يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 11

تەمكىن:ئۈرۈمچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈرۈمچى

1
ئەڭ گۈزەل بىر قىز سەن بۇ يەردە يەكتا،
شىۋىرغان چۈشىنى كۆرمىگەن زىنھار.
جىمى ئەل  ۋەسلىڭچۈن تۇرار يېلىنجاپ،
زىمىستان سېنىڭدە ئەيلىگەن باھار.

قىزىلتاغ، يامالىق سېنىڭ جۈپ كۆكسۈڭ،
ئۈستۈڭدە بۇلۇتلار ئەگىيدۇ يۇم-يۇم.
يۇلتۇزسىز كېچىدە توك كەتكەن كۈنى،
بىلىمەن، يۈرىكىڭ ئىزىلدى چوقۇم.

             2

دۆڭكۆۋرۈك بوينىنى سوزار جەنۇپقا،
ئاق رەڭلىك رېۋايەت ئىچىدە مەغرۇر.
ئۇيقۇسى بۇزۇلغان كونسۇل كوچىسى،
چۈمبەللىك كۆزلەرگە تىلەيدۇ غۇرۇر.

ئەڭ ئارقا كوچىدا ئۇچىدۇ پۇر-پۇر
ھەرىپكە ئايلىنىپ ئوتتۇز ئىككى روھ.
ئىزىلگەن ياپراقلار قىلىدۇ نىدا:
-بىر مەرتە كىمەڭنى ئەكەلسەچۇ نوھ؟!

روھ ھەر كۈن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ بىر تىرىلەر
يۈرەكلەر لەيلەيدۇ كۆز ياش ئىچىدە.
قىزىغان قانلاردىن ئۆرلەيدۇ سۈكۈت
ئۇلىنىپ خىياللار توكسىز كېچىگە.

          3

ئۈرۈمچى
ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە ئۇلاپ ھەرىپتەك
بىر قىزسەن مەرتلىكتىن تىكلەنگەن ئۇدۇم.
يۇلتۇزسىز كېچىدە توك كەتكەن كۈنى
بىلىمەن، چۈشلىرىڭ بۇزۇلدى چوقۇم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-25 17:46  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-25 18:08:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەركەت تاپقايلا، ئۆرۈمچىنىڭ كوچىسىنى خىيال ئىلكىدى بىر ئايلاندۇرۇپ چىقتىلغۇ،سالامەتلىك تىلەيمەن .

qarakuz بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2015-2-25 18:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2015-2-25 18:51:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جېنىم ئۈرۈمچى» دېگەن شېئىرنىڭ تەمىنى سېغىنىپ قالدىم....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-25 18:57:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qarakuz يوللىغان ۋاقتى  2015-2-25 18:20
ئۈرۈمچىنىڭ قىزغا ئوخشىتىلىشىنى تازا لايىق تاپمىدىم.

بەلكىم شۇنداقتۇر.لىكىن مەن لايىق كۆردۈم.

ۋاقتى: 2015-2-25 19:11:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىكەتلىك بولغايسىز ، ياقتۇردۇم !

ۋاقتى: 2015-2-26 00:45:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      نېمە دېيىشمەيلى ، مىڭ يۇرتنىڭ بالىسى - بىر يۇرتتا  ‹‹ دىدار ›› لىشىمىز ، ‹‹ ئۇيىنىڭ مۆڭگۈزىگە ئۇرسا ، تۇيىقى سىقىرايدۇ ››.ئامانلا بولساق ، يەنە ‹‹ شىپاخانىدا  ‹‹ دىدارلىشىپ›› قالارمىز ،بەلكىم . [ئۇ كۈنلەر كەلمىسۇ !]

                                                       ئاسىيانىڭ  كىندىكى  سەن - ئۈرۈمچى ،
                                                       ھەم ئوچۇقسەن ھەم يېپىقسەن ھەم تۇتۇق ،
                                                        تۆت پەسىلنىڭ قاينىمىدا - ئۆرۈمچى ،
                                                        مۇساپىرنىڭ  لاگىرىدا  سەن  ئۇتۇق  !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-26 10:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2015-2-26 00:45
نېمە دېيىشمەيلى ، مىڭ يۇرتنىڭ بالىسى - بىر يۇرتتا  ‹ ...

بۇ شېئىرنىڭ چوڭقۇرىغىچە چۆكۈپ بېقىپسىز. شۇنى بىلىپ قالساقلا بولغىنى....

ۋاقتى: 2015-2-26 13:13:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ بۇ شېئىرى كىشىنى ئۈرۈمچى توغرىسىدا ئويلاندۇرىدىكەن. بەركەتلىك بولغايسىز.

ۋاقتى: 2015-2-27 19:41:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دۆڭكۆۋرۈكتە...

ۋاقتى: 2015-2-28 11:51:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇلتۇزسىز كېچىدە توك كەتكەن كۈنى
بىلىمەن، چۈشلىرىڭ بۇزۇلدى چوقۇم...

مېنىڭچە ،شائىر قىزغا ئوخشىتىش ئارقىلىق ،شېئىرنىڭ مەنا چوڭقۇرلىغىغا چۆكمەكچى بولغان...


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-28 11:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurya يوللىغان ۋاقتى  2015-2-28 11:51
يۇلتۇزسىز كېچىدە توك كەتكەن كۈنى
بىلىمەن، چۈشلىرىڭ بۇ ...

چۈشەنسەكلا بولىدىغان، سۆزلىسەك تىل كۆيىدىغان بەزى ئىشلار بولىدۇ ئەمەسمۇ. توغرا باھانىمۇ بەزىدە دىگىلى بولمايدىغانمۇ ئىشلار بولىدۇ، رەھمەت چۈشەنگىنىڭزگە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش