فىرانسىيە، شىۋېتسىيە، ۋەنگىرىيەلەرنىڭ دۇنياغا داڭلىق تۈ*ركولوگلىرى
فىرانسىيە
1. پاۇل پېللىوت (1874-1945) فىرانسىيە ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ ئاچقۇچىسى. ئۇ دۇنخۇاڭدىكى نوم قازنىقىدىن زور مىقتاردىكى خەنزۇچە، تۈبۈتچە، ئۇيغۇرچە، سوغدىچە يازما ھۆججەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئارىسىدا «ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى»، «بۇددا دىنى قائدىلىرىدىن سوئال-جاۋابلار» قاتارلىقلار بار. 1930-يىلى «ئوغۇزنامە رىۋايىتى» ناملىق ئۇزۇن ئىلمىي ماقالەئېلان قىلغان. (ئىسمى پول پېللىو دەپ ئوقۇلىدىكەن)
2. لوۇىس ھامبىس (1906-1970) پېللىوتنىڭ شاگىرتى. ئۇنىڭ «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەسىقىلىرى»،«راشىددىدىن ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيەسى توغرىسىدىكى بىلىملەر»قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
3. جامەس ھامىلتون: فىرانسىيەنىڭ زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «بەش دەۋر ئۇيغۇر تارىخى ماتېرىياللىرى»، «قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى‹ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى›ھەققىدە تەتقىقات»،«چۆللۈكتىكى قەدىمكى تۈ*ركچە ‹پال كىتابى›»، «قەدىمكى تۈ*ركچىدىكى‹'كىز كودۇز› ئۈستىدە ئىزدىنىش» قاتارلىقلار بار.
4. لوۇىس بازىن: پىروفېسسور لوۇىس بازىن زامانىمىزدىكى فىرانسىيە تۈ*ركولوگىيەسىنىڭ باشلامچىسى.ئۇنىڭ«قەدىمكى تۈ*ركىي خەلقلەرنىڭ قانۇن سىستېمىسى»، «مەھمۇت كاشغەر ىينىڭ«تۈ*ركىي تىللاردىۋانى»نى يازغان دەۋرى»،«تاش ئابىدىلەردىكى قەدىمكى تۈ*ركچە ۋەسىقىلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
5. جەئان_لوۇىس باچقۇە گراممونت: چاغاتاي دەۋرى ۋەسىقىلىرى تەتقىقاتچىسى، ئۇنىڭ 3-دەرىجىلىك دوكتورلۇق دىسسېرتاتسىيەسى «بابۇرنامە»نىڭ فىرانسۇزچە تەرجىمىسى بولغان.
شىۋېدسىيە
1. گ.راقۇەتتە: شىۋېدسىيە ئۇيغۇرتىلى مۇتەخەسسىسى،ئىلگىرى قەشقەر ۋە يەركەندە دوختۇر لۇق قىلغان، كېيىن دىن تارقاتقۇچى بولغان. ئۇ ئىلگىرى شىنجاڭدىن نۇرغۇن قوليازمىلارغا ئېرىشكەن،كۆپىنچىسى چاغاتاي دەۋرىگە ئاىت ماتېرىياللار ئىدى، ئۇ بۇ ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىنى لۇند ئۇنىۋېرسىتېتى كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلغان.
2. سۋەن ھەدىن: شىۋېتسىيەلىك ئېكىسپېدىتسىيەچى، 1893~1897-يىللار ئارىلىقىدا ئۇ خوتەن رايونىغا كىرگەن، كېيىن 1899~1902-يىللىرى، 1904~1909 ۋە 1927~1935- يىللىرى كۆپ قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان ئېكىسپېدىتسىيە سەپىرىدە زور تۈ*ركۈمدىكى قەدىمكى غەربىي يۇرت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ۋەسىقىلەرگە ئېرىشكەن، بۇ يادىكارلىقلار ھازىر شىۋېدسىيە مىللەت مۇزىېيىدا ساقلانماقتا.
3. گۇننار ياررىڭ: شىۋېدسىيەلىك ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر تەتقىقاتچىسى، ئۇيغۇرچە، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنى رەتلىگەن ۋە تەتقىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى توپلىمى»،«ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يالغانلار ھەققىدە ھېكايە»، «تۈ*ركچە ۋە سىقىلەرگە كىرىش سۆز»، «قەشقەر ۋەسىقىلىرى» (2 توملۇق)، «ئۇيغۇرچە دىئالوگلۇق ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «ئوغرىسىز شەھەر ۋە داستىخان مەيدانىدىكى جەڭ--- يېقىنقى زاماندىكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىنىڭ تەرجىمىسى»، «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى» قاتارلىقلار بار.
ماجارىستان(ۋېنگىرىيە)
1.ئارمىن ۋامبەرىي:پولشالىق يەھۇدىي ئەۋلادى. ماجارىستاننىڭ بالدۇرقى مەزگىلدىكى ئاتاقلىق تۈ*ركولوگى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە قەدىمىي ھۆججەتلەر توغرىسىدىكى تەتقىقاتى كېيىن شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا بايقالغان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەرنىڭ تەتقىق قىلىنىشى، ۋەسىقىلەرنى ئىزاھلاشقا قوشۇلغان تۆھپە بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ «قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە ‘قۇتادغۇ بىلىك’» (1870) ناملىق كىتابى ئەڭ بالدۇر «قۇتادغۇ بىلىك» تەتقىق قىلىنغان ئەسەردۇر
2. لوۇىس لىگەتى: ماجارىستان شەر*قشۇناسلىقىنىڭ پىشىۋاسى، ئۇ ھەم خەنزۇشۇناس، موڭغۇلشۇناس، تۈ*ركولوگ ۋە زاڭزۇشۇناس. ئاساسلىقى «يۈەن دەۋرىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە ھۆججەتلەر»، «مىڭ دەۋرىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەر: ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى»،«ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر»، «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكىدىكى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرگە تولۇقلىما» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
3. رونا تاس: 1991-يىلى «تۈ*ركولوگىيەگە مۇقەددىمە»، ئىككىنچى بۆلۈمى«ئوخشاش بولمىغان يېزىقلاردا يېزىلغان قەدىمكى تۈ*ركچە ھۆججەتلەر»دە 10 بەتتىن ئارتۇق سەھىپە ئاجرىتىپ،تۈ*ركچە ھۆججەتلەرنى مەنبەسى بويىچە ئايرىم-ئايرىم تونۇشتۇرغان، براھمى يېزىقىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ مەنبەسىنىمۇ تونۇشتۇرغان. براھمى يېزىقى ۋە ئۇ يېزىقتا پۈتۈلگەن ۋەسىقىلەرنىڭ مەنبەسى بۆلىكىدە، ئاپتور د.ماۇە نىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ، تۈ*ركچە براھمى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرنى 4 خىل ئەھۋال ياكى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۇمكىن دەپ كۆرسەتكەن: 1. سانسكىرت يېزىقىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر؛ 2.براھمى يېزىقىدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر؛ 3.براھمىچە سۆزلۈكلەر تىزىملىكى بار قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھۆججەتلەر؛ 4. براھمى سۆزلىرى ئارىلاشقان قەدىمكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر. ئۇ د.ماۇەنىڭ تاتقىقاتىغا ئاساسلىنىپ مۇنداق يازغان: ھازىر تەخمىنەن مۇشۇ خىلدىكى 79 پارچە ۋەسىقىنىڭ كەمتۈك ياپراقلىرى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 57 پارچىسى قوش تىللىق ھۆججەت (18 پارچىسى ئېلان قىلىندى)، 14 پارچىسى براھمى يېزىقىدا يېزىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى ۋەسىقىلەر (بۇنىڭ 8 پارچىسى ئېلان قىلىندى)، 7 پارچىسى براھمىچە سۆزلۈكلەر تىزىمى بار بولغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىدۇر، بىر پارچىسى بولسا براھمىچە سۆزلەر ئارىلاشقان ئۇيغۇرچە ھۆججەتتۇر.
4. كارا گيورگي: ئاتاقلىق موغۇلشۇناس ۋە تۈ*ركولوگ، «دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە پۈتۈكلەر» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
5. گ.ھازاى: ئاتاقلىق تۈ*ركولوگ، بېرلىندا ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىلەن شۇغۇ للانغان،ھازىر سىپرۇسنىڭ نىچوسىا شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەسەر لىرىدىن «گېرمانىيەدىكى تۇرپان ۋەسىقىلىرىنىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» (2 قىسىم، 1972-يىلى قايتا نەشر قىلىنغان)، «قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ياغاچ ئويمىدا بېسىلغان ۋاجراسسىدىكا پىراجىنا پارامىتا سۇترانىڭ كەمتۈك ياپراقلىرىغا كىرىش سۆز»،«بېرلىندا ساقلانغان تۇرپان تېكىستلىرى ئارىسىدىكى بۇددىزىم شېئىرلىرى».«ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋاجراسسىدىكا پىراجىنا پارامىتا سۇترانىڭ كەمتۈك ياپراقچىلىرى ۋە فۇ ھەزرەتنىڭ مەدھىيە شېئىرلىرى» قاتارلىقلار بار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-6 00:23