بالىلىقنىڭ چۆچىكى
نامانجان تۇرسۇن قاراتېكىن
كېچە دېگەن بىر دەرەخ،
يۇلتۇزلىرى يوپۇرماق.
سايىسىدا ئولتۇرۇپ،
چۆچەك ئوقۇساق.
-بۇرۇن، بۇرۇن، بۇرۇندا...
چۆچەك شۇنداق باشلىنار.
-ئۇنى نەدىن ئوقۇدۇڭ،
كىتاب يوققۇ قولۇڭدا؟
-خىيال دېگەن كىتابتۇر،
چۆچەككە تولغان.
ئۇچۇپ،ئۇچۇپ چارچىماس
ئارزۇ قۇش بولغان.
بوۋىلارنىڭ بوۋىسى،
مومىلارنىڭ مومىسى
چۆچەكچى بولغان.
بارا-بارا ئاشۇلار
بىز ئاڭلغان چۆچەككە
ئايلىنىپ قالغان...
ئەجداد بىلەن ئەۋلادتەك،
چۆچەك بىلەن بالىلىق-
بىر-بىرىدىن ئاجرىماس،
باغلىنىپ قالغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-3 17:49