كۆرۈش: 1116|ئىنكاس: 0

كېرىمجان ئابدۇرېھىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
85_1273_ca2303835cf68f3.jpg

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎتى ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﺴﻰ،پروفىسسور،پىداگوگ،تونۇلغان ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ئوبزورچى ﻛﯧﺮﯨﻤﺠﺎن ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ 1965-ﻳﯩﻞ10-ﺋﺎﻳﺪا ﻗﻪﺷﻘﻪر ﻛﻮﻧﯩﺸﻪﮬﻪر ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻤﯩﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن،ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘچ-ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ تاشمىلىق يېزىسىدا ﺗﺎﻣﺎﻣلاپ،1982-ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪر ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن.1986-ﻳﯩﻠﻰ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز فاكۇلتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان.ﮬﺎزﯨﺮ فىلولوگىيە فاكۇلتېتى پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ سېكىرتارى،قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى.ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى،پروفىسسور.
ﻛﯧﺮﯨﻤﺠﺎن ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ1985-ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧلان《قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى》دا ئېلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن «<ﺗﺎﮬﯩﺮ-زۆﮬﺮە>داﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ  ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷلاﻧﻐﺎن.ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ باشلاپ ئۇ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ،80ﭘﺎرﭼﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ،ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﻐﺎن.
ﻛﯧﺮﯨﻤﺠﺎن ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﻳﻪﻧﻪ «ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ۋە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮ»<< ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى>>ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯜزۈﺷﻜﻪ ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ«ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﻧﻪزەرﯨﻴﯩﺴﻰ» نامىلىق ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎن.«ﺑﯘرۇت ﻣﺎﺟﯩﺮاﺳﻰ»ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎرﻟﯩﻐﺎن،«ﭘﺮوزﭼﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﻟلاﻧﻤﯩﺴﻰ»،«ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﻮﻟلاﻧﻤﯩﺴﻰ»,<<ئۇيغۇر پوۋسىتلىرىدىن تاللانما:   مەختۇمسۇلا>>،<<ئۇيغۇر پوۋسىتلىرىدىن تاللانما:كىرورەن گۈزىلى>>،<<ئۇيغۇر پوۋسىتلىرىدىن تاللانما:نوزۇگۇم>>،<<ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما>>..ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑلارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﻪن.«ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮى»،«ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪا ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﭼﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮى»ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن.
ﻛﯧﺮﯨﻤﺠﺎن ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﮬﺎزﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪﻳﺌﻪت ﺋﻪزاﺳﻰ، ﻗﻪﺷﻘﻪر ۋﯨلاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩلار ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ رەﺋﯩﺴﻰ.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-3 15:16  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش