كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 7

مۇسا ئەھەد تىركەش:تۆلەندى ئەزىم ۋە «ئۇنتۇلغان ئادەم» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4696
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 260
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 22:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تۆلەندى ئەزىم ۋە «ئۇنتۇلغان ئادەم»

مۇسا ئەھەد تىركەش

تۆلەندى ئەزىم (زۇليارى) دېگەن بۇ ئىسىم ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا بورتالا ئوبلاستىدىكى ھەممىگە تونۇشلۇق بىر بەلگىگە ئايلانغان ئىدى. ئېگىز بوي، كۆزلىرىدىن چېچەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، نازۇك تەبىئەتلىك، بۇ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ئۆزىنىڭ مول بىلىمى، ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى، ئادىمىلىك پەزىلىتى بىلەن ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىغا ئايلانغان بولسا، 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى بىر تۈركۈم ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. بىزدە ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئەدەبىيات ساھەسىگە كىرىپ شۆھرەت قازانغان يازغۇچى-شائىرلار بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا.
مەن ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى بىر بۆلۈك شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ئۇنىڭ بەدىئىي پاراسىتىگە قول قويغان ئىدىم. شېئىرلىرىدىكى تاۋلانغان تىل، ئەسەر مەزمۇنىدىكى ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇق، شەيئىلەرنى كۈزىتىشتىكى ئۆزگىچىلىك، ئىنچىكە، نازۇك ھېسسىيات، يېتىلگەن شائىرلاردا بولىدىغان بۇ خىل خۇسۇسىيەت ئەدەبىيات كوچىسىغا ئەمدىلا كىرگەن بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قەلىمىدىن بالقىپ تۇراتتى. ئۆزىنىڭ تۇنجى ئېلان قىلغان شېئىرى بىلەن كىشىلەرگە تونۇلغان شائىرلا بەك ئاز. ئەمما تۆلەندى ئەزىم «كروران گۈزىلى مېنىڭ ئانام» ناملىق شېئىرى بىلەن شېئىرىيەت كوچىسىغا دادىل قەدەملىرى بىلەن كىرگەن ۋە بورتالا ئوبلاستى تەۋەسىدە شۆھرەت قازانغان. ئەدەبىياتنىڭ ئالدى كەڭ، كەينى تار، بۇ سىرلىق كوچا ئۇنىڭغا قۇچاق ئاچقان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى گېزىت-ژۇرناللاردا 100 پارچىگە يېقىن شېئىر-داستان، ھېكايە، پوۋىست يېزىپ، ئايرىم توپلام قىلىپ، نەشر قىلىشقا ئۈلگۈرگەن.
يېقىندا مەن ئۈرۈمچىدىكى بىر خۇسۇسىي كىتابخانىدىن ئۇنىڭ 2001- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «ئۇنتۇلغان ئادەم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى كۆرۈپ قالدىم. توپلام نامىدىنلا بىر خىل يوشۇرۇن ئىستېتىك گۈزەللىك ۋە ئادەم تەسەۋۋۇرىنى غىدىقلايدىغان كۈچ مېنى بۇ ھۆرمەتلىك ئۇستازىمنىڭ شېئىرىيەت قەسىرىگە باشلاپ كىردى.
مەن ئۇنىڭ «ئۇنتۇلغان ئادىمى» نى ھەيرانلىق ۋە قىزىقىش ئىچىدە ۋاراقلىدىم. كۆز ئالدىمدا باشقىچە بىر دۇنيا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ھەر بىر شېئىر، ھەر بىر كۇبلىت ئىچىگە يوشۇرۇلغان سىرلىق بىشارەتلەر، ئادەمنى گاھ ئۇھسىندۇرىدىغان، گاھ كۆرۈلمەس ئوتلاردا ئۆرتەيدىغان نازۇك ھېسسىيات، گاھ ئادەمنى غۇرۇر، ئىپتىخار دەرياسىدا چۆمۈلدۈرىدىغان قىزغىن كەيپىيات، گاھ ئىنساننىڭ كىملىكى، تەقدىرى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن سالماق پىكىرلەر مېنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى.
گىزى كەلگەندە شۇنىمۇ تەكىتلەش زۆرۈركى، نۆۋەتتە نەشىر قىلىۋاتقان بىر قىسىم توپلاملاردىكى بىر ئاجىز نۇقتا شۇكى، توپلامغا قويۇلغان نامدىكى تەكرارلىق، ئاددىيلىق، كونىلىقتىن ئىبارەت. گەرچە شېئىر توپلاملارغا قويۇلغان نام شائىرنىڭ مەزكۇر توپلىمدىكى ئومۇمىي شېئىرلارنىڭ سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلالمسىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە تارتىدىغان جەلىپكارلىق توپلام نامىدىن كېلىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، توپلامغا قويۇلغان نامنىڭ يېڭى، ئۆزگىچە قويۇلۇشى ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك قالتىس بەدىئىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە تۆلەندى ئەزىمنىڭ نەسرى ئەسەرلەرگىمۇ، شېئىرى ئەسەرلەرگىمۇ خىل كېلىدىغان «ئۇنتۇلغان ئادەم»ى ئۆزىدىكى كۆپ قاتلاملىق مەنىگە باي ئالاھىدىلىكى بىلەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.
ھۆرلەرنىڭ قەسىرى ئىمىش ئەرش دېگەن،
كۆرگەن كىم؟
ئۇ بىر تاتلىق خىيال پەقەت.
تەڭداشسىز ھۆر-پەرىنى كۆردۈم بۈگۈن،
گىزىتتىن  ئېچىلغاچ نۇرلۇق بىر بەت.
زىمىندىكەن قەسىر ئەمەس يىراق ئاسمان،
كەپتىمەن بىللە ياشاپ ئەزەل – ئەبەد.
«كروران گۈزىلى» ھۆر مېنىڭ ئانام،
شەنىڭگە كۈي پۈتەي، ئال، قوبۇل ئەت.

**
تۆت مىڭ يىل ئۆتكەندە گۈل قەددىڭنى،
پەن بىلەن كۆرمەكتە جاھان بۈگۈن.
بىلمىدىم «ۋىناس» نىڭ ئۇزلۇقى نەدە،
جىلۋەڭدىن يېشىلدى تۈمەن تۈگۈن.
«كروران گۈزىلى» ئۇز مېنىڭ ئانام،
گۈزەللىك ئىلاھى سەن چېھرى گۈلگۈن.

جەمئىي ئالتە كۇبلىت بىلەن ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنى  ئويناق، گۈزەل ئىبارىلەر مۇجەسسەملىگەن بۇ شېئىردا ھەر بىر مىسراغا شائىرنىڭ كروران ئانىغا بولغان ھۆرمەت – ئېھتىرام، ئىپتىخارى شائىرنىڭ ھاياجانلىق تۇيغۇلىرىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن ئىدى. شائىر كروران ئانىنى ياۋروپا شېئىرىيىتىكى گۈزەللىك ئىلاھى ۋىناس، خەنزۇ رىۋايەتلىرىدىكى گۈزەللىك ئىلاھى چاڭئى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، شېئىرنىڭ بەدىئى ئۈنۈمىنى زور دەرىجە ئاشۇرغان. مۇھىمى شائىر ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتىنى قاتمال چۈشەنچىلەرگە باغلاپ قويمىغان. شۇڭا بەزى كوبلىتلار 8 مىسرا، بەزى كوبلىتلار 6 مىسرا بويىچە،  يەنە بەزى كوبلىتلار 11 مىسرا بويىچە بىر كوبلىت قىلىنىپ ئۆزىنىڭ پىكرىنى ئەركىن، ئازادە ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن بوشلۇق ھازىرلىغان.
«توپلام» دىكى بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ ۋەزىنى خېلىلا ئېغىر. پىكرىمۇ خېلىلا سالماق. مەزمۇنىمۇ كۆپ قاتلاملىق ئىدى. ئىپادىلەش ماھارىتىمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلاتتى. ئاددى ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن بۇ شېئىرلار گۇڭگا شېئىرلاردەك تەسىرات بېرەتتى. بىر قاراشتىلا نەسىرى ئەسەرلەرنىڭ ماۋزۇسىدەك تەسىر بېرىدىغان «ئۇنتۇلغان ئادەم» نىڭ مەنە ۋە ئىستېتىك قاتلىمى مېنى ئۆزىگە رام قىلىۋالغان ئىدى. «ئۇنتۇلغان ئادەم» نىڭ ئومۇمى گەۋدىسىدە ئۆتمۈشتىكى پارلاق مەدەنىيەت ئىزنالىرى قالدۇرغان ئەجدادلارنىڭ يارقىن ئوبرازىمۇ، تارىخنىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدا تىندۇرمىغا ئايلانغان ئۆڭمەس مەنىۋى دۇردانىلارمۇ، يەر شارى ئېلپ كەلگەن كىرىزىس ئىچىدىكى ئىنسانىيەتنىڭ روھى تېڭىرقاشلىرىمۇ، ئاتالمىش مەدەنىيەت ئېلىپ كەلگەن ياتلىشىش ئىچىدىكى ئىنسانلار توپىنىڭ سۇلغۇن ھالىتىمۇ بار ئىدى. توپلامغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ ماۋزۇلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ماۋزۇلاردىكى بۇ خىل ئۆزگىچىلىك ئوقۇرمەنلەرنى شائىرنىڭ شېئىرى ئىچىگە ئىختىيارسىز باشلاپ كىرەتتى. مەسىلەن: «مۇساپىرمەن شېئىر تېنىدە»، «تۇل ئايال، ئەلەملىك ناخشا»، «يۇلقۇنىدۇ گۈزەل ھالاكەت»، «بوشىغان جام سۆزلەيدۇ تارىخ»، «ئاشكارىلاش»، «نۇرسىزلىنىش»، «ئادەمگىياھنى سېغىنىش»، «ئۆزۈمگە مەنسۇپ ئاۋازمەن»، «بوشىنىش»، «دەرىزەمنىڭ ئىچى سىرتىدا»، «ئادىمى مەن مۇشۇ زىمىننىڭ»، «تۇنجۇققان روھىڭنى تاڭما بالاڭغا» قاتارلىق جەلپكار، يېڭى، ئىجادى ماۋزۇلارنىڭ بىر قىسمى شېئىردىكى جەۋھەر مىسرالارنى، بىر قىسمى مەزكۇر شېئىرنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ماۋزۇلارنى، بىر قىسمى بىۋاسىتە خىتاپ، سوئال شەكلىدە يەنە بىر قىسمى چاقىرىق تەرىقىسىدە ئەسەرگە ماۋزۇ قىلىپ تاللانغان. بۇ خىل ماۋزۇلار ئەسەر مەزمۇنى بىلەن شۇنداق ياپسالىشىپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان. «مۇساپىر مەن شېئىر تېنىدە» ناملىق شېئىرنىڭ باشلانمىسى: «شېئىر دېگەن تەڭرى قەلبىدە،  مەن مۇساپىر شېئىر تېنىدە» دەپ باشلانغان بولسا، شېئىرنىڭ ئاخىرى:
ئىمزا قويىمەن ھاياتقا مۇنداق،
مەن مۇساپىر شېئىر تېندە.
باھار دېگەن قۇشلار كۆزىدە،
قۇشلار كۆزى ياپيېىشل رەڭدە.

دېگەن مىسرالار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
شېئىر بىلەن تەڭرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، «مەن» بىلەن شېئىر ئوتتۇرىسىكى مۇناسىۋەت، باھار بىلەن قۇشلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت، قۇشلار بىلەن يېشىل رەڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەنە شۇنداق گۇڭگا، يېپىق بىر ھالەتتە كۆزگە تاشلىنىدۇ. ئومۇمەن شائىر قالتىس كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق تەڭرى، شېئىر، قۇشلار، مەن، يېشىل رەڭدىن ئىبارەت مەنە قاتلىمى تولىمۇ چوڭقۇر ئىماگلار ئارقىلىق شېئىرنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن ھايات ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك، سىرلىق مۇناسىۋەتلەرگە شائىرانە كۆز بىلەن نەزەر سالغان.
كىروچى: «ئوخشاش بولمىغان قەلب ئوخشاش بولمىغان گۈزەللىكنى سىزىدۇ» دەيدۇ. مېنىڭچە، ئېسىل بىر شېئىرنىڭ مۇۋاپپەقىيىتى ئوقۇرمەن قەلبىدە قوزغاتقان تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

كاكىلىدى قايسى چاڭگىغا،
ئۇنتۇپ كەتتى ناخشىچى كاككۇك.
**
مەركىزىدە شىمال قۇتۇپنىڭ،
توڭلاپ قالدى لىرىك شېئىرلار.
قار ئۈستىگە ئوماق پىنگىۋىن،
يېزىپ قويدى ھەزىل بىر مىسرا.

**
ھېيىت كۈنىدەك  ئاۋات بۇ شەھەر،
تونىمايدۇ ھېچكىم ھېچكىمنى.
پىنھاندىكى قايناق بازاردا،
يايما يايدى پالچى جۈپ خوراز،
سەجدە قىلار ئادەملەر ئۈنى.

نۇرى ئۆچكەن قەدىم كىمىدە،
يۇلقۇنىدۇ گۈزەل ھالاكەت.
ئائىلە، مۇنبەر، تار كوچا،
چېقىلىپ كەتتى تەڭرى كۆزىدە.
«يۇلقۇنىدۇ گۈزەل ھالاكەت» ناملىق شېئىرىدىن

ئاددى ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن گۇڭگا شېئىردەك تەسىرات بېرىدىغان بۇ شېئىر بىر قىسم كىشىلەر تەرىپىدىن ئاتالمىش زامانىۋى شېئىر دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن تىشى پال-پال، ئىچى غال-غال شېئىرلارغا ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭدا يېڭىچە شېئىرلاردا بار ئېلىمىنتلارمۇ، ئەنئەنىۋى شېئىرلاردا بار ئېلىمىنتلارمۇ ئۇستىلىق بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئوقۇرمەنگە يېڭىچە بىر دۇنيا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. شائىرنىڭ ئىنچىكە كۆزىتىش نۇقتىسىدىكى سالماق پوزىتسىيە، ھەر بىر مىسرانىڭ كەينىگە يۇشۇرۇلغان گويا تۇمان كەينىدىكى تاغدەك غۇۋا مەنزىرە بىزنى ئاللىقانداق خىياللارغا باشلايتتى. ئەزەلدىن پاك مۇھەببەت ۋە ساداقەتنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان كاككۇكنىڭ قايسى چاڭگىغا كاكىلىغىنىنى ئۇنتۇپ قېلىشى، شىمالىي قۇتۇپتىكى تۇڭلاپ قالغان لىرىك شېئىرلار، ھەزىل مىسرالارنى يېزىپ قويغان ئوماق پىنگىۋىن، ھېچكىم-ھېچكىمنى تونۇمايدىغان ئاۋات شەھەردىكى خۇنۈك مەنزىرە، پالچى خورازغا سەجدە قىلىۋاتقان ئادەملەر، نۇرى ئۆچكەن قەدىم كېمە  قاتارلىق ئىماگلار بىزنى كۈندىن-كۈنگە دەرماندىن كەتكەن ھاياتلىق ۋە يىمىرىلىۋاتقان ئېتىقادنىڭ سوغۇق ئوردىسىغا باشلاپ كىرەتتى.

كونا قاۋاقتا دىدارلىشىدۇ،
ئۈچ مويسىپىت ئۇچرىتىپ پات-پات.
بوشىغان جام سۆزلەيدۇ تارىخ،
ئارمانلارغا كۆمۈلۈپ قات-قات.
-ئېسىڭدىمۇ،
قالتىس چاغدى-ھە؟!
چىكەتكىدە خوراز باققانتىم.
(-بوز يەر يىلىنى بولمامتى دەيتتىم).
-قويمامسەن،
بوۋام بىر چاغ
بوز قۇرت مىنىپ تويغا بارغانكەن،
-دادام قىرىق خوتۇن ئالغانىكەن،
بوشىغان جام سۆزلەيدۇ تارىخ،
-نۆۋەت كىمنىڭ؟
قوشاق توقۇپ مۇڭلۇق بىر كۈيگە،
موخۇركىنىڭ ئاچچىق تۈتۈنى،
ئۇسسۇل ئوينار ئۇلار ئۈنىگە.
«بوشىغان جام سۆزلەيدۇ تارىخ» ناملىق شېئىرىدىن

مانا بۇ كونا قاۋاقتىكى ئۈچ مويسىپىتنىڭ ئارزۇ-ئارمانلار كۆمۈلگەن نادامەتلىك ھېكايىسى. سىقىلغان روھلارنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدىكى تاتلىق رىۋايىتى بىلەن ھەسرەتلىك دىيالوگى. بىزنى ھەممىدىن  بەك ئۆزىگە تارتىدىغان نۇقتا شېئىر شەكىلدىكى ئۆزگىچە قۇرۇلمىدۇر. شائىر بۇ شېئىرىدا  بىۋاسىتە ئوتتۇرىغا چىقمايدۇ بەلكى ياندىن بايان قىلغۇچى ياكى تاماشىبىن شەكلىدە ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە شاھىد بولىدۇ. ئوقۇرمەنگە گويا بۇ ئەسەردىكى كۆرۈنۈشلەر كىنولاردىكى مۇنتاژلاردەك ئالمىشىپ، كۆرۈرمەنلەرنى كىنودىكى مۇھىت ئىچىگە باشلاپ كىرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئاتاقلىق شائىر ئوسمانجان ساۋۇت نەمۇنىلىك شېئىرلار ئۈستىدە توختىلىپ «ئىجادىيەت شائىر ۋە ئوقۇرمەننىڭ ئەقلى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بىرلىكىدىن ئىبارەت. شېئىرى مۇھىتقا قاتناشقان شېئىرىي تەسۋىرلەر ئىلگىرى ئىزچىل ئۇدۇل لىنىيەلىك بولغان بولسا، ئەمدىلىكتە سەكرەتمىلىك ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىدىغان مۇنتاژلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بولىدۇ. سۆز رىننىتى ۋاسىتىلىرىنىڭ يېڭى ۋە مۇرەككەپ بولۇشىمۇ شېئىرنىڭ مۇرەككەپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل» دەيدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ تۆلەندى ئەزىمنىڭ «بوشىغان جام سۆزلەيدۇ تارىخ» ناملىق شېئىرى شەكىل جەھەتتىكى مۇنتاژلىق قۇرۇلمىسى بىلەنلا ئەمەس مەزمۇن جەھەتتىكى كۆپ قىرلىقى، كۆپ قاتلاملىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئۈچۈنمۇ بوشلۇق قالدۇرۇلغان ئىسىل شېئىردۇر.

توساتتىن كوچىدا يولۇقۇپ قالىسەن،
ياكى جامائەت سورۇنلىرىدا
ئەل قاتارى قولۇڭنى سوزۇپ قالىسەن، شۇندىلا
ئانتاركتىكىغا كېلىپ قالغاندەك
شۈركىنىپ كېتىسەن
غادايغان نۇرسىز سوغۇق يۈرەكتىن.
ئىچىڭگە تىنىپ
چاندۇرماستىن ئۆتۈپ كېتىسەن،
«قانچىلىك نېمىتى ھايات دېگەن» دەپ
سۆيۈندۈرىدۇ سېنى ھەم ئۇنى،
قانچىلىك دېگەن ئاشۇ بىرلا گەپ.
تەسەللى تاپىسەن ئاشۇ سۆز بىلەن
غەلىبە قىلغاندەك
شېئىر يازغاندەك

ئىنسان ھاياتى گۈزەللىك بىلەن خۇنۈكلىك، ئالىجانابلىق بىلەن پۇچەكلىك ئارىسىدا داۋام قىلىدۇ. ئىنسان مەيلى خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن خىلمۇ-خىل كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچار بولۇپ تۇرىدۇ. سەن بەزىدە ئۆزەڭ نەپرەتلەنگەن، يىرگەنگەن ئادەملەر بىللە ئىشلەشكە، ھەر خىل سورۇنلاردا كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر سەن. ئەمما سەن ئۇلاردىن مەڭگۈ يىرگىنىپ ئۆتسەڭ، ھاياتىڭ زۇلمەت ھاڭلىرىدا ئۆتىدۇ. ئەمما سەن شائىر ئېيتقاندەك «ھايات دېگەن قانچىلىك نېمىتى» دېگەن كەڭ قورساق پوزىتسىيە بىلەن ھاياتقا يۈزلەنسەڭ، مەڭگۈ خۇشالىق ئىچىدە ياشايسەن. ئىنسان دۇچار بولغان قىسمەتلەرگە دادىل يۈزلىنىشى، ئۇنى قانچىلىك ئىشتى دەيدىغان مەنسىتمەيدىغان نەزەردە خىرامان ياشاش، شادىمان ياشاشنىڭ مىزانى. شائىر ئەنە شۇنداق ئاددى، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كىچىك ئىشلاردىن ئادەم ئەقلىنى لال قىلىدىغان پەلسەپىۋى ھىكمەتنى سۈزۈپ چىققان.
ئادەم بەزىدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن، روھىيىتىگە كۈچلۈك تەسىر قىلغان شېئىرلارنى نەچچە ئون يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. شېئىر توغرىسىدا گەپ-سۆزلەر بولغاندا ئاۋال ئەشۇ شېئىرلارنى ئەسلەيدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىكى ھايات، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى قالتىس مىسرالار سېنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. تۆلەندى ئەزىم «ئادىمى مەن مۇشۇ  زېمىننىڭ» ناملىق شېئىرى خاتىرەم بەتلىرىدە تېخىچە ئۆز جۇلالىسىنى يوقاتمىغان ئىسىل شېئىرىدۇر.

زېمىن
تۆرەلدىڭ كىمدىن؟
تۇغۇلدۇڭ قاچان؟
-ئەسلىڭ يوق ئەمەس
سىرلىق كائىنات بەلكىم ئۆز ئاتاڭ.
پەرۋانىدەك يۈردۈڭ چۆرگىلەپ،
ئالتۇن سۈت ئېمىپ
قۇياشمۇ ئاناڭ؟
راستمۇ؟
لايدىن تۆرەلگەن ئادىمى ئاتام،
ئۈچيۈز يىل ئىزدىشىپ مۇزدا تېپىشىپ،
تۇغقانمۇ مېنى شۇ ھاۋا ئانام.
ئەقىدەم شۇ
تۇغۇلدۇم شۇنداق
ئادىمى مەن مۇشۇ زېمىننىڭ،
شېئىرنىڭ 1- بۆلىكى ئەنە شۇنداق ئېغىر سوئال، رىۋايەت بىلەن باشلىنىپ بىزنى زامان، ماكاندىن ھالقىغان ۋاقىت كارىدۇرىدا ئۇچراشتۇرىدۇ. شائىر قەلىمى ئاستىدىكى زېمىن ئۆزى مەنسۇپ بولغان تار دائىرىدىكى ۋەتەن ياكى جۇغراپىيەلىك ئۇقۇم ئەمەس بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان زېمىن يەنى يەر شارىدۇر.

زېمىن
قېنىڭ سۇمۇ، ئوت؟
تىلسىم مىجەزىڭ،
كەلسە غەزىپىڭ ۋەيران قىلىسەن
كىيىپ كېپەنلىك.
تەپسە يۈزۈڭگە جىلۋىدار كۈلكەڭ،
ئىللىق تىنىقىڭ بېرەر ئىسەنلىك.
تەھدىدىڭمۇ – جەننەت، جەھەننەم،
بىلدىم
بىشارىتىڭدىن
ئىلىم-مەرىپەت
ئەرك ۋە بايلىق
بولسا قەيەردە جەننەت شۇ ئىكەن،
بىلىمسىز، نادان
غەپلەت، گادايلىق
قايسى يەردە كۆپ شۇ يەر جەھەننەم،
كەلدىم چۈشىنىپ مىجەز-پەيلىڭنى،
سىڭىپ ماڭىمۇ ئوخشاش مىجەزىڭ.
ئېشىپ كەتتىم تېخى ئۆزەڭدىن،
رەھىمسىزلىكتە چىڭگىزخان، گېتلىر
تاغلار ياسىدىم تىزىپ جەسەتتىن،
ئادىللىقتا بولۇپ مۇھەممەد
چاچتىم ئىماننى مېھرى–شەپقەتتىن

شائىر شېئىرنىڭ 2-بۆلىكىدە ئوقۇرمەنلەرگە ئىنسانىيەت بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىنى بىر-بىرلەپ ۋاراقلىتىپ، شائىر قەلىمىدىكى يەر شارىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن كەچمىشلەرنى، ئۇنىڭ گۈللەنگەن، خارابلاشقان، قان بىلەن بويالغان، مۇھەببەت بىلەن كۆكلىگەن ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يەنە بىر كەسمە يۈزىنىڭ پەردىسىنى ئاچىدۇ. ئوقۇرمەن يۇقىرىقى پارچىلاردىن شۇنداق چوڭقۇر تىرەن ھىكمەتلەر قاتلىمىغا شۇڭغۇيدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىلىم-مەرىپەت، ئەرك ۋە بايلىق قايسى قايسى ئەل، قايسى يەردە بولسا شۇ يەرنىڭ جەننەت، بىلىمسىزلىك، نادانلىق، غەپلەت، گادايلىق قايسى يەردە بولسا شۇ يەرنىڭ جەھەننەم ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھىكمەتنى ئوتتۇرىغا قويسا،  چىڭگىزخان، گىتلىر قاتارلىق تارىخى شەخسلەر ئارقىلىق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇرۇش، مالىمانچىلىق ئېلىپ كەلگەن تىراگىدىيە بىلەن مېھرى-مۇھەببەتنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم دۇنياغا بولغان تەلپۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

تۇتۇپ تۇرۇپسەن
بىر قولۇڭدا توي
بىرسىدە ھازا
كۈلكە، يىغىسى بىرگە تۇرمىسا
بولماس دىدىڭمۇ ھاياتتىن مەنا.
مېھرىڭ مەن ئىدىم
ئۆتۈۋاتىمەن ھەمدە چۈشەنمەي،
ھاۋشىپ دائىم تالاپ ئۆزۈمنى،
ئادەملىكىمگە تېخى ئىشەنمەي.
تەبىئىتىم شۇ
بېقىپ ئىقلىمغا كەلگەن ياتلىشىپ
ئادىمى مەن مۇشۇ زىمىننىڭ

ئۇ بىر ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىغا خاس سەزگۈرلۈك، ئىنچىكىلىك، پەيلاسوپلارغا خاس نەزەر ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا روشەن ئىز قالدۇرىدۇ. ئاددى تىل، ئەركىن شەكىل، مول تەسەۋۋۇر بۇ شېئىردىكى يەنە بىر يارقىن نۇقتا. شېئىردا باشتىن ئاخىر باشقىلار تولا يېزىپ رەڭگى ئۆڭگەن، نىمجان، ئۇقۇملاشقان جۈملىلەر يوق. ھەر بىر سۆز تاۋلانغان، چوڭقۇر مەنا بايلىقى، شۇ قەدەر تەبىئىلىكى بىلەن شېئىرغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىغان.
زىمىن
قاقساڭ بىر كىرپىك
ئۆلىمەن مىڭ رەت، تىرىلىپ مىڭ بىر.
ياپراقلىرىڭدىن قاتلاپ ئەسىرلەر
كۆپەيدىم شۇنداق
بەش ئەزايىڭغا تارىلىپ ھەر يان،
يارالمىشىدا جىسمىڭ بىر ئىدى.
شائىرنىڭ بەدىئىي ماھارىتى بۇ پارچىلاردا ئەڭ يۇقىرى پەللىدە نامايەن قىلىنىدۇ، چۈنكى شائىر بۇ مىسرالاردا ئوخشىتىش بىلەن مابالىغىدىن ئىبارەت ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە ئارقىلىق زېمىن جانلىق ئادەمگە ئوخشىتىلىپ تېخىمۇ كونكىرىت زېمىن ئوبرازى يارقىن تۈسكە كىرسە، زېمىن ياپراقلىرىدىن قاتلانغان ئەسىرلەر كىچىكلىتىلىدۇ.
بەش قىتئەگە تارالغان ئىنسانىيەت تارىخى پىرسىلىنىپ، ھەرىكەتجان ھالەتتە ئادىمىي تۈستە قۇچاق ئاچىدۇ.
تىلىپ باغرىڭنى قىلدىم نەچچە يۈز،
بايىق تالىشپ سانسىز قەھرىمان.
كېزىپ كائىنات خۇددى سەيياھتەك.
قايتىدىن سېنى ئىزدىمەكتىمەن.
بىر مۇنەۋۋەر شائىر ئۆزى تەۋە بولغان توپقىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئىنسانىيەتنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈننى، ئەتىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلايدۇ. شائىر بۇ جەھەتتە دادىل بىر قەدەم تاشلىغان، ئومۇمەن بۇ شېئىردا زېمىننى مەركەز قىلغان ئىنسانىيەتنىڭ بۈيۈكلىكىمۇ، زەئىپلىكىمۇ، ئەقىل-پاراسىتىمۇ، يەر شارىغا ئىلىپ كەلگەن گۈللۈنىش ۋە ھالاكىتىمۇ ئاجايىپ تەسسەۋۇر، مۇل تارىخى ئۇچۇر ۋە رىۋايەتلەر بىلەن جانلانغان ھېسسىي ئوبرازلار پەللىسىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن. شۇڭا شائىر قەلىمىدىكى زېمىن قىزغىن كەيپىيات ۋە غورۇر بىلەن يۇغۇرۇلغان مۇقەددەس بىر روھنىڭ سىماسى سۈپىتىدە نامايەن بولىدۇ.

13899986235

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8883
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 91
تۆھپە : 0
توردا: 12
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 11:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشكە مۇبارەك بولسۇن


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 1123
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2347
تۆھپە : -1
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 12:52:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقى شائىر ماتىماتىك بولىدۇ دىگەن ھېكمەت بار ،مەن زۇليارى ئۇستازنىڭ قەلىمىگە قايىل،ئۆز ۋاقتىدا مەن بۇ توپلام ھەققىدە بىر پارچە ماقالە يېزىشقا تۇتۇنغان ئىدىم ماۋزۇسى ‹‹ئۇنتۇلغان ئادەم››نىڭ قوينىدىكى خەنجەر دىگەن تېمىدا ،بىر بەت يېزىپلا بۇ شېئىرلانىڭ ئانالىز ھۆددىسىدىن چىقىشقا ئۆزۈمنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى ئاجىز كۆردۈم،قايىل قىلارلىق پىكرىمنى ئوتتۇرىغا قويالماي بۇ رىسالىگە نۇقسان يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ئاگاھ بولدۇم،بىرنەچچە يىللاردىن كېيىن ئۇنتۇلغان ئادەمنىڭ ئۇنتۇلماس ھېسلىرى مېنى يەنە بۇ توپلام بىلەن ئېلىشىپ بېقىشقا قىستىدى،ئەپسۇس توپلامنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ بۇ ئېھتىراسىممۇ سۇغا چىلاشتى،بۈگۈن تىركەش ئۇستازنىڭ يازما ۋە مۇلاھىزىسىنى كۆرۈپ ياخشى نەرسىنىڭ كۆمۈلۈپ قالمايدىغانلىغا چىن پۈتتۈم ۋە بۇ خالىس ئەمگەكتىن پەخىر ھېس قىلدىم...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8538
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1278
تۆھپە : 0
توردا: 257
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 13:19:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ياخىشى يىىزلىپتۇ،
بىلمىدىم «ۋىناس»نىڭ ئۇزلىقى نەدە،
جىلۋەڭدىن يىشىلدى تۈمەن  تۈگۈن.

بۇ مىسرالار ماڭا بەك يارىدى. ئىزدىنىشلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 996
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4063
تۆھپە : 39
توردا: 1242
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-3-18

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 14:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆلەندى ئەزىم (زۇليارى) نىڭ ئەسەرلىرىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇيتۇم.بۇ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شېئىرلىرىنىمۇ تولىمۇ ياقتۇردۇم.
بولۇپمۇ:
كاكىلىدى قايسى چاڭگىغا،
ئۇنتۇپ كەتتى ناخشىچى كاككۇك.
**
مەركىزىدە شىمال قۇتۇپنىڭ،
توڭلاپ قالدى لىرىك شېئىرلار.
قار ئۈستىگە ئوماق پىنگىۋىن،
يېزىپ قويدى ھەزىل بىر مىسرا.

**
ھېيىت كۈنىدەك  ئاۋات بۇ شەھەر،
تونىمايدۇ ھېچكىم ھېچكىمنى.
پىنھاندىكى قايناق بازاردا،
يايما يايدى پالچى جۈپ خوراز،
سەجدە قىلار ئادەملەر ئۈنى.
*****************

بىزنى مۇئەللىپ بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرغان تىركەش ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە ھەشقاللا.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  941
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 16:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسا ئەھەد بۇرادەر،چارچىمىغايسەن!ساڭا تېخىمۇ ياخشى ئۇتۇغلار يار بولسۇن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4207
يازما سانى: 1123
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2347
تۆھپە : -1
توردا: 649
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-3 17:32:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ توپلامنىڭ ‹‹قېرىماس ئالەم››‹‹ئۆمۈر چىچەكلىرى››‹‹ئۆمەرجان نىيازى شېئىرلىرى››‹‹ئاخىرقى پۇرسەت››دىگەن ئەشئارلاردىن كېيىن ،كېچىكىپ تەرىپكە مۇيەسسەر بولغانلىقىغا ئەپسۇسلىنىمەن،ئەسلى بالدۇرراق بۇ ھەقتە تەھلىل تەلقىن ئېلىپ بېرىلسا مۇئەللىپكىمۇ زور تەسەللى ۋە تىلەك يار بولاتتى،بىز ھامان كېچىكىپ تونۇيدىغانلار،گۆھەر ياتىدۇ سايدا تونۇمىسا نىمە پايدا دىگەندەك،ئەندىلىكتە بىزگە يەنى بوزقىرغا نىسبەتەن نۇردۇن ئىبراھىم ،غەيرەت كەنجىبەك،ياسىنجان ئىبراھىملارنىڭ توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ ئەلگە سۇنۇش بىر تەخىرسىز خىزمەت بولۇپ تۇرماقتا،ئولارنىڭ نادىر ئەسەر لىرى كوچا قاۋاقلاردا بويۇنقىسىپ قالمىسا دىگەن ئۈمۈددتىمەن....

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2741
يازما سانى: 1077
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2015
تۆھپە : 0
توردا: 478
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 11:49:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

‹‹قاۋاقتىكى››بويۇن قىسىشلارغا شۇلار  ئۆزى ئۆكۈنمىسە نە ئامال...قارخان سەنمۇ ئۆزۈڭنىڭ يۈرەك مۇڭلىرىڭنىڭ ‹‹توپلام››لىرى ئۈچۈن تېزرەك جابدۇن...مەنمۇ ھەم شۇنداق...؟!

تىركەش بۇرادەرنىڭ قەلىمىگە تەشەككۈر!

باھا سۆز

qaraxan  بەرھەق سادايى!  يوللىغان ۋاقتى 2015-3-4 12:20:54
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش