يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2601|ئىنكاس: 16

ھەبىبۇللا مىجىت: ئەدەبىياتىمىزغا كېرەكلىك بولغىنى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەدەبىياتىمىزغا كېرەكلىك بولغىنى...

ھەبىبۇللا مىجىت

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور گۈللىنىش، يۈكسىلىش ئالتۇن دەۋرىنى كۈتىۋالدى. ئەدەبىيات-سەنئەت دېمۇكىراتىيىسىنىڭ كەڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى، مەتبۇئاتلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ياش كۈچلەرنى بايقاشقا، تەربىيلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى، ئەدەبىياتىمىز، جۈملىدىن ئەدىبلىرىمىز ئېرىشكەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى رىغبەت، ئاۋۇندۇرۇشلار، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى دىيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئەدەبىي پائالىيەتلىرى، ماسلاشتۇرۇشى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ كونكىرت، تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قورۇلۇشى» غا ھەر يىلى 10 مىليۇن يۈەن ئاجىرىتىشى، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سوممىسىنىڭ كۆتىرىلىشى، ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسى، شاڭخەي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا قەلەمكەشلەرنى نۆۋەت بىلەن تەربىيلەشلەر،  جەمئىيەتتە ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئاجايىپ زور تەسىر ۋە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «دەۋر مىلودىيىسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» يۈرۈشلۈك مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى ، ئۈنۈمى، داغدۇغىسى تېخىمۇ زور بولدى. ئەدىبلىرىمىز بۇ قېتىمقى مۇشائىرە پائالىيىتىدىن ئاممىنىڭ قانداق ئەسەرلەرگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك رېئالىستىك روھقا، قۇيۇق دەۋىر روھىغا تۇيۇنغان، خەلقنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر زامان ئالقىشلىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتى. قىسقىسى بۇ پائالىيەت ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل دىئاگنۇز قويغان، خەلق بىلەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئارلىقى زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان، يېقىنلاشتۇرۇلغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يەنە دىيارىمىزدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ۋە ھەر قايسى يەرلىك ئەدەبىي ژۇرناللارمۇ توختىماستىن تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە  تىگىشلىك ھەسسە قوشتى. بولۇپمۇ «تارىم» ژۇرنىلى، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق، ئانا ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك، ئاۋانگارتلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم يۈكسىلىشىگە سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى. ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان ئاپتۇرلار قۇشۇنىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈچ قېتىملىق «تارىم» سەپىرى ۋە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم «مۇنەۋۋەر ئاپتۇر» لارنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتۇرلارنىڭ  ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە ئىلھام، مەدەت بەردى. ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇشۇ بىر قاتار رىغبەتلەرنىڭ پىلانلىق، سېستىمىلىق قانات يايدۇرۇلۇشى، چىن مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلەنگەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشنى مەقسەد قىلغان.
ئۇنداقتا نۆۋەتتە ئەدىبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىگە ئەڭ جىددى كېرەكلىك بولغىنى نېمە؟ بۇ تەخىرسىز سۇئال مىنى ئۇزاقتىن بۇيان چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇپ كەلدى، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە، ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەر ۋاقت  قىستاپ كەلدى. ئەدەبىياتىمىزدا روي بەرگەن ھەر بىر نەتىجە، ئۆزگىرىشلەر ئەدەبىياتىمىزغا مۇھەببەتلىك نەزەردە بېقىپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر يېڭىلىققا ئۈمىد كۆزىدە قارىغان كىشلەرگە ئوخشاشلا مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى. مەن ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش، مۇلاھىزىلىرىم، ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا ئەدەبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغان تەخىرسىز مەسىللەر ئۈستىدە ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
1
مىنىڭچە ئەدەبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى-ئالدى بىلەن ئەدەبىياتقا بولغان چەكسىز مۇھەببەت، كۈچلۈك بېغىشلاش روھى.
مەلۇمكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئاجايىپ چاغلار ئىدى، خەلق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئاسارىتىدىن ئەمدىلا قۇتۇلۇپ، ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يېڭىلا قولغا ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشكەچكىمۇ، ئۆزىنىڭ يازغۇچى، شائىرلىرىغا ئاجايىپ ئىخلاسى بار ئىدى. ئۇلارنىڭ مۇبارەك دىدارىنى بىر كۆرىۋېلىشىنى، قەلەم تۇتقان قوللىرىنى كۆزلىرىگە سۈرتىۋېلىشنى تولىمۇ ئارزو قىلاتتى، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئەدەبىيات، ئۆزى ئوقىغان كىتابلار ھەققىدە كېچە-كېچىلەپ سوقما سۆھبەت، تەلقىنلەر ئېلىپ باراتتى، كىشىلەر يىغقان مال-دۇنياسى بىلەن ئەمەس، ئۇقىغان ئەسەرلىرى، يىغقان كىتابلىرى بىلەن ماختىشاتتى.
ئەمدى بۇ ساھەگە قارايدىغان بولساق، ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى، ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىنىڭ باشلىمىدا ھەيۋەت ئېقىپ، ئايىقىدا تامچە سۈيىمۇ قالمايدىغان ئانا دەريا تارىمغا ئوخشاپ قېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يەتمەكتىمىز. خەلقىمىز ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ يازغۇچى-شائىرلىرىنى بېشىدا كۆتىرىدۇ، قەدىرلەيدۇ، ئەمما كۆز يومۇشقا بولمايدىغان ھەقىقەت شۇكى، بىز بۇ ئىخلاس، مۇھەببەتنى، ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-90-يىللىرىغا ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرالمايمىز. چۈنكى بۇ بازار ئىگلىكى دەۋرى، ھەممە ئادەم بىرنى ئىككى قىلىشنىڭ، ئىسىل كىيىپ، نوچى يەپ-ئىچىشنىڭ، ماددى باياشاتچىلىق ئېلىپ كەلگەن پاراغەتنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشىڭ غېمىدە، مەنىۋىيەت سارىيىڭىزنىڭ تاملىرى قىڭغىيىپ ئۈرۈلۈپ چۈشسە ھىچكىم دەماللىققا بايقىيالمايدۇ، ئەمما ئۈستىبېشىڭىز ئاۋارە بولۇپ قالسىچۇ؟ ھىچكىم سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.شۇڭا پۇل تېپىشنىڭ غېمىدە قالغانلار بۇ ساھەگە كىرمىسۇن، ئەدەبىيات ساھەسى ئۆزۈڭ ھەسرەت، ئەلەم چىكىش، نامراتلىقنىڭ دەردىنى تارتىش ھىسابىغا ئوقۇرمەنلەرگە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىدىغان مەڭگۈلۈك قۇشۇمچە كەسىپ. سەن تاپقان قەلەم ھەققىڭگە تاينىپ ئەدناسى ئۆيۈڭنىڭ چاي، تۇز مەسلىسىنىمۇ تۈزۈك ھەل قىلالمايسەن. بۇ ساھەگە، بارلىقىنى ئەدەبىياتقا ئاتىغان مەرھۇم شائىر تىيىپجان ئېليۇۋ، ئابدۇكېرىم خوجا، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زۇردۇن سابىر، ئابدۇللا تالىپلارغا ئوخشاش پىداكار ئەزىمەتلەر كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ تالاي رەنجى، كۈلپەتلىرى بېشىغا ئاپئاق قىراۋلارنى ھەدىيە قىلغان بۇغدا ئابدۇللا، مۇھەممەتجان راشىدىن، ھاجى ئەھمەت كۆلتىگىن، ھاجى مىرزاھىد كېرىمىگە ئوخشاش قەيسەرلەر كېرەك. ئۇلار بىزگە ئەدەبىياتقا ئۆزىنى بېغىشلاشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ئېغىزىدا ئەمەس، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى بىلەن ئىسپاتلاپ ئىسىل ئۆرنەكلەرنى قالدۇردى ۋە قالدۇرۋاتىدۇ.
ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپكە مەڭگۈلۈك ئىشتىياق باغلاپ، ئىخلاسى بىلەن بىرىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تىگىشلىك ھەسسە قوشقان، قۇشىۋاتقان يازغۇچى شائىرلار دىيارىدىمىزدا خېلىلا نۇرغۇن. مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى، تىيىپجان ئېليۇۋ، ئابدۇكېرىم خوجا، زۇردۇن سابىر... قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاسمىنىدا يۇلتۇز كەبى چاقناپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئەدىبلەر ھاياتى، قان-تەر بەدىلىگە بىزگە بۇ جەھەتتە قىممەتلىك ئابىدىلەرنى  تىكلەپ بەردى. ئۇلار ئەدەبىيات ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى، بارلىقىنى سەرپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ئىرىشكىنىدىن يوقاتقىنى كۆپ بولدى. ئەمما ئۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن مىننەت قىلمىدى، ۋايسىمىدى. بۇ بىز جەزمەن قەدىرلەشكە، ئەزىزلەشكە تىگىشلىك روھ. بىز ئۆگىنىدىغان، يوقىتىپ قويساق بولمايدىغان روھ!
ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات قۇشۇنىغا قاراپ باقىدىغان بولساق، پۈتۈن ئىخلاسى، مۇھەببىتى بىلەن ئەدەبىيات ئىشلىرى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ تىنىمسىز ئىجاد قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم ياش، ئوتتۇرا ياش، پىشقەدەم ئىجادىيەتچىلەر قۇشۇنى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ ھال بىزنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرىدۇ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە ئۈمىدلىك ھېسلار قاينىمىغا چۆمۈلدۈرىدۇ. ئەمما ئېتراپ قىلمىساق بولمايدىغان بىر ئەجەللىك سەۋەنلىك شۇ يەردىكى، بىر قىسىم قەلەمكەشلەردە شائىر بۇغدا ئابدۇللانىڭ سۈزى بويىچە ئېيىتقاندا: «ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىش بار، ھەۋەس بار، مۇھەببەت يوق». ئەدىب-سەنئەتكارلار ئۈچۈن تالانىت مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىزچىللىق تېخىمۇ مۇھىم. ئىزچىللىقى بولمىغان ئەدىبنىڭ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرەلىشى تولىمۇ تەسكە توختايدۇ. چۈنكى ئەدەبىيات يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازىدىغان، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن پۇختا ئىلگىرلەشنى، قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان ساھە. خۇددى مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئېيىتقاندەك: «ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر پارچە ئەسىرىنىڭ ھوزۇرىنى بىر نەچچە يىل سۈرىدىغان كىشلەرگە ئەمەس، ئۈگۈتى ئۆچرەتتە تۇرغان تۈگمەنچىدەك بېسىق ھالەتتە ئىشلىيەلەيدىغان ئادەملەرگىلا نىسىپ بولىدىغان ئىش. بۇ يولغا كىرگەن ئادەمدە قۇربان بېرىش روھى بولمىسا بولمايدۇ.»①غان ساھە. بۇ ساھەدە ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى يىزىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق. بۇنىسى قىل سىغماس ھەقىقەت. بىراق شۇنداق ياخشى يىزىۋېتىپ، ئاقار يۇلتۇزغا ئوخشاش ئەدەبىيات ئاسمىنىدىن تۇساتتىنلا غايىپ بولسا، ئەدەبىيات ئاشنالىرىنىڭ ئىخلاسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەمدۇ قانداق؟ جېلىل خېلىل، غالىپ راھمانلار ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىلا يېڭىلىق يارىتىش تۇيغۇسىغا باي بىر تۈركۈم ئىسىل شېئىرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە ياش شائىرلاردىن سانالغان، ئۈمىدلىك قەدەملىرىدىن بىشارەت بەرگەن ئىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق، مەتبۇئات يۈزىدە ئۇلارنىڭ نام-شەرىپى كۈرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى. قىسقىسى ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك قىممەتلىك بولۇپ قالدى. ئېھتىمال ئۇلار خىزمەت ئالدىراشلىقى ياكى ئاللىقانداق ئىشلار سەۋەبىدىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋاقتى يار بەرمىگەندۇ
دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نۇرلۇق چولپان يۇلتۇزلارنىڭ بىرسى بولغان چىڭغىز ئايتىماتۇۋ گەرچە نەچچە يىل گىرمانىيە، ليوكسىمبۇرگ قاتارلىق دۆلەتلەردە باش ئەلچى بولۇپ تۇرغاندا بولسۇن ياكى باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن ئالدىراش بولغاندا بولسۇن يەنە توختاۋسىز ئىجادىيەت بىلەن بېرىلىپ شۇغۇللاندىغۇ؟ دىيارىمىزدىن مىسالغا ئېلىپ ئېيىتساق، مەشھۇر جامائەت ئەربابى، مەرھۇم رەھبىرىمىز سەيپىدىن ئەزىزى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقت چىقىرىپ ئىجادىيەت بىلەن تىنىمسىز شۇغۇللىنىپ «سۇتۇق بۇغراخان»، «ئۆمۈر داستانى»غا ئوخشاش يىرىك ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرىپ، قىممەتلىك مەنىۋى مىراسلارنى خەلقىمىزگە ئەستىلىك قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتىغۇ؟ جامائەت ئەربابى، شائىر تۈمۈر داۋامەتمۇ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي ئىزچىل ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدىغۇ؟ قۇمۇل دىيارىدىكى ئەل سۆيگەن ۋە ئەلنى سۆيگەن رەھبەر توختىخان ئىسمايىل خانىممۇ «ئارمانلىرىم» ناملىق شېئىرلار توپلىمىنى ئەنە شۇ جىددى خىزمەت ئىچىدىن ۋاقت چىقىرىپ يىزىپ پۈتتۈرۈپ، ئەلنىڭ ھوزۇرىغا سۈنالىدىغۇ؟! ئۇلاردىكى ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك بېغىشلاش روھى زادى قەيەردىن كەلگەن؟ بۇنى بىز ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتتىن كەلگەن دىسەك ھەرگىزمۇ خاتالاشقان بولمايمىز.
خۇلاسە كالام، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا ھىچقانداق باھانە-سەۋەب كەتمەيدۇ. مەسئۇلىيەتچان بىر قەلەمكەشكە نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۇنىڭدا تالانىتتىن باشقا، ئەدەبىياتقا ئۆزىنى شەخسىيەتسىز ھالدا بېغىشلاش روھى بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىرغا ئوخشاش 2000گىرادۇسلۇق كۆز ئەينەكنى تاقاپ تۇرۇپمۇ، ئىجادىيەت بىلەن تىنىمسىز شۇغۇللىنالايدىغان كۈچلۈك مۇھەببەت بۇلۇش لازىم. چىلىنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن مەشھۇر شائىرى پابلۇ نېرودا: «ناۋادا سىز چىلىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ قالسىڭىزمۇ يەنىلا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋېرەمسىز؟»دىگەن سۇئالغا، «ئىجادىيەت ماڭا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ھاۋاغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن نەپەسلەنمىسەم ياشىيالمايمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىگەن. دىيارىمىزدىكى ئىجادىيەتچىلەردىمۇ پابلۇ نېروداغا ئوخشاش ئەدەبىياتقا نىسبەتەن كۈچلۈك بېغىشلاش روھىنىڭ بولۇشى تولىمۇ زۈرۈر.
2
مىنىڭچە ئەدەبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى- ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەر بىر يېڭلىقنى، ئۆزگىرىشنى، ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكنى نەزىرىيىۋى يۈكسەكلىكتە شەرھىيلىيەلەيدىغان، ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان مۇنتىزىم تەتقىقات خادىملىرىنى تىزدىن يىتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىش مەسلىسى.
بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى مۇھىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىكى ھەر بىر تىنىقنى، ئۆزگىچىلىكنى ۋاقتىدا بايقىيالايدىغان «كۆز»-ئىلمىي تەتقىقات قوشۇنى بولۇش تېخىمۇ مۇھىم. دېھقان چېغىدا يىللىق ئىشلىرىنى ئالدىدىن پىلانلاپ، مول-ھوسۇل يىغقىنىدا بىر قېتىم كىرىم-چىقىمنى ھېساپلايدۇ. ھەر قايسى ساھەلەردە ئىشلەۋاتقانلارنىڭمۇ يىل ئاخىرىدا خىزمەت خۇلاسىسى بولىدۇ. ئەجىبا ئىنسان مەنىۋىيىتىنى يۈكسەكلىككە باشلىغۇچى ئەدەبىياتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە سەل قارالسا، بۇ كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ شۇنداق، ئەدەبىيات ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشقا ساھەلىرىگە ئوخشاش دەمالىققا ئىقتىسادىي قىممەت يارىتالمايدۇ. خېميىۋى ئوغۇت بەرگەن بۇغدايلىقتەك مول-ھوسۇلىنى تىزلا ئەل-جامائەتكە كۆز-كۆز قىلالمايدۇ. بىراق شۇنىڭغا قىل سىغمايدۇكى، ئەدەبىياتنىڭ رولى ئاستا-ئاستا، ئەمما مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئۇ تەكلىماكان قوملۇقىدىكى توغراقلارغا، يۇلغۇنلارغا ئوخشايدۇ. ئۇ كۈنسىرى زورىيىپ، مەنىۋىيەتتە ئاينىغان قۇم-بورانلارنى توسۇش، كۈڭۈل بوستانلىقىدىكى مىللىي، ئېتىنىك روھ، ئەنئەنە، ساددىلىق، مېھىر-مۇھەببەتكە ئوخشاش گۈزەل خىسلەتلەرنى ساقلاش، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈش رولىنى ئوينايدۇ. شۇڭا ئىنساننى گۈزەللىككە، يۈكسەكلىككە، ئىزگۈلۈككە باشلايدىغان ئەدەبىياتنىڭ  ھەر بىر تىنىقىغا ۋاقتى-سائىتىدە توغرا دىئاگنۇز قويالايدىغان ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنى بولۇش تېخىمۇ مۇھىم.
ئەدەبىيات تەتقىقاتى يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئاجىز ساھەلەرنىڭ بىرسى ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايدۇ. مىنىڭچە بۇنىڭدىكى تۈپكى سەۋەب-بۇ ساھەگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تازا دىگەندەك يىتەرلىك بولماسلىقى، ئەدەبىي تەنقىدكە ، بولۇپمۇ بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىدە ساقلانغان مەسىللەرنى دادىللىق بىلەن كۆرسىتىپ بەرگەن تەنقىد ماقالىلىرىگە كۆپ ساندىكى يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ توغرا قارىيالماسلىقى، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ تىگىشلىك ئورۇن، ئەھمىيەت بېرەلمەسلىكى، غوللۇق ئوبزۇرچىلارنىڭ ياشىنىپ قېلىشى، كەسپ ئالماشتۇرۇشى، ئىزباسارلارنىڭ بولماسلىقى ھەم قىيىنلىق سەۋەبىدىن ئىز باسار بولۇشنى خالايدىغانلارنىڭ چىقماسلىقى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ژۇرناللار ئارا ئېلىپ بېرىلىدىغان «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ژانېرىغا قاراپ باقىدىغان بولساقمۇ، بىر نەچچە قېتىملىق مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىنىڭ ئاساسەن مۇكاپاتلاش دائىرىسىگە كىرەلمىگەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە بايقايمىز. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ياكى ھەر قايسى ژۇرنالدىن ئەسەر يوللاشتا ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىغا سەل قارالغان بولۇشى ياكى يوللانغان بولسىمۇ «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەرلەرنى باھالايدىغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ نەزىرىدىن ئۆتەلمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن. پەقەت ئۆتكەن يىلىدىكى، يەنى 2013-يىلدىكى «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» نى باھالاشتا ئىككى پارچە ئەدەبىي تەنقىد ماقالىسىنىڭ مۇكاپاتلىنىشى، باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ بۇ ساھەگە ئەمدىلەتىن نەزىرىنى ئاغدۇرۋاتقانلىقىنى، ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ گۈللىنەلمەسلىكىدىكى سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرسى، يازغۇچى شائىرلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىدە يۇلۇققان بەزى مەسىللەرنى نەزەرىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يۇرۇتۇپ بېرىشكە تازا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئەدەبىي تەنقىد مەسىللىرىنى نۇقۇل ئەدەبىي ئوبزۇرچىلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدىغان كۆز قارىشى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. ئەدەبىياتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكىدەك ئېنىق ئايرىلغان خىزمەت تەقسىماتى بولمايدۇ. ئەگەر قۇربىڭىز يەتسە ھەممە ساھەگە قول تىقسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەدەبىياتىمىزدىكى ھەر بىر تىنىق، يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە ۋاقتىدا دىئاگنۇز قويۇپ، قەلەمكەشلەرنىڭ ئىجادىيىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئارتۇقچىلىقلارنى، ساقلانغان يىتىشسىزلىكلەرنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش-ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى. ئەمما، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىز مۇشۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن تازا دىگەندەك تولۇق چىقىپ بولالمايۋاتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە ئەدەبىياتىمىزدا مۇۋاپىقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدىمۇ دىگەندە، مەيلى پىروزىچىلىق، مەيلى پوئېزىيە جەھەتتە بولسۇن بىر قاتار نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رومانچىلىقىمىز مىسلىسىز گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. مۇشۇ مۇۋاپىقىيەتلەر ھەققىدە جەزمەن ئوبزۇرلار يىزىلىشى، مۇۋاپىقىيىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق توختىلىپ، يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام بىرىلىشى، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئىجادىيىتى ھەققىدە يول كۆرسىتىلىپ بىرىلىش كېرەك ئىدى. لىكىن بۇ ھەقتە بىرەر ئەكىس سادانىڭ بولماسلىقى ياكى بەك سۇس بولۇشى ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى، تىراگىدىيىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىر قەلەمكەشنىڭ ئىجادىيىتىنى خەلقىگە، باشقا ئەللەرگە تۇنۇشتۇرۇشتا، تۇنۇتۇشتا ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ. مودىرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ يىرىك ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان فىرانىز كافكا ئەدەبىيات ئىخلاسمەنلىرىگە ئانچە ناتۇنۇش ئەمەس. كافكا ۋاپات بولغۇچە ئۇنىڭ تۈزۈك نامى چىقمىغان. ئەمما ۋاپاتىدىن كىيىنلا ئۇ ئۆز خەلقىگىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلۇپ، مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. ئۇنى تۇنۇتقىنى زادى نىمە؟ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆلمەسلىكنىڭ يول خېتىنى ھازىرلىغان ئىسىل ئەسەرلىرى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە بەس-بەستە قانات يايغان ئىلمىي تەتقىقاتتۇر. شۇڭا بىر مىللەت ئەدەبىياتىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك زوق ۋە ئېستېتىك لەززەت ئېلىش ئېڭىنى تەربىيلىيەلەيدىغان، يىتەكلىيەلەيدىغان، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرالايدىغان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ناھايىتى مۇھىم.
ئەدەبىياتىمىزدا تەنقىدچىلىك قوشۇنى بارمۇ دىگەندە بار. لىكىن بىزدىكى تەنقىدچىلىك قۇشۇنىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى پارتىزان شەكلىدىكى تەنقىدچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مۇشۇ ساھەنى مۇقىم كەسىپ قىلغانلىرى تولىمۇ ئاز. بۇنداق بولۇشىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ خوشاللىقىغا قارىغاندا ھەسرىتى، ئەلىمى كۆپرەك ساھە بولغانلىقى بىلەنمۇ بىۋاستە مۇناسۋەتلىك. يەنە بىر ئەھۋال ئەمەلىي تەنقىدچىلىككە قارىغاندا ئاغزاكى تەنقىدچىلەر قوشۇنى ئەدەبىياتىمىزدا خېلىلا تەرەققىي قىلغان. ئۇلار ئاغزىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بىر ئەسىرلىك مۇساپىسىگە بىردەمدىلا دىئاگنۈز قويۇپ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ شەيئىلەرنى كۈزىتىشتىكى ئىنچىكىلىكىگە، ماھىرلىقىغا تولىمۇ ھەيران قالىسىز. بىراق ئۇلاردا ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەت، ئەتىسىگە كۆڭۈل بۈلۈش دىگەننىڭ ئىزناسىمۇ بولمىغاچقا، بۈگۈن دىگەن گىپىنى ئەتىسىلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. ھىس قىلغانلىرىنى، بايقىغانلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا يىتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك؟ مىنىڭچە ئالدى بىلەن بۇ ساھەگە قىزىققۇچىلارنى يىتەكلەپ، ئۇلارغا روھىي مەدەت بىرىشىمىز، تەنقىد ماقالىلىرىنى سۇرۇن بىلەن تەمىنلىشىمىز، يەنە ئۇلارغا تەربىيلەشكە يىتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قايسى ژۇرناللارنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا توغرا كىلىدۇ. «تارىم»، «تەڭرىتاغ»،«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «يېڭى قاشتېشى» قاتارلىق ژۇرناللار ئەدەبىي تەنقىد ماقالىلىرىغا كەڭ ئۇرۇن بېرىۋاتىدۇ. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقى» ژۇرنىلىنى تەسىس قىلىشى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنى مەخسۇس ئوبزۇرچىلىق ژۇرنىلى بولماسلىقتەك مەتبۇئات نامراتلىقىدىن قۇتۇلدۇردى. يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى گۈللەندۈرۈشنى ئىرادە قىلىپ ماھىيەتلىك بىر قەدەمنى دادىللىق بىلەن ئالغانلىقىنى ھەقىقەتەن تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ. «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقى» ژۇرنىلىنىڭ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ مۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىدا زور رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە يەنە بىرسى ھەر قايسى مەتبۇئات ئۇرۇنلىرى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ھەر بىر يېڭىلىق، ئۆزگىرىش ھەمدە تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەر ھەققىدە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلدىكى خادىملاردەك سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۈپ، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنى يىتەكلىسىمۇ بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئەدەبىياتىمىزدا بەلگىلىك تەسىرى بار يازغۇچى-شائىرلار بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدىكى قاراشلىرىنى كۆز ئېلان قىلىشمۇ، قەلەمكەشلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىسىنى يېقىنلاشتۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە تىگىشلىك نەپ بېرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. بىز قەلەمكەشلەرنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدىن ئۇلارنى تېخىمۇ چۈشىنىش، ئەسەرلىرىگە ئىچكىرلەپ كىرىش مەقسىدىگە يىتەلەيمىز. بۇنداق بىۋاستە سۆھبەتلەرنىڭ ئۇچۇرچانلىقى يۇقىرى، شۇنداقلا بەلگىلىك ساقلاش ئەھمىيىتى ۋە تەتقىقات قىممىتى بولىدۇ. بۇ سۆزىمىزگە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ مەملىكەتلىك «تۇلپار مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» دىگەن كىتابى ئەڭ ياخشى دەلىل بولالايدۇ.
مېنىڭچە ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈشتە يەنە بىرسى مەخسۇس ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان كىتابلارنى نەشر قىلىشقىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. پەقەت 2013-يىلى ئىچىدە ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزنىڭ «ئىجادىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىمىز»، «يازغۇچىنىڭ ئۆمرى»، «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»، «ئەدەبىياتىمىزدىكى چەۋەنداز يازغۇچى-ئەخەت تۇردى»، «زۇردۇن سابىر تەتقىقاتى» قاتارلىق كىتابلىرىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزو يىزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز ئارا تەرجىمە-نەشىر قىلىش قورۇلۇشى» غا كىرگۈزۈلۈپ ھەر قايسى نەشرىيات ئۇرۇنلىرى تەرىپىدىن  ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنىشى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزگە بولغان قوللاش سالمىقىنىڭ ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ كونكىرت ئىپادىسى. مۇندىن كىيىن يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلەرنى تېخىمۇ سېستىملىق قانات يايدۇرۇشى، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقى ئېنىق.
ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىرسى بۇ ساھەگە چەكسىز مۇھەببەت بىلەن كىرىپ كەلگەن ياش ئوبزۇرچىلارنى تەربىيىلەش، رىغبەتلەندۈرۈشكىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھازىرقى خىزمەت فونكىسىيىسىدىن قارىغاندا، بۇ مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كېتەلەيدۇ. ئالدىنقى يىللىرى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدا ئېلىپ بارغان ياش ئوبزۇرچىلارنى تەربىيلەش كۇرسىنىڭ ئۈنۈمى، تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولغان ئىدى. بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» دا ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنمۇ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە قاراپ باقىدىغان بولساق، مۇشۇ كۇرسقا قاتناشقانلارنىڭ ئوبزۇر ماقالىلىرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئايىقى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىمكانىيىتى يار بەرسە، مۇشۇ خىلدىكى قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان تەربىيلەش كۇرسلىرىنى داۋاملىق ياخشى تەشكىللەپ، ياش ئوبزۇرچىلارنى يىتەكلەشكە ئەھمىيەت بەرسە، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكىمۇ زور ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
3
مىنىڭچە ئەدەبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى-ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈش. ئەدەبىي تەرجىمە كۆپ مىللەتلىك ئىلىمىز ئەدەبىياتىدا ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقلارنى جارى قىلدۇرۇشتا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان مۇھىم ھالقا. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى، ئىلىمىزدىكى باشقا خەلقلەرگە يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. بىز ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دىيىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئالدى بىلەن مەملىكەت ئىچىگە يۈزلەندۈرۈشنى ئويلىشىمىز كېرەك. نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ گىپىنى قىلىشتىن بۇرۇن، مەرھۇم يازغۇچى زۇردۇن سابىر ئەپەندى ئېيىتقاندە:«لۇشۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «ماۋدۇن مۇكاپاتى»نى ئېلىشنى ئويلاش سەل ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ھەقىقەتەن پارلاق.
چىڭغىز ئايتىماتۇۋ قانداق قىلىپ دۇنياۋى مەشھۇر يازغۇچى بۇلالىدى؟ ئەڭ ئاۋۋال ئەسەرلىرى ئىسىل يىزىلدى، يەنە بىرسى ئەسەرلىرىنى بىۋاستە رۇسچە يىزىپ، پۈتۈن سوۋىت ئىتتىپاقى تەۋەسىگە يۈزلەندۈرەلىدى. ئاندىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى باشقا ئەللەرنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ زور شۆھرەت قازاندى. زاڭزو يازغۇچىسى ئالەيمۇ «چاڭ-تۇزاڭ بېسسىقاندا»غا ئوخشاش ئەسەرلىرىنى بىۋاستە خەنزو تىلىدا يىزىپ، مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا تۇنۇلالىدى. مەملىكەتلىك مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بۇلالىدى. باغراشنىڭ «كەلكۈن» ناملىق پوۋىسىتىمۇ دىلمۇرات تەلئەتنىڭ تەرجىمە قىلىشى بىلەن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ (بۇ ژۇرنالدا «كامالىدىن»دىگەن نام بىلەن ئېلان قىلىنغان) ھەرمىللەت ئوبزۇرچىللىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولۇپ قالدى. «كەلكۈن» دىگەن ئەسەر 1993-يىللىرى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتىلا بۇ ئەسەر ھازىرقىدەك شان-شەرەپكە نائىل بولغان بولسا، بەلكىم باغراش ئىجادىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ زور ياردىمى بولغان، ئىجادىيىتىنىڭ مول-ھۇسۇللۇق دەۋرىنى يارىتىشقا زور تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بۇلاتتى. مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن خەنزوچە نەشر قىلىنغان «سالغا تېشى» ناملىق توپلامغا (ئۇيغۇرچىسىنىڭ نامى«قەشقەردىكى يەر شارى» دەپ قويۇلغان) جۇتاۋ ئەپەندى: «شائىر شۈجىمۇ تۇنجى قېتىم كۆز ئەينەك تاقىغاندا ئاسماندىكى ساناقسىز يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندەك، مەنمۇ مۇنچە كۆپ ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم»② دەپ بېغىشلىما يازغانىكەن. بۇنىڭدا بىر مىللەت ئەدەبىياتىنى تۇنۇتۇشتا سۈپەت ئۆتكىلىدىن باشقا تىل ئۆتكىلىنىڭمۇ نەقەدەر زور رول ئوينايدىغانلىقىنى كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمزدە باشقا تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدىغانلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىشى، بىزنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ. لىكىن ئانا تىلىمىزدىكى ئەسەرلەرنى خەنزو تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىدىغانلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بارماق بىلەن سانىسىمۇ ئون بارماق تۇشۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بار تەرجىمانلارنىڭ كۆپىنچىللىرى ياشىنىپ قالدى. بىرلا دىلمۇرات تەلئەتكە ياكى بىر نەچچە تەرجىمانغا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممە يۈكىنى يۈكلەۋېرىشمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ مۇنچە كۆپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. شۇڭا بار ئەدەبىي تەرجىمانلارنى يىتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش  ئاساسىدا يېڭىدىن ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيلەش، يىتىشتۈرۈش، بۇ سەپنى داۋاملىق زورايتىش، ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات تەشكىلاتچىللىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت تەرتىۋىگە قويۇلۇشى كېرەك. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قورۇلۇشى» غا ھەر يىلى 10 مىليۇن يۈەن ئاجىرىتىشىنى ئەدەبىياتىمىزنىڭلا ئەمەس، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزنىڭمۇ زور ئامىتى دىيىش مۇمكىن. تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش، قەدىرلەش كېرەك.
قىسقىسى، بىزنىڭ ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك قوشۇنىمىزدا كىرزىس كۆرۈلۋاتقانلىقى كۆز يومۇشقا بولمايدىغان پاكىت. شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىدىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلار توغرىسىدا زۇمرەت قېييۇم«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2006-يىللىق29-ئىيولدىكى «گۈلشەن» بېتىدە ئېلان قىلىنغان« شىنجاڭنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىي تەرجىمىچىلىك توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسىدە كۆپ توختالغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ يەردە كۆپ توختالمايمەن.
4
ساپالىق ئايال ئەدىبلەر قۇشۇنىنى يىتىشتۈرۈشمۇ، ئەدەبىياتىمىزدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىللەرنىڭ بىرسى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مۇكەممەل رەۋىشتە راۋاجلاندۇرۇپ بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، چۇقۇم ئايال ئاپتۇرلار قۇشۇنىغىمۇ يىتەرلىك ئەھمىيەت بېرىش، ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات تەشكىلاتلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ  باش تارتىپ بولالمايدىغان بۇرچى. دەۋرىمىز ئاياللىرىنىڭ پىسخىكىسىنى، خوشاللىقى، سۈيۈنۈشى، ئازاپلىرىنى، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىچكى توقۇنۇش، ئۆزگىرىشلەرنى چىنلىق بىلەن سۆرەتلەشتە، يەنىلا ئايال ئاپتۇرلار قوشۇنى زور رول ئوينايدۇ. بەلكىم ئاياللىق قەلبىنىڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى پىشقان ئەر قەلەمكەشلەرمۇ يىتەرلىك دەرىجىدە ئىپادىلەپ بىرەلىشى مۇمكىن. ئەمما، ئايال ئاپتۇرلاردەك ئۇ دەرىجىدە چىن، يارقىن ئىپادىلەپ بېرەلمەسلىكى ئېنىق. ئاددىيسى يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئوربىتا» ناملىق پوۋىسىتىنى مىسالغا ئالساقمۇ، ئەسەردىكى باش پىرسۇناژ ئاسىيەنىڭ پىسخىك كەچۈرمىشلىرىنى، ئاياللىق قەلبىنىڭ نازۇك شىۋىرلاشلىرىنى، ئەر يازغۇچىللىرىمىزنىڭ خالىدە ئىسرائىلدەك ئۇنچىلىك ئىنچىكە، قايىل قىلارلىق ئىپادىلەپ بېرەلىشى ناتايىن ئىدى. شۇڭا دىيارىمىز ئەدەبىياتىنى ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز، رايۇنلارنى تەڭكەش راۋاجلاندۇرغاندەك ئايال ئاپتۇرلار قۇشۇنىنى زورايتىشقىمۇ كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك.
ھەر قايسى مەتبۇئاتلىرىمىز ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى مەتبۇئات بوشلۇقى بىلەن تەمىن ئىتىشتە يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلدى. لىكىن بۇ يەردىكى ئىمكانىيەت، ھەرگىزمۇ خۇددى بالىلار بايرىمى كىرىشكە ئۈلگۈرۈپ ھەر قايسى ژۇرناللاردا بالىلار ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەرلەر قايناپ كەتكەندەك، مارت ئايلىرى كىرىشكە ئۈلگۈرتۈپ ئايال ئاپتۇرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كەڭ قۇچاق ئېچىش بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئايال ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ساناقلىقلا ئىكەنلىكىنى ھەر قايسى ژۇرناللار تەخىرسىزلىك بىلەن ھېس قىلىشى، ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇشى، پىشىپ يىتىلىشىگە سۇرۇن ھازىرلاشنى مەقسەد قىلىشى كېرەك. يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خالىدە ئىسرائىل، تۇرسۇنئاي يۇنۇس، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، ئارزىگۈل تۇراپ، گۈلشەن ئابدۇبەسىر، گۈلجامال مەمتىمىن، زۆھراگۈل ئابدۇۋاھىت، زۇلپىيە كۆلتېكىن، گۈلباھار ناسىر، چىمەنگۈل ئاۋۇت، ماھىنۇر ئابدۇلىم، نۇرگۈل ئەبەي، ئايسىمە ئېدرىس، ئايمىنسا سۇلايمان، رىسالەت مەردان، رۇقىيە ئابدۇللادەك بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە يازغۇچى، شائىرە، ئوبزۇرچىلار بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئۇيغۇر ئاياللار ئەدەبىياتىنىڭ رومانچىلىقىنى تۇنجى قېتىم ئايشەم ئەخمەت خانىم باشلاپ بەرگەن تۇرۇقلۇق، بۇ خىل «ئىز» نىڭ كەينىدىن نىمىشقا باشقا ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى ھازىرغىچە سەپ-سەپ بولۇپ كۆزىمىزگە چېلىقمايدۇ؟! قىز-ئاياللارنىڭ نازۇك قەلب سىرلىرىنى، ھېسىيات توقۇنۇشلىرىنى ۋە ئۇلار دۈچ كەلگەن، دۈچ كىلىۋاتقان  ئىجتىمائىي مەسىللىرىنى ماي بوياق رەسىمدەك ئىنچىكىلىك بىلەن سۆرەتلەپ بەرگەن بىر قىسىم ئەدىبەلەرنىڭ ئىلگىرىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى ھازىر قەيەرگە كەتتى؟ بىر زامانلاردا ئەسەرلىرى مەتبۇئات يۈزىدە بەس-بەستە ئېلان قىلىنىپ، باسقۇسى ئۈمىدلىك قەدەملىرىدىن بىشارەت بۇ ئەدىبەلەر ھازىر نىمە كويدا ۋە نىمە ئويدا يۈرىۋاتىدىكىن؟!.....
يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان بىر قىسىم ئەدىبەلەرنىڭ ئىجادىيەتتە قازانغان ئۇتۇقلىرى بىزگە، بىر قەلەمكەش ئۈچۈن مەتبۇئات بوشلۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ئىچكى ئېنىرگىيەنىڭ، پۈتمەس-تۈگىمەس قىزغىنلىقنىڭ  نەقەدەر مۇھملىقىنى، ئەدەبىيات ئۈچۈن چەكسىز بېغىشلاش روھىنىڭ بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزدىكى ئايال ئاپتۇرلار قۇشۇنىدا ساقلانغان گەۋدىلىك ئاجىزلىق نىمە دىگەندە، قىزىش-سوۋۇش ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر  ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىش كېرەك. ئايال ئاپتۇرلار ئىجادىيەتكە دەسلىپىدە شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن كىرىشكەنۇ، داۋاملاشقانچە سوۋۇشقا يۈزلەنگەن، ئىجادىيىتىنىڭ دەسلىپى گەۋدىلىك بولغانۇ، بارغانچە مەتبۇئات يۈزىدە ئىسمى كۆرۈنمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۈرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئايال ئاپتۇرلارغا ئەڭ كېرەكلىك بولغىنى، ئۇلارنى ئىجادىيەت بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشقا ئۈندەش، چەكسىز رىغبەتتىن ئىبارەت. بۇ ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇلىيەت ۋە مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان ھەر بىر شەخىسنىڭ باش تارتىپ بولالماس بۇرچىدۇر. ئىشىنىمزكى، يېقىن كەلگۈسىدە ئەدەبىياتىمىزدا قەلەم قۇۋۋىتى كۈچلۈك، بەدىئى تەربىيلىنىشى مۇكەممەل، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان زور بىر تۈركۈم ئايال ئەدىبلەر قوشۇنى يىتىشىپ چىقىدۇ.
5
ئۆزۈكسىز ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش- دىيارىمىز ئەدىبلىرى  سەل قاراشقا بولمايدىغان تەخىرسىز مەسىللەرنىڭ بىرسى.
ئەدەبىياتىمىزنى مەملىكەت ئىچىگە، دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئىلىمىز ئەدەبىياتىنىڭ، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن، ھەر بىر تىنىق، ئۆزگىرىشلىرىدىن ھەر ۋاقت خەۋەردار بولۇپ تورىدىغان، ئىجادىيەت ماھارىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان ساپالىق ئەدىبلەر قۇشۇنى تولىمۇ مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن تىنىمسىز ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. مىنىڭچە بۇ جەھەتتە ئەدىبلىرىمىز تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقى كېرەك: بىرىنچىدىن، ئىجادىيىتىگە پايدىلىق بۇلىدىغانكى پەننى بىلىملەرنى ئۆگىنىشتىن باش تارتماسلىقى كېرەك. ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش دائىرىسى ئۆزىنىڭ قىزىقىش دائىرىسىدىن ھالقىيالمايۋاتقانلىقى بىر ئەمىلىيەت. باشقا ساھەلەرنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىشكە، نۆۋەتتىكى پەن-تېخنىكا مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇشقا ئەدىبلىرىمىز يەنىلا سەل قاراۋاتىدۇ، شۇڭا ئەسەرلىرىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە ئەدەبىياتىمىزدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتىردىكى، ئىلمىي، فانتازىيە تۈسىدىكى، رازۋېت خاراكتىردىكى ئەسەرلەر غايەت زور بوشلۇق بولۇپ تۇرماقتا. بۇمۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھەر تەرەپلىمە تەربىيلىنىشكە سەل قارىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. ئىككىنچىدىن، ئەدىبلىرىمىز ئانا تىلىغا ماھىر بولۇشتىن باشقا، جەزمەن يەنە بىر نەچچە تىللىق بولۇشقا كۈچىشى كېرەك. كۆپ تىللىق بولۇش ئەدىبلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە، بەدىئى ماھارىتىنى ئۆزۈكسىز ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مىڭ ئەپەندىنىڭ ئىجادىيەتتە ئۆزۈكسىز مۇۋاپىقىيەت قازىنالىشى، بىر يازغۇچى ئۈچۈن  ئۆگىنىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتى ئەمەسمۇ؟ ۋاڭ مىڭ ئەپەندى مەردانىلىق بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى «مېنىڭ ئىككىنچى ئانا تىلىم»③ دەپ ئېتراپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىپ دۇنيانى كۈزىتىدىغان يەنە بىر جۈپ ئارتۇق كۆز گە ئىگە بولغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەمەسمىدى؟! قوش تىللىق يازغۇچى غەيرەت ئاسىمنىڭ «كېپىنەك دەۋرى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن 2012-يىلى شاڭخەيدە، «ۋاقىتنىڭ پىنھان يۈزى» ناملىق رومانى ھەققىدە 2013-يىلى خۇنەن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈشى، خەنزۇ تەقرىزچىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىشى، بىر يازغۇچى  ئۈچۈن ئۆگىنىشنىڭ، كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ نەقەدەر زۈرۈرلۈكىنى ئەمەلىي ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. ئەگەر يازغۇچى غەيرەت ئاسىم ئۆزىدىكى خەنزۇ تىلىنى بىلىشتەك ئەۋزەللىكىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ داۋاملىق ئانا تىلدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شاڭخەيدە ۋە خۇنەندە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر يازغۇچىسى بۇلالارمىدى؟ خەنزۇ تەقرىزچىلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسىگە كىرەلەرمدى؟ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تىلغا ئېلىنسا خەنزۇ تەقرىزچىلىرىنىڭ كۆز ئالدىغا ھېلىھەم تىيىپجان ئېليۇۋ، ئابدۇكېرىم خوجايۇپ قاتارلىق ساناقلىقلا كىلىدىكەن. ئەدەبىياتىمىزدا بەدىئى ماھارىتىنى نامايەن قىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەدىبلەرنى بىلمەيدىكەن. مەن ئۆتكەن يىلى خۇنەن ماۋزېدۇڭ ئەدەبىيات ئىنىستۇتىدىكى بىر ئايلىق تەربىيىلىنىش جەريانىدا بۇنى چۇڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئىلىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز، نۇقۇل ئەدەبىي تەرجىمىگە تايىنىپ قېلىشتەك ئەھۋالغا پەيدىنپەي خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك.  چۇقۇم ئەدىبلىرىمىز بىخۇدلۇق، ئۆزىگە مەپتۇن بولۇپ كېتىش ئىدىيىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ كۆپ تىللىق بولۇشىغا كۈچىشى كېرەك.  ئۈچىنچىدىن، چەتئەل كىلاسسىكلىرى، خەنزو يېڭى دەۋىر ئەدىبلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر ئەدەبىياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى يارىتىشتا كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن پىشقەدەم ئەدىبلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك تەجىرىبىللىرىدىن ئۆگىنىشى كېرەك. ئەدەبىياتىمىزنىڭ تېما دائىرىسى نىمە ئۈچۈن تارىخىي تېما، ئۈچ بۇرجەكلىك مۇھەببەت، تەنقىد تىپىدىكى بىر نەچچە تېمىلار ئەتراپىدا داۋاملىق پىقىراپ تۇرىدۇ دىگەندە، بۇ ئەدىبلىرىمىزنىڭ بەدىئى تەربىيلىنىشى بىلەن زور دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. نىمە ئۈچۈن يېقىنقى مەزگىلدىكى رومانچىلىقىمىزدا كىشىگە ئۇزاققىچە ھەمرا بولىدىغان، روھىمىزدا زىلزىلە پەيدا قىلالايدىغان ھارارەتلىك بەدىئى ئوبرازلار ئۇچرىمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بىر روماننى ئوقۇپ بولغۇچە كىشىنى خاتىرىسىگە كۆچۈرۋېلىشقا ئۈندەيدىغان بىر نەچچە ھېكمەتلىك ئىبارىلەر ئۇچرىمايدۇ؟ نىمە ئۈچۈن خېلى كۆپ رومانلاردىكى پىرسۇناژلار بىر قېلىپتا قۇيغاندەكلا سۆزلەيدۇ؟ يەنە نىمە ئۈچۈن ھەممە رومانلارنىڭ سۇژىت لىنىيىسى بىر قېلىپتا قۇيغاندەكلا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ؟! كېسەل جۈملىلەرنىڭ قەدەمدە بىر ئۇچرىشىچۇ تېخى؟!!!...
بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشكە تازا دىگەندەك ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنىڭ تىپىك ئىپادىسىدۇر. ئۆگىنىش-بىر يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇشتىكى، بەدىئى ماھارىتىنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل. ئېلىمىزنىڭ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچىسى مويەن ئەپەندى: «بىر يازغۇچى ياكى بىرەر سەنئەتكار تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغاندا، ھەدىسىلا تەكرارلايدىغان بولۇپ قالغاندا، يېڭى پىكىرگە كۈچى يەتمەيدىغان بولۇپ قالغاندا بۆسۈپ چىقىپ كېتىمەن دەيدىغان نىيەتكە كەلگەن بولسا، سىرتتىن ئۆگىنىش كېرەك»④دىگەن ئىدى. مويەن ئەپەندىنىڭ يۇقارقى سۆزىدىن ئۆگىنىشنىڭ بىر ئەدىبنىڭ ئىجادىيىتىدە قانچىلىك زور سالماقىنى ئىگەللەيدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.  بىر مىللەت ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تۇنۇتىدىغىنى ئۇنىڭ قانچىلىك ئەدىبلەر قۇشۇنىغا ئىگە بولغانلىقى ئەمەس، بەلكى ساپالىق ئەدىبلەر قۇشۇنى. بىر مىللەت ئەدەبىياتى ساناقلىقلا بولغان ئەدىبلىرى بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، يۈكسىلىدۇ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشىدۇ. ئەگەر قەلبىگە يۈكسەك ئارمانلارنى پۈككەن قەلەمكەش ئۆگىنىشنى بىر كۈن توختىتىدىكەن، ئۇنىڭ ئەدەبىيات ئالىمىدە ئۇزاققىچە چاقنىشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بەلكىم بەزى قەلەمكەشلەر ئىلگىرى ئۆگەنگەنلىرىگە، يىتىشتۈرگەن بەدىئى ماھارىتىگە تايىنىپ بىر مەزگىل ئىجادىيەت مەيدانىدا چاڭ چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق ئۇنىڭ ئاشۇ سەۋىيەسىدىن مەڭگۈلۈك ھالقىيالىشى ناتايىن. ئۇنىڭ  يازغانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى دەماللىققا تارتالىغىنى بىلەن ئاخىرغىچە ئاشۇ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنى ساقلاپ قالالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى دۇنيا ئۆزگىرىۋاتىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرايدىغان، تارتىدىغان، چاچىدىغان كۆڭۈل ئېچىش ۋاستىللىرى بارغانسىرى رەڭدارلىشىۋاتىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك تەلىپى بارغانسىرى يۇقىرلاۋاتىدۇ. ئىنساننى ئىپادىلەش ئۇبيىكتى قىلغان ئەدەبىياتمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى ئىشتىھاسىغا ماس ھالدا يۈكسىلىشى كېرەك. ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنى يىتەكلىشى كېرەك. لىكىن ئەدەبىياتىمىز ھېلىھەم بىر نەچچە تېما دائىرىسىدىن تۈزۈك ھالقىپ چىقالمايۋاتىدۇ. ئەدىبلىرىمىز نەزىرىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىكلەرگە تىكەلمەيۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشكە سەل قارىشى سەلبىي يىتەكچى رول ئويناۋاتىدۇ. ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرسى ئىلىمىز ئەدەبىياتىدىكى نەمۈنىلىك ئەسەرلەردىن ئۇزۇق ئېلىشى بەكلا يىتەرسىز. بىزنىڭ خېلى كۆپ ساندىكى ئەدىبلىرىمىز «سۇ بۇيىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» قاتارلىق ساناقلىقلا كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇش بىلەن كۇپايىلىنىپ قالغان. خېلى كۆپلىرى «بەيلۇ تۈزلەڭلىكى»، «پاقا»، «ھايات-مامات ھارغىنلىقى» قاتارلىق يېڭىچە بەدىئى ماھارەت بىلەن يىزىلغان ئەسەرلەرگە نەزىرىنى تۈزۈك سېلىپمۇ قويمىغان. يەنە بىرسى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلىك ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا، بەدىئى ماھارىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەدىبلىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى 20-ئەسىردىن بۇرۇنقى نامايەندىلەردىن شېكىسپىر، سىرۋانتىس، گىيۇت، دانتې، دىككىنىس، فىلوبىر، تولىستۇي، دۇستۇيېۋىسكى، ستېندال، چىخۇپ، پۇشكىن قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن بىر قەدەر تۇنۇش. لىكىن 20-ئەسىردىكى نامايەندىلەردىن جامېس جويىس، كافكا، فولكنېر، فېزجىرالد، سائول بىللۇۋ، يۇسېف ھېللىر، نۇرمان مېيلېر، كالۋىنو، ئاپدايك...لارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئاساسەن ئۇچرىشىپ باقمىغان. ئاددىيسى بىر-بىرىنىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقىمۇ تۈزۈك ۋاقت ئاجراتمايدىغانلارمۇ، ئەدىبلەر قۇشۇنىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك ئىشقا سەل قارىمىغىنى تۈزۈك. تۆتىنچىدىن، ئەدىبلىرىمىز تۆت تامنىڭ ئىچىگە بېكىنىپ تۇرۋالماي، خىيالىدىلا پۈتۈن دۇنيانى سەيلى قىلىپ پىرسۇناژلىرى بىلەن سىردىشىپ تۇرۋالماي، قايناق تۇرمۇش رىئاللىقىغا بېرىشى كېرەك. ئامما بىلەن كۆپ سىردىشىپ ئۇلارنىڭ دەردۇ-ھالىنى، ئارزو-ئارمانلىرىنى ئىگەللەپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىشى كېرەك. بەزى ئەدىبلىرىمىزنىڭ ياراتقان پىرسۇناژلىرىنىڭ يا قېنى يوق يا جېنى يوق رەۋىشتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈزۈك قىزىقىشىنى قوزغىيالماسلىقى، دەل شۇ ئەسەرنىڭ تۇرمۇش ئاساسىنىڭ پۇختا بولماسلىقى بىلەن بىۋاستە مۇناسۋەتلىك. «بىر ياخشى ئەسەر ئاپتۇر تۇرمۇشنى پىششىق ۋە چۇڭقۇر بىلگەندىلا، ئاندىن پەيدا بولالايدۇ. مەلۇم ۋەقەنى ئاڭلاپ(ياكى ماتىرىيالدىن كۆرۈپ)، ئۇنىڭغا ئالدىنئالا تەييارلانغان مەلۇم ئىدىيەنى سىڭدۈرۈش يولى بىلەن ئىجاد قىلىنغان ئەسەر قارىماققا يامان ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇ ھامان ئوقۇغۇچىدا چۇڭقۇر ھاياجان ۋە ئويلىنىش پەيدا قىلالمايدۇ. بۇنداق ئەسەرلەرنى كىشىلەر ئوڭايلا ئۇنتۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئەسەر يېزىش ئۈچۈن، بولۇپمۇ ياخشى ئەسەر يېزىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ قايناملىرى ئىچىگە باش چۆكۈرۈپ كېرىش كېرەككى، ھەرگىزمۇ بۇ قاينامنىڭ چۆرىسىدە پىرقىرىماسلىق كېرەك»⑤
ئەدەبىياتىمىزغا كېرەكلىك بولغانلىرىدىن يەنە قەلەمكەشلەرنى تەشكىللەش، ئۇلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەربىيىلەش، ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش مەسلىسىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇندىن باشقا ھەر قايسى ژانېرلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ساقلاش، يەنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نىسبەتەن ئاجىز ھالقا سانىلىدىغان نەسىرچىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان داستانچىلىقنى قۇتقۇزۇش مەسلىسىنىمۇ جىددى ئويلىنىپ بېقىشقا تىگىشلىك مەسىللەرنىڭ بىرسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئارتۇقچە بولسىمۇ قىستۇرۇپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بىر تەرەپ شۇكى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان دىيارىمىزدىكى ھەر قايسى ژۇرناللار مەيلى ژۇرنال بېتىنى لاھىيلەش، مەيلى ئەسەر تاللاش جەھەتتىن بولسۇن ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچىلىكنى، يەرلىك پۇراقنى، خاسلىقنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ. ئىمكانىيىتى يار بەرگەن بىر قىسىم ناھىيەلەرمۇ ژۇرنال چىقىرىپ، ئاپتۇرلار قۇشۇنىنى يىتىشتۈرۈش، تەربىيلەشكە زور كۆلەمدە ئەھمىيەت بىرىۋاتىدۇ، بۇ خوشاللىنىشقا ئەرزىيدىغان بىر ياخشى باشلىنىش. ھەر قايسى تەھرىراتتىكى خادىملار يېڭىلىق يارىتىش مەۋقەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇمكىن بولسا ھەر بىر سان ژۇرنالدا، نوقتىلىق قىلىپ ئۆز يېرىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەرنىڭ ئەڭ ياخشى دىگەن ئەسىرىدىن بىر پارچىنى(شېئىرىي ئەسەرلەردىن بىر نەچچە پارچە) ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ بېقىشقا تىرىشسا، يەنى ھەر بىر سان ژۇرنالدا بىردىن قەلەمكەشنى ئوتتۇرغا چىقىرىپ، ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئوبزۇرلارنىمۇ ئېلان قىلسا، بۇنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ھەر قايسى تەھرىراتتىكىلەر مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى ئىزچىل قوللىنىپ ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىنى يىتەكلەشكە داۋاملىق ئورۇنۇپ بېقىشمۇ ياخشى ئۇسۇل ھېساپلىنىدۇ.
قىسقىسى ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتە پۇرسەتمۇ بار، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قىيىنچىلىق، خىرىسمۇ بار، ھەر بىر قەلەمكەشنىڭ باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىمۇ بار. بۇنىڭ ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى قەلەمكەشلەر بىر نىيەت، بىر مەقسەدتە ھەمكارلىشىپ، يېڭى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى تولىمۇ زۈرۈر.

ئىزاھاتلار:
① ئارسلان تالىپ، زۇمرەت قېييۇم: «شەھەر ئەدەبىياتى ۋە سانائەت تېمىسى»سۆھبەت خاتىرىسى، «تەڭرىتاغ» 2007-يىل 6-سان 29-بەت
② ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى تۈزگەن:«سالغا تېشى»(خەنزوچە)، مىللەتلەر نەشرىياتى2000-يىل 12-ئاي بىرىنچى نەشرى، 9-بەت
③ شۆھرەت مۇھەممىدى تۈزگەن: «ۋاڭ مىڭ ۋە ئۇيغۇرلار»(1)، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت-فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى، شىنجاڭ ئېلېكترون ئۈن-سىن نەشرىياتى 2010-يىل 1-ئاي 2-بېسىلىشى،
④ مويەن: «گەپ قىلغىلى بولمايدىغان دەۋىر-ئازادلىق ئارمىيە ئىنىستىتۇتىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق»، ئىمىن ئەخمىدى تەرجىمىسى، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى»، 2013-يىللىق1-2-سان
⑤ زۇردۇن سابىر: «يازغۇچى بولماق تەس»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011-يىل 7-ئاي 1-نەشرى، 1-2-بەت


«شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىقى»  ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 12:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-26 12:13:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئوبدان يېزىلىپتۇ ، لېكىن خەنزۇچىغا «كامالىدىن» دەپ تەرجىمە قىلىنغىنى «كەلكۈن» دېگەن پوۋېستقۇ دەيمەن . خاتالاشقان بولسام كەچۈرۈڭلار بۇرادەرلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qongkurqak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 12:13  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 12:25:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق، «كەلكۈن» ناملىق پوۋېست ئىدى، خاتا كىتىپ قاپتۇ، ئۆزگەرتىپ قويدۇم، سەھۋەنلىكىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن چۇڭقۇرچاق ئەپەندىگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-2-26 13:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھېبىبۇللاھنىڭ  قەلەم دەۋىتى ئەلبەتتە ئورۇنلۇق...تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2015-2-26 15:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىياتىمىزدىكى ماھىيەتلىك بىر مەسىلە تولىمۇ قايىل قىلارلىق يورۇتۇلۇپتۇ. ھەبىبۇللانىڭ ئەجرىگە تەسەننا!

ۋاقتى: 2015-2-26 16:01:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      دوستىمىزنىڭ بۇ ماقالىسىنى ژۇرنالدىن ئوقۇغانىدىم. پىكىر-قاراشلار ئورۇنلۇق، خۇددى ئۇنىڭ ئۆزىدەك سالماق ۋە سىلىق سىپايە. ئەمما سەلقارىغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بولۇپمۇ، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ توختاۋسىز ئۈگىنىپ تۇرۇشى توغرىسىدىكى تەشەببۇسنى ھەر ۋاقىت ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.

ۋاقتى: 2015-2-26 16:31:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئەدەبىياتىمىزغا ئەڭ كىرەك بولىدىغىنى ساپالىق ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت

ۋاقتى: 2015-2-26 19:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تولىمۇ ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغان ماقالە بوپتۇ. ھەر قايسى نۇقتىلار جەھەتتە ئايرىم-ئايرىم توختىلىپ ،يورۇتۇپ بېرىلگىنى، بولۇپمۇ ئەدىب ئەدىبىلەرنى توختىماي ئۈگنىش ئىزدىنىشكە چاقىرىق قىلىشى  بەكمۇ ياخىش بوپتۇ. مەن ئىنچىكىلىك بىلەن يېزىلغان بۇ ماقالىدىن ئۆزۈمنىڭ يەنە نىمىلەرگە بەكرەك كۈچىشىم كېرەكلىكىنى تېخىمۇ ھىس قىلدىم.

ۋاقتى: 2015-2-26 22:04:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق زور گۈللىنىش، يۈكسىلىش ئالتۇن دەۋرىنى كۈتىۋالدى. ئەدەبىيات-سەنئەت دېمۇكىراتىيىسىنىڭ كەڭ جارى قىلدۇرۇلۇشى، مەتبۇئاتلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ياش كۈچلەرنى بايقاشقا، تەربىيلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشى، ئەدەبىياتىمىز، جۈملىدىن ئەدىبلىرىمىز ئېرىشكەن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى رىغبەت، ئاۋۇندۇرۇشلار، ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى ئەسىردىكى تەرەققىياتىدا كۈچلۈك تۈرتكىلىك رول ئوينىدى دىيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئەدەبىي پائالىيەتلىرى، ماسلاشتۇرۇشى ئىلگىرىكى يىللارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ كونكىرت، تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قورۇلۇشى» غا ھەر يىلى 10 مىليۇن يۈەن ئاجىرىتىشى، «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» سوممىسىنىڭ كۆتىرىلىشى، ھەر خىل ئىلمىي مۇھاكىمە پائالىيەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ جەنۇبىي تاغدىكى ئىجادىيەت بازىسى، شاڭخەي، خۇنەن قاتارلىق جايلاردا قەلەمكەشلەرنى نۆۋەت بىلەن تەربىيلەشلەر،  جەمئىيەتتە ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدە ئاجايىپ زور تەسىر ۋە كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىل 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 20-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «دەۋر مىلودىيىسى-شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» يۈرۈشلۈك مۇشائىرە پائالىيىتىنىڭ ئامما ئارىسىدىكى تەسىرى ، ئۈنۈمى، داغدۇغىسى تېخىمۇ زور بولدى. ئەدىبلىرىمىز بۇ قېتىمقى مۇشائىرە پائالىيىتىدىن ئاممىنىڭ قانداق ئەسەرلەرگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن نىمىلەرنى كۈتىدىغانلىقىنى، كۈچلۈك رېئالىستىك روھقا، قۇيۇق دەۋىر روھىغا تۇيۇنغان، خەلقنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرالايدىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر زامان ئالقىشلىنىدىغانلىقىنى ھەقىقىي تۇنۇپ يەتتى. قىسقىسى بۇ پائالىيەت ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىگە يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل دىئاگنۇز قويغان، خەلق بىلەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ ئارلىقى زور دەرىجىدە يېقىنلاشقان، يېقىنلاشتۇرۇلغان تولىمۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولدى.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا يەنە دىيارىمىزدىكى ئانا ژۇرنال «تارىم» ۋە ھەر قايسى يەرلىك ئەدەبىي ژۇرناللارمۇ توختىماستىن تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە  تىگىشلىك ھەسسە قوشتى. بولۇپمۇ «تارىم» ژۇرنىلى، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئەڭ نۇپۇزلۇق، ئانا ژۇرنال بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك، ئاۋانگارتلىق رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ قەدەممۇ-قەدەم يۈكسىلىشىگە سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى. ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشقان ئاپتۇرلار قۇشۇنىنىڭ تەربىيىلىنىشىگە، نەزەر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈچ قېتىملىق «تارىم» سەپىرى ۋە ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم «مۇنەۋۋەر ئاپتۇر» لارنى باھالاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتۇرلارنىڭ  ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا زور دەرىجىدە ئىلھام، مەدەت بەردى. ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى مۇشۇ بىر قاتار رىغبەتلەرنىڭ پىلانلىق، سېستىمىلىق قانات يايدۇرۇلۇشى، چىن مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا ئەدەبىياتىمىزنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، ئىلىمىزنىڭ كۆپ مىللەتلىك ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن دۇنيا ئەدەبىياتىغا يۈزلەنگەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشنى مەقسەد قىلغان.
ئۇنداقتا نۆۋەتتە ئەدىبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىگە ئەڭ جىددى كېرەكلىك بولغىنى نېمە؟ بۇ تەخىرسىز سۇئال مىنى ئۇزاقتىن بۇيان چۇڭقۇر ئويلاندۇرۇپ كەلدى، بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە، ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا ھەر ۋاقت  قىستاپ كەلدى. ئەدەبىياتىمىزدا روي بەرگەن ھەر بىر نەتىجە، ئۆزگىرىشلەر ئەدەبىياتىمىزغا مۇھەببەتلىك نەزەردە بېقىپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر يېڭىلىققا ئۈمىد كۆزىدە قارىغان كىشلەرگە ئوخشاشلا مىنى تولىمۇ سۈيۈندۈردى. مەن ئۇزۇن يىللىق كۈزىتىش، مۇلاھىزىلىرىم، ئىزدىنىشلىرىم ئاساسىدا ئەدەبىياتىمىزغا، ئەدىبلىرىمىزگە ئەڭ كېرەكلىك بولغان تەخىرسىز مەسىللەر ئۈستىدە ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلىپ قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
قىسقا بولۇش بىلەن مېغىزلىق بولۇشمۇ ئەققەللىي تەلەپلەر جۈملىسىدىندۇر. يۇقارقى ھەشقاللانامەنىڭ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ؟ ...

ۋاقتى: 2015-2-26 22:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايال ئاپتورلارغا يېتەرلىك بوشلۇق بېرىش.........ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن.

ۋاقتى: 2015-2-26 22:44:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: ھەبىبۇللا مىجىت: ئەدەبىياتىمىزغا كېرەكلىك بولغىنى...

ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمزدە باشقا تىللاردىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلدىغانلارنىڭ خېلى كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىشى، بىزنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ. لىكىن ئانا تىلىمىزدىكى ئەسەرلەرنى خەنزو تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىدىغانلار ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا بارماق بىلەن سانىسىمۇ ئون بارماق تۇشۇپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بار تەرجىمانلارنىڭ كۆپىنچىللىرى ياشىنىپ قالدى. بىرلا دىلمۇرات تەلئەتكە ياكى بىر نەچچە تەرجىمانغا ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممە يۈكىنى يۈكلەۋېرىشمۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ. چۈنكى ئۇلارمۇ مۇنچە كۆپ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايدۇ. شۇڭا بار ئەدەبىي تەرجىمانلارنى يىتەكلەش، رىغبەتلەندۈرۈش  ئاساسىدا يېڭىدىن ئەدەبىي تەرجىمانلارنى تەربىيلەش، يىتىشتۈرۈش، بۇ سەپنى داۋاملىق زورايتىش، ھەر دەرىجىلىك ئەدەبىيات تەشكىلاتچىللىرىنىڭ مۇھىم خىزمەت تەرتىۋىگە قويۇلۇشى كېرەك. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ۋە ئاز سانلىق مىللەت، خەنزۇ يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆز-ئارا تەرجىمە-نەشر قىلىش قورۇلۇشى» غا ھەر يىلى 10 مىليۇن يۈەن ئاجىرىتىشىنى ئەدەبىياتىمىزنىڭلا ئەمەس، ئەدەبىي تەرجىمىچىلىكىمىزنىڭمۇ زور ئامىتى دىيىش مۇمكىن. تەستە قولغا كەلگەن بۇ پۇرسەتنى جەزمەن چىڭ تۇتۇش، قەدىرلەش كېرەك.
-------------------------------
     ماقالىنى بىر قۇر ئۇقۇپ چىقتىم. يۇقارقى تەرجىمىچىلىك توغرىسىدىكى  قاراشلارغا مۇنداق جاۋاب بەرگۈم كىلىدۇ.
ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ ئىچىدە خەنزۇچىگە راۋۇرۇس تەرجىمە قىلالايدىغان ھەر-ھەر تەرجىمانلار بار. لىكىن تەرجىمە قىلغاندىن كىيىن جاپاسىنىڭ ھالاۋىتى يوق.  ئەگەر تەرجىمىگە چۇشلۇق ھەق بىرىدىغان بولسا ئۇنداق ئادەملەر ساماندەك.  
      تەرجىمەچىلىك خۇددى دوختۇرلۇققا ئوخشاش يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىتىشىپ چىقىدىغان كەسىپ. ھەر يىلى تەربىيەلەش ئارقىلىق سەپنى زورايتقىلى بولمايدۇ.  
     مۇشۇ ماقالىنى يازغان ئاپتۇردىمۇ بەلكى شۇنداق قاراش بولۇشى مۇمكىن. يەنى: تەرجىمان يامغۇر ياققاندا ئەسكە ئالىدىغان، يامغۇر توختىغاندا تاشلىۋەتكۈسى كىلىدىغان كۈنلۈككە ئوخشايدۇ.
  ----------------------------  
       شۇڭا بۇ ماقالىدە ئالدىن تەتقىق قىلىش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا  قارىسىغىلا دەپ تاشلىغان نۇرغۇن پىكىرلەر بار.  
خۇددى باشلىق سۆھبەت يىغىنىدا  پىكىر بايان قىلغاندەكلا تۇيغۇ بىرىدۇ. ئادەمنىڭ ئاچقان يېرىگە بارمايدۇ.
    ھەبىبۇللاردەك بىر قەلەم ئىگىسىنىڭ بۇنداق كونا مۇقامنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ئاسان كىچىككە كىرىۋالغانلىقىغا ئادەمنىڭ ئەقلى سىغمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 22:46  


ۋاقتى: 2015-2-26 22:52:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە راست ، ماۋۇ تىمىدىكى ماقالىلەر توردا  ساماندەك ،  ئۇنىڭدىن كۆرە بىزگە قانداق ئەدەبىيات كىرەك دېگەننى يازغان بولسىمۇ يېڭى پىكىر چىقاتتىمىكى-تاڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arttekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-26 22:53  


ۋاقتى: 2015-2-26 22:55:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ  بۈگۈنى ۋە كەلگۇسىگە بولغان يۈكسەك مەسئۇلىيەت ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن يېزىلغان بۇ ماقالىنى ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقىپ،ماقالە ئاپتۇرى-ھۆرمەتلىك ئىنىمىز ھەبىبۇللا مىجىتنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن سوقۇۋاتقان يۈرىكىدىن ياڭرىغان سادانى ئاڭلىغاندەك بولدۇم.ئىشىنىمەنكى ،بۇ ئېزگۈ سادا ئەدەبىياتىمىزغا كۆڭۈل بۆلۇشنى بۇرچۇم دەپ تونۇيدىغان ھەربىر قەلىبدە ئەكىس سادا پەيدا قىلىپ كۈچلۈك ئومۇمى خورغا ئايلانغۇسى...
ئاپتۇرغا تەشەككۇر ۋە ئىھتىرامىم يەتكەي!

ۋاقتى: 2015-2-27 18:53:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوللاش ۋە قوزغاشقا بولغان بۇرچ تۇيغۇ،ۋە ھەر بىر ئەدىپتىكى ئۆزىنى ئىپادىلەشكە ئىنتىلىدىغان روھ كەمچىللىك مەسىلىسىمۇ ...

ۋاقتى: 2015-3-8 13:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ، پايدىلىنىش قىممىتى ھەم يۇقۇرى ئىكەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش