يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 400|ئىنكاس: 3

ئالىم ياسىن:ئېبرەتلىك ھېكايەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چېكىنىشمۇ بەزىدە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ

ھېكايەت:بىر كۈنى بىر جۇپ ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن ئۇرۇشۇپ قاپتۇ،خوتۇنى ئېرىنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىگىمۇ پەرۋا قىلماپتۇ.ئاخىرى خوتۇنى ئېرىدىن ئاجراشماقچى بولۇپ زادىلا ئۇنىماپتۇ.ئۇلار سوت مەھكىمىسىگە بېرىش ئۈچۈن،چوقۇم ئانچە چوڭ بولمىغان بىر دەريادىن ئۆتۈشى كېرەك ئېكەن.دەريا بويىغا كەلگەندە،ئەر ھەش-پەش دېگۈچىلا ئاياغلىرىنى سېلىپ سۇغا كىرىپتۇ.ئايال بولسا مۇزدەك سوغۇق سۇدىن قانداق ئۆتۈشنى بىلەلمەي،قىرغاقتا تۇرۇپ قاپتۇ.ئەر قايتىپ كېلىپ مۇلايىملىق بىلەن:
-مەن سىزنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قوياي،-دەپتۇ.ئەر ئايالىنى يۈدۈپ ئۆتكۈزۈپ قويۇپتۇ.شۇندىلا ئايالنىڭ قەلبى ئېرىپ،چوڭقۇر خېيالغا پېتىپتۇ،ئۇلار ھېچقانچە ماڭا-مايلا ئايالى:
-بولدى، بىز قايتىپ كېتەيلى،-دەپتۇ.
-نېمىشقا ئەمدى؟-سوراپتۇ ئېرى ھەيران بولۇپ.
ئايال يەنە بىر پەس تۇرىۋالغاندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ،
-ئاجرىشىپ كەتسەك كىم مېنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قويىدۇ؟-دەپتۇ،دە ئۆيىگە قايتىپتۇ.
ئېبرەت:كونىلاردا مۇنداق بىر گەپ بار:«ياخشىلىققا ئېرىشكەن ئادەم ھەممە يەردە ياخشىلىق قىلىدۇ» قارشى تەرەپكە يول بېرىڭ،ئۇنىڭ يۈزىنى ئاياڭ ھەم پۇت تىرەپ تۇرالىغۇدەك ئېمكانىيەت بېرىڭ.كىشىلىك تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق.ئوخشىمىغان ئەھۋاللاردا ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر ۋە پاجىئەلەر يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.كۆپىنچە ئەر-ئاياللار ئارىسىدىمۇ بەزىدە كىچىككىنە سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن ئوخشىمىغان زىددىيەتلەر يۈز بىرىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ تۇرىۋالغاندا،بىر-بىرىگە يول بەرمىگەندە ياكى كىچىككىنە چىقىش يولى قالدۇرمىغاندا،چوڭ ئەھۋاللار كېلىپ چىقىشى مۇمكېن.
كونىلاردا يەنە«كۆزى كىچىك ئادەم دوستىدىن ياكى باشقىلاردىن ئايرىلىپ قالىدۇ،كەڭ قورساق ۋە سەمىمىي ئادەم باشقىلار بىلەن ئاسانلا دوسىت بولالايدۇ»،«ساپ ئالتۇن بولمايدۇ،مۇكەممەل ئادەم بولمايدۇ»دېگەن سۆز بار.شۇڭا بىز تۇرمۇشتا بەزى كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئۆزىمىزنى قاتتىق تۇتىۋالماسلىقىمىز،باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە كەمچىلىكلىرىگە كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى،كەچۈرۈۋېتىشنىمۇ بىلىشنى ئۈگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلەيمىز.باشقىلارغا كەچكىچە ئۆچ بولۇپ يۈرۈشنىڭ،سوغاق چىراي بولۇپ يۇرىۋىرىشنىڭ پايدىسى يوق.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئېرىشىدىغىنىدىن،ئېرىشەلمەيدىغىنى كۆپرەك بولۇپ،نۇرغۇن ئېشلاردا زىيان تارتىدۇ.بىرەر ئېغىز گەپتىن قېلىش،ئېللىق چىراي بولۇش،كەڭ قورساقلىق،باشقىلارغا يول قويۇش ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە بەخىت ئېلىپ كېلىدۇ،شۇڭا بىز تۇرمۇشتا چېكىنىشنىمۇ ئۇگىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-3-1 13:56:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



يول قويۇپ، يول قويۇپ، يول قويۇپ ...مۇشۇ كۈنلەرگە يەتتۇق ھەم قالدۇق!

باھا سۆز

ھەي، ھەي ، قاراملىق قىلماڭ-ھە .[ئۆتۈك بىلەن سۇ كېچىپ ] .  ۋاقتى: 2015-3-1 06:17 PM
ۋاقتى: 2015-3-1 18:20:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئىبرەتلىك ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىش- ئىنسان ھاياتىدىكى ئەڭ زور ئىش .

ۋاقتى: 2015-3-2 21:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋاملىق يوللاپ تۇرىلى!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش