يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3735|ئىنكاس: 9

ھەبىبۇللا مىجىت: بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىن ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزى

ھەبىبۇللا مىجىت

ئىنساننىڭ تەبىئەت، جەمئىيەت،قىسمەت، ئۆزلۈك... ھەققىدىكى ئويلىنىشى ئاقىۋەتتە ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىنسان تەبىئەتتىكى ھەربىر نەرسىدىن ئۆزىنى ئىزدىدى، ئۆزىنىڭ ماھىيىتىنى بىلىشكە ئىنتىلدى، بۇ جەرياندا ساددا تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، نۇرغۇنلىغان گۈزەل، تەپەككۇردىن ھالقىپ كەتكەن فانتازىيىلىك ئەپسانىلەرنى، مەپتۇنكارلىقى كۈچلۈك رىۋايەتلەرنى، لىرىك قوشاقلارنى ئىجاد قىلدى.
ئەجدادلىرىمىزمۇ ئۆزى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ سەمەرىلىرىنى پايانسىز قۇملۇقلاردا ياراتتى، يەنە ئۈن-تىنسىزلا ئاشۇ قۇملۇقلارغا دەپنە قىلىۋەتتى. ئارىدىن تالاي ئەسىرلەر ئۈتۈپ كەتتى، سىرلار سىر پېتىچە، ئىزلار ئىز پېتىچە قېلىۋەردى، قىسمەتنىڭ بورانلىرى ئۇنى ئۆچۈرەلمىدى، قامچىلار ئۇنى قەلىبلەردىن كۆچۈرەلمىدى. بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر 20-ئەسىر ئەدەبىياتىدا «ئەپسانىگە قايتىش»،«يىلتىز ئىزدەش» نامى بىلەن قايتا «تىرىلدى». ئۇ گاھىدا چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپسا، گاھىدا گارسىيا ماركۇس، ت.س.ئىلئوتلارنىڭ قەلىمىدىن ئۆز مەنىسىنى ئىزدىدى، ئۇلارنىڭ قەلىمى ئەپسانە-رىۋايەت بىلەن رېئاللىقنى شۇ دەرىجىدە جىپسىلاشتۇردىكى، كىتابخان ئۆزىنى تىلنىڭ سىرلىق ئوردىسىغا كىرىپ قېلىپ چىقالمايۋاتقاندەك، ئاشۇ ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۇزۇندىن بېرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قەدىمىي بىر كۈينى ئاڭلىغاندەك بولدى.
مىللىي روھ، مىللىي ئاڭنى ئىپادىلەشنى، ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ۋىجدانىي بۇرچى ھىسابلايدىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئەدىبلىرىمۇ بۇ قەدىمىي كۈيدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشنى راۋا كۆرمىدى. مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار مول ئەپسانە-رىۋايەتكە ۋە باي ئەپسانىۋى تەپەككۇرغا ئىگە مىللەت. ئەدىبلىرىمىز ئىچىدە ئەپسانىۋى تۈس بىلەن رىۋايەت ئۇسلۇبىغا يېقىنلىشىپ، بۇ كۈينى ئۆزىگە خاس تۇيغۇ، رىتىم، مۇزىكىدارلىقتا گۈلىنى گۈلىگە كەلتۈرۈپ ئېيتقان بىر شائىر بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنىڭ لىرىك، يىنىك ئۇسلۇبتىكى مىللىي روھ، مىللىي پۇراق گۈپىلدەپ تۇرىدىغان شېئىرلىرى بىلەن خەلقىمىزگە تۇنۇلغان شائىر بۇغدا ئابدۇللادۇر.
ئوبزورچى، كىتابخانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى سۆرەپ كىرگەن تۇنجى ئەدىبنى مۇھەممەت باغراش دەپ تۇنۇيدۇ، دەرھەقىقەت،80- يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، باغراش ئۆز ئەسەرلىرىدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھ ۋە ئۆزلۈكنى ئىزچىل ئىپادىلەپ، كىتابخانلارنىڭ دېققىتىنى قوزغىدى، ئۇ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىپ، گارسىيا ماركۇس، ئايتماتوف... قاتارلىق يازغۇچىلاردىن ئۆرنەك ئالدى.
بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيەتكە كىرىشكەندىن باشلاپلا بۇنداق روھنى شېئىرلىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىشقا تىرىشتى، ھەربىر شېئىرىدىن ئۆز ئاۋازىنى ياڭراتتى. شائىر «يەلكەن»ناملىق توپلىمىدىلا ھەرخىل ئەپسانە-رېۋايەتلەردىن، بەزى ئۇدۇم ۋە ئېتىقاد تۈسىنى ئالغان سۆز-جۈملىلەردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلاندى، بۇغدا ئابدۇللانىڭ «دەريا ۋە ئەۋلاد»، «تاش ئادەملەر»ناملىق شېئىرلىرىدا بۇنداق ھالەت كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ.
بەزىلىرى ئوقيا چەنلىگەن،
بەزىلىرى ساپان ھەيدىگەن،
بەزىلىرى يانپاشلاپ ياتقان،
تاش ئادەملەر بۇ،
ساددا بۇ،
تەۋەررۈك بۇ،
ئەسىرلەپ توپا ئاستىدا قالغان!
                     «تاش ئادەملەر»دىن
مانا بۇ سىدام ۋە زاغرا تىللارنىڭ ياردىمى بىلەن سىزىپ كۆرسىتىلگەن ئاجايىپ شېئىرىي مەنزىرە! بۇ مەنزىرە ئىچىدە تىل بىلەن ئېيتىپ بەرگۈسىز ھېسيات كەلكۈنى يامراپ تۇرىدۇ. شائىر بۇ يەردە كۆزەتكۈچى سۈپتىدە مەيدانغا چىقىدۇ.
بىز بۇغدا ئابدۇللانىڭ «تاش ئادەملەر»،«دەريا ۋە ئەۋلاد» ۋە قۇيۇق ئەپسانىۋى تۈس ئىپادىلىگەن شېئىرلىرىغا قاراپ تۇرۇپ، «يىلتىز ئىزدەش»خاھىشى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا 80-يىللارنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دەپ ھۆكۈم قىلالايمىز. شائىرنىڭ شېئىرلىرىدىكى بۇنداق خاھىش كېيىنكى مەزگىللەردە ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ قېنىق ئىپادىلىنىپ، ھىسيات ۋە ئەپسانە تۈسى قۇيۇقلىشىپ باردى. شائىر ئىدىيىسىمۇ كۈنسىرى يۈكسەلدى، پىشىپ باردى، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا، مۇكەممەلسىزلىكتىن مۇكەممەللىككە قاراپ يۈزلەندى، كىتابخاننى بەدىئىي زوق ھالىتىدىلا تاشلاپ قويماي، تېخىمۇ چوڭقۇرلۇققا، ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى، ئۆزى تەسۋىرلەۋاتقان زامان ۋە ماكانغا كىتابخاننى باشلاپ بېرىپ، كىتابخاننى زوقلانغۇچىلا ئەمەس، بەلكى بەدىئىي ئوبرازنىڭ يادروسى قىلدى.
بىر مۇنەۋۋەر شائىر ئاقىۋەتتە مۇتەپپەككۇردۇر. ئۇ كۆڭۈل كۆزى ئارقىلىق ئاددىي ئادەملەر كۆرسىمۇ ھىس قىلالمايدىغان شەيئىلەردىن ئۆزگىچە ئىچكى مەنىلەرنى، شىۋىرلاشلارنى تاپالايدۇ. تەبىئەت، جەمئىيەت، مىللىي ئاڭ، شۇنداقلا روھىي بوشلۇقنى باشقىلاردىن چۇڭقۇر كۆزىتەلەيدۇ ۋە ئېستېتىك كەڭلىكتە قايتا ئىجاد قىلالايدۇ.
شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ مىللىي روھنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرۇپ، ھاۋاغا ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ روھىغا سىڭىپ كىردى ۋە تاشقى سادالار بىلەن ئىچكى ئاۋازلارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئورگانىك بىرلەشتۈردى، ئەمما شائىر ئۆز پىكىرلىرىنى ئىپادىلىگەندە تومتاق، ئابىستىراكىت پىكىر ھالىتىدە ئەمەس، بەلكى بەدىئىي ۋاستە، شائىرانە تەپەككۇرنىڭ ياردىمىدە، كۆز بىلەن كۆرگىلى بۇلىدىغان، ئەمما قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، كۆڭۈل بىلەن ھىس قىلغىلى بۇلىدىغان، ئەمما «ماۋۇ شۇ»دەپ كۆرسەتكىلى بولمايدىغان، «گۆش ۋە ئۇستىخىنى چىڭ»ئوبراز سۈپتىدە ئىپادىلىدى. شائىرنىڭ 3-شېئىرلار توپلىمى بولغان «چۈش كۆرىدۇ بىر تۈپ ئانارگۈل» دىكى «قاغا ھەققىدىكى رىۋايەت»، «سايرام رىۋايىتى»، «ئەنبەر ھەققىدە رىۋايەت»، «سۇندۇك ھەققىدە رىۋايەت»... قاتارلىق رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدا، شائىر خەلقىمىز ئارىسىدىكى ئەپسانە-رىۋايەتنى ئاددىي ھالدىلا خاتىرىلەپ قويمىدى. بۇ شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى ئاددىي، تىلى يىنىك بولسىمۇ، ئارقىسىدا  بىر چۇڭقۇر شېئىرى ھىكمەت، پەلسەپىۋى كەڭلىك سۇزۇلۇپ ياتىدۇ. شائىر مىللىتىمىزنىڭ مەلۇم دەرىجىدىكى خاسلىقىنى، ئېتنىك روھىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بۇ شېئىرلىرىدا، ئەپسانە بىلەن رېئاللىقنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ كىتابخاننىڭ كۆز ئالدىغا يېڭى بىر دۇنيانى نامايەن قىلىدۇ.
ئاتا كۆرگەن شىرماق،
ئانا كۆرگەن شىرماق،
سەن ئوقيا ياسىغانمۇ؟!
سەن ئوتقا كىرگەنمۇ؟!
سەن مىنگەنمۇ ئاتنى يۈگەنسىز؟!
شىرماق،شىرماق.
«بىر كۈنلۈك يولداشقا،
قىرىق كۈنلۈك سالام»
مۇشۇ بىزنىڭ تەمسىلىمىز.
شائىر «شىرماق»ناملىق شېئىرنى يېزىشتا، سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقالغان شىرماق ھەققىدىكى قوشاقلاردىن بىر كۇبلىتنى ئېپېگراف قىلىپ ئالىدۇ. ئاندىن تەسەۋۋۇرىمىزنى قاناتلاندۇرۇپ، يىراق زامانلارغا ئېلىپ كىتىدۇ. ئۇ سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئاددىي دىتالدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، شىرماق ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ئوبرازىنى شېئىرىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ شېئىر قىسقا، ئەمما شائىر پەلەمپەي شەكلىدىن پايدىلىنىپ، شېئىرىي ئوبرازنى قاتلاممۇ قاتلام چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ بارىدۇ. ئاخىرىدا چەكسىزلىككە چېچىۋېتىدۇ. شائىرانە مول تەپەككۇر، قايناق ھىسياتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، شېئىرنى سىتېرېئولۇق كۆرۈنۈشكە، كۆپ قاتلاملىق جىلۋىگەر مەنىگە ئىگە قىلىدۇ. «بىر كۈنلۈك يولداشقا قىرىق كۈنلۈك سالام» ـــ بۇ بىر ئاددى تەمسىل، شائىر بۇنى شېئىرى دېتاللار ئىچىدە تېخىمۇ يارقىنلىققا، جەلىپكارلىققا ئىگە قىلىپ، بۇ شېئىرنىڭ جېنى ۋە قېنى قىلىدۇ. ئۆلمەس ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلدۇرىدۇ.
شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ ئەڭ قىممەتلىك بىر يىرى شۇكى، ئۇ ئېتنىك روھىنى ئىپادىلىگەندە، نۇقۇل شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدىنلا مەنىۋى ئۇزۇق ئالمىدى، بەلكى ئىچكىرىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىنمۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى خاتىرىلەپ، «شىرماق»،«ئاق قۇ باشلىق قۇبۇز» ناملىق شېئىر-داستانلىرىدا ئىشلەتتى، يوقىلىپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان نۇرغۇنلىغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى ئارىمىزغا قايتۇرۇپ كەلدى.
بىلىنىسكى گىيوتى ئۈستىدە توختىلىپ:«گىيوتىنىڭ ئىجادىيىتى مەيلى قانچىلىك مۇرەككەپ ۋە مول مەزمۇنلۇق بۇلۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ ھەربىر پارچە ئەسىرىدىن ئوخشاشلا گىرمانىيە پۇراپ تۇرىدۇ»دىگەنىدى، شۇنىڭغا ئوخشاشلا شائىر بۇغدا ئابدۇللا شېئىرلىرىدا، مەيلى لىرىك ھىسيات ياكى دەقىقە ئىچىدىكى تۇيغۇنى ئىپادىلىسۇن، بىر خىل قەدىمىيلىككە بولغان سېغىنىش، ئەپسانە-رىۋايەتكە ئايلىنىپ كەتكەن شېئىرىي دىتاللاردىن ئۆزىنى ئىزدەش خاھىشى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىر پارچە ئەسىرىدىن ئۇيغۇر پۇرىقى كىلىپ تۇرىدۇ. مانا بۇ شائىرنىڭ خەلق قەلبىدە شۇنچە كۆپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلۇشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب.
شائىرنىڭ«قىز قەلئەسى»،«سالغا تېشى»ناملىق توپلاملىرىدىكى «قىز قەلئەسى»، «بىر رىۋايەت»، «ئاق قۇ باشلق قۇبۇز»، «كرورەنگە قايتىش»، «شېكەر توغراق»، «شەرت ۋە مۇھەببەت»، «سالغا تېشى»...قاتارلىق شېئىر،داستانلىرىدا، مىللەتنىڭ ئېتنىك روھىنى ئىزدەشتىن ئىبارەت بۇ سادا تېخىمۇ كۈچىيىپ باردى. شائىر بۇ مەزگىلدە تاشقى دۇنيادىن روھىي دۇنياغا يۈزلىنىش، ئۇنىڭغا بارغانسېرى چۇڭقۇرلپ كىرىش، شېئىرىي ھېسىياتتا بارغانسىرى بېيىش، پىشىش، شېئىرى پىكىردە چۇڭقۇرلۇققا چۆكۈش...جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى. شائىر بۇ باسقۇچتىكى ئىجادىيىتىدە مىللەت چېگراسىدىن ھالقىپ چىقىپ، قېرىنداش مىللەتلەرگە، دۇنياغا قاراپ يۈزلەندى، بەدىئىي سەۋىيە جەھەتتە شېئىرىي كامالەتنىڭ چوققىسىغا قاراپ يول ئېلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىي كۈچىنى نامايەن قىلدى، ئىنسانىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۇنياۋى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلدى. شائىر «كرورانغا قايتىش»ناملىق شېئىرىدا:
نەدە سەن،كروران نەدە سەن!
جەنۇب قۇملۇقلىرىدىن ئىزدەيمۇ سىنى.
مىڭ يىللار ئۇخلىدىڭ،بەس ئاشۇ يىتەر،
سىنى تاپارمەن ھامان-ھامىنى.
دېگەن لېرىك مىسرالار بىلەن شېئىرنى باشلاپ،«ئۇ يەردە كۆمۈلۈپ ياتقان مەن تۇرسام، ئۆزۈمنى تاپالماي يۈرەيمۇ ئۆزۈم»دىگەن قۇيۇق ئەپسانىۋى بوياققا تويۇنغان مىسرالار بىلەن شېئىرنى بىر پەللە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. شېئىر دەريا دولقۇنىغا ئوخشاش بىر كۆتۈرۈلۈپ بىر پەسىيىپ، تىلسىماتقا ئوخشاش كىتابخاننىڭ كۆڭۈل ئالىمىدە پەرۋاز قىلىدۇ. شېئىردىن كىتابخانغا قالغىنى ئاجايىپ بىر تەم، كىتابخان قەدىمى كروران شەھرىگە شائىرنى ئۇزىتىپ قويدىمۇ ياكى «مەستانە كەبى خىيالغا پاتتىم، خوش!مەن كەتتىم كروران سايان.»دېگەن مىسرالار بىلەن ئۆزىنى ئۇزۇتۇپ قويدىمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ. ئۆزىگە كەلگەندە بولسا، كروراندا تۇرغان ئىنساننىڭ ئۆزى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. كىتابخان بۇ يەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانى ئەمەس، سىھرىگەر بۇغدا ئابدۇللانى كۆرىدۇ. شائىر رەڭدار ۋە مۇزىكىلىق تىلىدىن، ئىچكى رېتىمدىن، ھەرخىل بېشارەتلىك ئىماگلاردىن پايدىلىنىپ، كىتابخاننى نەچچە مىڭ يىللار ئىگىرىكى دەۋرلەرگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ يەردە شائىر شائىر ئەمەس، بەلكى بىر كارۋاننىڭ يول باشلىغۇچىسى خالاس!
شائىرنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئىجادىيىتىدە «سالغا تېشى» ناملىق داستانى ئالاھىدە خارەكتېرلىنىپ تۇرىدۇ. شائىر بۇ داستاننىڭ بىر ئۇچىنى قۇيۇق ئەپسانىۋى مۇھىت ئىچىدە ئىنساننىڭ بىلىشىدىن ھالقىپ كەتكەن نامەلۇم بىر مۆجىزات ئىگىسىگە تۇتقۇزىدۇ. شۇنداق، شائىر ئۆزى ئېيقاندەك: «ئەپسانە خۇداغا،رىۋايەت ئادەمگە تۇتىشىدۇ». قۇيۇق ئەپسانە ۋە رېئالىستىك روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ داستان كىتابخانغا بىر تۇرۇپ ھەممە نەرسە دېيىلىپ بولغاندەك، بىر تۇرۇپ ھېچنېمە دېيىلمىگەندەك تۇيغۇ بېرىدۇ. شائىرنىڭ ۋەزىپىسى ئاقىۋەتتە بىر نەرسىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش ئەمەس، بەلكى تەسىۋىرلەش. ئاشۇ تەسۋىرلەشلەر ئىچىدە دېمەكچى بولغان گەپلەر تېخى دېيىلمىگەن گەپلەرنىمۇ سۆرەپ چىقىدۇ.
گىيۇتى:«سەنئەت ۋە شېئىردە ئادەمىيلىك ھەممىدىن مۇھىم» دېگەنىدى. شائىر بۇغدا ئابدۇللامۇ ئالدى بىلەن ئادەمگە خاس، ئاندىن مۇتەپەككۇر شائىرلارغا خاس خىسلەتتە قولىغا قەلەم ئالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ئىجادىيىتىگە قارايدىغان بولساق، بىر خىل پاكىزلىق، ئۇلۇغۋارلىقنى كۆرىمىز. ئۇ تېزلا ئۆتۈپ كېتىدىغان شامالغا ئۇسۇل ئوينىمىدى، خەلقمىز ئارىىسىدىن يوقاپ كىتىش ئالدىدا تۇرغان ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى شېئىرلىرىغا ياندۇرۇپ كىلىپ، ئىجادىيىتىنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرى بەزى شائىرلارنىڭكىدەك «ئىمپورت قىلىنغان مال»ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر تۇپرىقىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن ھەقىقىي سەنئەت پۇرىقىغا ئىگە نادىر ئەسەرلەردۇر. شائىر شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزىمۇ دەل ئۇنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ، ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ ئېتنىك روھىنى  چۇڭقۇر ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدە، تىل خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگىلا خاس مۇزىيخانا قۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. مانا بۇ شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىنىڭ ئۆلمەس ۋە ئۆڭمەسلىكىنىڭ ھەقىقىي سىرىدۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-28 11:09  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تىللاسى +87 يىغىش سەۋەبى
ئۈمىدجان قادىرى + 10 --------
يۈسۈفىي + 77 ئەلا

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 11:23:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ. بولوپمۇ شائىرلارنىڭكىدەك «ئىمپورت قىلىنغان مال»ئەمەس،
شائىر شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزىمۇ دەل ئۇنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ،
ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ ئېتنىك روھىنى  چۇڭقۇر ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدە،
تىل خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگىلا خاس مۇزىيخانا قۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ.
دىگەن بايانلىرى ناھايتى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ!
ھەبىبۇللا ئاكىمىزغا قۇت بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-28 11:24:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ مۇھاكىمە تۈسى قۇيۇق، دەلىل-ئىپاتلىرى يېتەرلىك، باھا ئوبىيكېتىپۋە قايىل قىلارلىق يېزىلىپتۇ.
غەيرەت قىلىڭ ھەببۇلا، پارلاق مەنزىرە ئالدىڭىزدا!

ۋاقتى: 2015-2-28 11:32:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن تارىمدىكى بىر چۇقاننى چوڭقۇر ئويلىنىش ئىچىدە كۆتىرىپ چىقىۋاتقان ئۇستاز ئىدى،ھېبىبىللا ئاكىنىڭ بۇ ئېستىدات ئېگىسىنى بايقىغىنىغا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-2-28 11:40:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زېمىن ،
تىترىشىڭ نىمىدىن ؟
-يىتىمنىڭ كۆز يېشىدىن.

-بوغدا ئابدۇللا.

بۇ ئۇستاز تەبىئەتنىڭ كۈيچىسى،ھاياتنىڭ رولچىسى...

ۋاقتى: 2015-2-28 13:16:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز بوغدا ئابدۇللانىڭ شېئىرلىرىنىڭ ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر خۇش خەۋەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يېتىپ كەلگىلى تۇردى. ئۇستازغا ئاپىرىن، تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-2-28 14:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغدا ئابدۇللا ئاكىنىڭ شئېرلىرى ھەقىقەتەن قەلبىمىزنىڭ كۆركەم مۇنارىدەك مەنىۋىيىتىمىزگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ
ھەبىبۇللا ئەپەندىمنىڭ بۇ  يازمىسىمۇ كىشىنى قايىل قىلغىدەك بوپتۇ .

ۋاقتى: 2015-2-28 18:17:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىش،چوڭقۇر تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئاساسىدا روياپقا چىققان بۇ ئوبزور ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ئىكەن.
ھەبىبۇللا مىجىت ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىشلىرى نۇسرەتلىك بولغاي!!

ۋاقتى: 2015-2-28 21:17:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ئەسرىڭىزگە تەشەككۇر ئاكا

ۋاقتى: 2015-3-10 18:20:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«شائىر شېئىرلىرىنىڭ ئوق يىلتىزىمۇ دەل ئۇنىڭ ئەپسانە-رىۋايەتلىرىمىزنى تىرىلدۈرۈپ، ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ ئېتنىك روھىنى  چۇڭقۇر ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدە، تىل خۇرۇچلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىگىلا خاس مۇزىيخانا قۇرغانلىقىدا كۆرۈلىدۇ. مانا بۇ شائىر بۇغدا ئابدۇللا ئىجادىيىتىنىڭ ئۆلمەس ۋە ئۆڭمەسلىكىنىڭ ھەقىقىي سىرىدۇر.'»  بۇ بەك توغرا خۇلاسە بوپتۇ. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش