ناخشا تېكىسىتلىرى
ھەسەنجان تىلۋالدى
باھاردىكى كۈتۈش
باھار كېلىپ تۇنجى يامغۇر ياغقاندا سىم-سىم،
شاماللارغا ھەمراھ بولۇپ قالدى تىلىكىم .
نىدالىرىم ئاڭلانغاندۇ ساڭىمۇ بەلكىم ،
يار ۋەسلىڭدە بىرئوت بولۇپ ياندى يۈرىكىم.
چۈشلىرىمدە كۆردۈم سىنى چاچلىرىڭ تال-تال،
ھۆسنىڭگىمۇ يارىشىپتۇ مەڭزىڭدىكى خال.
تەبەسسۇمىڭ يۈرىكىمنى قىلغاچقا قامال،
ئىگىلدىم يار كۆزئالدىڭدا بولدۇم مەجنۇنتال.
سەندىن ۋىسال كۈتتۈم يارىم سېغىندىم بەك-بەك،
ھېجىران بىلەن قىينالماقتا سەن ئۈچۈن يۈرەك.
بىلىپ تۇرۇپ مۇھەببەتتىن بەرمىسەڭ دىرەك،
سەنسىز يارىم بارچە شادلىق ماڭا نە كىرەك.
ساڭا ھەركۈن تەشنا قەلبىم بولماقتا زار-زار،
چىن سۆيگۈڭگە ئىنتىزارمەن قىينىما دىلدار.
سۆزلىرىمگە ئىشەن جىنىم، بولاي ۋاپادار،
ۋۇجۇدۇمغا قۇچاق ئاچسۇن مەڭگۈلۈك باھار.
يار سىنى ئويلاپ
قەلبىم پارە بولۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ،
يۈرەك دەتكە تولۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.
پىراقىڭدا ئاھ ئۇرساممۇ ھېچبىر بىلمىدىڭ،
كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.
مىڭبىر ھېجران، مىڭبىر تەشۋىش قىينايدۇ مىنى،
سەندىن ۋىسال تاپالمىدىم كۈتسەممۇ سىنى ،
ئارزۇ قىلغان پاك مۇھەببەت قەيەردە قېنى،
مىسكىن دىلىم سۇنۇپ كەتتى يارسىنى ئويلاپ.
چىن سۆيگۈمنى سەن يارىمغا قىلساممۇ ئىزھار،
مەن كۈتكەندەك چېھرىڭ كۈلۈپ باقمىدى زىنھار ،
ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئايلار كەلمىدى باھار ،
ياشلىق گۈلۈم توزۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.
بىلمەي قالدىم شۇنداقمىدى ئەسلى مۇھەببەت،
قېرىشقاندەك كاج تەغدىرمۇ قوشمىدى پەقەت،
ئارزۇلار بار، ۋىسالى كەم ئىكەن ھەقىقەت،
ئارمانلىرىم ئۇچۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ .
يار بولسام دەيمەن
گۈل كەبى يېقىملىق تۇيۇلار چېھرىڭ،
نىگارىم يېنىڭدىن ئايرىلماي تۇرسام.
يۈرەككە نەقىش بوپ ئويۇلار مېھرىڭ،
ئارمانسىز يۈرەرمەن يېنىڭدا بولسام.
كۈتەرمۇ بىلمىدىم كۆزلىرىڭ مىنى،
ئارزۇيۇم دىلىڭدا باربولسام دەيمەن.
ۋۇجۇدۇم سىنىڭدىن ئىزدەيدۇ شاتلىق،
مەڭگۈلۈك بىرساڭا ياربولسام دەيمەن.
يالقۇنلۇق بىرئوت بار قەلبىمدە كۆيگەن،
ۋاقىتسىز يالقۇنجاپ قىينايدۇ مىنى.
ئىيتاي دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمنى ساڭا،
مەن ئەسلى بۇرۇنلا سۆيەتتىم سىنى.
سەزسەڭچۇ نىگارىم مۇھەببىتىمنى ،
يۈرەكنى ھېجرانلىق سېغىنىش ئالدى.
سەن بىغەم پەرۋاسىز يۈرگىنىڭ بىلەن،
ئەس يادىم ،خىيالىم سەندىلا قالدى.
ئۇنتۇش ئاسانمۇ
بۈگۈن يار قىينالدىم خەنجەر سالغاندەك،
بىلىنگەچ مەن كۆيگەن قەلبىڭ يالغاندەك.
زارلانغان يۈرەكنى ئازابتا قويۇپ،
ئۇنتاي دەپ قالدىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.
يادىڭدىن چىقتىمۇ بىز تونۇشقان چاغ،
سەن ئۈچۈن ئۆتمۈشمۇ بىللە يۈرگەن باغ،
يۈرەككە قالدۇرۇپ ئۆچمەيدىغان داغ،
يەنە دەرت سالدىمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.
كەلگەنتىم يار سىنى ۋاپادار بىلىپ،
سۆيگەنتىم ئەزىزلەپ قەدرىڭنى قىلىپ،
لېكىن سەن قەلبىمگە ھەسرەتلەر سېلىپ،
ۋەدەڭدىن ياندىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.
گۇناھمۇ ئېيتقىنا دىلىمدىن كۆيسەم،
بارىمنى بېغىشلاپ سىنىلا سۆيسەم.
ئاشىق بوپ يېنىڭدىن كىتەلمەي يۈرسەم،
يارمەندىن تاندىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.
كۈلۈپ قوي
ھايات گۈزەل بىل دوستۇم كۆرمىگەننى كۆرۈپ قوي،
گاھى ئازاب چەكسەڭمۇ شېرىن خىيال سۈرۈپ قوي.
كۆڭلۈڭ غەمدە ئۆتمىسۇن خوشال-خورام يۈرۈپ قوي،
ئۆتكەن كۈنگە ئۆكۈنمە ،مەيۈسلەنمە، كۈلۈپ قوي.
تاشلاپ قويما ئۆزۈڭنى دۇنيا دىگەن تۆت كۈنلۈك،
سۇندۇرمىسۇن روھىڭنى قايغۇ بىلەن چۈشكۈنلۈك،
مەيلى كىملەر قەلبىڭگە ئازار بەرسۇن مەڭگۈلۈك،
پەرۋا قىلما،زارلانما، نەپرەتلەنمە، كۈلۈپ قوي.
بەلكىم قىينار تەغدىرمۇ سىنى يالغۇز قالدۇرۇپ،
باھارلاردا ئويغانغان مېھىرلەردىن تاندۇرۇپ،
يۈرمە لېكىن ھەرگىزمۇ ئەل ئالدىدا چاندۇرۇپ،
خارلانساڭمۇ ياش تۆكمە،ھەسرەتلەنمە،كۈلۈپ قوي.
بولسۇن ھەرچاغ جىسمىڭدا،چىرايىڭدا تەبەسسۇم،
خۇشخۇيلۇقنى، خۇشلۇقنى يۈرىكىڭگە قىل ئۇدۇم،
مېھىر بەرگىن ھاياتقا ئالقىنىڭدا بىر ئوچۇم ،
كاج پەلەككە يۈكۈنمە،غەزەپلەنمە، كۈلۈپ قوي.
ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-25 16:05