كۆرۈش: 283|ئىنكاس: 2

ئركىن نىيازبەگ: بىر« تار كوچا »دىن قەشقەر مەدەنىيىتىگە نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 987
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2482
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 17:32:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
、ئەركىن نىيازبەگ
بىر «تار كوچا»دىن قەشقەر مەدەنىيىتىگە نەزەر
1
قەشقەر شەھىرى-ئالەمگە تونۇلغان قەدىمكى «يىپەك يولى»دىكى مەشھۇر بىر ئۆتەڭ، شۇنىڭدەك دۇنيا مەدەنىيەت، سەنئەت تارىخىدا مۇئەييەن ئورۇنغا ئىگە ئەزىزانە يۇرت. نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى قەشقەر غەرب بىلەن شەرق ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىدا مۇھىم، كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان. بۈگۈنكى كۈندە، يەنە ئۆزىنىڭ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تارىخى، مەدەنىيىتى، ھۈنەر-سەنئىتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆرۈنۈشىگە مۇپەسسەل سىمۋول بولۇپ كەلمەكتە.
                  تۈرلۈك ئىقلىملاردىن كەلگەن سەيياھلار قەشقەر ھەققىدە سۆز بولغاندا:«قەشقەرگە بارمىسىڭىز، شىنجاڭ بارغان ھېسابلانمايسىز!» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ. بۇ شۇنداقلا ئېيتىپ قويۇلغان بىر ئېغىز سۆز بولماستىن، بەلكىي كىشىلەرنىڭ قەشقەرگە بەرگەن ئوبيېكتىپ، لىللا باھاسى ھېسابلىنىدۇ.
  مەركىزىي كومتېت 1984-يىلى قەشقەر شەھىرىنى ئېلىمىزدىكى « ب دەرىجىلىك ئېچىۋىتىلگەن شەھەر» دەپ ئېلان قىلغان. 1986-يىلى 2-ئايدا «جۇڭگودىكى تارىخىي مەدەنىيىتى مەشھۇر شەھەر» نام بېرىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن بىردىنبىر شەھەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھىرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان شۇ خىلدىكى 64 شەھەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. 2003-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەركىزىي كومتېت يەنە «مۇنەۋۋەر ساياھەت شەھىرى» دەپ نام بەرگەن. 2010-يىلى 1-ئىيۇن «جۇڭگودىكى دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە شەھەر» دېگەن شان-شەرەپكە نائىل بولۇپ، جۇڭگودىن مۇشۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 10 شەھەرنىڭ بىرى بولدى.
قەشقەر شەھىرىنىڭ يۇقىرىقىدەك شەرەپلىك ناملارغا نائىل بولۇشىنى 2500يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا مەدەنىيەت، سەنئەت ئىشلىرىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلبەتتە.
«قەشقەرنىڭ تارىخىي موسكۋانىڭ تارىخىدىن مىڭ يىللار ئۇزۇن، بىز رۇسلار ياكى سلاۋيانلار موسكۋا شەھىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەمدىلا ئورمان ھاياتىمىىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ سلاۋيان دۆلىتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغان ۋاقتىمىزدا، ئۇيغۇرلار ئاللىقاچان شەھەرلىشىپ بولغان. شانلىق، يۇقىرى مەدەنىيەت ھاياتىدا ئىدى...»دەيدۇ رۇس تارىخچىسى ۋاسيىلىف ئەپەندى.
مەركەزنىڭ قەشقەر شەھىرىنى «ئالاھىدە ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دەپ ئېلان قىلىشى ئەسلىدىنلا قەدىمىيلىكى، يەرلىكلىكى ۋە ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ كەلگەن بۇ شەھەرنى «كەڭ كۆلەمدە ئېچىۋىتىش، كەڭ كۆلەمدە قۇرۇلۇش قىلىش» دولقۇنىغا باشلاپ كىردى. ئالاقىدار ئورۇن ۋە كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن شەھەر قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش، ئولتۇراقلىشىش شارائىتىنى دەۋرگە لايىقلاشتۇرۇش ۋە ئاساسىي ئەسلىھەلەرنى ياخشىلاش جەھەتلەردە بىرمۇنچە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەر ئىشلەندى. بولۇپمۇ شەھەردىكى يول، كوچا، مەيدان قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىياتىغا، ئارقا-ئارقىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان  ئىلغار، زامانىۋىي قۇرۇلۇشلارغا، 21-ئەسىرگە خاس باشقا يېڭىلىقلارغا كىشىنىڭ زوقى كېلىدۇ. مېنىڭچە، بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتكەن ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ شارائىتىنى ياخشىلىغاندا، دۆلەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشلۇق ئالىم، ئەدبى سەنئەتكار ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۈرگەن بۇ شەھەرنىڭ تارىخ، مەدەنىيىتىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان تەۋەررۈك كوچىلىرىنى، شۇنىڭدەك يۇقىرى تارىخىي قىممەتكە ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى نەزەرىمىزدىن ساقىت قىلساق ياكى ئۇنى ئالدىراپلا بىر تەرەپ قىلىۋەتسەك بولمايدۇ. چۈنكى ھازىرقى كۈنلەردە تار، قىستاڭ، قولايسىز ۋە قالاق كۆرۈنىۋاتقان بەزى ئەگرى-بۈگرى كوچىلار، شۇنىڭدەك ئەينى دەۋر كىشىلىرىنىڭ مەرىپەتلىك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغان مەدەنىيەت ئىزلىرى قەدىمىيلىكى، مۇھىملىقى، خاس ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن دۇنيا خەلقىنى جەلپ قىلىدىغان نۇقتىلاردۇر.
قەشقەر شەھىرىنىڭ «كونا شەھەر رايونى» (بۇرۇنقى شەھەر سېپىلى ئىچىدىكى سەككىز كۋادرات مېتىرلىق دائىرە كۆزدە تۇتىلىدۇ)دا، 70 ئارتۇق چوڭ-كىچىك كوچا بولۇپ، بۇ كوچىلار-شەھەر بىنا بولغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە بولغان تارىخنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك يادنامىلىرىدۇر. مەن بۇ يازمامدا، «ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى»دىن ئىككىسى، «شەھەر دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق نۇقتىسى»دىن توققۇزى بار بولغان قەشقەرنىڭ ئۇزاق يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا يارقىن ئىزلارنى قالدۇرغان، قەدىمىي ۋە سېھرى كۈچكە تولغان بىر تار كوچا-«ئوردا ئىشىكى كوچىسى»نى ئوقۇرمەنلەرگە قىسقىچە تونۇشتۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
2
مەدەنىيەت يادىكارلقىقىغا باھا بېرىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، تارىخي قانچە ئۇزاق، قانچە قەدىمىي بولسا، ئۇنىڭ قىممىتى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ ھەم شۇنچە ئەتىۋارلىنىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بىز تىلغا ئېلىۋاتقان بۇ كوچا ئەينى چاغدىكى «ئىچكىرىكى شەھەر»گە جايلاشقان. قەشقەر خەلقى شەھەرنى «ئىچكىرىكى شەھەر» ۋە «تاشقارىقى شەھەر» دەپ ئىككىگە ئايرىپ ئاتىغان.
قەشقەرنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەركەز قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسى مىلادىيە 10-ئەسىردە ئىسلام دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بۇ شەھەردە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان ئىسلام مەدەنىيىتى ئومومىيلىشىشقا باشلىغان. «ئوردا ئىشىكى»نى مەركەز قىلغان مۇشۇ كوچىدا ئوندىن ئارتۇق مەدرىسە قۇرۇلغان. قەشقەر شەھىرىدىكى مەدرىسەلەردە ئىسلام دىنىنىڭ كىلاسسىكلىرى ئاساسىي دەرسلىك قىلىنغاندىن باشقا ماتېماتىكا، تېبابەت، ئىلمىي نۇجۇم، تارىخ-جۇغراپىيە قاتارلىق دەرسلىكلەر تەسىس قىلىنىپ، دىنى ئۆلىمالارنى، ئەدىب ۋە تېۋىبلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان.
تۇرپانلىق زوھۇررىددىن ھاكىم بەگ ھۆكۈمدار بولغان (1838-يىللىرى) مەزگىللەردە ئۇ قەشقەر سېپىلىنى كېڭەيتىپ، جەنۇبتا قىزىلدۆۋە كەنتىگىچە، غەربتە ھازىرقى سەمەن مېھمانخانىسىغىچە، شىمالدا تۈمەن دەريا بويلىرىغىچە، شەرقتە ئەسكى ھېسارغىچە ئاپپىرىشنى پىلانلىغان. لېكىن ئەتراپتىكى زېمىندارلار ۋە بايلار ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن :« زوھۇررىددىن ھاكىم بەگ بوۋىسى ئىسكەندەر ۋاڭ مازىرىنى شەھەر سېپىلى ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈن، سېپىلنى كېڭەيتمەكچى» دەپ ئىغۋا توقۇپ، جامائەتنى قۇترىتىپ، يۇقىرىغا ئەرز يېزىپ قارشىلاشقان. نەتىجىدە شەھەر سېپىلى غەربتە يۇمۇلاق شەھەرگىچە، جەنۇبتا قۇمدەرۋازىغىچىلا كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر يېڭىدىن كېڭەيگەن تەرەپنى «تاشقارىقى شەھەر» دەپ ئاتاشقان.
بىز تونۇشتۇرىۋاتقان بۇ كوچىنىڭ گەرچە كۆلىمى بەك چوڭ بولمىسىمۇ، ئۇنىڭغا قەشقەرنىڭ قويۇق يەرلىك ئالاھىدىلىكى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنىڭ پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ.
بۇ كوچىغا شەرق تەرەپتىن، يەنى «تۆشۈك دەرۋازىسى» تەرەپتىن غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭساق، تۆت كوچا ئاغزىنى شەكىللەندۈرگەن «چاسا»غا كېلىمىز؛ جەنۇب تەرەپكە قاراپ ماڭساق، «ساقىيە»، «كەتمەن بازىرى» ئارقىلىق «قاراقىر دەرۋازىسى»غا بارىمىز؛ «چاسا»دىن غەربكە قاراپ ماڭساق، «كەسكەن يار» ئارقىلىق «ئوردا  ئالدى» ۋە «ھېيتگاھ مەيدانى»غا چىقىپ كېتىمىز؛ «چاسا»دىن غەربىي-شىمال تەرەپكا قاراپ ماڭساق، «ئوردا ئىشىكى»، « ئامبارچى»، « خفم بازىرى» ئارقىلىق ھېيتگاھ مەيدانىغا بارىمىز...بۇ كوچا ئىلگىرىدىن تا بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلۇپ، يېڭىدىن بازار شەكىللەنگىچە بولغان ئۇزاق جەريانلاردا شەھەر خەلقى سودا-سېتىق قىلىدىغان «بازار» بولغان. شۇڭا كىشىلەر بۇ كوچىنى تۈرلۈك بازار ناملىرى بىلەن ئاتاپ كەلگەن. بۇ يەردىكى كەتمەن، خام، ئوتۇن، كىگىز، چاپان...بازارلىرى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، ئۇزۇن بىر بازار كوچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. مۇشۇ بازارلار ئەينى دەۋرلەردە يىپەك يولىدىكى قايناق سودا ئۆتەڭلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈنكى ئاۋات شەھەرگە ئاساس سالغان.
بۇ كوچىدا يەنە، ھېيتگاھ جامىئەسىدىنمۇ بۇرۇن بىنا بولغان «ئوردا ئىشىكى مەسچىتى» (چاپان بازىرى مەسچىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ۋە «خانلىق مەدرىسە» بار بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنىدۇر. بۇندىن باشقا «ساچىيە مەدرىسەسى»، «مەدرىسە مەسئۇدىيە» « ساقىيە مەدرىسى»، « قازان مەدرىسەسى»، « دۆڭ مەسچىت مەدرىسەسى»، « ۋاڭلىق مەدرىسەسى» ۋە «توقام مەدرىسەسى»مۇ مۇشۇ كوچىسىغا جايلاشقان.


3
قەشقەر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بۇ كوچىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى مۇنداق:
خانلىق مەدرىسە
خانلىق مەدرىسە-ھېيتگاھ مەيدانىدىن 700مېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، «ئىچكىرىكى شەھەر»نىڭ مەركىزى بولغان «ئوردا ئىشىكى يولى»نىڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان. خانلىق مەدرىسە 1641-يىلى سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ سەككىزىنچى سۇلتانى ئابدۇللاخان تەرىپىدىن بىنا قىلدۇرۇلغان بولۇپ، مەدرىسەنىڭ پۈتكۈل تەمىناتى خانلىق تەرىپىدىن بېرىلگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغان. بۇ ئەينى دەۋردىكى ئەڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا خانىدانلىقنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىلىم تەلەپكارلىرى ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن سىرت، يەنە ھازىرقى پاكىستان، ئافغانىستان ۋە كەشمىر، شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يۇرت-ئايماقلاردىنمۇ كېلىپ ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولغان ھەم «بۇخارايى سانى» (ئىككىنچى بۇخارا) دېگەن نامغا ئېرىشكەن.
بۇ مەدرىسە قۇرۇلغاندىن باشلاپ تۆت قېتىم رېمۇنت قىلدۇرۇلغان، بىرىنچى قېتىم1805-1806-يىللىرى (قەشقەرلىق ئابدۇۋارىس بەگ)، ئىككىنچى قېتىم 1844-يىلى مۇھەممەد سادىق ئەئىلەم ئاخۇنۇم، ئۈچىنچى قېتىم مۇسابايۇف، تۆتىنچى قېتىم مەھمۇد مۇھەممەدلەر خىراجەت چىقىرىپ رېمۇنت قىلدۇرغان.
ئازادلىقتىن كېيىن، بۇ ئورۇن قەشقەر ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىي»دا مەدرىسەنىڭ دەرۋازا، مۇنارلىرى چېقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ بىر قىسىم ھوجرىلىرى ساقلىنىپ قالغان. 2009-يىلى  شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇسىنى كېڭەيتىش مۇناسسىۋېتى بىلەن قالغان قىسىملىرىمۇ قالمىغان...
ساچىيە مەدرىسەسى
بۇ قەشقەردىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن مەدرىسەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، قاراخانىيلار سۇلالىسى مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خاتىرىلىنىشىچە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا، شۇنداقلا شەرق ئەللىرىگە داڭقى كەتكەن مەدرىسە مىلادىيە 955-يىلى تەختكە ئولتۇرغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخاندىن كېيىن ياسالغان بولۇپ، تېبابەتچىلىك ئوقۇتۇشىنى  يولغا قويغان تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى بولغان.
مەسئۇدىيە مەدرىسەسى
بۇ مەدرىسەنى چاغاتاي خانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىغا ئەۋەتكەن باش بۇغى مەسئۇد ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلىدە قۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. يېنىغا «سائادەت كۇتۇپخانىسى» بىنە قىلدۇرۇلغان. كېيىن چاسا كوچا ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ساقىيە ئىجتىمائىي رايونى 6-گورۇپپىدابولۇپ، ھازىر بىرقىسىم ھوجرىلىرى بار.
ساقىيە مەدرىسەسى
ساقىيە مەددرىسەسى-قاراقىر دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي بۆلىكىنىڭ غەرب تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى ساقىيە ئىجتىمائىي رايونى تەۋەسىدە. بۇ مەدرىسەنى 1630-يىللىرى خەير-ساخاۋەتچى بەھرىگۈل بانۇ مەبلەغ سېلىپ ياساتقان، نەچچە قېتىم رېمۇنت قىلىنغان، مەدرىسەنىڭ 37 يۈرۈش، 65 ئېغىز ھوجرىسى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن توققۇز ئېغىزى دەرسخانە، قالغانلىرىنىڭ كۆپى ياتاق قىلىنىپ ئىشلىتىلگەن. 1958-يىلىدىن باشلاپ بورىچىلىق كارخانىسى قىلىپ ئىشلىتىلگەن، 2002-يىلىغىچە قەشقەر ۋىلايەتلىك دىنى مەكتەپ بولغان. ھازىر بىر خۇسۇسىي شىپاخانە ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
قازان مەدرىسەسى
قازان مەدرىسەسى-ئوردا ئىشىكىدىكى خانلىق مەدرىسەنىڭ جەنۇب تەرىپىگە توغرا كېلىدۇ. مەلۇم بولىشىچە، بۇ مەدرىسەنى سەئىدىيە خانىدانلىقىنىڭ سۇلتانلىرىدىن ئابدۇكېرىمخان بىنا قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن «مەدرىسە كېرىمىيە» دەپ ئاتالغان دېيىلىدۇ. بۇ مەدرىسە قازان ئېلىم-سېتىم بولىدىغان مەھەللىگە جايلاشقانلىقى ئۈچۈن «قازانچى مەدرىسە» دەپمۇ ئاتالغان، دېيىلىدۇ. كېيىن ھازىرقى يېڭىشەھەر خانئېرىقلىق زۇلفيەخان ئىسىملىك ئايالنىڭ مەبلەغ چىقرىشى بىلەن بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك رېمۇنت قىلىنغان.
ۋاڭلىق مەدرىسە
ۋاڭلىق مەدرىسە-«ئوردا ئىشىكى يولى»غا جايلاشقان، ھازىرقى قەشقەر شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ قورۇسى ئىچىگە توغرا كېلىدۇ. قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ كۈچ كۈچ چىقىرىشى بىلەن مەدرىسەنىڭ كىرىمىدىن راسخود چىقىرىلىپ، 1934-يىلى 5-ئايدا مەزكۇر مەدرىسە ئورنىغا «قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن» مەكتىپى قۇرۇلۇشى باشلانغان. 1939-يىلى بۇ مەكتەپ كېڭەيتىلىپ، نەزەرباغ يېزىسىغا(ھازىرقى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئورنىغا)كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ ئورۇن باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۆزگەرتىلگەن.
لايپەشتاق مەدرىسەسى
تارىخىي ئەسلىمىلەردىن مەلۇم بولىشىچە، «لاي پەشتاق مەدرىسەسى»نى ئابدۇرسۇل ئاخۇن ئىسىملىك كىشى ياساتقان ئىكەن. ئۆگزىگە چىقىدىغان پەلەملەي-پەشتاق خام خىش ۋە كاكۇل لاي بىلەن ياسالغانلىقى ئۈچۈن «لاي پەشتاق مەدرىسەسى» دەپ ئاتالغان. 1960-يىلىدىن باشلاپ خەلق باشقۇرىدىغان باشلانغۇچ  مەكتەپ قىلىنغان..
توقام مەدرىسەسى
توقام مەدرىسەسى-(شاھپولات بەگ مەدرىسەسى) دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى زەرگەر كوچىسىدىكى «توقام» لەقەملىك ئابدۇۋەلى باي ياساتقان، شۇڭا توقام مەدىرسەسى دەپ ئاتالغان. ئورنى «كونا ئوردا كوچىسى» ئىچىدە بولۇپ، 1986-يىلى مۇشۇ مەدرىسە ئورنىدا «قەشقەر شەھەرلىك خەلق باشقۇرىشىدىكى تىل-تېخنىكا مەكتىپى» قۇرۇلغان. ھازىر شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تارماق مەكتىپى قىلىندى.
چاسا مەدرىسەسى
چاسا مەدرىسەسى-ئىسمايىل مەدرىسەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مەدرىسەنى قەشقەر شەھىرىدىكى مەشھۇر كاتتا باي ئۆمەر باينىڭ ئاتا-بوۋىلىرى ياساتقان بولۇپ، ئورنى چاسىدا بولغاچقا شۇنداق ئاتالغان. مەزكۇر مەدرىسە 1960-يىللارنىڭ بېشىدا خەلق باشقۇرغان باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىنغان. 1990-يىللارنىڭ بېشىدا مەدرىسە چېقىپ تۈزلىنىپ، ئۈچ قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى سېلىنىپ، شەھەرلىك 14-باشلانغۇچ مەكتەپ قىلىنغان. 2006-يىلى بۇ مەكتەپ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئورۇن شىپاخانە قىلىش ئۈچۈن يارباغ كوچا ئىش بېجىرىش باشقارممىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
بۇندىن باشقا قەشقەر شەھىرىدە «ھېيتگاھ مەدرىسەسى»، « ھېكىم بەگ مەدرىسەسى»، « كەسكەن يدار مەدرىسەسىس»...قاتارلىق 20گە يېقىن مەدرىسە بار بولۇپ، بىر قىسىملىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.
4
دۆلىتىمىز سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە قانۇن-تۈزۈم جەھەتلەردىن كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. مەركەز ئاچقان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى»دىن كېيىن، دىيارىمىز ھەرقايسى تەرەپلەردىن تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىرگە قەشقەر شەھىرىدىمۇ ئۆزگىرىشلەر ئاز بولمىدى.
قەشقەرنىڭ 2500يىلدىن ئۇزاق تارىخىدا قەدىمىي ئىمارەتلىرى خام كېسەك، ياغاچ-تاشلار بىلەن سېلىنغان بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى گۈزەل، بىباھا ھۈنەر-سەنئەت يادنامىلىرى شەرق ب ىلەن غەرب مەدەنىيىتى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى مەدەنىيەتلىرىنىڭ تارىخىنى بىزگە يەتكۈزۈپ تونۇشتۇرىدۇ. قەشقەرنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشىمىز ۋە مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىزدە بىزنى مۇھىم ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
«...قەشقەرنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغىنىمغا ناھايىتى ئۇزاق يىللار بوپتۇ. 50يىلدىن كېيىن بۇ يەرگە كەلگىنىمدە، كۆرگىنىم يىپ-يېڭى قەشقەر بولدى. زامانغا لايىق بۇ شەھەردە، زامانىۋىي تۇرمۇشقا لايىقلاشقان جىمى نەرسە تېپىلىدىكەن، ئەمما بىزنىڭ سېغىنىدىغىنىمىز قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋۋالقى سېھرى كۈچى ۋە مېنى قەدىناس دەپ بىلىدىغان ئاشۇ ئۇيغۇرلاردۇر...ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇنداق ئاجايىپ شەھەردە ياشاۋاتقانلىمنى ئۇنتۇپ كەتكىم كەلمەيتتى. بۇنداق تۇيغۇنى ئەتەي پەيدا قىلىش مۈمكىن ئەمەس، ئەلبەتتە.»③دەيدۇ گۇننار  ئالفىرىد ياررىڭ «قەشقەرگە قايتا سەپەر» ناملىق كىتابىدا.
ئوقۇرمەنلەرگە ۋە قەشقەردە بىرنەچچە كۈن تۇرۇپلا «قەشقەرنىڭ كۆرگىدەك نېمىسى بار؟» دېگۈچىلەرگە «ئىككى مازار»(يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىي قەبرىگاھى)، «بىر بازار»(ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا سودا بازىرى)دىن باشقا بەزى مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى تونۇشتۇردۇم.
جەمىئيەت ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، قەشقەرمۇ ھەم شۇنداق. «قەشقەرنى قەشقەرچە تەرەققىي قىلدۇرۇش»-قەشقەر خەلقىنىڭ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ، شۇنىڭدەك پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ يۈكسەك ئارزۇسى!
پايدىلانمىلار:
①        ③«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدىن.
②        «ئىسلام لۇغىتى»دىن
       بۇ ماقالە «قەشقەر مەدەنيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 17:35  


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 1123
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2347
تۆھپە : -1
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 18:16:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەشقەرگە دىئاگنوز قويۇش  ئۇيغۇرنى ئوپىراتسىيە قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5509
تۆھپە : 7
توردا: 898
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-17

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:18:23 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاشغەرىم م م……   mmexport1424873097942.jpg

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش