسىدا قارىمۇ -قارىشى زىدىيەتلەر تۇقۇنۇشى بۇلۇۋاتاتتى . تۇيۇقسىز يۇرتىغا قايتىپ كىتىشنىمۇ ئويلىدى ، بەلكىم دادىسى ئۇنى ئەمدى كۆرسە باشتا ئۇنى قاتتىق ئۇرىشى ، تىللىشى مۇمكىن ، لىكىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ، ئۇ يەنىلا ئادىلەنىڭ دادىسى ، بىر دادا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ قىزىنى ئۆلتۈرۈشكە قۇلى بارمايدۇ ... ئادىلە شۇلارنى ئويلاپ ئىككىلىنىپ قالدى . ياق دەيتتى يەنە ئۇ ، ئەمدى ئۇ دوزاققا ئوخشايدىغان ئۆيگە قايتسام بولمايدۇ  ، مەن ئەمدى دادامنىڭ ئۇنداق قوپاللىقلىرىنى كۆتۈرەلمەيمەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇرلۇقمۇ قىلغۇم يوق  ، يەنە كىلىپ ئادىلنى ئەمدى ئۇچرىتىشنى خالىمايمەن ، ئەمدى ئۇنى قايتا ئۇچرىتىپ قالسام نىمە بۇلۇپ كىتەرمەن ھە ! ئۆزۈم ئۇنى شۇنچە ياخشى كۈرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ سۆيگۈسىنى خارلىدىم ، ئاددىيسى ئۇنىڭ پورتمىنىنىمۇ ئوغۇرلاشتىنمۇ  نۇمۇس قىلمىدىم . ئۇ چۇقۇم  مەندىن نەپرەتلىنىدۇ ، بەلكىم ئەمدى مېنى قايتا كۆرۈشنى خالىمايدىغاندۇ ...
تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئىش كەلدى ، ئۇ خۇددى  قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى تېپىۋالغان كىشىدەك كاللىسى پاللىدە يۇرۇپ كەتتى .  كۆزلىرىدىكى ياشلارنى سۈرتىۋەتتى . ئۇ قەدەملىرىنى تېز -تېز ئېلىپ ئالدىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .

    يارقىن ئۆيىدە مۇڭلىنىپ ئولتۇراتتى ، ئانىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەن ، ئۇ ئادىلەنىڭ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئادىلدىن ئاڭلاپ ئۆزىنى يوقىتىپلا قويدى . ئۇ ئادىلەنى ھەرقانچە بولسىمۇ بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغانىدى ، ئۇ ئادىلەنى ھېلىھەم ياخشى كۆرەتتى ، ئۇ ئادىلنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئادىلەنى قىز دوستۇم دىگەننى ئاڭلىغاندىمۇ بۇنداق بۇلۇپ كەتمىگەنىدى ،  ساراڭ قىز ، يەنە قەيەرلەردە سەرسان بۇلۇپ يۈرۈيدىغانسىز ؟؟ ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئادىلە بىلەن تۇنۇشقاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بولغان كۈرنۈشلەر بىر -بىرلەپ كىلەتتى ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى قۇرت غاجىلىغاندەك ئازابلايتتى .
ئۇ دېرىزە تەكچىسى يېنىغا كىلىپ سىرتقا قاراپ خىيال سۈرمەكتە ئىدى ، تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزىگە دېرىزە تەكچىسىدىكى ئەتىرگۈل كۈرۈندى . ئۇ ئۇنىڭغا قاراپ ئەتىرگۈلنىڭ بۇنچە سەت ، كۆرۈمسىز نەرسە ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلدى . ئۇنىڭ قات -قات بەرگىلىرى پۇرلىشىپ كەتكەن لاتا پۇرۇچلىرىغا ئوخشايتتى . ئۇنىڭدىن كىلىۋاتقان پۇراقچۇ ؟ خۇشبۇيمىش ، ئۇ ئەتىرگۈلنىڭ ھىدىنى ئىچىگە كۈچلۈك سۈمۈرۈپ بېقىپ سەسكىنىپ كەتتى .
<< ئەتىرگۈل كۈلەرمىش ، ئادەمگە مۇڭلىنىپ باقارمىش ، ئۇ ھىسىياتچان قىزغا ئوخشايمىش ...>> ئۇ قاچانلاردا ئاڭلىغان شۇ سۆزلەرنى ئىسىگە ئالدى . كىشىلەر ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈۋىرىدۇ ،قېنى بۇنىڭ كۈلگىنى ، ئۇ شۇنداق سوغۇق ، ھسىياتسىز ، بۇتتەك قېتىپ تۇرۇپتۇ . بۇنىڭ ئاۋۇ بۇلۇڭدىكى سۈپۈرگىدىن نىمە پەرقى ؟
  يارقىن تەشتەكتىكى گۈلگە ئۇزاقتىن -ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى . گۈلمۇ خۇددى مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك ياكى تىمتاس ھالدا بىر نەرسىنى خىيال قىلىۋاتقاندەك جىمجىت قېتىپ قالغانىدى .
   ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا ئادىلە كىلىۋالدى .
ئادىلە يارقىنغا كۈلۈپ قارايتتى ، ئۇخۇددى جەننەتىكى ھۆر -پەرىلەرگە ئوخشاش گۈزەل ئىدى ، ئۇ توي كۆينىكى كىيىۋالغان بۇلۇپ يارقىننىڭ كۆزلىرىگە سىھىرلىك قارايتتى ، يارقىن بۇ خىل قاراشتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالغانىدى . ئۇ شۇ مىنۇتتا ئادىلەدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلىشنى خالىمايتتى ، ئۇ ئادىلەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتماقچى بولدى ، لىكىن ....لىكىن ئادىلە تۇيۇقسىز تۇمانغا ئايلىنىپ يوقاپ كەتتى . يارقىننىڭ كۆڭلىنى يەنە دەرت -ئەلەم ، غەشلىك قاپلىۋالدى . ئۇ كۆزىنى ئېچىپ دېرىزە تەكچىسىدىكى ئەتىرگۈلنى كۆردى . شۇ تاپتا كۆز ئالدىدىكى ئەتىرگۈل ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەھمىيەتسىز ھەم بەتبەشىرە كۆرۈنۈپ كەتتىكى ، كۆتۈرۈپلا دېرىزىدىن تاشلىۋەتكۈسى كىلىپ كەتتى .
بۇ بىر تەشتەك گۈلنى ئانىسى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان ئىدى  .
_ كۈندە پەرۋىش قىلىپ ، سۇ قۇيۇپ تۇر بالام ، بۇ گۈل خۇددى سېنىڭ سۆيگەن قىزىڭغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا قانچە مىھىر بەرسەڭ ، كۈيۈنۈپ تۇرساڭ ئۇ خۇددى سۆيگەن قىزىڭ ساڭا ئىللىق كۈلۈمسىرگەندەك گۈل بەرگىلىرى ئارقىلىق ساڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ ، سۆيگەن قىزىڭ بىلەن مەڭگۈ بەختلىك بولغايسەن ئوغلۇم ._ ئانىسى ئۇنىڭغا شۇنداق دىگەنىدى ، شۇندىن باشلاپ يارقىن بۇ گۈلنى خۇددى ئادىلەگە ئوخشتىتىپ پەرۋىش قىلىپ كەلگەنىدى ، ئۇنىڭغا مىھرىنى بېغىشلىغانىدى . تېخى بەزىدە گۈلگە قاراپ  ، خۇددى ئادىلەنى ئاڭلاۋاتىدۇ دىگەندەك قىلىپ ئۇنىڭغا سىرلىرىنى ئېيتىپ بىرەتتى ، ئۆزىنىڭ خۇشاللىق ۋە خاپىلىقلىرىنى ئۇنىڭغا بايان قىلاتتى .
چۇرۇقلاپ سايراۋاتقان قۇشلارنىڭ ئاۋازى  يارقىننىڭ  خىيالىنى بۈلۈۋەتتى . ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى ، دېرىزىگە يېقىن يەردىكى قارىياغاچتا بىر توپ قۇشقاچلار چۇرۇقلىشىپ شاختىن -شاختىن قۇنۇپ يۈرەتتى . ئۇلار زادىلا تىنىم تاپمايتتى .باشلىرىنى توختىماي مىدىرلىشاتتى ، پۇررىدە ئۇچۇپ دەرەخنى بىر -ئىككىنى ئايلىنىپ يەنە قۇنۇۋالاتتى . ئۇ شاختىن -شاخقا قۇنۇپ سەكرەپ چۇرۇقلىشىۋاتقان قۇشقاچلارغا قاراپ تۇردى ، قۇشقاچلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى . تۇرۇپلا كاللىسىغا بىر خىيال كىلىپ قالدى . بۇلار مېنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ - نىمە ؟ بولمىسا نىمە دەپ دەرەخ تېپىلمىغاندەك ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغا كىلىپ سايرىشىدۇ ؟ راست بۇ بىر نىمىلەر ئۆزىچە ماڭا قاراپ كۈلۈۋاتىدۇ ، مەندەك بىر ئەركەكنىڭ ئۆزى سۆيگەن قىزنى قوغدىيالمىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى زاڭلىق قىلىشىۋاتىدۇ . ئۇ ئەمدى قۇشقاچلارغا بىردىنلا ئاچچىقلىنىپ قالدى . قېرىشقاندەك قۇشقاچلار تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇنىڭ مېڭىسىنى قوچۇۋەتتى . تېخى بىر جۈپى پۇررىدە ئۇچۇپ كىلىپ ئۇنىڭ دېرىزىسى ئۈستىدە بىر ئايلىنىۋىتىپ يەنە دەرەخكە قۇنۇۋالدى .
ئۇ بۇلارغا قاراشنى خالىماي دېرىزىنى يېپىۋەتتى .
جىمجىتلىق ، باش -ئاخىرى يوق جىمجىتلىق ... گويا پۈتۈن جاھاندىكى ھەممە جانلىق ئۈلۈپ تۈگەپ يارقىن ئۆزى يەككە -يىگانە قالغاندەك ... ئۇ ئورنىدىن تۇردى ، ئۆي ئىچىدە نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلىپ ئۇيان -بۇيانغا ماڭدى . تاماكىسىنى چىقىرىپ ئوت تۇتاشتۇردى ، كۆپكۈك ئىس ئاستا سۇزۇلۇپ  تۇرۇسقا كۆتۈرۈلەتتى ۋە نەلەرگىدۇر غايىب بۇلاتتى .
_ نەگىمۇ كەتكەنسىز ؟؟ كىتىش ئالدىدا مېنى ئىزدەپمۇ قويماپسىز ... مېنى ياخشى كۆرمىسىڭىز يېقىن دوستىڭىز قاتارىدا بولسىمۇ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ..._ ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۆزلىرى نەملەندى ، ئېغىر خۇرسىندى . تاماكىسىنى كۈچەپ -كۈچەپ سۈمۈردى .  ئۆينىڭ ئىچىنى تۇماندەك ئىس قاپلىدى . تۇمانلار ، كۆكۈش تۇمانلار ،ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشنىكسىز بىر تۇمان قاپلىۋالغانىدى .

ئادىل بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى تۈگىتىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى . ئانىسى تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇراتتى .
_ ئانا ، مەن قايتىپ كەلدىم ،_ ئۇ چاپىنىنى ئىلغۇچقا ئېسىپ قويغاچ دېدى ،_ بۈگۈن تاماق ئەتمىدىڭىزمۇ؟
_ ئىتىۋاتىمەن ..._ئاينۇرخان ئانا تېلىۋىزورغا قارىغاچ سوغۇقلا جاۋاب بەردى . ئادىل ئانىسىنىڭ ھېلىقى كۈنىدىن باشلاپ غەلىتە بۇلۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمىدى .
ئۇ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ چىققاندىن كىيىن ئانىسىنىڭ قېشىغا كىلىپ ئولتۇردى . ئانىسىنىڭ قاپىقى تېخىچە ئېچىلمىغان بۇلۇپ  ، ئۇ ئانىسىغا قاراپ ئۇھ تارتقىنىچە مۈرىسىنى قېقىپ قويدى .
_ ئانا ! _ ئۇ ئەمدى ئېغىز ئېچىپ تۇرىشىغا ئارقىسىدىن كىلىۋاتقان ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ كەينىگە بۇرۇلدى . كەينىدە ھورى پۇرقىراپ تۇرغان بىر تەخسە لەڭمەننى كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر قىزنى كۈرۈپ قېتىپلا قالدى ، ئۇ ئالدىنقى قېتىم ئانىسى سۆرىتىنى كۆرسەتكەن قىز ئىدى .
ئادىل ئۇ قىزنىڭ ئۆيدە تۇيۇقسىز پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى .
_ بۇ قىزىم ئۆيدە باشقا ئىش يوق زىرىكىپ ئولتۇرۇپتىكەن ، ئاتا -ئانىسىغا دەپ ماڭا ھەمراھ بولسۇن دەپ ئەكىلىۋالدىم ،_ دېدى ئاينۇرخان ئانا سۆز قىستۇرۇپ .
_ مانا بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ئادىل بۇلىدۇ ،تۇنۇشۇپ قۇيۇڭلار ، بۇ قىزىمنىڭ ئىسمى نىگارە .
نىگارە قۇلىدىكى تەخسىنى ئادىلنىڭ ئالدىغا قۇيۇۋىتىپ ئاينۇرخان ئانىغا كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن ، ئاندىن ئۈمۈد ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن ئادىلغا تىكىلدى .
_ سىزمۇ ئولتۇرۇڭ قىزىم ، تاماق ئىتىمەن دەپ بەك ھېرىپ كەتتىڭىز ،_ دېدى ئانا ، ئاندىن ئادىلغا قاراپ ،_ بۇ قىزىمنىڭ قۇلى گۈل ئىكەن ، تامىقى بەك ئوخشاپتۇ ...
ئانا سۆزلىگەچ كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئادىلغا قاراپ قويدى  . ئانىسىنىڭ قاراشلىرى ئادىلنىڭ تەشۋىشلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتكەنىدى . ئۇ ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكىنى ئاللىبۇرۇن پەملىگەن ، ئەمدى مۇشۇ قىز بىلەن تۇيۇڭنى قىلىسەن ، بۇ قىز ماڭىمۇ بەك يارىدى دىمەكچى ...
نىگارە ئادىلغا قاراپ سەل ئوڭايسىزلىنىپ قالدى ، شۇڭا قاچا -قۇچىلارنى يۇيىۋىتىشنى باھانە قىلىپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى ، مېڭىۋىتىپ ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن ئادىلغا بىر قارىۋالدى . ئادىل زۇۋانسىز ھالدا تاماق يىيىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، قەلبى تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ئىچىدە ئۆرتەنمەكتە ئىدى .
ئاينۇرخان ئانا ئوغلىنىڭ جىمىپ كەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ تۇرسىمۇ ، قەستەن :
_ سىنىڭچە ياخشى بولماپتىمۇ ؟_ دېدى ئۇنىڭغا بىر پىيالە چاينى تەڭلەپ تۇرۇپ .
_ نىمە دىدىڭىز ، ئانا ؟ _ ئادىل بېشىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىغا قارىدى .
_ نىگارەنىڭ ئۆيىمىزگە كەلگىنىنى دەيمەن ، بۇ بىچارە قىزىم كىچىكىدە نۇرغۇن ئەگرى -توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ، ئاخىرى بېقىۋالغان ئاتا -ئانىسىنىڭ مىھرى بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ناھايىتى ئەخلاقلىق ، پاكىز چوڭ بۇلۇپتۇ .
_ ياخشى قىلىپسىز ، بەك خوش بولدۇم . ئەمدى ئۆزىڭىزگە ھەمراھ تېپىپسىز ، مەن ئىشقا كەتسەم زىرىكىپمۇ قالمىغۇدەكسىز ، _ ئادىل چاينى ئىتتىك -ئىتتىك ئوتلىغاچ ، ئاشخانا بۇسۇغىسىدا ئانا -بالا ئىككىسىنىڭ پارىڭىنى تىڭشاپ تۇرغان نىگارەگە ئاستىرتتىن قاراپ قويدى .
ئەتىسى ئادىل خىزمەتكە ماڭىدىغان چاغدا ئانىسى نىگارەنى ئۇنىڭغا ناشتىلىق تەييارلاپ بىرىشكە بۇيرىدى. ئادىل تېخىچە نىگارەگە بېشىنى كۆتۈرۈپ تەپسىلىي قاراپ باقمىغانىدى . نىگارە بولسا نىمىشقىدۇر ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزەلمەيتتى . ئانىسى ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتكەندە نىگارە ئۇنىڭدىن سورىدى :
_ خىزمىتىڭىز ئالدىراشمۇ ؟
_ بەزىدە بەك ئالدىراش بۇلۇپ كىتىمىز ، بەزىدە ئىش يوق زىرىكىپ ئولتۇردىغان گەپ ،_ ئادىل شۇنداق جاۋاب بەردى .
_ مېنىڭ ئۆيىڭىزگە كەلگىنىمدىن خۇشال ئەمەستەك قىلىسىز ..._ نىگارە شۇنداق دىگەچ پەسكە قارىۋالدى .
ئادىل نىگارەنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ قۇيۇشنى خالىمايتتى ، ئۇ نىگارەگە قارىدى . ئۇنىڭ گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس يادەك قارا قاشلىرى ، نۇرلىنىپ، چاقناپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرى ، قىزىللىق تەپچىپ تۇرغان يېقىملىق مەڭزىلىرى ئادىلنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى . نىگارە ھەقىقەتەن گۈزەل قىز ئىدى .
_ نىمىشقا ئۇنداق ئويلاپ قالدىڭىز ؟ _ ئادىل ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدى.
_ ئۆزەمچە ...
_ ياق...ياق ..ئۇنداق ئىش يوق !سىز ...
ئادىلنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئانىسى ئۇنىڭ گىپىنى بۈلۈۋەتتى :
_ئوغلۇم ، يا بولمىسا بۈگۈن ئىدارەڭدىن رۇخسەت سوراپ نىگارە بىلەن ئايلىنىپ كىلىڭلار ، نىگارەمۇ ئۆيدە ئولتۇرىۋىرىپ زىرىكىپ قالمىسۇن .
ئادىل ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلالمىدى ، نىگارە ئۇنىڭغا ئوتلۇق نەزەر بىلەن قاراپ تۇرىۋاتسا ياق دىيەلىسۇنمۇ ؟! ..
_ بۇلىدۇ ، بۈگۈن ئىدارىدە باشقا مۇھىم ئىشمۇ يوق . تېلفۇن قىلىپ باشقىلارغا ئېيتىپ قويساملا بۇلىدۇ،_ ئادىل شۇنداق دىگەچ ئىللىق تەبەسسۇم قىلغىنىچە نىگارەگە قارىدى .
نىگارە تۇنجى قېتىم ئادىل بىلەن بازارغا چىققىنىدىن خۇشال ئىدى ، لىكىن ئادىل بولسا ئادىلەنى ئۇچرىتىپ قالارمەنمۇ دىگەن خىيال بىلەن يولدىكى ھەربىر كىشىگە سىنچلاپ قارايتتى .
ئۇلار بىر مۇزىكىلىق ئارامگاھقا كىرىپ كەلدى، ئادىل باشقا يەرگە بېرىشنىمۇ بىلمىگەنىدى ، ئۇ دوستلىرى بىلەن پات -پات مۇشۇ ئارامگاھقا كىرىپ تۇراتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرنىڭ مۇھىتىمۇ ئازادە ، پاكىزە بۇلۇپ ، مۇلازىمەتلىرىمۇ ياخشى ئىدى . ئۇلار چىرايلىق بىزەلگەن بىر ئارامگاھقا ئۇرۇنلاشقاندىن كىيىن ئادىل نىگارەدىن سورىدى :
_ نىمە ئىچكۈڭىز بار ؟
_ سۇ .
_ سۇ ؟ _ ئادىل كۈلۈپ كەتتى ھەم چاقچاق ئارلاش تەلەپپۇزدا،_ سۇنى ئۆيگە بېرىپ ئىچەيلى، سوغۇق ئىچىملىك ئىچەمسىز ؟ يا بولمىسا قەھۋە ئىچەمدۇق ؟ بۇ يەرنىڭ قەھۋەسى بەك ئوخشايدۇ .
_ مەن قەھۋە ئىچىشنى پەقەت ياقتۇرمايمەن .ئەمىسە قىزىل چاي ئىچەي ...
نىگارە تۇلىمۇ ساددا ، ئاقكۆڭۈل قىز ئىدى ، ئادىل گەرچە ئۇنى چۈشەنمىسىمۇ ئۇنىڭ تارتىنىپلا تۇرىدىغان ھالىتىگە قاراپ كۆڭلىدە قىزغا بولغان ھۆرمىتى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى . لىكىن ئۇ ئېنىق چۈشىنىپ يىتەلەيتىكى ، ئۇ نىگارەگە پەقەت چىن دوستلۇق مىھرىنى بىرەلەيتتى ، ئۇنىڭغا مۇھەببەت ئاتا قىلالىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى .
ئۇلار تاغدىن -باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى ، ئادىل نىگارەنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئىدارىدە يۈز بەرگەن نۇرغۇن قىزىقارلىق گەپلەرنى قىلىپ ئۇنى كۈلدۈرەتتى ، ئامال بار ئۇنىڭ كۆڭلىنى  خۇشال قىلىشنى ئىستەيتتى . نىگارەمۇ ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى ھاياتىنى ھەم ئۆزىنىڭ نىمىگە قىزىقىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئولتۇردى .
شۇ ئەسنادا نىگارە تۇيۇقسىز ئادىلدىن سوراپ قالدى :
_ ئادىل ، سىزنىڭ قىز دوستىڭىز ياكى ياخشى كۆرىدىغان  ئادىمىڭىز بارمۇ ؟
بۇ گەپتىن ئادىل گاڭگىراپ قالغانىدى ، ئۇ نىگارەنى بۇنداق سۇئال سورار دەپ ھەرگىز ئويلىمىغانىدى ، ئۇ بىردەم نىگارەگە  سىرلىق تۈستە قاراپ قويدى ئاندىن ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي ئۇنىڭدىن قايتۇرۇپ سورىدى :
_ ئەجەپ بۇنى سوراپ قاپسىزغۇ ؟؟
_ مەن ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ باقايمۇ ؟! _ دېدى نىگارە  كۈلگىنىچە  ،_ مەن راست گەپنى قىلسام تۈنۈگۈن سىزنى بىر كۆرگەندىلا سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭىز بارلىغىنى ھىس قىلغان ئىدىم .
_ ھەئە ؟! مەن يا بۇ تۇغۇرلۇق بىرەر ئېغىز گەپ قىلمىسام ، مىنى بىر كۈرۈپلا قانداق ھىس قىلالايسىز ؟
_ كۆزلىرىڭىزدىن ، مېنى تۇيۇقسىز كۈرۈپ ھۇدۇقۇپ كىتىشلىرىڭىزدىن ھىس قىلدىم .
ئادىل تېخىمۇ ھەيران بۇلۇۋاتاتتى ، نىگارەنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق ساددا ئەمەسلىكىنىمۇ ھىس قىلىپ ئۈلگۈرگەنىدى .
_ ئىشقىلىپ مەن شۇنداق ھىس قىلدىم . مەن ھەرگىز سىلەرنىڭ تۇرمۇشىڭلارغا بۈسۈپ كىرىشنى خالىمايمەن ، سىز بىلەن يېقىن دوست بۇلۇپ ئۆتكۈم بار ، سىزگە راست گەپنى قىلسام مېنىڭمۇ  ھازىر يۈرگەن يىگىتىم بار . ئۇ ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ ، بىز ھازىر پەقەت تېلفۇن ئارقىلىقلا كۈرىشىپ تۇرىۋاتىمىز ، تۈنۈگۈن ئانىڭىز بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپتىكەن ، مەنمۇ ئامالسىز سىلەرنىڭ ئۆيگە كىلىشكە مەجبۇر بولدۇم ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزنىڭ نامىڭىزنى ئۆيدىكىلەردىنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم ، شۇڭا سىزنى بىر كۈرۈپ باققۇم كەلدى .
نىگارەنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان  ئادىلنىڭ يۈرىكى ئەسلىگە كەلدى ، ئۇ باياتىن بېرى ئۇنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ سۆزلەپ ئولتۇرغىنى بىلەن پەقەت ئېچىلالمىغان ئىدى . ئەمدىلىكتە بولسا ئارتۇنچە ئەنسىرەپ ئولتۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى قالمىغانىدى ، نىگارە ئۆزىنىڭ سۆيگىنى بارلىغىنى ئۇچۇق ئېيتتى ، يەنە كىلىپ ئادىل بىلەن دوست بۇلۇپ ئۆتۈشنى خالايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ قويدى . بۇنىڭدىن ئادىل ئازادىچىلىككە چىقىپ قالغاندەك ، باش ئاغرىقى تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك ھىس قىلدى . ئۇمۇ ئادىلە بىلەن بولغان ئىشلارنى باشتىن -ئاخىر نىگارەگە  سۆزلەپ بەردى . ھەتتا ئۇنىڭ ئۆز دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتىپ بەردى .
نىگارە  ئادىلنىڭ سۆزلىرىنى زەن قۇيۇپ تىڭشايتتى ،ئاددىيسى ئۇمۇ ئوخشاشلا بىر ساقچى بىلەن ئوغرىنىڭ مۇھەببىتى كىتابلاردا ، كىنولاردىلا بار دەپ ئويلايتتى ،رىئال تۇرمۇشتىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىگە ھەۋەس قىلىۋاتاتتى . ئادىلەنىڭ يۇلۇققان قىينچىلىقلىرى ، تارتقان ئازابلىرىنى ئاڭلىغىنىدا ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ ئادىلەگە ھىسداشلىق قىلىپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى .
_ ئادىل ، مەن نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن ،_نىگارەنىڭ كۆز ياشلىرى توختىماستىن تۈكۈلەتتى ،_ ئادىلەگە بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى ، ئۇ بىچارە قىز ھازىر قەيەرلەردە يۈرۈيدىكىنە ... سىز چۇقۇم ئۇنى ئىزدەپ تېپىڭ ، ئەگەر مېنىڭ ياردىمىم تىگىپ قالىدىغان ئىش بولسا مەن ھەرگىز ياردىمىمنى ئايىمايمەن . سىلەرنىڭ بەختلىك بۇلۇشۇڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
ئادىل نىگارەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلەندى ، ئۇمۇ ئوخشاشلا بۇ ئاقكۆڭۈل قىزغا ئىچىدە نۇرغۇن بەختلەرنى تىلىدى ، ئادىلەنى ئويلاپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش ئولاشقىلى تۇردى . ئۇ ئىچىدە ئۆز -ئۆزىگە قەسەم بىرىۋاتاتتى :
_ ئادىلە ، مەن چۇقۇم سىزنى ئىزدەپ تاپىمەن ، مەيلى سىز جاھاننىڭ ئۇ قېتىدا بۇلۇڭ چۇقۇم سىزنى تاپىمەن . سىزنى بۇ زۇلمەتلىك تۇرمۇش قوينىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىپ بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىمەن ، ماڭا ئىشىنىڭ ئادىلە ، مەن چۇقۇم سىزنى تاپالايمەن !

ھاۋا  ئىنتايىن سوغۇق ، لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان بىر كۈنى ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار قىشلىق كانىكولغا قۇيۇپ بىرىلدى . ھەممە ئوقۇغۇچىلار خۇشال ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىش ئۈچۈن نەرسە كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرماقتا ئىدى .
ئەخمەت بىلەن نەرگىزە پويىزدا بىر -بىرىگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى . ئەخمەت بۇ ئىككى كۈنلۈك پويىز سەپىرى جەريانىدا نەرگىزەنى زىرىكىپ قالمىسۇن دەپ توردىن نۇرغۇن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى چۈشۈرۋالغانىدى . ئىككىسى تېلفۇندىن چىقىۋاتقان ئاۋازلىق ئەسەرنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى . بۇ << چىڭدۇدىن باشلانغان مۇھەببەت >> دىگەن ئەسەر بۇلۇپ ئىككىلىسىگە چوڭقۇر تەسىر قىلدى. نەرگىزە ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ يادىكارنى ئەخمەتكە ئوخشىتىۋاتاتتى، ئەخمەتمۇ نەرگىزەنى يادىكارنىڭ قىز دوستى گۈلزىباغا ئوخشاتتى . نەرگىزە ئەسەردىكى نەفىسەنىڭ كەچۈرمىشىلىرىنى ئاڭلاپ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇراتتى . ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئاڭلاپ بولغىنىدا ھەرئىككىلىسى خىياللارغا چۈمۈلۈپ كەتتى ، شۇ تاپتا ئۇلار ئەسەردىكى پىرسۇناژلارنى تەھلىل قىلىپ ، نۇرغۇن ئىشلارنىڭ كىشىنىڭ مەيلىگە باقمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىنى جىمجىتلىق قاپلىدى. پات -پات پويىز گۈدۈكىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى .
_ ئەخمەت ،_ دەپ سورىدى نەرگىزە ،_ سىزدىن بىر ئىشنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ ...
ئەخمەت قېنى سوراڭ دىگەن مەنىدە كۆزلىرىنى نەرگىزەگە تىكتى .
_ئەگەر ئەسەردىكى گۈلزىبانىڭ ئورنىدا مەن بولغان بولسام سىز قانداق قىلار ئىدىڭىز ؟
يادىكار ئۇنىڭ بۇ سۇئالنى سورىشىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلدى ، شۇ تاپتا ئۇ كاللىسىدا دەل مۇشۇ ئىشنى خىيال قىلىۋاتقان ئىدى، ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا نەرگىزە بۇلۇپ قالسا قانداق قىلار ئىدىم ، دىگەنلەرنى ئويلاپ زادىلا ئۆزىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب تاپالمىغان ئىدى .
_ سىزگە راست گەپنى قىلسام نەرگىزە ، مەنمۇ قانداق قىلىشىمنى بىلمەيمەن . ئۇ ئىش بېشىمىزغا كەلمەي تۇرۇپ ئۇنداق قىلىمەن ، بۇنداق قىلىمەن دىسەك يالغان ئېيتقان بۇلۇپ قالىمىز . خۇدايىم ئۇنداق كۈنلەرنى بەندىلىرىنىڭ بېشىغا سالمىسۇن ، پاك قەلب ئىگىلىرىنى مۇرادىغا يەتكۈزۈپ ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلسۇن ...
نەرگىزە كۈلۈپ كەتتى ، ئۇ شۇ تاپتا ئەخمەتتىن تۇنجى قېتىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاب ئالالمىغانىدى ، ئۇنىڭ جاۋابى نەرگىزەنى ئويلاندۇرۇپ قويغان ئىدى ....

ئادىلە پويىزدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى ، ئۇ ئويلىنىش ئارقىلىق ئۆزى كىچىكىدە نۇرغۇن ئازابلارنى تارتقان ، ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇقتىن ئىبارەت بۇ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولغان شەھەرگە _ بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققانىدى . ئۇ تىرىشىپ باقتى ، ئوغۇرلۇقتىن قول ئۈزۈپ ھالال ياشاپ باقماقچىمۇ بولدى ، لىكىن بۇ جەمئىيەت ، بۇ كىشىلەر ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى . ئۇنىڭ يۇلىغا ماڭدامدا بىر تىكەن ئۈندۈرۈپ ئۇنى ھالسىزلاندۇرغان ، ئۇنىڭغا چىقىش يۇلى بەرمىگەن ئىدى . پويىز گۈدۈكىنىڭ سىگىنال چىقىرىپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئۇنى ئازابلىق خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ئېچىنىشلىق تەقدىر ئۇنى يەنە شۇنداق جىنايى شۇملۇقنى قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى .

ئابلەت ساقچى كۈن بۇيى ھەسرەت -نادامەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلالمىدى . قىزىنى سېغىنىش ئازابى ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىۋەتكەنىدى . مانا شۇ تاپتىمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قىزى مۇنىرەنىڭ سۆرىتى ، ئۇ سۈرەتكە قارايدۇ ، ئاھ ئۇرىدۇ . ئۆتكەن كۈنلەرنى ئازاب ئىچىدە ئەسلەيدۇ . بۈگۈن مۇنىرەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، ئاتا -بالىنىڭ بىر -بىرىدىن ئايرىلغىنىغا ئون ئالتە يىل بولدى . لىكىن شۇ كۈنلەردە يۈرەككە چۈشكەن جاراھەت ھېلىغىچە ھېچ ساقىيىدىغاندەك ئەمەس ، بەلكى ئۇ تا بۈگۈنگىچە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بارماقتا . ئازابلىق ئەسلىمىلەر ھېلىھەم ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ . ھەر قېتىم ئۇ سىرتتىن ئۆيىگە كىرگىنىدە تامدىكى چوڭايتىپ ئېسىلغان قىزى بىلەن ئايالىنىڭ سۆرىتى كۆز ئالدىغا كىلىدۇ . ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدا كىچىككىنە بىر ئۈمۈدمۇ بار ... قىزىنى تېپىش ...بەلكىم ئۇ ھامان بىر كۈنى قىزىنى تېپىۋالار . مۇشۇ غۇۋا بىر ئۈمىد ئۇنى ئۆرە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ، ئۇ خۇرسىنىدۇ . ئۇنىڭ سۈيۈملۈك قىزى مۇنىرە نەدىدۇر ؟ ئۇ قايسى بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردا تەمتىرەپ يۈرگەندۇ ؟ ئۇ قاچانمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بۇلار ؟ زادى قاچان ، قاچان ؟؟....
شۇ تاپتا ئابلەت ساقچى ئۆيىدە تىكەندەك يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ ،ئالدىدا تورت . تورتنىڭ ئۈستىدە چىرايلىق يېزىلغان :<< قىزىم مۇنىرە ، تۇغۇلغان كۈنۈڭ مۇبارەك >> دىگەن خەتلەر ...
ئابلەت ساقچىنىڭ لىققىدە ياشقا تولغان كۆزلىرى ئاستا -ئاستا خىرەلەشتى . شۇنچە ئۇزۇن يىللار ئۆتتى ، مۇشۇ چاققىچە ئاشۇ خىرە ئۈمۈد قانداقمۇ ساقلىنىپ تۇرىۋاتىدىكىن -ھە !

نىگارە ئۆز ھوجرىسىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئادىل بىلەن كۈرىشكەندىن تارتىپ كۆڭلى زادىلا ئېچىلىپ باقمىغان ئىدى . ئۇ ئادىلەنى خىيال قىلاتتى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قىيىن ئەھۋالدا چىقىش يۇلى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگەن بىر قىز كىلەتتى . ئادىلەگە ئىچ ئاغرىتاتتى ، ئادىلنىڭ چىن ،ساپ مۇھەببىتىگە بەخت تىلەيتتى .
ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدا كۆرگەن ئازابلىرىنى ئەسلەپ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىڭ ئادىلە بىلەن ئوخشاپ كىتىدىغانلىقىنى ئويلايتتى . لىكىن ئۇ ئادىلەگە قارىغاندا كۆپ بەختلىك ئىكەن ، ھازىرغىچە ئۆز ئاتا-ئانىسىنى تاپالمىسىمۇ ھەرھالدا ھازىرقى ئاتا -ئانىسى ئۇنىڭغا بارلىق مىھرىنى بېغىشلاپ ئۇنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىپتۇ . بىچارە قىز ئۆز دادىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن شۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بۇلۇپتۇ . ئەگەر مىنىڭ ئۆز دادام بولغان بولسا قانداق قىلار ئىدى ھە . مېنىڭ ئاتا -ئانام قەيەردىدۇر ؟ مېنى يوقىتىپ قۇيۇپ ئىز -دېرىكىمنى قىلغانمىدۇر ؟ يا بولمىسا بۇ كەمگىچە مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇر ؟؟....بۇلارنى ئويلاپ نىگارەنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە ياش كەلدى . ئۇ ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئۆز ئاتا -ئانىسىنى كۈرىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلاتتى ، ئۇلارنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بولسىمۇ بىلىپ بېقىشنى ئىستەيتتى . ئۇ ئاتا -ئانىسىدىن ئايرىلغان چاغدا تېخى كىچىك بۇلۇپ ، ئۇلارنى ئەسلىيەلمەيتتى . ئۇنىڭ غۇۋا ئىسىدە قالغىنى دادىسىنىڭ ساقچى كىيىملىرىنى كىيگەن ھالدا ئۇنى قۇچاقلاپ ، قانماي سۆيىشى ، ئەركىلىتىشى ئىدى ....
-ئۆز ئاتا -ئانامنى تاپالارمەنمۇ ؟؟ ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇلارنى سالامەت قىلسۇن ، ئاخىرقى قېتىم ئۇلارنىڭ سىماسىنى كۆرەلىگەن بولسام ئارمىنىم يوق ئىدى ..._ ئۇ شۇلارنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى .

ئادىل ئىدارىدىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئانىسىغا بولسا كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغان بولدۇم ، دەپ يالغان ئېيتقانىدى . ئۇ ئادىلەنى قەيەردە بولسىمۇ ئىزدەپ تېپىشنى قارار قىلغان ئىدى . ئۇ پويىزدا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئادىلەنى خىيال قىلاتتى ، كۆز ئالدىغا ئادىلەنىڭ نەلەردىدۇر تەمتىرەپ يۈرگىنى ئايان بۇلۇپ كۆڭلى يېرىم بۇلاتتى .
_ سىزنى چۇقۇم تاپىمەن ئادىلە ، چۇقۇم !!!
ئۇنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك چىقىپ كەتكەن بولسا كىرەك ، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ كەتتى .
ئەتىسى ئەتىگەن بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان پويىز ۋوگزالغا يىتىپ كەلدى . نەرگىزە بىلەن ئەخمەت خۇشاللىقىدىن قىن -قىنىغا پاتماي قېلىشقانىدى . ئۇلار پويىزدىن چۈشۈپلا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئانا تۇپرىقىنىڭ ھاۋاسىدىن قانغۇچە نەپەس ئېلىشتى . خۇشاللىقىدىن چېھرىلىرىدە كۈلكە ئوينايتتى .
ئەخمەت نەرگىزەنى ئۇزۇن يوللۇق قاتناش بىكىتىگە ئاپىرىپ قويماقچى بۇلۇپ ئىككىسى يۈك -تاقىلىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە پويىز ئىستانىسىدىن سىرتقا چىقتى . سىرت ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بۇلۇپ توپ -توپ ئادەملەر ئۇيان -بۇيانغا مېڭىشىپ يۈرەتتى. ئۇلار ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتىگە قاراپ ماڭدى .
ئادىل پويىزدىن چۈشۈپلا قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالدى . ئۈرۈمچنىڭ ھاۋاسى ئۇنىڭ ئويلىغىنىغىنمۇ بەكراق سوغۇق ئىدى . ئۇ ئالدى بىلەن بىرەر يەرگە بېرىپ ياتاققا ئۇرۇنلىشىۋىلىشنى ئويلاپ ، ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتىگە تەرەپكە قەدەم ئالدى .
ئۇ ئاممىۋى ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كىلىپ قايسى ئاپتۇبۇسقا چىقىشنى بىلمەي ، ئۇنىڭغا -بۇنىڭغا قاراپ تۇرغىنىدا تۇيۇقسىز كۆزىگە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كىتىۋاتقان بىر سىما ئۇچراشتى . بۇ نەرگىزە ئىدى . ئادىلنىڭ يۈرىكى يېرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالدى ، ئۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپلا ئادىلەنى ئۇچرىتىپ قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى . نەرگىزە قۇلىدا يۈك -تاقىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا ئەخمەتكە  ئەگىشىپ ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كەتتى .
_ ئادىلە !ئادىلە !
ئادىل ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئاۋازىنى بۇلىشىغا چىقىرىپ توۋلىدى .
نەرگىزە بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىدى ، بىر يىگىت ئۇنىڭدىن ئون مىتىر يىراقلىقتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . نەرگىزە ھەيرانلىق ئارلاشقان كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويغاندىن كىيىن بۇرۇلۇپ كەينىگە قارىۋالدى .
ئادىل ئادىلەنىڭ ئۆزىگە قاراپ قۇيۇپ كارى بولمىغانلىقىنى كۈرۈپ يۈرىكى ئېچىشتى ، نەرگىزەلەر ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس قوزغالدى .
_ ئادىلە ! ئادىلە !
ئادىل يەنە توۋلىغىنىچە نەرگىزەلەر چىقىپ ماڭغان ئاپتۇبۇسقا قاراپ يۈگۈردى. ئۇ ئەمدىلا ئۈچ -تۆت قەدەم ئېلىشىغا ئالدىدىن شىددەت بىلەن كىلىۋاتقان بىر ماشىنىغا سۇقۇلدى. ئۇنىڭ كۆزى قاراڭغۇلىققا تۇلۇپ ، ھېچنىمىنى سەزمەيلا سوغۇق يەردە يېتىپ قالدى . نەرگىزەلەر خېلى ئۇزاپ كەتكەن بۇلۇپ بىر يىگىتنى ماشىنىنىڭ سۇقۇۋەتكەنلىكىنىمۇ كۆرمەي قالدى .
ئادىلنى سوقۇۋەتكەن ماشىنا ھېچنىمە بىلەن كارى بولمىغاندەك ئوقتەك تېز ماڭغىنىچە قېچىپ كەتتى . ئادىلنىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن كىشىلەر ئولاشتى ....

دوختۇرخانا ئىچىنى ناھايىتى سۈر قاپلىغان ئىدى ، ئەتراپ ناھايىتى جىمجىت ، پەقەت ئاينۇرخان ئانىنىڭ يىغا ئاۋازىلا بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى . ئادىل جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىگە كىرىپ كەتكىلى 4 سائەتتىن ئاشقانىدى . ئاينۇرخانا ئانا ئوغلىنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى ، ئۇ ئوغلىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغانىدى . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان نىگارەمۇ نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى ، ئۇ  ئاينۇرخان ئانا بىلەن ئايرۇپىلان ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلدى . ئۇلار جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ ئالدىدا باشلىرىنى سالغىنىچە خۇداغا ئۈن تىنسىز نالە قىلىپ ئادىلغا سالامەتلىك تىلەيتتى ، ئۇنىڭغا  بىرەر ئىش بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىشاتتى . نىگارە ئاينۇرخان ئانىنىڭ تۈگىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا نىمە دەپ تەسەللىي بىرىشىنى بىلمەي كۆز ياشلىرىنى تۆككىنىچە يىغلامسىراپ ئولتۇراتتى .
بىر چاغدا جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ چىرىغى يېنىپ بىر ئەر دوختۇر چىقىپ كەلدى . ئاينۇرخان ئانا بىلەن نىگارە تەڭلا دوختۇرنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈشتى .
_ سىلەر بىمار ئادىلنىڭ تۇققانلىرى بۇلامسىلەر ،_ دوختۇر ئۇلاردىن سورىدى .
_ ھەئە ، شۇنداق ..._ نىگارە شۇنداق دەپ تۇرىشى بىلەن ئاينۇرخان ئانا ئاۋازىنى چىقىرىپلا يىغلاپ كەتتى ھەم :
_ شۇنداق ...مەن ئۇنىڭ ئانىسى بۇلىمەن . ئوپراتسىيە ئاخىرلاشتىمۇ ؟ _ ئانا ئوغلىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ ئاۋازىمۇ پۈتۈپ قالغانىدى .
_ ئاخىرلاشتى .
_ جېنىم دوختۇر ، ئوغلۇم قانداقراق ؟
_ ئىنشائاللا ، ياخشى بۇلۇپ كىتەر ،_ دوختۇر تەمكىن سۆزلەيتتى ،ئانىنىڭ يىغلامسىرغان ھالىتىنى كۈرۈپ دوختۇرنىڭمۇ كۆڭلى بۇزۇلغانىدى .
_ ئوپراتسىيە نىمىشقا بۇنداق ئۇزىراپ كەتتى ؟ _ نىگارە سورىدى .
_ ماشىنا ئۇنىڭ بەل قىسمىنى قاتتىق سۇقۇۋەتكەن بولغاچقا بىر بۆرىكىنى ئېلىۋىتىشكە مەجبۇر بۇلۇپ قالدۇق ، بەك قانسىراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن يەنە بىر بۆرىكىمۇ خەتەر ئىچىدە .بىر مەزگىلىچە پۈتۈنلەي رۇلىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنىڭغىچە بىزمۇ پۈتۈن ئامالىمىزنى قىلىپ داۋالايمىز ، ئەمما پۈتۈنلەي ياخشى بۇلۇپ كىتىشى ئۈچۈن بۆرەك سېلىشىمىز كېرەك .
_ بۆرەك سېلىشىمىز كېرەك ...
دوختۇرنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاينۇرخان ئانىنىڭ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ ئۆزىنى بىلمەيلا يىقىلىپ چۈشتى ، نىگارە يىغلىغان ھالدا ئاينۇرخان ئانىنى يۆلەش بىلەن ئاۋارە ئىدى . دوختۇر ئانىنىڭ بۇ ئىشقا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئۇنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش ئەگىدى .
ھاياتلىق يولى بەكمۇ ئەگرى-توقاي،ھاياتلىقنىڭ بىر تەرىپى گۈزەللىك بولسا  ،يەنە بىر تەرپى  تولىمۇ  قاراڭغۇ . ئاچچىق رىئاللىق ، شەپقەتسىز تۇرمۇش ئالدىدا ئىنسان بەزىدە ئەنە شۇنداق ئاجىز ، ئىقتىدارسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ .
نەچچە ئون مىنۇتتىن كىيىن ئانا ھۇشىغا كەلدى ، ئۇ كۆز ئالدىدا يىغلاپ ئولتۇرغان نىگارەنى كۆرۈپلا ئۇنىڭغائېسىلىپ يىغلاپ كەتتى .
_ جېنىم ئانا ، بولدى يىغلىمىسىلا ، خۇدايىم ئادىلغا شىپالىق بىرەر ...ئۆزلىرىنى تۇتىۋالسىلا ..._ نىگارە ئاران مۇشۇلارنىلا دىيەلىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ئاققان ياشلار مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى .
بىر ئازدىن كىيىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۈلۈمىنىڭ ئىشىكى يەنە ئىچلىپ دوختۇرلار ئادىلنى ئېلىپ چىقتى .ئاينۇرخان ئانا ئوغلىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ باردى ،  ئادىل ھوشسىز ھالدا دوختۇرخانا ھارۋىسىدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە ياتاتتى ، بۇنى كۆرۈپ ئانىنىڭ باغرى تېخىمۇ ئىزىلىپ كەتتى .ئانا  ھۇشسىز ياتقان ئادىلغا تەلمۈرۈپ قارىغىنىچە :
_ ئوغلۇم ، جېنىم بالام ، ئادىل ... ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭمۇ جېنىم بالام ..._ دەپ ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا يىغلايتتى ،_ بۇ نىمە ئىش دوختۇر ، ئوغلۇمغا مېنىڭ بۆرىكىمنى سالايلى .ھازىرلا بېرەي بۇلامدۇ ؟
_ كىسەلنى ئېلىپ مېڭىڭلار ،_ دوختۇرلار شۇنداق دىگىنىچە ئادىلنى ئايرىم بىر ياتاققا ئېلىپ مېڭىشتى .
_ ئوغلۇم ، ئادىل !!!_ ئاينۇرخان ئانا ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلىغىنىچە يەردە ئولتۇرۇپ قالدى .
_ ئەلۋەتتە ، ئاۋۋال ئائىلىرىنىڭكىدىن ئىزدەيمىز . سىزنىڭ يەنە باشقا بالىلىرىڭىز بارمۇ ؟ _ بىر ئايال دوختۇر ئاينۇرخان ئانىدىن سورىدى .
_ ئادىل ئاينۇرخان ئانامنىڭ يالغۇز بىرلا ئوغلى ئىدى ..._ نىگارە جاۋاب بەردى .
دوختۇر بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر ھازا بۇ بىچارە ئانىغا ئىچ ئاغرىتىپ تۇرۇپ كەتتى .
_ قان تىپىڭىز ئوغلىڭىزنىڭكى بىلەن ئوخشاشمۇ ؟
_ قان تىپىمنى بىلمەيمەن .
_ ئوغلىڭىزنىڭ قان تىپى ئو بولغاچقا پەقەت ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭلا بۆرىكى ماس كىلىدۇ .
_ ۋاي خۇدا ... مېنىڭ قان تىپىم ئاب ئىدى ..ئانا ، كۆڭلىڭىزنى  يېرىم قىلماڭ ،ئەگەر مېنىڭ ماس كەلگەن بولسا مەن ئۇنىڭغا بۆرىكىمنى بىرىشكە تەييار ئىدىم ، خۇدايىم ئادىلنى  چۇقۇم ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ _ نىگارە شۇنداق دىگەچ ئانىغا تەسەللىي بەردى.
_ ئۇنداقتا سىز قان تىپىڭىزنى تەكشۈرتۈپ بېقىڭ ،_ ئايال دوختۇر  ئاينۇرخان ئانىغا شۇنداق دىگەچ ئېغىر خۇرسىنغان   ھالدا ئادىلنى ئۇرۇنلاشتۇرغان ياتاققا كىرىپ كەتتى .
_ قېنى ئانا ، مەن بىلەن ماڭسىلا ، تەكشۈرۈشنى باشلايلى ، ئاۋۋال قان ۋە سۈيدۈك تەكشۈرىمىز ، كىيىن باشقا تەكشۈرۈشلەرنىمۇ  ئىنچىكىلەپ كۆزىتىمىز _ بىر سېستىرا شۇنداق دىگەچ ئاينۇرخان ئانىنى باشلاپ ماڭدى .

ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سەپەر ئاخىرلاشتى ، نەرگىزە  ئۆيىگە كىرىپلا  نۇرلان  ئاكىغا  ئېسىلىپ  قاتتىق يىغلىۋەتتى . ئۇ دادىسىنى بەكمۇ سېغىنغان ئىدى ، دادىسى ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىن جۈدەپ ، قېرىپ قالغاندەك بىلىندى . نۇرلان ئاكىمۇ قىزى نەرگىزەنى بەك سېغىنغان ئىدى، شۇ تاپتا قىزىنى كۈرۈپ ئۆز ھاياجېنىنى باسالماي كۆزلىرى نەملىنىشكە باشلىدى .
ۋاقىت  نەرگىزە  ئۈچۈن ناھايىتى ئاستا ئۈتىۋاتاتتى ، ئۇ شۇنداق جىمغۇر ، غەمكىن بۇلۇپ قالغان بۇلۇپ ، قاتتىق ياغقان ئاپئاق قارلارمۇ ئۇنى ئۈزىگە جەلپ قىلالمايتتى . ئۇ گەرچە دادىسىنى كۈرۈپ شۇنداق خۇشال بولغان بولسىمۇ مەكتەپتە  يۈز بەرگەن بىر مۇنچە ئىشلارنى ئويلاپ ، يەنە كىلىپ  ئەخمەت بىلەن ئۆتكۈزگەن گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلەپ كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالغانىدى .
نۇرلان ئاكا ھەرقېتىم قىزى نەرگىزەنى كۆرگىنىدە ئۇنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى نەفىسە كۆز ئالدىغا كىلىۋىلىپ ئۇنى ئازابلايتتى . ئۇ  نەفىسەنى يوقىتىپ قويغاندىن بېرى تا ھازىرغىچە ۋىجدان ئازابىدا ياشاۋاتاتتى . پەقەت قىزى نەرگىزەلا ئۇنىڭ جاراھەتلىك يۈرىكىگە مەلھەم بۇلاتتى . قىزىنىڭ ئۆزىنىڭ كۈتكىنىدەك ئادەم بۇلىشى ئۇنىڭ شۇ ئازابلىرىنى بىردەملىك بولسىمۇ ئۇنتۇلدۇراتتى .
پاتەمخان ئانا قوشكىزەك قىزلىرى تۇغۇلۇپ  ئىككى ياشقا كىرگەندە كىسەل سەۋەبىدىن تۈگەپ كەتتى . بۇ تېخى ئەمدىلا ئىككى ياشقا كىرگەن ، ئانا مىھرىگە تۇلىمۇ موھتاج سەبىيلەر ئۈچۈن تۇلىمۇ  ئادالەتسىز بىر ئىش بولغانىدى . نۇرلان ئاكا ئايالى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئۆزىنى تۈگەشتۈرۇپلا ئالدى . ئۇ ھاراققا بىرىلىپ كەتتى ، تېخىمۇ يامان بولغىنى ئۇ قىمارغا ئۆگىنىپ قالغانىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ سەيپۇڭلۇڭ ھۈنىرىنىمۇ تاشلاپ قۇيۇپ كۈندە قىمار ئوينايتتى . نۇرلان ئاكىنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىسى بۇ قوشكىزەكلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتاتتى . ئۇ ئاكىسىنىڭ قىمارغا بىرىلىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ كۆپ تەربىيە قىلىپ باقتى ، ئۇنى تىللاپمۇ باقتى، لىكىن نۇرلان ئاكا پەقەت تۈزلەنمىدى .
بىر قېتىم نۇرلان ئاكا بىر ئولتۇرۇشىدىلا 20 مىڭ يۈەن ئۇتتۇرۋەتتى . سورۇننىڭ قائىدىسى بۇيىچە ئەگەر پۇلنى تۆلەپ بولمىسا سۇرۇندىن ساق چىقىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى . ئارىدىن ئىككى -ئۈچى كىلىپ نۇرلان ئاكىنى بېسىۋىلىپ ئۇنىڭ بۇرنىنى كىسىۋالماقچى بۇلۇشتى . نۇرلان ئاكا بولسا تىپىرلاپ ئۇلارغا يالۋۇراتتى ، پۇلنى چۇقۇم تۆلەپ بىرىدىغانغا ۋەدە بىرەتتى . لىكىن ئۇلار ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ پىچاقنى ئېلىپ ئەمدى ئۇنىڭ بۇرنىغا تەڭلەپ تۇرىشى نۇرلان ئاكا قورقۇنۇشتا ۋارقىرىۋەتتى :
_ مېنىڭ قوشكىزەك قىزىمنىڭ بىرسىنى بولسىمۇ بىرەي ...ماڭا رەھىم قىلىڭلار .
_ سېنىڭ قىزىڭ نىمىگە ئەسقاتاتتى ، تۇتۇڭلار بۇنى ، قىمار ئوينىغانغا تويە ئەمدى، ئەكەل پىچاقنى ...
ئارىدىن بىرى پىچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭغا شۇنداق تەڭلىۋىدى ، ئارىدىن بىرسى توۋلىدى .
_ توختاڭلار !!!
بۇ ئۇلارنىڭ سورىنىغا تۇنجى قېتىم كىلىپ قىمار ئويناۋاتقان پولات ئىسىملىك كىشى ئىدى . گەرچە ئۇنىڭ يېشى چوڭ بولمىسىمۇ ئۇنى ھەممىسى پولات بايۋەتچە دەپ بەك ھۆرمىتىنى قىلىشاتتى . پولات ئىچكىردە سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇلۇپ يىلدا بىر -ئىككى قېتىم  بۇ شەھەرگە  كىلىپ تۇراتتى .
_ سېنىڭ 20 مىڭ يۈەن پۇلۇڭنى مەن بىرەي ، ئۇنى قۇيۇۋەت ، ئۇنىڭ قىزىنى ئۆزۈم بالا قىلىۋالاي ...
شۇنداق قىلىپ پولات نۇرلان ئاكىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالدى ، لىكىن نۇرلان ئاكا ئۆز قىزىغا چىدىمىسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ قوشكىزەكلەرنىڭ بىرى بولغان نەفىسەنى پولاتقا بىرىۋەتتى .
قىزى نەفىسەدىن ئايرىلغان نۇرلان ئاكا ۋىجدان ئازابىغا قېلىپ تېخىمۇ تۈگىشىپ كىتىۋاتاتتى ، نەۋرە سىڭلىسىنىڭ تاپا -تەنىسى ، تىللاشلىرى ...ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلىپ بىر كۈندىلا ئۆزگىرىپ باشقىچە ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى . ئۇ باشقىلارغا گەپ قىلمايدىغان ، يالغۇزلىقنى خالايدىغان بۇلۇپ قالغانىدى .
قىزى نەرگىزەنىڭ چۈچۈك تىللىرى بىلەن ئۇنى << دادا >> دەپ چاقىرىشىلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئازابلايتتى ، قىزى نەفىسەنى  باشقىلارغا بىرىۋىتىش ئۇنىڭغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازابلارنى ئېلىپ كەلدى . نەرگىزەنى بولسىمۇ ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيلەش ئۈچۈن ئۇ سەيپۇڭلۇق ھۈنىرىنى قايتىدىن باشلىۋالدى .

ئادىلە كىچىكىدە ئۆزىگە نۇرغۇن ئاچچىق ئەسلىملەرنى قالدۇرغان ، يۈرىكىگە چوڭقۇر يارىلارنى قالدۇرغان  ، باشقىلار تولا ماختاپ ئۇچۇرىدىغان بۇ مەركىزى شەھەر بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى .
ئۇ پويىزدىن چۈشۈپلا  قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى ، ناتۇنۇش چىرايلار ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەر بىلەن قاراپ قۇيۇشاتتى . ئۇ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ يېنىدا ئاران نەچچە ئون يۈەن پۇل قالغانلىقىنى بىلدى ، بۇ پۇل ھېچنىمىگە دال بۇلالمايتتى . ئۇنىڭ كۆزى تۇيۇقسىز ئالدىدا ئېسىل ياسىنىپ كىتىۋاتقان قىزنىڭ مۈرىسىگە ئېسىۋالغان سومكىغا چۈشتى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سومكىغا قول سېلىش ناھايىتى ئاسان ئىش ئىدى . كىچكىدە ئۇنىڭ لوبىنى دەل مۇشۇ شەھەردە ئۇنىڭغا باشقىلارغا تۇيدۇرماي سومكا ئېچىشنى ئۆگەتكەن ئىدى . ئادىلە ئۇ قىزنىڭ ئارقىسىغا چۈشتى ، ئۇ قىز تېلفۇندا بىرسى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتى . ئادىلە تۇيدۇرماي ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كىلىۋالدى ، لىكىن ئۇ قىز ئادىلەگە قاراپمۇ قويمىدى . ئادىلە قۇلىدىكى بوغچىسىنى يەرگە تاشلاپ قۇيۇپ تېزلا ھەركەت قىلىپ ئۇ قىزنىڭ سومكىسىغا قۇلىنى ئۇزاتتى . ئۇ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن قىزنىڭ سومكىسىنىڭ سىرتمىسىنى ئېچىۋالدى . قىز تېخىچە ھېچ ئىشنى بىلمەي تېلفۇندا سۆزلىشىپ كىتىپ باراتتى ، ئەتراپتىكىلەر بۇ ئىشنى كۈرۈپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سالغاندەك كىتىپ بېرىشاتتى . ئادىلە چاققانلىق بىلەن قىزنىڭ سومكىسىغا قۇلىنى سېلىپ بىر نەرسىنى ئالدى-دە قۇلىنى تېزلا تارتىۋالدى .بۇ پورتمال ئىدى ،  قىز بۇنى سەزمەي كىتىپ قالدى ، ئادىلە چوڭقۇر بىر تىنىق ئالغاندىن كىيىن بايا قىزنىڭ سومكىسىدىن ئوغۇرلىۋالغان پورتمالنى ئېچىپ قارىدى ، ئىچىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇللارنى كۈرۈپ ئۇنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى ، خۇشاللىقتىن كۆزلىرىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەنىدى . ئۇ ئارقىسىغا قايتىپ بايا يولغا تاشلاپ قويغان بوغچىسىنى ئېلىپ  يېقىن ئەتراپتىن ئۆزىگە ياتاق ئىزدەش ئۈچۈن قەدەملىرىنى تېز -تېز ئېلىپ يۈرۈپ كەتتى ....

   قىشنىڭ سوغۇق شامىلى ئاچ قالغان بۆرىدەك ھۇۋلاۋاتقان بىركۈنى نەرگىزە ، ئەخمەتلەر  تەڭلا مەكتەپكە قاراپ يولغا چىقتى . ئۇلار ئۈرۈمچىنىڭ پويىز ۋوگزالىدا  ئۇچراشتى . بىر -بىرىنى قاتتىق سېغىنغان بۇ بىر جۈپلەر قۇچاقلىشىپ كۈرۈشتى . ئۇلارنىڭ چىھرىدە كۈلكە ئوينايتتى ، بېيجىڭغا بارىدىغان پويىز بىردەمدىن كىيىن قوزغىلاتتى ، ئۇلار پويىز ئىستانىسنىڭ كۈتۈش زالىدا تەتىل كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى دىيىشىپ ئولتۇردى .ئۇزاق ئۆتمەي پويىز قوزغالدى ، ئۇلار سەپىرىنى ھال -مۇڭ بىلەن ئۆتكۈزمەكچى بولغاندەك پارىڭىنى باشلىۋەتتى .   
پويىز  يېزا -قىشلاقلارنى ، تاغ -دەريالارنى ئارقىدا قالدۇرۇپ تېزلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتى . ئەخمەت ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەن بۇلۇپ ، ئۇ بارلىق غەم -ئەندىشىلىرىدىن خالىي بولغاندەك يىنىك نەپەس ئېلىپ ياتاتتى . نەرگىزە بولسا چوڭقۇر خىيال دەرياسىغا چۆككەن ئىدى . ئۇ بۇرۇنقى  ئىشلارنى ئويلاپ ، بۇ يېڭى بىر مەۋسۇمنى  قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئويلىناتتى .   تاڭ سۈزلۈشى بىلەن  پويىز بېيجىڭ ۋوگزالىغا  كىرىپ كەلدى .
- قاراڭ نەرگىزە ،  يەنىلا مەكتىپىمىز بىزگە بىرخىل ئىللىقلىق ئاتا قىلىدىكەن ،_ ئۇلار تاكسى تۇسۇپ مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن ئەخمەت  شۇنداق دىدى .
- ئۇغۇ شۇ ...بىراق ...  ــ نەرگىزە سۈزىنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا ئەخمەت ئۇنىڭ سۈزىنى بۈلىۋەتتى .
  - بىراق دەيسىزغۇ ؟ كۆڭۈلسىز ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىڭ . مانا مەن يېنىڭىزدا بارغۇ، ئەمدى سىزگە ھەرگىز كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كىلىدىغان ئىشلارنى قىلمايمەن ، دىلىڭىزنى رەنجىتمەيمەن ....
_ خۇدا خالىسا ..._ نەرگىزە شۇنداق دەپ ئەخمەتنىڭ گىپىنى تۇلۇقلىغاچ ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدى .
ئۇلار پاراڭلاشقاچ ياتىقىغا ماڭدى .
مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە بىرخىل جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈرەتتى . ھەممە يەردىن نەمخۇش توپىنىڭ پۇرىقى كىلەتتى. ئوقۇغۇچىلار تېخى ئۆيلىرىدىن كىلىپ بولالمىغان ئىدى .

نىگارە ياتاقتا كىتاب كۆرگەچ خىيال بىلەن ئولتۇراتاتتى ، ئىشىك ئېچىلىپ ئاينۇرخان ئانا جانسىز پۇتلىرىنى سۆرىگىنىچە كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ چېھرىدە قايغۇ  ، كۆزلىرىدە بولسا ياش لىغىرلاپ قالغانىدى .
_ ئانا ، ئانا قانداق بولدى ؟
_ قان تىپىم ئا چىقتى ، مېنىڭكىمۇ ئو ئەمەسكەن ..._ ئانا شۇنداق دەپلا نىگارەگە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . نىگارەمۇ ئەمدى ئانىغا قانداق تەسەللىي بىرىشنى بىلمەي قالغانىدى .
_ ئەمدى ئوغلۇم قانداق قىلار ؟ جېنىم بالام ، مېنىڭ يۈرەك پارەم ...
ئىككىسى بىر -بىرىگە ئېسىلىپ خېلى ئۇزۇن يىغلىدى .
_ ھەئە ، ئۇلار بۇ ياتاقتا  ،_ بىر سىېستىرا قىزنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلار ئىسىگە كەلگەندەك ئىشىك تەرەپكە قارىدى .ئىشىك ئالدىدا يارقىن تۇراتتى ،  يارقىن ئۇلارنى كۈرۈپ ئىگىلىپ سالام قىلدى .ئانا يارقىنىڭ سالىمىغا سالام قايتۇرۋىتىپ   تېخىمۇ ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتى ، تېخى نەچچە كۈن ئالدىدا ئوغلى ئادىل مۇشۇنداق چەبدەس ، روھلۇق ھالدا كۆز ئالدىدا تۇراتتى ، مانا ئەمدى ئۇ تېخىچە كىسەل كارۋىتىدا ھۇشسىز يېتىپتۇ . يارقىن ئانىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۈرۈپ چىدىيالماي قالدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىگىمۇ ياش ئولاشقىلى تۇردى .
_ جېنىم ئانا ، ئەمدى يىغلىماڭ ..._ نىگارە شۇنداق دەپ ئانىغا تەسەللىي بەردى . يارقىن بۇرۇلۇپ نىگارەگە قارىدى ، قارىدىيۇ بۇ تۇنۇش چىراينى كۈرۈپ ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدى . لىكىن ئۇ نىگارەگە خېلى ئۇزۇن قارىغان بولسىمۇ ئۇنى قەيەردە كۆرگەنلىكىنى پەقەت ئەسلىيەلمىدى . نىگارە بۇ ناتۇنۇش يىگىتنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي كۆزلىرىنى ئېلىپ قاچتى .
_ ئانا ، مەن ئادىلنىڭ كىلىشمەسلىككە ئۇچرىغىنىنى تېخى تۈنۈگۈن بىلدىم ، ئاڭلاپلا ئىدارىدىن رۇخسەت سوراپ يولغا چىققانىدىم ... ئادىل ....ئۇ ...ئۇ ھازىر قانداقراق ؟
_ تېخىچە ھۇشسىز ياتىدۇ ، بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىكەن .
يارقىن بۇلارنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئادىلنىڭ كىسىلىنى بۇنچىۋالا ئېغىر دەپ ئويلىمىغانىدى .
_ مېنىڭ قان تىپىم ئا ئىكەن ، بولمىسا ....
_ ئادىلنىڭ قان تىپى نىمە ئىكەن ؟ _ يارقىن ئانىنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىنى كۈرۈپ زادىلا چىدىمىغان ئىدى .
_ ئادىلنىڭ قان تىپى ئو ئىكەن ، دوختۇرنىڭ دىيىشىچە پەقەت ئو قان تىپىدىكىلەرنىڭلا ماس كىلىدىكەن ...._ نىگارە ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا جاۋاب بەردى .
_ ۋاي خۇدايىم ...بۇ ئىشنى كۆرمەمدىغان ، مېنىڭ قان تىپىممۇ ئا ئىدى ... ئانا ، سىلى بەك ئەنسىرەپ كەتمىسىلە . بۇنداق كۈنلەرمۇ ئادەمنىڭ بېشىغا كىلدىكەن ، ئۆزلىرىنى تاشلىۋەتمىسىلە . مەن توردا مۇشۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلارنى كۆرگەن ئىدىم ، مەن بىردەم تۇرۇپ توردا تەكشۈرۈپ باقاي ، خۇدايىم ئادىلغا شىپالىق بەرسۇن . مەن ئادىلنى كۆرۈپ چىقسام بۇلامدۇ ؟
_ دوختۇرلار ئۇنىڭ يېنىغا كىرگۈزمىدى ...ئۇ تېخىچە ھۇشسىز ياتىدۇ ، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتى دەيدۇ ، لىكىن جېنىم بالام ...
ئاينۇرخان ئانا يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ، يارقىن بىلەن نىگارە ئانىغا تەسەللىي بىرىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .

كەچ كىرىپ شەھەر كوچىسىغا چىراغ يېقىلغان مەزگىلدە قار بىراقلا تۆكمە بۇلۇپ ، قارا يەرلەر ، دەرەخلەرگىچە ئاقارتىۋىتەتتى. چوڭ يوللار توختاۋسىز ماشىنىلار چاقىدا ئۈزلۈكسىز يانجىلغان يۇمشاق ئاپئاق قارلار ئاللىقاچان غىلتاڭ كۆز مۇزغا ئايلىنىپ ئۇيۇپ كىتەتتى . ھەرقانداق يۇمشاق نەرسە چەيلىنىۋەرسە قاتىدىغان ئوخشايدۇ .غۇۋا يۇرۇپ تۇرغان كوچا چىراغلىرىدا لەيلەپ ئالدىراش چۇشۈۋاتقان قار توزانلىرى قار ئەمەس ، قارا قازاندەك ئاسماننىڭ ساناقسىز تۈشۈكلىرى ئۈستىدىن قادىلىپ ئۆتكەن پاكىز يۇرۇق نۇرلاردەك كۆرۈنىدۇ .
  پولات ئۆيدە يالغۇز تۇرىۋىرىشتىن زىرىكىپ قالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىلەنىڭ خەۋىرىنى ئالالماي ئىچى مۈشۈك تاتىلىغاندەك بىئارام بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ ئالدىنقى كۈنى دوستى ئەركىننىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققانىدى . ئۇ مۇشۇ باھانىدە ئادىلەنى ئۈرۈمچىدە ئىزدەپ بېقىشنىمۇ خىيالىغا كەلتۈرگەنىدى . ئۇ ئۈرۈمچىگە چۈشۈپلا ئەركىننىڭ دەپ بەرگىنى بۇيىچە بىر مېھمانخانىغا قاراپ يولغا چىقتى . ئۇ ھەرخىل زىننەت چىراغلار چاقناپ ،  ئوتتۇرا ئەسىر گېنىراللىرىدەك كىيىنىۋالغان مۇلازىملىرى قېتىپ تۇرغان ئالىي مېھمانخانا ئالدىدا تاكسىدىن چۈشتى . جاھاننىڭ ئىشلىرىمۇ قىزىق ، بىر ئۆمۈر جاپا تارتىپ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈردىغانلار  بۇنداق ئېسىل مېھمانخانا ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئاددىي مېھمانخانىدىمۇ ئۆمرىدە نەچچە قېتىم ياتالايدۇ . مانا مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان ، باشقىلارنى ئوغۇرلۇققا سېلىپ ، زەھەرلىك بۇيۇملارنى سېتىپ  بىر ئۆمۈرلۈك ھاياتىنى دوغا تىكىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى بولسا كۈندە باياشاد ئىچىدە ياشايدۇ . لىكىن شۇنىسى ئېنىقكى ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئەشۇ ھالال ئەمگىكىگە  تايىنىپ ياشايدىغانلارنىڭ تۇرمۇشىدەك كۆڭۈللۈك بولمايدۇ ، ، تاپقان پۇللىرىنىڭ بەركىتى يوق ، كۈلكىسى ساختا بولغان بۇلىدۇ ...
پولاتنىڭ تاكسىدىن چۈشكەندىكى خۇش -چىراي ھالى ھېچبىر دەردى -غېمى يوق كىشىدەك مەغرۇر ئىدى . ئەمما ئىچىدىكى مىڭ پاتمان دەردنى خۇدا بىلەن پەقەت ئۆزىلا بىلەتتى . يولدا كىتىۋاتقان مىڭلىغان خۇشال كۆرۈنىدىغان ئادەملەرمۇ بەلكىم مۇشۇ پولاتقا ئوخشاش  ئىچىدە قايغۇ -ئەلەم ، تېشىدا بايرام قىلىپ يۈرىشىدىغاندۇ ... ئۇ تاكسىدىن چۈشۈپ مېھمانخانا دەرۋازىسىدىن بىنا ئىچىگە كىرىپ بولغىچە ئۈستى -بېشىنى قار كۆمۈپ ئاقلاپ ئۈلگۈردى . لىفىت ئىچىدىكى رەقەم يىگىرمە بىرنى كۆرسەتكەندە ، لىفىت ئۆرلەشتىن توختاپ ئىشىك ئېچىلدى . ئۇ جىمجىت كارىدۇرنى بويلاپ بۇلۇڭدىكى ياتاق ئالدىغا بارغاندا توختىدى  . ئۇ ئىشىك ئالدىغا كىلىپ بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئىشىكنى چەكتى . خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كىيىن ئىشىك ئېچىلىپ ، ئۇچىسىدا ئالقانچىلىك ئەۋرەت ياپقۇچتىن باشقا كىيىمى يوق ، قورسىقىدىن كانىيىغىچە چۇپۇر باسقان قارا كۆزەينەكلىك بىرى ئىشىكنى تۇسۇپ تۇردى .  بۇ ئەركىن ئىدى ، ئۆي ئىچىدىن تىلىۋىزۇر نۇمۇرلىنىڭ ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ئەركىن پولاتقا  قاراپ كۈلۈپ قويدى :
_ يەنە بىردەم كەلمىسەڭ تۇمۇچۇق ئىزدەپ سىرتقا چىقاي دەپ تۇرغان ... تېز كىر .
پولات ئىشىكتىن كىرىشىگە ئەركىن ئىشىكنى ئىچىدىن چىڭ تاقىدى .
_ خۇداغا شۈكۈر ، ساق -سالامەت كىلىۋاپسەن . سەن ئولتۇرۇپ تۇر ، مەن كىيىملىرىمنى كىيۋىلىپ چىقىمەن ._ ئەركىن شۇنداق دىگەچ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى .
پولات سافاغا يۆلەنگىنىچە تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇردى .
بىر ئازدىن كىيىن ئەركىن چىقتى .
_ ساڭا دىسەم بۇدا ئىشىمىزدىن چاتاق چىقتى ، نەچچە كۈن ئالدىدا  بىزنىڭ ئىككى ئادەمنى ساقچىلار  تۇتۇۋاپتۇ . ئىتنىڭ سۈدىكىنى ئىچىپ چوڭ بولغانلار ، مېنىمۇ ئاشكارلاپ قۇيۇپتۇ . شۇڭا بۈگۈن كەچتىلا شىنجاڭدىن ئىچكىرگە ماڭاي دەۋاتىمەن . سەن بىلىسەنغۇ ، مېنىڭ بىر ئوغلۇم بارلىغىنى ، بۈگۈن تېخى سەن كىلىشتىن بۇرۇن  ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىم تېلفۇن قىلىپتىكەن . بالام ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەن . ئەھۋالى سەل ئېغىر ئوخشايدۇ ، يەنە ئاڭلىسام ساقچىلار مېنى ئىزدەپ يۈرۈپتىمىش ...شۇڭا مەن سىرتقا چىقالماي ئولتۇردۇم  . سەن ماڭا ياردەم قىلىپ بۇ پۇللارنى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئايالىمغا بېرىپ قويساڭ ، مېنى سورىسا خىزمىتى بەك ئالدىراش دەپ قويساڭ بۇلىدۇ . _ ئەركىن شۇنداق دىگەچ سومكىسىدىن بىر بولاق پۇلنى ئېلىپ پولاتقا ئۇزاتتى ،_  سەن بۇ پۇللارنى  ئايالىمغا ئاپىرىپ  بېرىپلا  قايتىپ كەل . يەنە بىرسى  مەن ئادىلەنىڭ دېرىكىنى ئالدىم ، ئۇ ھازىر بېيجىڭدا ئىكەن .ئۇ بىر يىگىت بىلەن كاۋاپ يەۋاتقان چاغدا بىزنىڭ بىر شوركىمىزغا ئۇچراپتۇ .  بىز بۈگۈن كەچتە بېيجىڭغا ماڭايلى ، سېنىڭ ئايرۇپىلان بىلىتىڭنىمۇ ئېلىپ بولدۇم . ئاندىن ئادىلەنى شۇ يەردىن تاپىمىز ...
_ ئادىلە ؟ ئۇ ...ئۇ قاچان بېيجىڭغا بېرىۋالغاندۇ ؟
_ ۋاقىت بەك قىس ...سەن تېز بېرىپ بۇ ئىشلارنى بىجىرىپ كەل . مەن ئۇنىڭغىچە تەييارلىقلارنى قىلىپ تۇراي . سەن كەلگەندە ئالدىرماي دەپ بىرىمەن ...
پولات ئەركىننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇ بەرگەن بىر ئادرىس بۇيىچە دوختۇرخانىغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىقتى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ كاللىسىمۇ بەك قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى ، ئادىلەنىڭ ئازراق بولسىمۇ ئىز-دېرىكىنى ئالالىغىنىدىن ئىچ -ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى . ئۇ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى .
ئەركىن چامادانلارغا كىيىم -كىچەكلەرنى سېلىپ ئالدىراش ئىدى ، پولات چىقىپ كىتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشىك بوش چىكىلدى .
_ بۇ كالۋانىزە ... يەنە نىمە بولغاندۇ بۇنىڭغا ..._ ئەركىن شۇنداق دەپ غۇدۇرغىنىچە ئىشىكنى ئەمدى ئېچىپ تۇرىشىغا  ، بىر نەچچە ساقچىلار يۇپۇرلۇپ كىلىپ ئۇنى بېسىۋالدى .
پولات دوختۇرخانا ئالدىغا كەلگەندە تاكسىدىن چۈشتى . ئۇ دوختۇرخانا ئىچىگە كىرىۋىتىپ ئىچ  يانچۇقىدىكى پۇلنى  قايتا تۇتۇپ كۆردى ، شۇئان ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ۋەھىمىلىك خىياللار كىلىپ كەلدى . ئۇ دوختۇرخانا ھاجەتخانىسىغا كىرىپ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋىلىپ پۇلنى ساناشقا باشلىدى . ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە سانىدى ،بۇ ئاز پۇل ئەمەس ئىدى ،  توپتوغرا ئەللىك مىڭ يۈەن ئىدى . بىردىنلا پولاتنىڭ نىيتى بۇزۇلدى. بىراقلا بۇ پۇلنى ئەركىننىڭ ئايالىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇشقا كۆڭلى ئۇنىمايلا قالدى . ئۇ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرغاچ ئويلىنىشقا باشلىدى. توغرا ، بۇنچە جىق پۇلنى بىراقلا قولدىن چىقىرۋىتىدىغان ساراڭمۇ مەن ؟ ياخشىسى ئەركىن بىلەن كۈرىشمەيلا بۇ پۇلنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋالاي ، ئەتىلا بېيجىڭغا بېرىپ ئادىلەنى ئۆزۈم ئىزدەرمەن ... ئۇ  بۇنچىۋالا جىق پۇلنىڭ ناھايىتى ئاسانلا قۇلىغا چۈشكەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇپ  كۈلۈپ  كەتتى .
   پولات قايتا دوختۇرخانىدىن چىقىپ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا بارماقچى  بۇلۇپ ماڭدى . ئۇ ئەمدى تاكسىدىن بىرنى تۇساي دەپ  تۇرغىنىدا كۆزى دوختۇرخانا ئىچى تەرەپتىن چىقىپ كىلىۋاتقان بىرسىگە چۈشتى  ، بۇ ئاينۇرخان ئانا ئىدى . ئاينۇرخان ئانىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى ، بۇ تۇيۇقسىز ئۇچرىشىتىن پولات نىمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى ، ئاينۇرخان ئانا ئۇنىڭغا غەزەپلىك قاراپ تۇراتتى . پولات ئاينۇرخان ئانىنى كۆرۈپ جايىدا مىق قاققان قۇزۇقتەك قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ بىردىنلا ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ  يولدىن كىسىپ ئۈتۈپ كەتمەكچى بۇلۇپ تېز -تېز قەدەملەر بىلەن ماڭدى .
_ پولات !!!_ ئاينۇرخان ئانا ئاۋازىنى چىقىرىپ توۋلىدى . پولات ئاڭلىمىغانغا سېلىپ قەدەملىرىنى تېخىمۇ تىزلىتىپ ماڭدى . شۇ چاغدا ئاينۇرخان ئانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇنى توۋلىغان ئاۋازى بىلەن  تەڭ بىر ماشىنا قاتتىق تۇرمۇز قىلىنغىنىچە ئۇنى  قاتتىق سۇقۇۋەتتى . پولات بىر مېتىر يەرگىچە ئۇچۇپ كەتكەنىدى ، ئەسكىنىڭ جېنى چىڭ دىگەندەك ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا  بىر قارىدىيۇ ،كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، بېشى قېيىپ يەنە ياتقان يېرىدە يېتىپ قالدى .   

ئادىلە  كارۋاتتا  كۆزىنى ئاچقىنىچە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى ، ئۇ بۇ ئاخشاممۇ زادىلا ئۇخلىيالمىدى . ئۇنىڭ كاللىسى بەكمۇ قالايمىقان بۇلۇپ ، بۇندىن كىينكى تۇرمۇشى ئۈستىدە كۆپ ئويلىناتتى ، لىكىن ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك بىرەر جاۋابقا ئېرىشەلمەي قىينىلاتتى . ئۇ خىياللارغا بەند بۇلۇپ ئۆزىنىڭ  قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى .
بىر چاغدا ئۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى ، ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ سائەتكە قارىۋىدى ، سائەت دەل ئۈچ بولغانىدى . ئۇ ، چىراغنى يۇرۇتۇپ ياتاققا بىر قۇر سەپسىلىپ چىققاندىن كىيىنلا ئۆزىنى قارا بېسىپ قالغانلىقىنى بىلدى . قەيەردىندۇر سۇزۇلۇپ ئۇنىڭ گېلىنى بوغقىلى تۇرغان قارا قولنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمەيتتى . ئۇ بىردەم ئولتۇرۋالغاندىن كىيىن ئورنىدىن تۇردى -دە ، تازلىق ئۆيىگە كىرىپ سوغۇق تۇرۇبا سۈيى بىلەن باش -كۆزلىرىنى ئۇزاققىچە يۇدى ۋە شۇ ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۋەتتى .
ئەتىسى ئادىلە ئۆزى تۇرغان مېھمانخانا ئەتراپىدىكى بىر خۇيزۇ ئاشخانىسدا غىزالانغاندىن كىيىن بازارغا چىقتى . ئۇ نۇرغۇن دۇكانلارغا كىرىپ ئۇنى -بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى خېلىلا ئېچىلىپ قالدى . ئۇ شۇ ھالاتتە خېلى ئۇزۇن بازار ئايلاندى ، بىر چاغدا ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزدەپ ماڭدى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆزى  ئالدىدىكى  سومكىسىنى مۈرىسىگە ئېسىۋىلىپ ئۇنىڭغا -بۇنىڭغا قاراپ كىتىۋاتقان بىر  ئوتتۇرا ياشلىق ئايالغا چۈشتى . ئادىلەنىڭ بىردىنلا قوللىرى قىچىشىپ ئۆزىمۇ بىلمەيلا ئۇ ئايالنىڭ  ئارقىسدىن ئەگەشتى .
دەل شۇ چاغدا شەھىدە ئۆزىنىڭ بىر قىز ساۋاقدىشى بىلەن بازارغا چىققانىدى . ئۇلار دۇكان -دۇكانلارغا كىرىپ ئۆزلىرى ياقتۇرغان نەرسىلەرنى سېتىۋىلىشتى . ئۇلار پاراڭلاشقاچ ئەخمەت بىلەن نەرگىزەنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىپ كىتىۋاتاتتى .
_ ئاداش ، قارا ئاۋۇ كىم ؟ _ شەھىدەنىڭ ساۋاقدىشى ئۇلارنىڭ ئالدىدا كىتىپ بارغان قىزنى كۆرسىتىپ دېدى .
_ ۋاي ئاللا، زامان ئاخىرى بۇلۇۋاتامدۇ نىمە ؟ كىمنىڭ گىپىنى قىلىۋاتساق شۇ كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بۇلىۋاتقىنىنى ، بۈگۈن بۇ ساراڭ ئۆزى يالغۇز بازارغا چىقىپ قاپتىغۇ ؟ ئەخمەت بىرگە چىقمىغانمىكىنە ...
ئۇلار ئادىلەنى نەرگىزە دەپ تۇنۇۋىلىشقانىدى .
_ ئۇنى چاقىرامدۇق ؟... _ ساۋاقدىشى شەھىدەگە قارىدى ، شەھىدە بېشىنى لىڭىشتتى .
_ نەر..._ ساۋاقدىشى ئەمدى توۋلاي دەپ تۇرىشى بىلەن شەھىدە ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى ھەم پەس ئاۋازدا ئېيتتى :
_ شۈك ....قارا، قارا  ئۇ نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ؟
ئادىلە بۇ چاغدا ئالدىدىكى ئايالغا يىتىشىۋالغان بۇلۇپ ئۇنىڭ سومكىسىغا قول سېلىۋاتاتتى ، بۇلارنى شەھىدە كۈرۈپ ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپلا تۇرۇپ قالدى .
_ ۋاي خۇدايىم ، ئۇ پەسكەش ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدۇ ، ئۇ بىر يانچۇقچىكەنغۇ ؟ ۋاي توۋا ..ۋاي توۋا ... ئاداش ئەكىلە تېلفۇنىڭنى ، بۇ قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان يانچۇقچى بۆرىنىڭ ئەپتى -بەشرىسىنى بىر ئېچىۋەتمەيدىغان بولسام ..._ شەھىدە شۇنداق دەپ ساۋاقدىشىنىڭ تېلفۇنىنى ئېلىپ ئادىلەنىڭ ئۇ  ئايالنىڭ   سومكىسىغا قول سېلىپ پورتمالىنى ئوغۇرلىۋالغان كۈرىنىشىنى سىنغا ئېلىۋالدى .
ئادىلە سومكىدىن  پورتمالنى ئېلىۋالغاندىن كىيىن تېزلا بۇرۇلۇپ كەينىگە قاراپ ماڭدى . شەھىدە بىلەن ساۋاقدىشىمۇ ئۇنى كۈرۈپ قالمىسۇن دەپ ياندىكى بىر دۇكانغا كىرىۋالدى . ئادىلە ئارقىسىغا قاراپ قۇيۇپ ئۇ ئايالنىڭ  تېخىچە سەزمىگەنلىكىنى بىلىپ سۇس كۈلگىنىچە ئاشخانا ئىزدەپ ماڭدى.
شەھىدە بىلەن ساۋاقدىشى ئادىلەنىڭ كىتىپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ دۇكاندىن چىقىشتى. شەھىدە بايا تارتىۋالغان سىن كۆرۈنىشىنى قايتا -قايتا كۆرۈپ كۈلگىنىچە ئۆز -ئۆزىدىن مەمنۇن بۇلۇپ كەتتى .ئۇ ساۋاقدىشى بىلەن تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ مەكتەپكە ماڭدى . ئۇ توختىماي كۈلەتتى ...نەرگىزەنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىگە يەنە بىر تۇرۇپ ھەيران بۇلاتتى . ئۇ يەنە بىر ئىش ئىسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ تېلفۇنىنى ئېلىپ نەرگىزەگە تېلفۇن قىلدى ھەم ئاۋازغا ئېلىش كۇنۇپكىسىنىمۇ بېسىپ قويدى .
نەرگىزە بۇ چاغدا كۇتۇبخانىدا كىتاب كۈرۈپ ئولتۇراتتى ، ئەخمەت بولسا بىر دوستىغا كومپىيوتىر ئېلىشىپ بەرمەكچى بۇلۇپ بازارغا چىقىپ كەتكەنىدى .
_ ئاپئاق خان، نەدە ئۆزۈڭ ؟ _ شەھىدە ئەتەي ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ كۇتۇبخانىدا كىتاب كۈرىۋاتىمەن ..._ نەرگىزە سوغۇقلا جاۋاب بەردى .
_ ھەئە ، ئەخمەتچۇ؟ ئىككىڭلار بىللىما ؟
_ ئەخمەت بازارغا چىقىپ كەتكەن ، بىرەر ئىشىڭ بارمىدى ؟
_ ياق ...ياق ...مۇنداقلا سوراپ قويدۇم . ئەمىسە كىتابىڭنى كۆرىۋەر ، تىرىشچان قىز .
شەھىدە شۇنداق دەپ نەرگىزەگە خوشمۇ دىمەي تېلفۇننى قويۇۋەتتى  ، ئاندىن ئەخمەتكە تېلفۇن قىلدى .
_ ئەخمەت ، نەدە ئۆزىڭىز ؟   ھەئە ، بىلدىم .. ئەمىسە مەكتەپكە قايتقىنىڭىزدا ماڭا بىر تېلفۇن قىلغان بولسىڭىز ، سىزگە دەيدىغان بەك مۇھىم بىر گەپ بار ئىدى . ھە ، ماقۇل ئەمىسە ، خوش ، تېلفۇنىڭىزنى كۈتىمەن .
شەھىدە بەك خۇشال ئىدى ، ئۇ توختىماستىن ۋىلىقلاپ كۈلەتتى ، يېنىدىكى ساۋاقدىشى بولسا بۈگۈن كۆرگەن ئىشقا بىر ئىشەنسە بىر ئىشەنمەي توۋا دەپ خىيال بىلەن ئولتۇراتتى .
_ خەپتوختاپتۇر ، ئەمدى سىنىڭ قانداق قىلدىغىنىڭنى بىر كۆرەي . ئەپتىبەشرەڭنى بىر ئېچىۋەتمىسەم ...
شەھىدە ساۋاقدىشىنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا كۆزىنى قىسىپ قويدى .

قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:33:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كۈن ئۈتۈپ كەتتى . ئەمدىلا  دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىغا ماڭغان نەرگىزە  شەھىدەنىڭ  چاقىرىشى بىلەن توختاپ قالدى .
شەھىدە نەرگىزەنىڭ  يېنىغا كىلىپ قاتلانغان بىر پارچە خەتنى ‹‹ ئەخمەت بەردى  ›› دەپلا  نەرگىزەنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپلا ئارتۇقچە گەپ –سۆز قىلماي كىتىپ قالدى .
  نەرگىزە  جايىدىلا خەتنى ئېچىپ ئوقۇدى ، ئوقىدىيۇ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلىرىنى توختىتىۋالالماي قالدى . خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى :
‹‹ شۇ تاپتا  سىزنى نىمە دەپ ئاتاشنى بىلمەيۋاتىمەن ، سىز راستىنلا ئۈتۈپ كەتكەن ھىيلىگەر ،پەسكەش ، رەھىمسىز ، ئىپلاس قىز ئىكەنسىز . سىزگە قول قويدۇم ، تېخى مەن شەھرىباننىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئىشىنىپ كىتىپتىمەن . سىزنىڭ بۇنچىۋالا يامان ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن . توۋا ...توۋا... ئاشۇ چىرايىڭىز ، ئادەتتىكى ئېغىر -بېسىقلىقىڭىز بىلەن سىزنى بىر ئوغرى دىسە زادىلا كاللام ئۆتمەيدۇ . ھەم سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۇنداق پەسكەش ئىش قىلىدىغانلىقىڭىزنىمۇ بىلمىدىم ھەم ئەمدى بىلىشنىمۇ خالىمايمەن . سىرتتا ئوغۇرلۇق قىلىپ يۈرگىچە قانداق قىيىنچىلىق تارتسىڭىز ماڭا دىگەن بولسىڭىز مەن سىزگە چۇقۇم ياردەم قىلاتتىم ، تېخى سىز ئۈچۈن ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ بېرىشكىمۇ تەييار ئىدىم .  شەھىدە  ماڭا ھەممىنى چۈشەندۈردى . مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمەي ئۇنىڭ يەنە بىر ساۋاقدىشىدىن سورىدىم . پەقەت ئويلىمىغان بولغىيتىڭىز ، سىزنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان كۈرنىشىڭىزنى ئۇلار سىنغا ئېلىۋاپتۇ . سىننى قايتا -قايتا كۈرۈپ ئاخىرى ئۇلارغا ئىشەنمەي ئامالىم قالمىدى . بولدىلا ، ئاخىردا دەيدىغىنىم:  مەن تۇنجى سۆيگۈمنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز قۇبۇل قىلالمايمەن . تېخى كۈپكۈندۈزدە شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئارىسىدا ئوغۇرلۇق  قىلىشقا قانداق ۋىجدانىڭىز چىدايدىكىن ؟   ئاشۇنداق ئوغۇرلۇق قىلىپ  يۈرگەن بىرسىگە ئەمدى ئۆز سۈيگۈمنى بىرىشنى خالىمايمەن . پەقەت ئاچچىق ئىلكىدە توۋا دەپ ياقامنى تۇتماقتىن باشقا ئامال قالمىدى . مەكتەپتە بىر ياخشى ئوقۇسىڭىز باشقىلار سىزگە ياردەم قىلماي قالارمىدى ؟؟  ھەي ...بولدىلا جىق سۆزلەپ ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىمنى يېرىم قىلماي بولدى ، سىز مېنىڭ سۆيگۈمنى ئالدىدىڭىز ، ئۆزۈم تۇنجى ياخشى كۆرگەن قىز مېنى ئالدىدى ، ئەمدى ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى ، ئەڭ ياخشىسى سىز ماڭا چۈشەندۈرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭ ، سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىڭىز ھاجەت ئەمەس ھەم ئاڭلاشنىمۇ خالىمايمەن . ئاخىرىدا سىزگە بولغان نەسىھىتىم بۇنداق پەسكەش ئىشتىن قول ئۈزۈڭ ، باشقىلار ئاڭلىسىمۇ ، كۆرسىمۇ كىيىنكى ئىستىقبالىڭىزغا ياخشى ئەمەس . ئەمدى مېنى ھەرگىز -ھەرگىز ئىزدىمەڭ ....  كۆڭلى غېرىپ يىگىت ـــ ئەخمەتتىن . ››
نەرگىزە خەتنى يىرتىپ –يىرتىپ تاشلىۋەتتى .
_ مەن ئوغۇرلۇق قىلىپتىمەنما  . ھا...ھا...ھا..نىمانداق كۈلكىلىك ، تېخى ئۆزۈم شۇنداق سەسكىنىدىغان ئىشنى قىلماي تۇرۇپ باشقىلار ئالدىدا ئوغرى دىگەن نامغا قاپتىمەن .  .شەھىدە  سەن بەك رەزىل ئىكەنسەن ، سەندەكمۇ دوست بۇلامدۇ ؟ ئىسىت ، سىنى دوست دەپ يۈرگىنىم ... مېنى باشقا بىر نىمە دىگەن بولساڭمۇ كارى چاغلىق ئىدى ، مېنى باشقىلارنىڭ نەرسىسىنى ئوغۇرلايدىغان ئوغرىغا چىقىرىپسەن ..خەپ ...
نەرگىزە  ئۆز –ئۆزىگە شۇنداق دەيتتى ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكىلەتتى . شەھىدەنىڭ ئۆزىنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى سىنغا ئېلىۋالغىنىنى پەقەت كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتاتتى .
_ ئەخمەت ، شەھىدە ،  مېنى پەسكەش ئوغرى قاتارىغا چىقىرىپسىلەر ، خەپ ، مېنى نۇمۇسسىز دىگىنىڭ ئۈچۈن  ، كۈرۈپ تۇر ، مەن قانداق قىلىمەنكىن ...
نەرگىزە ياشلىرىنى سۈرتكەچ  رىياتقا  تېلفۇن بەردى .
_ ۋەي رىياتمۇ ؟ ھازىر ئىشىڭىز يوقتۇ ؟ يوق بولسا بىرىنچى  ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى قەۋىتىگە چىققان بولسىڭىز ...ئىشىم يوق دىدىڭىزما ؟ بۇلىدۇ ئەمىسە ، شۇيەردە تۇرۇپ تۇراي .
نەرگىزە  تېلفۇننى قۇيۇپ رىيات بىلەن كۈرىشىش ئۈچۈن ماڭدى .
_ رىيات  ، مىنى دوست قاتارىدا كۆرسىڭىز  ماڭا ياردەم قىلىڭ . نەرگىزە رىياتنى  كۈرۈپلا شۇنداق دىدى .
_ سىز ئەلۋەتتە مىنىڭ دوستۇم . قانداق ياردەم دىسىڭىز مەن تەييار ، ــ دېدى رىيات .
_ ئۇنداقتا بۈگۈندىن باشلاپ سىز مىنىڭ ئوغۇل دوستۇم بۇلۇڭ .
_ چاقچاق قىلماڭ ، ــ رىيات كۈلۈپ كەتتى .
_ سىزگە چاقچاقتەك تۇيۇلغان بولسا بوپتۇ ئەمىسە ، مەن كىتەي، ــ نەرگىزە  شۇنداق دىگىنىچە كەينىگە بۇرۇلدى .
رىيات  مېڭىشقا تەمشەلگەن نەرگىزەنىڭ قۇلىنى تارتىپ ئۆزىگە يېقىن كىلىپ ئۇنى قۇچاغلىدى .
شۇ تاپتا رىيات قاتتىق ھاياجانلانغانىدى .
_ نەرگىزە ، بىلسىڭىز ،  مەن سىزنى سۈيىمەن . لىكىن سىز بىلمەي يۈردىڭىز .
رىيات  شۇنداق دىگىنىچە ئۇنىڭ ئوتلۇق لەۋلىرىگە لېۋىنى ياقتى ، نەرگىزە  بولسا كۆزلىرىنى يۇمغىنىچە جىمجىت تۇراتتى ، ئۇنىڭ كۆزىدىن چىققان بىر تامچە ياش مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى ...   
پولات ھۇشىغا كىلىپ كۆزىنى ئاچقىنىدا ئۆزىنى دوختۇرخانىنىڭ كارۋىتىدا كۆردى .ئاينۇرخان ئانا ئۇنىڭ كاللىسىدا قاراپ تۇراتتى . ياندىكى ئۇرۇندا نىگارە بىلەن يارقىن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى . پولات ئاينۇرخان ئانىنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ باشقا ياققا قارىۋالدى . ئۇ شۇ تاپتا ئاينۇرخان ئانىدىن خىجىل بۇلىۋاتامدۇ ياكى ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ۋىجدان ئازابى تارتىۋاتامدۇ بۇنى ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۆلەك ھېچكىم بىلمەيتتى .
_ ۋاي توۋا ...قانداق ئىشلار بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ھە . ئانا ، ئۇنى ئادىلنىڭ دادىسى دىدىڭىزمۇ ؟؟_ رىيات ئاينۇرخان ئانىدىن سورىدى . ئاينۇرخان ئانا جاۋاب ئورنىدا بېشىنى لىڭىشتىپ قويدى ،ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرى ياشقا تولغان بۇلۇپ ئەينى يىللاردىكى ئازابلىق ئۆتمۈشلەر كۆز ئالدىغا كىلىۋالغانىدى . پولاتنىڭ گېلىدىن بۇغۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قويغۇسى كىلەتتى . لىكىن ئۇ يارقىننىڭ  ئاخشام دىگەن << ئەگەر ئۇ ئادىلنىڭ دادىسى بولسا قان تىپى ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش چىقىپ قېلىشى مۇمكىن >> دىگەن سۆزلىرىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ تۇراتتى . ئانىنىڭ قەلبىدىكى جاراھەت مەڭگۈ ساقىيىدىغاندەك ئەمەس ، يارا ئوتلىرى تېخىمۇ لاۋۇلداپ كۆيسە كۆيەتتىكى ھەرگىز پەسلىمەيتتى .ئۆز بالىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ قېچىپ كەتكەن بۇ نۇمۇسىز ، پەسكەشنىڭ بۆرىكىنى ئۆز ئوغلىغا سېلىشنىمۇ خالىمايتتى ، لىكىن ھازىر ئوغلىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىنبىر ئامال پولاتنىڭ بۆرىكىنى ئوغلىغا بېرىش ئىدى . ئانا پولاتنىڭ ھۇشىغا كەلگەنلىكىنى كۈرۈپ گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي قالدى ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراشنىمۇ خالىمايتتى . تۈنۈگۈن ئۇنى ماشىنا سۇقۇۋەتكەننى كۆرگەندە ئۇنىڭ شۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن ئۈلۈپلا كىتىشىنى تىلەپ كەتكەن بولسىمۇ ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا ئازراق ئىچ ئاغرىتىپمۇ قالدى . ئانىلارنى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان دىيىشىدۇ ، شۇنداق ئۇلارنىڭ قەلبى ۋاقتى كەلگەندە تاشىنىمۇ ئېرىتەلەيدۇ. ئەگەر ئاينۇرخان ئانا نەچچە ئېغىز ياخشى گەپلەرنى قىلىپ قالسا پولاتقا ئوخشاش تاشيۈرەك كىشىلەرنىڭ قەلبىمۇ ئېرىپ قېلىشى، ئۆز ۋۇجۇدىدىن تۆرەلگەن ئوغلىنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئازراق قۇربانلىقلارنى بىرىشىمۇ مۇمكىن .
_ قانداق ، ھۇشىڭىزغا كەلدىڭىزمۇ ؟ سەل ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ _ ئاينۇرخان ئانا پولاتتىن سورىدى .
پولات ئۈندىمىدى ، ئۇ بېشىنى تامغا بۇراپ ياتقان بۇلۇپ يەلكىسى بىلىنەر -بىلىنمەس سىلكىنىپ تۇراتتى .ئۇ يىغلاۋاتاتتى  ،ئۆزىنىڭ ئاينۇرخان ئانىغا يۈز كىلەلمەيدىغانلىقىنى ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئويلاپ يەتكەنىدى. ئۇ ئاينۇرخان ئانىغا نىمىلەرنى قىلمىدى، شۇنچە سوغۇقتا ئۇنى ئالداپ ،بارلىق پۇللىرىنى ئېلىۋىلىپ  قېچىپ كەتتى. مانا ئەمدىلىكتە كىسەل كارۋىتىدا ئىڭراپ ياتقىنىدا بولسا يەنە ئاينۇرخان ئانا ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇپتۇ.
  _ دوختۇر ، خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۈتۈپ كەتتى . باشقا ئەنسىرگۈدەك ئىش يوق ، نەچچە ھەپتە ياخشى داۋالىنىپ ئارام ئالسا ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دىدى . _ ئاينۇرخان ئانا پولاتنىڭ زۇۋان سۈرمىگىنىنى كۈرۈپ دېدى .
_ ئاينۇر ..._ پولات ئۆرۈلۈپ ئاينۇرخان ئانىغا قاراپ ئېيتتى ، ئۇ كىچىك بالىلاردەك ئېسەدەپ يىغلاۋاتاتتى ، يىغلىغانلىقتىن ئاۋازىمۇ گەپكە كەلمەي قالدى ،_ مېنى كە...كەچۈرۈڭ . مەن ئادەم ئەمەس...
_ مۇشۇلارنى بىلىپ يەتكىنىڭىزگە مىڭ شۈكرى .ئۇلۇغ ئاللانىڭ كۆزى بار ئىكەن .ئۆزىڭىزنىڭ مۇشۇنداق كۈنگە قېلىشىڭىزنى ، مېنى قايتا ئۇچرىتىپ قېلىشىڭىزنى  ئويلىمىغان بولغىيتىڭىز ، بولدى ، ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات ... سىزگە دەيدىغان بىر ئىش بار ئىدى .  سىز ئەينى ۋاقىتتا مېنى تاشلاپ كەتكەندە  قورسىقىمدا تېخى تۇغۇلمىغان بىر بالىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز  ؟ _ ئاينۇرخان ئانا ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ تەمكىن سۆزلەۋاتاتتى . قەلبى بولسا مەڭگۈ كۆرمەسلىككە نىيەت قىلغان بۇ چىراينى قايتا ئۇچراتقىنىدىن پۇچىلىنىپ كىتىۋاتاتتى .
پولات بېشىنى لىڭىشتتى.
_ شۇ بالىڭىزنىڭ  ھازىر قانداق ھالەتتە تۇرىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلەمسىز ؟ ئۇ ھازىر كىسەل كارۋىتىدا ھېچنىمىنى بىلمەي ھۇشسىز ياتىدۇ. ياماننىڭ جېنى چىڭ دەپ سىزنىمۇ ماشىنا سۇقۇۋاتقان ئىدى ، مانا ھېچنىمە بولماي ياتىسىز . جېنىم بالام، ئاھ  ...._ ئاينۇرخان ئانىنىڭ كۆڭلى يەنە بۇزۇلدى ،_ جېنىم بالام ، ماشىنا ئۇنىڭ بەل قىسمىنى سۇقۇۋەتكەن بولغاچقا بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيسى قىلىدىكەن . ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايمىش...پەقەت يېقىن تۇققانلىرىنىڭلا ماس كىلىدىكەن . ئەگەر مېنىڭ ماس كەلگەن بولسا ئوغلۇم ئاللىقاچان ساقىيىپ كىتەر ئىدى . شۇڭا سىزنى مەجبۇرلىمايمەن . ئەگەر ئاشۇ گۇناھلىرىڭىزنى ئازراق بولسىمۇ يىنىكلىتىشنى ئويلىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئوغلىغا بۆرىكىڭىزنى بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئاينۇرخان ئانا سۆزلەپ بۇلۇپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ،يارقىن بىلەن نىگارە بولسا پولاتقا كۆزلىرىنى مىختەك تىكىپ تۇرۇپ ئۇنىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قاراپ تۇراتتى . پولات ئاينۇرخان ئانىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتى .
_ مەن ...مەن ...ئەگەر مېنىڭ ماس كىلىدىغانلا بولسا بۆرىكىمنى ئۇنىڭغا بېرىشكە تەييارمەن ...
پولاتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىگارە بىلەن يارقىن بىر -بىرىگە قارىشىپ قويدى .
ئاينۇرخان ئانا پولاتنىڭ ئوغلىغا بۆرىكىنى بىرىشكە قۇشۇلغانلىقىنى بىلىپ خۇددى ئوغلى ھازىرلا ساقىيىپ قالىدىغاندەك بۇلۇپ يۈرەكلىرى ئازراق بولسىمۇ ئەمىن تېپىپ قالدى .

نىگارە بىلەن يارقىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن بىر ئاشخانىغا كىرىپ كەلدى . يارقىن تاماق يىگەچ نىگارەگە ئۇزاقتىن -ئۇزاق تىكىلىپ قارىدى . بۇ خىل قاراشتىن نىگارە سەل خىجىل بۇلۇپ قالغانىدى .
_ مېنى تۇنجى ئۇچراتقاندىن بېرى ئەجەپ قاراپ كەتتىڭىز ، بۇرۇن مەندەك چىرايلىق قىزنى كۆرمىگەنمىدىڭىز ؟_ نىگارە كۈلگەچ چاقچاق تەلەپپۇزىدا ئېيتتى .
_ شۇ ..شۇ ..بۇرۇن پەقەت چىرايلىق قىزلارنى كۈرۈپ باقماپتىكەنمەن .سىزنى كۈرۈپ قارىسام -قارىسام قارىغۇم كىلىپ شۇ ..._ يارقىنمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئېيتتى . ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن نىگارە تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى .
_ راست گەپ قىلسام  نىگارە ، سىزنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن ، لىكىن زادىلا ئىسىمگە ئالالمىدىم . سىز ئويلاپ بېقىڭە ، بىز بۇرۇن بىر يەردە ئۇچراشقانمىدۇق ؟....
يارقىننىڭ بۇ سۆزىدىن نىگارە ھەيران قالدى .
_ مۇنداق دەڭ ، مېنى بۇرۇن قەيەردە كۆرگەن بولغىيتتىڭىز ؟... _ نىگارە شۇنداق دەپ سەل ئويلىنىۋىلىپ ئاندىن سىرلىق قىلىپ ئېيتتى ،_ بۇرۇن بىرەر سىڭىلىڭىزنى كىچىكىدە يۈتتۈرۈپ قويغان بولسىڭىز ، مېنى كۈرۈپ شۇ سىڭلىڭىز ئىسىڭىزگە كىلىپ قالدىمۇ يا ؟
_  شۇ بىر يەردە كۈرۈشكەنلىكىمىزنىغۇ پەقەتلا ئىسىمگە ئالالمىدىم .  ئەجەپ بۇ غەلىتە سۇئالنى سوراپ قالدىڭىزغۇ ؟
نىمىشقا بۇنداق سورايسىز ؟
_ ئۆزۈمچىلا ...
_ ئەمىلىيەتتىغۇ، مېنىڭ بىر نەۋرە سىڭلىم كىچىكىدە  يۈتۈپ  كەتكەن . تا ھازىرغىچە ئىزدەپمۇ زادىلا ئىز دېرىكىنى قىلالمىدۇق . تاغام شۇ قىزىنىڭ دەردىدە بەك تۈگىشىپ كەتتى ...   
_ ھەئە ؟!_ نىگارە چۆچۈپ كەتتى ،_ راست دەۋاتامسىز ياكى ...
_ سىزگە يالغان سۆزلەپ نىمە قىلاي ...تاغامنى ھەرقېتىم كۆرسەم ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ كىتىدۇ . ئەگەر قىزىنى تاپالىغان بولسا قانچە ياخشى بۇلۇپ كىتەرئىدى...  بىر قىز بار ئىدى ، ئۇنى ئۇچرىتىپ تېخى تاغامنىڭ قىزى شۇ بولسا كىرەك دەپ يۈرگىنىمىزدە ئۇ قىزمۇ يوقاپ كەتتى . بىچارە تاغام شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ قىزىنى تېپىۋالىدىغانغا ئىشەنچ قىلىپ ياشاۋاتىدۇ ...
ئۇ تاغىڭىز نىمە ئىش قىلىدۇ ؟ _ نىگارە يارقىننىڭ بۇ كۈتۈلمىگەن سۆزلىرىدىن ھەيران بۇلۇپ قالغانىدى .
_ ساقچى .
_ نىمە ؟؟؟؟ _  نىگارە ئۆزىنى بىلمەيلا توۋلاپ سالدى ، ئاشخانىدىكى ھەممەيلەن ئۇلارغا قاراشتى . يارقىن ئۇنىڭ بۇنچە ھەيران قېلىشىنى چۈشىنەلمەي كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكتى .   
_ مەن سىزگە بىر سۈرەتنى كۆرسىتەي  ، بۇنى ئاۋۋال كۈرۈپ بېقىڭ ..._ نىگارە شۇنداق دىگەچ سومكىسىدىن بىر كونىرىغان سۆرەتنى ئېلىپ يارقىنغا كۆرسەتتى. يارقىن سۆرەتنى كۈرۈپلا ھەيران بولغىنىدىن ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى . بۇ سۈرەتنى ئىلگىرى ئابلەت ساقچىنىڭ ئۆيىدىمۇ نەچچە قېتىم كۆرگەنىدى .
_ بۇ ...بۇ ...سۆرەتتىكى بۇ قىز سىز ؟؟   
_ شۇنداق ...بۇ مېنىڭ كىچىكىمدە چۈشكەن سۈرەت ئىدى ، ھازىرغىچە يېنىمدىن ئايرىماي ساقلاپ كىلىۋاتىمەن ...
يارقىن ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك بۇلۇپ گاڭگىراپ قالدى ، ئۇ ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك سەزمەكتە ئىدى .
_ مەن سىزگە ھەممىنى سۆزلەپ بىرەي ..._ نىگارە شۇنداق دەپ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى يارقىنغا سۆزلەشكە باشلىدى .

_ مىنىڭ ئېيتقىنىم راستمىكەن ، نەرگىزەنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقىنى خېلى جىق بالىلار كۆرۈپ قاپتۇ . تېخى ئۇ نۇمۇسسىز رىيات بىلەن ئارلاشقىلى تۇرۇپتۇ ، ــ دەيتتى  شەھىدە ئەخمەتكە .
_ بولدى قىلىڭ ،ئۇلار ئارلاشسا ئارلىشىۋەرسۇن ، نەرگىزەنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىشى بىلەنمۇ كارىم يوق ، ئۇ قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ . بۇنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ، ـــ ئەخمەت  ئاغزىدا شۇنداق دەۋاتقان بىلەن كۆڭلىدە نەرگىزەگە  پەقەت چىدىمايۋاتاتتى .
شەھىدە  ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى تۇيۇپ قالغاندەك مۇنداق دىدى :
- تولا باشقىلارنىڭ كەينىدىن قاراپ شۆلگەيلىرىڭىزنى ئېقىتىپ يۈرمەڭ . نەرگىزە بەك نۇمۇسسىز  بىر نىمە ئىكەن . تېخى ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىغا تەن ئالماي ھالىنى چوڭ تۇتۇپ يۈرۈيدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان كۈرنۈشىنى يۇيۇۋەتمىگەن بولسىڭىز ئۇنىڭغا بىر كۆرسىتىپ قويسام . شۇ ۋاقتىدا نىمە دەركىن ئۇ ...ئۇنى مەن ئوغۇرلۇق قىلار دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن .ئاشۇنداق ئوغۇرلارنىڭ دەستىدىنغۇ بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا ئىچكىردە ئوقۇشمۇ تەس بۇلىۋاتىدۇ ھازىر . تېخى كارىم يوق دەيسىز ، ئۇ سىزدىن ئايرىلىپلا رىياتنى تېپىپتۇ . رىيات دىگەنغۇ قاپاقباش بىر نىمە ، ئۇنىڭ مەن ئوغرى ئەمەس دىگىنىگە ئىشىنىپ قالغان چېغى . نەرگىزە دىگەن سۇيۇق  سىزنىڭ كۆزىچىڭىزچىلا رىياتنى ئارقىسىغا سېلىپ ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈيدۇ . سىزمۇ ئۇلارغا كۆرسىتىپ قۇيۇڭ ، ئىچى تازا قىزارسۇن ...
- نىمە دىمەكچى ؟ ــ دېدى ئەخمەت چۈشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن .
- سىز راستىنلا بەك دۆت ھە ؟! مەن سىزنى بىرەر قىز بىلەن ئارلىشىڭ دەۋاتىمەن .
- سىزمۇ بىلىسىز ، مىنىڭ قىز تۇنۇشلىرىم يوق دىيەرلىك ، پەقەت يېقىن سىردىشىپ ئۆتىدىغان دوستۇم سىز ،  نەدىنمۇ قىز دوست تاپارمەن ؟! ...
- ئەخمەق  ، ــ دېدى شەھىدە  مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ ، ــ يېنىڭىزدا مەن تۇرسام ، يەنە نىمىگە غەم قىلىسىز ؟
ئەخمەت  ھەيران قالدى .
- سۆزىڭىز راستمۇ شەھىدە  ، راست بۇلىدىغانلا بولسا سىز مىنىڭ قىز دوستۇم بۇلۇڭ .
ئەمىلىيەتتە ئەخمەت شەھىدەنىڭ  سۆزلىرىنى چاقچاق دەپ چۈشەنگەن ئىدى . كۈتۈلمىگەندە شەھىدە  كۈتۈلمىگەن جاۋابلارنى بىرىپ ئەخمەتنى  ئىرىتىپ قويدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىنىستۇتتىكى بىر جۈپ ئاشىق -مەشۇقلارغا ئايلاندى .
قاتتىق قار يېغىپ پۈتكۈل ئەتراپ ئاپئاق تون بىلەن پۈركەنگەن بولسىمۇ ، ئىنىستوت ئىچى يەنىلا قاينام -تاشقىنلىق بىلەن تولغان ئىدى . دەرسى يوق ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا قار ئېتىشىپ ئوينايتتى ، بەزىلىرى قار بوۋاي ياسايتتى . ئىشقىلىپ ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ گۈزەل مىنۇتلارنى ئۆتكۈزۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرگەندەك ئالدىراش ئوينىشاتتى . قارىماققا ئۇلار پۈتۈن قايغۇ -ئەلەم ، دەرد -ھەسرەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۇنتىغاندەك قىلاتتى .
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا رىيات ، شەھرىبان ، نەرگىزەلەر  مەيداندا قار ئېتىشىپ ئويناۋاتاتتى . سەل  نېرىدا ئەخمەت  بىلەن شەھىدەمۇ   بۇ ئۇيۇندىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى .
-ئەخمەت  كىلەر شەنبە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، قانداق ئۆتكۈزسەك بۇلار ،- دەپ سۆز باشلىدى  شەھىدە قار ئېتىشتىن توختاپ .
ئەخمەت شەھىدەنىڭ  بۇ سۆزى بىلەن قار ئېتىشتىن توختىدى .
- سىز  مەن ئۇچراتقان قىزلار ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىسى . يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە سىزماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدىڭىز ، دەردىمگە دەرمان بولدىڭىز ، شۇڭا بۇ قېتىم سىزگە جاۋاب قايتۇرغىنىم بۇلۇپ قالسۇن ، سىز قەيەرنى خالىسىڭىز  شۇيەردە تۇغۇلغان كۈنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بىرەي ، بۇلامدۇ ؟
ئەخمەتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ شەھىدەنىڭ  چىرايىدا خۇشاللىق ئەكس ئەتتى .   
- سىز بەك ياخشى جۇمۇ ، ــ  شەھىدە شۇنداق دىگىنىچە ئەخمەتنى  قۇچاقلىدى . ئەخمەتمۇ ئۇنى قۇچاغلىدى . بىردەملىك شىرىن دەقىقە تېزلا ئۈتۈپ كەتتى .   
نېرىدا قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقان نەرگىزەلەر ئۇلارنىڭ ئىرماش -چىرماش بۇلۇپ كەتكىنىنى كۆردى . بۇنىڭ بىلەن نەرگىزە ‹‹ توڭلاپ كەتتىم ›› دىگەننى باھانە قىلىپ شەھرىباننى  ئېلىپ ياتاققا كىرىپ كەتتى . رىياتمۇ ياتىقىغا قايتتى .
  رومانتىك بىزەلگەن تورتخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا ئەخمەت بىلەن شەھىدە ۋە ئۇلارنىڭ بىر قانچە دوستلىرى شەھىدەنىڭ  تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ سورۇنى تازا قىزىغاندا شەھىدەنىڭ  تېلفۇنى سايراپ كەتتى .
- كەچۈرۈڭلار ، ــ شەھىدە  شۇنداق دىگىنىچە تېلفۇننى ئېلىپ ئايرىمخانىدىن چىقىپ كەتتى .
- ئەخمەتجان  ، سەنمۇ يۇمشاقباش بىر نىمىكەنسەن ؟ سۆيگۈنۈڭگە تېلفۇن كەلسە نىمىشقا يېنىڭدا تۇرۇپ پاراڭلاشماي ، سىرتقا چىقىپ كىتىدۇ ؟ ــ دېدى ئولتۇرغانلار ئارىسىدىكى بىرى .   
- ھەقاچان ئۆيدىكىلىرى قىلغان تېلفۇنمىكىن ... ـــ ئەخمەت  ئاغزىدا بۇنداق دىگىنى بىلەن شەھىدەنىڭ قىلىقىغا تازا ئاچچىقلانغانىدى .
ئولتۇرغانلار ئارىسىدىكى سەل كەيب بۇلۇپ قالغان بىرسى يەنە سۆزلىگىلى تۇردى :
- ئاداش ، سۆيگۈنۈڭ ئۆيدىكىلىرى بىلەن رومان ئېيتىشىۋاتقان ئوخشىمامدۇ ؟ ئەجەپ كىرمەيدا ؟ ...
ئەخمەت  بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ئولتۇرالماي قالدى -دە شەھىدەنى  ئىزدەپ چىقىپ كەتتى . شەھىدە  پۇكەينىڭ ئالدىدىكى ئىگىز ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۋىلىپ ،ئەخمەتنىڭ كەلگىنىنى تۇيماستىن تېلفۇندا بىرى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى .
- ۋاي سەن نىمە بولدۇڭ ئەمدى ؟  قورسۇقۇمدا قالسا مەندىن كۆرەمسەن ؟ چوڭ مەسئۇلىيەت يەنىلا ئۆزۈڭدە جۇمۇ . قاپچۇق ئىشلىتەيلى دىسەم ئۆزۈڭ كۆنەلمەيدىكەنمەن دەپ ئۇنىمىدىڭ ، ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟ ھازىر ئەخمەت  مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۆتكۈزۈپ بىرىۋاتىدۇ ،مەن ئۇنىڭ قورسۇقۇمدا قالغانلىقىنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايمەن . شۇڭا تېزراق ئامال قىلساڭ ، بالىنى ئالدۇرۋەتسەك بۇلاتتى .   ھەراست ، رىيات . نەرگىزە بىلەن نىمىشقا ئارلىشىسەن دەيمەن . ئۇنىڭ ئوغرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ كۆڭلۈڭ  قانداق كۆتىرىدىغاندۇ ؟  لىكىنغۇ ئۇنىڭغا  بەك ئىچىم ئاغرىيدۇ جۇمۇ . ھى...ھى...قاراپ تۇرۇپ ئەخمەت  تەرىپىدىن تاشلىنىپ كەتتى . ئۇنىڭ ئوغرىلىق قىلىدىغانلىقىمۇ بىر ھىسابتا ياخشى بولدى .  نەرگىزە  سىنىڭ ، ئەخمەت  مىنىڭ بولدى . ئىككىمىز راستىنلا بەك قالتىس ئىكەنمىز .  ئىككىيلەن كىنودا رول ئالساقمۇ چانمايمىز  دىگىنە ؟ نىمە ؟ ئەخمەت قورسىقىڭىدا قالغانلىقىنى سەزدىمۇ ، دېدىڭما ؟  مۇمكىن ئەمەس ئۇ سەزمەيدۇ ،  ئۇ ماڭا تاغدەك ئىشىنىدۇ . لىكىنزە ...ئويلاپ باقسام بەك رەزىل ئىكەنمەن .  بولدىلا ‹‹ كۆڭۈل دىگەن ساراڭ ئىكەن ›› مەن ئەخمەتنى  ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداق قىلدىم . ۋاي ، نىمىگە ئەنسىرەيسەن ؟  ھەممە ئىشلار جايىدا ئۇ ھەرگىز سىزىپ قالمايدۇ ...
ئەخمەت شەھىدەنىڭ  ئارقىسىدا تۇرۇپ ھەممە سۆزلەرنى ئاڭلىدى . ئۇنىڭ مۇشتلىرى چىڭ تۈگۈلگەن ئىدى .
- ئەمىسە يوقاپ كەتمە ھە . ماڭا بىرىدىغان سوۋغىتىڭنى  مەكتەپكە بارغاندا ئېلىۋالىمەن .  ئەتىگىچە ۋاقىت چىقىرىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ماۋۇ قورسقىمدىكى شۇمنى يوق قىلايلى . ھە ، ماقۇل ئەمىسە . خوش ...ـــ شەھىدە  تېلفۇندىكى سۆزىنى تۈگىتىپ كەينىگە بۇرۇلدى -بۇرۇلدىيۇ ، كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتى يالقۇنجاپ تۇرغان ، قۇشۇمىلىرى چىڭ تۈرۈلگەن ئەخمەتنى  كۈرۈپ چىرايى تاتىرىپ كەتتى .
_ ۋۇ رەسۋا ، پاسكىنا بۇزۇق  ... سەنمۇ ئادەممۇ ؟  ـــ ئەخمەت  شۇنداق دىگىنىچە  شەھىدەنىڭ  يۈزىگە ئارقا -ئارقىدىن ئىككى تەستەك ئۇرۇپ كەينىگىمۇ قارىماستىن چىقىپ كەتتى . شەھىدە  بولسا مەڭزىنى تۇتقىنىچە تۇرغان جايىدا نىمە قىلارىنى بىلمەي قېتىپ تۇرۇپلا قالدى .
ئەخمەت تورتخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئىنىستۇتقا كىلىپ نەرگىزەنى  ئىزدىدى . ئۇنىڭ مەقسىتى نەرگىزەدىن  كەچۈرۈم سوراش ئىدى  . ئۇ ئوغرى بولسا نىمە بوپتۇ ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلسام ، مېنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرسە بۇ ئەسكى ئىشتىن قول ئۈزسە بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ، دەپ ئويلايتتى .  ئۇ يىراقتىن رىيات  بىلەن بىللە كىلىۋاتقان نەرگىزەنى كۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى .
- نەرگىزە  ، ئازراق ۋاقتىڭىزنى چىقارغان بولسىڭىز ، سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن ...
- مەن بىلەن پاراڭلىشامتىڭىز ؟ كەچۈرۈڭ ئەخمەتجان  ، ۋاقتىم يوق ،كۆرمىدىڭىزمۇ ؟ يىگىتىم بىلەن ئوغۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن بازارغا مېىڭىۋاتىمەن .  ــ نەرگىزە قەستەن شۇنداق دېدى .
_ ۋاقتىڭىز بولمىسىمۇ ۋاقتىڭىزنى چىقىرىڭ . سىزگە بىر ئىشنى ئېيتماقچىمەن .
- نىمانداق يۇلۇمنى تۇسۇيسىز ؟ باشقىلار ئۈچۈن ۋاقتىمنى چىقارسام چىقىرىمەنكى ، سىز ئۈچۈن ھەرگىز ۋاقتىمنى چىقارمايمەن  . ھازىر كەچ بولدى ئەمەسمۇ ، بازارغا چىقىپ جىقراق پۇل ئوغۇرلاپ كەلمىسەم بولمايدۇ  . نەرگىزەنىڭ  ھەربىر تەنە گەپ -سۆزلىرى ئەخمەتنىڭ ئىچ -ئىچىگە ئۈتۈپ كەتتى . شەھىدەگە  بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتتى . ئۇ قولتۇقلىشىپ كىتىۋاتقان رىيات بىلەن نەرگىزەنىڭ  كەينىدىن قاراپ لىۋىنى قاتتىق چىشلىدى .
- كەچۈرۈڭ ، تېلفۇن كەپ قالدى ، ــ رىيات شۇنداق دەپ تېلفۇننى ئېلىپ نەرگىزەدىن خېلى نېرىغا كەتتى .   
رىيات تېلفۇندا جىددىي سۆزلىشىۋاتاتتى  . ‹‹ ئۇنىڭ سۆزلىرى خېلى ئۇزۇنغىچە تۈگىمەيدىغان ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلىغان نەرگىزە   يول قىرىدىكى ئۇرۇندۇققا بېرىپ ئولتۇردى .
  - ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ قاچان بىلىپ قالدى ؟ نىمە ؟ ئىككىمىز تېلفۇندا پاراڭلىشىۋاتقاندا كەينىمدە تۇرۇپ ھەممە گەپنى ئاڭلاپتۇ ؟ نىمىشقا ئۇنداق بۇلىدىغاندۇ ؟ بولدى يىغلىما ، ئەسلى بىز ئۇ ئىشنى تېلفۇندا دىيىشمىسەك بولاركەن ، نەرگىزەمۇ   ؟ ئۇ ۋاقىتتا يېنىمدا يوق ئىدى ، بىز تېخى بايا ئۇچراشتۇق . ئەخمەت  دىگەن گومۇش بايا نەرگىزەنى  ئىزدەپ كەپتىكەن . ياق ..ياق ... نەرگىزە  ئۇنىڭ دەككىسىنى بىرىپ قويدى . نىمە ؟ ئەخمەت  ئۇردى ؟ ئۇ ئىتنىڭ بالىسى سىنى  ئۇرۇشقا پېتىندىما ؟ بولدى ئىچىڭنى  پۇشۇرماي ياتىقىڭغا قايتىپ ئارام ئېلىپ تۇر ، بىز كۈرۈشكەندە ئاندىن پاراڭلىشايلى . خوش ...
رىيات  تېلفۇننى قۇيىۋىتىپ نەرگىزەنىڭ  يېنىغا باردى .
- كىمدىن كەپتۇ ؟ ــ دەپ سورىدى نەرگىزە رىياتقا  قاراپمۇ قويماي .   
- ئۆيدىكىلەر ... ــ رىيات  شۇنداق دەپلا گەپنى تۈگەتتى .



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:34:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئابلەت ساقچىنىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ بىر كۈن بولدى . قىزى مۇنىرە ئۇزۇن يىللاردىن كىيىن ئاخىرى ئۇنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەنىدى . ئابلەت ساقچى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خۇشاللىقنىڭ نىمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بۇ غېرىبانە كەپىسىنىڭ ئەمدىلىكتە ئارزۇ -ئۈمۈدنىڭ گۈل -چىچەكلىرى بەرق ئۇرۇپ تۇرغان شادلىق گۈلىستانىغا ئايلانغىنىغا ئىنتايىن خۇشال ئىدى .
ئۇ يارقىننىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىققانىدى . يۈرەكلىرى بولسا شادلىق ئىلكىدە قاتتىق سۇقۇپ يېرىلىپ كەتكىلى تاسلا قالغانىدى ،   ئۆزىنى دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەملەردەك ھىس قىلاتتى .
  نىگارەمۇ ئۆز دادىسىنىڭ تېپىلغانلىقىدىن ئالەمچە خۇشاللىقلارغا چۆككەنىدى . ئۇ دادىسىنىڭ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپلا ،يارقىن بىلەن دوختۇرخانا ئالدىغا چىقىپ ساقلاپ تۇرغانىدى . ۋاقىت نىگارە ئۈچۈن ناھايىتى ئاستا ئۆتمەكتە، يۈرەكلىرى بولسا دۈپۈلدەپ سۇقۇپ ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيۇشقا ئاران -ئاران قالغان ئىدى .
بىر چاغدا دوختۇرخانا ئالدىدا ماشىنا توختاپ ، ئابلەت ساقچى چىقىپ كەلدى . نىگارە تېزلا يارقىنغا قارىدى ، يارقىن مەنىلىك كۈلۈپ بېشىنى لىڭىشتتىپ قويدى . ئابلەت ساقچى ئۇلارنىڭ ئالدىغا كىلىۋاتاتتى ، نىگارە ئۆزىنى تۇتۇۋالالمايلا دادىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى . دادىسىنىڭ تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى ، كۆزلىرىدىن تۈكۈلەي-تۈكۈلەي دەپ قالغان ياشلارنى كۈرۈپ يۈرىكى جىغغىدە قىلىپ قالدى . مۇشۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدىلا ئابلەت ساقچى قىزىنىڭ دەردىدە تولا قايغۇرۇپ شۇ قەدەر قېرىپ ، يۈزلىرىگە چوڭقۇر -چوڭقۇر قورۇقلار چۈشكەن ، چاشلىرىمۇ تۈگەل ئاقىرىپ كەتكەنىدى . نىگارە << دادا >> دىگىنىچە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتتى .
_ قىزىم ،_ ئابلەت ساقچىنىڭ ئاۋازى تۆۋەن ، بۇغۇق چىقتى . ئۇ قىزىنى چىڭ قۇچاقلىدى ، شۇتاپتا ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ، قىزىنى كۆرەلىگەنلىكىدىن ، تاپالىغانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلىۋەتتى . ئۇ بىر نىمە دىمەكچى بۇلاتتى ، لىكىن نىمىدۇر بىر نىمە گېلىغا قاپلىشىۋىلىپ ، باش -ئاخىرى قاملاشمايدىغان ئاللىقانداق بىر گەپلەردىن بۆلەك ھېچنەرسە دىيەلمەيتتى . نىگارە دادىسىنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى .
_ قىزىم ، سېنى ئاخىرى تاپتىم ،_ دېدى ئابلەت ساقچى زورۇققان ھالدا ،_ كۆزلىرىمگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ...
_ دادا ، مېنى كەچۈرۈڭ . سىزنى ئازابلاپ قويدۇم ، سىزنى دەرتتە قويدۇم ...
_ سېنى قايتا تېپىۋالغىنىم ياخشى بولدى ، ئەمدى مەڭگۈ ئازابلانمايمەن ...
_ دادا ،مەنمۇ سىزنى بىر كۆرىۋالسام دەپ كىچە -كۈندۈز تىلەيتتىم ...
_ سىنى چۇقۇم تاپالايدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم قىزىم ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ كۆزى بار ئىكەن ، سىنى مانا تېپىۋالدىم. ئادەم قېرىغانسىرى يالغۇزچىلىق تارتىپ قالىدىغان گەپكەن ، ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ . سىنى تاپالىدىم ، ئەمدى سنىڭ تۇيۇڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەلىسەملا ھەممە قايغۇدىن خالاس بۇلىمەن ...
ئۇلار خېلى ئۇزۇن بىر -بىرىنى چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇردى ، ئۇزۇن يىل كۆرىشەلمىگەن دادا -بالىنىڭ قەلبىدە شادلىق ئۇچقۇنلىرى چاچراپ تۇراتتى . بىر -بىرىنىڭ ھىدلىرىنى پۇرىشاتتى .ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆزلىرىدە بولسا خۇشاللىق ياشلىرى تۈكۈلمەكتە ئىدى .
يارقىن ئابلەت ساقچىنىڭ ئاخىرى ئۆز قىزىنى تاپالىغانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ ، ئۇنىڭ قەلبىمۇ ھاياجان ئىلكىگە جۈر بولغانىدى ، ئۇلارنىڭ بىر -بىرىگە قېنىشماي قۇچاقلىشىپ تۇرغىنىنى كۈرۈپ دادا -بالا مىھرىنىڭ چوڭقۇرلىقىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ يەتكەندەك بۇلۇپ ئۇنىڭ كۆزلىرىمۇ نەملىنىشكە باشلىدى .

پولات ئادىلغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى بىرىشكە قۇشۇلدى . دوختۇرلار ئۇنىڭ قان تىپىنى تەكشۈرۈپ چىقىپ ئادىل بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى . بۇنىڭدىن ئاينۇرخان ئانىنىڭ دەردى بىردەملىك بولسىمۇ يىنىكلەپ قالغاندەك بولدى .  دوختۇرلار ئەمدى پولاتنىڭ كىسىلى ياخشى بۇلۇپ كەتسىلا بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بىرىپ بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيىسىنى باشلايدىغانلىقىنى دېدى . ئادىل تېخىچە ھۇشسىز ياتاتتى ، دوختۇرلار ئۇنى ئايرىم بىر ياتاقتا داۋالاۋاتقان بۇلۇپ ،ئۇنىڭ قېشىغا تېخى ھېچكىمنى كىرگۈزمىگەنىدى . ئاينۇرخان ئانا كۈندە دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ ئوغلىنىڭ ھۇشسىز ياتقانلىقىنى كۈرۈپ ئازابلىناتتى ، ئۆزىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىدىن يۈرىكى پىچاق تىققاندەك بۇلۇپ ئېچىشاتتى .
  ئاينۇرخان ئانا يەنە پولاتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى ، كۈندە ئۇنىڭ تاماقلىرىنى ۋاقتىدا ئەكىرىپ بىرىپ تۇردى . بۈگۈنمۇ ئۇنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى ئەكىرىپ بىرىپ ئۇنىڭ تاماق يىيىشىگە قاراپ بۇرۇنقى ئازابلىق كۈنلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇراتتى . پولاتمۇ  ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدە قىلغان ئەسكى ئىشلىرىنى ، ئادىلەگە  ، ئاينۇرخان ئانىغا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئويلاپ يۈرەكلىرى ۋىجدان ئازابىدا پۇچۇلىناتتى .
_ ئانا ، ئانا ... ئادىلنى ئايرىم ياتاققا ئېلىپ كىرىشتى ،_ نىگارە ئىشىكتىن كىرىپلا شۇنداق دېدى . ئاينۇرخان ئانا تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ نىگارەنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى . پولات ئادىل دىگەن بۇ تۇنۇش ئىسىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى .
_ خۇشخەۋەر ، بىمارىڭلار ئايرىم ياتاققا چىقتى ،_ ئاينۇرخان ئانا بىلەن نىگارەنى كۆرگەن بىر سېستىرا قىز ئۇلارغا ئېيتتى .
_ راست دەۋاتامسىز ؟ _ ئاينۇرخان ئانا خۇشاللىقىدا يەنە كۆز يېشى قىلىشقا باشلىدى .
_ شۇنداق ... ئۇنى ھازىر ئۇرۇنلاشتۇرۋاتىدۇ . بىردەم تۇرۇپ ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەڭلار بۇلىدۇ ...
سېستىرا قىزنىڭ بۇ گىپىدىن ئاينۇرخان ئانا خۇشال بۇلۇپ كۆز يېشى قىلغىنىچە نىگارەنى قۇچاقلىۋالدى .
_ ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرى ...شۈكرى ...يا رەببىم   ... _ ئانا ئاللاھقا سېغىنىپ ئوغلىنىڭ تېزراق ياخشى بۇلۇپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلىپ دۇئا قىلدى .
_ مانا دېدىمغۇ ئانا ..ئادىل چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ، مانا خۇشخەۋەر دىگەن ..._ يارقىن بىلەن ئابلەت ساقچى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلدى .
نىگارە ئاينۇرخان ئانىنىڭ خۇشال بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ئۇنىڭ چېھرىدىمۇ خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى .
_ دادا ..._ ئۇ شۇنداق دەپلا ئابلەت ساقچىنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى. بۇ خۇشاللىق مىنۇتلاردا ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرىدە خۇشاللىق ياشلىرى لىغىرلاپ تۇراتتى .
- ئەمدى ئۇنىڭ قېشىغا كىرسەڭلار بۇلىدۇ ،_ مەسئۇل دوختۇرنىڭ شۇنداق دىيىشى بىلەن ھەممەيلەن ئادىلنى ئۇرۇنلاشتۇرغان ياتاققا كىرىپ كەلدى .
_ ئوغلۇم ...ئوغلۇم ...مېنىڭ يۈرەك پارەم ..._ ئاينۇرخان ئانا ياتاققا كىرىپلا كىسەل كارۋىتىدا ياتقان ئادىلغا قاراپ ئېيتتى .
_ ئادىل ...
_ ئوغلۇم ، ئادىل  ،  قانداق ئەھۋالىڭ بالام  ؟
_ بەك چارچىتىپ قويماڭلار ، ئەتىگىچە ھۇشىغا كىلىپ قالىدۇ ... _ مەسئۇل دوختۇر  ئۇلارنىڭ خۇشال بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ ئېيتتى .
_ ئەمدى خەتەردىن قۇتۇلدىمۇ ؟ _  ئابلەت ساقچى مەسئۇل دوختۇردىن  سورىدى .
_ ماس كىلىدىغان بۆرەك تېپىلغۇچە مۇشۇ ئەھۋالدا تۇرىشى كىرەك .ئوپراتسىيىگىچە ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىشى لازىم ، شۇڭلاشقا ھەممىمىز بىرلىكتە ياخشى قارايلى .
_ قارايمىز ، قارايمىز ....
سېستىرا قىز ئۇنىڭغا ئۇكۇل ئېسىىۋاتاتتى ، ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى كىسەل كارۋىتىدا كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ ياتقان ئادىلغا تىكىلگەنىدى .
_ ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن !_ سېستىرا قىز شۇنداق دىگەچ ياتاقتىن چىقىپ كەتتى .
_رەھمەت قىزىم ..._ ئاينۇرخان ئانا شۇنداق دىگەچ ئاستا ئادىلنىڭ قېشىغا كىلىپ ئۇنىڭغا سىنچىلاپ قارىدى ، كۆزلىرىدە بولسا ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلەتتى ، ئۇ ئوغلىغا يېقىنلىشىپ ئۇنىڭ پىشانىسىگە يىنىك بىرنى سۈيۈپ قويدى . ئادىل ئاستا كۆزىنى ئاچتى .
_ جېنىم بالام ، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شاپائىتىدە چۇقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىسەن . ساڭا ماس كىلىدىغان بۆرەكمۇ بار بولدى . ئۇلۇغ ئاللاھ كىسىلىڭگە تېزراق شىپالىق بەرسۇن ._ ئادىل ئانىسىغا خېلى ئۇزۇن قاراپ تۇرغاندىن كىيىن كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى ، شۇتاپتا ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىمۇ ياشلار سىرغىپ چۈشۈۋاتاتتى .

- ئايرىلىپ كىتەيلى ، ــ دېدى نەرگىزە بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىن .
- نىمە دەيسىز ؟ قىزىپ قالمىغانسىز ؟ ــ رىيات  ھەيران بۇلۇپ سورىدى .
- مەن ساق ، ئەخمەتكە ، ھەم ئۇنىڭ مېنى ئوغرى كۆرگىنىگە  قىيداپ سىز بىلەن يۈرگەنلىكىمنى بىلىسىز . سىز ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلدىڭىز ، بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق رەھمەت ئېيتسام ئەرزىيدۇ .
- توختاڭ ، ئالدىرماي پاراڭلىشايلى . مەن سىزنى تۇنجى كۈرۈپلا ياخشى كۈرۈپ قالغان . سىز بىلەن يۈرۈپ ‹‹ خۇشال كۈنلىرىم ئەمدى يىتىپ كەلدى ›› دەپ يۈرگىنىمدە سىز بۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ . ئۈزىڭىزنىلا ئويلىماي مىنىمۇ ئويلاپ قويۇڭ  ، ــ دېدى رىيات نەرگىزەنىڭ يۈزىنى ئۆزىگە قارىتىپ .
- ئۇنداقتا سىزنى دەپ سىزدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكىم كىرەكمۇ ؟
- ئالدىڭىزدا خاتا قىلغان ئىشلىرىم بارمۇ ؟ قايسى ئىشلىرىم كۆڭلىڭىزگە ياقمىدى ؟ ــ رىيات  يەنە سورىدى .
- مەن بىلىمەن . ھەممە ئىشلىرىڭىز مەن ئۈچۈن ، باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنى ئوغرى كۈرىشىۋاتىدۇ ، مېنى كۆرسە ئارقامدىن بىر نەرسىلەرنى دەپ كۇسۇرلىشىۋاتىدۇ ، لىكىنغۇ سىزنىڭ ماڭا ئىزچىل ئىشىنىپ كەلگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت . بىراق ...
- ئۆتۈنەي نەرگىزە ... مىنى تاشلىۋەتمەڭ . ئالدىمدا تېزلان دىسىڭىزمۇ تىزلىناي  ، ــ رىيات يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
نەرگىزە بىر ئوغۇل بالىنىڭ  بۈگۈنكىدەك بىچارە ھالىتىنى  ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغانىدى ، ئۇنىڭ رىياتقا ئىچى ئاغرىپ قالدى .
- بولدى تىزلىنىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولماڭ . سىزدىن ئايرىلىپ كەتمىسەملا بۇلىدىغۇ ؟
بىردىنلا رىياتنىڭ  يۈزلىرىگە كۈلكە يۈگۈردى .

ئادىلە كارۋاتتا يەنە خىيال سۈرۈپ ياتاتتى  . بەدەنلىرى بىرسى ئۇرۇپ -چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىيتتى . ئۇ بۇ كىچە يەنە قورقۇنچلۇق چۈش كۆرگەنىدى ، چۈشىدە دادىسى ئۇنىڭ دەردىدە تۈگۈشۈپ بىر تېرە -بىر ئۇسـتخان بۇلۇپ قالغانىدى . ئادىلە  ئەسكى بولسىمۇ دادىسىنى سېغىنىپ قالدى  . بىرخىل پەرىشانلىق ئۇنى قىيناۋاتقانىدى ،خۇددى گۈزەل ياشلىق مەزگىللىرى بىھۇدە ، ئەھمىيەتسىز ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ ، ئۆزىنى زىمىستانغا يۈز تۇتقان قۇرۇق قاقشال دەرەختەك ھىس قىلىۋاتاتتى .
   ئۇ بۈگۈن سىرتقا چىقىپ بازار ئايلاندى ، كۆزىگە نىمە چىرايلىق كۈرۈنسە شۇنى سېتىۋالدى . ئۇ بىر كۈن بازار چۆرگىلەپ ھېرىپ كەتكەنلىكىنى ھىس قىلىپ كەچكە يېقىن ئۆزى تۇرغان مېھمانخانىغا قاراپ ماڭغانىدى . ئويلىمىغان يەردە ئۇخلىمىغان ئېيىق ئۇچراپتۇ دىگەندەك ، ئۇ ئالدى تەرەپتە ئۆزى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتقان قوشنىسى  ، بىر چاغلاردا ئۇ يولدا كىتىپ بارغىنىدا ئادىلەگە قاراپ ئىسقىرتىپ ئادىلە كىلىشتۈرۈپ بىر شاپىلاق سالغان مەمەتنى كۆرۈپ ھەيكەلدەك قاراپ تۇرۇپ قالدى . مەمەتمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كىلىپ ئۇنى ئۇچرىتىپ قالغانلىقىدىن ھەيران بۇلۇپ ئاغرىنى ئېچىپلا قالدى . شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ جاھانمۇ ئانچە كەڭ ئەمەس ئىكەن ، رەقىبلەر تار كوچىدا ئۇچرىشىدۇ دىگىنى راستمىكىن يا ...
_ بۇ يەردە ئۇچراپ قالغىنىمىز  قىزىققۇ ؟ _ مەمەت ئادىلەنى كۆرۈپ ھىجىيىپ تۇرۇپ ئېيتتى . ئادىلە ئۈندىمىدى ...
_ سېنىڭ بېيجىڭغا قېچىپ كىلىۋالغانلىقىڭنى پەقەتلا بىلمەيدىكەنمەن . داداڭمۇ سېنى كۆپ ئىزلىگەنىدى ،_ دېدى  مەمەت ئادىلەنىڭ زۇۋان سۈرمىگەنلىكىنى كۈرۈپ .
_ دادام ؟؟ ئۇ ...ئۇ ھازىر ياخشىمۇ ؟
مەمەت ئادىلەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى ، دادىسىنىڭمۇ ئۇنى كۆپ ئىزدىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدى .
_ ھەئە ، داداڭ  خېلى ياخشى تۇرىۋاتىدۇ ... بۇ يەرگە قاچان كىلىۋالغانىدىڭ ؟
_خېلى بولدى . ئۆزۈڭچۇ ؟ سەن قاچان كەلدىڭ بۇ يەرگە ؟ دادام ھازىر قەيەردىدۇر ؟؟...
مەمەت ئادىلەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆڭلىگە بىر شۇملۇق كەلدى .
_ ھەئە ، بىز كەلگىلى تېخى ئىككى كۈندەك بولدى ...
_ بىز ؟؟ بىز دەيسەنغۇ ؟ _ ئادىلە ئۇنىڭ بىز دىگىنىنى ئاڭلاپ يۈرىكى گۈپپىدە سۇقۇپ كەتتى .
_ شۇنداق ، داداڭ بىلەن ئىككىمىز سىنى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئىدۇق .. بىلسەڭ داداڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ...سېنى ئىزدەپ بارمىغان يېرى قالمىدى ، سىنىڭ دەردىڭدە كىسەل ئازابى تارتىپ يۈرۈيدۇ .
_ دادام ؟؟؟ ئۇ ...ئۇ ھازىر قەيەردە ؟
_ مەن داداڭ بىلەن بىللە تۇرىۋاتىمەن . ساڭا دەي ئادىلە ، داداڭ ماڭا قىزىم ئادىلەنى بىر كۆرىۋىلىپ ئۈلۈپ كەتسەم ئارمىنىم يوق   دېدى ، ئۇ سىنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن . شۇڭا مەن بىلەن بېرىپ بىر قېتىم بولسىمۇ داداڭنى كۆرىۋىلىپ كەلگىن ...
ئادىلە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى ، دىمىسىمۇ دادىسى ئەسكى بولسىمۇ ئادىلەنىڭ بىردىنبىر يۆلەنچۈكى ھەم قوغدىغۇچىسى ئىدى . دادىسىنى ئۆزىمۇ سېغىنىپ قالغانىدى .
<<بەلكىم دادام بۇ چاققا مېنى كەچۈرۋەتكەندۇ ؟ مېنى  ئەمدى بۇرۇنقىدەك خورلىماس ... >> ئۇ كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ بېشىنى لىڭىشتتى . مەمەت ئۇنىڭغا سىرلىق بىر تۈستە قاراپ ھىجايغىنىچە  يول باشلاپ ماڭدى ، ئادىلە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى .
ئۇلار تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ ئاددىيلا قىلىپ ۋىسىكا ئېسىلغان بىر مېھمانخانا ئالدىغا كەلدى . ئۇلار مېھمانخانا ئىچىگە كىرىپ كىلىشتى .
_ بىز تۇرغان مېھمانخانا مۇشۇ شۇ ، ھەراس ئۆزۈڭ قەيەردە تۇرىۋاتىسەن ،_ مەمەت  خىيالغا چۈكۈپ تۇرغان ئادىلەدىن سورىدى.
_ ھەئە ، بىر مېھمانخانىدا ...
_مېھمانخانىدا ؟ سالاھىيەت كىنىشكەڭ چىققان ئوخشىمامدۇ ؟ بۇ يەردە سالاھىيەت كىنىشكىسى بولمىسا ياتاق ئېچىپ بەرمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىسەن ...
_ پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا دىگەننى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ، بىر نەچچە يۈز يۈەننى ئارتۇق بەرسەم ياتاق ئېچىپ بەردى . _ ئادىلە ئۇنىڭغا سوغۇقلا جاۋاب بەردى .
_ ئايدەك چىرايىڭغا كۆز تىگىپ قالمىسۇن ،_ دېدى مەمەت ھىجىيىپ .
ئادىلە لام -جىم دىمەي ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى .
_ قارىسام بىر مۇنچە نەرسىلەرنى سېتىۋاپسەن ، بىرەسىنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلىۋالغان ئوخشىمامسەن ؟ _ دېدى مەمەت ئادىلەنىڭ قۇلىدىكى سۇلياۋ سومكىلارنى كۈرۈپ .
_ ياق ..._ دېدى ئادىلە ئوڭايسىزلانغان ھالدا .
_ ئەمىسە چۇقۇم بىرەسىنىڭ يۈرىكىنى ئوغۇرلىۋاپسەن،_ دېدى مەمەت ئاغزىنى كالاچتەك قىلىپ ھىجىيىپ .
_ تولا گەپ ساتماي ، مېنى تېزراق دادام بار ياتاققا باشلاپ بار ، بۇلامدۇ ؟  _  ئادىلە ئۇنىڭغا ئالىيىپ قويدى .
_ مانا كەلدۇق ، مۇشۇ ياتاق شۇ ،_ مەمەت ئىشىككە ئاچقۇچ سېلىۋىتىپ ئېيتتى . ئادىلە دادىسىنى كۆرسە قانداق بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بىردىنلا يۈرەك سۇقۇشىنىڭ رىتىمى تېزلەشتى .
_ قېنى كىرمەمسەن ؟ _ مەمەت ئىشىكنى ئېچىپ بۇلۇپ ئېيتتى .
ئادىلە ئورنىدا بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۆزىنى تۇتۇۋىلىپ ياتاق ئىچىگە كىرىپ كەلدى ، مەمەت ئادىلەنىڭ ياتاق ئىچىگە قاراپ قالغان  پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ  ياتاق ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقىۋالدى .
ئادىلە ياتاق ئىچىگە نەزەر سالدى ، دادىسى ھېچيەردە كۈرۈنمەيتتى .
_ قېنى دادام ؟؟_ ئادىلەنىڭ سۇئال ئارلاشقان كۆزلىرى مەمەتكە ئوقتەك تىكىلدى .
_ بەلكىم سىرتقا چىقىپ كەتكەندۇ ،بىردەم تۇرۇپ قايتىپ كىلىدۇ ._ مەمەت شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ كەلدى . ئادىلە شۇندىلا مەمەتنىڭ ئۆزىگە قىلتاق قۇرغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئۈلگۈردى . ئۇ غال -غال تىترىگەن ھالدا كەينىگە داجىدى . مەمەت بولسا خۇددى ئوۋنى كۆرگەن غالجىر ئىتتەك ئۇنى قىستاپ كىلىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن شەھۋانىيەت ئۇچقۇنلىرى چاقنايتتى . ئادىلە تامغا يۆلىنىپ قالدى ، ئۇنىڭغا ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلگەن مەمەت سول مەڭزىنى سىلاپ تۇرۇپ :
_ ئۇرغان ھېلىقى كاچىتىڭ ئىسىڭدىمۇ ؟  يۈزۈم ھازىرمۇ ئوتتەك ۋىلىلداپ كىتىۋاتىدۇ  ._ دېدى .
مەمەت كۆزىگە شەھۋانىيەت قىزىللىقى تولغان ھالدا ئېغىر ھاسىرايتتى .ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سېسىقچىلىقنى پۇراپ قېلىپ ئادىلەنىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى .
_ جېنىڭغا ھېزى بول ، ماڭا چېقىلما !_ ئادىلە مەمەتنىڭ قۇلىنى ئىتتىرۋىتىمەن دەپ قۇلىنى شۇنداق سۇزۇشىغا مەمەت كاپپىدە ئۇنىڭ قۇلىنى بېغىشىدىن تۇتۇۋالدى . ئۇ ھەدەپ قۇلىنى بوشىتىۋىلىشقا تىرىشتى .
_ ئۇنداق قىلما ، ئامرىقىم ، بىلسەڭ سىنى بەك ياخشى كۆرىمەن ...
_ ئۇنداق لاۋزا گەپلىرىڭنى خاناچىلىرىڭغا بېرىپ ئېيتىپ بەر ...
_ ھا...ھا...لىكىن بىلەمسەن ؟ سىنى كۈرۈپ قۇلۇم بەك قىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ . زىلۋا بەدىنىڭنى بىر تۇتۇپ كۆرۈپ باققۇم ، سىنى بىر ھۇزۇرلاندۇرۇپ قويغۇم كىلىۋاتىدۇ ،_ مەمەت سۆزلەۋىتىپ  ئادىلەنىڭ بېلىدىن كاپپىدە قۇچاقلاپ ئۇ يەر -بۇيەرلىرىنى مىجىقلىغىلى تۇردى .
_ ھۇ ھايۋان ، مېنى قۇيۇۋەت . بولمىسا ئادەم چاقىرىمەن !_ دېدى ئادىلە ئۇنىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ .
_ توۋلىغىنىڭ بىلەن ھېچكىم كىرمەيدۇ ...ھا...ھا...تولا مەن بىلەن قارشىلاشما .. ئۆزۈڭنى پەرىشتە چاغلايدىغان ئوخشىمامسەن ؟ بىلىپ قوي ، سەن دىگەن ھەممە كىشىلەر يىرگىنىدىغان بىر ئوغرى ! _مەمەت شۇنداق دەپ يېنىدىن بىر پىچاقنى شارتتىدە چىقىرىپ ئادىلەگە تەڭلىدى .
مەمەتنىڭ ئادىلەنى ئوغرى دىگەن گەپلىرى ئۇنىڭ  قۇلاقلىرىغا ئەكسى سادا بۇلۇپ ئاڭلىنىپ كەتتى . ئۇ خۇددى ئەسىرگە چۈشكەن جىنايەتچىدەك ئەتراپىغا تەلمۈرۈپ قارايتتى .  مەمەتنىڭ قۇلىدىكى پىچاق كەچكى شەپەقنىڭ ئاجىز نۇرلىرىدا لاۋۇلدايتتى . مەمەت پىچاقنى ئادىلەگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ كەلدى ، ئادىلە يانغا بۇرۇلۇپلا قاچماقچى بولغانىدى ، بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ كىتىپ يەردىلا يېتىپ قالدى . مەمەت ئۇنىڭ يېتىپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ تېزلا پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن ئۇنىڭ كۆكسىنى بېسىۋىلىپ ،ئۇنىڭ ئۇ يەر -بۇ يەرلىرىنى مىجىقلايتتى . ئادىلە بولسا يۇلقۇنۇپ چىقىپ كىتىشكە تىرمىشىپ تىپىرلايتتى .
مەمەت  بىر قۇلىدا پىچاقنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ ، يەنە بىر قۇلى بىلەن ئۇنىڭ كۆكسىگە قۇلىنى كۆتۈرگەن چاغدا ئادىلە جان -جەھلى بىلەن ئۇنىڭ قۇلىنى چىشلىۋالدى . مەمەت ئاغرىققا چىدىماي ۋارقىرىۋەتتى ، يەنەبىر قۇلىدىكى پىچاقمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئادىلە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ  ئۇنى ئىتتىرۋىتىپ يەردىكى پىچاقنى تېزلا  قۇلىغا ئېلىۋېلىپ ئورنىدىن تۇرىۋالدى . قۇلىدىن قان تېمىپ تۇرغان مەمەت ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى .
ئادىلە سىرتقا چىقىپ كەتمەكچى بۇلۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى . لىكىن بۇدا ئۆزىمۇ بىلمەي ئىشىك تەرەپكە توختىتىپ قۇيۇلغان ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى .
_ مېنىڭ قۇلۇمدىن قېچىپ كىتىمەن دەپ خام -خىيال قىلما ...ۋۇ بۇزۇق _ مەمەت شۇنداق دەپ ئادىلەگە يەنە ئېتىلىپ كەلدى . ئادىلە ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ پىچاقنى بىر شىلتىۋىدى ، پىچاق  ئۆزىگە ئېتىلىپ كەلگەن مەمەتنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتتى . مەمەت شۇئان يەرگە يىقىلدى . ئادىلە بولسا تېزلا ئورنىدىن تۇرۇپ بۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىشتىن گاڭگىراپ قالدى . مەمەتنىڭ قورسىقىدىن قىپقىزىل قانلار ئېقىۋاتاتتى ، ئادىلە بۇلارنى كۈرۈپ قورققىندىن نىمە قىلارىنى بىلمەي قالدى . ئۇنىڭ قوللىرىمۇ بىلىنەر -بىلىنمەس تىترەپ كىتىۋاتاتتى . ئۇ شۇئان قۇلىدىكى قان تامچىلاپ تۇرغان پىچاقنى يەرگە تاشلىۋەتتى . ئۇ تېزلا ئىشىكنى ئېچىپ ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى. ئۇ خۇددى مەمەت  ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىنى قوغلاپ كىلىۋاتقاندەك ھىس قىلىپ يۈگۈرگىنىچە مېھمانخانا ئىچىدىن چىقىپ كەتتى . بىر كۈتكۈچى قىز ئۇنىڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قالدى ...

بىر نەچچە كۈن تېزلا ئۈتۈپ كەتتى ، پولاتنىڭ سالامەتلىكىمۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغانىدى . ئۇ ئاينۇرخان ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىدىن  ئىزچىل ياخشى خەۋەر ئېلىپ تۇرغانلىقىدىن تەسىرلەنسە ، ئوغلىنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ تۈگىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ بۆرىكىنى تېزراق ئوغلىغا بېرىش قارارىغا كەلدى . ئۇ ئۆزىگە ئۇكۇل ئالماشتۇرۇپ تۇرىۋاتقان سېسىتىرا قىزغا قاراپ ئېيتتى :
_ قىزىم ، مېنىڭ ئەھۋالىممۇ خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدى ، سىلەر دىگەن تەكشۈرۈشلەرنى تېزراق باشلىساق بۇلارمۇ ؟
سېستىرا قىز ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى .
_ مەن ھېلىقى بۆرەك ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغان ئادىل دىگەن يىگىتنىڭ دادىسى بۇلىمەن . ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ بۆرىكىمنى بەرمەكچى بۇلىۋاتىمەن . تەكشۈرۈشلەرنى بۈگۈنلا باشلىساق بۇلارمۇ ؟
_ مىنىڭچە بۇلىدىغۇ دەيمەن . مەن  مەسئۇل دوختۇرلاردىن سوراپ باقاي . ئەگەر ئۇلار قۇشۇلسا ئالدى بىلەن تەكشۈرۈش گىراپىلىرىنى تولدۇرىسىز . كىيىن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارىسز .
سېستىرا قىز ئۇكۇللارنى ئالماشتۇرۇپ بۇلۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئاينۇرخان ئانا كىرىپ كەلدى .
_ بۈگۈن خېلى ياخشى بۇلۇپ قالدىڭىزمۇ ؟
پولات بېشىنى لىڭىشتتى ، شۇ تاپتا ئۇ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى.
_ ئاينۇر ، مەن بۈگۈن بىر قېتىم ئوغلۇمنى كۈرۈپ چىقسام بۇلامدۇ ؟  ئۈتۈنۈپ قالاي ..._ ئۇنىڭ ئاۋازى ناھايىتى بوش چىقتى . ئاينۇرخان ئانا ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ خېلى ئۇزۇن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغاندىن كىيىن ماقۇللىقىنى بىلدۈرۈپ بېشىنى لىڭىشتتى .
يارقىن ، نىگارەلەر پولاتنى يۆلەپ ئادىل ياتقان ياتاققا ئۇنى ئېلىپ چىقىشتى . ئادىل بۇ چاغدا كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغان ھالدا كارۋاتتا ياتاتتى . پولات كارۋاتتا ياتقان تۇنۇش چىراينى ، ساقچى باشلىقى ئادىلنى كۈرۈپ ھەيرانلىقتىن ئۆزىنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدى . ئۆز ئوغلىنىڭ ساقچى باشلىقى بۇلۇپ چىقىشىنى ئۇ ئەزەلدىن خىيالىغىمۇ كىرگۈزۈپ باقمىغانىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى .
_ ئوغلۇم ، جېنىم بالام ، ئادىل ...كۆزۈڭنى ئاچقىنا بالام ....
ئاينۇرخان ئانىنىڭ سۆزى بىلەن ئادىل كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا قارىدى . ئۇ كۆز ئالدىدا پولاتنى كۆردى ، شۇئان ئۇنىڭ كۆزلىرى يوغىناپ غەزەپلىك ئۇچقۇنلار چاقناشقا باشلىدى . ئۇ لىۋىنى ئاستا ئېچىپ ئانىسىغا قاراپ ئېيتتى .
_ ئانا ...ئۇ ..ئۇ كىم ؟
ئانىنىڭ كۆزلىرىمۇ لىق ياشقا تولغانىدى ، ئۇ پولاتقا نەپرەتلىك تۈستە قارىۋەتكەندىن كىيىن ئادىلغا قاراپ ئېيتتى .
_ ئوغلۇم ...ئۇ ..ئۇ ...ئۇ بىر تۇققىنىمىز . _ ئاينۇرخان ئانا ئادىلغا پولاتنىڭ ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشنى خالىمىدى .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئادىلنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى .
_ تۇققىنىمىز  ؟ ___ ئۇنىڭ ئاۋازى بەكمۇ بوش ئاڭلىناتتى ،_ ئۆز قىزىنى ئوغۇرلۇققا سېلىپ ، ئۇنى ئۇرۇپ -تىللاپ يۈرگەن كىشى بىزنىڭ تۇققىنىمىز ؟؟؟   ياق ..ياق...بۇ مۇمكىن ئەمەس ...
_جېنىم بالام ... ئۇنداق دىمە . ھەرگىز ئۇنداق دىمە . ئادەم دىگەن  ئەقىلسىز بۇلىدىكەن . بۇ ئادەممۇ بۇرۇن كۆپ خاتالىقلارنى سادىر قىلغان .  ھازىر ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلىپ ،  ئەمدى سېنىڭ جېنىڭنى قۇتقۇزۇپ قالماقچى بۇلىۋاتىدۇ ...
پولات ئادىلغا نىمە دىيىشىنى بىلمەي خۇددى گاچا ئادەملەردەك ، گۇناھىنى تىلەپ تۇرغان جىنايەتچىدەك ئۇنىڭ ئالدىدا بېشىنى سېلىپ تۇردى . ئاينۇرخان ئانىنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەككەنىدى ، ئالدىدا ئۆز ۋۇجۇدۇدىدىن تۈرەلگەن ئوغلى كىسەل ئازابىدا ئىڭراپ ياتسا ، ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتالماسلىقتىنمۇ ئېغىر ئازاب بولمىسا كىرەك . ئۇلۇغ ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ بېشىغا بۇنداق كۈننى نىسىپ قىلمىسۇن .
_ ئادىلە ...ئۇ ..ئۇ ...ئۇ قەيەردە؟ ئۇنى تاپتىڭلارمۇ ؟ ئۇ سېنىڭ ئۆز قىزىڭمۇ ؟؟_ ئادىل جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقاندەك پولاتتىن سورىدى .
_ ئۇ ...ئۇ ...ئۇ ھازىر بېيجىڭدا ئىكەن ._ پولات كىكەچلەپ ئاران مۇشۇلارنىلا دىيەلىدى .
_ نىمە بېيجىڭدا ؟؟؟بۇ ...
_ بولدى ، بىمارنى چارچىتىپ قويماڭلار ،_ سېستىرا قىز پولاتنىڭ گىپىنى بۈلۈۋەتتى ، ئادىل ئۇنىڭغا تىكىلگىنىچە ياتاتتى .
_ ئوغلۇم ، ياق ...ئادىلجان  ...مېنى كەچۈرۈڭ  ..مېنى كەچۈرۈڭ  . مەن بىر گۇناھكار ، چوڭ جىنايەتچىمەن .  ھازىر شۇ گۇناھلىرىمغا توۋا قىلىۋاتىمەن ، قىزىمنى ئوغۇرلۇققا سالدىم ، ئۆزۈم نۇرغۇن خاتالىقلارنى سادىر قىلدىم ،_ پولات شۇنداق دىگىنىچە ئادىلنىڭ ئايىقىغا يۈكۈنۈپ  ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى  . ئادىل زۇۋان سۈرمىدى .
_ ئەپەندىم  ، بايىقى گىپىمنى ئاڭلىمىدىڭىزمۇ ؟  بۇنداق قىلسىڭىز بىمارنى چارچىتىپ قويىسىز ...._ سېستىرا قىز پولاتقا شۇنداق دىگەچ ، ئاينۇرخان ئانىغا قاراپ ،_ بولدى ، ئەمدى چىقىپ كىتىڭلار ، بىمار ياخشى ئارام ئالمىسا بولمايدۇ .بۇنداق قىلساڭلار بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قۇيىسىلەر ....
يارقىن بىلەن نىگارە پولاتنى يۆلىگىنىچە ئېلىپ چىقىپ كەتتى . ئاينۇرخان ئانا تېغىچە ئىسەدەپ يىغلاۋاتاتتى ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆڭۈل ئاغرىقلىرى ، تارتقان ئازابلىرى يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ يۈرىكىنى لەختە قىلىۋەتكەنىدى .
_ ئەپەندىم ،  سېستىرا قىز ماڭا تەلىۋىڭىزنى ئېيتتى .    سالامەتلىكىڭىز  بارا -بارا ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ .  ئەگەر خالىسىڭىز بۈگۈنلا تەكشۈرۈشنى باشلىساق بۇلىدۇ ..._  مەسئۇل دوختۇر  پولاتقا قاراپ شۇنداق دېدى .
_ بۇلىدۇ . بۇلىدۇ ...ئەمىسە تەكشۈرۈشنى ھازىرلا باشلايلى .
پولاتنىڭ سۆزىدىن كىيىن بىر قانچە دوختۇر ،سېستىرالار ئۇنى  بىر كىسەل كارۋىتىغا سېلىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن  ئېلىپ كىرىپ كەتتى . نىگارە بىلەن يارقىننىڭ چىھرىدە خۇشاللىق ، ئۈمۈد ئۇچقۇندىلىرى چاقنايتتى .
_ بۇ ئادەم ئادىل ياخشى كۆرىدىغان ئادىلە دىگەن قىزنىڭ دادىسى شۇمۇ ؟ _ نىگارە تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدى . يارقىن نىگارەنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بىرسىدىن ئېغىر زەربە يىگەن كىشىدەك بۇلۇپ قالدى .
_ شۇنداق ... لىكىن ئالدىنقى كۈنى ئۇ يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن ھەممە ئىشلارنى سورىدىم . ئۇ ئادىلەنى كىچىكىدە بېقىۋالغان ئىكەن .
_ ئۇنداقتا ئادىلە بىلەن ئادىلنىڭ ھېچقانداق قانداشلىق مۇناسىۋىتى يوق ئىكەنغۇ ؟؟ _ نىگارە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى مۇشۇلارنى ئويلاپ ئادىل ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرگەنىدى . يارقىننىڭ سۆزلىرىدىن بۇ تۈگۈنلەرمۇ يىشىلىپ كۆڭۈل ئازادىچىلىكىگە چىقىپ قالغاندەك بولدى .
_ ئۇنداقتا ، ئادىلەنىڭ ھازىر قەيەردە ئىكەنلىكىنى سورىدىڭىزمۇ ؟
يارقىن نىگارەنىڭ بۇنچە تەپسىلىي سوراپ كىتىشلىرىدىن بىزار بۇلۇپ قالدى . ئۇ ھەرقېتىم ئادىلەنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالغىنىدا يارقىننىڭ يۈرىكى ئاللىقانداق ئازابلار ئىلكىدە ئاچچىق تولغۇناتتى .
_ ھەئە ... ھازىر بېيجىڭدا ئىكەن . ئېنىق ئورنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىكەن ..._ يارقىن شۇنداق دەپ تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چەككىنىچە دوختۇرخانىدىن چىقىپ كەتتى .



  ئادىلە بىر نەچچە كۈندىن بېرى مېھمانخانىدىن چىقماي خىياللارغا غەرق بۇلۇپ ئولتۇردى . ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا مەمەتنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالدا ئىڭراپ ياتقان  كۈرنىشى كىلىۋالاتتى ، ئۇ بۇلۇپ ئۆتكەن بارلىق ئىشلارنىڭ يالغان بۇلۇپ چىقىشىنى ، ھەممىسىنىڭ بىر  قاباھەتلىك چۈشكە ئايلىنىپ قېلىشىنى  نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتى . لىكىن ھەممە ئىشلار ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگەنىدى ، ئۇنى ئۆزگەرتىمەن دەپمۇ ئۆزگەرتەلمەيتتى . شۇ زامات ئادىلەنىڭ چىرايى زەپەردەك سارغىيىپ ، ئەزايى -بەدىنى چىلىق -چىلىق تەرگە چۈمۈلدى . ئۆزىنىڭ ھەربىر ئىش -ئىزلىرى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كىنولاردىكىدەك ئۈتۈشكە باشلىدى . باشقىلارنىڭ سومكىلىرىغا قول سېلىپ ئوغۇرلۇق قىلىشلىرى ، نەچچە قېتىم ئەسكى كىشىلەرنىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشلىرى ، ئادىل ، يارقىن ، دېڭىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان مىھرىبانلىقلىرى ، ئادىلنىڭ ھەممە ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا ئۆز سۈيگۆسىنى ئىزھار قىلىشى ، ئاخىرىدا ...ئاخىرىدا مەمەتنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالدا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا تىپىرلاپ يېتىشلىرى ...ئويلا -ئويلا ئۇنىڭ يۈرىكى پىچاق تىققاندەك ئازابلانغىلى تۇردى ...ئۇ مەمەتكە بىرەر ئىش بۇلۇپ قالماسلىقىنى تىلەپ كەتتى . ئەينى ۋاقىتتا بىرەر قۇتقۇزۇش ماشىنىسى بولسىمۇ چاقىرىپ قويمىغىنىغا پۇشايمان قىلدى . لىكىن ئەمدى ئۇ كىچىككەن ئىدى .

جاڭ مۇئەللىم بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى  . ئۇنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى . بۈگۈن ئۇنىڭ يولدىشى بىلەن توي قىلغانلىقىنىڭ 8 يىللىق خاتىرە كۈنى ئىدى . شۇڭا ئۇ ئېرى ئىشتىن چۈشۈپ كەلگىچە ھەرخىل سەي -قورۇمىلارنى قۇرۇپ ئۇنى بىر خوش قىلىۋىتىشنى ئويلىدى . ئەمدىلا ئاشخانا ئۆيىگە كىرىپ تۇرغان جاڭ مۇئەللىم ئىشىكنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ چۈچۈپ كەتتى . يولدىشى بالدۇرلا ئىشتىن  قايتىپ كەلگەنىدى ، ئۇ بېيجىڭ شەھەرلىك  ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىشخانا مۇدىرى ئىدى . جاڭ مۇئەللىم يولدىشىنىڭ چىرايىدىكى ھارغىنلىقنى ، ئۇنىڭ چىرايىنىڭ بىر قىسىمىلا بۇلۇپ قالغانلىقىنى كۈرۈپ ئېيتتى :
_ بۈگۈن بالدۇرلا ئىشتىن چۈشۈپ كەپسىزغۇ ؟؟
يولدىشى ئۈندىمىدى . جاڭ مۇئەللىم ئېرىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى سىزىپ ئارتۇقچە سۇئال سورىمىدى .
بىردەمدىن كىيىن ھەرخىل قورۇمىلارنى تەييار قىلغان جاڭ مۇئەللىم يولدىشىنى  چاقىرىش ئۈچۈن  ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەلدى . يولدىشى كومپىيوتىر ئىكرانىدا چىقىۋاتقان سىن كۈرۈنۈشىگە  قاراپ قېتىپ قالغانىدى . جاڭ مۇئەللىم مۇنداقلا قارىۋىدى ، تۇنۇش بىر چىراينى كۈرۈپ قالدى . بۇ ئۇنىڭ سىنىپىدىكى تىرىشچان ئوقۇغۇچى نەرگىزە ئىدى .
_ بۇ ؟؟ بۇ قىزغا نىمە بۇلۇپتۇ ؟؟ _ جاڭ مۇئەللىم سورىدى .
_ بۈگۈن بىر مېھمانخانىدا قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بىرىپ ، شىنجاڭلىق بىر يىگىت نەق مەيداندا ئۈلۈپتۇ . مېھمانخانىنىڭ سىن ئاپراتىدا بۇ قىزنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن بىللە كىرىپ كىتىۋاتقان ھەم ئۆزى يالغۇز قايتىپ چىققان كۈرنۈشى  چىقىپ قالغان . شۇڭا بىز تەكشۈرۈش ئارقىلىق بىردىنبىر   گۇمانلىق جىنايەتچى دەپ مۇشۇ قىزنى بىكىتتۇق ...
_ توۋا ...توۋا... بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن . بۇ بىر ساددىلا قىزغۇ ؟ ئۇ مېنىڭ سىنىپىمدا ئوقۇيدىغان ھەممە جەھەتتە تالانتى بار ، تىرىشچان بىر قىز ئىدى .
_ نىمە ؟؟؟ ئۇ قىزنى تۇنۇمسىز ؟؟ _ يولدىشى بۇ ۋەقەدىكى گۇمانلىق جىنايەتچىنى تېزلا تاپقىنىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى .

_نەرگىزە !
ئالدىراپ دەرسكە ماڭغان نەرگىزە ئارقىسىدىن بىرىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىدى . ئۇنى چاقىرغان باشقا بىرى بولماستىن دەل ئەخمەت ئىدى ، ئەخمەت نەرگىزەنىڭ يېنىغا كەلدى .
- نەرگىزە  ، گەرچە بىز ئايرىلىپ كەتكەن بولساقمۇ ، سىزگە دوستلارچە نەسىھەت قىلىپ قۇياي ، رىيات بىلەن ئايرىلىپ كىتىڭ . ئاندىن ھېلىقى ئەسكى ئىشتىن بولسا قول ئۈزۈڭ .
- ھا...ھا... بۇ ئەمدى قەيەرنىڭ بەگزادىسىدۇر ،  ماڭا نەسىھەت قىلغىنىڭىزمۇ بۇ . بىلىپ قۇيۇڭ . مەن سىز ئويلىغاندەك قىز ئەمەس . ھەم باشقىلار ئالدىدا ھېچقانداق تۇتۇقۇممۇ يوق ... بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاشۇنداق ئىش قىلىپ يۈرگەن كىشىلەرگە بېرىپ ئېيتىپ بىرىڭ  ــ دېدى نەرگىزە ئۇنىڭ ئۆزىنى يەنە ئوغرى دەپ قاراۋاتقانلىقىغا ئاچچىقى كىلىپ .
- نەرگىزە ، ماڭا بىرەر قېتىم بولسىمۇ پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز .
_پۇرسەت ؟؟؟ بولدى قىلىڭ ئەخمەت ، ئەمدى ھەممە ئىش ئۈتۈپ كەتتى .مەن ئۇ ئىشلارنى ئويلاشنىمۇ خالىمايمەن . ئەينى ۋاقىتتا شەھىدەنىڭ گىپىگە كىرىپ مېنى ئۇرغان ئىدىڭىز ، شۇ ۋاقىتتا سىزگە پۇرسەتنى بىر قېتىم بىرىپ بولغانمەن .  ياخشىسى بىز ئەمدى ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى ، سىزنى بۇرۇن دەرستە ياخشى ، تىرىشچان ، ئەقىللىق دەپ ئويلاپ يۈرگەن ئىدىم . ئەمما سىز بەكمۇ دۆت ئىكەنسىز  .مەن دەرسكە كىچىكىپ قالىمەن . ھېلى شەھىدەرىڭىز كۈرۈپ قېلىپ چاچلىرىمنى يۇڭدىمىسۇن مېنىڭ ، خوش ...  ـ نەرگىزە  سۆزلىرىنى تۈگىتىپ كىتىپ قالدى .
ئەخمەت نەرگىزەنىڭ  سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ناھايىتى بەك ئازابلاندى ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنى كەچۈرمەيدىغانلىقىنىمۇ ھىس قىلىپ ئۈلگۈردى .
-نەرگىزە  ، بۇياققا چىق !
ئەمدىلا ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ دەرسكە كىرىپ ئولتۇرغان نەرگىزە ئاۋاز چىققان  تەرەپكە قارىدى . سىنىپتىكى باشقا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىمۇ ئىشىك تەرەپكە تىكىلگەن ئىدى .  ئىشىك تۈۋىدە رىيات  قاپاقلىرىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالەتتە تۇراتتى ، ئوقۇغۇچىلار بىردە رىياتقا قارىسا ، بىردە  نەرگىزەگە قارايتتى . نەرگىزە  نۇمۇس قىلغىنىدىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بۇلۇپ كەتتى ، ئەگەر نەرگىزە رىياتنىڭ  يېنىغا بارمىسا ، رىياتنىڭ  دەرسخانا ئىچىگە كىرىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ، ئۇ ئامالسىز ئۇنىڭ يېنىغا باردى . ئۇلار بىللە بىنادىن چۈشتى .
- گەپ بولسا مۇشۇ يەردە دەڭ ، مەن كىرىپ كەتمىسەم بولمايدۇ .
- ساڭا سەت تۇرارمىكىن ، خالىي يەرگە بارايلى ، _ رىيات شۇنداق دىگىنىچە بىنانىڭ كەينى تەرىپىگە قاراپ ماڭدى .
- ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ ، بىز بۇرۇندىن تارتىپ بىر - بىرىمىزنى ‹‹ سىز ›› دەپ ئۆتكەن ، ھازىرمۇ شۇنداق دەپ ئاتارسىز ...
- ۋاي شۇنداق قىلاي خېنىم ، خاپا بولمىسىلا ، ــ رىيات شۇنداق دەپ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
نەرگىزە  ئۇنىڭ ئۆزىنى مازاق قىلىشىلىرىغا چىداپ تۇرالمىدى .
- بولدى قىلىڭ ، سىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇشقا ۋاقتىم يوق ، گەپ بولسا تېز ئېيتىڭ .
- بۇلىدۇ ، بايا سەن ئەخمەت بىلەن كۈرۈشتۈڭ ،  شۇنداقمۇ ؟
- شۇنداق ، ئۇ مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن . دەككىسىنى بىرىپ قويدۇم ، ـــ دېدى نەرگىزە  ھېچنىمىنى چۈشەنمەي .
- توۋا ، سەندەكمۇ پەس قىزلار بار ئىكەن دۇنيادا ، بايا شەھىدە ماڭا ئۇچۇر يېزىپتىكەن . ئىككىڭنىڭ سىرتتا ئاپئاق چاپاق بۇلۇپ تۇرغىنىڭنى كۈرۈپتۇ . تېخى ئىشەنمەي سەندىن سورىسام دەككىسىنى بىرىپ قويدۇم دەيسەنغۇ . كونا يارىڭنى تېخىچە ئۇنتالماي قالغان ئوخشىمامسەن ؟ ئۇنداقتا مەن سىنىڭ ئالدىڭدا نىمە زادى ؟؟؟
نەرگىزە  ھەيران بولدى ، ئۇ شەھىدەنىڭ  بۇنداق قىلىشىنى ، رىياتنىڭ ئۆزىگە بۇنداق دىيىشىنى  خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى .
- مەن سىزگە بىر نەچچە قېتىم ‹‹ ئايرىلىپ كىتەيلى ›› دىدىم ، بىراق ، سىز قۇشۇلمىدىڭىز ، لىكىن مەن ئۆزەمنى سىزدىن ئايرىلىپ كەتتىم ، دەپ ھىسابلايمەن . _ دېدى نەرگىزەمۇ ئاچچىقىغا چىدىماي .
- نىمە دېدىڭ ؟ ــ رىيات نەرگىزەنىڭ قۇلىنى  سىلكىپ تۇتتى .
- سىلكىمەڭ ، بۇندىن كىيىن ھەر ئىككىلىمىز ئۆز يۇلىمىزغا ماڭايلى .
- بۇنداق ئاسان ئىش يوق ، مەن سەندىن ئايرىلىپ كەتمەيمەن . لىكىن بىر ياخشى يېرى ، سىنى ئىزدەپ ئاۋارە قىلمايمەن . بىر يامان يېرى ، سىنى ئەخمەت بىلەن يەنە بىللە كۈرۈپ قالسام ، يا سەن ئۆلىسەن ، يا مەن ئۆلىمەن ،ئاڭلىدىڭمۇ ؟ مۇشۇ سۆزلىرىمنى ئىسىڭدە چىڭ تۇت .
رىيات  سۆزلىرىنى تۈگىتىپ كىتىپ قالدى .
نەرگىزە  خۇددى ساراڭغا ئوخشاش يېنىدىكى قار قاپلاپ كەتكەن سىمۇنت ئۇرۇندۇقتا قارنىڭ ئۈستىگىلا ئولتۇردى ، شۇنچىلىك قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە نەرگىزەگە پۈتۈن يەر -جاھان پىرقىراۋاتقاندەك تۇيۇلدى ، ئۇ شۇتاپتا ھېچبىر سوغۇقنىمۇ سەزمەيۋاتاتتى . ئۇ سوغۇق يەردە قانچىلىك ئولتۇرغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى .
_ نەرگىزە ، سىزنى ئىككى ساقچى ئىزدەپ كەپتۇ ،_ بۇ ئاۋازدىن نەرگىزە چۈچۈپ ئېسىگە كەلدى . ئۇنىڭ ئالدىدا سىنىپىدىكى بىر ساۋاقدىشى تۇراتتى .
_نىمە دىدىڭىز ؟ مېنى ساقچى ئىزدەپ كەپتىمۇ ؟؟؟_ نەرگىزە ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي قالغانىدى .
_ شۇنداق ، ئۇلار سىنىپنىڭ ئالدىدا قالدى ...
نەرگىزە ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى نىمىگە ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ساۋاقدىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كاللىسىغا ئەخمەتلەرنىڭ ۋە بىر قانچە ساۋاقدىشىنىڭ ئۆزىنى ئوغرى دەپ يۈرگەنلىكى كىلىپ چۈچۈپ كەتتى  . << ئۇلارمۇ مېنى ئوغرى دەپ ئويلاپ ئىزدەپ كەلمىگەندۇ ھە ...>> دىگەن خىيالىدىن ئۆزىمۇ ھۇدۇقۇپ كىتىۋاتاتتى .
 نەرگىزە ساۋاقدىشى بىلەن سىنىپ ئالدىغا كەلگەندە ئىككى ساقچىلار ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى .
_ دەل مۇشۇ قىز شۇ ..._ دېدى بىر ساقچى نەرگىزەنى كۈرۈپلا .
_ سىنىڭ ئىسمىڭ نەرگىزە نۇرلانمۇ ؟؟؟ _ يەنە بىر ساقچى خۇددى جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان تەلەپپۇزدا ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ شۇنداق ... _ نەرگىزەنىڭ ئاۋازى تىترەپ كىتىۋاتاتتى ، ئۇ نىمە ئىشلار بولغانلىقىنى تېخىچە ئاڭقىرىپ بۇلالمايۋاتاتتى .
_ ئۆزۈڭنىڭ نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگۈنىڭنى بىلەمسەن  ؟ _ ساقچى يەنە سورىدى .
_ ياق ...
_ ئۇنى ئېلىپ ماڭ ،_ ساقچى يەنە بىر ساقچىغا بۇيرۇق قىلدى ،ئاندىن نەرگىزەگە قاراپ ،_ ئۆزۈڭنىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقىڭنى ھېلى بىلىپ قالىسەن ....
ئۇلار نەرگىزەنى ساقچى ماشىنىسىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىشتى . نەرگىزەنىڭ ساۋاقداشىلىرى دېرىزىدىن قاراپ بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ كۇسۇرلاشماقتا ئىدى .

نىگارە پەرىشان ھالدا دېرىزە سىرتىغا قاراپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . يارقىن ياتاققا كىرىپ كەلدى ، لىكىن نىگارە ئۇنىڭ كىرىپ كەلگەنلىكىنىمۇ سەزمەي ئۆز خىيالى بىلەن بەند ئىدى . يارقىن نىگارەنىڭ بۈگۈن باشقىچە بۇلۇپ قالغانلىقىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى :
  _ نىگارە ، نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسىز ؟؟
نىگارە بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ئارقىسىغا قارىدى . يارقىن ئۇنىڭغا سۇئال نەزەرلىرى بىلەن قاراپ تۇراتتى .
_ ھېچنىمىنى ، شۇ ئۆزۈمچە ....
يارقىن ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ  ، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چەككەچ سۆزلىدى .
_ ئاخىرى  ئۆز دادىڭىزنىمۇ تېپىۋالدىڭىز . قارىسام سىز خۇشال بولماق يوق پەرىشان ئولتۇرىسىز ...
_ مېنىڭ خىيال قىلىۋاتقىنىممۇ دەل مۇشۇ ، شۇ تاپتا ئۆز دادامنى كۈرۈپ قاتتىق ھاياجانغا چۈمۈلۈپ ئولتۇرۇپتىمەن . لىكىن  مېنى بېقىۋالغان ئاتا -ئانامغا بۇ ئىشلارنى  تېخى دىمىدىم . ئۇلار بىلسە مەندىن خاپا بۇلارمۇ دەپ ئەنسىرەۋاتىمەن . ماڭا ئۆز قىزىدەك كۈيۈنۈپ ، ياخشى تەربىيلەپ ، ئوقۇتۇپ مۇشۇنچىلىك قىلغۇچە نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى . ئەمدىلىكتە بولسا ئۇلارغا ئۆز دادامنى تېپىۋالدىم ، دەپ ئېيتسام ئۇلارنىڭ كۆڭلى چۇقۇم يېرىم بۇلىدۇ .  شۇ تاپتا ئۇلاردىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىسام ....
بۇ سۆزلەرنى ياتاققا ئەمدىلا كىرىپ تۇرغان  ئابلەت ساقچى ئاڭلاپ قالدى ، ئۆز قىزىنىڭ شۇنداق مىھرىبان ، ئاقكۆڭۈل قىز بولغانلىقىدىن دىلى سۈيۈنۈپ ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ كەتتى . يارقىن ئەمدى سۆز ئاچاي دەپ ، يېنىغا قاراپ ئابلەت ساقچىنى كۆردى .
_ ھە ...تاغا . قاچان كىرگەن ئىدىڭىز ؟
- ھازىر كىرىشىم ...
_ دادا...
ئابلەت ساقچى نىگارەنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ بېشىنى مىھرىبانلارچە سىلىدى ،قىزىغا ئىچىدە بەخت تىلىدى .
_ قىزىم ...بايىقى گەپلىرىڭىزنى ئاڭلىدىم . ئادەم ھەردائىم ئۆزىگە مەدەت بىرىپ  بىر ئىشنى چۇقۇم قىلالايمەن دەپ تۇرسا ، ئاخىرىدا شۇ ئىش ئۈستىدىن غەلبە قازىنالايدىكەن. مەن سىزنى يوقىتىپ قويغاندىن بېرى كىچە -كۈندۈز ئۆزۈمگە ئىشەنچ ئاتا قىلىپ سىزنى تاپالايمەن دەپ ئويلايتتىم ،مانا ئاخىرى ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھىمايىسىدە سىزنى تاپالىدىم . سىز باشقا ئىشتىن ئەنسىرمەڭ قىزىم ، ساقچى ئادىلنىڭ ئوپراتسىيسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن مەن سىز بىلەن بېقىۋالغان ئاتا -ئانىڭىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ، قىزىمنى ئەقىللىق ، ئاقكۆڭۈل ، مەدەنىيەتلىك قىلىپ تەربىيلىگەن ئۇلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئۇلارغا قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ ...
نىگارە دادىسىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ   دادىسىنى چوڭقۇر مىھرى بىلەن چىڭ قۇچاقلىدى .
  بۇ چاغدا ئاينۇرخان ئانىمۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كىرگەنىدى . دادا -بالىنىڭ چىڭ قۇچاقلىشىپ تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ ، تەسىرلىنىپ ،ئوغلى ئادىلنىڭ تېزراق ساقىيىشىنى تىلەپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى .
  _ ئانا ، تەكشۈرۈشلەر قانداق بولدى ؟  ئوپراتسىيەنى قاچان باشلايدىكەن ؟ _ يارقىن ئاينۇرخان ئانىنىڭ كىرگىنىنى كۈرۈپ سورىدى .
_ خۇداغا شۈكرى ، تەكشۈرۈشلەرنىڭ ھەممىسى ئاخىرلىشىپتۇ . دوختۇرنىڭ دىيىشىچە پولاتنى يەنە بىر نەچچە كۈن كۆزەتكەندىن كىيىن ئوپراتسىيەنى باشلايدىكەن . ئۇلۇغ ئاللاھ ئوغلۇمغا شىپالىق ئاتا قىلار ...
ئانىنىڭ سۆزلىرىدىن كىيىن ھەممەيلەننىڭ چېھرىگە كۈلكە ياماشتى .ئۇلار ئادىلنىڭ تېزراق ساقىيىپ كىتىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى .

سىم -سىم يامغۇر ياغماقتا ئىدى ، يەنە تۇرۇپ -تۇرۇپ گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيتتى . ئېرىقلاردا شارقىراپ ئېقىۋاتقان يامغۇر سۇلىرى ئاجايىپ شاۋقۇن سېلىپ ئېقىۋاتاتتى . نۇرلان ئاكا شېغىل يېيىتىلغان پاكىز ، كىچىك كوچىدىن ئۈتۈپ ، يامغۇر ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ ،چوڭ يولدا چوڭقۇر خىيال بىلەن كىتىپ باراتتى . ئۇ  ئىككى كۈندىن بېرى نەرگىزە بىلەن پەقەت ئالاقىلىشالمىغان ئىدى . ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىنىدا تېلفۇنى ھەمىشە ئىتىك ھالەتتە ئىدى . نۇرلان ئاكا قىزىدىن ئەنسىرەپ قالدى .
_ ئۇلۇغ ئاللاھ ، ھەر ئىككى قىزلىرىمغا ئاسايىشلىق ، بەخت ئاتا قىلغايسەن ،_ ئۇ خۇدادىن سېغىنىپ  ئىلتىجا قىلدى .



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:35:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوراقخانا ئىچى ناھايىتى سۈرلۈك ئىدى . ئىككى ساقچى ھەدەپ نەرگىزەنى سوراق قىلىۋاتاتتى ، بىر ساقچى ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى خاتىرلەۋاتاتتى .
_ ئىسمىڭ نىمە ؟ _ بىر ساقچى قوپال ئاۋازدا ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ نەرگىزە نۇرلان ... _ نەرگىزەنىڭ كۆز چاناقلىرى لىق ياشقا تولغان بۇلۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغانلىقىنى ،  نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قېلىۋاتقىنىنى ، زادى نىمە ئۈچۈن  ساقچىلارنىڭ  ئۇنى بۇنداق سوراق قىلىۋاتقىنىنى چۈشەنمەي يىغلامسىراپ ئولتۇراتتى .
_ نىمە ئىش قىلىسەن ؟
_ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرستىتنىڭ نىمىس تىلى فاكۇلتىتىدا ئوقۇيمەن .
_ ئۆزۈڭنىڭ نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگىنىڭنى بىلەمسەن ؟
_ ياق ...ساقچى ئاكا . مەن پەقەت چۈشەنمەي قالدىم . مېنى نىمىشقا بۇنداق سوراق قىلىسىلەر ؟ مەن زادى نىمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتىمەن ؟؟_ نەرگىزە ناھايىتى بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغانىدى .
_ ئاز گەپ قىل ... نىمە جىنايەت ئۆتكۈزگىنىڭنى ھازىر بىلپ قالىسەن .
_ بۇ سۆرەتتىكى كىشىنى تۇنۇمسەن ؟ _ يەنە بىر ساقچى ئۇنىڭغا بىر سۆرەتنى كۆرسەتتى ، بۇ مەمەتنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتقان سۆرىتى ئىدى ، نەرگىزە سۆرەتنى كۈرۈپلا قورقۇپ كەتتى . ئۇ باشقا ئىشتىن ئەمەس ، ئۇنىڭ قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتقان سۈرىتىنى كۈرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدى . لىكىن ساقچىلار ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىگە قاراپ ئۇنىڭدىن تېخىمۇ گۇمانلىنىشقا باشلىدى.
_ ياق ... بۇ كىشىنى تۇنۇمايمەن . _ نەرگىزە كەسكىن جاۋاب بەردى .
_ سۆرەتكە چىڭ قارا ....راست تۇنۇمسەن ، تۇنۇمامسەن ؟
_ ساقچى ئاكا ، مەن راستلا تۇنۇمايمەن ...  _ نەرگىزە مىشىلدىغىلى تۇردى .
_ سۆرەتنىغۇ تۇنۇماس بۇلىۋال ، بۇنى كۆرسەڭغۇ نىمە دەيسەنكىن ...._ ساقچى شۇنداق دەپ ئۇنىڭغا مېھمانخانا سىن ئاپراتىدا تارتىلغان كۈرنۈشلەرنى قۇيۇپ بەردى . نەرگىزە سىن لېنتىسىدا ئۆزىگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىزنى كۈرۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي قالدى ، بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئاچقىنىچە كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈشكە باشلىدى .
_ بۇنىڭغا نىمە دەيسەن ؟؟؟ سىن ئىكرانىدا چىقىۋاتقان سەن شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟؟؟
_ ياق ...مەن ئەمەس . ماڭا ئىشىنىڭلار ... ئۇ راستىنلا مەنە ئەمەس ...._ نەرگىزە ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى . بۇ ئىشلار ئۇنىڭ ئەقلىگە زادىلا سىغمايۋاتاتتى .
_ ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ، سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن قەيەردە ئىدىڭ ؟
نەرگىزە سەيشەنبە كۈنىدىكى ئىشلارنى ئويلىدى . چۈشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا دەرس بار ئىدى ، چۈشتىن كىيىن دەرس بولمىغاچ رىيات بىلەن بازارغا چىقىپ كەچتە قايتىپ كەلگەنىدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى تەپسىلىي قىلىپ ساقچىغا سۆزلەپ بەردى .
_ سېنىڭ چۈشتىن كىيىن بازارغا چىققىنىڭغا كىم گۇۋا بۇلالايدۇ ؟
_ رىيات .
_ رىيات دىگىنىڭ كىم ؟
_ بىر يېقىن دوستۇم .
_ بۇلىدۇ . ئۇ دوستۇڭ سىنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشى كىرەك .
نەرگىزە ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىپ باقماقچى بۇلۇپ ساقچىلاردىن سورىدى ، بىر ساقچى ئۇنىڭغا تېلفۇنىنى بىرىپ تۇردى ھەم تېلفۇن ئاۋازىنى سىرتقا ئاڭلىنىدىغان قىلىپ قويدى .
_ ۋەي رىياتمۇ ؟
_ ھەئە مەن .. بۈگۈن ئەجەپ ئۆزۈڭ تېلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ ؟
_ رىيات بىر ئىش چىققان ئوخشايدۇ . ساقچىلار ھازىر مەندىن گۇمانلىنىپ مېنى تۇتۇۋىلىشتى . سەيشەنبە كۈنى ئىككىمىزنىڭ بىللە بازارغا چىققىنىمىز ئىسىڭىزدىمۇ ؟
_ نىمە ؟ سىنى ساقچىلار تۇتۇۋالدىمۇ ؟
_ مەن سىزدىن سوراۋاتىمەن.. شۇ كۈنى ئىككىمىز بىللە بازارغا چىققان ئىدۇق . ئىسىڭىزدىمۇ دەيمەن ؟
_ ھەئە ..ھەئە ...ئىسىمدە .
رىياتنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا ساقچى نەرگىزەنىڭ قۇلىدىكى تېلفۇننى سىلكىپ ئېلىۋالدى .
_ ھەئە ، بۇ قىز بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن دىگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرىلىۋاتىدۇ . سەن بىز بىلەن ماسلىشىپ ساقچىخانىغا كىلىپ بۇ قىزغا گۇۋاھلىق بىرىشىڭ كىرەك .
_ نىمە ؟؟؟ بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن ؟؟؟؟_ نەرگىزە بۇ سۆزلەرنى قايتا تەكرارلاپ ئۆزىمۇ بىلمەي ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشتى .
_ بۇلىدۇ . بۇلىدۇ .... _ رىيات ساقچىنىڭ سۆزىدىن ھۇدۇقۇپ قېلىۋاتاتتى . ئۇ تېلفۇننى قويغاندىن كىيىن نەرگىزەدىن ئەنسىرەپ ئاغزىنى تۇتۇپلا قالدى .
_ نىمە بولدۇڭ ؟ نىمانداق جىددىيلىشىپ كەتتىڭ ؟ كىمۇ ساڭا تېلفۇن قىلغان ؟ _ شەھىدە ئۇنىڭدىن سورىدى . ئەسلىدە ئىككىسى بىللە شەھىدەنىڭ قورسىقىدىكى بالىنى چۈشۈرۋىتىش ئۈچۈن بىر كىچىك شەخسىي دوختۇرخانىغا كەلگەنىدى .
_ نەرگىزەنى ساقچىلار تۇتۇۋاپتۇ ....
_ ۋاي نىمە دىدىڭ ؟ ھېچ چۈشىنەلمەي قالدىمغۇ ؟؟
_ ساقچىنىڭ دىيىشىچە ئۇ بىر كىشىنى ئۆلتۈرگەن دىگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ تۇرىلىۋىپتۇ .
_ ھا...ھا.....ئادەمنى ئەجەپ خوش قىلدىڭغۇ ؟؟_ نەرگىزە بىردىنلا قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
رىيات ئۇنىڭ بۇ ئەپتىدىن يىرگىنىپ كەتتى .
_ بەك رەزىل ئىكەنسەن ؟ نەرگىزە ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان ؟؟؟؟_ ئۇ ئاچچىقىدا شەھىدەگە بىرنى ئالىيىپ قويدى .
_ ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا چىش تىرنىقىمغىچە ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم . ئۇنى ساقچىلار تۇتۇۋالسا نىمە ساڭا تېلفۇن قىلىپ يۈرۈپتۇ .
_ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدىم . شۇڭا ساقچىلارغا گۇۋاھلىق بىرىشىم كىرەك ئىكەن .
_ نىمە ؟ سەن ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرەمسەن ؟_ شەھىدە ئۇنىڭغا ئاجايىپ بىر قورقۇنچلۇق نەزەر بىلەن قاراپ قويدى .
_ سەن نىمە بولدۇڭ ئەمدى ؟ _ رىيات ئۇنىڭ باشقىچە بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ سورىدى .
_ ئىشقىلىپ مەن سىنىڭ ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بىرىشڭگە قارشى .سەن ساقچىلارغا مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمەس دىگىن . ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭ ، مەن بۇ بالىنى ھەرگىز چۈشۈرۋەتمەيمەن ....
رىيات ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەيرانلقتىن تۇرۇپ قالدى . ئۇ شەھىدەنى بۇنچىۋالا رەزىل دەپ ئويلىمىغان ئىدى . ئۇ قانداق قىلىشىنى بىلمەي ئويلىنىپ قالدى .

نەرگىزە ئۆزىنىڭ بىر يىگىتنى ئۆلتۈردى دىگەن گۇمان بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلگىنىدە خۇددى بېشىغا توقماق تەككەندەك كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىدى .
ـ ياق ...ياق...مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم ،ـ دەپ توۋلاپ كەتتى ئۇ ساقچىلارغا يالۋۇرۇپ ،ـ ماڭا ئىچىڭلار ئاغرىسۇن ، مەن راستىنلا ئادەم ئۆلتۈرمىدىم .
يىراقتىن گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى ، نەرگىزەنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويغان بۇلۇپ ئۇ خۇددى دەھشەتلىك قارا قۇيۇننىڭ ئىچىدە قالغاندەك جاقىلداپ تىترەپ كىتىۋاتاتتى .
نۇرلان ئاكا ساقچىلارنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئايلىنىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى . ئۇ ئۆز قىزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىشىگە زادىلا ئىشەنمەيتتى ، شۇندىلا ئۇنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى نەفىسە كۆز ئالدىغا كىلىپ بۇ يەردە بىر ئۇقۇشماسلىقنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدى . نەرگىزەنىڭ بېشىغا كەلگەن قارا قىسمەتلەرگە ئېچىنىپ  ، ساقچىلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە  نەرگىزەگە گۇۋاھلىق بىرىش ئۈچۈن  بېيجىڭغا قاراپ يول ئالدى .
  نەرگىزە رىياتنىڭ تېزراق كىلىپ ساقچىلارغا ئۆزىنىڭ سەيشەنبە چۈشتىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىۋاتاتتى . رىيات كەچكە يېقىن ساقچىخانىغا كىرىپ كەلدى . ساقچىلار نەرگىزەنىمۇ سوراقخانىغا ئېلىپ چىقىشتى .
رىياتنى كۆرۈپ نەرگىزە خۇددى ئۆز نىجاتچىسىنى كۆرگەندەك بۇلۇپ ئۇنىڭغا ئۈمۈد ئارلاشقان كۆزلىرىنى تىكىپ قارىدى . رىيات ئۇنىڭغا لەپپىدە بىرنى قاراپ قۇيۇپ كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتى .
ـ ئىسمىڭىز ؟
ـ رىيات .
ـ كەسپىڭىز ؟
ـ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتى تارىخ فاكۇلتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى .
ـ سىز نەرگىزەنى قاچاندىن بېرى تۇنۇيسىز ؟ ـ بىر ساقچى جىددىي قىياپەت بىلەن ئۇنىڭدىن بەزى مەسلىلەرنى سوراۋاتاتتى ، يەنە بىر ساقچى ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى بىرمۇ –بىر خاتىرلەپ مېڭىۋاتاتتى .
ـ نەرگىزە ئەسلى مېنىڭ قىز دوستۇم ئىدى .كىيىن بىز ئايرىلىپ كەتكەن .
ـ نىمە ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتتىڭلار ؟
ساقچىنىڭ بۇ سۇئالىدىن نەرگىزە بىلەن رىيات تەڭلا بىر –بىرىگە قارىشىپ قالدى . ئۇلار ساقچىنىڭ بۇنداق سۇئال سورىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى .
ـ باشقىلاردىن ئاڭلىسام نەرگىزە ئوغۇرلۇق قىلىدىكەن . مەكتەپتىكى جىق بالىلار ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقىنىنى كۈرۈپتىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدۇق ...
رىياتنىڭ بۇ جاۋابى باياتىن بېرى پۇت- قولىنىڭ جېنى چىقىپ كەتكەندەك بۇلۇپ قالغان نەرگىزەنى تۇيۇقسىز غەزەپكە كەلتۈرۋەتتى . ئۇ رىياتنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىۋىدى ، رىيات دەرھال كۆزلىرىنى باشقا ياققا ئېلىپ قاچتى . ساقچى ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى كۆزىتىپ تۇرىۋاتاتتى .
ـ قاتىللىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن كۈنى چۈشتىن كىيىن ئىككىڭلار بىللىمىدىڭلار ؟
بۇ گەپنى ئاڭلاپ نەرگىزە چۈچۈپ كەتتى ، رىياتنىڭ چىرايىدىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان تەشۋىش ئالامەتلىرى پەيدا بولدى .
ـ ئۇ كۈنى مەن بىر يېقىن دوستۇم بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتكەن . نەرگىزە بىلەن بىللە ئەمەس ئىدىم .
نەرگىزە ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمدى زادىلا چىدىيالماي ۋارقىراپ تاشلىدى .
ـ يالغان ! يالغان ! ئۇيالغان سۆزلەۋاتىدۇ . مەن شۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن كەچكىچە بىللە ئىدىم . رىيات ، سەن نىمىشقا بۇنداق سۆزلەيسەن ؟ مەن ساڭا نىمە يامانلىق قىلغان ؟ سىنىڭ ۋىجدانىڭ بارمۇ ؟؟....
نەرگىزە ۋارقىراپ يىغلايتتى ،ئۇ رىياتنىڭ بۇنداق دىيىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ،  ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق ئىشەنچىلىرى ۋەيران بولغانىدى .

ئاينۇرخان ئانا ئوپراتسىيە بۈلۈمىنىڭ ئالدىدا ئۇيان –بۇيانغا مېڭىپ يۈرەتتى . ئابلەت ساقچى ، يارقىن ، نىگارەلەر ئۇرۇندۇقتا جىمجىت ئولتۇرىشاتتى .پولات بىلەن ئادىلنى ئوپراتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ كىرىپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغانىدى . ئاينۇرخان ئانا ئوغلىغا دۇئا قىلىپ ئوپراتسىيەنىڭ ئۇڭۇشلۇق بۇلىشىنى تىلەيتتى ...
بىر چاغدا ئوپراتسىيە بۈلۈمىنىڭ قىزىل چىرىغى يېنىپ بىر دوختۇر چىقىپ كەلدى . ئاينۇرخان ئانا تېزلا دوختۇرنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئۈمۈد بىلەن قارىدى .
ـ ئىنشائاللا ، ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى . بىردەمدىن كىيىن ئۇلارنى ئېلىپ چىقىدۇ. ئوغلىڭىز ئۇزۇنغا قالماي ساقىيىپ كىتىدۇ . يولدىشىڭىز ئۇزۇقلىنىشقا، داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرسە ئۇمۇ تېزلا ئەسلىگە كىلىپ ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ ...
دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئاينۇرخان ئانىنىڭ خۇشاللىق ياشلىرى تۈكۈلۈشكە باشلىدى . ئۇنىگارەنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى .

ئىككى كۈن تېزلا ئۈتۈپ كەتتى ، نۇرلان ئاكا بېيجىڭغا كىلىپلا قىزى نەرگىزەنى ئىزدەپ ساقچىخانىغا كەلدى . كۈرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئاتا -بالا يىغلىشىپ كۈرۈشتى . نەرگىزە دادىسىنى كۆرۈپ ئۆزىنى زادىلا تۇتۇۋالالماي قالدى . شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاسمان يىراق ، يەر قاتتىق بۇلۇپ قالغانىدى .
- جېنىم دادا ، مەن ئادەم ئۆلتۈرمىدىم ، ماڭا ئىشنىڭ ،_ ئۇ دادىسىنىڭ ئولتۇرشۇپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ ئېيتتتى ،_ مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيلا قالدىم دادا ...بۇ زادى نىمە ئىشتۇ؟؟ باشقىلار نىمىشقا ماڭا ئىشەنمەيدىغاندۇ ؟...سىن ئىكرانىدا پەيدا بولغان ماڭا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىز زادى كىم ؟؟؟
دادىسىمۇ قىزىنىڭ سارغايغان چىرايىغا ، يىغلاشتىن  ئىشىپ كەتكەن كۆزلىرىگە قاراپ قاتتىق ئازابلانماقتا ئىدى .
_ قىزىم ، مەن ساڭا ئىشىنىمەن . سەن ھەرگىز ئادەم ئۆلتۈرمەيسەن ._ نۇرلان ئاكا شۇلارنى دەۋىتىپ نەرگىزەگە چوڭقۇر مىھرى بىلەن قاراپ قويدى ،_  مەن ھازىرغىچە سەندىن بىر ئىشنى يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدىم . سىنىڭ بىر قوشكىزەك ھەدەڭ بار ئىدى ... بەلكىم ..
نەرگىزە دادىسىنىڭ بۇ گىپىدىن ھەيرانلا قالدى . دادىسى ئەزەلدىن نەرگىزەگە بۇنداق گەپلەرنى ئېيتىپ باقمىغانىدى ...
_ نىمە دەۋاتىسىز دادا ؟ بۇ... بۇ ...
نۇرلان ئاكا قوشكىزەكلەرنىڭ تۇغۇلۇشى ، كىيىن  نەفىسەدىن ئايرىلىپ قېلىشى ...قاتارلىقلارنى  قىسىقىلا قىلىپ نەرگىزەگە سۆزلەپ بەردى ، نۇرلان ئاكا شۇ تاپتا قىزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ بالا قازادىن ئەنسىرەپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالغانىدى .
_ ئاھ خۇدا ...بۇ زادى نىمە ئىش دادا؟  ئۇنداقتا ئەسلى قاتىل مېنىڭ ئۆز ھەدەممىدۇر ؟؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ...
نەرگىزەمۇ دادىسىغا ئېسلىپ تېخىمۇ ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتى ، ئۇنىڭ كاللىسىدىكى ھەممە ئىش ئايدىڭ بولغانىدى ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دوستلىرىنىڭ ئۇنى ئوغرى دەپ تىللاشلىرى ، ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ قاتىل دەپ تۇتىۋىلىشلىرى ...
_ ئەمدى چۈشەندىم دادا ، بىر قېتىم بىرسى مېنى ئادىلە دەپ خاتا تۇنىۋالغانىدى ، تېخى كىچىك ۋاقتىمىزدا ئوغۇرلۇق قىلاتتۇق دىگەن ، يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچىدە ماشىنىغا چىقىپ تۇرسام بىرسى ئارقامدىن ئادىلە دەپ توۋلىغانىدى ...
بۇلار تېزلا نەرگىزەنىڭ ئىسىگە كەلدى . ئۇ دادىسى قوشكىزەك ھەدىسىنىڭ بارلىغىنى دىمەستە بۇلارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى .
نۇرلان ئاكا جىمىپ كەتتى  . نەرگىزە بولسا ئۆز ھەدىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى پەرەز قىلماقتا ئىدى .
_ قىزىم، سەن ئەنسىرەپ كەتمىگىن ..مەن ھەممە ئىشلارنى ساقچىغا ئېيتتىم . ئۇلار بىزگە بىر ئادۇۋكات تېپىپ بەرمەكچى ، بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ساڭا سوت ئېچىلىدىكەن ، ئۇنىڭغىچە مەن بار ئاماللارنى قىلىپ ھەدەڭنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىمەن . ھەدەڭ سىنى چۇقۇم قۇتقۇزۇپ قالالايدۇ ...
_ لىكىن دادا ... ھەدەمنى  تاپساق بىز يەنە  ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالارمىزمۇ ؟_ نەرگىزە ئەمدىلىكتە تېخى كۈرۈپ باقمىغان قوشكىزەك ھەدىسىىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭ قايغۇسىنى يەۋاتاتتى . نۇرلان ئاكا ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەندەك بۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى .
_ ئەگەر ھەدەم راستنلا قاتىل بۇلۇپ چىقسا ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بىرىشى مۇمكىن ، ئۆزىنى قوغداش ۋە ياكى باشقا سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسىمۇ ئوخشاشلا ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلىدۇ . بىز ئۇنىڭدىن يەنە ئايرىلىپ قالارمىزمۇ ؟؟؟ جېنىم ھەدەم  ، ھازىر قەيەردىدۇر ؟ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغاندۇر ؟؟...
_ ئۆزۈڭنى ياخشى ئاسرا قىزىم ... مەن پۈتۈن ئامالىمنى قىلىپ سىنى قۇتقۇزۇپ چىقىشقا تىرىشىمەن ...
نەرگىزە دادىسى بىلەن يىغلاپ خوشلاشتى ، ئۇ دادىسى كەتكەندىن كىيىن ئىزچىل ھەدىسىنى خىيال قىلدى . نەرگىزە  ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان قوشكىزەك ھەدىسىىنى كۆرسە زادى قانداق بۇلۇپ كىتەر ھە ...
<< ئەگەر دادام ھەدەمنى تاپالماي قالسا ئۈلۈم جازاسى بىرىلىدىغان ئادەم مەن بۇلۇپ قالارمەنمۇ ...>> نەرگىزەنىڭ خىيالىغا بۇلار كىلىشى بىلەنلا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدەنلىرى تىترەپ ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلىۋالدى .

دوختۇرلارنىڭ ئەستايىدىل  كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالىشى ، ئانىنىڭ دۇئاسى   ،مىھرى بىلەن ئادىل نەچچە كۈندىن كىيىن خېلىلا  ئەسلىگە كىلىپ ياخشى بۇلۇپ قالدى . ئاينۇرخان ئانا ئوغلىنىڭ بارا -بارا ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئىچ -ئىچىدىن خۇشال بۇلۇپ كەتتى .  پولاتنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى بۇلۇپ كىتىپ باراتتى ، ئاينۇرخان ئانا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۋالغانلىقىنى ئويلاپ بۇندىن بۇرۇنقى بارلىق كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى ، ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بۇلۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشنىمۇ ئۇنۇتمىدى . ئابلەت ساقچى ، نىگارەلەر ئادىلنىڭ ئوپراتسىيسى ئاخىرلاشقاندىن كىيىنلا ئۇنىڭ بېقىۋالغان ئاتا -ئانىسى بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن يۇرتقا قايتىپ  كەتكەنىدى . بۈگۈن ئەتىگەن يارقىنمۇ ئىدارىسىدىن قايتىپ كىلىش ئۇقتۇرىشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا ئاينۇرخان ئانا بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى .
   ئادىل ئۇخلاپ قالغانىدى ، ئاينۇرخان ئانا پولاتنىڭ تامىقىنى يىگۈزۈپ بۇلۇپ ئادىل ياتقان كارۋاتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ،ئۇنىڭ كىيىمىنىڭ چۈشۈپ قالغان بىر تال تۈگمىسىنى قاداۋاتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن تۈگمە قادىغاچ ، ئوغلىنىڭ تېزراق ساقىيىپ كىتىشىنى تىلەپ ئۇنىڭغا غەمكىن قاراپ قۇياتتى .
   
  بۈگۈن بېيجىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچىدە ئادەمنىڭ جىقلىقىدىن تۇرارغا جاي قالمىغانىدى . گەرچە بۇ يەردە كۈندە دىگۈدەك ھەرخىل ئەنزىلەرگە سوت ئېچىلىپ تۇرىلىدىغان بولسىمۇ ، بۈگۈنكى جاۋابكار چىرايلىق بىر ئۇيغۇر قىز بۇلۇپ قالغانلىقى يەنە كىلىپ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ ئاشقان . نەرگىزەنىڭ ساۋاقداشلىرى ، مەكتەپداشلىرى ، شەھەر ئاھالىلار ۋەكىللىرى ، ئادۇۋكاتلار ۋە ھەرقايسى گېزىتلەرنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ چەتتىن ئاڭلاش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا كىلىپ ئۇرۇن ئىگەللىۋىلىشقانىدى .
ھەممە كىشىنىڭ نەزىرى جاۋابكار ئورنىدا بېشىنى ساڭگىللىتىپ تۇرغان نەرگىزەگە مەركەزلەشكەنىدى . چەتتە ئولتۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى ماختاشسا ۋە بەزىلىرى ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ سۆزلەيتتى ، يەنە بەزىلەر كۇسۇرلىشىپ نىمىنىدۇر دىيىشەتتى . نەرگىزە ئۆزىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتى بولغان جاڭ ئادۇۋكاتنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بىرىۋاتقان گۇۋاھچىلارغا قورقۇپ قاراپ قۇياتتى .
جاڭ ئادۇۋكات نەرگىزەنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۇنى ھەدەپ ئاقلاۋاتاتتى . بىراق نەق مەيدان پاكىتلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى ئۇنىڭ قولايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇۋاتاتتى .
ئەخمەت بىرىنچى بۇلۇپ گۇۋاھلىقتىن ئۈتۈش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغان چاغدا نەرگىزە ئۇنى كۆرۈپ يۈرىكى ئېغىپ كەتتى . قانداقتۇر بىر قورقۇنچ  ئىچىنى تاتلىغاندەك بولدى . ئۇنىڭ رىياتقا ئوخشاش ۋىجدانسىزلىق قىلىپ ئۆزىنى تېگى كۆرۈنمەس ھاڭغا ئىتتىرۋىتىشىدىن ئەنسرەپ قالدى . ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ئەخمەتتىن سۇئال سوراشقا باشلىدى .
_ ئىسمىڭىز ؟
_ ئەخمەت .
_ كەسپىڭىز .
_ بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى .
_ سىز جاۋابكارنى قاچاندىن بېرى تۇنۇيسىز ؟
_بۇ مەكتەپكە ئوقۇشقا كەلگەندىن بېرى .
_ ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ؟
ئەخمەت بۇ سۇئالنى ئاڭلاپ جاۋابكار ئورنىدا تۇرغان نەرگىزەگە قاراپ قويدى .
_ ئىككىمىز بىر مەزگىل ئارلاشقان ...
_ سىز جاۋابكار بىلەن بىر مەزگىل ئارلىشىپسىز . ئۇنداقتا سىز ئۇنى خېلى ياخشى چۈشىنىدىكەنسىز ؟ سىزنىڭچە ئۇ راستنلا بۇ دېلودىكى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىلمىدۇ ؟؟
_ مەن نەرگىزەنى ياخشى چۈشىنىمەن . ئارىمىزدا بەزىبىر ئۇقۇشماسلىقلار يۈز بەرگەن  بولسىمۇ مەن ئۇنىڭ ئادەم ئۆلتۈرىشىگە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن .
_ سىز سوتقا چىقىشتىن بۇرۇن ماڭا بىر قىسىم ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدىڭىز ، شۇلارنى بۈگۈن  ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا  قايتا سۆزلەپ بىرەمسىز ؟
  _ بىر قېتىم نەرگىزە ئىككىمىز بازار ئايلىنىپ كاۋاپ يەپ تۇرغىنىمىزدا يېنىمىزغا بىر ناتۇنۇش بالا كىلىپ ئۇنى ئادىلە دەپ چاقىرغان ئىدى . ھەم بىز كىچىك ۋاقتىمىزدا بىللە ئوغۇرلۇق قىلاتتۇق ، دىگەن ، بىز ئاڭلاپ ھەيران قېلىپ ئاچچىقىمىز كىلىپ كىتىپ قالغان . كىيىن مەن ئۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدە ماشىنىغا چىقىپ كىتىۋاتقىنىمىزدا بىرسى ئارقىمىزدىن ئۇنى ئادىلە دەپ چاقىرغان ئىدى .  مىنىڭچە دېلودىكى ھەقىقىي قاتىل نەرگىزە ئەمەس ، بەلكىم  نەرگىزەگە ئوخشايدىغان ئادىلە  ئىسىملىك  قىز بۇلىشى مۇمكىن ....
دەل شۇ چاغدا ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات ئورنىدىن تۇرۇپ سوتچىنىڭ ئالدىغا كىلىپ مۇنداق دېدى :
_ ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندى ،گۇۋاھچىلىق بەرگۈچىنىڭ سۆزى ھېچقانداق ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس . بىر ئادەمنى بىرسى بىلەن ئوخشايدۇ دىسەكمۇ پۈتۈنلەي قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشىشى مۇمكىن ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە جاۋابكارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مېھمانخانىغا ئۆلگۈچى بىلەن كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گۇۋاھچى بار . سىن ئاپراتىمۇ تۇلۇق ...
شۇ چاغدا مېھمانخانا كۈتكۈچىسى گۇۋاھلىق بىرىش ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى . ئەيىبلىگۈچى  ئادۇۋكات ئۇنىڭدىن سورىدى :
_ ئىسمىڭىز .
_ خۇي خۇي .
_ كەسپىڭىز ؟
_ مېھمانخانىنىڭ كۈتكۈچىسى .
_ سىز ئەينى ۋاقىتتا ساقچىلارغا دېلو مەلۇم قىلغاندا جاۋابكارنى تۇنۇپ بەرگەن ئىدىڭىز ، بۈگۈن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا جاۋابكارنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن مېھمانخانىغا كىرىپ كەتكەن قىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تۇنۇپ بىرەلەمىسىز ؟
كۈتكۈچى قىز بېشىنى لىڭىشتىپ نەرگىزەنىڭ قېشىغا كەلدى . نەرگىزە ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان بۇ قىزغا بىچارىلەرچە  تەلمۈرۈپ كۆزلىرىدىن ئاجىز نۇرلارنى چاچرىتىپ ئۇنىڭغا قارىدى .
_ دەل مۇشۇ قىز شۇ .. _ كۈتكۈچىنىڭ جاۋابىدىن نەرگىزە لەسسىدە بۇلۇپ پۇت -قوللىرى بوشىشىپ كەتتى .
-ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم ، مانا بۇ قىزنىڭ ئۆلگۈچى بىلەن بىللە كىرىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ قىزنىڭ ئالدىراش چىقىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن گۇۋاھچى ، پاكىتلارنىڭ ھەممىسى تۇلۇق تۇرغان يەردە ، بىزنىڭ بىلىملىك ئادۇۋكاتىمىزنىڭ يەنە جاھىللىق بىلەن ئۇنى گۇناھسىز دەپ ئىسپاتلىماقچى بۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەن چۈشىنەلمەيۋاتىمەن . ساقچى تەرەپنىڭ مەلۇماتى ، گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى شۇنى چۈشەندۈردىكى ، جاۋابكار شۇ كۈنى ئۆلگۈچى بىلەن ئىچ -پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن مېھمانخانىغا بارغان . كىيىن ئىككىسى مەلۇم ئىشلار تۈپەيلىدىن تاكاللىشىپ ئۇرۇشۇپ قالغان ، بۇ چاغدا جاۋابكار ئاچچىقىغا پايلىماي ئۆلگۈچىنىڭ يۈرەك قىسمىغا پىچاق تىقىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن . شۇڭا مەن ئاتاقلىق كەسىپداش بۇرادىرىمگە شۇنى نەسىھەت قىلىپ قويماقچىمەنكى ، يەنە كاجلىق بىلەن ئۇنى ئاقلاۋەرمىسۇن . سوتنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتنىمۇ بىھۇدە زىيادە قىلىۋەتمىسۇن ...
_ ھۆرمەتلىك سوتچى ئەپەندىم ،_ جاڭ ئادۇۋكات رۇخسەت ئالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋام ئەتتى ،_ مەنمۇ ئاتاغلىق كەسىپدىشىمغا شۇنداق نەسىھەت قىلىپ قۇياي ، بىزنىڭ قانۇنىمىز تۇلىمۇ ئادىلدۇر. ھېچقانداق ئىشنى بىلمەيدىغان بىر ساددا ئالىي مەلۇماتلىق قىزنى ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل دەپ ئۇنىڭ ھاياتىنى نابۇد قىلىۋەتمىسۇن ،_ ئۇ سەل توختىۋىلىپ يەنە مۇنداق دېدى ،_ ھۆرمەتلىك سوتچى ، ھازىر ئالدىمىزدا تۇرغان بۇ قىز پۈتۈنلەي گۇناھسىز . جاۋابكارنىڭ دادىسى بۇ قىزنىڭ يەنە قوشكىزەك ھەدىسىنىڭ بارلىغىنى ئېيتتى ، ئۇ كىچىكىدە يوقاپ كەتكەن بۇلۇپ ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغان . دادىسىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار تۇغۇلىشىدىمۇ قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش ئىكەن . بەلكىم بۇ دېلودىكى قاتىل دەل قىزنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى .
جاڭ ئادۇۋكاتنىڭ بۇ سۆزى زالدىكىلەرنى ۋاقتىنچە تىنجىتتى ، سەلدىن كىيىن خەقلەر ئۆزئارا كۇسۇلدىشىپ كەتتى . نۇرلان ئاكا  ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىگە گۇۋاھلىق بىرىش ئۈچۈن ئوتتۇرغا چىققان ئىدى .
_ ئىسمىڭىز ؟
_ نۇرلان .
_ كەسپىڭىز ؟
_ سەيپۇڭلۇڭ بىلەن شۇغۇللىنىمەن .
_ جاۋابكار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ؟
_ ئۇ مېنىڭ ئۆز قىزىم .
_ سىز جاۋابكارنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى توغۇرلۇق بىزگە سۆزلەپ بەرسىڭىز .
نۇرلان ئاكا قوشكىزەكلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى بىرمۇ -بىر سۆزلەپ بەردى . ئەمدى ئەتراپنى پۈتۈنلەي جىمجىتلىق قاپلىغان ئىدى . ھەممەيلەن نۇرلان ئاكىنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتاتتى .
نۇرلان ئاكا سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن  ئەيىبلىگۈچى  ئادۇۋكات ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى .
_ سىز بىزگە قوشكىزەكلەر تۇغۇرلۇق سۆزلەپ بەردىڭىز . جاۋابكارنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى بار توغۇرلۇق بىزگە ئىسپات كۆرسىتىپ بىرەلەمسىز ؟
_ ئىسپات بار ،_ دېدى ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ، _ مانا بۇ قوشكىزەكلەر تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگەندە تارتىلغان سۆرەت . ،_ ئۇ سۆرەتنى ئېلىپ باش سوتچىغا تاپشۇرۇپ بەردى .
_ مەن قارشى ،_ دېدى ئەيىبلىگۈچى  ئادۇۋكات ئارقىدىنلا ،_ بىر ياشقا كىرگەندە تارتىلغان بىر پارچە سۆرەت ھېچنىمىگە ئىسپات بۇلالمايدۇ .  بىر پارچە سۆرەتكە قاراپلا بۇلار قوشكىزەك ، بۇ قىز قاتىل ئەمەس ، قاتىل باشقا بىرسى دىسەك سەل ئەخمىقانىلىك بۇلارمىكىن ....
ئەيىبلىگۈچى  ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىدىن كىيىن زالنى يەنە جىمجىتلىق قاپلىدى . باش سوتچى يېنىدىكى ئادۇۋكات ،سوتچىلار بىلەن بىر نەرسىنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى . ئارقىدىن باش سوتچى ئۈستەلگە قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ قويدى :
_  گۇۋاھچىلارنىڭ ۋە پاكىتلارنىڭ تۇلۇق بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ، بۈگۈن سوت مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشاتتى ، سوت كىلەر ھەپتە مۇشۇ كۈندە داۋاملىشىدۇ . جاۋابكارنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتى ئاخىرقى سوتقىچە جاۋابكارنىڭ قوشكىزەك ھەدىسىنى تېپىپ چىقىشى كىرەك . ئەگەر تاپالماي باشقىچە ئىسپات كۆرسىتەلمىسە جاۋابكارنى ئادەم ئۆلتۈردى دىگەن ئەسلىدىكى يەكۈن كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ . سوت تامام.
باش سوتچىنىڭ سۆزىدىن كىيىن نەرگىزە ئۆزىنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويدى،  نۇرلان ئاكا قىزىنىڭ ئامالسىز ئەھۋالدا قېلىپ ، تۈگىشىپ كىتىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ يۈرەكلىرى ئېچىشىپ كەتتى ، كۆزلىرىگە ياش كەلدى . نەرگىزە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداقلا ۋەيران بۇلىدىغانلىقىنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالماي قالدى.  ھازىر ئۇنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتىمۇ ئامالسىز ئەھۋالدا قالغان ئىدى ، ئەگەر سوتچىنڭ سۆزى بۇيىچە نەرگىزەنىڭ قوشكىزەك ھەدىسىنى تاپالمىسا ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بىرىلەتتى .

ـ ئىنشائاللا ،بىمارنىڭ ئەھۋالى كۈنسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ،ـ دېدى ئادىلنىڭ مەخسۇس دوختۇرى ئۇنى تەكشۈرۈپ چىقىپ .
- سىلەرگە كۆپ رەھمەت ، ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدىڭلار ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە قانچىلىك رەھمەت ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ ...ـ ئاينۇرخان ئانا دوختۇرلارغا ئۆزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈردى .
ـ بىز پەقەت ئۆزىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلدۇق . ئەگەردە يولدىشىڭىز ئوتتۇرغا چىقىپ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى بەرمىگەن بولسا ...
ئادىل تېغىچە ئۇخلاۋاتقان ئىدى . ئاينۇرخان ئانا دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆزىنى بوش قىسىپ قويدى ھەم پەس ئاۋازدا :
_ دوختۇر ، ئوغلۇم بۆرىكىنى تەقدىم قىلغۇچىنىڭ ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى ، بولسا مۇشۇ گەپنى قايتا دىمىگەن بولسىڭىز ...._ دېدى .
ـ دوختۇر ،دوختۇر ...ياندىكى ياتاقتىكى بىمار يوقاپ كەتتى ،ـ بىر سېستىرا قىز ئالدىراش كىرىپ كەلدى .
ئاينۇرخان ئانا سېستىرا قىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ،ياندىكى ياتاقتا پولات داۋالىنىۋاتاتتى . ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە بىلگىلى –بولماس جىددىيلىك تۈس ئالدى . دوختۇر سېستىرا قىزغا ئەگىشىپ چىقىپ كەتتى ،ئاينۇرخان ئانىمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى .
ـ ئەتىگەن ئۇكۇل ئالماشتۇراي دەپ كىرسەم يوق تۇراتتى ،تېخى ھاجەتكە چىقىپ كەتتىمىكىن دەپ مەنمۇ دىققەت قىلماپتىمەن . خېلى ئۇزۇندىن كىيىن كىرسەم يەنە يوق ...دوختۇرخانىنىڭ ئىچىنى ئىزدىمىگەن يېرىم قالمىدى ...ـ سېستىرا قىز بولغان ئىشلارنى دوختۇرغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى .
ئاينۇرخان ئانا تېزلا پولات ياتقان كارۋاتنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلنى ئېچىپ قارىدى . دەرۋەقە ئۇنىڭ كىيىم –كىچەكلىرىمۇ كۈرۈنمەيتتى .
ـ بۇ قانداق بولغىنى ؟ يولدىشىڭىز قەيەرگە كەتتى ؟ ئۇنىڭ ئەھۋالى تېخى پۈتۈنلەي ياخشى بۇلۇپ كەتمىگەن ،ـ مەسئۇل دوختۇر ئاچچىقلانغان ھالدا سۆزلىدى .
ئاينۇرخان ئانىنىڭ كۆزلىرى ئۈستەل ئىچىدىكى بىر ۋاراق قەغەزگە چۈشتى .ئۇ قەغەزنى ئېلىپ كۈرۈشكە باشلىدى :
ـ ئاينۇر .
شۇ تاپتا گەپنى قەيەردىن باشلاپ قەيەردە ئاخىرلاشتۇرۇشنى بىلمەي تۇرىمەن  . ئالدى  بىلەن بۇرۇن قىلغان بارلىق گۇناھلىرىم ئۈچۈن سىلەردىن كەچۈرۈم سورايمەن . كىسەل كارۋىتىدا ياتقان نەچچە كۈندىن بۇيان كۆپ ئويلاندىم ،ئۆزەمنىڭ جىنايەت بىلەن ئۈتۈپ كەتكەن ھاياتىمغا ئېچىندىم . ئەمدى مىڭ پۇشايمان قىلغىنىم بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيتتى . بۇ قېتىم سىلەرنىڭ ماڭا ئۆزەمنىڭ تۇنۇۋىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭلارغا ،دوختۇرخانىدا ياتقان نەچچە كۈنلەردىن بۇيان كۆپ كۈيۈنۈپ ،ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالغانلىقىڭلارغا رەھمەت . ئوغلۇم ئادىل ، ياق ...ياق...ئۇنى ئوغلۇم دىيىشكە تىلىم كۆيىدۇ . مەن دادا بۇلۇشقا مۇناسىپ ئەمەسمەن . مەن ئۆز ئوغلۇمنى ، ئايالىمنى تاشلاپ كەتكەن مۇناپىق ، تاشيۈرەك ئىنسانمەن . ئادىلغا مىنىڭ دادىسى ئىكەنلىكىمنى مەڭگۈ ئېيتماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بىرەلىگىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن . ئۇلۇغ ئاللاھ ئوغلۇمغا ۋە سىلىگە ئاسايىشلىق ، بەخت ئاتا قىلسۇن . مەن قىزىم ئادىلەنى ئىزدىمەكچى بۇلۇپ ماڭدىم ، خۇدا خالىسا قىزىمنى ئەمدى تېپىۋالسام ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورايمەن . ئۇنىڭغا تىزلىنىپ تۇرۇپ مېنى كەچۈرۋىتىشىنى تىلەيمەن . بىچارە قىز ، ئۇنى بېقىۋالغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئۆز قىزىمدەك مۇئامىلە قىلىپ باقماپتىمەن . ھەدىسىلا ئۇنى ئۇرۇپ –تىللاپ ئوغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلاپتىمەن . شۇنداق قىلىپ تۇرساممۇ مېنى دادا دەپ ۋاقتىدا ئاش –تاماقلىرىمنى ئىتىپ ، كىر –قاتلىرىمنى يۇيۇپ ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئالاتتى . خۇدا قىزىمنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغايسەن .
ئاخىرىدا سىلىدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن . ئادىل ئىككىڭلارنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ، ئۆزەڭلارنى كۆپ ئاسراڭلار ...
ـ پولات .
ئاينۇرخان ئانا خەتلەرنى ئۇقۇپ بۇلۇپ كۆزلىرى نەملىشىپ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالدى .

يەنە بىر كۈندىن كىيىن نەرگىزەگە ئەڭ ئاخىرقى سوت ئېچىلاتتى ، نۇرلان ئاكا نەرگىزەنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى نەفىسەنى كۆپ ئىزدىگەن بولسىمۇ پەقەت تاپالمىدى ، بېيجىڭدەك بۇ چوڭ شەھەردە ئۇنى ئىزدەش خۇددى دېڭىزدىن يىڭنە ئىزدىگەنگىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
ـ ئەگەر ئاخىرقى سوت ئېچىلغۇچە يەنە بىر قىزىڭىزنى تاپالمىسىڭىز مەنمۇ ئامالسىز قالىمەن . ھازىرمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمەن . لىكىن ئۇنى ئاقلاپ چىقىشقا ئائىت ئىسپات ،گۇۋاھچىلار يىتەرلىك ئەمەس ...ـ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ نۇرلان ئاكىنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى .
   
ئادىلە نەچچە كۈندىن بېرى ياتاقتىن سىرتقا چىقماي تەييار چۆپ ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزۋاتاتتى . يېتىپ ياتساڭ تاغمۇ توشىماپتۇ دىگەندەك ، ئۇنىڭ يېنىدىكى پۇللارمۇ تۈگىگەنىدى . ئۇ مەمەتنىڭ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىدىن تېخىچە خەۋەرسىز ئىدى . شۇ چاغدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلىسىلا بەدەنلىرىگە تىترەك ئولىشىپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇچىلىققا تولاتتى . ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولماسلىقىنى تىلەيتتى .
ئۇ ئاخىرى ئۆزى خالىمىسىمۇ يەنىلا ئامالسىز قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ بازارغا چىقتى . كۆڭلىدە بىرەر ئولجا ئوۋلىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ ماڭدى .
ئەخمەت نەرگىزە بىلەن ئۆتكەن كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى ئويلىغانسىرى كۆڭلى يېرىم بۇلاتتى ، ئۆزىنىڭ ئۇنى قىلچىلىك چۈشەنمەي خاتا قاراشتا بولغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بۇلۇپ كىتىۋاتاتتى . نەرگىزەنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ  يۈرەكلىرى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاننى ئاز دەپ ئۆزىمۇ ناھايىتى بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتاتتى .
ئەخمەت ئىككى كۈندىن بېرى دەرسكىمۇ چىقمىدى . ئۇ بۈگۈن  نەرگىزە بىلەن بۇرۇن ئۆتكۈزگەن كۆڭۈللۈك مىنۇتلارنى ئەسلەش ئۈچۈن سىرتقا چىققانىدى. ھەرقېتىم ئىككىسى بىللە كەلگەن تۇنۇش جايلارنى كۆرگەندە كۆزئالدىغا نەرگىزە كىلىۋىلىپ ئۇنى ۋىجدان ئازابىغا قويغانىدى .
ئادىلە پىيادىلەر يۇلىدا ئۇنىڭغا –بۇنىڭغا قارىغاچ ئولجا ئىزدەۋاتاتتى . قېرىشقاندەك سىم –سىم يامغۇر يېغىشقا باشلىدى .
ھەممەيلەن يامغۇردىن دالدىنىش ئۈچۈن ئالدىراپ مېڭىشاتتى . ئادىلەمۇ بىرەر جاينى تېپىپ ئارام ئالغاچ يامغۇرنىڭ توختىشىنى كۈتۈپ تۇرماقچى بۇلۇپ ماڭدى . ئۇ ئەمدى بېشىنى  كۆتۈرۈپ تۇرىشى ئۆزىمۇ بىلمەي  قارشى تەرەپتىن كىلىۋاتقان بىرسىگە سۇقۇلۇپ كەتتى . ئادىلە تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ سۇقۇلۇپ كەتكەن كىشىگە قارىدى ، سۇقۇلۇپ كەتكەن كىشىمۇ خىجىلچىلىق ھىس قىلىپ  بېشىنى كۆتۈرۈپ ئادىلەگە قارىدى . ئادىلەگە سۇقۇلۇپ كەتكەن كىشى دەل ئەخمەت ئىدى . ئۇ كۆز ئالدىدا تۇرغان ئادىلەگە قاراپ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى . ئادىلە ئۇنىڭغا سۇغۇق بىرنى قارىۋىتىپ ئۆز يۇلىغا ماڭدى . ئەخمەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك دەقىقە ئىچىدە يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن گاڭگىراپ قېلىۋاتاتتى ، شۇندىلا بارلىق ئىشلارنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ ئادىلەنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى .
ـ ئادىلە ، ئادىلە توختاپ تۇرۇڭ ـ ئۇ بىۋاستە ئادىلەنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ توۋلىدى . ئادىلە بىرىنىڭ ئۆزىنى توۋلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ قارىدى . كۆز ئالدىدا بايا ئۆزىگە سۇقۇلۇپ كەتكەن ناتۇنۇش بىر يىگىت تۇراتتى .
ـ ئادىلە ، بۇ سىزمۇ ؟ ـ ئەخمەت ئۇنىڭدىن سورىدى .
ئادىلە ھېچنىمىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ قالدى ، ئۇنى بىرەر يەردە كۆرگىنىنىمۇ ئەسلىيەلمىدى .
ـ سىز مېنى قانداق تۇنۇيسىز ؟
ـ سىز مېنى تۇنىمايسىز . لىكىن سىزنى بىر كۈرۈپلا تۇنۇۋالدىم . ئەگەر خالىسىڭىز نەچچە مىنۇت ۋاقتىڭىزنى چىقارغان بولسىڭىز . سىزگە دەيدىغان بەك مۇھىم ئىش بار ئىدى ـ ئەخمەت شۇ تاپتا گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلمەي ، گەپلىرىمۇ قولاشماي قالدى .
ـ لىكىن مەن سىزنى تۇنىمايمەن . ـ ئادىلە كەسكىن جاۋاب بەردى .
ـ مېنى تۇنىمىغىنىڭىز بىلەن مېھمانخانىدا ئۈلۈپ كەتكەن بىر يىگىتنى ياخشى تۇنۇيسىزغۇ دەيمەن ...
ئەخمەتنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ئادىلە چۆچۈپ كەتتى ، بەدەنلىرىمۇ  بىلىنەر –بىلىنمەس تىترەيتتى .
ـ سىز....سىز ....سىز زادى كىم ؟
ـ ئەگەر خالىسىڭىز بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ تەپسىلىي پاراڭلاشساق بۇلامدۇ ؟ ـ ئەخمەت سىرلىق تۈستە ئادىلەگە قاراپ قويدى . ئادىلە ئۆزىمۇ بىلمەي  ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشتى . ئەخمەت ئادىلەنى  نەرگىزە ئىككىسى دائىم كىرىدىغان بىر قەھۋەخانىغا باشلاپ كىردى . ئادىلە  ئەخمەتنىڭ بايا دىگەن سىرلىق سۆزلىرىنى ئويلاپ ئۆزىنى يوقىتىپ قۇيايلا دىگەنىدى .
ـ مىنىڭ ئىسىمىم ئەخمەت ...ئۆزۈم بېيجىڭ تىل ئۇنۋىرسىتىتىدا ئۇقۇيمەن . ـ ئەخمەت ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغاچ  نەرگىزە بىلەن بولغان بارلىق ئىشلارنى تەپسىلىي قىلىپ سۆزلەشكە باشلىدى . ئادىلە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قالدى .
ـ سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي...سىڭلىڭىزنى قۇتۇلدۇرۋىلىڭ ـ ئەخمەت ئاخىرىدا ئۇنىڭغا يېلىنىپ تۇرۇپ ئېيتتى . پورتمالىنىڭ ئىچىدىن نەرگىزەنىڭ سۆرىتىنى ئېلىپ ئادىلەگە كۆرسەتتى . ئادىلە سۆرەتنى ئېلىپ ئۆزى بىلەن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىزنى كۆرۈپ  ئاغزىنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدى ، ھەتتا   ئۇلارنىڭ چاچلىرىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشايتتى .
ـ نەرگىزەگە ئەتە ئەڭ ئاخىرقى سوت ئېچىلىدۇ . ئەگەر سىز ئۇنى قۇتۇلدۇرۋالمىسىڭىز ئۇنىڭغا ئۈلۈم جازاسى بىرىلىشى مۇمكىن .ئۇنىڭغا بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز ...
ئادىلە ئەخمەتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ۋە بۇرۇن بۇلۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئويلاپ كۆزلىرىگە ياش كەلدى . شۇندىلا دادىسىنىڭ ئۇنى ئوغۇرلۇق قىلىشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشىنىپ يەتتى . ئۆز قوشكىزەك سىڭلىسنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن يۈرەكلرى پۇچۇلىنىپ ، بارلىق ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى بولغان ئۆزىدىن يىرگىنىپ كەتتى .
ـ بۇلىدۇ . سىز خاتىرجەم بۇلۇڭ . مەن چۇقۇم سىڭلىمنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىمەن .
ئادىلە شۇنداق دەپلا ئەخمەت بىلەن خوشلىشىپ ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى . سىرتتا يامغۇر تېغىچە توختىمىغان بۇلۇپ ، شارىلداپ يېغىشقا باشلىغانىدى .يىراقتا گۈلدۈرماما ئاۋازى ئاڭلاندى . ئاسماننى قاپقارا بۇلۇتلار قاپلىغان بۇلۇپ ،ياللىدە قىلىپ بىر چاقماق چېقىپ كەتتى . تۇيۇقسىز ئادىلە ۋارقىراپ كەتتى :
_ ياق ...ياق...ياق....

   
ياتاق ئىچىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى . ئادىلە ياتاقنىڭ چىرىغىنى يۇرۇتماي كارۋاتتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقتى ، بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەر ناھايىتى جىق بۇلۇپ ، ئۇنىڭ كۈلۈپ يۈرگەن كۈنلىرى بەكمۇ ئاز ئىدى .
_ نىمىشقىمۇ تۇغۇلغان بولغۇيتتۇم . مەندەك شور پىشانە قىز  ھازىرغىچە ياشاپ نىمە خوۋلۇقلارنى كۆرمىدىم . بۇنداق ياشىغىنىمدىن ئۆلۈپلا كەتسەم بولماسمىدى ؟ ....
ئادىلە ئۆز -ئۆزىگە شۇنداق دەپ  بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر كۈنلەرنى ئويلاپ كۆز ياشلىرىنى توختىتالمىدى . بۈگۈن ئەخمەت بىلەن كۈرۈشكەندىن بۇيان يەلكىسىنى خۇددى ئېغىر بىر تاغ بېسىۋالغاندەك بۇلۇپ قالغانىدى . خىياللىرىنىڭ ئايىغى چىقمايتتى  ، تۇرۇپ -تۇرۇپ ساراڭلاردەك چاچلىرىنى تارتىپ كىتەتتى .
_ قانداق قىلىشىم كىرەك ؟ ئۇ بالىنىڭ ئېيتقانلىرى راستمىدۇر ؟ راستنلا قوشكىزەك سىڭلىم بارمىدۇ ؟ ئۇ بىچارە سىڭلىم مېنىڭ ئورنۇمدا نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتقاندۇ ؟؟....
ئادىلە ئۆز -ئۆزىگە سۇئاللارنى ياغدۇراتتى . بۇ سۇئاللىرىغا قانداق جاۋاب تېپىشنى بىلمەي  قالغانىدى .   تۇيۇقسىزلا  ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئىش كىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇ ئۈستەل ئۈستىگە قۇيۇپ قويغان سومكىسىنى ئېچىپ ئاختۇرۇپ بىر كىچىك قەغەزنى ئالدى.
بۇ قەغەزدە  ئۈرۈمچىدە  ئادىلەنى ئۇچرىتىپ   ئۇنى نەرگىزەگە ئوخشتىپ قالغان قىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى بار ئىدى . ئادىلە تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ئۇ قىزنىڭ تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى كىرگۈزۈشكە باشلىدى .   تېلفۇندىن يېقىملىق مۇزىكا ، ئارقىدىنلا  :
_ ۋەي ،_ دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى . ئادىلە ئۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
_ ۋەي ، كىمۇ ؟
_ ياخشىمۇسىز ؟ سىز نەرگىزەنىڭ ساۋاقدىشى بۇلامسىز ؟ _ ئادىلە تېزلا ئۆزىنى ئوڭشىۋىلىپ سورىدى .
_ نەرگىزە ؟ قايسى نەرگىزە ؟
_ بېيجىڭدا ئۇقۇيدىغان نەرگىزەنىڭ .
_ ھەئە، شۇنداق. مەن نەرگىزەنىڭ تۇلۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشى بۇلىمەن . ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز ؟
_....
ئادىلە ئۈندىمىدى .
_ ۋەي ، سىز كىمۇ دەۋاتىمەن ؟؟
_...
_ ساراڭمۇ نىمە ؟ _ قىز شۇنداق دەپ تېلفۇننى قۇيۇۋەتتى ، ئادىلە بولسا تېلفۇننى قۇلىقىغا تۇتقىنىچە كارۋاتتا ئولتۇرۇپ قالدى . ئۇ ئەمدى نىمە قىلارىنى زادىلا بىلمەي قالغانىدى ، قىزنىڭ سۆزىدىن ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن بىر قوشكىزەك سىڭلىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى . بىردىنلا ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بۇلۇپ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى . شۇ تاپتا ئۇ ناھايىتى مۇھىم بولغان تاللاش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتاتتى ، ئەگەردە ئۇ ئەتە سوتقا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا  ئۆزىنىڭ مەمەتنى ئۆلتۈرۈپ قويغان جىنايىتى ئۈچۈن ئۈلۈم جازاسىغا ھۈكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى . لىكىن ئۇ سوتقا بارمىسا كۈرۈپمۇ باقمىغان سىڭلىسىنىڭ ھېچقانداق جىنايەت ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ  ئۈلۈم جازاسىغا  ھۈكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ زادىلا چىداپ تۇرالمىدى . ئۇ ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشۈۋاتقان  كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ ئەڭ ئاخىرقى قارارىنى چىقاردى . شۇندىلا ئۆزىنىڭ بۇ قارارىدىن مەمنۇن بۇلۇپ قاتتىق  ئىزىلىپ يىغلاپ كەتتى.   

_ خۇداغا شۈكرى ئوغلۇم ، مانا بارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتىسەن . مەسئۇل دوختۇر كىسىلىڭنىڭ بارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىنى ، سىنى يەنە بىر ھەپتە كۆزىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئەگەر باشقا مەسلە كۈرۈلمىسە كىلەر ھەپتە دوختۇرخانىدىن چىقىپ يۇرتقا قايتىپ ئارام ئالساڭ بۇلىدىكەن ،_ ئاينۇرخان ئانا كارۋاتتا يېتىپ گېزىت ئۇقۇپ تۇرغان ئادىلغا قاراپ ئېيتتى . ئانا ئوغلىنىڭ بارغانسىرى ياخشى بۇلۇپ كىتىۋاتقانلىقىدىن چەكسىز خۇشاللىقلارغا چۆمگەنىدى .
ئادىل ئانىسىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويدى .
_ ئانا ، ماڭا بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان كىشى ، ئادىلەنىڭ دادىسى بىلەن بىر كۆرۈشسەم بۇلاتتى ._ ئادىل ئانىسىغا قاراپ ئېيتتى.
ئاينۇرخان ئانا ئادىلنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ نىمە دىيىشىنى بىلمەي كۆزلىرىنى تېزلا ئۇنىڭدىن ئېلىپ قاچتى . بۆرىكىنى بەرگۈچىنىڭ ئادىل قورسىقىدا تېخى تۇغۇلمىغان ۋاقتىدا تاشلاپ كەتكەن ، يۈرىكىگە ئېغىر ئازاب يارىلىرىنى قالدۇرغان ئۆز دادىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتشنى زادىلا خالىمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادىل كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆز دادىسىنى ئۈلۈپ كەتتى دەپ بىلەتتى .  پولاتمۇ خېتىدە ئادىلغا بۇ ئىشلارنى ئېيتماسلىقنى تاپىلىغانىدى .
_ ئۇ ...ئۇ ... ئۇ ئادەم ھازىر دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتىپتۇ . سىنىڭ بىلەن بىرلا قېتىم كۈرۈشتى ، كىيىن مەنمۇ جىق كۆرىشەلمىدىم ، كىيىن بىلسەم ئۇ ئادەم دوختۇرخانىدىن بالدۇرلا  چىقىپ كىتىپتۇ _ ئاينۇرخان ئانا تېزلا يالغاندىن بىرنى تۇقۇدى .
_ ھەي ... ئۇ ئادەم بىلەن كۈرۈشۈپ ئادىلەنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان بولسام _ ئادىل ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى ،_ ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا بۇ چاققىچە ھايات....
ئاينۇرخان ئانا تېزلا ئادىلنىڭ ئاغزىنى تۇتۇۋالدى .
_ بۇنداق گەپلەرنى دىمە بالام ، يامان بۇلىدۇ . سىنىڭ كىسىلىڭنىڭ ياخشى بۇلۇپ كىتىشى   ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن دوختۇرلارنىڭ جاپالىق داۋالىشىدىن بولدى ئوغلۇم . ئەگەر سەندىن ئايرىلىپ قالسام مەنمۇ ياشاپ نىمە قىلاتتىم ..._ ئاينۇرخان ئانىنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى .ئادىل ئانىسىنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئويلىمايلا دىگەن گىپىدىن پۇشايمان قىلدى .
_ بولدى ، كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ئانا . مانا ياخشى بۇلۇپ كەتتىمغۇ ..
_ ئەمدى كىسىلىڭمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتتى بالام ، سەن ئوبدان بىلىسەن . مىنىڭ يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى . سەندىن ھېچنىمە تەلەپ قىلمايمەن ، شۇ كىچە -كۈندۈز ئويلايدىغىنىم ، كۆزۈم يۇرۇق ۋاقتىدا ئۆي -ئوچاقلىق بۇلساڭ ، نەۋرەمنى بېقىپ ئاخىرقى ئۆمرىمنى خۇشال ئۆتكۈزسەم ...
ئادىل ئانىسىنىڭ سۆزلىرىدىن بىردىنلا ئادىلەنى ئەسلەپ قالدى . يۈرىكىدىكى ئاشىقلىق ئوتى تېزلا ئۇلغۇيۇپ كۈيۈشكە باشلىغانىدى . تېخىچە ئادىلەنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىدىن بىئارام بۇلۇپ يۈرىكى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ئادىلەنىڭ دادىسىدىن سوراپ بىلىۋىلىشنى ئىستىگەنىدى ، ئەمدى ئۇ ئويلىرىمۇ يوققا چىقتى .
_ خاتىرجەم بۇلۇڭ ئانا . سىزنىڭ بۇ ئارزۇيىڭىزنى تىزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن . _ ئادىل شۇنداق دەپ ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى .

پولات دوختۇرخانىدىن چىقىپلا بېيجىڭغا قاراپ يول ئالغانىدى . ئۇ بېيجىڭ ئايرىدۇمىدىن چىقىپلا قەيەرگە بېرىشىنى بىلمەي قالدى . سائەت بېيجىڭ ۋاقتى 9 دىن ئاشقانىدى .  بېيجىڭدەك بۇ چوڭ شەھەردە ئادىلەنى قەيەردىن ئىزدەشنى ، ئۇنىڭ ئىزدېرىكىنى قەيەردە قىلىشنى بىلمەي بېشى قېتىپ كەتكەنىدى . شۇندىمۇ ئادىلەنى ئىزدەپ تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىۋاتاتتى . ئۇ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ ئۆزىنى بېيجىڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ  ئالدىغا ئاپىرىپ قۇيۇشنى ئېيتتى . ئۇ نەچچە يىل ئالدىدا بۇ يەرگە كەلگەندە بېيجىڭ خەلق تىياتىرخانىسى يېنىدىكى مېھمانخانىدا تۇرغانىدى ، ئۇ يەردە بىر مۇسۇلمانچە ئاشخانىمۇ بار ئىدى .
يېرىم سائەتلەردىن كىيىن پولات بېيجىڭ خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىدا تاكسىدىن چۈشتى . ئۇ تاكسىدىن چۈشۈپ  ھەيۋەت بىلەن ناھايىتى كۆركەم سېلىنغان تىياتىرخانىغا بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن ياندىكى مېھمانخانا ئىچىگە قاراپ ماڭدى .   

شەھىدە دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىدا چىرايلىق ياساندى . بۈگۈن بېيجىڭ يېزا -ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتىدىكى بىر تۇنۇشىنىڭ  دىسكۇخانىدا تۇغۇلغان كۈنى بولغانىدى .
_ ۋۇي ئاداش ، بۇنداق چىرايلىق ياسىنىپ سەپەر قاياققا ؟_ ياتاققا كىرگەن ساۋاقدىشى ئۇنىڭدىن سورىدى .
_ بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى  شۇ يەرگە بارىمەن . ھەراست ، سەنمۇ بارامسەن يا ؟ بىللە بارايلى ...
_ مەن يا ئۇ دوستۇڭنى تۇنۇمىسام ، كەچتە ئۈچ سائەت دەرس بار تېخى ...بولدىلا ئۆزۈڭ بارغىن .  كەچتىكى دەرسكە چىقمامسەن ؟
_ مېنى ئاغرىپ قېلىپ ياتاقتا يېتىۋاتىدۇ دەپ رۇخسەت سوراپ قويغىن ، بۈگۈن ئۇ يىغىلىشقا بارمىسام ھەرگىز بولمايدۇ .
_ بۇلىدۇ . ئەمىسە ياخشى ئويناپ بالدۇر يېنىپ كەل ، مەن كۇتۇبخانىغا چىقىپ كىرەي  _ ساۋاقدىشى ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ چىقىپ كەتتى .
شەھىدە چىرايلىق دەسسىگىنىچە ئۇنۋىرست دەرۋازىسىدىن چىقتى . تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ شەھەردە خېلى داڭقى بار دىسكۇخانىغا قاراپ  يولغا چىقتى . ئۇ دىسكۇخانىغا بېرىپ دوستلىرى بىلەن قانغۇچە ئوينىدى . ئۇلار ئۇيۇن -تاماشا بىلەن بۇلۇپ كىتىپ ۋاقىتنىڭ بۇنچە تېز ئۈتۈپ  كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەي قېلىشقانىدى . بىر چاغدا رىياسەتچىنىڭ بۈگۈنكى كەچلىك ئولتۇرۇش مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى ، دىگەن سۆزىدىن كىيىنلا  شەھىدە سائەتنىڭ 12 بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدى .
ھەممەيلەن سورۇندىن تارقاپ ئۆز مەكتەپلىرىگە قاراپ يولغا چىقتى . شەھىدەمۇ دوستلىرى بىلەن خوشلىشىپ ،ئۇلارنىڭ ئەتە كىتىڭ ،دىگەنلىرىگىمۇ قارىماي مەكتەپكە قاراپ يول ئالدى . ئۇ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا كەلگەندە تاكسدىن چۈشتى . ئەتراپ تىمتاس بۇلۇپ پۈتۈن ئەتراپنى جىمجىتلىق قاپلىغانىدى . شەھىدە ئالدىراش مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ئەمدى كىرەي دەپ تۇرىشى ياندىن بىر ئادەم چىقىپ كاپلا قىلىپ ئۇنى تۇتۇۋالدى . شەھىدە نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغىچە يەنە بىر ئادەم كىلىپ ئۇنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئەتكىنىچە سۆرەشتۈرۈپ ماشىنىغا ئېلىپ چىقتى . شەھىدە تىپىرلاپ قارشىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ ئۇلارغا كۈچى يەتمىدى .
ﺋﯘﻻﺭشەھىدەنى ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰبىر  ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻰ. شەھىدە  ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻳﺎﺵ ﺗﯚﻛﻪﺗﺘﻰ .
_ ماڭا رەھىم قىلىڭلار ئاكىلار ، مىنى قۇيۇۋىتىڭلار . مەن بىر ئوقۇغۇچى . _ شەھىدە ئۆزىنىڭ قارشىلىق قىلغىنى بىلەن بۇ يەردىن ساق چىقىپ كىتەلمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا يالۋۇرۇشقا باشلىدى .
_ ھا...ھا...بۇ ئەجەپ چىرايلىق پاسكىنا ئىكەن . چەتئەللىككە ئەجەپ ئوخشايدىكىنە ..._ دېدى ئارىدىن  سىمىز قورساق بىرسى سەت ھىجايغىنىچە .
_ ئۆزۈڭنى ئوقۇغۇچى دېدىڭما ؟؟ ئوقۇغۇچى تۇرۇپ يېرىم كىچىدە سىرتتا نىمە بار ساڭا ؟_ دېدى بىرى ئۇنى دۆشكەللەپ تۇرۇپ .
_ راست مەن ئوقۇغۇچى ،  ماڭا رەھىم قىلىڭلار . مېنى قۇيۇۋىتىڭلار ...سىلەردىن خوش بۇلۇپ قالاي ،_شەھىدە بەك قورقۇپ كەتكەنىدى . ئۇ توختىماي  يىغلىغىنىچە ئۇلارغا  يالۋۇراتتى .
_ ئاز گەپ قىلىپ كىيملىرىڭنى سال جالاپ ،_ دېدى بىرسى ئۇنى كارۋاتقا ئىتتىرىپ تۇرۇپ ،_بۈگۈن سىنىڭ تەلىيىڭ بار ئىكەن . بىز ئۈچىمىز كىچىچە سىنى ھۇزۇرلاندۇرۇپ قۇيايلى .
شەھىدە قارشىلىق قىلىشقا باشلىدى . سىمىز قورساق ئۇنىڭ ئاسان ئەيۋەشكە چۈشمەيدىغانلىقىنى بىلىپ كاچىتىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى .
شەھىدە مەجبۇرىي ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ. ئۈچى   ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ.  ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﺍﺭلىنىشلىرى، ﻗﺎﻗﺸﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭙﻤﯘ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ .
ﻗﯘﻳﺎﺵ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ. ئۇلار شەھىدەنى ئىتتىرىپ ،دۆشكەللەپ ماشىنىغا سېلىپ ،  ﺷﻪﮬﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ  قۇرلۇش قىلىۋاتقان ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﯟﯦﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. شەھىدە  ﺋﺎﭼﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﺋﺎﺯﺍﺑﺘﯩﻦ ﻣﺎﻏﺪﯗﺭﻯ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ تاكسىدىن بىرنى تۇسۇپ مەكتەپكە  ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻣﺎﯕﺪﻯ. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش توختىمايتتى ...

سوت داۋاملىشىۋاتاتتى . نەرگىزە ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ ھەربىر سۆزىنى زىھىن سېلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى .   
_ جاۋابكارنىڭ بارماق ئىزى بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ قورسىقىغا تىقىلغان پىچاقتىكى بارماق ئىزى شۇنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ تۇرۇپتىكى ، جاۋابكارنىڭ بۇ ۋەقەدە ھېچقانداق مەسئۇلىيتى يوق . بەزى گۇۋاھچىلارنىڭ ھەم جاۋابكارنىڭ دادىسىنىڭ  گۇۋاھلىق سۆزلىرى جاۋابكارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مەن باش سوتچى ئەپەندى ۋە سوتچىلارنىڭ ئەستايىدىل ئويلىنىپ جاۋابكار نەرگىزەنى گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن . _ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان نەرگىزە خۇددى ھازىرلا گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلىدىغاندەك باش سوتچىغا ئۈمۈدلىك كۆزلىرى بىلەن قاراپ قويدى .
_ باش سوتچى ، ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزلىرى جاۋابكارنىڭ گۇناھسىزلىقىنى كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ  . ھەممىمىز جاۋابكارنىڭ دۆلەت بۇيىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز . جاۋابكار بۇ ۋەقەنىڭ يۈز بىرىشىنى ئالدىنئالا پىلانلىغان . ئۇ چۇقۇم پىچاققا ئاۋال باشقا بىرىنىڭ بارماق ئىزىنى چۈشۈرگەن ، ئاندىن ئۆلتۈرۈلگۈچىنى دەل شۇ پىچاق بىلەن بارماق ئىزى چۈشۈرۈلمىگەن ھالەتتە قەبىھ ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۆلتۈرگەن . ئەپسۇس ، بۇ ئەقىللىق جاۋابكار ئۆزىنىڭ مېھمانخانا سىن ئاپراتىغا چۈشۈپ  قېلىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن .  مېھمانخانا تەمىنلىگەن سىن ئاپراتىدىكى جاۋابكارنىڭ ئېنىق چىرايى ھەم مېھمانخانا كۈتكۈچىسىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى جاۋابكارنىڭ بۇ ۋەقەنى پەيدا قىلغۇچى باش جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . ئالدىنقى قېتىملىق سوتىمىزدا جاۋابكارنىڭ دادىسى ئۇنىڭ يەنە قوشكىزەك ھەدىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ، لىكىن ئۇنىڭ قوشكىزەك ھەدىسى بۈگۈنكى ئاخىرقى سوتتىمۇ ئوتتۇرغا چىقمىدى . بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتلار ۋە جاۋابكارنىڭ دادىسنىڭ ئېيتقانلىرى پۈتۈنلەي ئويدۇرما . ئۇلار يالغان سۆزلەپ سوتنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغان ...شۇنىڭ ئۈچۈن باش سوتچى ۋە سوتچىلارنىڭ ئاقىلانە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۈكۈم چىقىرىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. _ ئەيىبلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى تۈگىشى بىلەن سوت ئىچىنى تىمتاسلىق قاپلىدى . ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات نۇرلان تاغىغا چۈشنىكسىز نەزىرىدە قاراپ قويدى .
_ سوتچى ئەپەندىم ، جاۋابكارنىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان ھەدىسىنىڭ بار ئىكەنلىكى ئېنىق . لىكىن ئۇ كىچىكىدىنلا يوقاپ كىتىپ تا ھازىرغىچە ئىز دېرىكى بولمىغان .قىسقىغىنا  بۇ بىر ھەپتە جەريانىدا بىز بار ئاماللارنى قىلىپ ئۇنى ئىزدىگەن بولساقمۇ تېغىچە تاپالمىدۇق . _ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات چۈشەندۈرۈپ ئېيتتى .

ئادىلە  سوتتا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ سىڭلىسىى نەرگىزەنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش قارارىغا كەلگەنىدى . ئۇ بىر كىچە كىرپىك قاقماي كۆپ ئويلاندى ، ئۇنىڭچە بولغاندا ھېچقانداق خوۋلۇق كۆرمىگەن بۇ ھاياتنىڭ ئۇنىڭغا كىرىكى قالمىغانىدى . سىڭلىسىنى مۇشۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇپ قېچىپ كىتىش بولسا ئۇنىڭ ياشاش پىرىنسىپىغا پۈتۈنلەي مۇخالىپ ئىدى . ئۇ ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىيالغا چۈكۈپ كەتكەنىدى .   ئۇ سوتقا بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلسا ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىنىدۇ ، لىكىن كىچىكىپ بولسىمۇ ئۆز دادىسىنىڭ مىھرىگە ئازراق قېنىۋالسا ، نىمە ئۈچۈن ئۆزىنى باشقا بىرىگە بىرىۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالسا ، ئەسكى بولسىمۇ دادىسىنى ، يەنە ...يەنە ئادىلنىڭ سىماسىنى ئەڭ  ئاخىرقى بىر قېتىم كۆرىۋالغان بولسا ئۇنىڭ ئارمىنى يوق ئىدى .ئۇ شۇندىلا بۇ قىسقىغىنە ھاياتىدىن رازى بولغان بۇلاتتى .
ئادىلە  ئەينەكتىن ئۆز سىماسىنى كۈرۈپ كۆڭلى بۇزۇلدى ، ھاياتتىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن ، نۇرسىز  ،يىغلامسىراپ تۇرغان كۆزلەر ئۇنىڭغا ئۈمۈدسىز ھالدا  تىكىلىپ تۇراتتى . ئۇ  قولياغلىق ئالماقچى بۇلۇپ كۆزلىرىنى سومكا ئىچىگە تىكتى  ، تۇيۇقسىز پۇرلىشىپ يىرتىلىپ كىتشكە ئاز قالغان بىر كىچىك قەغەزچە كۆزىگە چېلىقتى . ئۇ قەغەزنى ئېلىپ كۆردى ، كۆردىيۇ ، يۈرىكى دۈپپىدە قىلىپ سۇقۇپ كەتتى . قەغەز ئۈستىدە ئادىلنىڭ تېلفۇن نۇمۇرى يېزىقلىق تۇراتتى . ئادىل بىلەن دەسلەپ تۇنجى قېتىم ساقچىخانىدا كۈرۈشكەندە ئۇ ئۆزىنىڭ نۇمۇرىنى ئادىلەگە يېزىپ بەرگەن  .لىكىن ئادىلە تا مۇشۇ كەمگىچە بىرەر قېتىم ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرۇپ باقمىغان ئىدى . ئۇ تېلفۇن نۇمۇرىغا قاراپ ئادىل بىلەن  ئۆتكەن ئەھمىيەتلىك ، گۈزەل مىنۇتلارنى ئەسلەشكە باشلىدى . ئادىلنىڭ ئۇنىڭغا دىگەن ھەربىر سۆزلىرىنى ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ كۆڭلى بۇزۇلدى .  ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىۋىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ ، قەتئىي نىيەتكە كىلىپ ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇرماقچى بولدى . تېلفۇن نۇمۇرلىرىنى بېسىۋاتقان قوللار ئىختىيارسىز بىلىنەر -بىلىنمەس تىترەيتتى ، كۆزلەردىن بولسا ياشلار  يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى .
دەل شۇ چاغدا ئادىل ئۆزى يالغۇز كىسەل كارۋىتىدا تۇرۇسقا قاراپ ياتقىنىچە ئادىلەنى خىيال قىلىۋاتاتتى . ئادىلەنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغانلىقىدىن ئىچى پۇشۇپ ، ئادىلە ئۈچۈن ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىدىن ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ يانفۇنى ئەنسىز سايراشقا باشلىدى . ئۇ ناتۇنۇش نۇمۇرنى كۈرۈپ ھەيران قالدى   ، كۆڭلىدە بولسا تېلفۇن ئۇرغۇچىنىڭ ئادىلە بۇلۇپ چىقىشىنى تىلەپ ئۈمۈد بىلەن تېلفۇننى ئالدى .
_ ۋەي ، ئەسسلام ئادىل !
تېلفۇندىن چىقىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئادىلنىڭ يۈرىكى قاتتىق سۇقۇپ كەتتى ، تېلفۇندىن ئادىلەنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى .
_ سالام ئادىلە ، بۇ سىزمۇ ؟؟؟ _ شۇ تاپتا ئادىل خۇشاللىقىدىن نىمە قىلارىنى ، نىمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى .
_ ئاۋازىمنى بىر ئاڭلاپلا بىلىۋاپسىز ھە ؟ ! _ ئادىلە ئادىلنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران -ئاران تۇتۇپ تۇرماقتا ، شۇنداقتىمۇ ئادىلغا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بىلدۈرمەسلىك ئۈچۈن ئۆزىنى خۇشال تۇتۇشقا تىرىشماقتا ئىدى .
_ ئادىلە ، سىز ھازىر قەيەردە ؟ ماڭا ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىپ ئۆزىڭىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى ئېيتىپ بىرىڭ ، بۇلامدۇ ؟
_ ئاخىرقى قېتىم ؟_ ئادىلە بۇ سۆزلەرنى تەكرارلاپ ئېيتتى ، ئۇنىڭ يۈرىكى يىغلاۋاتاتتى ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن يىگىت ئۇنىڭدىن ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ راست گەپ قىلىشىنى ئۈتۈنىۋاتاتتى . ئادىلە شۇندىلا ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالماي قالدى .
ئادىل تېلفۇندىن ئادىلەنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى سىزىپ قالدى ، ئۇنىڭ يۈرىكىمۇ قاتتىق ئازابلانماقتا ، ئۆزى تۇلىمۇ ياخشى كۆرىدىغان قىز شۇنچە ئۇزۇندىن كىيىن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلغىنىدىن شادلىققا چۈمۈپ خۇشاللىق ياشلىرىنى تۆكمەكتە ئىدى .
_ ئادىل ...مەن ..مەن ھازىر بېيجىڭدا ،_ ئادىلە يىغلامسىراپ تۇرۇپ ئېيتتى ،_ سىزگە ئاخىرقى قېتىم راست گەپ قىلاي ئادىل . مەن بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويدۇم . شۇ تاپتا تېلفۇندا سىزگە بۇ ئىشلارنى قانداق چۈشەندۈرۈشنى ، قانداق ئېيتىشنى بىلمەيۋاتىمەن . شۇنداقتىمۇ سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىۋالغىنىمدىن ئۆزەمنى چەكسىز خۇشال ھىس قىلىۋاتىمەن .  بىردەمدىن كىيىن سوتقا بېرىپ ئۆزەمنى مەلۇم قىلىمەن . بەلكىم ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا ئۈلۈم جازاسى بىرىشى مۇمكىن . سىزنى ئەمدى كۆرەلمەيدىغان ، ماڭا ئۈمۈد ، ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغان سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلىيالمايدىغان بولدۇم . مېنى كەچۈرۈڭ ئادىل ، مەندەك گۇناھ پاتقىقىغا پاتقان ، ئاجىز بىر قىزنى كەچۈرۈڭ . ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . خوش ...
ئادىل ئادىلەنىڭ ھەربىر سۆزلىرىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلاۋاتقان ئىدى ، ئادىلەنىڭ ئاخىرىدا خوش دەپلا ئۆزىگە سۆزلەش پۇرسىتى بەرمەي تېلفۇننى قۇيۇۋەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئازابلاندى . ئۇنىڭغا قايتۇرۇپ تېلفۇن ئۇرغانىدى ، ئادىلەنىڭ تېلفۇنى ئىتىك چىقتى  . ئادىلەنىڭ بايا ئېيتقان سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئادىلنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىشكە ، يۈرەكلىرى بولسا بىرسى زەربە بىلەن پىچاق تىقىۋەتكەندەك ئېچىشىشقا باشلىدى . ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەي قاتتىق ئاۋازدا توۋلىۋەتتى :
_ ياق ...ياق ...بۇ مۇمكىن ئەمەس ! ياق ، ئادىلە !!!!!

پولات ئەتىگەن  سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ يۈز -كۆزلىرىنى يۇيدى . قورسىقىنىڭ ئېچىپ كىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ يېقىن ئەتراپتىكى مۇسۇلمانچە ئاشخانىغا بېرىپ تاماق يىيىش ئۈچۈن ماڭدى . بېيجىڭ خەلق تىياتىرىنىڭ ئۇدۇلىدا بېيجىڭ خەلق سوت مەھكمىسى بار ئىدى ، ئۇ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا قاتار -قاتار  توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنىلارنى ، نۇرغۇن   كىشىلەرنىڭ توپلىشىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئەجەبلىنەرلىك نەزىرى بىلەن قاراپ قويدى .
ئادىلە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئادىل بىلەن تېلفۇندا كۈرىشىۋالغىنىدىن بولسىمۇ خۇشال بولغانىدى .ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باغرى ئىزىلىپ كەتتى . ھەممىدىن نەرسىدىن ، ھەممە كىشىلەردىن ، ئۆزى شۇنچە ئىنتىلىپ تۇرسىمۇ ئەمما ئاراملىق بەرمەيۋاتقان بۇ رەزىل رىئاللىقتىن ئۈمۈد ئۈزۈپ سوت مەيدانىغا قاراپ يولغا چىقتى .  ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان قوشكىزەك سىڭلىسىنى ، ئۆز دادىسىنى كۈرۈشكە ئىنتىزار بولغان يۈرەكلىرى ئەنسىز سالاتتى ، خۇددى كۆكرەك قەپىسىدىن  ھازىرلا ئېتىلىپ چىقىپ كىتىدىغاندەك دۈپۈلدەيتتى .
ئادىلە تاكسىدىن چۈشۈپ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىدە پۇتلىرى تىترەپ ئۆزىنى زادىلا باشقۇرالماي قالدى . ئۇ ئاچچىق رىئاللىق ئالدىدا قىينىلىۋاتقان ئىدى ، شۇنچە خورلۇقلارنى ، ئازابلارنى تەقدىم ئەتكەن بۇ ھاياتىنىڭ، تەقدىرىنىڭ  ئۇنىڭغا بۇنداق چاقچاق قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى . ئۇ شۇنداقتىمۇ ئۆزىنى سالماق تۇتۇشقا تىرىشتى ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىۋاتقان بۇلۇپ، پۇت -قوللىرى تۇلىمۇ جانسىز ئىدى .   
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن ئادىلە چوڭقۇر نەپەسلەرنى ئېلىۋالدى .
_ ئادىلە ، ئادىلە !
ئۇ ئەمدى كىرەي دەپ ئىككى قەدەم ئېلىشىغا ئارقىسىدىن ئاڭلانغان تۇنۇش ئاۋاز ئۇنى توختىتىپ قويدى . ئادىلە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى .  پولات  ھاسىرغان ھالدا ئۇنىڭغا تەلمۈرگىنىچە قاراپ تۇراتتى .
_ دادا ! _ ئادىلە پولاتنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ باردى ، پولات ئۇزۇندىن بېرى تاپالمايۋاتقان ، ئىز -دېرىكىنى ئالالمايۋاتقان قىزىنىڭ تۇيۇقسىزلا ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ قالغانلىقىدىن خۇشال بۇلۇپ ئۆزىنى تۇتالمايلا قالغانىدى ، ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياشلار تۈكۈلەتتى  ، ئادىلەنىڭ باشلىرىنى مېھىر بىلەن سىلايتتى .
_ جېنىم قىزىم ، سېنى ئاخىرى تېپىۋالدىم .
شۇتاپتا ئادىلەنىڭ ئاغزىغا ھېچنىمە كەلمەيۋاتاتتى ، ئۇ ئۆكىسگىنىچە پولاتقا ئېسلىپ قاتتىق يىغلاۋاتاتتى .
_ يىغلىما قىزىم ، يىغلىما . ئەمدى سېنىڭ يىغلىغان ھالىتىڭنى ، ئازابلىنىشىڭنى كۆرۈشنى خالىمايمەن . بۇندىن كىيىن ساڭا پۈتۈن بارلىغىمنى ئاتايمەن . مەن بىر يارىماس ، ئىپلاس دادا . مېنى كەچۈرگىن . مېنى كەچۈرگىن ...._  پولات يىغلامسىراپ تۇرۇپ  ئادىلەنىڭ ئۆزىنى كەچۈرۋىتىشىنى ئېيتتى .
_ مەن سىزنى ئاللىبۇرۇن كەچۈرۋەتكەن . ھېچقاچان سىزدىن خاپا بۇلۇپ  باقمىدىم .
_ رەھمەت قىزىم ...رەھمەت ... ئەمدى سېنى مەجبۇرلايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايمەن . سېنى كۆز قارچۇقىمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن ...
ئادىلە پولاتنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ قاتتىق تەسىرلەندى .ئۆزىنى چۈش كۈرىۋاتقاندەك ،ھېلىلا چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدىغاندەك سىزىشكە باشلىدى .
_ ئاخىرقى قېتىم ...ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ...ئۇلۇغ ئاللاھ ساڭا رەھمەت . ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ مېنىڭ ئارزۇلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنىڭغا رەھمەت ..._  ئادىلە تۆۋەن ئاۋازدا پىچىرلىدى ، پولات ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ئۇنىڭغا مىھرىبانلارچە تىكىلدى .
_ دادا ، سىزدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار . ماڭا راست گەپ قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ..._ ئادىلە كۆزلىرىدىكى ياشلارنى قۇلى بىلەن سۈرتكەچ ئېيتتى .
_ ئېيت قىزىم ، ئېيتقىن ... قانداق گىپىڭ بولسا دىگىن ... مەن چۇقۇم ساڭا راست گەپ قىلىمەن .
_ مەن سىزنىڭ ئۆز  قىزىڭىز ئەمەس ، شۇنداقمۇ ؟؟؟ _ ئادىلە كۆزلىرىنى پولاتقا تىكتى.
_ بۇ ...بۇ ...قىزىم ..._ پولات نىمە دىيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى .
_راستنى ئېيتىڭ دادا ، سىزدىن ئۆتۈنەي ...
_ شۇنداق قىزىم . سەن مېنىڭ ئۆز قىزىم ئەمەس . مەن سىنى كىچىكىڭدە بېقىۋالغان ..._ پولات بۇلارنى دەۋاتقاندا ئادىلەدىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ قالىدىغاندەك ھىس قىلىپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ كەتتى  ،_ مېنى كەچۈر قىزىم ، ئەسلى ساڭا ئۇنداق مۇئامىلە قىلمىسام بۇلاتتى ، مېنى كەچۈر . مەندەك ئازغۇننى كەچۈر ....
_ رەھمەت دادا ...رەھمەت .. ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ماڭا راست گەپ قىلغىنىڭىزغا ، ئۆزىڭىزنىڭ خاتا قىلغىنىڭىزنى تۇنۇپ يەتكىنىڭىزگە رەھمەت .  لىكىن ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى ، ھەممىسى ئاخىرلاشتى . _ ئادىلە ئەلەم بىلەن شۇنداق دېدى .
_ ياق قىزىم ،  ئاخىرلاشمىدى ، ئاخىرلاشقىنى يوق ...ئەمدى بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى ...
_ دادا ، مەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم ! _ ئادىلە ئاۋازىنى چىقىرىپ يىغلىۋەتتى ، رەھىمسىز رىئاللىقنىڭ ئاچچىق ئازابلىرى ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى قۇرت غاجىلىغاندەك ئازابلاۋاتاتتى . پولاتنىڭ كۆزلىرى چەكچەيدى ، ئادىلەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھۇشىدىن كىتىشكە تاسلا قالدى .
_ نىمە دەۋاتىسەن قىزىم ، مەن ھېچنىمىنى چۈشەنمەيلا قالدىمغۇ ؟؟ ....
_ دادا ...

ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات باشلىرىنى سىلكىپ ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى ، سوتتا ئولتۇرغان بارلىق كىشىلەر بۇ چىرايلىق قىزغا ئۈلۈم جازاسى بىرىلىدىغانلىقىنى بىلىپ قايغۇغا چۈكۈشكەنىدى . سوت ئىچى ھەتتا چىۋىن ئۇچۇپ يۈرسىمۇ ئاڭلانغۇدەك دەرىجىدە جىمجىتلىققا چۆكتى . نۇرلان ئاكا قىزىنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قسىمەتلەرگە بەرداشلىق بىرەلمەي ھۇشىدىن كەتكەنىدى . بىر نەچچە كىشىلەر ئۇنى سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
_ جاۋابكار نەرگىزە سوت يېپىلىشتىن بۇرۇن دەيدىغان قانداق سۆزلىرىڭىز  بار ؟؟؟
باش سوتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان نەرگىزە ھەممەيلەنگە بىرقۇر قاراپ چىقتى ، دادىسىنىڭ بۇ ئازابلارغا بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ ئىچ -ئىچىدىن چىقىرىپ يىغلاپ كەتتى . ئۆزىنىڭ ھېچقانداق گۇناھ   ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ بۇ  پىشكەللىكلەرگە يۇلۇقىۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا بۇ ئادالەتسىز تۇرمۇشتىن غەزەپلىنىپ چىشلىرى غۇچۇرلايتتى .
_ دا...دا.... ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ ... مەن ...مەن ... _ نەرگىزە مۇشۇلارنى دەپلا باشلىرى قېيىپ ئۆزىنى كونترول قىلالمايلا  يىقىلىپ چۈشتى ، ئۇ ھۇشىدىن كەتكەنىدى .

ئادىلە بولغان ئىشلارنى بىرمۇ -بىر پولاتقا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى ، مەمەتنىڭ قىلتاق قۇرۇپ داداڭنى كۆرسىتىمەن ،دەپ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغانلىقىنى ، كىيىن ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا پىچاق تىقىۋەتكەنلىكىنى ....ھەممىنى ...ھەممىنى سۆزلەپ بەردى . پولات بۇلارنى ئاڭلاپ ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بۇلۇپ ، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ لەسسىدە بۇلۇپ قالدى .
_ ئۇ ئىپلاس ، مېنىڭ بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتتىمۇ ؟؟؟ _ پولات يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراپ كەتتى .  ئادىلە ئۈندىمىدى .
_ قىزىم ، كەلگۈلۈك كەپتۇ . سەندىن ئۆتۈنەي ، ئۆزۈڭنى مەلۇم قىلمىغىن ، بىز باشقا يەرگە ، ساقچىلار بىزنى تاپالمايدىغان يىراق يەرلەرگە قېچىپ كىتەيلى ...
_ ياق دادا ... مەن ئۇنداق قىلالمايمەن . گەرچە بىرەر قېتىم بولسىمۇ كۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ ، بىر قورساقتىن بولغان ئۆز سىڭلمنى بۇ ئازابلارغا قۇيۇپ قېچىپ كىتەلمەيمەن . مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ . مەندەك قىزىڭىز بار ئىكەنلىكىنى ئېسىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ ...._ ئادىلە شۇنداق دەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىچىگە ئۆزىنى ئاتتى .
- قىزىم ، ئۇنداق ئەخمىقانىلىك قىلمىغىن ..._ پولاتنىڭ ئاۋازى ھاۋادا لەيلەپ قالدى .
_ گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزلىرى ، ساقچى تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئىسپات -ماتىرياللىرىغا ئاساسەن ، سوتىمىز شۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇكى ، جىنايەتچى نەرگىزە ..._  باش سوتچى نەرگىزەگە ئاخىرقى ھۈكۈمنى ئېلان قىلىۋاتاتتى . تۇيۇقسىز سوت مەھكىمىىسىنىڭ ئىشىكى قاتتىق ئېچىلىپ ئادىلە كىرىپ كەلدى .
_ توختاپتۇرۇڭلار ... ھەقىقىي قاتىل دەل مەن !!!!
ئادىلە ئىشىكتىن كىرىپلا يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى ، ھەممەيلەن باشلىرىنى بۇراپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراشتى . ئىشىك تۈۋىدە جاۋابكار نەرگىزە بىلەن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش بىر قىز تۇراتتى ،پەقەت ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىلا بىر -بىرىدىن پەرقلىنىپ تۇراتتى .  سوتقا قاتنىشىپ تۇرىۋاتقان ھەممەيلەن   ھەيرانلىقتىن ئاغزىنى ئېچىپ قېلىشتى  . مۇخبىرلار تۇشمۇتۇشتىن كىلىپ ئادىلەنى سۆرەتكە تارتماقتا ئىدى .
باياتىن بېرى ھۇشىدىن كەتكەن نۇرلان ئاكا ھۇشىغا كەلگەنىدى ، ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرغان قوشكىزەك قىزى نەفىسەنى كۈرۈپ يۈرەكلىرى خۇشاللىقتىن يېرىلىپ كىتىشكە تاسلا قالدى .ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ توپنى يېرىپ چىقىپ قىزى ئادىلەنىڭ ئالدىغا قاراپ يۈگۈردى .
_ مېنىڭ قىزىم ، نەفىسە ! جېنىم قىزىم ....
ئادىلە ئۆزىگە قاراپ كىلىۋاتقان نۇرلان ئاكىنى كۈرۈپ يۈرىكى ئۆزىمۇ تۇيمىغان بىرخىل تۇيغۇلار ئىلكىدە ئاچچىق تولغاندى ، ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان دادىسىنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى .
_ جېنىم قىزىم . مېنىڭ يۈرەك پارەم ..._ نۇرلان ئاكا ئادىلەنى باغرىغا چىڭ بېسىپ توختىماي يىغلايتتى . ئادىلە بولسا قېتىپ قالغان ھەيكەلدەك ئورنىدا مىدىر قىلماي تۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى جاۋابكار ئورنىدا تۇرغان ئۆزى بىلەن قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشاش سىڭلىسى نەرگىزەگە چۈشكەنىدى . نەرگىزەنىڭ كۆزلىرى يىغىدىن ئىشىپ قىزىرىپ كەتكەنىدى . ئادىلە بۇلارنى كۈرۈپ ئىچ -ئىچىدىن ئازابلىنىپ كەتتى . نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بۇ ئىشلارنى بىلمەي سىڭلىسى نەرگىزەنى قاتتىق ئازابلارغا ، دەرتلەرگە قويغىنىدىن ئۆز -ئۆزىنى ئەيىبلىمەكتە ئىدى .
_ ھەدە .. جېنىم ھەدە ! _ نەرگىزەنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان ئاۋازى سوت مەيدانىدا ئەكس سادا بۇلۇپ جاراڭلايتتى . ھەممەيلەن بۇ ئىككى قوشكىزەك ھەدە-سىڭللارغا ئەجەبلىنىش ئىلكىدە قارايتتى ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيتتى .
_ سوت مەيدانىنى قالايمىقان قىلماڭلار !!! _ باش سوتچى ئۈستەلگە قاتتىق بىرنى ئۇرۇپ قۇيۇپ ئېيتتى ،_ سوتىمىزنى داۋام قىلايلى !

_ ئوغلۇم ، بۇنداق قىلساڭ قانداق بۇلىدۇ ؟ سالامەتلىكىڭ تېخى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كىلىپ بولمىغان تۇرسا ... ئۇنداق قىلمىغىن . يەنە بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ دوختۇرخانىدا داۋالانغىن ...._ ئاينۇرخان ئانا ئادىلغا  توختىماي يالۋۇراتتى  . ئادىل ئادىلەنىڭ تېلفۇنىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىنلا دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ بېيجىڭغا ئۇنى ئىزدەپ بارماقچى بولغانىدى .
_ جېنىم ئانا ... مۇشۇ بىرلا قېتىم مېنىڭ تاللىشىمغا يول قۇيۇڭ . مەن ئادىلەنى قەيەردىن بولسىمۇ ئىزدەپ تاپمىسام بولمايدۇ . ئۇنىڭ مۇشۇنداقلا ئۆزىنى ۋەيران قىلىۋىتىشىگە مەن چىداپ تۇرالمايمەن . ماڭا ئاق يول تىلەڭ ....
ئاينۇرخان ئانا ئوغلىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ سۆزىنى رەت قىلالمىدى ، لىكىن ئۇنىڭ دوختۇرلارنىڭ رۇخسىتىسىزلا دوختۇرخانىدىن ئايرىلىپ سالامەتلىكىگە تەسىر يىتىشىنى خالىمايتتى .
_ بوپتۇ بالام ، بارغىن .. مەن نىمىمۇ دىيەلەيتتىم . لىكىن مېنىمۇ ئېلىۋالغىن . مەنمۇ باراي ..._ ئوغلىنىڭ يالۋۇرۇشلىرىغا چىداپ تۇرالمىغان ئانا ئۇنىڭ سۆزىگە قۇشۇلدى .   
ئادىل ئانىسى بىلەن ئۈرۈمچى ئايرىدۇمىغا قاراپ يولغا چىقتى . ئادىل شۇ تاپتا ئادىلەنىڭ ئۆزىنى  مەلۇم قىلىپ ، ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيتتى ، كۆزلىرىدىن بولسا ياش تامچىلىرى سىرغىپ چۈشەي دىگەنىدى .

- ئىسمىڭىز ؟
_ ئادىلە .
_ كەسپىڭىز ؟
ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات ئادىلەنى سوراق قىلىۋاتاتتى . ئادىلە بۇ سۇئالغا نىمە دەپ جاۋاب بىرىشىنى بىلمەي قالدى ، باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى ئوغرى دەپ ئاتاشنى توغرا كۆرمىدى .
_ سىزدىن سوراۋاتىمەن ، كەسپىڭىز ؟_ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات جىددىي تەلەپپۇزدا سورىدى .
_ بىكارچى .
- ئۆلگۈچى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار ؟؟
_ ئۇ ئىلگىرى بىزنىڭ قوشنىمىز ئىدى .
_ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلگۈچىنى ئۆلـتۈرگەنلىكىڭىزنى  تەن ئالامسىز ؟؟؟
ئادىلە بۇ چاغدا ھەممەيلەنگە تەكشى نەزەردە قاراپ چىقتى . سىڭلسى نەرگىزەگە بولسا ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن جىلۋە قىلىپ قويدى ، ئۇنىڭ يۈرەكلىرى لەختە -لەختە بۇلۇپ كەتكەنىدى . رەھىمىسز رىئاللىق ، .ئاچچىق ھايات ...
_ شۇنداق . تەن ئالىمەن _ ئادىلە كەسكىن ھالدا جاۋاب بەردى ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئاللىقانداق ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى بىلىنىپ تۇراتتى.  سوت ئىچىنى جىمجىتلىق قاپلىدى ، ھەممەيلەن ئادىلەنىڭ ئاغزىغا قاراپ قېتىپ قېلىشقانىدى .
- ئۆلگۈچىنى نىمە ئۈچۈن ئۆلتۈردىڭىز ؟؟؟ زادى نىمە  سەۋەب سىزنى ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى ؟؟؟
_ ئۇ كۈنى سىرتقا نەرسە -كىرەك سېتىۋالغىلى چىقىپ كەچكە يېقىن ياتاققا قايتىپ  ماڭدىم . تۇيۇقسىز ئالدىمدا مەمەت پەيدا بۇلۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بېقىۋالغان دادام بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىم . ئۇ ماڭا دادام بىلەن بىرگە مېنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى ، دادامنىڭ ئېغىر كىسەل بۇلۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ دادام بىلەن كۈرۈشۈش ئۈچۈن مەمەتكە ئەگىشىپ مېھمانخانىغا كەلدىم . ياتاققا كىرىپ كەلگىنىمدە بولسا ئۇ ماڭا رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىدى . شۇندىلا ئۇنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەنلىكىمنى بىلىپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم ، ئۇ   بارغانسىرى يېقىنلاپ ماڭا چېقىلماقچى بولدى ، مەن ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلدىم . ئۇ ئۆزىنىڭ رەزىل مەقستىگە يىتىش ئۈچۈن يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا تەھدىت سالدى ، مەن قاچماقچى بۇلۇپ ئىشىك تەرەپكە يۈگۈرۋىدىم ، ئۇرۇندۇققا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتۈم . ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئېغىرلىقى بىلەن مېنى بېسىۋىلىپ ئۇ يەر -بۇيەرلىرىمنى تۇتۇشقا باشلىدى . بۇ خورلۇقلارغا زادىلا چىداپ بۇلالماي ، غەززەپ بىلەن ئۇنىڭ قۇلىنى چىشلىۋالدىم . ئۇ ۋايجانلىغىنىچە يېتىپ قالدى ، قۇلىدىكى پىچاقمۇ چۈشۈپ كەتتى . مەن تېزدىن پىچاقنى قۇلۇمغا ئېلىۋىلىپ ئۆزۈمنى قوغدىماقچى بولدۇم .  ئۇ كۆزلىرىدىن قان -ئۇچقۇنلارنى چاچراتقىنىچە ماڭا ئېتىلىپ كەلدى ، قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكىمدىن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ پىچاقنى ئۇنىڭغا شىلتىدىم . ئويلىمىغان يەردىن پىچاق ئۇنىڭ قورسىقىغا كىرىپ كەتتى ، ئۇ قورسىقىنى تۇتقىنىچە يەردە يېتىپ قالدى . مەن بۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان دەقىقىدە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ئۆزۈمنى يوقىتىپلا قويدۇم . ئۇنىڭ قورسىقىدىن قانلار سىرغىپ ئېقىپ چىقىۋاتاتتى ، مەن ئۇنىڭ يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ قېلىشىدىن ، يەنە كىلىپ ھېچنىمىنى ئويلىماستىن قېچىپ كېتىشنى ئويلاپ قۇلۇمدىكى پىچاقنى تاشلىۋىتىپ قېچىپ كەتتىم . مەن ئۇنىڭ ئۈلۈپ كىتىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدىم ، نەچچە كۈنلەردىن بېرى بۇ ئىشلار كاللامغا كىرىۋىلىپ زادىلا ئارامىمنى قويمىغان ، ئالدىنقى كۈنى بىر ئەخمەت ئىسىملىك بالىدىن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلارنى ئاڭلاپ ، ئۆز سىڭلىمنىڭ خاتا ھالدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئازابلاندىم . ئاخىرى بۈگۈن ئۆزەمنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن كەلدىم ، مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن . شۇڭا ماڭا ئۈلۈم جازاسى بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .... _ ئادىلە يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشلارنى بايان قىلدى . ھەممەيلەن پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىماقتا ئىدى .
_ باش سوتچى ئەپەندىم ، جاۋابكار ئۆزىنىڭ مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل ئىكەنلىكىنى ....
_ ئۇنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن ! _ ئىشىك تەرەپتىن يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىلغان بۇ ئاۋاز ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزلىرىنى توختىتىپ قويدى . سوتقا قاتنىشىۋاتقان ھەممە كىشىلەر بۇرۇلۇپ ئىشىك تەرەپكە قاراشتى ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ يىغلامسىراپ تۇرغان ئادىلەمۇ بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىدى ، قارىدىيۇ ، ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي چۈچۈپ كەتتى . پولات كۆزلىرىدىن بىلگىلى بولمايدىغان بىرخىل ئۇچقۇنلارنى چاچراتقىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى . سوت ئىچىنى يەنە قالايمىقانچىلىق قاپلىدى .
_ دىققەت ، دىققەت ! _ باش سوتچىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتىلغان ئاۋازىدىن كىيىن ھەممەيلەن بۇ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كىتىۋاتقان قاتىللىق ئەنزىسىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا قىزىقىپ سوتچىلارغا قارىدى .
_ ئۆزىڭىز كىم بۇلىسىز ؟؟ _ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات پولاتتىن سورىدى .
_ مەن ئادىلەنىڭ بېقىۋالغان دادىسى بۇلىمەن . _ پولات بۇلارنى ئېيتىۋىتىپ ئادىلەگە ناھايىتى بىچارە قىياپەتتە بىر قېتىم قارىۋالدى ، ئادىلە ئويلىمىغان يەردىن دادىسىنىڭ بۇنداق دىيىشىنى ھېچ چۈشىنەلمەي بېشى قېتىپ قالغانىدى ، شۇ تاپتا ئۇ ھېچنىمىنى ئويلىيالمايۋاتاتتى ...
_ مەمەتنى ئۆلتۈرگەن ھەقىقىي قاتىل دەل مەن ! _ پولات يۇقىرى ئاۋازدا يەنە بىر قېتىم ئېيتتى  ،_ ئۇ كۈنى مەن مەمەت بىلەن قىزىم ئادىلەنى ئىزدەپ بېيجىڭغا كەلگەن ئىدۇق . كىيىن ئۇ ئايلىنىپ كىرەي دەپ سىرتقا چىقىپ كەتتى . مەنمۇ ياتاقتا يالغۇز يېتىپ زىرىكىپ قالغاچقا ئايلىنىپ كىرىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىپ كەتتىم . كەچكە يېقىن ياتاققا يېنىپ كىرسەم مەمەت قورسىقىنى تۇتقان ھالدا ئىشىك ئالدىدا يېتىپتۇ . مەن نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلمەي چۆچۈپ كەتتىم . ئۇنىڭدىن نىمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام ، ئۇ پەقەت ‹‹ ئادىلە ، ئادىلە دىگەن بۇزۇق ....ئۇ ...›› دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى . مەن قىزىم ئادىلەنىڭ  سەۋەبسىزلا ئەخمىقانە ئىش قىلمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم . ئۇنىڭ گىپىدىن ئىشنىڭ ئەسلى ماھىيتىگە يەتكەندەك بولدۇم . ئۇنىڭدىن قىزىم ئادىلەنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى سورىسام ، ئۇ جاۋاب قايتۇرمىدى . مەنمۇ جىلە بۇلۇپ تۇراتتىم . شۇ ۋاقىتتا ئاچچىقىمنى باسالماي يەردىن پىچاقنى ئېلىپ ئۇنىڭ قورسىقىغا پىچاق كىرىپ كەتكەن يەرگە قايتا كۈچەپ بىرنى تىقىۋەتتىم . ئاندىن مەنمۇ نەرسىلىرىمنى ئېلىپ ياتاقتىن ئايرىلدىم .
_ ھا...ھا...ھا..._ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات پولاتنىڭ گىپىدىن كىيىن قاتتىق كۈلۈپ كەتتى . ئادىلە پولاتنىڭ دىگەنلىرىنى ھېچ چۈشىنەلمەي ھەم نىمە ئىشلار بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالماي كۆزلىرىنى پولاتقا تىككىنىچە قېتىپ قالغانىدى .
_ ئەپەندىم ، سىز بىزنى ناھايىتى دۆت  ، قانۇننى ھېچنىمىگە ئەرزىمەس چاغلاپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟ _ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات كۆزلىرىنى پولاتقا تىكىپ تۇرۇپ كەسكىن ئاۋازدا  ،_ سىزنىڭ مېھمانخانىغا كىرگەنلىكىڭىزگە ، ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭىزگە گۇۋاھ بۇلىدىغان گۇۋاھچى بۇلىشى كىرەك . ئۇنىڭ ئۈستىگە نەق مەيدان پاكىتلىرى ھەم گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزلىرى ھەقىقىي قاتىلنىڭ دەل ئادىلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ . سىز سوتىمىزنى قالايمىقان قىلماڭ .
باياتىن بېرى پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىدىن كىيىن ئورنىدىن تۇرۇپ سوتچىدىن سۆز قىلىشقا رۇخسەت ئالدى .
_ ھۆرمەتلىك سوتچى ، ھاياتلىق ھەممە ئادەم ئۈچۈن ناھايىتى قەدىرلىك ، كىم بولسۇن بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسەمكەن دەپ ئويلايدۇ . بىزنىڭ قانۇنىمىز ناھايىتى ئادىلدۇر . جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەر قانۇننىڭ تورىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ . ئەمما قانۇن ھەرگىز بىر بىگۇناھ ياش قىزنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ قويمىسۇن . بۇ كىشى ئۆزىنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئىقرار بۇلۇپ ، ئۆز قىلمىشىغا توۋا قىلىۋاتىدۇ . لىكىن بىزنىڭ ئەقىللىق ئادۇۋكاتىمىز ئاللىقانداق سەپسەتىلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ سوتىمىزنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ . مەن بۇ كىشىدىن بىر قانچە سۇئاللارنى سورىماقچىمەن .
_ مەن قارشى ،_ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات ئۆزىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكاتنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدى .
_ قارشىلىق ئىناۋەتسىز ! _ باش سوتچى يۇقىرى ئاۋازدا ئېيتتى  ،_ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات ، سۇئالىڭىزنى داۋام ئەتسىڭىز بۇلىدۇ .
_  سىز ئۆزىڭىزنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىڭىزگە ئىقرار بولدىڭىز . دىمەك ، ئۆزىڭىزنىڭ قانداق جازاغا ھۈكۈم قىلىنىدىغانلىقىڭىزنى ياخشى بىلىسىز ، شۇنداقمۇ ؟
_ شۇنداق ...._ پولات بېشىنى يىنىك لىڭىشتى .
_  سىن ئالغۇدىكى كۈرنۈشتە سىزنىڭ ياتاققا كىرىپ چىققان كۈرنۈشىڭىز چىقمىغان ، بۇنىڭغا نىمە دەيسىز ؟؟
_ مەن ...مەن .._ پولات ئەمدى نىمە دىيىشىنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇشقا تىرىشتى .
_ شۇ كۈنى مەن ياتاققا  بەك كەچ قايتقان ئىدىم  ، سىن ئالغۇنىڭ ئىشىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق .
_ياخشى ...ياخشى ..._ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات مەمنۇنلۇق چىقىپ تۇرغان كۆزلىرى بىلەن سوتتىكىلەرگە  بىر قۇر  قاراپ چىقىپ  ، _  باش سوتچى ، مەن مېھمانخانىنىڭ سىن ئالغۇ كۈرنۈشىنى قايتا بىر تەكشۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىمەن _ دېدى .
ئەمىلىيەتتە ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات سىن ئالغۇ كۈرنۈشىنى قايتا -قايتا كۆرگەن ، سىن ئالغۇ كۈرنۈشىدە  قانۇن دوختۇرىنىڭ مۆلچەرى بۇيىچە پەقەت ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئىلگىركى ئۈچ سائەت ۋە ۋەقە يۈز بىرىپ بولغاندىن كىيىنكى ئۈچ سائەتتىكى كۈرنۈشلەر بار ئىدى . ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات مېھمانخانىغا بېرىپ ئامانلىق ساقلىغۇچى بىلەن كۈرۈشكەن ، ئامانلىق ساقلىغۇچى ھەر بىر ھەپتىلىك سىن كۈرنۈشىنىڭ ھەپتە ئاخىرى ئۆزلۈكىدىن يۇيۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان ئىدى .ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات ساقچىلارنىڭ  كەچتىكى سىن كۈرنۈشىنى تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغانىدى . دىگەندەك ھەممە ئىشلار ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقتى . بۇ كىچىكىنە يۇچۇق ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتقا كۆپ پايدا بولدى .
_باش سوتچى ، ئەمىلىيەت شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتىكى ، بۇ كىشى كەچتە ياتاققا قايتىپ كەلگەن . لىكىن ساقچىلار پەقەت ۋەقە يۈز بىرىشتىن ئىلگىركى ۋە ۋەقە يۈز بەرگەندىن كىيىنكى نەچچە سائەتلىك كۈرنۈشلەرنى كۆچۈرۋالغان ، كەچتىكى كۈرنۈشلەرنى كۆچۈرۋالمىغان ، جاۋابكار ياتاققا كىرگەندىن كىيىن مەمەتنىڭ يەردە قانغا مىلەنگەن ھالدا ياتقىنىنى كۆرگەن ، لىكىن مەمەت بۇ ۋاقتىدا تېخى ئۆلمىگەن . كىيىن  ئۇ مەمەتنىڭ ئۆز قىزىغا پەسكەشلىك قىلماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئاچچىقىنى باسالماي بۇ پاجىئەلىك ۋەقە  كىلىپ چىققان . ۋەقەدىكى ھەقىقىي جاۋابكار دەل بۇ كىشى ، مەن سوتتىكىلەرنىڭ ئەتراپلىق ئويلىنىپ ئادىلە ۋە نەرگىزەلەرنى گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىشنى ، بۇ كىشىنىڭ ئۆز قىلمىشىغا ئىقرار بولۇپ ، ئۆزىنى مەلۇم قىلغانلىقى ئۈچۈن يىنىكلىتىپ جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن ..._ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات  شۇنداق دەپ ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
_  باش سوتچى ، مەن بىر ئىشنى ئوتتۇرغا قويماقچىمەن ،_ ئەيىبلىگۈچى ئادۇۋكات ئورنىدىن تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى ،_ بۇ كىشى ئۆلگۈچىنى مەن ئۆلتۈردۈم دەپ ئېيتتى ، لىكىن قانۇن دوختۇرىنىڭ بىزگە بەرگەن تەكشۈرۈش دوكلاتىدا   پىچاقتا بۇ كىشىنىڭ ھېچقانداق بارماق ئىزى بايقالمىغان . بۇ كىشى قاراپ تۇرۇپ سوتنى قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ ،  مەن ئەسلىدىكى ھۈكۈمنىڭ كۈچكە ئىگە بۇلىشىنى ، جاۋابكار ئادىلەگە ئۆلۈم جازاسى بىرىلىشىنى ، بۇ كىشىنىڭ يالغان ئېيتىپ سوتنى قالايمىقان قىلغان قىلمىشى ئۈچۈن جازا بىرىشنى تەلەپ قىلىمەن .
_ پىچاقتا پەقەت ئادىلە ۋە ئۆلگۈچى مەمەتنىڭ بارماق ئىزى بايقالغان . ئاشۇ پىچاق بىلەن ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىڭىزگە قانداق ئىسپات كۆرسىتىپ بىرىسىز ؟؟؟_  سوتچى پولاتتىن سورىدى .
پولات سوتچىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن  نەچچە دەقىقە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى . ئاندىن  سۆزىنى ئۈزۈپ -ئۈزۈپ تۇرۇپ ئېيتتى :
_ مەن ئادەتتە ... دېلو ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن كىنو ..كىنولارنى كۈرۈشنى ياقتۇرىمەن . دەل شۇ ۋاقىتتا كاللامغا پىچاقنى قۇلۇم بىلەنلا تۇتۇپ ئۇنى ئۆلتۈرۋەتسەم ...پىچاقتا بارماق ئىزىم قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتتىم . شۇنىڭ بىلەن ... تازلىق ئۆيىگە كىرىپ بىر سۇلياۋ خالتىنى.... قۇلۇمغا كىيۋىلىپ ئاندىن ئۇنىڭغا پىچاقنى كۈچەپ تىقىۋەتتىم ...كىيىن ئۇ سۇلياۋ خالتىنى سىرتتىكى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلىۋەتتىم .
پولاتنىڭ بۇ سۆزى بىلەن سوت ئىچىنى يەنە ۋاراڭ -چۇرۇڭلار قاپلىدى .  باش سوتچى ۋە سوتچىلار دېلو ۋەقەلىكىنى ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشماقتا ئىدى ، نەرگىزە ئاخىرىدا قانداق ھۈكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى  بىلىشكە ئالدىراپ كەتكەنىدى ، ئادىلە  دادىسىنىڭ مەمەتنى ئۆلتۈرۋەتكەنلىكىنى ھەرخىل پەرەز قىلىپمۇ ئۆزى قانائەتلەنگۈدەك ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمەي يۈرەكلىرى ئەنسىز سوقماقتا ئىدى .
_ دىققەت ...دىققەت  ! _ باش سوتچىنىڭ سۆزىدىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆز پاراڭلىرىنى توختىتىپ سوتنىڭ ئاخىرىدا  قانداق ھۈكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا قىزىقىپ باش سوتچىنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇرۇشتى . پولات كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋىلىپ ، نىمىلەرنىدۇر خىيال قىلاتتى ، ئادىلەنىڭ گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلىشىنى تىلەيتتى .
_بۈگۈن سوتىمىز شۇنداق ھۈكۈم چىقىرىدۇ : سوتىمىز بىر مەزگىل ئادەم ئۆلتۈردى دەپ  خاتا تۇتۇپ تۇرۇلغان نەرگىزە پۈتۈنلەي گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلسۇن . ئادىلە ئۆزىنى قوغداش يۇلىدا ئۆلگۈچىنى ئېغىر يارلاندۇرغان ، لىكىن ئۇنىڭ سوتتىكى ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا ، جازاسى يىنىكلىتىلىپ ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تائاباتلىرى بىلەن ئۆزئارا كىلىشىم ھاسىل قىلىپ جەرىمانە تۆلىسۇن ھەم گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلسۇن . جاۋابكار پولات قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن دەپ ئەيىبلىنىپ تۇتۇپ تۇرىلىدۇ  ،  سوت بىر  نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئايرىم جازا ھۈكۈم قىلىدۇ . سوت تامام .
باش سوتچىنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن سوت ئىچىدە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى ، ھەممەيلەننىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋە قىلاتتى، قوشكىزەكلەرنىڭ گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلگەنلىكىدىن بارلىق كىشىلەر شادلىققا چۆمگەنىدى . نۇرلان ئاكا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي خۇشاللىقىدىن كۆز يېشى قىلدى . ئادىلە بولسا جايىدا خۇددى قېتىپ قالغان ئادەمدەك مىدىر قىلماي تۇراتتى ، پولاتنىڭ كۆزلىرىدىمۇ نەچچە تامچە ياش لىغىرلاپ تۇراتتى . ئۇ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىغا پۇشايمان قىلىپ ،ياخشى يولغا مېڭىشنى ئەمدىلا قارار قىلغىنىدا تېزلا ئۆزىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىدى ، شۇنداقتىمۇ قىزى ئادىلەنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغانلىقىغا شۈكرى قىلىۋاتاتتى .


سوت ئاخىرلىشىپ ساقچىلار پولاتنىڭ قۇلىغا كويزا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى ، ئادىلە بولسا پولاتقا قاراپ قانداق قىلىشىنى بىلمەي جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالغانىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى ، ئۇ پولاتنى دادا دەپ چاقىرغۇسى كىلەتتى ، لىكىن خۇددى ئاغزىغا بىر نەرسە كەپلىشىپ قالغاندك  ئاۋازىنى چىقىرالمايتتى ، پولاتمۇ ئارقىسىغا نەچچە قېتىم داجىپ ئادىلەگە قارىۋالدى ، ئۇ  ئاخىرقى قېتىم بولسىمۇ ئادىلەنى چوڭقۇر  دادىلىق مىھرى بىلەن باغرىغا بېسىۋىلىشنى ئويلايتتى ، لىكىن شۇ تاپتا بۇنىڭغا قىلچە ئىمكانىيەت يوق ئىدى .
نۇرلان ئاكا نەرگىزەنى چىڭ باغرىغا بېسىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى ، نەرگىزەنىڭمۇ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار تۈكۈلەتتى . نەرگىزە بىر چاغدا ئېسىگە كەلگەندەك بۇلۇپ جايىدا قېتىپ تۇرۇپ قالغان ئادىلەنىڭ قېشىغا كەلدى .
_ھەدە ، جېنىم ھەدە !
نەرگىزەنىڭ زىل ئاۋازى ئادىلەنى خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى ، ئۇ كۆز ئالدىدا ئۆزىگە قاراپ تۇرغان ، چىرايى قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان سىڭلىسى نەرگىزەنى كۆرۈپ ئۇنىڭ باغرىغا ئۆزىنى ئاتتى ، ئۇزۇن يىل كۆرىشەلمىگەن قوشكىزەك ھەدە-سىڭىللار يىغا -زارە ئىچىدە قۇچاقلىشىپ كۈرىشتى .ئۇلار بىر -بىرىگە زادىلا قېنىشمايتتى ، خۇشاللىق ، ئازابتىن ئېتىلىپ  چىققان ياشلار كۆزلەردىن توختىماستىن تۈكۈلمەكتە ئىدى .
ئادىلە ۋە نەرگىزە قۇچاقلاشقان ھالدا سوت مەيدانىدىن سىرتقا چىقتى . سىرتتا توپلىشىپ تۇرغان كىشىلەر بۇ قوشكىزەك ھەدە -سىڭىللارنى كۆرۈپ ، ئۇلارنىڭ گۇناھسىز دەپ قۇيۇپ بىرىلگەنلىكىدىن خۇشال بۇلۇپ چاۋاك چېلىشىپ ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلەشتى . ئادىلە بىلەن نەرگىزە بىر -بىرىگە قانماي قارىشاتتى ، ئەمدى بىر-بىرىنى زادىلا يوقىتىپ قۇيۇشنى خالىمىغاندەك قىلىپ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ كىتىۋاتاتتى . نۇرلان ئاكا قىزلىرىنىڭ ئارقىسىدىن ئۇلارنىڭ  قىزلىرىنىڭ ئامان -ئىسەن  بۇ چوڭ خەۋپتىن قۇتۇلغانلىقىدىن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمگەنىدى . دەل شۇ چاغدا ئادىلە ئۆزىگە قاراپ كىلىۋاتقان تۇنۇش بىر سىمانى كۈرۈپ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى  . ئادىل قۇلىدا بىر دەستە ئەتىرگۈلنى كۆتۈرگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ كىلىۋاتاتتى .
_ ئادىل !
ئادىلە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭغا قاراپ توۋلىدى ، ئادىل يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۇنى باغرىغا باستى ، ياندا ئۇلارغا قاراپ تۇرغان نەرگىزە خىجىل بۇلۇپ كۆزلىرىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتى . ئۇ يان تەرەپكە قارىدىيۇ ئۆزىمۇ بىلمەي چۈچۈپ كەتتى،  ئۇنىڭ   ئالدىدا ئەخمەت كۆزلىرىدىن مىسكىنلىك چىقىپ تۇرغان ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى . نەرگىزە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئەخمەتنىڭ يېنىغا كەلدى .
_ نەرگىزە ! _ ئەخمەت نەرگىزەنىڭ كەلگىنىنى كۈرۈپ ناھايىتى پەس ئاۋازدا ئېيتتى .
_ ئەخمەت ، سىزنىڭ سوتتا ماڭا گۇۋاھچى بۇلۇپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . بەك خوش بولدۇم ... _ نەرگىزە ناھايىتى ئېغىر -بېسقىلىق بىلەن شۇنداق دېدى  ، شۇ تاپتا ئۇ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ئاران- ئاران تۇتۇپ تۇراتتى .
_ نەرگىزە ، ماڭا ...ماڭا ...يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرەلەرسىزمۇ ؟ _ ئەخمەت ئەلەم ئىچىدە نەرگىزەگە قاراپ ئېيتتى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەت ئۇچقۇندىلىرى يېلىنجاپ تۇراتتى .
_ئەخمەت... بولدى قىلايلى . بەك كىچىكىپ كەتتۇق .  سىزنىڭ  بۇندىن كىيىن ئۆز سۆيگۈنىڭىزگە ئىشىنىشڭىزنى ، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئالدىراپ يەكۈن چىقارماسلىقىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن . خوش ، بەختلىك بۇلۇڭ ! - نەرگىزە يىغلاپ سالماسلىق ئۈچۈن ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ماڭدى . ئەخمەت  پۇشايمان ئىلكىدە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ تۇرۇپ قالدى .
_ ئادىلە ، ئەمدى مەندىن ھەرگىز ئايرىلماڭ .مەن سىزنى سۆيىمەن . سىزنى چۇقۇم بەختلىك قىلىمەن ، بىز ھەممىنى قايتىدىن باشلايلى ..._ ئادىل ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا ئۇنىڭغا ئوتلۇق ۋەدىلەرنى بەرمەكتە ئىدى  . ئۇلارغا قاراپ تۇرغان ئاينۇرخان ئانا ۋە نۇرلان ئاكا بۇ ئىككى جۈپنىڭ بەختىنى تىلىمەكتە ، ئۇلارغا ئامان -ئىسەنلىك ، بەختىيار تۇرمۇش ئاتا قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىپ دۇئا قىلماقتا ئىدى .

- باش سوتچى ئەپەندىم ، مانا بۇ سىزنىڭ ھەققىڭىز ، كۆپ جاپا تارتتىڭىز . _ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات باش سوتچىغا قىزىل داكىغا بولانغان پۇلنى بەردى .   
_ مەن بۇ ۋەقەنىڭ بۇنداق تېز ، ئاسان  ئاخىرلىشىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم ، ھا....ھا...ھا...ئۇ قىزنىڭ بېقىۋالغان دادىسى ئوتتۇرغا چىقىپ سوتنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇردى . _ باش سوتچى پۇلنى ئاستا قول سومكىسىغا سېلىۋىتىپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ كەتتى .
_ ئەمىسە ،بۇ ئىشنى ھېچكىم بىلمىسۇن . سىزگە كۆپ رەھمەت ،_ ئاقلىغۇچى ئادۇۋكات شۇنداق دەپ باش سوتچى بىلەن خوشلاشتى . ئۇنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيتتى ، خۇشاللىقىدىن يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى . ئۇ بۇ قېتىملىق قاتىللىق ۋەقەسىدە ئۇتۇپ چىقىشىنى ، يەنە كىلىپ  بۇنچە ئاسانلا 50مىڭ يۈەنگە ئىگە بۇلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى . ئەسلىدە نۇرلان ئاكا ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن باش سوتچىغا ئازراق ‹‹ كۆڭۈل ›› ئىزھار قىلىپ ، قىزلىرىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىشنى ئىستەپ ، نەچچە يىللاردىن بېرى يىغىپ ساقلاپ كىلىۋاتقان بارلىق پۇللىرىنى يىغىپ ، ئاقلىغۇچى ئادۇۋكاتقا 100 مىڭ يۈەن پۇل بەرگەنىدى .  ئويلىمىغان يەردىن پولات ئوتتۇرغا چىقىپ بارلىق گۇناھنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ ئاسان ھەل قىلغان ئىدى .




قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 440
تۆھپە : 43
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 00:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چېھرىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ ، ئاشىق كەبى ناخشا ياڭرىتىپ كەلگەن باھار بىلەن يەر -زىمىن جانلاندى .كائىنات باھارنىڭ نەزمىسىنى ئاڭلاپ تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغاندى .ئاق تونغا  ئورالغان دەريا ئاشۇ نەزمىدىن كۈچ -قۇۋۋەت ئېلىپ ،تونلىرىنى چاك -چېكىدىن سۆكۈپ  تاشلاپ ،قىرغاقلارغا ئۈنچە مارجان چېچىپ شوخلۇق بىلەن ئاقتى . قىشتا قاقشال بۇلۇپ ياتقان دەل -دەرخلەر باھارنىڭ ئىللىق سۈيۈشلىرىدىن ياشىرىپ ، ھۆسۈن -جامالىنى بىزەشكە باشلىدى .گۈل-گىياھلار ۋەسلىگە يېتىپ ،قۇشلارنى ئۆزىگە مەپتۇن -مەھلىيا ئەيلىدى .
نەرگىزە  مەكتىپىدىن رۇخسەت سوراپ يۇرتقا قايتقان بۇلۇپ ،  ئادىلە ياق نەفىسە بىلەن  كۈن بويى ئايرىلماي بىللە يۈرەتتى .  ئۇلار ئۈچ ۋاق تاماقنى بىللە يەيتتى ،  قولمۇ- قول تۇتۇش قىلىپ تاماقنى بىللە ئىتىپ يەيتتى. نۇرلان ئاكا قىزلىرىنىڭ  تاماق ئىتىشىگە ياردەملەشكەچ قىزىق- قىزىق  چاقچاقلىرى بىلەن كۈلدۇرەتتى. ئاخشاملاردا  ھەر كۇنى دىگۈدەك   بىر دانە ئەدىيالنى ئىلىپ يىزىنىڭ شەرىق تەرىپىدىكى ئۆستەڭ بويىغا باراتتى. ئەدىيالنى ئۆستەڭ بويىغا سىلىپ ، گازىر چېقىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنى سۆزلىشەتتى .  پۇتلىرىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ بىر- بىرىگە سۇ چىچېشاتتى.  نەفىسە تولۇنئاينىڭ سۈتتەك نۇرى ئاستىدا سىڭلىسى نەرگىزەنىڭ  سۈزۈك ئاۋازى بىلەن ئىيتقان مۇڭلۇق ناخشىلىرىدىن ھوزۇر ئالاتتى.
_ئاپئاق سىڭلىم ، ناخشا قۇيۇپ قويغاچ ئۇخلايلى ، لىرىك مۇزىكىدىن بىرنى قۇيۇپ قۇيە ، خۇددى ئانامنىڭ باغرىدا يېتىپ ئەللەي ناخشىسىنى ئاڭلىغاندەك ھالەتتە ئۇيقۇغا كىتەي ،_ نەفىسە يېنىدا ياتقاچ تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بىرىۋاتقان نەرگىزەگە ئېيتتى .
_ بۇلىدۇ ھەدە . ھازىرلا . سىز بارغانسىرى كىچىك بالىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىسىز جۇمۇ ...ھا...ھا....ھا...بالا ، كىچىك بالا ..._ نەرگىزە تاتلىق كۈلگىنىچە نەفىسەگە شوخلۇق بىلەن ئەركىلىدى .
_ مەن كىچىك بالىمۇ ؟؟ ئۇنداقتا سىزچۇ شەيتان ؟ سىز زادى نىمە ؟؟؟
_ سىز كىچىك بالا ، مەن دىگەن ئۇماق بالا ....ھا...ھا....ھا..._ نەرگىزە شۇنداق دەپ قاتتىق كۈلدى ، نەفىسەمۇ سىڭلىسىنىڭ تاتلىق گىپىدىن  ئىچ - ئىچىدىن چىقىرىپ ، بارلىق غەم -قايغۇ ، ئازابلىرىنى ئۇنتۇپ ھۇزۇرلىنىپ كۈلدى .

_ بالام  ، قەيەرگە ماڭدىڭ ؟؟؟ بۈگۈن يەكشەنبە كۈنىغۇ، يەكشەنبە كۈنىمۇ ئىشلەمسىلەر ؟ _ ئاينۇرخان ئانا سىرتقا چىقىپ كىتىۋاتقان ئادىلدىن سورىدى .
_ ھە...بۈگۈن بىر دوستۇم بىلەن كۈرۈشمەكچى ئىدىم . شۇڭا ..
_ ھەئە ، ئادىل ، جېنىم بالام ، ساڭا بىر ئىشنى ئېيتاي دىگەن ...
ئادىل نىمە ئىش دىگەن مەنىدە ئانىسىنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قارىدى، مۇشۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ئادىلنىڭ كەيپىياتى بەكمۇ ياخشى ئىدى ، چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيتتى ، تېخى بەزىدە شوخلۇق قىلىپ ئۆزىچە بىر ناخشىلارغا غىڭشىپ قۇياتتى .
_ يەنە قايسى ئىش بۇلاتتى جېنىم بالام ، شۇ سىنىڭ توي ئىشىڭ ....
_ نىمە ؟ ئانا مەن سىزگە دىدىمغۇ ؟ مەن ئادىلەدىن باشقا قىزغا ئۆيلەنمەيمەن دەپ ...._ ئادىل ئانىسىغا قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى .
_ لىكىن بالام ....مەن ...مەن  ئۇ قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن كۈرىشىپ ، دىيىشىپمۇ بولدۇم . ئۇلار ھازىر بىزنىڭ ئاغزىمىزغا قاراپلا قالدى ، بۇدا مېنىڭ تەلىپىمنى رەت قىلساڭ زادىلا بولمايدۇ .
ئادىل كۆڭلىدە  ئانىسىنى يەنە شۇ نىگارەنىڭ گىپىنى قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ ئىچى ئاچچىق بۇلۇپ قالدى ، ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلاتتى  .
_ ئانا ! _ ئادىل نارازى بولغاندەك قىلىپ سۇزۇپ ئېيتتى .
_ بالام ، ئاۋۋال قىزنى بىر كۆرۈپ باق ، ئەگەر ياقمىسا ئاندىن بىر نىمە دىسەڭمۇ كىچىكمەيسەن ،_ ئاينۇرخان ئانا شۇنداق دەپ بىر پارچە سۆرەتنى ئېلىپ ئادىلغا ئۇزاتتى . ئادىلنىڭ چىرايى باشقىچە بۇلۇپ ، ئانىسىنىڭ قۇلىدىن سۆرەتنى مەجبۇرلانغان ھالدا ئالدى ، ئۇ سۈرەتكە مۇنداق بىر قارىۋىدى ، كۆزلىرى شادلىقتىن ئويناپ كەتتى ، ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي سۈرەتكە قايتا -قايتا قاراپ كەتتى . سۈرەتتە نەفىسە كۈلۈپ تۇرغان ھالەتتە ئوتلۇق، شەھلا كۆزلىرىنى ئادىلغا تىكىپ تۇراتتى .
_ ئانا !!!!! _ ئادىل خۇشال بۇلۇپ ئانىسىنى چىڭ قۇچاقلىدى .


بۈگۈن ھەممىنىڭ چىھرىدە خۇشاللىق ئوينايتتى ، قەلىبلەر شادلىق ناخشىسىغا جۆر بولغانىدى .  ئارلاپ -ئارلاپ چىقىۋاتقان كۈلكە ئاۋازى كىشىگە بىرخىل ئازادە تۇيغۇ بېغىشلايتتى . رىستۇران ئىچىدىن چىقىۋاتقان شوخ مۇزىكىلار ، تانسا -ئۇسۇلغا چۈشكەن كىشىلەر ، ئۇيان -بۇيانغا يۈگۈرۈشۈپ ئويناۋاتقان ئۇماق كىچىك بالىلار ...بۇ مەنزىرە كىشىگە ئىختىيارسىز ناھايىتى بەختلىك مىنۇتلارنى ، بەختىيار كۈنلەرنى ھىس قىلدۇراتتى .   كۆركەم بىزەلگەن ئۈستەلدە  ناھايىتى چىرايلىق ياسانغان ، ئەتلەس توي كۆينەكلىرى جامالىنى تۇلىمۇ نۇرلاندۇرۋەتكەن بىر جۈپ قىز  بىلەن بادام دوپپا ، ئىشلەكلىك كۆينەك كىيىپ ئۆز سالاپىتىنى ، ياشلىق كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇرغان بىر جۈپ يىگىت ئولتۇراتتى . ئۇلارنى  نۇرغۇنلىغان ياشلار چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان بۇلۇپ ، تويى بولغان بۇ بىر جۈپلەرگە بەخت تىلەشمەكتە ئىدى . نەفىسە بىلەن ئادىلنىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى ، نەرگىزە ھەدىسىگە قولداش ، يارقىن ئادىلغا قولداش بولغان ئىدى . ئادىل تۇرۇپ -تۇرۇپ يېنىدا ئولتۇرغان نەفىسەگە ئوتلۇق كۆزلىرى بىلەن قاراپ قۇياتتى ، نەفىسە ئىچ -ئىچىدىن خۇشاللىققا چۆمگەن بۇلۇپ ،ئۇنىڭ ئارزۇسى ، ئۇزۇندىن بېرى تىلەۋاتقان ، پەقەت چۈشلىرىدە ، خىياللىرىدا ئۆزىگە ھەردائىم ھەمراھ بۇلۇپ تۇرىدىغان ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقانىدى . نەفىسەمۇ ئارلاپ -ئارلاپ شەھلا كۆزلىرى بىلەن ئادىلغا قارايتتى ،ئۆزىنى ناھايىتى گۈزەل چۈش كۈرىۋاتقاندەك ، چۈشىدىن ئويغانسا ھەممە نەرسە يوقاپ كىتىدىغاندەك سىزىپ پات -پات ئۆزىنىڭ بىلىكىنى ئۆزى چىمداپ قۇياتتى .
_ ئەمدى ، بۈگۈن تويى بولغان بىر جۈپلەر ۋە ئۇلارنىڭ قىز -ئوغۇل قولداشلىرىنى ئايرىم بىر مەيدان لىرىك تانسا ئويناپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىمىز . _  رىياسەتچىنىڭ ئاۋازىدىن كىيىن رىستۇراننى قىقاس -چۇقان قاپلىدى . ھەممەيلەن بۇ خۇشال مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىنىپ توۋلىشاتتى . ئادىل نەفىسەنىڭ قۇلىنى ئاۋايلاپ تۇتقىنىچە سەھىنىگە چىقىپ كەلدى ، ئارقىدىن يارقىنمۇ نەرگىزەنى ئېلىپ سەھنىگە چىقتى . پاراس -پۇرس قىلغان ئاۋاز بىلەن ئۇلارنى تەبرىكلىشىپ چاچقۇ چېچىشتى . توي فىلىمىنى سۈرەتكە ئالىدىغانلار  ئۇلارنى سۈرەتكە تارتىش ، سىنغا ئېلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .
_ ئادىل _نەفىسە پەس ئاۋازدا ئادىلغا قاراپ پىچىرلىدى. ئادىلغا كۆزىنى قىسىپ قۇيۇپ ئۇنىڭغا مىھىر بىلەن تىكىلدى .
_ پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ ، ئۆزەمنى خۇددى رەڭدار چۈشلەر قوينىدا يۈرىۋاتقاندەك سىزىۋاتىمەن .بۇ راستمۇ ئادىل ؟؟ مەن چۈش كۈرىۋاتمايدىغاندىمەن ؟؟
نەفىسەنىڭ پىچىرلاپ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئادىل مىيىقىدا تاتلىق كۈلۈپ قويدى ، ئۇ ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ نەفىسەنىڭ پىشانىسىگە ئوتلۇق لەۋلىرى بىلەن بىرنى سۈيۈپ قويدى ھەم ئۇنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرىلىدى :
_ نەفىسە... شۇ تاپتا ئۆزەممۇ چۈش كۈرىۋاتقاندەك بۇلىۋاتىمەن . لىكىن ئەمدى ھەرگىز سىزدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايمەن . سىزنى سۆيىمەن ! مەڭگۈگە سۆيىمەن  ! !!
نەفىسە ھاياجان ئىلكىگە جۈر بۇلۇپ ، بەختنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىشكە باشلىدى.
ئۇلاردىن نەچچە قەدەم يىراقلىقتا يارقىن بىلەن نەرگىزە تانسا ئوينىماقتا ئىدى ، يارقىن نەرگىزەگە قاراپ -قاراپ تويمايتتى ، ئۆز -ئۆزىگە توۋا دىگۈسى كىلەتتى ، جاھاندا مۇشۇنداق قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قىزلارنىڭ بار ئىكەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمەيۋاتاتتى . دەسلەپ ئۇ نەفىسەنىڭ ئادىل بىلەن توي قىلىدىغانلىقىدىن كۆڭلى يېرىم بولغان بولسا ، ئۆزى تۇلىمۇ تىرىشچان ، ئەققىللىق ، كۈلسە تۇلىمۇ ئۇماقلىشىپ كىتىدىغان نەرگىزەنى كۈرۈپ ئۇنىڭغا بارغانسىرى ئامراق بۇلۇپ قېلىۋاتاتتى. نەرگىزەمۇ يارقىننىڭ ئۆزىگە توختىماستىن قاراۋىرىشىدىن ئازراق خىجىلچىلىق ھىس قىلىپ تۇراتتى . لىكىن ئۇ ھەدىسىدىن يارقىننىڭ نۇرغۇن ياخشى سۆزلىرىنى ، ئالىيجاناپ ،ئېسىل يىگىت ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاز -تولا قىزىقىپ قالغانىدى . ئەخمەتكە ئوخشاش مۇقىم مەيدانى يوق يىگىتلەردىن بۇ يىگىت كۆپ پەرق قىلىدىكەن دەپ ئويلاۋاتاتتى .
_ ئەجەپ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟پاراڭلاشقاچ ئوينىمامدۇق ؟_ يارقىن كۈلگىنىچە نەرگىزەگە ئېيتتى .
نەرگىزە ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ سۇس كۈلۈپ قويدى .
_ ئەمىسە ئوغۇل بالا بولغانكىن گەپنى سىز باشلىمامسىز ؟؟ _ نەرگىزە شۇنداق دەپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭغا ئۇماققىنە جىلۋە قىلدى ، بۇنىڭدىن يارقىننىڭ نەرگىزەگە بولغان قىزىقىشلىرى تېخىمۇ  ئۇلغىيىپ كەتكەندەك بۇلۇپ ، يۈرەكلىرى چىممىدە قىلىپ كەتتى .
_ سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم نەرگىزە ، راستىنلا ... _ يارقىن شۇنداق دەپ نەرگىزەنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىگە كۆزلىرىنى تىكتى . تۇيۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆزدىن نەرگىزە گاڭگىراپ قالغانىدى ، ئۇمۇ بىر ھازا يارقىننىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىدى ، يارقىننىڭ كۆزلىرىدىن ئاجايىپ بىر ئۇچقۇنلارنى سەزگەندەك بۇلۇپ ئۇنىڭغا قاراۋىرىشكە ماجالى يەتمەي تېزلا كۆزلىرىنى باشقا يەرگە ئېلىپ قاچتى .
- جاۋاب بەرمەيسىزغۇ ؟؟ بۇنداق دىسەم مىنى ھەرگىز باشقىچە ئويلاپ قالماڭ نەرگىزە ، مەن ئادەتتە بەكمۇ تۈز ..._ يارقىن ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىگە ئاغزىنى يېقىپ ئېيتتى .
_ نىمىگە جاۋاب بىرىمەن ؟
_ بايىقى گىپىمگىچۇ ؟؟ مەن سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم .
_ ھا...ھا...ھا...مېنى ياقتۇرۇپ قالدىڭىزمۇ ، ھەدەمنىمۇ ؟؟ھەدەمنى تېزلا ئۇنتۇپ كەتمىگەنسىز ؟؟_ نەرگىزە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى . بۇ گەپتىن يارقىن قاتتىق ئوڭايسىزلىنىپ كەتكەنىدى ، بىردىنلا ئۇنىڭ چىرايى ھۈپپىدە قىزىرىپ كەتتى . نەرگىزە ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشلەرنى كۈرۈپ تېخىمۇ قاتتىق كۈلۈپ كەتتى .
_ چاقچاق قىلىپ قويدۇم ، ئەمىلىيەتتە ..ئەمىلىيەتتە ...سىز مىنىڭ نەزىرىمدە بەكمۇ ياخشى يىگىت !
يارقىن نەرگىزەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە ئازراق قىزىقىپ قالغانلىقىنى سىزىپ  خۇشاللىقتىن يۈرەكلىرى  ئويناپ كەتتى .

ھايات دەرياسى توختىماي شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ ، ئىنسان ئاشۇ شاۋقۇنلۇق ئېقىندا گاھ ئۇرۇلۇپ گاھ سوقۇلۇپ گاھ شۇڭغۇپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان غايىۋى نىشانلىرى ، تەشنا بولغان بىغۇبار گۈزەللىك ۋە چىن مۇھەببەت ئۈچۈن تاكى ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكەنگە قەدەر ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ھاياتنىڭ ئاچچىق - تاتلىق ، ئىسسىق- سوغاقلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ نۇرغۇن تەجىربىلەرگە ، نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ ، مانا بۇ ھايات ........ ھايات تاڭ سەھەردە كۆتۈرۈلگەن ناھايىتى ساپ بولغان قۇياش نۇرىغا ئوخشاش قەدىرلىكتۇر ! ھايات ، ئۇ خۇددى ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك يېقىملىق ھەم سۈيۈملۈكتۇر !
ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎرﺷﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﻨﻪك دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ. ﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎراپ ﻛﯜﻟﯩﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﻛﯚز ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎردەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰدا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻛﻪ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪڭ ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﯩﺪۇ؛ ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻳﯜك دەپ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪت زور ﻳﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ... ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﺋﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺷﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪڭ.
    ﮬﺎﻳﺎت _ ﺋەسلىدىنلا ﻣﻪۋﺟﯘت ﻧﻪرﺳﻪ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪۋەﻟﻠﯘت دەﻗﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ باشلانغان بۇلىدۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪدەم ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ «ﭼﯩﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ» ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺋﺎﭼﻘﺎن ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.



تامام .


2011-يىل 30-ئاپرىل چىڭدۇدا  تاماملاندى .



قەلب ئېتىزىم  سۆيگۈ يامغۇرغا زار بولۇپ چاك –چاك يېرىلغان چاغدا، سەن بىرەر پارچە بۇلۇت بولۇپ،ماڭا سايە بىرەلمىدىڭ، ھېچبولمىغاندا سەھەرنىڭ تامچە شەبنىمى بولۇپ يۇمران گىياھلىرىمنى سۇغرالمىدىڭ ، ئېيتقىنا شۇ چاغدا سەن نەدە ئىدىڭ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 108
تۆھپە : 4
توردا: 24
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 01:03:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئانا يۇرت رومانىنىڭ بېشىمۇ مۇشۇنداق ‹‹ۋاي ئوغرى!››دەپ باشلىناتتى. بۇ ئەسەر مېنىڭچە ياخشى چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 44
تۆھپە : 2
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 09:37:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ  بېشىنى ئوقۇپ،ئاخىرىنى ئوقۇمىغان،ئەمدى ئوقۇيچۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  58
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 20
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-1 11:55:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بېشىنى ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇيالمىغانتىم.بۈگۈن قېنىپقىنا بىر ئوقۇۋالايچۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 113
تۆھپە : 1
توردا: 16
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-4 23:41:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇ .ئوقۇپ پۇخادىن چىقتىم.چۈنكى ۋەقەلىكنىڭ ئاخىرى تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك تاماملىنىپتۇ.شۇنداقلا ھەم ھاياتلىق ھەققىدىكى مۇنۇ ھېكىمەتلەرنى ساقلىۋېلىشنىڭ زۆرۈلىكىنى ھېس قىلدىم.
ھايات دەرياسى توختىماي شاۋقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ ، ئىنسان ئاشۇ شاۋقۇنلۇق ئېقىندا گاھ ئۇرۇلۇپ گاھ سوقۇلۇپ گاھ شۇڭغۇپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان غايىۋى نىشانلىرى ، تەشنا بولغان بىغۇبار گۈزەللىك ۋە چىن مۇھەببەت ئۈچۈن تاكى ئاخىرقى مەنزىلگە يەتكەنگە قەدەر ھايات مۇساپىسىنى بېسىپ ھاياتنىڭ ئاچچىق - تاتلىق ، ئىسسىق- سوغاقلىرىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ نۇرغۇن تەجىربىلەرگە ، نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ ، مانا بۇ ھايات ........ ھايات تاڭ سەھەردە كۆتۈرۈلگەن ناھايىتى ساپ بولغان قۇياش نۇرىغا ئوخشاش قەدىرلىكتۇر ! ھايات ، ئۇ خۇددى ئانىنىڭ ئەللەي ناخشىسىدەك يېقىملىق ھەم سۈيۈملۈكتۇر !
ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎرﺷﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﻳﻨﻪك دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ. ﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎراپ ﻛﯜﻟﯩﺪۇ، ﺳﯩﺰ ﻳﯩﻐﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﻛﯚز ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯩﺪۇ. ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ؛ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎردەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺷﻪﻛﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺋﯘ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰدا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؛ ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻣﯩﺪﻛﻪ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻴﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮬﺎﻳﺎﺗﻤﯘ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪڭ ﻗﯘﭼﺎق ﺋﺎﭼﯩﺪۇ؛ ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻳﯜك دەپ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﺎﻳﻪت زور ﻳﯜﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ... ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚز ﺋﻪﻛﺴﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرەﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺷﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪڭ.
    ﮬﺎﻳﺎت _ ﺋەسلىدىنلا ﻣﻪۋﺟﯘت ﻧﻪرﺳﻪ. ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪۋەﻟﻠﯘت دەﻗﯩﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯘ ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﯖﯩﯟاﺷﺘﯩﻦ باشلانغان بۇلىدۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪدەم ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷلاﻳﺪۇ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ «ﭼﯩﻐﯩﺮ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ» ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﻰ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪا ﺋﺎﭼﻘﺎن ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻳﻮل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.


ئەجرىڭىزگە كۆپتىن -كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن يانغىن.كەلگۈسى مەنزىلىڭىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق، تېخىمۇ داغدام يوللار بولىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گۈلناز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-4 23:44  


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|Archiver|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش