كۆرۈش: 663|ئىنكاس: 7

قاغىلىق سەنەم ۋە خەلق ناخشىلىرىدىن (ئىككى تىلدا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدىنقى يىللىرى ‹‹ قاغىلىق سەنەم ۋە خەلق ناخشىلىرى›› دېگەن كىتابنى تۈزۈپ تەرجىمە قىلغان ئىدىم.  تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۈگۈنىشى ئۈچۈن  بىرەر شىڭگىل يوللاپ قويدۇم.  بەت ياساشنى قىلالمىغاچ مۇشۇنداق يوللاپ قوياي.


قاغىلىق سەنىمى تىكىستى

مۇقام(مۇقەددىمە)

ئون سەككىزمىڭ ئالەمدە (ئايا دەردىڭ)،
(ۋاي) ئاتا بىلەن ئانا ياخشى.
(ۋاي) ۋاپاسى يوق قىرىنداشتىن،
   (ۋاي) ۋاپادار ئاشىنا ياخشى (ئايا دەردىڭ).

مۇقام چالسام مۇقام چالسام،
مۇقامنى دىلغاجەم قىلسام.
           (ۋاي) شۇ مۇقامنىڭ نالىسى بىرلە (ئايا دەردىڭ)،
بى ناۋانىڭ كۆڭلىنى ئالسام.

سەنەم(1)

ئاللا كۆيگىلى (ۋاي) كەلدىڭلىمۇ،
ۋاي كۆيدۈرگىلى (ۋاي) كەلدىڭلىمۇ.
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتلارنى (ئاللا يەي)،
ياندۇرغىلى كەلدىڭلىمۇ.

نەقىرات:مەستان يارەي ئايارەي ،
    ئالما پۇرايدۇ باغىڭىز.

سەنەم(2)

      ئاللا يار بىلەن يار بىلەن ئوينايمەن دەپ (يارەي)،
ۋاي سۇندى مېنىڭ ۋاي نازۇك قولۇم.
ئاللا يارىمنىڭ يارىمنىڭ ياغلىقىدا (يارەي)،
ۋاي تاڭسام ساقايمايدۇ ساقايمايدۇ قولۇم.

نەقىرات:مەستان يارەي ئايارەي ،
     ئالما پۇرايدۇ باغىڭىز.

سەنەم(3)

(ئەي) يارەنلەر كەلدىلەر (ئەي) جانان،
(ظا) كۆڭلۈم ئارمانىم (ئەي) مەۋلانە.
مىرادىمنى بەختىمنى يارەي،
ئاللادىن تىلەيمەن يارەي.

      قاشىڭىزنىڭ قاراسى (ئەي) جانان،
يۇيسا كىتەمدۇ.
يار سىنىڭدەك تاجىگۈل،
باغدا ياتامدۇ يارەي.

  ئوت قالامىسا (ۋاي) قارا قازان،
(ۋاي) قاينامىدۇ يارەي.
ئاشىققا بەرسە كۆڭۈل،
(ۋاي) بەرسە كۆڭۈل پايلامىدۇ.

نەقىرات:ئاللا يەي پايلامىدۇ ئا يارەي ئاللا يەي


جۇلا(1)

(ۋاي) مەھەللەسىدىن مەھەللەسىگە،
يولى بارمىكىن.
(ۋاي) بولۇپتىمەن يار ئاغرىقى،
دورا بارمىكىن.

نەقىرات:ئايارەي سىنىڭا دەردىڭا يەي،
                 ئايەي خارابە قىلدىڭا يەي ئوي ئاللا يەي.

جۇلا(2)
يار دەيدۇ يامان دەيدۇ (ئايارەي)،
بىلمەيمەن يامانلىقنى (ئايارەي).
كەچ يىتىپ سەھەر تۇرۇپ(ئايارەي)،
تىلەيمەن ئامانلىقنى(ئايارەي).

سەلىقە(1)

ئالماڭنى ئىغىتمامسەن چىمەننا ئىكەننا،
سۇلارنىڭ ئىقىشىغا بويلارىڭ.
قىلغان گەپلىرىڭ تەگدى چىمەننا ئىكەننا،
يۈرەكنىڭ بىغىشىغا بويلارىڭ.

يارنىڭ گۈلزار ھويلاسى،
ئۆرگىلىمەن ھويلاسى.
دەريا بولۇپ ئاقادۇ،
كۆزۈمنىڭ ياشى.

سەلىقە(2)
سەكرەپ مەن ھويلاڭغا كىردىم،
بىر قىزىل ئالماڭ ئۈچۈن.
ئوت دىسەڭ ئوتقا چۈشەرمەن،
سەن گۈزەل جانان ئۈچۈن.
مەشرەپ(1)

ساي بويلاپ شامال كەلدى،
*سايباغنىڭ شىمالىدىن.
يۈرۈگۈم سىماب بولدى،
سەن يارنىڭ خۇمارىدىن.

نەقىرات:چاقچاق گىپىڭىز بار كۆڭۈلدىن خەۋەر يوق
ئەسلا خەۋىرىڭ يوق ۋاي... گۈليارەي

مەشرەپ(2)
بۇلبۇلۇڭ بولاي دەيمەن،
شاخىڭگە قوناي دەيمەن.
ئۆزگە يارىڭ بولمىسا،
مەن يارىڭ بولاي دەيمەن.

نەقىرات:ۋاي ئاچا جىنىم ئاچا،
خىنىم گۈلۈڭنى كىم پۇرار.

ھىلىمىخان سىلىمىخان ھالىم قالمىدى،
بالدۇرقىدەك خەجلەي دېسەم پۇلۇم قالمىدى.
ھارىقىم-شارىقىم ئىچىۋىلىپ مەس بولىۋالغۇم بار،
سىنىڭا ياخشى گەپلىرىڭگە دوس بولىۋالغۇم بار.

مەشرەپ(3)
بىر دانە ئەردىم مىڭ دانە بولدۇم،
قارا كۆزۈڭگە خۇشتارە بولدۇم.
ئەگسەم بىلىدىن سۆيسەم لىۋىدىن،
سۆيمىسەم بولماس، سۆيسەم خاپا بولماس.
گۈلباغ ئىچىگە كىرمىسەم بولماس،
ئەتراپىدا قىزىلگۈل تىزمىسام بولماس.


مەشرەپ(4)
شاخ-شاخ چىنارنىڭ شىخى سەن بىرى گۈلىمەنا،
ئايلام قىزىنى بەرسە ماڭا جۆرە بولىمەنا.

بۇلبۇل بولىمەن بويۇڭنى كۆرگەندە (يانا يەي)،
ئاشىق بولىمەن لىۋىڭگە سۆيگەندە (يانا يەي).
ئوي...ئوي...ئوي...ئوي...ئوي

سايباغ-قاغىلىقتىكى يەر نامى



叶城赛乃姆


翻译:木合塔尔库尔班



木卡姆(序曲)

在这漫漫无际世界里,(悲痛啊)
(哇耶)只有父母才算最亲。
(哇耶)不忠义的兄弟,
(哇耶)不如懂得忠诚的丽人。

        我要弹唱木卡姆乐,
        把他汇聚在心中。
(哇耶)用那悦耳的木卡姆乐,(悲痛啊)
        驱散心中的伤痛。


                赛乃木(1)


情人啊!(哇耶)你是来把我瞧瞧,
还是来为了把我烧烤?(哇耶)
莫不是要让熄灭的情火(苍天呐),
又在我心田里熊熊燃烧。

痴情人恋人,啊呀来,
你的果园飘散着苹果香。


              赛乃木(2)

我和情人玩耍的时候,
不慎摔害了无名手指头;
谁知道至今还未好转,
用他的手巾包住伤口。

痴情人恋人,啊呀来,
你的果园飘散着苹果香。


赛乃木(3)


(哎)我的兄弟们来了(哎)情人哪,
(哎)我心中的愿望(哎)圆了。
我把夙愿和幸福,
寄托于苍天的恩惠。


你那弯弯的眉毛,
岂能洗出来?
我的情人像你塔吉古丽,
在园里徘徊。


若是锅底不烧柴,
(哇耶)怎能把水烧的了。
    若向情人敞心扉,
(哇耶)心坎儿怎能受得了。

副唱: 天哪,怎能受得了,啊呀来,天哪。

     居拉(1)


从我村头到你村头,
有没有道路。
我已陷入一肚烦恼,
不知能解脱。
       副唱: 啊呀来,你的苦恼,
             阿耶,衰败呀,耶呜,苍天呐。


居拉(2)

恋人说我不讲情义,
我却不知道。
早起晚归,废寝忘食,
为她道个好。

赛里凯(1)


苹果树下打苹果,琪曼娜,伊坎哪
任它随水流。
您的话儿让我伤心,琪曼娜,伊坎哪
不知往哪儿搁。


情人的花卉大院,
我喜欢前去观看。
我眼中的泪水,
滚滚而下让我心乱。


翻墙跳进您的果园,
只图一只红苹果。
毫不犹豫举手采摘,
只是为您好生活。

麦西来普(1)

沙依巴格戈壁以北,
微风轻轻地吹来。
我的心如痴如醉
那是情火在作怪。


副唱:
任您调情,古丽呀来,不知心不随,
从不知道,古丽呀来,从不知是谁。

麦西来普(2)

我想做您的夜莺,
想落在你的肩膀。
如果没有知心人。
那算我们俩。
            
副唱:
我的亲爱的大姐呀,
你的花谁来闻。

伊莉穆罕,斯里穆罕,我已身败坏,
家境寒酸,大把花钱实在化不开。
喝杯红酒,喝杯白酒,成为醉懒汉,
只为你的那些好话,就想天天来。

麦西来普(3)


原是一条好汉,现已成痴情,
让我陶醉迷恋您那一双黑眼睛。
纤细的腰,卖弄风骚,很想亲一口,
就像亲一口,不要闹别扭。
我得进入花园,
采摘透红的花环。

                  麦西来普(4)


您是梧桐树茂盛的枝头,
大姐女儿嫁给我,就从树下走。

遇见了你呀,我就是百灵鸟,
您的嘴唇令人着迷亲亲好不好。
呜耶…呜耶…呜耶…呜耶…呜耶…


萨依瓦格---叶城县地名

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 20:37  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-26 22:38:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا ئارتتېكىن، سېلىشتۇرۇپ ئۆگىنىشكە كۆپ پايدىسى بار. قولىڭىزغا دەرت كەلمىگەي
1

ۋاقتى: 2015-2-26 22:52:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز،بۇ ئەمگىكىڭىزنىڭ ھەم خەلق ناخشىلىرىنى ئۆگىنىش ھەم تەرجىمە ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمى بار ئىش بوپتۇ،تېخىمۇ غەيرەت قىلىڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 22:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇشۈكۈر ئاكا ، بۇنداق  تىمىلارنىڭ تەستىقلانغانلىقىغا  ھەيران قېلىۋاتىمەن جۇما ، ماۋۇ ئاستا پويىزدا.

ۋاقتى: 2015-2-27 11:02:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
arttekin يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 22:56
ئابدۇشۈكۈر ئاكا ، بۇنداق  تىمىلارنىڭ تەستىقلانغانلىقى ...

ئارتتىكىن ئەپەندى:
ئۇيغۇرچىنى خەنچىگە تەرجىمە قىلغاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟مۇۋاپىق سۆزتاپالمىغاندا
،ۋە باشقا دۇۋ كەلگەن مەسلىلەرنى قانداق ھەل قىلىسىز؟تەجرىبىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز.

ۋاقتى: 2015-2-27 15:01:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاغىلىق سەنەملىرىنىڭ (خەلق ناخشىلىرى)نىڭ بەزى تېكىستلىرى توقسۇن مۇقاملىرى ۋە خەلق ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرىغا ئوخشايدىكەن، شۇنداقلا قومۇل مۇقاملىرىنىڭ بەزى تېكىستلىرىگىمۇ ئوخشايدىكەن، يەنە شۇنداقلا دولان مۇقاملىرىغىمۇ ئوخشايدىكەن. ئۇيغۇر مۇقاملىرىدا ۋە خەلق ناخشىلىرىدا تارىختىن بۇيان ئۆزئارا ئۆتۈشۈش ۋە تولۇقلاش بولغان.

ۋاقتى: 2015-3-1 18:31:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ئەمگەكنىمۇ قەدىرلەشكە ھەم مۇئەللىپكە ئاپىرىن ئېيتىشقا تېگىشلىك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-5-5 22:32:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاغۇن ئەپەندىم ئىنكاسىڭىزغا بۈگۈن دىققەت قىلىپتىمەن. سەل كىچىكىپتۇ.
شېئىر ۋە قوشاقلارنى ئەسلىدىنلا تەرجىمە قىلغىلى بولمايدۇ. لىكىن ئەسلىگە ئەڭ يېقىن كەلتۈرۈپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن. بولۇپمۇ خەلق قوشاقلىرىنىڭ فولىكلور خوسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، بىر مىللەتنىڭ مىللى خاسلىقى ۋە تارىخى، ئىزگۈ ھىسسىياتلىرى ئىنتايىن مۇكەممەل ئەكىس ئىتىدۇ. شۇڭا خەلق قوشاقلىرىنى تەرجىمە قىلىش شېئىر تەرجمە قىلغاندىنمۇ بەكرەك قىيىن.  بەك تەرجىمە قىلىۋەتسەڭ ئېغىزاكى خۇسۇسىيتى يوقۇلۇپ كىتىدۇ. بوش تەرجىمە قىلىپ قويساڭ ئابدۇكېرىم ئابلىزچە تەرجىمە بولۇپ قالىدۇ. تىلنى يەڭگىل ئىشلەتكەندىن باشقا ھىسسىيات ئامىلىنى قاتتىق ئويلىشىش كىرەك. ئەگەر شېئىردا غەمكىنلىك ئىپادىلەنگەن بولسا، ئۇنى تەرجىمە قىلغاندا غەمكىنلىكنى ، شوخ ھىسسىياتنى ئىپادىلىگەن بولسا، شوخ سۆزلەرنى ئىشلىتىش  كىرەك بولىدۇ. خەلق قوشاقلىرىنىڭ شېئىرىي ۋەزىن ۋە قاپىيەلىرى تېخىمۇ ئويلىشىدىغان ئامىل، ئۇنى كەلتۈرگەندە تەبئىي يوسۇندا زورۇقمىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بىيىت ۋە قوشاقلارنىڭ ئاخىرىدا نەقرات ۋە تەكرارلانما ، قوشۇمچە ئۇلانما سۆزلەرمۇ بار. بۇلارنى بەزىدە تەرجىمە قىلىپ بەزىدە تەرجىمە قىلىنمايدۇ. ئۇ سۆزلەرنىڭ ھىسسىيات ئامىلى قويۇق بولغاچقا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك.
خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەرجىىسىدە ئۇيغۇرچە سۆز بوغۇمى بىلەن خەنزۇچە سۆز بوغۇمى ئېغىزنىڭ ئېچىلىپ يېپىلىشى يەنە بىر تىلدا ئوقۇشقا توغرا كەلگەندە زورۈر بولغان تەلەپلەر بويىچە قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى ئامىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى ئەگەر تېكىست كىتاب ئۈچۈن تەرجىمە قىلىنىدىغان بولسا سەل ئەركىنرەك تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. ئەگەر خەنزۇچە تىلدا ئېيتىش ئۈچۈن بولسا ئەسلى ناخشىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ بىر تەرەپتىن تەرجىمە قىلىپ بىر تەرەپتىن ئاھاڭ ئۆزگۈرۈشلىرىگە دىققەت تۇرۇپ تەرجىمە قىلىش كىرەك. ھەر بىر ئاۋاز بۆلىكى يېپىق چىش تاۋۇش ھالىتى بولۇشى يەنى ئۈزۈك تاۋۇشلۇق ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىنىشى كىرەك. چۈنكى سوزۇق تاۋۇش تىل ئالاھىدىلىكى بويىچە ئوچۇق چىش تاۋۇش ئالاھىدىلىكى ئەكس ئىتىشى كىرەك. بولمىسا ناخشا ئېيتقۇچىنىڭ ئاۋازى يىتىشمەي قېلىپ ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن.
    خەلق قوشاقلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىكى يۇقارقى ئامىللار تەرجىماننىڭ ناخشا-مۇزىكا بىلىملىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى خەلق ناخشىلىرى قوشاقلىرى ئەسلىدىنلا ئاۋاز ئارقىلىق  يىتىپ كەلگەن. ناخشا ئېيتقاندا بەزىدە بىر تاۋۇشنى سوزۇپ ئوقۇيدىغان يەرگە كەلگەندە شۇ تەرجىمە قىلىنغان سۆز سوزۇپ ئوقۇشقا ماس كىلىدىغان بولۇشى كىرەك.
   باشقا زۆرۈر بىلىملەرنى كىيىنچىرەك يەنە ئوتتۇرىغا قويارمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش