كۆرۈش: 1618|ئىنكاس: 8

ئارتتېكىنقاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىز ياساش ھۈنەر سەنئىت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىز ياساش ھۈنەر سەنئىتى

قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىز ياساش ھۈنەر-سەنئىتى بىر خىل ناھايىتى قەدىمىي قول ھۈنەر تۈرى بولۇپ، ئىپتىدائىي چارۋىچىلىق دەۋرىدىلا بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن .بۇنىڭدىن تۆت مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە تەئەللۇق كىرورەن قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن يۇڭ پالاس ،كىگىز قالپاق تىپىلغان .بۇنىڭدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە تەئەللۇق سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە نىيە قەدىمكى شەھىرى خارابىسىدىن ھەر خىل كىگىز پارچىلىرى تېپىلغان .بولۇپمۇ سامپۇل قەبرىستانلىقىدىن كىگىز قالپاق ،كېپىنەك (كىگىز چاپان)،كىگىز ئۆتۈك ،كىگىز ئەستەرلىك ئۆتۈك ، كىگىز پايپاق قاتارلىق كۆپلىگەن كىگىز بويۇملار تىپىلغان .ئەسلى رەڭ كىگىزدىن باشقا يەنە توق قىزىل ،مايسىرەڭ ،سېرىق بويالغان كىگىز پارچىلىرىمۇ بايقالغان .بۇلار شۇ دەۋىردە كىگىزچىلىكنىڭ خېلى تەرەققىي قىلغانلىقىنى كىگىزنىڭ ئۆي بىساتى بولۇپلا قالماي كېيىم-كېچەك تىكىشتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان خام ئەشيا ھىسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.   
قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە كىگىزچىلىك تېخنىكىسى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ ، مەھسۇلات تۈرلىرى تېخىمۇ كۆپەيگەن،《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا: 《كىگىز》(1-توم 430-بەت)،《قايرىما قالپاق》(1-توم 638-بەت) 《يامغۇرلۇق كىگىز》(1-توم 661-بەت)،《كىپىنەك يامغۇرلۇق》 (3-توم 50-بەت)،《يامغۇرلۇق كىگىز پايپاق》(3-توم 530-بەت)قاتارلىق سۆزلەر ياكى مىساللار بىرىلگەن.تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، 1-توم415-بەتتە 《ئول كىگىزنى ئاسسرىلادى》دىگەن جۈملىگە《ئۇ كىگىز رەڭگىنى قاپلان رەڭگىگە كىرگۈزدى، يەنى كىگىزگە ئالىچىپار گۈل باستى》دەپ ئىزاھات بىرىلگەن. بۇ ئەينى دەۋردە ئويما تامغا باسما بوياقچىلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق ،باسما گۈللۈك كىگىز ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىزچىلىكى_ئېتىپ يۇمشىتىلغان قوي يۇڭىنى مەلۇم ۋاستىلەر ئارقىلىق يېپىشتۇرۇپ پۇشۇرۇپ ھەر خىل شەكىلدىكى كىيىم-كېچەك ۋە تۇرمۇش بىساتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان قول ھۈنەر تۈرى بولۇپ ،ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن ۋە ئېنىقلاشقا بولىدىغان كىگىزچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەكلى ۋە ئىشلىتىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ كىگىز ،يۇڭ پايپاق ،كېپىنەك ،كىگىز قالپاق ۋە پىيمىدىن ئىبارەت بەش تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ.بۇ بەش تۈردىكى مەھسۇلاتلار گەرچە بىردەك قوي يۇڭىنى خام ئەشيا قىلىپ يېپىشتۇرۇش-پۇشۇرۇش ئۇسۇلىدا ئىشلەپ چىقىرىلسىمۇ ،پىيمىنىڭ شەكلى ۋە پۇشۇرۇش ئۇسۇلى ئالاھىدە بولغاچقا ، مەخسۇس پىيمىچى ئۇستىلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ .قالغان تۆت تۈردىكى مەھسۇلاتلار كىگىزچىلەر تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.
كىگىزنىڭ تۈرى ۋەئالاھىدىلىكىنى سۆزلەشتىن بۇرۇن ،كىگىزنى تەشكىل قىلغۇچى بۆلەكلەر ھەققىدە ئىزاھات بېرىشكە توغرا كېلىدۇ.كىگىزلەر تىك بۆلەكلەر ۋە توغرا بۆلەكلەردىن تۈزۈلىدۇ.
تىك بۆلەكلەر: كىگىز تىك لېنىيە بويىچە چىغ يۈز ،قات يۈز ۋە ئۈستى يۈزدىن ئىبارەت ئۈچ قەۋەت يۇڭدىن تۈزۈلىدۇ.يەنى ھەر قانداق كىگىز ئېتىشتە تەييارلانغان يۇڭ كەم دېگەندە ئۈچ قېتىمغا بۆلۈپ،ئۈچ قەۋۋەت قىلىپ سېلىنىدۇ.بىرىنچى قېتىمدا كىگىز پىشۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان چىغ دۇكان يۈزىگە بىۋاسىتە سېلىنغان يۇڭ قەۋىتى "چىغ يۈز "دېيىلىدۇ.كىگىز پۈتكەندە ،چىغ يۈز كىگىزنىڭ ئوڭ يۈزى بولۇپ چىقىدۇ.ئىككىنچى قېتىمدا چىغ يۈز ئۈستىگە سېلىنغان يۇڭ قەۋىتى"قات يۈز ياكى ئارىش " دەپ ئاتىلىدۇ.ئارىش يۈز كىگىزنىڭ سىرتىغا كۆرۇنمەيدىغان ئوتتۇرا قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ.ئۈچىنچى قېتىمدا ئارىش يۈز ئۈستىگە سېلىنىدىغان يۇڭ قەۋىتى "ئۈست يۈز "دەپ ئاتىلىدۇ.كىگىز پۈتكەندە ئۈسىت يۈز كىگىزنىڭ تەتۈر يۈزى بولۇپ چىقىدۇ.گۈللۈك كىگىزلەردە بىر قەۋەت ئارتۇق بولۇپ ،ئۇ كىگىز گۈللىرىنى ھاسىل قىلىدىغان قىيىقچىلەردىن تەركىب تاپىدۇ .بۇنداق قىيىقچىلەر "تۈنىكە قىيىقچە "ياكى "تۈنىكە تاناب "دەپ ئاتىلىدۇ.گۈللۈك كىگىز ئېتىشتە تۈنىكە قىيىقچىلەر چېغ يۈزىگە ھەممىدىن بۇرۇن تىزىپ سېلىنىدۇ.
توغرا بۆلەكلەر:بۇ كىگىزنىڭ ئوڭ يۈزىدە كىگىز قىرغىقىدىن مەركىزىگە يۆنەلگەن بۆلەكلەر بولۇپ ،چۇچا ،ئاقلىق ،كانارا ،ئىچ گۈلدىن ئىبارەت تۆت قىسىمدىن تۈزىلىدۇ.ئەمما ،بۇ مۇتلەق ئەمەس ،كىگىز تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا  قاراپ ،توغرا بۆلەكلەر سانىمۇ پەرقلىق بولىدۇ .بەزى كىگىزلەر بىر بۆلەكتىن تەركىب تاپسا ،بەزى كىگىزلەر تۆت بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ.
چۇچا:بۇ كىگىز گىرۋەكلىرىدىن سىرتقا چىقىپ تۇرىدىغان يۇڭ ئۇچلىرى بولۇپ ، كىگىز ئېتىش ۋاقتىدا ئۇزۇنلۇقى 10سانتىمېتىر ،توملۇقى كىچىك بارماقچىلىك كېلىدىغان يۇڭ پىلتىلىرىنىڭ يىلتىز تەرىپى كىگىز قات ئارىسىغا قىستۇرۇپ پۇشۇرۇۋېتىلىدۇ .يۇڭ ئۇچلىرى كىگىز سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ .ئادەتتە كىگىز رەڭگى بىلەن چۇچا رەڭگى ماس بولىدۇ .يەنى قارا كىگىزگە قارا ،ئاق كىگىزگە ئاق ،گۈللۈك كىگىز ۋە تىڭلىماتقا كىگىز يۈزىدە ئىشلىتىلگەن رەڭلەرگە ماس بولغان رەڭلىك چۇچىلار چىقىرىلىدۇ .بويالما كىگىزلەرنىڭ چۇچىلىرى كىگىز قانداق بويالسا شۇ رەڭدە بولىدۇ .چۇچا ،كىگىز گىرۋىكىنى زىننەتلەش ،كىگىزگە ھۆسۈن قوشۇش رولىنى ئوينايدۇ .چېدىر ئۆي ياساش ،مۆلە-توقۇم تىكىش ئۈچۈن ياسىلىدىغان تەبئىي رەڭلىك كىگىزلەرگە چۇچا چىقىرىلمايدۇ .
ئاقلىق :بۇ تۈنىكە گۈللۈك كىگىز ،تەڭلىمات ۋە نوختا كىگىزلەرنىڭ قىرغىقىدىن كانارا سىزىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى گۈل چىقىرىلمايدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئاقلىق دېگەندىكى"ئاق" سۆزى مۇتلەق مەنىدىكى ئاق رەڭنى كۆرسەتمەستىن ،بەلكى كىگىزنىڭ كانارا سىرتىدىكى سىدام قىسمىنى كۆرسىتىدۇ،يەنى گۈللۈك ئاق كىگىزنىڭ ئاقلىقى (بوشلۇق قىسمى)ئاق رەڭدە ،گۈللۈك قارا كىگىزنىڭ (بوشلۇق قىسمى )قارا رەڭدە بولىدۇ.دېمەك ،گۈللۈك كىگىزنىڭ ئاقلىقى تەگلىك رەڭ قانداق بولسا شۇ رەڭدە بولىدۇ .
كانارا:بۇ گۈللۈك كىگىزنىڭ ئاقلىقى بىلەن ئىچ گۈل قىسمى ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۆلەك بولۇپ،ئىككى چېتى رەڭدار سىزىقلار بىلەن رامكىلىنىپ ،ئوتتۇرىسىغا گۈل-نەقىشلەر چۈشۈرىلىدىغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ .مۇنداقچە ئېيىتقاندا ،كانارا ئىچ گۈللەر بىلەن ئاقلىقنى ئايرىپ تۇرغۇچى نەقىشلىك رامكىدۇر .
ئىچ گۈل :بۇ گۈللۈك كىگىزنىڭ كانارا قورشاۋدىكى مەركىزى قىسمىنى كۆرسىتىدۇ .كىگىزدىكى ئاساسىي گۈللەر مۇشۇ بۆلەككە چۈشىدىغان بولغاچقا "ئىچ گۈل "دەپ ئاتىلىدۇ .ھەر قانداق گۈللۈك كىگىزنىڭ گۈل نۇسخا نامى ئىچ گۈل قىسمىدىكى ئاساسىي گۈلنىڭ نامى ياكى ئىچ گۈل قىسمىنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى نامى بىلەن ئاتىلىدۇ .   
قاغىلىق گۈللۈك كىگىزلىرىدە كۆپرەك ئۇچرايدىغان ئۆرنەكلىك گۈل ئېلمېنېتلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ.
گۈل-گىياھ ئۆرنەك قىلىنغان گۈل ئېلمېنېتلىرى :تۆتقۇلاق گۈل ،ئاپتاپپەرەس چېچىكى ،تولداما گۈل ،ئۈچقۇلاق غازاڭ ،قامچا گۈل قاتارلىقلار ؛
ھايۋان ئەزالىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل ئېلمېنېتلىرى :ئۆردەك بېشى شەكلى ،تۆگە تاپىنى شەكلى ،كەكلىك قېشى شەكلى ،قۇش تاجىسى شەكلى ،مۈڭگۈز شەكلى (قوچقىراق )قاتارلىقلار؛
تۇرمۇش بويۇملىرى ئۆرنەك قىلىنغان گۈل ئېلمېنېتلىرى :پەتنۇس، چەينەك، تۇمارچە، شاۋكا، دەرەۋزۈن قاتارلىقلار؛
دەرەخ-شاخلار ئۆرنەك قىلىنغان گۈل ئېلمېنېتلىرى:چىنار، شاخ قاتارلىقلار؛
كۆپ ئۇچرايدىغان گېئومېتىرىيىلىك ئېلمېنىتلار :تاق سىزىق، قوش سىزىق، ياي سىزىق، تاق تۇمارچە سىزىق، قوش تۇمارچە سىزىق، رومبا، چەمبەر، ئېللىپىس چەمبەر قاتارلىقلار .
گۈل-نەقىش سىستېمىلىرىنى ھاسىل قىلىشتا، يۇقارقى گۈل ئېلمېنېتلىرىنىڭ بەزىلىرى مۇستەقىل رول ئوينايدۇ .بەزىلىرى ئۆزئارا بىرىكتۈرۈلۈپ گۈل گۇرۇپپىلىرى ھاسىل قىلىنىدۇ .
ئالاھىدىلىكى
(1)قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىزچىلىكى ۋە كىگىز ئىستېمالى ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە،ئالدى بىلەن خام ئەشيا مەنبەسى كەڭ ،دېھقان-چارۋىچىلىق رايۇنىدىكى ھەممە ئائىلىلەردە دېگۈدەك قوي بېقىلىدۇ،دېھقان-چارۋىچىلار ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يۇڭنى خام ئەشيا قىلىپ ،سىمكارغا ئىش بېرىش ،ياكى سەييارە كىگىزچىلەرنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق ئازراقلا ئىش ھەققى بېرىش بەدىلىگە بىر قانچە پارچە كىگىز ئەتتۈرۈۋېلىپ ،تۇرمۇش چىقىمىنى تېجەپ قالالايدۇ.
(2) قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىزىنىڭ چىدامچانلىقى ياخشى ،رايۇنىمىزنىڭ قۇرغاق ئىسسىق كىلىماتىدا كىگىزنىڭ نەملىشىپ بىقسىپ پۇراپ قېلىشى ،سېسىپ بۇزۇلۇشىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ،كىگىز ئاستىغا ياڭاق غازىڭى ،بۇيا يوپۇرمىقى سېلىش ياكى كىگىزنى ئاپتاپقا سېلىش ياكى دورا چېچىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كۈيە زىيانداشلىقىدىن ساقلانغاندا ،كىگىزلەرنى 20-30يىل ،ھەتتا ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئىشلەتكىلى بولىدۇ.تېخىمۇ مۇھىمى ،كىگىز تازا قاتتىقمۇ ،تازا يۇمشاقمۇ بولمىغان بىر خىل تۆشەك ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى ، كىگىز تۆشەك ئۈستىگە كۆرپە سېلىپ يېتىش سالامەتلىكنى ئاسراشقا ئىنتايىن پايدىلىق .
ئاساسىي قىممىتى
(1)تارىخىي قىممەتكە ئىگە.
كىگىز ئىشلىتىش شىنجاڭدا ئومۇملاشقان ،بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئىشلىتىش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن . قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىز ياساش ھۈنەر-سەنئىتى مول مەزمۇن ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغاچقا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كىگىز  ياساش ھۈنەر-سەنئىتىدە زور تارىخىي قىممەتكە ئىگە. قاغىلىق ئۇيغۇر گۈللۈك كىگىز ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ۋە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئىتىنى بىيىتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.
(2)تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.
قاغىلىق ئۇيغۇر گۈلدار كىگىز ياساش ھۈنەر-سەنئىتى يىپەك يولى ۋە شەرىق، غەرىبنىڭ ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشى، قىزىقىشى ۋە ئۆرۈپ-ئادىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. (د)
     

تەرجىمىسى :

    叶城县花毡制作技艺

叶城县花毡制作技艺是一种具有悠久历史的民间工种。想必在古代游牧社会就已出现。在挖掘距今四千年前的楼兰古墓中发现了毛毯、毡帽、花毡等。在距今两千年前的山普拉古墓和尼雅古城遗址中发现了各种毡片。尤其在山普拉古墓发现了毡帽、毡斗篷、毡靴、带毡片里子的皮靴、毡袜等很多毡制物。同时,还发现了除本色之外,还用深红、草绿、黄等颜色染的毡片。这说明当时制毡业相当发达,毡子不仅是家当,而且是做衣物时普遍使用的原料。
喀喇汗王朝时期,西域的制毡业更加发展,产品种类更加繁多。如在《突厥语大词典》中记载的词汇或和举例中,有“毡子”(kigiz)(第 1 卷第 430 页)、“翻沿毡帽”(qayrimaqalpaq)(第 1 卷第 638 页)、“雨毡” (yamğurluk kigiz)(第 1 卷第 661 页)、“毡制雨衣” (kepinäk yamğurluk)(第 3 卷第 50 页)、“雨毡袜” (yamğurluk kigiz paypaq)(第 3 卷第 530 页)等词汇。更值得注意的是,在《突厥语大词典》对“axriyladi”一词的注释是“他把毡子染成了豹色,即把毡子印成了花斑色”(第 1 卷第 415 页)。这说明当时人们已经用印模染色技术制作花毡了。
叶城县花毡技艺是把弹好的羊毛通过某种手段黏着在一起进行擀制成品,制作各种类型的衣服和生活用品的技艺种类传承至今。已能查的的毡用品从形状和用途的不同,毡制品可分为毡子、毡袜(kigiz paypaq)、毡斗篷(kepinäk)、毡帽(kigiz qalpaq)和毡筒(piyma)等五种。这五种产品虽然都用绵羊毛作为原料制作,但毡筒的样式和制作方法特殊,所以由专门的做毡筒师傅制作。其它四种产品由制毡工制作。
在维吾尔手工制毡业中,毡子的种类相当多。毡子按照制作工艺可以分为素毡和花毡。毡子的组成部分在谈到毡子种类及其特点之前,需要对毡子的组成部分做一说明,即一块毡子是由直 面和横面两个部分组成的。
直面部分:(tik böläk):毡子按照直线可分为芨芨面、层面和上面等三个层面。在制作任何毡子时,毛至少要弹三次,铺成三层。第一层是擀毡时的芨芨面,即直接在弹毛机上铺放的毛层,称“芨芨面”。毡子做好后,芨芨面成为毡子的正面。第二层是铺在芨芨面上的毛,称“层面”或“中间层”,中间层构成毡子表面不显露的中间部分。第三层是铺在中间层上面的毛,称“上层”。毡子做好后,“上层”成为毡子的反面。花毡还多一层,即有一层印花的馓子,称“薄毡馓子”或“薄毡绳”。在做花毡时,首先把“薄毡馓子”铺在芨芨面上。
横面部分(toğra böläk):这是毡子正面的边至中间的部分,由穗子、白条、边、里面花纹等四个部分组成。但这并不绝对,根据毡子种类的不同,横面部分的数量也有差异,有些毡子由一个部分组成,有些毡子由四个部分组成。
穗子(čuča):这是从毡子边出来的毛头,做毡时长 10 公分,小拇指般粗的毛,加在毡子层里擀制。通常毡子颜色和穗子颜色相配,即黑毡用黑色穗子,白毡用白色穗子,花毡用花穗子。染色毡子的穗子也和毡子的颜色一样。穗子在毡子边中起装饰增色的作用。做帐篷、鞍韂时用的是本色毡子,不做穗子。
白条(aqliq):这是指在薄毡、花毡和笼头毡中靠边沿不做花纹的部分。“白条”一词中的“白”并不完全指白色,而是指毡子靠边沿的单色部分,即带花纹白毡的空白部分是白色,带花纹黑毡的空白部分是黑色。总之,花毡的白条颜色和毡子的本色要一致。
边(kanara):这是花毡中白条与里面花纹之间的部分,每一组都用彩线框起来,里面是花纹。换句话说,边是将里面花纹和白条分开的图案框。
里面花纹(ič gul):这是指在花毡中被边包围的中心部分。毡子的花纹主要在这一部分, 所以称“里面花纹”。任何花毡都以花纹样式的名称称呼,即用里面花纹部分主要花的名称和里面花纹部分特点的名称称呼。
叶城县花毡图案可分植物纹样和动物纹样、生活用品类纹样以及树木枝条纹样。植物纹样,如四叶草、葵花、柳枝,忍冬、睡菜等植物变形图案。动物纹样:如鸭子头、骆驼掌、燕尾,鸟冠、羊角等动物器官变形图案。生活用品类纹样:盘子、水壶、宝石、花绳、车轮等图案。树木枝条类纹样:胡杨、树枝等纹样
常见几何元素:单线、双线、弧线、单三角形、双三角形、菱形、圆形、椭圆形等作为基本元素。形成花纹系统时,以上花纹因素有的起到独立作用,有的通过相互拼成双纹形组合。
花毡特点:(1)叶城县花毡制作业和花毡消费具有独特的优势,首先是原料充足,农牧区家家养羊,农牧民把自家生产的羊毛做原材料,通过包工费或者聘请流动制毡工匠的方式,花少许工费就能制作几个花毡,节省生活开支。(2)叶城县花毡耐用,在我区干热的气候下,没有必要对毡子受潮、发臭、霉烂感到担心,在毡子下面铺一层核桃树落叶和苦豆子叶,或把毡子在阳光下晾晒或撒上药,这几种方法都可以防虫蛀,毡子可以使用 20-30 年甚至更长时间。更重要的是,毡子是一种既不太硬也不太软的铺盖物,同时保暖性能好,所以在毡子上铺褥子睡觉对养身十分有益。
基本价值:具有历史价值和研究价值 :(1)历史价值:在新疆用毡比较普及,几乎没有不用毡子的。尤其是在南疆使用历史比较长,叶城维吾尔人具有丰富的内涵和独有的特点,在中华民族制毡技艺中具有较大的历史价值,拯救和保护叶城县花毡制作技艺将更加丰富中华民族乃至世界民族传统手工艺。(2)研究价值:叶城县花毡制作技艺是古丝绸之路和东西方文化交流的产物,在研究维吾尔人审美观点、爱好、风俗习惯具有重要意义。


翻译:木合塔尔库尔班
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-29 15:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 00:38:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلىگۈچنىڭ ئەبجىقى چىقىپ كەتسىمۇ تېخنىكلار كۆز  يۈگۈرتۈپ  باقماپتۇ.

ۋاقتى: 2015-2-28 10:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ناھايىتى ئوبدان بىر تېما يوللاپسىز. ئەجرىڭىزگە ھەشقاللا. ئامەتلىك بولۇڭ!

ۋاقتى: 2015-2-28 11:35:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ سېھىرلىك ئاۋازى تۇيغۇن دىللارنى لەرزىگە سالغۇسى!

ۋاقتى: 2015-2-28 11:36:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەرلىك مەدەنىيەتلەرنىڭ سېھىرلىك ئاۋازى تۇيغۇن دىللارنى لەرزىگە سالغۇسى!

ۋاقتى: 2015-2-28 11:37:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر مېللىتىمىزنىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى بولغان كىگىز ياساش مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن بىز ئۇنتۇپ كېتىۋاتقان،يوقۇلۇش گخرداۋىغا بېرىپ قالغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى.بۇ خىل مەدەنىيەتلەرنى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈش مەسئۇلىيىتىمىز بار ئىدى،ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىشلىرىگە مەدەتلەر بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-3-1 14:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مومامنىڭ كىگىزلىرىنى شۇنچىلىك سېغىنىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2015-3-11 12:34:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يىگىرمە يىل كىگىز ئۈستىدە ئولتۇرۇپمۇ بۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن، ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

ۋاقتى: 2015-3-16 10:31:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى تىما يوللاپسىز. ياشلىرىمىزمۇ كۈرۈپ باققان بولسىچۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش