يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 947|ئىنكاس: 32

ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى: بىلمىدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يىل 12-فېۋرال مىھرىبان ئانام تۇيۇقسىز ئۇ ئالەمگە كىتىپ قالدى. بۇ ھەسرەت نادامەتنى ئىچىمگە سىغدۇرالماي، ئەقىلسىزلىگىم تۈپەيلى ئاچچىق پۇشايمان ئىچىدە ئۆرتۈنۈپ يۈرمەكتىمەن. ..............

بىلمىدىم

ئەكبەر ئابدۇرېشىت تاشيولچى

بىلمىدىم سەن نەدە؟.. پەقەت بىلمىدىم،
كۆكسۈمدىن قان كەتتى ئىڭراپ يىغلىدىم،
بۇ زەئىپ  تىنىمگە  ئۆلۈم  تىلىدىم،
قۇچاقلاپ قەبرەڭنى ئۇزاق سىلىدىم،
ئاھ ئانا! كەتكەنسەن قاچان؟ بىلمىدىم.

ئىچىمدە ئوت كۆيدى، چىقماي تېشىمغا،
مىڭ پاتمان غېرىپلىق چۈشتى بېشىمغا،
ئۆرتىنىش ئازابى سىڭدى يېشىمغا،
كېلەمسەن جان ئانا قايتا قېشىمغا؟،
تۈگەرمۇ بۇ ھەسرەت ئاسان؟ بىلمىدىم.

سىماسى كۆزۈمدىن زادى كەتمىدى،
چاقىرسام، باقىغا ئۈنۈم يەتمىدى،
بىر چىقىپ تۇپراقتىن باغاش ئەتمىدى،
ئاھ-زارىم، نالەممۇ يا ئەسقاتمىدى،
چۈشۈمدە بۇلارمۇ ئايان؟ بىلمىدىم.

مىھرىدە يۈزلەرچە قۇياش بار ئىدى،
باغرىغا مۇھەببەت سۆيگۈ يار ئىدى،
بالام!-دەپ، بىز ئۈچۈن بەر قارار ئىدى،
ھەر ۋاقىت خۇش ئىللىق نەۋباھار ئىدى،
بۇ قانداق تۇيۇقسىز ھىجران؟ بىلمىدىم.

چوڭ-كىچىك ھەممىگە ئوخشاش كۈيەتتى،
بارمىسام، ھەپتىلەپ ساقلاپ كۈتەتتى،
كۆرۈشسەك قولۇمنى تۇتۇپ سۈيەتتى،
ئاغرىسام، تىپىرلاپ غەمدە يۈرەتتى،
سېغىنسام ئىزدەرمەن قايان؟ بىلمىدىم.

ئۆي تۇتۇپ، ئانامنى بېقىپ باقمىغان،
ئوت بولۇپ، سۈيىدە ئېقىپ باقمىغان،
بىر نۆۋەت تىزىدا يېتىپ باقمىغان،
مەڭزىمنى مەڭزىگە يېقىپ باقمىغان،
بولدىغۇ پۇشايمان يامان؟ بىلمىدىم.

بۇنچە تېز «كەتمەس» دەپ ئويلاپ يۈرەتتىم،
تۇرمۇشنىڭ  غېمىدە  خىيال  سۈرەتتىم،
ئىزدىسە «بالام»دەپ، قاپاق تۈرەتتىم،
دوستلارنى ئۇنىڭدىن كاتتا كۆرەتتىم،
مەن شۇمۇ مىھرىسىز چايان؟.. بىلمىدىم.

پۇل تېپىپ قولىغا تۇتقۇزالمىدىم،
شۇ نامرات كەپىدىن قۇتقۇزالمىدىم،
تۆت بەش كۈن  ئۆيۈمدە  ياتقۇزالمىدىم،
كېلىنلەر    قېتىغا  پاتقۇزالمىدىم،
مەندىن مىڭ ياخشىمۇ ھايۋان؟ بىلمىدىم.

كۆيگەندەك بالامغا كۆيمىگەن ساڭا،
سىلكىشلەپ كۆڭلۈڭنى ئاغرىتقان يانا،
بىرەلمەي تەشەككۈر  ئەجرىڭگە ئانا،
قالدۇققۇ يىتىملىك چۆلىدە مانا!
قالارمۇ يۈرەكتە  ئارمان؟ بىلمىدىم.

يۈرۈيمەن «ۋاي ئىسىت» ئىچىدە ھامان،
قەلبىمدە  ئۆكۈنۈش  ياسايدۇ  قىيان،
ھەر نەپەس قىينىلىپ چىقمىدى بۇ جان،
ئۇھ! دىسەم دەردىمگە ھەمراكەن پىغان،
نېمانچە رەھىمسىز جاھان؟ بىلمىدىم.

2015-يىل 23-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 19:11  


باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +999 يىغىش سەۋەبى
ئاماشى + 999

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-25 21:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەك ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن. ياختۇردۇم.ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2015-2-25 21:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.ئۆزلىرىگە سەۋىر-تاقەت يار بولسۇن.قازايى-قەدەرگە ئامال يوق-دە، ئىنساندا!؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۈمىدجان قادىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 21:34  


ۋاقتى: 2015-2-25 22:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرىشتە سۇپەت ئانىمىزغا ئاللاھ جەننەتلەرنى ئاتا قىلغاي. سالامەت بولۇڭ.

ۋاقتى: 2015-2-25 22:32:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋادرىخا، مەرھۇم ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي ئەكبەرجان، ئاشۇ مۇسىبەتلىك كۈنلەردە سىز بىلەن بىللە بولالمىغىنىمدىن ئۆزۈمنى ئەيىپلىگۈملا كېلىدۇ، بىراق، ئامال قانچە، سىزگە سەبىر، چىدام نېسىپ بولغاي!

ۋاقتى: 2015-2-26 10:22:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىڭىزگە سەۋىر-تاقەت يار بولسۇن، بىز ئۆلۉمنىڭ بەندىسى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 11:06:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان بەزىدە بەكمۇ ئەقىلسىز بولىدىكەن. ئەقىلسىزلىگىمىزدىن ئاتا-ئانىمىزغا ھەمرا بولۇشقا تىگىشلىك  نۇرغۇن پۇرسەتلەرنى ئۆتكۈزىۋىتىدىكەنمىز. بىزنى نۇرغۇن جەۋرى جاپالار بىلەن بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزنى تەلمۈرۈپ كۈتۈۋاتقان كۆزلىرىنى كۆرمەسكە سالىدىكەنمىز. تۇرمۇش ، خىزمەت، ئىژتىمايى مۇناسىۋەتنى ئۇلاردىنمۇ يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنى ئون مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ قۇيۇشقا ئىرىنىدىكەنمىز. ئاخىرىدا مۇشۇنداق پۇشايمان....... . ئاتا-ئانا، قېرىنداشلار ئۈچۈن پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەيلى قېرىنداشلار! ئۇلار بىزگە غەنىمەت ئىكەن.  ماڭا سەۋىر تىلىگەن مۇنبەرداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.

ۋاقتى: 2015-2-26 13:34:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسىبەتنامە خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ... بۇ بەلكى،چىن يۈرەكنىڭ ھەقىقى پۇشايمىنى بولغاچقىلا شۇنداق بولغاندۇ... مەرھۇمە ئانىمىزنىڭ ئاخىرەتلىكىنىڭ خەيرلىك بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن!
ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن قانچىلىك پۇشايمان قىلساق بىكار، لېكىن ئەشۇ پۇشايماننىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشقا بىزدە يەنە پۇرسەت بار. يەنى، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا-تەكبىرلەرنى داۋاملىق ئوقۇپ تۇرۇش، يېقىن-يورۇق،جان-جىگەرلىرى بىلەن ئۈلپەت،ھەمسۆھبەت بولۇش، ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ھەققىدە ئايانماي خەير-ساخاۋەت قىلىش....دەپ كەلسەك گەپ جىق.... پەقەت ئەشۇ ئىشلارلا مەرھۇملار ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك،پايدىلىق ئىشلار جۈملىسىدىندۇر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-27 19:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 13:34
بۇ مۇسىبەتنامە خېلىلا ياخشى چىقىپتۇ... بۇ بەلكى،چىن يۈر ...

ئېيىتقان سۆزلىرىڭىزدىن كۆڭلۈم خېلىلا كۆتۈرۈلۈپ قالدى. سىزگە كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم!

ۋاقتى: 2015-2-28 10:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قولىمىزدىن سىزگە سەۋر تىلەشتىن باشقىسى كەلمەيدىكەن. چىدامچان بولۇڭ! ھەممىمىز بىر كۈن بولسىمۇ ئوبدان ياشايلى، مېھرىبانلىرىمىزنىڭ قەدىرىگە يېتەيلى!

ۋاقتى: 2015-3-1 02:09:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە سەبىرلەر بولسۇن دوستۇم..مۇسىبىتىڭىز ئۈچۈن قايغۇردۇم، ئانىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولاي...

ۋاقتى: 2015-3-1 13:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە  سەبىر تىلەيمەن،ئانىڭىزنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولغاي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-1 14:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلەرگە رەھمەت قېرىنداشلىرىم!

ۋاقتى: 2015-3-1 17:21:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەكبەر مەن  ( بىلمىدىم ) نى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم، پات-پات ئەزرائىل بىلەن مۇڭدۇشۇپ تۇرۇۋاتقان ئاجىز يۇرۇگۇم قاتتىق سىلكەندى،،، بونى ئوزگەرتىش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ ! ئەمدى قەۋرىسىنى غېرىپ قەۋرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماڭ ! ......

ۋاقتى: 2015-3-1 17:51:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ئاتەش يوللىغان ۋاقتى  2015-3-1 17:21
ئەكبەر مەن  ( بىلمىدىم ) نى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقتىم، پا ...

      ئەكبەر ۋە بارلىق  قېرىنداشلىرىغا سەۋىر تىلەيمەن ! كۆز-ياشلىرىمىزنى سۇرتىۋېتىپ ،
ئانىكىمىزنىڭ روھى خۇش بولىدىغان ئىشلارنى قىلساقلا ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزمۇ  ئەمىن تاپىدۇ [ مۇسىبەتنامىنىڭ تەسىرى زور بولدى .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش