يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 824|ئىنكاس: 23

تاشيولچى: پۇشايمان (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                    پۇشايمان

                                                        ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

                                                                    (نەسر)

                                                                        ‹1›
  ھاياتلىق سەپىرىدە ئىنساننى ئەڭ قىينايدىغان ئىچكى ئازاپنىڭ پۇشايمان ئىكەنلىگىنى تۇنجى قېتىم ھىس قىلدىم.
  پۇشايمان، پەقەتلا ساقايمايدىغان ئەجەللىك جاراھەت سۈپىتىدە، كىشى قەلبىگە مەھكەم ئورنۇشۇپ، ھەر ۋاقىت قىرتاق زەھەردەك چېقىپ، ئىنسان يۈرۈكىنى توختاۋسىز تىرنىلاپ، قانىتىپ تۇرىدىكەن.
  ئانام تۇيۇقسىزلا يېنىمدىن كىتىپ قالدى. كەتكەندىمۇ يۈرۈگۈمگە ئۆچمەس بىر داغ-ھەسرەتنى، پۈتمەس بىر پۇشايمان ئوتۇنى قالدۇرۇپ قويۇپ كىتىپ قالدى.
  ھازىر ھەربىر تىنىغىمدا- مىنى كەچۈرەرسەنمۇ جېنىم ئانا!- دىگەن ئەلەملىك تۇيغۇ بىلەن كۈننى تەستە كەچ قىلىۋاتىمەن.

                                                                    ‹2›
ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك، بىر كۈنى ئانام ئۇيۇل-ئۇيۇل قاداق بېسىپ كەتكەن ئالقانلىرىمنى كۆرۈپ قېلىپ، قوللىرىمنى سىلىغان ھالدا
- ئىسىت!...جېنىم بالام، داداڭ ھايات بولغان بولسا مۇشۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدىڭ- دەپ ئىسەدەپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. مەن بولسام
- ئا...ئانا، بولدى قىلە-دىگىنىمچە قولۇمنى ئانامنىڭ قولىدىن قۇپاللىق بىلەن تارتىۋېلىپ، ۋەلسىپىتىمنى مىنىپ كوچىغا چىقىپ كەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتلاردا ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى قامداش ئۈچۈن، مەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىللىغىدىكى ئوقۇشۇمنى تاشلاپ، مەرھۇم دادامنىڭ ئىزىغا تاشيول ئاسراش ئىشچىسى بۇلۇپ، گۈرجەك بىلەن مىتىننى دۇلامغا بىئىختىيار ئارتىپ، داۋبەنگە چىقىپ بالا ئىشچى بۇلۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىلىم ئىدى.
  مانا ئەمدى ئالقانلىرىمنى سىلايدىغان يىرىك ئەمما مىھرى ئىسسىق سۈيۈملۈك قوللىرىڭ قېنى ئانا!.... تارتقان جاپايىم ئۈچۈن تەشۋىشلىنىپ، كۆز يېشى قىلىدىغان كىمىم بار ھازىر؟...ئاھ!...شۇ قۇپاللىقىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                              ‹3›
  توي قىلغان كۈنلىرىمدە، تويۇم ئۈچۈن پاي-پىتەك بۇلۇپ شۇنچىلىك ھېرىپ كەتكەنسەنكى، كۆزلىرىڭ دىردىيىپ، چىرايىڭ سارغىيىپ، پۇت قوللىرىڭ تىترەپ يىقىلىپ قالغىلى تاس قالغان ئىدىڭ. شۇ ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈپ توي قىلغان ئايالىمنىڭ ۋىسالى شاتلىغىدا بىھۇش بولۇپ كىتىپ، ساڭا بىر پىيالە چاي تۇتۇپ ھاردۇق سۇراشنى ئۇنتۇغان ئىكەنمەن ئەمەسمۇ ئانا!.... ئاھ!...شۇ نادانلىغىمنىڭ پۇشايمىنى!.... .

                                                                   ‹4›
  توي قىلىپ بىر ئىككى يىل ئۆتمەيلا ئايالىم ئىككىمىزنىڭ خاتىرجەملىگى ئۈچۈن، سېنى ئاشۇ كونا ئۆيۈڭگە تاشلاپ قويۇپ، ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتتىم. ئۆيدىن كۆچۈپ ماڭغان كۈنىمىز شۇنچىلىك بىر غېرىپ ھالەتتە ئىدىڭكى، بەكمۇ مىسكىنلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىڭدىن توختىماي ياش تۆكۈلەتتى. شۇ چاغدا مەن كەم ئەقىل ساڭا ئىچمۇ ئاغرىتمىغان ئىكەنمەن، «ئوغۇل بېقىپ چوڭ قىلغان ئەجرى ئۈچۈن، كىلىنىنىڭ خىزمىتىدە ئازراق بولسىمۇ راھەت كۆرۈپ باقسۇن» دىگەن خىيالنى زىنھار قىلمىغان ئىكەنمەن. ئوغۇل باققىنىڭنىڭ ساڭا نىمە پايدىسى بولدى جېنىم ئانا!.... . ئاھ!...شۇ مىنىڭ ئىمانسىزلىغىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                               ‹5›
  ھەپتە ئون كۇندە بىر قېتىم ئۆيۈڭگە پەتىلەپ بارساق، خوشلۇقتا نىمە قىلىشىڭنى بىلمەي تەمتىرەپ كىتەتتىڭ ئانا. ئەر خوتۇن ئىككىمىزنىڭ ئاستىغا كۆرپە سېلىپ، تىقىپ ساقلاۋاتقان ناۋاتلىرىڭدا چاي دەملەيتىڭ. ئايالىم ياردەملىشىش ئۈچۈن ئورنىدىن قوپسا، خۇددى يېڭى كەلگەن مىھمانغا مۇئامىلە قىلغاندەك ئىززەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ، تاماق ئىتىپ ئالدىمىزغا ئەكىلەتتىڭ. بىز بولساق مىھمانخانا ئۆيۈڭدە كەرىلىپ ئولتۇرۇپ، ئەتكەن تامىقىڭدىن قۇسۇر تېپىپ، چالا-پۇلا يەپلا ئۆز ئۆيىمىزگە قايتىشقا ئالدىرايتۇق. سەن بولساڭ
- ئون مىنۇت بولسىمۇ ئولتۇرۇڭلار بالىلىرىم- دەپ ئىلتىجالىق كۆزلىرىڭ بىلەن بىزگە تەلمۈرەتتىڭ. لىكىن بىز يەنىلا قاچاتتۇق. ئەسلى بىزگە باغرىڭ قانماي، بىردەم بولسىمۇ بىزگە ھەمرا بولۇپ، غېرىپلىقتا قالغان كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇرماقچى ئىكەنسەن ئەمەسمۇ جېنىم ئانا!.... . بۇنى نىمىشقا چۈشەنمىگەن بولغىيدىم ئانا!... . ئاھ!... شۇ كۆيۈمسىزلىگىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                                    ‹6›
  بەزى ۋاقىتلاردا تۇرمۇش ھەم خىزمەت ھەلەكچىلىگىدە سىنى ئون ئونبەش كۈنگىچە ئىزدىمەي ئۆزۈمنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كىتەتتىم ئانا. لىكىن سەن يەنىلا چىدىماستىن مىنى ئىدارەمگىچە ئىزدەپ كىلەتتىڭ. مىنى قۇچاقلاپ مەڭزىمگە سۆيگۈڭ بولسىمۇ تۈرۈلگەن قاپىغىمدىن ئەيمىنىپ قالاتتىڭ.شۇنداق بولسىمۇ ئانىلىق مىھرى مۇھەببەتنىڭ تەشنالىغىغا چىدىمىساڭ كىرەك، قولۇمنى تۇتۇپ قولۇمنىڭ دۈمبىسىگە سۆيەتتىڭ ھەم قولۇمنى مەڭزىڭگە سۇۋاشقا ئورۇناتتىڭ. مەن بولسام ئەتراپىمدىكى خىزمەتداشلىرىمدىن خىجىل بولۇپ، قولۇمنى ئىتتىلا تارتىۋېلىپ
- بۇنداق قىلما ئانا، سەت تۇرىدۇ-دەپ سىنى سىلكىۋىتەتتىم. بۇ ۋاقىتتا يۈزۈڭ قىزىرىپ ئىسىلىپ كىتەتتىيۇ، ئاۋازىڭنى ئاران چىقىرىپ بىچارە ھالەتتە
-سىنى كۆرگۈم كېپكەتتى ئوغلۇم!- دەيتىڭ. ئەسلى پەرزەنىت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان يۈرىكىڭنىڭ نالىسىگە چىدىماي، ئوغلۇڭنى ئىزدەپ يۈرگىنىڭنى چۈشەنمىگەن ئىكەنمەن ئانا!... . ئاھ!...شۇ ۋاپاسىزلىغىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                                 ‹7›
  تۇرمۇشۇڭ غۇرىگۈل ئۆتەتتى ئانا، ئىدارىدىن بىرىدىغان ئازغىنە نەپىقە پۇلىنى ئايدىن ئايغا ئاران يەتكۈزەتتىڭ. بىز بولساق ئايدا ئىككى ئۈچ يۈز يۈەن پۇلنى قولۇڭغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، نىمە يەپ نىمە ئىچىشىڭ بىلەن كارىمىز بولمىغان ئىكەن. ئىگىز-پەس سورۇنلارغا خەجلىگەن پۇللىرىمنى، چەككەن تاماكام، ئىچكەن ھارىقىمنىڭ پۇلىنى يىغىپ، قولۇڭغا تۇتقۇزغان بولسام، ئىنسابىمدىن بېشىڭ ئاسمانغا تاقىشىپ ئۆمرۈمگە دۇئا قىلماسمىدىڭ جېنىم ئانا!... .بالا بېقىپ قانچىلىك ھالاۋەت كۆردۈڭ جاپاكەش ئانا!... ئاھ!...شۇ مىنىڭ ئەقىلسىزلىگىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                               ‹8›
  مەن يۈرۈشلۈك بىنادىن ئۆي ئېلىپ چىرايلىق بىزەپ ئولتۇردۇم، سەن بولساڭ دادامدىن قالغان كۈتلەك، زەي پۇراپ تۇرىدىغان ئۆيدە، پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلاپ يالغۇز قالساڭمۇ دادام رەھمەتلىكنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي يالغۇز يېتىپ قوپۇپ يۈردۈڭ. ئەسلى بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇشقا سەن ئەڭ لايىق ئەمەسمىدىڭ ئانا!... . ئانىدىن بالا ئەتىۋار زامانمۇ بۇ ئانا! ... ئاھ!.... نامەرتلىگىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                                ‹9›
  ئاينىڭ بېشىدا يىلنىڭ دوقمۇشىدا ئۆيۈمگە بىرەر قېتىم كىرىپ قالساڭ، ئۆيۈمدىن ئەيمەنگەندەك، ئايالىمدىن تارتىنغاندەك بولۇپ جىملا ئولتۇرۇپ قالاتتىڭ ئانا. قۇنۇپ قېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلسام -خوش بالام، كىيىنچە قۇنارمەن-دەپلا قۇيۇپ ئۆيۈڭگە كىتىپ قالاتتىڭ. ئەمدى ئۆيۈمگە «بالام!» دەپ كىم كىرىدۇ ئانا!.. ھەتتا بىر قېتىم ئىھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، ئىككى تىزىڭ يارىلىنىپ تەرىتىڭگىمۇ چىقالماي يېتىپ قالغان چېغىڭدا، سىنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بېقىشمۇ قولۇمدىن كەلمىدى.سىنى سىڭلىم بىلەن ھاممام باقتى. ئاغزىمنىڭ ئۇچىدا ئېيىتقان
–ئانا، سىنى ئۆيگە ئېلىپ كىتەي، ئۆيۈمدە ياتامسەن؟-دىگەن سۆزۈمگە
-شۇ گىپىڭ ئۈچۈن رەھمەت ئوغلۇم!  سىلەر خىزمەتتىكى ئادەم، ئاۋارە قىلماي-دىسەڭ، سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇپتىكەنمەن ئانا. ئەسلى بۇ سىنى بېقىۋالىدىغان بىر پۇرسىتىمكەن ئەمەسمۇ ئانا!؟...ئاھ!.... شۇ مىھرىسىزلىگىمنىڭ پۇشايمىنى!... .

                                                                  ‹10›
  چارىسىزلىقتىن يارىدەم سۇراپ تېلفۇن ئۇرغان چاغلىرىڭدا بولسا، مەن دوستلىرىم بىلەن ئويۇن-تاماشادا بولغۇنۇم ئۈچۈن ، -كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن مىنى ئاۋارە قىلما! مەن ھازىر ئالدىراش- دەپ تېلفۇننى بېسىۋەتكەن يۈزسىزلىگىمگە نىمە دەي ئەمدى ئانا!؟..
خوتۇن بالىلىرىم زۇكام بولۇپ قالسا دوختۇرخانىغا يۇگرەپ، سەن كىسەل بولۇپ قالساڭ
–دورىخانىغا چىقىپ، دورا ئېلىپ يىگىن- دىگەنلىرىمگە نىمە دەي ئەمدى ئانا!؟...
«يۈزى چوڭ» لارنى گۆش بىلەن بېقىپ، ساڭا سامسا بولسىمۇ ئاپىرىپ بەرمىگەن كۈنلىرىمگە نىمە دەي ئەمدى ئانا!؟....
كۈنلەپ سائەتلەپ ۋاختىمنى قەرت بىلەن ماجاڭغا بىرىپ، ساڭا يېرىم سائەت ۋاختىمنى بىرەلمىگەن نۇمۇسسىز قىلمىشىمغا نىمە دەي ئەمدى ئانا!؟...

                                                                 ‹11›
سەن بەكمۇ يۇۋاش ئىدىڭ ئانا، كۆتۈرۈشلۈك ئىدىڭ. مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ كىلىنىڭگە
-پالانى تاماقنى يىگۈم بار، ئىتىپ بىرىڭ – دىگەن ئەمەسسەن ئانا، ياكى بىر تال پايپىقىڭنى كىلىنىڭگە يۇيۇشقا بەرگەن ئەمەسسەن ئانا.بالىلىرىڭنى دەپ نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرىڭنى ئىچىڭگە يۈتۈۋەتكەن قەيسەر ئىنسانسەن ئانا!....

                                                             ‹12›
  مەن سىنى مەڭگۈ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن جېنىم ئانا، كىيىنچە بېقىۋالارمەن دىگەن خىياللاردا يۈرۈپتىكەنمەن.
ئىسىت!... ئەسلى سەن بىز ئۈچۈن غەنىمەت ئىكەنسەن ئانا، تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈم سەندىن رازىلىق ئېلىۋېلىشىمىزغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى ئەمەسمۇ؟ كىتىپ قېلىشىڭنى بىلگەن بولسام، پۇتلىرىڭنى كۆزۈمگە سۈرتۈپ مەڭزىڭگە قېنىپ قېنىپ سۈيۈۋالماسمىدىم ئانا، ئالدىڭدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەتمىشلىرىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورىۋالماسمىدىم ئانا!، پۇرسەت بىر ئۆتۈپ كەتسە ھەرگىز قولغا كەلمەيدىكەن.
مەندىن رازى بۇلارسەنمۇ جېنىم ئانا!....
ئاھ!.... مىنىڭ يۈرۈگۈمدىكى شۇ پۇشايمانلىرىم!....

2014-يىل 1-مارت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 00:17  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-4 00:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېغىنىش تۇيغۇلىرىڭىز نەقەدەر سۈزۈك  ئوتتۇرغا  قۇيۇلغان  ھە.
دوستۇم مەرھۇم ئانىڭىزنىڭ روھى تەسەللىگە مۇھتاج بۇلۇۋاتقان سېغىنىش ئىلكىدە پۇچۇلىنىۋاتقان  يۈرىكىڭىزنىڭ بۇ نىدالىرىنى ئاڭلىغاي  ئىلاھىم.
سەبرى قىلىڭ. قېرىندىشىم.

ۋاقتى: 2015-3-4 08:19:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرنى خېلى ياخشى يازدىكەنسىز؟ ئاپىرىن!!!!!!!!!!!!!!!!چۈنكى مىنڭ ئاناممۇ داداممۇيوق..... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   فونتان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-4 08:22  


ۋاقتى: 2015-3-4 08:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن چىققان چىن سۆزلەر ئىكەن بۇ. ئوقۇغان كىشىنىڭ يۈرىكىنى بىر قېتىم تىترىتىپ ئۆتىدىكەن. مەن شۇنداق تۇيغۇدا تۇرۇپ ئوقۇدۇم.

ۋاقتى: 2015-3-4 09:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  نەسىر تولىمۇ چىرايلىق چېقىپتۇ.ئەگەر بۇ نەسىر ئىپىك نەسىر بولمىغىنىدا گىپىمىز بارتى.
ئىجادىيەتلىرىڭلار تېخىمۇ مول ھوسۇللۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-4 12:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان چىن سۆزلەر، پۇشايمانلىق، ھاياجانلىق تۇيغۇلار بەك ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ. قەلىمىڭىز ھارمىغاي. سىزگە چىدام، غەيرەت، ئۈمىد يار بولغاي ئەكبەرجان.

ۋاقتى: 2015-3-4 13:10:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن ، سىزنىڭ پۇشايمىنىڭىز بىزلەرگە يورۇق بىر       يولىنى كۆرسىتىپ بەردى . سەبىر قىلىڭ .

ۋاقتى: 2015-3-4 13:31:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« مەن كۆيەرمەن بالامغا ، بالام كۆيەر بالىسىغا  » -دىگەن توغرا ئوخشايدۇ .
جاپاكەش ئاتا-ئانىمىز  بىزلەرنى ناھايىتى تەستە بىقىپ چوڭ قىلدىكەن .
ھەم يەنە ئوقۇتىمەن دەپ ،تاپقان -تەرگىنىدىن ئايرىلىپ قاق سەنەم بولدىكەن .
ئاخىردا بىزلەر خىزمەتكە چىقىپ ئالدىراشچىلىقتا ئۆتسەك ، كىيىن توي قىلىپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتىدىكەنمىز .........

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-4 19:05:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 09:15
نەسىر تولىمۇ چىرايلىق چېقىپتۇ.ئەگەر بۇ نەسىر ئىپىك نە ...

نىمە گەپ بارلىغىنى بىلگۈم كىلىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-3-4 21:21:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە يېزىلغان شىېرنىمۇ، نەسىرنىمۇ ئوقۇدۇم، ئاجايىپ ھاياجانلىق تۇيغۇلارغا چۈمۈلدۈم. ئەسەرنىڭ مەزمۇنىغىغۇ گەپ كەتمەيدۇ، مەزمۇنغا يارىشا بەدىئىيلىككىمۇ خېلى كۈچەپسىز، ئادەم كۆڭلىدىكىنى دېۋالسا يىنىكلەپ قالىدۇ، ئەدەبىيات كوچىسىدىكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا چىن يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىققان سەمىمىي ھېسسىيات بەدىئىيلىك بىلەن قوشۇلسا مۇشۇنداق ئۇدۇل بېرىپ يۈرەككە تېگىدىغان ئەسەر پۈتۈپ چىقىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا بۇنداق چىن ھېسسىياتنى دائىم تاپماقمۇ، ئەينەن ئىپادىلىمەكمۇ تەس. بۇ سىز ئۈچۈن ھەم ئىچ-باغرىنى تۆكۈۋېلىش ھەم بىر مۇۋەپپىقىيەت بوپتۇ.   قايغۇڭىزغا ھەمدەم بولۇش بىلەن بىللە مۇۋەپپىقىيىتىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بەلكىم پۇشايمان تۇيغۇسى يوق ئادەمدىن ھېچقانداق نەتىجە چىقمايدۇ دېسەم ئاتكاچىلىق قىلغان بولارمەن،ئەمما سىز ئانىڭىزغا بولغان سېغىنىشىڭىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپسىز. ئاتا-ئانامەڭگۈلۈك باقىۋەندە ئەمەس، جاھانغا تۈۋرۈك بولمايدۇ، بەزىلىرىمىز ئۇلاردىن بالدۇر كېتىشىمىزمۇ مۇمكىن، بۇ تەقدىرنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. شۇنىڭدىن گۇمانلانمايمەنكى، سىز ئانىڭىز ئۇ ئالەمدە پەخىرلىنىپ ياتقۇدەق ئىشلارنى قىلىشقا ئىرادە باغلاپسىز. بۇ ھەممىمىزگە زور تەسەللىي شۇنداقلا مەرھۇم ئانىڭىزنىڭ بەختى ھەم خاتىرجەملىكى. سىز-بىز قىلىدىغان ئىشلار تېخى جىق، يەنە بىر قېتىم ئىشىنىمەنكى، قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش سىز ئۈچۈن قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئەمەس. تېنىڭىز سالامەت بولغاي.

ۋاقتى: 2015-3-4 22:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەر كوپۇنچە ھاللاردا ئاتا-ئانىنى  كۇيلەپ ئېيتلغان مۇڭلارغا ئەسرا بولغۇنمىزدا ،ئەشۇ قەدىردانلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا قەدىرگە يىتىش خىيالمىزدىن كەچمەيدۇ.مەن ئويلايمەن، نىمەئۇچۇن  بۇندۇن بۇرۇن شۇنچە كوپ ئادەم بۇنداق پۇشايمانلىق مىسرالارنى يازغان بولسۇمۇ،يەنە پۇشايمان ئىلكىدە يۇرىيدىغان ئادەملەر كوپ؟ھازىر پۇشايمان قىلۋاتقانلارغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بىرلسە،مەن كىسىپ ئېيتىمەنكى :ئۇلار  يەنلا ئەشۇ پۇشمانلىق كوچىسدا كىتىۋېردۇ.

ۋاقتى: 2015-3-4 22:51:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغان نەسىرىڭىز تۇلمۇ مەزمۇندار،ھەققىي ۋىجدان ئىگىسىنى تېخمۇ قەيسەر ياشاش روھقا چاقىردىغان، پۇشايمان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىنسان خاراكېتىرنى چوڭقۇر مىسرالار بىلەن بايان ئەيلەپ، پەرزەنتلەر ئۈچۈن خالىسانە پىداكارلىق كۆرسەتكەن بۈزۈرك ئانلىرىمىزنىڭ قەدىرگە يىتىش، ئۇلارنى قەدىرلەش،ئۇلار ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرش،ئۇلار بىلەن بىردەم بولسىمۇ سىردىششگە چاقىرىق قىپسىز...ئاتا-ئانا ھەممىزگە ۋاقىتلىق غايىبى مىھمان ...پەرزەنتلىك مىھرىڭدىن بىزلەرگە يەنە بىر قېتىم دەرس،ياق ساۋاق بەرگىنىڭگە تەشەككۈر!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-5 10:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 21:21
بۇ ھەقتە يېزىلغان شىېرنىمۇ، نەسىرنىمۇ ئوقۇدۇم، ئاجايى ...

ماڭا بەرگەن مەدىتىڭىزدىن روھىم خېلىلا  كۈتۈرۈلۈپ قالدى ئادىل ئەپەندىم.  سىزگە تەشەككۈر ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-5 10:41:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇتۇق يوللىغان ۋاقتى  2015-3-4 22:37
بىزلەر كوپۇنچە ھاللاردا ئاتا-ئانىنى  كۇيلەپ ئېيتلغان م ...

راس ئېيتىسىز،  كونىلارنىڭ «خام سۈت ئەمگەن بەندە» دىگىنى مۇشۇنىڭغا قارىتىلغان بولسا كىرەك. ئەگەر ئىنساندا شەخسىيەتچىلىك خائىشى بولمىغىنىدا ئىدى، مۇشۇنداق پۇشايمانلىق ئىزتىراپلارنى چەكمىگەن بۇلارىدى.

ۋاقتى: 2015-3-5 12:12:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىنى مەڭگۈ ئۆلۈپ كەتمەيدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىكەنمەن جېنىم ئانا، كىيىنچە بېقىۋالارمەن دىگەن خىياللاردا يۈرۈپتىكەنمەن.
ئىسىت!... ئەسلى سەن بىز ئۈچۈن غەنىمەت ئىكەنسەن ئانا، تۇيۇقسىز كەلگەن ئۆلۈم سەندىن رازىلىق ئېلىۋېلىشىمىزغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى ئەمەسمۇ؟ كىتىپ قېلىشىڭنى بىلگەن بولسام، پۇتلىرىڭنى كۆزۈمگە سۈرتۈپ مەڭزىڭگە قېنىپ قېنىپ سۈيۈۋالماسمىدىم ئانا، ئالدىڭدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئەتمىشلىرىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورىۋالماسمىدىم ئانا!، پۇرسەت بىر ئۆتۈپ كەتسە ھەرگىز قولغا كەلمەيدىكەن.
مەندىن رازى بۇلارسەنمۇ جېنىم ئانا!....
ئاھ!.... مىنىڭ يۈرۈگۈمدىكى شۇ پۇشايمانلىرىم!....

چىنلىق تۇيغۇلىرى مۇجەسسەملەنگەن بۇ روھنىڭ ئارمانلىق نىدالىرى كۆز جىيەكلىرىمنى نەملەپ قويدى.
مۇئەللىپنىڭ ئىستىداتىغا كۆز تەگمىگەي ئىلاھىم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش