يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 487|ئىنكاس: 8

د.ج: خاتا چاي (ئىتوت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خاتا چاي   
(ئىتوت)
ئاپتورى: دولقۇن جاپپار
پىرسۇناژلار:
                  مەلىكەم،   ئوقۇتقۇچى،            
                   سەلىمە،   تىجارەتچى ،            
                  بەختىگۈل،   ئىشسىز                 
                  تەبەسسۈم،  خىزمەتچى            
                  تۇرسۇنئاي، خىزمەتچى              
                  كۈتكۈچى           
               
(سەھنە: ئوتتۇرىدا يۇمۇلاق ئۈستەل، ياندا تېلىۋىزور، كىيىم ئاسقۇ قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇيۇلۇپ رېستۇران ئايرىم خانىسى شەكىللەندۈرىلىدۇ.
  ھەددىدىن زىيادە زامانىۋى كىيىنگەن،چاچلىرىنى سېرىق بويىۋالغان، قېنىق گىرىم قىلغان سەلىمە بىلەن، روپاچ ھالەتتە كىيىنگەن بەختىگۈل پاراڭلاشقان ھالەتتە سەھنىگە كىرىپ كېلىدۇ؛ )
سەلىمە: قاراڭلا ئاداش، ئاۋۇ مەلىكەم دىگەن مۆرىمەسكە قانداقراق يەردە ئولتۇرىمىز دىسەم قاراڭلا،  بولسا بۇ چاينى قىلمايلى، بەك قىلىمىز دەپ تۇرۇۋالساڭلا ئاددىراق يەردە ئەرزانراق بىر ئىش قىلساق دەيدۇ ، توۋا...
بەختىگۈل: ۋاي خېنىم، سەنمۇ قانداق قىلاتتىڭ ئۇ مالىمدىن مەسلىھەت ئېلىپ. نەچچىنچى ئەسىردە قالغان كاللا ئۇنىڭدىكى.
(ئۈستەلگە جايلىشىپ ئولتۇرىدۇ)
سەلىمە: ۋاي مەن مەسلىھەت ئالاي دىمىدىم، ئۈلۈشكۈنكى چايدا ئۇ چېيىمىزنىڭ ۋاختى بەك تىز بوپ كەتتى، بوسا ئايدا بىر قىلغان بوساق، پەقەت بومىسا مەن چېكىنىپ كەتسەم دىگەندەك بىر گەپلەرنى قىلغان ئەمەسمۇ...
بەختىگۈل: ھە...شۇنداقراق بىر تېتىقسىز پاراڭلارنى قىلغاندەك قىلغان...
سەلىمە: شۇنىڭغا بۈگۈن كەلمەي قويمىسۇن دەپ مۇنداقچە دەپ قويغان...ۋاي راست، بىي ساسلا خېنىم ماۋۇ ئۈستىلىرىدىكى جالدۇر-جۇلدۇرنى...(بەختىگۈلنىڭ ئۈستى بېشىنى ئىما قىلىدۇ)
بەختىگۈل:  ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن.(ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈستىدىكى كىيىملىرىنى سېلىپ كىيىم ئاسقۇغا ئېسىپ قويىدۇ، سەلىمەگە قاراپ، ئۈستى بېشىنى تۈزەشتۈرگەچ).
-يارىشىپتىمۇ خېنىم ما كىيىملىرىم؟
سەلىمە: ۋاھ، ئەجەپ يارىشىپتا ما كاساپەتكە. مۇشۇ تۇرقۇڭدا 4ئەگە تەككەن قىز بالىغا ئوخشىماي قاپسەنيا.
(كۈتكۈچى قىز كىرىپ چاي قۇيۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىدۇ)
بەختىگۈل: ۋاي ئۇگەپنى بىر قىلمىغىنا. سەنلا شۇنداق دەيسە...
سەلىمە: ۋاي قىلمىدىم بولدى. نەدىن ئالدىڭ؟
بەختىگۈل: ھېلىقى ئالدىنقى ھەپتە تۇنۇشتۇم دىگەن قۇرۇلۇشچى باغۇ...
سەلىمە: ھە ...ھە، قورساقچەككىسكە بوي تاتقان سوۋاغچى...(ئىككى قولى بىلەن پولتۇيۇپ چىققان قورساق شەكلىنى دورايدۇ)
بەختىگۈل:ھە   ئاشۇ بىچارە ئېلىپ بېرەي دەپ تۇرۇپتى، ئەنيىدىن 700كويغا ئالدۇردۇم تازا...
سەلىمە: خېلى ئىشنىڭ يولىنى بىلىپ قالدىڭ بومىسا.
بەختىگۈل: قانداق قىلامە ئەمىسە، قىلاي دىسەم ئىش، ئوقەتنىڭ تايىنى تېخى بومىسا...
سەلىمە: (سائىتىگە قاراپ) ماۋۇلار ھەجەپ كەلمەيدىيا ئادەمنى ساقلىتىپ....
بەختىگۈل: شۇنى دەيمە...
(كۈتكۈچى قىز كىرىپ تىزىملىكنى سەلىمەگە سۇنىدۇ، سەلىمە تىزىملىكنى ئېلىپ، )
-بۇيرىتىۋېرەمدۇق؟
بەختىگۈل: ئاۋۇلار كەگىچە ساقلىمايمىزما؟
سەلىمە: -ۋاي، نىمىگە ساقلايتمىزا خان، ئۇلار كەسە ئىنجىقلاپ بىي ئولتۇسا ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ تۆت تەخسە بىلەن بولدى قىتۇ ھېلى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى نۆۋەت تۇرسۇنئاينىڭ، پۇلنى بىز تۆلىمىگەندىكىن بىي ئوغالبالا ئەكەكتەك ئولتۇرلى مانداق...
بەختىگۈل:-مەيلى.
سەلىمەقولىدىكى تىزىملىككە قاراپ) -يېزىڭە خان، ئىماۋۇ...
كۈتكۈچى: (تىزىملىككە ئىڭىشكەچ) -قايسۇ؟
سەلىمە: -ئىماۋۇچۇ؟ ...يەنە ئىماۋۇ...
كۈتكۈچى: -خاپا بوماي ئىسمىنى دەپ بەگەن بوسىڭىز ,ناۋادا ئالماش بوپ قالسا ياخشى بوماي قامىسۇن...
سەلىمە: (راسا بىر ئالىيىۋېتىپ)-يازسىلا ھە...(تىزىملىككە بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ، بەختىگۈلگە: )
-   ئاداش، سەن ئۇقالامسە ماۋۇ خەتلىنى...،
بەختىگۈل-خەت ئۇقالىسام كادىر بومامتىمەن ۋاي خېنىم...
سەلىمە:-مەلىكە دىگەن ئىنجىق ئۇقۇيالايتتى مالىم بوغاندىكىن...مۇشۇ سەي تىزىملىگىنى ئۇقۇپ بىرە دەپمۇ قېتىۋالغان بىز ئۇنى بۇ چايغا...
بەختىگۈل؛-ۋاي بولدىلا، رەسمىگە قاراپلا بۇيرۇتىۋېرەيلى، يىگىلى بۇتقان نەسە بوسىلا بولدى....
سەلىمەكۈتكۈچىگە قاراپ)  -ھە يېزىڭە ھاڭۋېقىپ تۇرماي....مانىڭدىن، مانىڭدىن...مانىڭدىن....ئانىڭدىن.....
كۈتكۈچى: -سەل ئاستىراق.
سەلىمە: -مەكتەپتە ئۇقۇمىغانمۇ خان ئۆزلىرى. يازسىلا ھە....مۇشۇنداق ساپاسىز، سەۋىيىسىزلەرنىمۇ ئىشقا ساتكەن ھە...مانى...مانى...مانى...ئانى....دىدىم...
(كۈتكۈچى ناھايىتى تىز يېزىپ بۇلۇپ، يەنىچۇ دىگەن مەنىدە سەلىمەگە قارايدۇ)
بەختىگۈل: قانچە بوپتۇ؟
كۈتكۈچى: (دەپتىرىگە يازغانلىرىنى بىر سانىۋېتىپ)سۇغۇق سەيدىن 8، ئىسسىق سەيدىن 12
سەلىمە: چىقىپ دەڭە مېڭ، تەق  قىپ تۇرسۇن، مېھمانلار كىلىپ بۇلۇشى ھامان ئاچىقىڭلا...ھە راست، تازا ئاچچىق، پۇراقلىق بوسۇن ماخما سەيلەر، دارى-دەرمەكلەرنى جىق سالسۇن، ئەتىسى كىيىملىرىمىز پۇراپ رېستۇرانغا كىرگەنلىگىمىز نامايەن بوپ تۇرمىسا ھىساپ ئەمەس...
بەختىگۈل: شۇ، ساراڭ ئەمەس بىز بىكاغا پۇل خەجلەيدىغان...
كۈتكۈچى:-ماقۇل...(چىقىپ كېتىدۇ)
(تەبەسسۇم تېلىفوندا سۆزلىشىۋاتقان ھالدا  تۇرسۇنئاي بىلەن كىرىپ كېلىدۇ.)
تەبەسسۇم:  -ۋاي دىدىمغۇ ھېلى، نىمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغاندۇ دەيمە، ئا قازاندا تۈنىگۈن چۈشتىن ئېشىپ قاغان مىفەن با مىفەن...ئاشۇنى شالاققىدە قىززىتىپ بىر نىمە قىڭىلڭلا باللىغا.  ..نىمە؟قاچان كېلىسىلە؟....  ئىشىم تۈگىگەندەبارتمە....قانداق قىتتىڭلا....چىداڭلا تازا...خوش،() ۋاي خۇدايىم، ما ئەكىشى دىگەن ئەجەپ چىدىماس كەن دىسە...ھېلى ئىشىكتىن چىقسام بۇنا تېلپون قىپتۇ خۇددى بىرسى ئەپ قاچىدىغاندەك...
سەلىمە: ۋاي قاخشىماي كەسلە خېنىم...بىزمۇ قاخشىماي ئولتادۇق مانا سىلىنى ساقلاپ....
( قۇچاقلىشىپ، ئىڭەكلەرنى يېقىشىپ، سۈيۈشۈپ سالام سائەت قىلىشىدۇ؛)
-ۋاي تېچلىكمۇ ئادىشىم.....
-ۋاي تېچلىكمۇ خانلىرىم....
(ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرىشىدۇ)
سەلىمە: كىيىن قېلىشتىلىغۇ خانلىرىم...؟
تۇرسۇنئاي: شۇنى بىر دىمىڭە خان، بۈگۈن ئىدارىدا يىللىق باھالىشىمىز دەپ ئەزمىسىنى ئىزىپ بىر ئوتۇرىشىپتى. ھازىر بىكار بولدۇق مانا.
سەلىمە: ئىشقىلىپ دائىم بىز بالدۇر كىلىمىز ئىشى يوق تەك. سىلەرنىڭ باھانەڭلار جىق. ئىشقىلىپ ساقلاۋېرىپ چىدىماي سەيلەرنى بۇيرۇتقاچ تۇردۇققۇ..(تۇرسۇنئايغا قارايدۇ)
تۇرسۇنئاي: بوپتۇ..بوپتۇ...
بەختىگۈل: ئاۋۇ مەلىكەم دىگەن خېنىم ھازىرغىچە يوق مانا...يەنە قاچانغىچە ساقلايمىزكىن...
سەلىمە: توختاڭلا بىر تېلپون قىلاييا  ئۇنىڭغا...(تېلپون قىلىدۇ)-ۋەي، مەلىكەمما، كەپ بولالمايدىلىغۇ خان...يا بىزنى خىزمەتچى ئەمەس دەپ ياراتمايۋاتامدىلا يا؟ خىزمەتچى بولمىساقمىچۇ نىنى خىزمەتچىلەردىن 8-10نى بېقىۋالغۇچىلىكىمىز با ماخما بىزنىڭ....ئۇنداق قىلمايلى، خۇلۇم-خوشنا بوغاندىكىن ما چاينى چىرايلىق داۋام قىلساق بولا.....ھە، ماڭدىلىما... ......ھە،ھە.......ماقۇل ئەمىسە....ساقلىدۇق ماخما.. (تېلپۇننى قۇيۇپ) سەيلەر چىقىۋەرسۇنا بولدى....
بەختىگۈل: نىمە دەيدۇ؟
سەلىمە: قېينى ئاپامنىڭ ھازىرلا تامىقىنى يىگۈزۈپ بولدۇم، دورىسىنى ئىچكۈزىۋېتىپلا بارىمەن دەيدىغۇ...
تۇرسۇنئاي: ۋاي بىچارە، دىمىسىمۇ مەلىكەمگە ھەجەپ جاپا بولدى دىسە، قېينى ئانىسى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغىلى خېلى بولدى...ھەممە ئىشىنى مەلىكەم قىلىۋاتىدۇ...
(سەيلەر چىقىپ ئۈستەل توشقۇزىلىدۇ، ھەممەيلەن سەيلەرگە بېقىشقاچ پاراڭلىشىدۇ)
سەلىمە: خوپ بولدى ئۇنىڭغا...ئېرىنى باقسا بولىدۇ  ئېرىگە تەككەندىكىن.
بەختىگۈل: شۇ، قېينى ئاپىسىغا تەگمىگەندىكىن...مېنىڭ شۇنداق خۇشام يوق مۇشۇ قېينى ئاپا دىگەن بىلەن....
سەلىمە: بىر ئوبدان لۇپاڭنى تاشلاپ قېينى ئاپام يالغۇز، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن دەپ ئا سەھرادىكى ئۆيىگە كەتتى...نىمە جاپا بۇچاغ بوغاندا. بەرىبىر بالا ئىككى بوغاندا ئېرى ئانامنى باقمىدىڭ دەپ خېتىنىمۇ بېرەلمەيتتى ئۇنىڭ...
تەبەسسۇم: ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭلا، نىمىلا بومىسۇن چوڭلارنى تاشلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇدە. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەلىكەمنىڭ ئاپىسى يالغۇز تۇرسا...
سەلىمە: ۋاي بولدى قىلىڭە خان، سىزگىمۇ مەلىكەمنىڭ بىلەرمەنلىگى شۇقۇپتۇ. ئىشقىلىپ مەلىكەمنىڭ بىر يەرلىرى ئادەمگە ياقمايدۇ...قاچان قارىساڭ ئادەتتىكى بىرنىمىلەرنى كىيىم دەپ كىيىپ يۈرگەن، يا زىبۇ زىننىتىنىڭ تايىنىيوق،
بەختىگۈل: مەلىكەم بار چاغدا خېلى خاتىرجەم ئىدىم. مەلىكەم بوغاندىكىن ئەخلەتنى ئىشىك تۈۋىگە ئاچىقىپلا قوياتتىم..ئۇ تۇشۇپلا تۇراتتى....
(شۇ ئارىلىقتا ئاددى ساددا، رەتلىك كىيىنگەن مەلىكەم ئالدىراش كىرىپ كېلىدۇ. سەلىمە ھەممەيلەننى دەرھال جىم قىلىدۇ. مەلىكەم ھەممەيلەن بىلەن سالام سائەت قىلىشىپ بۇلۇپ جايلىشىپ ئولتۇرىدۇ.)
مەلىكەم: سەت بولدى، ساقلىتىپ قويدۇم.
سەلىمە: نىمىسى سەت بولىدۇ. بىز ساقلاۋېرىپ كۈنۈپ قالدۇق. قېنى ئېلىڭ...
( كۈتكۈچى قىز كىرىپ چاي قۇيىدۇ. مەلىكەم بىلەن كۈتكۈچى قۇچاقلىشىپ قىزغىن كۈرىشىدۇ...)
مەلىكەم: ۋاي بارمۇ سىز قىزىم، ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ قانداق كۈنۈپ قالدىڭىزمۇ؟
كۈتكۈچى: ياخشى خانىم، كۈنۈپ قالدىم.
مەلىكەم: ئىشلار ئېغىر ئەمەستۇ؟
كۈتكۈچى: ياق، ئېغىر ئەمەس، خوجايىنىمىز ماڭا ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلۈپ بالدۇر قۇيۇپ بېرىدۇ. تەكرارقىلىشىمغا يىتەرلىك ۋاختىم بار.
مەلىكەم: ياخشى بوپتۇ، ئۈزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ. ئىش بولسا ئالاقىلىشىپ تۇرايلى
كۈتكۈچى: ماقۇل خانىم، قېنى بەھۇزۇر ئولتۇرۇڭ. (چىقىپ كېتىدۇ)
بەختىگۈل: مەلىكەمخان، بىز بىلەن مۇنداقچە كۈرۈشۈپ قۇيۇپ، ئاۋۇ مەتۇ سكۈتكۈچى بىلەن ھەجەپ قىزغىن قۇچاقلىشىپ كەتتىڭىزا...
مەلىكەم: ھە...ئۇ مېنىڭ ئۇقۇغۇچۇم...
سەلىمە: تۈزۈك ئادەم تەربىيەلەمدىكىن دىسەم سىزنى. ھازىرقى مالىملارمۇ تايىنلىق ئوخشىمامدۇ ساپلا كۈتكۈچى تەربىيەلەيدىغان...
مەلىكەم: ئۇنداق دىسىڭىز بولمايدۇ سەلىمە، مەن چۈشەندۈرەي، بۇقىزچۇ...
تۇرسۇنئاي: ۋاي بولدى چۈشەندۈرمەڭا خان، يەنە يىغىن باشلانمىسۇن بۇيەردە...مەن ھېلىلا يىللىق باھالاش يىغىنىدىن كەلدىم، بېشىم ئاغىپ كەتتى بىكار گەپلەردىن، ئويۇنىمىزنى ئوينايلى ...قانداق دىدىم؟
بەختىگۈل: بەلەن گەپ. ئويۇن ئوينايلى. ئۈتەپ كىتىدۇ بومىسا ما كۈن....
تەبەسسۇم: قانداق ، لاياقەتلىكمۇ يا؟
تۇرسۇنئاي: نىمىدە؟
تەبەسسۇم: يىللىق باھالاش قىلدۇق دىمىدىڭىزمۇ ھېلى..
تۇرسۇنئاي: ھە، شۇنداق دىدىم...
تەبەسسۇم: ئەمىسە لاياقەتلىك بوغانسىز؟
تۇرسۇنئاي(قولىدىكى چوكىنى قۇيۇپ قۇيۇپ) ما ئادەمگە قالاپ گەپ قىلالا خان، نىمە ئۇ لاياقەتلىك دىگەن. ئانىمىزدىن تۇغۇلغاندىن باشلاپلا لاياقەتلىك بىز. مۇنەۋۋەر دەيلا مانداق...
تەبەسسۇم: مۇنەۋۋەر!!! راستلا مۇنەۋۋەر بولدۇڭما؟!!
تۇرسۇنئاي: ھە!...ۋىييەي، ھەيران قالغىنىنى مانىڭ...
تەبەسسۇم: 3ئاي بالنىستتا ياتتىڭ، خوشاڭ كەلسە ئىشقا بارىسە. خوشاڭ كەلمىسە بارمايسە...شۇڭا دەيمىنا...
تۇرسۇنئاي: ئەمدى...بۇنى دەپ قالدىڭ قارا، ئامال جىق دەيمە بىزدە. ئىدارە باشلىقى خېلى بولىدىغان ھىشتىم. ئانچە-مۇنچە يوقلاپ قويىمىز...كاماندىروپكىغا چىققاندا ئاز-پاز ھالدىن خەۋەر ئېپ قويغان يەلىرىمىزمۇ با دەڭلا...
سەلىمە: بوش كەمەپسەندە سەن ھە!. يامان خوتۇن...يامان خوتۇن...
بەختىگۈل: سىزچۇ..سىز؟ مۇنەۋۋەر بومىدىڭىزما؟
تەبەسسۇم: بىز تېخى باھالاشمىدۇق...ئەتە باھالىشىمىزكەن...بەرىبىر مۇنەۋۋەرغۇ مەن.
تۇرسۇنئاي: ۋاييەي، كىسىپلا دەۋەتتىڭا؟
تەبەسسۇم: مەن دىگەن ئىدارىنىڭ بۇغالتىرى...ئىشقىلىپ خىزمەتداشلىرىم سايلىمىسىمۇ باشلىقىم بىر نىمىلەرنى قىپ يۈرۈپ ئىلغار قىلىپ قويىدىغۇ مېنى. نەچچە يىل بولدىغۇ ماڭا ئىلغار بوغىلى...
بەختىگۈل: ئىداراڭلارغا  تازا ئاچپاقا ئەردىن بىرسى باشلىق ئوخشىمامدا؟
تەبەسسۇم: ئۇ چۇ قاراڭ، ماڭا ئاچپاقىلىق قىلمايدۇ، قۇيرۇقى مىيەدە ئۇنىڭ...(ئالقىنىنى چىقىرىدۇ)
(شۇ ئەسنادا بەختىگۈلنىڭ تېلپونى كاككۇك ئاۋازى ئۈنىدە جىرىڭلايدۇ.بەختىگۈل قول ئىشارىسى بىلەن ھەممىنى جىملەپ تېلفوننى ئېلىپ): خالو ...ھە ھەسەنجان جېنىمما، ...نەدە بۇتتۇق قاراڭ، شۇ چوڭ ئانامنىڭ مىجەزى يوق بوپ قاپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن....شۇ يېزىغا كەلگەن. ...ھە...ھە...ئەتە قايتىمەن.....ماقۇل، ئەتە بېرىپلا سىزگە تېلپۇن قىلاي....ماقۇل، ماقۇل ھە   ....جېنىم.
سەلىمە(ئايتۇرسۇنغا قاراپ)؛  ھەراست ئاداش، مۇنەۋۋەر بولساڭلار شۇ ئىداراڭلار قانچە پۇل مۇكاپات بېرىدا؟
بەختىگۈل: بىرتال شادەتنامە بىلەن بىرەرتال چايدان يا بىرەر تال يوتقان تېشى .
تەبەسسۇم: ۋاي نەدىكى گەپنى قىسسىزكەن خېنىم، قايسى زامان ماۋۇ؟ ....ئالدىنقى يىلى بىزنىڭ ئىدارىدىن مۇنەۋۋەر بولغانلارغا 600يۈەن بەردى مانداق...
سەلىمە: ۋاي ئانامەي،   مەن تېخى بىرەر مىليون بېرىدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ھەي ئاشۇ ئىككى تۆتتال مائاشىڭلاردىن مېنىڭ مۇشۇ كۈنۈم ياخشى ئوخشىمامدۇ؟ مۇنەۋۋەر بولساڭلار بىر جوزا سەينىڭ پۇلىنىمۇ بەرمەيدىكەن...
تۇرسۇنئاي:شۇنى دەڭلا، بىرئايلىق مائاشىمىز سىلىنىڭ ساتقان بىرتال نوركا پەلتۇيۇڭلىنىڭ پايدىسىچىلىكمۇ ئەمەس...
مەلىكە؛(ئالدىرىماي، ۋەزمىن ئاھاڭدا) تۇرسۇنئاي، ما گىپىڭىز بولمىدى، سىز، بىزنىڭ خىزمەت قىلىشىمىز نۇقۇل پۇل ئۈچۈنلا بولسا بولمايدۇ. ئادەم دىگەن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى ئۈزىنى سۆيگەندەك سۈيۈشى، ھەر بىر كۈنىدىن خوشاللىق، قانائەت ھاسىل قىلىشى كېرەك.
تۇرسۇنئاي: يەنە ئېغىزى ئېچىلدى مانىڭ، بولدى..بولدى، مەن دىمىگەن بولاي...
شۇ ئەسنادا تۇرسۇنئايغا تېلىپون كېلىدۇ، ئۇ ھەممىنى جىملەپ تېلىفوننى ئالىدۇ؛
-ۋەي، پەرۇخجان بالامما؟....ھە نىمە ئىش بالام.....دادىڭىز تېخى كەلمىدىما.....ھە راست،.دادىڭىز تۈنۈگۈن يېرىم كۈن يىغىنغا قاتناشقان ئەمەسما، بۈگۈن ئۇلارنىڭ يىغىنداشلار  چېيى بار ئىدى، سەل كەچرەك كىلىشى مۈمكىن. .....ھە،ھە....تاپشۇرۇق ئىشلىگۈڭىز كەلمىگەن بوسا كومپىيوتىر ئوينىغاچ تۇرۇڭ، يا بومىسا كارتۇن كىنو كۆرەسىز....ماقۇلما بالام....خانىمىڭىزغا مەن ئەتە پەرۇخجاننىڭ مىجەزى يوق تاپشۇرۇقىنى ئىشلىيەلمىدى دەپ قوياي، ماقۇلما بالام، ...ھە ماقۇل خوش.....
(مەلىكەم تۇرسۇنئاينىڭ گەپلىرىگە قاراپ ھەيران قالىدۇ، ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باش چايقايدۇ)
بەختىگۈل: ۋاي خانلىرىم، بىكا گەپتىن جىگدە ياخشى دەپتىكەن، ئوينىمامدۇقا مانداق؟
تەبەسسۇم: باشلاڭە ئەمىسە خان...
بەختىگۈل: باشلىدىم ئەمىسە، ...ھاي كۈتكۈچى، چېلىڭە ئاۋۇ دەنشىنى تازا كەلتۈرۈپ دېسكۇغا...(مۇزىكىغا تەڭكەش دېسكوغا چۈشىدۇ، جوزىدا پەقەت مەلىكەملا قالىدۇ.ئارىلىقتا بەختىگۈلنىڭ تېلىفونى ئىت خىقىرىغان ئاۋازدا جىرىڭلايدۇ. مەلىكەم تېلپۇننى ئېلىپ بەختىگۈلنى ئۇسۇلدىن توختۇتۇپ، تېلپۇنىنى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ. بەختىگۈل تېلفۇنىغا قاراپلا جىددىلىشىپ مۇزىكىنى توختۇتۇپ ھەممەيلەننى جىملەپ،تېلپۇننى ئالىدۇ)-ۋەي....، قادىرجانما؟ بەلەنما؟ ....مەن...مەن شۇ ...ئاچام يېزىغا كىتىپتىكەن، شۇ..بالىلىرىغا قارىغىلى ئادەم يوق بۇلۇپ قېلىپ...شۇ ئاچامنىڭ ئۈيىدە....ياقاي، مەن سىزنى قاچان گوللاپ باققان؟  ۋاي نىمە ئىشمۇ قىلامە بۇ كەچتە مەن تالادا...تۈزۈك گەپقىلىڭە جېنىم...جىڭ تەقۋادار ماخما مەن...ئانداغ-مانداغلارغا ئوخشاتماڭا مېنى.......ھە، ماقۇل، ئەتە ئەتتىگەن باراي دۇكىنىڭىزغا....ماقۇل، ماقۇل...خوش...(تېلپۇننى قۇيۇپ ئۈزىگە تىكىلىپ تۇرغانلارغا ھىجاراپ قۇيىدۇ)
سەلىمە: ھەجەپ كەيپىمنى بۇزدا ما تېلپۇنۇڭ خان. بىي ئىتۋاتە ئۇ بىلمەڭنى....
پۇخادىن چىققۇچە بىر ئويناپ دىسكۇ دىگەننى تىتىۋېتەمە دىسەم...
بەختىگۈل: ھە، تىپۇننى ئەتتىم مانا. مۇزىكىنى قۇياي ئويناڭە ئەمدى...ئاخشامقى چايدا ئالامەت ئوينىۋاتتۇق بومىسا ھە!
سەلىمە: ۋاي ئۇنى بىر دىمە ئاداش، خوتۇنلارنىڭ ئاغزى ھاڭ قالدى...
مەلىكەم: سىلەرنىڭ ماۋۇ خۇلۇم-خوشنىلار چېيىدىنمۇ باشقا چېيىڭلارمۇ بارما؟
سەلىمە: ۋاي نەدە قالدىڭىز سىز؟ بۇ تېخى ئەڭ كىچىك كۆلەمدىكى چاي، بىزنىڭ يەنە دۇكانداشلارچېيى، ئوخشاش كۈندە تۇغۇلغانلار چېيى، باشلانغۇچ مەكتەپ ساۋاقداشلار چېيى، بالنىستتا بىللە ياتقانلار چېيى دەپ ئايدا5 چېيىمىز بار دەيمەن...
تەبەسسۇم: راست، ىېلى جىق چاي ئوينايدۇ ئوينايدۇ بۇلار. مەن بۇ چايلارنىڭ ئۈچىدە بار...
مەلىكە: توۋا، شۇ چايلارغا قانداقمۇ ۋاقىت، پۇل توشۇتۇپ بولىدىغانسىلەر؟
سەلىمە: شۇ پۇل دىگەننى ئوينايمەن، ياشايمەن، يەيمەن، ئىچىمەن دەپ تاپمىسا نىمىگە تاپىدا ئاداش... سىلىمىچۇ ھەدىسەخىزمەت، ئانا، ئە، بالا دەپ يۇرمەي ما ياشلىقىڭلىنىڭ بارىدا ئوينىۋېلىڭلاتازا. ھە دىسە كىتاپقا دۈم چۈشمەي...
ئايتۇرسۇن: (ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستەلگە بىر قارىۋېتىپ، خوشياقا خوشياقماس ھالدا) ھە راست كۆپچىلىك، يەنە ئاز-پاز سەي بۇيرىتامدۇق يە، بولامۇ؟
سەلىمە: ئاز-پاز دەيسىزغۇ، بۇيرىتىلى يەنە، تۈزۈك ئولتۇرىلى مانداق، سىرتتىن بىرەرى كىرىپ قالسا مازاق قىلمىسۇن بىزنى ئىككى تۆتتال سەي بىلەن ئولتۇرۇپتۇ دەپ...
ئايتۇرسۇن: ماقۇل، قېنى بۇيرۇتۇڭلار ئەمىسە...
مەلىكە: توۋا دەڭلا خانلىرىم، نەگە يەيمىزا يەنە سەي بۇرۇتۇپ، تۇمامدۇ مانا بىر جوزا سەي لىققىدە.
تەبەسسۇم: شۇ، ھېلىمۇ جىق بويرۇلۇپ كىتىپتىكەن بۇ سەيلەر
سەلىمە: نىمىسى جىق. ماۋۇ بەختىگۈل ئىش-ئوقەت قىلمىسىمۇ ئالدىنقى چايدا بىر جوزىنى سەيگە كومىۋەتكەن ئەمەسمۇ، يىمىسەكمۇ سورۇننىڭ يارىشىقى ئۇ سەي دىگەن.
بەختىگۈل: ئۇ سورۇننى ھېلىقى موتو ساتىدىغان قاسىم تەييارلاپ بەرگەن.
سەلىمە: ۋاي شۇك ئولتۇرۇڭە خان ئادەمنى چانداماي...
مەلىكە: سەلىمە، ئەمدى يەنە ىىر نەرسە بۇيرۇتمايلى، ئىسراپچىلىق ياخشى ئەمەس..(سائىتىگە قاراپ)ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، ئەتە يەنە خىزمەتبار ئەمەسمۇ، بالدۇرراق قايتايلى...(قايتىشقا تەمشىلىدۇ)
سەلىمە: ۋاي...ۋاي...ھە ماقۇل-ماقۇل، بىي دەرىس ئۆتمەڭە ئەدەمگە، ھىچ بولمىسا بىر كورا شورپا قىلسۇنا تازا ئاچچىق قىلىپ...ئالدىرىماڭا بىدەم سىزمۇ؟ ئاران كەلدۇق مايەگە.
تەبەسسۇم: ۋاي ئەتە خىزمەت بار دەپ كەتكىنىڭىزنى، سىز بىي بىييەنىڭ ھاكىمىما خىزمەت دەپ...مالىملىقىڭىزنى بىر ئىككى سائەت قىلمىغانغا ھىچنىمە بومايتۇ، ئولتۇرۇڭە بىدەم،،،(پىشىدىن تارتىپ ئولتۇرغۇزىدۇ)
ئايتۇرسۇن: ئەمىسە بىر كورا شورپا قىلىدىغان بولدۇق ھە...كۈتكۈچى، بىر كورا سەي تاڭ قىسۇنا ئۇكام...ئاچچىق قىلىپ...
كۈتكۈچى: ماقۇل (چىقىپ كېتىدۇ)
تەبەسسۇم: سەينىڭ تۈرى كۆپ بوغان بىلەن مىقدارى ئازكەن ھە خانلىرىم؟
ئايتۇرسۇن: ئاداش، سەي دىگەنمۇ رېستۇراننىڭ ئىگىسىگە بېقىپ چىقىدۇ مانداغ، بىلمەمسىلە ئۇپىخسىق، مەككارنى...
مەلىكەم: توۋا دەڭلا خانلىرىم، رېستۇراننىڭ ئىگىسى ئادىلجان بىر ئېسىل ساخاۋەتچىغۇ، ئىككى ئۈچ يىلدىن بىرى يىتىم-يىسىرلارغا ئاز ياردەم قىلمىدى ماخما ئۇ كىشى، بىكادىن-بىكا ياخشى كىشىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلمايلى...
بەختىگۈل: توۋا دەيتمە، بەزى ئادەملە ئېلىشىپ قالامدىكى، بىكادىن بىكا خەقكە پۇل بىرىپ...پۇل دىگەننى تاپقاندىكىن مېغىزىنى چاقمامدا شەمۇ شە بېرىپ...
سەلىمە: شۇ... ھاكىم، شۇجى قىتقان ئىشنى تالىشىپ ساخاۋەت قىلدۇق دەپ يۈرگەنلەرنىڭ بېشى ئىششۇق. ئوينىمامدا تاپقان پۇلغا. ...ئاڭلىسام ئۈرۈمچى تەرەپلەردە تۈركىيىگە ساياھەتكە چىقىش مودا بوپتىمىش. بىزنىڭ مىشەدىكى بايلىمۇ تۈركىيىنىڭ ئالماتا، موسكىۋا دىگەن شەھەرلىرىگە بېرىپ ئويناپ كەسە بۇتۇ...بىكا يەرگە پۇل خەجلىمەي...تۈگۈمىيتۇ ئۇ نامرات دىگەن...
بەختىگۈل: شۇ...كۈزىگە ئۇز كۈرەنگەن خوتۇندىن 2،3نى ئېلىپ لەنجۇ ئۆلكىسىنىڭ خەينەن دەيتقان مۇز تاغلىرىدا ساياھەت قىتقان نى،نى بايلا بېيتمىش مىندا. پۇل دىگەننىڭ مېغىزىنى ئاشۇنداق چاقماي...
مەلىكەم: ئەقىلگە سىغىدىغان گەپ قىلىڭ بەختىگۈل، قايسى زامان ماۋۇ ئىككى، ئۈچ خوتۇ ئاتقان؟
بەختىگۈل: ۋاي دىمىدىم...دىمىدىم. بىي تەربىيە قىماڭا ئادەمگە....
(مەلىكەم ئەپسۇسلىنىپ بېشىنى چايقايدۇ. )
سەلىمە:  قېنى خانلىرىم بىر پەدە ئۇسۇل ئوينىساققۇ بۇلا، بۇنىڭغا پۇل كەتمىگەندىكىن...ئۇسۇلنى جىق ئوينىساق ئۇسۇل ئىسراپ بوپ كىتىدىغانغۇ ئىش بولماس ھە مەلىكەمخان؟ (مەلىكەمگە مەنىلىك قارايدۇ) ھە راست بەختىگۈل ھېلىقى دەينى سال...دەينى...تۆت پەدىگە ئوينايمىز.... (مەلىكەم سائىتىگە قاراپ-قاراپ تىت-تىت بولىدۇ)
بەختىگۈل ئورنىدىن تۇرۇپ سومكىسىدىن بىر تۇتام دەينى ئالىدۇ ھەم دەينى ئىلغاشقا باشلايدۇ. –ماۋۇسى دېسكۇ كەن، ماۋۇ تۈركىيىلىك ئەل روماننىڭ، ماۋۇ شارۇلخاننىڭ، ماۋۇ ئىسمايىلنىڭ...ھە ماۋۇكەن...ماۋۇكەن...(دىسكىنى سالىدۇ. تۆت پەدە مۇزىكىسى باشلىنىدۇ. ئۇسۇل باشلىنىدۇ. تەبەسسۇم مەلىكەمنى ئۇسۇلغا تارتىدۇ. مەلىكەم ئۇنىماي سائىتىگە قارايدۇ. مەلىكەمدىن باشقىلىرى ۋۇ تاتىشىپ ئۇسۇلغا چۈشىدۇ. شۇ ئەسنادا بىر كورا شورپا كۈتۈرۈپ كىرگەن كۈتكىچى بەختىگۈلنىڭ كېلەڭسىز ھەركەتلىرىدىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ شورپىنىڭ بىر قىسمىنى بەختىگۈلنىڭ كىيىمىگە تۈكىۋېتىدۇ. مۇزىكا توختايدۇ.)
بەختىگۈل:ۋاي ..نىمە قىلغىنىڭىز بۇ....ۋاي ئىسىت كىيىملىرىم...ۋاييەي...كۈزۈڭ يوقما سېنىڭ...ۋاي قانداق قىلاي....
كۈتكۈچى: كەچۈرۈڭ...كەچۈرۈڭ...قەستەن قىلمىدىم.
بەختىگۈل: قەستەن قىلمىدىم دەيسىنا ھۇ پەس، ئاتىسى قالىمىغان، ئانىسى يالىمىغان قانجۇق. تۆلە مانى، تۆلىگىنە...ھۇ پەس، بۇزۇق...
مەلىكە: بولدى قىلىڭلا...(ۋاقىرايدۇ). بەختىگۈل، بولدى بىشەملىك قىلماڭ، كىيىمىڭىزنىڭ پۇلىنى مەن تۈلەپ بىرەي...
بەختىگۈل؛ سىز...سىزما؟
مەلىكە: شۇنداق. مەن.
كۈتكۈچى: ياق خانىم، مەن تۈلەپ بىرىمەن. نىمە دەپ سىز تۈلىگىدەكسىز...ھە راست، كىيىمىڭىز قانچە پۇللۇق ئىدى ئاچا؟  
بەختىگۈل: 1500كوي، قانداق...ئۆمرۈڭدە ئاڭلىمىغان بوغىيتتىڭ بۇنداق ساننى، ھۇ تەربىيە كۆرمىگەن...تېخى يەنە ئاچا دەيدا ما دادۈي پاسىرى...
مەلىكەم(سومكىسىدىن پۇل ئالىدۇ) مانا 1500كوي بۇنى ئېلىڭ بەختىگۈل، بىراق بۇ قىزنى تەربىيىسىز دىمەڭ...
بىلەمسىز، مۇشۇ ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ ئىچىدە ئەڭ تەربىيە كۆرگەن، ئەقلى ۋە ۋىجدانى ئەڭ ساپ بولغىنى دەل مۇشۇ قىز...
ھەممىسى: نىمە؟!!!نىمە دىدىڭىز...
مەلىكەم: سىلەر بۇ قىزنى خىيالىڭلاردا ئاددى خىزمەت قىلغىنى ئۈچۈن پەس كۈرۈۋاتىسىلەر، تەربىيىسىز ئەقىلسىز كۈرۈۋاتىسىلەر...ئەمىلىيەتتە ئۇ شىنجاڭ ئونۋېرستېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن، ماگىستىرلىق ئۇقۇش ئارزۇسى بويىچە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۈگۈنىۋاتقان بىر ياراملىق قىز. ئۇنى بۇ يەردە ئىشلەشكە مەن تۇنۇشتۇرغان...چۈنكى بۇ رېستۇراننىڭ خوجايىنى يىتىم-يىسىر، ئاجىز، باشپاناھسىزلارغا خەير-خاھلىق قىلىپ كېلىۋاتقان ساخاۋەتلىك بىر زات. چۈنكى...چۈنكى...بۇقىزنىڭ ئۇقۇش پۈتتۈرىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ ئىككى ئىنىسى بىراقلا ئالى مەكتەپكە ئۆتتى. تەقدىر دىگەن ئاجايىپ تەتۈر ئىكەن...دەل شۇ كۈنلەردە بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قاتناش ھادىسىسى بىلەن قازا قىلدى...ئىككى ئىنىسىنى ئۇقۇتۇش ئىشى مانا مۇشۇ ئىرادىلىك قىزىمىزغا يۈكلەندى. بىز بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن مەكتەپىكىلەر يىغىش قىلىپ بۇ قىزنى يوقلاپ باردۇق، يىققىنىمىزنى مۇشۇ يىتىملارغا  ئاز تولا تەسەللى بولار دەپ ئويلىدۇق، ئالى مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئىككى يىتىمنىڭ دەردىگە دەرمان بولار دەپ ئويلىدۇق...بىراق، بىراق...بۇ قىزىمىز كۆڭلىمىزنى ئالغىلى زادىلا ئۇنىمىدى...(كۈتكۈچىنىڭ بېشىنى سىلاپ باغرىغا باسىدۇ) مىھنەتسىز نىممەتنى ئېلىشنى خالىمىدى، ناۋادا ئۈزىنى بىرەر ۋاقىتلىق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىيەلىسەك مۇشۇنى ئۈزىگە قىلغان ئەڭ چوڭ ياردىمىمىز دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئۈتۈندى... شۇنىڭ بىلەن مەن بۇجاينى ئالاقىلىشىپ بەردىم...مانا ھازىر بۇ قىزىمىز مۇشۇ يەردىن كەلگەن ئىش ھەققى بىلەن، مەتبۇ ئاتلاردىن ئالغان قەلەم ھەققى بىلەن  ئىككى ئىنىسىنى ئۇقۇتىۋاتىدۇ. ئويلاپ بېقىڭلار...مۇشۇنداق ياخشى پەزىلەتلىك بىر قىز تەربىيىسىزما؟ بىز ئۈزىمىزنى مۇشۇ قىز بىلەن سېلىشتۇرۇشقا ھەقلىقما؟ بىز ئۇنىڭ قىلغىنىنىڭ مىڭدىن بىرىنى قىلالىدۇقما؟..
(باشقىلار ئاستا ئۇرۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇرىشىدۇ، مەلىكەمخان ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ سۆز باشلايدۇ)
    قاراپ بېقىڭلار، بىز نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز، مۇشۇ تاپتا بىزنىڭ ئەرلىرىمىز نەدە، بالىلىرىمىز نەدە؟ بىز ئۇلارغا كۈيۈنەلىدۇقمۇ؟ بالىلىرىمىزنىڭ ئۇقۇشىغا، تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرەلىدۇقمۇ؟ . بىزنىڭ ھالىمىز شۇ تۇرسا ئەرلىرىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ھالى نىمە بولماقچى ؟!  ئائىلىنىڭ مىھرى، مۇقەددەسلىگى نىمە بولماقچى؟!
توغرا، پۇل ھەقىقەتەن مۇھىم، ئەمما بىز تاپقان پۇللىرىمىزنى لايىقىدا ئىشلىتەلىدۇقمۇ؟. قاتار چايدىن ئىبارەت بۇ ئۆسمە نۇرغۇن ئىقتىساتنى بۇزۇپ چاچتى...ئەپسۇس، بىز ئاشۇ پۇللارنى ياردەمگە ئەڭ موھتاج كىشىلەر ئۈچۈن سەرىپ ئىتىشكە قادىر بولالمىدۇق. تۆكمە-تۆكمە غىزالارنى ئىسراپ قىلىشقا چىدۇدۇقيۇ، كوچا-كويلاردا ئاچ توق يۈرگەن بىچارىلەرگە سۇنۇپ بىرىشكە ئاجىزلىق قىلدۇق...
مەن ئېچىنىۋاتىمەن!، نىمە دەپ مۇشۇ قاتار چايغا ئارىلىشپ قالغىنىمدىن قاتتىق ئېچىنىۋاتىمەن.! ئۇيۇن-تاماششاغا كەتكەن مۇشۇنداق ۋاقتىمىزغا، بىمەنە ئىشلار ئۈچۈن سەرىپ بولىۋاتقان ئىقتىساتلىرىمىزغا ئېچىنىۋاتىمەن!! ئويناپ-يايراپ يۈرگەن مۇشۇ ئەمىليىتىمىز   ئاخىرىدا ئەۋلاتلىرىمىزنى قانداق زاۋاللىقلارغا يۈزلەندۈرەرھە؟!
ئاجايىپ مىللەتكەنمىز،  ھەشەمەتلىك ماشىنا، ھەشەمەتلىك ئۆيگە، ئويۇن تاماششاغا  خەجلىگەن پۇلنى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ يۇقۇرى ئۆرلەپ ئۇقۇشىغا، چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىشىغا سەرەپ ئەتسەك، تۇرمۇشىمىز  ئاددىي ئۆتسىمۇ، ئاشۇ ئاددى تۇرمۇشتىن ئالەمچە ھوزۇر ئېلىپ، بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ ياشىغىلى بولاتتىغۇ؟  
كەچۈرۈڭلار، مەن سىلەرنىڭ بۇنداق قاتا چېيىڭلارغا، ياق، بۇنداق خاتا چېيىڭلارغا ئەمدى ھەرگىز قاتنىشالمايمەن...
بەختىگۈل: (يىغلامسىرىغىنىچە كۈتكىچىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ) كەچۈرۈڭ سىڭلىم...مېنى كەچۈرۈڭ، مېنىڭ بېشەملىگىمنى، تەتۈرلىگىمنى، بىلىمسىز، نادانلىقىمنى كەچۈرۈڭ...مەن سىزنى خاتا ئەيىپلەپتىمەن. مەن سىزنىڭ بۇقەدەر ئىرادىلىك، ئالىجاناپ ئىكەنلىىڭىزنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن...مەن چۈشەندىم، مەنمۇ ئۆز ۋاختىدا ئۇقۇشنى قەدىرلەپ، ھاياتقا چەكسىز ئۈمىد بىلەن قارىغان بولسام، ئۇيۇن-تاماششاغا قاراتقان ۋاختىمنى ئائىلەمگە قاراتقان بولسام بۈگۈنكى كۈندە بۇقەدەر ئاجىز بۇلۇپ قالماس ئىدىم...كەچۈرۈڭ سىڭلىم...
ئايتۇرسۇن: (مەلىكەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ) كەچۈرۈڭ مەلىكەم، بىزنى كەچۈرۈڭ...دائىم سىزنىڭ ئورۇنلۇق گەپلىرىڭىزنى سىلكىۋېتىپ كۆڭلىڭىزگە ئازار بېرىپ كەلدۇق. سىزنى رەنجىتتۇق...بىز توغرا قىلماپتۇق، ئوخشاش...بىر زىمىندا ياشاپ ، ئوخشاش بىر ھاۋادىن نەپەسلىنىپ تۇرۇپمۇ بىز سىز ئويلىغاننى ئەسلا ئويلاپ باقماپتۇق...ئېيتقانلىرىڭىز بەرھەق.  مەن گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ نومۇستىن ئۆلەي دىدىم...بىز خاتا قىپتۇق مەلىكەم....(كۈتكۈچى قىزنىڭ بېشىنى باغرىغا يېقىپ) بىزنى كەچۈرۈڭ سىڭلىم....
تەبەسسۈم: راست مەلىكەم، بىز خاتا قىپتۇق، ئۇيۇن تاماششا ئەقلىمىزنى چىرمىۋاپتۇ...بىزنى قانداقمۇ مەسئۇلىيەتچان ئايال، لاياقەتلىك ئانا دىگىلى بولسۇن!!!
بەختىگۈلئۇڭايسىز ھالەتتە پۇلنى ئېلىپ مەلىكەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ)
سەلىمە: (ئېغىر قەدەملەر بىلەن كىلىپ كۈتكۈچىنى باغرىغا باسىدۇ...يىغلامسىراپ تۇرۇپ) كەچۈرۈڭ سىڭلىم...بىز بەكمۇ نادان ئىكەنمىز...بەكمۇ ئەقىلسىز ئىكەنمىز...سىزدىكى ئىرادە ۋە جۈرئەتكە قول قويدۇم سىڭلىم...بىزنى كەچۈرۈڭ...(مەلىكەمنىڭ قولىنى تۇتۇپ)   مەن چۈشەندىم مەلىكەم مالىم،  بىز بىرنەچچە يىللىق خوشنا تۇرۇپمۇ بۇنى بىلمەپتىكەنمەن. سىز بىر گۈھەر ئىكەنسىز...مەن ياشاشنىڭ نىمىلىگىنى، قەدىر-قىممەتنىڭ نىمىلىگىنى ئەمدىلىكتە ھىس قىلىۋاتىمەن...رەھمەت سىزگە...مەن مۇنداق ئويلاۋاتىمەن مەلىكەم مالىم، ئايدا قىلىدىغان مۇشۇ چېيىمىزنى توختۇتۇپ مۇشۇ چايغا كېتىدىغان ئىقتىساتنى يىغىش قىلىپ بۇ سىڭلىمنىڭ ئىنىلىرىنى ئۇقۇتۇشقا ياردەم قىلساق...مۇشۇ ئاددى ئىشىمىز بىلەنمۇ ئالەمچە خوشاللىق تاپالايدىكەنمىز ئەمەسمۇ....سىزنىڭچە بولامۇ؟
باشقىلار: بەلەن گەپ...شۇنداق قىلىلى...ئەجەپ ياخشى ئويلاپسەن سەلىمە،،،،مەن قۇشۇلدۇم....مەنمۇ قۇشۇلدۇم (دىگەن پاراڭلارنى ھاياجان بىلەن ئېيتىشىدۇ)
مەلىكەم: بۇ...بۇ...، رەھمەت سىزگە سەلىمە.
كۈتكۈچى: رەھمەت ھەدىلەر...ئەقلىڭلارغا بارىكاللا.. كۆڭلۈڭلار ماڭا تىگىل بولدى. مەن مەلىكە مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە قىيىنچىلىقلىرىمنى ئاساسەن يىڭىپ بولاي دىدىم. بىراق جەمىيەتتە مەندىنمۇ كۆپ قىيىنچىلىقى بار نۇرغۇن كىشىلەر بار. سىلەرنىڭ بۇ ساخاۋىتىڭلار ئەنە شۇنداق كىشىلەرگە يەتسە مەنمۇ ئالەمچە خوشال بولغان بولاتتىم...
تەبەسسۇم: نىمە دىگەن ئېسىل پەزىلەتلىك قىز ھە!....رەھمەت سىڭلىم...مەلىكە مۇئەللىم، سىز بۇ پائالىيىتىمىزنىڭ بېشى بۇلۇپ بىرىڭ. بىز پۇلنى سىزگە تاپشۇرايلى...
باشقىلار: شۇنداق قىلىلى....
مەلىكەم: رھمەت سىلەرگە...سىلەرنىڭ سۆزلىرىمنى ئىلىك ئالغىنىڭلارغا رەھمەت...كىچىككەن بولسىمۇ ئەمما دەل جايىدا پارتلىغان ئەقلىڭلارغا رەھمەت.ماقۇل. دىگىنىڭلاردەك بولسۇن...(قولىدىكى پۇلنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ) بۇ پۇل بىزنىڭ ئۇشبۇ ساخاۋەتلىك پائالىيىتىمىزنىڭ تۇنجى خۇرۇچى بولسۇن!!!

(ھەممەيلەن ھاياجان بىلەن بىر-بىرىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىشقىنىچە چىراق ئۆچىدۇ)  
               


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +990 يىغىش سەۋەبى
ئۈمىدجان قادىرى + 990

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-4 01:33:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دولقۇنكا، بۇ ئىتوتلىرى ھەقىيقەتەن بەك ياخشى چىقىپتۇ. گەرچە بۇ تېما كونا بولسىمۇ لېكىن سىلە ئىپادىلەش ۋە تىل جەھەتتە بەك كۈچەپلا. مۇشۇنداق ياخشى ئىتوتلارنى يېزىپ تۇرسىلا. مەن ئىشلەۋاتقان شىركەتنىڭ پىروگراممىسىدا ھەر ھەپتىدە بىر ئىتوت ئىشلىتىمىز. ئەگەر تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن ئۆتكۈزەلىسەك سىلە بىلەن ئالاقىلاشساق بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-3-4 09:03:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتوتنى خوتەن ۋىلايىتى ئۈچۈن يازغان بولسىڭىزمۇ ئوقۇپ چېقتۇق.
قەلەم ھارمىسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-4 11:09:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، تەسىرلىك كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىتوت بوپتۇ!

ۋاقتى: 2015-3-4 11:46:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىپتۇ،بۇلۇپمۇ يەرلىك شىۋسى!

ۋاقتى: 2015-3-4 11:49:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



      ياخشى يېزىلىپتۇ، ياقتۇردۇم. قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-4 13:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى شېئىرلا يازىدۇ دەپ ئويلاپ يۈرۈپتىمەن مۇنداقمۇ ئېسىل«ھۈنەر»لىرىڭنىڭ بارلىقىنى بۈگۈن بىلدىم.جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ناچار قىلمىشلارنى ئاددى تىللار بىلەن يارقىن ئىپادىلەپ بەرگىنىڭگە كۆپ رەھمەت.ئەسەرلىرىڭنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن

ۋاقتى: 2015-3-5 12:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇگۇن پەتەتلا مجەزىم يوق، سال ياخشىلانغاندا يەنىمۇ تەپسىلى ئوقۇپ پكىر قىلاي

ۋاقتى: 2015-3-5 18:19:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز يەنمۇ كۆپلەپ نادىر ئەسەرلەنى يىزىشىڭىزنى ئۇمۇد قىلىمەن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش