ئاخىرقى ئۇچۇر
(مكرو فلىم)
رەيھانگۇل مۇتەللىپ(ئارزۇ0998)
قاتناشقۇچىلار:
1.ئەنۋەر............... مەلۇم ئىدارنىڭ خزمەتچىسى(26ياشلاردا)
2.ئەدىبە..............ئەنۋەرنىڭ ئايالى (25ياشلاردا)
3.ئدارە باشلىغى،،،،،،(40ياشلاردا)
4.ئەنۋەرنىڭ خزمەتدىشى ئا، خزمەتدىشى ب ۋە باشقىلار.
1.كۆرنۇش .شەھەرنىڭ خەلىق مەيدانى. كۇندۇز.
ئكراندا بىر جۇپ قىز يىگتنىڭ قول تۇتۇشقان ھالدا قىزغىن پاراڭلىشىپ مىڭۋاتقان كۆرۇنىشى كۆرۇنىدۇ.
2.كۆرۇنۇش. خەلىق مەيدانى.شۇ ۋاقىت.
قىز بىلەن يىگىت خەلىق مەيدانىنىڭ بىر چىتىدىكى ئورۇندۇقتتا ئولتۇرىدۇ.قىز سومكىسىدىن چىرايلققىنە ئورالغان بىر بولاقچىنى چىقىرىپ يىگىتكە بىرىدۇ.
ئەدىبە: بۇ يانفۇن تويلۇق سوۋغام بولسۇن، توي كۇندىن باشلاپ ئىشلىتىڭ
ئەنۋەر: رەھمەت، راس تويلۇق ئۇزۇك سىتۋالدىڭىزمۇ؟
ئەدىبە: ئۇزۇك ئالدىغان پۇلغا سىزگە يانفۇن ئالدىم ،ئۇزۇكنى تويدىن كىيىن ھال-ئەھۋالىمىز ياخشلانغاندا ئالارمىز.
3.كۆرۇنۇش .ئۆي ئىچى. كەچ.
ئكراندا قوش كىشلىك كارۋات ئۇستىدىكى تامغا ئىسىغلىق 12 سۇڭلۇق تويلۇق سۇرەت ۋە ھۇجردا يانفۇن كۆرەۋاتقان ئەنۋەر بىلەن ئەدىبە كۆرۇنىدۇ.
ئەدىبە: (ئەنۋەرنىڭ قولىدىكى تىلفۇننى كۆرسىتىپ) ناخشىنى بۇ يەردىن چۇشۇردىكەن
ئەنۋەر: ئەمدى بىلدىم.
4.كۆرۇنۇش.ئىشخانا. كۇندۇز.
ئەنۋەر ئۇستەلدىكى ماتىرياللارنى سەپەر سومكىسىغا سالماقتا ،ماتىريال رەتلمەكتە. ئدارە باشلقى كىرىپ كىلدۇ.
باشلىق: يىزىغا تەكشۇرۇشكە باردىغانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغانمۇ؟
ئەنۋەر: قىلغان، تەييارلىق پۇتتى.
باشلىق: ياخشى، مىڭىڭ.(ئەنۋەر باشلىقى بىلەن چىقىپ كىتىدۇ)
5.كۆرۇنۇش.ئۆي ئىچى. چۇشتىن كىيىن.
ئەدىبە تىلفۇن ئۇرىدۇ، بىراق تىلفۇن ئۇلانمايدۇ.
6.كۆرۇنۇش. يىزا. ھاشار مەيدانى. چۇشتىن كىيىن.
ئەنۋەر ۋە باشلىقى بىر قانچە ئادەم بىلەن ھاشار مەيداننى كۆزدىن كەچۇرمەكتە. ئەنۋەر ۋە باشلقى مەلۇم دىھقاندىن پكىر ئاڭلىماقتا.
7.كۆرۇنۇش.سىرت. كىچە.
ئكراندا لىگەندەك ئاي كۆرۇنۇپ ئۇنىڭدىن كىيىن شەھەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرسى، ماشىنىدىن چۇشۇپ ئالدىراش ئائلكلەر قوروسىغا كىرىپ كىتىۋاتقان ئەنۋەر كۆرۇنىدۇ.
8.كۆرۇنۇش. ئۆينىڭ ئالدى. كىچە.
ئەنۋەر ئاچقۇچتا ئىشىكنى ئىچىپ ئۆيگە كىرىدۇ. ئەمدىلا تلفۇن تۇرۇپكىسىنى قويۇپ تۇرغان ئەدىبە قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپ قالىدۇ.ئكراندا ئەدىبەنىڭ يىغىدىن قىزارغان كۆزى كۆرۇنىدۇ.
9.كۆرۇنۇش. ئۆي ئىچى. شۇ ۋاقىت.
ئەنۋەر: نىمە بولدى؟ نىمگە يىغلايسىز؟
ئەدىبە: بىر ئىش چىقتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ،،،،
ئەنۋەر: نىمە ئىش چىقاتتى، مەنمۇ كىچك بالا ئەمەس
ئەدىبە
يىغلامسىراپ) تىلفۇن ئالماسلىقىڭىزدىن ئەمدى كەلمەيدىغاندەك ھىس قىلدىم
ئەنۋەر: (ئەدىبەنىڭ بىشىنى سىيلاپ) ئەخمەق
10.كۆرۇنۇش. ئكراندا بەش يىلدىن كىيىن دىگەن خەت كۆرۇنىدۇ.
11. كۆرۇنۇش مەلۇم سودا ساراينىڭ ئالدى. كۇندۇز.
ئەنۋەر ئەدىبەنىڭ قولىدىن سۆرىگىنىچە سودا ساراينىڭ ئالدىغا كىلىدۇ.ئەدىبە چىڭ تۇرۋىلىپ ماڭغىلى ئۇنمايدۇ.
ئەنۋەر: ئەمللىممۇ ئۆستى، پۇلۇممۇ بار بولدى، بۇرۇن ئلىپ بىرەلمىگەن ئۇزۇكنى ئلىپ بىرەي دىدىم جاھىللىق قىلماڭ.
ئەدىبە: قىممەت باھالىق ئۇزۇكنى بارماققا سىلۋالغاننىڭ نىمە پايدىسى بار؟ماڭا يانفۇن ئىلىپ بىرىڭ، سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايمەن
ئەنۋەر
تەسىرلەنگەن ھالدا) ماقۇل
12.كۆرۇنۇش مەلۇم يانفۇن سىتىش ئورنى. كۇندۇز.
ئەدىبە بىلەن ئەنۋەر يانفۇن سىتىش ئورنىدىن يانفۇن كۆرىدۇ. ئەنۋەر پىركازچىك يىگىتكە ئىيتىپ يانفۇننى خالتغا سالدۇرىدۇ ۋە پۇل تۆلەيدۇ.
13.كۆرۇنۇش ئەنۋەرنىڭ دوستىنىڭ ئۆيى.كىچە.
ئۆيدە ئەنۋەر ۋە ئككى خزمەتدىشى قەرىت ئوينىماقتتا. 5يۇنلىك ،50 يۇنلىك، 100يۇنلىك پۇللار ئوتتۇرغا دۆۋلەكلىك تۇرماقتتا،. بىر چاغدا ئەنۋەرنىڭ تىلفۇنى جىرىڭشىيدۇ.
ئەنۋەر: ۋەي
ئەدىبە: (تىلفۇندىكى ئاۋاز) سىز نەدە؟ تىخچە ئۆيگە قايتمامسىز؟
ئەنۋەر: مەن خزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئويناۋاتىمەن.
ئەدىبە: (تىلفۇندىكى ئاۋاز) قاچان قايتىپ كىلىسىز؟
ئەنۋەر: بىر دەمدىن كىيىن.
14.كۆرۇنۇش سىرىت. كىچە.
ئكراندا كىچىلىك مەنزىرە، شارلداپ يىغۋاتقان يامغۇرنىڭ كۆرۇنىشى كۆرىنىدۇ.
15.كۆرۇنۇش ئۆي ئىچى. شۇ ۋاقىت.
ئەنۋەر ۋە دوستلىرى پۇتۇن زىھنى بىلەن قەرىت ئوينىماقتا. بىر يىگىت «ۋاھ» دەپ ئوتتۇردىكى دۆۋلەكلىك پۇلنى رەتلەپ يىغىپ ئالدىغا قويىدۇ. ئەنۋەرگە تىلفۇن كىلىدۇ.
ئەنۋەر: ۋەي
ئەدىبە
تىلفۇندىكى ئاۋاز) سىز زادى نەدە؟ نىمە ئىش قىلۋاتىسىز.تىز قايتىپ كىلىڭ
ئەنۋەر: مەن سىزگە دىدىمغۇ؟ خزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە قەرت ئويناۋاتىمەن، يامغۇر يىغۋاتسا قانداق قايتىمەن؟
ئەدىبە: ئۇنداقتا، قەيەردىلكىڭىزنى ئىيتىپ بىرىڭ،مەن ئالغىلى باراي
ئەنۋەر: ئۇنداق قىلماڭ، خزمەتداشلرىم سايماخۇن دەپ مەسخرە قىلدۇ(تىلفۇننى قويىدۇۋە تىلفۇننى ئىتىۋىتىدۇ)
16.كۆرۇنۇش.ئەنۋەرنىڭ خزمەتدىشىنىڭ ئۆيى. كىچە.
ئەدىبە جىدىيلەشكەن ھالدا تىلفۇن قىلىدۇ بىراق تىلفۇن ئۇلانمايدۇ. جىدىيلەشكەن ئەدىبە چاپىننى كىيىپ كۇنلۇك كۆتۇرگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ.
17.كۆرۇنۇش ئەنۋەرنىڭ دوستىنىڭ ئۆيى. ئەتىگەن.
ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن تاڭ ئاتقانلىقى بىلنىپ تۇرىدۇ.ئەنۋەر قولىدىكى ئككى تال قەرىتنى تاشلاپلا ئۇمۇدسىزلىنىپ«ھەي،،،،» دەيدۇ، بىر يىگىت خۇشال ھالدا پۇللارنى سومكىغا سالىدۇ.
خزمەتدىشى ئا:ئەنۋەر، ھەممە پۇلنى ئۇتتۇرۋەتتىم، دەپ مەيۇسلەنمە كىلەر قىتتىم ئامىتىڭ كەپ قالار
خزمەتدىشى ب: ماڭە سىنى ماشىنامدا ئۆيۇڭگە ئاپىرىپ قوياي.
18.كۆرۇنۇش.ئەنۋەرنىڭ ئۆينىڭ ئالدى. ئەتىگەن.
ئەنۋەر ماشىنىدىن چۇشىدۇ ۋە ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئىشىك قوڭغۇرقىنى باسىدۇ، بىراق ئىشىك ئىچىلمايدۇ. ئەنۋەريىنىدىكى ئاچقۇچتا ئىشىكنى ئىچىپ ئۆيگە كىرىدۇ.
19.كۆرۇنۇش ئۆي ئىچى. شۇ ۋاقىت.
ئەنۋەر ئۆيگە بىر قۇر قاراپ ئەدىبەنى تاپالمايدۇ.
ئەنۋەر: (ياندىن ئاۋاز) ئەتىگەندە نەگە كەتكەندۇ؟( تىلفۇن كىلىدۇ)
ئەنۋەرنىڭ قىينا ئانىسى: (تىلفۇنكى ئاۋاز) مەن قىينائانلىرى بالام! مۇشۇ ۋاققىچە نەلەردە يۇرلە؟ قىزىم ئەدىبە يىرىم كىچىدە يامغۇر يىغۋاتقاندا سىلىنى ئىزدەپ ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ قاتناش ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلدى، بىلەملا؟(يىغلايدۇ) شۇنداقمۇ مەسئۇلىيەتسىز ئادەم بولامدۇ؟مىيىتنى يەرلككە قويۇپ بولدۇق، تىخچە كەلمىگىننى،،،
ئەنۋەر: ھە؟،،،،،( قولدىكى تىلفۇن يەرگە چۇشىدۇ)
20.كۆرۇنۇش ئۆي ئىچى . شۇۋاقىت.
ئېكراندا ئەنۋەرنىڭ ھاڭۋاققىنىچە تۇرۇپ قالغان كۆرۇنىشى كۆرۇنىدۇ. بىر چاغدا ئەنۋەر ئىسگە كىلىپ يەردىكى تىلفۇننى ئلىپ كۆرىدۇ. تىلفۇندىكى ئۇچۇر ئەدىبەنىڭ ئاۋازىدا ئۇنلۇك ئوقۇلدۇ.ئۇچۇر:
-ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ بۇگۇن بىزنىڭ توي خاتىرە كۇنىمىز؟مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم، قالايمىقان چىپىپ] يۇرمەڭ، كۇنلۇك ئالغاچ ماڭدىم.
ئەنۋەر: ( كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكلدۇ) ياق، ئەدىبە!!!( ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ)
21.كۆرۇنۇش قەبىرستانلىق. ئەتىگەن.
(مۇڭلۇق مۇزىكا كىرىشتۇرىلدۇ) قارلىق كىيىم كەيگەن ، بىلگە ئاق باغلىغان ئەنۋەر ئەدىبەنىڭ قەبىرسى ئالدىدا يۇكۇنۇپ ئولتۇرماقتا، كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ تۆكۇلمەكتە.ئەنۋەر دۇئا قىلغان دىن كىيىن:
-قەدرىڭگە يەتمەپتىمەن ئۆزۇمنى ھەرگزمۇ كەچۇرەلمەيمەن، مەن دۆت ، مەن ئەسكى( يىغلايدۇ) قەدرىڭگە كىچىكىپ يىتىپتىمەن، مىنى كەچۇر ئەدىبە!
22.كۆرۇنۇش.
ئېكراندا پۇتكۇل قەبىرستانلىق كۆرۇنۇپ كىيىن ئەينەكتەك سۇزۇك ئاسمان كۆرىنىدۇ، بۇ كۆرۇنۇش ئۇستىگە: ئۆزىمىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنى ئازاپلىمايلى، بىزنى قەدرلىگەنلەرنىڭ قەدرىنى قىلايلى! دۇنيا ، مىر-مۇھەببەت بىلەن گۇزەلدۇر،-دىگەن خەت يىزىلدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-2-22 21:48