ئانام
زۇلپىنۇر مەمىتىمىن
كىچىك چېغىمدا كەپسىزلىك قىلىپ تايچاقلاردەك قىيغىتىپ سەكرەپ ئوينىغانلىرىمدا ئانام :«دىققەت قىل ، يىقىلىپ كەتمە يەنە!» دەپ مېنى توسقان بولاتتى-يۇ، ئۇنىڭ ماڭا ئىچكۆيەرلىك بىلەن تىكىلىپ قاراشلىرىدىن «بوپتۇلا، بالىلىقىڭغا قېنىۋال» دېگەن ئۇچقۇنلار چاقناپ تۇراتتى!!!
مەكتەپكە كىرگەندە بولسا ئانام ھەركۈنى :«يولنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن ماڭ بالام ، مۇئەللىملىرىڭنىڭ گېپىنى ئاڭلا» دەپ پېشانەمگە سۆيۈشنى ئۇنۇتمايتتى .
ئالىي مەكتەپكە ماڭغاندا ئۇ نۇرغۇن ياخشى تىلەك، دۇئالار بىلەن مېنى يولغا سالغان ، ئايرىلىشقا قىيماي يىغلىغىنىمدا «ئوغۇل بالا دېگەن يىغلىمايدىغان ، تىرىشىپ ياخشى ئوقۇغىن بالام» دېگەنىدى ، ئەمما ، ئۇنىڭ يۈزلىرى كۈلۈپ تۇرغان بىلەن كۆزلىرىدىن ياش ئەگىگەنلىكىنى كۆرۈپ قالغانىدىم .
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپمۇ خزمەت تاپالمىغىنىمدا . ھەممەيلەن ماڭا مەسخىرە، ئىچ ئاغرىتىش نەزەرلىرى بىلەن قاراشتى. دەل شۇچاغدايەنىلا ئانام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ:« ئادەم دېگەن ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىدۇ . ئۆزۈڭنى يوقىتىپ قويماي ، ھەممىنى باشتىن باشلىغىن » دەپ تەسەللىي بەردى... ... ...
ئانام تاھازىرغىچە مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇش ئىشىمدا بولسۇن ، ئىزچىل مېنى قوللاپ ، يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى . ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنىڭ ، كۈندىلىك ئىشلىرىمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا سىڭىپ كەتكەن، ئۇنىڭدىن ئايرىلغان ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم ...!!!
ئەمما، رەھىمسىز رېئاللىق ماڭا نۇرغۇن-نۇرغۇن ئىشلاردا ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش ، ئۇنىڭ ئىللىق مېھىرلەرگە تويۇنغان يېقىملىق قاراشلىرىدىن بەھرىمان بولۇش ، يەنە ئۇنىڭ قۇچىقىغا بېشىمنى قويۇپ ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئۇخلىۋېلىش ، ھېچبولمىغاندائانامنىڭ مېنى تەربىيىلىگەن ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇشقا بىر قېتىممۇ پۇرسەت بەرمەستىن ئۇنى مەندىن ئايرىدى!!!
مەن ئۆزۈمنىڭ بارلىقىنى يوقاتتىم ، خۇددى چۆرگىلىتىپ قويۇۋەتكەندەك كوچىلارنى ئارىلايتتىم ، خۇددىي ئانام بۇرۇنقىدەك «كەلدىڭمۇ بالام؟» دېگىنىچە ئالدىمغا يۈگۈرۈپ چىقىدىغاندەك ، نەچچە رەت ئۆيگە كىرىپ قاراپ باقاتتىم. ئەپسۇس ، تولىمۇ ئەپسۇس!!! ...
ئۇنى پەقەت قەلب قەسرىمنىڭ تۆرىدىنلا تاپالىدىم . ئۇ ماڭا ئېچىنغان قىياپەتتە قاراپ تۇراتتى... ... ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-1 21:50
|