كۆرۈش: 302|ئىنكاس: 10

ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت: مەدەنىيەت سەپىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8352
يازما سانى: 985
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2480
تۆھپە : 0
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 16:16:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت


مەدەنىيەت سەپىرى
(ئەدەبىي خاتىرە)

2014 ــ يىلنىڭ ئىللىق، خاسىيەتلىك نورۇز ئېيىنىڭ بېشىدا، يەنى 6ــ مارت كۈنى ماڭا ئەزىزانە قەشقەرگە تۆتىنچى قېتىم بېرىشقا نېسىپ بولدى. مەن نېمىشقا قېتىم سانىنى بۇنچە ئېنىق ئېسىمدە ساقلايمەن؟ يەنە نېمىشقا بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈمەن؟ چۈنكى قەشقەر ماڭا نىسبەتەن «ھاياجانلىق،قەدىمىي، سەلتەنەتلىك، قايناق، مەردانىلىك، ئىلىم» دېگەن سۆزلەر بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن. دېمەك، قەشقەر ماڭا ئەزىز، قىممەتلىك بىلىنگىنى ئۈچۈن، شۇنداقلا ماڭا قەشقەرگە بېرىش ئاز نېسىپ بولغىنى ئۈچۈن ئېسىمدە بەك ساقلانغان. 2002 ــ يىلى يازدا قەشقەرگە تۇنجى قېتىم بارغىنىمدا كۆزلىرىملا ئەمەس، قەلبىممۇ «ئالاچەكمەن» بولۇپ، قايتىپ كەلگەن ئىدىم. 2011 ــ يىلى 2 ــ ئايدا بارغىنىمدا «دوستانىلىق، ئەدەبىيلىك، قەدىمىيلىك» ھېسسىياتىمدىلا ئەمەس، ئەقلىمدىمۇ چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان ئىدى. 2013 ــ يىلى 11ــ ئايدا قەشقەرگە ئايالىم بىلەن بېرىپ، ھېيتگاھ ئەتىراپىدىكى مېھمانخانىدا بىر ئاخشام قونۇپ، مەلۇم يىغىن سەۋەبلىك ئەتىسىلا ئۈرۈمچىگە قايتىشقا مەجبۇر بولغان بولساممۇ، قەشقەرگە نىسبەتەن چوڭقۇر مېھرى ــ مۇھەببەت ئويغانغان ئىدى. دېمەك، مەن قەشقەرگە چوڭ بىر قەدەم بىلەن يېقىنلاشقان ئىدىم.چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت بىرلەر بىلەن ھاۋاخان (ئايرۇخانقىز) ئايرۇپىلان رادىيوسى ئارقىلىق قەشقەرگە يېتىپ كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقتۇرغاندا قەلبىم يەنە ھاياجانغا تولدى. بۇ ھاياجاننىڭ تەمىنى ئوبدانراق تېتىش ئۈچۈن ئىچىمنى تىڭشاپ تۇرۇپ چوڭقۇر نەپەس ئالدىم. ئاندىن دېرىزە تۈۋىدە ئولتۇرغان سەپەردىشىمغا قارىدىم. بۇ قېتىم مەن بىلەن بىللە بارغان سەپەردىشىم ـــ ئۇكام، ئۈرۈمچى سەزگۈ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئىلھامجان ئابدۇللا ئەرقۇت دېرىزىدىن پەسكە قارىغانچە قېتىپ قالغان ئىدى. بەزىدە قالتىس ھاياجانلىنىپ كېتىدىغان بۇ يىگىتنىڭ شۇ تاپتا قانداق ھېستا بولىۋاتقانلىقى ماڭا ئايان بولغىنى ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
ئايرۇپورتنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان چىقىش يولىدا تېز قەدەملەر بىلەن كېتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا:
ـــ ئاكا، يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كېتىۋاتىدۇ جۇمۇ،ــ دېدى ئۇكام.
ـــ ئۇنداق بولسا ياخشى بوپتۇ،ـــ دېدىم ۋە:«بەزىلەر ئىنسان تۇرۇپ شۇنچىلىك ھاياجانلىنىشنىمۇ خالىمايدۇ» دېگەن گەپنى ئويلىدىم.
ئاخىرى بۇ ئەزىز، خاسىيەتلىك تۇپراققا قەدەم باستۇق. ئۇكام ئەتىراپقا ھەۋەس ۋە ھۆرمەت بىلەن قاراشقا باشلىدى.
ـــ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ھارمىغايسىزلەر!
ماڭا تولىمۇ تونۇش بولغان بۇ ئاۋازنىڭ ئىگىسى مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا ئالدىمىزدا ماڭا ھۆرمەت ئىلكىدە قۇچاق ئېچىپ تۇراتتى. بىز قىزغىن كۆرۈشتۇق، ئەھۋاللاشتۇق.
ـــ ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سىزلەرنى ئالغىلى كەلگەن،ـــ دېدى ئۇ بىزنى ماشىنا تەرەپكە باشلاپ. ماشىنا شەھەر ئىچىگە قاراپ مېڭىپ كەتتى.
ـــ مۇھەممەتجان ئاكا، كىتابلارنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقى پۈتۈپ بولغاندۇ؟
ئىلھامجان دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئۆزىگە تەسىر قىلغان نۇقتىلارنى ئېسىدە تۇتىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقاندا مەن بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزنىڭ مەقسىدىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالنى سورىدىم.
ـــ ئۇكا، «ئالدى بىلەن تائام، ئاندىن كالام» دەپتىكەن. ئايرۇپىلاننىڭ تامىقى سىلىگە دال بولمايدۇ. شۇڭا ئېۋۇ ئالدىمىزدىكى ئاشخانىغا كىرىپ، چارەك لەغمەن يەۋېلىپ ئەھۋاللاشمامدۇق.
بۇ گەپ بىلەن دوست ــ بۇرادەرلەرنىڭ ھال ــ ئەھۋالىنى سوراشقا چۇشتۇق. مەن مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا بىلەن 1996 ــ يىلى «تارىم» ژۇرنىلى پىچان ناھىيەسىدە ئاچقان «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» يىغىنىدا تونۇشقان ئىدىم. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاجىز ژانىر بولغان نەسىرچىلىكتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ «ئىنساپ سودىگىرى»، «چىرايلىق ئالۋاستى» قاتارلىق 300 پارچىدەك نەسىر ئېلان قىلغان، «ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئويۇنلىرى»، «ئۇيغۇر بالىلار ئېغىز ئەدەبىياتى قامۇسى» قاتارلىق كاتتا ئەمگەكلەرنى روياپقا چىقارغان بۇ ئەدىب بىلەن شۇندىن باشلاپ تا بۈگۈنگىچە دوستلۇق رىشتىمىزنى مەھكەم چىگىپ كېلىۋاتقان ئىدۇق.
بىز يول ئۈستىدىكى بېزىلىشى ئاددىي، ئەمما ئالدىغا ماشىنىلار لىق توشۇپ كەتكەن بىر ئاشخانىغا كىرىپ لەغمەن ۋە كاۋاپ بىلەن تاماقلاندۇق. تاماقلار بەك مەززىلىك، يېيىشلىك، سىڭىشلىق پىشۇرۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبلىك بۇ ئاشخانا شەھەر چېتىدە بولۇشىغا قارىماي ھەر ۋاقىت مۇشۇنداق ئاۋات ئىكەن. مۇشۇنداق ئاشخانىلار بىلەن شەھەرنىڭ مەركىزىگە سېلىنغان ياسىداق، ئەمما تامىقىنىڭ تەمىنىڭ تايىنى يوق تېز تاماقخانىلارنى ئىختىيارسىز سېلىشتۇرۇپ قالىدۇ كىشى.
تاماقتىن كېيىن مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا بىزنى قەشقەر ۋىلايەتلىك مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئارام ئېلىشىمىزنى ئېيتىپ ئىدارىسىگە كەتتى.
بىز ئارام ئالدۇق. توغرىسى، ئۇكام تېلېۋىزور كۆرگەچ ئارام ئالدى. مەن بولسام بىر خىل دېلىغۇللۇق ئىلكىدە خاتىرىجەمسىزلىنىپ ياتتىم. ئەلۋەتتە، شۇ تاپتىكى ئەھۋالىم بۇ قېتىمقى قەشقەر سەپىرىگە، ئېنىق ئېيتقاندا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى رەھبەرلىكى بىلەن بولىدىغان سۆھبەت ۋە تۈزىلىدىغان توختامغا مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئۈچ كۈن بۇرۇن مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا ماڭا جىددىي تېلېفون قىلىپتۇ. گەپنىڭ مېغىزى: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى ئەتىراپلىق ئويلىشىپ تېما پىلانلاپتۇ. پىلانلانغان تېما ــ كىتاب جەمئىي 40 پارچە بولۇپ، «بېيىش يولى» دەپ ئومۇمىي نام قويۇلغان بۇ كىتابچىلارنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن دۇكاننى قانداق ئېچىش ۋە سودىسىنى قانداق يۈرۈشتۈرۈش ھەققىدىكى ئەمەلىي، مەنپەئەت تېگىدىغان نەق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئويىغا، پىلانىغا قايىل بولدۇم. چۈنكى بىزدە قولىدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن مەبلىغى بار ياكى دەرھال شۇنچىلىك مەبلەغ جۇغلىيالايدىغان ياشلىرىمىز ناھايىتى كۆپ. ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش يولىغا يېتەكلەش، ياردەم قىلىش كېرەك. ھۆكۈمىتىمىزمۇ بۇنى كۈچەپ قوللاۋاتىدۇ. ئەمما نەشرىيات نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئىگىلىك تىكلەش ھەققىدىكى كىتابلار قولىدا ئازلا مەبلىغى بار ياشلىرىمىزغا «چوڭ كېلىپ قالدى». چۈنكى ئۇ كىتابلاردا دۇنياۋىي بايلارنىڭ ئىش ــ ئىزلىرى بايان قىلىنغان بولغاچقا، ياشلىرىمىز ئۇلار قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئويلىغاندا، يانچۇقىغا قاراپ بېقىپ، ئارمان ۋە ئەلەم بىلەن ئۇھسىنىدۇ. ئەسلى ياشلىرىمىزغا ئاز مەبلەغ بىلەن ئەمەلىي ئىش تەۋرىتىشنى ئۆگىتىدىغان ئۈلگە ۋە كىتاب بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر ئىدى. مانا ئەمدى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر بۇ نۇقتىنى ئاقىلانىلىق بىلەن تونۇپ يېتىپتۇ. شۇڭا مەن بۇ تېمىنىڭ پىلانلىنىشىغا بەك قايىل بولدۇم. ئەمما ئۇلار بۇ تېما بويىچە كىتاب يېزىشنى ئۇيۇشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەپتۇ. يەنى بۇ كىتابلارنى كىملەرگە، قانداق ئۇيۇشتۇرۇپ يازغۇزۇش كېرەك؟ چۈنكى ۋاقىت قىس ئىكەن. يەنى كىتابلار بۇ يىل 5 ــ ئاينىڭ 10 ــ كۈنىگىچە نەشرىياتقا تاپشۇرۇلۇپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار كۆپ ئويلىشىپ مېنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئەھۋاللىشىپ باقماقچى بوپتۇ. مەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر ياقتىن يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغاچ، يەنە بىر ياقتىن كىتاب پىلانلاش، كىتاپ يېزىشنى ئۇيۇشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ يۈرگەچكە، ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەردار ئىكەن. مەن ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن بىر كۈن ئويلىنىش پۇرسىتى بېرىشنى ئېيتتىم. ئويلاندىم، توپلىغان تەجرىبىلىرىم ئاساسىدا پىلان قىلىپ باقتىم. ئاخىرى بۇ ئىشقا كۆزۈم يەتتى... شۇنداق قىلىپ مانا ھازىر قەشقەردە مېھمانخانىدا بېشىم قېتىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
باشتا دېگەندەك بۇ تېما تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغىنى بىلەن، مانا ئىشنىڭ بېشىغا كەلگەندە «قولۇم تىترىدى». دېمىسىمۇ، شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىتابلارنى مۇۋاپىق ئادەم تېپىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، سۈيلەپ يۈرۈپ يازدۇرۇپ، ئۈستىدىن كۆرۈپ، دېگەن ۋاقىتقا ئۈلگەرتكىلى بولارمۇ؟ «ھەي... سەل ئالدىراقسانلىق قىلدىممۇ نېمە؟» دەپ بوشىشىپ ئولتۇرغىنىمدا مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكىدىن تېلېفون كەلدى. نەشرىيات باشلىقى ئەركىن ئەمەت ۋاقىتنى تېجەش ئۈچۈن ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغان بولسىمۇ، سۆھبەتنى باشلاش تەكلىپىنى بېرىپتۇ. دەررۇ نەشرىياتقا باردۇق.
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ باشلىقى ئەركىن ئەمەت، مۇئاۋىن باش مۇھەررىر ئابلاجان سېيىت، تېما پىلانلاش، ئوقۇپ تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار، مەن ۋە ئۇكام ئىلھامجان نەشرىيات باشلىقىنىڭ ئىشخانىسىدا سۆھبەتنى باشلىدۇق. مەن ئۇلارنىڭ خىزمەت ئۇسۇلى ۋە پوزىتسىيەسىگە قاراپ «ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئادەملەر ئىكەن. شۇڭا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيان مۇنچىلىك تەرەققىي قىلغىنى بىكار ئەمەس ئىكەن» دەپ ئويلىدىم. بىز كىتابنىڭ مەزمۇنى، قۇرۇلمىسى، فورماتى، يېزىش ۋاقتى، نەشردىن چىقىش ۋاقتى، قەلەم ھەققى، نەشرىياتنىڭ مەسئۇلىيىتى، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز ھەققىدە ناھايىتى تەپسىلىي، ئىنچىكە، ئەمەلىي سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۈچ سائەتكە يېقىن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق پىكىر بىردەكلىكىگە كەلدۇق. ئەركىن ئەمەت ئاكىنىڭ مىجەزىنىڭ ئوچۇقلىقى، كەسكىنلىكى، پىكىر قىلىشقا ماھىرلىقى؛ ئابلاجان سېيىت ئاكىنىڭ تەمكىن، كەسپچانلىقى؛ مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكىنىڭ ئىشتا پۇختا، ھالقىلىق نۇقتىنى تۇتۇشتىكى ماھىرلىقى؛ شۇنداقلا ئۇكام ئىككىمىزنىڭ ئەستايىدىل، قىزغىنلىقىمىز بىلەن سۆھبەت دوستانە، كۆڭۈللۈك، ئوڭۇشلۇق بولدى. قىلىۋاتقانلىرىمىز مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا مەدەنىيەت ئۈچۈن، ئەۋلادلار ئۈچۈن بولىۋاتقاچقا، ئۆزىمىزنى ئازادە سەزدۇق ۋە كەچلىك تاماقنى ھەقىقەتەن «كەچتە» كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا يەپ خوشلاشتۇق.
ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن نەشرىياتتا رەسمىي توختاملاشتۇق. مەن توختامغا ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىن نەشرىيات باشلىقى ئەركىن ئەمەتنىڭ ئىش قىلىش ئۇسۇلىغا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم. چۈنكى مەن نەشرىيات ئىشلىرىغا «ئارىلىشىپ» يۈرگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان كىتابنىڭ چىقىدىغان يىلىنى ئەمەس، شۇنداقلا ئاينىلا ئەمەس، بەلكى چېسىلا سانىنىمۇ ئېنىق يازغان ئىشنى، يەنە بىرى قەلەم ھەققىنىڭ بىر قىسمىنى ئالدىن بېرىۋاتقان ئىشنى تۇنجى قېتىم ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتاتتىم ۋە بېشىمدىن ئۆتكۈزىۋاتاتتىم.
چۈشتىن كېيىن مەپتۇنكار ھېيتكاھنى، ئادەمنى ھاياجانغا، ساراسىمىگە سالىدىغان كونا شەھەر رايونىنى، ئاۋات شەخسىي كىتابخانىلارنى ئايلاندۇق. ئۇكام ھەيران قالغانچە ھارمىدى، مەن قەشقەردىكى مەدەنىيەت ھاۋاسىنى قانغۇچە سۈمۈردۈم.
كەچلىكى مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا بىزگە ھاردۇق چاي بەردى. تىرىشچان، ئىجتىھاتلىق شائىر ۋە ئەدەبىي ئوبزورچى، «يۈرىكىڭدە كىم بار جانانىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇئەللىپى ئابلاجان بوۋاقى، ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان، نەتىجىسى مول نەسىرچى قۇربان ئەمەت بىز بىلەن بىللە بولدى. سۆھبەت نەسىرچىلىك ھەققىدە ۋە قەشقەردە يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان «كاشغەر مەدەنىيىتى» ناملىق ژۇرنال ھەققىدە بولدى. قۇربان ئەمەتنىڭ نەسىرلىرىنىڭ ماۋزۇسى، ئىپادىلەش خاھىشى ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىدى. ئۇنىڭ نەسىرلىرىگە قويۇلغان «ئېگىزگە ئاقىدىغان دەريا»، «كۆكلەيدىغان قاناتلار» دېگەن ماۋزۇلار ھەقىقەتەن كىشىنى ئويغا سالاتتى. ئۇ نەسىرلىرىنىڭ ماۋزۇسىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ پىكىرنى ئورۇنلۇق قىلىدىغان، سالماق سۆزلەيدىغان، ئادەمگە ئاسانلا يېقىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان يازغۇچى ئىدى. 2002 ــ يىلى ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىلا مەندە ئاشۇنداق تەسىرات پەيدا بولغان ئىدى. يېقىندىلا ئۇنىڭغا بېيجىڭغا بېرىپ «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى»دا ئوقۇش چاقىرىقنامىسى كەپتۇ. بۇنىڭدىن بەك خۇرسەن بولدۇق ۋە ئۇنى قىزغىن تەبرىكلىدۇق. چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق ئىش ئىدى. شۇنداقلا «لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتى»دا ئوقۇش ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ شەرىپى ئىدى.
بۇ يىل 2 ــ ئاينىڭ بېشىدا «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»دىن «كاشغەر مەدەنىيىتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ تەسىس قىلىنغانلىق ئۇچۇرىنى كۆرۈپ بۇنىڭغا بارىكاللا ئوقىغان ئىدۇق. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن روياپقا چىققان بۇ ئىش ھەقىقەتەن قالتىس ۋە قۇتلۇق مەدەنىيەت ئاپىرىدىسى ئىدى. بىز بىلەن قىزغىن، دەلىللىك پىكىرلىرى بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئابلاجان بوۋاقى بىلەن يازغۇچى زۇلفىيە كۆلتېگىن مەخسۇس مۇشۇ ژۇرنالنى ئىشلەشكە بېكىتىلىپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئابلاجان ئاكىنى:«تىرىشچان، ھارمايدىغان ئادەم ئىكەن» دەپ ئويلىدىم. چۈنكى ئابلاجان بوۋاقى بىر تەرەپتىن ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمدىن كۈچلۈك زېھىن، ئەتىراپلىق بىلىم تەلەپ قىلىدىغان ئەدەبىي ئوبزور يازىدۇ. مانا ئەمدى جاپاسى تولىمۇ ئېغىر، ئاۋارىچىلىقى تولىمۇ كۆپ بولغان ژۇرنالىستلىقنىمۇ زېممىسىگە ئاپتۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بىر ئادەمگە نىسبەتەن بۇ ئىشلار ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. قۇربان ئەمەت ئاكىمۇ، مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكىمۇ ئۇنىڭ بۇ تەرىپىنى كۆپ تىلغا ئالدى، تەرىپلىدى.
بۈگۈنكى سۆھبەتتىن كۆڭلۈم يۇپيورۇق بولۇپ قالدى.
ئەتىسى 8 ــ مارت. ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئاپامغا، ئايالىمغا، قىزىمغا، سىڭلىمغا تېلېفون قىلىپ بايرىمىنى تەبرىكلەپ بولۇپ تۇرىۋىدىم، ئابلاجان ئاكىدىن تېلېفون كەلدى. ئۇ بىزنى چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلدى. «ئاخشام بىر مۇنچە ئاۋارە بولدى، بۈگۈن ئۆيدىكىلىرى بىلەن بايرام قىلسىمۇ بوپتىكەن» دەپ ئويلاپ تۇرىۋىدىم، ئۇ ئىچىمدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا قەتئىي بېرىشىمىز كېرەكلىكىنى دەپ، ۋاقتىنى، ئورنىنى قايتا ــ قايتا تەكىتلىدى. بىز ماقۇللۇق بىلدۈردۇق. ناشتىدىن كېيىن ئۇكام ئىككىمىز شىنخۇا كىتابخانىسىنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى شەخسىي كىتابخانىنى ئايلاندۇق. مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن، ئىككىلا كىتابخانىدا ئادەمنىڭ كۆپلىكى دىلىمىزنى سۆيۈندۈردى. مەن خاتىرە ئۈچۈن كىتابخانىدىن دوكتور ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ «كۆپ قوللىنىلىدىغان تۈركچە ئىسىم ــ فامىلىلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەنىلىرى» ناملىق كىتابنى ۋە مەن تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقىغان «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق روماننىڭ ئاپتورى ھەسەن خالىدنىڭ يېڭى رومانى «پارلاپ تۇرغان مىڭ قۇياش» ناملىق كىتابنى سېتىۋالدىم. (ئەسكەرتىش: «لەگلەك قوغلىغۇچى بالا» ناملىق رومانغا ئاساسەن ئامېرىكا ئىشلىگەن شۇ ناملىق كىنونىڭ ئاساسىي كۆرنۈشلىرى قەشقەرنىڭ كوناشەھەر رايونىدا سۈرەتكە ئېلىنغان بولۇپ، كىنونىڭ مەزمۇنى ۋە كۆرنۈشلىرى كىشىنى بەك ھاياجانغا سالىدۇ. ئەمما بۇ رومان ۋە كىنونىڭ ئۇچۇرى بولغاندا بەزىلەر «لەگلەك ئۇچۇرغۇچى بالا» دەپ خاتا ئالدى. چۈنكى روماننى ئوقىغانلار ۋە كىنونى كۆرگەنلەر بىلىدۇ. ئافغانىستاندا لەگلەكنى ئۇچۇرغۇچى ئايرىم، چۈشۈپ كەتكەن لەگلەكنى تېپىش ئۈچۈن قوغلىغۇچى ئايرىم بولىدىكەن.)
ئۇكام ئىلھامجان ئىككىمىز پۈتۈشكەن تاماقخانىغا بېرىپ، شاھانە بېزەلگەن ئايرىمخانىگە كىرگەندە، بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئابلاجان ئاكىنىڭ ھۆرمىتىمىزنى دەپ خېلى ئەجىر قىلغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئابلاجان بوۋاقى ئاكا بىلەن قۇربان ئەمەت ئاكىدىن باشقا يەنە بىر كىشىنى تونىدىم. تونۇدۇملا ئەمەس، كۆرۈپلا ھاياجان ۋە ھۆرمەت ئىلكىدە ئۇ مۆھتەرەمنىڭ ئورۇق قوللىرىنى مەھكەم قىستىم. ئۇ نۇرغۇن شېئىرىي ئەسەرلەرنى، «جۇدالىق»، «ئابدۇلرەشىدخان»، «سەئىدخان» قاتارلىق رومانلارنى يازغان، «مېنى نېمىشقا تەنقىد قىلمايسىلەر؟» دەپ مەردانىلەرچە چوقان سالغان پېشقەدەم يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئىدى. ئۇ كىشى يېقىملىق تەلەپپۇزى بىلەن يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى، تونۇش ــ بىلىشلەرنىڭ تىنچ ــ ئامانلىقىنى سورىدى. بۇ گەپكە ئولىشىپ خانىگە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، بىر قاتار ئىلمىي ئەمگەكلىرى ۋە ئوقۇتۇش تۆھپىلىرى بىلەن ئەلنىڭ ھۆرمەت قەلبىدىن ئورۇن ئالغان كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىم كىرىپ كەلدى. خۇشاللىق ۋە سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشتىم. ئۇ تۇرپاندىكى دوست ــ بۇرادەرلەرنى سېغىنىشلىق تەلەپپۇزدا بىر ــ بىرلەپ سوراپ چىقتى. بۇنىڭدىن بەك سۆيۈنۈش ھېس قىلدىم.
ھەممىمىز يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ئابلاجان بوۋاقى ئاكا رەسمىي تونۇشتۇرۇش قىلدى. مەن تونۇيدىغان، ئەھۋاللىشىپ كېلىۋاتقان ئەزىزلەردىن باشقا سول تەرىپىمدە ئولتۇرغان ئېگىز بويلۇق، بەستلىك كىشى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيۇنېرى، پېشقەدەم نەشرىياتچى ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى ئاكا ئىكەن. ئوڭ تەرىپىمدە ئولتۇرغان ئېغىر ــ بېسىق، سېمىزرەك كەلگەن كىشى بولسا قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت سوپىھاجى ئىكەن. مەن بۇ كىشىنى دەرھال يادىمغا ئالدىم. چۈنكى مەن قەشقەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىش، نەزەردائىرەمنى كېڭەيتىش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك مېھمانخانا زالىدىكى «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇشۇ كۈنلەردىكى سانلىرىنى ياتىقىمغا ئېلىپ چىقىپ ئۇدۇللۇق كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئىدىم. گېزىتتىكى نۇرغۇن سۈرەتلىك خەۋەرلەردە «ئابلىمىت سوپىھاجى» دېگەن ئىسىمنى ئۇچىرىتىپ ئېسىمدە قاپتىكەن. مەن بۇ ئەدەبىي خاتىرىنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىدا ئۇنىڭ «ئاپئاق چېچەك لال قىلدى مېنى» ناملىق سۈرەت كىرىشتۈرۈلگەن بىر پارچە شېئىرى ئېلان قىلىندى. بۇ شېئىرنىڭ بىرىنچى كوپلىتى ھەقىقەتەن ياخشى چىققان بولغاچقا، قەلبنى شېرىن ھېسقا تولدۇرغۇچى بۇ تاتلىق مىسرالارنى خاتىرەمگە كۆچۈرىۋالدىم ۋە بۇ يازمامغا قىستۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم:
باغلار ئارا ئېچىلىپتۇ ئاق چېچەك،
بوپتۇ دۇنيا ئاق چېچەككە تولغاندەك.
چېچەك ھىدى دىماغلارغا ئۇرۇلدى،
خۇددى يايرىم چېچەك ئارا تۇرغاندەك.

ئۇدۇلدىكى ئورۇق، ئاق يۈزلۈك كىشى بولسا ئابلەت جۈمە تۇپراق ئىكەن. يېقىندىن بۇيان ئىقتىسادقا ئائىت بىر يۈرۈش كىتابلارنى پىلانلاپ، يېزىپ، يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، نەشردىن چىقىرىپ، كىتابچىلىقتىكى بۇ ساھەنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قوشۇۋاتقان تىرىشچان بۇ كىشىنىڭ ئىسمى ئۇزۇندىن بۇيان ماڭا تونۇشلۇق ئىدى. يېنىدىكى دادىل پاراڭ قىلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، بۇغداي ئۆڭ كىشى بولسا تىرىشچان قەلەمكەش ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىن ئىكەن. تونۇش چىراي، تونۇش ئىسىملاردىن ئىچىم ئىسسىقلا بولۇپ قالدى. بۇ كىشىلەر ئەدەبىيات، مەدەنىيەت مېھرىنى بىر ــ بىرىگە باغلىغان كىشىلەر بولغاچقا سۆھبەت تەبىئىي باشلىنىپ كەتتى. ئۇكام ئىككىمىزنىڭ قەشقەرگە كېلىشتىكى مەقسىدىمىزگە ئازراق ئىزاھ بېرىلىشىگىلا سۆھبەت كىتاب ھەققىدە بولدى. نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ سۈپىتى، نەشرىياتچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى، كىتاب پىلانلاش ۋە كىتاب يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، بۇنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئىجابىي تەرەپلىرى، شۇنداقلا ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر، بىر قىسىم يازغۇچى، قەلەمكەشلەرنىڭ ئەسەبىيلەرچە كىتاب چىقىرىشقا ئىنتىلىشى، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈلىۋاتقان كۆڭۈلسىزلىكلەر، ئاۋارىچىلىقلار، مۇشۇ سەۋەبلىك بەزى مۇھەررىرلەر سادىر قىلىۋاتقان نەپسانىيەتچىلىكلەر، قەلەم ھەققىدىكى ئېگىز ـ پەسلىكلەر... دېگەن مەزمۇنلاردا بەس ــ بەستە بولىۋاتقان پاراڭ، مۇنازىرە بىلەن بىر نەچچە سائەت ئۆتۈپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشماقچى بولدۇق. شۇ چاغدا باياتىدىن بېرى پاراڭ تىڭشاپ بېشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇرغان مىرزاھىد كېرىمى ئاكا ماڭا:
ـــ ئۆمەرجان ئۇكام، سىلىدىن بىر ئۆتۈنۈشۈم بار ئىدى،ــ دەپ قالدى. بۇ ھۆرمەتلىك يازغۇچىنىڭ ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئىشى بولغىنىدىن خۇش بولۇپ قول باغلاپ تۇردۇم. قالغانلارمۇ ھەيرانلىق بىلەن بىزگە قاراشتى.
ـــ مۇنداق ئىشتى ئۇكام، ئۆتكەن يىلى كۈزدە ئايرۇپورتقا مېھمان كۈتىۋالغىلى چىققان ئىدۇق. زالدا ساقلاپ ئولتۇرساق ياشانغان بىر كىشى كىشىلەر ئارىسىدىن يېنىمغا كېلىپ:«سىلى يازغۇچى مىرزاھىد كېرىمى بولاملا؟» دەپ سورىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇ كىشى بىلەن قىزغىن ئەھۋاللاشتىم. «مەن سىلىنى تونۇۋالدىم،ـــ دېدى ئۇ كىشى ھاياجانلىنىپ،ـــ مەن تۇرپاندىن، ئىسمىم مەسئۇد، ئوقۇتقۇچى، ھازىر پېنسىيەدە. مەن سىلىنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقىغان. سىلى بىلەن دىدارلىشىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم. مانا ئارزۇيۇمغا يەتتىم.» مەسئۇد ئەپەندى شۇنداق دەپ ئۆزىنى باسالماي مېنىڭ «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرىمنى دېكلىماتسىيە قىلدى. بۇنىڭدىن بەك خۇش بولدۇم ھەم ھاياجانلاندىم. شۇ خۇشلۇقىمدا ئۇلارنى بىر نەچچە كۈن تۇتۇپ قالاي دېسەم، مەسئۇد ئەپەندى تۇرپاندا ھەمسۆھبەتتە بولۇشنى ئېيتىپ كېتىپ قالغان ئىدى. شۇ كىشىگە سالام قەرزىم بار ئىدى. ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزۈم بارالمىساممۇ، سالىمىم بارسۇن دەپ، ئۆتكەن يىلى 9 ــ ئاينىڭ ئاخىرى بىر سالامنامىنى باشلاپ قويغان ئىدىم. ئاخشام سىلىنىڭ قەشقەرگە كەلگەنلىك خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ ھەم بۈگۈن دىدار مۇلاقەت بولىدىغىنىمىزنى ئۇقۇپ شۇ سالامنامىنى ئالغاچ كەلگەن ئىدىم.
بۇ يەردىكى ئەقىدە، دوستلۇق، ھۆرمەت ــ ئېھتىرام ئاڭلىغانلارنى قاتتىق ھاياجانغا سېلىۋەتتى.
ـــ بولىدۇ،ـــ دېدىم مىزاھىد ئاكىنىڭ قولىدىن كونۋېرتنى ئېلىپ،ـــ مەسئۇد مۇئەللىم قايسى مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىقىپتۇ؟
ـــ ھەي، بۇنى سورىۋالماپتىمەن...
ـــ مەيلى، تېلېفونى بولسا...
ـــ كۆرمەمدىلا بۇ قېرىلىقنى... شۇنچە خۇش بولۇپتىمەن، ئۇ كىشىنى تۇتۇپ قالماق بوپتىمەنۇ، ھېچنېمىسىنى سورىماپتىمەن.
بۇنى ئاڭلاپ بىردەملىك تېڭىرقاپ قالدۇق. مىرزاھىد ئاكىنىڭمۇ چىرايىغا غەشلىك تىپىپ چىقتى.
ـــ كېرەك يوق،ـــ دېدىم دەرھاللا ئۆزۈمنى ئوڭشاپ،ـــ مەنمۇ تۇرپاندا ئۇزۇن يىل مائارىپتا ئىشلىدىم. تاپقىلى بولۇر.
سىرتقا چىققاندا ئابلاجان بوۋاقى ئاكىنىڭ بۈگۈنكى داستىخىنىغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتتىم. چۈنكى بۇ ھەقىقەتەن ئۇنتۇلغۇسىز بىر ۋاقلىق تاماق بولغان ئىدى.
ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ئورۇنلاشتۇرىشىمىز بولغاچقا خوشلاشماقچى بولدۇق. پىلانىمىزنى ئاڭلىغان كېرىمجان مۇئەللىم:
ـــ مەن مېھمانلارنى يۈسۈپ خاس ھاجىپ مەقبەرىسىگە ئېلىپ باراي،ـــ دېدى. ئۇنىڭ بۇ دوستانىلىقى مېنى تەمتىرىتىپ قويدى. راستىنى ئېيتسام كېرىمجان مۇئەللىمنى ئاۋارە قىلىشتىن ھەقىقەتەن خىجىل بولغان ئىدىم. ئەمما كېرىمجان مۇئەللىمنىڭ تەكلىپىدە ھېچقانداق «سەمەرخان تەكلىپى» يوق، شۇنداق سەمىمىي، شۇنداق دوستانە ئىدى. ئۇكام ئىلھامجان ئىككىمىز خاتىرىجەم ھەم بۇ ئىززەتلەشتىن خۇش بولغان ھالدا ئۇنىڭ ماشىنىسىغا چىقتۇق...
ئەتىسى 9 ــ مارت كۈنىدىكى ئەدەبىي پائالىيەت تېخىمۇ ئۇنتۇلغۇسىز بولدى. بۇ كۈنى ئەتىگەن ئابلاجان بوۋاقى ئاكا بىلەن قۇربان ئەمەت ئاكا مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا ئورۇنلاشتۇرغان ماشىنىنى ئېلىپ مېھمانخانىنىڭ ئالدىغا كەلدى. ماشىنا يېرىم يولدا كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىمنى ئالغاندىن كېيىن ئاتۇش تامان يۈرۈپ كەتتۇق. بۈگۈن ئاتۇشتا شائىر جۈرئەت نۇرۇللانىڭ «شاۋقۇنسىز دەريا» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنىڭ ئەنجۈمەنى بولماقچى ئىكەن. بۇنداق پائالىيەتنى يۇرتتا بىزمۇ ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. ئەمما بۇ تەرەپلەردە قانداق بولىدىغانلىقىنى بەك كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى. شۇڭا خۇشاللىق بىلەن ماڭدىم.
ئەنجۈمەن بىر رېستۇرانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئەمما يىغىن مەيدانىدەك سەرەمجانلاشتۇرۇلۇپتۇ. ئىشىكتىن كىرىپلا ئۆزىمىز كۆپ كۆرۈشەلمىگەن بولساقمۇ، دىلىمىز دائىم ئەسرارلىشىپ تۇرىدىغان دوستۇم، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى، ھايات ۋە ماماتنى جەسۇر قۇچىقىدا تاتلىق ئەللەيلەتكەن سېتىۋالدى كېرىم بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ قىزغىن سالىمى بىلەن ماڭا ھۆرمىتىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن ھاياجىنىم، دىدار خۇشلىقىم مەندىن بۇرۇن زال ئىچىگە باستۇرۇپ كىردى. زال ئادەمگە تولغان ئىدى. ئادەملەر تويغا كەلگەندەك كۆپ ئىدى. ھە دېگەندىلا تونۇش چىرايلار كۆزۈمگە چېلىقتى. مېھمانلار ئاقتۇدىن، يېڭىساردىنمۇ كېلىپتۇ. ھۆرمەتكە سازاۋەر، كۆپ قىرلىق يازغۇچى ئابدۇللا ساۋۇت ئاكىنىڭ ۋىجىكلەپ كېتىۋاتقان بەستى ماڭا تاغدەك ۋۇجۇد بولۇپ كۆرۈندى. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىغا قايتىلاپ بېسىلغان، مەن ھوزۇرلىنىپ ئوقىغان، يۇرتۇم تۇيۇقنىڭ ئىسمىنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە تۇنجى بولۇپ ماڭا ئوقۇتقان «ئەۋلىيا ئوت» ناملىق ھېكايىسى سەزگۈلىرىمدە ئوقۇلۇشقا باشلىدى... ئەنە، ئۆزىنىڭ پاك روھىنى يوقىتىپ قويمىغان، شېئىر ۋە مائارىپ ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان شائىر ئەنۋەر ھاشىم، ئۆزىنىڭ قايناق شېئىرلىرى، ئۆزگىچە پىكىرلىك ماقالىلىرى بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كىشىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولىۋاتقان شائىر ئەنۋەرجان سادىق كۆكنۇر... ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شېئىرلىرىنى قەلبىمدىكى شېئىرلاردەكلا سۆيۈنۈپ ئوقۇيدىغان ۋە شۇ سەۋەبلىك بىر نەچچە پارچە ئوبزور يازغان، دوستلۇق رىشتىمىز ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان شائىر مۇھەممەتجان سەيدۇللا، بەدىئىي ۋەزنى جەھەتتە ئۆزىنىڭ بەستىدەكلا زور غەزەللىرى بىلەن يۈرەكنى رام قىلىۋالىدىغان شائىر ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت، ئىزدىنىش روھىغا باي شېئىرلىرى بىلەن گاھ «پاللىدە» كۆرۈنۈپ قالىدىغان يالقۇن ئەزىزى... زالغا دوستلۇق مېھرى لىق توشقان ئىدى. پائالىيەت باشلاندى: قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى، ئەدىب مۇھەممەدجان ئابلىز بۆرەيار، شائىر ئەنۋەر ھاشىم، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت، شائىر ئالاھىدىن ئابدۇرىشىت، ياش يازغۇچى سېتىۋالدى كېرىم، يازغۇچى مۇتىللا ئەبەد قىرانى، شائىر ئابدۇشۇكۇر ئابدۇرىمھاجى، شائىر ئەمەتجان مامۇت قاراتېكىن قاتارلىقلار «شاۋقۇنسىز دەريا» توغرىسىدا يېزىلغان ماقالە ۋە شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئەنجۈمەننىڭ ئىلمىي، بەدىئىي مۇقامىنى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەن بولسا، ناخشىچىلار شائىر جۈرئەت نۇرۇللانىڭ شېئىرىلىرىنى تېكىست قىلغان ناخشىلارنى ئېيتىپ ئەنجۈمەنگە زىل ــ زىلىلىق ھاياجان قوشتى. ئاخىرىدا شائىر جۈرئەت نۇرۇللا مەرھۇم ئانىسىغا بېغىشلاپ يازغان داستان كەبىي شېئىرى «پەرىشتە سىمفونىيەسى»نى قايناق ھېسسىيات، تەبىئىي ھاياجان، كۆز ياشلىق ھېس بىلەن ئوقۇپ بىزنى قالتىس ھاياجانغا چۆمۈلدۈردى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ماقالىلەردە ماڭا مائارىپچى، شائىر، تۇزچى دېگەن ئۈچ نام بېرىلدى. مەن ئالدىنقى ئىككىسىگە تېخى لايىق كەلمەيمەن. ئەمما تۇزچى دېگەن نامنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمەن» دېگەن سۆزىگە ئەنجۈمەن ئەھلى ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى. (ئاتۇش شەھىرى ئۈستانئاتۇش يېزىسىدىكىلەرنىڭ «تۇز، تۇزچى» دېگەن لەقىمى بولۇپ، بۇ ئەنجۈمەندە مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا ماقالىسىدە «جۈرئەت نۇرۇللانى تۇزچى دېسەك» دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدى.) چاۋاكلار ياڭرىدى، قايىللىق ئىپادىلىرى، مەمنۇنلۇق كۈلكىلەر چىرايلاردىن ئۈزۈلمىدى. ئەمدى ئويلاپ باقسام بۇ يەردە توي بولۇۋېتىپتۇ. راست، بۇ يەردە توي بولدى. ئىجاد مېۋىسىنىڭ، ئىجادكارنىڭ تويى بولدى. «شاۋقۇنسىز دەريا»نىڭ قۇتلۇق شاۋقۇنى كۆتۈرۈلدى...
ئەنجۈمدىن كېيىن ئاتۇشتىكى، ئاقتۇدىكى، يېڭىساردىكى دوستلارنىڭ «بىر ئاخشام قونۇپ بېرىش» ھەققىدىكى تەكلىپلىرىگە تارتىشىپ، بىر ياقتىن ئەتىكى ئىشلارغا تېنەپ، يەنە بىر ياقتىن كۆزلەر قىيماي قەشقەر شەھىرىگە قايتىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇ ئەنجۈمەن ـــ ئەدەبىياتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ئەنجۈمەنى يۈرىكىمگە بىر نەقىش بولۇپ ئويۇلدى. ئىجادكارنىڭ قەدرىنى قىلىشنىڭ مۇقىم قېلىپى يوق. بىراق قانداقلا شەكىلدە بولسۇنكى، نىيەت ئەلا! خۇددىي بۈگۈنكىدەك. مەن ئاستا شىۋىرلىدىم:«جۈرئەت، شائىرلىقىڭ ئۆزۈڭگە خاس، ئۇنىڭغا شېرىك يوق. ئەمما دوستلۇق دوستلارغا ئورتاق. ئاق يوللۇق بول!»
ئەتىسى قايتىدىغان كۈن. ۋاققىچە ئارام ئېلىپ ناشتىغا چىقتۇق. شۇ چاغدا ئىلھامجاننىڭ يانفونى سايرىدى. تېلېفون قىلغۇچى مۇھەممەتجان ئابلىز بۆرەيار ئاكا ئىكەن. ئۇكام يانفونىنى ماڭا بەردى.
ـــ يانفون ئىتىكقۇ. غىپپىدە قاچماقچىما؟
بۆرەيار ئاكىنىڭ بۇ گېپى بىلەن يانفونۇمنىڭ توكى تۈگىگەچكە ئاخشام ئېتىپ قويغان پېتى ئاچمىغانلىقىم يادىمغا كەلدى.
ـــ باشقا ئىش ئورۇنلاشتۇرماڭ، چۈشتە ئابدۇراھمان تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويدى.
بۇ يەرگە كېلىپ ئالدىراشچىلىقتا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم بىلەن تۈزۈك  ئەھۋاللىشالمىغان ئىدۇق. مەن ماقۇللۇق بىلدۈردۈم ۋە يانفونۇمنى ئېچىۋەتتىم.
ناشتىنى قىلىپ بولۇپ ئاشخانىدىن چىقىپ تۇرىۋىدىم، يانفونۇم سايرىدى. قارىسام كېرىمجان ئابدۇرېھىم مۇئەللىم ئىكەن. تېلېفوننى ئېلىپ ئەھۋاللاشتىم.
ـــ ئەھۋال ياخشىدۇ ئۆمەر؟ ئەتىگەندىن بۇيان بەك كۆپ تېلېفون قىلىپ كەتتىم. يانفونىڭىز ئېتىكلا. ئاخشام دېيىشكەن بويىچە چۈشلۈك تاماققا بىرسىگە ۋەدە بېرىپ قويماڭ.
«ئاپلا» دەپ قالدىم. چۈنكى ئاخشام كېرىمجان مۇئەللىم بەك تەكىتلەپ كېتىۋىدى، مەن ئۆزۈمچە «زىممىسىدىكى تەتقىقاتمۇ ئېغىركەن، ئىشىمۇ ئالدىراشكەن» دەپ ئاۋارە قىلغۇم كەلمەي ئاخشاملا رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشقان ئىدىم. شۇڭا ئالدىراپ يەنە سۆزۈمنى تەكرارلىدىم:
ـــ رەھمەت مۇئەللىم، سىزنى ئاۋارە قىلماي...
ـــ ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ،ـــ دېدى كېرىمجان مۇئەللىم سۆزۈمنى بۆلۈپ،ـــ بىر چىنە چېيىمنى ئىچمەي قەشقەردىن كەتسىڭىز، باشقىچە بولۇپ قالاتتىم. راستلا كۆڭلۈمگە كېلىدۇ.
بولماي ئەھۋالنى ئېيتتىم.
ـــ ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك. كۆرۈشكەندە مۇھەممەتجانغا تېلېفون قىلغىنىمنى دەڭ.
شۇنداق قىلىپ بەشەيلەن چۈشلۈك تاماقتا بىرگە بولدۇق. سۆھبەت ئاساسلىقى كىتاب پىلانلاش ۋە كىتاب يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ھەققىدە بولدى.
ـــ بۇ بەك مۇھىم ئىشكەن، شۇنداقلا بىر بوشلۇقكەن. بىزدە يازالمىغان بىلەن يازغۇچى، قەلەمكەشلەر بىلەن كۆپ ئالاقىدە بولىدىغان، بۇ ساھەنى چۈشىنىدىغان ۋە بۇ ساھەنى ياخشى كۆرۈدىغان ئادەملەر بار. شۇنداق كىشىلەرنى بۇ جەھەتتە تەربىيەلىسەك بولغۇدەك،ــ دېدى كېرىمجان مۇئەللىم ئىلمىي خادىملارغا خاس ۋەزمىن سۆزلەپ. سۆھبەت ئارىلىقىدا كېرىمجان مۇئەللىمنىڭ ئىككى تەتقىقات كىتابىنىڭ نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئاشكارا بولدى. بىرى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا، يەنە بىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى نەشرىياتىدا ئىكەن. بۇنى ئاڭلاپ كېرىمجان مۇئەللىمگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى. چۈنكى ئىككى كۈنلۈك بىللە بولۇش جەريانىدا فاكۇلتېتنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى، ئىلمىي ئىشلىرى، ئۆزىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتقىقات ئىشى، ئوقۇتۇش ئىشلىرى ھەققىدە كۆپ سۆزلەشتۇق. جاپاسى ئىنتايىن ئېغىر بولغان شۇنچىۋالا كۆپ ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ سىرتىدا يەنە بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. بۇلارنى ئويلاپ يۈزۈم چىمىلدىغاندەك بولدى. يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بىر ئىلىم ئەھلىنىڭ بۇنچىۋالا ئىززەتلىشىگە نائىل بولغىنىمدىن خىجىل بولۇۋاتقان بولسام كېرەك. لېكىن يەنە ئۆزۈمگە «بىر ئالىمنىڭ ئىلمىنىلا ئەمەس، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى ئۆگىنىشمۇ ناھايىتى مۇھىم» دەپ تەسەللىي بەردىم.
ئايرۇپىلاننىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغان ئىدى. ئىلھامجان ئىككىمىز كېرىمجان مۇئەللىم، ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىملار بىلەن خۇش كەيپىيات ئىلكىدە خۇشلاشتۇق. راستىنى ئېيتسام ئۆزۈمنى شۇنداق ئازادە، خۇشال، كۆڭلۈم توق، شېرىن شەربەت ئىچىپ يايراۋاتقاندەك ھېس قىلماقتا ئىدىم.
بۆرەيار ئاكا بىزنى ئايرۇپورتقىچە بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى. مەن ئايرۇپىلانغا چىقىش ئارىلىقىدا قەشقەردىكى ۋاقتىمىزدا كۆپ ھۆرمىتىمىزنى قىلغان ئابلاجان سېيىت، ئابلاجان بوۋاقى، قۇربان ئەمەت، ئىبراھىمجان تاش، راجى تۇردى قاتارلىقلارغا ئايرىم ــ ئايرىم تېلېفون قىلىپ، رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم.
ئايرۇپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. مەمنۇنلۇق بىلەن:«خوش ئەزىزانە قەشقەر» دېدىم. ئۇكام ئىلھامجان:«يەنە كېلىمەن قەشقەر» دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
مەن تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىككى ئىش ئۈچۈن ئالدىراش بولدۇم. بىرى، تېما بويىچە يازغۇچى، قەلەمكەشلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ كىتابلارنى يېزىشقا ئۇيۇشتۇردۇم. يەنە بىرى، مۆھتەرەم يازغۇچى مىرزاھىد كېرىمى ئاكىنىڭ ئامانىتىنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئاتلاندىم. مەن مىرزاھىد ئاكا بەرگەن «تۇرپاندا مائارىپچى، مەسئۇد» دېگەن ئىككى ئۇچۇرنى چىڭ تۇتۇپ، دىققىتىمنى تۇرپان شەھەر مائارىپ سىستېمىسىغا قاراتتىم. مەن ئىلگىرى پىچان ناھىيەسىدە 2000 ــ يىلىغىچە، كېيىن تۇرپان ۋىلايەتلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە 2011 ــ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىم ئۈچۈن تۇرپان شەھىرىدىكى مائارىپچىلارنى كەڭ دائىرىدە تونۇپ كېتەلمەيتتىم. شۇڭا تىرىشچان قەلەمكەش، تۇرپان شەھەر ئۈزۈمچىلىك يېزا چوڭ كۆۋرۈك مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئابلىتىپ ئىمىننى تېپىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. مەنمۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئارقىلىق كۆپ سۈرۈشتۈردۈم. ئابلىتىپمۇ مەكتەپلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، پېشقەدەملەر ئارقىلىق ئەھۋال ئۇقۇشۇپتۇ. تۇرپاندا «مەسئۇد»نى «مەسۆت، مەخسۇت» دەپمۇ ئاتايدىغان ئادەت بولغاچقا، بىز بۇ نۇقتىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمىدۇق... شۇنداق قىلىپ 4 ــ ئاينىڭ 2 ــ كۈنى بۇ ئىشىمىزدىن نەتىجە چىقتى: بىز ئۇ كىشىنى تاپالمىدۇق... مەن 4 ــ ئاينىڭ 9 ــ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 9 دا تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىلكىدە مىرزاھىد كېرىمى ئاكىغا تېلېفون قىلدىم.
ـــ كەچۈرسىلە ئاكا،ـــ دېدىم ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن،ـــ بىز دوستلار بىلەن «مەسئۇد، مەسۆت، مەخسۇت» ئىسىملىك پېنسىيەگە چىققان ياكى ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ چوڭ ياشلىق ئوقۇتقۇچىلارنى ئىزدىدۇق. بىز دېگەن ئۆلچەمگە يېقىن كېلىدىغان ئىككى «مەخسۇت مۇئەللىم» چىقتى. ئەپسۇس، بىرى ئۇزۇندىن بۇيان ئېغىر رېماتىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۈچ يىل بۇرۇن تۈگەپ كېتىپتۇ. يەنە بىر «مەخسۇت مۇئەللىم» ئېغىر كېسەل ئىكەن. تېخىمۇ ئەپسۇسكى، ئۇ قەشقەرگە بىر قېتىممۇ بېرىپ باقماپتۇ...
ـــ توختاڭچۇ،ـــ دەپ قالدى مىرزاھىد ئاكا،ـــ «تۈگەپ كەتتى» دېگەن مۇئەللىم رېماتىزممىكەندۇق؟ مەن بىلەن كۆرۈشكەندە قولىدا ھاسا باردەك قىلغان.
ـــ ئەمما ئۇ كىشى ئۈچ يىل بۇرۇن تۈگەپ كېتىپتۇ.
ـــ ئەستا... مەن «ئۆتكەن يىلى كۆرۈشكەن» دەپتىمەن ھە. قېرىلىقىم... ئەسلى كۆرۈشكىلى ئۈچ يىلدىن ئاشقان ئىدى. مۇشۇنىڭدەك ئەتىياز پەسلى ئىدى...
نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. مىرزاھىد ئاكىمۇ بىر پەس جىمىپ كېتىپ:
ـــ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن... سالاملىرىمىز ئارماندا قاپتۇ،ـــ دېدى. ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ:
ـــ ئاكا، سالامنامىنى تېز يوللانما قىلىپ ئېۋەتىپ بېرەيمۇ؟ـــ دېدىم.
ـــ ئۇكام، دىلكەشلىكىمىزنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن سىزدە يادىكار بولۇپ قالسۇن.
ـــ رەھمەت ئاكا،ـــ دېدىم ھاياجانلىنىپ،ـــ قەدىرلەپ ساقلايمەن.
خوشلاشتۇق. بىر پەس سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ قالدىم. ئادەم دېيىشكە تېگىشلىك بىر ئېغىز سۆزنى ۋاقتىدا دېمىسە، قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئىشنى ۋاقتىدا قىلمىسا ئارماندا قالىدىغان ئىش ئىكەن. پەيتى كەلگەندە ئاشۇ ئارمان يۈرەكنى ئېزىدىكەن.
مەن كونۋېرتنى ئېچىپ سالامنامىنى قولۇمغا ئالدىم:
يادىكار مۇۋەششەھ
مۆھتەبەرسەن قەلب ئوردامنىڭ تەختىگە چىققان ئادەم،
سەن ھاساڭغا تايىنىپ كەلدىڭ گويا بولۇپ ھاتەم.

ئەسلىبان «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق»نى ھەسرىتا...
تامچىلاپ يامغۇر كۆزۈڭدىن بولدى تاشقىن... غەرق ئالەم.

سېغىنىپ بەرگەن سالامىڭ چاڭقىغىمنى باستى زەپ،
بولدى ماڭا ئەزگۈ دىدار باغلىرىدا خۇش ئايەم.

ئۇ بەرنا ئۈمىدلىرىڭ يامغۇر ئەمەس تۆكۈپ تىللا،
كۆككە كۆتۈردى بېشىنى، قۇچتى چولپان ھۆرغا يەم.

دەردىشىم تېنىڭ زەئىپ... ئەمما ئىرادەڭ مىسلى تاغ...
كېرىمى دىلداش ساڭا، يىگەي ئۆمۈرۋات بىللە غەم.

سەمىمىي ئېھتىرام ئىلە
                        ھاجى مىرزاھىد كېرىمى
                                                           2013 .9.24 ــــ 2014.3.8
كاشغەر.
ھۆرمەتلىك يازغۇچىنىڭ مۇۋەششەھلىك سالامنامىسى مۇشۇ ئىدى. مېنىڭ ھەيران قالغان يېرىم: يازغۇچى بۇ سالامنامىسىگە ناھايىتى ئىنچىكە، ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتقان. يەنى قوليازمىسىدا مۇۋاششەھ قائىدىسى بويىچە ئېلىنغان ھەر بېيىتنىڭ بېشىدىكى ھەرىپنى ئېرىنمەي قىزىلغا بوياپ، «مەسئۇد» دېگەن ئىسىمنى روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.
مەن بۇ سالامنامىنى تەۋەرۈك سۈپىتىدە ساقلاپ قويدۇم.
قەشقەر سەپىرىنىڭ ئاخىرى، ۋاقتىنچە، مۇشۇنداق تۈگەللەندى.
رازىمەنلىك، خۇشلۇق، سۆيۈنۈش، ھۆرمەت ۋە ئىززەت بىزنى خۇش تەبەسسۇم قىلدۇردى. چۈنكى بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئىش ــ پائالىيەتلىرىمىز، سۆھبەتلىرىمىز، مۇنازىرىلىرىمىز، ئوي ــ خىياللىرىمىز، ھەتتاكى ئانچە ــ مۇنچە قىلىشقان «غەيۋەتلىرىمىز»مۇ مەدەنىيەتكە، ئەدەبىياتقا باغلىق بوپتۇ. شۇڭا «بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز ھەقىقىي مەدەنىيەت سەپىرى بوپتۇ» دەپ ئويلىدىم.


(ئاپتور  تۇرپان ۋىلايەتلىك «تۇرپان» ژۇرنىلىنىڭ تەكلىپلىك مۇھەررىرى)
(吐鲁番地区《吐鲁番》杂志维文编辑部:吾买尔•阿不都。838000. 手机:18999043233)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 16:18  


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 3401
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15363
تۆھپە : 5
توردا: 806
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 17:50:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرقۇت ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە ۋە ۋە ئابلاجاننىڭ يوللىغىنىغا تەشەككۈر!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 572
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1527
تۆھپە : 20
توردا: 269
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 19:05:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەدەبىي ئاخبارات ئىكەن. ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك!

ARKZAT ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 1190
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5041
تۆھپە : 10
توردا: 1766
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 20:43:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجاننىڭ «مەدەنىيەت سەپىرى» تەسىرلىك ھەم ئەھمىيەتلىك ئۇنتۇلماس سەپەر بولۇپتۇ.
ئىجاد بەيگىسىدىكى سەپىرىڭىز تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولغاي.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1844
يازما سانى: 75
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 972
تۆھپە : 0
توردا: 190
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 22:34:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان بارلىق ئۇلۇغ ئۇششاق ئەزىزلەرنىڭ تېنى سالامەت ،ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق ،قەلىمى ئۆتكۈر ،ھەربىر كۈنلىرى بالا قازادىن يىراق بولۇپ مەنىلىك ئۆتكەي

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1108
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1728
تۆھپە : 0
توردا: 200
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-23

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 01:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ
قەدەملىرىگە ئۇتۇق يار بولغاي!
قەلەم تۇتقان قوللار غا ، مەدىنيەت ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەر گە تەھسىن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1785
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2058
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:26:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئۆمەرجاننىڭ قەشقەر سەپىرىنىڭ  يەنە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشغا، قۇتلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1785
يازما سانى: 714
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2058
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:30:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم ئابلاجان بوۋاقىنىڭ ئەرقۇتنىڭ «مەدەنىيەت سەپىرى»نى يورۇتۇپ بەرگەنلىكىگە رەھمەتلەر بولسۇن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8916
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 283
تۆھپە : 0
توردا: 61
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-5 16:08:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللىغان تېمىڭىزغا رەھمەت! يازغۇچىلارنىڭ ئەھمىيەتلىك مەدەنىيەت سەپىرى داۋاملىشىپ تۇرغاي...
ئۆمەر ئابدۇللارنىڭ  ھېكايە، پوۋىست، رومانىغا ئوبزور يازغان ئىدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-5 16:11  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5847
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 85
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 23:51:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرقۇت ئەپندىمنىڭ بىزگە قىلغان ئەجىر-ئەمگەكلىرىگە كۆپ رەھمەت، ھارمىغايسىز.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6574
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3625
تۆھپە : 0
توردا: 417
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 00:24:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياش يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت ئەپەندىنىڭ مەدەنىيەت سەپىرىگە ئاپىرىن !ئۇچۇرلاشتۇرغۇچى ئابلاجان بوۋاقى ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە رەخمەت .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش