كۆرۈش: 720|ئىنكاس: 6

ناۋايى نەزىرىدە مەۋلانە لۇتفىي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ناۋايى نەزىرىدە مەۋلانە لۇتفىي

سۈيىمە غەنىيىۋا(ئۆزبېكىستان)

     ئەلىشىر ناۋايى ئۆزىنىڭ«مەجالىسئۇن-نەفائىس»ناملىق تەزكىرىسىدە 15-ئەسىردە ئانا تىلىدا ئىجاد قىلغان شائىرلار -ئاتايى،گادايى، سەككاكىي،ئەمىرىي، يەقىنىي،مۇقىمىي ۋە باشقىلار ھەققىدە ئالاھىدە پىكىر-مەلۇماتلارنى بېرىدۇ. مەۋلانە لۇتفىينى بولسا،«ئۆز زامانىنىڭ مەلىكۇل-كالامى ئىدى، فارسىي ۋە تۈركىيدە نەزىرى يوق ئىدى، ئەمما تۈركىيدە شۆھرىتى كۆپرەك ئىدى ۋە تۈركچە دىۋانىمۇ مەشھۇردۇر ۋە مۇتەئەززىر ئولجاۋاب مەتلەئيلىرى بار…»، دەپ تەرىپلەيدۇ.
      لۇتفىي ھەققىدە«ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»دا ن.موللايوۋ، بەش قىسىملىق«ئۆزبېك ئەدەبىياتى تارىخى»دا س.ئەركىنوۋ يازغان. ئېرگەش رۇستەموۋنىڭ«ئۆزبېك پوئىزىيەسى ۋە كلاسسىك ئەدەبىيات»ناملىق كىتابىدا لۇتفىي شېئىرىيىتىنىڭ غايىۋى-بەدىئىي جەھەتلىرى ئېچىپ بىرىلگەن، بولۇپمۇ،شائىرنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قاراتقان.
    ئەمەلىيەتتە،لۇتفىي ئىجادىيىتىگە بولغان قىزىقىش ئۆز دەۋرىدىلا باشلانغانلىقى مەلۇم.دۆۋلەتشاھ سەمەرقەندىي،خاندەمىر،ئەبدۇللاھ كابۇلىي ۋە باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە لۇتفىي ھەققىدە باھالار بېرىلگەن. ئەلىشىر ناۋايىنىڭ لۇتفىي سېيماسىغا، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئائىت پىكىرلىرى«مەجالىسئۇن-نەفائىس»، «مۇھاكىمەت ئۇل-لۇغىتەين»،«ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، «نەسايىمئۇل –مۇھە ببەت» ناملىق ئەسەرلىرىدە مەۋجۇت.
    ناۋايىنىڭ«نەسايىمئۇل-مۇھەببەت»تىكى پىكىرلىرى باشقا ئەسەرلىر ىدىكىگە ئوخشاش ئۇنداق كەڭ تارقالمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئەسكەر تىپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق:«ئۇ تەھسىل ئەييامىدا مەۋلانە شىھابىددىن خىيابانىينىڭ خىزمىتىگە بارغان ۋە تەرىقەت ئەدەپلىرى سۈلۈكىنى كەشىپ قىلغان ئىكەن. گەرچە شائىرلىق تەرىقىدە كامىل ۋە مەشھۇر بولدى. ئەمما دەرۋىشلىكنىمۇ ھەرگىز قولدىن بەرمىدى.ئۇنىڭ پېقىرغا كوپ ئىلتىپاتى بار ئىدى، شۇڭا دۇئا ئوقۇپ تۇراتتى،دائىم ۋالىدىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلاتتى.ئۇ توقسەن ياشقا كىرگەندە ھەزرەت مەخدۇمىنىڭ نامىغا(ئابدۇراخمان جامىينىڭ نامىغا- تەرجىما ندىن) «سۇخەن»رادفلىق بىر قەسىدە ئېيتىپ قالدۇرغان بولۇپ،زامان خۇشگويلىرىنىڭ ھەممىسى بۇ قەسىدىنى ياخشى دەپ باھالىدى. ئۇنىڭ مەتلەئى بۈدۈر:
بېيىت:
زىھى ھەدىسى لەبەت قۇۋۋەتۇ رۇھۇ جان ئەست،
گۈلى رۇخەت چەمەنارايى بوستان ئەست.
(مەزمۇنى: خۇش لېۋىڭدىن چىققان سۆزلەر-روھ ئۇزۇقى،سۆزنىڭ جېنىدۇر. يۈزۈڭ گۈلى- سۆز بوستانى چىمەنلىرىنى بېزىگۈچىدۇر).
    ئۇ ھەزرەت گۈلزاردەك يۈزىدە تەبەسسۇم قىلىپ دېدىكى؛«بۇ شېئىر نىڭ مەنە ھۆددىسىدىن بىز چىقالمايمىز،ئەگەر لازىم بولسا بىز سىزنىڭ نامىڭىزغا قەسىدە ئېيتقايمىز». مەۋلانە دېدىكى؛«ئۇنى سىزگە ئاسان قىلىمىز. سىزنىڭ كىيگەن ئەسكى تونىڭىزنى گادايلىقىمىزدىن تەرلەپ ھۆل قىلىپ سالىمىز». ئۇ ھەزرەت ئۆزرخالق بىلەن تونىنى مەۋلاناغا كىيدۈردى. مەۋلانە ناھايىتى سوختا كىشى ئىدى. توقسەن توققۇز يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ قەبرىسى دېھىكاناردا بولۇپ، ئۇ ئۆز يۇرتى ئىدى.
    بۇ مەتلەئىدىن بۇ تائىپە مەشرەبىنىڭ تالانتى مەلۇم بولىدۇ:
«ئولكى، ھۆسن ئەتتى باھانە ئەلنى شەيدا قىلغىلى،
كوزگۇتەك قىلدى سېنى ئۆزىنى پەيدا قىلغىلى».
    بۇ نەقىلدە ناۋايى مەۋلانە لۇتفىينىڭ ئابدۇراخمان جامىيغا بولغان ھۆرمىتى ۋە يوشۇرۇن ئېتىقادى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ. لۇتفىي دەۋرنىڭ مەشھۇر تەرىقەت پېشۋالىرىدىن بولغان شىھابىددىن خىيابانىينىڭ خىزمەتلىرىگە يېتىشىپ («مەجالىسئۇن-نەفائىس»تا ناۋايى ئۇنى «ئەزىز ۋە مۆتىۋەر كىشى ئىدى»، دەپ تەرىپلەيدۇ)، تەرىقەت يوللىرىنى كەسىپ قىلغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. لۇتفىينىڭ تەبىئىتىدە دەرۋىشلىككە بولغان مايىللىقنىڭ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. دېمىسىمۇ، لۇتفىي ئىجادىيەتلىرىدە تەسەۋۋۇپ ئەقىدىلىرى، سوپىستىك تەبىرلەر خېلى كەڭ ئورۇن ئالغان. دېمەك،«نەفاھاتۇل-ئۇنس»نىڭ تەر جىمىسى ئۈستىدە ئىشلىگەندە ناۋايى ئۇنى تولدۇرۇشنى نىيەت قىلىپ تۈركىي ماشايىخلارنى،يەنى تەسەۋۋۇپ بىلەن مۇناسىۋىتى بار تۈركىيگۇي شائىرلار نى كىرگۈزگەنلىكى تاسادىپىي ئەمەس.
    ناۋاينىڭ«ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق بىر نۇقتا بار.ئۇنىڭغا كۆرە،لۇتفىي شېئىرىيىتىدە دۇنياۋىيلىق چۈشە نچىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى مەلۇم بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە پەھلىۋان مۇھەممەد ناۋايىدىن تۈركىيگۇي شائىرلاردىن قايسى بىرى ياخشىراق يازغان، سەن قايسىسىنى ياخشى دەپ ئېتىراپ قىلىسەن دەپ سورايدۇ. ناۋايى بولسا:
   -مەۋلانە لۇتفىي كامىل شائىردۇر ۋە بۇ قوۋمنىڭ ئۇستازى ھەم مەلىك ئۇل-كالامىدۇر،-دەپتۇ.
پەھلىۋان مۇھەممەد:-نېمە ئۈچۈن سەئىد نەسىمىي دېمەيسەن؟ - دېگىنىدە.
ناۋايى:-يادىمغا كەلمىدى،بۇ بىر تەقدىر. سەئىد نەسىمىينىڭ نەزملىرى باشقا رەڭدە بولۇپ،ئوچۇق يازىدىغان شائىرلاردەك نەزم ئېيتمايدۇ.بەلكى ھەقىقەت تەرىقىتىنى ئادا قىلىدۇ. بۇ سوئالدا سېنىڭ غەرىزىڭ مەجاز يوسۇندا ئېيتىلىۋاتىدۇ.
     «سۆھبەت»ئاخىرىدا ناۋايى«خىلۋەت»،«ئالىي مەجلىس»دەپ ئاتالغان، ھۈسەيىن بايقارا قاتناشقان ئەدەبىي ئەنجۈمەنلەرىنىڭ بىرىدە سۇلتاننىڭ«غەيرىي نەزم لەتايىفىدىن»، دەپ لۇتفىيغا مۇناسىۋەتلىك  بىر نەقىلنى كەلتۈرگەنلىكىنى يازىدۇ.
    باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدىكى شىددەتلىك يامغۇر يېغىۋاتقان بىر چاغدا لۇتفىي ناۋايىنى ئۇچرىتىپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا خۇسرەۋ دېھلەۋىينىڭ ھىندىچە شېئىرلىرىدىن بىرنى ئېيتىپ بېرىدۇ:«باھار ۋاقتىدا مەھبۇب قاياققىدۇر كېتىۋاتقان ئىكەن،يامغۇر ياغقانلىقتىن يەر پاتقاق بولۇپ كەتكەچكە، ئۇ تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ كېتىپتۇ. ئۇ شۇنداق نازۇك ئىكەنكى، يامغۇر خىجىللىقتىن يۈزىنى تۇتقىنىچە كېتىپ قىپتۇ».ناۋايى خۇسرەۋنىڭ بۇ ئىنتايىن نازۇك خىيالىدىن خۇشال بولۇپ، تېبابەت ئەھلىنىڭ بەزىلىرىگە ئېيتقاندا ئۇلارمۇ قايىل بوپتۇ. ناۋايى بۇنى يەنە قاتتىق ھاياجان بىلەن ھۈسەيىن بايقاراغا ئېيتىپ بەرگىنىدە، ئۇ تەبەسسۇم قىلىپ، پىكىر بىلدۈرمەيدۇ، ھۈسەيىن بايقارانىڭ بۇ ئىشى ناۋايىغا خۇددى ئېتىراز بىلدۈرگەندەك تۇيۇلىدۇ.ناۋايى يەنە شۇ ھەقتە سۆز ئاچقاندا، سۇلتان مۇنداق دەيدۇ:«ئېتىراز بۇدۇركىم، ئۆل يېغىننىڭ قەترىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئېقىپ چۈشىدۇ.مۇقەررەر دۇركىم، رىشتىسىگە دەرد ھەمرادۇر. رىشتەئيكىم، مەيلى پەستە بولسۇن،ئۇنىڭ مەدىتى بىلەن يىقىلىدىغان ئۆزىنى ئاسرىمىقى لازىمدۇر».مانا بۇ بېيىتتىكى پىكىرگە بولسا، ئېتىراز بىلدۈرۈش لازىمدۇر، دېدى ھۈسەيىن بايقارا:
زەئىفدىن كۆلبەمدە قوپماق ئىستىسەم ئەيلەر مەدەت.
ئەنكەبۇتە رىشتە ئاسقان بولسا ھەر دېۋارغا.
    بۇ مىسالدا ھۈسەيىن بايقارا شېئىردا مەنتىقىگە رىئايە قىلىشقا ئېتىبار بەرگەن.لۇتفىي،ناۋايى ۋە باشقىلار بولسا،پىكىرنىڭ ئاجايىپلىقىغا دىققەت قىلغان.دېمەك،ناۋايى مەجازىي يۆنىلىشنى لۇتفىي شېئىرىيىتىدىكى ئاساس دەپ قارىغان.
ئەلىشىر ناۋايى لۇتفىينىڭ ئۈچ غەزىلىگە مۇخەممەس باغلىغان.
ئەي، ساچىڭ شەيدا كۆڭۈللەرنىڭ ساۋاتى ئەزەمى،
ھالقا-ھالقا رۇخنىڭ سەرمەنزىلىدۇر ھەر خېمى
    مەتلەلىك غەزىلىگە يازغان مۇخەممىسىدە ناۋايى 4-بېيىتنى 3-قىلىپ ئالغان ۋە مەقتەنى
لۇتفىينى باشتىن يەنە تىرگۈزسەڭ، ئەي ئىسانەفەس،
كىم يەتىبدۇر، ۋاھ، ئەنى ئۆلتۈرگەلى ھىجران غېمى -تەرزىدە بېرىدۇ.
ئەنقەرە نەشرى ۋە«سەنسەن سەۋەرىم»دە ئىككىنچى مىسرا مۇنداق:
كىم تەنىندىن بولدى كۆپ جان ئالغەلى ھىجران غەمى.
2-مۇخەممەس لۇتفىينىڭ تۆۋەندىكى مەتلەلىك غەزىلىگە باغلانغان:
كۆكتەدۇر ھەر دەم فىغانىم كۆرگەلى سەن ماھنى،
دەۋىئى مېھرىڭگە تانۇق تارتەدۇرمەن ئاھنى.
    غەزەل 7 بېيتلىق بولۇپ، 7 بېيىتتىن 5 بېيىتى ئېلىنغان ۋە 3-بېيىت 4-ئورۇندا كېلىدۇ. 5-6-بېيىتلار چۈشۈرۈپ قويۇلغان.
    «زۇلفۇ ئاي يۈزۈڭ»-«زۇلفۇڭۇ يۈزۈڭ»،«قىل بۇدۇركىم»-«رەھىم قىلكىم»، «زاكاتى ھۆسن ئۈچۈن»-«زاكاتى ھۆسن ئاڭا» دەپ تەھرىر قىلىنغان.
   3-مۇخەممەس لۇتفىينىڭ:
لەيلەت ئۇل-مەراجنىڭ شەرھى ساچى تابىندەدۇر،
قابا قەۋسەين ئىتتىھادى قاشى مەھرابىندەدۇر
    مەتلەلىك غەزىلىگە باغلانغان. ناۋايى 4-بېيىتنى 2- قىلىپ ئالغان، 3 - 4-بېيىتلارنى قالدۇرۇپ قويغان.
شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى،بۇلار ناۋاينىڭ تۇنجى رەسمىي دەۋانى «بەدايىئۇل-بىدايە»دە كەلتۈرۈلگەن.دېمەك، ئۇلار 870-885/ 1465 -80 يىللار ئارىلىقىدا يېزىلغان.
ناۋاينىڭ 10 مۇخەممىسىدىن ئۇچى لۇتفىي غەزەللىرىگە باغلانغان.
ناۋايى لۇتفىينىڭ:
ئەي،جامالىڭ لايەزالۇ بىبەدەل ھۆسنۇڭ جامىل،
ئاي يۈزىڭدۇر ئەھسەنى تەقۋىم ئۈچۈن رەۋشەن دەلىل…
ئەي، قەدىڭ توبىيۇ جەننەت خەددى گۈلگۈن ئۇستىنە،
كۆرمەدى دەۋران سەنىڭتەك ئاي گەردۇن ئۇستىنە
   مەتلەلىك غەزەللىرىگە مۇسەددەسمۇ باغلىغان-تەتبىق قىلغان. بۇلارمۇ »بەدايىئۇل-بىدايە»دە كەلتۈرۈلگەن.
   بۇلا ئەمەس،ناۋاينىڭ لۇتفىي غەزەللىرىگە تەتەببۈ ۋە تەۋرلىرى، جاۋابىيەلىرىمۇ بار. لېكىن ئۇلارنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
    مۇخەممەس باغلاشتا شائىر ئېلىنىۋاتقان غەزەلنىڭ ھەر بېيىتىغا مەزمۇن ھەم بەدىئىي تەپسىللەرنىڭ ئۇيغۇن بولۇشىغا ئېتىبار بېرىشى زۆرۈر بولغان.ناۋايى لۇتفىي غەزەللىرىگە مۇخەممەس ۋە مۇسەددەسلەرنى يېز ىپ، ئۇلاردىكى غايىنى يەنىمۇ تېرەنلەشتۈرىدۇ، بەدىئىيەتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. نەتىجىدە لۇتفىيغا ئاھاڭداش ناۋايى غەزەللىرىنى ئىدراك قىلىش، ئۇنىڭدىن روھىي تەسىرلىنىشكە نائىل بولىدۇ.
    لۇتفىي غەزەللىرىدىن بىرىدە مۇنداق مەھبۇبقا كۆز قارىچۇقۇمنى ۋەتەن ئەيلە،دېگەن مەنالىق مەتلەئى بار. ناۋاينىڭ مەشھۇر، ئۆز دەۋرىدىلا مۇقام يوللىرىدا ئىجرا قىلىنغان «قارا كۆزۈم كېلۇ مەردۇملىغ ئەمدى پەن قىلغىل…» غەزىلىگە لۇتفىيدىكى نازۇك نۇقتا ئىلھام بەخش ئەتكەندۇر.
مەشھۇر ئەزەربەيجان شائىرى مۇھەممەد فۇزۇلىي لۇتفىينىڭ:
ئەي، ئەزەلدىن تا ئەبەد كۆڭلۈم گىرىفتارىڭ سەنىن،
چارە قىلكىم، بولدى جېنىم ئەسرۇ دەرمانىڭ سەنىن
   مەتلەلىك غەزىلىگە تەخمىس باغلىغان، پەقەت ئەسلىدىكى «ئەفگارىڭ» قاپىيىسى «دەرمانىڭ»دەپ خاتا ئالغان.
19- ئەسىرنىڭ كۆركەملىك شائىرى ئەمىرىيمۇ لۇتفىي غەزەللىرىدىن
ئەي، سەنەۋبەر بويلى دىلبەر، پىكرى ھىجران قىلمەغىل،
شەۋق ئوتىندە مەن گەدانى ئەسرۇ بىريان قىلمەغىل…
ئىشق چۈشسە ھەم كۆڭۈلگە، دەردۇ غەمدىن چارە يوق،
يەتسە چۈن نەشتەر جاراھەتكە، ئەلەمدىن چارە يوق…
نارتەك ياڭاقلىرىڭ كەبى شەم ئەنجۇمەندە يوق.
سەرۋ قەدىڭ مەڭىزلىك سەنەۋبەر چەمەندە يوق…
ئەي جاپادىن بىر زامان كۆڭلى پۇشايمان بولمىغان،
قانى باغرىم زەررەيى قايغۇڭ بىلە قان بولمىغان
مەتلەلىك غەزەللىرىگە مۇخەممەس باغلىغان.
     «گۈل ۋە نەۋروز»غا كەلگەندە، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ناۋايى ئۇنى «مەجالىس»تا يادىغا ئالمىغان.(بۇ ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ھەققىدە يا.ئىشاقوۋ 1972-يىلى ماقالە يېزىپ، ئۇنىڭ ھەيدەر خارەزمىينىڭكى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان) فەخرىي ھىراتىي («مەجالىس»نى پارسچىغا تۇنجى بولۇپ تەرجىمە قىلغان كىشى) سۇلتان ئىسكەندەر مىرزىغا بېغىشلانغان ئەسىرىدە؛«مەۋلانە ھەيدەر تۈركىيگويكى، ساھىبى «مەھزەنى ئەسرار» ۋە «گۈل ۋە نەۋروز» ئەز ئۈست ۋە مەدداھى ئۇ بۇدە ۋە ئان دۇ كىتابرا خۇب گوفتە، بە نامى ئۇ تېمام كەردە»، دەپ يازىدۇ.
    بابۇرمۇ «ئەرۇز رىسالىسى»ناملىق ئەسىرىدە؛««گۈل ۋە نەۋروز» مەۋلانە ئابدۇل ھەيدەر خارەزمىينىڭ ئەسىرى»، دەپ يازغان.
     لۇتفىي دىۋانىنىڭ ئەنقەرە نەشرىدە بولسا، جالال تەبىبنىڭ«گۈل ۋە نەۋروز»نى لۇتفىي پارسچىدىن تۈركىيگە ئۆرۈگەن، دەپ يازىدۇ.
     پارس كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ مەشھۇر نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان ھاجۇ كېرمانىي (كامالۇددىن ئەبۇل مەتو مەھمۇد، 753/1352 -53)«خەمسە»دىكى بەش داستاننىڭ بىرى«گۈل ۋە نەۋروز» دۇر.بۇ داستان مەتنى بىلەن لۇتفىيغا نىسبەت بېرىلگەن داستاننى سېلىشتۇر غىنىمىزدا پۈتۈنلەي باشقا ئەسەر ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى…

«ئۆزبېكىستان ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى»گېزىتىنىڭ، 2010-يىل، 5-سانىدىن ئۇيغۇرچىغا ئاغدۇرۇلدى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 18:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-25 19:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەۋائىي ۋە لۇتفىي تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن قىممەتلىك ئۇچۇرلار باركەن. يوللىغۇچىغا رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   چىنزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 19:08  


ۋاقتى: 2015-2-25 19:34:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل ماقالىدىن بىرنى يوللاپسىز بەگياركا، داۋاملىق مۇشۇنداق ماقالىلەردىن يوللارسىز.

ۋاقتى: 2015-2-26 10:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ماقالىدىن كۆپ بىلىمگە ئىگە بولدۇم...قىممىتى خېلىلا ئۈستۈنكەن.

ۋاقتى: 2015-2-26 11:27:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئەپەندىنىڭ يوللايدىغان ماقالىلىرى بىر -بىرىدىن ئىسىل...
«گۈل ۋە نەۋروز» توغرىلىق مۇھىم ئۇچۇرلار بار ئىكەن.خېلى بىلىمگە ئىگە بولدۇم.

ۋاقتى: 2015-2-26 23:26:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ئۇچۇرلار بار يازما بولۇپتۇ. ئالى مەكتەپتىكىلەرگە بايرام بولغۇدەك ئەمدى.

ۋاقتى: 2015-2-27 20:49:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر بۇرۇنقىلار توغۇرلۇق كۆپرەك ئۇچۇرلار بىزگىچە يىتىپ كەلگەن بولسا ئىدى،تېخىمۇ بەلەن بولاتتى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش