كۆرۈش: 269|ئىنكاس: 3

ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىش ئىزىغا چۈش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 6510
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 26309
تۆھپە : 10
توردا: 2902
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 12:31:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىش ئىزىغا چۈشىشى كېرەك


                                            بارات تۇرسۇنباقى


                                (مەكتىپىمىزنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور)


               قىسقىچە مەزمۇنى: مەزكۇر ماقالىدە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە دېموكراتيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىشنىڭ تۈرلۈك سەۋەب ۋە نەتىجىسى، شۇنىڭدەك شەكلى، ئۇسۇلى، ئۆزگىرىشى، تەدبىر بەلگىلەشتە دېموكراتيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى، بۇلارنى قانۇنىي ئىزغا سېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر خېلى ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.


          ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: دېموكراتىيە، تەدبىر بەلگىلەش؛ ئىلمىيلىشىش


ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش جەريانى دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىشقا قاراپ مېڭىشى، باشقۇرۇشتا دېموكراتىك ۋە ئىلمىي بولۇشى، بۇ ئارقىلىق ئەركىن-ئازادە ۋە تەرتىپلىك بولغان ئالىي مەكتەپ تەدبىر بەلگىلەش ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، بارلىق خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش، مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش قىممىتى ۋە خۇشاللىقىغا ئىگە قىلىش كېرەك. بۇ غەرب دۆلەتلىرىدە مەيلى ئامېرىكا، فىرانسىيە، ياپونىيەدە بولسۇن، شۇنداقلا ئەنگلىيەدە بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ھەممىسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان ئورتاق ئالاھىدىلىك. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە بىر كومىتېت كوللېكتىپ قارار چىقىرىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى بىر پۈتۈن ئىجرا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى تەدبىرىنى يولغا قويۇش جەريانىدا يۈكسەك بولغان شەخسىي مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇلغان.
1. مەملىكىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردە تەدبىر بەلگىلەش شەكلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزگىرىش جەريانىغا نەزەر
دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدا تەدبىر بەلگىلەش شەكلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، تەرەققىي قىلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. دۆلەت قۇرۇلغاندىن ھازىرغا قەدەر ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەدبىر بەلگىلەش خىزمىتى تەجرىبە ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەش، شەخسىي ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەمۇرىيەتنى ئاساس قىلغان تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىبارەت ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، كوللېكتىپ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، ئىلمىيلىكىنى ئاساس قىلغان تەدبىر بەلگىلەشكە ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلدى. بۇ ئاساسەن ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ قانات يايدى:
1) سىياسىينى ئاساس قىلغان تەجرىبىلىك تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەمۇرىيەتنى ئاساس قىلغان شەخسىنىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەدبىر بەلگىلەش مەزگىلى (1949-يىلدىن 1977-يىلغىچە) بۇ مەزگىلدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەدبىر بەلگىلەشتە سىياسىينى ئاساس قىلىپ، تەجرىبە ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەش ۋە مەمۇرىيەتنى ئاساس قىلىپ، شەخسىي كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش شەكلىدە بولدى. بۇ خىل ھالەتنىڭ پەيدا بولۇشى ھوقۇق يۈكسەك مەركەزلەشكەن ئالىي مائارىپنىڭ ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىدى. بۇ خىل باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدە ئالىي مەكتەپلەر ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە نەرسىسىگە ئايلىنىپ قېلىپ، ئۆزىگە خوجا بولالمىدى. ئىچكى باشقۇرۇش جەھەتتىمۇ مەمۇرىي باشقۇرۇش شەكلىنى قوللاندى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەش، يۇقىرىنىڭ يوليۇرۇقىدىن، يۇقىرىنىڭ ھۆججىتىنىڭ روھىنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ، ئىلمىي خادىملارنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش مەسىلىسى تەبىئىي ھالدا مۇھىم بولماي قالدى، شۇنداقلا كۆپ ھاللاردا تەدبىرنىڭ ئۈنۈمىگە توسالغۇلۇق قىلىدۇ، دەپ قارالدى.
2) تەجرىبىگە تايىنىپ تەدبىر بەلگىلەش بىلەن مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنى ئاساس قىلىشتىن ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش بىلەن دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە ئۆتۈش مەزگىلى (1977- 1992)
پارتىيە 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يېڭى ۋەزىيىتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىمۇ كۆپ تەرەپتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بۇ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى تەدبىر بەلگىلەش خىزمەتلىرىدە ئىپادىلەندى. يەنى تەجرىبىگە ئاساسەن تەدبىر بەلگىلەشتىن پەيدىنپەي ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشكە ئۆتتى. مەمۇرىيەتنى ئاساس قىلغان شەخسىنىڭ ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەدبىر بەلگىلىشىدىن پەيدىنپەي ئىلمىي كۈچلەرگە ئەھمىيەت بېرىدىغان دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشكە ئۆزگەردى.
3) ئىلمىيلىشىش تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن ۋە چوڭقۇر تەرەققىي قىلغان مەزگىل (1992- يىلدىن بۇيان)
پارتىيە 14-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىردى. بۇ ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىش ئۈچۈن، دۆلەت ئالىي مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلەتتى. ئالىي مائارىپنىڭ ماكرولۇق باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ئەگىشىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى مىكرولۇق باشقۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەشمۇ زور مۇكەممەللىشىش ۋە چوڭقۇر تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ ئاساسەن ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسىغا، تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە ۋە تەدبىر بەلگىلەش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىپادىلەندى. ئىلمىي كۈچلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشتە ئىپادىلىنىپلا قالماستىن، بەلكى تەدبىر بەلگىلەشكە مەسلىھەت بېرىش شەكلىدىمۇ زور ئىلگىرىلەش بولدى. مەسىلەن، مەكتەپلەردە تەربىيەلىگۈچىلەر مەسلىھەت بېرىش بىلەن ئامما مەسلىھەت بېرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتتىكىلەر بىلەن پېنسىيەگە چىققانلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر قوللاندى. تەدبىر بەلگىلەشكە دېموكراتىك قاتنىشىش جەھەتتە، مەكتەپ ئىچىدىكىلەرنى قاتناشتۇرغاندىن باشقا، يەنە جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىش مېخانىزمى ھەققىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ خىزمەتلەر ئىلگىرى سۈرۈلدى. بەزى مەكتەپلەر مەكتەپ سىرتىدىكى زاتلار، مەكتەپ ئىچىدىكى پارتكوم، مەمۇرىيەت خادىملىرى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن جەمئىيەت تەشكىللەش شەكلى ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلەشكە ئىشتىراك قىلدۇرۇپ ئۈنۈمگە ئېرىشتى. بەزى مەكتەپلەر مۇدىرىيەت قۇرۇش شەكلى ئارقىلىق قاتناشتۇردى. مەسىلەن، 1994-يىلى 1-ئايدا چوڭچىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەنجىخۇا پولات-تۆمۈر گۇرۇھى، جوڭگاڭ گۇرۇھى قاتارلىق 17 كارخانا ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىن تەشكىللەنگەن مۇدىرىيەت كومىتېتىنى قۇرۇپ چىقتى.
2. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھازىرقى باسقۇچتىكى ئىچكى قىسمىدا رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە تەدبىر بەلگىلەش تۈزۈلمىسىدە ساقلانغان ئاساسىي مەسىلىلەر ئالىي مەكتەپ مائارىپى جەمئىيەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت قاتارلىقلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. بىراق، سىياسىي بىلەن ئىقتىسادنىڭ مائارىپقا بولغان چەكلىمىسى دائىم ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە بولىدۇ. غەربتىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ئاساسەن ئوخشىسىمۇ، بىراق مائارىپ تۈزۈمىدە پەرق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مىللىي مەدەنىيەت بىلەن رايون مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولىدۇ. يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ تۈزۈمى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ياپونىيەدىن ئۆگىنىش، غەربىي ياۋروپادىن ئۆگىنىش، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۆگىنىش ۋە ئامېرىكىدىن ئۆگىنىشتەك تارىخنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. گەرچە شۇنداق بولغان بولسىمۇ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بۇ چەتتىن كەلگەن مائارىپ تۈزۈمىنى تاللاپ قوبۇل قىلدى. ئۆزىنىڭ بەزى نەرسىلەرنى ساقلاپ قالغان ئاساستا تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنداقلا يەنە جۇڭگوچە ئالىي مەكتەپ تەدبىر بەلگىلىشىدە بىر قاتار مەسىلە ۋە زىددىيەتلەرنى شەكىللەندۈردى.
1) تەدبىر بەلگىلەشتە دېموكراتىك قاتنىشىش ۋە ئىلمىي دەلىللەش يېتەرلىك ئەمەس.
ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە «پارتكوم رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى» يولغا قويۇلغان. پارتكوم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىكى ئەڭ ئالىي تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنى، پارتكوم تەدبىر بەلگىلەشتىكى مەركىزىي ئورۇن بولۇش بىلەن مەكتەپتىكى بارلىق ئىلمىي خىزمەتلەر ۋە غەيرىي ئىلمىي ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى زىممىسىگە ئالغان. مەكتەپ مۇدىرى كۈچلۈك مەمۇرىي ئەمەلدار بولۇش سۈپىتى بىلەن مەكتەپنىڭ ئەڭ ئالىي مەمۇرىي ھوقۇقىنىڭ ۋەكىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىلمىي ھوقۇقىنىڭ يادروسى، بۇ خىل يۈكسەك مەركەزلەشكەن رەھبەرلىك ۋە تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمى، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەش باشقۇرۇشنى مەمۇرلاشتۇرۇشنى ئېغىرلاشتۇرۋەتكەن. تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا مەكتەپتىكى تۈرلۈك گەۋدىلەرنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش دەرىجىسى تۆۋەن، ئىلمىي دەلىللەش ۋە تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىش جەريانى يېتەرسىز تەدبىر بەلگىلەشتىكى دېموكراتىك قاتنىشىش ۋە ئىلمىي دەلىللەش يېتەرلىك ئەمەس.
بۇنىڭ كونكرېت ئىپادىسى: ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋەكىللەر يىغىنىنىڭ مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئالاقىدار زور مەسىلىلەردە تەدبىر بەلگىلەشتە رولى بىر قەدەر ئاجىز. كەڭ ئاممىۋىلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك ۋەكىلچانلىقى كەمچىل، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ مۇھىم گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىغا قاتنىشىشتا، «قاتنىشىش چوڭقۇرلۇقى كەمچىل، قاتنىشىش سالمىقى ئاجىز، قاتنىشىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس بولۇشتەك يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا، نەچچە يىللىق فېئوداللىق جەمئىيەت قالدۇقىغا» قۇلچىلىق ئىدىيەسى كىشىلەرنى باشقىلارنىڭ بۇيرۇق ۋە يېتەكچىلىكىنى، ئاڭلاشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويغان. توغرىنىمۇ ئىجرا قىلىدىغان، خاتانىمۇ ئىجرا قىلىدىغان قىلىپ قويغان، ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىلمىي خادىملار بولۇپمۇ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ئەھۋالىغا پىششىق بولغان مۇتەخەسسىسلەر، پىروفېسسورلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى سۆز ھوقۇقى يېتەرلىك ئەمەس، ئىلمىي نوپۇزنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
2) تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى دائىرىسىنى بېكىتىش ئىلمىي ئەمەس.
ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇق دائىرىسىنى بېكىتىشى مەلۇم دەرىجىدە ئېنىق بولماسلىق ۋە ئىلمىي بولماسلىق ھادىسىلىرى مەۋجۇت. بۇ ئاساسەن تۆۋەندىكى ئىككى قاتلامدا كۆرۈلىدۇ: بىرى، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇق دائىرىسى ئانچە ئېنىق، ئىلمىي ئەمەس؛ بۇ ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىزمەتلىرىدە قايسى خىزمەتلەرنى پارتكوم كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىش، قايسى خىزمەتلەر مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدە بولۇپ، مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇلىيەتنى مۇستەقىل يۈرگۈزىدۇ قاتارلىقلارنىڭ چەك-چېگراسى ئېنىق ئەمەس. دۆلىتىمىزنىڭ «ئالىي مائارىپ قانۇنى»دا: «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ئۆز مەكتىپىنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە باشقا مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ» دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە «مەكتەپنىڭ ئىسلاھات تەرەققىيات ۋە ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى قاتارلىق چوڭ ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشنى دۆلىتىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتلىرىنىڭ بىرى» دەپ بەلگىلەنگەن. بۇنداق بولغاندا، ئەمەلىيەتتە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، پەن-تەتقىقات ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمىتىدە يۈز بەرگەن زور مەسىلىلەرنى ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىش كېرەكمۇ-يوق، دېگەندەك مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئەگەر بىر ئالىي مەكتەپنىڭ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئومۇملىيقىدىن ئالغاندا، ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش قاتارلىق زور مەسىلىلەرمۇ شۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىدىكى زور مەسىلە بولۇپ، پارتكوم بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنى ئۆزىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك. بىراق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى مۇستەقىل يۈرگۈزۈشىنى قوللاش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات ۋە مەمۇرىي باشقۇرۇش خىزمەتلىرىگە مەكتەپ مۇدىرى ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئومۇميۈزلۈك تەدبىر بەلگىلەش ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتكوم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدىكى خىزمەتلەرنى يەنە مۇزاكىرە قىلىپ، بېكىتمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مۇستەقىل مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە تەسىر يېتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بىر ئالىي مەكتەپ پارتكومنىڭ تەدبىر بەلگىلەش تېمىسىنىڭ «زور مەسىلە» بىلەن «غەيرىي، زور مەسىلە»نىلا پارتكوم كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. غەيرىي، زور مەسىلىلەرنى شەخسىلەر خىزمەت ئايرىپ مەسئۇل بولىدۇ. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىكى تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئايرىشتا ئاساسلىقى پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنىڭ تەشكىللەش سەۋىيەسى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىغا باغلىق بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن پارتكوم كۈندىلىك ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شەخسىلەرنىڭ ئىش تەقسىم قىلىپ مەسئۇل بولۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىرى، ئالىي مەكتەپلەردىكى تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئۆز نۆۋىتىدە تەدرىجىي ئىجرا قىلغۇچىلار، تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا نازارەت قىلغۇچىلار بولۇپ، بۇ تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ھوقۇقىنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن يامان ئاقىۋىتى زۆرۈر بولغان نازارەت ۋە چەكلەش كەمچىل بولۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوبيېكتىپ تەدبىر بەلگىلەش ئەندىزىسىگە پايدىسىز بولۇپ قالغان.
3) تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمىدىكى يادرولۇق ئەزالارنىڭ ۋەكىلچانلىقى كەڭ ئەمەس.
ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپى تەدرىجىي ھالدا ئېچىۋېتىشچانلىق ۋە رىقابەتچانلىققا ئىگە بولغان ئالىي مائارىپقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى تېخىمۇ جانلىنىپ، قاتنىشىش ئېڭى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئالىي مەكتەپلەر يەنە زىيالىيلار، مۇتەخەسسىسلەر، پىروفېسسورلار، دېموكراتىك پارتىيە، گۇرۇھلار ۋە پارتىيەسىز زاتلار توپلانغان سورۇن بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەمۇرىي ئىشلارغا دېموكراتىك قاتنىشىش ۋە مۇنازىرە قىلىش ئارزۇسى بىر قەدەر كۈچلۈك، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتىكى يادرولۇق ئەزالىرىنىڭ ۋەكىلچانلىقى ئالىي مائارىپ ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئوبيېكتىپ تەلەپ، ئالىي مەكتەپ پارتكوملىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتە تەدبىر بەلگىلەشتىكى يادرولۇق ئەزالارنىڭ ۋەكىلچانلىقىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. پىلانلىق ئىگىلىك دەۋرىدە، ئالىي مەكتەپ تەشكىلاتلىرىنىڭ يادرولۇق ئەزالىرى ھوقۇقىنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، مەمۇرىي تەشكىلاتلار كادىرلار ھوقۇقى، مالىيە ھوقۇقى، ماددىي تەقسىملەش ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئۇچۇر بايلىقلىرىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىجتىمائىي مەبلەغنىڭ كىرىشى، ئالىي مائارىپنىڭ جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان مەمۇرىي سىستېما يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك، زور مەبلەغ ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن مەمۇرىي سىستېما ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ھەمدە ئەسلىدىنلا ئۈزلۈكسىز ئاجىزلىشىۋاتقان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار تۈزۈمىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە نىسبەتەن تەدبىر بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئەزالارنىڭ ۋەكىلچانلىق دائىرىسى كەڭ، قاتلىمى مۇكەممەل بولمىغاچقا، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش تەسكە توختايدۇ. ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئالىي مائارىپقا بولغان تەلىپىگە ماسلىشالماي، مەسىلىلەر كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلىنىشكە باشلايدۇ.
4) تەدبىر بەلگىلەش مەركىزىگە بولغان نازارەت ۋە چەكلەش كەمچىل.
ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە بولغان نازارەتچىلىك يۇقىرىدا يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماقلىرىدىن تۆۋەندە پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنى، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلى قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات ۋە گۇرۇھلارنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەدبىر بەلگىلەشتىكى زور خاتالىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ۋە كونكرېت تەدبىرلەر بار بولۇپ، كوللېكتىپ مەسئۇل بولغاندا، ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرمەك قىيىن بولىدۇ. ئەكسىچە ئۇ تەدبىر خاتالىقنى ئىتتىرىشنىڭ قالقىنىغا ئايلىنىدۇ. ئالىي مەكتەپلەر تەدبىرلىرىنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئادەتتە مۇكەممەل مېخانىزم بولمايدۇ. بۇ ئۇلاردىكى تەدبىر خاتالىقىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىرى، پۈتكۈل جەرياننى نازارەت قىلمىغان، بۇ تەدبىرنىڭ مۇكەممەل يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ، نازارەتنىڭ مەزمۇنى، پىلانىنى يولغا قويۇش، جەريانىنى يولغا قويۇش، سۈپەت ۋە ئۈنۈم قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش كېرەك. يەنە بىرى، ئۇچۇرلاردىن ئىنكاس قايتۇرۇش توغرا بولمىغان، ئىنكاس قايتۇرۇش پارتكومنىڭ تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ئۈنۈملۈك رەھبەرلىك قىلىشتىكى مۇھىم يولى ۋە ۋاسىتىسى، ئۇچۇرلاردىن ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرىدىن پارتكومنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىدىن ئۇچۇر ۋە قىسقا خەۋەرلەرنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، يولغا قويغۇچى ئورۇنلار يوللىغان يولغا قويۇش دوكلاتىنى تەكشۈرۈپ ئانالىز قىلىش ۋە كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بولغان پىكىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىقلار بار. بارلىق ئىنكاس قىلىنغان ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، خۇلاسىلەپ پارتكومغا دوكلات قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى بىرى، خاتالىق بولسا سۈرۈشتۈرۈشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرمىغان، تەدبىرنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرمىگەن. تەدبىرنى يولغا قويۇش جەريانى ھەم تەدبىرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش جەريانى، شۇنداقلا يەنە تەدبىرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تۈزىتىش جەريانىدىن ئىبارەت.
3. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنى ئىلمىيلاشتۇرۇش ۋە دېموكراتىيەلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى توغرىسىدا تەكلىپ
تەدبىرنىڭ ئىلمىيلىكى ــ تەدبىر سۇبيېكتىپ بىلىم، ئۇچۇر، تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەتنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئاساس قىلىش، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن پايدىلىنىپ، بولۇپمۇ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ھەر خىل، ھەر تۈرلۈك ھالقىلاردىن پايدىلىنىپ، كوللېكتىپ تەدبىر بەلگىلەشنى يولغا قويۇش، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەت ئەللەرگىچە بولغان بارلىق بىزگە ماس كېلىدىغان ياكى ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ئاندىن ماس كېلىدىغان مۇۋاپىق پىكىر ۋە ئۇسۇللاردىن ئىبارەت. تەدبىرنىڭ دېموكراتلىقى ـ ئىلمىي باشقۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش بولمىسا، ئىلمىيلىكتىن سۆز ئېچىش قىيىن، تەدبىرنىڭ ئىلمىيلىكى بىلەن دېموكراتىكلىقى بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ، بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. ئۇلار زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ. دېموكراتىيە ئاساس، ئىلمىيلىق مەقسەت، تەدبىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇشتا، ئالدى بىلەن دېموكراتىيەلەشتۈرۈش لازىم. دېموكراتىيەلىشىش كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن، پىكىر يوللىرىنى كەڭ ئاچقىلى بولمايدۇ. بىلىشىگە ھۆرمەت قىلىش، ئىقتىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش، ئاممىنىڭ ئىجادچانلىقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەمەلىي تەجرىبىگە ھۆرمەت قىلىشتىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ، توغرا بولغان تەدبىرنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ، ئىلمىي بولۇشنىڭمۇ ئاساسى بولمايدۇ. ئەكسىچە، تەدبىر دېموكراتىك بولسا، ئۇنىڭ چوقۇم ئىلمىيلىكى بولىدۇ. شۇڭا ئىلمىي تەرتىپ ۋە ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، تەدبىرلەردە خەلق مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرگىلى بولمايدۇ. تەدبىرنىڭ فۇنكسىيەسى شەكىل جەھەتتىكى دېموكراتىيەلا بولۇپ، ھەقىقىي دېموكراتىيە بولماي قالىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە ئىلمىي، دېموكراتىك بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى توغرىسىدا بىر قانچە تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1) ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، يىراق كەلگۈسى ۋە ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تەدبىر بەلگىلەش.
بىرىنچى، تەرەققىياتنى، تەدبىرنى ئىلمىي بەلگىلەش كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشتىكى بىرىنچى ۋەزىپە قىلىش كېرەك. قانداق قىلىپ خەلق قەلبىنى مايىل قىلىش، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىش، كوللېكتىپنىڭ كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ـ ئالىي مەكتەپلەردە دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنىڭ تۈپ يىلتىزى. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى بىلىش ھوقۇقى، تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سەرخىل تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، مۇستەھكەم، توغرا بولغان ئوقۇتۇش يېتەكچى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، مەكتەپنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىنىڭ ئىلمىي ۋە دېموكراتىك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سەي يۇەنفىي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئىدىيەدە ئەركىن بولۇش» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى بىر سەكرەپلا بىرىنچى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئايلاندۇرغان. ئۈچىنچىدىن، ئالىي مائارىپنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش ئاساسىي قائىدىسى بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زور تەدبىرلىرىنى ئىلمىيلاشتۇرۇشتا، ئالاھىدە مەزگىلدىكى مائارىپ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ ئىچكى تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تەدبىرنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇتۇش قائىدىلىرى تەرەققىيات نىشانى بىلەن بىردەك قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، بىر تۇتاش پىلانلاش بىلەن ئايرىم پىلانلاشقا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان تەدبىر بەلگىلەش قاتلاملىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش جەريانىدا دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەكلى، قاتلىمى ۋە تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدىكى پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشىمىغان قاتلاملاردا ئوخشىمىغان تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلەن، بىرىنچى قاتلامدىكى پارتىيە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ۋە ئوقۇتقۇچى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. بۇنىڭ ئاساسىي شەكلى بىلەت تاشلاپ قارار قىلىش.
2) ئىلمىي باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىش.
بىرىنچى، «پارتكوم رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش» تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتكوم بىلەن مەمۇرىيەتنىڭ ھوقۇقىنى ئېنىق ئايرىپ، شۇجى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ، پارتكوم رەھبەرلىكى ئاستىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ نورمال يولغا قويۇلۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئىككىنچى، ئىلمىي ئىشلار بىلەن مەمۇرىي ئىشلارنى مۇۋاپىق ئايرىش، ئالىي مەكتەپلەر ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، ئىلمىي ئىشلاردا ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىلمىي پائالىيەت بولۇپ، ئۇلارنى ئىلمىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتى تاللىغان. مەكتەپلەردىكى ئىلمىي تەشكىلاتلاردا ئىلىم-پەن ئاساس، «بىلىم» خىزمەتلەرنىڭ خام ماتېرىيالى بولۇپ، ئۇ ئىلىم-پەن تەشكىلاتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتىدۇ. شۇڭا مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتى ئىلىم-پەن قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىنى بېكىتىدىغان كۈچ ئۇلار تۇرۇشلۇق ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلار بولماستىن، بەلكى ئىلىم-پەن بولىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئىنستىتۇت (فاكۇلتېت) لارنى ئاساس قىلغان باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى ئورنىتىپ، مۇناسىپ ئىسلاھاتلارنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ (فاكۇلتېت) ئىنستىتۇتلارنى ئاساس قىلغان ئىنستىتۇت تۈزۈمىدىكى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
3) ئۈنۈملۈك تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىش لازىم.
بىرىنچى، ئاقىللار كېڭىشى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش، تەلىم-تەربىيە جەھەتتە تەدبىر بەلگىلەيدىغان ئاقىللار ـ بىر قىسىم ئاپپارات ياكى شەخسىلەرنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، مەسلىھەت بېرىش ياكى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ بېرىشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىلىم سەۋىيەسى، تەجرىبىسى ۋە ئەقىل-پاراسىتى قاتارلىقلارنى تەدبىر بەلگىلەشكە قوللىنىپ، ئەقىل نەتىجىلىرىنى چىقىرىش ئارقىلىق تەلىم-تەربىيەدە تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرگە ياردەملىشىپ مائارىپ تەدبىرلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تەدبىردە خاتالىق بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ياكى ئازايتىدۇ. زور خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلاپ قالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ. ئىككىنچى، تەدبىر بەلگىلەش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىش، ئالىي مەكتەپلەر تەدبىر بەلگىلەش شەكلىنى ئىسلاھ قىلىشتا تۆۋەندىكى تۆت تەدبىر ھالقىسىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشقۇچىلار بۇ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر، پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرى، سىياسىي-ئىدىيەۋى تەربىيە خىزمەتچىلىرى، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ۋە تەدبىر بەلگىلەش مەسىلىسىگە ئېھتىياجلىق بولغان بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بولغان خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. تەدبىر بەلگىلەشتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشتا كۆپ تەرەپ، كۆپ نۇقتا ۋە كۆپ قاتلامدىن تەھلىل قىلىش لازىم. تەدبىر ئۈچۈن قانات يايدۇرۇلىدىغان تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى ۋە ئۇسۇلى زامانىۋى بولۇش كېرەك. تەدبىر لايىھەسى نۇرغۇن زاپاس لايىھە ئاساسىدا بولۇش، بىر قەدەر ياخشىسىنى تاللاش ئۇسۇلىدىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان تەدبىر بەلگىلەش تەرىپىنى لايىھەلىگەندە ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بولۇش ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى تەرتىپكە ئەمەل قىلىش لازىم:
مەسىلە بايقاش، نىشاننى بېكىتىش، تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش، ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىش، لايىھە تۈزۈش، لايىھەنىڭ سەرخىللىرىنى تاللاش، لايىھەنى قارار قىلىپ بېكىتىش، تەجرىبە قىلىپ ئىسپاتلاش ۋە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى يۇقىرىقىدەك تەدبىر بەلگىلەشنىڭ بىر قانچە جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
4) دېموكراتىك باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش.
بىرىنچى، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى ۋە دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ياخشى تۈزۈم، سوتسىيالىستىك ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى چوقۇم كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ئاشكارىلاپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەكتەپ ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە پايدىلىق بولۇشى كېرەك. بۇ ئاممىنىڭ تەدبىر بېكىتىش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى تەشەببۇسكارلىقى، ئاكتىپلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش روھىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، پەقەت كوللېكتىپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئاساس قىلغاندىلا، كىشىلەرنى رازى قىلغىلى بولىدىغان تەدبىرلەرنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ مۇستەبىتلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان تەدبىر بېكىتىشتىكى خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنى يەڭگىلى، ساقلانغىلى ۋە تۈزەتكىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، ئاساسىي قاتلامدا دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇپ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىنستىتۇت (فاكۇلتېتلار)نىڭ دۇچ كېلىدىغان مەنپەئەت كوللېكتىپى كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى قوغلىشىپ ۋە قوغداپ ئەكسىچە تەدبىر بەلگۈلىگۈچىلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرى يەنە تەدبىرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەقەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا چىڭ تايانغاندىلا كۈچلۈك نازارەت مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.
5) تەدبىر بەلگىلەشنى تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
1) دېموكراتىيە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، بۇنىڭ ماھىيىتى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دېموكراتىك قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش، ئالىي مەكتەپلەردىكى دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، يەنى «كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش» دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئايرىم غۇلغۇلا قىلىپ يىغىندا قارار قىلىش تەرتىپىدە چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 2) مەكتەپ ئىشلىرى كومىتېتى تۈزۈمى بىلەن ئىلمىي ئىشلار كومىتېتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنى مەكتەپنىڭ زور مەمۇرىي ئىشلىرى ۋە زور ئىلمىي ئىشلىرىدا تەدبىر بەلگىلەشكە قاتناشتۇرۇپ، مۇتەخەسسىس، پىروفېسسورلارنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدىكى دېموكراتىك تەدبىر بېكىتىش، دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇش خىزمەتلىرىدە تەدبىر بېكىتىشتە ئىلمىي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 3) ئوقۇتقۇچى ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، زور مەسىلىلەر ۋە مۇھىم ئىشلاردا تەدبىر بەلگىلىگەندە، كەڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پىكىرىنى تولۇق ئاڭلاش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ۋە ئىشلاردا يەنە مۇۋاپىق شەكىللەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، تەدبىرنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، ئۇلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشقا قاتنىشىشتىكى ئاكتىپچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەكتەپنى دېموكراتىك باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشتىكى ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 4) تەدبىرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، زور زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان تەدبىرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، تەدبىرنىڭ توغرىلىقى، ئىلمىيلىكى ۋە قوللىنىشچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، بۇلار ئارقىلىق كوللېكتىپ رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈمىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. يەنە بىرى، نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تەدبىر بېكىتكۈچىلەرگە بولغان ئۈنۈملۈك نازارەت ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك تەدبىر بېكىتىش ۋە دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەر نازارەت قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى كىرگۈزۈپ، تەدبىرنىڭ ئىجرا قىلىنىشنى نازارەت قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئىنكاس قايتۇرغاندىن باشقا، يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت ئۈنۈمى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىقلارغا ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ خىل نازارەت تاق يۆلىنىشلىك، ئۆزئارا ئىشەنمەيدىغان ھالەتتە بولماستىن، بەلكى نازارەت قىلغۇچى بىلەن نازارەت قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا نازارەت قىلىش، ئۆزئارا چەكلەش ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىشىشتەك كىشىلىك مۇناسىۋەت ئاساسىدا شەكىللىنىشى، بىر خىل دېموكراتىك، باراۋەر، ئىناق ۋە ئۆزئارا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تەدبىرنى ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش، تەدبىرنىڭ ئىلمىي ۋە دېموكراتىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا.
تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


   高校的措施规定应走上民主化和科学化的轨道

巴拉题•吐逊巴克

摘  要:本文对高校的措施规定中民主化和科学化原因、取得的成绩及形式、方法、转变、民主化和科学化的有效途径,使其步入法制轨道等问题进行了全面而又深刻的阐述。
关键词:民主;措施规定;科学化




            

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  417
يازما سانى: 606
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1373
تۆھپە : 0
توردا: 262
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 16:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2199
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 358
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-6 01:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بارات تۇرسۇنباقى ئەپەندىنىڭ «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە دېموكراتىيەلىشىش ۋە ئىلمىيلىشىش ئىزىغا چۈشىشى كېرەك» دىگەن ماقالىسىنى ئۇقۇپ چىقىپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ماقالىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان بەزى قاراشلارنى، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە جانلىق تەدبىقلاشقا بۇلىدۇ دەپ ھىساپلىدىم. مائارىپ خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلەرنىڭ ۋە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ بۇ ماقالىنى ئەستايىدىل ئۇقپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
نۆۋەتتە بەزى جايلاردا مەكتەپلەرنى ئىلمىي باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ كەم بۇلىشى- مائارىپ سۈپىتىنىڭ تۈۋەن بۇلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەپلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.

                                          

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 6510
نادىر تېمىسى: 9
تېللا: 26309
تۆھپە : 10
توردا: 2902
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2015-4-24

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 18:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنجان ھەسەن يوللىغان ۋاقتى  2015-3-2 16:30
تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار.




         بۇ ئۆز ساھەسى بويىچە خېلى ياخشى يېزىلغان ماقالىدۇر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش