2015-يىلى 2-ئاينىڭ 21- كۈنى ئاتۇشتا خەلقئارا ئانا تىل كۈنى خاتىرىلەندى
3 s/ U3 T0 R+ h4 W) G; J% Q3 v( \3 M- \$ O4 ?* Y6 [5 Y
1 ]* `. U7 g) ?: k5 f! T6 ~2015-يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى شائىر، يازغۇچى ئابلىمىت تۇردىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئاتۇشتىكى «بۇرادەر قەلەمكەشلەر» ۋە ئاتۇشتىكى بىر قىسىم پىشقەدەم زىيالىلار پەرۋاز رېستورانىغا جەم بولۇپ 15- قېتىملىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»نى خاتىرىلىدى.
/ I/ B& c z: Mپائالىيەتكە يەنە قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى بىر قىسىم مۇھەرىرىر ، ئەدىب ، شائىرلار، ئاتۇش شەھەرلىك سەنئەت ئۆمەكنىڭ كومپىزىتور، ناخشىچى ، سازەندىلىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
6 J4 k4 [/ t* i- h( m8 [پائالىيەتتە خەلقئارا ئانا تىل كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ۋە ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر تىلى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس ۋە پۇرسەتلەر تەلقىنلەندى، شائىر، يازغۇچىلار ئانا تىلى كۈنىگە ئاتىغان شېئىرلىرىنى دىكلىماتسىيە قىلىپ سورۇن كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈردى، سازەندە، ناخشىچىلار بۇرادەر قەلەمكەشلەرنىڭ تېكىستلىرىگە ئىشلەنگەن ناخشىلارنى يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن ئورۇنداپ سورۇن ئەھلىنى تېخىمۇ ھاياجانغا سالدى.
/ n5 b& b% Q) m+ r% E4 P/ v5 }# o) F, ]تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى پىشقەدەم مائارىپچىلاردىن ياسىن قادىر، نەبى پازىل، ئەدەبىيات ئاشىناسى بەكرى موللاخۇن ، ئابدۇللا سەلەي، ئارتۇقھاجى سىدىق قاتارلىقلار ئانا تىلنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ، ئەتىسى ھەققىدىكى قىممەتلىك قاراشلىرىنى پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرىنىڭ تەپەككۇرىغا سۇندى.
8 ]) U' ~7 P1 { A
پائالىيەت ئالتە سائەت داۋاملىشىپمۇ ئۆزىنىڭ قىزغىنلىقىنى يوقاتماي ئۆمۈرلۈك ئەسلىمىگە لايىق ئەۋجى بىلەن ئاياقلاشتى.
, F1 K8 X; Z1 Q9 \3 C# g; Q
4 X# z- M* {/ R1 |% v- B `تۆۋەندە پائالىيەتتىن بىرقىسىم كۆرۈنۈشلەر:
G, y3 R! I1 s: b
; R* T# v: E. R+ b