شائىر ئۆلمەيدۇ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى :
مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تىيىپچان ئىليۇپ، زۇنۇن قادىرى، ئابدۇكېرىم خوجا، ئابلىز نازىرى قاتارلىق ئاتاقلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئارىمىزدىن كەتكىنىگە خېلى يىللار بولدى. مىڭ شۈكرىكىم، ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن بىللە يەنە ئۇلار ھايات ۋاقتىدا ئۆز لەۋزىدىن سۆزلىگەن سۆزلىرىمۇ يادىكار قالغان ئىكەن. تۆۋەندە مەن 20 يىلدىن بېرى ساقلاپ كەلگەن قاپلىق ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى كۆپچىلىككە تەقدىم قىلىشنى لايىق كۆردۇق. بۇرادىرىم ئەزىز ئىمىر يانغىن ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى كومپىيۇتېرغا كۆچۈرۈپ ئاۋازلىق ئەسەرگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەكتى. ئەپسۇسكى ئىككىمىز بەكمۇ يىراق بولغان ئىككى يۇرتتا تۇرۇپ قىلغان بۇ ئىش ئانچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكمۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. ئاخىر بولماي «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك، ھازىرچە ئېرىشكەن ئازغىنە نەتىجىمىزنى يوللاشنى لايىق كۆردۇق. قالغىنىنى يەنە يوللاشقا ئۇرۇنۇپ كۆرمەكچىمىز.
شائىر ئۆلمەيدۇ
(تاللانغان شېئىرلار)
بۇ لېنتىغا ئۇيغۇر شېئىرىيەت سەركەردىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئوقۇغان شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلدى.تاللانغان شېئىرلارنىڭ شەكلى يارقىن، پىكرى ھۆر-ئەركىن، ئاجايىپ پەلسەپىۋىلىك قىممىتى بار.
شېئىرىيەت خۇمار قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ بۇ لېنتىدىن ئىستىتىك زوق ئاەلىدىغىنىڭلارغا، مەنىۋى دۇنييايىڭلارنى لېرىك تۇيغۇ بىلەن بېزەيدىغانلغىڭلارغا، بۇ لېنتىنى دېكلىماتىسىيە بۇلىقى، شېئىرىي تىل ئەينىكى ۋە ئەدىبلەر يادنامىسى دەپ تۇنۇيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز.
شائىر ئۆلمەيدۇ-تاللانغان شېئىرلار
لېنتا ئىشلىگۈچى : مۇختار بۇغرا
ئەمەت ھاجى
كىرىشتۈرگۈچى : ئۆمەر ئابلىز
چۈشەندۈرگۈچى: مۇنىرە غۇپۇر
رەسسام : ئىمىنجان
مۇقاۋا لاھىيىلىگۈچى : كېرىم خوجا
①شېئىر ۋە شائىر (نەسىرى شېئىر)
②مەن ئاق بايراق ئەمەس
③سەرلەۋھىسىز شېئىرلار
بۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتۇرى : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئۆزى ئوقۇغان.
چاپقاق مۈشۈك بىلەن چاشقان (شېئىرىي مەسەل) _ ئاپتۇرى: زۇنۇن قادىرى، ئۆزى ئوقۇغان.
ئۇچتۇرپان ئالتۇن ئۈزۈك (چاتما شېئىر)_ئابدۇكېرىم خۇجا، ئۆزى ئوقۇغان.
①شېئىر توغرىسىدا
②ئانا تىلىم
③مىللەت ھەققىدە
④بىزار بولدۇم
بۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتۇرى: تىيىپچان ئىليۇپ، ئۆزى ئوقۇغان.
چىچەك پەسلى _ ئاپتۇرى: ئابلىز نازىرى، ئۆزى ئوقۇغان.
كەپتەرۋاز _ ئاپتۇرى قۇربان بارات، ئۆزى ئوقۇغان.
شىئەن كىنو سىتودىيىسى ئۈن-سىن نەشىرياتى نەشىر قىلدى.
1994-يىل.