يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 664|ئىنكاس: 5

ياشار كامال ۋە «بىر ئارال ھېكايىسى» دىن پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
下载.jpg



«مەمەت ئاۋاق» ناملىق تۆت توملۇق رومانى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بىلەن دىدار – مۇلاقەتتە بولۇپ، قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋە «بىر ئارال ھېكايىسى» ناملىق تۆت توملۇق رومانى بىلەن يەنە قايتا دىدار – مۇلاقەتتە بولۇش ئالدىدا تۇرغان، تۈركىيەنىڭ دۇنياۋىي مەشھۇر كۇرت يازغۇچىسى ياشار كامالنىڭ ئۆلۈمى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى. مەرھۇمنىڭ روھى شاد بولسۇن!
مەن تېخى يېقىندىلا مەرھۇم بىلەن «بىر ئارال ھېكايىسى» ناملىق رومانى ئارقىلىق قېنىپ – قېنىپ مۇڭداشقان ئىدىم. ئۇنىڭ بەدىئىي تالانتى مېنى تاڭ قالدۇرغان ئىدى. بۇ قايغۇلۇق مىنۇتلاردا، ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەرھۇم بىلەن دىدار – مۇلاقەتتە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئالدىدا تۇرغان «بىر ئارال ھېكايىسى»نىڭ كىرىش سۆزىنى، ئۈچىنچى تومىدىن بىر قانچە سەھىپىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.

«مەمەت ئاۋاق» ناملىق دۇنياۋى مەشھۇر رومانى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تۈركىيە يازغۇچىسى ياشار كامال (ئەسلى ئىسمى كامال سادىق گۆكچەلى) 1926-يىلى (بەزى تەرجىمىھاللىرىدا 1923-يىلى دەپ ئېلىنغان) تۈركىيەنىڭ ئوسمانىيە ۋىلايىتى قادىرلى ناھىيەسى ھەمىتە يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرمەستە ئوقۇشتىن چېكىنىپ، ئىشلەمچىلەر كاتىپلىقى، ئىشبېشى، ئوقۇتقۇچى، كۈتۈپخانا خىزمەتچىسى، تراكتور شوپۇرى، شال ئېتىزلىرىدا باشقۇرغۇچى قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان. 1940-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئابىددىن دىنو، ئارىف دىنو قاتارلىق سەنئەتكار دوستلىرى بىلەن تونۇشقان. 1943-يىلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ بولغان تۇنجى كىتابى «مەرسىيەلەر»نى نەشر قىلدۇرغان. ھەربىي مەجبۇرىيىتىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن، 1946-يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ، فرانسۇزلارنىڭ تەبىئىي گاز شىركىتىدە گاز باشقۇرغۇچى خادىم بولۇپ ئىشلگەن. 1948-يىلى قادىرلى ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، يەنە بىر مەزگىل شال ئېتىزلىرىدا باشقۇرغۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن كىشىلەرگە سالام خەت، ئىلتىماس يېزىپ بېرىپ تۇرمۇش قامدىغان. 1951-يىلى ئىستانبۇلغا كېلىپ 1963-يىلىغىچە «جۇمھۇرىيەت گېزىتى»دە «ياشار كامال» ئىمزاسى بىلەن فىليەتون ۋە زىيارەت خاتىرىسى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا _ 1952-يىلى «سېرىق ئاپتاپ» ناملىق تۇنجى ھېكايىلەر توپلىمىنى، 1955-يىلى ھازىرغىچە 40تىن ئارتۇق تىلغا تەرجىمە قىلنغان «مەمەت ئاۋاق» ناملىق رومانىنى نەشر قىلدۇرغان. كەسپداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ 1967-يىلى ھەپتىلىك سىياسىي ژورنال «ئارىف»نى نەشر قىلدۇرغان، 1973-يىلى تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىققان.
ياشار كامالنىڭ ھازىرغىچە «مەمەت ئاۋاق (تۆت توم)»، «تاغنىڭ يەنە بىر يۈزى (ئۈچ توم)»، ئاقچاسازنىڭ ئاغىلىرى (ئىككى توم)»، «بىر ئارال ھېكايىسى (تۆت توم)» قاتارلىق رومانلىرى ۋە «مىڭبىر چېچەكلىك باغ»، «بىر قاناتلىق قۇش» قاتارلىق 40 پارچىدىن ئارتۇق رومان، پوۋېست، ھېكايە، شېئىر كىتابلىرى نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە دۇنياۋى مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن
ياشار كامال دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇش ھاياتنىڭ ئەسلى مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى تېپىش، دېمەكتۇر. ئۇ ئەنئەنىۋىي ئۇسلۇبتا، قورقماس بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئەسەر يازىدىغان يازغۇچى. ئۇنىڭ ئادەمنىڭ كۆز ئالدىدا گۈزەل بىر دۇنيا زاھىر قىلىدىغان، شېئىرىي تۇيغۇلار بىلەن ھايات لەززىتى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن، ئادەمگە ھاياتىي كۈچ ۋە چەكسىز ئۈمىدۋارلىق بەخش ئېتىدىغان «بىر ئارال ھېكايىسى» ناملىق بۇ رومانى ئادەمنى ساراڭ قىلىدىغان شىددەتلىك، بۈيۈك، ئېزگۈ كۈيگە ئوخشايدۇ. ئوقۇرمەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە شۇنداق مەپتۇن بولىدۇكى، ئوقۇپ تۈگەتكەندە ھەيرانلىق ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىدۇ.
بۇ روماندا ئۇرۇش، قىرغىنچىلىقلاردىن ئېشىپ قالغان كىشىلەرنىڭ «چۈمۈلە ئارىلى»دا يېڭى، تىنچ، گۈزەل ھايات بەرپا قىلىش جەريانىدىكى جاپا – مۇشەققەتلىرى، مۇھەببەت كەچمىشلىرى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ھاياتنى، ئىنسانىيەتنى، ۋەتەننى، تەبىئەتنى سۆيۈشنىڭ ۋە ئادەم بولۇشنىڭ نۇرانە مەنزىلى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
روماننىڭ تىلى ناھايىتى گۈزەل، چۈشىنىشلىك، ئاممىباب، قۇرۇلمىسى ئۆزگىچە، تېما دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇ روماننى ئوقۇشنىڭ نېسىپ بولۇشى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ، جۈملىدىن ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننىڭ بەخت - تەلىيى. چۈنكى بۇ روماننى ئوقۇغان ئوقۇرمەن ئۆزىنى ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلەلمىگەن بالىلىرىنى، ئەرلىرىنى، دادىلىرىنى كۈتكەن كىشىلەرنىڭ، يۇرتىغا قايتىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلغان سۈرگۈنلەرنىڭ، دېڭىزنى كۈتكەن بېلىقچىلارنىڭ، ئىشەنچ ۋە چەكسىز سەۋر – تاقەت بىلەن مۇھەببەتنى كۈتكەن يۈرەكلەرنىڭ ئۈمىد دۇنياسىدىن؛ «چۈمۈلە ئارىلى»لىقلارنىڭ يېڭى ھايات بەرپا قىلىش جەريانىدىكى جاپا - مۇشەققەتلىرى، قورقۇنچلىرى، يۇرتىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشلىرى، سۆيگۈ – مۇھەببەتلىرى، ئۈمىد - ئىستەكلىرى ۋە ئۆتمۈشنىڭ ئازاب – ھەسرەتلىرى ئارىسىدىن؛ پۈتكۈل ۋۇجۇدى ئىنسانپەرۋەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئېزگۈلۈك بىلەن تولغان گۈزەل ئىنسانلار بىلەن بىللە ئادەم بولۇشنىڭ نۇرانە مەنزىللىرىدىن؛ دېڭىزغا، ئارالغا، ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببەتنى ئۆتمۈشنىڭ ئازاب – ھەسرەتلىرىنىڭ غۇۋالاشتۇرۇشىغا يول قويمايدىغان، سۆيگۈ – مۇھەببەتلىرىنى، ھىجران – پىراقلىرىنى يۈرەكلىرىدە سىر كەبى ئېلىپ يۈرىدىغان، يېڭى ھاياتقا چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنىدىغان ھەقىقىي ئەرلەردەك ئەرلەر، ھەقىقىي ئاياللاردەك ئاياللار بىلەن بىللە ئايدىڭ كېچىلەردە دېڭىز بويىدىكى چىنار ئاستىدا ئولتۇرۇپ، مەدداھ ئۇسونىڭ بالابان كۈيلىرىگە سىڭىپ كېتىۋاتقان يەردىن؛ ئاۋازى ئاڭلىنىپ، ئۆزى كۆرۈنمەيدىغان جەلبكار قۇشنى ئىزدەش ئۈچۈن فاكىيە تەيراننىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ، مىڭبىر چېچەكلىك گۈزەل ۋادىدا ئۇ خاسىيەتلىك كۆك قۇشنى تېپىپ، چەكسىز بەختىيارلىق ھېسلىرىغا چۆمۈلۈۋاتقان قۇشلار ئالىمىدىن تاپىدۇ – دە، بۇ ئېزگۈلۈك، گۈزەللىك، ئۈمىدۋارلىق، بەختىيارلىق ھېسلىرىدىن ئۇزاق – ئۇزاقلارغىچە يېشىلەلمەيدۇ.
«بىر ئارال ھېكايىسى»نىڭ 3-تومىدىن پارچە
ئۇپۇق خورازلىرى
051b8ad2-6b45-4a49-85db-568df0ad4108-1.jpg


__ سۆيۈملۈكۈم تىلدا كامالغا سېغىنىش بىلەن بېغىشلايمەن
1-باب
ئۇ بەك ھارغىن ئىدى. نەچچە كۈندىن بېرى توختىماي پالاق ئۇرۇپ ئەتراپىدىكى ئاراللارنى ئايلىنىپ چىققاچقا، قوللىرىنى كۆتۈرگۈدەكمۇ ماغدۇر قالمىغان ئىدى. ئۇ، ھېلىقى ئادەمنى تاپىدىغان ئارالنى ئېنىق بىلسىمۇ، لېكىن قېيىقى ئۇنى باشقا ئاراللارغا ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ چۈمۈلە ئارىلىنىڭ ئورنىنى، ئىزدەيدىغان ئادىمىنىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئارالغا يېقىنلىشىپ، تۇمان قوينىدا غۇۋا كۆرۈنىدىغان يىراقتىكى ئارلغا كۆزلىرىنى تىكىپ، دېڭىز ئاقارغىچە، ئارال سۇس تۇمان قوينىدىن سۈزۈلۈپ چىققىچە قاراپ تۇراتتى. ئاندىن قېيىقنى ئاللىقاياقلارغىدۇ بۇراپ، قەيەرلەرگىدۇ بېشىنى ئېلىپ كېتەتتى. ئۇنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكى ناھايىتى ئاز قالغان ئىدى. باشقا ئاراللارغا چىقالمايتتى. چۈنكى ھېلىقى ئادەمنى ئۆلتۈرسە، ئۇنى ئاراللىقلار ناھايىتى ئاسانلا تونۇۋالاتتى. ھازىرغىچە بۇ دېڭىزدا ھېچكىمگە يولۇقمىغان، ھەتتا نە بىرەر بېلىقچى كېمىسى، نە بىرەر قېيىق، نە بىرەر پاراخوت بىلەن ئۇچراشمىغان ئىدى. دېڭىز قۇپقۇرۇق ئىدى. ھەتتا ئۇنى ساھىلغا ئىتتىرىپ چىقىرىدىغان بورانمۇ چىقمىغان، دېڭىز سۈتتەك ئاپئاق ئىدى. چۈشتە ئۆزىنى بىر ساھىلدا كۆردى. ساھىل چەكسىز سوزۇلۇپ كەتكەن بىر قۇملۇق ئىدى. بىرئاز ئۇ تەرەپتە يۇلغۇن، دەل - دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان يارلار كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ قېيىقنى قۇملارنىڭ ئۈستىگە تارتىپ چىقاردى. سەل ئۇ تەرەپتىكى قىيالارنىڭ ئۈستىدىن پەسكە ئېقىپ چۈشۈۋاتقان سۇ دېڭىزغا قوشۇلۇپ كېتەتتى. ئۇ يېمەكلىكلىرىنى ئېلىپ سۇ بويىغا باردى – دە، تىز چۆكۈپ ئولتۇرۇپ سۇ ئىچتى. ئاندىن يارغا يۆلىنىپ ئولتۇردى. يارنىڭ ئۈستىدىكى يۇلغۇنلارنىڭ سايىسىنىڭ ئاستىدا بىر باش پىيارنى مۇشتۇمى بىلەن ئېزىپ، قۇرۇپ قېتىپ كەتكەن نان، ئىرىمچىكى بىلەن قوشۇپ يېدى. سۇ كۆمزەكلىرىنى يېڭى سۇلار بىلەن تولدۇرۇپ قېيىققا سالدى ۋە يەنە تىز چۆكۈپ ئولتۇرۇپ سۇ ئىچتى. يۇلغۇنلارنىڭ سايىسى قۇملارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ تۇراتتى. ئۇ ئۇزۇن كۆرپىسىنى يارنىڭ ئاستىغا سېلىپ، بېشىنى خورجۇنىنىڭ ئۈستىگە ئەمدىلا قويۇشىغا ياردىكى چوڭغىنە بىر كاماردىن كۆپكۆك بىر يامغۇرچى قۇشى چىقىپ قۇملارنى، يارلارنى، يۇلغۇنلارنى كۆپكۆك نۇرغا پۈركەپ دېڭىز ئۈستىگە ئۇچۇپ كەتتى.
غەربىي ئۇپۇققا قىيسايغان قۇياش سۇلايماننىڭ ئۈستىگە كېلىپ، ئۇنى چىلىق – چىلىق تەرلىتىۋەتكەن ئىدى، ئۇ ئويغىنىپ ئەتراپىغان بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن خورجۇنىنى مۈرىسىگە ئاستى. تاپانچىسى، ئوقلىرى خورجۇندا ئىدى. تاپانچىنى خورجۇندىن ئېلىپ قارىشىغلا يېپيېڭى تاپانچىسى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ كەتتى. «نېمىدېگەن گۈزەل پارقىرىدى» دېدى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلاپ. سۇلايمان يېقىندا ياشقىنە بىر ئادەمنى _ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچبىر ئادەم ئۆلتۈرمىگەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى؛ سۇلايمان شۇ كېچە قاراڭغۇلۇقىدا بۇلاڭ - تالاڭغا قاتناشماي، ئېتىنىڭ ئۈستىدە يىراقتىن قاراپ تۇرغان، بىر پايمۇ ئوق ئاتمىغان، قان تۆكمىگەن، كېيىن ئېتىنى ئەمرنىڭ چېدىرىغا ھەيدەپ بېرىپ جېنىنى قۇتقۇزغان بىر گۇناھسىز ئادەمنى ئۆلتۈرمەكچى ئىدى. يەنە كېلىپ ياپياش، سۈرگۈن قىلىنغان بىر چەركەسنى ئۆلتۈرەتتى. «ئاداش، ئادەم ئۆلتۈرۈش بىزنىڭ، بىز سۈرگۈن چەركەسلەرنىڭلا ئىشىمىز بولۇپ قالدى. بىز ئۆلتۈرۈلگەن، سۈرگۈن قىلىنغان ئىدۇق. ھازىرمۇ بىر چەركەس بالىسى سېنىڭ ئوقلىرىڭ بىلەن ئۆلىدۇ. سەن ھازىرچە شۇ چوپچوڭ قۇياشنىڭ پېشانەڭدە شىرىلدىغان نۇرلىرى قوينىدا جىلۋىلەنگەچ تۇر. دېڭىزلار سەندىن تېخىمۇ گۈزەل جىلۋىلىنىۋاتىدۇ، يەنە كېلىپ ئۇپۇق ئاقىرۋاتقاندا،- ئۇ تاپانچىسىنى خورجۇنىغا سالدى،- دەرەخنى كەسكەن پالتىنىڭ سېپى ياغاچ ئەمەسمۇ؟»
ئەمر سالاھىددىن چېدىرىغا پاناھلانغان بۇ ئادەمنى نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك قوغدىغان بولغىيتتى؟ ئۇنىڭ يېزىسىنى ئەرەبىستانغا نېمە ئۈچۈن كۆچۈرۈپ كەلگەن بولغىيتتى؟ كۆچۈرۈپ كېلىپ قەيەرگە ئورۇنلاشتۇرغان بولغىيتتى؟ بۇنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بەلكى ئۇلارنى كافكازىيەگە، داغىستانغا  ئەۋەتىۋەتكەندۇ،. ئەمر سالاھىددىننىڭ خوتۇنى چەركەس ئەمەسمىدى؟ دۇنيا گۈزەللىرى چەركەسلەردىن چىقىدۇ. ئەمرنىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن شەيخنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا كېچە باستۇرۇپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆلتۈرگەنلەرنىڭ ئاتامىنىنىڭ بىر چەركەس ئىكەنلىكىنى دەپ قويىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى دېگەنلەرمۇ چەركەسلەر ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئارلدا ئىكەنلىكىنىمۇ يەنە چېچەن خانىنىڭ ئوغۇللىرى دەپ قويغان ئىدى. قېنى قاراپ باقايلى، بۇلارنىڭ ھەممىسى توغرىمۇ؟
شەيخ ئابباسنىڭ، سۇلايماننىڭ چەركەس ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىدۇ؟ ئىككىسىنىڭ بىر – بىرى بلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقانمىدۇ، ئەجەبا؟
كېچىنىڭ گۇڭگا قاراڭغۇلۇقىدا فىرات دەرياسىنىڭ ساھىلىدىن يىراق بىر يەدە بىر ئاتنىڭ ئۈستىدە ئوقلار ۋىژىلداپ ئۇچۇۋاتقاندا، غۇۋا كۆلەڭگىسىنىلا كۆرگەن، ئەمرنىڭ چېدىرىغىچە قوغلاپ كەلگەن بىر ئىنساننى قانداقمۇ تونۇغىلى بولىدۇ؟ ھەتتا كېچە ئەمەس، ئۇنى كۈندۈزدىمۇ كۆزىنى يۇمۇپ – ئاچقۇچىلا بىر كۆرگەن تەقدىردىمۇ، شۇنچە يىلدىن كېيىن ئۇنى قانداق تونۇغىلى بولىدۇ؟ ئۇنداق بولسا، شەيخ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىدۇ؟ ئەۋەتكەن يىگىتلىرى ھېچبىر ئىش قىلالمىغانلىقى، ئەكسىچە، ئىشلارنى قالايمىقان قىلىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ سەن سىناقلاردىن ئۆتكەن، چاناققەلئەدە ئۇرۇشقا قاتناشقان، نەچچە - نەچچە شىتىكلەشمە جەڭلەرگە كىرىپ - چىققان ئادەمسەن، دەپمۇ؟ ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ئادەملىرىنى ئالىقىنىڭنىڭ ئىچىنى بىلگەندەك بىلىسەن، دەپمۇ؟ بىر چەركەس يەنە بىر چەركەسنى ئۆلتۈرۈشكە قىيالايدۇ، دەپمۇ؟ ئۇ كۆرۈپ باقسۇن قېنى، بىر چەركەس يەنە بىر چەركەسنى ئۆلتۈرۈشكە قىيالامدىكىن ياكى ئۇنى يېقىندا پادىشاھ بولىدىغان ئەمر سالاھىددىننىڭ يېنىغا ئېلىپ بارامدىكىن؟
ئۇ يېزىغا كىردى. ئۆيلەر ئۇ بىلىدىغان يېزا ئۆيلىرىگە ئوخشىمايتتى. ئۆيلەر ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، باغلىرى تۈرلۈك مېۋلىك - مېۋىسىز دەل - دەرەخلەر بىلەن تولغان، زەيتۇن دەرەخلىرىمۇ قېنىق يېشىل تۇمان قوينىدا ئىدى. ئۇ ئۆيلەرگە، باغلارغا قارىغاچ يېزا ئوتتۇرىسىدا قەد كېرىپ تۇرغان چىنارغا قاراپ ماڭدى. چىنارلارنىڭ ئاستىدىكى قەھۋەخانىدا دېھقان ئەر - ئاياللار ئولتۇراتتى. ئۇنىڭغا ئورۇن كۆرسىتىپ: «خۇش كەپسەن، مەرھەمەت، ئولتۇر» دېيىشتى.
- خۇش بولدۇم ،- دېدى سۇلايمان.
- قەيەردىن كەلدىڭ، قەيەرگە كېتىۋاتىسەن؟- دەپ سورىدى.
- تاغلاردىن چۈشۈپ، دېڭىزدىن كەلدىم. چاناققەلئەدە ئۇرۇش قىلدىم،- دەپ جاۋاب بەردى.
- نېمە قىلغۇلۇق، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، قېرىنداش، مېيىپ بولغان بىرەر ئەزايىڭ بارمۇ؟- دەپ سوراشتى.
- بار،- دېدى ئۇ،- ئىككى يوتامدا ئوق قالغان، تېخىچە ئۇ يەردە تۇرۇۋاتىدۇ. دوختۇرلار: «مەيلى ئۇ يەردە تۇرۇۋەرسۇن» دېيىشتى. مەنمۇ: «مەيلى، تۇرسا تۇرۇۋەرسۇن» دېدىم. بۇ چاناققەلئەنىڭ ماڭا قىلغان ئارمىغانى.
ئۇ چېيىنى ئىچىپ بولۇپ ئورنىدىن تۇردى – دە، ئۇدۇلدىكى دۇكانغا كىردى. دۇكاندا كۆچمەن ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدىكى كىچىك تونۇرلاردا يېقىلغان نانلار بار بولۇپ، نانلار تونۇرلاردىن تېخى يېڭىلا چىققان ئىدى. ئۇ خۇرجۇنىنىڭ بىر پېيى «لىققىدە» تولغىدەك نان، زەيتۇن، ھالۋا ئالدى – دە: «خۇدايىمغا ئامانەت، دوستلار، مەن دېڭىزغا كەتتىم» دەپ يولغا چىقتى.
- خەير – خوش،- دېدى ئارقىسىدىن ھەممىسى.
ئۇ قۇملارنىڭ ئۈستىدىن ئاستا - ئاستا مېڭىپ قېيىقىنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە خۇرجۇنىنى قېيىقنىڭ باش تەرىپىدە قويۇپ، قېيىقنى دېڭىزغا ئىتتىردى – دە، سەكرەپلا چىقىپ پالاقلارغا ئېسىلدى.
بۇلار سۈرگۈن ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇلارغا ئۆي، باغ - باران بېرىشكەن ئىدى. ئەسلى سۈرگۈن چەركەسلەر ئىدى. ئۇلارغا نە ئۆي، نە ئېتىز – ئېرىق بەرمىگەن، ئەكسىچە، ئۇلارنى ئاناتولىيەنىڭ تاغلىرىغا، ئەرەبىستان چۆللىرىگە قىپيالىڭاچ ھالدا سۈرگۈن قىلىپ: «بۇنى ئۆز پېشانەڭلاردىن كۆرۈڭلار» دېگەن ئىدى. ئۇلار شۇنداق قىلىپ ئەمر سارايلىرىنىڭ مۇھاپىزەتچىلىرى، ئەرەب شەيخلىرىنىڭ قوراللىق خادىملىرى بولۇپ كېتىشكەن، بۇنداق ئىشلارنى تاپالمىغانلار ئاچلىقتىن، يوقسۇللۇقتىن ئۆلگەن ئىدى.
سۇلايمان تېزمۇ ئەمەس، ئاستىمۇ ئەمەس، بىر خىل رېتىم بىلەن پالاق ئۇراتتى. قۇياش ئاستا – ئاستا غەربىي ئۇپۇققا ئۇزاپ كېتىۋاتاتتى. قىپقىزىل قۇياش پەسكە _ دېڭىزغا چۈشكەندە تېخىمۇ قىزىرىپ، تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتەتتى.
سۇلايمان پالاقلارنىڭ چۈشۈپ – كۆتۈرۈلۈش تېزلىكىگە ماس ھالدا خىيال سۈرگەچ ئۈزۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىغىمۇ ئانچە پەرۋا قىلمايتتى. ئۇ پەقەت بىر چەركەس بالىسىنى ئۆلتۈرۈشكە كېتىۋاتاتتى. سۇلايمان قىلماقچى بولۇۋاتقان بۇ ئىشى ئۈچۈن ئۆز - ئۆزىدىن خىجىل بولاتتى. ئەڭ چوڭ ۋەھشىلىك ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىمۇ ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىدى. ئەرەبلەرمۇ ھەمىشە بىر - بىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشەتتى.
خىيال قىلىشتىن، خىيال قىلغاچ پالاق ئۇرۇشتىن چارچىغان سۇلايمان پالاقلارنى سۇغا تاشلىدى.
تۇرغۇن دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپلا قالغان سۇلايماننىڭ ئىچى بوشاپ قالغان ئىدى. ئىككى تەرىپىگە، پېتىۋاتقان قۇياشقا، پېتىۋاتقان قۇياش ئەتراپىدىكى قىزغۇچ، يېشىل، سۆسۈن، سېرىق، كۆك رەڭلەر بىر - بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن رەڭلەر جىلۋىلىرىگە، پات – پات يورۇپ - قارىيىۋاتقان دېڭىزغا قارايتتى.
يۇلتۇزلار دېڭىزغا نۇر تاشلاپ تۇراتتى. ئۇ تۇرقىنى بۇزۇپ ئورنىدىن تۇردى – دە، قېيىقنىڭ باش تاختىلىرىغا يۆلىنىپ ئولتۇردى ۋە بېشىنى كۆتۈرۈپ يۇلتۇزلارغا قارىدى. يۇلتۇزلار تىقما – تىقماق، ئورۇنلىرىدىنمۇ ھېچ قىمىرلىمايتتى، ئۈزۈشمەيتتى. ھالبۇكى، فىرات كۆكلىرىنىڭ يۇلتۇزلىرى توختىماستىن، ئارقىمۇ – ئارقا ئېقىپ، قاينىشىپ، قالايمىقان بولۇپ كېتەتتى. ھەر بىرى كۆكتە چوڭ نۇر چېچەكلىرى ھاسىل قىلىپ «غۇچچىدە» ئېچىلاتتى.
سۇلايمان كۆزلىرىنى كۆك يۈزىدىن، يۇلتۇزلاردىن ئۈزەلمەيتتى. ھازىرغىچە ئۇ ھەتتا فىرات كۆكلىرىدىمۇ بۇنداق ئاقماستىن يانمۇ يان، ئۈستىمۇ ئۈست تۇرىدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. چۆلدە يۇلتۇزلار تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ نۇرلۇق، تېخىمۇ ھەرىكەتچان ئىدى.


1503010812538682.jpg 1503010813525557.jpg بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-1 23:30  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-1 21:28:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم «مەمەت ئاۋاق» بىلەن قەلب تۆرىمىزدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ۋاقتى: 2015-3-1 22:28:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   چوپانىنىڭ تەرجىمىسىدىكى شۇ ناملىق تۆت توملۇق رۇماننى مىللەتلەر نەشىرىياتىدىكىلەر بېسىپ ياتقىلى خېلى يىللار بولۇپ قالدى. ئەگەر ئەسلى ئاپتۇرنىڭ ھايات چېغىدا  نەشىر قىلىنىپ كەتكەن بولسا، ئۆز قولى بىلەن ۋاراقلىيالىغان بولسا تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بولغان بولاتتى.
    تۇرسۇنئاي ساقىم خانىمدىن كىيىن  تۈركىيە يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى  ئۆز قولى بىلەن بىرمۇبىر تەرجىمە قىلىپ  نەشىرگە تاپشۇرغان تۈرك تىلى تەرجىمانىدىن بار دىسە ئەنۋەر مۇھەممەت ئەفەندىمدىن كىيىن مەمەت ئەمەت چوپانى بار دىيىشكە بولىدۇ. ئارلىقتا چىققان ئەمگەكلەرنىڭ ھەممىسى كوللىكتىپ ئەمگەكتىن ئىبارەت. بۇ شۇنى بىلدۈرۈپ تۇرىدىكى، كوللىكتىپ ئەمگەكنىڭ تەرجىمە تىلى نەچچە ئادەمنىڭ قولىدىن چىققان بولسا، تەرجىمىسىمۇ شۇنچە خىل بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ قولىدىن بىر قوللۇق چىققان ئەسەرنىڭ سۈپىتى ئەلبەتتە  مۆلچەرلىگۈسىزدۇر.
    ئۇنىڭدىن باشقا مەمەت ئەمەت چوپانى يەنە نۇرغۇن  تۈرك  تىلىدىكى  رۇمانلىرىنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرلىكىنى ئىشلىدى.  بۇ رۇمانلار  كۈنلەرنىڭ بىرىدە لۆڭڭىدە  باش كۆتۈرۈپ كىتابخانىلارغا سېلىنىپ كىتىشتىن ئېغىز ئاچمايمىز.
   

ۋاقتى: 2015-3-1 22:39:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلگىرى ياشار كامالنىڭ مەمەت ئاۋاق رۇمانىنى 1000 سومغا سېتىۋالغېنىم ئېسىمدە. بۇ يەردە تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك بولغىنى ئۇشبۇ رۇمان  دۇنياۋى رۇمانلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپلا قالماي،  ئۇيغۇر تىلىغا يىتۈك تەرجىماننىڭ قولىدىن بىۋاستە تۈرك تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقىدا.  ئەگەر ئەسەرنىڭ  دىيارىمىزدا  نەشىر قىلىنىش  ھوقۇقىنى ئالاقىلىشىپ ئالغان ئەھۋالدا ئەسلى تىلىدىن تەرجىمە قىلىش ئەڭ  ئاقىلانىلىك ئىش دەپ قارايمەن.  مەسىلەن : چىنغىز ئايتماتوفنىڭ «كاساندىرا ئىزى» (يەنە بىر مەنبەدە كاساندىرا تامغۇسى) دېگەن رۇمانى تا ھازىرغىچە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ئەھۋالدا  ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تولۇق چىقىپ كەتتى.
    قەشقەر ئۇنېۋرستېتىنىڭ دوكتۇرى  ۋە  ئوقۇتقۇچىسى  يۈسۈپ ئىگەمبەردىنىڭ تەرجىمىسىدىكى « كاساندىرا ئىزى» ناملىق بۇ رۇمان  ئەينى يىللىرى تەرجىمە قىلىپ ، تورغا ئىلان قىلىۋەتكەن بۇ رۇمان تېخى يېقىندىلا  باشقىلار تەرجىمىسىدە  قولىمىزغا تەگدى.  دىمەك، ئەسلى مەنبەدىن بىۋاستە تەرجىمە قىلىنغاندا تىلدىكى بۇزۇلۇش ۋە ئۇسلۇب ئۆزگۈرۈشىدىن ساقلانغىلى ، تىلنىڭ پاساھىتىدىن تېخىمۇ ياخشى ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ.

ۋاقتى: 2015-3-2 00:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«مەمەت ئاۋاق » رومانى بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنېۋىيەت تەشنالىقىنى قاندۇرغان كاتتا ئەسەر . جۈملىدىن ياشار كامالمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قەلىب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان قەلەم ساھىبى . بىز بۇ ئەدىبنىڭ ۋاپاتىغا چەكسىز قايغۇرىمىز . ئاللاھ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي . مۇھەممەد ئەمەت چوپانىينىڭ ئەمگىكىدىن سۆيۈندۇق. تىزراق نەشىردىن چىقسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمىز ...

ۋاقتى: 2015-3-3 17:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئېچىندىم،بەكلا ئېچىندىم... چوپانى ئەپەندىم تەرجىمىسىنى ئىشلىگەن ،دۇنياۋىي مەشھۇر يازغۇچى ياشار كامالنىڭ ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان 2- رومانىنىڭ  نەشىرياتتا مۇنچە ئۇزۇن يېتىپ قېلىشى بەكلا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ. بىز بۇ بۈيۈك يازغۇچىنىڭ مۇنچە كۆپ ئەمگەكلىرىنىڭ بارلىقىدىن بىخەۋەر ئىكەنمىز. بولسا،بارلىق رومانلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئىدى، بەك ياخشى بولاتتى. مەن « بىر ئارال ھېكايىسى»نى كۆرۈشكە بەكلا قىىزىقىۋاتىمەن. چوپانى ئەپەندىمنىڭ بۇ زور ئەمگىكىگە رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش