ھېكتور مالوت (1830~1907) فرانسىيىنىڭداڭلىق يازغۇچىسى. مالوت مول ھوسۇللۇق يازغۇچى بولۇپ، ئۆمرىدە 70 پارچىگە يېقىنرومان يازغان. «جاپاكەش سەرگەردان بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى» ھەممەيلەنگە تونۇشلۇقبولۇپ كەتكەن ئەسەرلىرىنىڭ بىرى. بۇ ئەسەر نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنگلىز ، نېمىس، رۇس، ياپون قاتارلىق كۆپ خىلتىللارغا تەرجىمە قىلىنغان. يۈز يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ فرانسىيىدە قايتانەشىر قىلىنغان ھەمدە كۆپ قېتىم كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن.
سۆزبېشى « دۇنيا ئۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى » گە بالىلارنىڭ ئوقۇشىغامۇۋاپىق كېلىدىغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەر تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ھەر قايسى ئەللەردىكى مۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئاددىي-ساددا، جانلىق ۋە نەپىس تىللار ئارقىلىق بالىلارغا رەڭگارەڭ دۇنيانى سۈرەتلەپ.ئۇلارغا سېھرىي كۈچكە تولغان بۇ ئاجايىپ خىيالىي پادىشاھلىقتا غەمخورلۇق قىلىشنى،باتۇرلۇقنى، ھەققانىيلىقنى، سەمىمىيلىكنى، تىرىشچانلىق ۋە ئەقىل- پاراسەتنىئۆگىتىدۇ. بۇ دۇنياۋى مۇنەۋۋەر يازغۇچىلارنىڭ بالىلارغا تەقدىم قىلغان سەمىمىيكۆڭلى ھېسابلىنىدۇ. « دۇنيا ئۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى »گە ھەر قايسى ئەللەردىكىمۇنەۋۋەر بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىلىرى ئىجاد قىلغان ھەر خىل ئەدەبىي شەكىلدىكىئەسەر ۋە چۆچەكلەر ئاساس قىلىندى، قوشۇمچە بىر قىسىم مۇنەۋۋەر خەلق چۆچەكلىرى ۋەمەسەللىك ھېكايىلەر قوبۇل قىلىندى، دەسلەپكى قەدەمدە جەمئىي 39 پارچە ئەسەر تاللاپكىرگۈزۈلدى. « مەجمۇئە »گە تاللانغان ئەسەرلەر بالىلارنىڭ ئوقۇش پىسخىكىسى ۋەسەبىي قىزىقىشىغا مۇۋاپىق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوقۇش جەريانىدا نەزەر دائىرىسىنىئېچىشىغا، بىلىمىنى ئاشۇرۇشىغا، مىجەز- خۇلقىنى تاۋلىشىغا ياردەم بېرىدۇ،باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىكىلەر ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭئوقۇشىغا مۇۋاپىق بولۇپ، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارغا ھېكايە قىلىپسۆزلەپ بېرىشىگىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۆسمۈر دوست، « دۇنيا ئۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى » نى قولىڭىزغائېلىپ ئوقۇغان چاغدا، بىز تۈزگۈچىلەر يېقىن دوستىڭىز بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىزنىقىزغىن تەبرىكلەيمىز: سىزنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىش يولىدا ئالدى بىلەن بۇئالتۇن ئاچقۇچنى قولغا ئالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمىز. ئۇنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچ دېيىلىشىدىكى سەۋەب، ئاتا- ئانىمىز، ئاتا- ئانىمىزنىڭئاتا- ئانىسىمۇ دۇنيا مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر- بالىلار ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى ئوقۇشئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى، بىلىمىنى ئېچىپ ياراملىق ئادەم بولۇشيولىغا ماڭغان. ھازىر بىز يەنە بۇ ئالتۇن ئاچقۇچنى سىلەرگە تاپشۇرۇش ئارقىلىق، سىلەرنىڭ « دۇنيائۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى » نى ھەمراھ قىلىپ، تەسەۋۋۇر قانىتىنى يېيىشىڭلارنى،كىتابلار دېڭىزىدا سېھرىي كۈچكە تولغان ئاجايىپ خىيالىي پادىشاھلىقتا غەمخورلۇققىلىشنى، باتۇرلۇقنى، ھەققانىيلىقنى، سەمىمىيلىكنى، تىرىشچانلىقنى، ئەقىل- پاراسەتۋە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز. « دۇنيا ئۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى » سىزنىڭ ئەڭ سىرداشدوستىڭىز بولۇشنى خالايدۇ! « دۇنيا ئۆسمۈرلەر كلاسسىك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى » بىر ئۆمۈر ئۆسۈپيېتىلىشىڭىزگە ھەمراھ بولغۇسى.
تۈزگۈچىدىن 2008- يىلى 12- ئاينىڭ 25- كۈنى
قىسقىچەمەزمۇنى
رېمىتاشلىۋېتىلگەن بىر بالا بولۇپ، كىچىكىدىن بىر تاشچىنىڭ ئايالى بېقىۋالىدۇ، سەككىزياشقا كىرگەن يىلى، تاشچى مېيىپ بولۇپ قېلىپ، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. تاشچىئۇنى بىر سەرگەردان سەنئەتكارغا سېتىۋېتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ سەنئەتكارنىڭ بىرنەچچە ئىتى بىلەن بىللە ھەممىلا يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈيدۇ. بۇ سەنئەتكار ئاقكۆڭۈل ياشانغان ئادەم بولۇپ، رېمىغا ئىنتايىن ياخشى قاراپ، كىتاب ئوقۇشنى، مۇزىكاچېلىشنى ئۆگىتىدۇ. پېشقەدەم سەنئەتكار بىر قېتىملىق ئويۇن قويۇش جەريانىدا بەختكەقارشى بىر ساقچى تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، يەنەبەختكە قارشى توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدۇ. رېمىنى بىر گۈلچى قۇتقۇزىۋالىدۇ. كېيىن بىرقېتىملىق تەبىئىي ئاپەتتە گۈل ئۆستۈرۈش ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ،قەرزىنى قايتۇرالماي، گۈلچىمۇ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ. رېمى ئىلاجسىزيەنە سەرگەردان بولۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغائۇچرىسىمۇ ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەي ، ئەڭئاخىرىدا ئۆز ئاپىسىنى تاپىدۇ.
ئابدۇجاپپارھامىدىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئابدۇجاپپارھامىدىن 1967-يىلى 2-ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن،ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1987-يىلى «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىغان «قوبۇل قىلساڭكۆڭلۈمنى» دىگەن شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ ھازىرغا كەلگىچە «تارىم»، «ئاقسۇگېزىتى»، «ئاسىيا كىنىدىكى» قاتارلىقلاردا بىر قىسىم شېئىر، ھېكايە، نەسىرلىرىئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە تەرجىمە ئاساسي ئورۇندا تۇرىدۇ، «ئاسىياكىندىكى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، « شىنجاڭ ئىقتىسادگېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى» «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «تەڭرىتاغ»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»،«ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»قاتارلىقلاردا نۇرغۇن تەرجىمە قىلغانجوڭگو، چەتئەللەرنىڭ ھەر خىل ژانىردىكى ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىغان. 1000پارچىدىنئارتۇق پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە تەرجىمە ۋە ئۆزلەشتۈرمە ماقالىلىرىنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. «شىنجاڭ گېزىتى» «شىنجاڭ خەلقرادىيو ئىستانسىسى»، «شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىقئاخبارات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن كۆپ قېتىم مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر بولۇپتەقدىرلەنگەن. «تارىم ناۋاسى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا ئۇنىڭ «باشلىق توقۇغان لەتىپە»دىگەن ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. 1997-يىلى ئۇ تەرجىمە قىلغان «تافېن» ناملىق ئىككىقىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئاقسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلغان. 2013-يىلىقەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «تەرەققىي قىلىۋاتقان شىنجاڭنىڭ ئىشقائورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى، شىنجاڭ سەھىيە نەشىرىياتىتەرىپىدىن «روھىيىتىڭىزگە قۇلاق سېلىڭ» 2014-يىلى شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت نەشرىياتىتەرىپىدىن «جاپاكەش سەرگاندار بالىنىڭ كەچمىشى» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى نەشىرقىلىندى. «ئىلمىنىتلار ھەققىدە ھېكايە»، «60 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو مۇنەۋۋەرياشلىرى ھەققىدە ھېكايە»، تولۇقسىز 2-يىللىقلارنىڭ «گۈزەل سەنئەت» دەرسلىك كىتاۋى،«جاپاكەش سەرگاندار بالىنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ياشانغانلارنىڭ كەيپىيات ساغلاملىقىۋە ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش»، « قەھرىماننىڭ ئۆلىمى»ناملىق تەرجىمەكىتاپلىرىنى نەشىرىياتقا تاپشۇردى. 2012-يىلى،2013-يىلى ئۇدا ئىككى قېتىم ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «جېجياڭ لوڭقىسى» بويىچەئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا ئىككى پارچە تەرجىمە ئەسىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2014-يىلىئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە «تارىم دەرياسى ئەدەبىيات-سەنئەت مۇكاپاتى»نىڭ ئەدەبىيتەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ھازىر ئۇ ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
شۇكۋە بېيتانىڭ ھېكايىلىرى ئابدۇجاپپارھامىدىن تەرجىمىسى 舒克贝塔传
阿不都加帕尔·阿木东 身份证号码:652929196601030013 联系电话:18997679058 阿不都加帕尔·阿木东简历
作家、文学翻译家阿不都加帕尔·阿木东,1967年2月在柯坪县出生,文学创作开始于1987年在“阿克苏日报”发表的诗歌“如果能接受我的爱情”,至今在“塔里木”、“阿克苏日报”、“亚洲中心时报”、“阿克苏文艺”等报刊杂志上发表诗歌、小说、散文作品;在他的创作中翻译文学作品是占多大部分;在“阿克苏报”、“阿克苏文艺”“世界文学译丛”、“塔里木”、“新疆日报”、“乌鲁木齐晚报”、“亚洲中心时报”、“工人时报”等各级报刊杂志上发表中外文学翻译作品100多篇。另外发表1000多篇科普知识作品。被“新疆日报”、“新疆人民广播电台”、“新疆科技报”、“亚洲中心时报”等新闻单位评为优秀通讯员。 作品集“塔里木欢乐”中列入了他的短篇小说“领导编造的故事”,1997年他翻译的两集美国电视剧在阿克苏电视台配音制作播放;2013年被喀什维吾尔出版社出版发行“发展中的新疆就业事业”的翻译书;2013年被新疆卫生出版社出版行“老年人心理问题诊断”的翻译书; 2014年出版发行“苦儿流浪记” 的翻译书。已交出版社翻译书籍一下: “60年以来中国优秀青年人的故实”、初中二年级“美术课”、“元素的故实”、“老年人情绪健康及其变化的应对”、“英雄致死”、“爱德华神奇旅行”等。 2012年、2013年连续两年获得阿克苏地区举办“之江杯”文学创作翻译奖;2014年获得阿克苏地区举办的“塔河文艺奖”文学翻译奖。 他现任阿克苏地区作家协会会员、新疆作家协会会员。
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-28 11:21
|